ئالۋۇن (پوۋېست)

 ئاپتورى:  تۇرسۇنجان مۇھەممەت

 
1

ئەڭ ئاخىرقى مىھمان ئۇزاپ بولغاندا كىچە تەڭدىن ئاشقانىدى . داۋۇت مەيچى ئاسمانغا قاراپ، كۆكسىنى تولدۇرۇپ ئېغىر نەپەس ئالدى. ئۇنىڭ ھاراق، تاماكۇ ۋە ئاللىقانداق نەرسىلەرنىڭ ھىدى سىڭىپ كەتكەن ئىچكى ئەزالىرىدىن سېسىغان گۆشنىڭكىدەك بىر خىل قاڭسىق پۇراق ئېتىلىپ چىقتى. « گارت » قىلغان كېكىرىك بىلەن كۆكسى- قارنى بوشاپ، ئۆزىنى يەڭگىل سەزدى. ئۇ يۇلتۇزلار چىمىرلىشىپ تۇرغان ئاسمان بېتىدىن نەزىرىنى ئۆيى تەرەپكە ئاغدۇرغىنىدا، كۈندىكىدەك غەللە ساناش تەقەززاسى كۈچىيىپ، ئۆزىنى قازناققا ئاتتى.

  قازناقنىڭ بولۇڭىغا قۇيۇلغان كىچىككىنە تۈمۈر ساندۇق بەئەينى ئالائىدىننىڭ سېھىرلىك چىرىقىدەك ،ئۇنىڭغا چەكسىز ۋەدىلەرنى بىرىپ ، قۇچىقىنى ئېچىپ قاراپ تۇراتتى . ئاشۇ تۈمۈر ساندۇقتا ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۈمىد - ئارزۇلىرى سۇلىنىپ ياتاتتى . ئۇ ئاشۇ ئۈمىد - ئارزۇ ئۈچۈن بۈگۈن ھېرىپ چارچىدى ، مەست بولدى ، تۇتقان – قويغىنىنى بىلمەي ، پۇتى پۇتىغا تەگمەي شاپاشلىدى ،مانا ، ئەڭ ئاخىرقى مىھمانمۇ ھازىر ئۇزىدى ، پىشكەل ئوغرىنىڭ قىلىقلىرى ئۇنىڭ جان – مېنىنى چىقارغان بولسىمۇ ، كىتەر چاغدا غەللىگە تاشلىغان بىر مۇنچە پۇل ئۇنىڭ ھەممە ھاردۇقلىرىنى ، رەنجىشلىرىنى بىراقلا يوققا چىقاردى .

داۋۇت مەيچى بىر بۇلۇڭغا تۈرتۈلۈپ كەتكەن ئورۇن – كۆرپىلەرنى يىغىشتۇرىۋاتقان تاز چىراي خۇتۇنىغا مۇنداقلا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن غەللە ساندۇقنى قۇچىقىغا ئالدى .

– كىچە بىر يەرگە بارغاندىمۇ ساندۇققا قاراپ باقمىسىلا كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كىرمەمدۇ ؟ – دېدى ئايال نارازى بولغاندەك ئالىيىپ .

              كىچە بىر يەرگە بارغان بولسا كۆزۈڭگە كۆپچىمەمسەن ؟ – داۋۇت مەيچى خوتۇنىغا گۆلەيدى .

               شۇنداق دېگەن بىلەن ، ئادەمنىڭ كۈزى ئۇيقىغا بارا - بارمايلا كاچكۇلغا سەكرىگەن ئىتتەك دۈگدەرەپ ئادەمنىڭ قوينىغا كىرسىلە ئويغىنىپ كىتىمەن ، – ئايال نارازىلىق چىقىپ تۇرغان ئۇيقىچان كۆزلىرىنى داۋۇت مەيچىگە تىكتى ، – بىرلا  ئويغىنىپ كەتسەم قايتا ئۇخلىمىقىم تەس،

              خوتۇن دىگەننىڭ پوقى دورا ئەمەس ، –  دېدى داۋۇت مەيچى خىر - خىر ھىجىيىپ ، – ئاشۇنداق ھېرىپ- ئاچقاندا ، تۇڭۇپ –تەرلىگەندە قوينىغا كىرەرمىز دەپ ئالمىساق نىمە قىلىمىز سىلىنى قېرى كالىدەك بورداپ ؟

 دەل شۇ چاغدا قازناققا ئون يەتتە – ئون سەككىز ياشلاردىكى بىر قىز كىرىپ كەلدى . ئۇنى كۈرۈپ ئايال باشقا گەپ – سۆز قىلماستىن بىر قۇچاق يوتقان - كۆرپىنى قولتۇقلىغىنىچە سىرىتقا ماڭدى . قىزمۇ چىنە – قاچا ، قاپاق – تاۋاقلارنى جالاقلىتىپ ئېلىپ ماڭدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل خالىماسلىق ، نارازىلىق ئىپادىلىرى چىقىپ تۇراتتى .

داۋۇت مەيچى قازناقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن دەملىدى ، ئاندىن « بىسمىللا» دېگىنىچە ساندۇقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى . ساندۇقتا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك ، خېلىلا پۇل بار ئىدى . قالايمىقان چېچىلىپ تۇرغان ھەررەڭ – سەررەڭ پۇللارنى قاماللىغاندا ، ئۇنىڭ كۆز جىيەكلىرىدىكى ئۇششاق قورۇقلار يەنىمۇ كۆپەيدى ، يىرىك ساقاللىرى دىر- دىر تىترىدى ، ئىسلاشقىنىدىن قارامتۇل كۆرىنىدىغان چىرايىغا ئاشۇ بىر تۇتام پۇلدىن تارىغان ئاجايىپ بىر خۇشاللىقىنىڭ يارقىن نۇرلىرى ۋىللىدە تىپىپ چىقتى . داۋۇت مەيچىنىڭ بۈگۈن ھەقىقەتەن ئامىتى كەلگەنىدى .

ئۇ پۇللارنى ئاۋال چوڭلىرىدىن باشلاپ سايلاشقا باشلىدى ، ئاخىرىدا موچەن – سىنىتلىرىغىچە بىلىنى باغلىدى . ئۇ خۇددى قانداقتۇر بىر ئىگىلىكنىڭ  ماگناتلىرىدەك ، قولىدىكى پۇللارنىڭ ھىساۋىنى مەڭگۈ ئېلىپ بولالمايدىغاندەك بىر ھىسسىياتتا بارمىقىغا تۈكۈرۈپ ئولتۇرۇپ بىرمۇ – بىر ساناپ چىقتى .ھەممىسى ئىككى يۈز ئەللىك بەش كوي ئالتىمۇ سەككىز پۇڭ ئىدى.

              قايسى تىجىمەلنىڭ ئىشىكىنا بۇ ؟ – داۋۇت مەيچى پارچە پۇللارنى سانىغاندا بىردىنلا كۆڭلى يېرىم بولدى. چۈنكى ،  ئۇ ئاشۇ موچەن – سىنىتلارنى ساناۋاتقاندا ئۆزىنى قەلەندەرنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغاندەك ، بۇ پۇللارنى تىجارەت قىلىپ  ئەمەس ، خۇددى تىلەپ تاپقاندەك بىر ھىسسىياتتا پۇچىلاندى . دېمىسىمۇ بۇ پۇللار كىمدۇ بىرىنىڭ يەنىلا ھىساپنى چالا قىلغىنىنى ، يىگەن –ئىچكىنىنىڭ  پۇلىنى پۈتۈنلەپ تاپشۇرمىغىنىنى بىلدۈرەتتى . – ھەي ، ئۆزىنى بىلمەيدىغان سىيت نوچىدىن يەنە بىرسى تېپىلىپتىدۇ – دە ، – داۋۇت مەيچى رەتلىنىپ بىلى باغلانغان پۇللارنى كەڭ ئاغلىق رەسمانى ئىشتاننىڭ ئىچىگە ئورنىتىۋالغان يانچۇققا سېلىپ ئاغزىنى ئىلغۇچ بىلەن ئىتىپ قويدى ، – بۇيرىتارىدا يانچۇق بىلەن ھىساپلاشماي نوچىلىق قىلىپ ، ھىساپ كىتاپ قىلغاندا بەزگە تويمىغان ئاچ مۈشۈكتەك كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ تىل چاينايدىغان ، ھەتتا ئىشتاننى سېلىپ ئادەمنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىشتىنمۇ يانمايدىغان بىنۇمۇسلار ھەجەپ كۈپىيىپ كەتتى مۇشۇ كۈندە . نىمە ئامال ،« نىسى بولمىغان تىجارەت يوق » دېگىنى راست ئوخشىمامدۇ ؟ – ئۇ تاماكا ئىسى ۋە بۇزۇلغان ئۈزۈم پۇراپ تۇرىدىغان قازناقتىن دالان ئۆيگە چىقتى . ئايال بەكلا چارچىغانلىقتىنمۇ ياكى شۇنداق ياتسىلا ئۇيقىسى تەييارمۇ ،ئەيتاۋۇر خارقىراپ ئۇيقىغا كەتكەنىدى . داۋۇت مەيچى تامبىلىنى سېلىپ پۈرلەپ – تۈرمەكلەپ بېشىغا قويغاندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ يوتقىنىنى قايرىدى – دە، سۇغۇردەك بىرلا دەۋرەپ  كىرىپ كەتتى ، ئايال ئۇيقۇلۇق ھالدا يىلاندەك تولغىنىپ گۇڭۇرلىدى :

              بېشىنى يىگۈر داۋۇت تاز ، يەنە ئۇيقۇنى ھارام قىلىپ ...

داۋۇت مەيچى مۇزدەك ئالقىنى بىلەن ئايالىنىڭ خالتىلىشىپ ، بېقىنىغا ساڭگىلاپ قالغان كۆكسىنى مۇجۇپ تۇتۇپ قويدى ، ئايال يىلان چاققاندەك تولغۇنۇپ يۇلقۇندى ، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ جەينىكى  داۋۇت مەيچىنىڭ نەق كۆزىگە كىلىپ تەگدى . « پال » قىلىپلا چاچرىغان بىر پارچە ئوت ئۇنىڭ كۆز گۆھىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆتتى .

– نىمىگە چىچاڭشىيسەن قېرى چوشقا ؟ – داۋۇت مەيچى ئوت چىقىپ كەتكەن كۈزىنى تۇتقىنىچە ئايالىغا تىل سالدى ، – پۈرلىشىپ قالغان بەز خالتاڭنى ساۋاپ بولار دەپ تۇتۇپ قويسام ، كۈكۈيۈن چاققان غۇنىجىندەك سەكرەپ مۈڭىسەنغۇ ؟ مانا ئەمىسە ،– ئۇ شۇنداق دەپلا ئايالىنىڭ ساغرىسىغا كۈچ بىلەن بىرنى تەپتى - دە ، ياستۇق ئاستىدىكى ئىشتاننى قولتۇقلاپ يەنە قازناققا ماڭدى .

              مىنى تەپكەن پۇتلىرىڭ دوزاخقا تۇترۇق بولار خۇدايىم ،– ئايالىنىڭ بۇغۇق ئاۋازدا قىلغان نىدالىرى ئۆي ئىچىدە ياڭراپ كەتتى ، – ئادەمگە يا كىچىسى ئارامچىلىق يوق ، يا كۈندۈزى ، مەن تويدۇم ، بۇنداق كۈندىن تويدۇم ، ھۇ ھاراقكەش ، تۈز يولدا كىتىۋېتىپ ماشىنىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كىتەرسەن ئىلاھىم ، ئىت ئۈلۈمىدە ئۆلەرسەن قېرى لەقۋا .... 

    داۋۇت مەيچى ئاغرىغان كۈزىنى تۇتقىنىچە يوتقان – كۆرپىسى يىغىۋېتىلگەن قازناق سۇپىسىغا كىلىپ ، ئىشتاننى بېشىغا قويۇپ قىيسىيىپ ياتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۈزىدىكى دەھشەت ئاغرىق ئۇيقىسىنى قاچۇرغان ئىدى . ئۇ يەنە ئىشتاننى كىيىپ قازناقتىن سىرتقا ماڭدى .    كەچكۈز پەسلى كىرىپ قالغانىدى ، كىچىنىڭ كىشىگە ئارام بىرىدىغان سالقىن ھاۋاسىنىڭ ئورنىنى چىداپ بولماس ئاچچىق سوغۇق ئىگەللىگەنىدى .قاياقتىندۇر سوقۇپ تۇرغان ئىزغىرىن شامال داۋۇت مەيچىنىڭ بىر جەينەك زەربىسىدە مەستلىگىدىن يىشىلگەن ۋىجىك تىنىنى شۈركەندۈرۈۋەتتى . ئاسماندا بۈگۈن نىمىشقىدۇر يۇلتۇزلار كۈپۈيۈپ قالغانىدى ، بىر تاغار ساماننى چېچىۋەتكەندەك كۈرۈنىدىغان يۇلتۇزلار توپىنىڭ سەل نېرىسىدا بەكمۇ يارقىن نۇرلىرى بىلەن باشقىچە چاقناپ تۇرغان چولپان يۇلتۇز بۈگۈن ئەسلى ئورنىدىن تېخىمۇ پەسلەپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ باش ئۈستىدىلا ساڭگىلاپ تۇرغاندەك كۈرىنەتتى . داۋۇت مەيچى قول سوزسىلا ئۇنى تۇتىۋېلىپ قوينىغا سالىدىغاندەك بىر تۇيغۇدا چولپانغا تىكىلدى. يۇلتۇز بىر قارىسا ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك ، يەنە بىر قارىسا ئۇنىڭ ھالىدىن كۈلىۋاتقاندەك چىمىرلاپ تۇراتتى .

   دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ خوشنىسى كامىلجاننىڭ قوش قاناتلىق دەرۋازىسى غارقىراپ ئېچىلىپ ، ئىشىك ئارلىقىدىن قىلىچنىڭ بىسىدەك يالتىراپ، كىچە باغرىنى تىلىپ تۇرغان چىراق يۇرۇقى ئېتىلىپ چىقتى . ئاشۇ يۇرۇقلۇقتا ئۈچ كىشىنىڭ چىرايى غىل پال كۈرۈنۈپ قالدى . سىمىز بەستى قېلىن دۇراپ پەلتۇ ئىچىگە ئاران سىققان ، بېشىغا بايۋەتچىلەردەك قاما تۇماق كىيىۋالغان ، پارقىراپ تۇرغان مەڭزىدىن ۋە شامال سوققان قۇمۇش پۈپۈكىدەك ئىرغاڭلىشىدىن خۇش كەيىپلىكى بىلىنىپ تۇرغان بىر جاناپ يېشى تېخى ئون سەككىزلەردىن ئاشمىغان ، چىرايلىق بىر قىزنى قولتۇقلىۋالغان ئىدى .ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ چىققان كامىلجاننىڭمۇ خۇشاللىقتىن چىرايى پارقىراپ كەتكەن ئىدى .

              يەنە كېلىشەرلا با جۇجاڭ ، – دېدى كامىلجان سىمىز كىشىنىڭ پەلتۇسىنى ئوڭشىغاچ ،  – سىلىگە ئىشىكىمىز ھەر ۋاقىت ئۇچۇق.

              مۇلازىمىتىڭلاردىن بەكلا رازى بولدۇم ، – قاراڭغۇلۇقتىن كىشىنىڭ يۈرىكىگە بېرىپ تىگىدىغان غاراڭ – غۇرۇڭ ئاۋاز ئاڭلاندى ، – بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بۇلىدىكەن ، شۇنداق تېپ –تىنىچ ، ئەتراپىڭدا كۆز- قۇلاقمۇ يوق . مەن ئەتە يەنە كىلىمەن ، پۇلدىن غەم قىلماي ئاشۇ خانىنى يەنىلا ماڭا ئېلىپ قۇيۇڭ .

              ئوبدان ، – كامىلجاننىڭ ھاياجان ئارىلاش تىترەك ئاۋازى ئاڭلاندى ، – سىلى دائىم كىلىپ تۇرسىلا مىنىڭ سوداممۇ روناق تاپىدۇ با جۇجاڭ ، چۈنكى، سىلە دىگەن ئالدى يوللۇق ئادەم ، تىجارەتتە يول بولمىسا بىزنىڭ تۈگەشكىنىمىز شۇ . ئەتىگىچە بالىلار ئۇ خانىنى يەنىمۇ سەرەمجانلاشتۇرۇپ ، كۆڭۈللىرىدىكىدەك جابدۇپ قويسۇن . خاتىرىلىرىنى جەم قىلىپ كېلىۋەرسىلە .

              خوش ئەمىسە ، – ھېلىقى يۇغان گەۋدە شۇنداق دەپلا مەستلىكتىنمۇ ياكى چارچاپ ، پۇت قولىدا جان قالمىغانلىقتىنمۇ ، ئەيتاۋۇر لىڭشىپ ئاران تۇرغان قىزنى قولتۇقلىغىنىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى . كامىلجاننىڭ قوش قاناتلىق دەرۋازىسى يەنە سەت غاراسلاپ يېپىلدى . ئۇياقتىن كامىلجاننىڭ قانداقتۇر بىر كۈيگە ئىسقىرتقان ئاۋازى ئاڭلاندى .

              كاساپەتنىڭ سودىسى ياخشى بولغان ئوخشىمامدۇ ؟– داۋۇت مەيچى بۇ خوشنىسىنى ئوبدان بىلەتتى ، كامىلجان بىرەر ئىشتىن كۆڭۈلدىكىدەك پايدا ئالالىسا مانا مۇشۇنداق ئىسقىرتىپ قۇياتتى . ئۇ بارچە خۇشاللىقىنى ئاشۇ ئىسقىرتىشىدا ئىپادىلەيتتى. ئەگەر سىز قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن كامىلجاننىڭ ئىسقىرتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ، ئۇنى چوقۇم بىر  ئىشتىن پايدا كۈرۈپتۇ دەپ قارىسىڭىز ھەرگىزمۇ خاتالاشمىغان بۇلىسىز .

داۋۇت مەيچى ئىشىكنى كۈچ بىلەن قاتتىق يېپىۋەتكەندىن كېيىن ، ھويلىنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى ئۈجمە كۈتىكىنىڭ ئۈستىگە كىلىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ خىيالى چېچىلىپ ، مۇشۇ بىر نەچچە ئايدىن بىرى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار يەنە كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى ...


2

قاينۇق مەھەللىسى ناھىيە بازىرىنىڭ بۇرنىغىلا جايلاشقان قەدىمىي مەھەللە . شەھەردىن باشلانغان ئاسپالىت يول مەھەللىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ .بۇ يەردە ئولتۇرىدىغانلارمۇ  ئاساسەن ناھىيە بازىرىنى تەشكىل قىلىدىغان سان ساناقسىز ۋىنتىلار – باققال ، مۇزدوز ، ساتىراچ ، ۋاپۇرۇش ، ئاشپەز ، ناۋاي ، تۇنىكىسازلاردىن ئىبارەت . مۇشۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ يۈرگەن بۇ كىشىلەر خۇددى ئۆلچەمسىز قۇيۇلۇپ قالغان ھەررەڭ- سەررەڭ ۋىنتىلاردەك  يا تۈزۈك ئىشلىتىلمەي ، يا تاشلىۋېتىلمەي سۆرۈلۈپ يۈرۈپ مۇشۇ كۈنگىچە كەلگەنىدى .تېرىلغۇسىنىڭ تايىنى يوق ، كىشىلىرى بەكمۇ نامرات بۇ مەھەللىنىڭ قالدى- قاتتى يەرلىرىنى كەنىت مەسئۇللىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن دۆلەت ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي سېلىشىغا سېتىپ بىرىپ ،تاپقان پايدىسىنى رېستۇرانلاردا توخۇ قوردىقىغا تىگىشىپ يەپ قۇرساق سېلىشقان بىلەن ، يەردىن ئايرىلىپ قالغان بىچارە دېھقانلار قىلارغا تۈزۈككىنە ئىش تاپالماي شەھەر كوچىلىرىدا لالما ئىتلاردەك لاغايلاپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قېلىشقانىدى . كېيىن نىمە بولغان ، بۇ مەھەللىدە ئازدۇر- كۆپتۇر  گازىر – پۇرچاق ، كاۋا- قاپاق  ،لوۋۇيا – ماش ساتىدىغان ئۇششاق يايمىكەشلەر پەيدا بولۇپ قالدى . سودا قىلىنغان ئىكەن ، خەخنىڭ قۇلىدا پارچە پۇرات بولسىمۇ پۇل پەيدا بولىدۇ . «ئاچنىڭ كۈزى ئاشتا » دىگەندەك سىنتىرغا زار كىشىلەر مەھەللىداشلىرىنىڭ قۇلىدىكى پارچە پۇرات بولسىمۇ شىرىقلاپ ، قۇلاققا ئاجايىپ چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان پۇلنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئۆز تەبىئىتىگە ماس ھالدا چىدىمايلا قېلىشتى . شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەھەللىدە بەس- بەستە غالتەك ھارۋا ياساش قىزغىنلىقى كۈتۈرۈلۈپ ، باققاللار ، گازىرچىلار ، كاۋىچىلار ۋە تۈرلۈك ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىراقلا بازارغا يۈرۈش قىلدى . ئۇلار ھەر كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن خۇددى بىرى كوماندا بەرگەندەكلا مايسىرىغان غالتەكلىرىنى غىچىرلىتىپ بازارغا پالاقلايدىغان بولدى .

داۋۇت مەيچىمۇ ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قاراپ ، مەھەللىداشلىرىنىڭ قىلىپ يۈرگەن تىجارىتىگە يىراقتىن كۆز سېلىپ ،بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزىۋەتتى . دېمىسىمۇ ئۇ ئاشۇ كىچىك ، قىستاڭ بازارغا قانداق كىرىشنى ، نىمە تىجارەت قىلىشنى ، قانداق پايدا ئېلىشنى بىلەلمەي دىلىغۇللۇقتا قالغانىدى . ئۇ كۈزىتەتتى ، باشقىلاردىن بازار ئەھۋالىنى تىڭتىڭلايتتى . بازاردا قانداق تىجارەتنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى، نىمىنىڭ پۇل بولىۋاتقانلىقىنى  سۈرۈشتۈرەتتى . ئەمما بىر ناننى ئىككى قىلىپ بولالماي يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز رىسقىغا چاڭ سېلىش غەرىزىدە يۈرگەن ئادەمگە راست گەپ قىلىشى مۇمكىنمۇ ؟

              ھەي ئىسىت ، نېمىشقىمۇ بۇنداق پوقنى يىگەن بولغىيدىم ؟ سالغان دەسمايىنى قايتۇرۇۋالالماي يۈرىكىم ئېقىپ كىتىۋاتىدۇ داۋۇتۋاي ،تىجارەت قىلدىم دەپ ئۆز بېشىمغا ئۆزەم پىت سالغان ئىكەنمەن . بۇ كوچىغا خۇدايىم بەندەم دىسە ھەرگىز يولاتمىسۇن !

              بازارغا كىرىپ بولغۇچە  تۆت تەرەپتىن بازار باشقۇرغۇچىلار ،باجگىرلار ،شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىكىلەر، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ،تازىلىق قىلغۇچىلار ، يەر ئورنى ھەققى يىغقۇچىلار شىۋاقلىقتىكى ئىشەك يېغىرىغا ئۈزىنى ئاتقان چىۋىنلاردەك ئەتراپىڭدا پەيدا بولىشىدۇ ، تاپقان بىر ئىككى تەڭگەڭ قايسى بىرىگە توشايدۇ دەيسەن ؟ ئاشۇ تويمىغۇرلارنى بېقىپ بولالماي پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلدۇق . سىلە بولساڭلىمۇ تېنىچ ياشاڭلا داۋۇت ئاخۇن.

              مۇشۇ كۈندە ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ بۇلۇپ كەتتى ، بىز تېشىمىزدا ھېيت ئوينىغان بىلەن دەردىمىز ئىچىمىزدە ! ئاۋۇينىڭ بارىدا بىر نىمىلەرنى قىلىپ تىمىسقىلاپ يۈرىيمىز .

گەپ – سۆزلەر بەكمۇ  قورقۇنۇچلۇق ، ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلار ئەندىشىلىك ئىدى .شۇڭا داۋۇت مەيچى تاپقان زاغرىسىغا شۈكرى قىلىپ يەنە بىر نەچچە يىلنى ئوزىتىۋەتتى .ئۇنىڭ كۈنلىرى يىلسىرى كەينىگە ماڭماقتا ئىدى . قىلىدىغان ئىشنىڭ تايىنى بولمىغاندىكىن ئەلبەتتە يانچۇقلارنىڭمۇ ھالى بوش ، تۇزغا تاپسا گۇگۇتقا يوق ، قازانغا تاپسا چۈمۈچكە يوق كۈنلەر ئۇنىڭ يەلكىسىدىن غايەت زور تاغدەك باسماقتا ئىدى .

              بۇ  قانداق كۈن بولۇپ كەتتى ھە ؟– بىر كۈنى ئۇ خوشنىسى كامىلجان بىلەن مۇخۇركا چىكىشكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى . دېمىسىمۇ ئەينى چاغدا داۋۇت مەيچىگە قوقاق سالغان يايمىكەشلەر بىرەردىن موتسىكلىتلىق بولۇپمۇ قېلىشقانىدى .كونىلىقىدىن ئاۋازىمۇ ئايرۇپىلاننىڭكىدەك گۈركىرەپ، مەھەللىنى چىپ تۇتىدىغان بۇ جانىۋارلارغا مىنىۋالغان نوچىلار تۇپىلىق يولدا بوغىناق چىقىرىشىپ چېپىپ يۈرەتتى . ئۇلار ئەبجەق موتسىكىلىتتا ئەمەس ، زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانىدا ئولتۇرغاندەك كۆرەڭلەيتتى . ئىلگىرىكى سېرىق سىنىتنىڭ تۈشۈكىدىن مىڭ ئۆتىدىغان كۈنلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلىپمۇ قۇيۇشمايتتى . بۇ ھال داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچىنى لازا سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇراتتى .

              ئۇلار ھەر نېمىلەرنى دېگەن بىلەن ئاز تولا مىدىرىغاننىڭ زىيىنى بولمىسا كىرەك ، – دېدى كامىلجان چىكىلىپ بولاي دەپ قالغان مۇخۇركىسىنىڭ كۈلىنى پۈۋلىگەچ ،– بىز كىشىلەرنىڭ ئەپقاچتى گەپلىرىگە ئىشىنىپ نۇرغۇن ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇپتۇق ، ھېلىمۇ كېيىن ئەمەس ، زادى بىر ئىش قىلمىساق بولمىدى .

              نىمە قىلاي دەيسىلە كامىلاخۇن ؟– داۋۇت مەيچى قىزىقىپ سورىدى .

              تىجارەتكە دەسمىي يوق خوشنام ، چوڭراق بىر ئىش قىلالمايمەن . ياش قىرىققا تاقىغاندا بىرەر ھۈنەرنىڭ كەينىدىن مېڭىشمۇ ئەپلەشمەيدۇ ، خۇدا بەرگەن تەۋەرۈك دەسمىي_ مۇشۇ نىمكەش چاپانغا ئورالغان ئاۋاق تەندىكى ئىسسىق قان بىلەن ئاز تۇلا كۈچتىن باشقا ھېچنىمەم يوق. شۇڭا ئاتا كەسپىنى داۋام قىلىپ ساتىراچلىق قىلايمىكىن دەيمەن .

              مىنىڭمۇ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ياماقچىلىق قىلىش ئويۇم بار ،– داۋۇت مەيچى قۇلىدىكى مۇخۇركا كۈتىكىنى خۇددى يەۋېتىدىغاندەك كۈچەپ بىر ئىككىنى شورىغاندىن كېيىن يەرگە تاشلاپ پۇتىدا تۇپىغا ئىلەشتۈردى ، – ئاز تۇلا يىپ يىڭنە ، ئالقاندەك ياماقلىق ، بىر نەچچە تال ئۇششاق مىخ ، بىرەر كاللەك مۇم تېپىۋالسام ، دادامدىن قالغان تەۋەرۈك بولقىنىڭ ھىممىتىدە نان تېپىپ يىيەلەيمەنمىكىن دەيمەن . ئاشۇ كىشىلەر مىسىلداپ يۈرگەن رەستىلەردە خۇدانىڭمۇ بىزگە ئاتىغىنى باردۇ كامىلاخۇن .

              توغرا ، ھەركىم يىسە ئۆزىنىڭ رىسقىنى يەيدۇ ،– كامىلجان قەتئىيەت بىلەن بېشىنى كۈتۈردى . ئۇنىڭ ئۆسكىلەڭ قاشلىرى تىگىدىكى چوڭقۇر كۆزلىرىدە يىڭىدىن پەيدا بولغان بىر ئۈمۈد ئۇچقىندىدى ،– قېنى بۇرادەر ، بىزمۇ بىر ھە - ھۇ قىلىپ باقمايمىزمۇ ؟

   شۇ سۆھبەت بۇلۇپ ھەپتىدىن كېيىن ئىككى خوشنا ئەسۋاپلىرى قاچىلانغان سومكىلىرىنى كۈتۈرۈپ « يا تەۋەككەل» دىيىشىپ بازارغا مېڭىشتى .شەھەرگە تۇتىشىدىغان ئاسپالىت يول ، يولدىن تەرەپ تەرەپكە خۇددى دەريانىڭ تاراملىرىدەك سوزۇلغان ئەگرى -بۈگرى تار كوچىلار ، ئاسمانغا بوي سۇزۇشقان قەۋەت- قەۋەت ئىمارەتلەر ، غۇيۇلداپ كېتىشىۋاتقان ماشىنىلار ئۇلارغا ئاجايىپ كاتتا ۋەدىلەرنى بىرىۋاتقاندەك ئىدى . خۇدادىن رىسىق تىلەپ ، زور ئۈمىدلەر بىلەن كېلىۋاتقان بۇ ئىككى خوشنا  ئۇششاق ئوقەتچىلەر يايما ئاچىدىغان كەڭرىرەك بىر مەيدانغا كەلگەندە ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قېلىشتى . چۈنكى ، بازارنىڭ يەر ئاستى ئەۋرەز يۇلى بولمىغاچقا بۇ مەيدان ئاشپەز –زاسۈيچىلەرنىڭ ئاخشىمى تۆككەن مەلتەڭ – يۇندىلىرى بىلەن مىلىچلاپ تۇراتتى . يۈرەكلىك قەدەم ئالماقمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىدى .

   كامىلجان ئەسۋاپلىرىنى كۈتۈرۈپ ساتىراچلار قاتارىغا يۈرۈپ كەتتى .داۋۇت مەيچى پاسىرى چېپىۋېلىنغان قۇناق كۈتەكلىرىدەك قاتار ئولتۇرۇشقان ياماقچىلار ئارىسىدىن ئۆزىگە ئورۇن تېپىش ئۈچۈن  خېلىلا قاترىدى . سومكىدىكى لاقا- لۇقىلارنى يامىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كىلىنگەن ئاياغ دەپ بىلگەن ياماقچىلار ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن بېقىشىپ ، ياسالما كۈلكىلىرى چىقىپ تۇرۇشقان كۆزلىرىدە ئىشارەت  قىلىشتى .

   – كونىنى كونا دېمەيمەن ، قانچە كونا بولسا شۇنچە يېڭىلايمەن ...

   – تىكىشى ئەرەبىستاندىن ، ھۈنىرى باغداتۇ – رۇمدىن ...

     – رازى بولمىساڭ پۇل ئالمايمەن خىرىدار ...

   داۋۇت مەيچى سەپنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ، بالا كۆرپىسىچىلىك بوش يەرنى تاپتى-دە، بىسمىللا دەپ يايمىسىنى يايدى . ئۇنىڭغا ئۈمىدلىك بېقىلغان چىرايلاردىكى خۇش تەبەسسۇم دەرھال ئۆچۈپ ، يامغۇرلۇق ئاسماندەك تۇتۇلدى . كەلگۈچىنىڭ بىر خېرىدار ئەمەس ، ئاغزىدىكى لوقمىنى تارتىۋېلىشقا كەلگەن كالتە كۈسەي ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنى بىلىشكىنىدە ، ياماقچىلار ئارىسىدىن غۇلغۇلا كۈتۈرۈلدى . ھەممەيلەن داۋۇت مەيچىگە يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ ، ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دوق قىلىشماقتا ئىدى :

   – نەدىن كەلگەن سۇپرا تاپان بۇ ؟ خۇددى بۇ يەردە ئانىسىنىڭ ئېلىشى باردەك ، كىلىپلا تۈگىدەك چۈكۈپ ئولتۇرىدىغۇ ؟

   –ئۇنىڭسىزمۇ ئاران جان ئېتىۋاتقان خەخ تۇرساق ، ئەمدى كىلىپ يەنە بىر ئاجناق كۆز قېتىلدىغۇ بۇ سەپكە  ؟

    – بىر ئوبدان كېتىۋاتقان بازار ئىدى ، قازاندىكى ئاشقا چىۋىن چۈشكەندەك بولدىغۇ ئەمدى .

   داۋۇت مەيچى قۇلىقىغا كىرىۋاتقان بۇ گەپ – سۆزلەرگە پەرۋا قىلماستىن كونا مىق ، لاتا پۇرۇچلىرىنى ئالدىرىماي رەتلەشكە تۇتۇندى . ئۇنىڭچە بولغاندا بىر ئاز چىدىسا ، بۇ غۇلغۇيلۇق قارا بورانمۇ ئۆتۈپ كېتەتتى . چۈنكى ،جاھاندا مەڭگۈ قاۋاپ ھارمايدىغان ئىت يوق ئىدى . شۇڭا ئۇ بېشىنىمۇ كۈتۈرمەستىن نەرسە كىرەكلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەشكە باشلىدى .

                  كىمسەن ؟ – ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ، خۇددى تۇيۇقسىز بومبا پارتلىغاندەك گۈمبۈرلەپ ئاڭلانغان بىر ئاۋازدىن داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىگى جىغىلداپ ، پۇت قولىدا جان قالمىدى . ئۇ بېشىنى كۈتۈرۈپ ، ئۆزىگە مىقتەك قادىلىپ تۇرغان كاسا چىراي بىرىنى كۆردى . كۆزلىرى چەكچەيگەن ، چىشلىرى غۇچۇرلاپ ، يىرىك ساقىلى دىردايغان ، خۇددى بىچارە  چاشقاننى بۇغۇشقا تەييار تۇرغان سۈرلۈك مۈشۈكتەك بەستىدىن دەھشەت يېغىپ تۇرغان بۇ كىشى كىلىپلا داۋۇت مەيچىنىڭ چاپان – چارىلىرىنى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ ئېتىشقا باشلىدى ، –نەدىن كەلگەن ھابدالسەن ؟ بۇ يەرنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن ؟

              بۇ يەرنىڭ خان بازىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ئۇكام ، بىزمۇ خانلىققا ، ھۈكۈمەتكە پۇقرا بولغاندىكىن بىر كىشىلىك يەر چىقار دەپ ئويلاپ ...

              نىمە ؟ ھۈكۈمەتكە پۇقرا بولساڭ ماڭا نىمىدى ؟ – ئۇياق قۇزۇققا ئولتۇرۇپ قالغان مايمۇندەك چىرقىرىدى ، – بۇ يەرنى بارغۇ ، شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى غۇجىكاڭغا تەخسىم قىلىپ بەرگەن ، ئاللىقانداق كەلگىندىلەرنىڭ ئۆزى خالاپ ئولتۇرىۋېرىدىغان مەسچىت ئالدى ئەمەس ، ئىگىسى بار يەر بۇ ! قوپە تۇز قوڭ ئوغرى ، سەپرايىم ئۆرلىمەستە ئىت جېنىڭنى ياقىغا ئال ،ھېلى بولمىسا سېسىق جېنىڭ ھارام بۇلىدۇ .

داۋۇت مەيچى كىملەردىندۇر مەدەت تىلىگەندەك ئەتراپقا قارىدى ، ھېلىلا غوتۇلداپ ، چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ، ئۇنى يەۋېتىدىغاندەك قىلىپ كىتىشكەن ياماقچىلار بايرام تەنتەنىسىگە چۈمۈشكەنىدى . قانداقتۇر بىر ئاتا مىراس ئۆچىنى ئېلىپ بىرىۋاتقاندەك مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ھېلىقى پور كۈتەككە قاراپ كۈلىشەتتى .باش لىڭشىتىپ ، « بۇ قىلغىنىڭ تامامەن توغرا بولدى ، بۇ بازارغا بىزدىن باشقا ھېچكىمنى يېقىن ئەكىلىدىغان ئىش ئەمەس ، ئەجەب جايىدا ئىش قىلدىڭ ، ياشاپ كەت !» دىگەندەك مەنىلەردە ئىلھام بىرىشەتتى .

_يۇقال، – ئۇياق تېخىچە تىترەپ - تەمتىرەپ تۇرغان داۋۇت مەيچىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ، كونا لاتىنى چۆرىگەندەك  ئېتىۋەتتى . نەچچە سەنتۈرۈلۈپ ، يەرنى قۇچاقلاپ ئورنىدىن قوپقان داۋۇت مەيچىنى يىغا تۇتتى . شۇنچە كىشىلەرنىڭ – نامازدا بىر سەپ تۇرىشىدىغان ، بىر ئىمانلىق ، بىر ئېتىقادلىق بۇ ئوقەتچىلەرنىڭ بىر نان ئۈچۈن قىلىپ كېتىشكەن بۇ قىلىقىنى ئۇ زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى .ئەجىبا ، بازار بۇلارنى شۇنچىلىك بۇزىۋەتتىمۇ ؟ « ھەر كىم ئۆزىنىڭ رىسقىنى يەيدۇ » دېگىنى قېنى ؟ شۇنچە ئادەم مىغىلداپ يۈرگەن بۇ بازارغا داۋۇت مەيچى سىغماسما ؟ ئۇ ئەشۇ ئەبگا ھالىتى بىلەن بۇ يەردىكى ئوقەتچىلەرنىڭ قانچىلىك نېنىنى تارتىۋالار ؟ ھەي نان !

داۋۇت مەيچى ئۇياقنىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقىنىنى ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ بازارغا ، مۇشۇ كىشىلەر ئارىسىغا سىغمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . ئىت جېنىدا « چاغ » دېسە كىتىدىغۇ ،  ئۇ  لاقا – لۇقىلىرىنى تىرىپ تىقىشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ھالىغا ئېچىنىش ئەمەس ، خۇشاللىق بىلەن كۈلۈشۈپ تۇرغانلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن ئاستا يۈرۈپ كەتتى .

شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ بىر نەچچە كۈنگىچە تالا تۈزگىمۇ چىقمىدى ، خوتۇنى گەپ سورىسا جاۋاپمۇ بەرمىدى ، ئاچچىق مۇخۇركىسىنى ئۇلاپ چىكىپ تۇرۇسقا قاراپ ياتقىنى ياتقان ئىدى . ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ خۇتۇنى ئىچ ئاغرىتىش ، ھالىغا يىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە تىنماي كوتۇلداپ بېشىنى ئوچاق قىلاتتى:

              ھە ، يېنى ئاجراپ كەتكەن مايماق ئىشەكتەك يېتىۋېرەمدۇق ؟ ئوسۇرۇپ – چىچىپ ياتقان بىلەن نېمىلىرى ھەل بولاتتى ؟ بازارغا بارىمەن دېدىلە ، ھە دېدىم ، بېرىپلا دەككىلىرىنى يەپ ، پالتا – كەكىلىرىنى قاقتۇرۇپ كەپلا ، ئەمدى بۇ دەرتنى بىزدىن ئالاملا ؟ كۈچلىرى يەتسە ئاشۇ نىجىسنىڭ چۇچىقىدىن ئېلىپلا ئاللا بارىكاللىسىنى چىقارسىلا بولمامدۇ ؟ قاچانغىچە يېتىپ بىرىدىلا ئەمدى ؟ خالتىنىڭ تىگى كۆرۈنۈپ قالغىلى نىكەم ؟ مەرىكىنىڭ پولوسىدىكى بىر تىكە گۆشتەك ياتماي قوپىلى ئەمدى ...

ئۇ ئايالىغا ئالىيىپ قاراپ قويدى - يۇ ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى .

_ قىزىمىز بىر ساۋاقدىشىدىن گەپ ئېيتىپتۇ ، مەكتەپتىن كىتاپ پۇلىنى تاپشۇرۇۋېتىڭلا دېگەنمىش . دادام ئوتتۇز سوم ئىبەرتسۇن دەپتۇ .

_ پۇل يوق ، _ دېدى داۋۇت مەيچى تۇلىمۇ زەئىپ ئاۋازدا ، _ مەكتەپتە ئوقىما دىسەك ئۇنىمىدى . ئەمدى كىلىپ پۇل، پۇل دەۋەرسە مەن قانداق قىلىمەن ؟ يا خانىمىدىن ئالسۇن ، يا مىنى ئوتتۇز سومغا ئالىدىغان ئادەم بولسا ساتسۇن .

_ ۋاييەي ، سىلىنى ئوتتۇز سومغا ئەمەس ، ئۈچ موچەنگە ئالىدىغانمۇ ئادەم چىقمايدۇ .

_ئەمىسە مەندە پۇل يوق .

_ ھەي ، ئۇ دىگەن قىز بالا تۇرسا ، دېگىنىنى قىلىپ بەرمىسەك، ئالىمادىس بىرەر پۇلدار ئوغرى كۆز سېلىپ قالسا ئىش چاتاق بولمامدۇ ؟

__ قېنى شۇنداق قىلىپ باقسۇنچۇ ، ئاۋال ئۇنىڭ ، ئاندىن كېيىن سىلىنىڭ توڭكىيىڭلارنى چېقىپ ، بوينۇڭلارنى قۇچقاچنىڭكىدەك ئۆزىۋىتىمەن .

شۇ كۈنى كەچتە ئۆيگە ئىسقىرتقىنىچە  كامىلجان كىرىپ كەلدى ،ئۇنىڭ روھى ھالىتى خېلىلا كۈتۈرەڭگۈ ئىدى . كامىلجان كىرىپلا ئېغىزىدىكى يېرىمى چىكىلىپ بولغان ئاچچىق مۇخۇركىسىنى داۋۇت مەيچىگە سۇندى .

                   قانداقراق ؟– دېدى ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن مۇخۇركا شوراۋاتقان خوشنىسىغا قاراپ ، – ئاچچىق بىر ئاز بېسىلغاندەكمۇ ؟

_قويۇڭلا كامىلاخۇن ، بىر مۇسۇلمان دېگۈچىلىكى قالماپتۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ، ھەي ...

_شۇ ئەمەسمۇ ؟ سىلە ئاچچىق يۇتۇپ ياتقىنىڭلا بىلەن ھېچكىمنىڭ بىر يىرى غىڭ قىلىپ قويمايدۇ ، ھەر كىمنىڭ قازىنى ئۆزى ئۈچۈن قاينايدىغان زامانكەن بۇ، نىمانچە قىلىسىلە دەيمەن ؟ قوپۇڭلا بۇرادەر .

            سىلىنىڭ ئوقەتچۇ  كامىلاخۇن ؟ ئۇستىرا – كاپقا ئېسىلىدىغان بىرەرسى چىقمىغاندۇ ؟
            كۈزىدە مىخ قاقىدىغانلار بار ئىكەن ، ئەمما ئاشكارە بىر نەرسە دېيىشمىدى . بولمىسا مىنىڭ ئاچچىقىمنىمۇ بىلىسىلە ، بىر ئىش نىرۋامغا تەككەندە كۈزۈمگە ھېچ نەرسە كۈرۈنمەي قالىدۇ ، خۇدا ساقلىسۇن ، بىرەرسى غىدى – پىدىڭ قىلىدىغان بولسا ، ئۇستىرىنى نەق گېلىغا سۈركىۋىتىمەن .
            بىر دەملىك ئاچچىقنىڭ كەينىگە ئالدىراپ كىرىپ سالماڭلا كامىلاخۇن ، يورۇق ئاپتاپ بولمىسىمۇ كۈن كۆرمىسەك بولماس ، – داۋۇت مەيچى شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ پوتىسىنى باغلىدى ،– نەگە بارىمىز خوشنام ؟
            يىراققا ئەمەس ، – دېدى كامىلجان ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ، – يىراق يېزىدا بىر تۇنۇشۇم بار ئىدى ، شۇ بۇرادەر كۆڭلى تۇيغاندەكلا بىر قاپاق مەيزاپ كۈتۈرۈپ چىقىپتۇ ، نەپسىم تاقىلداپ ھۈنەرنى تىزلا يىغىشتۇردۇم – دە، ئۆيگە كەلدۇق . سىلىنىڭمۇ كۆڭلۈڭلا جايىدا ئەمەس ، نەچچە كۈندىن بىرى ھۈنەر بىلەن بولۇپ كىتىپ تۈزۈكرەك ھال- ئەھۋالمۇ سورىيالمىغانىدىم ، شۇڭا بىرەر يېرىمدەم گۇڭۇر – مۇڭۇر بولىشايلى دەپ كىرىشىم .

– رەھمەت ! – داۋۇت مەيچىنىڭمۇ لولىسىغا ئوت كەتتى . ئۇ شۇنداق دەپلا كامىلجاننىڭ ئالدىدا ئۆيدىن چىقتى . چۈنكى ، نەچچە كۈندىن بىرى ئۇمۇ بىر- ئىككى سەر قېقىۋېلىش بىلەن يۈرىكىدىكى بۇ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، يانچۇقنىڭ ھالى خاراپ بولغاچقا ئىچىگە تىنىپ ،  دەردىنى ئاچچىق مۇخۇركىسىدىن ئېلىپ يېتىۋەرگەنىدى.


3

كامىلجاننىڭ ئۆيىمۇ داۋۇت مەيچىنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى .ئىسلاشقان تاملار ، ئۆمۈچۈكلەر قالايمىقان تور تارتىشقان تورۇس ، بىر قەۋەت تۇپا ئاستىدا سۇس يۇرۇپ تۇرغان تۈۋەن قۇۋۋەتلىك لامپۇچكا ، مانتا ئۇچاقتا شىڭىلداپ تۇرغان قۇمچۆگۈن ، داستىخاندىكى قىڭغىر – قىيسىق كاكچا نان ، بىر تەخسىدە يېرىمى يىيىلىپ بولغان بەسەي قورىمىسى ، ھەر ھالدا كامىلجان ساتراچلىق قىلىپ يۈرۈپ پۇل تاپقاننىڭ نىشانى بۇلۇپ بىر ئىككى تەخسە پۇرچاقلىق لەمپۇڭ... داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئۈچ ئەرنىڭ خېلىلا كەيپى كۈتۈرۈلۈپ قالغانىدى .ئەلبەتتە بۇلارنى كەسپى ھاراقكەش دەپ ئاتاش ئارتۇقچە ، چۈنكى ، كاناي ياغلىغىلى يوق تۇرسا ، سۇنايغا نەدە تۇرۇپتۇ دىگەندەك ،تاپقان تەرگىنى نانغا ئۈلگۈرمىگەن بۇ بىقۇۋۇللارغا ھاراق ئېلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس . ئەمما ، ھويلىسىدىكى تاللىرى ئۇبدان ئوخشاپ قالغان يىللىرى ئانچە – مۇنچە سىركە – مەيزاپ سېلىۋالىدىغان ئادىتى بار . بەزىدە ناھەق دەشنام تېپىپ يەپ قۇرسىقى كۆپكەن چاغلاردا قازناققا شۇڭغىشىپ ، خۇدادىن ئەيمەنمىگەن بىلەن ئاۋامدىن نۇمۇس قىلىشىپ ، ھېچقانداق ئىس- بۇسىنى چىقارمايلا بىرەر قېتىم ياشاپ قۇيىدۇ . ئۇلارغا شۇ نەرسىمۇ ئايانكى ، ئۈزۈمنى خۇدا ياراتقان ، سۈيىنىمۇ بىللە ئاپىرىدە قىلغان ، خۇدانىڭ نېمىتىدە ياسالغان بۇ مەيزاپ دىگىنى ئەلبەتتە ھارام ئەمەس ، شۇڭا ئەقلىنى يۇقاتمىغان ھالدا ئاز تۇلا ئىچىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق ...

مانا ، كامىلجاننىڭ يىراق يېزىلىق ئاغىنىسى – ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ پېشىنى تىزىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ ، ئىككى قولىنى قولتۇغىدىن ئاجراتماي ئەدەپ ساقلاپ ئولتۇرغان سايىمجان قىرىقلەرنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان تەمبەل يىگىت . ئۇنىڭ ئارتۇق تۈشۈك سۆزىمۇ يوق ، ئۈلپەتلىرىنىڭ سۈزىگە كۈلۈمسىرەپلا قۇيىدۇ . نۆۋىتىنى بېشىنى تۈۋەن سالغىنىچە جىم -جىتلا ئىچىدۇ . غۇرتۇلدىغان ئاۋازغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ گېلىدا يۈگرەپ يۈرگەن بۇغدىيەك كىشىگە بەكمۇ كۈلكىلىك تۇيىلىدۇ . ئۇ مەيزاپنى ئىچىپ بۇلۇپ ، لەۋلىرىنى تامشىغىنىچە پىيالىنى چىڭ تۇتۇپ بىر ئاز ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ساقىغا قاراپ بىرنى ھىجىيىدۇ – دە ، پىيالىنى بېشىدىن ئىگىز كۈتۈرۈپ ، ئەدەپ بىلەن ئىگىلىپ تۇرۇپ قايتۇرۇپ بىرىدۇ .ئۇنىڭ بېشىنى تۈۋەن قىلىپ ، پىيالىنى مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ھالىتى ئادەمگە نۇرغۇن دەردى بار كىشىدەك تەسىرات بىرىدۇ .

              شۇنداق قىلىپ ، شۇنداق قىلىپ ، – دېدى داۋۇت مەيچى بىر پىيالىنى كۈتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يىرىك ساقاللىرى ئارىسىغا يۈگرىگەن مەيزاپ ساقىندىلىرىنى ئالقىنى بىلەن سۈرتۈپ ، – نەچچە كۈندىن بىرى يۈرۈگۈمنى غاجاپ كىلىۋاتقان دەرت – ئەلەملەردىن بىراقلا قۇتۇلغاندەك بولدۇم-يا !
              بۇ ئەسلى ئۇنچىۋالا دەرت تارتقۇدەك ئىشمۇ ئەمەس، – كامىلجان ئۇنىڭ قولىدىن پىيالىنى ئالغاچ قۇشۇپ قويدى، – سىلە – بىزنىڭ مۇشۇ يېشىمىزغىچە تارتقان نۇرغۇن دەرتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا، بىر توڭغۇزنىڭ دەشنىمى دىگەن قانچىلىك ئىشتى؟ ناھايىتى ياماق بازىرىدىن قوغلاپتۇغۇ شۇ ؟

– سىلە شۇنداق دېگىنىڭلا بىلەن، بىرمۇنچە ئادەمنىڭ كۈزىچە كونا چاپاننى ئاتقاندەك نېرى بېرى قىلىپ يۈرسە، ساقال ئاقارغاندا ئادەمگە ئېغىر كىلىدىكەن. نىمىلا كۆرسەك مەيلى دەيدىغان يەردىن ئۈتۈپ كەتتۇق كامىلاخۇن .

– ئۆتۈپ كىتىپ نەگە باردۇق بۇرادەر؟ – سايىمجان ئالقىنىغا جىرتتىدە  تۈكۈرۈپ، ئۇنى يەكتىكىنىڭ ئىچ ئەستىرىگە سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن تۇلىمۇ ئىنچىكە ئاۋازدا ئۈن قاتتى، – بىز دېگەن شەھەرلىكنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئادەم ئەمەس، ئۇلار دېگەن بىزنى نىمە قىلسا قىلىۋىتەلەيدۇ .

– ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار نەدە يۈرۈپ شەھەرلىك بولۇپ قاپتىكەن؟ ناھايىتى شۇ شەھەرنىڭ كىندىك ئاستىدىن قوپقان بىر نىمىلەر ئۇ ، – داۋۇت مەيچى شالىسىنى چېچىپ قايناپ كەتتى ، – شەھەرلىك دېسە بىزنى دېسە بولىدۇ، مانا، ئاتا -بوۋىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ بازار ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەنمىز، كىندىك قېنىمىزدىن باشلاپ تۇنجى ئوغۇز پوقىمىزغىچە مۇشۇ يەرگە سىڭگەن ...

– ئاي ... نىمە دېگىنىڭلا بۇ داۋۇتئاخۇن؟– كامىلجان بېشىنى چايقىدى، – نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىلەر ؟ سىلە شۇنداق دېگەن بىلەن، بازار ئاللىقاچان ئەشۇنداق پوركۈتەكلەرنىڭ ئىلكىگە ئۈتۈپ كەتتى . شۇڭا پوقلۇق قوڭۇڭلىنى ئېيتقىلىمۇ ئۇدۇل كەلگەن يەردىن خالىغانچە بىرەر كاللەك چالما ئالالمايسىلە . قۇيۇڭلا ئۇنداق گەپنى ...

– راست دېدىلە، – سايىمجان يەنە شۇنداق يەرگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە پەس ئاۋازدا سۆزىنى داۋام قىلدى ، – بىز بازارغا كېيىن قالغان ، شۇڭا ئاسانلىقچە پاتمايمىز . ئەمما ، بازار دېگەننى قۇربىڭ يەتسە نەدە قىلساڭ بولىۋېرىدىغۇ . مەسىلەن، مۇشۇ يەردە،  مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ...

              سايىمجان، ئاغىنە، بىر ئىككى پىيالە ئارتۇق كەتتىمۇ نىمە؟ ئىشتانسىز تۇرۇپ يۇپتاق ئىشەككە مىنىپ چۈش كۆرگەندەك جۆيلۈپ قوپتۇڭلارغۇ ئەمدى .

داۋۇت مەيچى بىلەن كامىلجان قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كىتىشتى

              مىنى مازاق قىلىشمىسىلا، – سايىمجان سۇس كۈلۈمسىرەپ ئۇلارغا ئايانچلىق نەزەردە قاراپ قويدى،– سىلى بىزنى مۇشۇ ئۆيگە جەم قىلغان نىمە؟ خۇمار ! مەيزاپ خۇمارى ! ھەئە ،  دەل ئۆزى شۇ. بۇنداق خۇمار مۇشۇ ئۈچىمىزدىلا بار دەپ قارىشامدىلا ؟ ھازىر دىگەن بارغۇ، خۇدانىڭ بەيتىنى كۈرۈپ، بىلىپ بىلمەي شەيتانغا تاشنى تەتۈر ئېتىپ كەلگەن ھاجىلىرىمىز جېنىدا قاپاق بىلەن  مۇڭدىشىپ، كەيىپ سۈرۈۋاتىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا « ئاق ھاراق – شەربىتى مېيىپ ، پىۋا دېگىنى – شەربىتى زەئىپ ، مەيزاپ – مۇسەللەس دېگىنى –شىددىتى زىۋىت » دىگەن بىر قىزىق چاقچاق كىزىپ يۈرۈپتۇ، شۇنىڭدىنلا ئىشنىڭ نەگىچە بېرىپ قالغىنىنى بىلىشمىدىلىما؟ ھازىر كۆپ سانلىق ئىچەرمەنلەر ئاق ھاراقتىن كېچىپ، مەيزاپ – مۇسەللەسلەرگە تۈرلۈك دورا – دەرمەكلەرنى قۇشۇپ ، ئىسسىقىنى ئاشۇرۇپ، پىلىك ئەشكەن شوينىدەك لىڭتاسما بولۇپ قالغان جىسمىغا قۇۋەت تۇلۇقلىماقتا. مەيزاپ – مۇسەللەسلەرنىڭ تېخىمۇ بازىرى چىقىدۇ بۇرادەرلەر. بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر مەيزاپچى بار. ئۇ شاراپنى ئاتا – بوۋىسىنىڭ مەخپى رېتسىپى بۇيىچە قەدىمىي ئۇسۇلدا تەييارلىغاچقا يېقىن- يىراققا داڭقى كەتكەن، ناھىيە بازىرىدىن تارتىپ ۋىلايەت مەركەزلىرىگىچە ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ مەيزىپىغا يۈگرىشىدۇ. ئاڭلىسام ئۇنىڭ مەيزاپلىرى ۋالىي بىلەن ھاكىمدىن ئاشماسمىش ...مانا، بۇ مەيزاپمۇ شۇ زاتى مۇبارەك ئۇستىنىڭ تەۋەرۈك قولىدا ياسالغان، تەمى قانداقراق ئىكەن ؟

كامىلجان ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ئىتتىكلا بىر پىيالىغا لىقلاپ مەيزاپ قۇيدى – دە، ئاچكۆزلۈك بىلەن غۇرتىلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى. داۋۇت مەيچىمۇ لەۋلىرىنى تامشىپ، پىيالىدىن كۈزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى .

              قانداق، گېپىم راستمىكەن؟– سايىمجان مەغرۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى، – بىلسەڭلا سىلە ۋالىي بىلەن ھاكىمدەك ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولدۇڭلا .
تىز، تىزرەك بولۇڭلا كامىلاخۇن، – داۋۇت مەيچى تۈپرىكىنى يۇتقىنىچە كامىلجانغا ئىلتىجا قىلدى، – قېنى، بىزمۇ تېتىپ باقىلى .

كامىلجان پىيالىنى قۇرۇقداپ، تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ، خۇددى داڭلىق ھاراق-شاراپ باھالىغۇ- چىلىرىدەك  بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىدى:–راست، تەمى بۈلەكچە ئىكەن، ھەقىقەتەن داڭلىغۇچىلىكى بار ئىكەن، رەھمەت سايىمجان ئاغىنە، شۇنچە يىراقتىن بىزنى دەپ كۈتۈرۈپ كەلگەن بىر قاپاق مەيزىپىڭغا مىڭ مىڭ رەھمەت !

              قېينى ئانامنىڭ مىس مىس مۈشۈكىدەك ئەزمىلىك قىلماي تىزرەك بىر پىيالە قۇيۇڭلا  كامىلاخۇن، بىزمۇ ئۇسساپ كەتتۇق،– داۋۇت مەيچى سۈت خۇمارى تۇتقان كىچىك بالىدەك قەغىشلىك قىلىپ تىپچەكلىدى، – قېنى، بىزمۇ بىر پىيالە ...

كامىلجان قاپاقنى يېنى قىلىپ، چوڭ پىيالىغە بۇلدۇقلىتىپ مەيزاپ قۇيۇشقا باشلىدى . داۋۇت مەيچى تېخىچە تولۇپ بولالمىغان پىيالىگە  دەممۇ- دەم قول سۇنماقتا ئىدى . سايىمجان ئەتىدىن بىرى نىمە ئىچكىنىگە دىققەت قىلماي ، ئەمدىلىكتە داڭقىنى ئاڭلاپلا تۇرالماي قالغان  بۇ ئىككىسىگە قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى .ئاخىرى داۋۇت مەيچىنىڭ قۇلىغىمۇ بىر پىيالە مەيزاپ تەگدى . ئۇ چىنىدىكى شارابقا بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن تۇلىمۇ نازۇك بىر ھەرىكەتتە ئاستا كۈتۈرۈپ ئېھتىيات بىلەن ئېغىزىغا ئاپاردى . ئۇ سەللا دىققەت قىلمىسا مەيزاپنى تۈكىۋېتىدىغاندەك ئىھتىيات بىلەن پىيالىنى لىۋىگە يېقىپ يەنە سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن ، كىرت – كىرت ئاۋاز چىقىرىپ سۈمۈرۈشكە باشلىدى .

              ئەزمەڭلىنى ئىزىپ ئادەمنى ھەجەپ تىت – تىت قىلدىڭلىغۇ داۋۇت ئاخۇن ؟ خاتىرەڭلىنى جەم قىلىپ ، لىۋىڭلىنى قورۇپراق ئىچىۋىرىڭلا، كۇماك چىشىڭلار ئارىسىدىن ئېقىپ كەتمەيدۇ .

داۋۇت مەيچىنىڭ بۇنداق چاقچاقلارغا ئى مىي دىيىشىگە پۇرسەت يوق ، ئۇ پۈتۈن ئىشقى بىلەن چىنىنى دەممۇ دەم يۇقىرى كۈتۈرۈپ مەيزاپ ئىچمەكتە .ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ چىنىنى پەسكە چۈشۈرگەندە چىرايى ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .

_ راست ، راست ئىكەن ، سايىمجان دوستىمىزنىڭ دېگەنلىرى راست ئىكەن، _ دېدى داۋۇت مەيچى لەۋلىرىنى تامشىپ تۇرۇپ ،_ ئېغىزىمغا چىش چىققاندىن بىرى بۇنداق تېتىملىق مەيزاپنى ئىچىپ بېقىشىم تۇنجى قېتىم . يەنە بارمۇ ؟– ئۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن قاپاققا تىكىلدى .

              ئەمدى بولدى قىلىشالىمىكىن ، – دېدى سايىمجان تىزىغا مۇشتلىغىنىچە خىر – خىر كۈلۈپ ،–بۇ مەيزاپنىڭ ھەممە سىر ئەسرارلىرىدىن تۇلۇق خەۋەر تېپىپ بۇلۇشمىدىلا تېخى ،
              نىمە ، ئۇنىڭ يەنە بىز بىلمەيدىغان خاسىيىتى بارما ؟

– ئەلبەتتە ، – سايىمجان ئۆزىگە قاراپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئولتۇرۇشقان ئىككى ئۈلپىتىگە قاراپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،– ئەكەلگەن بىر قاپاق مەيزىپىنى داڭلاپ ھاۋىدا ئۇچۇرۇۋاتىدۇ دەپ قېلىشمىسىلا ، مەيزاپچى قوشنىمىز ئۇنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، يەنەچىكىملىكنىڭ ئاكىسىدىن ئاز - تۇلا ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن ئىكەن ، ئۇنى ئىچكەن ئادەم تۇرماق سۈيدۈك پۇراشقىمۇ ماجالى قالمىغان قېرى ھاڭگىلارغا شۇنداقلا پۇرىتىپ قويسا ، ئارغامچىسىنى ئۈزۈپ، مەھەللىنى بېشىغا كىيەرمىش ،ئۇچرىغانلا مادىنى چىشلەپ تالاپ ، ئارقىسىدىن قوغلاپ ئارام بەرمەسمىش .شۇڭا ۋالىي – ھاكىملارمۇ بۇ مەيزاپنىڭ شۇنداق يىرىگە خۇمار بولغانمىش .ناۋادا سىلىمۇ ئىچىپ كەيىپ بولۇپ قالسىلا ،باغلانجا توشىماسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم .

– بۇ مەيزاپنىڭ راستلا شۇنداق ھېكمەت - سىرلىرى بارمىكەن ؟– ئىككىسى تەڭلا سوراشتى.

– بولمىسا ئۇنىڭ شۇنداق داڭقى چىقىپ كىتەمدۇ ؟– سايىمجان ھەييارلىق بىلەن كۆزىنى قىسىپ قويدى ، – بىلىپ قېلىشىلا ، كۈچىنى كۈرۈپ قېلىشىلا ، نىچاغدىن بىرى مۈگدەك يۈرگەن خوتۇنلىرىنىڭ بۈگۈن ئۇيقىسى ئېچىلىپ ، « جان ئانا » دېمىسە بۇ مەيزاپ ھارام بولۇپ كەتسۇن .

كامىلجان يەنە بىر پىيالە قۇيدى ، داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا قولىنى سۇندى .

              ئىنساپ داۋۇتاخۇن ، ئىنساپ ! ئازراقلا گېلىم سىقىلىپ چاقىرىپ قويسام ، ئەمدى ئاشقا تاشلانغان پۇكانبايدەك قول سۇنۇپ ئولتۇرالمايلا كەتتىلىغۇ ؟توختىسىلا ،ئالدىرىماي نۆۋىتىدە كىلىدۇ دەيمەن ،–  كامىلجان ئات سوغۇرغاندەك ئىسقىرتىپ تۇرۇپ چىنىدىكى مەيزاپنىڭ ھەممىسىنى بىر كۈتۈرۈشتە ئىچىۋەتتى .ئۇنىڭ ئورا كۆزلىرى خۇمارلىشىپ بارغانسىرى تېشىغا تەپمەكتە ئىدى . داۋۇت مەيچى ئەمدى قاپاقتىكى شاراپتا ئۈزىنىڭ نېسىۋىسى قالمىغاندەك ، ھەر قانچە يېلىنىپ يالۋۇرسىمۇ بىرەر پىيالە شاراپقا ئېرىشەلمەيدىغاندەك لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .

– مانا ، بازار دېگەن مۇشۇ ، – سايىمجان ئۆز نۆۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئالقىنى بىلەن دىردىيىپ تۇرغان قارامتۇل لەۋلىرىنى سۈرتۈپ قويدى ، – مېلىڭ جىڭ بولسا ، بازارغا بېرىپ كىشىلەر بىلەن بىر موچەننىڭ ئۈستىدە تاك تاك ئوينىماي ، كۆرپەڭنى قات قات سېلىپ ، ئاللا يارىمغا دۆڭ توۋلاپ ياتساڭمۇ خىرىدار دېگەن ئۈزى بۇسۇغاڭنى ئاۋات قىلىپ بازارغا ئايلاندۇرىدۇ . ئاللىكىملەرنىڭ ئالدىدا سارغىيىپمۇ يۈرمەيدىغان گەپ ، سىلەر نىمىشقا بۇ ئىشنىڭ كەينىگە كىرىپ باقمايسىلە ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بازار يېرى تۇرسا ، تىجارەتنى قانداق قىلساڭلارمۇ ئېقىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟

سايىمجان بارغانسېرى قىزىشىپ ، بۇ ئىشتىن كىرىدىغان پايدىنى كونا چوتاكەشتەك ھىساپلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئولتۇرغان ئىككى ئۈلپەتنىڭ بېشى ۋاڭشىپ كەتتى .

_ شۇنداق پايدا چىقىدىغان ئىش بولسا ، سىلە نىمىشقا قىلمىدىڭلا ؟– ئاسماقچىلاپ سورىدى كامىلجان ئىشەنمىگەندەك قىلىپ .

              مىنى شۇنداق قىلىشنى ئويلىمىدى دەمسىلە ؟– ئۇ كامىلجاننىڭ بۇ سوئالىدىن رەنجىگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى ، –لېكىن بىزنىڭ ئۆي مەسچىتكە يېقىن ، ئىمامنىڭ كۈزىدىن ھېچقانداق ئىشنى يۇشۇرۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ،جامائەتتىنمۇ ئەيمەنمىسەم بولمايدۇ . ناۋادا ئۇلار سىزىپ قالغۇدەك بولسا ئۆيۈمگە ئوت قۇيىۋېتىشتىن يانمايدۇ .
       شۇنداق ئىمام ۋە جامائەت ھەممە يەردە بار ، – داۋۇت مەيچىمۇ بىر ئىشتىن ئازار يەپ قالغان ئادەمدەك تۇلىمۇ مەيۈسلۈك بىلەن  ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى .
           لېكىن بازار يىرىدە بۇنداق چېپىلغاق موللىلارنىڭ، ھەممىگە چات كىرىۋالىدىغان پەتىۋاچى جامائەتلەرنىڭ بۇرنىنى پوردا تەشمەك قىيىن ئەمەس ،  – دېدى سايىمجان قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ ، – سەللا دىققەت قىلسا ، ئۇلار ھېچ نېمىنى بىلمەي قالىدۇ . ئىشقىلىپ ھەر ئىشنىڭ بىر يۇلى تېپىلىپ قالىدۇ بۇرادەرلەر .

– مىنىڭ بىر ئوبدان تىجارىتىم بار، – كامىلجان قاپاققا قول سوزدىيۇ، داۋۇت مەيچىنىڭ بىلىنى رۇسلاپ، ئوۋغا تەييارلانغان بۆرىدەك بېشىنى كۈتۈرگىنىنى كۈرۈپ ئىتتىكلا قولىنى تارتىۋالدى ،– مەن بازاردا ساتىراچلىق قىلىمەن، ھېچكىم مىنى ئۇيان تۇر، بۇيان تۇر دىيەلمەيدۇ. قولۇمدىكى ناننىمۇ تارتىۋالالمايدۇ . شۇنداق قىلىشقا ھەددىمۇ ؟ مەن ئاشۇ ئۇستىرامغا تايىنىپ نان تېپىپ يەيمەن .

ئۇ كامىلجانغا قاراپ ئالىيىپ قويدى ، چۈنكى ، ئۇ داۋۇت مەيچىنىڭ نەخ يۈرىگىدىكى جاراھەتنى تاتىلاشقا باشلىغانىدى .شۇ ئىش يادىغا يەتسىلا سەپرايى ئۆرلەيتتى .ئۈزىنى غايەت زور قۇرام تاشنىڭ ئاستىدا قالغاندەك ، ئاشۇ تاشنى ھېلىقى پور كۈتەك ئوغرى دەسسەپ تۇرغاندەك، ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئاشۇ قۇرام تاشنىڭ ۋەزنىدىن ئەمەس ، نومۇس كۈچىدىن پارە -پارە بولغاندەك ھېس قىلاتتى.

– خەخنىڭ ئىڭىكىنى سىلاپ يۈرۈشنىمۇ بىر ئوبدان ئوقىتىم بار دەپ كەتكۈلۈكمۇ ؟– داۋۇت مەيچى مەنسىتمىگەندەك بېشىنى چايقىدى ، – سوپۇن ماغزىپىغا چىلىنىپ ، ھە دېسە قىل چۇپۇ يەپ يۈرىدىغان گەپقۇ ئۈزى .  

–خەخنىڭ ئىڭىكىنى سىلاش ، قاغا چوقۇۋالقان تاپنىڭ كونا تېرىسىدە ئىشلەنگەن لاتا پۇرۇچلارنىڭ ئارىسىدا بىخسىپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى - دە ،– مەيزاپنىڭ كەيپىدە قىزىشقان كامىلجانمۇ تېرىكتى ، – ماكچىيىپ كەتكەن ئىسكەتسىز ئاياغنىڭ قونچىغا تۈكۈرۈپ – مىشقىرىپ يۈرگەندىن قىل چۇپۇر يىگەنمۇ ياخشىراق !

ئۆز ھۈنىرىنىڭ مۇنداق مەسخىرە قىلىنىشىغا چىداپ تۇرالمىغان داۋۇت مەيچى پەشلىرىنى قېقىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە سايىمجاننىڭ « ھاي ، ھۇي » لىرىغىمۇ پەرۋا قىلماستىن سىرتقا ماڭدى .


4

دەرت ئۈستىگە دەرت ئارتىۋالغان داۋۇت مەيچىگە بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن بۇ كىچە ئاخىرى ئۈتۈپ كەتتى .تاڭ ئاتتى . ياز ماۋسۇمىنىڭ ئۇچۇق ئاسمىنىدا قىپ قىزىل چوغلانغان شەپەق ئاستا – ئاستا كۈتۈرۈلمەكتە ئىدى . ئۇنىڭدىن تارىغان تالا – تالا قىزغۇچ نۇر  كوكاتلار بېغىشىدىكى شەبنەم تامچىلىرىنىمۇ قىزارتىپ ، بەئەينى تۇنجى توي كىچىسىنى ئۆتكۈزگەن كىلىنچەكنىڭ مۇنچىدىن چىقىپ ئىرىگە قارىغاندىكى يۈزلىرىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى . ئەتراپتىن تاڭ پەيزىگە چۆمگەن قۇشلارنىڭ شاتلىق ناخشىسى ياڭرايتتى .

داۋۇت مەيچى ئۇيقۇسىزلىقتىن ئېغىرلىشىپ ، قاپاقتەك ۋاڭشىپ تۇرغان بېشىنى تەستە كۈتىرىپ ئۆيىدىن چىقتى . ھويلا ئالدىدىكى تۇپىلىق يولدىن ھېلىلا بىرسى پادا ھەيدەپ ئۆتتىمىكىن ، ئەتراپتىن نىپىز بىر قەۋەت توپا بۇخسۇپ تۇراتتى . ئۇ نىمىشقىكىن كامىلجاننىڭ ھويلىسى تەرەپكە قاراپ قويدى . ئېغىر قوش قاناتلىق دەرۋازا ھىم ئېتىلگەن ، كامىلجاننىڭ بازارغا ماڭغان – ماڭمىغانلىقى ، سايىمجاننىڭ كەتكەن – كەتمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى . ئۇ ئاخشامقى سۆھبەتنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتتى . گەرچە كامىلجاننىڭ كەيىپلىكتە  دېگەن گەپلىرى ئۇنىڭ زەردىسىنى قاينىتىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن سايىمجاننىڭ دېگەنلىرى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيتتى . مىياڭلىمىغان مۈشۈكنىڭ گۆشنى ئاز يىگىنى نەدە بار ؟ ئىشنى جىمجىتلا ، شەپىسىزلا بىر تەرەپ قىلسا كىم بوران چىقىرىپ بىر نەرسە دىيەلەيدۇ ؟ لېكىن ، ھەر ھالدا يىتەرلىك مەبلەغ ، بەزىبىر شارائىت بولمىسا بۇ ئىشنى ھە دەپلا باشلىغىلى بولمايتتى . ئۇ ئەتراپقا ئالاڭلاپ قاراپ ، مەھەللە يۇلىدا بىر پەس ئايلاندى . كىچىك ئېرىقتا شوخلىنىپ ئېقىۋاتقان بىر تارام سۇ ، غۇچچىدە مىۋىلىرى قىزىرىشقا باشلىغان قەدىمىي جىگدىلەر ، سۈيدۈك پۇراپ ، باش بېغىنى ئۈزەلمەي تىپىرلاۋاتقان ياش ھاڭگا ، يول بويلىرىدا مىكىيان قوغلاپ يۈگرەپ يۈرگەن چۈجە خوراز ... بۇ مەنزىرىلەر ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يادىغا يەنە سايىمجاننىڭ ئاشۇ بىمەززە سۆزلىرى كېلىپ قالدى .

بۇ شاراپنىڭ شۇنچىلىك خاسىيىتى باركى ، نىچاغدىن بىرى ئۇيقىسى ئېچىلمىغان خوتۇنلىرىڭلا تاتلىق ئىڭراپ ، « جان ئانىكا » دېمىسە ھىساپ ئەمەس ....

ئۇ ئاخشام ئۈزىنىڭ ئاچچىق يۇتۇپ جىمجىتلا ياتقىنىنى ، بىمەھەل يۇتقان ئاچچىقنىڭ شاراپنىڭ خاسىيىتىنى كېسىپ يوققا چىقارغىنىنى ئويلاپ سوغۇق كۈلۈپ قويدى .

_ دەسلىۋىدە ئېتىكاپتا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇنەججىمدەك مىسىلداپ ئولتۇرغان سايىمجاننىڭ بىردىنلا شاراپنىڭ خاسىيىتى ئۈستىدە شۇنچىۋالا كاپشىغىنى قىزىقتە ، ئۇ نىمە مەخسەتتە شۇنداق دەيدىغاندۇ ؟ ياكى مەيزاپچى بۇ يەردىمۇ بىر بازار ئېچىش ئۈچۈن ئۇنى ئاتايىن قاينۇققا ئىبەرتكەنمىدۇ؟ ناۋادا مىنىڭ شۇنداق بىر تىجارەتنى باشلىۋالغىنىمنى ئۇقسا ، قاينۇقلۇقلار نىمە دەپ قالار ؟ مىنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن شۇنداق يولنى تاللىغىنىمنى ئۇلار چۈشىنەرمۇ ؟

داۋۇت مەيچى باش ئايىغى يوق خىياللار بىلەن مەھەللە ئىچىنى نەچچە ئايلانغان بولسىمۇ  كاللىسىدا ھېچ بىر پىلان شەكىللەنمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ لىڭشىپ مېڭىپ ئاسپالىت يولغا چىقتى - دە ، سەۋدا كېسىپ كېلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .

ناھىيە بازىرى ئەۋۋەلقىدەكلا بىر تەرىزدە كىشىلەرنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بىلەن گۇڭۇرلاپ تۇراتتى .ئالارمەندىن ساتارمەن كۆپ بۇ بازاردا ھەقىقەتەن بىر خىل ئېچىرقاش ، تەمە ، بىر - بىرىگە يۇشۇرۇن خىرىس قىلىشلار ھۈكۈم سۈرمەكتە .تىجارەتچىلەر بىر بىرىگە گۇمانى نەزەر بىلەن قارىشاتتى .ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە ئىلتىجالىق نەزەر بىلەن بېقىشاتتى . نان قايغۇسى ھەممىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن ، بىر - بىرىنىڭ پېيىغا چۈشۈشلەر ،بىر خىرىدارنىڭ ئۆز مېلىغا نەزەر سالماستىن ئۆتۈپ بېرىپ خوشنىسىنىڭ مېلى ئالدىدا توختىغانلىقىغا نارازى بولۇپ ئالىيىشلار ، ئىچىدە تىللاشلار ، قاراڭغۇدا ھومىيىشلار ... ۋاي ۋۇي ، بازارنىڭ قايسى بىر ئىشىغا ئاغرىنىپ بولسۇن ؟ ھەركىم بۇ بازاردىن پەقەت بىر ئۆزىلا نان تېپىپ يىيىشنى ئويلىسا كىرەك ، ئەمما تەقدىر ئۇنى شۇ ئارزۇسىغا مەڭگۈ يەتكۈزمەيدىغاندەك ئىدى .

داۋۇت مەيچى نىمە ئۈچۈندۇر ياماقچىلار رەستىسىگە قاراپ يول ئالدى .ئو ئاشۇ كۈنى ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرىۋەتكەن پور كۈتەكنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ بېقىشنى ئويلىدىمىكىن ؟ياكى ئۈزى پاتمىغان ئاشۇ بازاردا ياماقچىلارنىڭ قانچىلىك ھاللىنىپ، قانچىلىك نەپدار بولغانلىقىنى بىلىپ باقماقچىمىكىن  ؟ ئىشقىلىپ شۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر قىزىقىش ئۇنى يەلكىسىدىن ئىتتىرىپ ، مىچىلداپ تۇرغان مەيداندىكى ياماق بازىرىغا ئېلىپ كەلدى . ئۇ ئاستا ئايلىنىپ قايسى كۈنى ئۆزى ئورۇن راسلىغان يەرگە كەلگەندە ئاشۇ پور كۈتەكنىڭ بېشىنى چاترىقىغا ساڭگىلىتىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى . خىرىدارسىز بازاردا ئۇ بەكمۇ بىچارە كۈرىنەتتى . داۋۇت مەيچى قەستەن گېلىنى ياساپ يۈتىلىپ قويدى . ئېغىر خىياللار قوينىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان پور كۈتەك ئىتتىكلا بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىلتىجالىق نەزەردە تىكىلدى .

              كەلسىلە مىھمان ، ئاياغ دىگەننى يالىغاندەك پارقىرىتىمەن ، ھۈنەر دېگەننى يىپ ماڭمىغاندەك قىلىمەن ، ئەرزىمىسە پۇل ئالمايمەن ، كەلسىلە ....

داۋۇت مەيچى بىردىنلا ئۇنىڭغا قاراپ توختاپ قالدى . ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى چوڭ ئاچقىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلدى . ئۆز دۇكىنى ئالدىدا توختىغان بىرىنى كۆرگەن پور كۈتەكنىڭ چىرايىغا ئىللىق تەبەسسۇم ، خۇشال كۈلكە يامرىدى . ئۇ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ داۋۇت مەيچىنى يېنىغا چاقىرىپ ئۇرۇن كۆرسەتتى .

              كەلسىلە ، ياماق بولسا سۇ كىرمىگۈدەك، شامال ئۆتمىگۈدەك يامايمەن، ئاياغنى يالىغاندەك پارقىرىتىمەن ، بۇ بازاردا مىنىڭ ئالدىمغا ئۈتىدىغان كاسىپ يوق ، كەلسىلە ...

داۋۇت مەيچىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى . بۇ بازاردا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈتىدىغان ھۈنەرۋەننىڭلا ئەمەس ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىچارىنىڭمۇ  يوقلىقىغا شەكسىز ئىشەندى . شۇ تۇرقىدا پور كۈتەك ئۇنىڭ كۆزىگە بىر ھۈنەرۋەن ئەمەس ، ئۆزىگە قاراپ قول سوزىۋاتقان قەلەندەردەك كۈرۈندى . ناۋادا ، يانچۇقىدا سېرىق سىنىتنىڭ پارچىسى بولغان بولسا ، ئۇ بېشىدىن ئۆرۈپ پور كۈتەكنىڭ ئالدىغا تاشلىغان بولسا ، ئۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلارمىدى ياكى قايسى كۈندىكىدەك غەزەپكە كىلىپ ، داۋۇت مەيچىنى كونا چاپاندەك چۆرىۋىتەرمىدى ؟ ياق ، پور كۈتەكتە ئۇنداق جاسارەت بۈگۈن كۈرۈنمەيتتى .

              يامايدىغان يۈرەك بار ، دەرت  كىرمىگۈدەك ئېتەلەمدىلا ؟
              نىمە ؟ يۈرەك ؟ – پور كۈتەك ئۇنىڭغا قاراپ دەقىقە ئىچىدە تۇرۇپ قالدى ،– ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشىماملا ؟ نەدىمۇ يۈرەك دىگەننى يامىغىلى بولسۇن ؟ قىلىپ كۆرمىگەن ھۈنەرغۇ بۇ ؟ مىنى كولدۇرلاتماي يوللىرىغا ماڭسىلا ، ئا ... نەدىكى بىر دەلدۈشكە ئېغىز ئۇپراتقىنىمنى كۆرمەمدىغان ، – پور كۈتەك لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .

داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچى بوشاپ ، ئۈزىنى قۇش پېيىدەك يەڭگىل سەزدى . ئۇ شۇ تۇرقىدا سەللا يۈگۈرسە قانات قېقىپ ئۇچامدىكىن ؟ ئادەم دىگەنگە خوشاللىق شۇنداق يارىشامدىغاندۇ ؟  قايسى كۈنى ئۇ بىر ئۈزى دادىسىنىڭ تاۋۇتىنى كۈتۈرۈپ ماڭغاندەك ، قەدەملىرى بەكمۇ ئېغىر بىلىنگەن بولسا ، ئەمدىلىكتە ئۆزىنى ئۇچۇشتىن ئاران ئاران تۇتىۋېلىۋاتقاندەك ، يەڭگىل  چامدىماقتا ئىدى .

              توغرا ، پۇل تېپىش كىرەك . چوقۇم پۇل تېپىش كىرەك ! قانداق يولدا بولمىسۇن بىرەر ئوقەتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ ، يانچۇقنى توملىغاندا ، ئاشۇ  پور كۈتەكلەرنى ئاياغنى يالىغاندەك مايلاتقىلى ، گىدىيىپ ئولتۇرۇپ ئالدىڭدا  باش ئەگدۈرگىلى بولىدۇ . مەن بىر ئىش قىلاي ، ئۆيدە مەيزاپ ساتساممۇ مەيلى ، پۇللا تاپىدىغان ئىش بولسا ئەمدى ھەرگىز قاچمايمەن ، كىمنىڭ نىمە دېيىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك !

ئۇ شۇ خىيال بىلەن كامىلجاننى ئىزدەپ ساتىراچلار قاتارىغا  كەلدى .

              ھە ، كەپقاپتۇققۇ ؟– ئۇستۇرا كېسىۋەتكەن تازنىڭ بېشىغا ماز چاپلاۋاتقان  كامىلجان ئۇنىڭغا سوغۇقلا قاراپ قويدى .
              مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭلا خوشنام ، – داۋۇت مەيچى پەرۋايىغا ئالمىغان قىياپەتتە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى ، – مىنىڭ سۈننىتىمنى كەسكەندە نەدە قالغان بولغىيدىڭلا كامىلاخۇن ؟ ھەجەپ ئوبدان مازلايدىكەنسىلە ئەمەسمۇ ؟ ۋاي ئىسىت ، ئانام رەھمىتى قان شۇنداق كۆپ چىقىپ كەتكەن دەۋاتقان ...
              ئەتىگەندە بىر يىرىڭلا قىچىشىپ ، مىنىڭ بېسىقتۇرۇپ قۇيۇشۇمنى تىلەپ كەلگەن ئوخشىمامسىلە ؟– ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىغا يا ئاچچىقلىنىشنى يا كۈلۈشنى بىلمىگەن كامىلجان پوكاندەك قىزاردى .
              خاسىيەتلىك دورىنى بىزدىن قىزغىنىپ بىر ئۆزۈڭلا ئىچىۋالغاندىن كېيىن ئۇنچىلىك ئىشنىڭ قولۇڭلىدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،– داۋۇت مەيچى يامغۇردا قالغان ساماندەك ساپ سېرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجايدى ، – قانداق ، ئاخشام بىر يۇلىلا   « جان ئانا » دېگۈزگەنسىلە ؟
              شۇ ئىشنى بىلمەك بۇلۇپ كىچىچە كۈزۈڭلىگە ئۇيقۇ كىرمىگەن ئوخشىمامدۇ ؟ ئوغرى كۈزۈڭلىنىڭ چاپاقلىشىپ تۇرغىنى بىكار ئەمەسكەندە، ئۇنداق ئادەم دېگەن بىزنىڭ تۈڭلۈككە  قۇلاق يېقىپ ياتساڭلا بولماسمىدى ؟! – كامىلجانمۇ كۈلۈپ قويدى .
              بولدى خوشنام ، ھەر قانچە چىچاڭشىپ ، بىرىمىزنىڭ ئۈستىگە بىرىمىز يۇندا چېچىپ يۈرسەكمۇ  يەنىلا ئىشىكتىن چىققاندا دوقۇرۇشۇپ قالىمىز . ئۇنىڭدىن كۈرە نىمە خاپىلىقىڭلا بولسا كۆڭلۈڭلىدىن چىقىرىۋېتىڭلا ، ئاخشام مەن ئوبدان قىلماپتىمەن ، شۇڭا ئەتتىگەندىلا سىلىدىن ئەپۇ سوراشقا كەلدىم .  خوشنا دىگەن قىيامەتكىچە دەپتىكەن ، ئاغرىنىپ، ماي تارتىشىپ يۈرسەك ، ناھايىتى كەلسە بىلىدىغانلارغا قىلىشقىلى  گەپ تېپىپ بىرىمىز شۇ . قانداق دېدىم ؟

_ دېگىنىڭلا راست ، _ دېدى كامىلجانمۇ ئەستايىدىل قىياپەتتە ، _ خۇدا قوشقان قوشنىلار تۇرۇپ ئىت – مۈشۈكتەك خىقىرىشىپ يۈرسەك ، ئەھلى مەھەللە ئالدىدىمۇ سەت . مەندىن ئۆتكەن يەر بولسا سىلىمۇ رەنجىمەڭلا داۋۇت ئاخۇن .

_ئەتتىگەن ئىش باشلىۋاپسىلە ، يول بولسۇن خوشنام ، مەن سىلىنى بىكارغا گەپكە تۇتۇپ ، تېپىپ يەيدىغان نېنىڭلىدىن قۇرۇق قويماي ،_داۋۇت مەيچى ئاستا كەينىگە ياندى ۋە بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك چىپپىدە توختاپ كامىلجاندىن سورىدى ، _سايىمجان كىتىپ بولدىما ؟

_ ھەئە ، ماڭغىلى بىر چۆگۈن قاينىمىچىلىك ۋاقىت بولدى ، _ دېدى كامىلجان خىرىدارىنىڭ يۈزىدىكى چاچ تۇزۇندىلىرىنى  سۈرتىۋېتىپ ، _ قانداق ، ئۇنى ئىزدەپ قاپتىمىزغۇ ؟يا ئاخشام مەيزاپنىڭ كەيپى ئوبدان تۇتقان بولسا ، قۇشناچىم يەنە شۇندىقىدىن تېپىپ كەل دەپ قوغلىغان ئوخشىمامدۇ ؟

_ مەنمۇ بىر ئىش قىلايمىكىن دەيمەن ، _ دېدى داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ چاقچىقىغا ئۇدۇللا جاۋاپ بىرىپ ، _ ئۆيدە مەيزاپخانا ئاچسام ، سىلىچە بولارمۇ ؟

_ بولمايدىغان نېمىسى بار ؟ ئۇمۇ بىر تىجارەتقۇ ؟_ كامىلجان خىرىدار سۇنغان پۇلنى تەكەللۇپ قىلىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ، « بىسمىللا » دەپ يەرگە بىر سۈرۈۋېتىپ يانچۇققا سالدى ، _ ھە داۋۇت ئاخۇن ، ئاخشامقى مەيزاپ راستلا تېتىپتۇ – دە، شۇنداقمۇ ؟

_ تېتىشقۇ بىر گەپ ، سايىمجاننىڭ مەسلىھەتى مىنى شۇنداق خىيالغا كەلتۈرۈپ قويدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنىڭ كۈچىنى مەن يېڭىۋاشتىن كۈرۈپ قويدۇم كامىلاخۇن ، شۇڭا بىر ئىش قىلىپ پۇل تاپاي دەيمەن .

_ ئەمىسە سايىمجاندىن مەسلىھەت ئالماقچىكەنسىلىدە ، _ داۋۇت مەيچىنىڭ مەخسىدىنى چۈشەنگەن كامىلجان بىكار بولغان پەلتەڭنى ئۇنىڭغا سۇندى ، _ بۇ ئاسان ، ئۇنىڭغا مەن خەۋەر قىلاي ، ھايت دېسەملا ئۈنۈپ بولىدىغان نوچام ئۇ .

_ ئەمىسە خەۋىرىڭلارنى كۈتىمەن ئاغىنە ، كەچتە سىلىنى ئۆيدىلا ساقلاي ،_ داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ مەھەللىگە قاراپ يول ئالدى .


5

بىر مەزگىللىك ئالدىراشلىقتىن كېيىن، كامىلجاننىڭ ھە- ھۇلىرى بىلەن بۇ مەيزاپخانا داۋۇت مەيچىنىڭ ئىسلاش تاملىق ئاددىي ئۆيىدە پەيدا بولدى . ئەلبەتتە ئۇمۇ ئاز رىيازەت تارتمىدى . بىر تەخەيلىك ئىشەك ، تۆت تۇياق قوي ، يەنە خوتۇنىنىڭ بىر دانە تەۋەرۈك ئۆزىكى مەبلەغ قىلىپ سېلىندى . دەسلىۋىدە ئىچەرمەنلەرنى كامىلجان بىر ئىككىدىن باشلاپ كەلدى . سايىمجان ئەكەپ بەرگەن ئون قاپاق مەيزاپنىڭ تەمى ئىچەرمەنلەرنىڭ تامغىقىدا قالدى . ئاندىن بۇ ئالاھىدە مەيزاپخانىنىڭ داڭقى ئاستا – ئاستا يېقىن ئەتراپقا تاراشقا باشلىدى . چىكەرمەنلەر ئارىسىدا نەشىنىڭ گېپى ، ئىشقىۋازلار ئارىسىدا خوتۇننىڭ گېپى جېق بولغىنىغا ئوخشاش ، ئىچەرمەنلەر ئارىسىدىمۇ داۋۇت مەيچىنىڭ مەيزاپخانىسى توغرىسىدا پاراڭ كۆپ بولسا كىرەك، ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۇنىڭ كەلتۈرگەن مەيزاپلىرى پاك پاكىزە تۈگىدى .

_ ئىش چاتاق ، _ دېدى داۋۇت مەيچى بىر كۈنى ئەتتىگەن يەنە كامىلجاننى ئىزدەپ بازارغا كىلىپ ، _  ئۆيدە بۇرۇتنى نەمدىگۈچىلىكمۇ بىر نەرسە قالمىدى ، سايىمجان بۈگۈنلا يەنە بىر نەچچە قاپاق مەيزاپ كەلتۈرۈپ بەرمىسە، كەچتە چۆپقەتلەر ئالدىدا سارغىيىپ قالىمەن .

_ بازار كۈڭۈلدىكىدەك ئوخشىمامدۇ ؟_ كامىلجان ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى ، _ قايسى كۈندىكى ئون قاپاق مەيزاپنىڭ ھەممىسى تۈگىدىما ؟

_ ھېچنىمە قالمىدى كامىلاخۇن، ھەممىنى ئىچىپ بولۇشتى،– ئۇ ئۈتۈنۈش تەلەپپۇزىدا يېلىندى، – ئەمدى خوشنام، ياخشىلىقنى ئاخىرىغىچە قىلىپ سايىمجانغا بىر تۇنۇۋەتسەڭلا، بۈگۈنلا يەتكۈزۈپ بىرىشنىڭ ئامالىنى قىلسا، بۇدا ئىككىڭلارغا ئېيتىدىغان ئوبدان بىر رەھمىتىم بار.

– ماقۇل داۋۇتاخۇن، مەن ھازىرلا تۇنىۋىتەي .

– ئەمىسە مەن تۇلۇق خاتىرجەم بولدۇم خوشنام، – ئۇ كامىلجان بىلەن خوشلىشىپ توخۇ بازىرىغا باردى ۋە ئىچەرمەنلەرگە قورداق تەييارلاش ئۈچۈن بىر نەچچە توخۇ  سېتىۋالدى. ئاندىن يەنە سەي كۆكتات دېگەندەك لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بىر ئىشەك ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ مەھەللىگە قايتتى .

كەچكە يېقىن سايىمجانمۇ  ئون قاپاق مەيزاپنى بىر كىرا موتسىكلىتىگە بېسىپ ئېلىپ كەلدى . بۇ چاغدا نەپسى تاقىلداپ ، كۈننى كەچ قىلىشقا تاقىتى قالمىغان بىر نەچچىسى ئاللىقاچان ئۇنىڭ يەرلىك « يازور » لىرىدىن ئورۇن ئېلىپ ، مەيزاپ جىدىلىنى باشلىغان ئىدى . ئاچقان يەرگە بارغان ئاشتەك يىتىپ كەلگەن مەيزاپنى كۈرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى . ئۇ سايىمجاننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇزۇنغىچە قۇيۇپ بەرمىدى .

– رەھمەت ، رەھمەت سايىمجان بۇرادەر ، قېرىندىشىم ، مىنى بىر تەڭلىكتىن چىقاردىڭىز . شۇ تۇرقىدا ئۇلار مىنى مەيزاپ چىچارتىش ئالدىدا تۇرغان ئىدى . قېنى كىلىڭ ، ئاۋال مەن سىزگە بىر چاي بىرەي .

– ياق داۋۇت ئاخۇن، سىلى ئىشنى ئوڭ قىلىپ ئاۋال مىھمانلارغا قارىسىلا، بىز دېگەن قېچىپ كەتمەيمىز،– سايىمجان ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئىتتەردى، – قېنى، جىدەلخورلارنىڭ ئوتىنى ئۈچۈرۈش ئۈچۈن ئاۋال مەيزاپ ئەكىرسىلە .

داۋۇت مەيچى بىر قاپاق مەيزاپنى كۈتۈرگىنىچە قازناققا يۈگۈردى .

ھېرىپ چارچىغان كەچكى شەپەق يەنە ئەتتىگەندىكى قىزىللىقى بىلەن تاغ ئارقىسىغا باش قويدى . كۆيگەن بۇلۇتلارمۇ ئاستا- ئاستا قىزىللىقىنى يۇقىتىپ ، ئەتراپ گۇگۇم پەردىسى ئىچىدە بارا -بارا قاراڭغۇلاشتى . مەھەللە يۇلىدا پۇرۇقلاپ ئۆرلەۋاتقان توپا – چاڭمۇ بېسىققان ئىدى . ئەتراپتىن ئوت بوغۇزغا تويمىغان ئىشەكلەرنىڭ جەھلى بىلەن ھاڭراشلىرى ، كىملەرنىڭدۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىلىشقان پاراڭلىرى ، بەڭۋاش ئوغلىنى قىچقىرىپ توۋلاۋاتقان ئانىنىڭ بوغۇق ئاۋازى ، بازاردىن يانغان ئۇششاق يايمىكەشلەرنىڭ  غالتەك ھارۋىسىدىن كىلىۋاتقان چاقنىڭ سۈركىلىش ئاۋازى قۇشۇلۇپ ئاجايىپ بىر شاۋقۇنلۇق سىمپونىيەنى ھاسىل قىلغان ئىدى . بۇ سىمپونىيەدە يەككە سازلارنىڭ ئاۋازىنى پەرق ئىتىش بەكمۇ قىيىن ، ھەممىسى بىر خىل ھاياجانلىق گۈرۈلدەش ئىچىدە ئۆز مەرغۇللىرىنى ئومۇمى سىمپونىيەگە قۇشۇۋېتەتتى .

قاراڭغۇ كوچىلاردا ئوغرى مۈشۈكتەك ئەتراپقا ئەندىشىلىك بېقىپ كىلىۋاتقان قارا گەۋدىلەر بارغانسىرى كۈپىيىشكە باشلىدى .بىردىن- ئىككىدىن كېلىشىۋاتقان بۇ مەيخورلار دوقمۇشتىن قايرىلىپ داۋۇت مەيچىنىڭ غېرىبانە ھويلىسى ئالدىغا كەلگەندىلا « ئۇھ » دېيىشىپ ، ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۈزىنى ھويلا ئىچىگە ئېتىشاتتى .

ئىشلار ئەنە شۇنداق داۋاملاشماقتا . بىر ھەپتىگە قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئىككى يول مەيزاپ كەلتۈرگەن داۋۇت مەيچىنىڭ قولىدا ئوبدانلا پايدا قالدى . بۇنى كۈرۈپ تاز چىراي خوتۇننىڭمۇ قاپىقى ئېچىلىپ ، چىرايىدا كۈلكە پەيدا بولدى . ئۇ زىرىسى ئۈچۈن ئالەمنى مالەم قىلىپ ، داۋۇت مەيچىنىڭ ياقىسىدا ئىلەنگۈچ ئۇچقىنىنى ئويلىغىنىدا بىر ئاز خىجىلچىلىقمۇ تارتقان بولدى .

– شۇ چاغدا كەم ئەقىللىق قىلغان ئىكەنمەن، – دېدى بىر كۈنى داۋۇت مەيچىنى قۇچاغلاپ يېتىپ، – ئوقىتىمىزنىڭ مۇنداق بازار تېپىشىغا پەقەت كۆزۈم يەتمەي، بىر زىرە ئۈچۈن كۈزۈمنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ كىتىپتىمەن. رەنجىمىسىلە دادىسى، مەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا بەكمۇ خىجىل، كەلسىلە ،  شۇ كۈندىكى گۇناھىمنى بۈگۈن بىر يۇياي ...

– توختاڭلا ئانىسى .

– نېمىشقا ؟

– مەيزاپتىن ئازراق ...

_بولدى، بولدى، بۈگۈن مانا مەن مەيزاپ،  قانچىلىك ئىچىمەن دېسىلە ئىختىيارلىرى ...

ئۆي ئىچىدىن مۈشۈك سۇ ئىچىۋاتقاندەك يىنىك شىپىلداش ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى.

– خۇ ... خۇدا بۇيرىسا ، – قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ ھاسىراش ئارىلاش ئۈزۈك -ئۈزۈك ئاۋازى كەلدى، – سو ... سودىمىزدىن كۆز چىقماي مۇ ... مۇشۇنداق يۈرۈشسە، بىر يىلغا قالماي تە... تەۋەرۈك زىرەڭلەرنى بىر، ئۈ...ئۈزۈكىڭلارنى ئىككى قىلىپ بىرىمەن خوتۇن. مە ... مەھەللىدە  ھە...ھەممىنىڭ كۆ...كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋىتىمەن ئوت ...

– بۇنداق چاغدا خۇدانىڭ ئىسمى سۇپاتىنى ئېغىزغا ئالمىسىلا دادىسى ، يامان بولىدۇ .

– نېمىشقا ؟

– چۈنكى، سىلە ھازىر جۇنۇپ ، پاكىزە ئەمەس .

– ئەمىسە سىلىمۇ دېدىڭلارغۇ ؟

– نىمە ، مەنمۇ دېدىمما ؟ ۋاي خۇدايىم ...

– يەنە دەۋاتىسىلەغۇ ؟– قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ خىر -خىر قىلىپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .

– بېشىنى يەيدىغان داۋۇتۇم ، ئادەمنى ئازدۇرۇپ گۇناھقا شىرىك قىلغانلىرى نىمىسى ؟

_ سىلىنىڭ شۇنداق پات -پات ئېزىپ تۇرۇشۇڭلىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن خوتۇن .

_ ھەشىلە دەپ بەرسەم ئېشىۋالمىسىلا ئەمدى، – ئايال داۋۇت مەيچىنىڭ بېقىنىنى نازلىق چىمدىدى،– ھە راست، قىزىمىزنى كىلەر ئايدا مەكتەپتىن قۇيىۋەتكۈدەك. نەرسە كىرەكلىرىمنى ئەكىلىشكە دادام ئۆزى كەلسۇن دەپ بىر ساۋاقدىشىدىن تۇنۇپتۇ .

_ ئاخىرى ئەپەندىم دىگەن دەيۈزلەردىن قۇتۇلۇپتۇ- دە ! بىزنىڭ قۇلىقىمىزمۇ ئەمدى تىنچىپ قالغۇدەك،_ داۋۇت مەيچى يىرگىنىشلىك بىر ئىشنى تىلغا ئېلىۋاتقاندەك ئاۋازىنى غەلىتە چىقىرىپ خورسىندى ، _ ئاشۇ يىلى ئۇنى مەكتەپكە بەرمەي سەيپۇڭ قىلىلى دەپ تۇرىۋالغىنىمدا، ئۇ كىراكەش ئەپەندىلەر مىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ مۇزدەك ئىشخانىغا بىر كىچە سولىمىدىمۇ ؟ ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ خوتۇن .

_ بىراق ، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە خانىم ئۇنىڭغا بەك كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدى دادىسى ، بۇ ياخشىلىقلارنىمۇ  ئەسلىرىدىن كۈتۈرىۋەتمىگەنلىرى ياخشى .

_ بۇ خانىم بەك قاقۋاش ئىكەن ، ئۇ  قىزىمىزغا ياخشىلىق قىلىپ ، بىرەر تال كونا كىيىم ، ئانچە مۇنچە پۇل- پىچەك دىگەندەك نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ، ئۇنى ئۆزىگە يامان ئۈگىتىۋالدى ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ قىزىمىزنى كۆندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ ؟

_ بوپتۇ ، شۇنداقمۇ بولسۇن دەيلى ، ئەمدى قىزىمىز ئاشۇ قىلتاقتىن قۇتۇلۇپ قايتىپ كەلمەكچى ، ئۇنى يەنە سەيپۇڭ قىلىمىزمۇ نىمە ؟ _ ئايال يەنە قۇشۇپ قويدى ، _ ھۈنەر ئۈگۈنىدىغان ئىش بولسا قايسى ئۇستىغا تۇتقىزىمىز ؟

_ كىم ئۇنى ھۈنەرگە بىرىمىز دەپتۇ ؟ _ قاراڭغۇلۇقتىن داۋۇت مەيچىنىڭ قۇپال ئاۋازى ئاڭلاندى ، _ ھۈنەرگە بىرىمىز دېگەن بىلەن ، قىز بالىنىڭ ئاتىقى يامان ، تۈشۈك تورلاشنى ئۈگىنىپ بولغىچە قۇلىقىمىز ساق تۇرمايدۇ .ئەڭ ياخشىسى  ئۇ يېنىمىزدا تۇرۇپ بىزنىڭ تىجارەتكە قارىشىپ بەرسۇن . ئىككى قولنى تۆت قىلالماي يۈرگەندە، ئۇنى تەييار مەدىكار قىلىپ خەخكە تۇتقۇزۇپ قۇيىمىزما ؟ ئۇنداق ئەخمەق داۋۇتاخۇن تېخى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىن يەرگە چۈشمىدى .

_ لېكىن ئۇ قىز بالا تۇرسا ، مەستلىكتىن شەيتىنى ئۆرلەپ تۇرغان ھاڭگىلارنىڭ يېنىدا ئۇنى ساقلىماق تەس بولارمىكىن ؟

_ بىز يېنىدا بارغۇ ، كۆز - قۇلاق بولىمىز  خوتۇن . ئەمدى ئۇخلايلى ، ئەتە يەنە قىلىدىغان ئىش بار . سەھەر تۇرمىساق بولمايدۇ .

بىر پەستىن كېيىن بىرى قوپال ، يەنە بىرى تۇلىمۇ رايىش ، يۇمشاق قوش  كىشىلىك خوررەك ئۆي ئىچىنى لەرزان كىزىشكە باشلىدى .


6

تىجارەت دېگەن شۇنداق نەرسە . قىلىپ كۆرمىگەن ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئالغان ھەر بىر قەدىمى پۇل !ئەمما تىجارەتكە كىرىشكەن ئادەمگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ .

غىڭڭىدە چىققان ئوسۇرۇقنى ئىشتاننىڭ ئىچىدە تۇتۇپ قالغىلى بولمىغاندەك ، قاينۇق مەھەللىسىدە ئاجايىپ داڭلىق بىر مەيزاپخانىنىڭ دەۋر سۈرۈۋاتقانلىقىمۇ كۆپ ئۆتمەي كىشىلەر تەرىپىدىن سىزىۋېلىندى . مەھەللىنىڭ ئارامبەخىشلىك كىچىلىرى ، مەيزاپ كەيپىدە تەڭشەلگەن مەستلەرنىڭ بار ئاۋازى بىلەن چىڭقىلىپ تۇرۇپ ئالاتاغىل توۋلاشلىرى ،بىر -بىرى بىلەن كىمنىدۇ تالىشىپ ياقا سىقىشىپ مۇشتلىشىشلىرى ، يولدا ئۇچرىغاننى ئورۇپ سوقۇپ ، كىچىدە بىمالال سىرتقا چىقىدىغان قىز جۇۋانلارغا ساقال تاشلاشلىرى قاينۇقلۇقلارنى  سارامىگە سېلىپ قويدى . كۈنلىرىنى تاپقان نېسىۋىسىگە شۇكرى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ ئۈگىنىپ قالغان بۇ كىشىلەرگە ئۆز مەھەللىسىدە بىر مەيزاپخانىنىڭ ئېچىلىشى_قىيامەتنىڭ باشلىنىشىدىن، خاتىرجەمسىزلىكنىڭ ئەۋىج ئېلىشىدىن دىرەك بىرەتتى .شاراپخورلۇقنى ھەممە جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى دەپ بىلىدىغان قاينۇقلۇقلارغا نىسبەتەن بۇ مەيزاپخانىنىڭ ئېچىلىشى كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەت ھىساپلىناتتى .

بىر كۈنى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابلىز قارى  ئۇنىڭ يولىنى توستى .

_ بۇ قىلغانلىرى بولماپتۇ داۋۇت ئاخۇن ، _ دېدى ئىمام ئۇنىڭ كۈرۈشۈشكە تەڭلىگەن قوللىرىنى ئېتىبارسىز قالدۇرۇپ ، _ بىز سىلىنى خېلى دۇرۇس ئادەم دەپ بىلىپ يۈرگەن ، سىلىنى ئۇنداق قىلىدۇ دەپ ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان .

_ مەن نىمە قىپتىمەن؟_ ئىمامنىڭ كۈرۈشۈشكە قول بەرمەسلىكى ئۇنىڭ ئوغىسىنى قاينىىتپ قويدى ، _خەخنىڭ تېمىنى تىشىپتىمەنمۇ ؟ بىر كىمنىڭ كىلىنىگە چاقچاق قىپتىمەنمۇ ؟ يا بىرسىنىڭ ئارپىسىنى خام ئورۇپتىمەنمۇ ؟ قايسى قىلغىنىم ئوبدان بولماپتۇ ؟

ئىمامنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى .

– ئىشتانغا چىققان كۈڭۈلگە تايىن دېگەندەك، قايسى ئىشنى خاتا قىلغانلىرى ئۆزلىرىگە مەلۇملۇق، بىز يەنە ئەزمىسىنى ئىزىپ چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەكمۇ بولا، – ئىمام ئۇنىڭغا مىقتەك تىكىلدى، – لېكىن، ئەلمىساقتىن بىرى پاك- پاكىزە تۇرغان مەھەللىمىزدە سىلىنىڭ شاراپخانا ئېچىپ، كىشىلەرنىڭ ئەقلى- ھۇشىدىن ئېزىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكلىرى پەقەتلا بولمىدى . گۇناھقا پاتتىلا داۋۇت ئاخۇن .

– خۇدا ھەر قانداق بەندىگە ئۆز  رىسىق- نېسىۋىسىنى تېپىپ يىيىشنىڭ يۇلىنى بەرگەن . ماڭا رىسىق ئەشۇ مەيزاپخانىدىن كېلىۋاتىدۇ .

– سىلە دېھقان بولغاندىكىن، رىسىقنى تېپىپ يىيىش يەردىن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . ئەمما سىلە ...

– ھۈرمەتلىك ئىمامىم، – داۋۇت مەيچى ئۇنى مەسخىرە قىلغاندەك چىشلىرى ئارىسىدىن دانىمۇ دانە چىقىرىپ سۆزلىدى، – مەن ئاشۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەندىن بىرى ھېچقاچان نېنىم بۈگۈنكىدەك پۈتۈن بولۇپ باقمىغان. خۇدا ماڭا ناننى پۈتۈنلەپ يىيىشنى مۇشۇ ئوقەتتىن ئىرادە قىلغان بولسا كىرەك. مەن مەيزاپ ساتتىم. لېكىن ھەرگىز بەزىلەردەك ئىمان ساتمىدىم . قىلغان ئىشىنىڭ گۇناھلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئالىدىغان نوچىلارغا نىكاھ ئوقۇپ قۇيۇپ، خۇدانىڭ دەرگاھىغا ماڭغانلاردىن ناماز ھەققى ئېلىپ، نان تېپىپ يىيىش گۇناھ بولمىسا مىنىڭ قىلغان ئىشىممۇ ھەرگىز گۇناھ ئەمەس...

– سىلى ... – ئىمام ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قارىدى، ئۇنىڭ كۈيە چۈشۈپ كەتكەندەك كۈرۈنىدىغان كۆتمەك ساقىلى دىر دىر تىترىدى. ئۇ يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچى بولدىيۇ توختاپ قالدى. بىر- بىرىگە تىكىلگەن كۆزلەر ئۈستۈنلۈك تالىشىپ خېلى ئۇزۇن قارىشىپ تۇردى، قارچۇقلار تېلىپ، كۆزلەر خىرەلەشكەندىلا ئىمام پېشىنى قېقىپ يولىغا راۋان بولدى .

كىچىككىنە مەھەللىدە نىمىنى يۇشۇرۇپ بولۇش مۇمكىن؟ خاپىچىلىقتا ئۇدۇللا مەسچىتكە ماڭغان ئىمام ئارقىلىق بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن كىشىلەر بىر دەمدىلا خەۋەر تېپىشتى . گۇناھقا پاتقان قارا يۈز داۋۇتنىڭ ئۇيالماستىن ئىمامغا دېگەن سۆزلىرى ھەقىقەتەن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى .

– نىمە دېگىنى بۇ ؟ داۋۇت مەيچى ئۆلمەمدىغاندۇ ؟

– قاراپ تۇرۇپ ئىمامغا شۇنداق ھۈرمەتسىزلىك قىلسا بولامدۇ ؟

– ئاشۇ سولامچىنىڭ مەيزاپخانىسى ئېچىلغاندىن بىرى بۇ مەھەللە تىنچىپ باقتىمۇ ؟

– قىلغۇلۇقنى ئۆزى قىلىپ بولۇپ يەنە ئىمامغا تەنە قىلغىنى نېمىسى ؟

– بۇنداق ئىبلىسلارنى قوغلىۋېتىش كىرەك !

– ئاشۇ گۇناھى ئۈچۈن سولىۋېتىش كىرەك .

– ئوت قۇيۇپ كۈلىنى كۆككە سورۇش كىرەك ...

– تېخى شۇنىمۇ رىسىق دەمدۇ كىشى؟ ھاراق سېتىپ تاپقان پۇل گالدىن توڭغۇزنىڭ پوقى بۇلۇپ ئۆتىدۇ جامائەت .

– ئەينى شۇنداق ...

ھەركىم ھەر نىمىلەرنى دېيىشەتتى. غەزەپ نەپرەت  ۋولقاندەك پارتلايتتى. مەھەللە ئاسمىنىدا كىشىلەرنىڭ غەزەپلىك نىدالىرى گۈرۈلدىمەكتە ئىدى .

– پاھ، نىمە قىلدىڭلاھۇي، – كەچ كىرگەندە داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلگەن كامىلجان بوسۇغىدا تۇرۇپلا سوئال دېگەننى تۈكۈۋەتتى، – ئاڭلىسام ئىمامغا شالىڭلىنى چېچىپسىلىغۇ ؟

– ئاڭلىغاندىكىن سورىمايلا قۇيۇڭلا كامىلاخۇن، – داۋۇت مەيچى يېرىمىنى چىكىپ بولغان مۇخۇركىسىنى ئۇنىڭغا سۇندى، – ئۆچەي دەپ قالغان قوقاسنى ئەمدى كوچىلىماڭلا . مىنىڭ شۇ تۇرقىدا ئۆتۈم تېشىپ تۇرىدۇ، ئۇنى قايتا تىلغا ئالغۇم يوق .

– ھەممىنى ئاڭلىدىم خوشنام، سەل ئىتتىكلىك قىلدىڭلارمۇ نىمە؟– كامىلجان مۇخۇركىنى شورىغاچ ئايۋاندىكى سۇپىنىڭ لېۋىگە كېلىپ ئولتۇردى، – قانداقلا بولمىسۇن ئىمام دېگەننىڭ جامائەت ئالدىدا ھۈرمىتى چوڭ، ئالدىراپ مازارغا تاش ئاتىدىغان ئىش ئەمەس. بولمىسا تەخسىرات  كېتىسىلەر ئەمەسمۇ !؟

–نىمە بولسام مەن بولاي،  – دېدى داۋۇت مەيچى بىر قاپاق مەيزاپنى كۈتۈرۈپ قازناققا مېڭىۋېتىپ، – بىزمۇ يولدا كېتىۋاتقان ئات – ئېشەكنىڭ كۆتىدىن چۈشۈپ قالغان توڭ تىزەك ئەمەس، ئۆزىمىزگە چۈشلۈق كۆڭلىمىز بار ئادەممىز. موللا تۇرۇپ بەندە بەندىدىن نومۇس قىلسا گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، بىر چىرايلىق كۈرۈشەيلى دەپ قول بەرسەم كۈرەر كۆزى يوق. ئۇنداق موللىدىن ئالدۇرمىغان ماۋۇ سۈننەت تۈكۈم ياخشى .

– ھاي، ھاي، ئېغىزغا ئىگە بولىلى داۋۇتاخۇن،– كامىلجان قۇلىدىكى مۇخۇركىنىڭ قالدۇقىنى يەرگە تاشلاپ، پۇتى بىلەن ئەزگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، – ئالىمادىس بىر ئىش چىقىپ قالسا ...

– نىمە ئىش چىقاتتى؟ ئىش چىقسا يوغىنى پۇل ئالار؟ ئۇنداق كۈيە ساقاللارنى سېتىۋالغۇچىلىكىم بار مىنىڭ ، – داۋۇت مەيچى چۇپۇر باسقان مەيدىسىگە  مۇشتلاپ قويدى .

– تاپقىنىڭلا بېقىنىڭلىغا ئۈسۈۋاتقان ئوخشىمامدۇ ؟ – كامىلجان ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى، – ئۆتكەن كۈننى ئۇنتۇش ئادەمنى غەپلەتكە ئېلىپ بارىدۇ خوشنام. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ياماق بازىرىدىن قانداق قوغلانغىنىڭلىنى ئۇنتۇپ قالماڭلا . ئۇزۇن جاھان بۇ .

داۋۇت مەيچى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ يەنە قازناققا ماڭدى .

كامىلجان خوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن كۈڭۈلسىزلا قايتىپ چىقتى . ئۇ ئاشۇ مىسىلداپ، يەرنىڭ قۇۋۇرغىسىنى دەسسىۋېتىشتىن ئىھتىيات قىلىپ قۇرتتەك ياشاپ كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈرىكىنىڭ بۇنچىلىك يۇغىناپ ، ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى .

–داۋۇت مەيچىنىڭ بۇنچە يۈرەكلىك بولۇپ كەتكىنىگە قارىغاندا، تاپقان پۇلى ئاز بولمىسا كىرەك ، – دەپ ئويلىدى كامىلجان، – ئادەمنى سەكرەتكەنمۇ پۇل، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا قىلغانمۇ يەنىلا شۇ پۇل! ھەي، دەسلىۋىدىلا ئۇستىرا - كاپنى پۇلاڭلىتىپ يۈرگىچە ، سايىمجاننىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىشنى ئۈزۈملا باشلىۋالسامچۇ ؟ مانا ، ساتىراچلىق قىلىپ تاپقىنىم تېخىچە قۇرساقتىن ئاشمايۋاتىدۇ .داۋۇت مەيچى بولسا جەرىمانە تۈلەشنىڭ كويىدا . بۇ قانداق بولغىنى؟ مەسلىھەت بىزنىڭ ئۆيدە بولسۇنۇ ، راھىتىنى باشقىلار كۆرسۇن . بۇ قاملاشمىدى . مەنمۇ ...بىر ئىش قىلسام بولارمۇ ؟ مەيزاپخانا ...قاينۇقلۇقلارمۇ ئارقىدا غۇتۇلدىغان بىلەن ، داۋۇت مەيچىنىڭ بىر تال مويىغا تىگەلمىدىغۇ ؟ھەر كىم ھەر نىمە دېگەن بىلەن خەخ تاپىدىغان پۇلنى ئوبدانلا تېپىپ ، تېخى ھېيىقماستىن ئۇنى بۇنى دېگەننىڭ ئاغزىغا قاتلاپ تىقىپ يۈرمەمدۇ ؟ مەيزاپخانا ئاچسام ، سايىمجان دېگەن مىنىڭ ئالقىنىمدىكى ئادەم .ئۇنىڭغا ھايتلا دېسەم ئىش پۈتىدۇ .مەيزاپنىڭ ئەڭ ياخشىسى مىنىڭ بۇلىدۇ . توغرا ، يۇغانلا بىر قاينۇق يېزىسى بىر داۋۇت مەيچىگە قاراشلىقمىدى ؟ ھەر كىمنىڭ رىسقىنى بەرگۈچى ياراتقان ئىگەم ئەمەسمۇ ؟ توغرا ، مەن نېمىشقا بۇرۇنراق شۇنداق بىر خىيالنى قىلمىدىم ؟ بۇرنۇمنىڭ ئاستىدىلا بىرسى رىسقىمنى قىرقىپ يۈرسە ، مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاق يەردە كىشىلەرنىڭ ساقىلىنى قىرىپ نىمە قىلىمەن ؟ ئاشۇ داۋۇت مەيچىنىڭ قولىدا ئاينىغان تىجارەتنى  مەن قىلالمامدىمەن ؟ ياق ياق ، ۋاي ئەقىلسىزلىكىم ....

ھەپتىدىن كېيىن داۋۇت مەيچى بىردىنلا چۆپقەتلىرىنىڭ ئازلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى سەزدى . كۈندە لىققىدە ئولتۇرۇپ ، بەزىدە نۆۋەت كۈتۈپ ئۆينى بازار قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ بېرىۋاتاتتى . چاتاقنىڭ نەدىن چىققىنىنى ، ئىشنىڭ قايەردىن ئوسەي كەتكىنىنى بىلەلمەي بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزىۋەتكەن داۋۇت مەيچى بىر كۈنى كەچتە سايىمجاننىڭ يوغان - يوغان كومزەكلەرگە قاچىلانغان مەيزاپلارنى كامىلجاننىڭكىگە تۇشۇۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالدى .

_ نىمە ئىش بۇ ؟ كامىلجان بىر ئۈزى ئۈچۈن مۇنچە مەيزاپنى نىمە قىلىدۇ ؟ يا مەيزاپنىڭ باھاسى ئۈسىدىغان ئىش بولسا، ئالدىن بېسىۋالاي دېدىمىكىنە ؟بىراق ، سايىمجان ئۇنداق بىر گەپنىڭ ئىس بۇسىنى چىقارمىغانىدىغۇ ؟ يا...

ئۇنىڭ نېرىسىنى ئويلاشقا كۆڭلى بارمىدى . يېقىن خوشنىسىنىڭ يەۋاتقان ئېشىغا چاڭ سېلىشىنى ئۇ ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى .بەلكىم، سايىمجاننىڭ توشۇۋاتقىنى باشقا بىر نەرسە بولۇشى مۇمكىن .ئۇ شۇ خىيال بىلەن كامىلجاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا باردى .

– نىمە توشۇۋاتىسىلەر سايىمجان ئاداش؟– سورىدى ئۇ كۈپلەرگە قىزىقىپ قاراپ، – نىمە بۇ ؟

– مەيزاپ ! – غېمىدە يوق جاۋاپ بەردى سايىمجان .

– نىمە ؟ مەيزاپ ؟– دىككىدە چۈچۈگەن داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، – كامىلجانگە بۇنچە كۆپ مەيزاپ نىمىگە لازىم بولۇپ قاپتۇ ؟

– سىلىنى يالغۇزچىلىق تارتىپ قالمىسۇن دېدىم داۋۇت ئاخۇن، – شۇ سوئالنىڭ ئۈستىگە چىققان كامىلجان جاۋاپ بەردى،– مەنمۇ تىجارەت قىلاي دېگەن خوشنام، ئىش باشلىغىلى ئىككى – ئۈچ كۈن بولدى. قانداق، بوپتىمۇ ؟

– بو ... بوپتۇ  ئوبدان بوپتۇ ، – داۋۇت مەيچىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا جاۋاپ بەردى. ئۇ شۇندىلا نېمىشقا ئۆز قازنىقىنىڭ خىرىدارسىز قېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى .

– ئىككى خوشنا بىر يەردە تىجارەت قىلساق، – دەپ قۇشۇپ قويدى كامىلجان، – يوقنى تەڭ تېپىپ، بارنى ئۆز ئارا سۇنىشىپ تېخىمۇ ئوبدان روناق تاپقۇدەكمىز . شۇڭا مىنىڭكىگىمۇ قۇرت كىردى داۋۇت ئاخۇن .

– قۇرت ئەمەس، قىزىتىلغان لوم تۈمۈر كىرىپتۇ خوشنام، – ئىچىدە پىچىرلىدى داۋۇت مەيچى، – قىلىدىغان باشقا ئىش تاپالمىغاندەك، مەندىن نان تالاشقىنىڭ نىمىسى؟ شۇمۇ خوشنىدار- چىلىق بولدىمۇ ئەمدى ...

كونىلار ئەزەلدىن بىر قازاندا ئىككى قوچقارنىڭ كاللىسى پىشمايدۇ دېيىشىدىكەن. ئەمما كىچىككىنە قاينۇقتا ، يەنە كىلىپ بىر بىرىگە قاراپ تۇرىدىغان ئىككى ئۆيدە نەچچە قوچقارنىڭ كاللىسى ۋاراقلاپ قاينىماقتا . كامىلجان سودىسىنىڭ ئۈزى كۈتكەندىنمۇ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقىنىدىن سۈيۈنسە ، داۋۇت مەيچى ئۆز تىجارىتىنىڭ بارغانچە سۇغا چىلىشىۋاتقىنىدىن ، شۇنچە كونا چوپقەتلىرىنىڭمۇ تىزىپ كېتىۋاتقىنىدىن بىئارام بولاتتى . ئادەم دېگەن شۇنداق مەخلۇق بولسا كىرەك ، ھەر ئىككى ئۆيدىكى بىر ئۇستىنىڭ قولىدىن چىققان شاراپ بولسىمۇ ، ئەمما يېڭىسىغا بولغان قىزىقىش تۈپەيلى ، خىرىدارلار بارا-بارا كامىلجاننىڭ ئۆيىگە ئاقماقتا ئىدى ....

مەھەللىدە ھەممىلا ئادەم كامىلجاننىڭ مەيزاپخانا ئېچىشىنى داۋۇت مەيچىدىن كۆردى ، خىيالىدا يوق ئادەمنى قىزىتىپ ، مەيزاپخانا ئېچىشقا سەۋەپچى بولغان دەل ئاشۇ ئىشەك نەسلى ، دوزاخقا تۇترۇق بولغۇچى داۋۇت مەيچى _ دېگەن گەپ ئۇلۇق- ئۇششاقنىڭ ئېغىزىدا ئېقىپ يۈرەتتى . «ئىشنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان تانىسى» دېگەندەك، كامىلجاننى بۇزغان ئاشۇ نەس باسقۇر داۋۇت مەيچى دەپ قاينايتتى پىشقەدەملەر. ئەمەلىيەتتە داۋۇت مەيچى كامىلجاندىن خاپا ئىدى. ئۇ خوشنىسىنىڭ مەيزاپخانا ئېچىشىنى ئۆزىگە قىلىنغان چىدىماسلىق ، ھەسەت ، يىگەن ئېشىغا تۇپا چاچقانلىق دەپ بىلەتتى . ئۇ مىنىڭ چوپقەتلىرىمنى تارتىۋېلىپ سودامنى بۇزدى دەپ بۇ خوشنىسىدىن ئاغرىناتتى ....

–مانا، كامىلجان با جۈجاڭنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىچە ئىسقىرتىپ كىرىپ كەتتى. تېخى ئەمەلدارنىمۇ ئۈگىتىۋاپتۇ دىسە، قارىغاندا ئۇنىڭ تەييارلىقى بوش ئەمەسكەندە! شۇنىڭغا يارىشا تاپقان پايدىسىمۇ مىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق...چۈنكى، ئەمەلدار دىمەك- پۇل دىمەك. قارىغاندا ئۇ تورنىڭ ئەڭ يۇغىنىنى تاشلاپتۇ – دە؟ ۋاي ئىچى قۇتۇر كاساپەت ، تاپقان ئىككى – تۆت تال پۇلۇمغا كۆز قىزارتمىساڭمۇ ساڭا قىلغۇدەك ئىش چىقار ئىدىغۇ ؟!

ئۇنىڭ ئۈجمە كۈتىكىدە ئولتۇرۇۋىرىپ كاسىسى ئاغرىپ كەتكەنىدى . داۋۇت مەيچى ئورنىدىن تۇرۇپ تازا بىر كېرىلدى - دە ، ئۇستىخانلىرىنىڭ غاراسلىشىدىن بىر خىل ھوزۇر ھېس قىلدى . ئۇ كۈز شامىلىنىڭ بارغانسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭمۇ توڭلاپ كەتكەنلىكىنى سىزىپ ، كامىلجاننى غايىۋانىسىغا بىر نەچچىنى تىللىغىنىچە ئۆيىگە ماڭدى .

داۋۇت مەيچىنىڭ تىگىشلىك ئەدىپىنى بەرگەن ئايال خاخىراپ بىر خىلدا ئۇخلىماقتا ئىدى . ئۇ سەل ئاغرىپ تۇرغان كۆزلىرىنى سىلاپ قويغاندىن كېيىن ئىشتاننىڭ پۇل سېلىنغان يانچۇقىنى تۇتۇپ باقتى ۋە سامان تەككىنىڭ ئاستىغا تىقتى . يوتقاننى ئاستا قايرىپ بولۇپ يەنە يېپىپ قويدى .چۈنكى، ئەمدى ئۇ يوتقانغا پۈركىنىپ ، خوتۇنىنىڭ  كۆكسىنى سىلاپ قانچە ياتسىمۇ قاچقان ئۇيقۇسىنى تېپىۋالالمايتتى . ئەتراپتىن خورازلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىللىغان ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى . دىمەك ، تاڭغا ئاز قالغان ئىدى . ئەمدى ئۇ ئۇخلايمەن دېسىمۇ ، كۈزى ئىلىنار – ئىلىنمايلا كۈن چىقىدۇ . يېڭى بىر ھاياتلىق باشلىنىدۇ . جان ساقلاش ئۈچۈن يەنىلا تىپىرلاش ، يوقنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاش كىرەك . ئۇ تورۇسقا قاراپ ئاچچىق يۇتقىنىچە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى .

_ ئەجەپ ئىش ھە ؟ بۇ كەمدە ئادەملەردە يۈز قالماپتۇ . ۋاي داۋۇتۇم دەپ يۈرگەن خېلى كونا چۆپقەتلىرىممۇ خۇددى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ئۈگىتىۋېلىنغان جالاپتەك كامىلۋاينىڭكىگە كۈنىۋاپتۇ .مەن ئۇلارغا نىمە قىلغان ؟ شۇ بۇيرۇتقىنىنى ھايالشىمايلا ئالدىغا تەقلەپ ، شاھ – ۋەزىرلەرنى كۈتكەندەك پالاقلاپ ، رەھمەتلىك دادامغا قىلمىغان ھۈرمەتلەرنى كۆرسەتكەنلا گۇناھىم بار . كامىلجان دېگەن دەيۈز ئۇلارغا نىمە قىلدىكىنا ؟ھەجەپ سۇ چوڭقۇرغا ئاققاندەك ، ھەممىسى شۇنىڭكىگە يۈگرەۋاتىدىغۇ ؟ توختا ، بۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلمىسام بولمىدى . يار ئالغان يەرگە بۈكەگ قۇيۇش ئەلمىساقتىن تارتىپ بار ئىشقۇ ؟!ھە ، مەنمۇ بۇ يارنىڭ ئاۋال نەدىن ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بۈكەگنى قانداق قۇيۇشنى ئىنىقلىشىم كىرەك . بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يەتمەي قويمايمەن ...

تاڭ ئاتتى . ئۇيقۇسىزلا ئورنىدىن تۇرغان داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرى قۇم تىققاندەك ئېچىشىپ تۇراتتى . ئۇ ئىتتىكلا يولغا چىقىپ ، كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىغا قارىدى . قوش قاناتلىق يوغان دەرۋازا ھىم ئىتىلگەن ئىدى . ئۇ ئاستا بېرىپ ئىشىك ئالدىدىكى يولغا قارىدى . توپىلىق يولدا ھەر خىل گۈللۈك نۇرغۇن ئاياق ئىزلىرى قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى . ئاشۇ ھەررەڭ – سەررەڭ ئىزلار ئارىسىدا پاشنىسى يەرگە قۇزۇق قاققاندەك پاتقان ، چىكىت گۈللۈك ئىزلارمۇ بار ئىدى .

_ ھە ، ئەمدى بىلدىم ، بۇ يەرگە  ئىچەرمەنلەر يالغۇز كەلمەيدىكەن ، _ داۋۇت مەيچىنىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چوڭ ئېچىلدى ، _ ئەسلىدە ، بۇ خوشنام سۇلامچىلىق بىلەن مەيزاپچىلىقنى بىللە قىلىۋاتقان ئىكەن – دە !؟ شاراپ بىلەن خوتۇن پۇل تاپقان ئەركەكنىڭ ئارمىنى دېگەن گەپ بىكارغا ئېيتىلماپتۇ ئەمەسمۇ ؟! راست ، ئادەم دېگەن شاراپنى مەست بۇلۇشقىلا ئىچمەيدىغۇ ؟ كۈڭۈل ئېچىشقا يەنە ...ھە ، ئەمدى بىلدىم . مەن بۇنى بۇرۇنراق ئويلىشىم كىرەكتىغۇ ؟ ئاخشام ئۇ دەيۈزنىڭ خۇشاللىقىدىن ئىسقىرتىپ كىتىشى بىكار ئەمەسكەن- دە ؟!

شۇ چاغدا ھويلا ئىچىدىن بىرىنىڭ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى ، داۋۇت مەيچى بۆرىدىن ھۈركىگەن قوي پادىسىدەك ئوپۇر – تۇپۇر كەينىگە ياندى ۋە يۈگرىگەندەك قىلىپ ئۆز دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىۋالدى . خوشنىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئوزۇن شاخ سۈپۈركىنى كۈتۈرۈۋالغان كامىلجاننىڭ ئايالى چىقىپ كەلدى . ئۇ ئەتراپقا يېنىش – يېنىشلاپ قاراپ قويغاندىن كېيىن ئاشۇ قالايمىقان ئىزلارغا قارىتىپ سۈپۈركە سالدى .

_ ھۇ پاسكىنا ، _ دەپ تىللىدى داۋۇت مەيچى ئىچىدە ئوغىسى قايناپ ، _ ئىز ئۈچۈرۈشكە نىمانچە ئۇستىسەن ؟ خۇددى مۈشۈك بەز يەپ بولۇپ، لىۋىنى بىر يالىۋېتىپلا ھېچنىمە يىمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالغاندەك ، مانا ، سولامچىلىقىڭنى مەن كۈرۈپ قالدىم .ئەمدى ئىزنى قانچە ئۈچۈرگىنىڭ بىلەنمۇ  بۇ ئاتاقتىن مەڭگۇ  قۇتۇلالمايسەن .

داۋۇت مەيچىنىڭ ئىچى ئاچچىققا تولدى . ئۇ خوشنىسىنىڭ ۋاستە تاللىمايلا چوپقەتلىرىنى يىڭنىدىن يىپ سوغارغاندەك تارتىپ كەتكىنىگە غەزەپلەندى .ئەمدى ئۇمۇ كامىلجان دىگەن بىر نىمىنىڭ يۈزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ .قىلغۇلۇق دىگەننى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ، كامىلجاننىڭ مەڭگۇ ئىسىدىن چىقمىغىدەك بىر ساۋاق بىرىپ قۇيىدۇ . ئۈستىگە تاغ يىقىلغاندەك  كەلگەن بۇ غايىۋانە زەربىدىن ئۇ ۋاي دات دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ ...

_ مەن سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلاردىن بەكمۇ رازى بولدۇم ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بۇلىدىكەن ،  شۇنداق تېپ- تېنىچ ، ئەتراپىڭدا كۆز – قۇلاقمۇ يوق ، مەن ئەتە يەنە كىلىمەن ، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ئاشۇ خانىڭىزنى ماڭا ئېلىپ قۇيۇڭ ...

ئادەمنىڭ يۈرەك بېغىشىغا تىگىدىغان بۇ قوپال ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە بىر قېتىم ياڭرىغاندا ، داۋۇت مەيچىنىڭ ۋۇجۇدى مۇزلىدى . تىنى غال- غال تىترىدى . كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى .

_ دىمەك ، ئاشۇ ... با جۇجاڭ ، ئۇ راستلا يەنە كىلەرمۇ ؟ ئەگەر ، تىلىفۇندا شۇنداقلا بىر ئىس بىرىۋەتسەم ، كېيىن بۇ توخۇ پوقى ئەمەلداردىن ماڭا بىرەر زىيان يىتەرمۇ ؟ نىمە قورقۇش ، مەندە ئېلىۋېتىدىغان تىرناقچىلىك ئەمەل يوققۇ ؟ ئاۋال قاراپ باقاي ، ئوبدان كۈزىتىپ ، توققۇز ئۆلچەپ بىر كەسمەمدىمەن ؟

ئۇ شۇ خىيالغا كەلگەندىن كېيىن ھويلا بىلەن يول ئارىسىدا قاتراپ ، كامىلجاننىڭ ئۆيىنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى . بازاردىن ئەكىلىدىغان نەرسە – كىرەكلەرگىمۇ ئايالى بىلەن قىزىنى بۇيرىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇداردىن چىقىپ كەتكەن بۇ مۇزىكىنىڭ _  بىر تال تۈگمىگە چاغلىق سودىغا ئۆزى قول تىقىدىغان داۋۇت مەيچىنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق ئۆزگىرىپ قالغانلىقىغا ھەيران بولغان ئايال ئۇنىڭغا قاراپ – قاراپ قويغاندىن كېيىن قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ بازارغا كەتتى.

سايىمجان ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتقا مەيزاپ بېسىپ قاينۇققا يەنە كەلدى . ئۇ داۋۇت مەيچىگە  يىراقتىن سالام بەرگەندىن كېيىن، ئېلىپ كەلگەن قاپاقلارنى كامىلجاننىڭ ھويلىسىغا ئەكىرىشكە باشلىدى .

_ يۈزسىز ئادەمكەنسىلە سايىمجان ،_ دېدى داۋۇت مەيچى ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ ، _ بىر كۈندە ئىككى ئەرگە تەككەن ئاجناق جالاپتەك قىلىپ يۈرگىنىڭلا نىمىسى ؟يا ماڭا ، يا ئۇنىڭغا تۇرماي...

_ مەنمۇ مۇشۇ ئىش بىلەن نان يىمىسەم بولمايدۇ ، _ سايىمجان ئۇنىڭ يىندىن سېسىق بۇ گەپلىرىگە سەل خاپا بولغان بولسىمۇ چاندۇرمىدى ، _كىمنىڭ سودىسى ئاقسا ، شۇنىڭغا مەيزاپ تۇشۇيمەن داۋۇت ئاخۇن .كۈنلەمچى خوتۇندەك قىلىق قىلماڭلا ، ئەتىگىچە سىلىنىڭكىدە تۈگىسە يەنە مەيزاپ ئەكىلىمەن ئەمەسمۇ ؟

داۋۇت مەيچى ئىندىمەستىن سايىمجان تۇشۇۋاتقان مەيزاپ قاپاقلىرىنى ئىچىدە ساناشقا تۇتۇندى .

_توپ توغرا يىگىرمە قاپاق ! تېخى ئۈلۈشكۈنلا ئون بەش كۈپ ئەكەلگەن ئىدىغۇ ؟ مال يۆتكەپ ئۈلگۈرمەپتۇ – دە ؟ قارىغاندا بۇ ئىبلىسنىڭ سودىسى مەن پەرەز قىلغاندىكىدىنمۇ ياخشى ئوخشىمامدۇ ؟ ئەمدى قاراپ تۇرسام يەۋاتقان نېنىمدىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن . بىر ئىلاجىسىنى قىلمىسام بولمىغۇدەك ...

شۇ كۈنى ئۇنىڭ قولى پەقەتلا ئىشقا بارمىدى . قانداق قىلىش ، كامىلجاننىڭ ئەدىۋىنى قانداق بىرىش ئۈستىدە قايتا – قايتا ئويلاندى . ئاشۇ با جۈجاڭ دېگىنى كەلسىلا ، تۇيدۇرماي ساقچىغا خەۋەر قىلىشتىن ياخشىراق چارىمۇ تاپالمىدى. بەلكىم ئۇنى شۇنداقلا خەۋەر قىلسا ساقچىلار ئەندىكمەسلىكى، پەرۋايىغا ئالماسلىقى، تېخى ئۇ يوغان ئەمەلدار بولسا قورقۇپ كەلگىلى ئۇنىماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ھەم ساقچىلار كەلمىسە بولمايدىغان، ھەم كامىلجانمۇ دەماللىققا ئۈزىنى ئاقلىيالمايدىغان بىر سەۋەپ تېپىشىم كىرەك. خىروئىن سودىسى... ھۇي، بۇ ئىشنى شۇنداق قىلسام بولامدۇ نىمە؟ ھەببەللى ، ئۇ چاغدا ساقچىلارنىڭ كەلمەي ئامالى يوق، ئۇلار كەلسە ، ئۆز كۈزى بىلەن كۆرسە، بەلكىم قاراپمۇ تۇرماس، ئىتمۇ كۆرسە قاۋايدىغۇ !

ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەڭ ئاخىرى پىشقان ئامال شۇ بولدى . ئەمما بۇ ئىشنى  ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا يەنىلا يىنىكلىك قىلىشقا بولمايتتى .  ناۋادا ئىش يامىنىغا ئۆرۈلسە ، چۆگۈن قايناپ  ئۆزىنىڭ بوينىغا تېشىشى،  ئۇمۇ قولىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئۇلىغا  دەز كېتىپ،  ئىناق خوشنىدارچىلىقىمۇ بۇزۇلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى  ھەر ئىككى ئائىلىگە پايدىسىز ئىدى .

كەچ كىردى. ناھىيىدىن قاينۇققا تۇتىشىدىغان ئاسپالىت يولدا غالتەكلىرىنى ئىتتىرىپ بازاردىن قايتقان ئوقەتچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلدى . قاينۇقنىڭ كەچكى مەنزىرىسى ئوخشاشلا؛ ھەممە ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىپ كىتىشكەن ، مۇرىلاردىن چىقىۋاتقان تاشكۈمۈرنىڭ قاڭسىق ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان ، ئادەمسىز كۇچىلاردا ئىزغىرىن شامال كۈچەيگەن ، مەھەللە بالدۇرلا ئۇيقىغا كەتكەن بوۋايدەك تىنچىپ قالغانىدى .

داۋۇت مەيچى لەپسىيىپ كېلىشكەن ئىككى قېرى ئىچەرمەننى قازنىقىغا باشلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۇلار بۇيرۇتقان نەرسە- كىرەكلەرنى ئەكىرىپ بىرىشنى خوتۇنىغا تاپىلىدى – دە، ئۆگزىگە چىقتى . بۇ يەردىن قارىغاندا كامىلجاننىڭ دەرۋازا ئالدىنىلا ئەمەس ، ھەتتا ھويلىسىنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىلەرنىمۇ بىمالال كۆرگىلى بولاتتى . ئۇ كۈرەك جۇۋىسىغا ئورىنىپ ، ئاستا ئىس چىقىپ تۇرغان ئىسسىق مۇرىغا يۈلەندى ۋە ئاشۇ تەرەپكە قاراپ ، خۇددى قاپقاننى قۇرۇپ بولۇپ ، توشقاننىڭ كىلىپ چۈشۈشىنى كۈتۈپ تۇرغان سەۋرىچان ئوۋچىدەك ئولتۇردى .

كامىلجاننىڭ دەرۋازا ئالدى بىردىنلا قىزىپ كەتتى ، مەيزاپ خۇمارى تۇتۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئەنە ، ئاۋۇ تۇماق كىيىۋالغان چىچەك يۈز ئۇنىڭ تۇنجى چوپقەتلىرىدىن ئىدى . كالچىيىپ ، كامىلجاننىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ ، خۇشامەت كۈلكىسى بىلەن بىر نىمىلەرنى دەۋاتقان ئاۋۇ شىنا قۇزۇق ئاۋاق ئاداشمۇ  خېلىدىن بىرى ئۇنىڭ قازىنى ئەتراپىدا پىقىراپ يۈرگەنلەردىن ئىدى . ھە ، ماۋۇ بىر قىزنى باشلاپ كەلگىنى قاسىمجان ئىسىملىك ماتاڭچى ، ئۇ ئىلگىرى مۈشۈكتەك كىرىپ ، ئىچىدىغان مەيزىپىنى شەپىسىز ئىچىپ ، يەنە مىياڭشىمايلا كىتىپ قالىدىغىنىدىن ئىدى . ئۇمۇ بىر قىزنى قولتۇقلىۋاپتۇ . تېخى كامىلجاننىڭ ئايالى يۈگرەپ چىقىپ ئۇ قىز بىلەن مەڭزىنى يېقىپ كۈرۈشتى ،مانا ، ئاشۇ شوۋىچىلار سولامچىلىق قىلىپ شارائىت يارىتىپ بەرمىسە ، بىر ماتاڭچىنىڭ مۇنداق مەن- مەنچىلىك قىلىشقا بېشى ئونمۇ ؟

كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىدىن يەنە ئۈچ جۇپ ئەر ئايال كىرىپ كېلىشتى . ئۇلاردىن بىرى داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيى تەرەپنى كۆرسىتىپ بىر نىمىلەرنى دېگەندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ قويدى . ئۇنىڭغىچە كامىلجان بىر نىمىلەرنى دەپ ، ئۇلارنىڭ قېلىن پەلتۇلىرىنى قېقىپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ كەتتى .بۇ ئىشلارنى كۈرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتتى .

_شۇنچە ئادەم ...تېخىچە كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . ئاشۇ نىجىس مىنىڭ قازىنىمنى ئۆرۈش قەستىدە بولمىغان بولسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ داۋزامنى قېقىشقان ، بىر پۇلۇمنى ئىككى قىلىشقان ، مىنى ئوبدانلا سەمرىتكەن بولاتتى . توختا كامىل ، سورىقى يوق جاھان ئەمەس بۇ ، قىلىۋالدىم ، ئېتىۋالدىم دەپ كۈلمەي تۇر ! سىنى كۈلدۈرۈشنى بىلگەن خۇدايىم يىغلىتىشنىمۇ بىلىدۇ . ئالدىرىماي تۇر ، كۈرىدىغان كۈنۈڭ تېخى ئالدىڭدا !

دەل شۇ چاغدا كامىلجاننىڭ ئىشىكى يەنە قۇپال قېقىلدى . دەرۋازىنى قاققۇچى مۇشتۇمى بىلەن كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىنى ئەمەس ، داۋۇت مەيچىنىڭ يۈرىكىنى ئۇرۇۋاتقاندەك بىر خىل سىزىم ئۇنى تىترىتىۋەتتى . كامىلجاننىڭ ئايالى يۈگرەپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى . بۇدا كەلگۈچىنى كۈرۈپ داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى . چۈنكى ئۇ ، قايسى كۈنى ياماق بازىرىدا داۋۇت مەيچىنىڭ ياقىسىدىن ئالغان ،نەرسە كىرەكلىرىنى سورۇپ چاچقان ، ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرىۋاتقان ئاشۇ پور كۈتەك شۇ ئىدى . ئايال ئۇنى خۇددى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئاكىسى بىلەن دىدارلاشقاندەك ئېھتىرام بىلەن قارشى ئالدى . پور كۈتەكمۇ ھىجىيىپ – كالچاراپ ئايالغا بىر نىمىلەرنى دېدى . ئايال ئېغىزىنى تۇتۇپ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ئۇياقنىڭ مەڭزىنى چىمداپ قويدى .پور كۈتەكمۇ بوش كىلىدىغان نىمە ئەمەسكەن ، ئۇياق بۇياققا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئايالنىڭ ساغرىسىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ قويدى ، دەل شۇ چاغدا ھويلىغا كامىلجان چىقىپ قالدى ۋە ئۇنى كۈرۈپ يىراقتىن قولىنى سۇنۇپ كىلىپ قىزغىن كۈرۈشۈپ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ كەتتى .

_ ھۇ سولامچى  ھەزىلەك ، سەن قىلمىغان مۇشۇ ئىش قالغانمىدى ئەمدى ؟مىنىڭ سودامنى بۇزۇشتا خوتۇنىڭنىمۇ ئارىغا ساپسەن- دە ؟ ھۇ كۇسپۇرۇش . ئالدىرىماي تۇر ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى خوشنىكەنمىز ، كۈندە قارىشىپ يۈرىدىكەنمىز دەپ ، قاچاڭغا قۇشۇق سالمىغان ،  ئۇ قانچۇقۇڭغا كۆز قىرىمدىمۇ باقمىغان ئىدىم . ئەمدى بىلدىم ، ئۇمۇ بۇقا گەدەن ، پور كۈتەكلەرگە ئەركىلەپ سۇۋۇنۇشنى بىلىدىغان ، بەزگە كۆنگەن مۈشۈك ئىكەنغۇ ؟ مەنمۇ بىر پۇرسىتىنى تېپىپ ، خوتۇنىڭنى تەلە قىلىپ ، يۇندىسىنى بۇسۇغاڭغا تۆكمىسەم داۋۇت مەيچى دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن .

 تۇيۇقسىز ئاسپالىت يولدا بىر سانتانا  توختىدى . ماشىنىدىن گەۋرىلىك بىرى چۈشۈپ كەلدى . ئۇ ئېھتىيات بىلەن تۆت تەرەپكە مۇنداقلا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر ئىشىكنى ئاچتى . ماشىنىدىن ۋىجىككىنا بىر قىز چۈشۈپ ، يەردىن ئۈستۈن قارىمىغان ھالدا ئۇنىڭغا ئەگەشتى ، ئۇلار قانداقتۇ شەپىنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن قورققاندەك ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ ، كامىلجاننىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىشتى . گەۋرىلىك ئادەم يەنە ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى بوش قاقتى .

داۋۇت مەيچىنىڭ كۈتكىنىمۇ دەل مۇشۇ ئادەم ئىدى . ئۇ ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن بىر چاققانلىق بىلەن ئىتتىكلا ئۆيىنىڭ كەينىدىكى  قېرى ئۈژمە ئارقىلىق يەرگە چۈشتى – دە، كامىلجاننىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى . شۇ چاغدا دەرۋازا ئېچىلىپ ، بوسۇغىدا كامىلجان پەيدا بولدى .

_ سىلىنىڭ كەلگەنلىكلىرىنى كۆڭلۈم تۇيغان ئىدى با جۈجاڭ، _ دېدى ئۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ ، _ يوللىرىغا قاراپ كۆزلەر تېشىلەي دېدى،  ئەمدى كەلگەنلىكلىرى نېمىسى ؟

_ ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ ، _ دېدى قارا گەۋدە ، _ قانداق ، بىرەر كۆز – قۇلاق يوقتۇ ؟

_ يوق يوق، ھەممىسى ئۇششاق – چۈششەك ئوقەتچىلەر ، سىلىنى تۇنۇمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلە غىپپىدە كىرىپ ئاشۇ خانىغا شۇڭغۇۋالسىلا ، ئىنسى _جىن ئۇقمايدۇ با جۈجاڭ .

_ قېنى ئەمىسە ، _ باجۈجاڭ ھېلىقى قىزغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ سەل ئىگىلگەندىن كېيىن ئۇنى تەكەللۇپ بىلەن ئۈزىدىن بالدۇر مېڭىشقا تەكلىپ قىلدى . قىزمۇ نازلىنىپ يۈرمەستىن بېشىنى سالغىنىچە ھويلىغا كىرىپ كەتتى . دەرۋازا ئىچىدىن تاقالدى ....

داۋۇت مەيچىنىڭ ھۇشىقى ئالچۇ چۈشتى، ئۇ تاۋكادا ئامىتى كىلىپ، بىر كىچىدىلا مىليونېرغا ئايلانغاندەك ھاياجانغا چۆمدى . ئۇ دادىسىدىن ھېيتلىق ئالغان كىچىك بالىدەك خۇشاللىقىنى يۇشۇرالمىغان ھالدا ، كونا ۋېلسىپىتىنى ھويلىسىدىن سۆرەپ چىقتى- دە ، لىككىدە مىنىپ بازار تەرەپكە قاراپ چاپتى ...

7

شۇ كۈنى قاينۇقنىڭ كىچىسى بەكمۇ ئەنسىز ئۆتتى . ئەتراپتىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگناللىرى ئەنسىز چىقىراپ ، كىشىلەرنىڭ دۈپۈرلەشكەن ئاياق تاۋۇشى ھەممىلا يەرنى بىر ئالدى . مەھەللىنىڭ يىراق - يېقىنىدىن ئىتلارنىڭ بۇغۇق ئاۋازدا كاڭشىغان ئاۋازى كىلەتتى . ئاتلارنىڭ كىشنىگەن ، قانداقتۇر شەپىدىن چۈچۈگەن ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازى كىچە قوينىغا تېخىمۇ سۈرلۈك تۈس بىرەتتى .

بازاردىن كىلىپلا يەنە ئۆگزىگە چىقىۋالغان داۋۇت مەيچى ئۆز تەدبىرىدىن بەكمۇ سۈيۈنۈپ كەتتى . ئالا بۇلىماچ چىراقلىرىنى چاقنىتىپ سىگنال بەرگىنىچە يىتىپ كىلىشكەن ساقچى ماشىنىسى ئاۋال كامىلجاننىڭ ئۆيىنى تۆت تەرەپتىن قورشىدى ، ئاندىن ساقچىلاردىن بىرى  ئىگىز تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۈشتى- دە، دەرۋازىنى ئىچىدىن ئاچتى . بىر توپ ساقچى يۇپۇرۇلغىنىچە ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى . ئۆي ئىچىدىن ئاۋال كامىلجاننىڭ ئايالىنىڭ چىرقىرىغان ، ئاندىن گۈلدۇر – غالاپ ئاۋازلار ئاڭلاندى . بىر دەمدىن كېيىن ساقچىلار پور كۈتەكنى كۆتىگە تەپكىنىچە ئېلىپ چىقتى . ئارقىدىن بېشىنى پەلتۇسى بىلەن ئورىۋالغان باجۈجاڭ ، ئەس ھۇشىنى يۇقىتىپ ، پۇتلىرى ئۈلۈك  توخۇنىڭ بوينىدەك قاتلىنىپ تۇرغان ھېلىقى قىز ، قالدى- قاتتى شاراپخورلارنى جۈپتىلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ چىقىشتى .

كامىلجان نىمىلەرنىدۇ چۈشەندۈرمەكچى بولاتتى ، ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماستىن قولىغا كويزا سېلىپ داقىرىتىپ ئېلىپ ماڭغان ئىدى . بىر پەستە ئۇنىڭ ھويلىسىدىن بالىلىرىنىڭ قىقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى . قاينۇقنىڭ كىچە باغرىدا ماشىنىلارنىڭ ئەنسىز سىگنال ئاۋازى بارغانسېرى يىراقلاپ بارماقتا ئىدى  .

ئىچ ئىچىدىن سۈيۈنۈپ ، ئاجايىپ بىر خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆيىگە كىرىپ كەلگەن داۋۇت مەيچى تاز چىراي خوتۇنىنىڭ سوئال نەزىرىدە تىكىلگەن كۆزلىرىگە دۇچ كەلدى . ئۇنىڭ يېنىدا قىزى ئايجامالمۇ ئۇنىڭغا مىقتەك تىكىلىپ تۇراتتى .

_ سىلە قىلغان ئىشمۇ بۇ ؟_ سورىدى ئايال تەئەددى بىلەن .

_ نىمە دەپ مەن قىلغان ئىش بولغۇدەك ؟ _ سەل تەمتىرەپ جاۋاپ بەردى داۋۇت مەيچى.

_ ئەمىسە ۋېلسىپىت بىلەن نەگە باردىڭ دادا ؟_ گۈلجامال ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سورىدى ، _ كەچتىن بىرى سىنى ھېچ تاپالمىدۇققۇ ؟

_ كامىلكاڭ بازاردىن بىر نەرسە ئەكىلىپ بىرىشنى ئېيتقان ، خوشنا بولغاندىكىن ياق دېگىلى بولاتتىمۇ ؟ شۇڭا ...

_ يالغان ئېيتمىسىلا دادىسى ، ئۇ خوشنىمىز شۇ تۇرقىدا سىلىنى بىر نەرسىگە بۇيرۇپ يۈرەمدۇ ؟ بۇيرىسىمۇ سىلە بارامدىلا ؟ قۇرساقلىرىدىكىنى مىنى بىلمەيدۇ دېمىسىلە ، _ ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ، _ ماڭا قارىسىلا ، بالىلارغا ئۇۋال ئەمەسمۇ ؟

_ سىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭدىن بەكمۇ نومۇس قىلىۋاتىمەن دادا ، _ گۈلجامال يەرگە قارىغىنىچە  پەس ئاۋازدا دېدى ، _ بۇ مەيزاپخانىنى ئېچىش ئەسلىدىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى ،سەن بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھۈرمىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولدۇڭ . ئەمدى كىلىپ بۇ بالا – قازانى تېرىپ كامىلكامغا زىيانكەشلىك قىلدىڭ ، بۇ ئىشنى مەھەللىدىكىلەر ئۇقسا يەنە نىمە دەپ قالىدۇ ؟ بىز بۇ يۈزىمىزنى نەگە قويىمىز ؟ ئۇلار سېنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ دادا .

_ مەن ئۇلارنىڭ كەچۈرۈشىگە مۇھتاج ئەمەس ، _ داۋۇت مەيچى تىرىكىپ ، قىزىنى ئىتتىرىۋەتتى ، _ نىمە ؟ سەنمۇ ماڭا تەنبىھ بىرىۋاتامسەن ؟ قىز بالىنى ئوقۇتقانمۇ ئىشمۇ ؟   ئاز – تولا قانات قۇيرۇق چىقىرىۋېلىپلا ماڭا ئۇ -بۇ دېيىشكە پېتىندىڭمۇ تېخى ؟

گۈلجامال بېشىنى چايقىغىنىچە قۇشۇپ قويدى :

_ كۈرىدىغان كۈنىمىز ئالدىمىزدا تېخى، بىزنى مەھەللىدىكىلەر ئارىغا ئالسىلا بولاتتىغۇ ؟

قاينۇق مەھەللىسى قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى . ھەممەيلەن ئىچىگە تىنىپ ، بىر بىرىگە گۇمانى نەزەردە قارىشىپ ، ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى . ئىككى كۈندىن كېيىن كامىلجاننىڭ ئايالى سۇلاقتىن چىقتى . ئۇ مەھەللىگە ئۈن سېلاپ يىغلاپ كەلدى .

_ توۋا خۇدايىم ، بىز خەخكە نىمە يامانلىق قىلغان؟ قانچە يۇيسا چىقمايدىغان شۇنداقمۇ قارا سۇۋامدۇ كىشىگە؟ ھەممىنى خۇداغا قويدۇم، بىزگە قىلدىم دەپ بالا چاقىسىغا قىلار خۇدايىم، بىرنى مىڭ قىلىپ كۈزىمىزگە كۆرسىتەر خۇدايىم ، ھۆ...ھۆ...

ئايالنىڭ يىغىسى بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. مىڭ يىرىدىن تۈكۈلۈپ، ئىچ ئىچىدىن قايناپ ئىزىلىپ يىغلايتتى. ئەمما ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىدىغان، ھالىغا يىتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى.

_ كەلگۈلۈك بۇلارغا خۇدادىن كىلىپ قالدى- دە !

_ئازراقلا پايدىنى دەپ گۇناھقا دۈم چۈشكەندىكىن، خۇدا شۇنداق شەرمىساز قىلىدۇ ئادەمنى ...

_ خوپ بۇپتۇ ، سۇلامچىنىڭ كۈرىدىغان كۈنى شۇ...

_ يەنە بىرى قالدى، ئۇنىمۇ نەس باسقۇدى ئىلاھىم ...

مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دېيىشكەن بۇ گەپلىرى داۋۇت مەيچىنىڭ جان – پېنىنى چىقارغان بولسىمۇ ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئۈندىمەي يۈرۈۋەردى .چۈنكى، ئۇمۇ قىلىپ قويغان ئىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن  بىر ئاز قورقۇپ قالغانىدى .

ھەر كۈنى كەچتە بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلار يەنە مەيزاپ خۇمارى تۇتۇپ قاينۇققا كىلىشەتتى . ئاۋال كامىلجاننىڭكىگە بىر دوقۇرۇۋېتىپ ، ئاندىن داۋۇت مەيچىنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولىشاتتى . ئۇلارنى خامۇش قارشى ئالغان بۇ ئائىلە قانداقتۇر بىر كېلىشمەسلىكتىن ئىسەنكىرەپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى . خىرىدارلار ئۇلاردىكى بۇ خىل روھى ھالەتنى « كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مۇزاينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ » دېگەن ئەندىشە بىلەن ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان بولسا كىرەك دەپ بىلىشتى .

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كامىلجانمۇ چاچ – ساقاللىرى ئۈسۈپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان ھالدا مەھەللىدە پەيدا بولدى. ئۇ ھېچ كىشىگە قارىماستىن ئۇدۇللا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بىر نەچچە كۈنگىچە تالا – تۈزدىمۇ كۆرۈنمىدى . قارا سىرلىرى ئۈچۈپ قالغان يۇغان دەرۋازىسىمۇ ئېچىلمىدى . ئۇنىڭدىكى بۇ خىل بىنورمال روھى ھالەتتىن مەھەللىدىكىلەر ھەيران قالدى .

_ كامىلجاننىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتىغۇ ؟

_ سولاقخانا دېگەن بوش يەر ئەمەس ، ئانا – مانىسىنى كۈزىگە ئوبدان بىر كۆرسىتىپ قويغان بولسا، ئادەم بولغاندۇ ؟

_ ئەسلىدىمۇ يامان ئەمەس بىر نىمە ئىدى ،  ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دېگەندەك، خوشنىسىنىڭ قوش كۈرۈنۈپ شۇنداق پوقنى يەپ سالغان گەپ .

_ نىمە ئامال ، بىر ئازماس خۇدا دەپتىكەن ، بەندە دېگەن بەزىدە جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىپ شۇنداق ئېزىپ قالىدۇ .شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن پاناھ تىلەيلى جامائەت ...

قاينۇقلۇقلار ھەر نىمىلەرنى دېيىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كامىلجان ئۆيىدىكى مەيزاپ كۈپلىرىنى بىر ھارۋىغا بېسىپ مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى چوققا دۆڭگە ئېلىپ باردى- دە، ھەممىنى چېقىپ تاشلىدى. پارە -پارە بولغان كۈپلەردىن تۈكۈلگەن مەيزاپلار دۆڭنىڭ يانباغرىغا سەلدەك ئاقتى . ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ساتىراچلىق سايمانلىرى سېلىنغان كىچىك ساندۇقچىسىنى يېنىغا ئېسىپ بازارغا كەتتى .

قاينۇقتىكى مەيزاپ بازىرىنى داۋۇت مەيچى يەنە ئىگىلىدى .  ئەمدى ئۇنىڭغا كاشىلا قىلىدىغان ، چۆپقەت تالىشىدىغان ھېچكىم قالمىغانىدى . ئەمما ، مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭغا شۈبھە بىلەن قارىشاتتى .كامىلجاننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈنلەرنى ئۇنىڭدىن كۈرەتتى . چۈنكى ، ساقچىلارغا مۇشۇ خەۋەر بەرمىسە باشقىلارنىڭ نىمە ئىشى ؟مەنپەئەت تالىشىدىغانلار بۇ ئىككىسى بولغاندىكىن ئەلبەتتە باشقىلارغا ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارىشاتتى. ئىككى قوچقار ئۈسسۈشسە ، بۆرىگە پايدا دىگەن شۇ ئىدى .  چېقىمچىلىقنى ئەڭ يامان كۈرىدىغان قاينۇقلۇقلار بىلەن داۋۇت مەيچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ  شۇ ئىشتىن كېيىن بارغانچە يىراقلاپ كەتكەن ئىدى .  

مەيزاپ بازىرىنىڭ قايتىدىن ئۆز ئىلكىگە ئۆتكىنىدىن بىر ئاز خۇشال بولغان داۋۇت مەيچىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى . چۈنكى ، ئۇنىڭكىگە كېلىدىغان ئىچەرمەنلەرنىڭ  يەنىلا تايىنى يوق ئىدى . ئاشۇ ساقىلىغا تۈكۈرۈپ ، بىر پىيالە ئىچە- ئىچمەيلا ئاللا يارىمنى غىڭشىپ ، سۆزلەپ قالىدىغان بىر نەچچە قېرى ئىچەرمەننى ھىساپقا ئالمىغاندا ، كامىلجاننىڭكىدىن كەتمەي يۈرگەن سىدام نوچىلاردىن بىرىمۇ يوق ئىدى .

_ قانداق بولغىنى بۇ ؟ _ ئۆزىچە جىلە بۇلۇپ ، يول بىلەن ھويلا ئارىسىدا تامادا قاتراپ يۈرگەن داۋۇت مەيچىنىڭ بۈگۈنمۇ ئەرۋاھى ئۇچتى . كىلىدىغانلار بارغانچە ئازلاپ بارماقتا ئىدى  ،  _ مەن نىمە قىلدىم بۇ پەسەندىلەرگە ؟ كامىلۋايغا قارا تۇتقاندەك ، بىزنىڭ بۇسۇغىدىن ھېچ بىر ئاتلاي دىمەيدىغۇ ؟ ياكى مەن ئۇلارغا مەيزاپنىڭ ئورنىغا ئېشەك سۈيدۈكى قۇيۇپ بەرمىسەم ، شۇنداقمۇ چاندۇرامدۇ كىشى ؟ ئىسىت، ئىسىت ، كامىلجان ، سەن ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ ، ماڭىمۇ قىلدىڭ . ئاخىرى بېرىپ ئىككىلىمىز ۋەيران بولامدۇق ئەمدى ؟ بىر يېرىم مىڭ كويلۇق مەيزاپنى مەنمۇ چوققا دۆڭدىن ئېقىتىۋىتەيمۇ- ھە ؟ بۇ قىپ قىزىل زىيانغا كىم ئىگە بولىدۇ ؟مەنمۇ ساڭا ئوخشاش پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سالايمۇ؟

داۋۇت مەيچى ئاخىرى ھارغىن بەستىنى يەنە شۇ ئۈجمە كۈتىكىنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى . ئۇنىڭ چىكىسى قورۇلۇپ ، بويۇن تۇمۇرلىرى كۆپۈپ چىققان ئىدى . ئۆي ئىچىدىن ھېلىقى قېرى مەستنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :

_ دا...ۋۇ...تۇم ، قې...قېنى سىلە ...

داۋۇت مەيچى ئەڭ ئاخىرقى بۇ چۆپقىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇردى ۋە قازناققا كىردى .

_ دا...ۋۇتۇم ، مۇشۇنداق ...مۇشۇنداق ...ئىچىۋىرىمىزما ؟ بۇ مەيزىپىڭ بىزنى نەگە ئاپاردى ھە ؟ ئۇنى ئىچىپ ئەرشى ئەلاغا چىقتۇقمۇ ؟خان ئامبىلى بولدۇقمۇ ؟ ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق ئىچىۋىرەمدۇق ئۇكا  ؟ يۈرەكنى ياشارتىدىغان قىز - پىزلىرىڭ يوقمۇ مانداق ..._ ئېغىزىدىن شالىسى قۇيۇلۇپ ، يۈزلىرىنى ئۆمۈچۈك تور تارتقاندەك تىلىم -تىلىم قورۇق باسقان ، كىيىملىرىنىڭ ئەسلى رەڭگىنى پەرق ئىتىش تەسكە توختايدىغان ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى بىر ئىچەرمەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى .

_ ئەستا ، كېرىمكا ، بىر پۇت گورغا ساڭگىلىغاندا ، ئېغىزىڭدىكى چىشىڭنى سانىماي قىز غەلۋىسى قىلغىنىڭ نىمىسى ؟ _ داۋۇت مەيچى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلغان بولۇپ گەپنىڭ پەدىسىنى يۆتكىمەكچى بولدى .

_ سە...سەن نېمىنى بىلىسە...ن ،ئادەم مۇشۇنداق قېرىغاندا...خۇ...خۇتۇنغا ئا...ئالامەت ئامرا...ق بولىدۇ .قېنى ئۇكا ، قىز ... بىر قىز...

_ ھەي كېرىمكا ، بۇنداق چاغدا ساڭا قىز ئەمەس ، ئون ئىككىنى تۇققان قېيناناممۇ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ ،بېشىڭنى كۈتۈرۈپ بولغۇچە قوڭۇڭ سالامغا تۇرىدىغان بولۇپ قاپسەن ، پۇتلىرىڭمۇ يۆگمەچ ئوتتەك يۆرگىشىپ تۇرىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى شەيتىنىڭنى باس-تە ، مەيزىپىڭنى ئىچ !

_ نىمە ، ماڭا مەيزاپ سا...تارىڭدا مىنى قېرى دېمەيسەن ، قىز گېپىنى قىلسام بوۋاڭدەك كۈرۈندۈمما ؟ قېنى ... با...يىلا بىرسى لىپپىدە ئۆتۈپ ...كەت..كەندەك قىلدىيا ؟ساقىلىمغا قا...قارىماي كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارا ، نېمىنى كۆردۈڭ ؟ بىر پارچە ئوت ...ھە ، بىز قېرىمىدۇق .قىز ئوينايمىز قىز ...خوشناڭنىڭكىدە خېلى پەيزى بارلىرىدىن كۆپمىشقۇ ؟

داۋۇت مەيچى چۈچۈپ كەتتى . ئۇ مۇشۇ قېرى جېنىدا كامىلنىڭ ئۆيىدىكى ئويۇن -تاماشىلاردىن خەۋەر تاپقىنىنى ، ئۇنىڭمۇ ئاشۇ يەرگە ئۇسساپ تۇرغىنىنى ئويلىغىنىدا سەپرايى قايتىدىن ئۆرلىدى .

_ ھەممىسى شۇنىڭ كاساپىتىدىن ، _ دېدى ئۇ كېرىم بوۋاينىڭ مۈرىسىدىن بېسىپ سۇپىغا ئولتۇرغۇزىۋېتىپ ، _شۇ قىلغىنى ئۈچۈن تۇرمىغا كىردى تۇرمىغا !

_ ئوغۇل بالىنىڭ كىرىدىغان يىرى ئۇ ، _كېرىم بوۋاي مەيدىسىگە مۇشتلىدى ، _ مانا بىزمۇ ئاشۇ يەرنىڭ ئون ئىككى يىللىق مېھمىنى ! ياشاۋاتىمىز ، ئىچىۋاتىمىز .ئۆلمىدۇق تېخى ...قىز قېنى ؟

_ ئەستا كېرىمكا ، مىنى ھەجەپ تەڭلىككە سېلىۋاتىسەن ، ئەمدى بۇ چاغ بولغاندا مەن ساڭا نەدىن قىز تاپىمەن ؟ بۈگۈن بولدى قىل ، ئەتىگىچە ...

_ ئەتىگىچە سىنىڭكىگە كەلمىسەممۇ بازاردا تۇلا گەپ ئۇ .ئاسىيخاننىڭ دۇكىنىغا شۇنداق قاراپ قويساق ، بەش ئالتىسى سەپ تارتىدۇ ئۇكا .

داۋۇت مەيچىنىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى ئاخىرى يۈز بەردى . بىر ئىچكى جاراھەت ئۆزلىگىدىن قانىدى . ئۇ كىشىلەردىن « شەھەرنىڭ بىر چېتىدە ، ئاسىيخان شاڭگاڭنىڭ دۇكىنى بار ، ئاشۇ يەردە ئېغىزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان قىز تاپقىلى بولىدۇ » دەپ ئاڭلىغان ئىدى . مانا ، ئەتىسىنىڭ بار يوقلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر قېرى جېنىدا ئاسىيخان شاڭگاڭنىڭ دۇكىنىنى سېغىنىۋاتىدۇ . بۇ كەمنىڭ ئادەملىرىگە نىمە بولغاندۇ ؟ شاراپقا ئېغىز تەگدىمۇ بولدى ، ھەممىسى بىرسى ئۈگىتىپ قويغاندەك قىز جىدىلى قىلىشىدۇ . قارىساڭ ھەممىسى ئۇخلاپ ياتقان شەيتىنىنى ئويغىتالماي ئۆزىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن زىمات قىلىۋاتقان ، ئېغىزىدىن شالىسى ئېقىپ تۇرسىمۇ يەنە سۈيدۈك پۇرىشىدۇ .قانداق جاھان بوپكەتتى بۇ ؟

داۋۇت مەيچى ئاچچىقىغا ھاي بىرىپ سىرتقا چىقتى ۋە ئايالىنى چاقىردى  .

_ ماۋۇ دوۋزاخ شوتىسى قېرى ھەجەپ چىشىمنى قېرىشتۇرۇۋاتىدۇ .مەن سىرتلارنى بىر ئايلىنىپ كىلەي ، سەن ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ ، مەيزاپتىن تازا ئىچۈرگىن – دە، كۈكىنى ئوبدان يۇلۇپ يولغا سېلىۋەت .ھىساپ قەتئى نېسى قالمىسۇن .

_ بۇ كەچتە نەگە بېرىپ يۈرىدىلا ؟ياخشىسى ئۆيدە ئولتۇرسىلا ،مەن قورقىمەن ...

_ قورققىدەك نىمە ئىش بار ؟ مەن دېگەندەك قىل .

_ ئەمىسە تىزرەك قايتىپ كەلسىلە ، ھايال بولمىسىلا .

_ نىمە ، قېرىغاندا مىنى بىرسى ئۆيىگە سۇلىۋالامدىكەن ؟ ئەلبەتتە شۇنداق قىلىمەن ،

ئۇ ئاستا مېڭىپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى تۇپىلىق يولغا چىقتى . سۈتتەك ئايدىڭ كىچە ؛ ئىزغىرىن شامال بىر خىلدا شىڭىلداپ تۇراتتى . ئۇ نىمىشقىكىن كامىلجاننىڭ ھويلىسى تەرەپكە قاراپ قويدى . خىرىدارسىز قالغان بۇ ئۆي خۇددى مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئىگە – چاقىسىز مۇمايدەك غېرىپسىنىپ قالغان ئىدى .ئۆي ئىچىدىن سۇس يېنىپ تۇرغان چىراق يۇرۇقى كۈرىنەتتى .ئاشۇ ئاجىز نۇرنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ ئۆيدە ھاياتلىققا تەۋە ھېچ نەرسە قالمىغاندەك ئىدى .

ئۇ كۈرەك جۇۋىسىگە ئوبدان چۈمكىنىپ ، بېشىنى ئىچىگە تىققىنىچە مەھەللىنىڭ سىرتىغا  تۇتىشىدىغان يالغۇز ئاياغ يولغا چىقتى . بۇقا سۈيدۈكىدەك تۇپىلىق يول خۇددى قۇملۇققا تاشلانغان يىلاندەك سۇزۇلۇپ ياتاتتى . دەل- دەرەخلەر ئارىسىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن تۇلۇنئاينىڭ سۈتتەك نۇرى ئاشۇ ئەگرى بۈگرى يولدا ئۇششاق تەڭگە گۈللەرنى ھاسىل قىلىپ ، يولنىڭ ئوي- چوڭقۇرىنى ئوبدانلا يۇرۇتۇپ تۇراتتى .

داۋۇت مەيچىنىڭ نىمىشقىكىن ، بۈگۈن ئوبدانلا خۇمارى تۇتقان ئىدى . بىر قاپاق مەيزاپنى ئىچىپ مەست بۇلۇپ ، تازا قېنىپ بىر يىغلىۋېلىپ ، نەچچە يىلدىن بىرى يىغىلىپ قالغان بارلىق كۈڭۈل ئاغرىقلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلىدى . لېكىن ئۇ بۇ كەيىپنى يالغۇز قىلىپ كۆنمىگەن ئىدى .ئەمما ، كۈلكە – چاقچاق بىلەن ئولتۇرۇپ ، بىللە ئىچىشىپ بىرىدىغان ئۈلپىتىمۇ يوق ئىدى . ئۇ دۇنيادا ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلدى . شۇڭا ئاياغ سەۋداسىنى كىسىپ ، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشىپ ،بۇ كىچىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈشنى خالاپ قالغانىدى .

يىراق يىراقلاردا ، قارىيىپ كۈرۈنگەن ئورمانزارلىقلار ئارىسىدا سۇس يېنىپ تۇرغان چىراق نۇرلىرى جىلۋە قىلىپ تۇراتتى . كىچە قانچە قاراڭغۇ بولغانسېرى بۇنداق چىراق يۇرۇقلىرى شۇنچە جۇلالىق ،شۇنچە نۇرلۇق بولۇپ كىتەتتى . ئادەمنىڭ سۇنۇق كۆڭلىگە تەسەللى ،  قاراڭغۇ دىلىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان بۇنداق يۇرۇقلۇق نەقەدەر سۈيۈملۈك ھە ؟! داۋۇت مەيچى ئاشۇ ئەلەڭگۈپ يېنىپ تۇرغان چىراق نۇرلىرىغا يىراقتىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۆكسىنى تولدۇرۇپ ئۇلۇق كىچىك تىندى .

_ يالغۇزلۇقۇڭغا ، مىسكىنلىكىڭگە تەسەللى بۇلالايدىغان ئاشۇ چىراق يۇرۇقىدىن باشقا نىمەڭ قالدى ئەمدى داۋۇتۋاي ؟مەيزاپخانا ئاچقىنىڭدىن نىمە پايدا كۆردۈڭ ؟تاپقىنىڭ پاتماللاپ كۈڭۈل زېدىسى . ھەر ھالدا بىرەر ئورامدىن مۇخۇركا سۇنۇشۇپ ، ئەتىسى ئاخشىمى گۇڭۇر – مۇڭۇر سوقا سۆھبەتلەرنى قۇرۇپ ، سۇنۇق كۈڭۈللەرگە تەسەللىي بېرىشىدىغان خوشناڭدىنمۇ ؛ ئېغىرىڭنى تەڭ كۈتۈرۈپ ، يىغاڭنى بىللە يىغلايدىغان جامائەتتىنمۇ ئايرىلدىڭ . مانا ، قۇرتلۇق ئىتتەك ئىنىڭدىن چىقالماي ياتىسەن ، ھالىڭ نىچۈك دەيدىغان ئادىمىڭمۇ يوق ، ئەمدى بۇ جاننى قەيەردە قۇيۇپ ، بۇلغانغان يۈزۈڭنى نەدە پاكىزلايسەن داۋۇتۇم ؟!

بىردىنلا ئۇنى يىغا تۇتتى . ئۇ ئېچىشىپ تۇرغان يۈرىكىنى قاماللىغىنىچە يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان ئاسمانغا بېقىپ ، خۇددى بۆلتۈرۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئانا بۆرىدەك ھۇۋلىدى . يىغلاپ قاقشىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۇلىمۇ ھەسرەتلىك ، تۇلىمۇ ئازابلىق پۇشايمان ياشلىرى سەلدەك قۇيۇلدى . ئۇنىڭ ئاشۇ ئاھۇ – پەريادىغا چىدىمىغاندەك ، پارلاپ تۇرغان تۇلۇنئاي ئۆزىنى بىر پارچە قارا بۇلۇتنىڭ كەينىگە ئاتتى ...

داۋۇت مەيچى كۈرەك جۇۋىسىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتتى . مۇزدەك سوغۇق شامال ئۇنىڭ ئوتقا قاقلىغان داپتەك چىڭ ، چۇپۇر باسقان قاتمال كۆكسىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلۇپ ، ئوت كەتكەن يۈرىكىگە ئازراق ئاراملىق بەرگەندەك قىلدى . ئۇ ئېغىزىنى چوڭ ئاچقىنىچە تولدۇرۇپ نەپەس ئېلىپ ، ئاشۇ يالغۇز ئاياق يول بىلەن جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىگە چىقىپ كەتمەكچى بولغاندەك تىز تىز مېڭىشقا باشلىدى .

مەھەللە تەرەپتىن خورازلارنىڭ بەس بەستە چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .

_ئاۋۇ بوم ئاۋاز ، _ دەپ ئويلىدى داۋۇت مەيچى ئەتراپتىن كېلىۋاتقان بۇ ئاۋازلارنى تۇنۇپ باقماقچى بولغاندەك ، _ تالىق ئاخۇننىڭ چار خورىزى شۇ ، كاساپەت ، ئۆتكەن يىلقى ئەلنەغمىدە قاسىم مىراپنىڭ مىڭ سوملۇق داڭلىق خورىزىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەنىدى . ھە ، ماۋۇ يىغلىغاندەك چىققىنى مەسۇمخان يوبداننىڭ مىكىجىن خورىزى شۇ ، ھە ، ئۇياقتىن كېلىۋاتقىنى ئابدۇغۇپۇر قارىمنىڭ ئالتۇن پەيلىك ئەنجان خورىزى . كاساپەتنىڭ پەيلى يامان ، خۇددى ئىگىسىدەكلا ئادەمنى چوقۇشقا تەييار تۇرىدۇ ...

ئۇ مەھەللە ئاسمىنىدا ياڭرىغان مىڭلارچە خوراز ئۈنىنى بىر ھازا پەرق ئىتىپ كۆردى . ئەمما بۇ ئورۇنۇشلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قايغۇ تۇمانلىرىنى تارقىتىۋىتەلمىدى . نىمىلا قىلمىسۇن ، قالداق ئويلىمىسۇن ، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھۇۋۇلداپ تۇرغان بىر مۇدھىش سوغۇقلۇق ، تىكەندەك يالغۇزلۇق ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بولغان چارىسىزلىك ھۈكۈم سۈرەتتى . ئۇ ئاشۇ روھى ھالەتتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغاندەك قىلاتتى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشۇ كۈنى قىزى بىلەن خوتۇنىنىڭ جاۋاپ بىرىش قىيىن بولغان سۇئاللىق كۆزلىرى چىمچىقلاپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى ، « بۇ ئىشنى سىلە قىلدىلىمۇ ؟ » دېگەن سۇئال ھېلىھەم ئۇنىڭ ئوت بولۇپ كۈيۈشىۋاتقان يۈرىكىنى ئامبۇردا قىسقاندەك ئازاپلايتتى .

ئەھلى مەھەللە ئۇياقتا تۇرسۇن ، بىر ئۆيدىكى ئادەمنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىشمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر ئىشتە !ئاشۇ كۈندىن بۇيان ئۇ ئايالىنىڭ گەپ سۆزلىرىدە تاغدەك ئېغىر بىر ۋەزىننى بايقاپ قالدى . ئەكسىچە ئۆزىنىڭ بىر باش پىيازچىلىكمۇ قەدرى قالمىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى . ئۇ ھەر قېتىم ئايالىنىڭ كۈزىگە قارىغىنىدا، ئۈزىنىڭ قانچىلىك پەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى سىزىۋالاتتى . كىچىككىنە سودىنى دەپ قىلىپ قويغان قارا يۈزلىكىنى ئويلىسا ئۆزىنى قويغۇدەك يەر تاپالمايلا قالاتتى .

داۋۇت مەيچى تەلپىكىنى قۇلىغا ئالدى . سۈتتەك ئاي نۇرىدا ئۇنىڭ بېشىدىن ئىسسىق ھور كۈتۈرۈلگەنلىكىنى ئىنىق كۆرگىلى بۇلاتتى . ئۇ ئاشۇ سوغۇق يولدا قەدىمىنى بارغانسىرى ئىتتىكلىتىپ ، قانداقتۇر بىر ئىشقا ئۈلگۈرۈپ بارمىسا بولمايدىغاندەك كېتىپ باراتتى .

خورازلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم چىللىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا زىمىن ئەڭ قاتتىق ئۇيقىسىنى باشلىۋەتكەن ئىدى .ئەتراپتىن خۇددى بەسلەشكەندەك چىللىشىۋاتقان خورازلارنىڭ ئاۋازىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممە يەر گۆرۈستان جىملىقىغا چۆمگەن ئىدى .ئاشۇ ئۈلۈمگە تەڭ قاتتىق ئۇيقىدىن ئويغىتىش ئۈچۈن خورازلار ئاۋالقىدىنمۇ بەكرەك كۈچەۋاتقاندەك ، جەھلى بىلەن چىللىماقتا ئىدى !

ھېرىپ جۇللىقى چىققان داۋۇت مەيچى ئاستا كەينىگە ياندى . ئۇ ئەمدى قايتىپ بارمىسا ئايالى ۋە قىزىنىڭ يولغا قاراپ تىك ئولتۇرىدىغانلىقىنى يادىغا ئالغان ئىدى . « بىرىمىزنىڭ ۋىجدان ئازابىدىن قىينالغىنىمىزمۇ يىتەر »_ دەپ ئويلىدى  داۋۇت مەيچى خورسىنغان ھالدا .ئۇ قېنىپ بىر يىغلىۋالغىنى ئۈچۈن كۆڭلىدىكى ئازاپلىرىنى بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى . ئۇزۇندىن بىرى ياش تۆكۈپ باقمىغان كۆزلەر رۇشەنلىشىپ ، ھەممە نەرسىنى شۇنداق ئېنىق كۈرۈۋاتقاندەك ئىدى .

قاينۇق مەھەللىسى يېڭى بىر تاڭنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇراتتى . شەرق ئاسمىنى بارا- بارا سۈزۈلۈپ، بىلىقنىڭ قۇرسىقىدەك ئاقىرىشقا باشلىغان ئىدى .داۋۇت مەيچى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ماڭغىنىنى ، نەلەرگە بارغىنىنى سەزمىگەن ھالدا مەھەللىگە كىرىپ كەلدى . بازار دىكى رادىئو كانىيىدىن تىكىستىنى ئۇققىلى بولمايدىغان قانداقتۇر  بىر ناخشا كاكىراپ ئاڭلانماقتا ئىدى. دەل شۇ ناخشا بىلەن بەسلەشكەندەك ، قاينۇق ئاسمىنىدا بارات مۇئەززىننىڭ ئۇيقۇلۇق ھالدىكى مۇڭلۇق ئەزان ساداسى ياڭراشقا باشلىدى .

ئۇ ھويلىسىغا كىرىپ كەلگىنىدە قانداقتۇر بىر كېلىشمەسلىكنى سەزگەندەك ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ تۇرۇپلا قالدى . چۈنكى ، قازناق تەرەپتىن ئايالىنىڭ ئەللەي ناخشىسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلانماقتا ئىدى . ئۇ خۇددى قىزى كىچىك ۋاقىتلاردا ئۇنى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئەللەي ناخشىسى ئوقۇپ بىرىۋاتقاندەك مۇڭلىنىپ ، قۇشاق قېتىپ يىغلىماقتا ئىدى . يىغىدىن ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ئۈنى خىقىراپ چىقاتتى .

ئۇ تەلپەكنى چۆرۈپ قەيەرگىدۇر تاشلىغاندىن  كېيىن ، ئۆزىنى قازناققا ئاتتى . كۆردىكى ،  گۈلجامال قازناق سۇپىسىدا سوزۇلۇپ ياتاتتى . ئۇنىڭ يۈزىگە بىر ئاق ياغلىق يېپىپ قۇيۇلغان ئىدى .ئانا قىزىنىڭ ئۈستىگە ئۈزىنى تاشلاپ ھازا ئاچماقتا ئىدى .

_ نى...نىمە بولدى ؟_ جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى داۋۇت مەيچى . ئەمما ئۇنىڭ سوئالىغا ئايالىدىن جاۋاپ بولمىدى . ئايال ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا يىغلايتتى .

ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى ئېچىلماي قىزىم ،

بوران سوققان چىچەكتەك تۇزۇدۇڭغۇ قىزىم .

مەن بىچارىنى نىمە بولسۇن دېدىڭ قىزىم ،

مەيچى داداڭدىن تويدۇڭمۇ قىزىم ،

يۇندىكەش ئاناڭدىن تويدۇڭمۇ قىزىم .

بۇ دۇنيانىڭ خورلىقىدىن قىزىم ،

ئۇ دۇنيانىڭ خوۋلىقىنى ئىستىدىڭمۇ قىزىم...

ئانىنىڭ يىغىسى ئېچىنىشلىق ، بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى . ئۇنىڭ ھازا قۇشىقىدا مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىردىن بىر پاجىئەسى تۇلۇق ئەكىس ئەتكەن ئىدى . داۋۇت مەيچىنىڭ يالغۇز- يىگانىلىقى ، دىلىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن نۇرغا تەلپۈنگەنلىكى ، ھاياتقا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى ۋە تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز چۈشكۈنلىكى ئىپادىلىنەتتى .بۇ ھازا قۇشىقىغا ئۇنىڭ مۇشۇ ئاخشام قاينۇق ئەتراپىدا كىزىپ يۈرۈپ ئويلىغان ھەننىۋا ئازاپ ئوقۇبەتلىرى مۇجەسسەم ئىدى !

ئۇ ئاستا بېرىپ قىزىنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى كۈتۈردى . لامپۇچكىنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ ئاق خەسىدەك تاتىراڭغۇ يۈزلىرى پارقىرىدى ، ئۆرۈكسىز چاچلىرى سامان تەككىي ئەتراپىدا سويلاپ تۇراتتى . ئۇ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە ئۇيقىغا كەتكەندەك كۈرۈنەتتى . ئاشۇ كۆزلەرنىڭ مەڭگۈلۈككە يۇمۇلغىنىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .

_ نىمە بولدى ؟ نىمە ئىش بۇ ؟ قىزىمىز قانداقسىگە..._ ئۇ خوتۇنىدىن يېنىش- يېنىشلاپ سورىدى . ئەمما ئايالنىڭ قۇلىقى گاس بولۇپ ، كۈزى كۆرمىگەندەك ، ئالدىدا بىر نىمىلەرنى سوراۋاتقان ئىرىنىمۇ كۆرمىدى ، نىمە دىگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىمىدى . ئۇ بارغانسىرى ئىزىلىپ ، بوغۇلۇپ يىغلىماقتا ئىدى .

تاڭ ئاتتى . قاينۇقلۇقلار يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالدى . ئوقەتچىلەر ئاۋالقىدەك غالتەك ھارۋىلىرىنى غىچىرلىتىپ بازارغا مېڭىشتى . ئۇلار داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىدىكى ھازىنى ئاڭلىمىغاندەك ئىدى . مەھەللىدە ئىتلار ھاۋشۇپ ، ئىشەكلەر جەھلى بىلەن ھاڭرىشاتتى . ئايرۇپىلاندەك گۈرۈلدەپ، مەھەللىنى بېشىغا كىيىدىغان موتسىكلىتلارمۇ زۇۋانغا كەلگەن ئىدى .

داۋۇت مەيچىنىڭ كۆزلىرىدىن بىر تېمىممۇ ياش چىقمىدى . چۈنكى ، ئۇ يىغلايدىغان يىغىسىنى كىچىچە پۇخادىن چىققۇدەك يىغلىۋالغانىدى .تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ پاجىئە ئۇنىڭغا چىدىغۇسىز قاتتىق زەربە بولدى . ئۇ شۇ تۇرقىدا قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئولتۇرۇپ كەتتى . ئىلگىرىلەردە بىر ئۆيدە مۇسىبەت بولسا ھەممەيلەن يوقلاپ كىرىپ ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى قول قولدىن تالىشىپ قىلىشاتتى. ھازىدارغا يىغلاپ ھازا ئېچىشتىن بۈلەك ھېچقانداق ئىش قالدۇرۇلمايتتى. مانا ، تاڭ ئېتىپ، كۈن خېلىلا بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىگە ھېچكىم پەتىلەپ كىرمىدى . قىزىنىڭ بېشىدا خۇددى ياغاچتىن يۇنۇپ ياسالغان قونچاقتەك ئولتۇرغان داۋۇت مەيچى يالغۇزلۇقنىڭ ، غېرىپلىقنىڭ ئاچچىق شارابىنى يەنە بىر قېتىم تويغىدەك ئىچتى . دۇنيادا ئادەم بالىسى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئېغىر كۈن بولماس ! ئۈلۈپ ياتقان قىزىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگىدەكمۇ ئادەمنىڭ چىقماسلىقى ئۇنى بەكلا تۈگەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى .

كۈن چۈش بولدى . بۇ ئۆيگە قاينۇقلۇقلاردىن ھېچكىم كىرىپ قويمىدى . ئانىنىڭ يىغىدىن ئاۋازى پۈتۈپ كەتكەن ئىدى . داۋۇت مەيچىمۇ  قىزىنىڭ بېشىدا مۇردىدەكلا  قېتىپ ئولتۇراتتى . ئىككى گەۋدە _ ھەسرەتلىك ياش تۈكۈۋاتقان ئانا ، پۇشايمان گۈلخېنىدا چاراسلاپ كۈيۈۋاتقان ئاتا _بىر- بىرگە قاراپ باش چايقىشاتتى. قىيامەتكە تەڭ بۇ ئېغىر كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەنلىكىگە ئۇلارنىڭ زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى . ئەمما بۇ كۈن راستلا ئۇلارغا قۇچاق ئاچقانىدى .

بىر چاغدا بوسۇغىدا ئىككى گەۋدە پەيدا بولدى . داۋۇت مەيچى بىلەن ئايالى ئىشىك تەرەپكە قاراپ ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .چۈنكى ، ئىشىكتىن كامىلجان بىلەن قارىلىق كىيىم كەيگەن ئايالى پەتىلەپ كىرگەنىدى .تەنھالىق ،غېرىپلىق ئىسكەنجىسىدە قىينىلىپ ،ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەۋاتقان بۇ ئەر خوتۇن بۇ ئاددى كۆلبىسىگە خىزىر كەلگەندەك خۇشال بولدى . كامىلجاننىڭ ئايالى ئېچىنىشلىق يىغا سالغىنىچە داۋۇت مەيچىنىڭ ئايالىنى قۇچاقلىدى . ئىككى ئانا قايتىدىن ئىزىلىپ ، ھەسرەتلىك يىغىسىنى باشلىۋەتتى . كامىلجان ئاستا كىلىپ داۋۇت مەيچىنى قۇچاقلىدى . دەل شۇ چاغدا داۋۇت مەيچىنىڭ چۈيۈندەك قېتىپ كەتكەن قەلبى شۇررىدە ئىرىپ ، ئۇ يەردىن قاسراققا ئوخشايدىغان بىر نەرسە سويۇلۇپ چۈشكەندەك بولدى . ئۇ كامىلجاننى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى ، ئۇنىڭ بۇ يىغىسىنى قىزىنىڭ ئۈلۈمىگە ئېچىنىپ يىغلاۋاتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئېچىنىپ يىغلاۋاتامدۇ ، بىلگىلى بولمايتتى .

_ قانداقسىگە ...قانداقسىگە ساپ ساق بىر قىز ئۈلۈپ قالدى ؟ _ سورىدى كامىلجاننىڭ ئايالى ئىسەدەپ تۇرۇپ ، _ تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدىمغۇ ؟ئەجەپ بىر ...

_ نېمىسىنى سورايلا خوشنام ، _ ئايال ئۆكسۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى ، _ ئاخشام ماۋۇ توڭغۇز پۇشتى سىرتنى ئايلىنىپ كىلىمەن دەپ يەر يۈتكەندەكلا يوقاپ كەتتى ، بىر چاغ بولغاندا گەۋرىلىك ، قىزىل كۆز بىر ئوغرى مەيزاپ ئىچكىلى كەپتۇ ،ئازراق ئىچىپ كەلگەنمىدىكىن ، سەل لەيلەپ ، بىر ئىزىدا تۇرالماي قالغان ئىكەن . ئۆيدە ئەر كىشى بولمىغاندىن كېيىن « مەيزاپ يوق» دەپ تۇرىۋالدۇق . ئەمما ئۇ كەتكىلى ئۇنىماي ئۆيگە كىرىۋالدى . ئاخىرى بولماي، مەيلىلا ، ئىچسە شۇ ئىشەك سۈيدىكىدىن ئازراق ئىچىپ كېتىپ قالار دەپتىمەن . ئۇ دەيۈزنىڭ ئاللىقاچان قىزىمغا كۆز تاشلىغىنىنى مەن نەدىن بىلەي ؟ بورىچى ھالۋىچى بولسا كۈزىنى چاپاق بېسىپتۇ دېگىنى شۇ ئىكەن ، ئوخشىتالمىغان شۇ تىجارەتنى  دەپ بېشىڭغا چىقتىمغۇ قىزىم ،ۋاي قىزىم ، تاتلىق قىزىم ...

_ كېيىنچۇ ؟ _ ئالدىراپ سورىدى داۋۇت مەيچى پوتلىسىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ .

_ كېيىن ، كېيىن ،ئۇ ھارامزادە ماڭا ئۇنى -بۇنى بۇيرىدى ، يىتىشىپ بولالماي قىزىمنى ياردەمگە چاقىرىپتىمەن . بىر چاغدا توخۇ قوردىقى قورۇۋاتسام قىزىمنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى . يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ يۈگرەپ چىقسام قازناقنىڭ ئىشىكىنى  ئىچىدىن ئېتىۋاپتۇ . قىزىمنىڭ نالىسى ...مىنى چاقىرىشلىرى ، يىغلاپ يېلىنىشلىرى...نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئۆينىڭ ئىچىدە بىر نەچچىنى پىرقىرىدىم . ئىشىكنى ھەرقانچە تىپىپمۇ ، مۇشتلاپمۇ زادىلا ئاچالمىدىم . ئاخىرى بۇ  يارامسىزنى ئىزلەپ سىرتقا يۈگرىدىم ، دىڭىلداپ يۈرۈپ  كارنىيىم يىرتىلغۇچە ۋارقىراپ قىچقاردىم .قاينۇقنىڭ كوچىلىرىنى قېزىۋەتتىم ،يەردىمۇ ، ئاسماندىمۇ يوق . بىر چاغدا قايتىپ كىرسەم ئۇ دەيۈز قۇيرىقىنى خادا قىپتۇ ، قىزىم نومۇسقا چىدىماي ئۆزىنى ئېسىۋاپتۇ ...ۋاي قىزىم ، سىنىڭ بېشىڭغا بىز چىقتۇق قىزىم .ئاناڭ ئۆلسۇن قىزىم ، داداڭنى يەر يۈتسۇن قىزىم ...

_بۇ ئەسلىدە ئاشۇ نائەھلىنىڭ قىلغان ئىشىكەندە ، _ كامىلجان يەرگە قارىغىنىچە پەس ئاۋازدا سۈزىنى داۋام قىلدى ، _ ئۇ ئاخشام بىزنىڭكىگە كەپتىكەن ، ئىشىكنى خېلىلا قاققان بولسىمۇ ئاچمىغان ئىدىم ، چۈنكى، مەن ئاللىقاچان بۇ ئىشتىن قول يۇيىۋەتكەن- دە .

_ كىمۇ ؟ _ داۋۇت مەيچى ئىتتىكلا سورىدى .

_ ھېلىقى پور كۈتەك شۇ .

بۇنى ئاڭلاپ داۋۇت مەيچىنىڭ چىشلىرى غۇچۇرلىدى . كۆز ياشلىرى بوراندەك قۇيۇلدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنى كونا چاپاندەك چۆرۈپ ئاتقان ئاشۇ پور كۈتەكنىڭ ھىجىيىپ تۇرغان چىرايى قايتىدىن پەيدا بولدى . ئۇ مۇشتلىرىنى تۈككىنىچە ئورنىدىن تۇردى .كامىلجان ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى چۈشەنگەندەك كاپپىدە بىلىكىنى تۇتىۋالدى .

_ ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەيلى داۋۇت ئاخۇن ، سورىقىنى ھۈكۈمەت قىلىدىغان ئىش بۇ ، ئۇ نىمە قانات چىقىرىپمۇ ئۇچۇپ كىتەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى ، مىيىتنى يەرلىككە قۇيۇشنىڭ ئامالىنى قىلايلى ، راست گەپنى قىلسام ، ھەر ئىككىمىز بۇ يەردىكىلەرنىڭ  غەزىۋىگە، قارغىشىغا كەتكەن ئادەملەرمىز . شۇڭا بۇ پالاكەتلەردىن قۇتۇلمىقىمىز ئاسان ئەمەس . ئۆتكەنگە سالاۋات ، مەن چىقىپ ئابلىز قارىنى  ئىزدەپ باقاي ، بالىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكىمۇ ئادەم كىرەكتە . قالدىسىنى بار مەسلىھەت بىر ئىش قىلارمىز ...

كامىلجان ھەممەيلەنگە تەكشى بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بېشىنى سالغىنىچە ئاستا سىرتقا ماڭدى .

قاينۇقنىڭ بۇ يىلقى قىشى ھەرقانداق بىر يىلدىكىگە زادىلا  ئوخشىماي قالدى . كۈندۈزلىرى ھارارەتسىز قۇياش دۈشمەننىڭ كۈلكىسىدەك ئاندا – مۇندا جىلمىيىپ تۇرغان بىلەن سوغۇق شۇنچىلىك قاتتىق ئىدىكى ،تاڭ- تاڭ مۇزلىغان يەرنىڭ بىر قات ئېتى يېرىلىپ ، چۈيۈندەك قېتىپ كەتكەن ئىدى . كۈننىڭ پىشىنگە بېرىپ قالغىنىغا باقماي كوچىلاردا ئادەم شالاڭ ئىدى . مۇزلىغىنىدىن تۈكلىرى پاخپىيىپ ، قۇيرىقى چات ئارىسىغا قىستۇرۇلغان لالما ئىتلار كوچىنىڭ ئۇ يەر – بۇ يېرىدە بىر نىمىلەرنى تىمىسقىلاپ يۈرىشەتتى. بىر پۇتىنى تۈكلىرى ئارىسىغا يۇشۇرۇپ ، بىر پۇتىدا يەر دەسسەپ تۇرغان خورازلار  ئۇيقىغا كەتكەندەك كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىشقان ئىدى . سۇغۇقنىڭ شۇنچە قاتتىق بولۇشىغا قارىماي تېخىچە تۇنجى قار ياغمىغان ئىدى . قارنىڭ ياغماسلىقى ئاپەتتىن بىشارەت دىيىشەتتى كونىلار .ئەمما قانداق ئاپەتنىڭ يىتىپ كېلىشىنى ھېچكىم بىلمەيتتى .قاينۇقلۇقلار داۋۇت مەيچىنىڭ ئۆيىدە يۈز بەرگەن پاجىئەنى ئاڭلىغىنىدا ، ھەممە بالا قازانىڭ شۇنىڭ بىلەن كېتىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك بىر تۇيغۇدا ئېغىر تىنىشتى .

 _خۇدانىڭ ئارغامچىسى ئوزۇن، _دېيىشەتتى قاينۇقلۇقلار بىر يەرگە كەلگەندە ، _ قىلغىنىڭغا يارىشا دارامەت ئالىسەن دەيدىغان گەپ بار . داۋۇت مەيچى قاينۇققا ئەمەس ، بالىسىغا قىلدى . ئەمدى كىلىپ شۇنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتىدۇ .

_ قاينۇقتا ئازدۇر كۆپتۇر شىشە – قاپاق مۇڭداشلىرى بولغان بىلەن، ئاتام زامانىسىدىن باشلاپ ھېچكىم مۇنداق شەرمەندە ئىشنى قىلىپ باقمىغان ، مانا ، داۋۇت مەيچى باشلاپ ، كامىل تورغاي دوراپ كۈرۈۋىدى ، خۇدا ئۇرۇپ ئەسلى ۋەسلىدىن ئايرىلىپ، بۇرنى قۇلىقىغىچە تويدى .ئىبرەت ئالىلى جامائەت ...

8

ھەممە جىمىدى . كىشىلەر سۆزلەپ ھاردى ؛ ئەتراپ يەنە تىنچىپ قالدى . قاۋاپ ھارغان ئىتلار كاتىكىغا كىرىپ كېتىشتى . ۋاقىتسىز چىللاپ ئالەمنى مالەم قىلغان خورازلار مىكىيان قوغلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى . قاينۇقنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بېسىقىپ ، قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرى ، بەرىكەتسىز كۈنلىرى بىر قېلىپتا جىمجىتقىنە داۋاملاشماقتا ئىدى . ئارقا – ئارقىدىن ۋەيران بولغان ئىككى ئائىلە ئاشۇ مۇدھىش سوغۇق ئىچىدە ئوت - بوغۇزسىز دۈگدەرەپ ياتقان قېرى كالىدەك ھالىدىن كەتكەن ئىدى .

داۋۇت مەيچىنىڭ قازنىقى ئىنتايىن سوغۇق ئىدى .ئوت يېقىلمىغان ئۆينىڭ ئىچىدە بۇران ھۇۋلايتتى. ئاشۇ مۇسىبەتتىن كېيىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىچارە ئايال پەقەتلا ئۆرە بۇلالمىدى. ئۇ مازلىرى تىتىلىپ كەتكەن كونا يوتقان ئىچىدە تىنماي يۈتىلىپ - خىقىراپ ياتاتتى. ئۇنىڭ بىر نەرسە يېگۈدەك، داۋۇت مەيچىگە ئۇنى- بۇنى دېگۈدەك ھەپسىلىسى قالمىغان ئىدى . قىزىنىڭ جەسىدى ئىككى كۈن ساقلىنىپ ، ھېچبىر قەدىر - قىممەتسىزلا ، خۇددى بىر ئىشەك تاپىسىدەك كۈمۈپ قۇيۇلىشى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلگەنىدى .ھەمىشە كۈلۈپ يۈرىدىغان بۇ خۇشپىئېل قىزنىڭ ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپ ھەش پەش دېگۈچە قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىشى ئۇنىڭغا بىر قورقۇنۇچلۇق چۈشتەكلا بىلىنەتتى . شۇنداق ، ئۇ مەڭگۈ ئويغانغىلى بولمايدىغان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق چۈش – ئۈلۈم ئىدى ...

داۋۇت مەيچى ئاستا ھويلىغا چىقىپ ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئېغىلنىڭ ئالدىدىن بىر قۇچاق قوناق پاسىرى كۈتۈرۈپ كىردى- دە ، مانتا ئۇچاققا تاشلاپ سەرەڭگە ياقتى . لاپ قىلىپ يانغان قۇرۇق پاسار قۇيۇق ئىس چىقىرىپ تۈتەپ كۈيۈشكە باشلىدى .ئەمما ، پاسار چوغى تۇتامسىز يىگىتكە ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ كونىلار .لاپپىدە ئوت ئالغان ئوت - خەس تۈزۈك ئىسسىق بەرمەيلا، ئۇنىڭ بارلىق ئۈمىد – ئارزۇلىرىغا ئوخشاش كۈلگە ئايلاندى .

كۈنلەر ئۆتمەكتە . كۈچلۈك بوراندا كۈتۈرۈلگەن دېڭىز ئۆركىشىدەك قاتمۇ قات كەلگەن دەرت- ئەلەملەردىن  داۋۇت مەيچىنىڭ چاچ – ساقىلى ئاق رەڭدە بۇياتقاندەكلا تامام ئاقىرىپ كەتتى . ئۇنىڭ بىلى مۈكچەيدى . كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچتى . پۇت – قوللىرى قورايدەك قېتىپ ، ماغدۇرسىزلىقتىن كۈز شامىلى سوققان ياپراقتەك تىترىدى . ئۇ شۇ تۇرقىدا يەتمىش – سەكسەن يىل ياشىغان بوۋايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ ھاياتتىن كۈتىدىغان ھېچقانداق ئارزۇلىرىمۇ يوق ! خۇدانىڭ ئامانىتىنى بالدۇرراق ئېلىشىنى كۈتۈپ ياتقىنى ياتقان ئىدى . ئۇ بۇ دۇنياغا ئورۇنسىز تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاققا ئوخشاش ، مەھەللىدىكىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن . قاينۇقلۇقلار بۇ يەردە ئەزەلدىن بۇنداق بىر ئادەملەر ياشاپ باقمىغاندەك ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن ئىدى . پەقەت كۈن ئارىلاپ بۇ ئۆيگە كامىلجان بېشىنى تىقىپ قۇياتتى .ئايالى تاماق سۇناتتى .بىر دەم يېرىمدەم مۇڭدىشىپ چىقىپ كىتەتتى .

بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن قىش پەسلى ئاخىرلىشىپ ، ئەتراپتىن باھار ھىدى كېلىشكە باشلىغان بىر كۈنى، داۋۇت مەيچىنىڭ ئايالى كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ نومۇس كۈچى مەھكەم بوغقان بۇغۇزىدىن ئاخىرقى نەپىسى شەپىسىزلا ئۈتۈپ كەتتى. تەقدىر قىسمىتىنىڭ ئاللىقاچان شۇنداق بەلگىلىنىپ بولغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن داۋۇت مەيچى تەقدىرگە تەن بەردى. ئۇ بىر تامچىمۇ ياش چىقمىغان نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە نەچچە ئون يىل ھەمرا بولغان ئايالىنىڭ چېھرىگە ئاخىرقى قېتىم نەزەر تاشلىغىنىدا، يۈرىكىنىڭ قات-قېتى يىرتىلىپ قانىغاندەك، ئەمدى بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ھەمراھ بۇلىدىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغاندەك بىلىندى .  كىشىلەرنىڭ بەكمۇ رەھىمسىزلىشىپ ، بىر بىرىنىڭ ئۆلەر -تىرىلىشى بىلەنمۇ كارى بولمىغۇدەك ھالغا يەتكىنىنى، مىھرى- ۋاپانىڭ كۈتۈرۈلۈپ ، دۇنيانىڭ نەقەدەر باغرى تاش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا ، ئايالىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنراق ھايات خورلۇقلىرىدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولدى .

قاينۇققا باھار پەسلى شەپىسىزلا كىرىپ كەلمەكتە ئىدى . ئەتراپ خېلىلا ئىللىپ قالغان ، قىشىچە توڭ تىزەكتەك قېتىپ كەتكەن قۇشلارنىڭ پۇت قولىغا جان كىرىشكە باشلىغان بىر كۈنى داۋۇت مەيچى ئاتا – ئانىسىدىن قالغان ، چۇپۇردىن تۇقۇلغان ئالا خۇرجۇننى مۈرىسىگە تاشلاپ ئۆيدىن چىقتى . ئۇ نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا بىر پەس قارىغاندىن كېيىن ئىشىككە_ ياق ، ھاياتتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن قەلبىگە  قوش مۇشتتەك كىلىدىغان يۇغان قارا قۇلۇپنى سالدى- دە ، بازارغا قاراپ ماڭدى .

_ خۇدا رەھمىتى ، ئىمان پاكلىقى ئۈچۈن سەدىقە تىلەيمەن ، سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى ...توۋا قىلىڭ جامائەت ، بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن تۆۋە قىلىڭ ، سەدىقە بالانى يەر ، تۆۋە گۇناھنى ، خۇدا يۇلىدا سەدىقە تىلەيمەن ...

كوچا - كويلاردا ، ئايماق- مەھەللىلەردە ، مازار - ماشايىقلاردا تۇلىمۇ مىسكىن ،  چۆل تورغىيىنىڭ سەھەر پەيتىدىكى چۇ - چۇلىرىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇ ئاۋاز  پات -پات ئاڭلىنىپ قالاتتى .چەكسىز پۇشايمان،كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز ھەسرەت- نادامەتلەر چوڭقۇر سىڭگەن بۇ جۇدالىق ناخشىسى داۋۇت مەيچىنىڭ تىلىم تىلىم كىسىلگەن يۈرەك قېتىدىن فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىقاتتى.ئەمما شۇ نەرسە ئۇنىڭغا ئايان ئىدىكى ،چىققان كۆز مەڭگۈ ئورنىغا كەلمەيتتى.

مەھەللە تىنچىپ قالدى .ھەممە بالا قازا داۋۇت مەيچى بىلەن نەگىدۇر كەتكەندەك ئىدى. ئەتىسى ئاخشىمى قاينۇق ئاسمىنىدا  ياڭرايدىغان مەستلەرنىڭ ئالاتاغىل ناخشىلىرى، بىر بىرى بىلەن تىللىشىپ، ياقا سىقىشىپ ۋارقىراشلىرى ئاڭلانمايتتى. مەھەللىدىكىلەر ئۆز تىرىكچىلىكىنىڭ غېمىدە يۈرىشەتتى.ھەر كۈنى غالتەكلىرىنى پەدىگە كەلمىگەن سۇنايدەك غىچىرلىتىپ بازارغا مېڭىشقان قاينۇقنىڭ ئۇششاق يايمىكەشلىرى داتلىشىپ كەتكەن قارا قۇلۇپ، ئولتۇرۇشۇپ، بارغانسېرى يەر تەكتىگە چۈكۈۋاتقاندەك كۈرۈنۈدىغان كونا تاملارغا پەرۋاسىزلا قاراپ قۇيىشاتتى.

بۇ يەردە ھايات ھالىدىن كەتكەندەك تولىمۇ ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى ... 

2004 - يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى ، خوتەن
 

( ئاپتۇر : خوتەن ۋىلايەتلىك « يېڭى قاشتېشى » ژۇرنىلى تەھرىر بۈلۈمىدە )

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك