غەربكە ساياھەت - سەككىزىنچى باب

 


سەككىزىنچى باب

تاتھاگاتونىڭ مۇقەددەس نومنى نازىل قىلىپ ئالەمگە جاكار قىلغانلىقى

ئاۋالوكتسۋارانىڭ بۇيرۇققا بىنائەن چاڭئەنگە كەلگەنلىكى

تاتھاگاتو لىنشەن تېغىدىكى مۇقەددەس لېييىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بارلىق بۇددىست، بۇدساتۋا، راھىب، راھىبەلەرنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

− ھازىر كۈز پەسلىنىڭ تازا مەمۇرچىلىق كۈنلىرى ئىكەن. مەندە بىر گۆھەر تاۋاق بار، ئۇنىڭغا ئەڭ نەپىس گۈلى - رەيھانلارنى، ئېسىل مېۋىلەرنى تېزىپ سىلەرگە بىر «تاۋاق بەزمىسى» قىلىپ بەرسەم قانداق دەيسىلەر؟

كۆپچىلىك ئالىقانلىرىنى جۈپلىگەن ھالدا ئۈچ مەرتەم تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، ماقۇللۇق بىلدۈرۈشتى. تاتھاگاتو تاۋاقتىكى گۈل، مېۋىلەرنى ئانانداغا كۆتۈرگۈزۈپ، ماخاكاسياپانى تارقىتىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. بەزمە ئەھلى بۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپ، نەزمە ئوقۇشۇپ رەھمەت ئېيتىشتى.

بۇدساتۋالار نەزمىلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاتھاگاتودىن بۇ ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى ئۆتۈندى. تاتھاگاتو رازىمەنلىك بىلەن خەير - ساخاۋەت، ئىلىم - ھېكمەت ۋە پەزلى - كامالەت ھەققىدە دانا بايانلىرىنى بىرمۇبىر زىكىر ئەيلىدى ۋە ئاندىن كۆپچىلىككە قاراپ:

− بىلىشىمچە، تۆت ئىقلىمدىكى كەرەملىك ۋە رەزىللىكلەر بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ. شەرقىي پۇرۋاۋىدىخادىكىلەر ئەدەپ - قائىدىلىك، خۇش پېئىل ۋە ئېغىر - بېسىقتۇر. شىمالىي كۇرۇدۋىپادىكىلەر جېدەلخور، مىجەزى قوپال بولسىمۇ، پالاكەتراقتۇر. قولىدىن ئانچە ئىش كەلمەيدۇ. بىز غەربىي گۇدادىكىلەر تەمەخور ۋە ئۇرۇشقاق ئەمەسمىز، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىمىز. جەنۇبىي جامبۇدۋىپادىكىلەر بولسا ئۇرۇش ۋە جەڭگى - جېدەل بىلەن ئۆتىدۇ، ئۇ يەر ھەقىقەتەن بىر قاباھەت دېڭىزى. ھازىر يېنىمدا ئۈچ مۇقەددەس نوم بار. ئۇ، كىشىلەرنى رەھىمدىللىككە، ياخشىلىققا ئۈندىيەلەيدۇ، − دېدى.

بۇدساتۋالار بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالىقانلىرىنى جۈپلەپ تاتھاگاتوغا چوقۇندى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

− سىلىدە قايسى مۇقەددەس ئۈچ نوم بار؟ − دەپ سوراشتى.

− بىرىنچى نوم ئاسمان ھەققىدە، ئىككىنچى نوم يەر ھەققىدە، ئۈچىنچى نوم ئالۋاستىلار ھەققىدە، − دېدى تاتھاگاتو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، − بۇلار جەمئىي ئوتتۇز بەش قىسىم بولۇپ، بىر يۈز ئەللىك مىڭ بىر يۈز قىرىق تۆت كىتابتۇر. مەن ئۇنى شەرقىي پۇرۋاۋىدىخاغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. بىرەر ئىقتىدارلىق كىشى شەرقىي دىيارغا بېرىپ ئىخلاسمەن مۇخلىستىن بىرنى تاپسا، ئۇ تاغۇدەريالارنى ئېشىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، نوملارنى شەرقىي دىيارغا ئەكېتىپ تارقاتسا دەيمەن. قېنى قايسىڭلار بېرىشنى خالايسىلەر؟

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ئاۋالوكتسۋارا بۇدساتۋا مۇنبەر ئالدىغا كېلىپ، ئۈچ قېتىم تەزىم بەجا كەلتۇرگەندىن كېيىن:

− شاگىرتلىرى كەم ئەقىل بولساممۇ شەرقىي دىيارغا بېرىپ مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان كىشىنى تېپىپ كېلىش-نى خالايمەن، − دېدى.

تاتھاگاتو ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە:

− شۇنداق، سىزدىن باشقىلارمۇ ئۇ يەرگە بېرىشقا يارىمايدۇ، سىزدە كامالەتكە يەتكەن ماھارەت بار، سىز بارسىڭىز بولىدۇ، − دېدى.

− شەرقىي دىيارغا ھازىرلا ئاتلىنىمەن، تاپىلايدىغان قانداق سۆزلىرى باركىن؟

− بېرىشىڭىزدا يولنى ئوبدان كۆزىتىڭ، كۆك قەھرىدىن مېڭىشىزغا بولمايدۇ، بۇلۇت، تۇمانلار ئۈستىدىلا ماڭىسىز. تاغۇدەريالارغا ئوبدان زەن سېلىپ، يولنىڭ قانچىلىك كېلىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇۋېلىپ مۇقەددەس نومنى ئەكەتكۈچىگە ياخشى تاپىلاپ قويۇڭ. بىراق، ئۇ سەپەردە پېشكەللىكلەرگە يولۇقۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، مەن سىزگە بەش دانە گۆھەر بېرىپ قوياي.

تاتھاگاتو شۇئان ئاناندا بىلەن ماخاكاسياپاغا كىمخاب كاسايادىن بىرنى، توققۇز بوغۇملۇق قەلەي ھاسىدىن بىرنى ئاچىققۇزدى ۋە بۇدساتۋاغا سۇنۇپ تۇرۇپ:

− بۇ كىمخاب كاسايا بىلەن قەلەي ھاسىنى مۇقەددەس نومنى ئېلىشقا كېلىدىغان كىشى ئۆزى ئىشلەتسۇن، ئەگەر بۇ يەرگە كېلىشكە قەتئىي نىيەت باغلىسا، بۇ كاسايانى كىيسە بىر يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنالايدۇ،ھاسىنى ئېلىۋالسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدۇ، − دېدى.

بۇدساتۋا نەرسىلەرنى تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ ئېھتىرام بىلەن قوبۇل قىلدى. ئارقىدىنلا تاتھاگاتو ئۈچ چەمبەرنى چىقىرىپ بۇدساتۋاغا بەرگەندىن كېيىن:

− بۇ گۆھەر «چىڭىتقۇچى چەمبەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۈچىسى ئوخشاشتەك قىلسىمۇ، لېكىن رولى ئوخشىمايدۇ. سىزگە چەمبەرنى چىڭىتىش ئەپسۇنىدىن ئۈچنى ئېيتىپ بېرەي، يولدا قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىرەر ئالۋاستىغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ئۇنى ياخشىلىققا ئۈندەپ، ھېلىقى مۇقەددەس نومنى ئەكەتكۈچىگە شاگىرت قىلىپ قويۇڭ. ئەگەر گەپكە كىرمىسە، بۇ چەمبەرنى بېشىغا كىيگۈزۈپ قويسىڭىز، باش ئۇستىخانلىرى بىلەن ئۆزلۈكىدىن تۇتىشىپ قالىدۇ. ھەربىر چەمبەرنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئەپسۇنىنى ئوقۇسىڭىزلا بېشى ئاغرىپ، كۆزلىرى پولتىيىپ، مېڭىسى يېرىلغۇدەك بولىدۇ - دە، بىزنىڭ يولىمىزغا ئاسانلا كىرىدۇ، − دېدى.

بۇدساتۋا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال ھۆرمەت بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى ۋە راھىب خۇيئەننى ھەمراھ بولۇشقا چاقىرىۋالدى. خۇيئەن ئالۋاستىلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن خۇددى زەبەردەس كۈچتۈڭگۈرلەرگە ئوخشاش مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكى بىر تۆمۈر كالتەكنى ئېلىپ بۇدساتۋاغا ئەگەشتى. بۇدساتۋا كاسايانى بىر بوپىغا يۆگەپ ئۇنىڭغا يۈدۈگۈزۈپ قويدى ھەم ئالتۇن چەمبەرنى ئاللىقانداق بىر يېرىگە يوشۇرۇپ، قەلەي ھاسىنى تايانغان ھالدا لىنشەن تېغىدىن تۆۋەنگە قاراپ راۋان بولدى.

بۇدساتۋا تاغ باغرىغا چۈشكەندە، يۈيجىن بۇتخانىسىنىڭ ئالتۇن باش پىركامىلى دەرۋازا ئالدىدا ئۇنى كۈتۈۋېلىپ، چاي ئىچىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇدساتۋا ھايال بولالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزرە ئېيتىپ:

− ھازىر تاتھاگاتونىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شەرقىي دىيارغا مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان ئادەم تاپقىلى كېتىۋاتىمەن، − دېدى.

− مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان كىشى قاچان يېتىپ كېلىدۇ؟ − سورىدى پىركامىل.

− بىرنېمە دەپ بولمايدۇ. مۇشۇ ئىككى - ئۈچ يىل ئىچىدە كېلىشى ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراقتا كېلىشى مۇمكىن.

بۇدساتۋا شۇنداق دېدى - دە، پىركامىل بىلەن خوشلىشىپ، گاھ بۇلۇت، گاھ تۇمانلار ئۈستىدە يۈرۈپ، سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.

ئۇستاز ۋە شاگىرت ئىككىسى كېتىۋېتىپ بىردىنلا ئاستا لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان كەڭ بىر دەريانى كۆردى. بۇ ليۇشاخې دەرياسى ئىدى.

− شاگىرتىم، − دېدى بۇدساتۋا خۇيئەنگە قاراپ، − بۇ دەريادىن ئۆتۈش ھەقىقەتەن قىيىندەك قىلىدۇ. مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان كىشى بۇ يەردىن ئۆتىمەن دەپ چۆكۈپمۇ كېتەرمۇ؟

− بۇ دەريانىڭ كەڭلىكى قانچىلىك كېلەر، ئۇستازىم؟ − سورىدى خۇيئەن.

بۇدساتۋا يۈرۈشتىن توختاپ دەرياغا نەزەر تاشلىدى. توساتتىن، ئېقىننىڭ ئىچىدىن بىر ئالۋاستى كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. ئۇ شۇ قەدەر بەتبەشىرە ئىدىكى:

كۆكمۇ ئەمەس، قارىمۇ ئەمەس،

ئەپتى ئۇنىڭ نەس باسقان گويا.

ئېگىز ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس،

سىڭىر بولۇپ كەتكەن تەنلىرى

يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى مانا.

يېنىپ تۇرار كۆزى چىراغدەك،

ئاغزى گويا تەڭنە - تاۋاقتەك.

قىزغۇچ چاچلىرى چاڭگىدەك چۇۋۇق،

چىشلىرى ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىچاقتەك.

ۋارقىراشلىرى گۈلدۈرمامىدەك،

يۈگۈرەر بەئەينى ئۇچقۇر بوراندەك.

بۇ غەلىتە مەخلۇق بىر گۆھەر ھاسىنى تايانغان ھالدا قىرغاققا چىقىپ، بۇدساتۋانى تۇتۇش ئۈچۈن دېۋەيلەپ كەلدى. خۇيئەن تۆمۈر كالتىكى بىلەن ئۇنى توسۇۋېلىپ «قىمىرلىما !» دەپ ۋارقىرىدى.

غەلىتە مەخلۇق ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئېتىلدى، ئىككىسى ليۇشاخې دەرياسىنىڭ بويىدا ئون نەچچە مەرتەم ئېلىشىپمۇ بىر - بىرىنى يېڭەلمىدى، بىر چاغدا ھېلىقى مەخلۇق ئۆزىگە ئۇرۇلغان تۆمۈر كالتەكنى توسۇۋېلىپ:

− قاياقتىن كەلگەن راھىبسەن، مەن بىلەن قارشىلىشىشقا نېمە ھەددىڭ؟ − دېدى.

خۇيئەن:

− مەن ۋايجىراۋانانىڭ ئىككىنچى شاھزادىسى راھىب مۇچا خۇيئەن بولىمەن. ھازىر شەرقىي دىيارغا مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان ئادەم تېپىش ئۈچۈن ئۇستازىمنى قوغداپ كېتىۋاتىمەن. سەن نېمىشقا ھەددىڭدىن ئېشىپ بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇيسەن؟ − دېدى.

ھېلىقى مەخلۇق بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك قىلىپ خۇيئەندىن سورىدى:

− يادىمدا قېلىشىچە، سىز جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاۋالوكتسۋارادىن قىزىل بامبۇكزارلىقتا تەلىم ئېلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭىز؟

− ئەنە ئاۋۇ قىرغاقتا ئۇستازىم تۇرمامدۇ؟ − دېدى خۇيئەن.

ھېلىقى مەخلۇق بۇنى ئاڭلاپ ھودۇقۇپ تۇرۇپلا قالدى. مۇچا ئۇنىڭ ھاسىسىنى ئېلىۋېلىپ بۇدساتۋانىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئەكەلدى. مەخلۇق بۇدساتۋاغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ تۇرۇپ:

− بۇدساتۋا، گۇناھىمنى كەچۈرگەيسىز. مېنىڭ ئەرزىمنى ئاڭلاڭ. مەن ئالۋاستىمۇ ئەمەس، ئەسلىدە خىسلەتدار قەسىردىكى قوڭغۇراقلىق تەختىراۋاننىڭ پەردە قايرىغۇچى سەركەردىسى ئىدىم. شاپتۇل بەزمىسىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن روجەكنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋەتكىنىم ئۈچۈن، يۇرۇن سۇلتان مېنى سەككىز يۈز دەررە ئۇرۇپ يەر يۈزىگە قوغلىۋەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم. بۇنى ئاز دەپ، ئۇ يەنە ھەر يەتتە كۈندە ئۇچار خەنجىرىنى ئەۋەتىپ باغرىمنى تىلىۋېتىپ قايتىدۇ. بۇ ماڭا چىدىغۇسىز ئەلەم بولدى. ئامال قانچە؟ ئاچلىققا چىدىغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا، ئىككى - ئۈچ كۈندە دەريادىن چىقىپ بىرەر يولۇچىنى تۇتۇپ ئوزۇقلۇق قىلىمەن. بۈگۈن دۆتلۈك قىلىپ، مېھىر - شەپقەتلىك بۇدساتۋاغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويدۇم، − دېدى.

− سەن ئەرشتىمۇ گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىكەنسەن، يەرگە پالانغاندىن كېيىن يەنە كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلساڭ گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ بولمامدۇ؟ - دېدى بۇدساتۋا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − مەن بۈگۈن بۇددانىڭ پەرمانىنى ئېلىپ شەرقىي دىيارغا مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان ئادەم ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. سەن مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇپ، ياخشىلىق قىلىشقا قول بېرىپ، مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان كىشىگە شاگىرت بولساڭ، غەربىي دىيارغا بېرىپ ساكيامۇنىغا تاۋاپ قىلىپ مۇقەددەس نومنى ئەكەلسەڭ بولمامدۇ؟ مەن ئۇچار خەنجەرنى ساڭا تەگمەسلىككە كۆندۈرەي. شۇ چاغدا گۇناھىڭمۇ كۆتۈرۈلۈپ، ئەسلىي قىياپىتىڭگە قايتىسەن. قانداق، نىيەت قىلالامسەن؟

− توغرا يول تۇتۇشنى خالايمەن، − دېدى ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، − بۇدساتۋا، مەن بۇ يەردە سانسىز كىشىلەرنى يەپ كەتتىم. مۇقەددەس نوم ئۈچۈن ماڭغانلاردىنمۇ بىرقانچىسىنى يەپ كەتتىم. يەپ بولغانلارنىڭ كاللىسىنى دەرياغا تاشلاپ چۆكتۈرۈۋەتتىم. بۇ سۇغا ھەتتا ئۆردەك پېيىمۇ چۆكۈپ كېتەتتى، ئەپسۇسكى، مۇقەددەس نوم ئۈچۈن ماڭغان توققۇزەيلەننىڭ ئۇستىخىنى چۆكمەي لەيلەپ قالدى. مەن بۇ جەسەتلەرنى بىر تال يىپقا ئۆتكۈزۈپ، زېرىككەندە ئانچە - مۇنچە ئويناپ قويىمەن. ئەمدى مۇقەددەس نومنى ئېلىشقا كەلگەنلەر بۇ يەردىن ئۆتمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنداقتا مېنىڭ ئىستىقبالىمغىمۇ كاشىلا بولمامدۇ؟

− ئۇلار بۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ، دېيىشكە قانداق ئاساسىڭ بار؟ سەن بۇ ئۇستىخانلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋېلىپ مۇقەددەس نومنى ئالغىلى كېلىدىغانلارنى كۈتۈپ تۇرغىن. بۇنىڭ لازىمى بولىدۇ.

− ئۇنداق بولسا تەلىمىڭىزنى ئىلكىمگە ئالدىم.

بۇدساتۋا ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ، پەرھىز ئۆگەتتى ۋە قۇمغا قاراپ فامىلىسىنى «شا» دەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ راھىبلىق نامى شا ۋۇجىڭ دەپ ئاتالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ بۇددا راھىبى بولۇپ، بۇدساتۋانى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويدى، بارلىق گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلمايدىغان بولدى ۋە مۇقەددەس نومنى ئېلىش ئۈچۈن كېلىدىغان كىشىنى كۈتتى.

بۇدساتۋا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، مۇچا بىلەن داۋاملىق شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىدى. تالاي كۈنلەر يول يۈرگەندىن كېيىن بىر تاغقا دۇچ كەلدى. تاغنى مۇدھىش تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، مېڭىشقا ئامالسىز قالدى، ئۇلار بۇلۇت ئۈستىگە چىقىپ تاغدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت دەھشەتلىك بوران كۆتۈرۈلۈپ، بىر ئالۋاستى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ چىراي - ئەپتى شۇنداق ئەشەددىي سەت ئىدىكى:

باداڭ قورساق بۇ مەخلۇقنىڭ ساڭگىلايدۇ تۇمشۇقى،

چېقىر كۆزى پىلىلدار، يەلپۈگۈچتەك قۇلىقى.

ئۇنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى مىسلى تۆمۈر ھەرىدەك،

ئاچسا ئەگەر ئاغزىنى بەجايىكى تەڭنىدەك.

ئالتۇن ساۋۇت بوينىغا ئېسىپ مەھكەم باغلانغان،

بوغما يىلان قاسرىقى بەلېبغىدا پارلىغان.

ئۆتكۈر چىشلىق تىرنىنى قولىدا چىڭ تۇتقان ئۇ،

ئەگىم ئايدەك بىر يانى يېنىغا ھەم ئاسقان ئۇ.

يۇلتۇز بەگدىن ئاشىدۇ كۆرەڭلىكى، ھەيۋىتى،

بېسىپ چۈشەر تەڭرىنى جاسارىتى - غەيرىتى.

ئۇ ئېتىلىپ كەلگەن پېتى ھېچنېمىگە قارىماستىن بۇدساتۋاغا تاشلاندى. مۇچا ئۇنىڭ ئارىسىنى توسۇۋېلىپ:

− ھوي، ئىبلىس، بىھۆرمەتلىك قىلغۇچى بولما ! كالتىكىمگە ئاگاھ بول ! − دەپ ۋارقىرىدى.

ھېلىقى مەخلۇق:

− ھەي جېنىدىن تويغان راھىب. سەنمۇ تىرنامنى بىر تېتىپ كۆرگىن ! − دېدى - دە، ئىككىسى تاغ باغرىدا جان - جەھلى بىلەن ئېلىشىپ كەتتى.

ئۇلار قاتتىق ئېلىشىۋاتقاندا بۇدساتۋا ئاسماندا تۇرۇپ، بىر تال نېلۇپەر گۈلىنى تاشلىدى - دە، ئۇلارنى ئايرىۋەتتى. ھېلىقى مەخلۇق بۇنىڭدىن چۆچۈگەن ھالدا:

− قانداق راھىبسەن، گۈل ئويۇنى قىلىپ مېنى ئالدىماقچى بولۇۋاتامسەن؟ − دېدى.

− ھەي ناكەس، سېنىڭ كۆزۈڭ تامنىڭ تۆشۈكىمۇ نېمە ! − دېدى مۇچا، − مەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇدساتۋانىڭ شاگىرتى بولىمەن. ئۇ ئۇستازىم تاشلىغان نېلۇپەر گۈلى، تونۇمايۋاتامسەن؟

− جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇدساتۋا بولسا، كىشىلەرنى بالايىئاپەتتىن خالاس قىلىدىغان شەپقەتچى مەبۇدنى دەمسەن؟

− شۇ بولماي، كىم بولاتتى !

ھېلىقى مەخلۇق تىرنىسىنى تاشلاپ، دەرھال باش ئېگىپ تەزىم قىلدى ۋە:

− بۇرادەر، بۇدساتۋا ھازىر قەيەردە؟ مالال كۆرمەي مېنى باشلاپ بېرىپ كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز، − دېدى.

مۇچا بېشى بىلەن كۆكنى كۆرسىتىپ:

− ئەنە ئاۋۇ يەردە، − دېدى.

ھېلىقى مەخلۇق كۆككە تېۋىنىپ تەزىم قىلدى ۋە ئۈنلۈك قىلىپ:

− بۇدساتۋا، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغايسىز، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغايسىز، − دېدى.

بۇدساتۋا بۇلۇت بىلەن پەسلەپ يەرگە چۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

− قەيەردە تەلىم ئالغان ياۋا چوشقا سەن ! يولۇمنى توسۇشقا نېمە ھەددىڭ؟ − دېدى.

ھېلىقى مەخلۇق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− مەن ياۋا چوشقا ئەمەسمەن. ئەسلىي سامانيولىدىكى پەلەك سىپىھدارى ئىدىم. مەستچىلىكتە ئاي پەرىزاتقا چاقچاق قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن، يۇرۇن سۇلتان مېنى ئىككى مىڭ دەررە ئۇرۇپ، يەر يۈزىگە پالىۋەتكەن. يولدىن ئازغىشىپ بىر چىشى چوشقىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قېلىپ، مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدىم، كېيىن چىشى چوشقىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، بۇ تاغدا تۇرۇپ قالدىم. مانا ئەمدى بەختكە يارىشا سىزگە يولۇقتۇم، ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالسىڭىز.

− «ئاق كۆڭۈل بولساڭ تەڭرى شاپائىتىنى ئايىماس» دەپتىكەن، − دېدى بۇدساتۋا، − گۇناھىڭنى يۇيۇپ، توغرا يولغا ماڭساڭ، جان بېقىش يولى تېپىلىدۇ. جاھاندا يەيدىغان نەرسىلەر كۈرمىڭ تۇرسا، يەنە نېمىشقا ئادەم يېيىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىسەن؟

ھېلىقى مەخلۇق بۇ سۆزنى ئاڭلاپ گويا چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدى ۋە بۇدساتۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

− توغرا يولغا مېڭىشنىغۇ خالايتتىم. بىراق، «گۇناھ قىلدىم تەڭرىگە، توۋا قىلاي مەن كىمگە» دېگەن ھالغا چۈشۈپ قالدىم، − دېدى.

− مەن بۇددا پەرمانىنى ئېلىپ شەرقىي دىيارغا مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان ئادەم ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. سەن ئۇنىڭغا شاگىرت بولۇپ، غەربىي دىيارغا بېرىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىڭنى يۇساڭ، بۇ كۈلپەتتىن خالاس قىلىمەن، − دېدى بۇدساتۋا.

ھېلىقى مەخلۇق ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي:

− خالايمەن، خالايمەن ! − دەپ ماقۇللۇق بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بۇدساتۋا ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ، پەرھىز ئۆگەتتى ۋە فامىلىسىنى ئۆزىگە ماس ھالدا جۇ (چوشقا) دەپ ئاتاپ، راھىبلىق نامىنى جۇ ۋۇنېڭ دەپ قويدى. شۇندىن كېيىن ئۇ بۇدساتۋانىڭ ئەمرىگە بىنائەن توغرا يولغا قايتىپ، گۆشلۈك تاماقتىن پەرھىز تۇتتى. بەش خىل كۆكتات، ئۈچ خىل گۆشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتتى ۋە مۇقەددەس نومنى ئېلىش ئۈچۈن بارىدىغان كىشىنى كۈتتى.

بۇدساتۋا بىلەن مۇچا جۇ ۋۇنېڭ بىلەن خوشلىشىپ گاھ بۇلۇت، گاھ تۇمان ئۈستىدە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. ئۇلار كېتىۋېتىپ ئاسماندا ئۇشتۇمتۇت بىر كىچىك ئەجدىھانىڭ ۋارقىراۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى. بۇدساتۋا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

− قەيەردىن كەلگەن ئەجدىھا سەن؟ ئەجەب بۇ يەردە رىيازەت چېكىپ قاپسەنغۇ؟ − دەپ سورىدى.

ھېلىقى ئەجدىھا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− مەن غەربىي دېڭىزدىكى سۇ ئىلاھى ئاۋرۇننىڭ ئوغلى بولىمەن. ئوردىدىكى مەرۋايىتلارنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن، شاھ ئاتام مېنى ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ دەپ، ئەرش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرۇن سۇلتان مېنى ھاۋاغا ئېسىپ قويۇپ ئۈچ يۈز دەررە ئۇرغۇزدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالسىڭىز !

بۇدساتۋا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال مۇچا بىلەن جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى. دەرۋازىدا چيۇ، جاڭ فامىلىلىك ئىككى پەلەك مۇرەببىسى ئۇلارنى توسۇۋېلىپ:

− قەيەرگە بارماقچىسىلەر؟ − دەپ سورىدى.

− يۇرۇن سۇلتان بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم، − دېدى بۇدساتۋا جاۋاب بېرىپ.

ئىككى پەلەك مۇرەببىسى دەرھال كىرىپ يۇرۇن سۇلتانغا خەۋەر يەتكۈزدى. يۇرۇن سۇلتان ئالىي قەسرىدىن چۈشۈپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. بۇدساتۋا ئۇنىڭغا تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

− كەمىنىلىرى شەرقىي دىيارغا مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان ئادەم ئىزدەپ ماڭغانىدىم. يولدا گۇناھكار ئەجدىھانىڭ ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزلىرىدىن تىلىۋالاي دەپ كەلدىم. ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسىلە، مۇقەددەس نومنى ئەكەتكۈچىگە ياردەمچى قىلسام دەيمەن.

يۇرۇن سۇلتان ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، دەرھال كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىنى چۈشۈردى ۋە ئەرش سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى ئازاد قىلىپ، بۇدساتۋاغا تاپشۇردى. كىچىك ئەجدىھا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ، جېنىنى قۇتۇلدۇرغان بۇدساتۋاغا باش ئۇرۇپ، رەھمەت ئېيتتى ۋە خىزمەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇدساتۋا ئۇنى چوڭقۇر بىر غار ئىچىگە ئەكېلىپ، مۇقەددەس نومنى ئەكەتكۈچىنى كۈتۈشكە ۋە ئاق ئاتقا ئايلىنىپ غەربكە بېرىپ خىزمەت كۆرسىتىشكە بۇيرۇدى. كىچىك ئەجدىھانىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى قويۇپ، گەپنى بۇ ياقتىن ئاڭلايلى !

بۇدساتۋا راھىب مۇچانى ئەگەشتۈرۈپ تاغدىن چىقىپ، شەرقىي دىيارغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇشتۇمتۇت ۋالىلداپ چاقنىغان بىر ئالتۇن شولىنى كۆرۈپ قالدى. مۇچا دەرھال:

− ئۇستازىم، ئاۋۇ نۇر چاقناۋاتقان يەر بەش ئاناسىر تېغىغۇ دەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىدە تانھاگاتونىڭ پېچەت باغىقى تۇرىدۇ، − دېدى.

− بۇ يەردە چوقۇم شاپتۇل بەزمىسىنى بۇزغان، ئەرشنى قالايمىقان قىلغان پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم بولسا كېرەك، ئۇنى مۇشۇ يەرگە باستۇرۇپ قويغانىدى، − دېدى بۇدساتۋا.

− شۇ ئىكەن، دەل شۇ ئىكەن ! − دېدى مۇچا ۋە ئىككىسى تاغ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ باغاقنى ئوقۇدى. ئۇنىڭغا «ھىم، ما، نى، با، مۇ، نۇ» دېگەن ئالتۇن خەت يېزىپ قويۇلغانىدى. بۇدساتۋا ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ، مۇنۇ نەزمىنى ئوقۇدى:

نەزم

ھەسرىتا، ھەق - ئادىل بولمىدىڭ مايمۇن،

شۇنچە يىللار ئەزۋەيلەپ بولدۇڭ «قەھرىمان».

تۇشتا ئوردىسىغا مەيلىڭچە كىرىپ.

شاپتۇل بەزمىسىنى قىلدىڭ مالىمان،

يۈزمىڭلاپ لەشكەرگە تۇردۇڭ تاقابىل،

توققۇز ئەرش قەھرىدە قۇچتۇڭ شەرەپ - شان.

قالدىڭ بۇ جاپاغا تاتھاگاتودىن،

قەد كېرىپ باتۇرلۇق قىلارسەن قاچان؟

سۇن ۋۇكۇڭ بۇ ئىككىسىنىڭ قىلىشقا، گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى - دە، تاغ ئاستىدا يېتىپ ۋارقىرىدى:

− تاغ ئۈستىدە نەزمە ئوقۇپ مېنى مازاق قىلىۋاتقان قايسىڭلار !

بۇدساتۋا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تاغدىن چۈشۈپ ئىزدەشكە كىرىشتى. قىيا ئاستىدا ئولتۇرغان تاش مۇئەككىلى، زېمىن مۇئەككىلى ۋە سۇن ۋۇكۇڭنى نازارەت قىلىۋاتقان پەلەك سەركەردىسى يېتىپ كېلىپ، بۇدساتۋاغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى، ئاندىن ئۇنى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى. قارىغۇدەك بولسا، سۇن ۋۇكۇڭ تاش ساندۇق ئىچىگە بەند قىلىپ قويۇلغان بولۇپ، سۆز قىلالايتتى، بىراق مىدىرلىيالمايتتى.

− سۇن ۋۇكۇڭ، مېنى تونۇدۇڭمۇ؟ − دەپ سورىدى بۇدساتۋا.

سۇن ۋۇكۇڭ ئوتلۇق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، بېشىنى لىڭشىتتى ۋە ئۈنلۈك قىلىپ:

− سىلىنى قانداقمۇ تونۇماي، سىلى جەنۇبىي دېڭىزدىكى پوتراگا تېغىدا تۇرىدىغان، ئازاب - ئوقۇبەتتە قالغانلارنى قۇتۇلدۇرىدىغان شەپقەتچى مەبۇد بۇدساتۋا بولىدىلا. سىلىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن زىيادە خۇشالمەن. بۇ يەردە بىر كۈننى مىڭ يىلدەك ئۆتكۈزۈۋاتىمەن، بىرەر تونۇشمۇ كېلىپ مېنى يوقلاپ قويمىدى، سىلى قاياقتىن كېلىپ قالدىلا؟ − دېدى.

− مەن بۇددا پەرمانىغا بىنائەن شەرقىي دىيارغا مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان ئادەم ئىزدەپ ماڭغانىدىم. بۇ يەردىن ئۆتكەچ سېنى يوقلاپ كېتەي دەپ كەلدىم، − دېدى بۇدساتۋا.

− تاتھاگاتو مېنى ئالدىدى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − مېنى بۇ تاغ ئاستىغا باستۇرۇپ قويغىلى بەش يۈز يىلدىن ئاشتى، قەددىمنى رۇسلىيالمايۋاتىمەن. رەھىم قىلىپ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قويغايلا !

− سەن غەرق گۇناھقا پاتقان ئادەم، قۇتۇلدۇرۇپ قويسام، يەنە بالا تېرىپ قويارسەنمىكىن؟

− مەن ئەمدى پۇشايمان قىلدىم. شەپقەت ئاتا قىلىپ ماڭا يول كۆرسەتكەيلا. دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا رازى ئىدىم.

بۇدساتۋا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە ئىنتايىن خۇش بولدى ۋە سۇن ۋۇكۇڭغا قاراپ:

− بۇددا نومىدا «ياخشى سۆزگە ھەر جايدا جاۋاب قايتۇر، يامان سۆزنى ھەر جايدا رەت قىل» دەپ ئېيتىلغان. سېنىڭ نىيىتىڭ راستتىنلا توغرا بولسا، مەن شەرقىي دىيارغا بېرىپ، مۇقەددەس نومنى ئەكېتىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلەي، ئۇ سېنى قۇتۇلدۇرسۇن. سەن ئۇنىڭغا شاگىرت بولۇپ، بۇددا يولىغا ئەقىدە باغلا، قانداق دەيسەن؟ − دېدى.

سۇن ۋۇكۇڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماقۇللۇق بىلدۈردى:

− بېرىشنى خالايمەن، بېرىشنى خالايمەن !

− توغرا يول تۇتۇشنى خالىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا بىر ئىسىم قويۇپ قوياي، − دېدى بۇدساتۋا.

سۇن ۋۇكۇڭ دەرھال:

− مېنىڭ ئىسمىم بار، سۇن ۋۇكۇڭ دەپ ئاتىسا بولىدۇ، − دېدى.

بۇدساتۋا خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى:

− سېنىڭ ئالدىڭدا ئىككى كىشى ماڭا قول بەردى. ئۇلارنىڭ ئىسمىمۇ «ۋۇ» سۆزى بويىچە قويۇلغان. سېنىڭمۇ ۋۇ بولسا ناھايىتى باب كېلىدىكەن. قالتىس ياخشى بولدى ! ئۇنداقتا ساڭا ۋەز ئېيتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىكەن. مەن كەتتىم.

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇددا دىنىغا چىن دىلىدىن ئەقىدە باغلىغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇدساتۋامۇ خاتىرجەم ھالدا تەقۋادار راھىب ئىزدەشكە كىرىشتى.

ئۇ بۇ يەردىن ئايرىلىپ، مۇچا بىلەن داۋاملىق شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چاڭئەندىكى بۈيۈك تاڭ دۆلىتىگە يېتىپ كەلدى ۋە بۇلۇت، تۇمانلار ئۈستىدىن چۈشۈپ، ئىككىسى سەرگەردان تاز راھىب قىياپىتىگە كىرىپ، شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەلدى. بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئۇلار چوڭ كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە بىر زېمىن مۇئەككىلى بۇتخانىسىنى كۆردى. ئىككىيلەن بۇتخانىغا كىرىپ كېلىشىگىلا زېمىن مۇئەككىلى قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. بىرئازدىن كېيىن ئۇ كىرىپ كەلگەن كىشىنىڭ بۇدساتۋا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، تەزىم، تاۋاپ بىلەن بۇددىخانىغا باشلىدى ۋە شەھەر ئىچىدە قاتراپ يۈرۈپ شەھەر ئىلاھى، يەر ئىلاھى ھەم چاڭئەندىكى بارلىق بۇتخانىلارنىڭ ئەۋلىيا - ئۆلىمالىرىغا خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇلار بۇدساتۋانىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ كېلىپ كۆرۈشتى ۋە:

− بۇدساتۋا، ئالدىلىرىغا چىقىپ كۈتۈۋالالمىغان گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيلا، − دەپ ئۆزرە ئېيتىشتى.

− بۇ خەۋەرنى سىرتقا تارقىتىۋەتمەڭلار، − دېدى بۇدساتۋا، − مەن بۇددا پەرمانىغا بىنائەن مۇقەددەس نومنى ئەكېلىدىغان بىر ئادەم ئىزدەپ كەلدىم. ئىبادەتخاناڭلاردا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ قالىمەن. تاكامۇل راھىبنى تاپساملا قايتىمەن.

كۆپچىلىك ئۆز جايلىرىغا قايتىشتى، زېمىن مۇئەككىلى شەھەر ئىلاھى بۇتخانىسىغا ۋاقتىنچە كۆچۈپ كەتتى. بۇدساتۋا بىلەن مۇچا ئەسلىي سالاھىيىتىنى مەخپىي تۇتتى. مۇقەددەس نومنى ئەكېلىش ئۈچۈن قايسى راھىبنى تاللىغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك