غەربكە ساياھەت - يىگىرمە توققۇزىنچى باب

 


يىگىرمە توققۇزىنچى باب

تاڭ سەنزاڭنىڭ بالا - قازادىن قۇتۇلۇپ باۋشياڭ مەملىكىتىگە كەلگەنلىكى

جۇ باجيېنىڭ شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولۇپ ئالۋاستى ئۇۋىسىغا كىرگەنلىكى

ئەلقىسسە، جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ ھېلىقى ئالۋاستى بىلەن ئوتتۇز مەرتىۋە ئېلىشىپمۇ ئۇنى يېڭەلمىدى. باتۇرلۇقتىن سۆز ئاچقاندا، بۇ ئالۋاستىغا ئىككى راھىب تۈگۈل يىگىرمە راھىبمۇ تەڭ كېلەلمەيتتى. پەقەت تاڭ سەنزاڭنىڭ ئەجىلى توشمىغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇدساتۋا ئەۋەتكەن پاسىبان قوغدىغۇچىلاردىن بولغان ئالتە كۇتۋال، بەش جەمەت ساتىيالىرى، تۆت ئەمىر ۋە ئون سەككىز سامھارا جۇ باجيې بىلەن شاسېڭغا يوشۇرۇن ھەمدەمدە بولغانىدى.

ئەمدى ئۈچەيلەننىڭ جەڭ قىلغانلىقىنى قويۇپ، گەپنى تاڭ سەنزاڭدىن ئاڭلايلى. ئۇ غار ئىچىدە ھەسرەت ۋە ئېچىنىش بىلەن شاگىرتلىرىنى ئەسلەپ، كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆكتى ۋە: «ئاھ، ۋۇنېڭ، سەن قايسىبىر ئاق كۆڭۈل كىشىگە يولۇقۇپ، قورساق بېقىپ يۈرگەنسەن - ھە ! ۋۇجىڭ سەنچۇ؟ سەن ئۇنى قەيەرلەردە ئىزدەپ يۈرگەنسەن، ئۇنى تاپالىغانسەنمۇ؟ سىلەر مېنىڭ ئالۋاستىنىڭ قولىغا چۈشۈپ بۇ يەردە ئازاب چېكىۋاتقانلىقىمنى بىلىۋاتامدىغانسىلەر؟ سىلەر بىلەنمۇ ئۇچراشقىلى بولارمۇ؟ بۇ بالادىن قۇتۇلۇپ، گۆھەرنېشىنغا قاي زاماندا يېتىپ بارارمىز؟» دەپ نالە قىلدى.

شۇ ئەسنادا غار ئىچىدە بىر ئايال پەيدا بولۇپ، تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇلغان تاڭ سەنزاڭنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:

− ھەزرىتىم، ئۆزلىرى قەيەردىن كەلدىلە؟ سىلىنى نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە باغلاپ قويدى؟ − دەپ سورىدى.

كۆز يېشى قىلىۋاتقان تاڭ سەنزاڭ ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئاستا بۇرۇلۇپ، ئوتتۇز ياش چامىسىدىكى بىر ئايالنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− سورىمايلا قويسىلا، بۇدساتۋا. مەن سىلەرنىڭ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىمنى بىلگەن. يېگىلىرى كەلسە يەۋەرسىلە، سوراپ نېمە قىلاتتىلە؟

− مەن ئادەم يېمەيمەن، − دېدى ئايال، − مېنىڭ ئۆيۈم بۇ يەردىن ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىقتىكى غەرب تەرەپتە. ئۇ يەردە باۋشياڭ مەملىكىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەلئە بار. مەن شۇ مەملىكەت پادىشاھىنىڭ ئۈچىنچى مەلىكىسى بەي خۇاجەي بولىمەن. ئون ئۈچ يىل ئىلگىرى، تاۋۇز چاغىنى ئاخشىمى ئاي سەيلىسى قىلىۋاتقىنىمدا بۇ ئالۋاستى مېنى بۇلاپ ئېلىپ كەلگەن، ئۇنىڭغا ئون ئۈچ يىلدىن بېرى خوتۇن بولۇپ كېلىۋاتىمەن، بالا - چاقىلىقمۇ بولدۇم، ئوردىغا قايتىپ كېتىشكە زادى مۇمكىن بولمىدى. ئاتا - ئانامنى بەكمۇ سېغىندىم، لېكىن ئۇلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى. بۇلار سىلىنى قەيەردىن تۇتۇپ كەلدى؟

− مەن غەربىي دىياردىن مۇقەددەس نومنى ئەكېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان راھىب بولىمەن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ، − زېرىكىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ، بۇ يەردە ئۇلارغا يولۇقۇپ قالدىم. ئۇلار يەنە ئىككى شاگىرتىمنىمۇ تۇتۇپ كېلىپ، بىزنى پىشۇرۇپ يېمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ.

− قايغۇرمىسىلا، ھەزرىتىم، − دېدى مەلىكە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، − مۇقەددەس نومنى ئەكېلىش ئۈچۈن ماڭغان بولسىلا، مەن سىلىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالاي. باۋشياڭ مەملىكىتى سىلىنىڭ غەرب سەپەرلىرىدىكى ئۆتەر يوللىرى. مەن سىلىگە بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەي، ئاتا - ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتسىلە، مەن ئېرىمگە ئېيتىپ كەچۈرۈم قىلغۇزۇۋېتەي.

− بۇدساتۋا، ئەگەر مېنى قۇتۇلدۇرۇپلا قالسىلا، خەتلىرىنى ئاتا - ئانىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە بېرىمەن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ دەرھال باش لىڭشىتىپ.

مەلىكە شۇئان بىر پارچە خەت يېزىپ لىپاپىلاپ ئاغزىنى چىڭ يەملىگەندىن كېيىن كېلىپ تاڭ سەنزاڭنى تۈۋرۈكتىن بوشاتتى.

− مېنى قۇتۇلدۇرغانلىرىغا كۆپ رھمەت، شەپقەتچىم، − دېدى تاڭ سەنزاڭ خەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، − خەتنى چوقۇم شاھ ئاتىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بىراق، ئون نەچچە يىللاپ كۆرۈشمىگەچكە، ئاتا - ئانىلىرى سىلىنى يادىغا ئالالماي قالارمىكىن؟

− كېرەك يوق. شاھ ئاتامنىڭ ئوغلى يوق. بىز پەقەتلا ئۈچ ئاچا - سىڭىل، ئۇ خەتنى كۆرسىلا يادىغا ئالالايدۇ.

تاڭ سەنزاڭ خەتنى يېڭىگە سېلىپ، مەلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن مېڭىشقا تەمشەلدى.

− ئالدى ئىشىكتىن چىقىپ كېتەلمەيلا، ھەزرىتىم، − دېدى مەلىكە دەرھال ئۇنىڭ يېڭىدىن تارتىپ، − ئالۋاستىلار سىرتتا سىلىنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ كەتسىلە.

تاڭ سەنزاڭ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەلىكىگە تەزىم قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى - دە، ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ، يالغۇز كېتىشكە پېتىنالماي، چاتقاللىق ئارىسىغا مۆكۈنۈپ ياتتى.

مەلىكە تاڭ سەنزاڭنى ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن كۆڭلىگە بىر ئەپچىل پىلان پۈكتى - دە، دەرھال سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقتى. بۇ چاغدا جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ ئالۋاستىلار بىلەن ئاسماندا قاتتىق ئېلىشىۋاتاتتى.

− سېرىق تونلۇق بېگىم ! − مەلىكە ئېرىگە قاراپ ۋارقىرىدى.

ئالۋاستىلارنىڭ ئاتامانى مەلىكىنىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ جۇ باجيې ۋە شاسېڭ بىلەنمۇ كارى بولماستىن، بۇلۇت بىلەن يەرگە قايتىپ چۈشتى ۋە مەلىكىنى قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرۇپ:

− نېمە گېپىڭىز بار ئىدى، خوتۇن؟ − دەپ سورىدى.

مەلىكە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېدى:

− ھەي بالىلارنىڭ دادىسى، باياتىن ئۇخلاۋېتىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە ئالتۇن ساۋۇتلۇق بىر ئەۋلىيانى كۆرۈپتىمەن.

− ئالتۇن ساۋۇتلۇق ئەۋلىيا بۇ يەرگە نېمىدەپ كەپتۇ؟

− كىچىك چېغىمدا، ئەگەر چوڭ بولۇپ ياتلىق قىلىنسام مىڭشەن تېغىغا چىقىپ ئەۋلىيالارغا تاۋاپ قىلىمەن، راھىبلارغا سەدىقە بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغانىدىم. سىلى بىلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغاندىن بېرى ئىناق ۋە شاد - خۇرام ئۆتكەچكە، بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىغانىدىم. باياتىن ئالتۇن ساۋۇتلۇق ئەۋلىيا، بەرگەن ۋەدەڭنى ئاقلىمامسەن، دەپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. كۆزۈمنى ئاچسام چۈشۈم ئىكەن. شۇڭا بىگۇناھ باغلاپ قويغان ھېلىقى راھىبقا رەھىمدىللىك قىلىپ ئۇنى كەچۈرۈم قىلىشلىرىنى ئۆتۈنۈپ كەلگەنىدىم. بۇمۇ راھىبقا خەيرخاھلىق قىلىپ، ۋەدەمنى ئادا قىلغىنىم بولۇپ قالسا، بۇنىڭغا ماقۇل بولارلىمۇ؟

− ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىكەنغۇ بۇ ! − دېدى ئالۋاستى، − ئادەم يەيمەن دېسەم ماڭا كەملىك قىلارمىدى، بىر - ئىككى شەيخ دېگەن نېمىدى؟ ئۇنى قويۇۋېتىمەن دېسىڭىز قويۇۋېتىۋېرىڭ !

− ئۇنداق بولسا ئۇنى ئارقا ئىشىكتىن قويۇۋېتەي.

− قويۇۋەتسىڭىزلا بولمىدىمۇ، ئالدى ئىشىك بىلەن كەينى ئىشىكنىڭ نېمە پەرقى !

شۇ گەپتىن كېيىن ئالۋاستىلار ئاتامانى قولىدىكى قىلىچىنى تاشلىۋېتىپ، ئاسمانغا قاراپ ۋارقىرىدى:

− ھەي جۇ باجيې، بۇياققا چۈش، مەن بىلەن ئېلىشىشتىن قورقتىمىكىن دەپ قالما، خوتۇنۇمنىڭ يۈزىدىن ئۇستازىڭغا رەھىم قىلدىم. تېزرەك ئارقا ئىشىككە بېرىپ ئۇنى تېپىپ يولۇڭلارغا مېڭىڭلار، تەۋەيىمگە قايتا ئاياغ باسقۇچى بولماڭلار. ئەمدى قولۇمغا چۈشۈپ قالساڭلار چايناپ پۈركۈۋېتىمەن !

بۇ گەپنى ئاڭلاپ جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ ئەزرائىل ئالدىدىن يېنىپ چىققاندەك يېنىكلەشتى - دە، ئالمان - تالمان ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ، ئاتنى يېتىلەپ، ئارقا ئىشىككە بېرىپ تاڭ سەنزاڭنى چاقىردى.

تاڭ سەنزاڭ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، چاتقاللىق ئارىسىدىن جاۋاب بەردى. شاسېڭ ئۇستازىنى چاتقاللىقتىن تارتىپ چىقىرىپ ئاتقا مىنگۈزدى.

جۇ باجيې ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى، شاسېڭ ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ كەينىدىن ماڭدى. ئۇلار قارىغايزارلىقتىن ئۆتۈۋاتقاندا، جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشىپ جېدەللىشىشكە باشلىدى. تاڭ سەنزاڭ ھە دەپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلاتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، ئىككى يۈز توقسان توققۇز چاقىرىم يول يۈرگەندىن كېيىن باۋشياڭ مەملىكىتىگە يېتىپ باردى.

ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، تاڭ سەنزاڭ دەرۋازا بېگىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:

− پېقىر تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن راھىب بولىمەن. پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، تاپشۇرىدىغان خەت بار ئىدى.

دەرۋاز بېگى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ مەلۇم قىلدى:

− سەلتەنەتلىك شاھ ئالىيلىرى، تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن بىر مۆتىۋەر راھىب ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ، جانابلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان خەت بار ئىكەن.

پادىشاھ بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى ۋە مۆتىۋەر راھىب دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دەرھال كىرىشكە ئىجازەت بەردى.

تاڭ سەنزاڭ پادىشاھ ئولتۇرغان ئالتۇن پەشتاق ئالدىغا كېلىپ ئالىي ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن سالام بەردى. پادىشاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلىپ تۇرغان ئەلەمدار - قەلەمدار بەگ - سىپاھلار تاڭ سەنزاڭنىڭ قائىدە - يوسۇنلۇق ئېسىل زات ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇشۇپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى.

− ھەزرىتىم، مەملىكىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىپتىلا؟ − دېدى پادىشاھ.

− پېقىر تاڭ سۇلالىسىنىڭ راھىبى بولىمەن. ئەلنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن غەربىي دىياردىن مۇقەددەس نومنى ئەكېلىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان يولخېتىممۇ بار. جانابلىرىنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرماقچىدىم، مالال قىلغان بولسام كەچۈرگەيلا.

− خوش، تاڭ پادىشاھىنىڭ يولخېتى بولسا، بىر كۆرۈپ باقاي.

تاڭ سەنزاڭ يولخېتىنى پادىشاھقا قوش قوللاپ سۇندى.

پادىشاھ ئۇنى شىرەگە يېيىپ ئوقۇدى. يولخېتى مۇنداق يېزىلغانىدى:

جەنۇبىي جامبۇدۋىپادىكى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شۇنداق ئىسپات بېرىدۇلەركى، شۈەن زاڭ ھەزرەتنى تۈمەنمىڭ تاغۇدەريالارنى بېسىپ، بۇددا نومىنى ئەكېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەۋەتتىم. قوشنىمىز بولغان غەربىي دىياردىكى ھەرقايسى ئەللەردىن ئۆتكەندە شاپائەت كۆرسىتىپ سەپىرىگە ئاسانلىق بېرىشىڭلارنى سەمىمىي ئۆتۈنىمەن.

بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگۇەن 13 - يىلى

(ئىسپاتنامىگە توققۇز تامغا بېسىلغان)

پادىشاھ ئىسپاتنامىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئىمزاسىنى قويۇپ تاڭ سەنزاڭغا قايتۇرۇپ بەردى.

تاڭ سەنزاڭ پادىشاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يولخېتىنى يېنىغا سالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

− پېقىر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولغان بىر پارچە خەتنىمۇ ئالغاچ كېلىۋىدىم.

− قانداق خەت؟ − دېدى پادىشاھ خۇشال بولغان ھالدا.

تاڭ سەنزاڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− جانابلىرىنىڭ ئۈچىنچى مەلىكىسىنى ۋەنزى تېغىنىڭ ئورغاق ئاي غارىدىكى سېرىق تونلۇق ئالۋاستى ئېلىپ كەتكەن ئىكەن. پېقىر ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۆزلىرىگە يازغان بىر پارچە خېتىنى ئالغاچ كەلدىم.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھ كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ھالدا سۆزلەپ كەتتى:

− ئون ئۈچ يىل ئىلگىرى مەلىكە يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن قول ئاستىمدىكى ۋەزىرلەرنىڭ بىرقانچىسىنى مەنسىپىدىن ئېلىۋەتتىم، ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى قانچە - قانچىلىغان دېدەك ۋە ھەرەمئاغىلىرىنى جېنىدىن جۇدا قىلدىم. ھەممىسى قىزىمنى ئوردىدىن چىقىپ كېتىپ يولدىن ئېزىپ يوقىلىپتۇ دېيىشتى. قەلئەدىكى سانسىزلىغان ئاۋام خەلقتىن سۈرۈشتە قىلدۇق، زادى ئىز - دېرىكى بولمىدى. ئالۋاستىنىڭ تۇتۇپ كەتكىنىنى نەدىن بىلەي !

تاڭ سەنزاڭ خەتنى يېڭىدىن چىقىرىپ پادىشاھقا بەردى. پادىشاھ خەتنى قولىغا ئېلىپ ئۈستىدىكى «تىنچ - ئامانلىق» دېگەن سۆزنى كۆرۈپلا خەتنى ئاچالماي قالدى ۋە مىرزا بېگىنى چاقىرىپ خەتنى ئوقۇشقا بۇيرۇدى. سارايدىكى بارلىق ئەلەمدار - قەلەمدار بەگ - سىپاھلار ۋە ئارقا سارايدىكى كىچىك خانىش - كېنىزەكلەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇلاق سالدى. مىرزا بېگى خەتنى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى.

خەت مۇنداق يېزىلغانىدى:

«كەمىنە ۋاپاسىز قىزىڭلار بەي خۇاجەي قەدىردان شاھ ئاتامنىڭ، مېھرىبان خانىش ئانامنىڭ ۋە بارلىق ئوردا بەگلىرىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يۈز مىڭلارچە سالام يوللايمەن ! بەختسىز قىزىڭلارنى دەپ چەككەن ھېسابسىز جاپايىڭلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مىننەتدارمەن. ئەپسۇسكى، مەن بەخت ۋە خۇشاللىقلارغا ھەمدەم بولۇپ، ۋاپادارلىق كۆرسىتەلمىدىم. ئون ئۈچ يىل ئىلگىرىكى تاۋۇز چاغىنىنىڭ قۇتلۇق كۈنلىرىدە، شاھ ئاتامنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مول مەئىشەتلەردىن تويۇنۇپ، كەچ گۇگۇمدىن تاكى تاڭغىچە ئۇلىشىدىغان قايناق بەزمىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئاي سەيلىسى قىلىۋاتقىنىمدا، ئۇشتۇمتۇت بىر سەلكىن شامال كېلىپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدىغان، يۈزلىرى كۆكۈچ، چاچلىرى كۈل رەڭ بىر ئالۋاستى پەيدا بولدى - دە، مېنى چاڭگاللاپ كۆتۈرگىنىچە ئادەمزاتسىز قاقاس تاغلىق ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى ۋە مېنى زورلۇق بىلەن خوتۇن قىلدى. ئون ئۈچ يىلدىن كېيىن ئالۋاستى پۇشتىدىن بولغان ئىككى بەتبەشىرە پەرزەنت كۆردۈم. شۇنداق قىلىپ، مەن ئىنسانىي سۈپىتىمنى يوقاتتىم. سىلەرگە خەت يېزىشقا ئىززەت - نەپسىم يول قويمىدى. ئۆلگىنىمدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلار سىلەرگە ئاشكارا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاتا - ئانامنى سېغىنىپ، قايغۇ - ھەسرەت ئىچىدە قان يىغلاۋاتقان چېغىمدا، ئويلىمىغان يەردىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەۋلىيا راھىبىنى بۇ يالماۋۇز تۇتۇپ كەپتۇ. مەن قان - ياش بىلەن تولغان ئۇشبۇ خەتنى يېزىپ، ئۇنى قويۇۋەتتىم ۋە ئۇنىڭغا خەتنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدىم. شاھ ئاتا، ئەگەر قىزىڭىزغا ئىچ ئاغرىتسىڭىز، نۆكەرلىرىڭىزنى ۋەنزى تېغىدىكى ئورغاق ئاي غارىغا ئەۋەتىڭ. سېرىق تونلۇق ئالۋاستىنى تۇتۇپ، مېنى ئوردىغا قايتۇرۇپ كېتىڭ.

سىلەرنى چەكسىز سېغىنىپ، ئالىي ئېھتىرام بىلەن ئالدىراش سالام يوللىغۇچى: قارايۈز قىزىڭلار بەي خۇاجەي»

مىرزا خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، خانىش ۋە كېنىزەكلەر ئەلەملىك ياشلىرىنى تۆكتى، ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ يۈرەكلىرى ھەسرەت ئوتىدا ئۆرتەندى، پۈتۈن ئوردىدا قايغۇرمىغان بىرمۇ ئىنسان قالمىدى.

پادىشاھ بىرئاز يىغا - زارە قىلغاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەرگە قاراپ مۇنداق دېدى:

− ئەسكەر باشلاپ بېرىپ ئالۋاستىنى يوقىتىپ، بەي خۇا مەلىكىنى قۇتۇلدۇرۇشقا قايسىڭلار بارىسىلەر؟

ھېچكىمدىن سادا چىقمىدى. پادىشاھ بىرقانچە قېتىم سورىغاندىمۇ سەردارلار قاتۇرۇپ قويغان بۇتتەك لام - جىم دېمەي تۇرۇۋالدى. بۇنىڭدىن پادىشاھنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بىئارام بولۇپ، كۆز ياشلىرى سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن ئوردا ئەمەلدارلىرى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلىپ شۇنداق دېدىكى:

− ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، مەلىكە غايىب بولۇپ ئون ئۈچ يىلغىچە بىرەر دېرىكى بولمىغان، مانا ئەمدى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەۋلىيا راھىبى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، بۇ خەتنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئادەملىرىمىز تولىمۇ ناقابىل، ئاتلىرىمىز ئاجىز بولغاننىڭ ئۈستىگە، جەڭگىمۇ ماھىر ئەمەسمىز، قورغان ۋە بارگاھلاردا تۇرۇپلا ئۆز ئېلىمىزنى قوغداشقا قادىرمىز. ئۇ ئالۋاستى بولسا بۇلۇت ۋە تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلالايدۇ. مەلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭغا تەڭ كېلىشمۇ زادى مۇمكىن ئەمەس. شەرقىي دىياردىن كەلگەن بۇ راھىب ئەۋلىيالار نەسلىدىن بولغاچقا، جىن - شاياتۇنلارنى بويسۇندۇرۇشتا ئۇنىڭ چوقۇم ئامالى بار، بىز مەلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىپ كۆرەيلى !

پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال تاڭ سەنزاڭغا بۇرۇلۇپ مۇنداق دېدى:

− ھەزرىتىم، ئەگەر ئامال قىلىپ قىزىمنى ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ بېرەلىسىلە، غەربىي دىيارغا بېرىپ تاۋاپ - تىلاۋەت قىلىپمۇ يۈرمەي، راھىبلىقتىن باش تارتسىلا، بىز ئاغا - ئىنى بولايلى، شاھلىق تەختىدە بىرگە ئولتۇرۇپ بەخت - سائادەت ھۇزۇرىنى تەڭ سۈرەيلى، قانداق دەيدىلا؟

− يوقسۇ، − دېدى تاڭ سەنزاڭ دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، − مەن بۇددا ئەقىدىلىرىدىنلا يۈزەكى خەۋەردارمەن. ئالۋاستىنى بويسۇندۇرۇش زادى قولۇمدىن كەلمەيدۇ.

− ئالۋاستىلارنى بويسۇندۇرالمىسىلا، غەربىي دىيارغا قانداق يېتىپ بارالايدىلا؟

− راستتىنى ئېيتسام، مەن بۇ يەرگە يالغۇز - يېگانە كەلمىدىم، − دېدى تاڭ سەنزاڭ ئامالسىز ئىككى شاگىرتىنىڭ گېپىنى چىقىرىپ، − ئىككى شاگىرتىم يول باشلاپ ماڭغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يەرگە ساق - سالامەت كېلەلىدىم.

− شەيخىم، تولىمۇ قىزغانچۇق ئىكەنلا، نېمىشقا شاگىرتلىرىنى بىللە ئەكىرىپ مەن بىلەن كۆرۈشتۈرمەيدىلا؟ ئالاھىدە كۈتۈۋالالمىساقمۇ، بارنى تەڭ يەيتتۇق ئەمەسمۇ؟

− ئۇنداق بولامدىغان، شاھىم، چوڭ شاگىرتىمنىڭ ئىسمى جۇ باجيې بولىدۇ، ئۇ ئۇزۇن تۇمشۇق، سالپاڭ قۇلاق، باداڭ قورساق، يول ماڭسىمۇ ئالچاڭلاپ ماڭىدىغان بەتبەشىرە بىر مەخلۇق؛ ئىككىنچى شاگىرتىمنىڭ فامىلىسى شا، دىنىي ئىسمى ۋۇجىڭ راھىب، بويى ئىككى گەز، گەۋدىسى تامدەك، يۈزلىرى تەڭنىدەك، كۆزلىرى پالىلداپ تۇرىدىغان، تاماق چىش بىر مەخلۇق. ئۇلارنى بۇ ئەپتى بىلەن ئوردىغا ئەكىرىشكە خىجىل بولدۇم.

− مانا - مانا، سىلىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ قىياپىتى بىلەن تونۇشتۇق. ئەمدى قورقىدىغان ھېچنېمىسى يوق. قېنى ئۇلارنىمۇ چاقىرايلى !

پادىشاھ جۇ باجيې بىلەن شاسېڭنى چاقىرىشقا بۇيرۇق قىلدى.

جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئات ۋە يۈك - تاقلىرىنى دەڭگە تاشلاپ قويۇپ، يان قوراللىرى بىلەن ئوردىغا كىردى ۋە پادىشاھ ئولتۇرغان تەخت ئالدىغا كېلىپ: «بىز كەلدۇق» دېگىنىچە قەدەملىرىنى كېرىپ قايتا گەپ - سۆز قىلماستىن تىك تۇرۇشتى.

ئوردىدىكى بەگ - سىپاھلار ئۇلارنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشقان ھالدا مۇنداق دېيىشتى:

− توۋا، بۇ ئىككى سۆرۈن تەلەت شەيخنىڭ قوپاللىقىنى قارىمامدىغان، شاھىمىزغا تىز پۈكۈپ تەزىم قىلماي غادىيىپ تۇرۇشىدۇغۇ؟

− نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر؟ − دېدى جۇ باجيې ئۇلارنىڭ كوتۇلدىغىنىنى ئاڭلاپ قېلىپ، − بىزنى سەت دەۋاتامسىلەر؟ سەل تۇرۇپ چىرايلىق كۆرۈنۈپمۇ قالارمىز !

پادىشاھ بۇ ئىككىسىنىڭ تەلەتىدىن شۈركۈنۈپ تۇرغىنىدا جۇ باجيېنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ لاغىلداپ تىترەپ كەتتى ۋە ئورۇندۇقىدىن سەنتۈرۈلۈپ چۈشتى، بەختكە يارىشا يېنىدىكى ۋەزىر ئۇنى يۆلىۋالدى. تاڭ سەنزاڭ ھودۇققان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ باش ئۇرۇشقا باشلىدى:

− قۇدرەتلىك شاھىم، پېقىر ئالدىلىرىدا ئەيىبكارمەن ! شاگىرتلىرىمنىڭ تەلەتى بەكلا سەت، كۆرسىلە چۆچۈپ كېتەرلىمىكىن دېگەنىدىم. مانا ئەمدى دېگىنىمدەك بولدى.

پادىشاھ بەزگەكتەك تىترىگەن پېتى كېلىپ، تاڭ سەنزاڭنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە:

− ھەزرىتىم، ھېلىمۇ ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇپتىكەنلا، بولمىسا ئۇشتۇمتۇت كۆرگەن بولسام قورقۇپ جېنىم بىراقلا چىقىپ كېتەر ئىكەن، − دېدى ۋە بىرپەس تۇرۇۋالغاندىن كېيىن جۇ باجيې بىلەن شاسېڭغا قاراپ، − ھەزرەتلىرىمنىڭ قايسىسى ئالۋاستى تۇتۇشقا ماھىرئىكىن؟ − دەپ سورىدى.

− مانا مەن ئۇستا ! − دېدى جۇ باجيې دەلدۈشلەرچە كۆرەڭلەپ.

− خوش، ئۆزلىرىنىڭ قانداق كارامىتى بارئىكىن؟

− مەن ئەسلىي ئەرش سەركەردىلىرىدىن ئىدىم. تەڭرى ئالدىدا گۇناھ قىلغانلىقىم ئۈچۈن يەر يۈزىگە پالانغان، بۈگۈن قاباھەتتىن قول يۇيۇپ، راھىب بولدۇم. شەرقىي دىياردىن چىققاندىن بېرى، تۇنجى قېتىم يولۇققان ئالۋاستىنى ئۆزۈم يوقاتتىم.

− ئەرشتىن چۈشكەن بولسىلا، ھەر خىل ئۆزگىرىدىغان ماھارەتلىرىمۇ بار ئىكەن - دە !

− يوقسۇ، كۆپ ئەمەس، پەقەت بىرنەچچە خىللا ئۆزگىرىشنى بىلىمەن.

− خوش، ئۇنداق بولسا بىر ئۆزگىرىپ باقمامدىلا قېنى !

− ئۆزلىرى دېسىلە، دېگەنلىرى بويىچە ئۆزگىرپ بېرەي.

− باشقىسىنى قويۇپ، چوڭىيىپ باقمامدىلا.

جۇ باجيېمۇ ئوتتۇز ئالتە خىل ئۆزگىرىشنى بىلەتتى. گېزى كەلگەندە ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇ ئەخمەق ئەپسۇن ئوقۇپ «ئۇزار !» دەپ توۋلىدى. ئۇنىڭ بويى شۇئان سەككىز - توققۇز گەز ئېگىزلەپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئوردىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى لاغىلداپ تىترەپ كەتتى، بەزىلىرى قاققان قوزۇقتەق ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېتىپلا قالدى. بىرھازادىن كېيىن قەسىر سەركەردىسى ئەس - ھوشىنى يىغىپ جۇ باجيېدىن سورىدى:

− ھەزىرىتىم، شۇنداق ئۆسۈۋەرسىلە، ئۇزىراپ قەيەرگە بارارلا؟

جۇ باجيې يەنە ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى:

− بۇ شامالغا باغلىق ئىش، − دېدى ئۇ، − شەرق ۋە غەرب شامىلى چىقسا ئانچە ئەمەس، ئەگەر جەنۇب شامىلى چىقىپ قالسا ئاسماننىمۇ تېشىۋېتەلەيمەن.

− بولدى، ئۇزارمايلا قويسىلا، − دېدى پادىشاھ چۆچۈگەن ھالدا، − شۇنداق قىلالايدىغانلىقلىرىغا ئىشەندۇق.

جۇ باجيې بىرلا تۈگۈلۈپ ئەسلىي ھالىتىگە قايتتى.

پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن سورىدى:

− ھەزرىتىم، سىلى ئالۋاستىنى تۇتۇشقا قايسى قوراللىرىنى ئاپىرىدىلا؟

− مانا بۇ تىرنا مېنىڭ قورالىم، − دېدى جۇ باجيې بېلىگە قىستۇرۇقلۇق تىرنىسىنى ئېلىپ.

− بۇنىمۇ قورال دېگىلى بولامدۇ؟ − دېدى پادىشاھ كۈلۈپ كېتىپ، − مېنىڭ يېنىمدا گۈرزە، قىلىچ، نەيزە، پالتىدىن تارتىپ دەررە، قالقانغىچە ھەممىسى بار، تىرنىلىرىنى تاشلاپ خالىغان بىرنى تاللىۋالسىلا.

− سىلى بىلمەيدىلا، جانابىي ئالىيلىرى، بۇ تىرنا قوپال كۆرۈنگىنى بىلەن كىچىكىمدىن ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. ئەرشتىكى ۋاقتىمدا مەن بۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ سەكسەن مىڭ لەشكەرگە قوماندانلىق قىلغان. زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئۇستازىمنى قوغداشتا، يالماۋۇز، يىرتقۇچلارنى ئۇجۇقتۇرۇشتا بۇ تىرنا كارامەت ئەسقاتتى.

بۇ سۆزنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ چىرايىدا ئىشەنچ تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى ۋە دەرھال ئوردا مۇلازىم - كېنىزەكلىرىنى چاقىرىپ ئەڭ ئېسىل شارابتىن ئەكېلىشكە بۇيرۇدى. كېنىزەكلەر پادىشاھ ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان شارابنى كوزا بىلەن كۆتۈرۈپ چىقتى. پادىشاھ لىق شاراب تولدۇرۇلغان جامنى جۇ باجيېغا سۇنۇپ مۇنداق دېدى:

− ھەزرىتىم، بۇ سىلىنى جەڭگە ئۇزىتىش شارابى بولسۇن، ئالۋاستىنى تۇتۇپ، قىزىمنى قۇتۇلدۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن سىلىنى كاتتا زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالىمەن.

جۇ باجيې پادىشاھ سۇنغان شارابنى ئېھتىرام بىلەن قولىغا ئېلىپ تاڭ سەنزاڭغا قاراپ مۇنداق دېدى:

− ئۇستازىم، ئەسلىي بۇ تۇنجى قەدەھنى سىلى ئىچىشلىرى كېرەك ئىدى. لېكىن، پادىشاھ ئالىيلىرى ماڭا تۇتقانىكەن، ئۇنى قايتۇرسام ئەدەپسىزلىك بولار، شۇڭا بۇنى مەن ئىچىۋېتەي، بىرئاز قىزىۋالسام ئالۋاستىنى تۇتۇشقىمۇ ئاسان بولىدۇ.

جۇ باجيې جامدىكى شارابنى گۈپ قىلىپ كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يەنە بىرنى تولدۇرۇپ ئۇستازىغا سۇندى.

− مەن شاراب ئىچمەيمەن، ئىنىڭ ئىچسۇن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.

شاسېڭ كېلىپ شارابنى ئالدى.

شۇئان جۇ باجيېنىڭ پۇتى ئاستىدا بۇلۇت پەيدا بولدى - دە، ئاسمانغا لىككىدە ئۆرلەپ چىقىپ يۈرۈپ كەتتى.

− پاھ، بۇ ھەزرىتىم بۇلۇت ئۈستىدە پەرۋاز قىلىشنىمۇ بىلىدىكەن - دە ! − دېدى پادىشاھ ئۇنىڭغا قاراپ.

جۇ باجيې كەتكەندىن كېيىن شاسېڭ جامدىكى شارابنى ئىچىۋېتىپ مۇنداق دېدى:

− ئۇستازىم، ھېلىقى سېرىق تونلۇق ئالۋاستى سىلىنى تۇتۇۋالغاندا، بىز ئىككىمىز بىر بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ كۆرگەن، ئاغام يالغۇز بارسا تەڭ كېلەلمەي قالارمىكىن؟

− شۇنداق بولۇشى تۇرغان گەپ، شاگىرتىم، سەن بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەملەشكىن.

شاسېڭمۇ ئالمان - تالمان بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.

بۇنى كۆرۈپ قاتتىق ئالاقزادە بولغان پادىشاھ تاڭ سەنزاڭغا ئېسىلىپ مۇنداق دېدى:

− سىلىمۇ كېتىپ قالماي، ماڭا ھەمراھ بولسىلا، ھەزرىتىم.

− ۋاي - ۋۇي، نېمانچە قورقۇنچاقلىق قىلىدىغانلا، مەن بۇ يەردىن بىر قەدەممۇ يىراقلاپ كېتەلمەيمەن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ پادىشاھنىڭ بىچارە قىياپىتىگە قاراپ.

بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوردىدا مۇڭدىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى قويۇپ، گەپنى شاسېڭ بىلەن جۇ باجيېدىن ئاڭلايلى.

− ئاغا، مەنمۇ كەلدىم، − دېدى شاسېڭ جۇ باجيېغا يېتىشىۋالغاندىن كېيىن.

− سەن نېمىدەپ كەلدىڭ؟ − سورىدى جۇ باجيې.

− ئۇستازىم مېنى ياردەمگە ئەۋەتتى.

− ياخشى كەپسەن. ئىككىيلەن بىر بولۇپ ئالۋاستىنى تۇتۇپ كېلەيلى، باشقا ئىش قىلالمىساقمۇ، بۇ دۆلەتتە داڭقىمىز بولسىمۇ قالسۇن.

بىرئازدىن كېيىن ئۇلار غار ئالدىغا يېتىپ بېرىپ بۇلۇتتىن چۈشتى. جۇ باجيې تىرنىسىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئورغاق ئاي غارىنىڭ دەرۋازىسىغا كۈچەپ بىرنى ئۇردى. تاش دەرۋازىدىن توخۇنىڭ كۆزىدەك چوڭلۇقتا بىرنەچچە تۆشۈك ئېچىلدى. قورقۇپ كەتكەن ئالۋاستىچاقلار يۈگۈرگەن پېتى كىرىپ ئاتامانىغا خەۋەر يەتكۈزدى:

− چاتاق بولدى، پادىشاھ ئالىيلىرى، ھېلىقى ئۇزۇن تۇمشۇق، سالپاڭ قۇلاق شەيخ بىلەن سۆرۈن تەلەت شەيخ ئىككىسى كېلىپ دەرۋازىمىزنى چېقىۋەتتى.

− جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ يەنە كەپتۇ - دە، − دېدى ئالۋاستى، − مەن ئۇلارنىڭ ئۇستازىنى قويۇۋەتكەن تۇرسام، كېلىپ دەرۋازامنى چېقىۋېتىشكە نېمە ھەققى بار ئىكەن؟

− بىرەر نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ئالغىلى كەلدىمىكىن؟ − دېدى ئالۋاستىچاقلار.

− ھىم، ئۇششۇقلار، − دېدى ئالۋاستى، − بىرنەرسىسىنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ كېلىپ داۋراڭ كۆتۈرەمدۇ؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر سەۋەب بار.

ئۇ دەرھال ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىنى كىيىپ، قولىغا پولات قىلىچىنى ئېلىپ دەرۋازىدىن چىقتى ۋە:

− ئۇستازىڭلارنى قويۇۋەتكەن ئىدىمغۇ، يەنە نېمىدەپ كەلدىڭلار؟ − دېدى.

− ھەي ھـارامزادە جادۇگەر، نـاھايىتىمۇ ئوبدان ئىش قىپسەن ! − دەپ ۋارقىرىدى جۇ باجيې.

− نېمە ئىش قىپتىمەن؟

− سەن باۋشياڭ مەملىكىتىنىڭ ئۈچىنچى مەلىكىسىنى ئالداپ ئېلىپ كېلىپ زورلاپ خوتۇن قىلىۋاپسەن، يېنىڭدا ئون ئۈچ يىل ساقلاپ يېتىپ قايتۇرۇپ بەرمەپسەن. بۈگۈن مەن پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن سېنى تۇتقىلى كەلدىم. تېزرەك ئالدىمدا تىز پۈككىن، بولمىسا قولۇم تېگىپ كېتىپ قالىدۇ.

ئالۋاستى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، غەزەپتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ، تۆمۈر چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى ۋە قىلىچى بىلەن جۇ باجيېنىڭ بېشىغا قارىتىپ قاتتىق چاپتى. جۇ باجيې ئۆزىنى شاققىدە چەتكە قاچۇرۇپ، تىرنىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى. ئارقىدىن شاسېڭمۇ گۆھەر ھاسىسىنى ئىشقا سالدى. ئۇلار تاغ باغرىدا سەككىز - توققۇز مەرتىۋە ئېلىشقاندىن كېيىن، ھالسىرىغان جۇ باجېينىڭ تىرنىسىنى كۆتۈرۈشكىمۇ ماجالى يەتمەي قالدى. بۇ نۆۋەت ئۇلارنىڭ بوشىشىپ قېلىشىدىكى سىر شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، پاسىبان ئەۋلىيالار باۋشياڭ مەملىكىتىدە تاڭ سەنزاڭنى قوغداش بىلەن بولۇپ قېلىپ، بۇ ئىككىسىگە ياردەمگە كېلەلمىگەنىدى.

بۇ چاغدا جۇ باجيې قۇۋلۇق ئىشلىتىپ:

− شاسېڭ، سەن بىردەم ئېلىشىپ تۇرغىن، مەن ھاجەتكە بېرىپ كېلىۋالاي، − دېدى - دە، يۈز - كۆزلىرىنى تىكەنلەرنىڭ ئىلىپ يىرتىۋەتكىنىگە قارىماي، چاتقاللىق ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ يېتىۋالدى ۋە بىر قۇلىقىنى چىقىرىپ قويۇپ، سىرتتىكى ئۇرۇش ساداسىنى دىققەت بىلەن تىڭشىدى.

جۇ باجيېنىڭ تىكىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئالۋاستى شاسېڭغا ئېتىلدى. شاسېڭ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە ئالۋاستى ئۇنى كاپ قىلىپ قۇچاقلاپ غار ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ كەتتى. كىچىك ئالۋاستىلار ئولىشىپ كېلىپ شاسېڭنىڭ پۇت - قولىنى چەمبەرچاس قىلىپ باغلىۋەتتى. ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك