يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (5)
يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (5)
8. نېمە دېمەكچى ئىدۇق، نېمە بولۇپ چىقتى
(خاتىمە ئورنىدا)
دەۋەتچىلىك كۈنىمىز ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆز ئالدىغا بىر كەسىپ سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇۋاتقان مۇستەقىل ساھەلەرنىڭ بىرى. دەۋەتچى دېگەنلىك قانداقتۇر تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ زۇۋاندازلىق قىلىۋاتقان كۈنىمىزدىكى بىر تۈركۈم داشقال تائىپىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىدەك، دىنىي ساھەنىڭ ھەممە مۇئەسسەسەلىرىگە بۇرنىنى تىقىش ھەققىنى قازانغۇچى دېگەنلىك ئەمەس. شۇنداقلا دەۋەتچىلىكمۇ قانداقلا بىر تېمىغا خۇشى تۇتسا، نېمە تېمىنىڭ بازىرى قىزىسا، قانداق تېمىنىڭ جەلب قىلارلىقى ئاشسا، كۆرۈرمەن ياكى ئاڭلارمەننى كۆپەيتىشكە يارىسا، شۇنى بازارلىقلاشتۇرۇش، دېگەنلىك ئەمەس. دىنىي ساھەنىڭ قانداقلا كەسپىي مەيدانى بولسا، شۇنىڭ ھەققىدە سۆز ئىگىسى بولغۇچى، ساھە مونوپولچىسى دېگەنلىك تېخىمۇ ئەمەس. بەلكىم بۇنداق قارىۋېلىش ئاۋامدا سادىر بولۇشى، ئەقلىنى بىراۋغا خاتىرجەم تاپشۇرۇۋېتىپ ئۆزى خاتىرجەم بولۇشنى كۆزلەيدىغان چالا ساۋاتلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇنداق بىر مۇھىت شەكىللىنىشىنىڭ شەپىسى چىققان تەقدىردىمۇ دەۋەتچىلىكنىڭ قىممىتىنى مۇرت توپلاشتىن بەكرەك ئۆزى چۈشەنگەن ۋە ئىشەنگەن ھەقىقەتلەرنى دىنداشلىرىغا يەتكۈزۈشنى مەسئۇلىيەت بىلگەن بىر دەۋەتچىدە ياكى دەۋەتچىلىكتە كۆرۈلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دەۋەتچىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىدىن بىرى ئەقىللەرنى ئۆزىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا ئېلىش ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىغا قانداق تەسلىم قىلىشنى، نېمىگە ۋە قانداق ئىشلىتىشنى تەلىم بېرىشتۇر.
ھەربىر كەسپىي ساھەنىڭ ھەرىكەت مەيدانى، پائالىيەت ئورنى بولغاندەك، دەۋەتچىنىڭمۇ پائالىيەت ۋە ھەرىكەت مەيدانى بار. دەۋەتچىلىك كۈنىمىز ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دەۋەتشۇناسلىق پەنلىرىدە تەرىپلەنگىنىدەك، كىشىلەر توپىنى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ دىنىغا، تەۋھىدىگە، پەيغەمبەر يولىغا چاقىرىق قىلىشنى تۈپكى پائالىيەت مەيدانى، ۋەزىپىسى قىلىشتۇر. دەۋەتچىلىك ئىخچام تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، كىشىلەر توپىنى زالالەتتىن تارتىپ چىقىرىشنى، ئۇلار ئارىسىغا چۈشكەن شەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى، قىلمىشلىرى تۈپەيلى يۈز بېرىش ئالدىدىكى يامان ئاقىۋەتلەردىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنى خىزمەت يۆنىلىشى قىلىدۇ. دەۋەتچى بۇ مەنىدىن دىننىڭ چاقىرىقلىرىنى، ئۇنىڭ مەزمۇن ۋە غايىسىنى ئاڭلاتقۇچى، يەتكۈزگۈچى مۇبەللىغدۇر. مانا بۇ تەرىپلەر دەۋەتچىنى مۇپتىيدىن، مۇپەسسىر ۋە مۇھەددىستىن، تارىخچى ۋە ئەدەبىياتچىدىن ئايرىپ تۇرغۇچى خۇسۇسلار بولۇپ، دەۋەتچى قاچان بۇ خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ قويسا، دەۋەتچىلىك ۋەسپىمۇ بىرلىكتە يوق بولۇشقا مەھكۇم. ئۇ چاغدا قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋىيەسى بويىچە باشقىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە دائىرىسىدىن ھالقىغان ئىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇش زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىدۇ.
دەۋەتچىلىك ئىلمىي خادىم بولۇشتىن بەكرەك، ئۆرنەك خادىم بولۇشنى، نۇتۇق ئەھلى بولۇش بىلەن بىرگە ئەمەل ئەھلى سۈپىتىدە ئۆزىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر ساھەنىڭ چېگراسى بولغىنىدەك، دەۋەتچىلىكنىڭمۇ بېسىپ ئاشسا بولمايدىغان، چات كىرىۋالسا بولمايدىغان ھۇدۇدى بار. شەرئىي كەسىپلەردە مۇپەسسىرنىڭ، فەقىھنىڭ، مۇھەددىسنىڭ، كالامشۇناسنىڭ، پەلسەپەچىنىڭ ۋە تىلچىنىڭ ئۆزىگە خاس تەتقىقات مۇھىتى، ئىلمىي مېتودى بار. دەۋەتچىلىك بولسا، شەرئىي ساھەدە كەسپىيلىشىشتىن زىيادە كەڭ دائىرىلىكنى، مۇئەييەن پەن ياكى شۇناسلىقتا يېتىشكەن بولۇشتىن بەكرەك بىلىم – ساپاسى شەرئىي ساھەلەردىن ھالقىغان بولۇشنى، بولۇپمۇ بۈگۈننىڭ ئىنسانلىرىغا ئۇلارنىڭ يېتىشكەن مائارىپى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئوزۇقلانغان ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە ئىدىيەۋى مەپكۇرىلىرىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا خىتاب قىلالايدىغان سەۋىيە – ساپا ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋەتچىلىكنىڭ تىپىك ئوبرازى مانا بۇ خاسلىقلارغا ئىگە بولۇشنى، ئۇنىۋېرىسال يۇقىرى سەۋىيە ۋە ساپانى تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدە ئوبرازلاردىندۇر.
مۇتەخەسسىسلەشكەن ئىلمىي قوشۇندىن سۆز ئاچقىلى بولمىغان شارائىتتا، مۇتەخەسسىسلىشىشنىڭ نېمىلىكىدىن بىخەۋەر بىكارنىياز تەبلىغچىلىقنىڭ بازار تېپىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. كەسپىيلەشكەن ئاپپارات ۋە مۇئەسسەسەلىرى شەكىللىنىپ بولالمىغان، جەمئىيىتىنىڭ كىرىزىسلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان ئاۋانگارت ئىلمىي سەرخىللىرى شەكىللەنمىگەن توپلۇمدا ۋائىز – مەدداھلىقنىڭ ئالقىشلىنىشى، ئىلىم قويمىچىلىقىنىڭ، ئىدىيە ھايانكەشلىكلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى تۇرغانلا گەپ. گەرچە بىز جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك كەسپىي دەۋەتچىگە قويغان تەلەپنى ھەرقانداق بىر دەۋەت ياكى تەبلىغۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا، ئۆزىنى دىنىي دەۋەتچى دېگەن ئىددىئا بىلەن مەيداننى بېشىغا كىيىپ يۈرۈۋاتقانلارغا قويغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن چوڭ جەھەتتىن دەۋەتچى دەۋەتچىلىك رېلىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن، ئۇنىڭ ھەممە شەرتلىرىگە چۈشمىگەندىمۇ ئەقەللىي تېپىلىشقا تېگىشلىك شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى شەرتتۇر. بۇ ۋەجىدىن بىر دەۋەتچىدە ئەڭ ئەقەللىي بولغاندا ساغلام بولغان ئىلمىي ساپا ۋە ئىچ – تېشى بىردەكلىكنى ئاساس قىلغان ئەخلاقىي تۇتۇم بولۇشى، سەمىمىيىتىگە دەز كەتكەن بولماسلىقى قاتارلىق تۈپكى شەرتلەرنىڭ تېپىلىشى زۆرۈر. بۇنداق بىر ئۆلچەمنى قويۇش ئۆز نۆۋىتىدە ساھەنىڭ پېتىقدالماسلىقى، دىنغا بولغان ساداقەتنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنماسلىقى، نا ئەھلىلىكنىڭ قۇربانى قىلىنماسلىقى، مۇھىمى دىننىڭ بىر تۈركۈم داشقال تائىپىلەرنىڭ نوپۇزپەرەسلىك ھېسسىياتىنى قاندۇرىدىغان ئويۇنچۇقىغا، بايلىق يىغىش كانىغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر تەلەپتۇر. بىزنىڭكىدەك ھەر ساھەدە ئىگە چاقىسىزلىق باش كۆتۈرگەن بىر جەمئىيەتتە بولسا، دەۋەتچى بولغۇچى يۇقىرىقىدەك يۇقىرى ساپانى ھازىرلىيالمىدى، دېگەندىمۇ، ئىچىدە ياشاۋاتقان جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ دىنىي تۇيغۇلىرىنى، ئىمانىي ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئاساسىي مەركەز قىلىشى، ئۇلار يۈزلىنىۋاتقان خىرىسلارغا ئىمانىي نۇقتىدىن چارە كۆرۈش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشى، ئۇندىن ئۆزگە ساھەلەردە لاياقىتى ۋە سالاھىيىتى يېتەرسىز بولغان ئەھۋالدا ھەددىنى بىلىشى دىت ۋە سەمىمىيەت مەسىلىسى سۈپىتىدە قارالمىقى زۆرۈر. ئىسلاھ قىلىش كېرەك بولغان ئىكەن، ئەڭ ئاۋۋال دەۋەتچىنىڭ ئۆزىدە ئىسلاھسىزلىق، قاتماللىق، مەككارلىق كۆرۈلمەسلىكى، چۈشكۈن جەمئىيەتتە ئۆرنەك خادىملىقنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىكى سەمىمىيلىكنى ئەمەلىي ئىپادىسى ۋە ئەخلاقىي تۇتۇملىرى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇھىم.
مانا بۇلار دەۋەتچىدە تېپىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي سۈپەت ۋە خاراكتېر – خۇسۇسىيەتلەردۇر. ئۆز گېپىمىزگە قايتساق، نۆۋەتتىكى ئوبزورلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئىشلارنىڭ ئەڭ بېشىدا يۇتۇبىر تالىپچىقىمىزنىڭ ئۆزى ئىددىئا قىلىۋاتقان سۈپەت ۋە خاراكتېرنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە كەمچىللىكى، ئۆزىنى ئۆزى ئوڭشىۋېلىشقىمۇ ناقابىل ۋە ناتىۋانلىقى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىددىئا قىلىۋاتقان ۋە ئەمەلىي قىلىپ كېتىۋاتقان ئىشىنىڭ رېلىسىنىڭ قەيەرگە تۇتۇشۇپ، قەيەردە ئۈزۈلۈشىنى، ماڭىدىغان بېكىتىنىڭ قەيەردىن ئۆتۈپ قەيەردە توختايدىغانلىقىنى دىتلىغۇدەك ئاڭ – ساپادىنمۇ يوقسۇزلۇقى، ئەكسىچە خاتا رېلىسقا توغرا ئىسىم قويۇپ يولۇچى سۆرەش تىپىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ بەلگە – ئىشارەتلىرىنى ئۆزىدە بىمالال كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلار كېلىدۇ. بولۇپمۇ چىرايلىقچە كۆرسىتىپ بېرىشلەر، سەمىمىي تۈزىتىپ قويۇشلارغا سەمىمىيەتسىز پوزىتسىيە تۇتۇشتىكى بەدقىلىقلىقى، ئۆزىنى دەڭسەپ، تەكشۈرۈپ كۆرمەسلىكتە بىر تۈركۈم كەچمىشى قاراڭغۇ تىپلار بىلەن چېمپىيونلۇق تالاشقۇدەك دەرىجىدە نائۇستىلىقى قاتارلىقلار بىزنى مەسىلىنى ئىلىم تارازىسىغا قويۇشقا، تەنقىد ئوپېراتسىيەسىگە سېلىپ مەسىلىنىڭ زېھنىي ۋە ئىلمىي ساپا جەھەتتىكى تەھلىلىنى قىلىشقا ئېلىپ باردى. بۇ يەردە كۆزگە چېلىققان ئەڭ ھەل قىلغۇچ نۇقتا، قانداقتۇر چاتىقى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ پىكرىي ئاينىش ۋە ئىلمىي خاتالىقلارنى كېسىپ ياماپ ئۇلۇۋېلىشى، دەپ تاشلاپ، ئارقىدىن ئۇنى تەھرىرلەپ يۇتۇۋالغىنى، ئۇمۇ چانغاندا قۇسۇپ ئىششىپ تۇرۇۋالىدىغان تەرەپلىرى ئەمەس. شۇنداقلا شۇنچە كېسىپ ياماپ تېنىۋېلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، مەسىلىنىڭ ئارقا يۈزىنى پاراسەت ئەھلىنىڭ كۆزىدىن قاچۇرالايدىغانلىقتەك، ھەتتا بۇ خىل «ئۇستا»لىقلارنى تەنقىدلىگۈچىلىرىنى قارىلايدىغان تۆھمەت قورالى، ئۆزىنى ئۇۋال قىلغان كۆرسىتىشكە، ئارقىدىن قىلچە خاتاسىنى بوينىغا ئالماستىن ئەپۇچان كۆرۈنۈپ «مەن مۇشۇنداق پەرۋا قىلماي ماڭىۋېرىدىغىنى» دەيدىغان خۇپسەن پوزىتسىيەسىنى بازارغا سېلىشىمۇ ئەمەس. چۈنكى، بىز تەنقىد باشلىغاندا، دەل مۇشۇ دەرىجىدىكى بىر ئەبلەھكە تەنقىد قىلىۋاتقان بولۇشىمىزنى تەخمىن قىلمىدۇق، ھەم ئۇنداق بولۇشىنىمۇ ئويلاپ يۈرمىدۇق. يەنە كېلىپ دىنىي ئوقۇش تارىخى بار بىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆزىنى چاندۇرۇشىغىمۇ ئېھتىماللىق بەرمىدۇق. ئەكسىچە شۇنداق ئەمەسلىكىنى بىزگە سەمىمىيىتى بىلەن يۈزلىنىپ تۇرۇپ تەنقىدكە تەنقىد بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا ئاز بولسىمۇ بىر ئېھتىماللىق ئېلىپ قويۇپ مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشتۇق. سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقان ئىش مەسىلىنىڭ دىنىي ياكى ئىلمىي خاتالىق نۇقتىسىدىن بەكرەك، مەسىلىنىڭ مىللىي دەۋاغا چېتىلىدىغان مەسىلىدە ھۆكۈم پىچىشقا، دىن ۋە ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى بولغان ۋەتەن ئازادلىقىدىن ئىبارەت پەرز ئەين دەرىجىسىدىكى ئۇلۇغۋار بىر ئەمەلگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىزچە بىلجىرلىشى، ھەقنى مۇجمەل بايان قىلىپ ئىختىلاپ تۇغدۇرۇشتىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيانلىق بىر تۇتۇمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى بولدى. ئەلۋەتتە دىن ئوقۇماي، يېرىم يولدا دىنغا ئارىلىشىپ قالغان كادىرنىڭ ئېغىزىدىن «دەۋاغا زاكات ئىشلىتىشكە بولمايدۇ»، جۈملىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى نورمال بىلىشكە بولىدۇ. ئەمما 20 يىللىق دىن ئوقۇش تارىخىنى جار سالىدىغان بىرىنىڭ دەۋا ئۇقۇمىنى كاللىسىغا كەلگەنچە شەرھلىشىنى، ئۇ ئاز كەلگەندەك ئۈستىدىن ھۆكۈم پىچىشىنى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، دەۋا دېگەن چۈشەنچىنى مۇتلەق ھالدا ئىشلىتىلگەندە نېمە مەنىدە بولىدىغانلىقىنى، خاسلاشتۇرغاندا نېمە مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى ئايرىپ تۇرۇپ ھۆكۈم سۆزلىمەستىن، دەۋا يولىنىڭ في سەبىيلىللاھ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشتە، ۋەزنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە يۇتۇبىرلىققا دەسمىي قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان نەچچە ئون كىۋادرات مېتىرلىق دائىرىگە قۇرۇۋالغان سىتودىيەسىنىڭ ۋەزنىچىلىكمۇ كۆرمەسلىكىدەك بىر خاھىشنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشىنى نورمال دېگىلى بولمايدۇ ۋە بولماسلىقى كېرەك. تەنقىتكە سەۋەب بولغىنى بۇلا ئەمەس، بەلكى مەسىلە پاش بولغان ھامان ئەتراپتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن كەلگەن تەكلىپ – پىكىر ۋە تۈزىتىشلەرگىمۇ پەرۋا قىلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ ئېرەن قىلمىغانلىقى، مۇھىمى مەسىلىنىڭ ھەم سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ، ھەمدە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دىققىتىگە چۈشكەنلىكىنى پەملەپمۇ بولسا بىرەر ئوچۇقلىما بېرىشكىمۇ تۇتۇنمىغانلىقى قاتارلىقلار بولدى. مانا بۇ تەنقىدلىشىمىزنىڭ ھەق بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشىدىكى، شۇنداقلا ئوبزور قىلىشنىڭ زۆرۈر بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى.
بىراق، تەنقىد ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن كۆردۇقكى، بىز شۇنداق ئەمەستۇ، دەپ ئەنسىرىگەن ئىشلارنىڭ، يۇقىرىقىدەك خىيالىمىزغا كەلتۈرمىگەن ۋە بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى خۇددى گۈزەللەرنى يالىڭاچلاپ باھالايدىغان مۇسابىقە سەھنىسىدىكى تەنناز قىزلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىدىنمۇ ئوچۇق رەۋىشتە بىر – بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىپ ئولتۇردى. ئوبزور بىلەن تەڭ، ئىلمىي رەددىيە ياكى تۈزىتىۋالغانلىققا ياتىدىغان بىرەر سەمىمىي ئىنكاس ئورنىغا قىلىنمىغان سەمىمىيەتسىزلىكلەر، تۆھمەتلەر، ھۇجۇم قىلىشلار قالمىدى. تەھدىتلەر، سۈرۈشتە قىلىشلار، كىمگە كۈشەندە بولسا، شۇنىڭغا چېتىپ قارىلاشلار ئۈزۈلمىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئوچۇقلىما بېرىشكە قەرزدارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ئىزاھات بېرىشكە مەجبۇر قالغان چاغدىمۇ، بەرگەن ئىزاھاتتىكى ئارسىزچە بايانلار، ئارتىسلىقلار، خۇپسەنلىكلەر، ھەتتا ئېلان قىلىپ بولۇپ ئۆچۈرۈۋالغان ئىككىنچى ئىزاھاتتىكى يۈزسىزلىك ۋە خۇپسەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىزنى يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن مەسىلىنى بىرمۇبىرمۇ يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى، كۆرۈرمەن كۆزىدىن باشقا ئەقىل ۋە ئىلىم كۆزى بىلەن قارىغاندا تەنقىدلەرگە بېرىلگەن مەزكۇر ئاتالمىش ئىزاھاتنىڭ نېمە مەنىلەرگە كېلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى زۆرۈرىيەت قىلىپ قويدى. نەتىجىدە يۇتۇبىر تۇرۇپ دەۋەتچى بولۇۋالغان، دەۋەتچىمىكىن دېسە مۇپتى بولۇۋالغان، پەتىۋاچىمىكىن دېسە تارىخچى بولۇۋالغان بەئەينى 72 خىل ئۆزگىرىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالغان چاغدىكى ھېلىقى كەپسىز تالىپنىڭ ھۈنەر كۆرسىتىشىگە چۈشىدىغان بىر ھالەتنى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ ۋەزىيەتنى ئىلمىي ۋە پىكرىي جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرگەن نوپۇزلۇق ئۆلىمانىڭ باھاسىغا بىرلەشتۈرگەن ۋاقىتتا، تالىپچىقىمىزنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى تونۇپ يېتىشى، ئۆزىنىڭ دىنىي ساھەگە سۇقۇنغاندىن بۇيانقى چوڭ سىنىقى بىلىپ ئۆزىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىشقا يۈزلىنىشى، كامېرا ئارقىسىدىكى يۈزىنى قايتىدىن پاكىزلاپ رۇسلاشقا بەل باغلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسىدە يەنە يېڭى ۋە پاكىز سەھىپىلەرنىڭ ئېچىلىشىغا پۇرسەت بارلىقىدىن دېرەكتۇر. بۇ جەھەتتىن سەمىمىيەتكە قايتىپ ھەددىنى بىلىش ياكى بىلمەسلىك، مۇھىمى ئۆزى سىغىدىغان قېلىپ بويىچە ئىش كۆرۈپ، ساھە ئەھلىنىڭ نەزىرىدە توغرا يولدىكى سەپداشقا ئايلىنىش ياكى تامبالدىن ئابايى ياساپ كىيىشكە زورۇقۇش ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەمىمىيىتىگە، تەنقىدكە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش ياكى قىلماسلىقىغا قاراشلىق بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ يولىمۇ قىلىۋاتقان يۇتۇبىرلىقىدا بولسۇن، ياكى ئاتالمىش دەۋەت دېيىلىۋاتقان يۆنىلىشىدە بولسۇن، بۇندىن كېيىنكى قەدەملەردە تەنقىدنى ئېغىزدا قوبۇل قىلىپ ھەرىكەتتە ئالىقاپلىق ئارىلاشتۇرۇش، كېسىپ ئۇلاپ قارشى تەرەپنى يامانغا چىقىرىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئاۋارىگەرلىكنى تاشلاشقا بەل باغلاش، ئىلىم ئەھلىلىرى بەرگەن تەكلىپ پىكىرلەرنى خاھىشقا بېقىپ ئەمەس، شەرئىي پاكىت ۋە دەلىللەر ئاساسىدا قوبۇل ياكى رەت قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى جايىدا تەتبىقلاشتۇر.
بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەر سەمىگە سېلىپ قويىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار. دەرۋەقە، بۇ نۇقتا كۆپچىلىك ئومۇمىيۈزلۈك ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئەسلىدە ئوبزورلار ئارقىمۇئارقا ۋە تەپسىلىي يېزىلغاندىن كېيىن بىزگە قارشى تۇتۇم بەلگۈلىگۈچىلەرمۇ، چاپانچى ۋە ئاقلامچىلارمۇ كۆزدىن قاچۇرۇپ كەلگەن، قىلچە ئېتىبار بەرمىگەن بىر نۇقتا بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، بىز نېمە ئۈچۈن يۇتۇبىر تالىپچاقتا شۇنچە چاتاقلار يىغىلىپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، دەل زاكات مەسىلىسى ھەققىدىكى باتىل پەتىۋاسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئوبزور قىلىپ قالدۇق. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ زاكات مەسىلىسىنىڭ دەۋاغا چېتىلىدىغان قىسىملىرىدا بىنورماللىقلار كۆرۈلگەندە ئوبزور قىلىشقا، مەسىلىنى بىر باشتىن تەھلىل قىلىپ تەنقىدلەپ قالدۇق؟
ئەسلىدە ئوبزور ئېلان قىلىنغان ئىكەن، بۇ سوئال قايسى تەرەپتىن بولسۇن بىرىلىرى تەرىپىدىن تاشلىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىدى. نېمە ئۈچۈن زاكات مەسىلىسىدىكى باتىل پەتىۋا چىققاندا، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۇتۇبىرچىمىزنىڭ مەزكۇر باتىل پەتىۋاسىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان ھاۋارايىنى ئەڭ باشتىن تەھلىللەپ چىقىشىمىزغا توغرا كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن زاكات مەسىلىسىدە ئاينىش بولغاندا سۈكۈتنى بۇزۇش، قەلەمنى بىلەش كېرەك بولدى؟ مانا بۇ سوئاللار بۇ تەرىقىدە ياغدۇرۇلۇشى كۈتۈلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئېتىرازچىلار بولسۇن، ئوبزورغا نىيەت ئىجاد قىلىپ ئەيىبلىگۈچىلەر بولسۇن، ھېچبىرىنىڭ مەسىلىنى بۇ يۆنىلىشتە كۆزىتىپ ئېتىراز قىلغىنى كۆرۈلمىدى. بەلكى ئېتىرازلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر بولسا يۇتۇبىر تالىپچاق كۈتۈۋاتقان قارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئەيىبلەش، قارىغۇلارچە بولۇشۇش شەكلىدە بولدى، ياكى بولمىسا مەسىلىنى ھەسەتكە، يەنە بىر ئاللىقانداق ئويۇنلارغا باغلاشقا زورۇقۇش شەكلىدە بولدى. يەنى ئوبزوردىن نىيەت ئىزدىگۈچىلەردىكى ئورتاقلىق ھەرقاچان تەنقىدتىن يامان نىيەت ئىزدەشتىن باشقا بولمىدى. ھالبۇكى، بۇ خىل ئەيىب ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆپى دىندارلىقنى ھىمايە قىلغۇچى، تۆۋىنى دىن ئوقۇغان تالىپ، يۇقىرىسى موللا – ئۆلىما قالپىقىنى كىيىپ يۈرۈۋاتقانلار. شۇنداق تۇرۇپ تەنقىدتە دىن ۋە شەرىئەت ئوچۇقتىن ئوچۇق بۇرمىلانغىنىدەك بىر رېئاللىق ئېچىپ تاشلانغىنى دىققەتكە ئېلىنمىدى، ئەكسىچە ئەيىبلەندى. ئەمما ھېچبىرىدىن يۇقىرىقىدەك، نېمىشقا زاكات مەسىلىسى سىياسىي نۇقتىغا چېتىلغان، مۇستەقىللىق دەۋاسىغا ئىلىنىشقان چاغدا بۇنچە كەسكىن تەنقىد ئوتتۇرىغا چىقىپ قالىدۇ، دېگەن تەرىقىدە بىرەر ۋەزنىلىك سوئال چۈشمىدى ياكى چۈشكەن بولسىمۇ بىزگە يېتىپ كەلمىدى. ئەمما بىز مەسىلىنى مۇمكىنقەدەر ئىجابىي نۇقتىدىن كۆزەتكۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇرمەن سورىمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچكىمنىڭ ياخشى نىيەت ئىزدەپ كۆرۈشكە رايى يوق بوپ كېتىدىغان دەرىجىدە «دانا»لىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ نۇقتىغا جاۋاب بېرىش كېرەك دەپ قارايمىز. شۇڭا ئالدىمىزدىكى پەيتلەردە بۇ ھەقتە ئايرىم بىر تېما قىلىش، ئىسلامدا زاكات سىستېمىسى ۋە بۇنىڭ قانداق قىلىپ بىزدە خۇراپاتقا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەنلىكى، سىياسىي دەۋادا نېمە ئۈچۈن زاكاتتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي كۈچ مەنبەسى بولۇشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن بولغان ئالاقىسى، شۇنىڭدەك، زاكاتتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ يىللاردىن بىرى قايسى خىل دىنىي قېلىپ ياسىلىش تۈپەيلى بۇرمىلىنىپ كەلگەنلىكى، ئىقتىسادىي كۈچنى جىھادىي يوللارغا ئىشلىتىشنى بۆبۆلەشتۈرۈش سايىسىدە كۆپچىلىك مۇسۇلمان خەلق زېھنىدىن مۇستەقىللىق ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قانداق ئۈنۈم بەرگەنلىكى، ئەسلىدە زاكاتنىڭ سىياسىي دەۋادىكى رولىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، دېگەنلەر خۇسۇسىدا مەخسۇس توختالماقچىمىز. بەلكىم، مۇشۇ نۇقتىلارنىڭ بىر قەدەر كەڭ يورۇتۇلۇشى كۈنىمىزدە قانداق قىلىپ «دەۋاغا زاكات كەلمەيدۇ» دەيدىغان جۈملە قۇرۇلسىمۇ كۆپ سانلىقلارنىڭ زۇۋان سۈرمەس، سۈرەلمەس ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ، دىنىي توپلاردىن تارتىپ سىياسىي توپلارغىچە بىپەرۋا ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشنىڭ سەۋەب – ماھىيەتلىرىمۇ بىر قەدەر ئايدىڭلىشىشى، مەيلى دىن مەيلى سىياسىي سىزىقلىرىمىز بولسۇن، بىرىنىڭ چەيلەنگەن چاغدا سۈكۈتۋازلىق قىلىشنىڭ قانداق قىلىپ يەنە بىرىنىڭ چەيلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشكە پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. شۇندىلا قەدەرىيەتلەر چەيلەنگەندە كۆز يۇمۇشنىڭ، سىياسىي مەنپەئەتلەر سېتىلىدىغان ماتاغا، ھەقىقەتلەر ۋە پىرىنسىپلار سودىلىشىش ۋە پۈتۈشۈشلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەندە ئورنى تولدۇرغۇسىز زىيانغا مەھكۇم بولۇشىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇقەررەرلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئازدۇر – كۆپتۇر ھېس قىلىشقا تۈرتكە بولغۇسى، كەلكۈندىن ئاۋۋال تۇغان سېلىشنىڭ، بۈگۈن تۈزۈلگەن جۈملىنىڭ ئەتىكى ئىش – ھەرىكەتلەردە كۆرسىتىدىغان نەتىجىسىنى ئويلىشىشنىڭ نېمىشقا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشنىڭ، قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن موزاينىڭ تېزەكلىمەي قالمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەقەللىي رېئاللىقنى كۆرۈپ يېتىپ ۋاقتىدا تەدبىر كۆرۈشنىڭ، قىسقىسى ئالدىن كۆرەرلىكنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى يەنىمۇ مەلۇم بولغۇسى. شۇنداقلا نەزەر ۋە ئەمەل ئەھلىنىڭ، دىن ۋە سىياسەت ئەھلىنىڭ ئورتاق غايە يولىدا بىر گەۋدە بولۇشتەك تارىخىي مەجبۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتىمۇ باشقىچە دىققەتكە ئېلىنغۇسى، ئىنشائاللاھ!
تۈگىدى
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-04-19
------------------
نور عبد الله
مىنىڭ بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرغۇم كەلدى، مەسىلەن: بىز ئاياللار نىڭ ئىچىدە ھەر ساھەدە يىتەرلىك بىلىم ئاشۇرغانلار ئاز، ئەرلەدەك دىنى ساھەدە، مەلۇم بىر تەخەسسۇستا دۇكتۇرلۇقنى ئالغانلار يوق، ( بار بولسىمۇ مەن ئاڭلىمىدىم) باكلاۋۇرلۇقنى ئۇقۇغانلار ئازدۇر كۆپتۇر بار، بۇرھان مۇھەممەد ئەپەندى بىرىنچى ئىزاھاتىدا ھېچ مەنسىتمەي ( مەسجىدى ھەرەم كۇللىيەسى، دىيىلىدىغان، بىرەر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق، ھېلىقىدەك مەككە- مەدىنەمدىكى كالتە كۆسەي ماشايىخلار قۇرۇۋالغان ئالتە يىللىق، مەسجىدى مائارىپىدىكىدەك يالاڭ ئاياقلار مەكتىپى ) تىلغا ئالغان كۇللىيەدە ئۇقۇغانلار بار، ماجىستىرلىق، دۇكتۇرلۇقلارنى تاماملاپ ئۇقۇش مۇمكىن بولسا ئىدى بەك ياخشى بۇلاتتى، ئەپسۇس بىز ئاياللار مەڭدەمدە بىر ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملار سەۋەپلىك يۇقۇرلاپ ئۇقۇشتا زورلۇق چىكىمىز،
ئەمدى بىز ئۇقۇدۇق، لىكىن بىرە تەخەسسۇستا دۇكتۇر ئالىم بۇلالمىدۇ ،[ بلغوا عني ولو آية} دىگەن ھەدىسكە بىنائەن ئۇقۇغانلىرىمىزنى يەتكۈزۈش نىسىپ بولسىكەن دەپ ئۈمۈد قىلىمىز، ئوبزوردا دىيىلگەندەك ھەر ئىشنى ئۆز ئەھلى قىلغىنى ئەلبەتتە ياخشى، لىكىن مەن تارىخچى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن پەيغەمبەر تارىخىنى ئانىلارغا دەرىس قىلىپ بىرىشىم خاتامۇ؟ پەقىھ بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ئانىلارغا روزا- ناماز ئەھكاملىرىنى ئۆگۈتۈشۈم خاتامۇ؟ ( ھاشا!!! پەتىۋادىن يىراق ھە )
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder