قىزىل راۋاقتىكى چۈش - ئوتتۇز بىرىنچى باب
ئوتتۇز بىرىنچى باب
يەلپۈگۈچ يىرتىش بەدىلىگە مىڭ تىللالىق بىر كۈلكە
كەلگەنلىكى
بوبرا كېيىك تۈپەيلىدىن ئاشىقلارنىڭ تەڭ قېرىيدىغانلىقى
بىلىنگەنلىكى
شىرېن يەردىكى ئۆزى تۈكۈرگەن قاننى كۆرۈپ شۈركۈنۈپ كەتتى. ئادەتتە كىشىلەردىن ئاڭلاپ يۈرگەن «ياش ۋاقتىدا قان تۈكۈرگەن كىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن تەقدىردىمۇ ناكار بولۇپ قالىدۇ» دېگەن گەپ بىردىنلا ئېسىگە كەلدى - دە، كەلگۈسىدە ئىززەت - ئابرۇي قازىنىش توغرۇلۇق كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ - خىياللىرى شامالغا ئۇچۇپ، ئىختىيارسىز كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى. ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باۋيۈينىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ:
− كۆڭلۈڭ بىر قىسما بولۇۋاتامدۇ؟ − دەپ سورىدى ئۇ شىرېندىن.
− بىر ئوبدان تۇرۇپتىمەنغۇ، نېمە بولماقچىدى؟ − دېدى شىرېن زورمۇزور كۈلۈمسىرەپ.
باۋيۈي دەرھال ئادەم چاقىرىپ، سېرىق ھاراق ئىللىتقۇزۇپ، ئۆچكە قېنىدىن ياسالغان ئۇد كۇمىلىچى ئالدۇرماقچى بولۇۋىدى، شىرېن باۋيۈينىڭ قولىدىن تارتىپ كۈلۈمسىرىدى:
− قويۇڭ، ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرمەڭ، بۇنداق قىلسىڭىز كىشىلەر بىسەرەمجان بولۇپ كېتىپ، مېنى يەڭگىلتەك دەپ كايىشىدۇ. ھازىر كىشىلەر ھېچنېمىنى ئۇقمايدۇ، بۇنداق ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرسىڭىز، كىشىلەر بىلىپ قالسا سىزگىمۇ ياخشى ئەمەس، ماڭىمۇ ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، ئەتە تېۋىپ ۋاڭ جىرېنغا بالا ئەۋەتىپ، دورا ئالدۇرۇپ بەرسىڭىز، شۇنى يېسەملا ساقىيىپ كېتىمەن، ئۇ چاغدا ئىنس - جىنمۇ ئۇقماي قالىدۇ. مۇشۇنداق قىلساق، ئوبدان ئەمەسمۇ؟
باۋيۈي ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا تېپىپ ماقۇل بولدى، شىرەنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر چىنە چاي قۇيۇپ شىرېنگە ئېغىز چايقاشقا بەردى. شىرېن باۋيۈينىڭمۇ كۆڭلى بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ئۆز ئىشىغا سالماي دېسە، ئۇ بەرىبىر ئۇنىمايدۇ، باشقىلارمۇ ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزى بىلگىنىنى قىلسۇنلا، دېگەن يەرگە كەلدى. شۇڭا، باۋيۈينى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپ ئۆزى كارىۋاتقا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرىۋەردى.
ئەتىسى تاڭ يورۇشى بىلەنلا، باۋيۈي يۈز - كۆزىنىمۇ يۇماستىن، ئالدىراش ئېگىنىنى كىيىپ تالاغا چىقىپ كەتتى، تېۋىپ ۋاڭ جىرېننى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا نېمە بولغانلىقىنى ئۆزى ئېنىقلىماقچى بولدى. ۋاڭ جىرېن قانداق بولغانلىقىنى بىرقۇر سوراپ، زەخىملەنگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بىر كۇمىلاچ دورىنىڭ نامىنى ئاتاپ، قانداق يېيىش، قانداق سۈرتۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى. باۋيۈي بۇلارنى يېزىۋېلىپ، باغقا قايتىپ كىردى ۋە قەغەزدە يېزىلغىنى بويىچە دورا تەييارلاتقۇزدى. بۇ گەپ شۇ يەردە قالسۇن.
شۇ كۈنى تاڭزۇڭزا چاغىنى ئىدى. ئىشىك باشلىرىغا كامپا - ئەمەن شاخلىرى قادالغان. ھەممە كىشىلەر يەڭلىرىگە دۇردۇندىن قىيىلغان يولۋاسلارنى تاقىۋېلىشقانىدى. چۈش ۋاقتىدا ۋاڭ ئاغىچا خېنىم داستىخان ھازىرلاپ، شۆ ھامما بىلەن باۋچەيلەرنى ھېيت چېيىغا ئېيتتى. باۋيۈي بۇ زىياپەتتە باۋچەينىڭ كۆڭۈلسىز ئولتۇرغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكۈسىمۇ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈنكى گەپ - سۆزنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، دەپ بىلدى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم باۋيۈينىڭ كەيپى جايىدا ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، تايىن تۈنۈگۈنكى جىنچۇەرنىڭ ئىشىدىن ئوڭايسىزلىنىۋاتقاندۇ دەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئانچە كارى بولمىدى. دەييۈيمۇ باۋيۈينىڭ سۇلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى بايقاپ، تۈنۈگۈن باۋچەينى خاپا قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئوڭايسىزلىنىۋاتقاندۇ، دېگەن يەرگە كېلىپ، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى بىئارام بولدى ۋە بوشىشىپلا كەتتى. باۋيۈي بىلەن جىنچۇەر ئوتتۇرىسىدا بولغان ۋەقەنى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئاخشام فېڭجيېگە دەپ بەرگەنىدى، فېڭجيېمۇ ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ كۆڭلىگە ھېچنېمە خۇشياقمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ، كۈلگە - چاقچاق قىلىشقا پېتىنالماي، ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ رايىغا بېقىپ خامۇش ئولتۇردى. يىڭچۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمشىرىلىرى داستىخاندىكىلەرنىڭ كەيپى يوقلۇقىنى بايقاپ، بۇلارمۇ ئېچىلالمىدى. شۇڭا، بىرئاز ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ھەممەيلەن تارقىلىشتى.
دەييۈي ئادەتتە جەم بولۇشتىن كۆرە تارقىلىشنى ياقتۇراتتى، ئۇنىڭ مۇنداق ئۆي - پىكىردە بولۇشىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى. ئۇ ئادەتتە مۇنداق دەيتتى: «كىشىلەر جەم بولغان يەردە ئەلۋەتتە تارقىلىشمۇ بولىدۇ. جەم بولغاندا خۇشال بولسا، تارقىلىدىغان چاغ كەلگەندە كىشىنى غۇربەت باسىدۇ ! غۇربەت باسقاندىن كېيىن كىشى ھەسرەت چېكىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جەم بولمىغىنى ياخشى. گۈللەرمۇ خۇددى شۇنداق: پورەكلەپ ئېچىلغاندا، كىشىنىڭ زوقى كېلىدۇ، خازان بولغاندا، بىرمۇنچە قايغۇ - ھەسرەتنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە گۈلنىڭ ئېچىلماي قويغىنى ياخشى.» شۇ سەۋەبتىن، باشقىلار ئۈچۈن خۇشاللىق دەپ ھېسابلانغان ئىش دەييۈي ئۈچۈن قايغۇلۇق بولۇپ تۇيۇلاتتى. باۋيۈينىڭ مىجەزى بولسا باشقىچىرەك ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ تارقالماي ھەمىشە جەم بولۇپ تۇرۇشىنى خالايتتى. زىياپەتتىن تارقايدىغان ياكى گۈللەر توزۇيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلسە، ئۇ چاغدا كۈرمىڭ ھەسرەت چەككەن بىلەنمۇ كۆنمەي ئىلاج يوق دەپ ئويلايتتى. مانا بۈگۈنكى زىياپەتتىن ھەممەيلەن كۆڭۈلسىز تارقىلىشتى، بۇ دەييۈيگە ھېچقانچە تۇيۇلمىدى، لېكىن باۋيۈي مەيۈس ھەم خاپا ئىدى، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلۇغ - كىچىك تىنىشقا باشلىدى.
شۇ پەيتتە، قېرىشقاندەك چىڭۋېن ئېگىنىنى يەڭگۈشلىتىپ بېرىمەن دەپ باۋيۈينىڭ قېشىغا كېلىۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن باۋيۈينىڭ قولىدىكى يەلپۈگۈچنى چۈشۈرۈۋەتتى، يەلپۈگۈچنىڭ گۇگۇسى يەرگە چۈشۈپلا سۇنۇپ كەتتى. باۋيۈي يەلپۈگۈچكە قاراپ بىر ئۇھ تارتتى:
− كالۋا ! دۆت ! كەلگۈسىدە نېمە بولارسەنكىن ! ئەتە - ئۆگۈن سەنمۇ ئۆي - ئوچاقلىق، بىساتلىق بولىسەن، شۇ چاغدىمۇ مۇشۇنداق ھاڭۋاقتى بولارسەنمۇ؟
− غوجام، − دېدى چىڭۋېن سوغۇققىنا كۈلۈپ، − يېقىندىن بۇيان ئاچچىقلىرى بەك يامان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، قىمىرلا قىلىپ كەتسەك، چىرايلىرى ئۆڭىدىغان بولۇپ قالدى. قايسى كۈنى شىرېننىمۇ ئۇرغانىدىلە، ئەمدى مەندىن ئېۋەن تېپىۋاتىدىلا. ئۇراملا، تېپەملا، نېمىلا قىلسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىرى. يەلپۈگۈچنىڭ سۇنۇپ كېتىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئىلگىرىكى چاغلاردا ئەينەك لوڭقا، ھېقىق پىيالىلەرمۇ تالاي قېتىم سۇنۇپ كەتكەن، ئۇ چاغدا سىلىنىڭ مۇنچىلىك ئاچچىقلىرى كەلمىگەن. ئەمدى بىر يەلپۈگۈچ ئۈچۈن مۇشۇنچە قىلىپ كېتىۋاتىدىلا. نېمانچە قىلىدىغانلا ! بىزدىن بىزار بولغان بولسىلا، بىزنى ھەيدىۋېتىپ ياخشىراقىنى تېپىۋالسىلا، چىرايلىقچە ئارىنى ئوچۇق قىلىۋەتسەك بولمامدۇ؟
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، باۋيۈينىڭ جۇدۇنى تۇتۇپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى - دە:
− ئالدىرىما، ئاخىر ئايرىلىدىغان كۈنمۇ كېلەر ! − دېدى.
بىر چەتتە تۇرغان شىرېن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بۇياققا ئۆتۈپ، باۋيۈيگە:
− بىر ئوبدان تۇرۇپ يەنە نېمە بولدى؟ مەن دېگەندەك، «بىردەم بولماي قالساملا چاتاق چىقىدۇ» − دېدى.
− ئاچا، سەن سۆزمەن بولغاندىن كېيىن بالدۇرراق كەلسەڭچۇ، ئۇ چاغدا بىزمۇ بۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويمىغان بولاتتۇق، − دېدى چىڭۋېن سوغۇققىنا كۈلۈپ، − ئەزەلدىن تارتىپ غوجامنىڭ خىزمىتىگە سەنلا يارايسەن، بىز ئۇنچىلىك كۈتۈشنى بىلمەيدىكەنمىز. خىزمىتىنى شۇنچە ياخشى قىلىپ تۇرۇقلۇق، ئەجەب تۈنۈگۈن بىقىنىڭغا پەشۋا يەۋالدىڭ - ھە. بىزغۇ خىزمەت قىلىشنى بىلمىگەندىن كېيىن، ئەتە - ئۆگۈن نېمە گۇناھ قىلارمىزكىنتاڭ؟
شىرېن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەم ئاچچىقلاندى، ھەم ئىزا تارتتى، چىڭۋېنگە بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلماقچى بولۇۋىدى، باۋيۈينىڭ ئاچچىقىدا تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، نائىلاج ئۆزىنى بېسىپ:
− ئوبدان سىڭلىم، ماڭ، تالاغا چىقىپ بىردەم ئويناپ كىرگىنە ! ھەممە ئەيىب بىزدە ! − دېدى.
چىڭۋېن ئۇنىڭ «بىز» دېگەن سۆزىدە جەزمەن ئۆزى بىلەن باۋيۈينى كۆزدە تۇتقانلىقىنى چۈشىنىپ، ئىختىيارسىز كۆڭلىدە رەشك پەيدا بولدى - دە، زەھەرخەندە بىلەن:
− ئۇقالمىدىم، «بىز» دېگىنىڭ كىم؟ مەن سېنىڭ «بىز» دېگىنىڭدىن ئۇيىلىۋاتىمەن ! يەڭ ئىچىدە قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭلارنى مەندىن يوشۇرالمايسەن. مەن دېمىسەممۇ، ئوچۇق - ئاشكارا گۇۋاھ - شاھىتلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ خېنىم بولالىغىنىڭ يوق تېخى. ماڭا ئوخشاشلا دېدەك تۇرۇقلۇق نېمەڭگە «بىز» دەيدىغان بولۇپ قالدىڭكىنە !
شىرېن خىجالەتچىلىكتە ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى ۋە خاتا سۆزلەپ قويغانلىقىنى دەرھال پەملىدى. باۋيۈي چىڭۋېنگە قاراپ:
− سىلەرنىڭ چىدىمىغىنىڭلارغا قارىماي، ئەتىلا ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلىمەن، − دېدى.
شىرېن شۇ ئاندىلا باۋيۈينىڭ يېڭىدىن تارتىپ:
− ئۇ دۆت بىرنېمە، ئۇنىڭ بىلەن سۆز تالىشىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ ئادەتتە كەڭ قورساق بولۇپ، نى - نى ئىشلارنىمۇ ئۆتكۈزۈۋەتكەنىدىڭىزغۇ، بۈگۈن نېمە بولدىڭىز؟ − دېدى.
− مەن دۆت، − دېدى چىڭۋېن سوغۇققىنا كۈلۈپ، − مەن سۆزلىشىشكە لايىق ئەمەس ! مەن بىر چۆرە قىز تۇرسام !
شىرېن:
− ھاي، خېنىم، كىم بىلەن تاكاللىشىۋاتىسەن؟ مەن بىلەنمۇ ياكى غوجام بىلەنمۇ؟ ماڭا ئاچچىقىڭ كەلگەن بولسا، مەن بىلەن سۆزلەش، غوجامنىڭ ئالدىدا چالۋاقاشنىڭ ھاجىتى يوق. غوجامغا ئاچچىقىڭ كەلگەن بولسا، مۇنداق چالۋاقاپ ھەممە ئادەمگە شالاڭنى چاچما. مەن بۇ ئىشنى بولدى قىلىۋېتىپ، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ئايايلى دەپ ئارىچىلىغانىدىم، مېنى بالاغا قويماقچى بولۇۋاتىسەن ! يا مەندىن خاپا بولغىنىڭنى، ياكى غوجامدىن خاپا بولغىنىڭنى ئۇقالمىدىم، ھەممىنى تەڭلا گەپتە چېقىۋاتىسەن. زادى سېنىڭ غەرىزىڭ نېمە؟ بولدى. مەن سۆزلىمەي، سەنلا سۆزلە ! − دېدى - دە، تالاغا قاراپ ماڭدى.
− سەنمۇ ئاچچىقلانمايلا قوي، − دېدى باۋيۈي چىڭۋېنگە قاراپ، − سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىشمۇ ماڭا ئايان بولدى، مەن خان ئانامغا مەلۇم قىلاي، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، سېنى ئۇزىتىپ قويايلى، بولامدۇ؟
چىڭۋېن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى - دە، كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ:
− مەن نېمىشقا كېتىدىكەنمەن؟ مەندىن بىزار بولغان تەقدىردىمۇ، باھانە تېپىپ مېنى ھەيدىۋەتكۈچىلىك يەرگە يەتمىدىم، − دېدى.
− مۇنداق غەلۋىنى قاچان كۆرگەن بولغىيدىمكىنتاڭ ! زادى سېنىڭ بۇ يەردىن كەتكۈڭ كېلىپ قاپتۇ، خان ئانامغا مەلۇم قىلىپ سېنى يولغا سېلىپ قويساقلا بولىدىغۇ، − دەپلا باۋيۈي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ماڭغانىدى، شىرېن كەينىگە يېنىپ ئۇنى توسۇۋالدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
− نەگە بارىسىز؟ − دەپ سورىدى.
− خان ئانامغا مەلۇم قىلغىلى ! − دېدى باۋيۈي.
− نېمە قاملاشمىغان ئىش بۇ، − دېدى شىرېن كۈلۈپ، − راستلا ئاغىچا خېنىمغا مەلۇم قىلسىڭىز، ئۇنى ئۇياتقا قالدۇرۇپ قويغان بولمامسىز؟ ئۇ راستلا كەتمەكچى بولسا، ئاۋۋال ئاچچىقى بېسىلسۇن، كېيىنرەك گەپ ئارىلىقىدا ئاغىچا خېنىمغا مەلۇم قىلىپ قويسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. شۇ تۇرقىدا پالاقلاپ بېرىپ، بۇنى رەسمىي بىر ئىش تەرىقىسىدە مەلۇم قىلسىڭىز، ئاغىچا خېنىمدا گۇمان تۇغدۇرۇپ قويمامسىز؟
− خان ئانام ھەرگىز گۇمانلانمايدۇ، − دېدى باۋيۈي، − چىڭۋېن كېتىمەن دەپ جېدەل قىلىۋاتىدۇ دەيمەن.
− مەن قاچان كېتىمەن دەپ جېدەل قىپتىمەن؟ − دەپ چىڭۋېن يىغلاشقا باشلىدى، − ئۆزلىرى ئاچچىقلاپ قېلىپ، تېخى مۇشۇنداق گەپ بىلەن ئاغزىمنى تۇۋاقلىماقچى بولۇۋاتىدىلا. بۇ يەردىن كەتمەيمەن.
− قىزىق گەپ ! كەتمەيمەن دەيسەنۇ، يەنە جېدەل قىلىۋېرىسەن. مۇنداق جېدەلگە تاقىتىم يوق. ئۇنىڭدىن كۆرە كەتسەڭلا قۇلىقىم تىنچلىنىدۇ، − باۋيۈي شۇنداق دەپلا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يەنە ماڭدى.
شىرېن توسۇۋالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، نائىلاج باۋيۈينىڭ ئالدىدا تىزلاندى. بىخېن، چيۇۋېن، شېيۆ ۋە باشقا دېدەكلەر تاشقىرىدا بۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭغا قۇلاق سېلىپ جىمجىت تۇرۇشقانىدى. جېدەل چوڭىيىپ شىرېننىڭ تىزلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەممىسى تەڭلا كىرىپ تىزلاندى.
باۋيۈي شىرېننى ئىلدام ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، بىر ئۇھ تارتتى - دە، كاتقا ئولتۇردى، قالغان دېدەكلەرنى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. ئاندىن شىرېنگە قاراپ:
− مەن قانداق قىلسام بولار؟ يۈرىكىم پارە - پارە بولۇپ كەتسىمۇ، كۆڭلۈمنى ھېچكىم چۈشەنمەيدىكەن ! − دەپلا كۆزىگە ياش ئالدى. بۇنى كۆرۈپ شىرېنمۇ يىغلىۋەتتى. بىر چەتتە كۆز يېشى قىلىپ تۇرغان چىڭۋېن بىرنېمە دېمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن دەييۈينىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىپ كەتتى.
− شۇنداق ئۇلۇغ ئايەم كۈنلىرىدە بىر ئوبدان تۇرۇپ نېمىگە يىغلايسىلەر؟ − دەپ كۈلدى دەييۈي، − تاڭزۇڭزا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارمۇ يا؟
باۋيۈي بىلەن شىرېن پىخىلداپ كۈلۈپ تاشلىدى.
− باۋيۈي ئاكا، سىز دەپ بەرمىسىڭىزمۇ ھەممىسىنى چۈشەندىم، − دېدى دەييۈي. ئاندىن شىرېننىڭ مۈرىسىنى قېقىپ تۇرۇپ، − جېنىم يەڭگە، سەن ئېيتقىنا، ئەر - خوتۇن ئىككىڭلار سۆز تالىشىپ قالدىڭلارمۇ يا؟ ماڭا ئېيتساڭچۇ، ئىككىڭلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قوياي.
− خېنىم، قانداق چاقچاقلىرى بۇ ! − دېدى شىرېن ئۇنى ئىتتىرىپ قويۇپ، − مەن−دەك بىر دېدەككىمۇ مۇشۇنداق كەلسە - كەلمەس گەپنى قىلىدىكەنلا.
− سەن ئۆزۈڭنى دېدەك دېسەڭمۇ، مەن سېنى يەڭگەم ئورنىدا كۆرىمەن، − دېدى دەييۈي كۈلۈپ.
− ئۇنىڭغا ئاھانەت تېپىپ بېرىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ − دېدى باۋيۈي، − شۇ تاپتىمۇ خەقلەر سۆز - چۆچەك قىلىپ يۈرۈشىدۇ. ئەمدى كېلىپ سىزمۇ مۇنداق دېسىڭىز، ئۇ چىداپ تۇرالامدۇ؟
− خېنىم، سىلى يۈرىكىمدىكىنى بىلمەيلا، − دېدى كۈلۈمسىرەپ شىرېن، − تىنىقىم ئۈزۈلۈپ ئۆلۈپ كەتسەملا ئىش تۈگەيتتى.
− سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ باشقىلار قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ چاغدا مەن ھەممىدىن بۇرۇن ساڭا يىغلاپ ئۆلۈپ كېتىمەن ! − دېدى دەييۈي كۈلۈپ.
− سەن ئۆلسەڭ، مەن راھىب بولۇپ كېتىمەن ! − دېدى باۋيۈي.
− ئۆزىڭىزنى سەل تۇتۇۋېلىڭ ! − دېدى شىرېن، − كەلسە - كەلمەس سۆزلەۋېرىدىكەنسىز !
دەييۈي ئىككى بارمىقىنى چىقىرىپ، مىيىقىدا كۈلۈپ:
− راھىب بولۇپ كېتىمەن دېگەن سۆزنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم دېدىڭىز ! ھازىردىن باشلاپ خاتىرىلەپ تۇرىمەن. قېنى، يەنە قانچە قېتىم دەيسىزكىن ! − دېدى.
باۋيۈي ئۇنىڭ بۇ گەپنى قايسى كۈنى ئۆزى قىلغان سۆزگە دارىتىپ ئېيتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ، كۈلۈپلا قويدى.
بىردەمدىن كېيىن دەييۈي چىقىپ كەتتى. ئارقىدىنلا خىزمەتكارلاردىن بىرسى كىرىپ:
− شۆ پەن بېگىم غوجامنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ، − دەپ خەۋەر قىلدى.
باۋيۈي بېرىشقا مەجبۇر بولدى. شۆ پەن شاراب ئىچىشكە چاقىرتقانىكەن. ئۆزرە ئېيتىشقا بولماي، داستىخان ئاخىرلاشقۇچە ئولتۇرۇپ ئاخشىمى قايتتى. ئۇ شارابنىڭ كەيپى بىلەن دەلدەڭشىپ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى. قارىسا، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سالقىنلاش ئۈچۈن كات قويۇپ بىركىم ئۇخلاۋېتىپتۇ. باۋيۈي ئۇنى شىرېنمىكىن دەپ، كاتنىڭ لېۋىدە ئولتۇردى - دە، ياتقان كىشىنى مىدىرلاتتى:
− ئاغرىقىڭ بىرئاز قويۇپ بەردىمۇ؟
ياتقان كىشى ئۆرۈلۈپ:
− خەپ ئىگەكىم، مەن بىلەنلا قاپتۇغۇ ! − دەپ غودۇڭشىدى.
باۋيۈي قارىغۇدەك بولسا، ئۇ شىرېن ئەمەس چىڭۋېن ئىكەن. باۋيۈي ئۇنى تارتىپلا يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ كۈلدى:
− سەن بارغانسېرى ئەركە - نايناق بولۇپ كېتىۋاتىسەن جۇمۇ ! ئەتىگەن يەلپۈگۈچ سۇنۇپ كەتكەندە، بىر - ئىككى ئېغىز سۆز قىلىپ قويسام، بىرمۇنچە سۆزلەپ كەتتىڭ. ماڭا نېمە دېسەڭ مەيلى ئىدى، شىرېن ساڭا ياخشى نىيەت بىلەن نەسىھەت قىلىۋاتسا، ئۇنىمۇ چىشلەپ تارتىۋاتىسەن ! ئۆزۈڭ ئويلاپ كۆر، شۇنداق قىلىش توغرىمىدى؟
− توۋا، شۇنداق ئىسسىق تۇرسا، ئادەمگە نېمانچە سۇۋىشىدىغاندۇ ! − دېدى چىڭۋېن سۆزنى باشقا ياققا بۇراپ، − باشقىلار كۆرۈپ قالسا سەت ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ ئەپتىم بىلەن بۇ يەردە ئولتۇرۇشقا لايىق ئەمەس ئىدىم !
− لايىق ئەمەسلىكىڭنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ياتتىڭ؟
چىڭۋېن گەپ تاپالماي، كۈلۈپ قويدى:
− سىلى كەلمىگەن بولسىلا يېتىۋېرەتتىم، سىلى كېلىپ قالغاندىن كېيىن، ئەمدى ياتسام لايىق كەلمەيدۇ. قوپسىلا، مەن يۇيۇنغىلى بارىمەن. شىرېن بىلەن شېيۆ يۇيۇنۇپ بولۇشتى، ئۇلارنى چاقىرىپ قوياي.
− مەن بايا شارابنى كۆپرەك ئىچىپ قويدۇم، مەنمۇ يۇيۇناي، − دېدى باۋيۈي، − يۇيۇنمىغان بولساڭ، سۇ تەييارلا، بىللە يۇيۇنايلى.
− ياق، ياق ! دېدى چىڭۋېن قولىنى چايقاپ، − غوجامغا يېقىن يولاشقا ھەددىم ئەمەس. بىر كۈنى سىلى يۇيۇنغاندا بىخېننىڭ قارىشىپ بەرگەنلىكى تېخىچە ئېسىمدە ! − ئىككى - ئۈچ سائەتكىچە نېمە قىلىشتىڭلاركىنتاڭ، بىز كىرىپ بېقىشقا ئوڭايسىزلاندۇق. كېيىن يۇيۇنۇپ بولغاندا كىرىپ قارىسام، يەرگە تۆكۈلگەن سۇغا كاتنىڭ پۈتلىرى چىلىشىپ تۇرۇپتۇ، ھەتتا بورىنىڭ ئۈستىدىمۇ سۇ چەلگىپ يۈرىدۇ. قانداق يۇيۇنغانىدىڭلاركىنتاڭ، نەچچە كۈنگىچە كۈلۈشتۇق ! مېنىڭمۇ سۇ تەييارلاپ بېرىشكە ۋاقتىم يوق، سىلىمۇ مەن بىلەن يۇيۇنىمەن دېمىسىلە. بۈگۈن ھاۋامۇ سالقىن، يۇيۇنمىساممۇ بولىدۇ. بىر داس سۇ ئەكېلىپ بېرەي، يۈز - كۆزلىرىنى يۇيۇپ، باشلىرىنى تارىۋالسىلا. بايا، يۈەنياڭ بىرمۇنچە مېۋە ئەكەلگەنىدى، بىللۇر قاچىغا سېلىپ قويدۇم، شۇ مېۋىلەرنى ئالدۇرۇپ يېسىلە بولمامدۇ؟
− بوپتۇ، يۇيۇنمىساڭمۇ مەيلى، قولۇڭنى يۇيۇپ، ئاشۇ مېۋىنى ماڭا ئەكېلىپ بەر، − دېدى باۋيۈي.
− نېمە دېگەنلىرى بۇ، مەن بىر كالۋا تۇرسام ! − دېدى چىڭۋېن كۈلۈپ، − يەلپۈگۈچلىرىنىمۇ سۇندۇرۇۋەتكەن تۇرسام، نەدە مېنىڭ مېۋە ئەكېلىپ بەرگۈچىلىكىم بولسۇن ! يەنە بىرەر تەخسىنى چېقىۋېتىدىغان بولسام تېخىمۇ كۆرگۈلۈكۈمنى كۆرەرمەن !
− مەيلى، چېقىۋەتكۈڭ كەلسە چېقىۋەر ! − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ، − بۇلار، ناھايىتى شۇ، ئادەم ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرغۇ، ھەركىمنىڭ مىجەزى ئوخشاش بولمايدۇ، ساڭا ئۇندىقى يارىسا، ماڭا بۇندىقى يارايدۇ. مەسىلەن، يەلپۈگۈچنى ئالايلى، ئۇ يەلپۈش ئۈچۈن ياسالغان نەرسە، ئۇنى يىرتىپ ئوينىغۇڭ كەلسە، مەيلى يىرتىۋەرگىن، لېكىن ئاچچىقىڭ تۇتۇپ قالغاندا ئاچچىقىڭنى ئۇنىڭدىن ئالما. قەدەھ بىلەن تەخسىنى ئالايلى، بىرسى ئىچىملىك قۇيۇلىدىغان، يەنە بىرسى غىزا ئۇسۇلىدىغان نەرسە. ئۇنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولساڭ، بوپتۇ، قەستەن چېقىۋەتسەڭمۇ مەيلى، لېكىن بۇنىمۇ ئاچچىقىڭنى ئېلىش ئۈچۈن قىلما ! نەرسە - كېرەكنى ئاسراش ئەنە شۇنداق بولىدۇ.
− ئۇنداق بولسا، يەلپۈگۈچلىرىنى مەن يىرتىپ باقايچۇ، − دېدى چىڭۋېن كۈلۈپ، − مەن «جىرت» قىلغان ئاۋازنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
باۋيۈي كۈلۈپ كەتتى - دە، يەلپۈگۈچنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتى. چىڭۋېن يەلپۈگۈچنى ئېلىپلا «جىرت» قىلىپ يىرتىۋەردى.
− ۋاھ، قالتىس يىرتتىڭ، تېخىمۇ جارتىلدىتىپ يىرت ! − دېدى باۋيۈي.
− ھاي، يامانلىقنى ئازراق قىل ! − دەپ كايىدى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان شېيۆ ھومىيىپ.
باۋيۈي يۈگۈرۈپ بېرىپ، شېيۆنىڭ قولىدىكى يەلپۈگۈچنى تارتىۋېلىپ چىڭۋېنگە بەردى. چىڭۋېن ئۇ يەلپۈگۈچنىمۇ ئېلىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى، ئىككىسى قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
− نېمە قىلغىنىڭلار بۇ ! − دېدى شېيۆ، − مېنىڭ نەرسەمنى يىرتىپ كۆڭۈل ئاچامدىكىنە !
− يەلپۈگۈچ ساندۇقىنى ئېچىپ ياخشىسىنى تاللىۋال، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس نەرسىغۇ ئۇ ! − دېدى باۋيۈي.
− ئۇنداق بولسا ھەممە يەلپۈگۈچنى ئەكېلىپ بېرەيلى، ئۇ چامىسى يەتكۈچە يىرتىۋەرسۇن، بولامدۇ؟ − دېدى شېيۆ.
− بولىدۇ، ئەكېلىپ بەر ! − دېدى باۋيۈي.
− مۇنداق يامان ئىشقا مېنىڭ قولۇم بارمايدۇ ! − دېدى شېيۆ، − ئۇ قولىغا خېنە يېقىۋاپتۇمۇ، ئۆزى ئەكەلسۇن.
چىڭۋېن كاتقا يۆلەنگىنىچە:
− مەنمۇ ھېرىپ قالدىم، ئەتە يىرتايلى، − دېدى.
− قەدىمكىلەر «بىر كۈلكىنى مىڭ تىللاغىمۇ سېتىۋېلىش تەس» دەپتىكەن. بىرنەچچە تال يەلپۈگۈچ نېمىگە ئەرزىيتتى؟ − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي. ئاندىن شىرېننى چاقىردى. شىرېن كىيىمىنى ئەمدىلا يەڭگۈشلەپ چىقىپ كېلىۋاتاتتى، چۆرە قىز جياخۇي كېلىپ يىرتىلغان يەلپۈگۈچلەرنى يىغىشتۇرۇۋەتتى، ھەممەيلەن سالقىنلاشتى. ئەمدى بۇ توغرۇلۇق سۆزنى ئۇزارتمايمىز.
ئەتىسى چۈشتە، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم، باۋيۈي، دەييۈي ۋە باشقا ھەمشىرىلەر جيا ئانىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ ئولتۇرغاندا، بىرسى كىرىپ خەۋەر قىلدى:
− شى شياڭيۈن خېنىم كەلدى.
دەرۋەقە، بىردەمدىن كېيىنلا شياڭيۈن بىر توپ دېدەكلەر بىلەن خىزمەتكار ئاياللارنى ئەگەشتۈرۈپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى. باۋيۈي، دەييۈي ۋە باشقا ھەمشىرىلەر دەرھال پەلەمپەي تۈۋىگىچە ئالدىغا چىقىشتى. ياش ھەمشىرىلەر ئايلاپ كۆرۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن، دىدار كۆرۈشكەن چېغىدا بىر - بىرىگە بەك يېقىنچىلىق قىلىشتى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شياڭيۈن ھەممىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېسەن - ئامانلىق سوراشتى.
− ھاۋا ئىسسىق، چاپانلىرىڭنى سېلىۋەتكىن ! − دېدى جيا ئانا شياڭيۈنگە.
شياڭيۈن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ يېشىنىشكە باشلىدى.
− نېمانچە قەۋەت - قەۋەت كىيىنىۋالغاندۇ، − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم كۈلۈپ.
− خان ئاچام شۇنداق كىيىنىۋال دېگەن، بۇنچە كىيىنىشنى كىم خالايدۇ؟ − دېدى كۈلۈپ شياڭيۈن.
− ھامما ئاچا، سىلى بىلمەيلا، − دېدى يېنىدا تۇرغان باۋچەي كۈلۈپ، − ئۇ تېخى بىركىمنىڭ چاپىنىنى كىيىۋېلىشقا ئامراق. ئەسلىرىدىمىكىن، بۇلتۇر ئۈچىنچى ئايلاردا مۇشۇ يەردە تۇرغانىدىغۇ، شۇ چاغدا باۋيۈي ئۇكامنىڭ چاپىنىنى كىيىۋاپتۇ، تېخى ئۆتۈكىنىمۇ كىيىپ، كەمىرىنىمۇ باغلىۋاپتۇ. بىر قارىغاندا، خۇددى قۇيۇپ قويغاندەك باۋيۈينىڭ ئۆزى. پەقەت ئىككى قۇلىقىدىكى سىرغىسىلا ئارتۇق. ئۇ ئورۇندۇقنىڭ كەينىدە تۇراتتى، چوڭ ئانام ئالدىنىپ قېلىپ: «باۋيۈي، بېرى كەل، كۆزۈڭگە قارا، قەندىلنىڭ پۆپۈكلىرى تېگىپ كۆزۈڭگە چاڭ كىرىپ كەتمىسۇن» دېۋىدى، شياڭيۈن كۈلۈپ قويۇپ، مىدىرلىماي تۇرىۋەردى. ھەممەيلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدى، چوڭ ئاناممۇ كۈلۈۋېتىپ «ئوغۇل بالىدەك ياسىنىۋالسا، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكىنا بۇ» دېگەنىدى.
− ئۇ تېخى نېمە ! − دېدى دەييۈي سۆزگە ئارىلىشىپ، ئۈلۈش يىلى بىرىنچى ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ ئىككى كۈن تۇرغاندا تېخىمۇ قىزىق ئىش قىلغان. راسا قار يېغىۋاتاتتى. چوڭ ئانام بىلەن ھاممام شۇ كۈنى يېڭىلا چوقۇنۇپ كەلگەن بولسا كېرەك، چوڭ ئانامنىڭ يېڭىدىن تىكتۈرگەن توق قىزىل چەكمەن يېپىنچىسى ئاۋۇ يەردە تۇراتتى، ئۇ ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي شۇنى يېپىنىۋاپتۇ. ئۇ يېپىنچا شۇنچە كەڭ ھەم ئۇزۇن، تېخى بېلىگە ئىشتانبېغىنى باغلىۋاپتۇ، ئاندىن دېدەكلەر بىلەن ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ، قاردىن ئادەم ياساپ ئويناۋاتقاندا، تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ ئۈستبېشى لايغا مىلىنىپ كەتكەن !
بۇ ۋەقە ھەممەيلەننىڭ ئېسىگە كېلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. باۋچەي جۇ ئېمىكئانىدىن سورىدى:
− جۇ ئانىكا، بۇ قىزىڭىز ھېلىمۇ شۇنداق شوخلۇق قىلامدۇ !
جۇ ئېمىكئانا كۈلۈپلا قويدى.
− شوخلۇق قىلسىغۇ مەيلى، − دېدى كۈلۈپ يىڭچۈن، − مەن ئۇنىڭ ۋالاقتەگكۈرلۈكىدىن تويدۇم. ئۇخلىغىلى ياتقاندىمۇ كاسىلداپلا ياتىدۇ، بىردەم كۈلۈپ، بىردەم سۆزلەپ ئاغزى بېسىلمايدۇ. بۇنداق قۇرۇق سۆزلەر ئۇنىڭ كاللىسىغا نەدىن كېلىدىكىنتاڭ !
− ئەمدى تۈزىلىپ قالغاندۇ، − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم، − يېقىندا ئۇلارنىڭكىگە قىز كۆرگىلى كىشى كەلدى، پات ئارىدا قېيىنئانىلىق بولىدۇ، شۇ چاغدىمۇ يەنە شۇنداق بولىۋەرمەيدىغاندۇ؟
− بۈگۈن قونۇپ قالامسەن يا ئۆيۈڭگە كېتەمسەن؟ − دەپ سورىدى جيا ئانا شياڭيۈندىن.
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، ئۇنىڭ ھەممە كىيىم - كېچەكلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرمىدىلىمۇ؟ − دېدى جۇ ئېمىكئانا كۈلۈپ تۇرۇپ، − بۇ يەردە بىر - ئىككى كۈن تۇرمىسا ئەكېلەمتى؟
− باۋ ئاكام ئۆيدە يوققۇ؟ − دەپ سورىدى شياڭيۈن.
− بۇ باۋ ئۇكامدىن باشقا ھېچكىمنى ئەسلىمەيدۇ ! − دېدى باۋچەي كۈلۈمسىرەپ، − ئىككىسى بەك ئوينىشىدۇ، شوخلۇقنىمۇ تەڭ قىلىشىدۇ. شۇ قىلىقىنى تاشلىمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ.
− ئەمدى سىلەر چوڭ بولۇپ قالدىڭلار، بىر - بىرىڭلارنى بالا چاغدىكى ئىسمىڭلار بىلەن ئاتىماڭلار، − دېدى جيا ئانا.
شۇ گەپ بولۇۋاتقاندا باۋيۈي كىرىپ كەلدى - دە:
− يۈن سىڭلىم كېلىپ قاپتۇغۇ ! قايسى كۈنى ئادەم ئەۋەتكەندە نېمىشقا كەلمىدىڭ ! − دېدى كۈلۈمسىرەپ.
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم تېخى يېڭىلا بىر - بىرىڭلارنى ئۇنداق دەپ ئاتىماڭلار دەپ تۇراتتى، بۇمۇ كىرىپلا شۇ ئىسىم بىلەن ئاتاۋاتقىنىنى قارا، − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم.
− ئاكىڭىز سىز كەلگەندە بېرىمەن دەپ ئوبدان نەرسە تېپىپ قويدى، − دېدى دەييۈي شياڭيۈنگە.
− قانداق نەرسە؟ − دەپ قىزىقىپ سورىدى شياڭيۈن.
− شۇنىڭغا ئىشەندىڭمۇ؟ − دېدى باۋيۈي كۈلۈمسىرەپ، − بىرنەچچە كۈن كۆرۈشمىگەنىدۇق، شۇنچە بوي تارتىپتۇ !
− شىرېن ئاچام ئوبدان تۇرامدۇ؟ − دەپ سورىدى شياڭيۈن كۈلۈپ.
− ياخشى، ياد ئەتكىنىڭگە رەھمەت، − دېدى باۋيۈي.
− ئۇنىڭغا ئوبدان نەرسە ئالغاچ كەلدىم، − دېدى شياڭيۈن تۈگۈلگەن شايى ياغلىقنى يېنىدىن چىقىرىپ.
− يەنە قانداق ئوبدان نەرسە ئەكەلدىڭ؟ − دېدى باۋيۈي، − قايسى كۈنى ئەۋەتكەن قىزىل چىپار تاش ئۈزۈكتىن ئۇنىڭغا بىر جۈپ ئالغاچ كەلگەن بولساڭغۇ تازا ياخشى بولاتتى.
− بۇ نېمە؟ − دەپ كۈلدى شياڭيۈن. ئۇ تۈگۈنچەكنى يەشكەنىدى، قايسى كۈنى ئەۋەتكەندەك تۆت دانە ئۈزۈك چىقتى.
− قاراڭلار بۇنى، − دېدى دەييۈي، − سىز تېخى ئۈلۈشكۈنلا بىزگە بىركىمدىن ئەۋەتكەنىدىڭىزغۇ ! بۇ ئۈزۈكلەرنىمۇ شۇ ئادەمدىن ئەۋەتكەن بولسىڭىز ئىش ئازايمامتى؟ بۈگۈن ئالاھىدە ئۆزىڭىز ئېلىپ كەپسىز. سىزنى قانداق كارامەت نەرسە ئېلىپ كەلگەندۇ دېسەم، يەنىلا شۇ نەرسە ئىكەنغۇ ! سىزچۇ، تازا ئەخمەق !
− ئۆزىڭىز ئەخمەق ! − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ، − مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتاي، كۆپچىلىك دەپ باقسۇن، قېنى قايسىمىز ئەخمەق ئىكەنمىز ! سىلەرگە نەرسە ئېلىپ كەلگەن ئادەم دەپ بەرمىسىمۇ، مەن ئەۋەتكەن سوۋغاتنى كۆرۈپلا خان قىزلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈزۈكلەرنىمۇ شۇ ئادەمدىن ئەۋەتكەن بولسام، ئۇنىڭغا مۇنۇ پالانى قىز ئۈچۈن، ماۋۇ پۇستانى ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئەۋەتىلگەن ئادەم زېرەك بولسىغۇ مەيلى، دۆت بولسا، بۇنچە كۆپ ئىسىملارنى ئەستە تۇتالماي، ئاغزىغا كەلگىنىنى جۆيلۈۋېرىپ، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خىزمەتكار ئايالدىن ئەۋەتكەن بولسامغۇ ياخشى بولاتتى، ئەمما ئۇ كۈنى چاكار بالىنى ئەۋەتىشكە توغرا كەلدى، ئۇنىڭغا قىزلارنىڭ ئىسمىنى قانداقمۇ ئېيتقىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، بۇ قىزلارنىڭكىنى ئۆزۈملا ئالغاچ كەلگىنىم تۈزۈك دەپ ئويلىدىم، − ئۇ ئۈزۈكلەرنى قويۇپ سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى، − شىرېن ئاچامغا بىر، يۈەنياڭ ئاچامغا بىر، جىنچۇەر ئاچامغا بىر، پىڭئېر ئاچامغا بىر، مانا بۇ تۆت كىشىنىڭ ئۈزۈكى، چاكار بالىلار مۇشۇلارنى ئەستە تۇتالامدۇ؟
− راست شۇنداق، − دېيىشتى كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ.
− بۇچۇ، يەنىلا شۇنداق گەپدان، كىشىگە گەپ بەرمەيدۇ ! − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ.
− ئۇ مۇنداق گەپدان بولمىسا، «ئالتۇن بوبرا كېيىك» نى ئېسىۋېلىشقا مۇناسىپ بولامتى؟ − دېدى دەييۈي سوغۇققىنا كۈلۈپ ۋە ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. خەيرىيەت، ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم قۇلاق سالمىدى، پەقەت باۋچەي مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. باۋيۈي بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، دېمەيدىغان سۆزنى يەنە دەپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ، باۋچەينىڭ كۈلۈپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ كۈلۈۋەتتى. باۋچەي باۋيۈينىڭ كۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، دەييۈي بىلەن پاراڭلاشقىلى چىقىپ كەتتى.
شۇ ئارىدا، جيا ئانا شياڭيۈنگە:
− چاي ئىچ، ھاردۇقۇڭنى ئال، ئاندىن يەڭگىلىرىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قوي. ھازىر باغنىڭ ئىچى سالقىن، چىقىپ ئاچىلىرىڭ بىلەن سەيلە قىلغىن، − دېدى.
شياڭيۈن خوش دەپ، ئۈچ دانە ئۈزۈكنى ياغلىققا چىگىپ قويدى، بىرئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، فېڭجيې بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماڭدى، ئېمىكئانا ۋە دېدەك قىزلارمۇ سوڭدىشىپ ماڭدى. فېڭجيېنىڭكىگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى. ئۇ يەردىن چىقىپ نەزەرباغقا كەلدى، ئۇ يەردە لى ۋەننىڭ يېنىغا كىرىپ بىردەم ئولتۇردى، ئاندىن كېيىن ئارامبەخش ھويلىغا شىرېننى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇ ئارقىسىغا قايرىلىپ خىزمەتكارلىرىغا:
− سىلەر سوڭداشمىساڭلارمۇ بولىدۇ، ئۆز تۇغقانلىرىڭلار بىلەن كۆرۈشۈۋېلىڭلار، سۈيلۈي مەن بىلەن قالسۇن، − دېدى.
خىزمەتكارلار خوش دېيىشىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ھامما - يەڭگىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تارقىلىپ كېتىشتى. پەقەت شياڭيۈن بىلەن سۈيلۈي ئىككىسى قېلىپ قالدى.
− ئاۋۇ نېلۇپەر نېمىشقا ئېچىلمىدىكىنە؟ − دەپ سوراپ قالدى سۈيلۈي.
− ۋاقتى كەلمىگەندۇ، − دېدى شياڭيۈن.
− بۇمۇ خۇددى بىزنىڭ كۆلدىكىگە ئوخشاش قات - قات ئېچىلىدىغان گۈلدىن ئىكەن.
− بۇلارنىڭ بۇ گۈلى بىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
− ئاۋۇ تەرەپتە ئۇلارنىڭ ئانا دەرىخى بار ئىكەن. خۇددى قاتمۇقات بىنادەك تۆت - بەش قۇر بولۇپ شاخلاپ كېتىپتۇ، قانداق ئۆسكىنىكىنتاڭ.
− گۈل - گىياھلارمۇ ئادەمگە ئوخشايدۇ، − دېدى شياڭيۈن، − قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولسا ئوبدان ئۆسىدۇ.
− مەن بۇ گەپكە ئىشەنمەيمەن ! − دېدى سۈيلۈي بېشىنى چايقاپ، − ئادەمگە ئوخشاش دېيىلىدىغان بولسا، نېمىشقا بېشىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر باش ئۆسۈپ چىققان ئادەمنى كۆرمەيمەن !
شياڭيۈن ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدى:
− مەن سېنى گەپ قىلمىغىن دېسەم، گەپ قىلغۇڭ كېلىپلا تۇرىدۇ ! بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بەرسەم بولار ! ئاسمان - زېمىن ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مەنپىي بىلەن مۇسبەت دېگەن ئىككى قۇۋۋەتتىن پەيدا بولىدۇ. خاھى تۈز، خاھى ئەگرى بولسۇن، ياكى ئاجايىپ - غارايىپ بولسۇن، تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ مەنپىي بىلەن مۇسبەتنىڭ تۈپەيلىدىن بولىدۇ. ئادەمزات كەم ئۇچرىتىدىغان بىرنەرسە پەيدا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ داۋلىسى يەنىلا شۇنداق بولىدۇ.
− بۇ گەپچە، دۇنيا يارىلىشتىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ھەممە نەرسە مەنپىي بىلەن مۇسبەتتىن ئىبارەت ئىكەن - دە؟
− ۋاي ئەخمەق ! تېخىمۇ لاۋزىلاشقىلى تۇردۇڭ، «ھەممىسى مەنپىي بىلەن مۇسبەتتىن ئىبارەت ئىكەن» دېگىنىڭ نېمىسى؟ «مەنپىي» بىلەن «مۇسبەت» دېگەن ئىككى سۆز ئەسلىدە بىر سۆز: مەنپىي تۈگەش بىلەن مۇسبەت بولىدۇ، مۇسبەت تۈگەش بىلەن مەنپىي بولىدۇ، ھەرگىز مەنپىي تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مەنپىي پەيدا بولۇپ قالمايدۇ.
− بۇ گەپ كاللامنى تېخىمۇ ئىلەشتۈرۈۋەتتى ! مەنپىي بىلەن مۇسبەت دېگەن شەكلى - پەكلى يوق زادى قانداق نېمە؟ خېنىم، مەن سىلىدىن سورايچۇ، بۇ مەنپىي بىلەن مۇسبەت دېگەن زادى نېمىگە ئوخشايدۇ؟
− مەنپىي - مۇسبەت دېگەن بىر خىل مەنىۋى قۇۋۋەت، بىرەر نەرسە ئەنە شۇلارغا ئىگە بولغاندىلا شەكىلگە كىرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئاسمان مۇسبەت بولسا، يەر مەنپىي بولىدۇ، سۇ مەنپىي بولسا، ئوت مۇسبەت بولىدۇ، كۈن مۇسبەت بولسا، ئاي مەنپىي بولىدۇ.
− ھە، مۇنداق دېسىلە ! ئەمدى چۈشەندىم. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ كۈننى «قۇياش»، پالچىلارنىڭ ئاينى «قەمەر يۇلتۇزى» دېيىشىنىڭ سەۋەبى شۇ ئىكەن - دە !
− خۇداغا شۈكۈر، ئەمدى چۈشەندىڭ، − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ.
− بۇ نەرسىلەرنىڭغۇ مەنپىي - مۇسبەتلىرى بولىدىكەن، ئەمدى پاشا، بۈرگە، كۇمۇتا، گۈل - چېچەك، ئوت - چۆپ، ساپال، خىشلاردىمۇ مەنپىي - مۇسبەت بولامدۇ؟
− بولمايچۇ ! مەسىلەن، دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىنى ئالساق، ئۇمۇ مەنپىي - مۇسبەتكە ئايرىلىدۇ. ئاپتاپقا قاراپ تۇرغان تەرىپى مۇسبەت بولىدۇ، كەينىگە قارىغان تەرىپى مەنپىي بولىدۇ.
− مۇنداق ئىكەن - دە ! − دېدى سۈيلۈي بېشىنى لىڭشىتىپ، − بۇنىغۇ چۈشەندىم. ئەمدى قولىمىزدىكى يەلپۈگۈچنىڭ مەنپىيسى قانداق بولىدۇ، مۇسبىتى قانداق بولىدۇ؟
− ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپى مۇسبەت، تەتۈر تەرىپى مەنپىي بولىدۇ.
سۈيلۈي بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈپ قويدى. يەنە بىرقانچە نەرسىنى سورىماقچىدى، ئېسىگە ھېچنېمىنى ئالالماي، شياڭيۈننىڭ بېلىگە ئېسىقلىق تۇرغان ئالتۇن بوبرا كېيىككە بىردىن كۆزى چۈشتى - دە، كۈلۈپ سورىدى.
− خېنىم، بۇنىڭدىمۇ مەنپىي - مۇسبەت بولامدۇ؟
− نېمىشقا بولمايدىكەن، پۈتۈن ھايۋانات، ئۇچار قاناتلارنىڭ ئەركىكى مۇسبەت، چىشىسى مەنپىي بولىدۇ.
− مانا بۇ بۇغرىمۇ، مادىمۇ؟ − دەپ شياڭيۈننىڭ بوبرا كېيىكىنى كۆرسەتتى سۈيلۈي.
− نېمە ئۇ «بۇغرا»، «مادا» دېگەن ! يەنە تېتىقسىز گەپ قىلغىلى تۇردۇڭ ! − دەپ كايىدى شياڭيۈن.
− بوپتۇ بۇنى قوياي. نەرسىلەردىغۇ مەنپىي - مۇسبەت بولىدىكەن، بىز ئادەملەردە مەنپىي - مۇسبەت يوقمىدۇ؟
− شەرمەندە، يولۇڭغا ماڭغىنا ! بارغانسېرى ئاغزىڭدىن سەت گەپ چىقىۋاتىدۇ ! − دېدى شياڭيۈن تەرىنى تۈرۈپ.
− بۇنىڭ ماڭا دېگىلى بولمايدىغان نېمىسى بار ئىكەن - ھە؟ مەنمۇ بىلىپ قالدىم، بولدى، مېنى كاڭگىراتمىسىلا.
− نېمىنى بىلىپ قالدىڭ؟ − دەپ شياڭيۈن پاراققىدە كۈلۈۋەتتى.
− سىلى مۇسبەت ئىكەنلا، مەن مەنپىي ئىكەنمەن.
شياڭيۈن ياغلىقىنى ئاغزىغا تۇتۇپ يەنە كۈلۈپ كەتتى.
− گېپىم توغرا بولغاچقا مۇشۇنداق كۈلۈپ كەتتىلە - ھە؟
− توغرا، ئىنتايىن توغرا !
− كىشىلەر غوجايىنلارنى مۇسبەت، قۇل - چۆرىلەرنى مەنپىي دەيدىكەن. مەنزە، مۇشۇنچىلىك ئاددىي داۋلىنىمۇ چۈشىنەلمەمدىمەن؟
− سەن ناھايىتى ياخشى چۈشىنىپسەن، − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ.
شۇنداق پاراڭلاشقاچ كېتىۋېتىپ، قىزىلگۈل بېدىشنىڭ تېگىدە ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان بىرنەرسىگە شياڭيۈننىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى - دە، قولى بىلەن كۆرسىتىپ سورىدى:
− قارىغىنا، ئاۋۇ نېمە؟
سۈيلۈي دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى قولىغا ئالدى - دە، خۇشاللىقىدىن:
− مەنپىي بىلەن مۇسبەت مانا ئەمدى ئايرىلدى ! − دېدى - دە، شياڭيۈننىڭ بېلىدىكى بوبرا كېيىكنى قولىغا ئېلىپ قاراپ باقتى. شياڭيۈن ئۇنىڭ تېپىۋالغىنىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇۋىدى، سۈيلۈي بەرگىلى ئۇنىماي كۈلدى:
− بۇ بىر گۆھەر، سىلى كۆرسىلە بولمايدۇ ! توۋا، بۇ نەرسە بۇ يەرگە نەدىن كېلىپ قالغاندۇ؟ بۇ تەرەپتە ھېچكىمنىڭ قولىدا مۇنداق نەرسىنى كۆرمىگەنىدىم !
− ئەكېلە، كۆرۈپ باقاي.
− بوپتۇ، كۆرسىلە، − دەپ سۈيلۈي ئالىقىنىنى ئاچتى.
شياڭيۈن شۇنداقلا بىر كۆز يۈگۈرتكەنىدى، ئۇ بىر يالت - يۇلت قىلىپ تۇرغان ئالتۇن بوبرا كېيىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ بېلىگە ئېسىۋالغىنىدىن چوڭراق ھەم كۆركەمرەك ئىكەن. ئۇ ئىختىيارسىز قولىنى ئۇزارتىپ ئۇنى ئالىقىنىغا ئالغانىدى، نېمىشقىدۇر، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، كۆڭلىگە سۇ يۈگۈرگەندەك بولدى. شۇ پەيتتە باۋيۈي كېلىپ قېلىپ:
− بۇ ئاپتاپتا نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ نېمىشقا شىرېننىڭ قېشىغا بارمايسەن؟ − دەپ سورىدى.
شياڭيۈن ھېلىقى بوبرا كېيىكنى ئالمان - تالمان يوشۇرۇۋېلىپ:
− شۇ يەرگە كېتىۋاتاتتۇق، يۈر، بىللە بارايلى، − دېدى.
ئۇلار ئارامبەخش ھويلىغا كىرىپ كېلىشتى.
شىرېن پەلەمپەي تۈۋىدىكى سالاسۇنغا يۆلىنىپ شامالداپ تۇراتتى، شياڭيۈننىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈشى بىلەنلا، دەرھال ئالدىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ كۈلۈپ ئەھۋاللاشتى ۋە ئۆيگە باشلاپ تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. باۋيۈي شياڭيۈنگە قاراپ:
− بالدۇرراق كەلسەڭ بولمامدۇ، ساڭا ئوبدان بىرنەرسە تېپىپ قويغانىدىم، − دەپلا يېنىنى خېلىغىچە ئاختۇرۇپ، «ۋۇي !» دېدى - دە، شىرېندىن سورىدى:
− ھېلىقى نەرسىنى سەن ئېلىپ قويدۇڭمۇ؟
− نېمىنى؟ − دېدى شىرېن.
− قايسى كۈنى مەن ئەكەلگەن بوبرا كېيىكنى دەيمەن.
− ھەر كۈنى يېنىڭىزدا ساقلاپ يۈرەتتىڭىزغۇ؟ ئەمدى مەندىن سورايسىزغۇ؟ − دېدى شىرېن.
− چۈشۈرۈپ قويغان ئوخشايمەن ! − دېدى باۋيۈي ئالىقىنىنى ئالىقىنىغا ئۇرۇپ، − ئەمدى نەدىن تاپارمەن؟
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىزدەشكە ماڭغانىدى، شياڭيۈن بايىقى ئالتۇن بوبرا كېيىك باۋيۈينىڭ يوقاتقان نەرسىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سورىدى:
− بۇنداق بوبرا كېيىك سەندە قاچاندىن بېرى بار ئىدى؟
− قايسى كۈنى مىڭ تەسلىكتە تاپقانىدىم ! − دېدى باۋيۈي، − قاچان يوقىتىپ قويدۇمكىنتاڭ ! توۋا، دۆتلۈكۈمنى قارا مېنىڭ !
− مۇشۇنداق ئويۇنچۇققىمۇ شۇنچىۋالا ھودۇقۇپ كەتتىڭمۇ، − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ ۋە ئالىقىنىنى ئېچىپ كۆرسەتتى، − قارىغىنا، مۇشۇمۇ ئەمەسمۇ؟
باۋيۈي ئۇنى كۆرۈشى بىلەن ئىچ - ئىچىگە پاتماي خۇشال بولدى. ئەمدى نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder