غەربكە ساياھەت - ئۈچىنچى باب
ئۈچىنچى باب
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تۆت دېڭىز ئىلاھىنى بويسۇندۇرغانلىقى
جەھەننەمگە كىرىپ ئۆلۈم رويخېتىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى
ئەلقىسسە، سۇن ۋۇكۇڭ ماكانىغا شانۇشەۋكەت بىلەن قايتتى. ئۇ، مالىمانچى يالماۋۇزنى ئۇجۇقتۇرۇپ، كاتتا بىر قىلىچقا ئىگە بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر كۈنى جانبازلىقنى مەشىق قىلدى. مايمۇنلارغا بامبۇك كەستۈرۈپ كېلىپ نەيزە ياساتتۇردى، ياغاچلاردىن قىلىچ قىيدۇردى. ئەلەم تىكلەپ، ئۇشتەك چېلىپ، ئىككى ياق بولۇپ جەڭ مەشىقى ئۆتكۈزۈپ، بارگاھلارنى قۇردى. شۇنداق ئويۇن - تاماشا بىلەن كۆپ ۋاقىت ئۆتتى. بىر كۈنى سۇن ۋۇكۇڭ خىيالغا چۆمگەن ھالدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− بىزنىڭ بۇ يەردە ئويۇن - تاماشا قىلغىنىمىز راستقا ئايلىنىپ، ئىنسانلار پادىشاھى ۋە ھايۋانلار پادىشاھىغا يېتىپ بارسا، ئۇلار بىزنى لەشكەر توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولدى دەپ، ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، قولىمىزدىكى ياغاچ قىلىچ، بامبۇك نەيزىلەر بىلەن ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟ ئۆتكۈر شەمشەر ۋە يالمان بولمىسا زادى بولمايدۇ. ھەي، ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز؟
مايمۇنلار بۇنى ئاڭلاپ دەككە - دۈككىگە چۈشكەن ھالدا:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى كۆپنى كۆرگەن، لېكىن بۇ نەرسىلەرنى قەيەردىنمۇ تاپارمىز - ھە ! − دېيىشتى.
شۇ ئەسنادا توپ ئارىسىدىن تۆت قېرى مايمۇن ئالدىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىككىسى قىزىل كۆتەنلىك ئاق مايمۇن، ئىككىسى دۆككەك ھۆدۈنە مايمۇن بولۇپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىغا يېقىنلاپ كېلىپ مۇنداق دېدى:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۆتكۈر قورال - ياراغلارنى تېپىش تولىمۇ ئاسان ئىش !
− قانداق ئاسان دەيسىلەر؟ − سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
تۆت مايمۇن جاۋاب بېرىپ:
− بىزنىڭ بۇ تاغدىن شەرق تەرەپكە ئىلگىرىلەپ، ئىككى يۈز چاقىرىملىق سۇ يۈزىنى باسقاندىن كېيىن، ئاۋلەي دۆلىتى دەيدىغان بىر جايغا بارغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پادىشاھى بار. شەھەردە لەشكەر ۋە پۇقرالار سانسىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم زەرگەر، مىسكەر ۋە تۆمۈرچى ئۇستىكارلار كۆپ. ئەگەر سىلى شۇ يەرگە بېرىپ بىرئاز قورال - ياراغ سېتىۋېلىپ ياكى ياسىتىپ كەلسىلە، بىزمۇ ئوبدان مەشىق قىلىپ، تاغلىرىمىزنى قوغداپ قالالىغان بولاتتۇق، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا:
− سىلەر بۇ يەردە ئويناپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ كېلەي ! − دېدى - دە، دەرھال مۇئەللەق بۇلۇت ئۈستىگە چىقىپ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئىككى يۈز چاقىرىملىق سۇ يولىنى بېسىپ ئۆتتى. دېگەندەك ئۇ تەرەپتە بىر شەھەر ئايان بولدى. گىرەلىشىپ كەتكەن بازار - كوچىلار، سانجاق - سانجاق ئۆي - ئىمارەتلەر، ئۇ ياق - بۇ ياققا ئۆتۈشۈۋاتقان ئادەملەرمۇ ئېنىق كۆرۈندى. سۇن ۋۇكۇڭ كۆڭلىدە: «بۇ يەردە چوقۇم تەييار قورال بولۇشى مۇمكىن، ئۇ يەرگە بېرىپ بىر - ئىككىنى سېتىۋالغاندىن كۆرە، كارامىتىمنى ئىشقا سېلىپ، ئىزدەپ باقمامدىمەن» دېدى - دە، ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ، ھاۋانى سۈمۈرۈۋېلىپ، كۈچەپ پۈۋلىدى. شۇئان كىشى قورققۇدەك دەھشەتلىك بوران كۆتۈرۈلۈپ، قۇم - شېغىللارنى ئۇچۇرۇشقا باشلىدى. بوراننىڭ ۋەھىمىسىدىن ئاۋلەي دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئالاقزادە بولۇپ قاچتى، دۇكانلارنىڭ ئىشىكى تاقالدى. يولدا بىرمۇ ئادەم قالمىدى. بۇ چاغدا سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇت ئۈستىدىن چۈشۈپ، ئوردا دەرۋازىسىدىن كىردى ۋە ياراغخانىنى ئىزدەپ تاپتى. دەرۋازىنى ئېچىپ قاتار - قاتار تىزىلىپ ياتقان سانسىز قىلىچ، نەيزە، شەمشەر، يالمان، تەبەرزىن، ئايپالتا، ناچەخ، دەررە، يارما دەستە، يايچاق، ئۇمۇت، يا، كامالەك، مەنچاناق ، تىرنا، پەرتۇلارنى كۆردى. بۇنىڭدىن ئاجايىپ خۇشاللىققا چۆمگەن سۇن ۋۇكۇڭ:
− ئۆزۈم يالغۇز ھېچقانچە كۆتۈرەلمىگۈدەكمەن. يەنىلا تەننى پارچىلاش سېھرى بىلەن ئەكېتەي، − دېدى - دە، بىر تۇتام مويىنى يۇلۇۋېلىپ ئاغزىغا سېلىپ چاينىدى. ئاندىن ئۇنى پۈركۈپ چىقىرىپ، ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ، «ئۆزگەر !» دەپ توۋلىدى. شۇئان نەچچە مىڭ مايمۇن پەيدا بولۇپ، قورال - ياراغلارنى ھە دەپ توشۇشقا باشلىدى. قاۋۇلراقلىرى ئالتە - يەتتىدىن، ئاجىزلىرى ئىككى - ئۈچتىن كۆتۈرۈپ مېڭىپ، ياراغخانىنى بىرپەستىلا قۇرۇقداپ قويدى. سۇن ۋۇكۇڭ مايمۇنلىرىنى باشلاپ، بۇلۇتلار ئۈستىدە چېپىپ، ئۆز ماكانىغا قاراپ راۋان بولدى.
گۈلشەن تېغىدىكى مايمۇنلارغا كەلسەك، ئۇلار غار ئالدىدا ئويناۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت بوران ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى ۋە ئاسماندىكى مىغىلدىشىپ بېسىپ كېلىۋاتقان سانسىزلىغان مايمۇننى كۆرۈپ، قورققىنىدىن تەرەپ - تەرەپكە پىتىراپ كېتىشتى، بىرئازدىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇتنى يەرگە قوندۇرۇپ تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، بىرلا سىلكىنىپ مويلىرىنى يىغىۋېلىپ، قورال - ياراغلارنى تاغ تۈۋىگە دۆۋىلەپ قويدى ۋە:
− بالىلىرىم، ھەممىڭلار كېلىپ قورال ئېلىۋېلىڭلار ! − دەپ توۋلىدى.
مايمۇنلار سۇن ۋۇكۇڭنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ، تەزىم قىلىشقان ھالدا قوراللارنى قانداق ئەكەلگەنلىكىنى ھەيران بولۇپ سورىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا بوران چىقىرىپ، قورال - ياراغلارنى توشۇپ كەلگەنلىكىنى باشتىن - ئاخىر سۆزلەپ بەردى. مايمۇنلار سۇن ۋۇكۇڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بولۇپ، قىلىچ، شەمشەر، كامالەك، مەنچاناقلارنى ۋە ئۇمۇت، نەيزىلەرنى تالىشىپ، ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ، كەچ كىرگۈچە ئويۇن قىلىشتى.
ئەتىسى سۇن ۋۇكۇڭ بارلىق مايمۇنلىرىنى توپلاپ، سەپراس قىلدى، ئۇلارنىڭ سانى قىرىق يەتتە مىڭدىن ئاشقانىدى. بۇ خەۋەر يېقىن - يىراق تاغلاردىكى ئالۋاستى - يىرتقۇچلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ باردى. شۇ ۋەجدىن بۆرە، قۇرت، يولۋاس، يىلپىز، بۇغا، كېيىك، بۆكەن، تۈلكە، مولۇن، بورسۇق، شىر، پىل، ئورانگوتان، ئېيىق، ياۋا توڭگۇز، قوتاز، جەرەن ۋە تۈرلۈك مالائىكى قاتارلىق يەتمىش ئىككى غار ئەھلى بۇ مايمۇن پادىشاھنىڭ ئالدىغا سالامغا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەر يىلى ۋاقتى - قەرەلىدە سوۋغا - سالام تەقدىم قىلىپ تۇرىدىغان بولدى. گۈلشەن تېغى ئالتۇن - كۈمۈشلەرگە كۆمۈلۈپ كەتتى. ھەرقايسى ئالۋاستى پادىشاھلىرىمۇ ئالتۇن بارابان، رەڭدار تۇغ - ئەلەم ۋە ساۋۇت - دۇبۇلغىلارنى ئىنئام قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن لەشكەر ئەۋەتتى.
شۇنداق خۇشال - خۇرام كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۇن ۋۇكۇڭ كۆپچىلىككە قاراپ:
− ھەممىڭلار ئوقيا ئېتىشقا مەرگەن، قورال - ياراغقا ماھىر بولۇپ كەتتىڭلار. لېكىن، مېنىڭ بۇ قىلىچىم كۆڭلۈمگە ھېچ ياقمايۋاتىدۇ. قانداق قىلسام بولار؟ − دېدى.
شۇئان تۆت قېرى مايمۇن ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېدى:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى ئەۋلىيا بولغاندىكىن ئادەتتىكى قورال ئىشلەتسىلە بولمايدۇ. شۇڭا، سۇ تەكتىگە چۈشەلىگەن بولسىلا ياخشى بولاتتى.
− مەن تاۋاپ - تىلاۋەتنى تۈگەتكەندىن كېيىن يەتمىش ئىككى خىل ئۆزگىرىشتىكى زېمنىي ئەختەر ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالغان. ئاسمانغىمۇ چىقالايمەن، يەرگىمۇ كىرەلەيمەن. سۇدا تۇنجۇقۇپ قالمايمەن، ئوتتا كۆيمەيمەن، ھەرقانداق يەرگە بېرىشقا قادىرمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
تۆت مايمۇن دېدىكى:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەگەر بۇنداق كارامەتلىرى بولسا ناھايىتى ياخشى بولغىنى. بۇ تۆمۈر كۆۋرۈك ئاستىدىكى دەريا شەرقىي دېڭىزدىكى ئەجدىھا ئوردىسىغا تۇتىشىدۇ. ئەگەر سىلى چۈشۈشنى خالىسىلا سۇ ئىلاھىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر قورال ئېلىۋالسىلا، كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي:
− سىلەر كۈتۈپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ كېلەي، − دېدى - دە، كۆۋرۈك ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ، ئايەت ئوقۇپ تۇرۇپ دولقۇن ئىچىگە «پولتۇڭڭىدە» سەكرەپ چۈشتى ۋە سۇ تېگىدە يول ئېچىپ، ئۇدۇل شەرقىي دېڭىزغا قاراپ چوڭقۇرلاپ ئۈزۈپ كەتتى.
ئۇ كېتىۋاتقاندا دېڭىز تەكتىدە چارلاۋاتقان بىر ياكسا ئۇشتۇمتۇت كېلىپ ئۇنى توسۇۋالدى ۋە:
− ئۆزلىرى قايسى ياقتىن كەلگەن ئەۋلىيا بولىدىلا؟ ئىجازەت ئېلىپ كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، نام - شەرىپلىرىنى مەلۇم قىلسىلا ! − دېدى.
− مەن گۈلشەن تېغىدىكى ئەۋلىيا سۇن ۋۇكۇڭ بولىمەن. سىلەرگە قوشنا تۇرسام نېمىشقا تونۇمايسىلەر؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
بۇنى ئاڭلاپ ياكسا دەرھال بىللۇر ئوردىغا كىرىپ خەۋەر قىلدى:
− جانابى پادىشاھىم، سىرتتا بىرى مەن گۈلشەن تېغىدىن كەلگەن ئەۋلىيا سۇن ۋۇكۇڭ بولىمەن، پادىشاھىڭلارغا ھەم يېقىن قوشنا، ئوردىغا كىرگۈزسەڭلار، دەۋاتىدۇ.
شەرقىي دېڭىزنىڭ سۇ ئىلاھى ئاۋگۇاڭ بۇنى ئاڭلاپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى - دە، بالا - چاقىلىرىنى، سۇ لەشكەرلىرىنى ۋە سەركەردىلىرىنى باشلاپ ئوردا ئالدىغا چىقىپ، سۇن ۋۇكۇڭنى ئوردىغا تەكلىپ قىلدى. ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلار قىزغىن كۆرۈشۈپ، چاي ئىچىشتى. چايدىن كېيىن سۇ ئىلاھى:
− ئەۋلىيا ھەزرەتلىرى، سىلى قاچان دۇئا - تىلاۋەت قىلغان ئىدىلە، قانداق سېھرىي ھۈنەر ئۆگەندىلە؟ − دەپ سورىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ جاۋاب بېرىپ:
− مەن تۇغۇلغاندىن كېيىنلا دۇئا - تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپ، مەڭگۈ قېرىماسلىق، ئۆلمەسلىك ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ كەلگەنىدىم. يېقىندا غارىمىزنى قوغداش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتقانىدىم. ئۆزۈمگە قورال كەمچىل بولۇپ قالغاچقا، سىلىدە بار ئىكەن دەپ، ئاڭلاپ كەلدىم. قوشنىدارچىلىق يۈزىسىدىن بولسىمۇ، بىرەر تال ئۆتۈنگەن بولسىلا، − دېدى.
سۇ ئىلاھى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن رەت قىلىشنى بىئەپ كۆرۈپ، دەرھال دىۋان ئەمرى چاتىسنى چاقىرىپ، چوڭ بىر قىلىچنى ئەكەلدۈرۈپ، سۇن ۋۇكۇڭغا ئۇزاتتى.
− مەن قىلىچ ئىشلىتىشنى بىلمەيمەن، باشقىسىنى ئىلتىپات قىلغان بولسىلا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇ ئىلاھى يەنە پاششاپ بەگ زۇلتىر بىلەن كۈچتۈڭگۈر ئالبانى چاقىرىپ، توققۇز بوغۇملۇق چاڭگاكنى ئاچىقىشقا بۇيرۇدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئورنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئىشلىتىپ كۆرگەندىن كېيىن تاشلاپ قويدى ۋە:
− بۇ بەك يېنىك ئىكەن، قولۇمدىمۇ توختىمايۋاتىدۇ، باشقىسىنى ئىلتىپات قىلغان بولسىلا، − دېدى.
سۇ ئىلاھى دەرھال:
− تەقسىر، قارىمامدىلا، بۇ چاڭگاكنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز جىڭ كېلىدۇ، − دېدى.
− يارىمايدۇ، يارىمايدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇ ئىلاھىنىڭ كۆڭلى ۋەھىمىگە چۈشتى ۋە يەنە ياساۋۇل بېگى كارىپ، لەشكەر بېشى تىرمىنالىسلارنى چاقىرىپ، غايەت زور چوڭلۇقتىكى يالماننى ئاچىقتۇردى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى يەتتە مىڭ ئىككى يۈز جىڭ كېلەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى قولىغا ئالدى - دە، جانبازلار پەدىسىدە ئىككى پەررەك ئېتىپ، يەرگە سانجىپ قويغاندىن كېيىن:
− بولمايدۇ، بۇمۇ بەك يېنىك ئىكەن، − دېدى.
سۇ ئىلاھى تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى. ئۇ سۇن ۋۇكۇڭغا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ:
− تەقسىر، بۇ يالمان ئوردامدىكى ئەڭ ئېغىر قورال ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا قورال قالمىدى، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:
− قەدىمكىلەر «سۇ ئىلاھى ئوردىسىدا گۆھەر قالمايدۇ، دەپ غەم قىلما !» دەپتىكەن. يەنە ئىزدەشتۈرۈپ باقسىلا، يارايدىغىنى چىقىپ قالسا، ئۆز باھاسىدىن بىر تىيىن كەم قىلماي بېرىمەن !
− راستتىنلا قالمىدى، − دېدى سۇ ئىلاھى.
شۇ ئەسنادا سۇ ئىلاھىنىڭ خوتۇنى بىلەن قىزى ئارقا تەرەپتىن پەيدا بولۇپ:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ ئەۋلىيا راستتىنلا قالتىس ئادەم ئوخشايدۇ. خەزىنىمىزدىكى ھېلىقى سىرلىق ئۇزۇن تۆمۈر نەچچە كۈندىن بۇيان نۇرلىنىپ، ئاجايىپ چاقناپ كېتىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئەۋلىيادا بىرەر خىسلەت بارمۇ، نېمە؟ − دېدى.
− ئۇ ئۆز زامانىسىدە دايۈي ئاقساقال توپان تىزگىنلىگەندە دېڭىزغا قېقىپ قويغان بىر تال قوزۇق. ئۇ سىرلىق تۆمۈرنى نېمىگە ئىشلەتكىلى بولاتتى؟ − دېدى سۇ ئىلاھى.
− ئىشلەتـكىلى بولۇش - بولماسلىقى بىلـەن نېـمە كارىـلـىرى، − دېدى سۇ ئىلاھى خانىشى، − ئۇنىڭغا بېرىۋەتسىلە، قانداق ئۆزگەرتسە ئۆزگەرتىپ، ئوردىدىن ئاچىقىپ كېتەلىسىلا مەيلى ئەمەسمۇ؟
قېرى سۇ ئىلاھى بۇ گەپنى سۇن ۋۇكۇڭغا ئېيتتى.
− ئۇنداق بولسا ئاچىقىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇ ئىلاھى قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ:
− ئۇنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ، ئۆزلىرى كىرىپ كۆرۈپ باقسىلا، − دېدى.
− قېنى، ئۇنىڭ بار يېرىگە مېنى باشلاپ بېرىڭلار ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇ ئىلاھى ئۇنى خەزىنە ئامبىرىغا باشلاپ كىردى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بىردىنلا ئالتۇن نۇرلار جۇلالىنىپ كەتتى.
− ئاۋۇ چاقناپ تۇرغىنى شۇ ! − دېدى سۇ ئىلاھى قولى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
سۇن ۋۇكۇڭ يەڭلىرىنى شىمايلاپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ سىلاپ كۆردى. ئۇ بىر تال تۆمۈر تۈۋرۈك بولۇپ، توملۇقى بىر قۇچاقچە، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەزدىن ئارتۇق كېلەتتى.
ئۇ غۇلىچىنى كېرىپ قۇچاقلاپ كۆرۈپ:
− سەل توم ھەم ئۇزۇنراق ئىكەن، يەنە بىرئاز كىچىكرەك بولغان بولسا ئىشلەتكىلى بولاتتى، − دېدى.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ ھېلىقى تۈۋرۈك بىرنەچچە چى قىسقىراپ، يەنە بىرمۇنچە ئىنچىكىلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ يەنە دەڭسەپ كۆرۈپ:
− يەنىمۇ ئىنچىكىرەك بولغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى، − دېدى.
بۇ ئەڭگۈشتەر راستتىنلا يەنە بىرمۇنچە ئىنچىكىلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ چەكسىز خۇشال بولۇپ، ئۇنى سىرتقا ئاچىقىپ باشتىن - ئاخىر كۆز يۈگۈرتتى. ئۇنىڭ ئىككى بېشىدا ئالتۇن توقا بولۇپ، ئوتتۇرىسى قارا تۆمۈردىن ئىدى. ئالتۇن توقىنىڭ يېنىغا بىر قۇر قىلىپ «ئالتۇن توقىلىق دىلىپسەن گۈرزە» دېگەن خەت يېزىلغانىدى. ئېغىرلىقى بولسا ئون ئۈچ مىڭ بەش يۈز جىڭ ئىدى. ئۇ ئىچىدە خۇشال بولۇپ، «بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ مەيلىگە باقىدىغان ئەڭگۈشتەر ئوخشايدۇ» دېگىنىچە كېتىۋاتقاچ قولىدا دەڭسەپ تۇرۇپ:
− تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە كىچىك بولسا قالتىس بولاتتى، − دېدى.
خەزىنە ئامبىرىدىن چىققاندا ھېلىقى نەرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەزچە، توملۇقى پىيالىنىڭ ئاغزىچە بولۇپ قالدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بىللۇر ئوردىغا كىرىپلا گۈرزىنى پىرقىرىتىپ پەررەك ئېتىپ، كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. قېرى سۇ ئىلاھى ۋە ئەجدىھالار قورققىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ، يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىشكە تاس قالدى. بېلىق، تاشپاقا، راكلار باشلىرىنى ئىچىگە تىقىشىپ، قاچىدىغان جاي تاپالماي قېلىشتى. بۇ چاغدا سۇن ۋۇكۇڭ ئەڭگۈشتەرنى قولىدا چىڭ تۇتقان ھالدا، بىللۇر ئوردىسىنىڭ ئالىي قەسىرىگە كېلىپ ئولتۇردى ۋە سۇ ئىلاھىغا قاراپ كۈلۈپ:
− قەدىرلىك قوشنام، ئىلتىپاتلىرىغا كۆپ رەھمەت !− دېدى.
− ئەرزىمەيدۇ، ئەرزىمەيدۇ ! − دېدى سۇ ئىلاھى دەرھال.
سۇن ۋۇكۇڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
− بۇ تۆمۈر قولغا خېلى ئەپلىك بولسىمۇ، لېكىن بىرنېمىسى كەمدەك قىلىدۇ، − دېدى.
− نېمىسى كەم ئىكەن تەقسىر؟ − سورىدى سۇ ئىلاھى.
− بۇرۇن بۇ تۆمۈر يوق چاغدا ھەرھالدا چانمايتتىم. ئەمدى بۇنى كۆتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ماس كەلگۈدەك كىيىمىم بولمىسا بولمايدۇ - دە، شۇڭا ئۆزلىرىدە كۆرمە - تون بولسا بىرەر قۇرىنى ئىنئام قىلىۋەتسىلە، بىراقلا رەھمەت ئېيتقان بولاتتىم.
− مەندە بۇنداق نەرسە زادىلا يوق ئىكەن، تەقسىر.
− ياخشى ساھىبخانا مېھماننىڭ قورسىقىنى ئاچ قويمايدۇ، ئەگەر يوق بولسا، بۇ يەردىن مەنمۇ ھەرگىز چىقمايمەن.
− تەقسىر، ئېغىر كۆرمىسىلە باشقا دېڭىزغا بېرىپ باقسىلا، چىقىپمۇ قالار ئىدى.
− «ئۈچ ئۆينى ئايلانغۇچە، بىر ئۆيدە ئولتۇر» دەپتىكەن. سىلىدىن يەنە ئۆتۈنۈپ قالاي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئىلتىماس تەلەپپۇزىدا.
− كەمىنىلىرىدە ھەقىقەتەن يوق، بار بولسا ئۆزلىرىدىن ئايايتىممۇ؟ − دېدى سۇ ئىلاھى.
− ئەگەر راستتىنلا يوق بولسا، بۇ تۆمۈرنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرسىلە ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇ ئىلاھى ئالاقزادە بولۇپ:
− تەقسىر، ئۇنداق قىلمىسىلا، ئۇنداق قىلمىسىلا ! مەن ئىنىلىرىمدىن سۈرۈشتە قىلىپ باقاي، بار بولسا چوقۇم سىلىگە سوۋغات قىلاي، − دېدى.
− ئىنىلىرى قەيەردە تۇرىدۇ؟
− ئىنىلىرىم جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۇ ئىلاھى ئاۋچىن، شىمالىي دېڭىزدىكى سۇ ئىلاھى ئاۋشۇن، غەربىي دېڭىزدىكى سۇ ئىلاھى ئاۋرۈنلەر بولىدۇ.
− مەن ئۇ يەرگە بارمايمەن. «ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى» دېگەن گەپ بار. ئۆزلىرى قاراپ كۆڭۈللىرى خالىغان بىرىنى بەرسىلە بولىۋېرىدۇ.
− سىلىنىڭ بېرىشلىرى ھاجەتسىز تەقسىر، مەندە بىر دانە تۆمۈر بارابان بىلەن ئالتۇن قوڭغۇراق بار. جىددىي ئىش بولغاندا ئۇلارنى چالساملا، ئىنىلىرىم دەرھال يېتىپ كېلىدۇ.
− ئۇنداق بولسا بارابان بىلەن قوڭغۇراقنى تېزرەك چالسىلا !
بىرئازدىن كېيىن بارابان ۋە قوڭغۇراق ساداسى ياڭرىدى. دېگەندەك، ئۈچ دېڭىزدىكى سۇ ئىلاھلىرى بۇ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ كېلىپ، ئاكىسى بىلەن سىرتتا ئۇچراشتى.
− ئاكا، بارابان بىلەن قوڭغۇراقنى چالغۇدەك قانداق جىددىي ئىش بولدى؟ − دەپ سورىدى ئاۋچىن.
− نېمە دېسەم بولار، ئىنىلىرىم، − دېدى سۇ ئىلاھى سۆز باشلاپ، − گۈلشەن تېغىدىن بولغان ئاتالمىش بىر تۇغما ئەۋلىيا بار ئىكەن، ئەتىگەن ئۇ، قوشنا ئىكەنمىز، تونۇشۇپ قالايلى، دەپ كەپتۇ. كېيىن بىر قورال سورىدى. چاڭگاكنى بەرسەم كىچىك ئىكەن، دېدى. يالماننى بەرسەم يېنىك ئىكەن، دېدى، ئاخىر ئۆزى سامانيولى تېگىدىكى سىرلىق تۆمۈرنى ئاچىقىپ، پەررەك ئېتىپ كەتتى. ھازىر ئۇ يەنە كۆرمە - تون بېرىسەن دەپ ئوردىدا ئولتۇرۇۋالدى. مەندە بولمىغاچقا، سىلەرنى چاقىرتقانىدىم. سىلەردە بولسا ئەكېلىپ بەرسەڭلار، ئۇنى ئاستا يولغا سېلىپ قويساق بولاتتى.
بۇنى ئاڭلاپ ئاۋچىن غەزەپلەنگەن ھالدا:
− بىز لەشكەر تارتىپ كېلىپ ئۇنى جازالايلى ! − دېدى.
− ياق، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، − دېدى قېرى سۇ ئىلاھى ئالمان - تالمان، − ئۇنىڭ قولىدىكى تۆمۈر تېگىپ كەتسىلا، جاننى ئالىدۇ، سىيپاپ ئۆتسىمۇ ناكار قىلىپ قويىدۇ.
بۇ چاغدا غەربىي دېڭىز سۇ ئىلاھى ئاۋرۈن مۇنداق دېدى:
− ئاۋچىن ئاكا، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشمايلى. بىر يۈرۈش كۆرمە - تون تەييارلاپ ئۇنى يولغا سېلىۋېتىپ، ئەرشكە خەۋەر قىلىپ قويايلى.
− توغرا گەپ بولدى، − دېدى شىمالىي دېڭىز سۇ ئىلاھى ئاۋشۇنمۇ گەپكە ئارىلىشىپ، − مەندە جىگەر رەڭلىك مەشۇتتىن توقۇلغان بىر جۈپ كەش بار.
− مەن بۆكتەرلىك ئالتۇن ساۋۇتتىن بىرنى ئالغاچ كەلگەنىدىم، − دېدى غەربىي دېڭىز سۇ ئىلاھى ئاۋرۈن.
− مەندە سۇمۇرغ پەرى قىستۇرۇلغان بىر ئالتۇن تاج بار، − دېدى جەنۇبىي دېڭىز سۇ ئىلاھى ئاۋچىنمۇ.
قېرى سۇ ئىلاھى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇلارنى بىللۇر ئوردىسىغا باشلاپ كىردى ۋە سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ نەرسىلەرنى بەردى. سۇن ۋۇكۇڭ ئالتۇن تاج، ئالتۇن ساۋۇت ۋە كەشنى كىيىپ، راۋۇرۇس ياسانغاندىن كېيىن، دىلىپسەن گۈرزىنى ئوينىتىپ، ئوردىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ سۇ ئىلاھلىرىغا قاراپ:
− مالال قىلىپ قويدۇم، مالال قىلىپ قويدۇم، − دېدى.
تۆت دېڭىز سۇ ئىلاھى بۇنىڭدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ، ئەرشكە قانداق خەۋەر بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
سۇن ۋۇكۇڭغا كەلسەك، ئۇ دېڭىز ئاستى ئارقىلىق قايتىپ كېلىپ كۆۋرۈك ئۈستىگە چىقتى. قارىسا، تۆت قېرى مايمۇن بارلىق مايمۇنلارنى ئەگەشتۈرۈپ، كۆۋرۈك يېنىدا كۈتۈپ تۇرغۇدەك. سۇن ۋۇكۇڭ سۇ ئىچىدىن يېنىپ چىققاندا ئۈستبېشى ھۆل بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئالتۇن نۇرلار ۋالىلداپ چاقناپ كەتتى. ئۇ مەغرۇر قىياپەتتە مۇبارەك تەختىگە كېلىپ شاھانە ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، تۆمۈر كالتىكىنى ئوتتۇرىغا تىكلەپ قويدى. مايمۇنلار شۇئان گۈررىدە ئولىشىپ كېلىپ، بۇ ئەڭگۈشتەرنى كۆتۈرمەكچى بولۇشتى. لېكىن، چۈمۈلىنىڭ دەرەخ لىڭشىتقىنىغا ئوخشاش ئۇنى قىمىرلىتىشقىمۇ ماجالى يەتمىدى.
− بوۋا، شۇنچە ئېغىر نەرسىنى قانداق كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەنلا؟ − دېيىشتى ئۇلار ھەيرانۇھەس بولۇپ، قوللىرىنى چىشلەشكەن ھالدا.
سۇن ۋۇكۇڭ كېلىپ ئۇنى غاچچىدە كۆتۈرۈۋېلىپ، كۆپچىلىككە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دېدى:
− ھەرقانداق مالنىڭ ئىگىسى بولىدۇ. بۇ ئەڭگۈشتەر دېڭىز تېگىدە قانچە مىڭ يىل تۇرغانكىنتاڭ. دەل بۈگۈن يالىلداپ نۇر چېچىشقا باشلاپتۇ. سۇ ئىلاھى ئۇنى قارا تۆمۈر ياكى سامانيولى تېگىدىكى سىرلىق نەرسە دەپلا قارىغانىكەن. ئۇ مەخلۇقلارنىڭ ھېچقايسىسى كۆتۈرەلمىگەچكە ئۆزۈمنى ئېلىۋېلىشقا قويدى. ئۇ چاغدا بۇ ئەڭگۈشتەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەزدىن ئارتۇق، توملۇقى بىر قۇچاق كېلەتتى. ئۇنى تارتىپ ئەكېلىپ سەل چوڭ ئىكەن دېۋىدىملا بىرمۇنچە كىچىكلىدى. يەنە دېسەم يەنە كىچىكلىدى. يەنە دېسەم يەنە كىچىكلىدى. يورۇقلۇققا ئاچىقىپ قارىسام، ئۇنىڭغا «ئالتۇن توقىلىق دىلىپسەن گۈرزە، ئون ئۈچ مىڭ بەش يۈز جىڭ» دېگەن بىر قۇر خەت يېزىقلىق تۇرىدۇ. يىراق تۇرۇڭلار، مەن ئۇنى يەنە بىر ئۆزگەرتىپ باقاي.
ئۇ ھېلىقى ئەڭگۈشتەرنى ئالىقىنىغا قويۇپ تۇرۇپ، «كىچىكلە، كىچىكلە !» دېۋىدى، ئۇ كىچىكلەپ كەشتە يىڭنىسىچىلىك بولۇپ قالدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى ئېلىپ قۇلىقىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى.
بۇ چاغدا مايمۇنلار ھەممىسى ۋارقىرىشىپ كەتتى.
− پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇنى چىقىرىپ يەنە ئوينىتىپ باقسىلىچۇ !
سۇن ۋۇكۇڭ يىڭنىنى قۇلىقىدىن چىقىرىپ، ئالىقىنىغا قويۇپ تۇرۇپ:
− يوغىنا، يوغىنا، يوغىنا ! − دەپ ئۈچ قېتىم مۇراجىئەت قىلدى. يىڭنە شۇ ھامان يوغىناپ توملۇقى بىر قۇچاق، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەزچە بولدى.
بۇنىڭدىن ئاجايىپ بىر خۇشاللىققا چۆمگەن سۇن ۋۇكۇڭ كالتەكنى كۆتۈرۈپ غار سىرتىغا چىقتى، ئاندىن ئۇنى ئىككى قولى بىلەن تىرەپ تۇرۇپ، «ئۇزار !» دەپ توۋلىدى. شۇئان ئۇنىڭ ئۆزىمۇ نەچچە مىڭ گەز ئېگىزلەپ، بېشى تەيشەن چوققىسىدەك، بېلى تاغلاردەك، كۆزى چاقماقتەك، ئاغزى تەڭنىدەك، چىشلىرى شەمشەر، يالماندەك بولۇپ قالدى. قولىدىكى كالتەكنىڭ بىر بېشى ئوتتۇز ئۈچ قەۋەت ئاسمانغا چىقىپ، بىر بېشى ئون سەككىز قەۋەت جەھەننەمگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن قورقۇپ ئالاقزادە بولغان يولۋاسۇ يىلپىز، بۆرە - قۇرتلار، تاغ - تاغلاردىكى جىن - شاياتۇنلار، يەتمىش ئىككى غاردىكى ئالۋاستى پادىشاھلىرى يەرگە باش ئۇرۇشۇپ، غال - غال تىترىشىپ كەتتى. بۇ چاغدا سۇن ۋۇكۇڭ سېھىرنى توختىتىپ، ئەڭگۈشتەرنى كىچىكلىتىپ كەشتە يىڭنىسىچىلىك قىلدى - دە، قۇلىقىغا سېلىپ قويۇپ غار ئوردىسىغا قايتتى. ساراسىمىگە چۈشكەن ھەرقايسى غارلاردىكى ئالۋاستى شاھلىرى ئارقىمۇئارقا كېلىپ ئۇنى تەبرىكلەشتى.
بۇ چاغدا تۇغ - ئەلەملەر تىكلىنىپ، نەغمە - ناۋالار ياڭراشقا باشلىدى. ئېسىل تائاملار كەلتۈرۈلۈپ، قەدەھلەرگە خۇش پۇراق مەيلەر تولدۇرۇلدى. سۇن ۋۇكۇڭ تۆت قېرى مايمۇننى سىپاھلىققا تەيىنلەپ، ئىككى نەپەر قىزىل كۈتەنلىك ئاق مايمۇننى سۈلۈك سىپىھدارلار دەپ ئاتىدى. ئىككى نەپەر دۆككەك ھۆدۈنە مايمۇننى پۈلۈك سەركەردىلەر دەپ ئاتىدى ھەمدە قورغاننى مۇستەھكەملەپ بارگاھ قۇرۇش، جازا، تەقدىر قاتارلىق ئىشلارنى بۇ تۆت سىپاھقا تاپشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خاتىرجەم ھالدا بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، جاھاننى سەيلە - ساياھەت قىلدى.
بىر كۈنى ئۇ غاردا ئۇخلاۋاتاتتى. تۆت سىپاھ ئۈن چىقارماستىن ئۇنىڭ ئەتراپىدا قوغداپ تۇرۇشاتتى، ئۇ چۈشىدە پەرمان كۆتۈرۈپ كىرگەن ئىككى كىشىنى كۆردى. يارلىققا «سۇن ۋۇكۇڭ» دېگەن خەت يېزىلغانىدى. ئۇلار يېقىن كېلىپ گەپ - سۆز قىلماستىن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ روھىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ، سۆرىگەن پېتى بىر قەلئەنىڭ قېشىغا كېلىپ توختىدى. سۇن ۋۇكۇڭ مەستلىكتىن يېشىلگەندەك بولۇپ، ئۇشتۇمتۇت بېشىنى كۆتۈرۈپ قەلئە بېشىدىكى تۆمۈر تاختايغا يېزىلغان «جەھەننەم» دېگەن خەتنى كۆردى ۋە شۇئان ئەس -ھوشىغا كېلىپ:
− جەھەننەم دېگەن ياماراجانىڭ جايى ئەمەسمۇ؟ مېنى نېمىشقا بۇ يەرگە ئەكەلدىڭلار، − دېدى.
− بۈگۈن سېنىڭ بۇ دۇنيالىق ئۆمرۈڭ ئاخىرلاشتى، بىز پەرمانغا بىنائەن سېنى تۇتۇپ كەلدۇق، − دېدى ھېلىقى ئىككى كىشى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ:
− مەن ئۈچ دۇنيادىن مۇستەسنا ياشايدىغان تۇرسام ھەم ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىسام، نېمىشقا تۇتۇپ كېلىسىلەر؟ − دېدى.
بۇ ئىككى ئەزرائىل ئۇنى بوغۇپ سۆرەپ دېگەندەك، مەجبۇرىي ئەكىرمەكچى بولدى، سۇن ۋۇكۇڭ دەرغەزەپكە كېلىپ قۇلىقىدىن ھېلىقى ئەتىۋارلىق ئەڭگۈشتىرىنى چىقاردى - دە، بىر - ئىككى سىلكىپ پىيالىنىڭ ئاغزىدەك توملۇقتا قىلىپ، سەللا كۈچەپ ئىككى ئەزرائىلنى بىرلا سېلىپ يانجىپ تاشلىدى. ئاندىن ئارغامچىنى ئۆزى يېشىپ تاشلاپ، كالتەكنى كۆتۈرگەن پېتى قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىردى. قورقۇپ كەتكەن بەتبەشىرە جىنۇشەيتان، ئەرۋاھلار تەرەپ - تەرەپكە قېچىشىپ، سامرا قەسىرىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، خەۋەر يەتكۈزدى:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، يامان بولدى، يامان بولدى ! سىرتتىن چۇپۇر يۈزلۈك بىر گۈلدۈرماما مالائىكى بېسىپ كىردى.
ئون مۇنكىر ئالمان - تالمان كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قەسىر ئالدىغا چىقتى ۋە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قەھر - غەزەپلىك چىرايىنى كۆرۈپلا، ياش قۇرامى بويىچە سەپراس بولۇپ بار ئاۋازى بىلەن:
− تەقسىر، نام - شەرىپلىرىنى بىلىشكە بولارمىكىن؟ − دەپ ئىلتىجا قىلىشتى.
− سىلەر مېنى تونۇمىساڭلار، نېمە ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ كېلىسىلەر؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− يوقسۇ، يوقسۇ ! − دېدى ئون مۇنكىر، − ئۇلار جەزمەن خاتا تۇتۇپ كەپتۇ.
− مەن گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غارنىڭ تۇغما ئەۋلىياسى سۇن ۋۇكۇڭ بولىمەن. سىلەر قەيەرنىڭ ئەمەلدارلىرى؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بىز جەھەننەم شاھلىرىدىن ئون ئەۋلاد مۇنكىر بولىمىز.
− تاياقتىن قۇتۇلىمەن دېسەڭلار دەرھال نامىڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار !
ئون مۇنكىر بىر - بىرلەپ ئۆز ئىسىملىرىنى مەلۇم قىلىشتى:
− بىز مۇنكىر چىڭگۇاڭ، چۇجاڭ، سۇڭدى، ۋۇگۇڭ، يەنلو، پىڭدېڭ، تەيشەن، دۇشى، بيەنچېن، جۇەنلۇنلار بولىمىز.
− سىلەر پادىشاھ تۇرۇپ نېمىشقا ياخشى - ياماننى ئايرىمايسىلەر؟ مەن ئەۋلىيالىقتا تەربىيىلىنىپ، ئالەم بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرىدىغان بولۇپ كەلگەنمەن. نېمىشقا ئادەم ئەۋەتىپ مېنى تۇتىسىلەر؟
− ئاچچىقلىرىنى بېسىۋالسىلا تەقسىر، جاھاندا ئوخشاش ئىسىملىك ئادەملەر كۆپ، ئۇلار ئېزىپ قالغان ئوخشايدۇ.
− ئېزىپ قالدى دېگەن قانداق گەپ، ئۇلار ئازغان بولسا مەن ئېزىپ قالمىدىم. ھايات - ماماتلىق دەپتىرىنى ئاچىقىڭلار، تىزىملىكنى كۆرۈپ باقاي !
بۇ سۆزدىن كېيىن ئون مۇنكىر ئۇنى قەسىر ئىچىگە باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ھېكمەتلىك كالتىكىنى كۆتۈرگەن ھالدا قەسىرگە كىرىپ، دەل ئوتتۇرىدىن ئورۇن ئېلىپ جەنۇبقا قاراپ ئولتۇردى. ئون مۇنكىر دەپتەردارنى دەپتەرنى ئاچىقىشقا بۇيرۇدى. قازى بىھۆرمەتلىك بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، دەرھال دەپتەرنى ئاچىقتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى ئۆز قولىغا ئېلىپ ئاختۇرۇپ كۆرۈپ 1350 - نومۇردىن ئۆز ئىسمىنى تاپتى. دەپتەردە «غايىبتىن بولغان تاش مايمۇن ئۈچ يۈز قىرىق ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلدى» دەپ يېزىلغانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى كۆرۈپلا:
− قانچە ياشقا كىرگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ئىسمىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىساملا بولدىغۇ؟ قەلەم ئەكېلىڭلار ! − دېدى.
دەپتەردار ئالمان - تالمان قەلەمنى ئۇزاتتى. سۇن ۋۇكۇڭ دەپتەرنى ئېچىپ قويۇپ، مايمۇن ئۇرۇقىدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى سىزىپ تاشلىدى - دە، دەپتەرنى تاشلاپ بېرىپ:
− مانا، ھېسابات تۈگىدى. بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلارغا تەۋە بولمايمىز ! − دېگىنىچە كالتىكىنى ئوينىتىپ، جەھەننەمدىن چىقىپ كەتتى.
ئون مۇنكىر ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالماي، زۇمرەت بۇلۇت ئوردىسىغا كىرىپ كىتىگاربخا بۇدساتۋا بىلەن ئەرشكە ئەرز قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىشتى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
سۇن ۋۇكۇڭ قەلئەدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇشتۇمتۇت بىر تۈرمەل ئوت - چۆپكە چىرمىشىپ قالدى - دە، يۇلقىنىپ تېپچەكلىگىنىچە ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ چۈش كۆرگەنىدى. سۇن ۋۇكۇڭ سەگەكلىشىپ، بېلىنى رۇسلاپ تۇرۇشىغا تۆت سىپاھنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، قانچىلىك ھاراق ئىچكەن ئىدىلە؟ بىر كېچە ئۇخلاپمۇ ئويغانمىدىلا !
− ئۇخلىسامغۇ كاشكى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − چۈشۈمدە ئىككى ئادەم كېلىپ مېنى باغلاپ مېڭىشتى. جەھەننەم قەلئەسىنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندىلا ھوشۇمغا كېلىپ، كارامىتىمنى ئىشقا سالدىم. ئۇدۇل سامرا قەسىرىگە بېسىپ كىرىپ، ئون مۇنكىر بىلەن جېدەللەشتىم ھەمدە ھايات - ماماتلىق دەپتىرىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ئىسىملىرىمىزنى تامامەن ئۆچۈرۈۋەتتىم. ئەمدى ئۇ ئەبلەخلەر بىزنى باشقۇرالمايدۇ.
بۇنى ئاڭلاپ مايمۇنلار تەزىم قىلىشىپ، تەشەككۇر ئېيتىشتى.
ئەمدى گەپنى بۇ ياقتىن ئاڭلاڭ. بىر كۈنى تەڭرىتائالا يۇرۇن سۇلتان خىسلەتدار قەسرىدىن شاھانە ئورۇن ئېلىپ، ئەمەلدار - قەلەمدار بەگ - سىپاھلارنىڭ ئەتىگەنلىك تەزىمىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، پارسا چيۇ شۇەنجى كىرىپ ئىلتىجا قىلدى:
− سەلتەنەتلىك شاھ ئالىيلىرى، شەرقىي دېڭىزدىكى سۇ ئىلاھى ئاۋگۇاڭ نۇرانە قەسىردە ئىجازەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
يۇرۇن سۇلتان كىرىشكە ئىجازەت بەردى. ئاۋگۇاڭ خىسلەتدار قەسىرگە كىرىپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، يېزىپ كەلگەن نامىنى سۇلتانغا سۇندى. يۇرۇن سۇلتان باشتىن ئوقۇدى. نامە مۇنداق يېزىلغانىدى:
«كەمىنە تەھتىسارا ! شەرقىي پۇرۋاۋىدىخا شەرقىي دېڭىزدىكى ئەجدىھاشاھ ئاۋگۇاڭ ئەرشئەلادىكى قۇددۇس ئەزەم، ئەرشنىڭ قۇدرىتى، پەلەكنىڭ ئىززىتى سۇلتان ھەزرەتلىرىگە شۇنى ئەرز قىلىدۇلەركىم، يېقىندا بىدئەت ئەۋلىيا سۇن ۋۇكۇڭ پېقىرنى ئانىي تېپىپ، ئوردىمىزغا بېسىپ كىردى ھەمدە قورال - ياراغ، كۆرمە - تون تەلەپ قىلىپ، ئۇرۇق - جەمەتىمىزنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋەتتى. جەنۇبىي دېڭىز، غەربىي دېڭىز ۋە شىمالىي دېڭىزدىكى ئەجدىھالار ئالاقزادە بولۇشۇپ باش ئېگىشتى. پېقىر ئاۋگۇاڭمۇ ئامالسىز تىز چۆكۈپ، ئۇنىڭغا سىرلىق تۆمۈر، قىقنۇس پەرى قادالغان ئالتۇن تاج، شىرمىلىق ساۋۇت ۋە كەشلەرنى سوۋغات قىلدىم. ئۇ جانبازلىق ماھارىتىدە ھەقىقەتەن يۈكسەك كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، يېڭىش زادى مۇمكىن بولمىدى. شۇ ۋەجدىن پېقىر بۈگۈن ئالىيلىرىدىن شەپقەت ياغدۇرۇپ ئەرش لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىشنى، بۇ ئەبلەخنى بويسۇندۇرۇپ سۇسەرىمىزنى تىنچلاندۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدىم.»
يۇرۇن سۇلتان نامىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىجازەت بېرىپ:
− سۇ ئىلاھى دېڭىزغا قايتقاي. مەن سەركەردىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنى قولغا ئالىمەن، − دېدى.
قېرى سۇ ئىلاھى باش ئېگىپ رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.
ئارقىدىنلا ئەرش مۇرەببىسى گې شەنۋېن كىرىپ:
− سەلتەنەتلىك شاھ ئالىيلىرى، باقىي ئالەمدىكى چىنگۇاڭ شاھ جەھەننەم مۇئەككىلى كىتىگارىخانىڭ پەرمانىغا بىنائەن نامە ئەكەپتۇ، − دېدى.
ھۆدەيچى ھۆر قىز نامىنى ئېلىپ سۇلتانغا بەردى. يۇرۇن سۇلتان نامىنى ئوقۇپ چىقتى. نامە مۇنداق يېزىلغانىدى:
«بۈگۈن گۈلشەن تېغىنىڭ سۇ پەردىلىك غارىدىكى غايىبتىن بولغان سېھىرگەر مايمۇن سۇن ۋۇكۇڭ قاتىللىق قىلىپ ھەدددىن ئېشىپ، باشقۇرۇشىمىزغا بويسۇنمىدى. جادۇگەرلىك قىلىپ توققۇز جەھەننەمدىكى شەيتانلارنى ھالاك قىلدى. قەسرىمىز ئىچىدە ئون مۇنكىرگە تەھدىت سېلىپ، زورلۇق بىلەن ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. مايمۇن جەمەتىنى ئىلكىمىزدىن مۇستەسنا قىلىپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان قىلىۋالدى. كەمىنىلىرى شۇ ۋەجدىن ئالىيلىرىدىن ئەرش لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ جادۇگەرنى يوقىتىشنى ۋە باقىي ئالەمنى تىنچىتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.»
يۇرۇن سۇلتان نامىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىجازەت بېرىپ:
− چىنگۇاڭ شاھ جەھەننەمگە قايتقاي، مەن سەركەردىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇنى قولغا ئالىمەن، − دېدى.
چىنگۇاڭ باش ئېگىپ تەزىم قىلىپ چىقىپ كەتتى.
پەلەكنىڭ ئىززىتى يۇرۇن سۇلتان شۇئان ئەلەمدار - قەلەمدار بەگ - سىپاھلىرىنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
− بۇ جادۇگەر مايمۇن قاچان ئاپىرىدە بولغان، ئۇ شۇ قەدەر كارامەتلىكمۇ؟
ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ توپ ئىچىدىن جادۇكۆز بىلەن يەلقۇلاق چىقىپ:
− بۇ مايمۇن ئۈچ يۈز يىل ئىلگىرى ئىلاھىي تاشتىن ئاپىرىدە بولغان، ئەسلىي ئۇنىڭ قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيتتى. بۇ نەچچە يىلدا ئۇ قەيەرگە بېرىپ ئىستىقامەت قىلىپ ئەۋلىيا بولۇۋالدىكىنتاڭ، ھەتتا ئەجدىھالارنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈم رويخېتىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان دەرىجىگە يەتتى، − دېدى.
− قايسى سەركەردە چۈشۈپ ئۇنى تۇتۇپ كېلىدۇ؟ − دېدى يۇرۇن سۇلتان قول ئاستىدىكىلەرگە قاراپ.
شۇئان توپ ئارىسىدىن تارىق - چولپان بوۋاي چىقىپ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپ:
− بۇ مايمۇن ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدىن ئاپىرىدە بولغان. مانا ئەمدى ئۇ ئىستىقامەت قىلىپ ئەۋلىيا بولۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئەجدىھا، يولۋاسلارنى بويسۇندۇرغۇدەك قۇدرىتى بار تۇرسا، بىزلەر تەڭ كېلەلەرمىزمۇ؟ پېقىر ئالىيلىرىدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، قاراملىقنى رەھىمدىللىككە ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆزىمىزگە ئەل قىلىشنى كۆزلەيلى. ئەرشكە ئاچىقىپ بىرەر كىچىك ئەمەل بېرىپ، يېنىمىزدا تۇتۇپ تۇرايلى، باشقۇرۇشىمىزغا كۆنسە، كېيىنچە ئۆستۈرۈپ قويارمىز، قارشىلىق قىلىپ قالسا، مۇشۇ يەردىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتەرمىز. بۇنداقتا بىرىنچىدىن، ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بىرەر ئەۋلىيانى ئەل قىلساق خاسىيەتلىك ئىش بولىدۇ، − دېدى.
بۇ مەسلىھەتتىن يۇرۇن سۇلتان ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ:
− دېگەنلىرىدەك بولسۇن ! − دېدى - دە، قەلەم يۇلتۇز بەگنى نامە پۈتۈشكە، تارىق - چولپان بوۋاينى سۇن ۋۇكۇڭنى ئەل قىلىش ئۈچۈن بېرىشقا بۇيرۇدى.
تارىق - چولپان بوۋاي پەرماننى ئىلكىگە ئېلىپ جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىدىن چىقتى - دە، قۇتلۇق بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غارنىڭ ئالدىغا كەلدى.
− مەن ئەرشتىن كەلگەن ئەلچى بولىمەن، − دېدى ئۇ غار ئالدىدىكى مايمۇنلارغا قاراپ، − پادىشاھىڭلارنى ئەرشئەلاغا تەكلىپ قىلىپ ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ پەرمانىنى ئەكەلدىم، تېز كىرىپ خەۋەر قىلىڭلار !
مايمۇنلار بىر - بىرىگە خەۋەر قىلىپ غار ئىچىگە يەتكۈزدى:
− پادىشاھى ئالەم، سىرتتا بىر قېرى نامە ئەكەپتۇ. ئەرشتىن كەلگەن ئەلچىمەن دەيدۇ، سىلىنى ئەرشىئەلاغا تەكلىپ قىپتۇدەك ئىمىش.
بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن خۇشال بولغان سۇن ۋۇكۇڭ:
− نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزۈممۇ ئەرشكە چىقىپ سەيلە قىلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم. ئەلچى كەلگىنىمۇ ياخشى بوپتۇ. ئۇنى تەكلىپ قىلىڭلار، − دېدى - دە، ئۆزىمۇ تاج، تونلىرىنى كىيىپ، غار ئالدىغا چىقتى.
تارىق - چولپان بوۋاي غار ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ئالدىنى جەنۇبقا قىلىپ تۇرۇپ:
− مەن كۈنپېتىشتىكى تارىق - چولپان بولىمەن. يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن سىلىنى ئەرشكە تەكلىپ قىلىپ كەلدىم. مۇبارەك نامىنى قوبۇل قىلغايلا، − دېدى.
− مۇبارەك قەدەملىرىگە بارىكاللا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ خۇش چىراي ھالدا ۋە مايمۇنلارغا قاراپ، − بالىلىرىم، دەرھال زىياپەت ھازىرلاڭلار ! − دەپ بۇيرۇدى.
− ئىلكىمدە تەڭرىنىڭ پەرمانى بار، مەن ئۇزاق تۇرالمايمەن، − دېدى تارىق - چولپان بوۋاي، − بىز بىرگە ماڭايلى پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ يەرگە چىققاندىن كېيىن بىمالال ئوينىۋالىمىز.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇئان تۆت سەركەردىسىنى ئالدىغا چاقىرىپ مۇنۇلارنى جېكىلىدى:
− پەرزەنتلەرگە ئوبدان ھېزى بولۇڭلار، مەن ئەرشكە چىقىپ يولنى كۆرۈۋالغاندىن كېيىن، سىلەرنىمۇ ئاچىقىپ كېتىمەن.
تۆت سەركەردە ۋەدە بېرىشتى. سۇن ۋۇكۇڭ تارىق - چولپان بىلەن بىرگە بۇلۇت ئۈستىگە چىقىپ، ئەرشكە قاراپ ئۆرلەپ كەتتى، ئۇنىڭغا قانداق ئەمەل بېرىلگەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder