دەرد ئۆزۈڭدە، دەرمانمۇ ھەم
ۋاز كېچىپ بېرىش ھېچبىر زامان مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ چارىلىرىدىن بىرى بولغان ئەمەس ۋە بولالمايدۇ. ۋەھالەنكى ئاسارەت تارىخىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ بۈگۈنكىدەك مۈستەملىكىچىنى قۇتقازغۇچى ئورنىدا كۆرۈپمۇ، ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ، ياكى ئىتائەت قىلىپ «ئىسىم ۋە جىسىمىڭىز»نى ئۆزگەرتىپمۇ رازى قىلىپ بولالمايۋاتقان، دىنىغا، مىللىتىگە تەۋەلىك بىلدۈرۈپمۇ، قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا، تۇخۇم كاكىلاپ بېرىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىشتەك ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەربىر پەللىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «ۋاز كېچىپ بېرىش»، «چۈشۈپ بېرىش» ئاتلىق بالداقلاردىن ياسىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنى ھاياتلىق ئۆگزىمىزگە چىقىشنىڭ شوتىسى قىلىۋېلىشتىن، تىنچلىققا ئۆزلۈكنى تەسلىم قىلىش بەدىلىگە ئېرىشمەكچى بولۇش تەمەسىنى قىلىشتەك خام - خىياللاردىن پۈتۈپ چىققان رېئاللىق ئىكەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. مىللەت سۈپىتىدە پېشانىگە بېسىلغان ئاسارەت مۆھرى ئاشۇ تالايلىغان ۋاز كېچىپ بېرىشلەرنى شەرت قىلغان تىل خەتلەرنىڭ گۇۋاھلىق تامغىسى بولغانىدى.
ئاچچىق بولسىمۇ رېئاللىق شۇكى، ئاسارەتنىڭ باشلىنىشىدىن بۈگۈنگە قەدەر كەلگەن بارچە ئەۋلاد - نەسىللەر يىللار مابەينىدە يۇقىرىقى ھەر ئىككى نۇقتىدىن زىيان تارتىپلا كەلدۇق. قارايدىغان بولساق، ئىچىمىزدىن چىقىرىلغان «سەركە»لەر ۋاز كېچىپ بېرىشنىڭ بەدىلىنى ئۆزلىرى ئارزۇلىغان يېڭى باغۋەننىڭ قولىدا بوغۇزلىنىش بىلەن ئۆتىدى. ئۆلگەندىمۇ چىللاپ ئەمەس، چىللىتىلغان بولۇپ ئۆلتۈرۈلدى. توغرىسى نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن، ھېكمىتى بويىچە كوللېكتىپچە ئېلىپ بېرىلغان خاتا تاللاشنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى. «يېڭى باغۋەن»مۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ پەدىسىدە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپلا توختىمىدى. ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى بەرگىنى بىلەن روھىنى ئېلىپ قالدى. ئەپ قالغان بۇ سېسىق روھلارنى پادىلارغىمۇ ئابى كەۋسەر ئورنىدا دورا قىلىپ چاچتى، ئېزىپ ئىچۈردى. بۇ روھ كۈنى كېلىپ پادىلار ئۈچۈن چوقۇنىدىغان بۇتقا، مەنىۋى داھىيلارغا، ئۈلگىلىك قەھرىمانلارغا ئايلاندى. «قەھرىمانلار»مۇ پادىلارنىڭ كوللېكتىپ بوغۇزلىنىش نۆۋىتى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى قوتاندا سولاپ تۇرۇشقا خېلىلا تۆھپە يارىتالىدى. ساق قالغان پادىلارنى بەلگىلەنگەن سىزىقتىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇشى ئۈچۈن پەپىلەپ كۆندۈرۈشكىمۇ ئوبدانلا ئەسقاتتى. نەتىجىدە ئۆچرەت بىلەن نۆۋىتى يېتىپ كەلگەنلەر قۇربان بولۇپ مېڭىۋەردى. ئەمدىلىكتە ئۆچرەتمۇ ئېلىۋېتىلدى. قوتان كېڭەيتىلىپ دەڭگە، قەپەس چوڭايتىلىپ لاگېرغا ئايلاندى. ئۆچرەتسىز قەتلىئام ئاخىرىدا بۈگۈنكىدەك ھەر تەرەپتىن قىستاپ كېلىدىغان بولدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.
ۋاز كېچىپ بېرىش ئەسلا چارە قىلغانلىق، چۈشۈپ بەرگەنلىك ئەسلا تەدبىر ئىشلەتكەنلىك ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە چارە - تەدبىر «ئىلاجسىزلىق» باھانىسىدە ۋاز كېچىپ بېرىشتە ئەمەس، ئىچ - ئىچىدىن قېتىپ پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇشتا، ئورۇنسىز تېيىلىپ بېرىشتە ئەمەس، زەبەردەست تۇرۇشتا ئىدى. سىياسىي سىزىقتىن كۈلتۈرەل سىزىققىچە، ئەقىدە چەك - چېگراسىدىن مەدەنىيەت پاسىللىرىمىزغىچە بۇزۇپ تاشلىنىشىغا ئەنە شۇ قەدەممۇقەدەم چۈشۈپ بېرىشلەر، بىر - بىرلەپ ۋاز كېچىپ بېرىشلەر، لايىقىدا ئۆزئارا ئىگە چىقماسلىقلار يېشىل چىراغ بولۇپ بەردى. ئاقىۋەت نېمە بولدى؟ ھەممىنى تارتقۇزۇپ قويدۇق. جىسمىمىز ساقلا بولسا ھازىرچە روھىمىزنى تەسلىم قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئاستا - ئاستا ئۆزىمىزگە كېلىۋالالايمىز دېدۇق-يۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ ماھىيەتتە تەسلىمىيەتچىلىكنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىدۇق. چۈشۈپ بەردۇق-يۇ، تارتقۇزۇپ قويغانلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىنى كۈتكىنىمىزدەك قايتۇرۇپ ئالالمىدۇق. ئېرىشكەنلىرىمىز ھېچنېمە ئەسلىگە كەلمەسكە ماڭىدىغان تەرزدە تۈگەل نابۇتلۇق، نوقۇل زىيان تارتىش بولۇپلا كەلدى. سۇنماس ھەقىقەت شۇ ئاچچىق دەرسنى بەردىكى، پىرىنسىپلىرىدىن ۋاز كېچىپ بېرىش تىرىك قېلىشنىڭ يولى ئەمەس ئىكەن. بەلكى بۇ ئۆلتۈرۈلۈش بىلەن ئۆلۈۋېلىش ئارىسىدىكى تاللاشتا نومۇسى بىلەن ئۆلۈشتىن نومۇسسىزچە ئۆلۈشنى ئەلا بىلىشتەك تاللاش مەسىلىسى ئىكەن. ئېچىنارلىقى ھەر ئىككى تاللاشنىڭ قايسىسىغا بارمايلى، ئالىدىغان نېسىۋە ئاقىۋەتتە ئوخشاشلا ئۆلۈم. چىقىدىغان نەتىجە بەرىبىر زىيان تارتىشتىن باشقا ئەمەس ئىكەن.
خوش، ئۇنداقتا چۈشۈپ بېرىش بەدىلىگە ئېرىشىدىغان نەتىجە زىياندىن باشقا نەرسە بولمىغان ئىكەن، ئەجەبا بىزنىڭ زامانىمىز كەلمەستىلا بۇنىڭدىن نەچچە ئەۋلاد بۇرۇنلا كوللېكتىپ دەرس چىقىرىپ بولۇشىمىز، كېيىنكى بىزلەرمۇ بۇلاردىن ئىبرەت - ساۋاق ئېلىپ بولۇشىمىز كېرەك ئەمەسمىدى؟ ۋاز كېچىپ بېرىشنى چىقىش يوللىرىدىن بىرى قىلىش ئورنىغا ئىمان قەلئەسىنى پۇختىلاش، ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەدە زەبەردەس تۇرۇش، نېمىلا تاللاش ئالدىمىزغا تاشلانسۇن، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە چىڭ تۇرۇش، دۇچ كەلگەن ھەر تۈرلۈك كىرىزىسلاردا ۋاز كېچىپ بېرىش ئورنىغا مۇستەھكەم تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بۇنىڭدىن كېلىدىغان سىناقلارنى ۋاقتى كەلسە سەۋر ماقامىدا تۇرۇپ كوللېكتىپ ھالدا تەڭ بېرىش، ھەقىقەت يولىدىكى بەدەللىرىمىزنى غەيرەت - شىجائەت بىلەن قەھرىمانلارچە ئۆتەشنى بۇرۇچ بىلىشىمىز ۋە گېزى كەلگەندە بۇ يولدا شەرەپ بىلەن ئۆلۈشنى خارۇزارلىق ئىچىدە ئىڭراپ ياشاشتىن، مەجبۇر ئۆلۈمگە قىستىلىشتىن، جان تالىشىپ ئۆتۈشتىن ئەلا بىلىشىمىز كېرەك ئەمەسمىدى؟
دەرھەقىقەت، شىددەتلىك زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىدىن كېيىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تۇرغان ئايدىڭلىق بىزنى ھېلىھەم كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بىراق مەلۇم بولماقتىكى ئىنسانلىقىمىزنى ئاللىبۇرۇن خەتەر رايونىغا ئەكىرىپ قويۇپ، جىسمىمىزنى، قۇرۇق ئىسكىلىتىمىزنى ئېلىپ قېچىش كويىدا يۈرمەكتىمىز. روھىمىزنى گۆرۈگە قويۇپ تۇرۇپ ئالغان بۇ قېچىش قارارىنىڭمۇ خاتا تاللاشلارنىڭ داۋامى ھەمدە ئەڭ قورقۇنچلىقى ئىكەنلىكىگىمۇ دىققەت ئېتىبارىمىز تايىنلىقتەك، ئىبرەت - ساۋاق ئالغۇدەك ھالىمىزمۇ چاغلىقتەك. ھالبۇكى، ھاياتلىق دەستۇرىمىز نۆۋەتتىكى سەكراتلىق ھالىتىمىزگە قارىماي، ئۆزىنىڭ جاراڭلىق سادالىرى بىلەن ھەربىرىمىزنى مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىمىزدا توغرا تاللاشقا ئىگە بولۇشقا ۋە ھەقىقەت تامان ئىلگىرىلەپ زىياننى تەكرار سادىر قىلماسلىققا شۇ تەرزدە چىللاپ كەلمەكتە ئىدى: ئەي مىللەت! بەس يېتەر، ئويغان، دەس تۇرغىن! «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدە. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان تارتمايدۇ». [سۈرە ئەسىر].
-بۇرھان مۇھەممەد
Yorumlar
Yorum Gönder