قىزىل راۋاقتىكى چۈش - ئاتمىش ئۈچىنچى باب
ئاتمىش ئۈچىنچى باب
ئارامبەخش شاھزادىنى قۇتلاپ گۈل چېھرىلەرنىڭ كېچىلىك زىياپەت ئۆتكۈزگەنلىكى
ناياپ يەپ ئۆلگەن قېيىنئاتىسىغا يالغۇز ئايالنىڭ مۇسىبەت بىلدۈرگەنلىكى
باۋيۈي ھۇجرىسىغا كېلىپ قولىنى يۇدى ۋە شىرېنگە مەسلىھەت سالدى:
− ئاخشاملىققا شاراب ئىچىشكەندە قورۇنۇپ ئولتۇرماي، ھەممەيلەن تەڭ كۆڭۈل ئاچساق بولىدۇ. بۈگۈن قانداق غىزا يېسەك بولار؟ بالدۇرراق ئېيتىپ قويساڭ، ئۇلار راسكالىقىنى قىلىۋەرسۇن.
− بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، − دېدى شىرېن كۈلۈپ، − مەن بىلەن چىڭۋېن، شېيۆ، چيۇۋېن تۆتەيلەن بەش مىسقالدىن جەمئىي ئىككى سەر كۈمۈش چىقاردۇق؛ فاڭگۇەن، بىخېن، چۈنيەن، سىئېر تۆتى ئۈچ مىسقالدىن كۈمۈش چىقاردى. رۇخسەت سورىغانلارنى ھېسابلىمىدۇق. شۇنداق قىلىپ، جەمئىي ئۈچ سەر ئىككى مىسقال كۈمۈش يىغىلىۋىدى، ليۇ يەڭگىگە قىرىق تەخسە مېۋە - گېزەك تەييارلاڭ، دەپ بېرىپ قويدۇق. مەن پىڭئېرگە دېگەنىدىم، شاۋشىڭ شارابىدىن بىر كوزا بەردى، ئەكېلىپ ئاۋۇ يەرگە يوشۇرۇپ قويدۇق. بىز سەككىزەيلەن يالغۇز سىزنىڭلا تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى قىلىپ بېرىمىز.
− ئۇلارغا نەدىن كەلگەن پۇل ئىكەن؟ پۇل چىقارغۇزماسلىق كېرەك ئىدى، − دېدى باۋيۈي خۇشاللىقىدا ئالدىراپ.
− ئۇلارنىڭ پۇلى بولمىسا بىزنىڭ بارمىدى؟ − دېدى چىڭۋېن، − بۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز كۆڭلى. ئۇ ئۇلار ئوغرىلاپ كەلگەن بولسىمۇ مەيلى، ئۇلارنىڭ ئادەمگەرچىلىكىنى قوبۇل قىلسىلالا بولدى.
− توغرا دېدىڭ، − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي.
− سىزچۇ، ھەر كۈنى بىر - ئىككى ئېغىز قاتتىق گەپ ئاڭلاپ ئەدىپىڭىزنى يەپ تۇرمىسىڭىز كۈنىڭىز كۈن بولمايدۇ، − دېدى شىرېن كۈلۈپ.
− سەنمۇچۇ، بارغانسېرى ئەسكىلىشىپ، چېقىمچى بولۇپ كېتىۋاتىسەن ! − دېدى چىڭۋېن.
بۇ گەپكە ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
− ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىۋەتسۇن، − دېدى باۋيۈي.
− كىشىلەر سىزنى «بىكارچى ئالدىراڭغۇ» دەپ بىكار ئېيتمىغانىكەن ! − دېدى كۈلۈپ شىرېن، − شۇ تاپتىلا دەرۋازىنى تاقىۋەتسەك خەقلەر گۇمان قىلىپ قالىدۇ، شۇڭا سەل تەخىر قىلايلى.
− مەن تالاغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەي، − دېدى باۋيۈي ئۇنىڭ گېپىگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، − سىئېر سۇ ئەكېلىپ قويسۇن، چۈنيەن كەينىمدىن بىللە چىقسۇن.
باۋيۈي تالاغا چىقتى، باشقا ھېچكىم بولمىغاچقا، چۈنيەندىن ۋۇئېرنىڭ ئىشىنى سورىدى.
− ليۇ يەڭگىگە بايىراقتا دېگەنىدىم، ئۇ بەك خۇشال بولدى، − دېدى چۈنيەن، − بىراق، ۋۇئېر قايسى كۈنى ئازار يەپ بىر كېچە ئازابلانغاچقا، ئۆيىگە بېرىپلا ئاچچىقىدا ئاغرىپ قاپتۇ، ئۇ ھالدا قانداق كېلەلەيدۇ؟ ساقايغاندىن كېيىن كەلسۇن.
باۋيۈي بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، پۇشايمان يەپ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويدى - دە، ئۇنىڭدىن يەنە سورىدى:
− بۇ ئىشنى شىرېن بىلەمدۇ؟
− ئۇنىڭغا دېمىدىم، فاڭگۇەن دېدىمىكىنتاڭ؟
− مەنغۇ ئۇنىڭغا دېمىگەن. بوپتۇ، مەن دەپ قوياي، − دېدى باۋيۈي ۋە ئۆيگە يېنىپ كىرىپ ئەتەي قولىنى يۇيۇپ قويدى.
چىراغ ياقىدىغان ۋاقىت بولغاندا، ھويلىغا بىر توپ ئادەم كىرىپ كېلىشتى. ئۆيدىكىلەر دېرىزىدىن قارىغانىدى، لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ۋە بىرقانچە غوجىدار ئاياللار كىرىشىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرسى يوغان پانۇس كۆتۈرۈۋالغانىدى.
− ئۇلار جېسەكچىلەرنى چارلاپ كەپتۇ. بۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دەرۋازىنى تاقىۋەتسەك بولىدۇ، − دېدى ئاستا كۈلۈپ چىڭۋېن.
ئارامبەخش ھويلىدا جېسەكچىلىك قىلىدىغانلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىشتى. لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ئەتراپقا ئىنچىكە كۆز يۈگۈرتۈپ بولۇپ، جېسەكچىلەرگە جېكىلەپ قويدى:
− قىمار ئوينايدىغان، شاراب ئىچىدىغان، خالىغانچە يېتىپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار، ئاڭلاپ قالسام رىئايە قىلمايمەن.
− ئارىمىزدا ئۇنداق يۈرىكى چوڭلاردىن يوق ! − دەپ كۈلۈشتى جېسەكچىلەر.
− باۋيۈي غوجام ئۇخلاپتۇمۇ؟
− ئۇقمىدۇق.
شىرېن دەرھال باۋيۈينى تۈرتكىلەپ قويدى. باۋيۈي كەشىنى سېپىپلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە:
− تېخى ئۇخلىمىدىم. ئانىكا، كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىۋالسىلا، − دەپ قويۇپ شىرېننى چاقىردى، − شىرېن، چاي قۇي.
لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ئۆيگە كىردى ۋە:
− تېخىچە ياتماپتىلا؟ ھازىر كۈن ئۇزىراپ، تۈن قىسقىراپ قالدى. بالدۇرراق ياتسىلا ئەتىسى ئەتىگەن تۇرالايلا، كەچرەك تۇرۇپ قالسىلا خەقلەر زاڭلىق قىلىدۇ. مەدرىسەدە ئوقۇۋاتقان بەگزادە ئەمەس، يۈگۈر - يېتىمچى يالاڭ ئاياغلارغا ئوخشاپ قالىدىلا، − دەپ كۈلۈپ قويدى.
− ئانىكا، دېگەنلىرى توغرا، − دېدى باۋيۈيمۇ كۈلۈمسىرەپ، − ھەر كۈنى بالدۇر ياتاتتىم، ئۇخلاپ قېلىپ، سىلىنىڭ قاچان كىرگەنلىرىنىمۇ ئۇقمايتتىم. بۈگۈن ئۈگرە ئاش ئىچىپ قويدۇم، مەيدەمدە تۇرۇپ قالمىسۇن دەپ بىردەم مېڭىپ يۈرۈۋاتىمەن.
لىن جىشياۋنىڭ ئايالى كۈلۈمسىرەپ، شىرېنلەرگە:
− غوجامغا پۇئېر چېيىدىن دەملەپ بېرىڭلار، − دېدى.
− بىر چىنىگە قىز چايدىن دەملەپ بەرگەنىدۇق، ئىككى پىيالە ئىچتى. ئانىكا، ئۆزلىرىمۇ بىر پىيالە ئىچسىلە، چايمۇ تەييار، − دېدى شېرىن.
شۇئان چىڭۋېن چاي قۇيۇپ كەلدى. لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ئورنىدىن تۇرۇپ چاينى ئېلىپ گەپ باشلىدى:
− يېقىندىن بۇيان قۇلاق سالغۇدەك بولسام، غوجامنىڭ گەپ - سۆزلىرى ئۆزگىرىپ قاپتۇ، چوپچوڭ قىزلارنىڭمۇ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىدىكەن. بۇلارغۇ مۇشۇ ھۇجرىدىكى قىزلار، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم بىلەن ئاغىچا خېنىمنىڭ ئادەملىرى، ئېغىزدا بولسىمۇ ئۇلارنىڭ سەل ھۆرمىتىنى قىلغانلىرى ياخشى ئىدى. گاھىدا ئۇشتۇمتۇت ئىسمىنى قىچقىرىپ قالىدىغان چاغلارمۇغۇ بولىدۇ، لېكىن بارا - بارا ئېغىز شۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىپ، كېيىنچە ئىنىلىرى، جىيەنلىرىمۇ شۇنداق دەپ قىچقىرىدىغان بولۇپ قالسا، خەقلەر بۇ ئائىلىدە چوڭ - كىچىكنىڭ پەرقى يوق ئىكەن دەپ زاڭلىق قىلىدۇ.
− ئانىكا، توغرا دېدىلە، − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي، − گاھىدا شۇنداق قىچقىرىپ قالىدىغان چاغلىرىممۇ بار.
− ئۇنداق دەپ غوجامغا ئۇۋال قىلمىسىلا، − دېدى شېرىن بىلەن چىڭۋېن كۈلۈشۈپ، − تا شۇ كەمگىچە بۇ كىشىنىڭ ئاغزىدىن «ئاچا» دېگەن سۆز چۈشمەيدۇ، ئويناشقان چاغلاردا، ئىسمىمىزنى بىرەر - يېرىم قېتىم چاقىرىپ قالىدۇ. خەقلەرنىڭ ئالدىدا بولسا يەنە ئاۋۋالقىدەكلا.
− ئاشۇنداق قىلغىنى ياخشى، − دېدى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى كۈلۈپ قويۇپ، − ئوقۇغان، ئەدەپ - قائىدىنى بىلىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ. ئۆزى قانچە كەمتەر بولسا، شۇنچە ئىززەتلىك بولىدۇ. تۆت - بەش بوغۇندىن بۇيان خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلار، ھەتتا ھازىر ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ۋە ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆيلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەنلەر بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ۋە ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئىت - مۈشۈكلەرگىمۇ يېنىكلىك قىلىپ ئازار بەرگىلى بولمايدۇ. تەربىيە كۆرگەن بەگزادە دېگەن مانا شۇنداق قىلىدۇ، − ئاندىن ئۇ چاي ئىچىپ بولۇپ يەنە شۇنداق دەپ قويدى، − ئارام ئالسىلا، بىز كېتەيلى.
− يەنە بىرئاز ئولتۇرسىلا، − دېدى باۋيۈي.
لىن جىشياۋنىڭ ئايالى خىزمەتكارلارنى ئەگەشتۈرۈپ باشقا جايلارنى چارلىغىلى چىقىپ كەتتى. چىڭۋېنلەر دەرھال دەرۋازىنى تاقاپ كىرىشتى:
− بۇ ئانىكام نەدە يۈرۈپ ئىچىۋالغانكىن؟ ئەجەبمۇ كاسىلداپ كەتتى، بىزنىمۇ بىر قۇر گەپتە ئۇچۇقلاپ قويدى، − دېدى چىڭۋېن كۈلۈپ.
− ئۇمۇ ياخشى كۆڭلى بىلەن دېگەندۇ ! ھەر ھالدا ئۇنىڭ پات - پات شۇنداق دەپ تۇرسام ئېھتىيات قىلىدۇ، قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ دېگىنى بولسا كېرەك، − دېدى شېيۆ كۈلۈپ، ئاندىن ئۇ شاراب، مېۋە - گېزەكلەرنى تىزماقچى بولدى.
− ئېگىز جوزىنى ئىشلەتمەي، گۈللۈك ئامۇت ياغىچىدىن ياسالغان يۇمىلاق شىرەنى كاڭغا قويايلى، ئازادە ھەم ئولتۇرۇشقىمۇ ئەپلىك، − دېدى شىرېن.
شىرەنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى. شېيۆ بىلەن سىئېر مېۋە - گېزەك توشۇغىلى ماڭدى. يوغان ئىككى پەتنۇس بىلەن تۆت - بەش قېتىمدا توشۇپ بولدى. ئىككى خىزمەتكار موماي تالادا خوپىڭ بىلەن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ شاراب ئىسسىتىۋاتاتتى.
− ھاۋا ئىسسىق، چاپانلىرىمىزنى سېلىۋەتسەك ئوبدان بولاتتى، دېدى باۋيۈي.
− سىلى سالسىلا سېلىۋەتسىلە، بىز تېخى قاتارىسىغا قۇتلاش يارىشىقىنى قىلىمىز، − دېدى باشقىلار.
− مۇشۇنداق يارىشىق قىلىمىز دېسەڭلار بەشىنچى جېسەك ۋاقتىغىچە بارارمىكىن، − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ، − ئۇنداق چاكىنا تەكەللۇپتىن قاچىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر. يات ئادەملەرنىڭ ئالدىدا نائىلاج شۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ تۇرقىدا ئۇنداق چىشىمغا تېگىدىغان ئىشنى قىلىشىڭلار ياخشى ئەمەس.
− ئەمىسە سىلىنىڭ رايىلىرى بويىچە بولسۇن، − دېدى باشقىلار.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار داستىخانغا ئولتۇرمايلا، ئالدىراش - تېنەش كىيىم - كېچەكلىرىنى سېلىشتى. بىردەمدىلا رەسمىيانە بېزەكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، باشلىرىغا چاچلىرىنى ئاندا - مۇندىلا تۈرمىلەكلەپ قويدى. ئۇچىلىرىدا يالاڭ كۆرمىلىرىلا قالدى. باۋيۈي ئۈستىگە قىزىل چۈچۈنچە پەشمەت كىيگەن، قارا بۆرتمە گۈللۈك يېشىل دارايى شالۋۇر كىيىپ، پۇچقىقىنى بوغمىغان ۋە ئىشتانباغ بىلەن باغلىۋالغانىدى. رەڭگارەڭ ئەتىرگۈل ۋە چوغلۇق بەرگىلىرى بىلەن تولدۇرۇپ يېڭى تىكىلگەن يۇرۇن شايى ياستۇققا يۆلىنىپ، ھەممىدىن بۇرۇن فاڭگۇەن بىلەن چىنەك ئويۇنىغا چۈشتى. فاڭگۇەن، ئىسسىپ كەتتىم دەپ ۋايساپ تۇراتتى. ئۇ يۇرۇن، قۇلپى، تۆگەرەڭ بولۇپ ئۈچ خىل رەڭلىك تاۋاردىن قۇراشتۇرۇلغان كاتەكچە پەشمەت كىيىپ، كۆكۈچ يېشىل بەلباغ ئورىۋالغان، چاچما گۈللۈك ئاچ قىزىل شالۋۇر كىيىپ، پۇچقاقلىرىنى بوغمىغان، چېكە چاچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۈپ، چوققىسىغا تۈرمىلەپ يوغان بىر ئۆرۈمە قىلىپ كەينىگە تاشلىغان، ئوڭ قۇلىقىغا يوغانلىقى گۈرۈچتەك قاشتاش پۈگەت سانجىپ، سول قۇلىقىغا يوغانلىقى مېغىزدەك قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن سىرغا سالغان، يۈزى تولۇن ئايدەك ئاپپاق، كۆزلىرى كۆزنىڭ سۈيىدەك تىنىق ئىدى. باۋيۈي ئىككىسىنىڭ بۇ تۇرقىدىن باشقىلار كۈلۈشۈپ:
− بۇ ئىككىسى قوشكېزەك ئاكا - ئۇكىلارغا ئوخشاپ قاپتۇ، − دېيىشتى.
شىرېنلەر بىر - بىرلەپ شاراب قۇيۇپ:
− چىنەك ئويۇنىنى قويۇپ تۇرسىلا، قۇتلاش يارىشىقىنى قىلمىساقمۇ، ھەر ھالدا ھەر بىرىمىزنىڭ قولىدىن بىر ئوتلامدىن ئىچىپ قويسىلا، − دېدى.
ھەممىدىن ئاۋۋال شىرېن قەدەھنى باۋيۈينىڭ ئاغزىغا سۇندى، باۋيۈي بىر ئوتلىدى، قالغانلارنىڭكىنىمۇ قاتارىسىغا بىر - بىرلەپ ئوتلاپ چىقتى. ئاندىن ھەممەيلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى. چۈنيەن، سىئېرلەر كاڭنىڭ لېۋىگە پاتماي قېلىپ، مەخمەل قاپلانغان يۇمىلاق ئىككى كۇرسىنى كاڭنىڭ يېنىغا قويۇپ ئولتۇرۇشتى. بايىقى مېۋە - گېزەك كەلتۈرۈلگەن قىرىق تەخسىنىڭ ھەممىسى دىڭياۋ خۇمدىنىدا ئىشلەنگەن ئاق تەخسىلەر ئىدى، چوڭ تەخسىلەرگە ئىقلىمنىڭ تاغ - دېڭىزلىرىدىن چىقىدىغان سۇ ۋە قۇرۇقلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇق ياكى يېڭى خىللىرى بولۇپ، شاراب ئىچىشكە لايىق كۆك - گېزەكلەر ئۇسۇلغانىدى.
− بىزمۇ شاراب تېپىشمىقى ئوينىساق ئوبدان بولاتتى، − دېدى باۋيۈي.
− ئەدەپلىكرەك بولساق، كىشىلەرگە ئاڭلىتىپ ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرمىسەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ساۋاتسىز، ئۇنداق ئەدەبىي تېپىشماقلارنى ئىشلەتمىسەك، − دېدى شىرېن.
− شىشىخال تاشلاپ، كىمنىڭ قىزىل چېكىتى كۆپ بولسا، شۇ ئۇتقان بولسۇن ئەمىسە، − دېدى شېيۆ كۈلۈپ.
− قىزىقى يوق، ياخشى ئەمەس، چوپتەك ئېلىپ ئوينايلى، − دېدى باۋيۈي.
− شۇنداق قىلايلى، بالدۇرلا شۇنى ئوينىغۇم بار ئىدى، − دەپ كۈلدى چىڭۋېن.
− بۇ ئويۇنغۇ ئوبدان، لېكىن ئادەم ئاز بولسا قىزىقى بولمايدۇ، − دېدى شىرېن.
− مېنىڭچە بولسا، ئاستاغىنا باۋچەي خېنىم، شياڭيۈن خېنىم، دەييۈي خېنىملارنى تەكلىپ قىلىپ، بىردەم ئويۇن - كۈلكە قىلىشىپ، ئىككىنچى جېسەك ۋاقتىدا ئۇخلىساقمۇ كەچ قالغان بولمايتتۇق، − دېدى چۈنيەن كۈلۈپ.
− ئۆيمۇئۆي جار سېلىپ يۈرسەك، − دېدى شىرېن، − تۈن كۆزەتچىلىرىگە يولۇقۇپ قېلىپ ...
− نېمە قورقۇش ! − دەپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى باۋيۈي، − ئۈچىنچى خان قىزمۇ شاراب ئىچەلەيدۇ، ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قويغىنىمىز ئوبدان، ئاندىن باۋچىن قىزمۇ بار.
− باۋچىن خېنىمنى قىچقارمايلا قويايلى، ئۇ چوڭ كېلىن ئاغىچىنىڭ ئۆيىدە، ئۇنى چاقىرساق غەلۋىمىز ئېشىپ كېتەرمىكىن، − دېدى باشقىلار.
− نېمىدىن قورقاتتۇق ! − چاپسانراق بېرىپ تەكلىپ قىلىڭلار، − دېدى باۋيۈي.
چۈنيەن، سىئېر ھايت - ھۇيت دېگۈچە ئىشىكتىن چىقىپ، چۆرە قىزلارنى كەينىگە سېلىپ، ئىككىسى ئىككى تەرەپكە چاپتى.
− ئۇ ئىككىسى بارغانغا ئۇلار كەلمەي قويارمىكىن، بىز بارساق، ھەرنېمە قىلىپ بولسىمۇ ئۇلارنى ئەكېلىمىز، − دېدى چىڭۋېن، شېيۆ، شىرېن ئۈچى.
شۇنىڭ بىلەن شىرېن، چىڭۋېن ئىككىسى خىزمەتكار مومايغا پانۇس كۆتۈرتكۈزۈپ چىقىپ كەتتى. دېگەندەك، باۋچەي: «كەچ بولۇپ كەتتى» دېدى، دەييۈي: «مىجەزىم يوق» دېدى. شىرېن بىلەن چىڭۋېن «قانداقلا بولسۇن، ئازراق يۈزىمىزنى قىلىپ، بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بەرسىلە» دەپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۇلارنى ئاران ئەكېلىشتى. بۇلارنىڭ كەلگىنىگە ھەممەيلەن خۇشال بولۇشتى. لى ۋەن ئۆزىنىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالسا ياخشى بولماس دېگەن يەرگە كېلىشىپ، سۈيمۇنى چۈنيەن بىلەن بىللە بېرىپ لى ۋەن بىلەن باۋچىن ئىككىسىنى تەكلىپ قىلىشقا ئەۋەتتى. تەكلىپ قىلىنغانلار كەينى - كەينىدىن ئارامبەخش ھويلىغا يىغىلىشتى. شىرېن ھەر نېمە قىلىپ يۈرۈپ، شياڭلىڭنىمۇ سۆرەپ ئەكەلدى. كاڭغا يەنە شىرە قوشلاپ ئولتۇرۇشتى.
− دەييۈي سىڭلىم، سوغۇققا چىدىمايسىز، بۇياققا ئۆتۈپ تاختاي تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇڭ، − دېدى باۋيۈي.
ئۇنىڭغا يەنە بىر يۆلەنچۈك ياستۇق ئېلىپ قويۇپ بەردى. شىرېنلەر كاڭنىڭ تۈۋىگە ئورۇندۇق قويۇپ ئولتۇرۇشتى. دەييۈي شىرەدىن يىراقراقتا يۆلەنچۈككە تايىنىپ، باۋچەي، لى ۋەن، تەنچۈنلەرگە قاراپ، كۈلۈپ شۇنداق دېدى:
− سىلەر ھەر كۈنى خەقلەرنى كېچە - كېچىلەپ شاراب ئىچىپ، قىمار ئوينايدۇ، دەيتتىڭلار، بۈگۈن ئۆزىمىزمۇ شۇنداق قىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا ئېغىز ئاچالمايمىز ئەمدى !
− بۇنىڭ نېمە كارايىتى بولاتتى؟ − دېدى لى ۋەن كۈلۈپ، − يىل بويى بىز پەقەت مەۋلۇت - ئايەم كۈنلىرىدىلا شۇنداق قىلىپ قويىمىز، ھەر كېچىسى ئۇنداق قىلىپ ئولتۇرمىغاندىن كېيىن، ھېچقانداق قورقىدىغان يېرىمىز يوق.
شۇ ئارىدا چىڭۋېن بامبۇكتا ئويۇلغان چوپداننى ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭغا پىل چىشىدىن قىلىنغان چوپتەكلەر سېلىنغانىدى، چىڭۋېن چوپتەكلەرنى رالىۋېتىپ شىرەنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدى. ئاندىن شىشىخال ئېلىپ قۇتىغا سېلىپ، ئۇنىمۇ بىر شاراقشىتىۋېتىپ قۇتىنى ئاچقانىدى، ئالتە چېكىت كۆرۈندى. بۇ ساناق بويىچە باۋچەيگە توغرا كەلدى.
− ئاۋۋال مەن ئالاي، قولۇمغا قاندىقى چىقاركىنتاڭ ! − دەپ باۋچەي كۈلگىنىچە چوپداننى بىر رالىۋېتىپ، ئاندىن بىر تال چوپتەكنى ئالدى. ھەممەيلەن قارىغۇدەك بولسا، چوپتەككە بىر تال مودەن گۈل سىزىلغان، «گۈل چېھرىلەر تاجى» دەپ يېزىلغان، ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۇششاق خەت بىلەن تاڭ زامانىسىدىكى مۇنۇ مىسرا ئويۇلغانىكەن:
گەرچە ئىشقى بولمىسا ھەم قوزغىغاي دىلدا ئەسەر.
ئاندىن، «داستىخاندىكىلەر مۇبارەكلەپ بىر قەدەھ تۇتقاي، مەزكۇر گۈل چېھرىلەرنىڭ تاجى خالىغىنىچە كىشىلەرگە بۇيرۇق قىلغايكى، «شېئىر - نەزم ۋە لەتىپە ياكى يېڭى غەزەللەردىن بىرەرنى ئېيتىپ مۇبارەكلىسۇن» دەپ ئىزاھلاپ قويۇپتۇ.
− راسا باب كەلدى، سىز ئەسلىدە مودەن گۈلگە جۈپ ئىدىڭىز، − دېدى كۆپچىلىك ۋە قەدەھ تۇتۇپ قۇتلىدى. باۋچەي ئىچىپ بولۇپ، كۈلۈمسىرەپ:
− فاڭگۇەن بىزگە بىر ناخشا ئېيتىپ بەرسۇن، − دېدى.
− ئۇنداق بولسا، ھەممەيلەن ئالدىدىكى شارابلارنى ئىچىۋەتسە، ناخشا چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ، − دېدى فاڭگۇەن.
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قەدەھلىرىنى كۆتۈرۈشتى، فاڭگۇەن ناخشا باشلىدى.
شۇ مۇبارەك بەزمە - سورۇن بولدى، ھەي،
خۇش مەنزىرە ...
− قوي، بۇ ناخشىنى ! شۇ تاپتا سېنىڭ قۇتلاپ ئولتۇرۇشۇڭنىڭ زادىلا كېرىكى يوق. ناخشىلىرىڭنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئېيتىپ بەر، − دېدى كۆپچىلىك.
ئاخىر، فاڭگۇەن «گۈل تاماشا پەيتى» دېگەن غەزەلنى لەرزان ئېيتىپ بەردى:
گۈل - بېزەك قىلىپ ساپاققا سۇمۇرغ موي - پەرىنى،
ئەرشىگە چىقىپ سۈپۈرگەي توزۇغان گۈل بەرگىنى.
..............................................................
باۋيۈي قولىدا چوپتەكنى تۇتقىنىچە، ھەدەپ «گەرچە ئىشقى بولمىسا ھەم قوزغىغاي دىلدا ئەسەر» دېگەن مىسرانى ئوڭ - تەتۈر ئوقۇپ ئولتۇراتتى، فاڭگۇەننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىشى بىلەنلا، زۇۋان سۈرمەي، فاڭگۇەنگە قاراپلا قالدى. شياڭيۈن ئۇنىڭ قولىدىن چوپتەكنى تارتىۋېلىپ باۋچەيگە تاشلاپ بەردى. باۋچەي شىشىخالنى يەنە بىر تاشلىۋىدى، ئون ئالتە چېكىتكە توختاپ، ساناق تەنچۈنگە توغرا كەلدى.
− نېمە چىقاركىنتاڭ ! − دېدى كۈلگىنىچە تەنچۈن. ئاندىن قولىنى سوزۇپ چوپتەكتىن بىر تالنى ئېلىپ، قاراپ بېقىپ يەنە شىرەگە چۆرۈۋەتتى ۋە قىزىرىپ كېتىپ:
− مۇنداق ئويۇننى ئوينىماسلىق كېرەك ئىدى ! بۇ ئەسلىدە تالادىكى ئېرەكتىلەرنىڭ ئويۇنى، بۇنىڭدا بولمىغۇر گەپلەر تولا ئىكەن، − دېدى.
باشقىلار بۇ گەپنى چۈشەنمەي، شىرېنلەر بايىقى چوپتەكنى ئوپۇل - توپۇل ئېلىپ كۆپچىلىككە كۆرسەتتى. ئۇنىڭغا بىر تال ئۆرۈك چېچىكى سىزىلىپ، قىزىل خەت بىلەن «قاش بۇلاق ھور مېۋىسى» ۋە:
كۈن يېنى بۇلۇتقا يانداپ ئۆرۈك تىكىلگەن
دېگەن مىسرا يېزىلغان ھەمدە «بۇ چوپتەكنى ئالغۇچى ئېسىل كۈيۈگە ئېرىشىدۇ، كۆپچىلىك مۇبارەكلەپ بىر قەدەھ تۇتقاي، ئاندىن يەنە بىر قەدەھنى بىللە ئىچىشكەي» دەپ ئىزاھلانغانىكەن.
− نېمىكىن دەپتىكەنمىز ! − دېدى باشقىلار كۈلۈشۈپ، − بۇ ئەسلىدە قىز ھۇجرىسىدا قىلىنىدىغان چاقچاق. چوپتەكلەرنىڭ ئىككى - ئۈچ تېلىدىلا مۇشۇنداق گەپلەر بار، قالغانلىرىدا ھېچقانداق تېتىقسىز گەپلەر يوق. بۇنىڭ نېمە زىيىنى بار؟ بىزنىڭ ئائىلىدىن خانىش چىقتى، سىزمۇ خانىش بولىدىغان ئوخشىمامسىز؟ مۇبارەك بولسۇن ! مۇبارەك بولسۇن !
شۇ گەپ بىلەن ھەممەيلەن تەنچۈنگە قەدەھ تۇتتى. ئۇنى ئىچىشكە تەنچۈن نەدە كۆنسۇن؟ شياڭيۈن، شياڭلىڭ، لى ۋەن بولۇپ ئۈچ - تۆتى زورلاپ يۈرۈپ، بىر قەدەھنى ئۇنىڭ ئاغزىغا قۇيۇپ، ئاندىن بولدى قىلدى.
− بۇنى چۆرۈۋېتىپ باشقىسىنى ئوينايلى، − دېدى تەنچۈن.
باشقىلار ئۇنىڭغا ھەرگىز ئۇناشمىدى. شياڭيۈن تەنچۈننىڭ قولىدىن تۇتۇپ شىشىخالنى تاشلاتقۇزۇۋىدى، ئون توققۇز چېكىت چىقتى، بۇ ساناق بويىچە لى ۋەن چوپتەك ئېلىشقا توغرا كەلدى. لى ۋەن چوپداننى رالىۋېتىپ، چوپتەكتىن بىر تالنى ئالدى - دە، قاراپ بېقىپ كۈلۈپ كەتتى:
− قالتىس ئىكەن بۇ ! قاراڭلار بۇنىڭغا، ئەجەب قىزىق ئىكەن.
باشقىلار چوپتەككە قارىدى، ئۇنىڭغا قېرىغان بىر تال مېيخۇا گۈل سىزىلىپ، «تاڭ قىروۋدا ئاق قامەت» دەپ، ئۇ يېنىغا كونا شېئىرلاردىن بىر مىسرا يېزىلغانىكەن:
قاشا ئارا چەللىسىدىن دىلى خوي مەمنۇن ئىكەن
ئاندىن، «ئۆزى بىر قەدەھ ئىچكەي، يېنىدىكى كىشى شىشىخالنى تاشلىغاي» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ.
− راستلا قىزىق ئويۇن ئىكەن. سىلەر شىشىخالنى تاشلاۋېرىڭلار، ئۆزۈمگە تېگىشلىك قەدەھنى ئىچەي، سىلەرنىڭ ئالىتوپىلاڭ قىلىشىڭلار بىلەنمۇ كارىم يوق، − دېدى كۈلۈپ لى ۋەن ۋە شارابنى ئىچىپ، شىشىخالنى دەييۈيگە بەردى، دەييۈي تاشلىغانىدى، ئون سەككىز چېكىتكە توختاپ، شياڭيۈنگە توغرا كەلدى.
شياڭيۈن كۈلگىنىچە يەڭلىرىنى شىمايلاپ، چوپتەكتىن بىر تالنى ئالدى. كۆپچىلىك قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭغا بىر تال يەسىمەن سىزىلىپ، «شېرىن خىيال لەززىتى» دەپ، نېرىقى يېنىغا مۇنداق مىسرا يېزىلغانىكەن:
نىسپىي تۈن بولغاچقا گۈللەر ئۇيقۇغا كەتكەنمىكىن
− «نىسپىي تۈن» دېگەن سۆزنى «تاش سوغۇق» دەپ ئۆزگەرتكەن بولسا ياخشى بولاتتىكەن، − دېدى كۈلۈپ دەييۈي.
باشقىلار شياڭيۈننىڭ كۈندۈزى مەست بولۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىغا دارىتقانلىقىنى بىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. شياڭيۈنمۇ كۈلۈپ كېتىپ، ئۆزى يۈرەر قېيىقنى دەييۈيگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
− تولا گەپ قىلماي، ئاۋۇ قېيىققا ئولتۇرۇپ ئۆيىڭىزگە كېتىڭ ! − دېدى.
باشقىلار كۈلۈشتى. بايىقى چوپتەكنىڭ بىر يېنىغا «مەزكۇر شېرىن خىيال لەززىتى دەپ قەيت قىلىنغان چوپتەكنى ئالغۇچى ئۆزى ئىچمىگەي، ئوڭ ۋە سول يانلىرىدىكىلەرگە بىر قەدەھتىن ئىچۈرگەي» دەپ ئىزاھلانغانىكەن.
− ئامىتابا ! ئەجەبمۇ ئوبدان چوپتەك ئىكەن بۇ ! − دېدى كۈلۈپ شياڭيۈن چاۋاك چېلىپ.
− ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا دەييۈي، سول يېنىدا باۋيۈي ئولتۇراتتى. ئۇ ئىككىسىگە ئىككى قەدەھ قۇيۇپ، ئۇلارنى ئىچىشكە قىستىدى، باۋيۈي يېرىم قەدەھ ئىچىپ باشقىلارغا تۇيدۇرماي فاڭگۇەنگە بەردى، فاڭگۇەن ئېلىپلا گېلىغا ئۆڭتۈردى. دەييۈي باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، شارابنى تۈكۈرۈكدانغا تۆكۈۋەتتى.
شياڭيۈن شىشىخالنى ئېلىپ تاشلىۋىدى، توققۇز چېكىتكە توختىدى، ساناق بويىچە شېيۆگە توغرا كەلدى. شېيۆ چوپتەكتىن بىرنى ئالدى، ئۇنىڭغا بىر تال نەسرىن گۈل سىزىلىپ، «گۈل باھار ۋايىگە يەتتى» دەپ، يېنىغا كونا شېئىردىن بىر مىسرا يېزىلغانىكەن:
ئېچىلىش پەيتىدە نەسرىن بارچە گۈل بولغاي خازان
ئاندىن، «داستىخاندىكىلەر ئۈچ قەدەھتىن ئىچىپ، باھارنى ئۇزاتقاي» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ.
− بۇ قانداق گەپ بولدى؟ − دەپ سورىدى شېيۆ.
باۋيۈي قاپىقىنى تۈرۈپ، چوپتەكنى ئېلىپ يوشۇرۇۋالدى ۋە:
− قېنى بىز ئىچىۋېرەيلى، − دېدى.
ھەممەيلەن ئۈچ ئوتلامدىن ئىچىپ، ئۈچ قەدەھتىن ئىچكەنگە ھېساب قىلدى. شېيۆ شىشىخالنى تاشلىدى، ئون چېكىتكە توختىدى. بۇ شياڭلىڭغا توغرا كەلدى. شياڭلىڭنىڭ قولىغا قوشماق ساپاقلىق گۈل دېگەن چوپتەك چىقتى، ئۇنىڭغا «باھارغا چىرماش سائادەت» دەپ، ئۇ يېنىغا كونا شېئىردىن بىر مىسرا يېزىلغان:
قوشماق بولۇپ شاخ ئۇچىدا چېچەك ئېچىلدى
ئاندىن، «بۇ چوپتەكنى ئالغۇچى ئۈچ قەدەھ بىلەن قۇتلانغاي، ھەممەيلەن بىر قەدەھتىن ئىچىشكەي» دەپ ئىزاھلانغان. شياڭلىڭ شىشىخالنى تاشلىدى، ئالتە چېكىتكە توختاپ، دەييۈيگە توغرا كەلدى. دەييۈي: «قولۇمغا ئوبدانراقى چىقسا ياخشى بولاتتى» دېگەن خىيال بىلەن قولىنى سوزۇپ بىر تالنى ئالدى، چوپتەككە بىر تال نېلۇپەر سىزىلىپ، «سەلكىن شەبنەم غەمنى سۈردى» دەپ، ئۇ يېنىغا كونا شېئىردىن بىر مىسرا يېزىلغان:
چەكمە ھەسرەت شەرق شامىلى كەلدى دەپ سەن قايغۇرۇپ
ئاندىن، «ئۆزى بىر قەدەھ ئىچكەي، مودەن بىر قەدەھنى بىللە ئىچىشكەي» دەپ ئىزاھلانغان.
− قالتىس جايىدا كەلدى ! ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم نېلۇپەرگە جۈپ بولالمايتتى ! − دېيىشتى كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ.
دەييۈي ئۆزىمۇ كۈلۈۋېتىپ شارابنى ئىچتى، ئاندىن شىشىخالنى تاشلىدى، يىگىرمە چېكىتكە توختاپ، شىرېنگە توغرا كەلدى. شىرېننىڭ قولىغا شاپتۇل چېچىكى دېگەن چوپتەك چىقتى. ئۇنىڭغا «ۋۇلىڭنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى» دەپ، ئۇ يېنىغا كونا بىر شېئىر يېزىلغان:
قىزىرىپ شاپتۇل چېچەك ئاچسا يەنە كەلگەي باھار.
ئاندىن، «ئۆرۈك چېچىكى ئۇلپەت بولۇپ بىر قەدەھ ئىچكەي، ئولتۇرغانلاردىن تەڭتۇشلار بىر قەدەھ ئىچكەي، فامىلىداشلار بىر قەدەھ ئىچكەي» دەپ ئىزاھلانغان.
− بۇ تېخىمۇ قىزىتىدىغان بولدى، − دەپ كۈلۈشتى كۆپچىلىك.
− ھېسابلاپ كۆرۈشۈۋىدى: شياڭلىڭ، چىڭۋېن، باۋچەي ئۈچى شىرېن بىلەن تەڭتۇش ئىكەن، دەييۈي ئۇنىڭ بىلەن مۈچەلداش بولۇپ چىقتى، فامىلىداشلار يوق ئىكەن.
− مېنىڭمۇ فامىلەم خۇا، ئۇنىڭغا مەنمۇ ئۈلپەت بولۇپ بىر قەدەھ ئىچەي، − دېدى شۇئان فاڭگۇەن.
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن شاراب قۇيۇشتى.
− ھوي، پېشانىسىگە ئېسىل كۈيۈ پۈتۈلگەن قىز ! سىز دېگەن ئۆرۈك چېچىكى، چاپسانراق ئىچىۋېتىڭ، ئاندىن بىزمۇ ئىچىمىز، − دېدى دەييۈي كۈلۈپ تەنچۈنگە.
− بۇ قانداق گەپ بولدى؟ چوڭ يەڭگە، بۇنى بىر كاچات سېلىڭا ! − دېدى تەنچۈنمۇ كۈلۈپ.
− ئۇ ئېسىل كۈيۈگە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە تاياق يېسە، مەنمۇ چىداپ تۇرالمايمەن، − دېدى كۈلۈپ لى ۋەن.
باشقىلارمۇ كۈلۈشتى. شىرېن شىشىخالنى تاشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ئىشىك قېقىلدى، خىزمەتكار موماي دەرھال چىقىپ سۈرۈشتۈرگەنىدى، شۆ ھامما دەييۈينى ئەكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن كىشى ئىكەن.
− قانچىنچى جېسەك ۋاقتى بولدى؟ − دەپ سورىدى كۆپچىلىك.
− ئىككىنچى جېسەك ۋاقتىدىن ئۆتتى، سائەت ئون بىرگە جاڭ ئۇردى، − دەپ جاۋاب بەردى بىر كىم.
باۋيۈي بۇنىڭغا ئىشەنمەي، سائەتنى ئالدۇرۇپ قاراپ باقتى. نىسپىي شەپ ۋاقتىدىن بىر چارەك ئون مىنۇت ئۆتۈپتۇ.
− مېنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، بېرىپ دورا ئىچىمەن تېخى، − دېدى دەييۈي ئورنىدىن تۇرۇپ.
− ھەممىمىز تارقىساق بولىدۇ ئەمدى، − دېيىشتى باشقىلار.
شىرېن، باۋيۈيلەر ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىشماقچى بولدى.
− تۈن يېرىمىدىن ئېشىپ كەتسە قاملاشمايدۇ. ھېلىمۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتتى، − دېدى لى ۋەن بىلەن تەنچۈن.
− ئۇنداق بولسا، ھەربىرلىرى بىر قەدەھتىن ئىچىپ مېڭىشسىلا، − دېدى شىرېن.
چىڭۋېنلەر قەدەھلەرنى توشتۇرۇپ شاراب قۇيدى. ھەممەيلەن بىر قەدەھتىن ئىچتى. پانۇس يېقىشقا كىشىلەرنى بۇيرۇشتى. شىرېنلەر ئۇلارنى ئەترەپشان شىپىڭىغىچە ئۇزىتىپ، ئۆستەڭدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ قايتىپ كەلدى. دەرۋازىنى تاقاپ، قايتىدىن شاراب ئويۇنىغا چۈشتى. شىرېنلەر يوغان بىرقانچە جامغا شاراب قۇيۇپ، پەتنۇسقا ھەرخىل كۆك - گېزەكلەرنى سېلىپ، پەگاھتىكى ئىنىگە مومايلارغا بەردى. بۇلارمۇ بىرئاز مەست بولۇپ، چىنەك ئويۇنى قىلىشتى، ناخشا - غەزەل ئېيتىشتى. تۆتىنچى جېسەك ۋاقتى بولغاندا، ئىنىگە مومايلار ئاشكارا ھەم يوشۇرۇنچە شاراب ئىچىۋېرىپ، شاراب كوزىسىنى تاكىراڭشىتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن شىرېنلەر داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ، ئېغىزلىرىنى چايقاپ ئۇخلىماقچى بولۇشتى.
فاڭگۇەننىڭ مەڭزىلىرى ئەڭلىكتەك قىزىرىپ كەتتى، قاش - كۆزلىرىنى سۈزۈپ، تېخىمۇ زىبالىشىپ، ئۆزىنى ئىلىكدالماي شىرېننىڭ قۇچىقىغا ئاتتى:
− ئاچا، يۈرىكىم سېلىپ كېتىۋاتىدۇ.
− كىم سېنى بولۇشىچە ئىچسۇن دەپتۇ ! − دېدى شىرېن كۈلۈپ.
چۈنيەن، سىئېرلارمۇ ئۆزلىرىنى ئىلىكدالماي ئۇخلاشقا ياتتى، چىڭۋېن ھەدەپ ئۇلارنى قىچقىرغىلى تۇردى.
− بولدى، قىچقىرما، ئۆمە - دۆمە ئارام ئېلىۋالساقلا بولىۋېرىدۇ، − دېدى باۋيۈي ۋە ئۆزى قىزىل چوغلۇق گۈللۈك ياستۇقنى قويۇپ قىڭغايدى - دە، ئۇيقۇغا كەتتى. فاڭگۇەن بەك مەست بولۇپ كەتكەنلىكىدىن، ئۇنى قۇسۇۋەتمىسۇن دەپ، شىرېن ئاستا يۆلەپ باۋيۈينىڭ يېنىغا ياتقۇزۇپ قويدى، ئۆزى ئۇدۇلدىكى كاتقا چىقىپ يىقىلدى. ھەممەيلەن نېمە بولغىنىنى بىلىشمەي تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى.
ئەتىسى تاڭ سۈزۈلگەندە شىرېن كۆزىنى ئاچتى. كۈن ئاللىقاچان يورۇپ ئەينەكتەك يالتىراپ تۇراتتى.
− ۋاق قاپتۇق ! − دېدى شىرېن ۋە ئۇدۇلدىكى كارىۋاتقا كۆز يۈگۈرتكەنىدى، فاڭگۇەن بېشىنى كاڭنىڭ لېۋىگە قويۇپ ياتقىنىچە ئويغانماي ياتاتتى. شىرېن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى قىچقىردى. باۋيۈي ئويغىنىپ، بۇ يانغا ئۆرۈلۈپ:
− ۋاق قاپتۇق ! − دېدى كۈلۈمسىرەپ ۋە فاڭگۇەننى تۈرتتى.
فاڭگۇەن قوپۇپ، ھاڭقايغىنىچە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىدى.
− ئىزا تارتمايدىغان ! − دەپ كۈلدى شىرېن، − مەست بولۇپ قالساڭمۇ، قاراپ باقمايلا ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۆزۈڭنى تاشلاپ ياتامسەن؟
فاڭگۇەن ئەتراپقا قاراپ بېقىپ، باۋيۈي بىلەن بىر كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى ئاندىن بىلدى - دە، ئىزا تارتىپ كېتىپ يەرگە قارىۋالدى. ئۇ:
− مەن نېمىشقا ... − دېدى - يۇ، گەپنىڭ ئايىغىنى چىقىرالمىدى.
− مەنمۇ ئۇقالماي قاپتىمەن. ئۇققان بولسام يۈزىگە قارا سۈركەپ قوياتتىم ! − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي.
شۇ ئەسنادا چۆرە قىز كىرىپ، يۇيۇنۇش - تارىنىش ئىشلىرىغا قاراشتى.
− تۈنۈگۈن پاراكەندە قىلىپ قويدۇم، بۈگۈن ئاخشام مەن داستىخان ياندۇرىمەن، − دېدى باۋيۈي.
− بولدى، ئەمدى ! بۈگۈن غەلۋە قىلمايلى، يەنە غەلۋە قىلىدىغان بولساق خەق گەپ قىلىدۇ، − دېدى شىرېن كۈلۈپ.
− نېمىدىن قورققۇلۇق ! ناھايىتى شۇ، ئىككى قېتىملا بولدىغۇ، بىزمۇ شاراب ئىچەلەيدىغانلاردىن ئىكەنمىز، بىر كوزا شارابنى ئىچىپ تۈگىتىۋېتىپتۇق. ھەي، راسا مەززە قىلىۋاتقاندا شاراب تۈگەپ قالدى - دە.
− ئاشۇنچىلىك بولسا قىزىقى بولىدۇ، قانغۇچە ئىچكەن بىلەن ئۇنىڭ مەززىسى بولمايدۇ. تۈنۈگۈن ھەممەيلەننىڭ كەيپى چاغ بولدى، چىڭۋېن ھەتتا ئىزا تارتىشنىمۇ ئۇنتۇپ، تېخى بىر ناخشا ئېيتتى ! − دېدى شىرېن كۈلۈپ.
− ئاچا، ئۆزىڭىزچۇ، ھەتتا سىزمۇ ئېيتتىڭىز ! داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن ناخشا ئېيتمىغان كىم بار دەيسىز؟ − دېدى كۈلۈپ سىئېر.
ھەممەيلەن بۇ گەپ بىلەن قىزىرىپ، قوللىرى بىلەن يۈزلىرىنى توسقىنىچە توختىماي كۈلۈشۈپ تۇراتتى، بىردىنلا پىڭئېر قاقاھلاپ كۈلۈپ كىرىپ كەلدى:
− تۈنۈگۈنكى زىياپەتكە قاتناشقانلارنى تەكلىپ قىلغىلى ئۆزۈم كەلدىم. بۈگۈن مەن ساھىبخانا بولىمەن، بىرەرسى كەلمەي قالسا بولمايدۇ.
ھەممەيلەن ئۇنى ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى.
− ھەتتىگىنەي، ئاخشام بۇ بولماي قالدى - دە، − دېدى چىڭۋېن.
− كېچىچە نېمە ئىش قىلدىڭلار؟ − دەپ سورىدى پىڭئېر.
− ساڭا ئېيتقىلى بولمايدۇ ! − دېدى كۈلۈپ شىرېن، − تۈنۈگۈن ئاخشام قالتىس قىزىتىۋەتتۇق، ئۆتكەن چاغلاردا ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، ئاغىچا خېنىملار باش بولۇپ قىلغان ئويۇن - تاماشىلىرىمىزمۇ تۈنۈگۈن ئاخشامقىغا يەتمەيدۇ. بىر كوزا شارابنى پاكپاكىز ئۆڭتۈرۈپ بولدۇق. ھەممەيلەن ئىچىپ، ئىزانىمۇ قايرىپ قويۇپ ناخشا ئېيتىشتى، تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدىن ئۆتكەندە، ئۇيان - بۇيان سۇنايلىنىپ ياتقىنىمىزچە ئۇخلاپ قاپتۇق.
− مانا كۆرۈڭ ! شارابنى مەندىن ئېلىپ، مېنى قىچقىرمىغاننىڭ ئۈستىگە، تېخى ماڭا دەپ بېرىپ قورسىقىمنى كۆپتۈرگىنىنى بۇلارنىڭ ! − دېدى پىڭئېر كۈلۈپ.
− بۈگۈن ئۇ داستىخان ياندۇرىمەن دەيدۇ، سىزنى ئەلۋەتتە چىللايدۇ، كۈتۈپ تۇرۇڭ، − دېدى چىڭۋېن.
− «ئۇ» دېگىنىڭ كىم؟ كىم ئىكەن «ئۇ» دېگىنىڭ؟ − دەپ سورىدى پىڭئېر.
چىڭۋېن ھۈپپىدە قىزىرىپ كېتىپ، ئۇنى ئۇرماقچى بولۇپ كۈلدى:
− قۇلىقىڭىز ئەجەبمۇ ئىتتىك ئىكەن، ئاڭلاپ قاپسىز !
− تۈفې ! ... − دەپ تۈكۈردى پىڭئېر كۈلۈپ، − داپشاق قىز ! ھازىر ئىشىم بار، سەن بىلەن گەپلەشمەيمەن. بېرىپ ئىشىمنى تۈگىتىپ كەلگەندىن كېيىن سىلەرنى چىللىغىلى ئادەم ئەۋەتىمەن. بىرەرسىڭ كەلمەي قالىدىغان بولساڭ ئۆزۈم كېلىپ شۇنىڭ ئىشىكىنى چاقىمەن !
ئۇ باۋيۈي ۋە باشقىلارنىڭ بىردەم ئولتۇرۇڭ دېگىنىگە قارىماي چىقىپ كەتتى. باۋيۈي يۇيۇنۇپ - تارىنىپ بولۇپ چاي ئىچىۋاتقىنىدا، سىياھداننىڭ تېگىگە باستۇرۇقلۇق تۇرغان بىر پارچە قەغەزگە كۆزى چۈشۈپ قالدى - دە:
− بۇ نەرسىنى مۇشۇنداق خالىغىنىڭلارچە باستۇرۇپ قويۇشۇڭلار ياخشى ئەمەس، − دېدى.
− يەنە نېمە بوپتۇ؟ كىم ناماقۇل ئىش قىپتۇ؟ − دەپ سورىدى شىرېن بىلەن چىڭۋېن ئالدىرىشىپ.
− سىياھداننىڭ تېگىدىكى نېمە ئۇ؟ − دېدى باۋيۈي كۆرسىتىپ، − ھەرقاچان بىرەرسىنىڭ ئۆرنىكى بولغىيدى، ئېلىۋېلىش يادىدىن چىقىپتۇ.
چىڭۋېن دەرھال سىياھداننى كۆتۈرۈپ بىر پارچە باغاقنى ئېلىپ باۋيۈيگە ئۇزارتتى. ئۇ قىزغۇچ قەغەزگە «بوسۇغا سىرتىدىكى مياۋيۈي ھۆرمەت بىلەن يىراقتا تۇرۇپ باش قويۇپ، مۇبارەك يېشىڭىزنى قۇتلايدۇ» دەپ يېزىلغان تەبرىكنامە ئىكەن. باۋيۈي ئوقۇپ بولۇپ سەكرەپ كەتتى:
− بۇنى كىم ئالغان؟ ئېيتىپمۇ قويماپتۇ !
شىرېن بىلەن چىڭۋېن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، قايسى كاتتىلاردىن كەلگەن باغاقكىن دەپ، ئالمان - تالمان سۈرۈشتۈردى:
− تۈنۈگۈن بۇ باغاقنى كىم ئالغان؟
سىئېر يۈگۈرۈپ كىرىپ، كۈلۈمسىرەپ:
− تۈنۈگۈن مياۋيۈي ئۆزى كەلمىگەن، بىر ئانىكامدىن ئەۋەتىپتىكەن، مەن شۇ يەرگە قويۇپ قويغان، شاراب ئىچىپ قويۇش بىلەن بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەنغۇ تاڭ، − دېدى.
− بۇنچە ھەيران قالغۇدەك كىم ئىكەن دەپتۇق، ئەرزىمەس بىر نېمە ئىكەنغۇ، − دېدى باشقىلار.
− چاپسان قەغەز كەلتۈرۈڭلار، − دەپ بۇيرۇدى باۋيۈي.
قەغەز كەلتۈرۈپ، سىياھ ئېزىپ بەردى. باۋيۈي «بوسۇغا سىرتىدىكى ئادەم» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭغا قانداق سۆز بىلەن جاۋاب ياندۇرسام لايىقىدا بولار، دەپ قەلەمنى تۇتقىنىچە بىر پىكىرگە كېلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئاندىن: «بېرىپ باۋچەيدىن سوراي دېسەم، ئەجەبسىنىپ كېتىپسەن دەپ تەنقىد قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە دەييۈيدىن سوراي» دېگەن ئويغا كەلدى - دە، تەبرىكنامىنى يېڭىگە قىستۇرۇپ، دەييۈينى ئىزدەپ ماڭدى. ئەترەپشان شىپىڭىدىن ئۆتۈشىگىلا، شيۇيەن تايتاڭلاپ ئۇدۇل كېلىپ قالدى.
− ئاچا، نەگە ماڭدىڭىز؟ − دەپ سورىدى باۋيۈي.
− مياۋيۈيگە گېپىم بار ئىدى، شۇنىڭكىگە كېتىۋاتىمەن، − دېدى شيۇيەن كۈلۈمسىرەپ.
− ئۇ ئۆزىنى كىشىلەردىن قاچۇراتتى، ۋاقىت - سائىتى توغرا كەلمىسە ھېچكىمگە نەزەر - گۈزىرىنىمۇ سالمايتتى. ئۇ سىزنى قەدىرلەيدىكەن، بايا. دېمەك، سىز بىزدەك چاكىنا ئادەملەردىن ئەمەس ئىكەنسىز ! − دەپ ھەيران بولدى باۋيۈي.
− ئۇمۇ ھېچقاچان مېنى چىن كۆڭلىدىن قەدىرلەپ كەتمەيدۇ، − دەپ كۈلدى شيۇيەن، − لېكىن، مەن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئاراتام قوشنا بولغان، ئۇ پەنشياڭ خانىقاسىدا ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، مېنىڭ ئائىلەم ئەزەلدىن كەمبەغەل بولغاچقا، ئىجارە ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، شۇ تۇرغان ئىبادەتخانىدا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئون يىل ئولتۇرغانىدۇق. ئىشىم بولمىغان چاغلاردا ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتىم. ئۇ خەت تونۇتۇپ، مېنى خېلىلا ساۋاتلىق قىلىپ قويغان. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ نامرات ھەقەمسايىسى، ئۇنى مەن يېرىم - يارتا ئۇستازىم دېسەممۇ بولىدۇ. بىز ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىزنى پاناھ تارتىپ ئۇ يەردىن كېتىپ قالدۇق. زاماننىڭ مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكى ۋە ھوقۇق - كۈچنىڭ يول قويمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇمۇ بۇ يەرگە پاناھ تارتىپ كەپتىكەن. بۈگۈنكى كۈندە تەقدىرنىڭ ھۆكمى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق. قەدىناسلىقىمىز ئۆزگەرمەپتۇ، ھازىر ئۇ مېنى ئۆز ۋاقتىدىكىدىنمۇ ئارتۇقراق ياخشى كۆرىدۇ.
باۋيۈيگە بۇ گەپلەر خۇددى بىردىنلا گۈلدۈرلىگەن گۈلدۈرمامىدەك تۇيۇلۇپ، خۇشاللىقىدا كۈلۈپ كەتتى:
− ھە، ئاچا، سىزنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆزلىرىڭىزنىڭ خۇددى بۇلۇتتا پەرۋاز قىلغان ياۋا تۇرنىلارغا ئوخشاش زاھىتلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنىڭ ئاشۇنداق مەنبەسى بار ئىكەن - دە، بايا ! ئۇنىڭغا تەئەللۇق بىر ئىش توغرىسىدا بېشىم قېتىپ، باشقىلاردىن ئەقىل سوراي دەپ كېتىۋاتاتتىم. سىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىممۇ تەقدىرنىڭ ھۆكمى ئىكەن. ئاچا، ماڭا ئەقىل كۆرسەتكەن بولسىڭىز، − باۋيۈي شۇنداق دەپ، بايىقى تەبرىكنامىنى شيۇيەنگە كۆرسەتتى.
− ئۇنىڭ بۇ خۇيى زادىلا ئۆزگەرمەيدۇ، − دېدى كۈلۈمسىرەپ شيۇيەن، − ھەمىشە مۇشۇنداق ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلارنى ئويلاپ تاپىدۇ. تەبرىكنامىگە ئۆزىنىڭ لەقىمىنى يازغانلىقىنى زادىلا كۆرمەپتىكەنمەن. ئۇ خۇددى تەمسىلدە ئېيتىلغاندەك: «راھىب دېسە راھىب ئەمەس، ئاۋام دېسە ئاۋام ئەمەس، ئايال دېسە ئايال ئەمەس، ئەر دېسە ئەر ئەمەس» بىر نېمە، ئۇنى نېمە دەپ ئاتىسا بولاركىنتاڭ !
− ئاچا، سىز بىلمەيدىكەنسىز، ئۇ ئەسلىدە ئۇنداق كىشىلەر قاتارىدىكى ئادەم ئەمەس، ئۇ ئاددىي ئادەملەر چۈشەنچىسىدىن تاشقىرىسىدىكى ئادەم. مېنى ئانچە - مۇنچە بىلىمى بار دەپ بىلگەچكە، ماڭا تەبرىكنامە ئەۋەتكەن گەپ، شۇڭا مەن قانداق سۆز بىلەن جاۋاب ياندۇرسام ياخشى بولار دەپ بىر پىكىرگە كېلەلمەي، دەييۈي سىڭلىمدىن سوراي دەپ كېتىۋاتاتتىم، سىز بىلەن بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالدىم.
شيۇيەن باۋيۈينىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بېشىدىن تاپىنىغىچە سىنچىلاپ قاراپ چىققاندىن كېيىن شۇنداق دېدى:
− «ئىسمىنى ئاڭلىغاندىن، ئۆزىنى كۆرگەن مىڭ ئەلا» دېگەن تەمسىل بىكار ئېيتىلماپتىكەن. مياۋيۈينىڭ سىزگە بۇ باغاقنى ئەۋەتكەنلىكىدىن، ئۆتكەن يىلى سىزگە ھېلىقى مېيخۇا گۈللىرىنى بەرگەنلىكىدىن ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولغۇدەك. ئۇ ئۇدا ئاشۇنداق قىلىۋاتقاندىن كېيىن، ئەمدى مەنمۇ سىزگە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرمىسەم بولماس. مياۋيۈي ئادەتتە: «قەدىمكى كىشىلەر ئارىسىدا، خەن، چىن، بەش خانلىق، تاڭ، سۇڭ زامانلىرىدىن بۇيان، ھېچقانداق ياخشى شېئىرلار يارىتىلغىنى يوق، <بولسىمۇ مىڭ يىللىغان تۆمۈردىن بوسۇغا، ئاخىر كىرەر ھەر كىشى توپا دۆۋىسىگە> دېگەن ئىككى مىسرالا شېئىر بار» دەيتتى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنى «بوسۇغا سىرتىدىكى ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. ئاندىن ئۇ يەنە «نەسرىي ئەسەر جەھەتتە جۇاڭزىنىڭ ياخشى» دەپ ماختايتتى. شۇڭا، ئۇنى «غەيرىي تەبىئىي ئىنسان» دېسىمۇ بولىدۇ. ئۇ باغاقتا ئۆزىنى «غەيرىي تەبىئىي ئىنسان» دەپ ئاتىغان بولسا، سىز ئۇنىڭغا «ئاددىي ئىنسان» دەپ جاۋاب ياندۇرسىڭىزمۇ بولاتتى. «غەيرىي تەبىئىي ئىنسان» دېگىنى ئۆزىنى غەلىتە - يېگانە ئادەم دەپ ئاتىغانلىقى. سىز كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىڭىزنى ئاددىي ئىنسانلاردەك پاراكەندىلىك تۇغدۇرغۇچى ئادەم دېسىڭىز ئۇنىڭغا بەك ياقاتتى. ھازىر ئۇ ئۆزىنى «بوسۇغا سىرتىدىكى ئادەم» دەپ ئاتىغانلىقى «تۆمۈر بوسۇغا»دىن ئاتلاپ چىققان ئادەم دېگەنلىكى بولىدۇ. شۇڭا، سىزمۇ ئەمدى «بوسۇغا ئىچىدىكى ئادەم» دەپ جاۋاب ياندۇرسىڭىز ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىگە راسا باب كېلىدۇ.
باۋيۈيگە بۇ گەپ سېرىق ياغدەك يېقىپ، «ھەببەللى» دەپ كەتتى.
− ئائىلىمىزگە خاس بۇتخانىنى «تۆمۈر ئاستانىلىق مازار» دېگىنى بىكار ئەمەس ئىكەن - دە ! ، − دېدى ئۇ، − بۇ ئاشۇ گەپتىن چىققانىكەن. ئاچا، سىز مەرھەمەت قىلىۋېرىڭ، مەن بېرىپ جاۋابنامە يازاي.
شيۇيەن يېشىل پەنجىرىلىك ئىبادەتخانىغا كەتتى. باۋيۈي ھۇجرىسىغا قايتىپ جاۋاب يېزىشقا تۇتۇندى. «بوسۇغا ئىچىدىكى ئادەم باۋيۈي تەربىيەلىرى شاراپىتىدە ئېھتىرام بىلەن تەزىم قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ، ئۆزى يېشىل پەنجىرىلىك ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن تاشلىۋېتىپ قايتىپ كەلدى.
غىزادىن كېيىن، پىڭئېر داستىخان ياندۇرماقچى بولدى. قىزىل خۇشبۇيزارنى بەك ئىسسىق دېيىشىپ، سۆگەتلىك ئايۋاندا يېڭى شاراب ۋە ئېسىل تائاملار بىلەن بىرنەچچە سورۇنغا داستىخان تەييارلاندى. يۈشى خېنىم كۆڭۈلدىكىنى قىلىپ، ئۆزى بىلەن پېيفېڭ ۋە شيېلۇەن دېگەن ئىككى توقالنى تاماشىغا بىللە ئالغاچ كەپتۇ. بۇ ئىككى توقالمۇ چىرايلىق - ساددا چوكانلار ئىدى، ئادەتتە بۇيانغا ئانچە كۆپ ئۆتمەيتتى. بۈگۈن بۇيانغا كېلىشى بىلەنلا، شياڭيۈن، شياڭلىڭ، فاڭگۇەن، رۇيگۇەن قاتارلىق قىزلارنى كۆرۈپ، راستلا «ھەركىم ئۆز قاياشى بىلەن، ھەر نەرسە ئۆز تەڭدىشى بىلەن» دېگەندەك، ئۇلار بىلەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ كۈلكە - پاراڭ قىلىشتى، يۈشى خېنىم بىلەنمۇ كارى بولماي، ئۇنى كۈتۈش ئىشىنى دېدەكلەرگە تاشلاپ بېرىپ، ئۆزلىرى باشقىلار بىلەن ئويۇن - تاماشىغا چۈشۈپ كەتتى.
بىكار پاراڭنى قويۇپ، ئۆز ھېكايىمىزگە كېلەيلى. كۆپچىلىك سۆگەتلىك ئايۋاندا شارابنى باھانە قىلىپ ئويۇن - كۈلكىگە چۈشۈپ كەتتى. كور ئايال مەدداھنى دۇمباق چېلىشقا بۇيرۇدى. پىڭئېر چوغلۇق گۈلدىن بىر تال ئۈزۈپ كەلدى، ھەممەيلەن بولۇپ يىگىرمىچە كىشى گۈلنى قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن بىر پەس قىزىقچىلىق قىلىشتى.
− جېن ئائىلىسىدىن ئىككى ئايال نەرسە - كېرەك ئېلىپ كەپتۇ، − دەپ بىر كىم مەلۇم قىلدى.
تەنچۈن بىلەن لى ۋەن، يۈشى ئۈچى كەلگەن ئاياللار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەسلىھەتخانىغا چىقىپ كەتتى. قالغانلار ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن تارقىلىشتى. پېيفېڭ بىلەن شيېلۇەن ئىككىسى ئىلەڭگۈچ ئوينىغىلى ماڭدى.
− ئىككىڭلار چىقىڭلار، مەن ئىلەڭگىتەي، − دېدى باۋيۈي.
− يوقسۇ، بىزنى دەپ غەلۋە چىقىرىپ بەرمىسىلە، − دېدى ئالاقزەدە بولۇپ پېيفېڭ.
شۇ ئەسنادا شەرقىي قەسىردىن بىر قانچەيلەن ھودۇقۇپ - تەمتىرەپ يۈگۈرگىنىچە كىرىپ مەلۇم قىلىشتى:
− ئۇلۇغ بېگىم ئەرشكە راۋان بوپتۇ !
− ھېچقانداق كېسىلى يوق، ساپساق ئىدىغۇ، قانداق بولۇپ قازا تاپقاندۇ ! − دېيىشتى كۆپچىلىك ئالمان - تالمان.
− ئۇلۇغ بېگىم كېچە - كۈندۈزلەپ ئىستىقامەت قىلغاچقا، تەلىپى ئىجابەت بولۇپ، ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتكەن ئوخشايدۇ، − دەپ جاۋاب بەردى خىزمەتكار ئايال.
يۈشى خېنىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىشى بىلەن، جيا جېن، جيا رۇڭ ئاتا - بالا ئىككىسى ھەم جياليەن قاتارلىقلار ئۆيدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دەرھال ئەسقاتىدىغان بىرەر ئىشەنچلىك ئېرەكتىنىڭ يوقلۇقىنى ئويلاپ تەمتىرەپ قالدى. دەرھال بېزەكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاۋۋال ھېكمەت خانىقاسىغا كىشى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ھەممە دەرۋىشلەرنى جيا جېن بېگىم ئۆيگە قايتىپ سوراق قىلغۇچە سولاپ قويدۇردى. ئاندىن ئۆزى دەرھال مەپىگە چۈشۈپ، لەي شېڭ قاتارلىق ياشانغان ئەر - ئايال خىزمەتكارلارنى ئېلىپ شەھەردىن چىقتى. زادى قانداق كېسەل بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن تېۋىپ تەكلىپ قىلدۇردى. تېۋىپلار كېلىپ قارىغىنى بىلەنمۇ، ئاللىقاچان ئۆلگەن ئادەم تۇرسا، قانداق قىلىپ تومۇر تۇتالىسۇن؟ ئۇلارمۇ جيا جىڭنىڭ شۇغۇللانغان كەسپى − روھ تەرزى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزىغا سەجدە قىلىپ، شىۋە قەدىر كېچىلىرى ئىستىقامەت قىلىشى، ئىكسىر - ناياپ يېيىشى پۈتۈنلەي تەلۋىلەرچە ساختا ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئاۋارە قىلىپ ھەددىدىن ئارتۇق كۈچىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئۆز جېنىنى نابۇت قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ جېنى چىقىپ، قورسىقى تۆمۈردەك قېتىپ، يۈز ۋە لەۋلىرى كۆكىرىپ يېرىلىپ كەتكەنىدى. شۇڭا، تېۋىپلار خىزمەتكار ئاياللارغا:
− داۋجياۋ دىنى بويىچە، ئېكسىر - ناياپ يەپ، ئىچ - باغرى كۆيۈپ كەتكەنلىكىدىن قازا تېپىپتۇ، − دەپ جاۋاب بېرىشتى.
دەرۋىشلەرمۇ ھودۇققىنىچە مەلۇم قىلىشتى:
− مەخپىي رۇشەتتە بويىچە ئىشلەنگەن سىر سۇرۇخ - ناياپ يەپ ئۆزىنى نابۇت قىلىۋالدى، پېقىر دەرۋىشلەرمۇ «ئىستىقامەتلىرى ئۆز ماقامىغا يەتمىگۈچە ئۇنى يېگىلى بولمايدۇ» دەپ نەسىھەت قىلغانىدۇق. ئۇلۇغ بېگىم بۈگۈن كېچە شىۋە قەدىرنى كۈتۈپ ئىستىقامەت قىلغانىدى، تۇيدۇرمايلا يەۋېلىپ ئەرشكە راۋان بوپتۇ. بۇ ئۇ جانابنىڭ ئىخلاس بىلەن ئەۋلىيالىق ماقامىغا ئېرىشىپ، كۈلپەت دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ، جېنى تەن پوستىدىن خالاس تاپقانلىقى.
يۈشى خېنىم بۇ گەپلەرگىمۇ قۇلاق سالماي، ئۇلارنى جيا جېن كېلىپ ئۆزى قويۇپ بەرگۈچە سولاپ قويۇشقا بۇيرۇدى ۋە جيا جېنغا خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاتلىق چاپارمەن ماڭدۇردى. خانىقانىڭ ئىچى تار ئىدى، شۇڭا جەسەتنى ئۇ يەردە ساقلاشقا ۋە شەھەرگە ئەكىرىشكىمۇ بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ، دەرھال كېپەنلىككە ئالدۇرۇپ، يۇمشاق تەختىراۋان بىلەن تۆمۈر ئاستانىلىق مازارغا ئېلىپ بارغۇزدى. يۈشى خېنىم بارماقلىرى بىلەن ھېسابلاپ باقتى، جيا جېن تېز دېگەندە يەنە يېرىم ئايدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تومۇز كۈنلىرى بولغاچقا، جەسەتنى ئۇزاقراق ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايتتى. شۇڭلاشقا، ئۆزى ئىگىدارلىق قىلىپ، يەرلىكىگە قويۇش ئۈچۈن كۈن تاللاشنى مۇنەججىمگە بۇيرۇدى. جەسەت ساندۇقىنى ئۈلۈش يىلىلا ياسىتىپ مۇشۇ ئىبادەتخانىغا ئامانەت قىلىپ قويغاچقا، ئۇ تەييار ئىدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن قارىلىق تۇتۇپ ھازا ئېچىپ، تىلاۋەت ئۈچۈن سورۇن تەييارلاندى. نېرىقى ياندىكى رۇڭگو قەسىرىدىن فېڭجيې تېخىچە تالا - تۈزگە چىقالمايدىغانلىقى، لى ۋەن ھەمشىرىلەردىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كەلگەنلىكى، باۋيۈي تېخى ئىش كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، تالا - تۈزنىڭ ئىشلىرى ۋاقتىنچە ئائىلىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك غوجىدارلارغا تاپشۇرۇلدى. جيا بيەن، جيا گۇاڭ، جيا خېڭ، جيا يىن، جيا چاڭ، جيا لىڭلارغىمۇ تېگىشلىك ئىشلار تاپىلاندى. يۈشى خېنىم ئۆيىگە قايتالمىغاچقا، ئۆگەي ئانىسىنى رۇڭگو قەسىرىگە ئالدۇرۇپ ئۆيگە قاراشقا قويدى. بۇ ئۆگەي ئانىسىمۇ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان ئىككى قىزىنى ئۆزى بىلەن ئالغاچ كېلىپ، بىللە تۇرغاندىلا كۆڭلى تىناتتى.
جيا جېن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال رۇخسەت سورىدى، چۈنكى جيا رۇڭ بىلەن ئىككىسى ئوردىدا خىزمىتى بار خادىملاردىن ئىدى. مەرىپەت دىۋانى ھازىر كاتتىلارغا بېغىشلانغان چوڭ تەزىيە مەزگىلى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالماي خانغا ئىلتىماس قىلدى. خاقان ئىگىمىز ئەسلىدە ئىنسانىيەتچىلىك ۋە ئاتا - ئانىغا ۋاپادارلىق بىلەن ئۆتۈۋاتقان زات بولغاچقا، خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى بەك قەدىرلەيتتى، دىۋاننىڭ ئىلتىماسنامىسىنى كۆرۈشى بىلەنلا، ئىلتىپات قىلىپ، جيا جىڭنىڭ قانداق ۋەزىپىدە ئىكەنلىكىنى سورىدى. مەرىپەت دىۋانىدىن: «جيا جىڭنىڭ تەركىبى جىنشىلاردىن، بوۋىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇنىڭ ئوغلى جيا جېنغا ئاتا قىلىنغان. جيا جىڭ ياشقا چوڭ ۋە كېسەلچان بولغاچقا، پايتەخت سىرتىدىكى ھېكمەت خانىقاسىدا ئىستىقامەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ھازىر كېسەل تۈپەيلىدىن مەزكۇر خانىقادا قازا تېپىپتۇ. ئۇنىڭ ئوغلى جيا جېن ۋە نەۋرىسى جيا رۇڭ دۆلەت مۇسىبىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خان ئالىيلىرىغا ئەگىشىپ بۇ يەردە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا، قايتىپ بېرىپ دەپنە ئىشلىرىنى ئادا قىلىشقا رۇخسەت سورايدۇ» دەپ جيا جېنغا ۋاكالىتەن ئىلتىجا قىلىندى. خاقان ئىگىمىز بۇنى ئاڭلىغان ھامان، ئادەتتىن تاشقىرى شەپقەت ياغدۇرۇپ: «جيا جىڭ گەرچە دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ سادىقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا بەشىنچى جىركىلىك مەنسەپ ئىنئام قىلىنسۇن. ئۇنىڭ ئوغلى ھەم نەۋرىسى مېيىتنى ئېلىپ شىمالىي تۆۋەنكى قوۋۇقتىن پايتەختكە كىرىپ، بەخشەندە قىلىنغان جايىدا جەسەتنى كېپەنلەپ، پەرزەنتلىرى ماتەم تۇتسۇن. ماتەم رەسمىيەتلىرى ئادا بولغاندىن كېيىن، مېيىتنى ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپ قويسۇن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەئىشەت مەھكىمىسى ئالىي يوسۇن بويىچە نەزىر - چىراغلىق ئىنئام قىلسۇن، سۇلالىمىزدىكى ۋاڭ - گۇڭلاردىن تۆۋەنلەرنىڭ ھەممىسى ماتەم بىلدۈرسۇن. يارلىق شۇنىڭ بىلەن تامام» دەپ ئىلتىپات كۆرسەتتى، خاننىڭ بۇ يارلىقى چۈشۈشى بىلەن، بۇ شەپقەتكە جيا خانىدانىدىكى كىشىلەرلا رەھمەت بايان قىلىپ قالماستىن، خانلىقنىڭ بارلىق ۋەزىر - ئەربابلىرىمۇ ھەددى - ھېسابسىز بارىكاللا ئوقۇدى.
جيا جېن بىلەن جيا رۇڭ ئاتا - بالا ئىككىسى ئاتلىق كېچىلەپ يولغا چىقتى. يېرىم يولغا كەلگەندە، جيا بيەن بىلەن جيا گۇاڭ ئىككىسى ئائىلە چاكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئاتلىق ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇ ئىككىسى بىلەن ئۇچراشتى. بۇلار جيا جېننى كۆرۈشى بىلەن تەڭلا ئاتتىن چۈشۈپ سالام بېرىشتى.
− نېمىشقا كەلدىڭلار؟ − دەپ سورىدى جيا جېن دەرھال.
− يەڭگەم: ئاكام بىلەن جىيەنىمنى قايتىپ كەلسە، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا يولدا ھەمراھ بولىدىغان ئادەم قالمايدۇ دەپ ئەنسىرەپ، بىز ئىككىمىزنى ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنى ئۇزىتىپ مېڭىشقا ئەۋەتتى، − دەپ جاۋاب بەردى جيا بيەن.
جيا جېن يۈشى خېنىمنىڭ بۇ ئىشىنى ماختىدى ۋە:
− ئائىلىدە ئىشلارنى قانداق قىلىۋاتىدۇ؟ − دەپ سورىدى.
جيا بيەنلەر دەرۋىشلەرنىڭ قانداق چاقىرتىلغانلىقىنى، ئائىلىگە خاس ئىبادەتخانىغا مېيىتنى قانداق ئېلىپ باردۇرغانلىقىنى، ئۆيدە قارايدىغان كىشى يوقلۇقىدىن ئەنسىرەپ، جيا جېننىڭ قېيىنئانىسى ۋە ئىككى قېيىنسىڭلىسىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ تۆر ئۆيگە جايلاشتۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. جيا رۇڭمۇ شۇ يەردىلا ئاتتىن چۈشتى ۋە ئىككى قېينبويان ھەمشىرىسى كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدا ئاغزى قۇلىقىغا يېتەي دېدى. جيا جېن كەينى - كەينىدىن «ئوبدان بوپتۇ» دەپ قويۇپ، ئېتىنى قامچىلاپ يۈرۈپ كەتتى. دەڭلەرگىمۇ چۈشمەي، ئات يەڭگۈشلەپ، كېچە - كۈندۈزلەپ ئات چاپتۇرۇپ مېڭىۋەردى.
بىر كۈنى ئۇلار پايتەخت قوۋۇقىغا يېتىپ كەلدى. ئاۋۋال تۆمۈر ئاستانىلىق مازارغا باردى. ئۇ كۈنى تۆتىنچى جېسەك ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى، جېسەكچىلەر خەۋەر تېپىپ، باشقىلارنى دەرھال ئويغاتتى. جيا جېن ئاتتىن چۈشۈپ، جيا رۇڭ بىلەن ئىككىسى ئۈن سېلىپ يىغلىدى. تاشقىرىقى دەرۋازىدىن ئۆمىلەپ، مېيىتنىڭ ئالدىغا بارغۇچە يەرگە باش ئۇرۇۋېرىپ پېشانىلىرى قاناپ كەتتى، تاكى تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ ئۈنلىرىمۇ پۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن يىغىدىن توختىدى. يۈشى خېنىم ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشتى. جيا جېن بىلەن جيا رۇڭ ئاتا - بالا ئىككىسى رەسمىيەت بويىچە قارىلىق كىيىم كىيىپ، مېيىت ئالدىغا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى تاشلاشتى. جيا جېن ئىشلاردىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، باشقىلارنى ئىشقا جورۇش ئۈچۈن قايغۇسىنى بىرئاز بېسىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. خان ئالىيلىرىنىڭ يارلىقىنى ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرىگە بايان قىلىپ بەردى، ئاندىن مېيىتنى توختىتىپ تۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن، جيا رۇڭنى ئۆيىگە ئەۋەتىۋەتتى.
جيا رۇڭ ھايت - ھۇيت دېگۈچىلا ئاتلىنىپ ئۆيگە قاراپ چاپتى. ئۆيگە كېلىشى بىلەنلا، ئالدىنقى مېھمانخانىدىكى ئورۇندۇق - ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرغۇزۇۋەتتى، دەرپەردە - شىرمەللەرنى قويدۇرۇپ، قارىلىق كۈشكىلىرىنى تارتقۇزدى. دەرۋازا ئالدىغا دۇمباق چېلىش كەپىسى، پەيلۇ ياساتتى. ئالدىراش كىرىپ، چوڭ ئانىسى ۋە ئىككى قېينبويان ھەمشىرىسى بىلەن كۆرۈشتى. يۈشىنىڭ ئانىسى خان موما ياشىنىپ قالغان، ئۇيقۇچان ئايال بولغاچقا، ھەمىشە يانپاشلاپ ياتاتتى. ئۇنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قىزلىرى ھەم چۆرىلىرى يىڭنە ئىشى قىلىۋاتاتتى. جيا رۇڭنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ بېشى قاتتى.
جيا رۇڭ پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئىككىنچى ھەمشىرىگە قارىدى:
− بۇيان كەپسىز ! ئاتام سىزنى ياد ئېتىپ تۇراتتى.
ئوتتۇرانچى قىز يۇئېرجيې ھۈپپىدە قىزىرىپ، ئۇنى تىللاپ:
− خەپ، جيا رۇڭ سولتەك ! سىزنى بىر كۈن تىللىمايلا قويىدىغان بولسام، كۈنىڭىز كۈن بولمايدۇ، بارغانسېرى قائىدىدىن چىقىپ كېتىۋاتىسىز ! ئىسىت، سىزنىڭ چوڭ خانىداننىڭ بەگزادىسى بولغىنىڭىزغا ! ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇپ، ئەدەپ - يوسۇن ئۆگىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ھەتتا چۈپرەندىلەرچىلىكمۇ بولالمايۋاتىسىز ! − دېدى - دە، دەزمالنى ئېلىپ جيا رۇڭنىڭ بېشىغا ئاتماقچى بولۇۋىدى، جيا رۇڭ قورققىنىدىن بېشىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ يېلىنىپ تۇرۇۋالدى. ئۈچىنچى قىز يۇسەنجيې تەتۈر قاراپ تۇرۇپ:
− ئاچام كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا دەيلى ! − دېدى.
جيا رۇڭ ھاپىلا - شاپىلا كاڭدا يۈكۈنۈپ يالۋۇردى ۋە يۇئېرجيېنىڭ يەۋاتقان قاقىلە مېۋىسىنى تالاشتى، يۇئېرجيې چايناۋاتقان قاقىلىنىڭ تىلىپىنى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈۋىدى، جيا رۇڭ تىلى بىلەن يالاپ يەۋالدى. چۆرە قىزلارغا بۇ ئىش غەلىتە تۇيۇلۇپ، ئۇلاردىن بىرسى:
− ئۇچىلىرىدا قارىلىق تۇرۇپتۇ، ئانىكىمىز يېڭىلا ئۇخلىدى. بۇ ئىككى خېنىم ياش بولسىمۇ، ھەر ھالدا سىلىنىڭ قېينبويان ھەمشىرىلىرى. سىلى ئاغىچا خېنىمنى زادىلا كۆزگە ئىلمايدىكەنلا ! كېيىن بۇ ئىشلىرىنى بېگىمگە دەيدىغان بولساق، چىدىماي قۇيرۇقلىرىنى تىكىۋېتەلىمىكىن ! − دېدى كۈلۈپ.
جيا رۇڭ يۇئېرجيېنى تاشلاپ، گەپ قىلغان چۆرە قىزنى قۇچاقلاپ سۆيگىلى تۇردى:
− جېنىم ! راست ئېيتتىڭ، بىز ئىككىمىز بۇ ئىككىسىگە بىر كۆرسىتىپ قويايلى.
− ئۆلۈم كەلمىگەن ! − دەپ تىللاپ ئۇنى ئىتتىردى ئۇ چۆرە قىز، − خوتۇنلىرى، دېدەكلىرى بار كىشى تۇرۇقلۇق بىز بىلەنلا ئېيتىشىلا ! بىلگەنلەرغۇ ئويناشتى دەيدۇ، بىلمىگەنلەر نېمە دەيدۇ؟ نىيىتى يامان قىتىغۇرلار، يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلىشىپ تىلىنى چاينايدىغانلار كۆرۈپ قالسا، چۇقان كۆتۈرۈپ نېرىقى قەسىرگە يەتكۈزۈپ، بىزنى بۇ يەردە ئەسكىلىك قىلىۋاتىدۇ دەپ كەينىمىزدىن غاجايدۇ.
− ھەر كىمنىڭ ئۆيى باشقا، كىم بىلەن كىمنىڭ كارى؟ − دېدى جيا رۇڭ ھىجىيىپ، − ھەممىنىڭ يېتىپ - ئېشىپ تۇرۇپتۇ ! بۇ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بار ئىش، خەن - تاڭ سۇلالىلىرىدىمۇ مۇنداق ئىشلار كۆپ بولغان. كىشىلەر: «خەن - تاڭ سۇلالىلىرىدىمۇ مۇنداق ئىشلار تولا ئىدى» دەۋاتقان يەردە، بىزدەك كىشىلەرگە نېمە گەپ كېلەتتى ! قايسى ئائىلىدە ئىشقىۋازلىق يوق ئىكەن؟ بولدى، مېنىڭ ئاغزىمنى ئاچمايلا قوي. نېرىقى قەسىردىكى چوڭ بېگىمنىڭ شۇنداق چىڭ تۇتۇشىغا قارىماي، جيا ليەن تاغامنىڭمۇ ئۆز قېيىنسىڭلىسى بىلەن چاتىقى بار ! فېڭجيې خان ئاچام ئۆزىگە شۇنچە مەھكەم بولسىمۇ، جيا رۈي تاغىمىز ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەن. قېنى ئۇلارنىڭ قايسىبىر ئىشى مېنىڭ كۆزۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان؟
جيا رۇڭ تىلىنى تارتماي ئاغزىغا كەلگىنىنى دەۋەردى، يۇسەنجيې چىرايىنى تۈرۈپ، كاڭدىن چۈشۈپلا ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ، ئانىسى يۇ موماينى ئويغاتتى. جيا رۇڭ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئويغانغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال كىرىپ، ئېسەن - ئامانلىق سورىدى:
− چوڭ ئانا، بىزدىن ئۇيەپ بۇ يەرگە ئىلتىپات قىلىپلا، تېخى ئىككى خان قىزنىمۇ جوۋىتىپ ئالغاچ كەپلا. بىز ئاتا - بالا ئىككىمىز سىلىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدۇق ! تەزىيە ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، پۈتۈن بىر ئۆيلۈك چوڭ - كىچىك ھەممىمىز ئىشىكلىرىگە بېرىپ باش قويىمىز.
− بالام، خېلى گەپدان بوپسەن ! بىز ئۇرۇق - تۇغقان تۇرساق، ئەلۋەتتە كېلىپ قارىشىشىمىز كېرەك - دە، − دېدى يۇ موماي بېشىنى لىڭشىتىپ، − ئاتاڭ ئوبدان تۇرغاندۇ؟ قاچان خەۋەر تېپىپ ئۈلگۈرۈپ كەلدى؟
− بايىراقتا يېتىپ كەلگەن، مېنى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كەل، دەپ ئەۋەتتى. چوڭ ئانا، تەزىيە ئىشلىرىمىزنى تۈگەتكۈچە تۇرۇشۇپ بېرەرلا، − جيا رۇڭ ھىجىيىپ يالۋۇردى ۋە يۇئېرجيېگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
− ھۇي، جاۋىلداق مايمۇن كۈچۈكى ! بىزنى ئېلىپ قېلىپ، ئاتىڭىزغا ئانا قىلماقچىمىدىڭىز؟ − دېدى يۇ ئېرجيې ئاستا چىشىنى غۇچۇرلىتىپ قويۇپ.
− ئانا، سىلى خاتىرجەم بولسىلا، − دېدى جيا رۇڭ يەنە مومايغا، − ئاتام ھەمىشە مۇشۇ ئىككى خېنىمنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئاتام بۇ ئىككى خان قىزنى ياتلىق قىلىش ئۈچۈن، تېگى - تەكتى ئوبدان ۋە قول - ئىلكىدە بار ئېسىلزادىلەردىن ياش ھەم شوخ ئىككى باجا ئىزدەشتۈرۈۋاتىدۇ. نەچچە يىلدىن بۇيان لايىق تاپالمىغانىدى، قايسى كۈنى يولدا بىر كىمنى لايىق كۆردى.
− كىمنىڭ بالىسى ئىكەن؟ − دەپ ئالمان - تالمان سورىدى يۇ موماي ئۇنىڭ گېپىگە چىنپۈتۈپ.
يۇئېرجيې قىلىۋاتقان يىڭنە ئىشىنى تاشلاپ، كۈلگىنىچە جيا رۇڭنى ئۇرماقچى بولۇپ قوغلىدى:
− ئانا، بۇ دۆيۈز شۇمتەكنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭ !
− رۇڭئېر ! توغرا گېپىڭىز بولسا دەڭ، لېكىن ئاغزىمغا كەلدى دەپ ھەر نېمىلەرنى دەۋەرمەڭ ! − دېدى يۇسەنجيې.
شۇ ئارىدا بىر كىم كىرىپ خەۋەر قىلدى:
− تەزىيە راسكارلىقى تۈگىدى، غوجام چىقىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، بېگىمگە بېرىپ مەلۇم قىلسىلا.
جيا رۇڭ قاقاھلاپ كۈلگىنىچە چىقىپ كەتتى. ئەمدى قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder