قىزىل راۋاقتىكى چۈش - ئوتتۇز ئىككىنچى باب
ئوتتۇز ئىككىنچى باب
مەستانە باۋيۈينىڭ خۇدىنى يوقىتىپ كۆڭۈل سىرىنى ئېيتىپ
قويغانلىقى
قەيسەر جىنچۇەننىڭ نومۇسقا چىدىماي ئۆزىنى ھالاك
قىلغانلىقى
شۇنداق قىلىپ، باۋيۈي بوبرا كېيىكنى كۆرۈشى بىلەن ئىچ - ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى - دە، ئۇنى ئېلىشقا قول ئۇزارتىۋېتىپ:
− ھېلىمۇ ياخشى ساڭا ئۇچراپتۇ ! بۇنى قانداق تېپىۋالدىڭ؟ − دېدى كۈلۈمسىرەپ.
− ھېلىمۇ ياخشى، مۇشۇ بىر نېمە ئىكەن ! − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ، − ئەتە - ئۆگۈن ئەمەلدار بولغاندا تامغاڭنى يوقىتىپ قويساڭمۇ، بوپتىلا دەيدىغان ئوخشىمامسەن؟
− تامغا يوقىتىپ قويسامغۇ چاغلىق ئىش بولاتتى، − دېدى باۋيۈي، − بۇنى يوقىتىپ قويغان بولسام تۈگىشىپ كېتەتتىم - دە !
شىرېن چاي قۇيۇپ شياڭيۈنگە سۇندى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
− خېنىم، ئۈلۈشكۈنلا سىز توغرۇلۇق زور بىر خۇش خەۋەر ئاڭلىدىم، − دېدى.
شياڭيۈن قىزىرىپ كەتتى - دە، تەتۈر قارىۋېلىپ ئۈنچىقمىدى.
− ئەمدى ئىزا تارتىۋاتىسىزغۇ؟ − دەپ كۈلدى شىرېن، − ئېسىڭىزدە باردۇ، بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، بىز غەرب تەرەپتىكى قىشلىق ھۇجرىدا تۇرغاندا ئاخشىمى قىلىشقان گېپىمىز؟ ئۇ چاغدا ئىزا تارتمىغانىدىڭىز، ئەمدى نېمىشقا ئىزا تارتىسىز؟
شياڭيۈن تېخىمۇ قىزىرىپ كېتىپ، زورمۇزور كۈلۈمسىرىدى:
− يەنە شۇ گەپنى دەيدىكەن ! ئۇ چاغدا بىز شۇنچە ئوبدان ئۆتۈشەتتۇق، كېيىن ئانام قازا تېپىپ كەتكەچكە، ئۆيۈمگە كېتىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغانىدىم. ۋايتاڭەي، سېنى باۋيۈيگە قوشۇپ بېرىشىپتىكەن، ئەمدى مەن كەلسەم، ماڭا بالدۇرقىدەك قارىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ.
− بولدىلا ! − دەپ شىرېنمۇ قىزىرىپ كەتتى، − ئىلگىرى مېنى ئۇنداق «ئاچا»، مۇنداق «ئاچا» دەپ ئالداپ، باش تاراش، يۈز يۇيۇشلارغا سالاتتىڭىز، ئۇنى - بۇنى قىلدۇراتتىڭىز، ئەمدى خېنىملىق سالاپىتىڭىزنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قاپسىز. مۇنداق گىدىيىۋالسىڭىز سىزگە يېقىنلىشىشقا پېتىنالامتىم؟
− ئەستاغپۇرۇللا ! − دېدى شياڭيۈن، − ئۇنداق دېسەڭ ماڭا ئۇۋال بولىدۇ ! مەن شۇنداق قىلغان بولسام ھازىرلا ئۆلەي. مانا قارا، بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئىسسىق بولسىمۇ، بۇ يەرگە كېلىپلا ئاۋۋال سېنى يوقلىدىم، ئىشەنمىسەڭ، سۈيلۈيدىن سوراپ باق. مەن ئۆز ئۆيۈمدە قاچان سېنى ئەسلەپ گېپىڭنى قىلمايدىغان ۋاقتىم بوپتىكەن؟
− چاقچاق قىلىۋاتساق راستىغا ئېلىپ كېتىۋاتىدىغۇ بۇ، تېخىچىلا مۇشۇنداق مىجەزى ئىتتىك ئىكەنا بۇنىڭ، − دېيىشتى شىرېن بىلەن باۋيۈي تەڭلا كۈلۈشۈپ.
− ئۆزۈڭنىڭ كىشىنىڭ چىشىغا تېگىدىغان گەپنى قىلغانلىقىڭنى دېمەي، تېخى مېنى مىجەزى ئىتتىك دەۋاتامسەن، − دېدى شياڭيۈن ۋە ياغلىقنى يېشىپ شىرېنگە ئۈزۈكنى بەردى. شىرېن يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتى:
− قايسى كۈنى ئاچىلىرىڭىزغا ئەۋەتكىنىڭىزدىنمۇ ماڭا تەگكەنىدى. بۈگۈن ئالايىتەن ئۆزىڭىز يەنە ئېلىپ كەپسىز. دېمەك، مېنى ئۇنتۇماپسىز. مانا مۇشۇنىڭدىمۇ سىزنى سىنىدىم. ئۈزۈكقۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كۆڭلىڭىزنىڭ توغرىلىقى بىلىندى.
− ئۈزۈكنى ساڭا كىم بەردى؟ − دەپ سورىدى شياڭيۈن.
− باۋچەي خېنىم بەردى، − دېدى شىرېن.
− مۇنداق دېگىن، − دەپ بىر ئۇھ تارتتى شياڭيۈن، − مەن تېخى دەييۈي ئاچام بەردىمىكىن دەپتىمەن، باۋچەي ئاچام بېرىپتىكەن - دە ! ھەر كۈنى ئۆيۈمدىمۇ شۇنى ئويلايتتىم، بۇ ئاچىلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى باۋچەي ئاچامغا يېتەلمەيدىكەن. ئىسىت، بىر ئانىدىن تۇغۇلماپتىكەنمىز، مېنىڭ مۇشۇنداق بىر تۇغقان ئاچام بولغان بولسا، ئاتا - ئانام بولمىسىمۇ ھېچقىسى يوق ئىدى ! − ئۇ شۇنداق دەپلا كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
− بولدى، بولدى ! بۇ گەپنى دېمەيلا قويغىنا، − دېدى باۋيۈي.
− دېسەم نېمە بوپتۇ؟ − دېدى شياڭيۈن، − مەنچۇ، يۈرىكىڭدىكى دەردنى ئوبدان بىلىمەن، مېنىڭ باۋچەي ئاچامنى ماختىغانلىقىمنى سىڭلىڭ دەييۈي ئاڭلاپ قالسا رەنجىيدۇ دەپ قورقۇۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟
− شياڭيۈن خېنىم، سىز چوڭ بولغانسېرى كۆڭلىڭىز تۈز، ئاغزىڭىز ئىتتىك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ! − دېدى شىرېن پاراققىدە كۈلۈۋېتىپ.
− سىلەر بىرقانچەيلەن بىلەن گەپلىشىش ماڭا تەس كېلىۋاتىدۇ دېگەنىدىم، دېگىنىمدەك بولۇۋاتىدۇ، − دېدى باۋيۈي.
− جېنىم ئاكا، كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرۈپ گەپ قىلمايلا قويغىنا، − دېدى شياڭيۈن، − مېنىڭ ئالدىمدىلا گەپ سېتىشنى بىلىسەن، سىڭلىڭ دەييۈينى كۆرگەندە، نېمە دېسەم بولار، دەپ تەمتىرەپ قالىسەن.
− ئەمدى چاقچاقنى بولدى قىلايلى، − دېدى شىرېن، − سىزدىن ئۆتۈنىدىغان بىر ئىشىم بار ئىدى.
− نېمە ئىش؟ − دەپ سورىدى شياڭيۈن.
− بىر جۈپ خەينىڭ، يۈزلۈك ئويمىسىنى چىقىرىپ قويغانىدىم. بىر - ئىككى كۈن بولدى، مىجەزىم يوق تىكەلمەيۋاتىمەن، تىكىپ بېرىشكە چولىڭىز تېگەرمىكىن؟
− قىزىق گەپ بولدى ! − دېدى شياڭيۈن، − سىلەرنىڭكىدە يىڭنە ئىش قىلىدىغان، كىيىم پىچەلەيدىغان شۇنچە چېۋەرلەر تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ماڭا تىكتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ئەمدى كېلىپ، ئىشىمنى قىلىپ بەر دېسەڭ، ياق دېيىشكە يۈزۈم چىدامتى؟
− سىز يەنە گەپ ئۇقمايدىكەنسىز ! − دېدى شىرېن كۈلۈپ، − بۇ ئۆيدىكى يىڭنە ئىشلىرىنى ئاشۇ يىڭنە ئىشى قىلىدىغانلارغا قىلدۇرمايدىغانلىقىمىزنى بىلمەمتىڭىز؟
شياڭيۈن بۇ گەپتىن باۋيۈي ئۈچۈن تىكىلىۋاتقان خەي ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، كۈلۈمسىرىدى:
− ئۇنداق بولسا تىكسەممۇ تىكىپ بېرەي، لېكىن بىر شەرتىم بار: ئۆزۈڭنىڭ بولسا تىكىپ بېرىمەن، باشقىلارنىڭ بولسا تىكمەيمەن.
− ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ! − دېدى شىرېن كۈلۈمسىرەپ، − مەن قانچىلىك نېمە ئىدىم، سىزنى ئاۋارە قىلىپ خەي تىكتۈرىدىغانغا؟ راستىنى ئېيتسام، خەي مېنىڭ ئەمەس، كىمنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ سۈرۈشتە قىلماڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
− گەپ قىلىپ كەلسەم، سېنىڭمۇ بىرمۇنچە نەرسەڭنى تىكىپ بەردىمغۇ دەيمەن. ئەمدى تىكەلمەيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، − دېدى شياڭيۈن.
− ئۇنى مەن بىلمەيمەن، − دېدى شىرېن.
− قايسى كۈنى مەن تىكىپ بەرگەن يەلپۈگۈچ قېپىنى بىر كىمنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپتىكەن، ئۇ كىشى ئاچچىقلاپ قىيىۋېتىپتىغۇ؟ بۇنى ئاللىقاچان ئاڭلىغانىدىم، تېخى مەندىن يوشۇرماقچىمۇسەن؟ − دېدى شياڭيۈن سوغۇققىنا كۈلۈپ، − ئەمدى يەنە مېنى تىكىپ بەر دەيسەن، بۇ تۇرقى مەن سىلەرنىڭ چۆرەڭلەر بولۇپ قالغان ئوخشايمەن.
− راست، ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى، − دېدى شىرېنمۇ دەرھال سۆزگە ئارىلىشىپ.
− راست، ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى، − دېدى شىرېنمۇ كۈلۈمسىرەپ، − مەن: «يېقىندا سىرتتىن يىڭنە ئىشى قىلىدىغان بىركىمنى تاپقانىدىم، گۈلنى كارامەت ياخشى تىكىدىكەن، شۇ تىككەن يەلپۈگۈچ قېپىدىن كۆرۈپ باقايلى دەپ بىرنى ئالدۇردۇق» دەپ گەپ ياساپ ئۇنى ئالدىسام، شۇنىڭغا ئىشىنىپ قېلىپ، قاپچۇقنى ئېلىپ ئۇنىڭ - بۇنىڭغا كۆرسىتىپتىكەن. ۋايتاڭەي، ھېلىقى كىشىنىڭ قانداق ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغاندىكىن، قولىغا ئېلىپلا قايچا بىلەن ئىككى پارە قىلىۋېتىپتۇ. بۇ كىشى كېيىن ئۆيگە كېلىپ چاپسانراق يەنە بىرنى تىكىپ بەر، دېۋىدى، ئاندىن ئۇنىڭغا سىزنىڭ تىككەنلىكىڭىزنى ئېيتسام، بۇ ياق ئاڭلاپ شۇنداق قاتتىق پۇشايمان قىلدى !
− بۇ تېخىمۇ قىزىق گەپ بولدى ! − دېدى شياڭيۈن، − دەييۈي قىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈدەك ئىش ئەمەس ئىدى، قىيىپ تاشلاشنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزى تىكىپ بەرسۇن.
− ئۇ تىكمەيدۇ، − دېدى شىرېن، − شۇنداقتىمۇ ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ئۇنى ھېرىقىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەيدۇ. تېۋىپمۇ تىنچ ئارام ئالغىنى ياخشى دەپ تۇرىدۇ. بۇنداق تۇرسا، كىمنىڭ ئۇنى يىڭنە ئىشى قىلىپ بەر دېگۈسى كېلىدۇ؟ بۇلتۇر پۈتۈن بىر يىل ئىچىدە ئاران بىر ئىپار خالتىسى تىكتى. بۇ يىلنىڭ تېڭى ئۆتتى، تېخىچە يىڭنە ئىشىغا قول تەگكۈزۈپ باققىنى يوق.
شۇ ئەسنادا، بىركىم كىرىپ خەۋەر قىلدى:
− شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى بېگىم كەلگەنىكەن، ئۇلۇغ بېگىم غوجامنى كېلىپ كۆرۈشسۇن، دەيدۇ.
باۋيۈي بۇ گەپتىن جيا يۈيسۇننىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ كۆڭلى غەش بولدى. شىرېن ئالمان - تالمان ئۇنىڭ ئېگىنىنى ئەكېلىپ بەردى. باۋيۈي ئۆتۈكىنى كىيىۋېتىپ غودۇڭشىدى:
− ئاتام بىلەنلا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىۋەرسە بولمامدىكىنە، ھەر قېتىم كەلسىلا مەن بىلەن كۆرۈشىمەن دەيدىكەن !
− سەن مېھمان قوبۇل قىلىشنى قاملاشتۇرىسەن، شۇڭا ئۇلۇغ بېگىم سېنى چاقىرتقاندۇ ! − دەپ كۈلدى بىر چەتتە يەلپۈگۈچ يەلپۈپ ئولتۇرغان شياڭيۈن.
− نەدە ئاتام چاقىرتسۇن؟ − دېدى باۋيۈي، − ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزى كۆرۈشسەم دەپ تەلەپ قىلغان نېمە.
− «ساھىبخانا مېھماندوست بولسا مېھمان ئۆكسۈمەيدۇ»، − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ، − سەندە ئۇنى جەلپ قىلارلىق ئارتۇقچىلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ سەن بىلەن كۆرۈشكۈسى كەلگەندۇ.
− بولدى، بولدى ! − دېدى باۋيۈي، − مەنمۇ چاكىنىلاردىنمۇ چاكىنا بولغان بىر چاكىنا ئادەم، مۇنداق ئادەملەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىشنى خالىمايمەن.
− مىجەزىڭ يەنىلا شۇنداق، ھېچ ئۆزگەرمەپتۇ، − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ، − ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، جۇيرېن، جىنشى بولۇش ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىشنى خالىمىساڭمۇ، ھەرھالدا ئەنە شۇنداق مەنسەپدارلار بىلەن پات - پات كۆرۈشۈپ، ئەمەلدارلىقنىڭ ئېپى - جېپى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ تۇرساڭ، كەلگۈسىدە دادى - مۇئامىلە قىلىشىڭغىمۇ ئەپلىك بولىدۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزۈڭگىمۇ راۋرۇس دوست تېپىۋالىسەن. ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن بىزنىڭ قاتارىمىزدا ئېلىشىپ يۈرىۋەرسەڭ، بۇنىڭدىن ساڭا نېمە چىقاتتى؟
بۇ گەپ باۋيۈينىڭ قۇلىقىغا ياقماي:
− خان قىز، باشقا ئۆيگە چىقىپ ئۆلتۈرسىلىمىكىن، پەخەس بولسىلا، بۇ ئۆيۈم سىلىدەك ئەمەلدارلىقنىڭ ئېپى - جېپىنى بىلىدىغان كىشىنى بۇلغاپ قويمىسۇن ! − دېدى.
− خېنىم، قويۇڭ، ئۇنىڭغا گەپ قىلماڭ، − دەپ شىرېن دەرھال ئارىچىلىدى، − ئۆتكەن قېتىممۇ باۋچەي خېنىم بىر نۆۋەت شۇ گەپنى قىلىۋىدى، ئۇياقنىڭ يۈزىگە سەت بولار دېمەستىن، «ئوھۇي» دەپلا تاراقلاپ چىقىپ كەتتى. باۋچەي خېنىمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمىگەنىدى، بۇنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىزا تارتقىنىدىن ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. گەپ قىلاي دېسە تېخى، گەپ قىلماي دېسە تېخى. ھېلىمۇ ياخشى باۋچەي خېنىمغا شۇنداق قىلدى، ئەگەر دەييۈي خېنىمغا شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇ يىغلاپ - قاقشاپ نېمىلەرنى قىلىۋېتەتتىكىنتاڭ ! بۇ ئىشنى دەپ كەلسەك، باۋچەي خېنىمنىڭ قەدىرلىگۈچىلىكى بار ئىكەن. ئۇ بىردەمدىن كېيىن ئۆزىگە كېلىپ چىقىپ كەتتى، ئارىدا مەن بەك ئوڭايسىزلاندىم. ئۇنى قېيىداپ قالدىغۇ دەپتىكەنمەن، نەدىكىنى، كېيىن يەنىلا بۇرۇنقىدەك يۈرىۋەردى. ئۇنىڭ راستلا تەمكىن، كۆڭلى كەڭ ئىكەن. ۋايتاڭ، بۇ غوجام ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىپ قاپتۇغۇ. دەييۈي خېنىمنىڭ بۇنىڭدىن ئاچچىقى كېلىپ قالىدىغان بولسىغۇ، بۇ غوجام نەچچە قېتىم ئالدىغا كىرىپ ئەپۇ سورىغان بولاتتى.
− دەييۈي قىز ئاشۇنداق بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ باققانمۇ زادى؟ − دېدى باۋيۈي، − ئۇمۇ ئاشۇنداق بولمىغۇر گەپلەرنى قىلغان بولسا، ئاللىقاچان ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتقان بولاتتىم.
− باۋچەينىڭ گېپى بولمىغۇر گەپ ئىكەن - دە ! − دەپ تەڭلا باشلىرىنى لىڭشىتىپ كۈلۈشتى شىرېن بىلەن شياڭيۈن.
دەييۈي شياڭيۈننىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا، ھەرقاچان باۋيۈي قايتىپ كېلىپ بوبرا كېيىك توغرىسىدا سۆز ئاچىدىغۇ، دېگەن پەرەز بىلەن كۆڭلىگە شۇنداق ئىشلار كېچىپ، يېقىندىن بۇيان باۋيۈي تېپىپ كەلگەن غەيرىي رەسمىي تەرجىمىھال ۋە ئەپقاچتى تارىخلاردا بەرنا يىگىت ۋە نازىنىن قىزلارنىڭ تولىسى ئۇششاق - چۈششەك ئويۇنچاقلار تۈپەيلىدىن ۋىسالىغا يەتكەنلىكى، مەسىلەن، قوشماق ئۆردەك ياكى ئەنقا، قاشتاش جىغا ياكى ئالتۇن سۆكە، لەھەڭ سۈرەتلىك ياغلىق ياكى ھۇما قۇش سۈرەتلىك چىلتەك دېگەندەك ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەر تۈپەيلىدىن ئۆمۈرۋايەت ئارزۇ - ئارمانغا يەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەنىكەن. ھازىر باۋيۈيدىمۇ بوبرا كېيىك بار، ئەنە شۇنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ شياڭيۈن بىلەن ئاشۇنداق قىسسەلەردىكىدەك ئىشقىۋازلىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ يۈرەرمىكىن، دېگەن ئەندىشىگە كېلىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ نىيىتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئاستا باۋيۈينىڭكىگە كېلىپ پەيت پايلىغانىدى. كۈتۈلمىگەندە، شياڭيۈننىڭ «ئەمەلدارلىقنىڭ ئېپى - جېپى» توغرىسىدىكى گېپىنى، باۋيۈينىڭ «دەييۈي قىز مۇنداق بولمىغۇر گەپلەرنى قىلمايدۇ، مۇنداق گەپلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ئۆزۈمنى تارتقان بولاتتىم» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى.
دەييۈي بۇ گەپلەردىن خۇشالمۇ بولدى ھەم چۆچۈدى، مەيۈسلەندى، ھەم ئاھ ئۇردى: دەرۋەقە كۆزۈم ئۆتكۈر ئىكەن، ئادەتتە ئۇنى قەدىردانىم دەپ بىلگەنىدىم، دېگەندەك ئۇ قەدىردانىم ئىكەن، دەپ خۇشال بولدى. كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆڭلىنى دەپ مېنى ماختاپ، گۇمان تۇغۇلۇشتىن ھەزەر قىلماي، ماڭا چىن كۆڭلىدىن بولغان كۆيۈمچانلىقىنى ئىزھار قىلىپ قويدى، دەپ چۆچۈدى. سەن مېنىڭ قەدىردانىم بولغانىكەنسەن، مەنمۇ ساڭا قەدىردان بولالايمەن، ئىككىيلەن بىر - بىرىمىزگە قەدىردان تۇرۇقلۇق، «زەر ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» توغرىسىدا گەپ بولۇشنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى؟ «زەر ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دېگەن گەپ بولۇشقا توغرا كەلسە، سەن بىلەن مەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ، بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن باۋچەي ئارىلىشىۋالىدىكەن؟ دەپ ئاھ ئۇردى. ئاتا - ئانام ئاللىقاچان ۋاپات بولغان، كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان ئارزۇلىرىم بولسىمۇ، لېكىن ماڭا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئادەم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈم پاراكەندە بولىۋېرىپ، بارا - بارا كېسەل چېقىپ قويۇاتىدۇ، تېۋىپمۇ «قان ئازلاپ ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىپتۇ، سىل بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار» دېدى. مەن ساڭا قەدىردان بولساممۇ، لېكىن ئۆمرۈم ئۇزاققىچە يار بېرەلمەسمىكىن، سەن ماڭا قەدىردان بولغىنىڭ بىلەن، مەن شور پېشانە تۇرسام، ئۇنىڭغا نېمە ئىلاج ! دەپ مەيۈسلەندى. خىيالى شۇ يەرگە يەتكەندە، كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلدى. ئۆيگە كىرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەكچىمۇ بولغانىدى، لېكىن كىرىشكە قىزىقماي، كۆز يېشىنى ئېرتىۋەتكەچ، بۇرىلىپلا كەينىگە ياندى.
شۇ ئەسنادا، باۋيۈي ھاپىلا - شاپىلا ئېگىنىنى كىيىپ تالاغا چىققانىدى، ئالدىدا دەييۈينىڭ ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەپتىدىن يېشىنى ئېرتىۋاتقاندەك قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى - دە، ئالمان - تالمان سوڭدىشىپ كېلىپ كۈلۈمسىرىدى:
− سىڭلىم، نەگە كېتىۋاتىسىز؟ يەنە يىغلاپسىزغۇ؟ سىزنى كىم خاپا قىلدى؟
دەييۈي قايرىلىپ باۋيۈينى كۆرۈپ زورمۇزور كۈلۈمسىرىدى:
− بىر ئوبدان تۇرۇپتىمەنغۇ، نەدە يىغلاپتىمەن؟
− قارىڭا، كۆزلىرىڭىز ياش يۇقى تۇرۇپمۇ يالغان ئېيتىۋاتىسىز، − دەپلا باۋيۈي ئۇنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتمەكچى بولۇپ، ئىختىيارسىز قولىنى ئۇزارتقانىدى، دەييۈي شاققىدە كەينىگە بىرنەچچە قەدەم داجىدى - دە:
− يەنە ئۆلگۈڭىز كەلگەن ئوخشايدۇ سىزنىڭ ! يەنىلا مۇشۇنداق كېلىش - پەخەشلىك قىلىدىكەنسىز.
− گەپ بىلەن بولۇپ، ئۆزۈمنى تۇتالماي قول ئۇزارتىپ تاشلاپتىمەن، ئۆلۈم - كۆرۈممۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمەپتۇ.
− ئۆلسىڭىز سىزگىغۇ ھېچنېمە بولمايدۇ، لېكىن «ئالتۇن» دەمدۇ، «بوبرا كېيىك» دەمدۇ، شۇلار سىزدىن ئايرىلىپ قالسا قانداق بولۇپ كېتىشەركىن !
بۇ گەپ باۋيۈينى جىلە قىلىۋەتتى. ئۇ يېقىنراق كېلىپ سورىدى:
− يەنىلا شۇ گەپنى قىلىدىكەنسىز. سىز زادى مېنى قارغىماقچىمۇ ياكى مېنىڭ چىشىمغا تەگمەكچىمۇ؟
بۇ سوئالدىن دەييۈي قايسى كۈنى بولغان ئىشنى ئەسلەپ، بۇ گەپنى ئويلىماستىن دەپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى ۋە شۇ ئانلا كۈلۈمسىرەپ:
− جىلە بولماڭ، خاتا سۆزلەپ قويۇپتىمەن، بۇنىڭ ھېچقىسى يوققۇ، ئاچچىقىڭىزدا گۈرەن تومۇرلىرىڭىز كۆپجۈپ، يۈزىڭىزنى تەر بېسىپ كەتتى ! − دېدى - دە، يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىدىكى تەرنى قولى بىلەن ئېرتىشكە باشلىدى.
باۋيۈي ئۇنىڭغا خېلىغىچە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كېتىپ:
− خاتىرجەم بولۇڭ، − دېدى.
دەييۈي بۇ گەپكە ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېلىپ:
− مەن نېمىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىكەنمەن؟ بۇ گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. ئېيتىڭا، خاتىرجەم بولۇش - بولماسلىق دېگىنىڭىز نېمىسى؟ − دېدى.
− بۇ گەپنى راستلا چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ − دەپ سورىدى باۋيۈي بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، − ئادەتتە سىزگە كۆڭۈل بەرگىنىم خاتا بولغانىكەن - دە ! كۆڭلىڭىزنى ئالالماي كەلگەن بولسام، دەرۋەقە ھەر كۈنى ماڭا ئاچچىقلاپ يۈرگىنىڭىزدىن ئەجەبلەنمىسەممۇ بولغۇدەك !
− خاتىرجەم بولۇش - بولماسلىق دېگەن گېپىڭىزنى راستلا چۈشەنمىدىم، − دېدى دەييۈي.
− جېنىم سىڭلىم، مېنى ئالدىمىسىڭىزچۇ ! − دېدى باۋيۈي بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويۇپ، − راستلا بۇ گەپنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، مېنىڭ كۆڭۈل بەرگىنىم بىكارغا كېتىپتۇ، ھەتتا سىزنىڭمۇ ماڭا بەرگەن كۆڭلىڭىز يەردە قاپتۇ. سىزنىڭچۇ، خاتىرجەم بولالمىغانلىق دەستىدىن ۋۇجۇدىڭىز كېسەللىككە گىرىپتار بولغان. كۆڭلىڭىز ئارام تاپقان بولسىغۇ، كېسىلىڭىز كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشمىغان بولاتتى !
بۇ گەپ بىلەن، دەييۈي گويا بېشىدا ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىلغاندەك بولۇپ كەتتى. لېكىن، يەنە ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىۋىدى، بۇ گەپلەر ئۆز قەلبىدىن چىققاندىنمۇ سەمىمىي بولۇپ تۇيۇلدى. قىلاي دېسە قەلبىدە نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى، لېكىن بىرەر ئېغىزىنىمۇ ئاغزىدىن چىقىرالماي، تېڭىرقىغىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپلا قالدى. شۇ تاپتا باۋيۈينىڭ كۆڭلىدىمۇ ئۇنىڭغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى، شۇ تۇرقىدا گەپنى نېمىدىن باشلاشنى بىلەلمەي، ئۇمۇ تېڭىرقىغىنىچە دەييۈيگە تىكىلىپلا قالدى. ئىككىسى خېلى ۋاقىتقىچە ئاشۇنداق تۇرۇشتى، ئاخىر دەييۈي «ھەي» دېدى - دە، كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش قۇيۇلۇشقا باشلاپ، كەينىگە بۇرىلىپلا ماڭدى. باۋيۈي دەرھال ئالدىغا ئۆتۈپ، قولىدىن تارتىپ:
− جېنىم سىڭلىم، بىرئاز تۇرۇپ تۇرۇڭ، بىر ئېغىز گېپىمنى دەۋالاي، ئاندىن كېتىڭ، − دېدى.
دەييۈي كۆز يېشىنى ئېرتىۋېتىپ، ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى - دە:
− دەيدىغان نېمە گېپىڭىز بولاتتى ! دەيدىغان گېپىڭىزنى مەن بىلىمەن، − دەپ قويۇپلا، كەينىگىمۇ قارىماستىن كېتىۋەردى.
باۋيۈي ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاراپلا قالدى. بايا باۋيۈي ئالدىراشچىلىقتا يەلپۈگۈچىنى ئالماي چىقىپ كەتكەچكە، شىرېن ئۇنى ئىسسىقلاپ قالمىسۇن دەپ، ھاپىلا - شاپىلا يەلپۈگۈچىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بېرىش ئۈچۈن مېڭىپ، ئۇنىڭ دەييۈي بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن دەييۈي كەتكەن بولسىمۇ، باۋيۈي مىدىرلىماي تۇرىۋەردى. شۇڭا، شىرېن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
− يەلپۈگۈچنىمۇ ئالماي چىقىپ كېتىپتىكەنسىز، بۇنىڭغا كۆزۈم چۈشۈپ، كەينىڭىزدىن ئېلىپ كەلدىم، − دېدى.
باۋيۈي خۇدىنى يوقىتىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىگە شىرېننىڭ گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن كىم ئىكەنلىكىنى بايقىماي، چىرايى تاتارغان ھالدا:
− جېنىم سىڭلىم، سىزگە بولغان كۆڭلۈمنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماي يۈرەتتىم، ئەمدى يۈرەكلىك ئېيتىۋېرەي، ئېيتىۋېلىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ! سىزنى دەپ مەنمۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولدۇم، بۇنىمۇ بىركىمگە دېيىشكە پېتىنالماي ئىچىمگە سىڭۈرۈپ كەلدىم. سىز ساقايغاندىن كېيىنلا، مېنىڭ كېسىلىم تۈزىلىدىغان ئوخشايدۇ، ئۇخلىسام چۈشۈمدىمۇ سىزنى ئۇنتۇمايمەن ! − دېدى.
بۇ گەپكە شىرېن بەك ھەيران بولدى ھەم قورقتى، ھەم بىئارام بولدى، ھەم ئىزا تارتىپ قالدى، دەرھال ئۇنى بوش ئىتتىرىپ:
− نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ نېمە بولدى سىزگە؟ چاپسانراق بارمامسىز؟ − دېدى.
باۋيۈي شۇ چاغدىلا ئۆزىگە كېلىپ، يېنىدا شىرېن تۇرغانلىقىنى بايقىدى. ئۇيالغىنىدىن ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىپ، يەلپۈگۈچنى ئالدى - دە، لام - جىم دېمەي مېڭىپ كەتتى.
ئۇ كەتكەندىن كېيىن، شىرېن ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىنى ئويلاپ: بۇنداق دېيىشكە چوقۇم دەييۈي سەۋەبچى بوپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرەر نامۇناسىپ ئىش يۈز بېرىپ قالغۇدەك، دەپ تەشۋىش يېدى ۋە بۇ پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولار؟ دېگەن ئوي بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدى.
شۇ ئەسنادا، نەدىندۇر باۋچەي يېنىغا كېلىپ قالدى ۋە كۈلۈپ:
− مۇنداق پىژغىرىم ئاپتاپتا نېمە خىيال سۈرۈپ تۇرىسەن؟ − دەپ سورىدى.
شىرېن بۇ سوئالنى ئاڭلىشى بىلەن ئۆزىگە كەلدى - دە، دەرھال كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى:
− ئىككى قۇشقاچ سوقۇشۇۋاتقانىكەن، بۇلار بەك قىزىق سوقۇشىدىكەن، شۇلارغا قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن.
− باۋيۈي ئۇكام ئېگىنىنى يەڭگۈشلەپ، شۇنچە ئالدىراش نەگە بارىدىغاندۇ؟ − دېدى باۋچەي، − مەن چاقىرىۋېلىپ گەپ سوراي دېۋىدىم، قارىسام، مېنى كۆرمىگەنگە سالغاندەك ئالدىراش - تېنەش كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا گەپ سورىمىدىم.
− ئۇنى ئۇلۇغ بېگىم چاقىرتقانىكەن، − دېدى شىرېن.
− ۋىيەي ! شۇنداق ئىسسىقتا ئۇنى چاقىرىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ − دېدى باۋچەي ھەيران بولۇپ، − ھەرقاچان ئېسىگە بىرنەرسە كېلىپ ئاچچىقى كەلگەن بولسا، چاقىرتىپ تەزىرىنى بەرمەكچى بولغاندۇ؟
− ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، كەلگەن مېھمان ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن دېگەن بولسا كېرەك، − دېدى شىرېن كۈلۈپ.
− راسا تېتىقسىز مېھمان ئىكەن ئۇ. شۇنداق ئىسسىق كۈندە، ئۆيىدە سەگىدەپ ئولتۇرماي نېمىگە قاتراپ يۈرەتتىكىنە ! − دېدى باۋچەي كۈلۈمسىرەپ.
− شۇنى دېسىلە ! − دېدى شىرېنمۇ كۈلۈپ.
− شياڭيۈن قىز سىلەرنىڭكىدە نېمە قىلىۋاتىدۇ، − دەپ سورىدى باۋچەي.
− بىردەم پاراڭلاشتى، ئاندىن قايسى كۈنى مەن يەملەپ قويغان خەيلىكنى كۆرۈپ باقتى، ئەتە شۇنى تىكىپ بەرسىڭىز دەپ سوراندىم.
باۋچەي بۇ گەپتىن كېيىن، ئۇيان - بۇيانغا قاراپ قويۇپ، ئۆتە - كېچە ئادەم يوقلۇقىنى كۆردى - دە، كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
− سەن شۇنچە زېرەك تۇرۇپ، نېمە ئۇنداق بىردەمدىلا كىشىنىڭ ھالىغا يېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭ؟ يېقىندىن بۇيان شياڭيۈن قىزنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ، گەپ - سۆزلىرىنىڭ ئۇرانىغا قۇلاق سالغۇدەك بولسام، ئائىلىسىدە ئۆزىنى ئىلىگدالمايۋاتقان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە خىراجەت كۆپىيىپ كەتتى دەپ، يىڭنە ئىشى قىلىدىغانلارنى ئىشقا سالماي، يىڭنە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆيىدىكى ئاغىچىلار، خېنىملارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەيدىكەن. ئۇنداق بولمىسا، ئۇ بۇ يەرگە بىرنەچچە قېتىم كەلگىنىدە، مەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالسا، كىشى يوق يەردە نېمىشقا ماڭا ئۆيدە ھېرىپ ھالىم قالمىدى دەيدۇ؟ ئائىلە تىرىكچىلىكىدىن بىرەر - ئىككى ئېغىز دەپ سوراپ قويسامغۇ، كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ، خالار - خالىماي مۈجمەل جاۋاب بېرىدۇ. تۇرقىدىن قارىغاندا، كىچىكىدىنلا ئاتا - ئانىسى قازا قىلىپ كېتىپ جاپا تارتىپ قاپتۇ. ئۇنى كۆرسەملا مېنىڭمۇ ئىختىيارسىز ئىچىم ئاغرىيدۇ.
− شۇنى دېسىلە، − دېدى شىرېن ئالىقانلىرىنى بىر - بىرىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، − ئۆتكەن ئايدا ئۇنىڭدىن ئون تال كېپىنەك نۇسخا توپچا تۈگۈپ بېرىشنى سورىغانىدىم، خېلى كۈنلەردىن كېيىن، ئاندىن بىر خىزمەتكاردىن ئەۋەتىپ بەردى. تېخى: «بۇ قوپالراق تۈگۈلۈپ قالدى، باشقا نەرسىگە ئىشلىتىۋەتسۇن، بۇنىڭدىن تۈزۈكرەكى كېرەك بولسا ئەتە - ئۆگۈن بارغىنىمدا شۇ يەردە تۈگۈپ بېرەي» دەپتۇ. سىلىنىڭ بۇ گەپلىرىگە قارىغاندا، ئۇ بىزنىڭ تەلىپىمىزنى رەت قىلىشقا ئوڭايسىزلىنىپ، ئۆيىدە يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ تۈگۈپ بەرگەنىكەن - دە؟ مەنمۇزە، ئەخمەق، بۇنداقلىقىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، ئۇنىڭدىن سورانمىغان بولاتتىم.
− ئۆتكەندە ماڭا دەپ بېرىشىچە، ئۇ ئۆيىدە يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيدىكەن، باشقىلارنىڭ ئانچە - مۇنچە ئىشىنى قىلىپ بەرمەكچى بولسا، ئائىلىسىدىكى ئاغىچىلار بىلەن خېنىملارنىڭ قورسىقى كۆپىدىكەن.
− بىزنىڭ بۇ تەرسا غوجام چوڭ - كىچىك يىڭنە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قېرىشقاندەك ئائىلىمىزدىكى ئاشۇنداق ئىش قىلغۇچىلارغا قىلدۇرمايدۇ، يا بۇنىڭغا مېنىڭ قولۇم بوشىمايدۇ، − دېدى شىرېن.
− ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ! − دېدى باۋچەي كۈلۈپ، − باشقىلارغا قىلدۇرساڭ بولىۋېرىدۇ.
− ئۇنى ئالدىغىلى بولامدۇ؟ − دېدى شىرېن، − ئۇ بىلىۋالىدۇ ! ئۇنىڭدىن كۆرە ئاستا - ئاستا ئۆزۈم زورۇقۇپ بولسىمۇ قىلايلا.
− ئۆزۈڭنى ئالدىراتما، مەن ساڭا قارىشىپ بېرەي.
− راستمۇ؟ − دېدى شىرېن خۇش بولۇپ، − شۇنداق قىلسىلىغۇ ماڭا بەك ئوبدان بولاتتى ! ئاخشاملىرى يانلىرىغا ئۆزۈم باراي ...
ئۇنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەيلا، بىر موماي ئالدىراش - تېنەش كىرىپ كەلدى - دە:
− نېمە دېگۈلۈك بۇنى ئەمدى ! جىنچۇەر قىز ھېچنېمىدىن - ھېچنېمە يوقلا ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ !
− قايسى جىنچۇەر ! − دەپ ئالمان - تالمان سورىدى شىرېن قورقۇپ كېتىپ.
− بىزدە نەدە ئىككى جىنچۇەر بار ئىدى؟ − دېدى موماي، − ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆيىدىكىسىچۇ. ئۈلۈشكۈن ئۇنى نېمىشقا قوغلىۋەتكەنكىن، ئۆيىدە ئەتىدىن - كەچكىچە يىغلاپ كۆزىدىن ياش قۇرۇماپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارىمۇ بولماپتۇ. كېيىن يوقاپ كېتىپتىكەن، ئۇنى تاپالماي تۇرغاندا، بايا سۇ تارتقىلى بارغان بىركىم: «شەرقىي جەنۇبى دوقمۇشتىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتاي دېسەم، بىر ئۆلۈك تۇرىدۇ» دەپ، ئادەم چاقىرىپ، قۇدۇقتىن سۈزۈۋاپتۇ، قارىسا، شۇ ئىكەن ! ئۇنى قۇتۇلدۇرىمىز دەپ ھەرقانچە تېپىرلاشقان بولسىمۇ ھېچبىر ئامال قىلالمىدى !
− توۋا، بۇ ئاجايىپ ئىش - ھە ! − دېدى باۋچەي.
شىرېن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بېشىنى لىڭشىتىپ ئاھ ئۇرۇپ، جىنچۇەرنىڭ ئادەتتە ئۆزى بىلەن بولغان ھەمنەپەسلىكىنى ئەسلەپ، كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، باۋچەي دەرھال ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭكىگە كەتتى، شىرېن ئۆز ئۆيىگە ياندى.
باۋچەي ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆيىگە كەلسە، ئۆيئىچى جىمجىتچىلىق، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۆزى يالغۇز يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ، باۋچەي بۇ ئىش توغرىسىدا گەپ ئېچىشنى ئەپ كۆرمەي، چەتتىرەك ئولتۇردى.
− نەدىن كېلىشىڭ؟ − دەپ سورىدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم.
− باغدىن كېلىشىم، − دېدى باۋچەي.
− باغدىن كەلگەن بولساڭ، باۋيۈي ئۇكاڭنى كۆرگەن بولغىيدىڭ؟
− بايىراقتا كۆرگەنىدىم، ئېگىنىنى يەڭگۈشلەپ چىقىپ كېتىۋاتقانىكەن، نەگە بارىدىكىنتاڭ.
− بۇ غەلىتە ھادىسىدىن بەلكىم خەۋەر تاپقانسەن؟ − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇھ تارتىپ، − جىنچۇەر ئۇشتۇمتۇت ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ !
بۇ توغرىدا گەپ ئېچىلغاچقا، باۋچەي:
− نېمىشقا بىكاردىن - بىكار ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلىۋالغاندۇ؟ بۇ غەلىتە ئىشقۇ ! − دېدى.
− قايسى كۈنى ئۇ مېنىڭ بىر نەرسەمنى بۇزۇپ قويغانىدى، بىردەملىك ئاچچىقىم كېلىپ ئىككى كاچات سېلىپ قوغلىۋەتكەنىدىم، − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم، − مەن ئۇنى بىرنەچچە كۈن ئاچچىقلاپ يۈرسۇن، كېيىن يەنە چاقىرتىۋالارمەن دەپ ئويلىغان. بىلمىدىم، ئۇنىڭ ئاچچىقى بەكمۇ يامان ئىكەن، ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ. بۇنىڭغا مەن ئەيىبكار بولۇپ قالدىم !
− ھامما، سىلى شەپقەتلىك بولغاچقا، شۇنداق ئويلايدىلا، − دېدى باۋچەي كۈلۈمسىرەپ، − مېنىڭچە، ئۇ ئاچچىقىدا ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلىغان ئىش ئەمەستۇ. بەلكىم ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، قۇدۇق بېشىدا ئوينىغان بولسا، تېيىلىپ چۈشۈپ كەتكەندۇ. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ يانلىرىدىكى چاغدا ھېيىقىپ - قورۇنۇپ يۈرەتتى، بۇ يەردىن چىقىشى بىلەنلا، ئەلۋەتتە ئۇ يەر - بۇ يەرگە بېرىپ تاماشا قىلغۇسى كەلگەن بولغىيدى. مۇنداق بەك ئاچچىقى كەلگۈدەك نېمە ئىش بولسۇن؟ شۇنچىلىك ئاچچىقى كەلگەن بولسا، ئۇمۇ تازا ئەخمەق ئىكەن، ئىچ ئاغرىتمىساقمۇ بولغۇدەك.
− شۇنداق بولسىمۇ كۆڭلۈم بىئارام بولۇۋاتىدۇ ! − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇھ تارتىپ.
− ھامما، بۇنىڭغا كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، − دېدى باۋچەي كۈلۈپ، − كۆڭۈللىرى بەك يېرىم بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرنەچچە سەر كۈمۈشنى كۆپرەك ئىنئام قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسىلە، شۇنىڭ بىلەن دېدەكلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقلىرىنى ئۆتىگەن بولىدىلا.
− بايا ئۇنىڭ ئانىسىغا ئەللىك سەر كۈمۈش ئىنئام قىلدىم، − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم، − ئۇنىڭغا يەنە، ئاخىرەتلىك كىيىم ئۈچۈن ھەمشىرىلىرىڭنىڭ يېڭى كىيىم - كېچەكلىرىدىن بىر - ئىككى قۇر بېرەي دېۋىدىم، قېرىشقاندەك ھېچقايسىسىنىڭ يېڭى تىكتۈرگەن كىيىمى يوق ئىكەن، دەييۈي سىڭلىڭنىڭلا تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ تىكتۈرۈلگەن ئىككى قۇر كىيىمى بار ئىكەن. دەييۈي سىڭلىڭ بەك گۇمانخور بالا، يەنە كېلىپ بالا - قازا بىر قىز، تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ تىكتۈرگەن دەپ قويۇپ، ئارقىدىن بىركىمگە ئاخىرەتلىك كىيىم ئۈچۈن بېرىۋەتسەك، ئۇ يامان ئالمامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنچۇەرگە بىر قۇر كىيىم تىكىشكە سەيپۇڭنى جورۇدۇم. باشقا دېدەك بولسىغۇ، بىرنەچچە سەر كۈمۈش بەرسەكلا تۈگەيتتى. جىنچۇەر دېدەك بولسىمۇ، دائىم يېنىمدا تۇرۇپ كەلگەچكە، ئۆز قىزىمدەكلا بولۇپ قالغانىدى ! − سۆزلەۋېتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز يەنە ياش قۇيۇلدى.
− ھامما، سەيپۇڭغا كىيىم بۇيرۇپ نېمە قىلىلا، − دېدى باۋچەي ئالمان - تالمان، − قايسى كۈنىلا تېخى ئۆزۈمگە ئىككى قۇر كىيىم تىكتۈرگەنىدىم، شۇنى بەرسەك ئاۋارىچىلىك تۈگىمەمدۇ؟ ئۇ ھايات چېغىدىمۇ مېنىڭ كونا كىيىملىرىمنى كىيگەن، بوي - تۇرقىمىزمۇ ئوخشاش ئىدى.
− شۇنداق دېگەندىمۇ، سەن يامان ئالمامسەن؟
− خاتىرجەم بولسىلا، ھامما، مەن ئەزەلدىن ئۇنداق ئىشلارنى زىغىرلاپ كەتمەيمەن ! − دېدى كۈلۈمسىرەپ باۋچەي ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم دەرھال ئىككى خىزمەتكارىنى چاقىرىپ باۋچەينىڭ كەينىدىن ئەۋەتتى.
بىردەمدىن كېيىن باۋچەي كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىۋىدى، قارىسا، ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ يېنىدا باۋيۈي يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئۇنىڭغا كايىۋاتاتتى، باۋچەينى كۆرۈپلا سۆزىنى توختىتىۋالدى. باۋچەي بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەپتىدىن ئىشنىڭ تەكتىنى خېلى ئوبدانلا پەملىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن كىيىمنى ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا تاپشۇردى، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم كىيىمنى ئېلىپ كەتسۇن دەپ جىنچۇەرنىڭ ئانىسىنى چاقىرتتى. ئاندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder