شۇئۇرسىزلىق ۋاباسى، شۇئارۋازلىق بالاسى
شوئۇرلۇق دېمەكلىك ئويغاقلىق دېمەكتۇر. شوئۇر ۋىجدانىي تاشقىنلىقنىڭ جەۋلان قىلغان ھالىتى، دەردنىڭ دەرمانغا بولغان ئىشتىياقىنىڭ تەپچىۋاتقان سىيماسى، جۇش ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان قاينام بۇلىقىدۇر. شوئۇر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شوئارنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچى تۈرتكە، ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللاردىندۇر. چۈنكى شوئار كەلىمىسى سۆز يىلتىزى ئېتىبارى بىلەن بەلگە بېرىش، بىلدۈرۈپ قويۇش، ئەن سېلىش، جاكارلاش، نامايان قىلىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق مەنىلىرىدە بولۇپ، شوئار كىشىنىڭ شوئۇرىدىن بالقىغان تۇيغۇ، پىكىر، ئىدىيە، مۇددىئا ۋە مەقسەتلىرىنى يوشۇرۇنلۇقتىن ئېلان قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھەر تۈرىدىكى ئومۇم ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. شۇ سەۋەب، شوئۇرسىز مەيدانغا كەلگەن شوئار بىر دۆۋە قۇرۇق گەپ دۆۋىسى بولىدۇكى، ئۇ ئەسلا كىشىنىڭ ۋىجدانىي تاشقىنىدىن يامراپ چىققان، ئاڭ - ئىدراكىدىن سۈزۈلۈپ تاشقىنغا ئايلانغان، تۇيغۇ ئەزالىرىدىن تىپىكلەپ تۇرالمايدىغان ئىدىئالىغا، ۋاز كېچىلمەس قىممىتىگە، كىشىلىكى ۋە ياشاش غايىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۇتۇم - مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شوئار شوئارلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ھەققانىي شوئار بولۇشىمۇ، سەپسەتەۋى شوئار بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىجداننىڭ ئۆلچىمىگە چۈشكىنى، ھەقىقەتنىڭ تارازىسىغا ئېغىرلىقىنى سالالايدىغىنى ھەققانىي شوئاردۇر. ھەققانىي شوئار ھەقىقەتتىن ئوزۇق ئالغان، ھەقنىڭ ئاۋازى ۋە ئۇنىڭ يولىنىڭ يولۇچىسى بولۇش كۆزلەنگەن ئۇلۇغۋار شوئاردۇر. بۇ جەھەتتىن ھەقىقىي شوئار پەقەتلا ھەقىقىي شوئۇر ئەھلىگە مەنسۇپ تۇتۇمنىڭ نامايان بولۇشى، زېھنىدە ۋە ھەرىكىتىدە شوئۇردىن مەيدانغا كەلگەن تەلقىنلەرنى توختاۋسىز نامايىش قىلىپ تۇرۇشىدۇر.
دەرۋەقە، شوئارنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ دەبدەبەسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقەتتىن قانچىلىك نېسىۋە ئالالىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن قانچىلىك كۈچ - قۇۋۋەت ئالالىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شوئارنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇش ياكى تۇرالماسلىقىغا، رولىنىڭ جارى بولۇش ياكى بولماسلىقىغا كەلسەك، بۇمۇ شوئار ئىگىلىرىنىڭ ھەقىقىي شوئۇردىن قايسى دەرىجىدە ئۇزۇق ئالالىغانلىقى، شوئۇرىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شوئارى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پىداكارلىقلارغا، ئېغىر - يېنىك سىناقلارغا ۋە ھەتتا كۆرۈنۈپ كەلمەس بالا - قازالارغا قەدەر تەييار تۇرالايدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قەددىنى تىك قىلىپ ياشاپ يەنە قەددى تىك ھالەتتە جان بېرىشكە تەييارلىقى بار كىشىلەر ئۇشبۇ شوئۇرنى يىلىكلىرىگە قەدەر تېتىپ ياشاشقا نىيەتلەنگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۈتۈنلەنگەن ئىنسانلاردۇر. بۇنداق كىشىلەر شوئارنىڭ بەندىلىرى بولماستىن، بەلكى شوئارغا ھاياتلىق بەرگۈچى، ئۇنى ئۆلۈمسىزلەشتۈرگۈچى كىمەرسەلەردۇر.
ئۇقۇملارنىڭ يۇقىرىقىدەك بىر - بىرىنى تويۇندۇرۇشى، بولۇپمۇ شوئۇر بىلەن شوئارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ قەدەر زىچلىقى، ئارىلىرىدىكى باغلىنىشنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ھەمدە بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ تىل ۋە تەپەككۇرىمىزدا بىر - بىرىدىن ئوزۇق ئالغاندىلا تەبىئىيلىكى بۇلغانمايدىغانلىقى، خاراكتېر ۋە مەزمۇندا ساغلام بولىدىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلار بىزنى شوئۇرىمىز ۋە شوئارلىرىمىزنىڭ خاراكتېرىگە، مەزمۇنىغا، ۋەزنىگە، قىممىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى ئېنىق. چۈنكى سۆز ۋە ئۇقۇملارنىڭ تىل ۋە تەپەككۇرىمىزدىكى رولى ھەمدە ئۇنىڭ ئىش - ئەمەلىيىتىمىزدە ئەينەك مىسالى ئەكس ئېتىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتىمۇ قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدىغانلىقى رېئال بىر مەسىلە. مەسىلىنى قانداق تەپەككۇر قىلىشىمىز ئۇنىڭ ھەققىدە قانداق تۇتۇم بەلگىلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىدەك، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى قانداق چۈشىنىشىمىزمۇ ئۇنى ئەمەلىيىتىمىزدە قانداق جارىي قىلدۇرىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. قارايدىغان بولساق، كۈنىمىزدە شوئار ئۇقۇمىنىڭ كۆپ ھالدا شوئۇرسىزلىقتىن مەنبەلەنگەن كۆلەملەشكەن ھۇرراچىلىققا ئىسىم قىلىپ قويۇلغانلىقىنى، بولۇپمۇ كۈنىمىز تىل ئادىتىدە ئېغىزدا بار، ئەمەلىيىتىدە يوق بىر داۋراڭنىڭ ئاتىقى قىلىپ قويۇلغانلىقىنى، شوئۇر سۆزىنىڭ بولسا، تىل ئادىتىمىزدە ئىستېمالدىن تولۇق قالغاندىن سىرت كۈنىمىز ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىنمۇ ئاللىبۇرۇن تىل فاشىستلىرى تەرىپىدىن تامامەن قىرقىپ تاشلانغانلىقىدەك بىر پاجىئەنى كۆرىمىز. بۇلارنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ئاسارەت دەۋرىمىزنىڭ بىزنى جەۋھەرسىز شاكالغا، روھسىز مۇردىغا، جانسىز جەسەتكە ئايلاندۇرۇش دەۋرى بولغانلىقىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇنى قايسى دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مېڭە يۇيۇش پىروجىلىرىدە ئوۋلىنىپ كېتىش ۋەزىيىتىمىزنىڭمۇ قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى دەڭسەش ئاقىلغا ئىشارەت مىسالى ئايان ۋە بايان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز.
شوئۇر بىلەن شوئارنىڭ بىردەكلىك ۋەزىيىتىنى زاھىر بىلەن باتىننىڭ، جەۋھەر بىلەن شاكالنىڭ، ئاڭ بىلەن ھەرىكەتنىڭ، ئىددىئا بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ، دەۋا بىلەن رېئاللىقنىڭ، ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ بىردەكلىك ۋەزىيىتىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. لېكىن شوئۇر بىلەن ئاڭ ئوتتۇرىسىدا، شوئۇرسىزلىق بىلەن ئاڭسىزلىق ئۇقۇملىرى ئارىسىدا يەنە بەزى ئىنچىكە پەرقلەرنى ئايرىش كېرەك بولىدۇ. مەسىلەن، ئاڭسىزلىق ھادىسىسى شوئۇرسىزلىقنىڭ بىر ۋارىيانتى بولسىمۇ، لېكىن ئاڭسىزلىقتا مەيدانغا كېلىدىغىنى تۈگەل ئىدراكىي نۇقسانلىق، مەلۇمات يېتەرسىزلىكى، تەپەككۇر چولتىلىقى، ئويسىزلىق، ئالدىراڭغۇلۇق، يۈزەكىيلىك قاتارلىق بىر قاتار ئەقلىي فۇنكسىيەلەرنىڭ قالايمىقانلىشىشى بولىدۇ. شوئۇرسىزلىقتا ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن باشلاپ تۇيغۇ ۋە سېزىم نۇقتىلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك بۇزۇلۇش بولغانلىقى، ئەقىلنىڭلا ئەمەس، قەلبنىڭمۇ بىردەك خارابلاشقانلىقى، چۈشكۈنلۈككە پاتقانلىقى قاتارلىق كۈللىي بۇلغىنىشلار بولىدۇ. شوئۇرسىزلىق مەنە - قىممەت دۇنياسىغا نىسبەتەن ئىمان دەرىخىنىڭ كۆكلەم ماكانىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى، ئەمەل - مېھنەت سەمەرىلىرىنىڭ مېۋە بەرمەس بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئەمەلسىز ئىماننىڭ مېۋە بەرمەيدىغانلىقى، ئىمانسىز ئەمەلنىڭ ئاخىرەتلىكى بولمايدىغانلىقى، ئۆتمەس ماتار مىسالى قىممىتى ۋە مەنپەئەتى بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەت مانا بۇ «شوئۇرسىزلىق» ھادىسىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىدا ئۆز ئەكسىنى تاپقاندۇر. ئاڭسىزلىق ۋە شوئۇرسىزلىقتىكى نازۇك پەرقلەردىن يەنە بىرى بولسا، ئاڭسىزلىقتا نادانلىق، پاراسەتسىزلىك، دىتسىزلىق، جاھالەت تەپچىۋاتقان بولىدۇ، شوئۇرسىزلىقتا بولسا قەلب يارامسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ، ھەق - ناھەق تۇيغۇلىرىدا غۇرۇر ئۆلىدۇ، ئىمان مەشئىلى ئۆچۈشكە باشلايدۇ، قەلب ئىللەتلىرى باش كۆتۈرىدۇ، روھىيەت چىرىيدۇ، ئەقىدە - ئېتىقاد دەرىخى يىلىتىزىدىن قۇرۇشقا باشلايدۇ. شوئۇر بىلەن ئىمان مۇناسىۋىتىنى پەرقلەندۈرگەن، قەلب بىلەن ئەقىلنىڭ، تۇيغۇ بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ، ئېتىقاد بىلەن ئەمەلنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا، شوئۇر ۋە شوئار ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەت ۋە كۆرۈنۈش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تۈزەلمەس ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مەلۇم بولۇشقا باشلايدۇ.
شوئۇر ۋە شوئار مەسىلىسىنىڭ ئانالىزى مۇشۇ نۇقتىغا كەلگەندە زامانىمىزنىڭ گىگانت پەيلاسوپلىرىدىن مارتىن ھايدىگىرنىڭ «تىل مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆيى» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە مەجبۇرمىز. شۇنداقلا ئۆزىگە خاس مەنە ۋە قىممەت يۈكلەنگەن، بولۇپمۇ جاھانشۇمۇل بىر مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان، ھەمدە كىشىلىك ھاياتقا تۇتقان مەيدان - پوزىتسىيەلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر ئۇقۇمنىڭ مىللىي ئاڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بوھرانلارغا يول ئاچىدىغانلىقىنى، ئەجداد تىلىدا قۇرۇلغان بىر مەپكۇرىنىڭ تاجاۋۇزچى قول تەرىپىدىن سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىشىنىڭ نەقەدەر چوڭ يوقىتىشقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى، مىللىي روھنىڭ دەز كېتىشىگە قايسى دەرىجىدە سەۋەبكار بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشكە مەجبۇرمىز. دەرۋەقە مىللەت تەرەددۇت (ئىككىلىنىش) قا چۆككەن پەيتىدە ساغلام يولغا باشلاپ قويۇش، سەگىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان، چۈشكۈنلۈككە چۈشۈشتىن مۇھاپىزەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان ئاتالغۇ - ئۇقۇملارغا سۇيىقەست قىلىشنىڭ كەچۈرگۈسىز خىيانەت جۈملىسىدىن ساناشقا تېگىشلىك جىنايەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتمىكىمىز زۆرۈر. بولۇپمۇ، بۇنىڭ مەلۇم مەنىدە مۇستەملىكىچىنىڭ ئارزۇسىغا بېقىنىشقا ياتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۆز كۈلتۈرىنىڭ تىلىنى تەۋەلەنگەن مەدەنىيەت تىلىدىن ئايرىپ تاشلاشتەك نومۇسسىزلىقتا چېكىگە يەتكەن شەرەپسىز قىلمىشنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللەتنى دۆتلەشتۈرۈشكە، كىم بەك توۋلىسا ئىلغىماستىن شۇنىڭ تەرىپىگە ئۆزىنى ئېتىشقا، ئەڭ ئېچىنارلىقى مۇستەملىكىچىسىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماس ھالدىكى ئاڭقاۋ ماڭقۇرتلار توپىغا ئايلاندۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، قىسقىسى، بۇ كەبى قىرقىش، سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە ماتالاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ماھىيەتتە مىللىي مەۋجۇتلۇققا قىلىنغان چوڭ سۇيىقەست دائىرىسىدىكى ئىشلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈردۇر. مىللەتنىڭ تىل قامۇسىدىن شوئۇر سۆزىنى قىرقىپ تاشلاپ، شوئارنى قالدۇرۇپ قويۇشقا ئوخشاش خىيانەتلەر دەل مۇشۇ خىل تۈردىكى سۇيىقەستلەر جۈملىسىدىندۇر.
مىللىي شوئۇرغا قىلىنغان تاجاۋۇزلۇقنىڭ، شۇنداقلا مىللىي خاتىرىلەرنى يۇيۇشقا ياردەم بەرگۈچى خىيانەتلەرنىڭ بۈگۈنكى قۇربانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈنكى ئۆتمىتۆشۈك قىلىپ تاشلانغان «مەۋجۇتلۇق ئۆيىمىز» ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈشىمىز، ئۇنىڭ بىزنى قوغدىغۇدەك قانچىلىك ماجالى قالغانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز، يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان قاتمۇقات خىرىسلار ئالدىدا مەزكۇر ئۆينىڭ قانچىلىك بەرداشلىقى قالدى، دېگەنلەرنى سوراپ كۆرۈشىمىز، بىزنىڭ بۇ «ئۆي»نى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىمىز قايسى دەرىجىدە جارى بولۇۋاتىدۇ دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز تەلەپ - تەقەززا بولۇپ تۇرۇپتۇ.
تىلىمىز ۋە ئېڭىمىزدىن سۈپۈرۈپ تاشلانغىنىغا باقماي، مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شوئۇرىمىزنىڭ ھالى نېچۈك بولۇۋاتىدۇ، بۇمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولۇپ قالدى. ئىمان شوئۇرىمىز قايسى دەرىجىدە ئويغاق، ۋەتەن شوئۇرىمىز قايسى دەرىجىدە ساغلام، مۇسۇلمانلىق شوئۇرىمىز قانچىلىك چويلىغا توختاۋاتىدۇ، ئىددىئا قىلىۋاتقان دەۋالىرىمىز، دەبدەبىلەشكەن شوئارلىرىمىز قايسى دەرىجىدە ھەقىقىي شوئۇرلۇقتىن نېسىۋە ئېلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىققا خاس روھ بىلەن داۋاملىشىۋاتامدۇ يوق، بۇ كىرىزىسلاردا ئائىلە شوئۇرىمىز قانچىلىك زەربە ئالدى، سىلە رەھىم شوئۇرىمىزغا قايسى دەرىجىدە دەز كەتتى، دوست - دۈشمەن ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىمىز قانچىلىك تۇتاملىقلىشالىدى، مۇھەببەت - نەپرەت ئېنىق بولۇش جەھەتتىكى ۋىجدانىي شوئۇرىمىز قايسى دەرىجىگە بېرىپ قالدى؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار جاۋاب تېپىشىمىزغا، ئەجداد شوئۇرىغا ئىگە ئاقىللارنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ھاۋالە بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەجەبا شوئۇرسىزلىقىمىزنىڭ بەدىلىنى بۈگۈنگە قەدەر تارتىپ كېلىۋاتقىنىمىز يېتىپ ئاشمىدۇ؟ ئەجەبا شوئارۋازلىقنى تەسەللىيگاھ قىلىپ ياشاشنىڭ مۇنقەرزلىك تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشىگە خىزمەت قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش پەيتىمىز كېلىپ ئۆتۈپ كەتمىدىمۇ؟
-بۇرھان مۇھەممەد
Yorumlar
Yorum Gönder