غەربكە ساياھەت - ئالتىنچى باب
ئالتىنچى باب
ئاۋالوكتسۋارانىڭ بەزمىگە كېلىپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلىقى
ياش ئەۋلىيانىڭ سۇن ۋۇكۇڭنى كۈچ بىلەن بويسۇندۇرغانلىقى
ئەرش مالائىكىلىرىنىڭ قورشاۋ ياسىغانلىقى ۋە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى قويۇپ، گەپنى بۇ ياقتىن ئاڭلايلى: جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاۋالوكتسۋارا بۇدساتۋا خان ئانىنىڭ تەكلىپى بىلەن چوڭ شاگىرتى خۇيئەن شىڭجىنىباشلاپ قاشبۇلاق راۋىقىدىكى زىياپەت سورۇنىغا كەلگەندە، ئۇ يەرنىڭ مالىمان قىلىنىپ، چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى ۋە ئۆرە تۇرۇشقان بىرقانچە ئەۋلىيانىڭ قانداقتۇر بىر ئىش ئۈستىدە بىسەرەمجان ھالدا غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇدساتۋا ئەۋلىيالار بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەۋلىيالار ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەنى بىرقۇر بايان قىلدى. بۇدساتۋا بۇنى ئاڭلاپ:
− بەزمىمۇ ئۆتكۈزۈلمەپتۇ، ھاراق - شارابمۇ ئىچىشمەپسىلەر، يۈرۈڭلار، بېرىپ يۇرۇن سۇلتان بىلەن كۆرۈشۈپ باقايلى، − دېدى.
ئەۋلىيالار خۇشال ھالدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
بۇدساتۋا كۆپچىلىكنى ئەگەشتۈرۈپ خىسلەتدار قەسرىگە كەلدى ۋە يۇرۇن سۇلتانغا تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئەۋلىيا پېشۋاسى، خان ئانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تېگىشلىك جايدىن ئورۇن ئېلىشتى.
− پىرونۇس شاپتۇل بەزمىسى قانداق بولدى؟ − دەپ سورىدى بۇدساتۋا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن.
− ھەر يىلى بەزمىمىز ناھايىتى خۇشال - خۇرام ئۆتەتتى، بۇ يىل قارغىش تەگكۈر مايمۇن مالىمان قىلىپ تازا قاملاشمىغان ئىش بولدى، − دېدى يۇرۇن سۇلتان.
− قەيەردىكى مايمۇننى دەيدىلا؟ − سورىدى بۇدساتۋا.
− بۇ مايمۇن شەرقىي پۇرۋاۋىدىخا ئاۋلەي مەملىكىتىنىڭ گۈلشەن تېغىدىكى تاش ئۇرۇقىدىن ئاپىرىدە بولغان. دەسلەپ ئۇنىڭ كۆزىدىن چاقنىغان ئالتۇن نۇر قۇتۇپ ئوردىمىزغا يېتىپ كەلدى. بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي يۈرسەك، ئۇ تېخىمۇ يامانلىشىپ ئەجدىھا، يولۋاسلارنى تەسلىم قىلىپ، ئۆلۈم رويخېتىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. ئاخىر ئۇنى ئەرشكە چاقىرىپ خەيلىخانىدا مىراخورلۇق ۋەزىپىسىنى بەردۇق. بۇ ئەبلەخ ئەمەلنى كىچىك كۆرۈپ، ئەرشكە ئۆكتە قوپتى. شۇنىڭ بىلەن ۋايجىراۋانا بىلەن شاھزادە ناجانى ئەۋەتىپ ئۇنى ئەرشكە قايتۇرۇپ كەلدۇق ۋە «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم»لىكنى بېرىپ، شاپتۇللۇق باغنى باشقۇرۇشقا قويدۇق. ئۇ قانۇن - تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلماي قېرى دەرەختىكى شاپتۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوغرىلاپ يەپ تۈگەتتى، بۈگۈنكى زىياپەتكە ئۇنى تىزىملىكتە يوق دەپ چاقىرمىغاچقا، ئۇ ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ يالاڭ ئاياغ پىركامىلنى ئالداپتۇ. ئۆزى ئۇنىڭ سىياقىغا ئۆزگىرىپ بەزمە سورۇنىغا كىرىپتۇ - دە، تەييارلانغان نازۇنېمەتلەرنى، ھاراق - شارابلارنى يەپ - ئىچىپ تۈگىتىپتۇ. بۇنى ئاز دەپ پېشۋا چالنىڭ ئىسكىر - ناياپىنى ۋە بىرقانچە ئىدىش شارابىنى ئوغرىلاپ، تاغ - تۇرايىغا قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشلارغا قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ، يۈز مىڭ لەشكەرنى يەردە قاپقان، ئاسماندا تور قۇرۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدىم. بىر كۈن بولدى، تېخى يېڭىش - يېڭىلىشتىن خەۋەر يوق.
بۇدساتۋا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇيئەنگە:
− دەرھال ئەرشتىن چۈشۈپ، گۈلشەن تېغىدىكى جەڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلاپ كەلگىن. جەڭنىڭ ئۈستىگە بېرىپ قالساڭ، سەنمۇ ياردەملەشكىن. ھەقىقىي ئەھۋالنى چوقۇم ئۇقۇپ كەلگىن، − دەپ جېكىلىدى.
خۇيئەن كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، قولىغا بىر تۆمۈر گۈرزىنى ئالدى - دە، قەسىردىن چىقىپلا بۇلۇت بىلەن گۈلشەن تېغىغا يېتىپ كەلدى. قارىغۇدەك بولسا، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇلۇپ، ھەرقايسى بارگاھلاردىكى لەشكەرلەر قوڭغۇراق، كانايلارنى تۇتقان ھالدا تاغنى چەمبەرچاس قورشاپ تۇرغۇدەك. ئۇ تۇغچىغا ئەگىشىپ ئارامگاھقا كىرىپ، تۆت چوڭ پەلەك شاھى بىلەن ۋايجىراۋاناغا ئېگىلىپ سالام بەردى.
− ئوغلۇم، سەن قاياقتىن كېلىپ قالدىڭ؟ − دەپ سورىدى ۋايجىراۋانا سالامدىن كېيىن.
− كەم ئەقىل ئوغۇللىرى بۇدساتۋا بىلەن شاپتۇل بەزمىسىگە كېلىپ، يۇرۇن سۇلتان بىلەن كۆرۈشكەنىدىم. يۇرۇن سۇلتان: «شاھ ئاتىمىزنى بۇ يەرگە جادۇگەر مايمۇننى تۇتۇش ئۈچۈن كەتتى، بىر كۈن بولدى خەۋەر كەلمىدى. قانداق بولغىنىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇدساتۋا ئەھۋال ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتى، − دېدى خۇيئەن.
ۋايجىراۋانا ئەھۋالنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
− تۈنۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ بارگاھ تىكلىگەندىن كېيىن، توققۇز ئەقرەبنى جەڭگە چىقارغانىدىم. ئۇ ئەبلەخ سېھىرگەرلىكنى ئىشقا سالغانلىقتىن، توققۇز ئەقرەب يېڭىلىپ قايتىپ كەلدى. كېيىن ئۆزۈم لەشكەر باشلاپ باردىم. ئۇ ئەبلەخمۇ سەپ تۈزۈپ جەڭگە ھازىر بولدى. يۈز مىڭ لەشكىرىم كەچ كىرگۈچە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشتى. ئاخىر ئۇ تېنىنى پارچىلاش سېھرى بىلەن بىزنى چېكىندۈردى. لەشكەرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ قارىسام، پەقەت بۆرە، يولۋاس، يىلپىز دېگەنلەرلا قولغا چۈشۈپتۇ. مايمۇن پۇشتىدىكىلەردىن بىرىمۇ تۇتۇلماپتۇ. بۈگۈن تېخى جەڭگە چىقمىدۇق.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ سىرتتىن بىرى خەۋەر ئەكىردى:
− ھېلىقى ئەۋلىيا ئەزەم بىر توپ مايمۇننى باشلاپ ئېلىشىمىز دەپ كەلدى !
تۆت پەلەك شاھى، ۋايجىراۋانا ۋە شاھزادە ناجالار دەرھال لەشكەرلىرىنى باشلاپ سىرتقا چىقتى. خۇيئەن ئۇلارغا ئەگىشىپ چىقىپ:
− شاھ ئاتا، بۇدساتۋا كەم ئەقىل ئوغۇللىرىغا گەپ تاپىلىغاندا، جەڭ بولۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بېرىپ قالساڭ، ياردەملەشسەڭ بولىدۇ، دېگەنىدى. بۈگۈن ھەقىقەتەن تەلىيىم بار ئىكەن. ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىر كۆرۈپ باقاي، − دەپ ئىلتىماس قىلدى.
ۋايجىراۋانا ئىجازەت بېرىپ:
− ئوغلۇم، سەن بۇدساتۋاغا نەچچە يىل ئەگىشىپ يۈردۈڭ، ئاز - پاز ماھارەتمۇ ئۆگەنگەنسەن، ئېغىر ئالمىساڭ، ياردىمىڭنى ئايىما، − دېدى.
خۇيئەن ئىككى قولىغا بىردىن تۆمۈر گۈرزىنى ئېلىپ، يەڭلىرىنى شىمايلاپ ئېتىلىپ چىقتى - دە:
− ئەۋلىيا ئەزەم قايسىڭ بولىسەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ دىلىپسەن گۈرزىسىنى تەڭلەپ تۇرۇپ:
− مانا مەن بولىمەن. ئۆزۈڭ كىمسەن؟ يۈرىكىڭنى قاپتەك قىلىپ مېنى سۈرۈشتە قىلىسەنا−؟ دېدى.
− مەن ۋايجىراۋانانىڭ ئىككىنچى شاھزادىسى مۇچا بولىمەن. ھازىر ئاۋالوكتسۋارا بۇدساتۋانىڭ ئەرۋىڭىدە دىن قوغدار پاسىبان شاگىرتى بولۇۋاتىمەن. راھىبلىق نامىم خۇيئەندۇر.
− سەن جەنۇبىي دېڭىزدا راھىبلىقىڭنى قىلماي نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە مېنى ئىزدەپ كەلدىڭ؟
− ئۇستازىم ئۇرۇش ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدى. سېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتكىنىڭنى كۆرۈپ، ئەدىپىڭنى بېرىپ قوياي دەيمەن !
− ئەجەپ چوڭ گەپ قىلىسەنا؟ ئالدىرىما، ئاكاڭنىڭ كالتىكىنى بىر تېتىپ كۆرگىن !
مۇچا قىلچە ھودۇقماستىن گۈرزىنى توغرىلاپ سۇن ۋۇكۇڭغا تاقابىل تۇردى. ئۇلار ئەللىك - ئاتمىش قەپەس ئېلىشقاندىن كېيىن خۇيئەننىڭ بىلەكلىرى تېلىپ سىرقىراپ، بەرداشلىق بېرەلمىدى - دە، يېڭىلىپ دەلدەڭشىگەن ھالدا قاچتى. سۇن ۋۇكۇڭ مايمۇن لەشكەرلىرىنى قايتۇرۇپ، غار ئالدىغا يېنىپ كەلدى. بارگاھ ئالدىدا ئەرش لەشكەرلىرى ھالىدىن كەتكەن شاھزادە مۇچانى يۆلىۋالدى. مۇچا لەشكەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئارامگاھ يامۇلغا كىرىپ تۆت پەلەك شاھى، ۋايجىراۋانا ۋە ناجالارغا ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ تۇرۇپ:
− ئەۋلىيا ئەزەم ھەقىقەتەن كارامەتلىك ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ قالدىم، − دېدى.
ۋايجىراۋانا بۇ ھالنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈدى ۋە دەرھال ياردەم تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ يېزىپ، مەكتۇپنى ئەرشكە يەتكۈزۈشكە كۈچتۈڭگۈر جەنناس بىلەن شاھزادە مۇچانى بۇيرۇدى.
بۇ ئىككىسى شۇ زامات ئاسمانغا تارتىلغان توردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۇلۇت ئۈستىگە چىقتى - دە، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە، خىسلەتدار قەسرىگە يېتىپ كېلىپ، مەكتۇپنى بەردى.
يۇرۇن سۇلتان مەكتۇپنى ئېچىپ ئوقۇپ، ياردەم تەلەپ قىلىنغانلىقىنى كۆردى - دە، ئاچچىق بىر كۈلۈۋېتىپ:
− بۇ لەنىتى مايمۇن يۈز مىڭ لەشكىرىمگە تاقابىل تۇرغۇدەك شۇ قەدەر قابىلمىدۇ؟ ۋايجىراۋانا يەنە ياردەم سوراپتۇ. ئەمدى قايسى لەشكەرلەرنى ئەۋەتەرمەن؟ − دېدى.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا ئاۋالوكتسۋارا ئالىقانلىرىنى جۈپلەپ:
− جانابىي ئالىيلىرى ئەيىب كۆرمىسىلە، مەن بىر ئەۋلىيانى كۆرسىتەي، ئۇ ھېلىقى مايمۇننى تۇتۇپ كېلىشكە قادىردۇر، − دېدى.
− خوش، قايسى ئەۋلىيانى كۆرسەتمەكچى ئىدىلە؟
− ئۇ ئالىيلىرىنىڭ جىيەن ئوغلى ئەۋلىيا ئېرلاڭ ئەزىمەتلىرىدۇر. ھازىر جۇگۇەن ئايمىقىنىڭ گۇەنجاڭ دەرياسى ئېغىزىدا تۇرۇپ، زېمىننىڭ نەزىر - چىراغلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئالتە چىلتەننى ئۆلتۈرگەن. مېيشەن تېغىدا ئىككى قېرىندىشى، قول ئاستىدا بىر مىڭ ئىككى يۈز تۈكباش مالائىكىسى بار. ئالىيلىرى ئۇنى لەشكەر چىقىرىپ ياردەم قىلىشقا چاقىرسىلا مايمۇننى تۇتۇشقا تامامەن مۇمكىن بولىدۇ.
يۇرۇن سۇلتان بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال لەشكەر ئەۋەتىش پەرمانى چۈشۈرۈپ، كۈچتۈڭگۈر جەنناسنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى.
جەنناس پەرماننى ئالغاندىن كېيىن بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ گۇەنجاڭ دەرياسى ئېغىزىغا كېلىپ چۈشتى ۋە بىرەر سائەتتىن كېيىن ئەۋلىيا ئېرلاڭ تۇرۇشلۇق بۇتخانىغا يېتىپ كەلدى. دەرۋازىۋەن مالائىكى يۈگۈرۈپ كىرىپ:
− ئەرش ئەلچىسى پەرمان ئەكەپتۇ، − دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
ئېرلاڭ قېرىنداشلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ پەرماننى تاپشۇرۇۋالدى ۋە كۈجە - ئىسرىق كۆيدۈرۈپ پەرماننى ئوقۇدى. پەرماندا مۇنداق دېيىلگەنىدى:
«گۈلشەن تېغىدىكى جادۇگەر مايمۇن پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم قالايمىقانچىلىق چىقاردى. مۇبارەك ئوردىمىزدا شاپتۇل، مەي ۋە ئىسكىر - ناياپلارنى ئوغرىلاپ، پىرونۇس شاپتۇل بەزمىسىنى مالىمان قىلغاچقا، ئۇنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن يۈز مىڭ لەشكەر ئەۋەتكەنىدىم. ئۇلار ئون سەككىز يەردە تور ۋە قاپقان قۇرۇپ، تاغنى مۇھاسىرىگە ئېلىپمۇ غەلىبە قىلالمىدى. شۇ ۋەجدىن سىز قەدىرلىك جىيەنىمنى ۋە پىداكار قېرىنداشلىرىڭىزنى گۈلشەن تېغىغا بېرىپ قورشاپ يوقىتىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن چاقىردىم. غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەرتىۋەڭلەرنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مۇكاپات بىلەن تارتۇقلايمەن.»
ئېرلاڭ بۇنىڭدىن چەكسىز خۇشال بولۇپ:
− قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ئەلچى. مەن ھازىرلا قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ جەڭگە ئاتلىنىمەن، − دېدى.
جەنناسنىڭ قايتىپ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سۆزلىمەي قويايلى.
ئەۋلىيا ئېرلاڭ شۇ زامات تاغ - تۇراسىدىكى لەشكەرلىرىنى سەپكە تىزىپ، قارچىغا - تايغانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئوقيا - ساداقلىرىنى بەتلىدى - دە، شىددەتلىك بوران چىقىرىپ شەرقىي دېڭىزدىن كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۆتتى. گۈلشەن تېغىغا كەلگەندە قاتمۇقات تور - قاپقانلار ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇۋالدى.
− ھەي، تور - قاپقان لەشكەرلىرى، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ! − دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، − مەن ئەۋلىيا ئەرلاڭ ئەزىمەت بولىمەن، يۇرۇن سۇلتاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن جادۇگەر مايمۇننى تۇتۇش ئۈچۈن كەلدىم. بارگاھنىڭ قوۋۇقىنى دەرھال ئېچىڭلار !
بىرئازدىن كېيىن مالائىكىلەر قاتمۇقات تور - قاپقانلاردىن ئۆتۈپ، بارگاھقا كىردى. تۆت چوڭ پەلەك شاھى ۋە ۋايجىراۋانا قاتارلىقلار ئارامگاھ يامۇلدىن چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ۋايجىراۋانا ئەھۋاللارنى بىرقۇر بايان قىلدى. ئېرلاڭ كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دېدى:
− پېقىر بۇ يەرگە كەلگەنىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزگىرىشتە بىر ئېلىشىپ باقماقچى. جانابىي سەركەردىلەر ئاسمانغا تارتىلغان تورنى ئېلىۋېتىپ، ئەتراپىنى مۇستەھكەم قىلسىلا. ئۆزۈم بىر قەپەس ئېلىشىپ باقاي. ۋايجىراۋانا كۆكتە تۇرۇپ ماڭا جادۇگەرنى كۆرسىتىش ئەينىكىنى تۇتۇپ بەرسۇن. بەلكىم ئۇ يېڭىلىپ باشقا ياققا قېچىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا ئۇنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەينەكتە ئۇنى زاھىر قىلىش ھاجەتتۇر.
شۇنىڭ بىلەن ئەزىمەت ئېرلاڭ تۆت پاششاپ بېگى، ئىككى سەركەردىنى باشلاپ، جەڭگە ئاتلىنىپ بارگاھتىن چىقتى. ئۇلار سۇ پەردىلىك غارنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆردىكى، رەتلىك تىزىلغان سانسىز مايمۇن ھەيۋەتلىك قوشۇن تەشكىل قىلغانىدى. قوشۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تۇغ تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن خەت يېزىلغانىدى. بارگاھ ئېغىزىدىكى مايمۇنلار ئېرلاڭنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال كىرىپ خەۋەر يەتكۈزدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئالتۇن توقىلىق گۈرزىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئالتۇن ساۋۇتىنى، يۇمشاق ئۆتۈكىنى ۋە ئالتۇن تاجنى كىيدى - دە، بارگاھتىن ئېتىلىپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەددى - قامىتى كېلىشكەن بىر ئۆزگىچە ياسانغان ئېرلاڭ ئەزىمەت تۇراتتى.
نەزم
قاملاشقاندۇر قامىتى، ئۇندىنمۇ بەك جامالى،
قۇلاقلىرى ئالىقاندەك، كۆزلىرى خۇپ نۇرانە.
سۇمۇرغ گۈللۈك دوپپىسى زىننەت بەرگەن ھۆسنىگە،
زەپى رەڭلىك كەمزۇلى ئېسىللىكتە يېگانە.
مەغرۇرلۇقتا ياراتماس ئۆز پۇشتىنى ئۇ ھەتتا،
گۇەنجاڭ ئارا كۆرەڭلەپ سۈرۈپ كەلگەن دەۋرانە.
ياردەم قىلار كىشىگە چىن سەمىمىي دىل بىلەن،
ئېرلاڭ دېگەن نامى بار، ئۇ يېتىشكەن مەردانە.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى كۆرۈپلا:
− قەيەردىن كەلگەن نوچىسەن؟ يۈرىكىڭنى قاپتەك قىلىپ مەن بىلەن ئېلىشماقچىمۇسەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى.
− كۆزۈڭ تامنىڭ تۆشۈكىمۇ نېمە؟ مېنى تونۇمايۋاتامسەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى ئېرلاڭمۇ، − مەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ جىيەنى، كىشىلەرگە ياردەم ئاتا قىلغۇچى خىسلەتلىك پادىشاھ ئېرلاڭ بولىمەن. بۈگۈن تەڭرىتائالانىڭ پەرمانى بىلەن ئەرش ئوردىسىنى مالىمان قىلغان مىراخور مايمۇنەكنى تۇتقىلى كەلدىم. بۇرنۇڭغا ئۆلۈم پۇرىمايۋاتامدۇ؟
− تىللاي دېسەم سەن بىلەن ھېچقانداق ئاداۋىتىمىز يوق، بىرەر كالتەك سالاي دېسەم جېنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى. سەن كىچىك بولغاندىكىن تېز بېرىپ پەلەك شاھلىرىنى چاقىرىپ كەلگىن.
ئېرلاڭ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە:
− ھەي ناكەس مايمۇن، ئەجەب بىھۆرمەتلىك قىلىسەنا؟ ئەمدى نەيزەمنى تېتىپ كۆرگىن ! − دېگىنىچە ئېتىلىپ كەلدى.
سۇن ۋۇكۇڭ چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئالتۇن توقىلىق گۈرزىسىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردى. ئۇلار ئۈچ يۈز قەپەس ئېلىشىپمۇ بىر - بىرىنى يېڭەلمىدى. بۇ چاغدا ئېرلاڭ بىرلا سىلكىنىپ ئون مىڭ گەز ئېگىزلىكتىن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بېشىغا قارىتىپ چاپتى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئېرلاڭنىڭ بوي - قامىتى ۋە تەلەتى بىلەن ئوپئوخشاش بولۇپ ئۆزگەردى - دە، ئالتۇن توقىلىق دىلىپسەن گۈرزىسىنى توغرىلاپ، خۇددى كۇئېنلۇن چوققىسىدەك بەھەيۋەت بىلەن ئېرلاڭغا تاقابىل تۇردى. بۇ دەھشەتتىن قورقۇپ كەتكەن ئىككى مايمۇن سەركەردە قوللىرىدىكى تۇغ - ئەلەملەرنى تاشلاپ، لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى. قالغان ئىككى مايمۇن سەركەردە بولسا قىلىچلىرىنى تۇتقان پېتى داڭ قېتىپلا قالدى. بۇ چاغدا ئېرلاڭنىڭ ئالتە سەركەردىسى چۇقان سېلىشىپ، سۇ پەردىلىك غار ئالدىدىكى بارگاھقا شىددەت بىلەن بېسىپ كەلدى. بىچارە سەركەردىلەر ۋە مايمۇنلار ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىنى، قىلىچ - شەمشەرلىرىنى تاشلاپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ تەرەپ - تەرەپكە قېچىشتى. گاھىلىرى تاغقا چىقىپ مۆكۈشسە، گاھىلىرى غارغا كىرىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشتى. ئاخىر مۈشۈككە يولۇققان چاشقانلاردەك تىرىپىرەن بولۇپ تېزىپ كەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ قاتتىق ئېلىشىۋېتىپ، بارگاھتىكى مايمۇنلارنىڭ قورقۇپ قېچىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى - دە، كۆڭلى دەككە - دۈككىدە بولۇپ، سېھرىي قىياپىتىدىن ياندى ۋە گۈرزىسىنى چۈشۈرۈپ مەيداندىن چېكىندى. ئېرلاڭ ئۇنىڭ يېڭىلىپ قاچقانلىقىنى كۆرۈپ، ئارقىدىن قوغلاپ كېلىپ:
− قېچىپ قەيەرگە بارىسەن؟ بالدۇرراق تەسلىم بولساڭ جېنىڭ ئامان قالىدۇ ! − دەپ ۋارقىرىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماستىن بار كۈچى بىلەن غار تەرەپكە قاراپ چاپتى. غار ئالدىغا كەلگەندە ئالتە سەركەردە لەشكەرلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ:
− ھەي نانقېپى مايمۇن، قەيەرگە قاچماقچىسەن؟ − دېگىنىچە دېۋەيلىشىپ كەلدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئالاقزادە بولۇپ، گۈرزىسىنى كەشتە يىڭنىسىچىلىك قىلدى - دە، قۇلىقىغا سېلىۋېلىپ، شۇ زامات قۇشقاچقا ئۆزگىرىپ) دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇۋالدى. ئالتە سەركەردە ئالمان - تالمان ئەتراپنى ئاختۇرۇپ تاپالمىغاندىن كېيىن ھەيران بولۇشۇپ:
− بۇ مايمۇن قېچىپتۇ - دە ! − دېيىشتى.
ئېرلاڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئەتراپنى كۆزىتىپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قۇشقاچقا ئۆزگىرىپ، دەرەخكە چىقىۋالغانلىقىنى كۆردى - دە، سېھرىي قىياپىتىدىن قايتىپ، قۇرغۇيغا ئۆزگىرىپلا غۇيۇلداپ ئېتىلىپ كەلدى، سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پۇررىدە كۆتۈرۈلۈپ، قاغىغا ئۆزگىرىپلا ئاسمانغا تىك ئۆرلەپ چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن ئېرلاڭمۇ شاققىدە چايكىغا ئۆزگىرىپ، بۇلۇتلار ئارىسىدىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ ئۇنى قوغلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ بولسا تۇيۇقسىزلا تۆۋەنلەپ جىلغىغا چۈشتى - دە، بېلىققا ئۆزگىرىپ چولتوككىدە قىلىپ دەرياغا كىرىپ كەتتى. ئېرلاڭ ئۇنى قوغلاپ كېلىپ جىلغىدىن قارىسىنىمۇ ئۇچرىتالمىغاندىن كېيىن «بۇ مايمۇنەك چوقۇم دەرياغا چۈشۈپ بېلىققا ئۆزگىرىۋالغان بولسا كېرەك، ئۇنى يەنە ئۆزگىرىپ تۇرۇپ تۇتمىسام بولمىدى» دەپ ئويلىدى - دە، دېگەندەك بىر بېلىقئالغۇچقا ئۆزگىرىپ، دەريا ئۈستىدە ئايلىنىشقا باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ بېلىققا ئۆزگىرىپ، سۇنىڭ ئېقىشى بويىچە كېتىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت قۇرغۇي دېسە قۇرغۇي ئەمەس، لاچىن دېسە لاچىن ئەمەس بىر قۇشنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ كۆڭلىدە «چوقۇم ئېرلاڭ مۇشۇنداق ئۆزگىرىۋېلىپ، مېنى ساقلاپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدى ۋە غاچچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ، بەدەر قاچتى. بۇنى كۆرگەن ئېرلاڭ.
− ھەي بېلىق، نېمە مېنى كۆرۈپلا قاچىسەن؟ سەن چوقۇم مايمۇندىن ئۆزگىرىۋالغانغۇ دەيمەن؟ − دېگىنىچە ئېتىلىپ چۈشۈپ، شارتتىدە تۇمشۇقىنى تىقتى. سۇن ۋۇكۇڭ سۇدىن شۇڭغۇپ چىقىپ، غاچچىدە بىر يىلانغا ئۆزگىرىۋالدى ۋە قىرغاقتىن چىقىپ چۆپلۈككە مۆكۈنۈۋالدى. دەريادىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن ئېرلاڭ سۇدىن ۋىژىلداپ چىقىپ كېتىۋاتقان بىر يىلاننى كۆرۈپ قالدى - دە، ئۇنىڭ سۇن ۋۇكۇڭ ئىكەنلىكىنى پەملەپ، چاققانلىق بىلەن بىر سۇر تۇرنىغا ئۆزگەردى ۋە قىسقۇچتەك ئۇزۇن، ئۇچلۇق تۇمشۇقىنى سوزۇپ، يىلانغا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. يىلان شۇ ھامان بىرلا تاقلاپ پاختەككە ئۆزگىرىۋالدى. ئېرلاڭ بۇ چاغدا ئەسلىي قىياپىتىگە قايتىپ، كامالىكنى چىقىرىپ نىشانلاپ تۇرۇپ بىر قويدى - دە، ئۇنى تىك موللاق چۈشۈرۈۋەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىيادىن دومىلاپ چۈشكەنچە يەردە دۈم يېتىپ بىر بۇتخانىغا ئۆزگىرىۋالدى ۋە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئىشىك، چىشلىرىنى ئىشىك قانىتى، تىلىنى مەبۇت، كۆزىنى روجەك قىلىۋالدى. يىغىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان قۇيرۇقىنى بولسا بۇتخانا ئارقىسىغا تىكلەپ تۇغ قىلدى. ئېرلاڭ قىيادىن چۈشۈپ يىقىلغان قۇشنى تاپالمىدى. قارىغۇدەك بولسا، ئۇ يەردە بىر بۇتخانا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەك. ئۇ سۇمۇرغ كۆزىنى ئېچىپ زەن سېلىپ قارىدى ۋە بۇتخانا ئارقىسىدىكى تۇغنى كۆرۈپ، ھىجايغان ھالدا:
− بۇ مايمۇنەك يەنە مېنى كولدۇرلىتىۋېتىپتۇ - دە ! مەن بۇتخانا كەينىگە تۇغ تىكلەنگەنلىكىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدىم. بۇ شۇ مايمۇننىڭ ھىيلىسى بولماي نېمە؟ ئۇ مېنى ئالداپ بۇتخانىغا كىرگۈزۈۋالسا، كاپلا قىلىپ چىشلىۋالىدۇ. ھىم، مەن ئالدىنىپ كىرەتتىممۇ؟ خەپ توختاپ تۇر، مۇشتۇمۇم بىلەن روجەكلىرىڭنى چېقىپ، ئىشىكىڭنى تېپىپ ئۆرۈۋەتمىسەم، − دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ ۋەھىمىگە چۆمگەن ھالدا: «بۇنىڭ رەھىمسىزلىكىنى قارا ! ئىشىك مېنىڭ چىشلىرىم، روجەك كۆزلىرىم تۇرسا، چىشلىرىمنى چېقىپ، كۆزلىرىمنى قۇيۇۋەتسە قانداق بولىدۇ؟» دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى ۋە ئورنىدىن دىككىدە سەكرەپ تۇرۇپ، ھاۋاغا چىقىپ كۆزدىن غايىب بولدى.
ئېرلاڭ تەرەپ - تەرەپنى ئىزدەشكە باشلىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئالتە سەركەردىسى كېلىپ:
− ئاكا، ئەۋلىيا ئەزەمنى تۇتالمىدىڭىزمۇ؟ − دەپ سورىدى.
− باياتىن ئۇ مايمۇنەك مېنىڭ كۆزۈمنى غەلەت قىلىپ، بىر بۇتخانىغا ئۆزگىرىۋالغانىدى، − دېدى ئېرلاڭ كۈلۈپ قويۇپ، − روجەكلىرىنى چېقىپ، چىشلىرىنى تۆكۈۋېتەي دەپ تۇرۇشۇمغا، بىر سەكرەپلا كۆزدىن غايىب بولدى. توۋا، ئەجەبمۇ شەيتان نېمىكەن بۇ !
ئالتە سەركەردە ھەيران بولۇشۇپ ئەتراپقا تەڭلا قاراشتى. بىراق، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمىدى. ئېرلاڭ ئۇلارغا:
− قېرىنداشلىرىم، سىلەر مۇشۇ يەردە كۆزىتىپ تۇرۇڭلار. مەن بېرىپ ئۇلارنى ئىزدەپ باقاي، − دېدى ۋە بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ ئاسمان قەھرىگە ئۆرلەپ چىقتى.
ۋايجىراۋانا جادۇگەرنى كۆرسىتىدىغان ئەينەكنى تۇتۇپ، ناجا بىلەن بۇلۇت ئۈستىدە تۇراتتى. ئېرلاڭ ئۇلارنى كۆرۈپلا:
− ھېلىقى مايمۇن پادىشاھىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ − دەپ سورىدى.
− ئايان بولغاندەك قىلمىدى، مەن ئەينەكنى شۇنىڭغىلا توغرىلاپ تۇرۇۋاتىمەن، − دېدى ۋايجىراۋانا.
ئېرلاڭ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزگىرىشتە بەسلىشىپ، كارامەت كۆرسەتكەنلىكىنى، مايمۇنلارنى چۆچۈتۈپ قاچۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىرقۇر سۆزلەپ بولۇپ:
− ئۇ بۇتخانىغا ئۆزگىرىۋالغاندا تازا بىر ئەدىپىنى بېرەي دەپ تۇرۇشۇمغا قېچىپ كەتتى ئەمەسمۇ؟ − دېدى.
ۋايجىراۋانا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جادۇگەرنى كۆرسىتىش ئەينىكى بىلەن ئەتراپنى بىرقۇر كۆزەتكەندىن كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
− ئېرلاڭ ئەزىمەت، چاققان بولسىلا ! ئۇ مايمۇن غايىب بولۇش سېھرىنى ئىشقا سېلىپ، بارگاھ قورشاۋىدىن چىقىپ، سىلىنىڭ گۇەنجاڭ ئېغىزىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ، − دېدى.
ئېرلاڭ بۇنى ئاڭلاپلا شەمشەر قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ گۇەنجاڭ ئېغىزىغا قاراپ قوغلاپ كەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ گۇەنجاڭ ئېغىزىغا يېتىپ كېلىپ، ئېرلاڭنىڭ بوۋىسىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالدى - دە، بۇلۇتتىن چۈشۈپ بۇتخانىغا كىردى. شەيخ مۇنكىرلار ئۇنى راستتىنلا ئېرلاڭنىڭ بوۋىسى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ باش ئېگىشىپ كۈتۈۋالدى. سۇن ۋۇكۇڭ بۇتخانىغا كىرىپلا كۈجە - ئىسرىق ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. دەل شۇ پەيتتە بىرى كىرىپ: «ئېرلاڭ بېگىم كەلدى» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
شەيخلار ئۇنى كۆرۈپلا ھەيران قېلىشتى. ئېرلاڭ ئۇلاردىن:
− ئەۋلىيا ئەزەم دەيدىغان بىرى بۇ يەرگە كەلمىدىمۇ؟ − دەپ سورىدى.
− ئەزەم - پەزەم دېگەننى كۆرمىدۇق. پەقەت بوۋىمىز كېلىپ كۈجە - ئىسرىقلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، − دېدى شەيخلار بىردەك.
ئېرلاڭ شۇئان بۇتخانىغا ئېتىلىپ كىردى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى كۆرۈپ، ئەسلىي قىياپىتىگە قايتتى ۋە:
− ئېرلاڭ ئەزىمەت، بۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتمىسىلە، بۇ بۇتخانا ماڭا تەۋە بولدى ! − دېدى.
ئېرلاڭ دەرھال ئۈچ ئۇچى بار ئىككى بىسلىق نەيزىسىنى تەڭلەپ ئېتىلىپ كەلدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۆزىنى شاققىدە قاچۇرۇپ، دىلىپسەن گۈرزىسىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردى. ئىككىيلەن قاتتىق ئېلىشقان پېتى بۇتخانىدىن چىقتى - دە، گاھى بۇلۇتلار ئۈستىدە، گاھى تۇمانلار ئارىسىدا پومىداقلىشىپ، گاھ ئېلىشىپ، گاھ قوغلىشىپ، يەنە گۈلشەن تېغىغا كېلىپ قالدى. ئالاقزادە بولغان پەلەك شاھلىرى ۋە سەركەردىلەر جىددىيلىشىپ مۇداپىئەنى كۈچەيتتى.
ئەمدى كۈچتۈڭگۈر جەنناسقا كەلسەك، ئۇ ئېرلاڭ ئەزىمەت ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى سۇن ۋۇكۇڭنى تۇتۇشقا ئەۋەتىۋەتكەندىن كېيىن، ئەرشكە قايتىپ چىقىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.
يۇرۇن سۇلتان، بۇدساتۋا، خان ئانا ۋە ئوردا سىپاھلىرى خىسلەتدار قەسىردە ئولتۇرۇپ، تاقەتسىزلەنگەن ھالدا:
− ئېرلاڭ جەڭگە ئۆتكەن تۇرۇقلۇق يەنە خەۋەر كەلمەيدىغۇ؟ − دېيىشتى.
بۇ چاغدا بۇدساتۋا ئالىقىنىنى جۈپلەپ تۇرۇپ:
− كەمىنىلىرى جانابىي ئالىيلىرى ۋە پىر ئۇستازلارنىڭ جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىغا چىقىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى ئىلتىجا قىلىمەن، − دېدى.
− ياخشى گەپ بولدى ! − دېدى يۇرۇن سۇلتان ۋە دەرھال ئالىي قەسىردىن چۈشۈپ، پىر ئۇستاز، ئاۋالوكتسۋارا، خان ئانىلار بىلەن بىرگە جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىغا چىقتى. بۇ يەردىكى ئەرش كۈتۋاللىرى ۋە كۈچتۈڭگۈرلەر ئۇلارنى كۈتۈۋېلىپ، دەرۋازىنى ئېچىپ بەردى. ئۇلار تۆۋەنگە نەزەر ئاغدۇرۇشتى. ئەرش لەشكەرلىرى ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، ئەتراپنى قورشىۋالغانىدى. ۋايجىراۋانا بىلەن ناجا جادۇگەرنى كۆرسىتىش ئەينىكىنى تۇتۇپ بۇلۇت ئۈستىدە تۇراتتى. ئېرلاڭ ئەزىمەت سۇن ۋۇكۇڭنى قورشاۋ ئىچىگە قىستاپ كىرىپ قاتتىق ئېلىشىۋاتاتتى. بۇدساتۋا ئەۋلىيا پېشۋاسىغا قاراپ:
− كەمىنىلىرى كۆرسەتكەن ئېرلاڭ ئەۋلىيا قانداقراق ئىكەن؟ كۆرۈپ تۇرۇپتىلىكى، ئۇ ھەقىقەتەن كارامەتلىك يىگىت. ئۇنى تېخى تۇتالمىغان بىلەن قورشاۋ ئىچىگە سولىۋالدى. ئەمدى مەن ئازراقلا مەدەت بەرسەملا گەپ يوق ئۇنى قولغا چۈشۈرىدۇ، − دېدى.
− سىلى قانداق قورال ئىشلىتىپ، قانداق مەدەت بەرمەكچى بولۇۋاتىدىلا؟ − سورىدى ئەۋلىيا پېشۋاسى ئۇنىڭدىن.
− مەن ئاۋۇ قۇرۇق كومزەكلەرنى گۈلدۈرلىتىپ تاشلىسام، ئۇ ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ يىقىلىپ ياتىدۇ. ئۇ چاغدا ئېرلاڭ ئەزىمەت ئۇنى ئاسانلا تۇتۇۋالىدۇ.
− كاھىشتىن ياسالغان بۇ كومزەكلەر ئۇنىڭغا تەگسىلا بەك قالتىس ئىش بولىدۇ. ئۇنىڭ بېشىغا تەگمەي گۈرزىسىگە تېگىپ كەتسىمۇ، گۈرزىنى پارە - پارە قىلىۋېتىدۇ. سىلى قول سالماي تۇرسىلا، ئاۋۋال مەن بىر ياردەم قىلىپ باقاي.
− سىلىنىڭ قانداق قوراللىرى بارئىكىن؟
− بار، بولمامدىغان، − دېدى ئەۋلىيا پېشۋاسى كەمزۇلىنىڭ يېڭىنى يەلپۈتۈپ، سول بىلىكىدىن بىر چەمبەرنى سۇغۇرۇۋېلىپ، − بۇ قورال قۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەنگەن. ئۆزگىرىپ تۇرالايدۇ. سۇدىنمۇ ھەم ئوتتىنمۇ قورقمايدۇ. ھەرقانداق نەرسىگە كىيگۈزۈپ قويۇشقا بولىدۇ. بۇ برىليانت بىلەزۇك ياكى برىليانت چەمبەر دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرۈپ تۇرسىلا مەن بۇنى تاشلاپ باقاي.
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا چەمبەرنى ئەرش دەرۋازىسىدىن پەسكە قارىتىپ تاشلىدى. چەمبەر ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ چۈشۈپ گۈلشەن تاغدىكى بارگاھتا تۇرغان سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بېشىغا قاتتىق تەگدى. سۇن ۋۇكۇڭ شۇ ھامان سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قاچماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئېرلاڭ بېگىمنىڭ تايغان ئېتى كېلىپ پاچىقىدىن كاپ قىلىپ چىشلىدى - دە، يەنە يىقىتتى. ئۇ ئورنىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇپ بولغۇچە، يەتتە باتۇر بىراقلا كېلىپ بېسىۋېلىپ ئارغامچا بىلەن چەمبەرچاس قىلىپ باغلاپ، قىلىچىنى تارغاق سۆڭىكىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزگىرەلمەس قىلىۋەتتى.
ئەۋلىيا پېشۋاسى برىليانت چەمبەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، يۇرۇن سۇلتان، ئاۋالوكتسۋارا، خان ئانا ۋە بەگ - سىپاھلار بىلەن بىللە خىسلەتدار قەسرىگە قايتىپ كەلدى. زېمىندىكى تۆت چوڭ پەلەك شاھى، ۋايجىراۋانا قاتارلىق ئەۋلىيا، مالائىكىلەرمۇ بارگاھلارنى چۇۋۇپ، لەشكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ، زەپەر مارشىنى توۋلىغانچە ئەرشكە قايتىپ چىقتى، ئۇلار نۇرانە قەسىر ئالدىغا كەلگەندە، پەلەك مۇرەببىسى كىرىپ:
− تۆت چوڭ پەلەك شاھى ۋە سەركەردىلەر جادۇگەر مايمۇن پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەمنى تۇتۇپ كەپتۇ. ئىجازەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرماقتا، − دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
يۇرۇن سۇلتان پەرمان چۈشۈرۈپ، كۈچتۈڭگۈر جەنناس بىلەن پەلەك كۈتۋاللىرىنى سۇن ۋۇكۇڭنى جازا مەيدانىغا يالاپ ئاپىرىپ، چاناپ قىيما - چىيما قىلىۋېتىشكە بۇيرۇدى. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder