غەربكە ساياھەت - يىگىرمە يەتتىنچى باب

 



يىگىرمە يەتتىنچى باب

پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنىڭ تاڭ سەنزاڭنى ئۈچ قېتىم ئەخمەق قىلغانلىقى

راھىب سەنزاڭنىڭ سۇن ۋۇكۇڭنى ئاچچىقىدا قوغلىۋەتكەنلىكى

ئەلقىسسە، ئەتىسى ئەتىگەندە تاڭ سەنزاڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى سەپەرگە ئاتلاندى، جېن يۈەنزى بىلەن سۇن ۋۇكۇڭ بىر - بىرىگە قول بېرىشىپ ئاغا - ئىنى بولدى. ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان جېن يۈەنزى ئۇلارنى بەش - ئالتە كۈن تۇتۇپ قېلىپ، كەڭ - كۇشادە مېھمان قىلدى. تاڭ سەنزاڭ تۇتىيا مېۋىنى يېگەندىن كېيىن ۋۇجۇدىغا باشقىدىن كۈچ - قۇۋۋەت كىرىپ، روھى تېتىكلىشىپ قالغانىدى، شۇڭا نومنى ئەكېلىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بۇ يەردىن تېزرەك قوزغىلىشقا ئالدىرىدى. ئاخىر ئۇلار يولغا چىقتى.

تۆتەيلەن خېلى ئۇزۇن يولنى باسقاندىن كېيىن بىر ئېگىز تاغقا دۇچ كەلدى.

− شاگىرتلىرىم، ئالدىمىزدىكى يول خەتەرلىكتەك قىلىدۇ، ئات ماڭالماي قالارمىكىن. سىلەر ئوبدانراق كۆزىتىپ بېقىڭلار، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.

− خاتىرجەم بولسىلا، ئۇستاز، بىز چۈشەندۇق، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋە گۈرزىسىنى توغرىسىغا تۇتۇپ، ئاتنىڭ ئالدىدا تاغ يولىنى ئېچىپ ماڭدى. ئېگىز قىيا ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن تاڭ سەنزاڭ سۇن ۋۇكۇڭنى چاقىرىۋېلىپ مۇنداق دېدى:

− بىر كۈن يول يۈرۈپ قورساقمۇ ئېچىپتۇ. سەن بېرىپ يېگۈدەك بىرنەرسە تېپىپ كەلگىن.

بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ شۇنداق دېدىكى:

− ھەي ئۇستاز، بۇ تازا ئەقىلدىن يىراق گەپ بولۇپ قالدى. بۇ تاغ قاپتىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ھېچقانداق ئۆي - ماكان بولمىسا، يېگۈدەك نەرسىنى قەيەردىن تېپىپ كېلىمەن؟ پۇل بولمىسا بىكار - دە !

− ھەي مايمۇنەك، ھۇرۇنلۇق قىلغۇچە مىدىرلاپ باقساڭ بولمامدۇ؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ رەنجىگەن ھالدا.

− مېنىڭ قاچان ھۇرۇنلۇق قىلغان يېرىم بار؟ قانداقلا ئىش بولسا ئالدى بىلەن مەن پالاقشىپ چاپىمەنغۇ !

− ھۇرۇن بولمىساڭ، نېمىشقا يېمەكلىك تېپىپ كېلىشكە ئۇنىمايسەن؟ ئاچ قورساق يول مېڭىشقا بولمايدۇ - دە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ چوققىدا ھاۋا شالاڭ ھەم تىنچىق ئىكەن، بۇ ئەھۋالدا بولسا، گۆھەرنېشىنغا قانداق يېتىپ بارىمىز؟

− بولدى رەنجىمىسىلە، ئۇستازىم، سىلى ئاتتىن چۈشۈپ ئولتۇرۇپ تۇرسىلا. مەن ئۆي بار يەرنى تېپىپ، ئامال قىلىپ باقاي.

سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇت ئۈستىگە قاڭقىپ چىقىپ، قولىنى پېشانىسىگە سايىۋەن قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپىغا نەزەر تاشلىدى. غەرب تامامەن ئورمان بىلەن قاپلانغان، ئادەم تۈگۈل، بىرەر كەپىنىڭمۇ قارىسى كۆرۈنمىدى. ئۇ جەنۇب تەرەپتىكى تاغقا بۇرۇلدى. تاغنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە كىچىك - كىچىك قىزىل نەرسىلەر ۋالىلداپ ئاران دېگەندە كۆزگە ئىلىندى.

− ئۇستازىم، يېمەكلىك تېپىلدى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇتتىن سەكرەپ چۈشۈپ.

− نېمە تېپىلدى؟

− جەنۇبىي تاغدا بىر يەر قىزىرىپ كۆرۈندى، چوقۇم تاغ شاپتۇلى بولسا كېرەك، مەن بېرىپ ئۈزۈپ كېلەي.

− ۋاھ، سەپەر ئۈستىدە شاپتۇل يېيەلىسەك، تولىمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى - دە !

تاڭ سەنزاڭ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى. سۇن ۋۇكۇڭ تاۋاقنى ئېلىپ خاسىيەتلىك نۇرغا ئولتۇردى - دە، موللاق ئاتقان پېتى شامالدەك چېپىپ، جەنۇبىي تاغقا شاپتۇل ئۈزۈشكە كېتىپ قالدى.

«ئېگىز تاغلاردا ئالۋاستى بار، جىلغىلاردا جىن» دېگەندەك، بۇ تاغدىمۇ بىر ئالۋاستى بار ئىدى. ئۇ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ شەپىسىدىن ئويغىنىپ، بۇلۇت ئىچىدىن شۇڭغۇپ چىقتى - دە، قىيا ئۈستىدە ئولتۇرغان تاڭ سەنزاڭنى كۆرۈپ خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا:

− ئامەت كەلدى دېگەن مانا شۇ ! كىشىلەردىن تاڭ راھىبى ئالتۇن تومۇزغىدىن ئۆزگەرگەن، ئون يىللاپ تائەت - ئىبادەت قىلغان، كىمكى ئۇنىڭ گۆشىدىن بىر پارچە يەۋالسا، مەڭگۈ قېرىمايدۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بۈگۈن ئەجەبمۇ ياخشى كېلىپ قاپتۇ، − دېدى - دە، تاڭ سەنزاڭنىڭ ئالدىغا شاققىدە سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى تۇتۇشقا تەمشەلدى. جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ شۇئان قوللىرىغا قوراللىرىنى ئېلىپ، ئۇنى يېقىن كەلتۈرمىدى.

ئالۋاستى ئامالسىز جىلغىغا قايتىپ بىرلا ئېغىناپ، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، كۆزلىرى بۇلاقتەك، قاشلىرى بەرگى قىياقتەك، چىشلىرى ئۈنچە - مارجاندەك، لەۋلىرى پىشقان ئەينۇلىدەك ئاجايىپ بىر ساھىبجامالغا ئۆزگىرىپ، سول قولىدا بىر كوزا، ئوڭ قولىدا بىر يېشىل ساپال قاچىنى كۆتۈرگەن ھالدا تاڭ سەنزاڭغا قاراپ يېقىنلاپ كەلدى. تاڭ سەنزاڭ ئۇنى كۆرۈپلا جۇ باجيې بىلەن شاسېڭغا قاراپ:

− قاراڭلار، بايا ۋۇكۇڭ بۇ ئەتراپتا ئادەم يوق ئىكەن دەۋاتاتتى، مانا بىرى كېلىۋاتىدىغۇ ! − دېدى.

جۇ باجيې ئۆزىنى باسالمىغان ھالدا:

− ئۇستازىم، سىلى شاسېڭ بىلەن ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، مەن بېرىپ قاراپ باقاي، − دېدى - دە، تىرنىسىنى تاشلاپ، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ياسالما سالاپەت بىلەن ئىرغاڭلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.

«كۆرمىگۈچە كۆيدۈرمەس» دېگەندەك، جۇ باجيې قىزنىڭ نازاكەتلىك ھۆسن - جامالىنى كۆرۈپلا، كۆڭلىگە سۇ يۈگۈرۈپ، تىللىرى كالۋالىشىپ سۆزلەشكە باشلىدى:

− شەپقەتلىك مەبۇدەم، قاياققا يول ئالدىڭىز؟ كۆتۈرۈۋالغىنىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولارمىكىن؟

− تەقسىر، بۇ يەرگە باشقا مەقسەتتە كەلمىدىم، ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان تائام. كوزىدىكىسى گۈرۈچ ئېشى، قاچىدىكىسى بولسا، قورۇلغان خېمىر تىرىپى، − دېدى قىز ناز بىلەن تولغىنىپ تۇرۇپ.

بۇنى ئاڭلاپ جۇ باجيې قىن - قىنىغا پاتماي كەتتى ۋە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ تاڭ سەنزاڭغا خەۋەر يەتكۈزدى:

− ئۇستازىم، ياخشىلار ھەر جايدا بار، دېگەن مانا شۇ، قارىماملا، ئۇ بىزگە سەدىقە تائام ئەكەپتۇ !

− ئالجىۋاتامسەن، تەمەگەر ! − دېدى تاڭ سەنزاڭ ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، − شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى بىرەر ياخشى ئادەمگە يولۇقمىدۇق، ئەجەبا ئۇ بىزگە سەدىقە ئېلىپ كەپتۇمۇ؟

− ئىشەنمىسىلە، مانا ئۆزىمۇ كېلىپ قالدى.

تاڭ سەنزاڭ قىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى - دە، ئالىقىنىنى كۆكسىگە ئېلىپ جۈپلەپ تۇرۇپ:

− شەپقەتچى پەرىزات، ئۆي - ماكانىڭىز قەيەردە؟ كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ نېمە ئارزۇدا بىزگە سەدىقە ئېلىپ كەلدىڭىز؟ − دېدى.

ئالۋاستى تاڭ سەنزاڭنىڭ ئۆزىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يالغاندىن گەپ ياساپ مۇنداق دېدى:

− ئۇستاز، بۇ تاغ ئاقيولۋاس چوققىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مېنىڭ ئۆيۈم ئالدىمىزدىكى غەرب تەرەپتە. دادام بىلەن ئانام ئۆيدە قالدى، ھەر ئىككىلىسى تەقۋادار، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر، دائىم سەدىقە بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇلار خېلى زامانلارغىچە پەرزەنتلىك بولالماپتىكەن، تەڭرىدىن تىلەپ يۈرۈپ ئاخىر مەن تۇغۇلۇپتىمەن. مېنى تالالىق قىلاي دېسە، يار - يۆلەكسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر يىگىتنى ئىچ كۈيئوغۇل قىلىۋالغانىدى. ئىككى قېرىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بىز ئىككىمىز ۋاپادارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

− گەپلىرىڭىز قاملاشمايۋاتىدىغۇ، شەپقەتچىم، − دېدى تاڭ سەنزاڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، − ئۆيدە ئاتا - ئانام قالدى، كۈيئوغۇلمۇ بار، دەيسىزۇ، بۇ تاغ ئىچىدە نېمە ئۈچۈن يالغۇز يۈرىسىز؟

قىز چىرايىغا دەرھال كۈلكە يۈگۈرتۈپ مۇنداق دېدى:

− ئېرىم شىمالدىكى جىلغىدا بىرقانچە كىشىنى ياللاپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتىدۇ. باشقا ئادەم بولمىغاچقا، مەن ئۇلارغا چۈشلۈك تاماق ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. ئويلىمىغان يەردىن سىلەر ئۇچراپ قالدىڭلار. ئاتا - ئاناممۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بولغاچقا، بۇ تاماقنى سىلەرگە سەدىقە قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئەرزىمەس نەرسە بولسىمۇ، كۆڭلۈمنى ياندۇرمىغايسىلەر.

− ياخشى كۆڭلىڭىزگە ھەشقاللا، − دېدى تاڭ سەنزاڭ، − بىر شاگىرتىم مېۋە ئۈزگىلى كەتتى، ھازىرلا قايتىپ كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تامىقىڭىزنى يەپ قويسام، ئېرىڭىز ئۇقۇپ قالسا سىزدىن ئاغرىنىدۇ، ئۇنداقتا مەنمۇ گۇناھلىق بولۇپ قالىمەن.

قىز تاڭ سەنزاڭنىڭ چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، قاش - كۆزلىرىنى باشقىچە ئوينىتىپ سۆزلەپ كەتتى:

− ئاتا - ئانامغا قارىغاندا ئېرىم تېخىمۇ ئاق كۆڭۈل ئادەم. ئۇستاز، ئۇ تېخى يول ياساپ، كۆۋرۈك سېلىپ، ئاجىز - بىچارىلەرگە خەيرخاھلىق قىلىدۇ. ئۇ تاماقنى سىلەرگە بەرگەنلىكىمنى ئاڭلىسا تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.

قىز ھەرقانچە قىلسىمۇ، تاڭ سەنزاڭ سەدىقىنى ئېلىشقا ئۇنىمىدى. بىر ياقتا قاراپ تۇرغان جۇ باجيېنىڭ بۇنىڭغا ئىچى پۇشۇپ، غۇدۇراشقا باشلىدى:

− توۋا، دۇنيادا مۇنداقمۇ جاھىل ئادەم بار ئىكەن. تەييار تاماقنى يېمەي، مايمۇندىن تەمە كۈتكىنىنى قارا !

ئۇ توسقانغا ئۇنىماي، تۇمشۇقى بىلەن كوزىنى بىر قويۇپلا ئۆرۈۋېتىپ، يېيىشكە تەمشەلدى.

دەل شۇ پەيتتە سۇن ۋۇكۇڭ پەتنۇستا شاپتۇل ئېلىپ قايتىپ كەلدى - دە، يالقۇنلۇق نەزەرىنى بىرلا تىكىپ ھېلىقى قىزنىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالدى ۋە پەتنۇسنى يەرگە قويۇپ، گۈرزىسىنى كۆتۈرگەن پېتى ئۇنىڭغا ئېتىلدى.

− ۋۇكۇڭ، سەن كىمنى ئۇرماقچى بولۇۋاتىسەن؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ دەرھال سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ.

− ئۇستازىم، ئالدىلىرىدا تۇرغان بۇ قىزنى ياخشى ئادەم دەمدىلا؟ ئۇ سىلىنى ئالداش ئۈچۈن كەلگەن ئالۋاستى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.

− ھەي مايمۇنەك، سېنى خېلى ئەقلى بار دېسەم، بۈگۈن نېمە جۆيلۈپ يۈرىسەن؟ بۇ شەپقەتچى پەرىزات بىزگە تائام ئېلىپ كەلسە، سەن تېخى ئۇنى ئالۋاستى دەۋاتىسىنا؟

− سىلى بىلمەيلا، ئۇستاز، ئالۋاستىلار ئادەم گۆشى خۇمارى تۇتقاندا شۇنداق قىلىدۇ. ئەگەر سەل كېچىككەن بولسام، ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ يەم بولار ئىكەنلا.

تاڭ سەنزاڭ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، يەنىلا ئۇنى ياخشى ئادەم دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.

− سىلىنى ئەمدى چۈشەندىم، ئۇستازىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − سىلى ئۇنىڭ ھۆسن - جامالىغا مەپتۇن بولۇپ قاپتىلا، ئەگەر راستتىنلا شۇنداق نىيەتلىرى بولسا، جۇ باجيې بىرنەچچە تال بادرا تېپىپ كەلسۇن، شاسېڭ ئوت - چۆپ يىغىپ كەلسۇن. مەن ياغاچچىلىق قىلاي، مۇشۇ يەردە كەپە ياساپ تويۇڭلارنى قىلىپ قويايلى. بىزمۇ تارقىلىپ كېتەيلى، نوم - پوم ئەكېلىمىز دەپ جاپا تارتىپ يۈرمەيلى.

تاڭ سەنزاڭ ھەزرەت ئەزەلدىنلا يۈزى تۆۋەن ئادەم بولغاچقا، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاش بىلەنلا تاقىر بېشىدىن تارتىپ قۇلاقلىرىغىچە ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى.

ئۇ خىجالەتچىلىكتە تۇرغان شۇ پەيتتە، سۇن ۋۇكۇڭ گۈرزە بىلەن ئالۋاستىنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئۇردى. ئالۋاستى سېھىرگەرلىكىنى ئىشقا سېلىپ، گۈرزە تېگىپ بولغۇچە جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى، يالغان جەسەت گۈپ قىلىپ يەرگە يىقىلدى. بۇنى كۆرۈپ تاڭ سەنزاڭ غال - غال تىترەپ كەتتى ۋە:

− ھەي بىشەم مايمۇن، نەسىھەتكە كۆنمەي، بىگۇناھ جانغا زامىن بولدۇڭغۇ ! − دەپ ۋارقىرىدى.

− ئۇستازىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − مەندىن ئاغرىنماي، ئاۋۋال بۇ كوزىغا نېمە قاچىلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقسىلا.

شاسېڭ تاڭ سەنزاڭنى قولتۇقىدىن يۆلەپ، كوزىنىڭ قېشىغا باردى. كوزىنىڭ ئىچىدە چىۋىن لىچىنكىلىرى، پاقا ۋە قۇرتلار مىغىلدىشىپ يۈرەتتى. بۇنى كۆرۈپ تاڭ سەنزاڭنىڭ سەل ئاچچىقى يانغاندەك قىلدى. بىر ياقتا تۇرغان جۇ باجيې بولسا تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ كوتۇلداشقا باشلىدى:

− ئۇستازىم، بۇ چوكاننىڭ مۇشۇ ئەتراپتىكى يېزا ئايىلى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئۇ ئېرىگە تاماق ئەكېتىۋېتىپ بىزگە يولۇقۇپ قالغان. ئۇنىڭ نېمىسىدىن ئالۋاستى دەپ گۇمانلىنىدىكەنمىز؟ ئاغاممۇ ئۇنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈنلا ئۇرغان. لېكىن، ئۇ ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن، سىلىنىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقۇشلىرىدىن قورقۇپ، ئەكەلگەن تاماقنى قەستەن بۇ نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتى، كۆزلىرىنى بوياپ قۇتۇلماقچى بولدى.

بۇ ھاڭۋاقتىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قالغان تاڭ سەنزاڭ ئالىقىنىنى جۈپلەپ، ئەپسۇن ئوقۇشقا باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ كەتتى:

− ۋاييەي، ۋايجان ! بولدى قىلسىلا، سىلىگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى، ئۇستازىم !

− ئەمدى نېمە دېمەكچى سەن ! سەپەر ئۈستىدىكى ئادەمنىڭ نىيىتى پاك بولۇشى، ھەتتا چۈمۈلە، ئۇچار - قاناتلارغىمۇ رەھىمدىل بولۇشى كېرەك ئىدى ! سەن بولساڭ گۇناھسىز بىر مەزلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ. بۇ ئەھۋالدا مۇقەددەس نومنى ئەكەلگەننىڭ نېمە پايدىسى؟ بولدى، سەن قايتىپ كەتكىن !

− مېنى قەيەرگە قايتقىن دېمەكچىدىلا؟

− ماڭا سەندەك شاگىرتنىڭ لازىمى يوق !

− مەندەك شاگىرتلىرى بولمىسا، غەربكە بارالماي قالارلىمىكىن؟

− تەڭرىم ئۆزى ماڭا مەدەتكار، قورقىدىغان ھېچقانداق يېرىم يوق. دەرھال كۆزۈمدىن يوقال !

− ئۇستازىم، مەن كەتسەم كېتىۋېرىمەن، بىراق سىلىنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر - شەپقەتلىرىنى تېخى قايتۇرالمىدىم.

− ساڭا قانداق مېھىر - شەپقەت قىپتىمەن؟

سۇن ۋۇكۇڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، دەرھال تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ باش ئۇرغان ھالدا شۇنداق دېدى:

− ئەرشنى مالىمان قىلغان ۋاقتىمدا بېشىمغا كۈلپەت چۈشۈپ، تاتھاگاتو مېنى تاغ ئاستىغا باستۇرۇپ قويدى. بەختكە يارىشا، سىلى مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالدىلا. بۇ شەپقەتلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن سىلىگە ھەمراھ بولۇپ غەربكە بارمىسام، مەن مەڭگۈ ۋىجدان سورىقىغا قالىمەن.

تاڭ سەنزاڭنىڭ كۆڭلى يۇمشاق بولغاچقا، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يېلىنىشلىرى ئۇنى ئېرىتىپ، نىيىتىدىن قايتۇردى.

− خەير، بۇ نۆۋەت سېنى كەچۈرەي، − دېدى ئۇ، − ئىككىنچى بۇنداق بولمىغۇر ئىشلارنى قىلما. ئەگەر مۇنداق ئىشلارنى يەنە تەكرارلايدىكەنسەن، ئەپسۇننى بولۇشىغا ئوقۇيمەن !

− قانچىلىك ئوقۇسىلا مەيلى. ئەمدى مەن كىشىلەرگە ھەرگىز چېقىلمايمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋەدە بېرىپ ۋە تاڭ سەنزاڭنى يۆلەپ ئاتقا مىندۈرۈپ، ئەكەلگەن شاپتۇلنى ئۇنىڭغا بەردى. تاڭ سەنزاڭ ئات ئۈستىدە كېتىۋېتىپ شاپتۇلدىن بىرنەچچىنى يېدى.

ھېلىقى ئالۋاستى جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئاسمانغا چىققاندىن كېيىن بۇلۇت ئىچىدە تۇرۇپ سۇن ۋۇكۇڭغا قاتتىق غەزىپى كەلدى ۋە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ئۆز - ئۆزىگە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ نامىنى ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلىغانىدىم. بۈگۈن راستتىنلا قالتىس كارامىتى بار ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم، ھىيلە - نەيرەڭلىرىمنى بىرلا قاراپ بىلىۋالدى، تايىقىنى يېگىلى تاسلا قالدىم تېخى. خەپ توختاپتۇر، شەيخ ! تارتقان جاپايىمغا يارىشا سېنى ئەخمەق قىلمىغىنىمنى كۆر !»

ئۇ قارا بۇلۇتىنى پەسلىتىپ تاغ باغرىغا چۈشتى - دە، سەكسەن ياشتىكى بىر مومايغا ئايلىنىپ، مونەك باشلىق بامبۇك ھاسىغا تايانغان ھالدا، ھەربىر قەدەمدە بىر مىشىلداپ يىغلاپ چىقىپ كەلدى.

جۇ باجيې ئۇنى كۆرۈپلا چۆچۈگەن ھالدا ۋارقىراپ كەتتى:

− چاتاق بولدى، ئۇستازىم، بىر موماي ئادەم ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ !

− كىمنى ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ؟ − سورىدى تاڭ سەنزاڭ.

جۇ باجيې جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− ئاغام ئۆلتۈرۈۋەتكىنى چوقۇم ئۇنىڭ قىزى بولسا كېرەك. ئۇ قىزىنى ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ - دە، ئەلۋەتتە !

− ئاغزىڭغا كەلگەننى جۆيلۈمە، ئىنىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ھېلىقى قىز ئون ئالتە ياش چامىسىدا ئىدى، بۇ موماي بولسا سەكسەن ياشتىن ئاشقاندەك قىلىدۇ. نەدىمۇ ئاتمىش ياشتىن ئاشقاندا تۇغىدىغان ئىش بار؟ بۇ چوقۇم بىر ئالدامچىلىق، ئالدىرىما، مەن بېرىپ قاراپ باقاي.

سۇن ۋۇكۇڭ موماينىڭ ئالدىغا بېرىپ باشتىن - ئاياغ كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى. ھېلىقى ئالۋاستى موماي قىياپىتىگە كىرىۋالغان بولۇپ، چاچلىرى قاردەك ئاقارغان، چىرايى ياپراقتەك سارغايغان، ئۆزى مۇردىدەك ئاۋاق ئىدى، يول يۈرگەندە دىرىلدەپ تىترەپ، قەدەملىرىنى ئاران - ئاران يۆتكەيتتى، ياڭاق سۆڭىكى پولتىيىپ چىققان، كالپۇكلىرى ساڭگىلاپ چۈشكەن، يۈز - كۆزلىرىنى ئۆمۈچۈك تورىدەك قورۇقلار قاپلىغانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، گۈرزىنى ئۇنىڭ بېشىغا قارىتىپ سالدى. ئالۋاستى گۈرزىنىڭ ئۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جېنىنى سۇغۇرۇۋالدى - دە، بەدەر تىكىۋەتتى، يالغان جەسەت يول بويىغا يىقىلدى. بۇنى كۆرگەن تاڭ سەنزاڭ ئاتتىن چۈشكەن پېتى ئۇنىڭ يېنىدا تىك تۇرۇپ، چەمبىرەك ئەپسۇنىنى يىگىرمە قېتىم ياندۇرۇپ ئوقۇدى. دەھشەتلىك چىڭىغان چەمبەر سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بېشىنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىشكە تاس قالدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئاغرىققا چىدىماي، يەردە دومىلاپ يېلىنىشقا باشلىدى:

− رەھىم قىلسىلا، ئۇستازىم، بولدى قىلسىلا ! ھەرقانداق گەپلىرى بولسا ئېيتسىلا !

− دەيدىغان گېپىم شۇ ! راھىب بولغان ئادەمنىڭ قۇلىقى يۇمشاق بولسا، دوزاخ يۈزى كۆرمەيدۇ. شۇنچە نەسىھەت قىلسام ئاڭلىماي، ئىككى ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتىڭ. ئەمدى نېمە دېمەكچىسەن؟ !

− بۇ ئالۋاستى تۇرسا !

− جۆيلۈمە ! قەيەردىن كەلگەن بۇنداق جىق ئالۋاستى ئىكەن؟ سېنىڭدىن زادى ياخشىلىق كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ ! بولدى، تېزرەك يوقال بۇ يەردىن !

− ئۇستازىم، مېنى قوغلىسىلا، كەتسەممۇ كېتەي. لېكىن، قاملاشمىغان بىر ئىش بار.

− قايسى ئىشنى دەيسەن؟

− راست گەپنى قىلسام، بەش يۈز يىل ئىلگىرى گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غاردا جاھان سورىغان چېغىمدا، بېشىمدا ئالتۇن تاج، ئۇچامدا سېرىق تون، بېلىمدا كۆك شايى بەلباغ، پۇتۇمدا مامۇق كەش، قولۇمدا ئالتۇن توقىلىق دىلىپسەن گۈرزەم بار ئىدى، ھەممە كىشى ماڭا زوقلىناتتى. سىلىگە ئەگىشىپ شاگىرت بولغاندىن كېيىن بېشىمغا چەمبەر سېلىندى. بۇ ئەھۋالدا قايتىپ كەتسەم، يۇرتداشلىرىمنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ ئەگەر مېنى راستتىنلا كېرەك قىلمىسىلا، ئەپسۇن ئوقۇپ ئۇنى بوشىتىۋەتسىلە، باشقىلارنىڭ بېشىغا سېلىپ قويسىلىمۇ ياق دېمەيمەن. سىلىگە شاگىرت بولغىنىمنىڭ يۈزىدىن بۇنچىلىك ئادەمگەرچىلىكنى قىلمىسىلىمۇ بولماس؟

بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تاڭ سەنزاڭ قاتتىق تەئەججۈپ ئىلكىدە قالدى ۋە:

− ۋۇكۇڭ، بۇدساتۋا بۇ چەمبەرنى بەرگەندە پەقەت چىڭىتىش ئەپسۇنىنىلا ئېيتىپ بەرگەنىدى، ئۇنى بوشىتىدىغان ئەپسۇننى زادى بىلمەيمەن، − دېدى.

− ئەگەر بوشىتىدىغان ئەپسۇننى بىلمىسىلە، مېنى يەنىلا ئېلىپ ماڭسىلا قانداق؟

تاڭ سەنزاڭ خۇشياقمىغان ھالدا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

− ئورنۇڭدىن تۇر، سېنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرەي، بىراق ئەمدى قاتىللىق قىلغۇچى بولما !

− ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، ھەرگىز قىلمايمەن، − جاۋاب بەردى سۇن ۋۇكۇڭ.

تاڭ سەنزاڭ ئاتقا مىندى. تۆتەيلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى.

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زەربىسىدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان ئالۋاستى ئاسمانغا قېچىپ چىققاندىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە قايىل بولدى ۋە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي شۇنداق دېدى:

− بۇ شەيخلەر تاغدىن چۈشۈپ قىرىق چاقىرىم ئۇزاپ كەتسىلا مېنىڭ تەۋەيىمدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئاڭغىچە يەنە بىر ئەخمەق قىلمايمەنمۇ !

ئۇ بۇلۇتتىن تاغ باغرىغا سەكرەپ چۈشتى - دە، بىر بوۋاي قىياپىتگە ئۆزگەردى. قارىغۇدەك بولسىڭىز، ئۇنىڭ:

چاچلىرى گويا ئۇچتەك ئاقارغان،

ئوخشار خىزىرغا بەئەينى ئۆزى.

قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايدۇ جاڭ،

يورۇق چولپاندەك چاقنايدۇ كۆزى.

بىر قولىدا بار مۇنەك باش ھاسا،

ئېگىنى يېنىك مامۇقتەك گويا.

كېلىدۇ سىيرىپ قولىدا تەسۋى،

ئوقۇيدۇ تىنماي قانداقتۇر دۇئا.

تاڭ سەنزاڭ ئۇنى كۆرۈپلا خۇشاللىقىدا ئىچ - ئىچىگە پاتماي قالدى.

− يا بۇددا ئىگەم، غەرب ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك جاي ئىكەن، ئاۋۇ بوۋاينىڭ يول ماڭالماي تۇرۇپمۇ دۇئا - تىلاۋەتنى تاشلىمىغىنىنى قارىمامدىغان !

− ئۇستازىم، ئۇنى ئالدىراپ ماختاپ كەتمىسىلە، − دېدى جۇ باجيې، − ئۇ بىز ئۈچۈن بالايىئاپەت.

− ئۇ نېمە بالايىئاپەت بولاتتى؟

− ئۇنىڭ باياتىن ئاغام ئۆلتۈرۈپ قويغان قىزنىڭ دادىسى، ھېلىقى موماينىڭ ئېرى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئۇ چوقۇم شۇلارنى ئىزدەپ كەلدى. ئەگەر ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالساق، قىساس ئالماي قويمايدۇ. ئاغامغۇ بىر ئامال قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۈچىمىزنىڭ ئۇنىڭغا يەم بولۇشىمىزدا شەك يوق !

سۇن ۋۇكۇڭ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:

− ئۇستازنى قورقۇتۇپ نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن، لايغەزەل ! توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ قاراپ باقاي، − دېدى - دە، گۈرزىسىنى يوشۇرۇپ، ھېلىقى قېرى مەخلۇقنىڭ ئالدىغا باردى ۋە دېدى، − بوۋا، قاياققا كېتىۋاتىدىلا؟ ئەجەب يولدا كېتىۋېتىپمۇ دۇرۇت ئوقۇيدىكەنلىغۇ؟ − دېدى.

ئالۋاستى سۇن ۋۇكۇڭنى تونۇۋالالمىغاچقا، بىكارچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى - دە، جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− مېنىڭ تېگى - تەكتىم مۇشۇ يەرلىك بولىدۇ، تەقسىر، ئۆمرۈمدە باشقىلارغا سەدىقە بېرىپ، خەير - ساخاۋەت كۆرسىتىپ، تائەت - ئىبادەتنى بۇزماي كېلىۋاتىمەن. ياتلىق قىلىنغان تىكەندەك يالغۇز بىرلا قىزىم بار ئىدى، ئەتىگەن تاماق ئاچىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى، ئانىسىمۇ ئۇنى ئىزدەپ چىقىپ كېتىپ يوقالدى. بىرەر يىرتقۇچنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتتىمىكىن، دەپ ئەنسىرەپ ئىزدەپ چىقتىم. ئەگەر ئۇلار راستتىنلا ئۆلۈپ - تارتىپ قالغان بولسا، بۇمۇ تەقدىر ئىلاھىنىڭ ئىشى، ئۇستىخانلىرىنى يىغىپ ئاپىرىپ كۆمۈپ قويۇشتىن باشقا ئامال يوق.

بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ كەتتى ۋە:

− كاززاپلىق قىلما، سەن ئالۋاستىنى مەن تونۇمامدىمەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى.

ئالۋاستىنىڭ قورققىنىدىن زۇۋانى تۇتۇلۇپلا قالدى. سۇن ۋۇكۇڭ گۈرزىسىنى قولىغا ئېلىپ بولۇپ، ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى: قانداق قىلىش كېرەك، ئەدىپىنى بەرمىسەم، ئۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ، چېقىلىپ قويسام، ئۇستازىم ھېلىقى ئەپسۇننى ئوقۇشتىن يانمايدۇ. ئۇ يەنە سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئۆز - ئۆزىگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسەم، ئۇ چوقۇم ئۇستازىمنى بۇلاپ قاچىدۇ، ئۇستازنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ يەنە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىقلار تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، مۇشۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتكىنىم تۈزۈكتەك قىلىدۇ.»

شۇ خىياللاردىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ دۇرۇت ئوقۇپ، مۇشۇ جاينىڭ يەر مۇئەككىلى بىلەن تاغ ئىلاھىنى چاقىرتىپ ئەكېلىپ مۇنداق دېدى:

− بۇ ئالۋاستىنىڭ ئۇستازىمنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى قېتىم كېلىشى. بۇ نۆۋەت مەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالىمەن، سىلەر ئاسماندا تۇرۇپ ماڭا گۇۋاھ بولۇڭلار.

يەر مۇئەككىلى، تاغ ئىلاھى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇلۇت ئۈستىگە چىقىپ قاراپ تۇرۇشتى، سۇن ۋۇكۇڭ گۈرزە بىلەن بىر قويۇپ ئالۋاستىنى يىقىتتى، ئالۋاستى شۇ يەردىلا جان تەسلىم قىلدى.

ئاتلىق يېتىپ كەلگەن تاڭ سەنزاڭ بۇ ھالنى كۆرۈپ قېتىپلا قالدى. جۇ باجيې بولسا قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

− ھە، باتۇر يىگىت ! راسا ئالجىپسىز، يېرىم كۈن ئىچىدىلا ئۈچ جانغا زامىن بولدىڭىز ! − دېدى.

تاڭ سەنزاڭ ئەپسۇننى ئوقۇشقا تەمشەلدى، سۇن ۋۇكۇڭ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:

− ئوقۇماي تۇرسىلا، ئۇستازىم. ئاۋۋال سىلى ئۇنىڭ سىياقىنى بىر كۆرۈپ باقسىلا.

تاڭ سەنزاڭ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتكەن ئۇستىخاننى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ۋە:

− ۋۇكۇڭ، بۇ ئادەم ھازىرلا ئۆلگەن تۇرسا، ئەجەب بىردەمدىلا قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قاپتۇغۇ؟ − دەپ سورىدى.

− ئۇ مۇشۇ ئەتراپتا كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ يۈرىدىغان پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ جاۋاب بېرىپ، − مەن ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئاشكارىلاندى. مانا قارىسىلا، ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسىغا «ئاق سۆڭەكلىك خانىم» دېگەن خەتمۇ يېزىلغان.

تاڭ سەنزاڭ ئۇنىڭ گېپىگە چىنپۈتتى، جۇ باجيې بولسا كالپۇكلىرىنى ئۈمچەيتىپ مۇنداق دېدى:

− ئۇستازىم، ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈنلا كۆزلىرىنى بوياپ، جەسەتنى قەستەن شۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنسىلە قانداق بولىدۇ؟

تاڭ سەنزاڭ دەرھال ئۆزگىرىپ جۇ باجيېنىڭ دېگىنىگە ئىشەندى - دە، ئەپسۇنىنى ئوقۇشقا باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئاغرىق دەستىدىن تولغىنىپ ۋارقىراپ كەتتى:

− بولدى ئوقۇمىسىلا، ھەرقانداق گەپلىرى بولسا دەۋەرسىلە !

− ھەي مايمۇنەك، ساڭا دەيدىغان يەنە قانداق گەپ بولاتتى، − دېدى تاڭ سەنزاڭ، − سەپەر ئۈستىدىكى ئادەم ئاق كۆڭۈل بولسا ئىشى روناق تاپىدۇ، قارا نىيەت بولسا پالاكەت باسىدۇ. سەن بۇ دالادا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولدۇڭ. ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما !

− سىلى مېنى خاتا ئەيىبلەۋاتىدىلا، ئۇستازىم، بۇ ئەبلەخ راستتىنلا ئالۋاستى، ئۇ سىلىنى قەستلەش نىيىتىدە كەلگەن. مەن سىلىنى ئاسراپ، ئۇنى يوقاتسام، ماڭا رەھمەت ئېيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ چىدىماس ھاڭۋاقتىنىڭ ئوتقۇيرۇقلۇق قىلغىنىغا ئىشىنىپ، مېنى قوغلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدىلا، «مەرتەم مەرتەم ئۈچ مەرتەم» دەپتىكەن، مەن سىلىدىن ئايرىلسام دۆيۈز بولۇپ كەتمەمدىمەن؟ سىلىگە ئەگەشكىنىم ئەگەشكەن ! مەنغۇ كەتسەم كېتەتتىم، بىراق قول ئاستىلىرىدا ئادەم قالمىسا قانداق بولىدۇ؟

− نېمانچە ھەددىڭدىن ئاشىسەن، مايمۇن ! − دېدى تاڭ سەنزاڭ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چىچاڭشىپ، − سېنىڭچە سەنلا ئادەم، بۇ ئىككىسى ئادەم ئەمەس ئىكەن - دە !

سۇن ۋۇكۇڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قاتتىق ئېچىنغان ھالدا مۇنداق دېدى:

− يا پەلەك ! ئەينى ۋاقىتتا ليۇ بوچىن سىلىنى چاڭئەندىن ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن لياڭشەن تېغىغا كېلىپ مېنى قۇتۇلدۇردىلا، مەن سىلىگە باش قويۇپ شاگىرت بولدۇم. شۇندىن بېرى غارلارغا كىرىپ، قويۇق ئورمانلارنى كېزىپ، جىن - شاياتۇنلارنى يوقاتتىم. جۇ باجيې بىلەن شاسېڭنى قولغا چۈشۈرۈپ كۈرمىڭ مۇشەققەتلەرنى تارتتىم. ئەجەبا بۈگۈنگە كەلگەندە مېنى قوغلاۋاتىدىلىغۇ؟ چۈشەندىم، سارنى ئېتىۋالغاندىن كېيىن يانىڭ كېرىكى بولمايدىكەن ! ھەي، شۇ بىر ئەپسۇنلىرى بولۇپ قالدى - دە !

− بولدى رەنجىمە، ئەمدى ئەپسۇننىمۇ ئوقۇمايمەن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.

− ھېچنېمە دەپ بولمايدۇ. مۇبادا يەنە جادۇگەرلەرنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغۇدەك بولسىلا، جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ سىلىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ئۇ چاغدا مېنى ھەرقانچە سېغىنغانلىرى بىلەن بىكار. مېنى شۇ يىراقتىن قايتۇرۇپ كەلگەندىن كۆرە، بۈگۈن بۇ ئەخمىقانە ئىشنى قىلمىغانلىرى تۈزۈك.

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تاڭ سەنزاڭ دەرغەزەپكە كەلدى ۋە ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، شاسېڭغا بوغجۇما ئىچىدىكى قەغەز - قەلەمنى ئالدۇرۇپ ئېرىقتىن سۇ ئەكېلىپ، سىياھ ئېرىتتى ۋە بىر ئەيىبنامە يېزىپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

− گەپ شۇنداق بولسۇن، مايمۇنەك ! ھازىردىن باشلاپ سەن مېنىڭ شاگىرتىم ئەمەس ! قايتا ئالدىمغا كېلىدىغان بولساڭ ئۇدۇل جەھەننەمگە يوللىۋېتىمەن !

− ئۇستازىم، قەسەم قىلىپمۇ كەتمىسىلە، كەتسەم كېتەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ نامىنى ئېلىپ قاتلاپ يېڭىگە تىقىپ قويغاندىن كېيىن مۇلايىم تەلەپپۇزدا، − بىراق مەن سىلىگە بۇدساتۋانىڭ تەلىپى بويىچە شۇنچە زامان ئەگىشىپ كەلدىم. بۈگۈن يېرىم يولدا چۈشۈپ قېلىپ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولساممۇ، ئاخىرقى بىر تەزىمىمنى قوبۇل قىلسىلا، كۆڭلۈم سەل ئەمىن تاپار.

− مەن بىر ئاق كۆڭۈل راھىب، سەندەك ۋەھشىينىڭ تەزىمىنى قوبۇل قىلمايمەن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ ئۇنىڭغا كەينىنى قىلىۋېلىپ.

سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سەنزاڭنىڭ ئۆزىگە پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چوققىسىدىن ئۈچ تال مويىنى يۇلۇۋالدى - دە، ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ، «ئۆزگەر !» دەپ ئىلتىجا قىلدى، ئۈچ تال مويى ئۈچ سۇن ۋۇكۇڭغا ئايلاندى، ئۆزى بىلەن تۆت بولۇپ، تاڭ سەنزاڭنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوراپ ئولتۇرۇپ، تەزىم قىلىشقا باشلىدى. تاڭ سەنزاڭ ئامالسىز تەزىمنى قوبۇل قىلدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مويىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن شاسېڭغا مۇنۇلارنى تاپىلىدى:

− قەدىرلىك ئىنىم، سېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن. بىراق، باجيېنىڭ يالغان - ياۋىداق گەپلىرىدىن ھەزەر ئەيلىگىن، يوللاردا تولىمۇ پەخەس بولغىن، مۇبادا ئالۋاستىلار ئۇستازنى تۇتۇپ كېتىپ قالسا، مېنىڭ ئۇنىڭ چوڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىمنى ئېيتقىن. غەربتىكى ئالۋاستىلار مېنىڭ كارامىتىمنى ئاڭلىسا، ئۇستازغا چېقىلىشقا پېتىنالمايدۇ.

− مەن بىر پاك راھىب، − دېدى تاڭ سەنزاڭ گەپ ئارىلاپ، − سەندەك ئەسكىنىڭ ئىسمىنى ھەرگىز تىلغا ئالمايمەن، تولا كوتۇلدىماي يولۇڭغا ماڭغىن !

سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سەنزاڭنىڭ نىيىتىدىن يېنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ قاتتىقلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەردىنى يۇتقان ھالدا ئۇستازىدىن ئايرىلىپ، مۇئەللەق بۇلۇت بىلەن گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غارغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يالغۇز - يېگانە كېتىۋاتقاندا، قۇلىقىغا ئۇشتۇمتۇت سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. سۇن ۋۇكۇڭ ئاسماندا كېتىۋېتىپ يەرگە قارىدى، شەرقىي دېڭىز شاۋقۇن سېلىپ تاشقىنلاۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا تاڭ سەنزاڭ ئۇنىڭ يادىغا كېلىپ، كۆز ياشلىرى ئېڭەكلىرىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى. ئۇ قەدىمىنى توختىتىپ خېلى ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن يولىنى داۋاملاشتۇردى. سۇن ۋۇكۇڭ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك