غەربكە ساياھەت - بىرىنچى باب

بىرىنچى باب

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئىلاھىي تاشتىن تۇغۇلغانلىقى

زاھىتلىققا نىيەت باغلاپ ئۇستاز ئىزدىگەنلىكى

ئالەم بىنا بولغاندىن كېيىن ئۈچ سۇلتان جاھان سوراپ ئۆتۈپ، بەش خاقان زامانىسىغا كەلگەندە، جاھاننى بارا - بارا شەرقىي پۇرۋاۋىدىخا، غەربىي گۇدا، جەنۇبىي جامبۇدۋىپا، شىمالىي كۇرۇدۋىپا دەپ تۆت چوڭ ئىقلىمغا بۆلۈپ تاشلىدى. بىز بۇ كىتابىمىزدا مەخسۇس ئەنە شۇ شەرقىي پۇرۋاۋىدىخا ھەققىدە سۆزلەيمىز. بۇ دىيارنىڭ چېتىدە بىر زېمىن بار بولۇپ، ئاۋلەي دۆلىتى دەپ ئاتىلاتتى. بۇ دۆلەت دېڭىزغا يېقىن ئىدى. دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەشھۇر تاغ بولۇپ، ئۇنى گۈلشەن تاغ دەپ ئاتىشاتتى. تاغنىڭ دەل چوققىسىدا بىر ئىلاھىي تاش تۇراتتى. بۇ تاشنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش گەز، ئايلانمىسى يىگىرمە تۆت گەز بولۇپ، ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش گەز ئېگىزلىكى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈننى، يىگىرمە تۆت گەز ئايلانمىسى يىگىرمە تۆت پەسىلنى بىلدۈرەتتى. تاشنىڭ ئۈستىدە يەنە توققۇز تۆشۈك، سەككىز كامار بولۇپ، ئۇلار توققۇز ئوردا، سەككىز رەمگە تەققاس قىلىنغانىدى. تاشنىڭ ئەتراپىدا سايە تاشلىغۇدەك بىرەر تۈپ دەرەخمۇ يوق ئىدى، پەقەت ئىككى يېنىدا ئاندا - ساندا سەبدە گۈلىلا كۆكلەپ تۇراتتى. بۇ تاش دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ، قۇياش ۋە ئاينىڭ خاسىيەتلىك نۇرلىرىنى سۈمۈرۈپ، ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ھېكمەتنى زاھىر قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدا بىر ئىلاھىي ھامىلە پەيدا بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاش يېرىلىپ توپتەك چوڭلۇقتىكى بىر تاشنى تەۋەللۇت قىلدى. شامالغا چىقىشى بىلەنلا، ئۇ تاش بىر مايمۇنغا ئايلاندى. ئۇنىڭ يەتتە ئەزاسى تولۇق ئىدى. ئۇ ئۆمىلەشنى، كېيىن مېڭىشنى ئۆگىنىپ، ئەتراپلارنى كېزىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن چاقناپ چىققان ئالتۇن نۇر كەۋكەبىستاننى تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن ئەرشئەلادىكى قۇددۇس ئەزەم ۋە ئۇلۇغ شەپقەت ئىگىسى «ئەرشنىڭ قۇدرىتى ۋە پەلەكنىڭ ئىززىتى يۇرۇن سۇلتان ھەزرەتلىرى» ئالتۇن دەرۋازىلىق بۇلۇت ئوردىسىدىكى خىسلەتدار قەسىرىدە ئەۋلىيا، ۋەزىرلىرىنى توپلاپ، ۋالىلداپ تۇرغان ئالتۇن نۇرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، جادۇكۆز بىلەن يەلقۇلاقنى جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئۇنى ئېنىقلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئىككى سەركەردە يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن دەرھال دەۋازىدىن چىقىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇنداق خەۋەر يەتكۈزدى:

− پەرمانلىرىغا بىنائەن ئالتۇن نۇر چاقنىغان جايغا بېرىپ كۆرۈپ، ئەھۋالنى ئۇقۇپ كەلدۇق. شەرقىي پۇرۋاۋىدىخانىڭ شەرقىي دېڭىز تەرىپىدىكى ئاۋلەي دېگەن بىر كىچىك دۆلەتتە گۈلشەن دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغ بار ئىكەن. تاغدىكى بىر ئىلاھىي تاش بىر تاش تەۋەللۇت قىپتۇ، ئۇ تاش شامالغا چىقىشى بىلەنلا مايمۇنغا ئۆزگىرىپ ئەتراپنى كېزىشكە باشلاپتۇ. ئۇنىڭ كۆزىدىن چاقنىغان ئالتۇن نۇر ئوردىمىزغا كەپتۇ. ئۇ ھازىر ئادەتتىكى يەملەرنى يەپ سۇ ئىچكەچكە، ئالتۇن نۇر ئاجىزلىشىپ ئۆچۈشكە ئاز قاپتۇ.

بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۇرۇن سۇلتان ھىممەت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

− ئاستىمىزدىكى نەرسىلەر ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ جەۋھىرىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا ھەيران قېلىشنىڭ ئورنى يوق.

ھېلىقى مايمۇن تاغ ئىچىدە ئەركىن كېزىپ، تاقلاپ يۈرۈپ گۈل - گىياھلارنى ئوزۇق، بۇلاق سۇلىرىنى ئۇسسۇزلۇق قىلدى. تاغ گۈللىرىنى تېرىپ، مېۋىلەرنى قانغۇچە يېدى. بۆرە، قۇرتلارغا ھەمراھ بولۇپ، يولۋاس، يىلپىزلارغا ئارىلاشتى. بۇغا، ماراللارنى دوست، مايمۇنلارنى تۇغقان تۇتتى. كېچىلىرى قىيا ئاستىنى ماكان قىلسا، كۈندۈزلىرى چوققىلارنى، غارلارنى كېزىپ سەيلە قىلدى. شۇ تەرىقىدە تالاي يىللار ئۆتتى. تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مايمۇنلار سايىگە توپلىشىپ، قارىغاي ئاستىدا ئويۇن باشلىدى. قارىغۇدەك بولسىڭىز:

دەرەخلەرگە يامىشىپ ئۇلار بەك شوخ ئوينايدۇ،

چېچەكلەرنى توزىتىپ، غورىلارنى قويمايدۇ.

«ۋاللەي» ئويناپ بەزىلەر قۇمدا كامار كولايدۇ،

مۇنارلارغا يامىشىپ، پاقىلارنى قوغلايدۇ.

بەزىلىرى پەلەككە چوقۇنۇپ باش ئۇرىدۇ،

بەزىلىرى سېغىنىپ بۇدساتۋاغا يىغلايدۇ.

ئارقان ئېشىپ بەزىلەر، ئىلەڭگۈچتە ئوينايدۇ،

پىت بېقىشىپ بەزىلەر، كاسىلدىتىپ چاينايدۇ.

تىرناق ياساپ بەزىلەر مويلىرىنى تارايدۇ،

قىستىلىشىپ بىر يەردە دۈمبىسىنى قاشلايدۇ.

بىر - بىرىنى باسىدۇ، ئۇيان - بۇيان تارتىدۇ،

قارىغايلىق ئىچىدە يايراپ موللاق ئاتىدۇ

ۋە زۇمرەتتەك كۆلچەككە ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ.

بۇ مايمۇنلار بىرھازا ئوينىغاندىن كېيىن، يۇيۇنۇش ئۈچۈن جىلغىغا يېتىپ كېلىشتى. دولقۇنلۇق ئېقىن ئاپئاق بۇژغۇن چاچرىتىپ ئويناقلاپ ئېقىۋاتاتتى. «ھەممە قۇشنىڭ ئۆز تىلى بار، يىرتقۇچنىڭمۇ سۆزى» دېگەندەك، مايمۇنلار: «بۇ سۇ قەيەردىن ئېقىپ كەلگەندۇ؟ بۈگۈن بىكارچىلىقتا ئېقىننى بويلاپ مېڭىپ بىر كۆرۈپ باقايلى ! ئويۇن - تاماشا بىلەنلا بارىمىز !» دەپ ۋارقىرىشىپ، ئەركەك - چىشىلىرىنى چاقىرىشىپ، چوڭى كىچىكلىرىنى سۆرەپ، بىرلىكتە يۈگۈرۈپ، ئېقىننى بويلاپ تاغقا يامىشىپ، سۇ چىقىۋاتقان جايغا يېتىپ كېلىشتى. بۇ بىر شارقىراتما بولۇپ، تۆۋەندىكى تەسۋىرگە تولىمۇ باب ئىدى:

گۈركىرەيدۇ كۈمۈش رەڭ لېنتا،

ئەتراپلارغا چاچرىتىپ ئۈنچە.

يەلپۈپ ئۆتەر دېڭىز شامىلى،

دەريادا ئاي چاقنايدۇ شۇنچە.

چاچقۇ بولۇپ چاچرار قەترىلەر،

سالقىن شامال ئۇرۇلار يۈزگە.

خاسىيەتلىك بۇ شارقىراتما،

ئوخشار گويا شايى پەردىگە.

بۇنى كۆرگەن مايمۇنلار خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىشىپ ۋارقىرىشىپ كەتتى:

− ۋاھ، نېمىدېگەن ئېسىل سۇ، بۇ ! ئەسلىدە بۇ تاغدىن چۈشۈپ دېڭىزغا قويۇلىدىكەن ئەمەسمۇ؟

− قېنى، قايسىڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ مەنبەسىنى كۆرۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالايسىلەر؟ ئامان - ئېسەن يېنىپ چىققىنىنى ئۆزىمىزگە پادىشاھ سايلاپ چوقۇنىمىز.

بۇ سۆز ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندا، توپ ئارىسىدىن ئۇشتۇمتۇت بىر تاش مايمۇن سەكرەپ چىقىپ، بار ئاۋازى بىلەن:

− مەن كىرىمەن، مەن شۇڭغۇپ كىرىمەن ! − دېدى.

مايمۇنلارنىڭ نوچىسىمۇ شۇ ئىدى. مانا ئەمدى:

قۇدرىتىنى قىلىشقا زاھىر

كەلدى بۈگۈن قالتىس ئامىتى.

كىرىپ چىقسا بۇ تىلسىم جايغا،

شاھ قەسىرىدە چاقنار شۆھرىتى.

شۇئان ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ، تۈگۈلۈپ تۇرۇپ، بىرلا سەكرىدى - دە، شارقىراتما ئىچىگە شۇڭغۇپ چۈشتى. بىردىنلا كۆزىنى ئېچىپ قارىۋىدى، ھېچقانداق ئېقىن سۇ كۆرۈنمىدى. چاقناپ تۇرغان يورۇقلۇق ئىچىدە بىر كۆۋرۈك كۆزگە چېلىقتى. ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، سىنچىلاپ قاراپ، ئۇنىڭ تۆمۈردىن ياسالغان كۆۋرۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. كۆۋرۈك ئاستىدىكى سۇ تاشلار ئارىسىدىن شىرىلداپ ئۆتۈپ، تەتۈر ئېقىن ھاسىل قىلغىنىچە كۆۋرۈك ئېغىزىنى توسۇپ قويغانىدى. ئۇ كۆۋرۈك ئۈستىگە چىقىپ ئۇيان - بۇيان ئايلىنىپ، شۇنداق بىر ئېسىل جاينى كۆردىكى، تۆۋەندىكى تەسۋىرنىڭ دەل ئۆزى ئىدى:

مەخمەلدەك يېشىلزارلىق، لەيلەپ يۈرەر ئاق بۇلۇت،

نۇر ئىچىدە جىلۋىلىنەر تۇمانلار شەپەق بولۇپ.

جىمجىت ئۆيلەر، گىرىمسەن روجەك، ئورۇندۇقلار نەقىشلىك

بېزەك.

زۇمرەت سۇ تامچىلار غار تۆشۈكىدىن، چىڭگىلىك يەلپۈنەر

تالى مەجنۇندەك،

داش قازان ئاستىدا ئوتتىن نىشانە،

دۆشە، ئەمبەل يېنىدا گۆشتىن ھەم دېرەك.

تاش كارىۋات، ئورۇندۇق شۇ قەدەر ئېسىل،

تاش قاچا - قومۇچتىن سۆيۈنەر يۈرەك.

ۋاھ، ئەنە نەچچە تال نازۇك بامبۇكلار،

گۈلجىنەسلەر چاقنايدۇ خۇددى يۇلتۇزدەك.

قارىغايلار بەرگىدىن سىرغىيدۇ شەبنەم،

كۆرۈنەر بۇ جاي راست سەرەمجان ئۆيدەك.

ئۇ خېلى ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، دەل ئوتتۇرىدا تۇرغان بىر تاش پۈتۈكنى كۆردى. پۈتۈككە «پاراغەتلىك گۈلشەن تېغىنىڭ سۇ پەردىلىك غارى» دېگەن بىر قۇر خەت يوغان قىلىپ يېزىلغانىدى. تاش مايمۇن خۇشاللىقىدىن ئىچ - ئىچىگە سىغمىغان ھالدا ئالمان - تالمان كەينىگە ياندى - دە، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ بىرلا سەكرەپ شارقىراتما سىرتىغا چىقتى. ئاندىن ئالىقانلىرىنى ھورداپ تۇرۇپ:

− ئاجايىپ مۆجىزە ! ئاجايىپ مۆجىزە ! − دېدى.

مايمۇنلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋېلىپ:

− ئىچى قانداقراق ئىكەن؟ سۇ خېلى چوڭقۇرمىكەن؟ − دەپ سوراشتى.

− سۇ يوق ئىكەن، − دېدى تاش مايمۇن جاۋاب بېرىپ، − ئۇ يەردە بىر تۆمۈر كۆۋرۈك بار ئىكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۆي بىساتلىرىمۇ تەل بار ئىكەن.

− قانداقراق ئۆي بىساتلىرى بار ئىكەن؟ − سوراشتى مايمۇنلار قىزىقىپ.

تاش مايمۇن كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

− كۆۋرۈك ئارقىلىق ئېقىپ چىققان بۇ سۇ ئىشىك، روجەكلەرنى توسۇۋاپتۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدە گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر بار ئىكەن. يەنە بىر ئۆيمۇ بار ئىكەن. ئۆينىڭ ئىچىدە تاش قازان، تاش ئوچاق، تاش تەڭنە، تاش كارىۋات ۋە تاش ئورۇندقلار بار ئىكەن. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر تاشپۈتۈككە «پاراغەتلىك گۈلشەن تېغىنىڭ سۇ پەردىلىك غارى» دېگەن خەتلەر پۈتۈلۈپتۇ. ھەقىقەتەن بىزنىڭ پاناھلىنىدىغان ياخشى جايىمىز ئىكەن. ئىچى ئىنتايىن كەڭتاشا ئىكەن. چوڭ - كىچىك بىرەر مىڭ ھەمراھىمىز سىغىپ كەتكۈدەك. بىز ھەممىمىز كىرىپ شۇ يەردە ماكانلىشايلى، تەڭرىمۇ بىزنى ئانىي تاپالمايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە:

جېنىمىزنى ئېلىپ دالدىغا،

پاناھلىنىمىز يامغۇر، بوراندىن.

گۈلدۈرمامىمۇ كىرمەس قۇلاققا،

قورقمايمىز ھەرگىز قىش - زىمىستاندىن.

ياخشىلىقنىڭ بولۇپ نىشانى،

تۇرار تاڭ نۇرى دائىم چېچىلىپ.

ياشنار قارىغاي، بامبۇكلار مەڭگۈ،

گۈللەر بەرق ئۇرار تىنماي ئېچىلىپ.

بۇنى ئاڭلىغان مايمۇنلارنىڭ خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىشتى ۋە:

− ئۆزلىرى ئالدىمىزدا مېڭىپ بىزنى باشلاپ كىرىسلە، − دېدى.

تاش مايمۇن يەنە كۆزىنى يۇمۇپ، تۈگۈلۈپ تۇرۇپ، بىرلا سەكرەپ ئىچىگە كىرىپ ئۇلارنى چاقىردى:

− ھەممىڭلار ماڭا ئەگىشىپ كىرىڭلار، تېز بولۇڭلار !

يۈرەكلىك مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى سەكرەپ كىرىپ كېتىشتى. قورقۇنچاقلىرى بولسا شۈمشىيىپ، قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇپ، گەدىنىنى قاشلىشىپ، ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ بىردەم تۇرۇشقاندىن كېيىن، ئاران دېگەندە كىرىۋېلىشتى. ئۇلار كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا، قاچا - قومۇچلارنى تالىشىپ، ئوچاق، كارىۋاتلاردىن قىزغىنىشىپ، ئۇيان يۆتكەپ - بۇيان قوزغاپ، تىنىم تاپماي سەكرىشىپ، ئاخىر چارچاپ مادارىدىن كەتكەندە ئاندىن جىم بولۇشتى. تاش مايمۇن تۆرگە چىقىپ راۋۇرۇس ئولتۇرغاندىن كېيىن سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى:

− قېنى كۆپچىلىك، يىگىت بولساڭ سۆزۈڭدىن يانما، دەپتىكەن، باياتىن كىم ئامان - ئېسەن كىرىپ چىقسا، شۇنى پادىشاھ دەپ تاۋاپ قىلىمىز، دېگەن ئىدىڭلارغۇ؟ مانا مەن كىرىپ چىقتىم، چىقىپ يەنە كىردىم. سىلەرنى خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان غارغا، سائادەتلىك بىر ئائىلىگە ئىگە قىلدىم. ئەمدى مېنى پادىشاھ دەپ تونۇپ تاۋاپ قىلىشماي نېمە تۇرىسىلەر؟

مايمۇنلار تاش مايمۇننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىتائەتمەنلىك بىلەن تىز چۆكۈشتى، ياش قۇرامى بويىچە رەتكە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تاۋاپ قىلىشتى ۋە ئۇنى «مىڭ ياشلىق پادىشاھىئالەم» دەپ ئاتاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاش مايمۇن بۈيۈك پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، «تاش» دېگەن سۆزنى تاشلىۋېتىپ، بارا - بارا ھۆرجامال مايمۇن پادىشاھى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇنىڭغا مۇنداق بىر نەزمە شاھىت بولالايدۇ.

نەزمە

ئىككى جىنس ئارىسىدىن تۆرىلىدۇ ھەممە جان،

شۇ ئىلاھىي تاشمۇ ئاي، كۈن جەۋھىرىنى شورىغان.

ئاشۇ جەۋھەردىن تەۋەللۇت بولدى مايمۇن ئاقىۋەت،

تېز كامالەتكە يېتىپ نامى ئۇنىڭ بولدى ئايان.

سىرتىدىن باقساڭ بىلىنمەس ھەرنە شەيئى خىسلىتى،

تاپسا مەيدان شۆھرىتىنى يايىدۇ ھەر پالۋان.

تا ئەزەلدىن ئۇشبۇ يەڭلىخ كەلدى ياشاپ كىشىلەر،

بولسا گەر خان، ئەۋلىيا زورلۇق بىلەن سوراپ جاھان.

ھۆرجامال مايمۇن پادىشاھى جىمى مايمۇنلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆزىگە ۋەزىر، ئەلچىلەرنى بەلگىلىۋالدى. كۈندۈزلىرى گۈلشەن تېغىدا سەيلە قىلسا، كېچىسى سۇ پەردىلىك غار ئىچىدە ياتاتتى. بىر - بىرىگە كۆيۈمچان بولۇپ، بىرەر ئۇچار قاناتنىمۇ كىرگۈزمىدى. بىرەر يىرتقۇچنىمۇ يېقىن يولاتمىدى. پادىشاھلىق سەلتەنىتىنى ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزۈپ، خۇشاللىق ئىلكىدە يايراپ كۈلدى. ئۇنىڭ كۈنلىرى:

ئۇزۇق قىلسا باھاردا رەڭمۇرەڭ گۈل - چېچەكنى،

يازدا شېرىن مېۋىگە تويۇپ كەزدى باغ - ۋاران.

كۈز پەسلىدە ۋاقتىنى كاشتان يىغىپ ئۇزارتسا،

قىشتا ئىزدەپ شاقاقۇل ئۆمرى ئۆتتى شادىمان.

دېگەن تەرىقىدە داۋاملاشتى.

ھۆرجامال مايمۇن پادىشاھ جاھاننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ، تۆت يۈز - بەش يۈز قەرنە ئۆتكۈزدى. بىر كۈنى، ئۇ مايمۇنلار بىلەن خۇشال زىياپەتتە ئولتۇرۇپ، بىردىنلا ھەسرەت چېكىپ، ياش تۆكۈپ قالدى. مايمۇنلار دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلەن:

− پادىشاھ ئالىيلىرى، نېمىگە بۇنچە بىئارام بولىدىلا؟ − دەپ سوراشتى.

مايمۇن پادىشاھ جاۋاب بېرىپ:

− ھازىر كۈنلىرىمنى شاد - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقان بولساممۇ، لېكىن كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. بىئارام بولۇشۇمنىڭ ۋەجى ئەنە شۇ، − دېدى.

− پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى ھەقىقەتەن قانائەت ھاسىل قىلمايدىكەنلا، − دېدى مايمۇنلار كۈلۈشۈپ كېتىپ، − بىز ھەربىر كۈنىمىزنى خۇشال تەنتەنىلەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ خاسىيەتلىك تاغ، سائادەتلىك ماكاندا ياكى يالماۋۇزلارنىڭ زىيان - زەخمىتىگە ئۇچرىمىساق ياكى قېقىنۇسلار باشقۇرمىسا ۋە ياكى ئادەمزات پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمىگە قاراشلىق بولمىساق، شۇ قەدەر ئەركىن - ئازادە ياشاپ تۇرۇپ، يەنە قانداق كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدىلا؟

− بۈگۈن كەچتە ئۆزگىلەرنىڭ قانۇن - پەرمانىغا قاراپ تۇرمىساقمۇ، قۇش ۋە يىرتقۇچلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ قالمىساقمۇ، كەلگۈسىدە قېرىپ مادارىمىز تۈگىگەندە، ناۋادا ئۆلۈپ قالساق، بۇ دۇنيادا يەنە قانغۇچە ياشىيالامدۇق؟ بۇ ئالەمدىمۇ ئۇزاق تۇرالمايمىز - دە ! − دېدى مايمۇن پادىشاھ.

بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، مايمۇنلارنىڭ چىرايىدا بىر - بىرلەپ قايغۇ - ھەسرەت ئالامەتلىرى پەيدا بولدى.

شۇ ئەسنادا توپ ئارىسىدىن دۆككەك ھۆدۈنە مايمۇن سەكرەپ چىقىپ، چىرقىراق ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

− پادىشاھ ئالىيلىرى شۇ قەدەر قايغۇرۇپ كەتكەن بولسىلا راستتىنلا زاھىدلىققا كۆڭۈللىرى تارتىپ قاپتۇ. ھازىر بەش جاندار ئىچىدە ئۈچ تۈرلۈكى مەشھۇر بولۇپ، ئۇلار ياماراجانىڭ ئەمرىگە بويسۇنمايدۇ.

− ئۇ ئۈچىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ − دېدى مايمۇن پادىشاھ.

ھۆدۈنە مايمۇن جاۋاب بېرىپ:

− بىرى بۇددىس، بىرى ئەۋلىيا، بىرى پارسا، ئۇلارنى تاۋاپ قىلىپ چىققان كىشى ئالەم بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرۈپ مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، − دېدى.

− بۇ ئۈچىنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ − سورىدى مايمۇن پادىشاھ.

− ئۇلار ئادەمزات دۇنياسىدىكى مۇقەددەس تاغلارنىڭ قەدىمىي غارلىرىدا تۇرىدىكەن.

مايمۇن پادىشاھ بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە:

− مەن ئەتىلا سىلەر بىلەن خوشلىشىپ، ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ ئۇ ئۈچىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۆگىنىپ كېلىمەن، − دېدى.

مايمۇنلار چاۋاك چېلىشىپ تەبرىكلەشتى ۋە:

− بارىكاللا، بارىكاللا ! بىز ئەتىلا تاغقا چىقىپ مېۋە - چېۋە ئۈزۈپ كېلىپ، سىلىنى كاتتا زىياپەت بىلەن ئۇزىتىپ قويايلى، − دېيىشتى.

ئەتىسى مايمۇنلار ئاجايىپ ئېسىل شاپتۇل، ئالمىلارنى، يىلتىز تۈگىنەك، شاقاقۇل، ئىپار ھىدلىق گۈل - گىياھلارنى تاش شىرەلەرگە چىرايلىق تىزىپ، شارابۇ ئەنتەھۇرلەرنى تەخ قىلدى. بۇنىڭغا بۇنداق نەزمە دەلىل:

جىلۋىلىنەر ئالتۇن رەڭ مارجان،

قىزىل ياقۇت قىلىدۇ جەۋلان.

گىلاستۇر ئۇ ئالتۇن رەڭلىكى،

شېرىنلىكى ئالار خۇددى جان.

قارىئۆرۈكتۇر قىزىل تۇرغىنى،

چۈچۈمەل تەم چىش قامار ھەر ئان.

لەززىتى كۆپ يېڭى بېلىقنىڭ،

بەررە كاۋاپ گۈپ - گۈپ پۇرايدۇ.

ئىشتىھا قوزغار پىبا ياپرىقى،

قۇمالما شاخلار ئارا مارايدۇ.

نەشپۈت - كەھرىۋا، چىلان قىزىل تاج،

يېسەڭ ھارغىنلىق ھەم دەرد تارايدۇ.

مەي بولغان شاپتۇل، كىشمىش كۆك ئۆرۈك،

شەربەت قىيامى جانغا تارايدۇ.

توغاچ، ئالۇچا ئاغزىڭغا ھەردەم،

سېرىق سۇ يىغىش ئۈچۈن قارايدۇ.

تاۋۇز كۆرسىتەر قىزىل قارنىنى،

ئەبنۇس سارغىيىپ چەتتە مارايدۇ.

قاراڭ، يېرىلغان ئانار كۆكسىگە،

ئۈنچە - مەرۋايىت چوغدەك يالتىرار.

يۈنەي، كاشتانلار ئېچىپ ئاغزىنى،

ئەت بەرمەك ئۈچۈن ئۇندا ئالدىرار.

ياڭاق، باداملار چايغا تېتىق،

ئۈزۈم شارابى دىلنى ئوينىتار.

ياۋا ياڭاقلار تاۋاقلاردا لىق،

ماندارىن شىرە ئۆزرە مىغىلدار.

خۇشبۇي تارقىتار تاغ گىياھلىرى،

پۇرۇقلاپ ئەنە قۇمالما قاينار.

ھاۋانچىلاردا يانچىلار خۇرۇج،

يېنىك ئوت بىلەن داش قازان قاينار.

كىم كۆرگەن بۇنداق ئېسىل مەئىشەت،

تاغ مايمۇنلىرى ۋاھ، ئۇندا يايرار.

مايمۇنلار ھۆرجامال مايمۇن پادىشاھنى ئالىي ھۆرمەت بىلەن تۆرگە چىقىرىپ، ئۆزلىرى ياش قۇرامى بويىچە رەتكە تىزىلپ كېلىپ، ئۇنىڭغا شاراب تۇتۇشتى، گۈل سوۋغات قىلىشتى، مېۋىلەرنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن سۇنۇشتى. بىر كۈن قانغۇدەك يەپ - ئىچىشتى. ئىككىنچى كۈنى مايمۇن پادىشاھ تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ مايمۇنلىرىغا:

− بالىلىرىم، قۇرۇپ قالغان قارىغايدىن كېسىپ كېلىپ ماڭا بىر سال ياساپ بېرىڭلار. مېۋە - چېۋىلەردىنمۇ تەييارلاپ قويۇڭلار. مەن يولغا چىقماقچىمەن، − دېدى.

دەرۋەقە، ئۇ سالنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ، پايانسىز دېڭىزدا دولقۇنلار ئۈستىدە لەيلەپ، جەنۇبىي جامبۇدۋىپاغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. خۇددى ئۇنىڭغا ئامەت قۇشى قونغاندەك، ئۇ سالغا چىقىشى بىلەن تەڭ ئۇدا نەچچە كۈن شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىپ، ئۇنى غەربىي شىمالدىكى قىرغاققا ئەكېلىپ قويدى. بۇ جەنۇبىي جامبۇدۋىپانىڭ زېمىنى ئىدى. ئۇ سالنى تاشلاپ قويۇپ قىرغاققا چىقتى. دېڭىز بويىدا بېلىق تۇتۇۋاتقان، تۇز كولاۋاتقان ئادەملەر كۆرۈندى. ئۇ ئادەملەرنىڭ قېشىغا كېلىپ ئاللىقانداق غەلىتە ئەلپازدا شېتىلىلىك قىلىۋىدى، كىشىلەر قورققىنىدىن سېۋەتلىرىنى ۋە تورلىرىنى تاشلاپ تەرەپ - تەرەپكە قېچىشتى. ئۇ قاچالماي قالغاندىن بىرىنى تۇتۇۋېلىپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇچىسىغا كىيىۋالدى - دە، ئىرغاڭلاپ مېڭىپ، ئايماق، مەھكىمە، بازار، كەنتلەرنى كېزىپ، ئادەملەرگە ئوخشاش ئەدەب - قائىدىنى ۋە سۆزلەشنى ئۆگەندى. ناشتىدىن باشلاپ تاكى ياتار چاغقىچە جاھان كەزدى. ئۇ يەنىلا مەڭگۈ قېرىماسلىق ئۈچۈن بۇددىس، ئەۋلىيا، پارسالارنى زىيارەت قىلىش كويىدا ئىدى.

مايمۇن پادىشاھ ئەۋلىيا - ئەنبىيالارنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن تالاي يەرلەرنى كەزگەن بولسىمۇ، تەقدىر ئۇنىڭغا بىرەرىنى يولۇقتۇرمىدى. ئۇ جەنۇبىي جامبۇدۋىپا زېمىنىدا شەھەر - سېپىللارنى، سەھرا - يېزىلارنى ئايلىنىپ، سەككىز - توققۇز يىلنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالدى، ماڭا - ماڭا غەربىي دېڭىزغا كېلىپ قالدى ۋە شۇ دىياردا چوقۇم ئەۋلىيا - ئەنبىيالار بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، ئۆزى سال ياساپ، غەربىي دېڭىزدىن ئۆتۈپ، غەربىي گۇدا زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. قىرغاققا چىققاندىن كېيىن بىرنەچچە كۈن سەيلە - ساياھەت قىلدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇشتۇمتۇت ئاجايىپ گۈزەل بىر تاغ ۋە قويۇق ئورمان نامايان بولدى، ئۇ بۆرىلەرنىڭ، يولۋاسلارنىڭ ھەيۋىسىگە پىسەنت قىلماي، تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى.

شۇ ئارىدا ئورمانلىق ئىچىدىن بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ چاققانلىق بىلەن ئورمانلىق ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىردى - دە، بىر پەس قۇلاق سالدى. ناخشا ساداسى ئېنىق ئاڭلاندى. مايمۇن پادىشاھ ناخشىنى ئاڭلاپلا خۇشاللىقىدىن: «ئەۋلىيا ئەسلىي مۇشۇ جايغا مۆكۈۋالغانىكەن - دە !» دېگىنىچە ئالمان - تالمان ئىچكىرىلەپ كىرىپ، پالتا بىلەن ئوتۇن كېسىۋاتقان بىر ئوتۇنچىنى كۆردى.

− ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەۋلىيا ئاتا ! − دېدى مايمۇن پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ.

ئوتۇنچى دەرھال پالتىسىنى قويۇپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ تەۋازۇ بىلەن:

− يوقسۇ، يوقسۇ. مەندەك بىر نامرات ئادەم «ئەۋلىيا» دېگەن سۆزگە لايىق ئەمەسمەن. سىلىگە ئېنىقىنى ئېيتسام، مېنىڭ ئۆمرۈم رەنج - مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن. غۇۋا يادىمدا قېلىشىچە، ئاتا - ئانام مېنى سەككىز - توققۇز يېشىمغىچە باققان. جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئازراق چۈشەنگەن ۋاقتىمدا بەختكە قارشى دادام قازا قىلپ كېتىپ ئانام تۇل قالغان. باشقا بىر تۇغقانلىرىم بولمىغاچقا، ئانامغا ئۆزۈم قاراشقا مەجبۇر بولدۇم، مانا ئەمدى قېرىغاندا ئۇنى تاشلاپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەرلىرىمىز ھوسۇل بەرمىدى. ئاچ - يېلىڭ قالدۇق، شۇ ۋەجدىن ئوتۇن كېسىپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، تاپقان پۇلغا گۈرۈچ ئېلىپ، ئۆزۈم تاماق قىلىپ، ياشىنىپ قالغان ئانامنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا، ئىلىم - ھېكمەت ئۆگىنىشكىمۇ بارالمىدىم، − دېدى.

− گەپ - سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ۋاپادار ئوغۇل ئىكەنلا، كېيىنچە چوقۇم ياخشىلىق كۆرۈلا. بىراق، سىلى ماڭا ئەۋلىيالارنىڭ تۇرىدىغان جايىنى كۆرسىتىپ قويسىلا، مەن ئۇلارنى تاۋاپ قىلماقچىدىم، − دېدى مايمۇن پادىشاھ.

− ئانچە يىراق ئەمەس، − دېدى ئوتۇنچى، − بۇ تاغ لىنتەي فاڭسۇن تېغى دەپ ئاتىلىدۇ. تاغ ئىچىدە ئەگىم ئاي ئۈچ يۇلتۇز غارى دېگەن بىر غار بار. غار ئىچىدە بىر ئەۋلىيا بار، ئۇنى بۇدھى پىر ئۇستاز دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ چىققان شاگىرتلار ھەددى - ھېسابسىز، ھازىرمۇ ئوتتۇز - قىرىق كىشى ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىۋاتىدۇ. سىلى كۆرۈنگەن ئاۋۇ يول بىلەن جەنۇبقا قاراپ يەتتە - سەككىز چاقىرىم ماڭسىلا، ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارىلا.

مايمۇن پادىشاھ شۇ سۆز بىلەن ئورمانلىقتىن چىقىپ، يولنى تېپىپ بىر داۋاندىن ئاشتى. يەتتە - سەككىز چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن، دېگەندەك بىر غار كۆرۈندى. غار دەرۋازىسى مەھكەم تاقالغان، ئادەمزاتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، بىردىنلا قىيا ئۈستىگە ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنى كۆرۈپ قالدى. تاش پۈتۈكنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئۈچ گەز، كەڭلىكى سەككىز چىچە كېلەتتى. ئۇنىڭغا «لىنتەي فاڭسۇن تېغى، ئەگىم ئاي ئۈچ يۇلتۇز غارى» دېگەن سۆز پۈتۈلگەنىدى. مايمۇن پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا:

«بۇ تاغ، بۇ غار راستتىنلا مەۋجۇت ئىكەن - دە !» دېگىنىچە خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردى. بىراق، دەرۋازىنى چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئاندىن ئۇ قارىغاي شېخىغا سەكرەپ چىقىپ، قارىغاي ئۇرۇقىنى ئۈزۈپ يەپ، ئويۇنغا چۈشۈپ كەتتى.

بىرئازدىن كېيىن غىچىرلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، غار دەرۋازىسى ئېچىلدى. ئىچىدىن غۇلمان سۈپەت بىر بالا غۇلمان چىقتى. ئۇنىڭ قەددى - قامىتى، ھۆسن - جامالى شۇ قەدەر كېلىشكەن بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە زادى ئوخشاشمايتتى. بالا ئىشىكتىن چىقىپلا:

− كىم ئۇ، بۇ يەرنى پاراكەندە قىلىپ يۈرگەن !؟ − دەپ توۋلىدى.

مايمۇن پادىشاھ قارىغايدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئېگىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

− ئەۋلىيا يىگىت، مەن بولسام پىر ئۇستازنى زىيارەت قىلىپ ئەۋلىيالىقتىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن بەندىمەن، بۇ يەرنى پاراكەندە قىلىشقا نېمە ھەددىم؟

بالا غۇلمان كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى:

− سىلى پىر ئۇستازنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەنمۇ؟

− شۇنداق.

− باياتىن ئۇستازىمىز مۇنبەردە دەرس سۆزلەۋېتىپلا «سىرتتا ئىلىم - ھېكمەت ئىزدەپ كەلگەن بىرى بار، سەن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالغىن» دەپ بۇيرۇغانىدى. خاتالاشمىغان بولسام شۇ كىشى سىلى بولىدىلاغۇ دەيمەن؟

− شۇنداق، مەن بولىمەن، مەن بولىمەن.

− ماڭا ئەگىشىپ ماڭسىلا.

مايمۇن پادىشاھ كىيىم - كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، بالىغا ئەگىشىپ غارغا ئىچكىرىلەپ كىردى. ئۇ بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئايۋان، راۋاقلاردىن، سەدەب دەرۋازىلىق بىللۇر سارايلاردىن ۋە سانسىز خىلۋەت خانىلاردىن ئۆتۈپ ئېگىز مۇنبەر ئالدىغا كەلدى. بۇدھى پىر ئۇستاز مۇنبەردە تەمكىن ئولتۇراتتى. ئوتتۇزچە بالا غۇلمان مۇنبەرنىڭ ئالدىدا ئىككى رەت بولۇپ، ئەدەب بىلەن ئۆرە تۇراتتى.

مايمۇن پادىشاھ ئۇنى كۆرۈپلا يەرگە تىزلىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن تەزىم قىلىپ مۇنداق دېدى:

− ئۇستازىم، كەمىنە مۇرىتلىرى سىلىگە ساپ نىيىتىم بىلەن تاۋاپ قىلىمەن، ساپ نىيىتىم بىلەن تاۋاپ قىلىمەن.

− سەن قايسى يۇرتتىن بولىسەن؟ نامۇئەمىلىڭنى مەلۇم قىلىپ ئاندىن تاۋاپ قىلغىن، − دېدى پىر ئۇستاز ئۇنىڭغا قاراپ.

− كەمىنە مۇرىتلىرى، − شەرقىي پۇرۋاۋىدىخا ئاۋلەي دۆلىتىنىڭ گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غاردىن بولىمەن، − دېدى مايمۇن پادىشاھ جاۋاب بېرىپ.

− بۇنى قوغلاپ چىقىرىڭلار ! − دېدى پىر ئۇستاز بۇيرۇق قىلىپ، − ئەسلىي بۇ بىر ئالدامچى ئىكەن، ئۇ ئىلىم - ھېكمەت ئۆگىنىشكە قانداقمۇ يارىسۇن !

مايمۇن پادىشاھ يەنە باش ئۇرۇپ يېلىندى:

− پېقىر ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋاتىمەن، قىلچە يالغانچىلىق قىلغىنىم يوق.

− راست سۆزلىگەن بولساڭ، ئەجەب شەرقىي پۇرۋاۋىدىخاندىن كەلدىم دەيسەنا؟ ئۇ يەردىن بۇيەرگە كېلىش ئۈچۈن ئىككى دېڭىزدىن ۋە جەنۇبىي جامبۇدۋىپادىن ئۆتىدىغان تۇرسا قانداق يېتىپ كېلەلىدىڭ؟ − سورىدى پىر ئۇستاز.

مايمۇن پادىشاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ جاۋاب بەردى:

− پېقىر دېڭىزلاردا لەيلەپ، تاغ - دالالاردا سەرسان بولۇپ ئايلىنىپ يۈرگىلى ئون يىلدىن ئاشتى. مۇبارەك دەرگاھلىرىغا تېخى ھازىرلا يېتىپ كېلىشىم.

− خوش، يول يۈرۈپقۇ كەپسەن، ئۇنداق بولسا فامىلەڭ نېمە؟ − دېدى پىر ئۇستاز.

− فامىلەم يوق، − دېدى مايمۇن پادىشاھ جاۋاب بېرىپ، − باشقىلار مېنى تىللىسا ئاچچىقلىنىپمۇ كەتمەيمەن. ئۇرسا رەنجىپمۇ قالمايمەن. ئۆزرە ئېيتسىلا، كەچۈرۈم قىلىمەن. ئەزەلدىن فامىلەم بولغان ئەمەس.

− فامىلەڭ بولمىسا، ئاتا - ئاناڭنىڭ ئەسلىي ئىسمى نېمە ئىدى؟

− ئاتا - ئاناممۇ بولغان ئەمەس.

− ئاتا - ئاناڭ بولمىسا، دەرەختىن تۇغۇلۇپ قالغانمىدىڭ؟

− ياق، − دېدى مايمۇن پادىشاھ جاۋاب بېرىپ، − دەرەختىن ئەمەس، بەلكى تاش ئىچىدىن ئاپىرىدە بولغانمەن. بىلىشىمچە، گۈلشەن تېغىدىكى بىر ئىلاھىي تاش قايسىبىر يىلى يېرىلىپ مېنى تۇغقانىكەن.

بۇنى ئاڭلاپ پىر ئۇستاز ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولدى ۋە:

− سۆزۈڭنىڭ ئۇرامىدىن قارىغاندا، سەن ئاسمان - زېمىن ئارىسىدا ئاپىرىدە بوپسەن. قېنى ئورنۇڭدىن تۇر، مېڭىشىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي، − دېدى.

مايمۇن پادىشاھ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، قەددىنى رۇسلىدى، ئىرغاڭلاپ بىر ئۇ ياققا - بىر بۇ ياققا ماڭدى. پىر ئۇستاز كۈلۈپ كېتىپ:

− دەلدۈش بولغىنىڭ بىلەن قارىغاي مېۋىسى يەيدىغان ئىتسىمان مايمۇنغا ئوخشايدىكەنسەن. مەن ساڭا قەددى - قامىتىڭگە خاس ھالدا «سۇن» (مايمۇن) دەپ ئىسىم قويۇپ قوياي. «سۈن» خېتىدىكى ھايۋاننى بىلدۈرىدىغان بەلگىنى چىقىرىۋېتىپ، ئادەمنىڭ فامىلىسىدىكى سۇن بىلەنلا ئاتايلى، − دېدى.

بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان مايمۇن پادىشاھ پىر ئۇستازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلىپ تۇرۇپ:

− بارىكاللا. تولىمۇ ئوبدان بولدى ! مانا ئەمدى فامىلەمنىمۇ تېپىۋالدىم. مېھىر - شەپقەتلىك ئۇستازىم، ئىلتىپات قىلىپ فامىلەمنىڭ كەينىگە ئىسىمىمنىمۇ قويۇپ بەرسىلە، چاقىرىشقا ئاسان بولار ئىدى، − دېدى.

− ئىشىكىمدە ئون ئىككى خەت بار، نۆۋەت بويىچە ئىسىم قويۇپ كەلگەندە، سەن ئونىنچى ئەۋلاد شاگىرتىم بولىسەن، − دېدى پىر ئۇستاز.

− قايسى ئون ئىككى خەت؟ − سورىدى مايمۇن پادىشاھ.

پىر ئۇستاز جاۋاب بېرىپ:

− ئۇلار گۇاڭ، دا، جى، خۇي، جېن، رۇ، شىڭ، خەي، يىڭ، ۋۇ، يۈەن، جۇدىن ئىبارەت ئون ئىككى خەت، ساڭا «ۋۇ» توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا راھىبلىق نامىڭنى سۇن ۋۇكۇڭ دەپ ئاتىساق قانداق؟ − دېدى.

− بولىدۇ، بولىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ مېنى سۇن ۋۇكۇڭ دەپ ئاتاڭلار، − دېدى مايمۇن پادىشاھ خۇشال بولۇپ.

شۇنداق قىلىپ ئەلمىساقتىن تارتىپ نام - شەرىپى بولمىغان بۇ مەخلۇققا ۋۇكۇڭ نامى ئاتا قىلىندى. ئۇنىڭ ئەمدى نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك