غەربكە ساياھەت - بەشىنچى باب

 


بەشىنچى باب

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ شاپتۇل بەزمىسىنى قالايمىقان قىلىپ، ئىسكىر - ناياپ ئوغرىلىغانلىقى

پەلەك مالائىكىلىرىنىڭ ئەرشكە قارشى ئالۋاستىلارنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى

ئەلقىسسە، سۇن ۋۇكۇڭ بەرىبىر مايمۇن بولغاچقا، مەنسەپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، مائاشىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بىلەنمۇ ھېسابلاشمايتتى. ئەزەم قەسرىدىكى ئىككى مەھكىمىنىڭ ساھىبلىرى ئۇنى ئەتىگەندىن تاكى كەچكىچە كۈتتى. ئۇ كۈنىگە ئۈچ ۋاخ تاماقنى يەپ، كېچىسى ئۇخلاپ، بىكارچىلىقتا لاغايلاپ يۈردى. زېرىككەندە قوشنا قەسىرلەرگە بېرىپ دوست - بۇرادەر تۇتتى. بۈگۈن مەشرىقتە بولسا، ئەتە مەغرىبتە بولۇپ، بۇلۇت ئۈستىدە بابكانىڭ موكىسىدەك قاتراپ زادى تىنىم تاپمىدى.

بىر كۈنى يۇرۇن سۇلتاننىڭ قەسرىدىكى ئەتىگەنلىك تاۋاپتا توپ ئارىسىدىن شۈي جىڭياڭ دېگەن پارسا چىقىپ مۇنداق ئىلتىجا قىلدى:

− يېقىندىن بېرى پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم بىكارچىلىقتا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھەرقايسى يۇلتۇز مەنزىلى ساھىبلىرى بىلەن تونۇشۇپ، چوڭ - كىچىك ھەممىنى قارىقويۇقلا ئاغىنە تۇتۇپ يۈرۈپتۇ. شۇنداق كېتىۋەرسە بىرەر ئىش تېرىپ قويارمۇ، قانداق؟ شۇڭا ئۇنى بىرەر ئىشقا باش قىلىپ قويساق، ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولارمىكىن دەيمەن.

يۇرۇن سۇلتان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنى دەرھال چاقىرتتى، سۇن ۋۇكۇڭ خۇشال ھالدا يۈگۈرۈپ كىرىپ:

− جانابىي ئالىيلىرى، ماڭا قانداق ئىلتىپاتلىرى بار ئىكىن؟ − دېدى.

− مەن سېنىڭ بىكار قالغىنىڭنى كۆرۈپ بىرەر ئىش تاپشۇراي دەيمەن، − دېدى يۇرۇن سۇلتان، − سەن پىرونۇس شاپتۇللۇق بېغىغا ئىگە بولۇپ، ئەتىگەن - كەچلىرى كۆز - قۇلاق بولۇپ قويغىن !

سۇن ۋۇكۇڭ خۇشال بولۇپ، يەرگىچە ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ رەھمەت ئېيتقىنىچە چىقىپ كەتتى.

ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن يۈگۈرۈپ - پالاقشىپ شاپتۇللۇق باغقا يېتىپ كەلدى. باغنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا بۇ يەردىكى زېمىن مۇئەككىلى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ سورىدى:

− ئەۋلىيا ئەزەم، قاياققا ماڭدىلا؟

− مەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە شاپتۇللۇق باغنى باشقۇرىدىغان بولدۇم، شۇڭا بۈگۈن بىرقۇر كۆزدىن كەچۈرەي دەپ كېلىشىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.

زېمىن مۇئەككىلى ئۇنىڭغا دەرھال سالام بەجا كەلتۈرۈپ، باغدىكى ئوتاقچى، سۇچى، پەرۋىشچى ۋە تازىلىق قىلغۇچى چاپارمەن كۈچتۈڭگۈرلەرنى چاقىرىپ كەلدى. ئۇلار سۇن ۋۇكۇڭغا تەزىم بەرگەندىن كېيىن، باغقا باشلاپ كىردى. بۇ باغقا شۇنداق نەزمە دەلىل:

بۈككىدە چېچەككە پۈركەنگەن دەرەخ،

مېۋىسى شاخلارنى ئېگىدۇ يەرگە.

چېچەكلەر قىزارغان خۇددى شەپەقتەك،

مەي بولغان مېۋىلەر ئوخشايدۇ زەرگە.

دائىما چېچەكلەپ، پىشار مىڭ يىلدا،

زىمىستان يولىماس زىنھار بۇ يەرگە.

جىلۋىلىك رەڭ ئالغان بالدۇر پىشقىنى،

غورىسى ئوخشايدۇ يېشىل گۆھەرگە.

قاپسىلىپ تۇرار باغ ئاقۇچ تۇمانغا،

تاڭ نۇرى ئورايدۇ ئۇنى شەلپەرگە.

دەرەخنىڭ ئاستىدا ھەر خىل گۈل - گىياھ،

ئېچىلار تۆت پەسىل شامۇسەھەردە.

بۇ ئاددىي چېچەك دەپ قىلماڭ سىز گۇمان،

بۇزرۇكۋار خان ئانا تىككەن بۇ يەرگە.

سۇن ۋۇكۇڭ خېلى ئۇزاق ئايلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن زېمىن مۇئەككىلىدىن سورىدى:

− بۇ باغدا جەمئىي قانچە تۈپ دەرەخ بار؟

− ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز تۈپ دەرەخ بار، − دېدى زېمىن مۇئەككىلى جاۋاب بېرىپ، − ئالدىنقى قاتاردىكى بىر مىڭ ئىككى يۈز تۈپنىڭ چېچىكى شالاڭ، مېۋىسى كىچىك بولۇپ، ئۈچ مىڭ يىلدا بىر قېتىم پىشىدۇ. ئۇنى يېگەن كىشى ئۆزى ئەۋلىيا بولۇپ، تېنى ساغلاملىشىدۇ؛ ئوتتۇرىدىكى بىر مىڭ ئىككى يۈز تۈپنىڭ چېچىكى كۆپ، مېۋىسى شېرىن بولۇپ، ئالتە مىڭ يىلدا بىر قېتىم پىشىدۇ. ئۇنى يېگەنلەر خىسلەت بابىدا پەرۋاز قىلىپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئاخىرقى رەتتىكى بىر مىڭ ئىككى يۈز تۈپنىڭ سۆسۈن يوللۇق سارغۇچ ئۇرۇقچىسى بولۇپ، توققۇز مىڭ يىلدا بىر قېتىم پىشىدۇ. ئۇنى يېگەنلەر ئالەم بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرۈپ، ئەبەدىلئەبەد ياشىيالايدۇ.

سۇن ۋۇكۇڭ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا سىغماي كەتتى ۋە شۇ كۈنىلا دەرەخلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ، راۋاقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولۇپ ئاندىن قەسرىگە قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، دوست - ئاغىنە تۇتۇشنى ۋە سەيلە - ساياھەت قىلىشنىمۇ تاشلاپ، بۇ باغقا ئۈچ - تۆت كۈندە بىر كېلىپ ئويناپ كېتىدىغان بولدى.

بىر كۈنى ئۇ بىر تۈپ قېرى دەرەختىكى شاپتۇللارنىڭ ئوبدانلا پىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە راسا بىر تېتىپ باققۇسى كەلدى. لېكىن باغدىكى زېمىن مۇئەككىلى، كۈچتۈڭگۈرلەر ۋە پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم قەسرىدىكى سىپاھلار ئەگىشىپ كېلىۋاتقاچقا، ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. شۇئان ئۇ بىر ھىيلە ئويلاپ تاپتى - دە، ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ:

− سىلەر سىرتقا چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇڭلار، مەن راۋاقتا بىردەم ئارام ئېلىۋالاي، − دېدى.

ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، سۇن ۋۇكۇڭ تاج ۋە كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، دەرەخكە يامىشىپ چىقتى - دە، راسا پىشقان شاپتۇلدىن بىرمۇنچە ئۈزۈپ، شاختا ئولتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ يېيىشكە باشلىدى. قورسىقى تويغاندىن كېيىن دەرەختىن سەكرەپ چۈشۈپ، كىيىملىرىنى كىيدى - دە، ھېلىقىلارنى چاقىرىپ ئوردىغا بىرلىكتە قايتتى. ئىككى - ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە كېلىپ شاپتۇل ئوغرىلاپ، قانغۇدەك ھۇزۇر قىلىپ يەۋالدى.

بىر كۈنى خان ئانا قاشبۇلاقتىكى راۋاقلىرىدا «پىرونۇس شاپتۇل بەزمىسى» زىياپىتى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، قىزىل كىيىملىك ھۆر قىز، كۆك كىيىملىك ھۆر قىز، ئاق كىيىملىك ھۆر قىز، قار اكىيىملىك ھۆر قىز، سۆسۈن كىيىملىك ھۆر قىز، سېرىق كىيىملىك ھۆر قىز ۋە يېشىل كىيىملىك ھۆر قىزلارنى گۈللۈك سېۋەتلىرىنى ئېلىپ، پىرونۇس شاپتۇللۇق بېغىدىن شاپتۇل ئۈزۈپ كېلىشكە بۇيرۇدى. پەرىزاتلار باغ ئالدىغا كەلگەندە زېمىن مۇئەككىلى ۋە كۈچتۈڭگۈرلەرنىڭ پەلەك تەڭدىشى قەسرىنىڭ ئىككى مەھكىمىسىدىكى سىپاھلار بىلەن دەرۋازىنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

− بىز خان ئانىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن زىياپەتكە شاپتۇل ئۈزۈش ئۈچۈن كەلدۇق، − دېدى پەرىزاتلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ.

− ئالدىرىماڭلار ھۆر قىزلار، − دېدى زېمىن مۇئەككىلى، − ھازىر ئەھۋال بۇرۇنقىغا ئوخشاشمايدىغان بولۇپ قالدى، يۇرۇن سۇلتان پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەمنى بۇ يەرگە نازارەتچىلىككە ئەۋەتتى. ئەۋلىيا ئەزەمدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ باغنى ئېچىپ بېرەلمەيمىز.

− ئەۋلىيا ئەزەم ھازىر قەيەردە؟ − سورىدى پەرىزاتلار.

− ئەۋلىيا ئەزەم باغ ئىچىدىكى راۋاقتا ئۇخلاۋاتىدۇ.

− ئۇنداق بولسا ئۇنى تېزرەك تېپىپ كەلسىلە، كېچىكسەك زادى بولمايدۇ.

زېمىن مۇئەككىلى پەرىزاتلارنى باشلاپ باغقا كىردى. ئۇلار گۈللۈك راۋاققا كەلگەندە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تاجىسى بىلەن كىيىملىرىنى كۆردى. ئۆزى بولسا راۋاقتا كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار باغنى بىر ئايلىنىپ چىقىپمۇ سۇن ۋۇكۇڭنى ھېچ يەردىن تاپالمىدى. ئەسلىدە ئۇ بىردەم تاماشا قىلىپ، شاپتۇلدىن بىرنەچچىنى يېگەندىن كېيىن، ئىككى سۇڭچە ئۇزۇنلۇقتىكى ئادەمگە ئۆزگىرىپ، شاختىكى قويۇق يوپۇرماقلار ئارىسىدا ئۇخلاپ قالغانىدى. پەرىزاتلار سۇن ۋۇكۇڭنى تاپالمىغاندىن كېيىن غودۇڭشىپ:

− بىز خان ئانىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن كەلگەنىدۇق، ئەۋلىيا ئەزەممۇ يوق بولدى. قۇرۇق قايتساق قانداق بولغىنى؟ − دېيىشتى.

بۇ چاغدا بىر چەتتە تۇرغان سىپاھلار پەرىزاتلارغا قاراپ:

− ھۆر قىزلار، سىلەر خان ئانىنىڭ بۇيرۇقىنى ئەكەلگەن بولغاندىكىن غەم قىلماڭلار، ئەۋلىيا ئەزەم سەيلە قىلىپ كۆنۈپ قالغان. قارىغاندا، ئۇ باغدىن چىقىپ دوستلىرىنى ئىزدەپ كەتكەن ئوخشايدۇ. سىلەر شاپتۇلنى ئۈزۈپ كېتىۋېرىڭلار، جاۋابىنى بىز بېرىپ قويايلى، − دېدى.

شۇ گەپ بىلەن پەرىزاتلار شاپتۇل ئۈزۈشكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار ئالدىنقى رەتتىن ئىككى سېۋەت، ئوتتۇرىدىن ئۈچ سېۋەت ئۈزۈپ، كېيىنكى قاتارغا ئۆتكەندە، دەرەختىكى مېۋىلەرنىڭ شالاڭلاپ قالغانلىقىنى، پەقەت بىرنەچچە تال تۈكى چۈشمىگەن توڭ غورىنىڭلا ساڭگىلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. پىشقان شاپتۇللارنى بولسا سۇن ۋۇكۇڭ يەپ تۈگەتكەنىدى. پەرىزاتلار ئۇ ياق - بۇ ياقنى ئاختۇرۇپ، جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان بىر تال شاختا يېرىم قىزارغان بىر شاپتۇلنى كۆردى - دە، كۆك كىيىملىك پەرىزات كېلىپ شاخنى ئەگدى، قىزىل كىيىملىك پەرىزات شاپتۇلنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن شاخ قويۇۋېتىلدى. ئۆزگىرىۋالغان سۇن ۋۇكۇڭ مۇشۇ شاختا ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، بىردىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى - دە، ئەسلىي قىياپىتىگە قايتىپ، قۇلىقىدىن ئالتۇن توقىلىق گۈرزىسىنى چىقىرىپلا، بىر - ئىككى سىلكىپ پىيالىنىڭ ئاغزىدەك توم قىلدى ۋە:

− قاياقتىن كەلگەن شەيتان سىلەر ! نېمىدەپ شاپتۇلۇمنى ئوغرىلايسىلەر ! − دەپ ۋارقىرىدى.

قورقۇپ كەتكەن پەرىزاتلار دەرھال تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ:

− ئەۋلىيا ئەزەم، غەزەپلىرىنى بېسىۋالسىلا، بىز شەيتانمۇ ئەمەس، خان ئانا ئەۋەتكەن پەرىزاتلار بولىمىز. قاشبۇلاق راۋىقىدىكى شاپتۇل بەزمىسى ئۈچۈن شاپتۇل ئۈزۈشكە كەلگەنىدۇق. كېلىپلا باغدىكى زېمىن مۇئەككىلى ۋە ئەۋلىيالار بىلەن كۆرۈشتۇق، ئۆزلىرىنى تاپالمىغاچقا، خان ئانىنى ساقلىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، شاپتۇل ئۈزگەچ تۇرغانىدۇق. گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغايلا ! − دېيىشتى.

سۇن ۋۇكۇڭ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

− ھۆر قىزلار، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، خان ئانا زىياپەت قىلماقچى بولغان بولسا كىملەرنى چاقىرىپتۇ؟ − دېدى.

پەرىزاتلار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− بەزمىنىڭ كونا قائىدىسى بويىچە بەش جەھەت، بەش پېشقەدەملىرى بولغان غەربتىكى بۇددا پىر ئۇستازلىرى بۇدساتۋا، ئەۋلىيا سامغا، ئارخاتلارنى؛ جەنۇبتىن جەنۇبىي قۇتۇپ ئاۋالوكتسۋارانى، كۈنچىقىشتىكى ئىنايەتپەرۋەر قۇددۇس ئىگەمنى، ئون قىتئە، ئۈچ ئارال پىرىنى، شىمالدىن شىمالىي قۇتۇپ تىلسىم پىرىنى، مەركەزدىن بۇرج سېرىق مۈڭگۈزلۈك پىر كالاننى؛ ئۇندىن باشقا قابىس يۇلتۇز تۆرىنى، يۇقىرى سەككىز ئۆتكۈندىكى ئىلگىرىكى ئۈچ قۇتبۇل ئەقتاب، تۆت خان، ساقىپ ۋەلى قاتارلىقلارنى، ئوتتۇرا سەككىز ئۆتكۈندىن يۇرۇن سۇلتان، توققۇز قورغان مۇئەككىلى، تاغ - دېڭىز مالائىكىسى، تۆۋەن سەككىز ئۆتكۈن تەھتىسارا مۇئەككىلى قاتارلىقلارنى چاقىردى. ئۆزىمىزدىن ھەرقايسى ئوردا، قەسىرلەردىكى چوڭ - كىچىك ئىززەتلىك مالائىكىلەرمۇ زىياپەتتە ھازىر بولىدۇ.

سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ پەرىزاتلاردىن يەنە سورىدى:

− مېنىمۇ چاقىرغانمىدۇ؟

− بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىماپتۇق.

− مەن پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم تۇرسام، سورۇننىڭ مۆتىۋەرى قىلىپ چاقىرسا بولمايدىغان نەرى بار ئىكەن؟

− كونا يوسۇن شۇنداق ئىدى، بۈگۈن قانداق بولاركىنتاڭ؟

− بۇ دېگىنىڭلارمۇ راست، سىلەرنى ئەيىبكە بۇيرۇغىلى بولمايدۇ. سىلەر تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ پېقىرنى چاقىرىدىغان - چاقىرمايدىغانلىقىنى بىلىپ كېلەي.

سۇن ۋۇكۇڭ شۇ سۆزدىن كېيىنلا ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ، پەرىزاتلارغا قاراپ: «تۇر، تۇر، تۇر !» دەپ زىكىر قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئادەمنى قاتۇرۇپ قويۇش سېھرى بولۇپ، پەرىزاتلار شۇئان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ دەرەخ ئاستىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. سۇن ۋۇكۇڭ بولسا بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ، باغدىن چىقتى - دە، قاشبۇلاققا قاراپ يول ئالدى. ئۇ كېتىۋاتقاندا يەنە بىر تەرەپتىن كېلىۋاتقان يالاڭ ئاياغ پىركامىل بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. سۇن ۋۇكۇڭ ھىيلە ئىشلىتىپ، ئۇنى ئالداپ بەزمىگە قاتنىشىۋېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن سورىدى:

− قاياققا ماڭدىلا تەقسىر؟

− پىرونۇس شاپتۇل بەزمىسىگە، − جاۋاب بەردى يالاڭ ئاياغ پىركامىل.

− تەقسىر خەۋەرسىز ئوخشايلا، يۇرۇن سۇلتان پېقىرنى مۇئەللەق بۇلۇتتا تېز چاپىدۇ دەپ قاراپ، سىلەرنى چاقىرىشقا ئەۋەتكەنىدى. ئۇ سىلەرنى ئالدى بىلەن نۇرانە قەسىرگە بېرىپ تاۋاپ قىلىۋېتىپ ئاندىن زىياپەتكە بارسۇن دەيدۇ.

پىركامىل ئۇنىڭ سۆزىگە چىنپۈتۈپ، كەينىگە بۇرۇلدى - دە، نۇرانە قەسىر تەرەپكە كېتىپ قالدى.

سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇت ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، ئەپسۇن ئوقۇپلا ھېلىقى يالاڭ ئاياغ پىركامىلنىڭ سىياقىغا ئۆزگىرىپ، قاشبۇلاققا قاراپ چاپتى. ئۇزاق ئۆتمەي قاشبۇلاقتىكى راۋاققا كېلىپ بۇلۇتتىن چۈشتى ۋە يېنىك قەدەملەر بىلەن راۋاق ئىچىگە كىردى. شىرەلەرگە نازۇنېمەتلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، مېھمانلار تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. بۇ مول نازۇنېمەتلەرگە قاراپ سۇن ۋۇكۇڭ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ بۇرنىغا بىردىنلا خۇش پۇراق مەينىڭ ھىدى كېلىپ ئۇرۇلدى. ئۇ ئوڭ تەرەپتىكى ئۇزۇن ئايۋاندا بىرنەچچە زاھىت، مۇلازىمنىڭ سۇ توشۇپ، ئوت قالاپ، مەي قاينىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى - دە، يۈگۈرۈپ بارغانچە قانغۇدەك ئىچىۋالغۇسى كەلدى. بىراق، ئۇ يەردە ھېلىقىلار بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرنەچچە تال مويىنى يۇلۇۋېلىپ، ئاغزىغا سېلىپ چايناپ، پۈركۈپ چىقاردى - دە، ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ «ئۆزگەر !» دەپ ئىلتىجا قىلدى. شۇئان مۈگدەتكۈچى قۇرتتىن بىرنەچچىسى پەيدا بولۇپ، ھېلىقىلارنىڭ يۈزىگە بېرىپ چاپلىشىۋالدى. ئىشلەۋاتقانلار كۆزلىرىنى يۇمۇشۇپ بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ دەھلىزگە كىرىپ مەينى ئىدىش بىلەن كۆتۈرۈپ بولۇشىچە ئىچتى، بىرئازدىن كېيىن مەست بولۇپ دەلدەڭشىپ قالدى. «ھەي، چاتاق بولىدىغان بولدى، − دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە، − سەل تۇرۇپ مېھمانلار كەلسە مېنى ئەيىبلىمەمدۇ؟ تۇتۇۋالسا تېخىمۇ سەت بولىدۇ - دە ! ئۇنىڭدىن كۆرە قەسرىمگە بالدۇرراق قايتىپ ئۇخلىۋالاي.»

سۇن ۋۇكۇڭ مەستچىلىكتە ئېگىز - پەس دەسسەپ، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە سوقۇلۇپ - ئۇرۇلۇپ دېگۈدەك دەلدەڭشىپ مېڭىپ يولدىن ئېزىپ قالدى - دە، ئۆزىنىڭ پەلەك تەڭدىشى ئوردىسىغا ئەمەس، بەلكى تۇشتىپەلەك ئوردىسىغا كىرىپ قالدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ بىردىنلا ھوشىغا كەلدى ۋە ئۆز - ئۆزىگە: «تۇشتىپەلەك ئوردىسى ئوتتۇز ئۈچ قەۋەت ئاسماننىڭ يۇقىرىسىدىكى ئەرش قەھرى ئەۋلىيا پېشۋاسىنىڭ جايى تۇرسا قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغاندىمەن؟ خەير، بوپتۇلا، ئۇزاقتىن بېرى چالنى يوقلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، كېلىشكە پۇرسەت بولمىغانىدى. بۈگۈن مۇشۇ باھانىدە ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىپ كېتەي» دېدى - دە، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئوردىغا كىردى. ئوردىدا قېرى پېشۋا يوق بولۇپ، باشقا ئادەممۇ كۆرۈنمەيتتى.

بۇ چاغدا قېرى پېشۋا ئۈچ قەۋەتلىك ئېگىز راۋاقتىكى كەنۋەر مۇنبەر ئۈستىدە بۇددا كالامىدىن تەپسىر ئېيتىۋاتاتتى. ئەۋلىيالىقنى قوبۇل قىلغۇچى تالىپلار، خەلپەتلەر ۋە سىپاھلار قول قوشتۇرۇشقان ھالدا مۇنبەر ئالدىدا تىك تۇرۇپ دەرس ئاڭلاۋاتاتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇدۇل ئىسكىرخانىغا كىرىپ، ئەتراپنى ئاختۇرۇپ بىرنەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن ئىسكىر ئوچىقى يېنىغا كەلدى. ئوچاقتا ئوت كۆيۈۋاتاتتى. ئوچاق يېنىدا بەش قاپاق قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، قاپاققا تاۋلاپ تەييارلانغان ئىسكىر - ناياپ قاچىلانغانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ خۇشاللىقىدا:

− بۇ ئەۋلىيالارنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى، بۈگۈن تەقدىر ماڭا بۇ نەرسىنى يولۇقتۇرغاندا قېرىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ بىرنەچچە تال تېتىپ كۆرمەمدىمەن ! − دېدى - دە، قاپاقلاردىكى ئىسكىر - ناياپنى قويماي تۆكۈپ چىقىرىپ، خۇددى پۇرچاق يېگەندەك كارسىلدىتىپ يېيىشكە باشلىدى.

ئىسكىر - ناياپنى يەپ بولغاندا ئۇنىڭ مەستلىكىمۇ يېشىلدى.

«تازا چاتاق بولدى ! چوڭ بىر بالانى تېرىپ قويدۇم، يۇرۇن سۇلتان ئۇقۇپ قالسا، جېنىمنى ئامان قويمايدۇ. بۇ يەردىن دەرھال كېتىشىم كېرەك. يەرگە چۈشۈپ ئۆز پادىشاھلىقىمنى قىلاي» دەپ ئويلىدى - دە، يۈگۈرگەن پېتى تۇشتىپەلەك ئوردىسىدىن چىقىپ، كونا يولنى بويلاپ مېڭىپ، غەربىي ئەرش دەرۋازىسىدىن غايىب بولۇش سېھرىنى ئىشلىتىپ چىقىپ كەتتى. ئاندىن بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ، گۈلشەن تېغىغا قايتىپ كەلدى. قارىغۇدەك بولسا تۇغ - ئەلەملەرنى لەپىلدىتىپ، نەيزە - قىلىچلارنى چاقنىتىپ تۆت سەركەردە بىلەن يەتمىش ئىككى غاردىكى ئالۋاستى پادىشاھلىرى جانبازلىقنى مەشىق قىلىۋاتقۇدەك. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا قاراپ ۋارقىرىدى:

− بالىلىرىم، مەن قايتىپ كەلدىم !

كۆپچىلىك ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قوراللىرىنى تاشلاپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ:

− ئەۋلىيا ئەزەم، ئەجەبمۇ باغرى تاش ئىكەنسىز، بىزنى شۇنچە ۋاقىت تاشلىۋېتىپ، كېلىپ قويايمۇ دېمىدىڭىزغۇ؟ − دېيىشتى.

سۇن ۋۇكۇڭ بولسا: «ھېچقانچە ۋاقىت بولمىدىغۇ !» دېگىنىچە غار ئىچىگە قاراپ ماڭدى. تۆت سەركەردە غار ئىچىنى تازىلاپ سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:

− ئەۋلىيا ئەزەم، ئەرشتە بولغان يۈز نەچچە يىلدا قانداق مەنسەپ تۇتتىلا؟ − دەپ سورىدى.

سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:

− يۈز يىلنىڭ گېپىنى قىلىسىلەرغۇ؟ ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەمدىلا يېرىم يىل بولدىغۇ دەيمەن؟

− ئەرشتىكى بىر كۈن زېمىندىكى بىر يىلغا تەڭ ئەمەسمۇ؟ − دېيىشتى سەركەردىلەر ئەسكەرتىپ.

− بۇ نۆۋەت يۇرۇن سۇلتان بىلەن ياخشى چىقىشىپ قالدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − ئۇ راستتىنلا ماڭا «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلدى ۋە پەلەك تەڭدىشى قەسرى سالدۇرۇپ بەردى. كېيىن بىكار قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، پىرونۇس شاپتۇللۇق بېغىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يېقىندا خان ئانا «شاپتۇل بەزمىسى» ئۆتكۈزۈپ، ماڭا تەكلىپ بەرمىگەچكە، ئۇنىڭ چاقىرىشىنى كۈتمەيلا، مېھمانلار كېلىشتىن بۇرۇن قاشبۇلاققا بېرىپ، زىياپەتنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى ئوغرىلاپ يەپ، ئېسىل مەيلىرىنى ئىچىۋالدىم. ئۇ يەردىن چىقىپ مەستچىلىكتە دەلدەڭشىپ مېڭىپ ئەۋلىيا پېشۋاسىنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ قاپتىمەن. ئۇ يەردە يەنە بەش قاپاق ئىسكىر - ناياپنى ئوغرىلاپ يەۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ جازاغا تارتىشىدىن قورقۇپ، ئەرشتىن يېنىپ چۈشتۈم.

مايمۇن ۋە ئالۋاستىلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ دەرھال مېۋە - چېۋە، كوكۇس شارابى كەلتۈرۈپ، ھاردۇق چېيى تەييارلىدى ۋە تاش جامغا لىق مەي تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۇندى.

− تازا بەتتام ئىكەنغۇ بۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ بىر يۇتۇم ئوتلاپ كۆرۈپ.

ئىككى سەركەردە دەرھال:

− ئەۋلىيا ئەزەم سىلى ئەرش ئوردىسىدا ئەرش شارابى ۋە ئېسىل تائاملارنى يەپ - ئىچىپ كۆنۈپ قالغاچقا، بىزنىڭ كوكۇس شارابىمىز تېتىمايۋاتسا كېرەك. كونىلارنىڭ «لاي سۇ بولسىمۇ ئۆز يۇرتۇڭنىڭ ياخشى» دېگەن گېپى بار ئەمەسمۇ؟ − دېدى.

− «يات بولسىمۇ ئۆز يۇرتۇڭنىڭ كىشىلىرى ياخشى» دېگەن گەپمۇ بار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − بۈگۈن ئەتىگەن قاشبۇلاقتىكى ئۇزۇن ئايۋاندا ئىدىشلارغا قاچىلاپ قويۇلغان نۇرغۇن ئەنتەھۇر شارابنى كۆردۈم، سىلەر ئۇنىڭغا ئەزەلدىن ئېغىز تېگىپ باقمىغان. مەن يەنە بېرىپ بىرنەچچە ئىدىش ئوغرىلاپ كېلىپ، سىلەرگىمۇ بىرنەچچە قەدەھتىن ئىچكۈزۈپ قوياي. ئۇ ۋاقىتتا ھەممىڭلار مەڭگۈ قېرىمايدىغان بولىسىلەر.

بۇ سۆز بىلەن مايمۇنلار خۇشال بولۇپ، ئۆزلىرىنى باسالماي قېلىشتى. سۇن ۋۇكۇڭ غاردىن چىقىپ، بىرلا موللاق ئاتتى - دە، غايىب بولۇش سېھرىنى ئىشلىتىپ، شاپتۇل بەزمىسىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ قاشبۇلاق ئوردىسىغا كىرىپ قارىسا، ھېلىقى ئۇخلاپ قالغانلار تېخىچە ئويغانماي ياتقۇدەك. ئۇ يوغان ئىككى ئىدىشنى قولتۇقىغا قىسىپ، قولىدا ئىككىنى كۆتۈرۈپ غارغا قايتىپ كەلدى ۋە «ئەرش شارابى بەزمىسى» ئۆتكۈزدى. ھەممەيلەن شاد - خۇراملىق ئىچىدە بىرنەچچە قەدەھتىن ئىچىشتى، بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.

ئەلقىسسە، ھېلىقى پەرىزاتلار سۇن ۋۇكۇڭنىڭ سېھرى بىلەن قېتىپ قېلىپ بىر كېچە - كۈندۈز تۇرغاندىن كېيىن، ئاران دېگەندە ئەسلىگە كېلىپ، سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈشكەن پېتى خان ئانىنىڭ ئالدىغا كىردى ۋە:

− ئەۋلىيا ئەزەم بىزنى سېھرى بىلەن باغلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن كېچىكىپ قالدۇق، − دېدى.

− شاپتۇلدىن قانچىلىك ئۈزۈپ كەلدىڭلار؟ − دەپ سورىدى خان ئانا ئۇلاردىن.

− كىچىك شاپتۇلدىن ئىككى سېۋەت، ئارا شاپتۇلدىن ئۈچ سېۋەت ئۈزۈپ كەلدۇق. ئارقىدىكى چوڭ شاپتۇلدىن بىرىمۇ قالماپتۇ. قارىغاندا ئەۋلىيا ئەزەم ئوغرىلاپ يەپ بولغان ئوخشايدۇ. بىز ئۇنى ئىزدەپ كېتىۋاتقىنىمىزدا ئۇ تەرەپباللا ئالدىمىزغا چىقىپ، ئۆكتەملىك بىلەن ئۇرۇپ - مۇشتلاپ كەتتى ھەم زىياپەتكە كىملەرنىڭ چاقىرىلغانلىقىنى سورىدى. بىز ئەھۋالنى بىر قۇر بايان قىلغاندىن كېيىن، ھەممەيلەننى قاتۇرۇپ قويدى. قاياققا كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق. بۈگۈن ئاران دېگەندە ھوشىمىزغا كېلىپ ئوڭشالدۇق.

خان ئانا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال يۇرۇن سۇلتان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋاللارنى بىرقۇر بايان قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگە - تۈگىمەيلا ھېلىقى مەي ياسىغۇچىلار ئوردا سىپاھلىرى بىلەن كىرىپ كېلىپ:

− بىرى شاپتۇل بەزمىسىنى قالايمىقان قىلىپ، نازۇنېمەتلەرنى ئوغرىلاپ، شارابلارنى ئىچىپ كېتىپتۇ، − دەپ خەۋەر قىلدى.

ئارقىدىنلا تۆت چوڭ پەلەك مۇرەببىسى كىرىپ:

− ئەۋلىيا پېشۋاسى كەلدى ! − دەپ مەلۇم قىلدى.

يۇرۇن سۇلتان بىلەن خان ئانا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى. پېشۋا چال يۇرۇن سۇلتان بىلەن خان ئانىغا سالام بەرگەندىن كېيىن:

− كەمىنىلىرى جانابلىرىنىڭ «سىمىيا بەزمىسى» ئۈچۈن تاۋلاپ تەييار قىلغان ئىسكىر - ناياپلارنى ئوردىدىن ئوغرى ئەكېتىپتۇ. سىلىگە ئالاھىدە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن سالامغا كەلدىم، − دېدى.

يۇرۇن سۇلتان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈدى. بىرئازدىن كېيىن پەلەك تەڭدىشى ئوردىسىدىكى سىپاھلارمۇ كىرىپ كېلىپ باش ئەگكەن ھالدا:

− ئەۋلىيا ئەزەم ئۆز ئىشلىرىنى بېجىرمەي، تۈنۈگۈن چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى، قاياققا كەتكەنلىكىنى بىلمىدۇق، − دېدى.

يۇرۇن سۇلتان ئېغىر ئويغا چۆمدى، شۇ ئەسنادا يالاڭ ئاياغ پىركامىل كىرىپ:

− كەمىنىلىرى خان ئانىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈنۈگۈن زىياپەتكە كەلگەنىدىم. يولدا ئۇشتۇمتۇت ئەۋلىيا ئەزەم ئۇچراپ قېلىپ، جانابىي ئالىيلىرى سىلىنى ئالدى بىلەن نۇرانە قەسىرگە كېلىپ قائىدە - يوسۇن قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن زىياپەتكە بارسۇن دەپ خەۋەر قىلدى. شۇ سۆز بىلەن نۇرانە قەسىرگە بېرىپ قارىسام، ئالىيلىرىنىڭ مەپىسى كۆرۈنمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە ئالدىراپ يېتىپ كەلدىم، − دېدى.

يۇرۇن سۇلتان دەرغەزەپكە كېلىپ:

− بۇ خۇمپەرنىڭ يالغان سۆزلەپ، كىشىلەرنى ئالدىغىنىنى قارىمامدىغان ! دەرھال جېسەكچى سەرۋازلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىڭلار ! − دەپ پەرمان چۈشۈردى.

سەرۋازلار پەرماننى ئالغاندىن كېيىن قەسىردىن چىقىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ قايتىپ كەلدى ۋە:

− ئەرشنى قالايمىقان قىلغىنى دەل ئەۋلىيا ئەزەم ئىكەن، − دېدى ئاندىن بولغان ئەھۋاللارنى بىرمۇبىر بايان قىلدى.

يۇرۇن سۇلتاننىڭ قەھرى تېخىمۇ ئۆرلەپ تاشتى - دە، تۆت چوڭ پەلەك شاھىنى بۇيرۇپ، ۋايجىراۋانا ۋە ئۈچىنچى شاھزادە ناجا بىلەن بىرگە يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز مەنزىلى ساھىبلىرى، توققۇز ئەقرەب، ئون ئىككى بۇرج مۇئەككىلى، بەش جەھەت ساتيالىرى، تۆتاماق تۆھپە ئەمىرلىرى، مەشرىقۇمەغرىب چولپانلىرى، جەنۇب ۋە شىمال ئىككى يان مالائىكىسى، بەش تاغ مۇئەككىلى ۋە ئالەم ئىستىقامەتچىسى يۇلتۇزلىرىدىن بولۇپ جەمئىي يۈز مىڭ ئەرش لەشكىرىنى باشلاپ، ئون سەككىز ئالەمنىڭ تور - قاپقانلىرىنى ئېلىپ زېمىنغا چۈشۈشكە ۋە گۈلشەن تېغىنى قورشاپ، سۇن ۋۇكۇڭنى تۇتۇپ جازالاشقا پەرمان چۈشۈردى. ئەۋلىيالار شۇ زامان قوشۇن تارتىپ، ئەرش ئوردىسىدىن يولغا چىقتى.

گۈلشەن تېغىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋايجىراۋانانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەرش لەشكەرلىرى بارگاھ قۇرۇپ، تاغ ئەتراپىنى چەمبەرچاس قورشىدى ۋە ئون سەككىز جايدا يەرگە قاپقان قۇرۇپ، ئاسمانغا تور تارتتى - دە، توققۇز ئەقرەب بىر قىسىم لەشكەرلەرنى باشلاپ غار ئالدىغا كەلدى. غار ئالدىدا بىر توپ مايمۇن سەكرىشىپ ئويناپ يۈرەتتى. ئەقرەب بەگ ئۇلارغا قاراپ ۋارقىرىدى:

− ھەي جانىۋارلار ! ئەۋلىيا ئەزەم قېنى؟ بىز ئەرشتىن كەلگەن تەڭرىلەرمىز، ئىسيانكار ئەزەمنى تۇتۇش ئۈچۈن كەلدۇق. ئۇ دەرھال چىقىپ بىزگە تەسلىم بولسۇن. ئەگەر ياق دەيدىغانلار بولسا، ھەممىڭلارنى بوغۇزلاپ تاشلايمىز !

مايمۇنلار دەرھال غار ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ:

− ئەۋلىيا ئەزەم، يامان بولدى ! سىرتتا شۇم تەلەتلىك توققۇز ئەۋلىيا بىز ئەرشتىن كەلگەن تەڭرىلەرمىز، ئەۋلىيا ئەزەمنى تۇتۇشقا كەلدۇق دەۋاتىدۇ، − دەپ خەۋەر قىلدى.

سۇن ۋۇكۇڭ يەتمىش ئىككى غاردىكى ئالۋاستى پادىشاھلىرى ۋە تۆت سەركەردىسى بىلەن مەي ئىچىشىپ ئولتۇراتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ بەخىرامان ھالدا:

− مەيىم بولسا بۈگۈن مەن ئىچىپ يۈرەي مەستانە، تالادىكى جاڭجالغا بولمايمەن ھېچ ھەيرانە، − دېدى.

شۇ ئەسنادا يەنە بىر توپ مايمۇن يۈگۈرۈپ كىرىپ:

− ھېلىقى توققۇز غالجىر ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ، سىلى بىلەن ئېلىشىمىز دەۋاتىدۇ، − دېدى.

سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ قويۇپ:

− ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، «نەزمە ئوقۇپ شاراب ئىچسەڭ دىلنى ئەيلەر شادىمان، شۆھرەتنى دەپ ئېلىشقانلار روناق تاپقان قاي زامان؟» دېدى.

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ يەنە بىر توپ مايمۇن يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ:

− ھېلىقى توققۇز غالجىر دەرۋازىنى چېقىپ بېسىپ كىردى، − دەپ خەۋەر قىلدى.

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بىردىنلا غەزىپى ئۆرلەپ:

− ھوي ئۆكتەم خۇمپەرلەر ! گەپ قىلمىسام، ئىشىكىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ مېنى ئانىي تاپماقچى بولغىنىنى قارا ! − دېدى - دە، يەك مۈڭگۈزلۈك جەنناسنى يەتمىش ئىككى غاردىن كەلگەن ئالۋاستىلارنى باشلاپ جەڭگە ئاتلىنىشقا بۇيرۇپ، ئۆزى تۆت سەركەردىسى بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

جەنناس ئالۋاستى لەشكەرلىرىنى باشلاپ غار ئالدىغا چىقىشىغا، توققۇز ئەقرەبنىڭ لەشكەرلىرى بىراقلا باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى تۆمۈر كۆۋرۈك ئۈستىدىلا ئۇر - توقماق قىلىپ چىققۇزمىدى.

ئۇلار ئېلىشىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە سۇن ۋۇكۇڭ يېتىپ چىقتى - دە، «يول ئېچىڭلار !» دەپ ۋارقىراپ، گۈرزىسىنى چىقىرىپ، بىر - ئىككى سىلكىپ، بىلەكتەك توم، ئىككى گەزچە ئۇزۇن قىلىپ، مەلئۇنلارنى شىددەت بىلەن سۈرۈپ قوغلاپ چىقتى. ئەدىپىنى يېگەن توققۇز ئەقرەب ھۆل تاسمىدەك سولىشىپ، قوراللىرىنى تاشلاپ بەدەر تىكىۋەتتى ۋە بارگاھقا يۈگۈرۈپ كىرىپ ۋايجىراۋاناغا:

− بۇ مايمۇن پادىشاھى ھەقىقەتەن بوش نەرسەئەمەس ئىكەن. بىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ قايتىپ كەلدۇق، − دېدى.

ۋايجىراۋانا شۇئان تۆت چوڭ پەلەك شاھى بىلەن يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز مەنزىلى ساھىبلىرىنى لەشكەر باشلاپ جەڭگە ئۆتۈشكە بۇيرۇدى. سۇن ۋۇكۇڭ بۇلاردىنمۇ قورقۇپ قالمىدى. ئۇ يەك مۈڭگۈزلۈك جەنناس، يەتمىش ئىككى غاردىكى ئالۋاستى پادىشاھلىرى ۋە تۆت سەركەردىسىنى سەردار قىلىپ، غار ئالدىدا جەڭ سېپى تۈزدى. بۇ بىر مەيدان ئېلىشىش ئەتىگەندىن تاكى كۈن پاتقۇچە داۋاملاشتى. يەك مۈڭگۈزلۈك جەنناس بىلەن يەتمىش ئىككى غاردىكى ئالۋاستىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەرش ساھىبلىرى تۇتۇپ كەتتى. پەقەت تۆت سەركەردە بىلەن بىر توپ مايمۇنلا جېنىنى ئاران دېگەندە ئەپقېچىپ، غار ئىچىگە بېكىنىۋالدى. سۇن ۋۇكۇڭ گۈرزىسىنى كۆتۈرگەن پېتى ئېتىلىپ چىقىپ، تۆت پەلەك شاھى، ۋايجىراۋانا ۋە شاھزادە ناجالارنى ئاسمان بوشلۇقىدا تۇتۇۋېلىپ، بىرھازا ئېلىشتى. ئۇ كەچ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر تۇتام مويىنى يۇلۇۋالدى - دە، ئاغزىغا سېلىپ چايناپ پۈركۈپ چىقارغاندىن كېيىن، «ئۆزگەر !» دەپ ئىلتىجا قىلدى. شۇئان نەچچە مىڭ سۇن ۋۇكۇڭ بىراقلا پەيدا بولۇپ، ئالتۇن توقىلىق گۈرزىنى ئويناتقان پېتى، شاھزادە ناجا ۋە بەش نەپەر پەلەك شاھىنى مەغلۇپ قىلدى.

سۇن ۋۇكۇڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن مويلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، غارغا قايتىپ كىردى. كۆۋرۈك ئۈستىدە ساقلاپ تۇرغان تۆت سەركەردە مايمۇنلارنى باشلاپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھۆڭگىرىشىپ ئۈچ قېتىم يىغلىدى ۋە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلدى.

سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا قاراپ:

− مېنى كۆرۈپلا ھەم كۈلۈپ، ھەم يىغلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمە؟ − دەپ سورىدى.

تۆت سەركەردە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

− ئەتىگەن پەلەك شاھلىرى بىلەن ئېلىشقىنىمىزدا يەتمىش ئىككى غاردىكى ئالۋاستى پادىشاھلىرى بىلەن يەك مۈڭگۈزلۈك جەنناسنى تۇتۇپ كەتتى، بىز جېنىمىزنى ئاران ئەپقاچتۇق. شۇڭا يىغلايمىز. مانا ئەمدى ئەۋلىيا ئەزەم غەلىبە بىلەن قايتىپ، ھېچقانداق زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىماپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈلىمىز !

− ئۇرۇش دېگەندە يېڭىش - يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، − كونىلار «چىقىمسىز غەلىبە بولماس» دەپتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتۇپ كېتىلگەنلەر ساپلا يولۋاسۇ يىلپىز، بۆرە - جاندار، تۈلكىلەر ئىكەن. بىزنىڭ ئۇرۇقىمىزدىن بىرىمۇ زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىماپتۇ. بۇنىڭ قايغۇرىدىغان نېمىسى بار؟ گەرچە ئۇلارنى مەن سېھىرگەرلىك بىلەن چېكىندۈرگەن بولساممۇ، ئۇلار يەنە تاغ تۇرامىزغا كېلىپ بارگاھ تىكلەيدۇ. بىز مۇداپىئەنى پۇختا قىلايلى، قورساقنى ئوبدان تويغۇزۇپ، خاتىرجەم ئۇخلاپ، راۋۇرۇس ئارام ئالايلى. تاڭ يورۇغاندا مېنىڭ كارامىتىمنى كۆرۈڭلار. مەن ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى راسا بېرىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمەن !

شۇنىڭدىن كېيىن تۆت سەركەردە مايمۇنلار بىلەن بىرنەچچە كاسەدىن مەي ئىچىشىپ، خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.

تۆت چوڭ پەلەك شاھى جەڭنى تاماملاپ ھەرقايسىلىرى ئۆز تۆھپىلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يولۋاس - يىلپىزنى، بەزىلىرى پىلنى، بەزىلىرى بۆرە ۋە تۈلكىلەرنى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، مايمۇندىن بىرەرىنىمۇ تۇتالمىغانىدى. دېگەندەك، ئۇلار يەنە بارگاھ تىكلەپ، تۆھپىكار سەركەردىلەرنى تارتۇقلىدى ۋە تور، قاپقان قۇرغۇچى لەشكەرلەرنى كولدۇرما، كانايلىرىنى چېلىپ، گۈلشەن تېغىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا، ئەتىكى جەڭنى كۈتۈپ، ھوشيارلىق بىلەن كۈتۈپ يېتىشقا بۇيرۇدى. تاڭ يورۇغاندىن كېيىن قانداق جەڭ بولىدىغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك