ئامان بول ئەي «قەدىردانلىق»!
نۆۋەتتىكى ھال - ئەھۋالىمىز مەنزىرە جەھەتتىن ئىزاھلاش بەكمۇ مۇرەككەپ ۋە قىيىن بولغان، ئەمما چۈشىنىشنى ئىختىيار قىلغان ھەربىر كۆڭۈل ئىگىسى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان بىر ھالەتتە تۇرۇپتۇ. خۇسۇسەن يېقىنقى ئون يىللىق كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە كېلىپ خۇلاسىلىسەك نېمىنى قەدىرلەپ، نېمىنى قەدىرلىمىگەنلىكىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر مەنزىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىمىز يۈرەككە قول سېلىشقا جۈرئەت قىلغان ھەربىر سەمىمىيەت ئىگىسى ئۈچۈن ئايان ۋە باياندۇر.
قەدىر ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، دەرۋەقە ئەسلىمىز خۇددى نەسلىمىز مىسالى پاك ۋە قەدىرلىك ئىدى. بىرىمىز يەنە بىرىمىز ئۈچۈن قەدىرلىك ئىدۇق، ئامانەت ئىدۇق. قەدىردانلىق بىزنى بىر ئارىدا تۇتۇپ تۇراتتى. جانابى ھەقنىڭ «بارچە مۇئمىنلەر قېرىنداش» دەپ جاكارلىغان ئىلاھىي يارلىقى بىز ئۈچۈن گويا «بارچە مۇئمىنلەر بىر - بىرى ئۈچۈن قەدىرداندۇر» دەپ قوبۇل قىلىنغاندەك ئىدى. تۈپ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز ھەم قەدىرداش ھەمدە تەقدىرداش ئىدۇق. قەدىر ۋە ئىمان قەدەرىيەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىمىزنىڭ مەنبەسى، يىلتىزى ئىدى. شۇنداقلا تەقدىرىمىزنى چېتىشتۇرغۇچى رىشتە، مىللەت سۈپىتىدە بىرلىكىمىزنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە بىر ئارىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى قورغان ئىدى. نېمىگىدۇر «قەدىر»لەر بىزدىن يىراقلاپ كەتتى. ئارىمىز يىراق، ئارىلىقىمىز ئۇزاقلاشتى، بۆلۈندى. بارا - بارا قەدەرىيەتلەر ئىگە – چاقىسىزلاشتى. نەتىجىدە قەدەرىيەتسىزلىشىشكە باشلىدۇق، قەدەرىيەتسىزلەشتۇق. قەدرىمىزنى ساقلاشنى بىلمىدۇق ۋە يوقىتىلىشقا يارىغۇدەك نېمىمىز قالغان بولسا گېزى كەلگەندە بىر – بىرلەپ، بىراقلا يوقىتىپ قاراپ ئولتۇردۇق. قەدىرلەشكە تېگىشلىكنى قەدىرلىيەلمەس بولدۇق. نېمە قەدىرلىك ۋە نېمە قەدىرسىز ئىدى ئايرىيالماس ھالغا كەلدۇق. بارا – بارا قەدىردانلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلدۇق. چىن گەپ شۇكى، ھەممىنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى. ئانا قەدرى، ئاتا قەدرى، ئاكا قەدرى، ئۇكا قەدرى، ئاچا ۋە سىڭىل قەدرى. پەرزەنت قەدرى ۋە يۇرت - ماكان قەدرى.
قەدىر – قىممەت ئەسلىدە بىزدە بىباھا ئىدى، ئارزۇلۇق ئىدى. كۈنى كەلدى ھەممە قەدەرىيەتلىرىمىزنىڭ قىسمىتى كەبى قەدىرنىڭ ئۆزىمۇ ئەرزانلىشىپ كەتتى، نەرخى چۈشتى، سېتىلدى، چىرىدى، بۇزۇلدى. ئاسرىماقچى بولدۇق ئەمما خەستىلەندۇق. تىرىلدۈرمەكچى بولدۇق، ئەمما ئۆلتۈرۈپ قويدۇق. دەپنە قىلاي دېدۇقيۇ كۆمەلمىدۇق، ياكى قوشۇلۇپ كۆمۈلەلمىدۇق. كەتتۇق، قايتالمىدۇق، كەلدۇق، كېلەلمىدۇق ۋە ياكى كېتەلمىدۇق.
قۇدرەت - قەدىرلىنىشتىن تۇغۇلىدىغان كۈچ ئىدى. قەدىردانلىق بولسا، قۇدرەتنى زورايتقۇچى، قەدىر – قىممەت ئۈنچىلىرىنى بىر – بىرىگە چاتقۇچى، ئۈزۈلمەس ۋە يېڭىلمەس كۈچنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى رىشتە ئىدى. نېمىشقىدۇر رىشتىلەرنى پارە – پارە ئەتتۇق، غەپلەتكە ئىنتىلگۈچىلەرگە، غەپلەتلىك كەچمىشنى سېغىنغۇچىلارغا، غەپلەتلىك دەۋرنى چۈشەكىگۈچىلەرگە ئايلاندۇق. نىھايەت شۇ بولدىكى، قەدىر ۋە قەدەرىيەت خاتىرىمىزدىن خىرەلەشتى، قەدىردانلىق سۇسلاشتى، قەدرىنى تونۇماس بولدۇق، بىلمەس بولدۇق. ئۆتمۈشتىمۇ، ھېلىھەممۇ.
ئېيتىلغاندەك، «كەتكەن كەلمەيدۇ»، «بولۇشى كېرەك بولغىنى ھامان بولماي قويمايدۇ». بەلكىم ئەگەر يېڭىدىن قۇدرەت تېپىش پۇرسىتىمىز بولۇپ قالغان تەقدىردە، بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ قەدىرسىزلەرچە ياشىغان، غاپىللارچە ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئاشۇ قەدىرلىك كۈنلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سوراشتىن باشلىساق خاتالاشمىساق كېرەك.
شۇڭىمۇ كىشى بەزىدە راستتىنلا دېيىشكە يۈزىمىز بولىدىغان، پۇشايماننى تەن ئېلىشنىڭ ۋە ئۆزگىرىشنى باشلاشنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى قىلىشقا بولىدىغان «كەچۈر» دىن ئىبارەت بىرلا سۆزىمىز قالغان چېغى، دېمەي تۇرالمايدۇ.
شۇنداق، كەچۈر ئەي رەببىم، كەچۈر ئەي قەدىردان ئانا، قەدىردان ئاتا، قەدىردان قېرىنداش، قەدىردان يۇرتداش، قەدىردان دوست، قەدىردان قەۋم، قەدىردان ئۇيغۇر، قەدىردان خەلق، قەدىردان ئەي ئانا ۋەتەن!
سەنمۇ شۇ ئەي دىل ساھىبى! سەنمۇ ھەم كەچۈر ۋە قەدىرلە! بىلكى، قەدىرلىسەڭ ئەرزىيدىغان ۋە قەدىرلەشسەڭ كېچىكمەيدىغان يەنە نۇرغۇن قەدىرلەشلەر سېنىڭ قايتا تىرىلىشىڭگە ئىنتىزار بولماقتا. ھېلىھەم بىزگە ئۆزىمىزدىن باشقا قەدرىمىزنى قىلىدىغان تەڭرىدىن ئۆزگە يار - يۆلىكىمىزنىڭ قالمىغانلىقىنى، يوقلۇقىنى ئەسلىتىدىغان قەدىردانلىرىمىز، قەدەرىيەتلىرىمىز بارلىقىنى ئەسلە. ئۇنتۇمىغىنكى، قەدىردىن قۇدرەت، قۇدرەتتىن تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قەدەملەر بارلىققا كېلىدۇ. بۇنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىردىنبىر چىقىش يولىمىز بولسا، بوشاشماسلىق، ئەسكە ئېلىش، ئۈمىدۋار بولۇش ۋە ئەسلا ۋاز كەچمەسلىكتۇر.
شۇنداق، كەچۈرگىن ئەي «قەدىر»لىرىم، ئامان بول، ئەي «قەدىردانلىرىم»!
- بۇرھان مۇھەممەد
Yorumlar
Yorum Gönder