قىزىل راۋاقتىكى چۈش - توقسەن تۆتىنچى باب
توقسەن تۆتىنچى باب
يەسىمەن شەرىپىگە زىياپەت بېرىپ جيا ئانىنىڭ گۈل ئەرۋاھىنى تاماشا قىلغانلىقى
ھېكمەتلىك قاشتاش يوقىلىپ كېتىپ ئاجايىپ بالا - قازانىڭ مەلۇم بولغانلىقى
شۇنداق قىلىپ، لەي دا جيا چىننى باشلاپ چىقىپ كەتتى. بۇ كېچە جيا جېڭنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈش بىلەن گەپ - سۆزسىز ئۆتتى. ھېلىقى راھىبە - بۈۋىلەر باغقا يېڭىباشتىن كىرگەنلىكىدىن بۆلەكچىلا خۇشال بولۇشۇپ باغنى ئالا قويماي بىر سەيلە قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئەتىكى ئوردىغا كىرىش تەييارلىقىنى قىلىشماقچى بولۇشقانىدى. بىراق، كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە لەي دا باغقا قاراۋاتقان مومايلار بىلەن مۇلازىملارنى ئۇلارغا قارىتىپ قويدى ۋە ئۇلارنى ئاندا - مۇندىلا غىزالاندۇرۇپ، بىر قەدەم نېرى - بېرى مېڭىشقا يول قويمىدى. ئۇ قىزلار ھاڭ - تاڭ قېلىپ، چۈشكەن يېرىدە ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزۇشقا مەجبۇر بولدى. باغدىكى چۆرە - دېدەكلەر راھىبەلەرنى ئوردىغا كىرگۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن چاقىرتىپتۇ دەپ ئۇققان بولسىمۇ، لېكىن تېگى - تەكتىگە يېتەلمىگەنىدى.
ئەتىسى سەھەردە جيا جېڭ نۆۋەتچىلىكتىن چۈشۈپ ياناي دەپ تۇرغىنىدا، دىۋانبېگىدىن دەرھال تەكشۈرۈلسۇن دەپ ئىككى ئۆلكىنىڭ بىناكارلىق توغرىسىدىكى مۆلچەر ھېسابات يوللانمىسى چۈشۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن ھازىرچە ئۆيىگە قايتىشقا بولماي، ئادەم جورۇپ جيا ليەنگە: «لەي دا قايتىپ كەلگەن بولسا، ئۇ ئىشىنى ئۆزۈڭ سوراپ ئېنىقلىغىن، قانداق قىلىشقا توغرا كەلسە، شۇنداق قىلىۋەر، مېنى ساقلىما» دەپ ئېيتقۇزۇپ قويدى.
جيا ليەن بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئالدى بىلەن جيا چىن ئۈچۈن خۇرسەن بولدى، لېكىن يەنە ئويلىنىپ قېلىپ، بۇ ئىشنى بۇسىنى چىقارماي تۈگىتىۋەتسەم بېگىم گۇمانلىنىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىدى. ئاخىرىدا «ئۇنىڭدىن كۆرە، ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا مەلۇم قىلىپ، شۇنىڭ پىكرى بىلەن ئىش كۆرەي، بېگىمنىڭ دىتىغا توغرا كەلمەي قالسىمۇ جاۋابكارلىققا ئانچە چېتىلىپ قالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلدى - دە، ئىچكىرىگە كىرىپ ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا:
− تۈنۈگۈن تالاغا چاپلانغان خەتنى كۆرۈپ ئۇلۇغ بېگىمنىڭ بەكمۇ ئاچچىقى كەلدى، سۈرۈشتۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن جيا چىن بىلەن ئايال راھىبە - بۈۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەسىرگە ئالدۇرغانىدى. بىراق، بۈگۈن ئۇلۇغ بېگىمنىڭ بۇنداق ئەدەپسىزلىكنى سوراشقا چولىسى تەگمەي قالدى، قانداق قىلىشقا توغرا كەلسە، شۇنداق قىلىڭلار دەپ مېنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشقا جورۇغان، شۇ ۋەجىدىن ئۆزلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ كەلدىم، بۇ ئىشنى قانداق قىلساق بولاركىن؟
− بۇ قانداق گەپ ! − دېدى بۇنى ئاڭلىغان ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئەجەبلىنىپ، − جيا چىن شۇنداقلا قىلغان بولسا ئۇنى بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ ئادىمى دېگىلى بولامدۇ؟ لېكىن، ھېلىقى خەتنى چاپلىغان ئادەممۇ ئوسال نەرسە ئىكەن. بۇ، گېپىم بار دەپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدىغان ئىشمۇ؟ جيا چىندىن سوراپ كۆردۈڭمۇ، زادى شۇنداق ئىش بارمىكەن؟
− بايا سوراپ باقتىم، − دېدى جيا ليەن، − خېنىم، ئويلاپ باقسىلا، ئۇنىڭ قىلغان - قىلمىغانلىقىنى قويۇپ تۇرايلى، قىلغان تەقدىردىمۇ يامان ئىش قىلغان ئادەم بوينىغا ئالامتى؟ مېنىڭچە، جيا چىننىڭ ئۇنداق ئىشنى قىلىشقا ھەددى ئەمەس، بۇ قىزلارنى خانىشنىڭ تۇيۇقسىز چاقىرتىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇمۇ بىلىدۇ. مۇبادا چاتاق چىقىرىپ قويسا ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ - دە. مېنىڭچىغۇ، سوراققا تارتىشمۇ ئاسان، ئەگەر ئىقرار قىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا قانداق قىلىدىغان گەپ، خېنىم؟
− ئۇ قىزلار ھازىر نەدە؟
− باغقا قاماپ قويدۇق.
− خان قىزلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارمۇ؟
− خان قىزلار ئۇلارنى ئوردىغا كىرگۈزۈپ بەرگىلى ئېلىپ كەپتۇ دېگەن گەپنىلا بىلىدىغۇ دەيمەن، سىرتتا ئۇنىڭدىن باشقا گەپ بولۇنمىغان، − دېدى جيا ليەن.
− بۇ ئوبدان بوپتۇ ! − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم، − بۇ بىرنېمىلەرنى مىنۇت تۇرغۇزۇشقا بولمايتتى. باشتا، بۇلارنى يولغا سېلىۋېتەيلى دېسەم، سىلەر ئېلىپ قالغىنىمىز ياخشى دېگەنىدىڭلار، مانا ئەمدى چاتاق چىقتىغۇ؟ لەي داغا تاپشۇرغىن. ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بارمۇ، يوق، سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسۇن، تىلخەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بىرنەچچە ئون سەر كۈمۈش خەجلەپ كېمە كىرا قىلسۇن - دە، ئىشەنچلىك ئادەم پەيلەپ ئۇلارنى ئۆز يۇرتىغا يەتكۈزۈپ، تىلخەتلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىۋەتسۇن، بىزمۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلايلى. بىر - ئىككى ياماننىڭ كاساپىتىدىن ھەممەيلەننى راھىبلىقتىن ئەسلىگە ياندۇرۇۋەتسەك گۇناھلىق ئىش قىلغان بولىمىز. مۇشۇ يەردىلا دەللىلەرگە تۇتقۇزۇپ قويساق، ئۇلارنىڭ بەدىلىگە ھەق ئالمايمىز، شۇنداقتىمۇ دەللىلەر ئاپىرىپ پۇل قىلىشىدۇ، خەقنىڭ ئۆلەر - تىرىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ كارى نېمە؟ جيا چىنغىمۇ جېنىغا ئۆتكۈدەك گەپ قىلىپ قوي، توي - تۆكۈن، نەزىر - نىياز مەرىكىلىرىدىن باشقا چاغلاردا ئىش بولمىسا بۇ ياققا كىرگۈزمەڭلار. ئۆزىگە ھېزى بولسۇن، بېگىمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ تۇرغان چاغدا دوقۇرۇپ قالسا ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ قالىدۇ. دەپتەرخانىغىمۇ ئېيتىپ قوي، ئاشۇلارغا ئاجرىتىلغان خىراجەتنى داڭزىدىن ئۆچۈرۈۋەتسۇن. يەنە شېيۆ ئىبادەتخانىسىغىمۇ ئادەم جورۇپ بېگىمنىڭ بۇيرۇقى دەپ ئېيتقۇزۇپ قوي، تۇپراق بېشىغا قەغەز كۆيدۈرۈشكە بارغاندىن باشقا چاغلاردا جەمەتىمىزنىڭ بەگ - غوجاملىرى بېرىپ قالسا قوبۇل قىلىشمىسۇن، ناۋادا بىرەر بەتقىلىقلىقنىڭ شەپىسى بىلىنىپ قالىدىغان بولسا، قېرى بۈۋىلەرمۇ قوشۇپلا قوغلىنىدۇ.
جيا ليەن خوش دەپ قۇللۇق بىلدۈرۈپ يېنىپ چىقتى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ گەپلىرىنى لەي داغا يەتكۈزۈپ:
− ئاغىچا خېنىم سىزنى ئاشۇنداق تۈگەتسۇن دەپ جېكىلىدى! بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىڭ، ئاغىچا خېنىمغا مەلۇم قىلاي. قېنى چاپسان بېرىپ ئىشقا كىرىشىڭ. بېگىم قايتىپ كەلگەندە، ئاغىچا خېنىمنىڭ دېگىنى بويىچە مەلۇم قىلىڭ، − دېدى جيا ليەن.
− بىزنىڭ ئاغىچا خېنىم نېمىدېگەن رەھىمدىل - ھە ! − دېدى لەي دا، − مۇشۇنداق بىر نېمىلەرنىمۇ مەخسۇس ئادەم ئاپىرىپ قويسۇن، دەپتۇ. ئاغىچا خېنىم شۇنداق مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن يەردە، تۈزۈكرەك ئادەم تاللىماي بولمايدۇ. ئەمىسە غوجام، جيا چىن غوجىنىڭ ئىشىنى ئۆزلىرى بىر ياقلىق قىلسىلا، خەت چاپلىغان ھېلىقى ئادەمنى پېقىر بىر ئامال قىلىپ تاپاي، ئۇنىڭ كېلىشتۈرۈپ جاجىسىنى بېرىپ قويغىنىمىز ياخشى.
− شۇنداق بولسۇن، − دېدى جيا ليەن بېشىنى لىڭشىتىپ. ئاندىن ئۇ جيا چىننىڭ ئىشىنى دەررۇ بىر تەرەپ قىلدى.
لەي دا بايىقى كېلىشكەنلىرى بويىچە راھىبە - بۈۋىلەرنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.
كەچتە جيا جېڭ يېنىپ كەلدى، جيا ليەن بىلەن لەي دا قىلغان ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلدى. جيا جېڭ ئەسلىدە ئىشنىڭ ئۇلغىيىشىنى خالىمايدىغان ئادەم ئىدى، شۇڭا بوپتىلا دەپ قول سىلكىپ قويدى. ئەمما، بىكار تەلەپلەر جيا قەسىرىدىن يىگىرمە تۆت قىز بالىنى چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا تاماقلىرىنى چاكىلداتماي قالامدۇ؟ بۇ قىزلار ئۆز ئۆيلىرىگە يېنىپ بارالىدىمۇ، بارالمىدىمۇ، بۇنىسى ھازىرچە قاراڭغۇ، بۇ ھەقتە بىرنېمە دېيىش قىيىن.
دەييۈي بارا - بارا ئوڭشىلىپ، زىجۈەننىڭ قولى خېلى بوشاپ قالغانىدى. ئۇ راھىبەلەرنىڭ ئوردىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، نېمە ئىشلىكىنى بىلەلمەي، تىڭتىڭلاپ بېقىش ئۈچۈن جيا ئانا تەرەپكە ئۆتتى. تەلىيىگە يۈەنياڭ بىكار ئىكەن، ئىككىسى ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى. راھىبەلەر ھەققىدە گەپ بولغاندا، يۈەنياڭ ھەيران بولۇپ:
− ئەجەب مەن ئاڭلىماپتىمىنا. ئوتتۇرانچى كېلىن ئاغىچىدىن ئۇقۇپ باقساقلا ئايان بولىدۇغۇ، − دېدى.
شۇ ئارىدا فۇشى ئائىلىسىدىن ئىككى ئايال جيا ئانىدىن ئېسەنلىك سوراپ كېلىپ قالدى، يۈەنياڭ ئۇلارنى باشلاپ كىرمەكچى بولۇۋىدى، ئۇلار جيا ئانىنىڭ چۈشلۈك ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، يۈەنياڭغا بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپلا قايتىشتى.
− بۇلار كىمنىڭكىدىن كەپتۇ؟ − دەپ سورىدى زىجۈەن.
− ئەجەبمۇ تويدۇم بۇ خەقتىن ! − دېدى يۈەنياڭ، − ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن، ئۆزى خېلى قاملاشقان قىز ئوخشايدۇ، ھەر قېتىم كەلسىلا خۇددى گۆھەر ئېلىپ كەلگەندەك قىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئالدىدا، بىزنىڭ خان قىز ئۇنداق چىرايلىق، بۇنداق ئاق كۆڭۈل، قائىدە - يوسۇننىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئاز سۆزلەيدۇ، ئۇز سۆزلەيدۇ، يىڭنە ئىشلىرىغا قولى ئەپلىك، ساۋاتلىق، ھېسابنىمۇ بىلىدۇ، چوڭلارنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ، تۆۋەندىكىلەرگىمۇ شۇنداق سىلىق مۇئامىلە قىلىدۇ، دېگەندەك بىرمۇنچە گەپ توقۇپ ئاغىچا خېنىمغا دەپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن بىزار بولۇپ كەتتىم. بۇ مومايلاردىن ئەجەبمۇ تويدۇم ! ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىممۇ شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ! ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغۇ بىرنۆرى، باۋيۈينى دېمەمسەن، ئادەتتە ئۇ خىزمەتكار مومايلارنى بۆلەكچىلا يامان كۆرەتتى. بىراق، شۇلارنىڭكىدىن كەلگەن مومايلارنى يامان كۆرمەيدۇ. قارا، بۇ غەلىتە ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇرناكۈن ئۇلار يەنە كەپتۇ، بىزنىڭ خان قىزغا خېلى - خېلى يەرلەردىن لايىق چىققانىدى، بېگىمىزنىڭ ھېچقايسىسىغا ماقۇل دېگۈسى كەلمىدى، ھەر بىرلىرىنىڭكىدەك ئائىلە بىلەن قۇدا چۈشكۈسى بار ئىكەن، دېيىشتى. ئۇلار بىردەم خان قىزىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، بىردەم خۇشامەتگۇيلۇق قىلىپ يۈرۈپ ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىۋالغاندەك تۇرىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ زىجۈەن تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن ئەتەي:
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا يېقىپ قالغان بولسا، نېمە ئۈچۈن باۋيۈيگە دېيىشىپ قويمايدۇ؟ − دەپ سوراپ قويدى.
يۈەنياڭ بۇنىڭ سەۋبىنى ئېيتاي دەپ تۇرۇشىغا، تۆر ئۆيدىن «ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ئويغاندى» دېگەن گەپ ئاڭلىنىپ، دەررۇ تۆر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. زىجۈەن نائىلاج ئورنىدىن قوپۇپ قايتتى. باغقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ مېڭىپ كېتىۋېتىپ خىيال سۈرەتتى: «بۇ جاھاندا بىرلا باۋيۈي باردەك قىلىشىپ كېتىپتۇغۇ، بۇ خەق؟ ئۇمۇ شۇنى دەيدىكەن، بۇمۇ شۇنى دەيدىكەن! بىزنىڭ مۇنۇ خېنىممۇ شۇنى دەپ ئادا بولاي دېدى ! ئەۋزايىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى باۋيۈيدە، كەينى - كەينىدىن ئاغرىۋېرىشىمۇ شۇنىڭدىن بولماي نېمە؟ بۇ يەردىكى <ئالتۇن>، <كۈمۈش> لەرنىڭ چىگىشى تېخى ئايرىلماي تۇرغان يەردە، يەنە فۇ خېنىم دېگەن بىرسى قوشۇلسا، تېخىمۇ چىگىش ئۈستىگە چىگىش بولىدىغان بولدى - دە ! نەزىرىمچە، باۋيۈينىڭ كۆڭلىمۇ بىزنىڭ خېنىمغا چۈشكەندەك قىلاتتى، يۈەنياڭنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، باۋيۈيمۇ ئۈجمە كۆڭۈل ئوخشايدۇ ! ئۇنداقتا بىزنىڭ خان قىز ئۆزىنى بىكارلا ئۇپراتقان بولمامدۇ؟ »
دەييۈينىڭ غېمىنى يەۋاتقان زىجۈەن ئويلىغانسېرى ئويىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي بېشى قاتتى. دەييۈيگە بىھۇدە ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماڭ، دېسە، ئۇنىڭ بىئارام بولۇشىدىن ئەنسىرەيتتى؛ شۇنداق كېتىۋەرسۇنمىكىن دېسە، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىيتتى. زىجۈەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئىچ - ئىچىدىن تىت - تىت بولاتتى، ئاخىر بولالماي ئۆزىنى كايىدى: «خەق ئۈچۈن نېمانچىلا غەم يەپ كېتەتتىڭ ! دەييۈي خان قىزنى باۋيۈي بىلەن جۈپ بولدى دېگەندىمۇ، باۋيۈينىڭ ئاشۇ مىجەز - خۇيى بولىدىغانلا بولسا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلماقمۇ تەس. باۋيۈي خۇش پېئىل بولسىمۇ، ئەمما چاينىماي يۇتىدىغان تويماسلاردىن. مەن تېخى خەققە ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئۇپراتماڭ دېمەكچى بولغىنىمنى قارا، بىكارلا غەم يەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتىمەن ! بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خان قىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، باشقا ئىشلار بىلەن زادىلا كارىم بولمىسۇن !» خىيالىغا شۇ كېچىشى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى خېلى ئازادە بولۇپ قالدى. ئۇ بامبۇكزار سارايغا قايتىپ كەلگەندە، دەييۈي كاڭدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ بۇرۇن يازغان شېئىر - نەزملىرىنى رەتلەۋاتاتتى، بېشىنى كۆتۈرۈپ زىجۈەننى كۆردى - دە، ئۇنىڭدىن:
− نەگە باردىڭ؟ − دەپ سورىدى.
− ھەمشىرىلەرنى يوقلاپ كەلدىم.
− تايىنلىق شىرېن ئاچاڭنى ئىزدەپ بارغانسەن.
− ئۇنى ئىزدەپ نېمە قىلاتتىم؟
دەييۈي شۇئانلا «بۇ گەپ قانداقچە ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەندۇ» دەپ ئويلىدى - دە، خىجىل بولۇپ قالدى.
− ئۇنى ئىزدىگەن - ئىزدىمىگىنىڭ بىلەن نېمە كارىم؟ چاي ئېلىپ كەل، − دېدى دەييۈي.
زىجۈەن ئىچىدە كۈلۈپ قويۇپ، چاي قۇيغىلى چىقىپ كەتتى، نېمىشقىكىن باغدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇ چاي قۇيۇۋېتىپ، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشقا ئادەم جورۇدى.
− ئارامبەخش ھويلىدىكى يەسىمەننىڭ بىرنەچچە تۈپى قۇرۇپ كېتىپتىكەن، − دېدى چۆرە قىز قايتىپ كېلىپ، − ئۇنى بىركىم سۇغىرىپمۇ قويماپتۇ. تۈنۈگۈن باۋيۈي تاماشا قىلىپ يۈرۈپ قارىسا، شېخىنىڭ ئۇچى خۇددى غۇنچىلىغاندەك كۆرۈنۈپتۇ، باشقىلار چىنپۈتمەي ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلماپتۇ، بۈگۈن ئۇ يەسىمەن ئۇشتۇمتۇتلا بىر چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ھەممەيلەن ھەيران قېلىپ بەس - بەس بىلەن ئۇنى كۆرۈشكە بېرىپتۇ، ھەتتا ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، ئاغىچا خېنىملارغىچە تەۋرىنىپ كېتىپ گۈلنى كۆرۈشكە كەلمەكچى بوپتۇ. شۇ ۋەجدىن، چوڭ كېلىن ئاغىچا خېنىم باغدىكى غازاڭلارنى سىيرىپ - سۈپۈرۈۋېتىشكە ئادەم بۇيرۇپتۇ، شۇلارنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭى ئىكەن.
دەييۈي بۇ گەپتىن ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭمۇ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئېگىنلىرىنى يەڭگۈشلىدى.
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم كەلگەن بولسا، دەررۇ كېلىپ ماڭا خەۋەر قىلغىن، − دەپ شۆيەننى ئۇقۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
شۆيەن كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يۈگۈرگەن پېتى ھۇجرىغا كىرىپ:
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، ئاغىچا خېنىم باشلىق بىرمۇنچەيلەن كەپتۇ، خان قىز، چاپسان بولۇڭ ! − دېدى.
دەييۈي ئەينەككە ئاندا - مۇندىلا قاراپ، چاچلىرىنى سەل - پەل تۈزەشتۈرۈپلا زىجۈەنگە تايىنىپ ئارامبەخش ھويلىغا كەلدى. ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم باۋيۈي ياتىدىغان كاتتا ئولتۇرغانىكەن.
− بۈزرۈكۋار ئانا، ئوبدان تۇردىلىمۇ، − دەپ سالام بەردى دەييۈي. ئاندىن شىڭ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملار بىلەن كۆرۈشتى، كەينىگە يېنىپ لى ۋەن، تەنچۈن، شىچۈن، شىڭ شيۇيەنلەر بىلەن ئېسەنلىك سوراشتى. يالغۇز فېڭجيېلا تاۋى بولمىغاچقا كەلمىگەن، شى شاڭيۈننىڭ تاغىسى پايتەختكە يۆتكەپ كېلىنگەچكە، ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن، شۆ باۋچىن ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنىدى، باغدا ئىش تېرىلىۋەرگەچكە لى خان ئاچا لى چى بىلەن لى ۋېننى ئۆز يېنىغا تارتىپ سىرتتىن ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغانىدى. شۇڭا، بۈگۈن دەييۈيگە مۇشۇ بىرقانچەيلەن بىلەنلا دىدار كۆرۈشۈش نېسىپ بولدى.
كۆپچىلىك بىرپەس كۈلكە - چاقچاق قىلىشقاندىن كېيىن، بۇ گۈلنىڭ ئېچىلغانلىقى غەلىتە ئىش ئىكەنلىكى ئۈستىدە مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كېتىشتى.
− بۇ گۈل ئۈچىنچى ئايدا ئېچىلاتتى، − دېدى جيا ئانا، − ھازىرغۇ ئون بىرىنچى ئاي، لېكىن مەۋسۇم كېچىكىپ كەلگەچكە، يەنىلا ئونىنچى ئاي ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇنداق كالتە يازدا ھاۋا ئىسسىپ كەتسە گۈللەر ئېچىلىۋېرىدۇ.
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرى كۆپ، بۇ دېگىنى راست، بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغانمۇ يېرى يوق، − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم.
− بۇ گۈلنىڭ قۇرۇپ قالغىنىغا بىر يىل بولدى، − دەپ ئاڭلىۋىدىم، نېمىشقا ۋاقىتسىز ئېچىلغاندۇ؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك، − دېدى شىڭ ئاغىچا خېنىم.
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم بىلەن ئاغىچا خېنىملارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، − دېدى لى ۋەن كۈلۈپ، − مېنىڭ كالتە پەمىمچە، باۋيۈيگە بىر خۇشاللىق بار، شۇڭا بۇ گۈل ئالدىن بېشارەت بەرگەن.
تەنچۈن گەپ قىلمىغىنى بىلەن، ئىچىدە: «بۇ ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى بولمىسا كېرەك، كۆپ ھاللاردا ئوڭغانلار راۋاج تاپىدۇ، ئوڭمىغانلار زاۋال تاپىدۇ، گۈل - گىياھلار تەقدىرنى بىلىدۇ. بۇ گۈلنىڭ ۋاقىتسىز ئېچىلغانلىقى چوقۇم بىر نەسلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ ئويلىدى - يۇ، لېكىن ئاغزىدىن چىقىرالمىدى. يالغۇز دەييۈيلا خۇشاللىق بار دېگەننى ئاڭلاپ يۈرىكى ئويناپ كەتتى - دە، ئېچىلىپ شۇنداق دېدى:
− ئۆز ۋاقتىدا تيەن جەمەتىنىڭ ھويلىسىدا بىر تۈپ چېتىن بار ئىكەن، ئاكا - ئۇكا ئۈچەيلەن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن چېتىن قۇرۇپ كېتىپتۇ. كېيىن ئاكا - ئۇكىلار بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ قايتا جەم بولۇشۇپتىكەن، ھېلىقى چېتىن باشقىدىن كۆكلەپتۇ. دېمەك، گۈل - گىياھلارمۇ ئادەمگە باقىدىكەن. ھازىر ئوتتۇرانچى ئاكام كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇيدىغان بولدى، بۇنىڭدىن تاغاممۇ خۇشال، شۇڭا بۇ گۈلمۇ ئېچىلغان - دە.
دەييۈينىڭ گېپى جيا ئانا بىلەن ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا يېقىپ كېتىپ:
− دەييۈي خان قىزنىڭ تەمسىلى ئورۇنلۇق ھەم ناھايىتى مەنىلىك بولدى، − دېيىشتى.
شۇ ئارىدا جياشې، جيا جېڭ، جيا خۇەن، جيا لەنلەرمۇ گۈل كۆرگىلى كەلدى.
− مېنىڭ پىكرىمچە، گۈل ئەرۋاھى ئېزىتقۇلۇق قىلىۋاتسا كېرەك، بۇنى كېسىۋېتەيلى، − دېدى جيا شې.
«غارايىپنى كۆرگەندە بولمىغىل ھەيران، ئۆز - ئۆزىدىن غارايىپ بولغۇسى ۋەيران» دەپتىكەن. كەسمەي مەيلىگە قويۇپ بېرەيلى، − دېدى جيا جېڭ.
− ۋالاقشىغان كىم ئۇ؟ − دېدى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قېلىپ جيا ئانا، − بۇ ئىش خۇشاللىقتىن، ياخشىلىقتىن دالالەت بېرىۋاتسا، غەلىتە - پەلىتە دېگەن نېمە گەپ؟ ئەگەر ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كەلسە سىلەر تەڭ كۆرۈڭلار، يامانلىق كەلسە مەنلا تارتاي. سىلەر ئۇنداق ۋالاقشىماڭلار !
جيا جېڭ يەنە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتتى - دە، مۇلزەم بولغىنىچە جيا شېلار بىلەن چىقىپ كەتتى.
جيا ئانا بۆلەكچىلا خۇشال ئىدى.
− ئاشخانىدىكىلەرگە ئېيتقۇزۇپ قويۇڭلار، دەررۇ شاراب - تائام راسلىسۇن، ھەممەيلەن گۈل تاماشىسى قىلىمىز ! − دەپ ئادەم جورۇدى ئۇ. ئاندىن، − باۋيۈي، جيا خۇەن، جيا لەن ئۈچىڭلار بۇ خۇشاللىققا ئاتاپ بىردىن شېئىر يېزىڭلار. دەييۈي خان قىز كېسەلدىن يېڭى قوپتى، ئۆزىنى جوۋاتمىسۇن، خۇشى كەلسە يازغىنىڭلارنى ئۆزگەرتىپ بېرەر، − دېدى ۋە يەنە لى ۋەنگە قاراپ، − سىلەر مەن بىلەن ئولتۇرۇپ شاراب ئىچىسىلەر، − دېدى.
لى ۋەن «خوش» دەپ قۇللۇق بىلدۈرۈپ قويۇپ، تەنچۈنگە قاراپ كۈلۈپ شۇنداق دېدى:
− ھەممىنى قىلغان سىز !
− شېئىر يېزىشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان تۇرساق، قانداقسىغا بىز قىلغان ئىش بولسۇن؟ − دېدى تەنچۈن.
− يەسىمەن مۇشائىرە جەمئىيىتىنى سىز تەسىس قىلغان ئەمەسمۇ؟ − دېدى لى ۋەن، − ئەمدىلىكتە بۇ يەسىمەنمۇ مۇشائىرە جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىۋاتىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
ئاڭغىچە كۆك - گېزەك، شارابلار كەلتۈرۈلۈپ، ئىچىش باشلاندى، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنى خۇش قىلىش ئۈچۈن، ھەممەيلەن كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەرنى قىلىشتى. باۋيۈي كېلىپ شاراب قۇيدى. ئاندىن ئۆرە تۇرغىنىچە تۆت مىسرا شېئىر توقۇپ، ئۇنى يېزىپ چىققاندىن كېيىن جيا ئانىغا ئوقۇپ بەردى:
نە سەۋەبتىن يەسىمەن گۈل بوپتۇ قاقشال ئۆزىچە؟
بائىسى نېمە بۈگۈن كۆكلەپتۇ قايتا ئۆزگىچە؟
مېھرىبانىمنى ئۇزاق كۆرسۇن ئۆمۈر دەپتۇ بۇ گۈل،
ئېچىلىپتۇ كالتە يازدا شۇ مېيخۇا گۈلگىچە.
جيا خۇەنمۇ ئۆزىنىڭ يازغىنىنى ئوقۇدى:
كەلسە باھار گۈل - گىياھلار جانلىناتتى بىخ ئۇرۇپ،
مەزگىلىدە يەسىمەن گۈل تۇردى ئېچىلماي قۇرۇپ،
بۇ جاھاندا كىم بىلىپتۇ ئۆڭكە ئىشلار كۆپ ئىكەن،
بىزدىلا ئېچىلدى گۈل قىش ئېيىدا خەندان ئۇرۇپ.
جيا ليەن يېزىپ چىققاندىن كېيىن چىرايلىق كۆچۈرۈپ، جيا ئانىغا سۇندى. جيا ئانا لى ۋەنگە ئوقۇتتى:
ئاچمىدى ئۆز رەڭگىنى تۈرگەن پېتى باھاردا گۈل،
نەملىنىپ قاردىن كېيىن ئاچتى چىراي قىروۋدا گۈل.
دېمىگىل بۇ گۈلنى ھەرگىز بىخەۋەر نادان ئىكەن،
ياشنىغاچ بولدى مەدەتكار بۇ ۋىسال جامىغان گۈل.
شېئىر ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، جيا ئانا:
− مېنىڭ شېئىردىن ئانچە خەۋىرىم يوق، قۇلاق سالغۇدەك بولسام لەنئېر بالامنىڭ قاملىشىپتۇ، خۇەنئېر ياخشى يازالماپتۇ. قېنى، غىزادىن بېقىڭلار، − دېدى.
جيا ئانىنىڭ كەيپى چاغلىقىنى كۆرۈپ، باۋيۈينىڭ كۆڭلى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى: «چىڭۋېن ئۆلگەن يىلى يەسىمەن قۇرۇپ كەتكەنىدى، بۈگۈن يەسىمەن يېڭىباشتىن ياشاردى. بۇ ھويلىدىكى ھەممەيلەن ساق - سالامەت تۇرۇپتۇ، پەقەت چىڭۋېنلا مۇشۇ قۇرۇپ قالغان گۈلنىڭ قايتا تىرىلگىنىدەك بولالمايدۇ - دە !» دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭدىكى شادلىق بىردىنلا قايغۇغا ئايلاندى. شۇ ئەسنادا يەنە فېڭجيېنىڭ ۋۇئېرنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە چياۋجيېنىڭ قايسى كۈنى دېگەن گېپى يادىغا كېلىپ: «كىم بىلىدۇ، بۇ گۈل شۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلدىمۇ تېخى» دېگەن ئوي بىلەن قايغۇسى قايتا شادلىققا ئۆرۈلدى - دە، يەنە كۈلكە - پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
جيا ئانا بىرھازاغىچە ئولتۇرغاندىن كېيىن، جېنجۇغا تايانغىنىچە ئۆيىگە قايتتى، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملارمۇ سوڭدىشىپ ماڭدى. پىڭئېر ھى - ھى ... كۈلگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
− كېلىن ئاغىچىمىز ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ بۇ يەردە گۈل تاماشىسى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزى كېلەلمەي ھەر بىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مەن چۆرىلىرىنى ئەۋەتتى. باۋيۈي غوجامنى مۇبارەكلەپ، گۈلنى يۆگەپ قويغاي دەپ مۇنۇ ئىككى توپ قىزىل شايىنى سوۋغا قىلدى، − دېدى.
شىرېن سوۋغىنى ئېلىپ جيا ئانىغا ئىككى قوللاپ سۇندى.
− فېڭجيې قىزلا ئىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ جۇمۇ ! − دېدى جيا ئانا تەبەسسۇم بىلەن، − ئۇنىڭ قىلغان ئىشى خەققە يارىشىملىق، يېڭىلىق ھەم شۇنداق قىزىق بولۇپ كۆرۈنىدۇ !
− بېرىپ باۋيۈي غوجامنىڭ نامىدىن ئوتتۇرانچى كېلىن ئاغىچىغا رەھمەت ئېيتىپ قويغىن: خۇشاللىق كېلىدىغانلا بولسا، ھەممەيلەنگە تەڭ خۇشاللىق بولسۇن ! − دېدى شىرېن كۈلۈپ پىڭئېرگە.
− ئوھۇي، ئۇنتۇپ قالغىنىمنى قارىمامسىلەر ! − دېدى جيا ئانا شىرېننىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈپ، − فېڭجيې قىز ئاغرىق تۇرۇقلۇقمۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يېتىپتۇ، ئەۋەتكەن نەرسىنىمۇ قاملاشتۇرۇپ ئەۋەتىپتۇ !
پاراڭ سېلىشقاچ ھەممەيلەن جيا ئانىغا سوڭدىشىپ ماڭدى.
پىڭئېر شىرېننى بىر چەتكە تارتىپ:
− كېلىن ئاغىچا بۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى غەلىتە ئىش دەيدۇ. بۇنى ياخشىلىققا ئۆرۈۋېتىش ئۈچۈن سېنى قىزىل شايىدىن بىر پارچە كېسىپ، گۈلگە ئېسىپ قويسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن ئەجەبسىنىپ ئېگىز - پەس سۆزلەپ يۈرۈشمىسۇن، دەپ تاپىلىدى، − دېدى.
شىرېن بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى، ئاندىن پىڭئېرنى ئۇزىتىپ قويدى، بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالغاي.
ئەمدى گەپنى بۇ ياقتىن ئاڭلىغايسىز. شۇ كۈنى باۋيۈي ياندىن ئىزمىلىنىدىغان جۇۋا كىيىپ ھۇجرىسىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇراتتى. گۈلنىڭ ئېچىلغانلىقىغا كۆزى چۈشۈپ قالدى - دە، چىقىپ بىرپەس كۆز يۈگۈرتۈپ تاماشا قىلدى. بىردەم ئۇھ تارتىپ قويۇپ، يەنە بىردىنلا سۆيۈندى. كۆڭلىدىكى تۈگىمەس ھىجران قايغۇسى بىلەن ۋىسال خۇشاللىقى شۇ گۈلگە جەلپ قىلىنغانىدى. ئۇ جيا ئانىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپلا تۈلكە قولتۇقىدىن تىكىلگەن پەيكان يەڭلىك كەمزۇلىنى يەڭگۈشلەپ، ئۈستىگە قارا تۈلكە پۇچقىقىدىن تىكىلگەن كۆرپە يېپىنىپ، جيا ئانىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇ ئالدىراپ كىيىم يەڭگۈشلىگەچكە، «ھېكمەتلىك قاشتاش»نى بوينىغا ئېسىۋېلىشنى يادىدىن چىقىرىپ قويغانىدى. جيا ئانىلار كەتكەندىن كېيىن كىيىملىرىنى قايتا يەڭگۈشلىگەندە، شىرېن باۋيۈينىڭ بوينىدا قاشناشنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ:
− قاشتاش قېنى؟ − دەپ سورىدى.
− بايا كىيىم يەڭگۈشلەيمەن دەپ، ئالدىراشچىلىقتا كاڭدىكى شىرەگە قويۇپ قويۇپ ئاسماپتىمەن، − دېدى باۋيۈي.
شىرېن، قايرىلىپ شىرەگە قارىۋىدى، قاشتاش يوق، ھۇجرىنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزدىدى، قاشتېشى تۇرماق ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى. قورققىنىدىن شىرېننى سوغۇق تەر باستى.
− ھودۇقمىغىن، ئۆيدىن باشقا يەرگە كەتمەيدۇ، ئاۋۇلاردىن سوراپ باقساق چىقىدۇ، − دېدى باۋيۈي.
شىرېن، شېيۆلەر باۋيۈينى قورقۇتىمىز دەپ چاقچاق قىلىپ تىقىپ قويغاندۇ، دېگەن ئوي بىلەن، كۈلۈپ شېيۆلەردىن سورىدى:
− جۇۋاينىمەكلەر، چاقچاقنىڭ يولى بار، ئۇنى نەگە تىقىپ قويۇشتۇڭلار؟ ئوينىشىپ يۈرۈپ راستلا يوقىتىپ قويۇشساڭ، ئۇ چاغدا ھەممىمىزگە كۈن يوق جۇمۇ !
− نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسەن؟ − دېدى شېيۆ جىددىي قىياپەتتە، − ئويۇن ئويۇنچە، چاقچاق چاقچاقچە بولىدۇ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىشمىدى، ئۇنداق كەلسە - كەلمەس گەپنى قىلما ! ئۆزۈڭنىڭ بېشى تەۋرەپ قالغان ئوخشايدۇ ! ئۆزۈڭ نەگە قويغان؟ ئوبدان ئويلاپ باق ! خەققە يەنە قارا چاپلىغىلى تۇردۇڭمۇ دەيمەن !
شىرېن ئۇنىڭ بۇ ئەۋزايىنى كۆرۈپ چاقچاق ئەمەسلىكىنى بايقىدى - دە، ئىچى تىتىلداپ:
− ئىگەم بۇدساتۋام ! بۈزرۈكۋارىم غوجام ! زادى نەدە قويغانىدىڭىز؟ − دەپ سورىدى باۋيۈيدىن.
− كاڭدىكى شىرەگە قويغىنىم ئېسىمدە ئېنىق تۇرۇپتۇ، ئىزدەپ بېقىڭلارچۇ ! − دېدى باۋيۈي.
شىرېن، شېيۆلەر باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەممە يەرنى يوشۇرۇنچە ئىزدەشتۈردى. خېلىغىچە ئاۋارە بولۇشۇپ ھېچ يەردىن ئىز - دېرىكىنى تاپالمىدى، ھەتتا ساندۇق - پاندۇقلارنى ئاختۇرۇپ ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋەتتى، لېكىن ھېچ يەردىن چىقمىدى. ئاخىر ئۇلار بايا كەلگەنلەردىن بىرەرسىگە ئۇچرىغان بولسا، شۇ ئەكەتتىمىكىن دېگەن گۇمانغا كېلىشتى.
− كىرگەنلەردىن قايسىبىرى بۇ قاشتاشنىڭ جان بىلەن باراۋەر نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؟ − دېدى شىرېن، − ئۇنى ئەكېتىشكە كىمنىڭ ھەددى بولسۇن ! ھازىرچە چۇقان كۆتۈرمەي تۇرۇپ، ھەرقايسى ھۇجرىلارغا چاپسان بېرىپ سوراشتۇرۇپ كۆرۈڭلار، ئەگەر ھەمشىرىلەردىن بىرەرسى ئېلىۋېلىپ، بىز بىلەن ئويناشماقچى بولغان بولسا، ئۇنىڭغا باش قويۇپ بولسىمۇ ئېلىپ كېلىڭلار. ناۋادا چۆرە قىزلاردىن بىرەرسى ئوغرىلىۋالغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈپ تېپىۋالساقمۇ يۇقىرىغا مەلۇم قىلماي، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ بولسىمۇ ياندۇرۇپ كېلىڭلار. بۇ كىچىك ئىش ئەمەس ! ئەگەر راستلا يوقىلىپ كېتىدىغان بولسا، باۋيۈي غوجامنى يوقىتىپ قويغاندىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالىمىز.
شېيۆ، چيۇۋېنلار ئىشىكتىن چىقىشىغا شىرېن كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ:
− بايا بۇ يەردە غىزا يېگەنلەردىن ھازىرچە سورىماي تۇرۇڭلار، ئۇلاردىن چىقماي قالسا ئۈستىلەپ چاتاق تېرىلىپ، تېخىمۇ ياخشى بولمايدۇ، − دەپ يەنە جېكىلەپ قويدى.
شىرېننىڭ گېپى بويىچە سۈرۈشتۈرگىلى شېيۆ بىلەن چيۇۋېن ئىككىسى ئىككى يانغا ماڭدى. كىمدىنلا سورىسا، ئۇقمايمىز دەپ جاۋاب بەرگەننىڭ ئۈستىگە، ھەيران بولۇپ، ھەممىنىڭ كۆڭلىگە شەك چۈشتى.
شېيۆ بىلەن چيۇۋېن ھاپىلا - شاپىلا قايتىپ كېلىپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ، ئاغزىلىرىنى ھاڭ ئېچىپ، بىر - بىرىگە قاراشقىنىچە تۇرۇپلا قالدى، باۋيۈيمۇ قورققىنىدىن قېتىپلا قالدى، شىرېن بولسا تىت - تىت بولۇپ يىغىدىن باش كۆتۈرمەيتتى. ئىزدەي دېسە، نەدىن ئىزدىگۈلۈك، مەلۇم قىلاي دېسە، نېمە دەپ مەلۇم قىلغۇلۇق؟ بۇ ۋەھىمە ئىچىدە ئارامبەخش ھويلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قورققىنىدىن بۇتتەك قېتىپلا قېلىشتى.
كۆپچىلىك ئاشۇنداق تېڭىرقاپ تۇرغاندا، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلار تەرەپ - تەرەپتىن يېتىپ كېلىشتى. تەنچۈن ئاۋۋال باغنىڭ ئىشىكىنى ئەتكۈزۈپ خىزمەتكار مومايدىن بىرسىگە چۆرە قىزلاردىن ئىككىنى قوشۇپ، ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈشكە ئەۋەتتى. ئاندىن كۆپچىلىككە: «كىم تېپىپ كەلسە، قەۋەتلەپ ئىنئام بېرىلىدۇ» دەپ ئۇقتۇردى. ھەممەيلەن بىرىنچىدىن، گۇماندىن خالاس بولۇشقا ئالدىراشتى، ئىككىنچىدىن، چوڭ ئىنئام بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆلەر - تىرىلىشىگە باقماي ئۇدۇل كەلگەن يەرنى ئىزدەشتۈردى، ھەتتا ئىزدىمىگەن ھاجەتخانىمۇ قالمىدى. كۈنبويى شۇنداق ئىزدەشسىمۇ ئۇ قاشتاشنىڭ گويا يىتىپ كەتكەن كەشتە يىڭنىسىدەك زادىلا ئىز - دېرىكى چىقمىدى.
− بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمدى ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ مەيلى، بىر گەپ قىلماي بولمىدى، − دېدى لى ۋەن بىتاقەت بولۇپ.
− نېمە گەپ؟ − دېيىشتى كۆپچىلىك.
− بۇ ئىش مۇشۇ يەرگىچە بېرىپ يەتكەندىن كېيىن، − ئەمدى قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، − دېدى لى ۋەن، − ھازىر باغدا تۇرۇۋاتقانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە باۋيۈيدىن باشقىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئايال، شۇڭا ئاچىلار، سىڭىللار، خان قىزلار ئۆزلىرىمىز بىلەن بىللە كەلگەن دېدەكلەرنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئاختۇرۇپ كۆرەيلى، ئۇلاردىن چىقمىسا، دېدەكلەر چىقىپ خىزمەتكار مومايلارنى، قارا ئىش قىلىدىغان چۆرىلەرنى ئاختۇرسۇن. مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ، بولماسمۇ؟
− بۇمۇ بولىدىغان گەپ، − دېيىشتى كۆپچىلىك، − ھازىر ئادەملەر غولداپ كەتتى، ئاق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسىلا پاكىز ئەمەس، ئاشۇنداق قىلغاندا ئۇلارمۇ ئېرىغدىنىدۇ.
يالغۇز تەنچۈنلا بۇ ھەقتە زۇۋان سۈرمىدى. دېدەكلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئېرىغداشنى خالايتتى.
− ئاۋۋال مېنىڭدىن باشلاڭلار ! − دېدى پىڭئېر. شۇنىڭ بىلەن ئاختۇرۇش بىرىنچى بولۇپ پىڭئېردىن باشلاندى. قالغانلارمۇ ئىزمىلىرىنى يەشتى. لى ۋەن ئىزامۇ تارتماي بولۇشىغا ئاختۇرىۋەردى.
− يەڭگە، سىزمۇ ھېلىقى بولۇمسىز رەزگىلەردەك قىلغىلى تۇردىڭىز ! − دېدى تەنچۈن لى ۋەندىن رەنجىپ، − ئۇنى ئوغرىلىۋالغان ئادەم ئۆز يېنىدا ساقلامتى؟ ئۇ نەرسە بىزنىڭ بۇ يەردە گۆھەر بولغىنى بىلەن، بىلمىگەن ئادەم ئۈچۈن بىكېرەك بىرنېمە تۇرسا، ئۇنى ئوغرىلاپ تاشقىرىغا ئاچىقىپ نېمىمۇ قىلار؟ مېنىڭچە، بىركىم خۇپسەنلىك قىلىۋاتسا كېرەك.
جيا خۇەن بۇ سورۇندا بۈگۈن بولمىغىنى بىلەن تۈنۈگۈن بۇ ھۇجرىنى بېشىغا كىيىپ مالىمان قىلىپ يۈرگەنىدى. تەنچۈننىڭ بايىقى گېپى بىلەن كۆپچىلىك شۇنىڭدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئېغىزلىرىدىن چىقىرالمىدى.
− خۇپسەنلىك قىلىدىغان پەقەت جيا خۇەن، − دېدى تەنچۈن يەنە، − ئۇنى ئاستا چاقىرتىپ كېلىڭلار - دە، خالىي يەرگە ئاپىرىپ قاشتاشنى بېرىۋەتكىن دەپ ئالداڭلار، ئاندىن ئۇنى غوۋغا كۆتۈرمىگىن دەپ قورقۇتۇپ قويۇڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىسۇن.
كۆپچىلىك باشلىرىنى لىڭشىتىپ قويۇشتى.
− بۇ ئىشنى سەنلا قولغا ئالساڭ ئايىغى چىقىدۇ، − دېدى لى ۋەن پىڭئېرگە.
پىڭئېر خوش دەپ چىقىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىن جيا خۇەننى باشلاپ كەلدى. باشقىلار ئۆزلىرىنى ھېچ ئىش بولمىغانغا سېلىۋالدى، چاي دەملىنىپ ئۇنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا باشلىدى، ئاندىن باشقىلار ئۇنى - بۇنى دەپ گەپ يوپۇتۇپ ئۇنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشتى، ئۇ پىڭئېر بىلەن قالدى.
− ئوتتۇرانچى ئاكىڭىزنىڭ قاشتېشى يىتىپ كېتىپتۇ، سىزگە ئۇچرىمىدىمىكىن؟ − دەپ سورىدى پىڭئېر كۈلۈپ تۇرۇپ جيا خۇەندىن.
جيا خۇەن بۇ گەپكە جىلە بولۇپ، بوزىرىپ - تاتىرىپ كەتتى - دە، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:
− خەقنىڭ نەرسىسى يىتسە، نېمىدەپ مېنى چاقىرىپ سوراققا تارتىپ، مەندىن گۇمانلىنىپ يۈرەتتىڭ ! مەن داڭزىغا چۈشۈپ قالغان ئوغرىمىدىم يا؟ − دېدى.
پىڭئېر ئۇنىڭ بۇ تەلەتىنى كۆرۈپ، يەنە سوراشتىن ھەزەر ئەيلەپ:
− ئۇنداق گەپ ئەمەس، غوجام، ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئېلىۋالغان بولسا بىكاردىن - بىكار ئىزدەتمىسۇن، دەپ مۇنداقلا سوراپ باققىنىم، − دەپ ھىجايدى.
− ئۇنىڭ قاشتېشى ئۆزىنىڭ بوينىدا تۇرسا، كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورىماي نېمىدەپ مەندىن سورايتتىڭ؟ ھەممىڭ شۇنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈشىسەن ! بىرەر نەرسە تېپىۋېلىشساڭ مەندىن سورىماي، يىتتۈرۈۋېتىشسەڭ مەندىن سورىشىسەن ! − جيا خۇەن لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى. باشقىلار ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئوڭايسىزلاندى.
باۋيۈي تېرىككىلى تۇردى.
− ھەممىنى قىلغان ئاشۇ لەنىتى نەرسە ! − دېدى ئۇ، − بولدى ئۇنىڭدىن كەچتىم. سىلەرمۇ چۇقان كۆتۈرمەڭلار، ئەمدى جيا خۇەن چىقىپ ھەممە يەرگە يايىدىغان بولسا ئىش چوڭايمامدۇ؟
شىرېنلا ئىچى تىتىلداپ يىغلامسىراپ:
− ۋاي بۈزرۈكۋار غوجام ! قاشتاشنىڭ يىتىپ كېتىشى سىزگە ھېچقانچە ئىش بولمىغىنى بىلەن، يۇقىرىدىكىلەر بىلىپ قالسا بىز يانجىلىپ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىمىز ! − دەپلا ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى.
كۆپچىلىك تېخىمۇ ھودۇقۇپ قېلىشتى، بۇ ئىشنى يوشۇرۇپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، جيا ئانا ۋە باشقىلارغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن دەيدىغان گەپلىرى ئۈستىدە كېلىشىۋېلىشتى.
− مەسلىھەتلىشىپمۇ تۇرماڭلار، مېنى يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى دېسەڭلەرلا ئىش تۈگەيدۇ، − دېدى باۋيۈي.
− غوجام، خويمۇ ئاسان چاغلايدىكەنلا، − دېدى پىڭئېر، − تۆردىكىلەر نېمىشقا چېقىۋەتتى دەپ سورىمامدۇ؟ خىزمەتكار قىزلار يەنىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايدۇ ! مۇبادا چېقىۋەتكەن بولسا سۇنۇقى قېنى دېسە نېمە دېگۈلۈك؟
− ئەمىسە مېنى كوچىدا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ، دەڭلار، − دېدى باۋيۈي.
− بۇ گەپ بىلەنغۇ ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولغۇدەك، − دېدى كۆپچىلىك بىرئاز ئويلىنىپ، − شۇغىنىسى، ئىككى كۈندىن بېرى يا مەكتەپكە بارمىدىڭىز، يا باشقا بىر ياقلارغا چىقمىدىڭىز - دە.
− نەدە بارماپتىمەن؟ − دېدى باۋيۈي، − ئالدىنقى كۈنى لىنئەن بېگىمنىڭ قەسىرىگە ئويۇن كۆرگىلى باردىمغۇ؟ شۇ كۈنى يىتتۈرۈۋېتىپتۇ دېسەڭلارلا تۈگىمەمدۇ.
− بۇ گەپمۇ توغرا كەلمەيدۇ، − دېدى تەنچۈن، − ئالدىنقى كۈنى يىتكەن بولسا نېمىشقا شۇ كۈنى مەلۇم قىلمىدىڭلار، دېمەمدۇ؟
كۆپچىلىك يالغان ئېيتىش ئۈچۈن ئېگىز - پەس خىيال سۈرۈۋاتقاننىڭ ئۈستىگە، جاۋ كىچىك ئاپىنىڭ شەپىسى ئاڭلاندى. ئۇ دادلاپ يىغلىغان پېتى كىرىپ كەلدى - دە:
− يىتتۈرۈشنى ئۆزۈڭلار يىتتۈرۈپ، ئۆزۈڭلاردىن ئىزدىمەي نېمىدەپ خەقتىن يوشۇرۇنچە جيا خۇەننى سوراققا تارتىسىلەر ! مەن ئۇنى باشلاپ كەلدىم، سىلەر يالاقچىلارغىلا تاپشۇرۇپ بېرەي، ئۆلتۈرۈشەمسىلەر، خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، − دەپلا جيا خۇەننى ئالدىغا ئىتتەردى، − سەن ئوغرى بولغاندىكىن چاپسان ئىقرار قىل !
ئاچچىقىدا جيا خۇەنمۇ يىغلاپ ھۇجرىنى بېشىغا كىيدى.
لى ۋەن نەسىھەت قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، بىر چۆرە قىز كىرىپ: «ئاغىچا خېنىم كەلدى !» دەپ مەلۇم قىلىۋىدى، شېرىنلار ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. باۋيۈي ۋە باشقىلار دەررۇ ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئالدىغا چىقتى. جاۋ كىچىك ئاپىمۇ زۇۋان سۈرەلمەي، ئۇلار بىلەن بىللە چىقتى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم كۆپچىلىكنىڭ چىرايلىرىدىكى ئەنسىزلىكنى كۆرۈپ، بايا ئۆزى ئاڭلىغان گەپنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.
قاشتاش راستلا يىتىپ كەتتىمۇ؟ − دەپ سورىدى ئۇ.
كۆپچىلىك لام - جىم دېمىدى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ھۇجرىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ شىرېننى چاقىردى، شىرېن ئالاقزەدە بولۇپ دەرھال يۈكۈندى - دە، كۆزىگە ياش ئېلىپ بۇ ئىشنى مەلۇم قىلماقچى بولۇۋىدى، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم:
− تۇر ئورنۇڭدىن ! چاپسان ئادەم جورۇپ ئوبدانراق ئىزدىتىپ باق، پاتىپاراق بولغاندىن كېيىنلا بولمايدۇ، − دېدى. شىرېن ئېسەدەپ گەپ قىلالماي قالدى.
− خان ئانا − دېدى شىرېننىڭ پۇسۇققىدە راستىنى ئېيتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن باۋيۈي، − بۇ ئىش شىرېن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۈلۈشكۈن لىنئەن بېگىمنىڭ قەسىرىگە ئويۇن كۆرگىلى كېتىۋېتىپ يولدا چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن.
− نېمىشقا شۇ كۈنى ئىزدەشتۈرمىدىڭ؟ − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم.
− مەن بۇلارنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ ئېيتمىغان، بېيمىڭلارغا تالانى ئىزدەتكۈزدۈم، − دېدى باۋيۈي.
− ۋالاقشىما ! − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم، − ھەر كۈنى كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلىگىنىڭدە شىرېن خىزمىتىڭنى قىلمامتى؟ كوچا - كويلىغا چىقىپ قايتىپ كەلگىنىڭدە قول ياغلىق، ھەميانلىرىڭ كەملەپ قالسا شۇنى ئېدىتلاپ تۇرغان يەردە، قاشتاش يوقالسا ئۇنىڭ سورىقىنى قىلمامدۇ؟
باۋيۈي جاۋاب بېرىشكە گەپ تاپالمىدى. شۇ گەپ بىلەن جاۋ كىچىك ئاپا ئۆزىچە كۆرەڭلەپ، ئىتتىك گەپكە قوشۇق سالدى:
− تالادا يوقىتىپ قويۇشۇپمۇ خۇەنئېرگە دۆڭگىشىدىكەن...
− باغ دېسە، تاغ دەپ، نەدىكى يىك باسمايدىغان گەپنى قىلىدىكەنسىز ! − ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ۋارقىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
جاۋ كىچىك ئاپا ئۈندىيەلمەي قالدى. لى ۋەن بىلەن تەنچۈن ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا ئەينى ئەھۋالنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىممۇ ئىچى تىتىلداپ كۆزىگە ياش ئالدى. بۇ ئەھۋالنى دەرھال جيا ئانىغا مەلۇم قىلىپ، شىڭ ئاغىچا خېنىم تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ باقماقچى بولدى. كېسەل ياتقان فېڭجيېمۇ باۋيۈينىڭ قاشتېشىنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، بۇ ئىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى - دە، پىڭئېرگە تايىنىپ باغقا كىردى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم قوزغىلاي دەپ تۇراتتى، فېڭجيې كىرىپ قورۇنغان قىياپەتتە:
− خېنىم، ئوبدان تۇردىلىمۇ؟ − دەپ ئېسەنلىك سورىدى. باۋيۈيلەر ئالدىغا كېلىپ، فېڭجيېدىن ئېسەن - ئامانلىق سورىدى.
− سەنمۇ ئاڭلىدىڭمۇ؟ − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم، − بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟ بىخەستەلىك قىلىپ يېڭىلا يىتتۈرۈۋېتىپتىكەن، تېخىچە تېپىلماپتۇ. ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ يېنىدىكى دېدەكلەردىن تارتىپ، سىلەرنىڭ پىڭئېرگىچە، كىمنىڭ قولى ئەگرى، كىمنىڭ نىيىتى يامان، مۇشۇنى ئويلاپ باق. مەن ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا مەلۇم قىلىمەن، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرۈپ تاپقىنىمىز ياخشى. بولمىسا باۋيۈي جېنىدىن جۇدا بولىدۇ!
− بىزدە ئادەم غولداپ قول ئاۋۇپ كەتتى، − دېدى فېڭجيې، − قەدىمدىن تارتىپ «ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دېگەن گەپ بار. كىمنى مۇشۇ ياخشى دەپ ھۆددە قىلغىلى بولىدۇ؟ ئالدى - كەينىڭلارغا باقماي مۇشۇنداق چۇقان كۆتۈرگەچكە ھەممە ئادەم ئۇقۇپ بولدى. قاشتاشنى ئوغرىلىۋالغان ئادەمنى ئاغىچا خېنىم تەكشۈرۈپ بىلىۋالىدىغان بولسا، ئۇ ئۆزىگە چاشقان تۆشۈكى ساراي بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ قورقۇپ كېتىپ قاشتاشنى چېقىۋېتىپ ئىزىنى يوقىتىۋەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ شۇڭا مېنىڭ كالتە پەمىمچە: باۋيۈي ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىپ تاشلاپ قويۇپتىكەن، يوقاپ كېتىپتۇ، بۇنىڭغا ئانچە ۋاي دەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، بۇنى مەخپىي تۇتۇپ، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم بىلەن ئۇلۇغ بېگىمگە بىلىندۈرۈپ قويمىساقلا بولغىنى، دەپ قويۇپ، ئاندىن ئاستىرتىن ئادەم پەيلىسەك، ئۇلار ھەممە يەرنى ئارىلاپ چىقسۇن، ئالداپ - سىيلاپ يۈرۈپ يىپ ئۇچىنى تېپىۋالساق، قاشتاشمۇ قولغا كېلىدۇ، ئاندىن ئوغرىغا گۇناھ قويغىلىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاغىچا خېنىم نېمە دەيدىكىن؟
ۋاڭ ئاغىچا خېنىم بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ:
− بۇ گېپىڭمۇ ئورۇنلۇق گەپ بولدى. بىراق، ئۇلۇغ بېگىڭدىن قانداق يوشۇرۇپ كەتكىلى بولار؟ − دېدى. ئاندىن جيا خۇەننى چاقىردى، − ئوتتۇرانچى ئاكاڭنىڭ قاشتېشى يىتۈپ كېتىپ سەندىن بىر ئېغىز گەپ سوراپ قويغانغا نېمانچە ۋار - ۋۇر قىلىپ كېتىسەن؟ سەن ئاشۇنداق ۋارقىراپ يۈرۈپ بىلىندۈرۈپ قويساڭ، خەق ئۇنى نابۇت قىلىۋېتىدىغان بولسا سېنىڭ تىرىك قالغىنىڭنى كۆرەي !
− ئەمدى ئىككىنچى توۋلىمايمەن، − دېدى جيا خۇەن قورققىنىدىن يىغلاپ تۇرۇپ. جاۋ كىچىك ئاپا بۇ گەپلەرگە غىرىڭ - پىرىڭ قىلالامتى؟
− ئويلاپ باقساڭلار، ئىزدەپ باقمىغان يەرلەر چىقىپ قالىدۇ. ئۆيدە ساپساق تۇرغان نەرسە قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كېتەمتى؟ لېكىن، چۇقان كۆتۈرمەڭلار. شىرېن، ساڭا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، شۇنىڭغىچە تاپىسەن. ئۈچ كۈنگىچە تېپىلمىسا، ئۇ چاغدا بۇ ئىشنى يەنە مەخپىي تۇتقىلىمۇ بولمايدۇ، ھەممىڭلار پاراكەندە بولۇپ تەس كۈنگە قالىسىلەر !
ۋاڭ ئاغىچا خېنىم شۇنداق دەپ جېكىلەپ قويۇپ، ئاندىن ئىز ئىزدەپ ئوغرىنى تۇتۇش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلىش ئۈچۈن، فېڭجيېنى باشلاپ شىڭ ئاغىچا خېنىمنىڭكىگە چىقىپ كەتتى، بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن.
بۇ يەردە قالغان لى ۋەن قاتارلىقلار ئۇنى - بۇنى دەپ مۇلاھىزە قىلىشىپ، ئاخىر باغقا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرتىپ باغنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاتقۇزدى، لىن جىشياۋنىڭ ئايالىنى دەرھال چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:
− ئالدى - كەينى ئىشىكتىكىلەرگە: ئۈچ كۈنگىچە ئەر ياكى ئايال خىزمەتكار بولسۇن، باغنىڭ ئىچىدە يۈرسە - تۇرسا مەيلى، تالاغا چىقىمەن دېسە بىرمۇ ئادەمنى چىقارماڭلار ! دەپ جېكىلەپ، ئاندىن ئۇلارغا ئىچكىرىدە بىرنەرسە يوقىلىپتۇ، ئۇنىڭ دېرىكى چىققاندا باغدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ قويۇڭ، − دەپ پىچىرلاپ تاپىلىدى.
لىن جىشياۋنىڭ ئايالى «خوش» دەپ قۇللۇق بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن:
− قايسى كۈنى پېقىرلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئەرزىمەس بىر نەرسە يىتىپ كەتكەنىدى. لىن جىشياۋ ئۇنى بىر ئۇقۇپ باقاي دەپ رەستىگە بېرىپ بىر پالچىنى تېپىپتۇ. خەقلەر ئۇنى ليۇ تاپقاق دەپ ئاتىشىدىكەن، ئۇ پال ئېچىپتىكەن، پالغا شۇنداق ئېنىق چۈشۈپتۇ. قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئىزدىۋىدى، ئۇ نەرسىمۇ تېپىلدى.
− جېنىم ئانىكا ! − تېز بېرىپ لىن تاغامغا ئېيتقان بولسىلا، بىزگىمۇ رەم ئاچۇرۇپ باققان بولسا ! − دېدى بۇنى ئاڭلىغان شىرېن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ.
لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ماقۇل دەپ چىقىپ كەتتى.
− كوچىدا يۈرگەن پالچىلارنىڭ ھېچقايسىسى كارغا يارىمايدۇ، − دېدى شىڭ شيۇيەن، − جەنۇبتىكى ۋاقتىمدا مياۋيۈينىمۇ رەمماللىقتىن خەۋىرى بار، دەپ ئاڭلىغانىدىم، شۇنىڭدىن سوراپ باقساق بولماسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاشتاشنىڭ ھېكمىتى بار دەپ ئاڭلىغانىدىم، رەمدىن چىقىپ قالسىمۇ ئەجەب ئەمەس.
− ھەمىشە كۆرۈشۈپ يۈرۈپمۇ ئۇنىڭ رەمماللىقتىن خەۋىرى بارلىقىنى پەقەتلا ئاڭلىماپتىكەنمىز ! − دېدى كۆپچىلىك ھەيران بولۇپ.
− ئۇنىڭغا باشقىلار دېسە ئۇنىماس، − دېدى شېيۆ ئالمان - تالمان شىڭ شيۇيەنگە، − ئوبدان خېنىم، سىزگە باش قوياي، ئۆزىڭىز بېرىپ باقسىڭىز ! تېپىلىپ قالىدىغان بولسا، بىزگە قىلغان بۇ شەپقىتىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمىغان بولاتتۇق، − شېيۆ شۇنداق دەپلا ئۇنىڭغا باش قويماقچى بولۇۋىدى، شيۇيەن ئۇنى ئىتتىك تۇتۇۋالدى. دەييۈي قاتارلىقلارمۇ شيۇيەننى تېزدىن يېشىل پەنجىرىلىك ئىبادەتخانىغا بېرىشقا ئالدىراتتى.
− خېنىملارغا خۇش خەۋەر ! − دېدى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى كىرىپ، − لىن جىشياۋ پال ئاچۇرۇپتىكەن، پالچى قاشتاش يىتمەيدۇ، كېيىن بىركىم ئەكېلىپ بېرىدۇ، دەپتۇ.
كۆپچىلىك بۇ گەپكە بىر تۇرۇپ ئىشەندى، بىر تۇرۇپ ئىشەنمىدى. يالغۇز شىرېن بىلەن شېيۆ بۆلەكچىلا خۇشال بولۇپ كېتىشتى.
− پالدا قانداق خەت چىقىپتۇ؟ − دەپ سورىدى تەنچۈن.
− ئۇ جىقلا گەپ قىلىپ بېرىپتىكەن، پېقىر قۇللىرى ئانچە تۇتۇۋالالمىدىم، − دېدى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى، − يادىمدا قېلىشىچە، پالدا كىشىگە نەرسە ئىنئام قىلىش مەنىسىدىكى «赏» (شاڭ) دېگەن خەت چىقىپتۇ. ليۇ تاپقاق سوراپمۇ ئولتۇرماي «بىر نەرسە يىتتۈرگەنمىدىڭلار» دەپ سوراپتۇ.
− پالنى ياخشى باقىدىكەن ! − دېدى لى ۋەن.
− ئۇ يەنە مۇنداق دەپتۇ، − دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى، − «赏» دېگەن خەتنىڭ ئۈستىدە «小» (كىچىك)، ئۇنىڭ ئاستىدا «口» (ئېغىز) دېگەن خەتلەر بار. دېمەك، بۇ نەرسە ئېغىزغا سېلىۋالغىلى بولىدىغان مەرۋايىت ياكى گۆھەرگە ئوخشاش بىرنېمە بولسا كېرەك.
− راستلا ئەۋلىيا ئىكەن ! − دەپ ماختىشىپ كەتتى ئاڭلىغانلار تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپ، − ئاخىرىدا نېمە دەپتۇ؟
− ئۇ دەپتۇ، − دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى، − تۆۋەندىكى «贝» (گۆھەر) دېگەن خەتنىڭ پۇتىنى كېرىۋەتسەك، «见» (كۆرمەك) دېگەن خەت بولىدۇ. دېمەك، بۇ بىرنەرسىنىڭ يوقالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ باش قىسمىنى ئاجرىتىۋەتسەك «当» (گۆرۈ) دېگەن خەت ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، دەررۇ گۆرۈخانىغا بېرىپ ئىزدەڭلار، «赏» دېگەن خەتكە «人» (ئادەم) دېگەن خەتنى يانداشتۇرساق «偿» (قايتۇرۇپ بېرىش) دېگەن خەت بولىدىغۇ؟ گۆرۈخانىنى ئىزدەشتۈرسەڭلار ئادەم تېپىلىدۇ، ئادەم تېپىلغاندىن كېيىن، گۆھەر ھەققىنى بېرىپ ياندۇرۇپ ئەكېلىسىلەر، مانا بۇ قايتۇرۇپ بەرگەنلىك بولمامدۇ؟
− ئۇنداق بولسا، − دېيىشتى كۆپچىلىك، − ئاۋۋال يېقىن ئەتراپتىن ئىزدەشتۈرەيلى. ئىشقىلىپ، گۆرۈخانىلارنى ئالا قويماي ئىزدەپ چىقساق تېپىلىپمۇ قالار. قاشتاش تېپىلغاندىن كېيىن ئادەمنى تاپماق ئاسان بولىدۇ.
− قاشتاش تېپىلسىلا ئۇنى ئېلىۋالغان ئادەمنى سۈرۈشتۈرمىسەكمۇ بولىدۇ، − دېدى لى ۋەن، − لىن يەڭگە، پالچىنىڭ گەپلىرىنى ئاۋۋال ئوتتۇرانچى كېلىن ئاغىچىغا يەتكۈزۈپ، ئاغىچا خېنىمغا مەلۇم قىلىڭ، ئاغىچا خېنىمنىڭ كۆڭلى تىنىم تاپسۇن. ئاندىن ئوتتۇرانچى كېلىن ئاغىچا سۈرۈشتۈرۈشكە تېزدىن ئادەم ئەۋەتسۇن.
لىن جىشياۋنىڭ ئايالى «خوش» دەپ چىقىپ كەتتى.
كۆپچىلىك بىرئاز تەسكىن تېپىپ، شيۇيەننىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشتى. شۇ ئارىدا باۋيۈينىڭ مۇلازىمى بېيمىڭ ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ بىر چۆرە قىزغا «بۇيەرگە چىقىڭ» دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىۋىدى، چۆرە قىز دەررۇ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
− دەرھال كىرىپ، ئوتتۇرانچى غوجام بىلەن ئاغىچا خېنىم، كېلىن ئاغىچا، خان قىزلارغا ئالەمچە خۇشاللىق دەپ خەۋەر قىلىڭ، − دېدى بېيمىڭ.
− چاپسانراق دېگىنە ! چاپسانراق دېگىنە ! نېمانچە ئەزمىلىك قىلىسەن؟ − دېدى چۆرە قىز.
− سىزگە دەپ بەرسەم، − دېدى بېيمىڭ كۈلگىنىچە چاۋاك چېلىپ، − كىرىپ مەلۇم قىلسىڭىز، ئىككىمىز ئىنئام ئالىمىز ! سىزچە، نېمە ئىشتۇ، دەپ بېقىڭا؟ مەن باۋيۈي غوجامنىڭ قاشتېشى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئېلىپ كەلدىم.
قانداق خەۋەر ئىكەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder