غەربكە ساياھەت - يەتمىش سەككىزىنچى باب
يەتمىش سەككىزىنچى باب
بىچيۇدىكى بىچارە بالىلارغا جەھەننەم تەڭرىلىرى ئەۋەتىلگەنلىكى
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يالماۋۇزنى تونۇپ ئەخلاق ئۈستىدە گەپ ئاچقانلىقى
ئەلقىسسە، سۇن ۋۇكۇڭ مىڭبىر مۇشەققەتلەرنى چەكتى، تاتھاگاتونى چاقىرىپ كېلىپ ئالۋاستىلارنى تۇتۇپ، ئۇستازى ۋە ئىنىلىرىنى خەۋپتىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن شىرتۆگە شەھىرىدىن ئايرىلىپ غەربكە قاراپ يول ئالدى. ئۇلار بىرقانچە ئاي يول يۈردى، شۇ ئارىلىقتا قىش كىردى. ئۇلار سوغۇققا، بوران - شىۋىرغانغا قارىماي يولنى داۋام ئەتتى. بىر چاغدا بىر شەھەر كۆرۈندى. شەھەرگە كىرىپ، ئاپتاپتا تامغا يۆلىنىپ ئۇخلاۋاتقان بىر بوۋاينى كۆردى. سۇن ۋۇكۇڭ يېقىن بېرىپ ئۇنى سىلكىپ: «بېگىم !» دېۋىدى، بوۋاي چۆچۈپ ئويغاندى، چالا ئۇيقۇلۇقتا كۆزىنى ئېچىپ سۇن ۋۇكۇڭنى كۆرۈپلا تىزلىنىپ باش قويۇپ: «غوجام !» دېدى. سۇن ۋۇكۇڭ:
− ئۇنچىلا ھولۇقماڭ، مەن يامان نىيەتلىك تەڭرى بولمىسام، نېمىشقا «غوجام» دەيسىز ! − دېدى.
− سىلى چاقماق ھەزرەت بولامدىلا؟ − دېدى بوۋاي باش قويۇپ تۇرۇپ.
− بىلجىرلىماڭ. پېقىر شەرقىي دىياردىن غەربىي دىيارغا بۇددا نومىنى ئالغىلى كېتىۋاتقان شەيخ بولىمەن. بۇ يەرگە ھازىر كېلىشىمىز، سىزدىن بۇ جاينىڭ ئىسىمىنى سوراپ كېلىۋىدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
بوۋاينىڭ كۆڭلى شۇندىلا ئورنىغا چۈشتى. ئۇ راسا ئەسنەپ ئورنىدىن تۇردى - دە، كېرىلىپ - سوزۇلۇپ:
− دەرۋىش، دەرۋىش، پېقىرنى ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز. بۇ جاي بۇرۇن بىچيۇ دۆلىتى ئىدى. ھازىر بالا شەھىرىگە ئۆزگەردى، − دېدى بوۋاي.
− دۆلىتىڭلاردا پادىشاھ بارمۇ، يوق؟ − دەپ سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بار ! بار ! بار ! − دېدى بوۋاي.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇرۇلۇپ تاڭ سەنزاڭغا مۇنداق دېدى:
− ئۇستاز، بۇ شەھەرنىڭ نامى ئىلگىرى بىچيۇ دۆلىتى ئىكەن، ھازىر بالا شەھىرىگە ئۆزگىرپتۇ. نېمىشقا بۇنداق ئۆزگەرتىلدىكىنتاڭ.
تاڭ سەنزاڭ دەرگۇمان بولۇپ مۇنداق دېدى:
− دەسلەپتە بىچيۇ دەپ، كېيىن نېمىشقا بالا شەھىرى دەۋالغاندۇ ...
− بەلكىم بىچيۇ دۆلىتىنىڭ پادىشاھى تەختتىن چۈشكەن بولسا، يېڭىدىن پادىشاھ بولغۇچى بىر بالا بولسا كېرەك. شۇڭا، بالا شەھىرى دېگەن بولۇشى مۇمكىن، − دېدى جۇ باجېي.
− شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ! شۇمۇ گەپمۇ ! بىز شەھەرگە كىرىپ ئوبدانراق ئۇقۇشۇپ باقايلى، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− شۇنداق قىلايلى. بىرىنچىدىن، بوۋاي بىلمەسلىكى مۇمكىن؛ ئىككىنچىدىن، ئاغامدىن قورقۇپ يالغان ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن. شەھەرگە كىرىپ ئۇقۇشايلى، − دېدى شاسېڭ.
ئۇلار ئۈچ قاتار دەرۋازىدىن كىرىپ شەھەر كوچىلىرىنى تاماشا قىلدى. قارىسا، كىشىلەرنىڭ كىيىم - كېچىكى جايىدا، پاكىز ئىدى. ئۇستاز ۋە شاگىرتلار ئاتنى يېتىلەپ، يۈك - تاقلارنى كۆتۈرۈپ شەھەر كوچىسىنى خېلى ئۇزاق ئايلاندى، ئەمما جۇشقۇن، گۈللەنگەن مەنزىرىنى چېلىقتۇرمىدى. بىرلا يېرى، ھەممە ئۆينىڭ ئىشىكىدە بىردىن قەپەس ئېسىقلىق تۇراتتى.
− شاگىرتلىرىم، بۇ يەردە كىشىلەر ئىشىكىگە قەپەس ئېسىۋالىدىكەن، بۇ نېمە ئىشتۇر؟ − دېدى تاڭ سېڭ.
جۇ باجيې بۇنى ئاڭلاپ ئەتراپىغا قارىسا، دېگەندەك قەپەسلەر قاتار ئېسىۋېتىلگەن ۋە رەڭدار تاۋاردا يېپىلغانىدى. بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ:
− ئۇستاز، قارىغاندا بۈگۈن بىر خاسىيەتلىك كۈن ئوخشايدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ توي - تۆكۈن ياكى بىرەر مەرىكىگە تەييارلىغان سوۋغىسى بولسا كېرەك، − دېدى.
− كاپشىما ! ھەممە ئادەم سوۋغا ئاپىرىدىغان ئىش نەدە ! بۇنىڭدا چوقۇم بىر سەۋەب بار. مەن بېرىپ كۆرۈپ كېلەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− سەن بارما، بۇ بەشىرەڭنى كۆرسە كىشىلەر سەندىن قېچىشى مۇمكىن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ ئۇنى تارتىپ.
− مەن ئۆزگىرىپ باشقا سىياقتا بارىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇن ۋۇكۇڭ بىر ئەپسۇن ئوقۇدى، بىر دومىلاپلا بال ھەرىسىگە ئايلىنىپ ئۇچۇپ يوپۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىسا، قەپەستە بىر بالا ئولتۇراتتى. ئىككىنچى قەپەسكە بارسا ئۇنىڭدىمۇ بالا بار ئىدى. شۇ تەرىقىدە سەككىز - توققۇز قەپەسكە قاراپ باقسا ھەممىسىدە ئوغۇل بالىلار ئولتۇراتتى، بىرمۇ قىز بالا كۆرۈنمەيتتى. بەزى بالىلار قەپەستە ئولتۇرۇپ ئويناۋاتاتتى، بىرلىرى يىغلاۋاتاتتى، بىرلىرى مېۋە - چېۋە يەۋاتاتتى، گاھىلىرى بولسا ئۇخلاۋاتاتتى. سۇن ۋۇكۇڭ بۇلارنى كۆرۈپ بولۇپ ئەسلىي قىياپىتىگە كىرىپ، تاڭ سېڭنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
− قەپەسنىڭ ھەممىسىدە چوڭى يەتتە ياش، كىچىكى بەش ياشتىكى كىچىك بالىلار ئولتۇرىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇنداقلىقىنى بىلمىدىم.
تاڭ سەنزاڭ بۇنى ئاڭلاپ ئويغا چۆمدى. ئۇنىڭ كۆزى توساتتىن بىر دەرۋازىغا چۈشتى. سېرىق دەرۋازىلىق بۇ جاي ساراي ئىدى. تاڭ سېڭ خۇش بولۇپ:
− شاگىرتلىرىم، مۇشۇ سارايغا كىرەيلى. بىرىنچىدىن، بۇ جاينى ئۇقۇشايلى؛ ئىككىنچىدىن، ئاتنى ئارام ئالدۇرايلى؛ ئۈچىنچىدىن، كەچمۇ كىرىپ قالدى، بىر كېچە قونايلى، − دېدى.
− شۇنداق قىلايلى، شۇنداق قىلايلى، تېزرەك كىرەيلى، − دېدى شاسېڭ. تۆتەيلەن سارايغا خۇشال - خۇرام كىردى، ساراي خىزمەتكارلىرى سارايۋەننى چاقىردى. ئۇلار كىرىپ كۆرۈشۈپ، جاي ئېلىشقاندىن كېيىن سارايۋەن سورىدى:
− دەرۋىشلىرىم، قەيەردىن كېلىشتىلە؟
− كەمىنىڭىز شەرقىي دىياردىكى ئۇلۇغ تاڭ دۆلىتىدىن غەربكە بۇددا نومىنى ئالغىلى كېتىۋاتقانلارمىز. بۈگۈن ھۇزۇرىڭىزغا يولخېتى ئالماشتۇرۇش ۋە بىر كېچە قۇنۇش ئۈچۈن كىردۇق، − دېدى تاڭ سەنزاڭ. سارايۋەن چاي كەلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. چايدىن كېيىن رەسىميەتلەر بېجىرىلىپ، شۇ كۈنكى نۆۋەتچىگە ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇش تاپشۇرۇلدى. ئۇلار بۇنىڭغا تەشەككۇر ئېيتقاندىن كېيىن سورىدى:
− بۈگۈن ئوردىغا كىرىپ يولخېتىمىزنى ئالماشتۇرساق بولارمۇ؟
− بۈگۈن ئاخشام بولمايدۇ، ئوردىغا ئەتە ئەتىگەن بېرىڭلار. بۈگۈن ئاخشام ئوبدان ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋېلىڭلار، − دېدى سارايۋەن.
بىردەمنىڭ ئىچىدە ئىشلار سەرەمجانلاشتۇرۇلدى. سارايۋەن تۆتەيلەننى غىزاغا تەكلىپ قىلدى، قول ئاستىدىكىلەرنى مېھمانلارنىڭ ياتاقلىرىنى سۈپۈرۈپ - تازىلاشقا بۇيرۇدى. تاڭ سەنزاڭ كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ھەممەيلەن ئولتۇرغاندا، تاڭ سەنزاڭ مۇنداق دېدى:
− پېقىرغا ئايدىڭ بولمىغان بىر ئىش بار ئىدى، مالال كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. بايا شەھەرگە كىرىپ ھەممە ئۆينىڭ ئىشكىگە بىردىن قەپەس ئېسىلغانلىقىنى، قەپەستە بالىلار بارلىقىنى كۆردۇق. بۇنى ئۇقالماي سىزدىن سوراشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.
− دەرۋىش، بۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، بۇنى سورىماڭلار، تىلغا ئالماڭلار ۋە بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماڭلار. ھازىر ئارام ئېلىپ، ئەتە تاڭ ئېتىشى بىلەنلا يولۇڭلارغا مېڭىڭلار، − دەپ پىچىرلىدى سارايۋەن.
تاڭ سېڭ بۇنى ئاڭلاپ سارايۋەنگە ئېسىلدى - دە، بۇنى چوقۇم دەپ بېرىسىز، دەپ تۇرۇۋالدى. سارايۋەن ئامالسىز خىزمەتكارلارنى ئىشقا بۇيرۇپ چىقىرىۋەتتى - دە، ئۆزى يالغۇز قېلىپ ئاستا مۇنداق دېدى:
− قەپەسنىڭ ئىشىنى سورىساڭلار، بۇ ھازىرقى پادىشاھىمىزنىڭ يولسىزلىقى. بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىلەر !
− نېمىشقا مۇنداق يولسىزلىق قىلىدۇ؟ بۇنى ئېنىق ئۇقمىغۇچە كۆڭلۈم جايىغا چۈشمەيدۇ، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− بۇ جاي ئەسلىي بىچيۇ دۆلىتى ئىدى. يېقىندىن بېرى كىشىلەر، بۇ نام بالا شەھىرىگە ئۆزگەرتىلدى، دەپ يۈرىدۇ. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا دەرۋىش سىياقىدىكى بىر ئادەم ئون ئالتە ياشتىكى قاش - كۆزى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ئاجايىپ ساھىبجامال بىر قىزنى ئېلىپ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. پادىشاھ ئالىيلىرى قىزنىڭ گۈزەل جامالىغا ئاشىق بولۇپ قېلىپ ئوردىغا ئەپقاپتۇ - دە، خانىش قىلىۋاپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ چوڭ خانىش، ئالتە قەسىردىكى كىچىك خانىشلارغا نەزەر كۆزىنى سالماي، كېچە - كۈندۈز ئۇنىڭ بىلەنلا ئەيش - ئىشرەت قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تېنىنى ئالدۇرۇپ قويۇپ، ھازىر جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قاپتۇ، ئوردا تېۋىپلىرى بارلىق ئېسىل دورىنى ئىشلەتسىمۇ شىپا تاپماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قىزنى ئەكەلگەن دەرۋىش پادىشاھىمىزنىڭ يارلىقى بىلەن دۆلەتكە ئاتا بولدى. بۇ كىشىنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتالايدىغان مەخپىي دورىسى بار ئىكەن. ئۆتكەندە ئون ئايماق، ئۈچ ئارالغا ئادەم ئاۋەتىپ دورا ئەكەلدۈردى، ھەممە تەييار بولدى. بىرلا يېرى، دورىغا قوشىدىغان نېمىسى بەك يامان ئىكەن، بىر مىڭ بىر يۈز ئون بىر بالىنىڭ يۈرىكى بىلەن جىگىرىنى قاينىتىپ شورپىسىدا دورا ئىچىدىغان گەپ ئىكەن. بۇنى ئىچسە ئادەم مىڭ يىلدىمۇ قېرىمايدىكەن. شۇڭا، بۇ بالىلار مۇشۇ ئىش ئۈچۈن قەپەستە بېقىلىۋاتىدۇ. ئاتا - ئانىلار پادىشاھتىن قورقۇپ ئۈن چىقىرالماي، بۇ شەھەرنى بالا شەھىرى، دەپ گەپ تارقاتتى. دەرۋىش، ئەتە ئوردىغا بارسىڭىز يولخېتىڭىزنى ئالماشتۇرۇشنىلا بىلىپ، بۇ ھەقتە گەپ - سۆز قىلماڭ، − سارايۋەن شۇلارنى دەپ بولۇپ چىقىپ كەتتى.
بۇنى ئاڭلىغان تاڭ سەنزاڭنىڭ قورقۇنچلۇقتا پۇت - قولىدا جان قالمىدى، كۆزىدىن چىقىۋاتقان ياشنىمۇ توختىتالمىدى، توساتتىن بار ئاۋازى بىلەن نالە قىلدى:
− ۋاي مۇناپىق ! زالىم پادىشاھ ! نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرىپ كېسەل بولغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا شۇنچە نۇرغۇن بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولىسەن ! يا ھەزرەت ! توۋا قىلدىم ! ئەجەبمۇ ئىچىم سىيرىلىۋاتىدۇ بالىلارغا !
− ئۇستاز، سىلىگە نېمە بولدى؟ ئۇ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ جېنىغا زامىن بوپتۇ، بۇنىڭ سىلى بىلەن نېمە ئالاقىسى بار ! كىيىملىرىنى سېلىپ ئۇخلىسىلا. ئۆزگىلەرنىڭ غېمىنى يەپ، ئۆزلىرىنى ئۇپراتمىسىلا، − دېدى جۇ باجيې.
− شاگىرتىم ! باغرىڭ نېمانچە قاتتىق سېنىڭ ! بىز سەپەر ئۈستىدە قولىمىزدىن كېلىدىغانلىكى ياخشىلىق بولسا قىلىشىمىز كېرەك. بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ قانداقمۇ كۆڭلۈڭ بۇزۇلمايدۇ ! − دېدى تاڭ سېڭ.
− ئۇستاز، قايغۇرمىسىلا، − دېدى شاسېڭ، − ئەتە يولخېتىنى ئالماشتۇرغىلى بارغاندا بۇ ئىشنى پادىشاھقا يۈز تۇرانە ئېيتسىلا، ئەگەر گەپلىرىنى ئىلىك ئالمىسا، ئۇنىڭ قانداق پادىشاھلىقىنى بىلىمىز. بەلكىم، ئۇ يالماۋۇز بولسا كېرەك. ئادەمنىڭ يۈرىكى ۋە جىگىرنى يەپ تۇرۇش ئۈچۈنلا مۇشۇ چارىنى ئىشقا سالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ھەرھالدا بىلىۋالىمىز.
− شا ۋۇجىڭنىڭ گېپى ئورۇنلۇق، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ئۇستاز، بۈگۈن ئوبدان ئۇخلىسىلا. ئەتە ئەتىگەندە مەن سىلى بىلەن بىللە ئوردىغا بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئاتىسى ياخشىمۇ، يامانمۇ، كۆرۈپ باقاي. ناۋادا يالماۋۇز بولسا، ئۇنى تۇتاي - دە، پادىشاھقا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئوبدان ئارام ئېلىپ ساقىيىڭ، دەپ تەسەللى بېرەي، كىچىك بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماڭ، دەپ ئېيتاي.
تاڭ سەنزاڭ بۇنى ئاڭلاپ شاققىدە بۇرۇلۇپ، سۇن ۋۇكۇڭغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ:
− ئاھ شاگىرتىم ! ئاجايىپ بەلەن گەپ قىلدىڭ ! بىراق، زالىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكەندە ھە دېگەندىلا ئېغىز ئېچىشمۇ ئەپسىز. ئۇ زالىم ئاق - قارىنى پەرق ئەتمەستىنلا، قىلغانلىرىڭنى گۇناھ دەپ تونۇسا قانداق قىلغۇلۇق؟ − دېدى.
− بۇنىڭغا ئامالىم بار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − بۈگۈن كېچە بۇ بالىلارنى شەھەردىن كەتكۈزۈۋېتىپ، ئەتە ئۇنى ھېچنېمىگە ئىگە قىلمايمەن، يەرلىك بەگ - ئامباللار تەبئىي ھالدا بۇنى خەۋەر قىلىدۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا مەلۇم يوليورۇق بېرىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ ئاتىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ ۋە ياكى باشقا بىر يول تۇتىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ ئىشنى ھېچكىم مېنىڭدىن كۆرمەيدۇ.
− بالىلارنى شەھەردىن قانداق كەتكۈزۈۋېتىسەن؟ شۇنداق قىلالىغان بولساڭ ئاجايىپ ساۋاب تاپاتتىڭ ! بۇنىڭغا تېزدىن تۇتۇش قىلغىن، سۇسلۇق قىلساڭ پۇرسەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، − دېدى تاڭ سەنزاڭ خۇش بولۇپ.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇئان قەددىنى رۇسلاپ ئورنىدىن تۇردى، جۇ باجيې بىلەن شاسېڭغا:
− سىلەر ئۇستاز بىلەن ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئىشقا كىرىشەي. سالقىن شامال چىقسا، بالىلار شەھەردىن چىقىپ بوپتۇ، دەپ بىلىڭلار، − دېدى.
ئۈچەيلەن تەڭلا مۇنداق تىلاۋەت قىلدى:
− ئىلاھىم، شىپاگەر مەبۇد يار بولسۇن ! ئىلاھىم، شىپاگەر مەبۇد يار بولسۇن.
سۇن ۋۇكۇڭ تاشقىرىغا چىقىپ «ۋىژ» قىلىپلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، ئەپسۇن ئوقۇپ: «تەرىقەت دۇنياسىدىكىلەر كېلىڭلار !» دېگەنىدى، شۇئان شەھەر مۇئەككىلى، يەر مۇئەككىلى، تاجۇتەخت مۇئەككىلى، پارسا بەگلەر، بەش تەرەپ بۇددىلىرى، ئەمەلدارلار ئىشلىرى دىۋانىنىڭ تۆت بېگى، ئالتە ھۆر قىز، ئالتە غۇلمان، بۇتخانا مۇئەككەللىرى قاتارلىقلار ھازىر بولدى - دە، ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ:
− تەقسىر، كېچىدە چاقىرىپ قاپتىلا، قانداق جىددىي ئىش چىقىپ قالدى؟ − دېيىشتى. سۇن ۋۇكۇڭ مۇنداق دېدى:
− بۈگۈن بىچيۇ دۆلىتىدىن ئۆتكەنىدۇق. پادىشاھ يالماۋۇزنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ يۈرەك، جىگىرىدە دورا ياساپ ئىچمەكچى بولۇۋېتىپتۇ. ئۇستازىم بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي يالماۋۇزنى يوقىتىپ، بالىلارنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا، ئالاھىدە ھەرقايسىڭلارنى چاقىردىم. ھەرقايسىڭلار كارامىتىڭلارنى كۆرسىتىپ، شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىدە تۇرغان قەپەس ئىچىدىكى بالىلارنى قەپىسى بىلەنلا كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى تاغ ئىچىگە ياكى ئورمانلارغا يوشۇرۇپ بىر - ئىككى كۈن ساقلاڭلار، ئاچ قالمىسۇن، مېۋە - چېۋە بىلەن بېقىڭلار، قورقۇتماي، يىغلاتماي ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىڭلار. مەن يالماۋۇزنى يوقىتىپ، دۆلەتنى ئەمىن تاپتۇرۇپ، پادىشاھقا نەسىھەت قىلىمەن. ماڭار ۋاقتىمدا ئاندىن بالىلارنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار.
تەڭرىلەر بۇيرۇققا بىنائەن شۇئان ئىشقا كىرىشتى. گۈلدۈرلەپ قارا بوران چىقىپ، شەھەرنى تۈتەك قاپلىدى. كېچە ئۈچىنچى جېسەك ۋاقتىدا مالائىكىلەر قەپەسلەرنى پۈتۈنلەي يىغشتۇرۇپ بولدى.
سۇن ۋۇكۇڭ خاسىيەتلىك بۇلۇتتىن چۈشۈپ دۆڭگە كەلگەندە، ئۈچەيلەن تېخىچە: «ئىلاھىم، شىپاگەر مەبۇد يار بولسۇن !» دەۋاتاتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئىچىدە كۈلدى، يېقىن كېلىپ:
− ئۇستاز، مەن كەلدىم، قارا بوران قانداق چىقتى؟ − دېدى.
− ئاجايىپ چىقتى جۇمۇ ! − دېدى جۇ باجيې.
− بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشى قانداق بولدى؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− ھەممىسى شەھەردىن چىقىپ كەتتى. بىز يولغا چىقىدىغان چاغدا قايتۇرۇپ كېلىمىز، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
تاڭ سەنزاڭ كۆپ رەھمەت ئېيتىپ ئاندىن يېتىپ قالدى.
تاڭ ئەمدى يورۇشىغا تاڭ سەنزاڭ ئويغاندى، كىيىنىپ، يۇيۇنۇپ بولۇپ:
− سۇن ۋۇكۇڭ، مەن ئوردىغا ئەتىگەنرەك بېرىپ يولخېتىنى ئالماشتۇرۇپ كېلەي، − دېدى.
− ئۇستاز، ئۆزلىرىلا بارسىلا ئىشنى ئاقتۇرالمايدىلا، مەن سىلى بىلەن بىللە بېرىپ دۆلەت ئىچىدىكى ياخشى - يامان ئادەملەرنى كۆرۈپ باقاي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− سەن بارساڭ سالام بەرگىلى ئۇنىماي پادىشاھنى رەنجىتىپ قويارسەنمكىن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− مەن ئۆزۈمنى ئاشكارا قىلماي يوشۇرۇنچە بىللە بېرىپ سىلىنى مۇھاپىزەت قىلىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. تاڭ سەنزاڭ خۇش بولدى، جۇ باجيې، شاسېڭغا يۈك - تاق، ئاتقا ئوبدان قاراشنى تاپىلاپ قويۇپ ئەمدى ئىشىكتىن چىقىشىغا، سارايۋەن كۆرۈشكىلى كېلىپ قالدى، كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى تاپىلىدى. تاڭ سەنزاڭ باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى. سۇن ۋۇكۇڭ ئىشىك ئارقىسىغا ئۆزىنى ئېلىپ ئەپسۇن ئوقۇپ بىر دومىلاپلا شاخچى قۇشقاچقا ئايلاندى - دە، ئۇچۇپ بېرىپ تاڭ سەنزاڭنىڭ تەلپىكىگە قوندى، ئۇلار سارايدىن چىقىپ ئۇدۇل ئوردىغا ماڭدى.
ئوردا ئالدىغا كەلگەندە سېرىق كىيىملىك ئىشىك ئاغىسى ئۇچرىدى. تاڭ سېڭ ئۇنىڭغا سالام بېرىپ مۇنداق دېدى:
− پېقىر شەرقىي دىياردىكى ئۇلۇغ تاڭ دۆلىتىدىن غەربىي دىيارغا بۇددا نومىنى ئالغىلى كېتىۋاتقانلارمىز. بۈگۈن بۇ ماكانغا قەدەم قويدۇق، يولخېتىنى ئالماشتۇرايلى، دەپ شاھ ئالىيلىرىنى زىيارەت قىلىپ كىرىۋىدۇق، ئىجازەت ئېلىپ بەرسىڭىز.
سېرىق كىيىملىك ئىشىك ئاغىسى بۇنى يەتكۈزگەنىدى، پادىشاھ خۇش بولۇپ:
− يىراقتىن كەلگەن راھىب بولسا، ئەلۋەتتە ئۆلىما بولىدۇ، − دېدى ۋە كىرىشكە ئىجازەت بەردى. سېرىق كىيىملىك ئىشىك ئاغىسى ئۇنى ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلدى. تاڭ سېڭ پەلەمپەي ئاستىدا شاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن شاھ ئۇنى كۇرسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ رەھمەت ئېيتىپ ئورۇن ئالدى. پادىشاھنىڭ چىرايى ساماندەك سارغايغان، ئىنتايىن روھسىز ئىدى، قولىنى كۆتۈرۈپ سالام بېرىشىمۇ تۈزۈك قولاشمايتتى، گەپنى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ قىلاتتى. تاڭ سېڭ يولخېتىنى سۇنغانىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىدىغان بولغاچقا، ناھايىتى ئۇزاق قاراپ ئاندىن شاھانە تامغىنى بېسىپ تاڭ سېڭغا قايتۇرۇپ بەردى. تاڭ سېڭ بۇنى قاتلاپ يېنىغا سالدى.
پادىشاھ ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇددا نومىنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى سوراشقا تەمشىلىۋاتقاندا، ھۆدەيچى جاكارلىدى:
− دۆلەت ئاتىسى بېگىم كەلدى !
پادىشاھ دەررۇ مۇلازىملىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن تەسلىكتە كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. تاڭ سېڭمۇ ئالمان - تالمان ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇردى. قارىسا، بىر بوۋاي گىدەيگەن ھالدا كېلىۋاتاتتى.
دۆلەت ئاتىسى تەخت ئالدىغا كەلدى - دە، سالاممۇ قىلماستىن غادىيىپ ئۇدۇل مېڭىپ تۆرگە ئۆتتى. پادىشاھ تەزىم قىلغاندىن كېيىن:
− قەدەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن، − دېدى ۋە سول تەرەپتىكى ھەشەمەتلىك كۇرسىغا تەكلىپ قىلدى. تاڭ سەنزاڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلىپ:
− ھۆرمەتلىك بېگىم، كەمىنە راھىبنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلغايلا، − دېدى. ئۇ بولسا سالامغا جاۋابمۇ قايتۇرماي غادايغان پېتى ئولتۇرۇۋەردى، ئاندىن بۇرۇلۇپ پادىشاھتىن سورىدى:
− بۇ راھىب قەيەردىن كەپتۇ؟
− بۇ ياقنى شەرقىي تاڭ پادىشاھى غەربكە بۇددا نومنى ئالغىلى ئەۋەتكەنىكەن، بۈگۈن يولخېتىنى ئالماشتۇرغىلى كەپتۇ، − دېدى پادىشاھ.
− غەرب ناھايىتى يىراق جاي. ئۇ زۇلمەتلىك ماكاندا نېمە ياخشىلىق بار ئىكىنتاڭ ! − دېدى دۆلەت ئاتىسى كۈلۈپ.
− غەرب ئاجايىپ ئېسىل ماكان. نەرى يامان ئىكەن؟ − دېدى تاڭ سېڭ.
− كونىلار: «راھىب بۇددىنىڭ پەرزەنتى» دەيدىكەن. راھىب بولغانلار راستتىنلا ئۆلمەمدىغاندۇ، بۇددىغا تېۋىنىدىغانلار راستتىنلا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەمدىغاندۇ؟ − دېدى پادىشاھ.
تاڭ سەنزاڭ بۇنى ئاڭلاپ ئالىقىنىنى جۈپلەپ مۇنداق دېدى:
كېرەك راھىب بولغۇچى ھامان،
نېسىۋىدىن خالىي بولۇشى.
خالاس بولار نەپسانىيەتتىن،
شەھۋەتتىن قول ئۈزگۈچى كىشى.
ئۈچ مەنزىلگە يەتسەڭ بولىسەن پاك،
ئالتىنىڭ نەپسىدىن كەچسەڭ ئالىيجاناب.
كۈچەيتمەكچۈن ئېتىقادىڭنى پاكلا قەلبىڭنى.
پاك يۈرەك خۇددى نۇرلۇق چىراغ،
غەيرىي غەرەزنى سۈرىدۇ قوغلاپ.
قىلچە تەۋرەنمىسە يۈرىكىڭ،
تەرىقەتتە تاپىسەن كامال.
بولۇپ ئاددىي ھەم ساددا،
ھاۋايى نەپسىدىن كۆڭۈل ئۈزسەڭ،
ئۆمرۈڭ ھەرگىز كۆرمەيدۇ زاۋال.
دۆلەت ئاتىسى بۇنى ئاڭلاپ مىيىقىدا كۈلدى. ئۇ تاڭ سېڭغا قولىنى جۇنۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− ھا ! ھا ! ھا ! يالغاننىمۇ قاملاشتۇرىدىغان شەيخ ئىكەنسەن ! كۆزۈڭنى يۇمۇپ قارىغۇلارچە سۆزلەۋاتىسەن. كونىلاردا: «ئولتۇرۇۋەرسە كاسا يېغىر بولىدۇ ! ئوتنى قالاۋەرسە قازان تېشىلىدۇ» دېگەن گەپ بار. مېنىڭچە مۇنداق:
تەركىدۇنيا بولغۇچى جىگەرلىك بولۇر،
تەرىقەتتە كامالەتكە يەتكەنلەر خاسىيەتلىك بولۇر.
دوستلىرىنى يوقلىشار دائىم،
قاپاق ئېلىپ تاغلارغا بېرىپ،
بولار ھەم دەردىگە دەرمان،
توختىماستىن دورىلار يىغىپ.
گۈل - چېچەكتىن قالپاق كىيىشەر،
خۇش بوي ئوتلارنى چۆشەك قىلىشار،
چاۋاك چېلىشىپ ئېيتىشىپ ناخشا،
ئۇسسۇلدىن كېيىن قېنىپ ئۇخلىشار.
تەرىقەتنى قىلىشىپ شەرھى،
تەرغىپ قىلار تەڭرى يولىنى.
ئەپسۇن ئوقۇپ قوغلايدۇ يىراق،
ئەل ئىچىدىن قارا قۇيۇننى.
ئەنقار مىنىپ چىقار ساماغا،
كىرەر تۇرنا مىنىپ تەڭرى ئالدىغا.
ئاسماننىڭ قۇدرىتى بىلەن
سۆزلەر تەرىقەت كارامىتىنى.
ئۈچ دىن ئىچىدە داۋجياۋ ئەزەلدىن،
كۆرسىتىپ كەلدى ئۆز قىممىتىنى.
پادىشاھ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى، ئوردىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بارىكاللا ئېيتىشتى:
− بىردىنبىر پىركامىل ئىكەنلا، بىردىنبىر پىركامىل ئىكەنلا !
تاڭ سېڭ ھەممەيلەننىڭ ئۇنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ خىجىللىققا پاتتى. پادىشاھ داستىخانچىغا گۆشسىز غىزا قىلىپ زىياپەت بېرىپ، ئاندىن يىراقتىن كەلگەن تاڭ سېڭلارنى شەھەردىن چىقىرىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.
تاڭ سېڭ تەشەككۇر ئېيتقاندىن كېيىن پەسكە چۈشۈپ تاشقىرىغا ماڭغانىدى، سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ تەلپىكىدىن چۈشۈپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:
− ئۇستاز، دۆلەت ئاتىسى يالماۋۇز ئىكەن، پادىشاھقا جىن تېگىپتۇ. سىلى سارايغا بېرىپ كۈتۈپ تۇرسىلا، مەن بۇ يەردىن خەۋەر ئۇقۇپ باراي، − دەپ پىچىرلىدى.
تاڭ سېڭ ماقۇل دەپ ئۆزى يالغۇز قايتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇچۇپ بېرىپ تەخت كەينىدىكى دەر پەردە مىخىغا قوندى. شۇ ئارىلىقتا شەھەرنىڭ ئەمىر لەشكىرى كىرىپ خەۋەر قىلدى:
− شانۇ شەۋكەتلىك شاھىم، كېچە بىر سوغۇق شامال چىقىپ جىمى ئۆينىڭ ئىشىكىدىكى قەپەسلەرنى قويماي ئۇچۇرۇپ كەتتى. ھېچ يەردىن ئىز - دېرىكىنى ئالالمىدۇق.
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ۋە ئاچچىقى كەلدى. ئۇ دۆلەت ئاتىسىغا مۇنداق دېدى:
− مەن، مەن تۈگەشتىم ! نەچچە ئايدىن بېرى ئېغىر بىتاب بولدۇم، كېسىلىمگە شىپا تېپىلمىدى. ئۆزلىرىنىڭ خاسىيەتلىك رىسالىلىرىنىڭ شاراپىتى بىلەن بۈگۈن كېچە بۇ بالىلارنىڭ يۈرەك ۋە جىگىرىنى ئالاي دەپ تۇرسام، سوغۇق شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كەتكىنى نېمىسى؟ تەڭرى ماڭا ئۆلۈمنى راۋا كۆردىمۇ نېمە؟
− جانابىي ئالىيلىرى، غەم قىلمىغايلا. بۇ شامال تەڭرىنىڭ سىلىگە ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلغىنى، − دېدى دۆلەت ئاتىسى كۈلۈپ.
− قەپەستىكى بالىلار غايىب بولغان تۇرسا، نېمىشقا سىلى تەڭرى ماڭا ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلدى دەيدىلا؟ − دېدى پادىشاھ.
− بايا مەن ئوردىغا كىرىپلا كارامەت قىممەت باھا بىر دورىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ بىرمىڭ بىر يۈز ئون بىر بالىنىڭ يۈرىكى ۋە جىگىرىدىنمۇ بەك شىپالىق. سەۋەبى، بالىلارنىڭ يۈرەك، جىگىرى سىلىنى مىڭ ياشقا كىرگۈزىدۇ. ئەمدى ھازىر ئېيتقان نەرسە بىلەن خاسىيەتلىك دورامنى يەيدىغان بولسىلىرى، بىر مىليون ياشقا كىرىدىلا، − دېدى دۆلەت ئاتىسى.
پادىشاھ بۇنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەستىن، بۇنىڭ قانداق دورا ئىكەنلىكىنى تەكرار سوراپ تۇرۇۋالغانىدى، ئاخىر دۆلەت ئاتىسى مۇنداق دېدى:
− مېنىڭچە، شەرقىي دىياردىن بۇددا نومىنى ئالغىلى ماڭغان شەيخنىڭ ئىنتايىن تازا ئەزالىرى، كېلىشكەن تەقى - تۇرقى ۋە گۈزەل جامالىدىن قارىغاندا، ئۇ ئون ئەۋلادى تەرىقەت بىلەن كېلىۋاتقان چىن تەرىقەتچى ئىكەن. شۇڭا، ئۇ بالىلاردىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق. ئەگەر ئۇنىڭ يۈرەك ۋە جىگىرىنى قاينىتىپ دورامنى ئىچىدىغان بولسىلىرى، گەپ يوق يۈز مىڭ يىل، مىليون يىل ئۆمۈر كۆرىدىلا.
ئەخمەق پادىشاھ بۇ گەپكە ئىشىنىپلا قالدى. ئۇ دۆلەت ئاتىسىغا:
− نېمىشقا بالدۇرراق ئېيتمايدىلا؟ بۇنچە شىپالىق بولسا، ئۇنى بايىلا قويۇۋەتمەي تۇتۇپ قالماسمىدۇق، − دېدى.
− بۇنىڭ قىيىن يېرى يوق ! بايا ئۆزلىرى ئۇنى مېھمان قىلىشنى بۇيرۇدىلا. ئۇ چوقۇم زىياپەتتىن كېيىن شەھەردىن چىقىدۇ. ھازىرلا بۇيرۇق بېرىپ شەھەرنىڭ جىمى دەرۋازىلىرىنى تاقىتىدىلا، لەشكەرلەرگە ساراينى قورشىتىپ، ئاندىن شەيخنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭ يۈرەك - جىگىرىنى ياخشىلىقچە ئالىدىلا. ئەگەر بۇنىڭغا ئۇنىسا، دەرھال يۈرەك، جىگىرىنى ئېلىۋېلىپ، جەسىتىنى لايىقىدا كۆمدۈرىدىلا، بۇتخانا ياسىتىپ نەزىر - چىراغ قىلدۇرۇپ تۇرىدىلا؛ ناۋادا ئۇنىماي قالسا، ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق قىلىپ دەرھال باغلىتىپ، ئاندىن يۈرەك، جىگىرىنى ئالدۇرىدىلا شۇ. بۇ دېگەن قانچىلىك قىيىن ئىش ئىدى؟
ئەخمەق پادىشاھ بۇ گەپكە چىڭ ئېسىلىپ، دەرھال شەھەرنىڭ بارلىق دەرۋازىسىنى تاقاشقا بۇيرۇدى، چوڭ - كىچىك ياساۋۇللارنى ساراينى قورشاشقا ئەۋەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا ئۇدۇل سارايغا كېلىپ ئۆز قىياپىتىگە قايتتى - دە:
− ئۇستاز، چاتاق بولدى ! چاتاق بولدى ! − دېدى.
بۇنى ئاڭلاپلا تاڭ سەنزاڭ سوغۇق تەرگە چۆمدى، قورققىنىدىن كۆزىدىن نۇر ئۆچتى، زۇۋانى تۇتۇلدى. جۇ باجيې:
− نېمە چاتاق بولدى؟ نېمە بولدى؟ ئۇستازنى بۇنچىۋالا قورقۇتماي، گەپ بولسا ئاستا قىلمامسىز؟ − دېدى. شۇنىڭ بىلەن سۇن ۋۇكۇڭ مۇنداق دېدى:
− ئۇستاز ئوردىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قارىسام، دۆلەت ئاتىسى راستتىنلا يالماۋۇز ئىكەن. ھايال ئۆتمەي شەھەرنىڭ ئەمىر لەشكىرى كىرىپ، كېچە سوغۇق شامال چىقىپ بالىلارنى ئۇچۇرتۇپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. پادىشاھنىڭ ئاچچىقى كەلگەنىدى، دۆلەت ئاتىسى خۇش بولۇپ كېتىپ: «بۇ تەڭرىنىڭ سىلىگە ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلغىنى» دېدى ۋە ئۇستازىمىزنىڭ يۈرەك، جىگىرى بىلەن دورىنى يېسە، يۈز مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەخمەق پادىشاھ بۇ گەپكە ئىشىنىپ، لەشكەرلەرگە ساراينى قورشاشنى بۇيرۇدى، كىمخاب چاپانلىق بەگلەرنى ئۇستازدىن يۈرىكىنى سوراشقا ئەۋەتتى.
− شاپائەت قىلغانغا تويۇڭ ! بالىلارنى قۇتقۇزغانغا تويۇڭ ! سوغۇق شامالنى راسا چىقىرىڭ ! بالا - قازانى تازا تېپىڭ ! − دېدى جۇ باجيې ئىچى قارىلىق قىلىپ.
تاڭ سەنزاڭ لاغىلداپ تىترەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ يېلىندى:
− ساداقەتمەن شاگىرتىم ! بۇ ئىشنى ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟
− چارە شۇكى، چوڭدىن كىچىك بولسىلا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− «چوڭدىن كىچىك بولۇش» دېگەن نېمە؟ − دەپ سورىدى شا شەيخ.
− ھايات قالىمەن دەيدىكەن، ئۇستاز شاگىرت بولىدۇ، شاگىرت ئۇستاز بولىدۇ، شۇندىلا ئامان قالىدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− جېنىم ئامان قالىدىغانلا ئىش بولسا، ساڭا شاگىرت بولۇشقا، مايمۇن بولۇشقا مىڭ رازى، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− ئۇنداق بولسا ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەيلى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋە بۇيرۇدى، − جۇ باجيې، دەرھال ئازراق لاي ئەتكىن.
جۇ باجيې تىرنىسىدا توپا چىقاردى، تاشقىرىدىن سۇ ئەكېلىشتىن ئېرىنىپ، ئازاراق سىيىپ، شۇنىڭدا لاي ئېتىپ سۇن ۋۇكۇڭغا بەردى. سۇن ۋۇكۇڭ باشقا ئامال بولمىغانلىقتىن، نائىلاج لاينى ئازراق ياپىلاقلاپ يۈزىگە چاپلىدى. تاڭ سەنزاڭنى مىدىرلىماي تۇرسىلا، دەپ، قالغان لاينى ئۇنىڭ يۈزىگە چاپلىدى. ئاندىن ئەپسۇن ئوقۇپ، پۈۋلەپ «ئۆزگەر !» دېگەنىدى، تاڭ سېڭ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قىياپىتىگە كىردى، كىيىمىنى سېلىپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭكىنى كىيدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇستازنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ بولۇپ ئەپسۇن ئوقۇپ بىر يۇمىلىغانىدى، تاڭ سېڭنىڭ ئۆزىلا بولدى. جۇ باجيې، شاسېڭلارمۇ ئۇلارنى پەرق ئېتەلمىدى.
ئىش پۈتۈشىگە، داقا - دۇمباق ئاۋازى كەلدى. ئەمىر لەشكەر ئۈچ مىڭ نەپەر لەشكەر بىلەن ساراينى قورشىدى. كىمخاب كىيىملىك بىر بەگ دەڭگە كىرىپ سورىدى:
− شەرقىي دىياردىكى تاڭ دۆلىتىدىن كەلگەن دەرۋىش قەيەردە؟
سارايۋەن ساراسىمىگە چۈشۈپ تىترىگەن ھالدا تىز چۆكتى:
− تۆۋەندىكى ھۇجرىدا.
كىمخاب كىيىملىك بەگ مېھمانخانىغا كىرىپ:
− تاڭ دەرۋىش، شاھىمىز سىلىنى چاقىرىۋاتىدۇ، − دېدى.
جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ ئىككى ياقتا «يالغان سۇن ۋۇكۇڭ»نى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇردى. «يالغان تاڭ سېڭ» تاشقىرىغا چىققاندىن كېيىن سالام قىلىپ:
− بېگىم، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ پېقىرغا نېمە گېپى بار ئىكىن؟ − دېدى. بەگ كاپپىدە ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ:
− مەن بىلەن ئوردىغا ماڭ، سېنىڭدىن بىر نەرسە ئالسا كېرەك، − دېدى. تاڭ سېڭنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder