دۈشمەننى «بىلىش» بىلەن «تونۇش» ئوتتۇرىسىدىكى پەرق

 «بىلىش» ئۇقۇمى ئادەتتە تىلىمىزدا بىر نەرسىنىڭ ئوبيېكتىپ ھالىتىنى بىلىشكە، ئاڭدا بولسا شەيئىنىڭ شەكلى ياكى قىياپىتى ۋە ياكى ئوبرازى ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇرىغا قارىتىلغان. تونۇشقا كەلسەك، بۇ سۆز خىتاب تىلىمىزدا بىلىشنىڭ چوڭقۇرلاشقان، ئەتراپلىق چۈشىنىپ يەتكەن، بىلىشنىڭ ماھىيەتلەشكەن ھالىتىدۇر. بىلىش كۆپىنچە ھالدا ئومۇم قىياپەتنى كۆرسەتسە، تونۇش كۆپىنچە ماھىيەتكە ئىشارەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزۈڭنى بىل، دېيىلىدۇ، ئۆزۈڭنى تونۇ دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى بىلىش ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى، چېگراسىنى بىلىشتۇر. ئۆزۈڭنى تونۇ، دېيىلمەسلىكى ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ.  شۇڭا بۇ يەردە بىل، دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. يەنى بۇ يەردىكى بىلىش سۆزىدە ئۇنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى بىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەددى - ھۇدۇدىنى، ئوبيېكتىپ مەنزىلىنى، ئاشسا بولمايدىغان چېگرا سىزىقىنى بىلىشى مەقسەت قىلىنغانلىقتىندۇر. دېمەك، نازۇك نۇقتىلاردا ماھىيەتلىك ۋە ئەتراپلىق بىلىش مەقسەت قىلىنغاندا «بىلمەك» سۆزى ئىشلىتىلمەستىن، تونۇماق سۆزى ئىشلىتىلىتىگەن. «ئۆزىنى تونۇغان كىشى رەببىنىمۇ تونۇيدۇ»، دېگەن ئىبارىدىمۇ بۇ نۇقتا دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، مەزكۇر ھېكمەتتىكى تونۇش ماھىيەتلىك بىلىش، يەنى ئىرپانىي پەللىدە تۇرۇپ ئىدراك قىلىش بولۇپ، ئىلمىي ياكى نەزەرىيەۋى بىلىش ئەمەس، بەلكى ئارىفلىق ماقامىدىكى بىلىش، نەزەرىيەۋى شەكىلدە ئىلمىي ياكى بىلىم نۇقتىسىدىنلا بىلىش ئەمەس، بەلكى ماھىيەتلىك تونۇپ يېتىشتۇر. بۇ ۋەجىدىن تىلىمىزدىكى تونۇش سۆزىنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئېرپانىي بىلىشكە ئۇدۇل كەلسە، بىلىش، بىلىم قاتارلىق سۆزلەرنىڭ قارشىلىقى قۇرئان تىلىدىكى ئىلىم مەرتىۋىسىدە بىلىشكە، يەنى «ئىلىم» ئۇقۇمىغا ئۇدۇل كېلىدۇ. كىلاسسىك تىلىمىز بويىچە ئىپادىلىگەندە، بىلىش «ئىلىم»غا، تونۇش «مەئرىفەت»كە تەقابۇلدۇر.

«دۈشمەننى تونۇش» دېگەن بۇ خىتابتىمۇ ئەينەن يۇقىرىقى مەنە جەھەتتىكى نازۇكلۇققا ئېتىبار بېرىلگەن. شۇ سەۋەبتىن دۈشمەننى تونۇش، دېگەندە نوقۇل دۈشمەننىڭ كىملىكىنى بىلىش، ياكى مەلۇم ئوبيېكتنى دۈشمەن دەپ بېكىتىش، مەقسەت قىلىنغان بولمايدۇ. ئەكسىچە، دۈشمەننى ئوبيېكتىپ ھالدا ئېنىق بەلگىلەپلا قالماي، مەزكۇر ئوبيېكتنى ماھىيەتلىك چۈشىنىش، ئۇنىڭ ئىچكى يۈزىنى ۋە غەرەز - مۇددىئاسىنى چۈشىنىپ يېتىش، ئۇنىڭ رەزىل تەبىئىتىنى ھەر تەرەپلىمە ۋە ئىچ - ئىچىدىن تونۇپ يەتكەن ئاساستا ئۇنىڭغا قارشى تەۋرەنمەس قارارغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭ شەررىدىن ھەر زامان ئويغاق ۋە سەگەك بولۇش ئىشارەت قىلىنغان. بۇ نۇقتىدىن دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىق قىلىش، ئۆز نۆۋىتىدە بىلىش دەرىجىسىدىن ئاشقان چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە، ماھىيەتلىك چۈشىنىپ يېتىشكە، بۇ ھەقتە تەۋرەنمەس قارارغا ئىگە بولۇشقا چاقىرىقتۇر. دۈشمەننى بىلىش كىشى ئېڭىغا قارشى تەرەپنىڭ ئۆز كۈشەندىسى ئىكەنلىكىنى تەيىن قىلىشنى ئۇرغۇلىسا، «دۈشمەننى تونۇش» مەزكۇر تەيىن قىلىنغان ئوبيېكتىنى بىلىشتىن ھالقىپ دىققەتنى ئۇنىڭدىن بۇرايدىغان بارلىق مەشغۇلىيەتلەرگە خاتىمە بېرىشنى، دۈشمەن، دەپ بىلىنىۋاتقان بىر قاتار ئوبيېكتىپلار ئىچىدە ھەقىقىسىنى ۋە ھەرقاچان سەل قاراشقا بولمايدىغاننى نىشان قىلىپ بېكىتىشنى، ھېچقاچان غەپلەتتە قالماسلىقنى ئۇرغۇلايدۇ. دۈشمەننى تونۇشقا چاقىرىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇنىڭ ياسالما قىياپىتىگە ئالدانماسلىققا، ئۇنى ھېچبىر زامان دوست قاتارى كۆرمەسلىككە، ساڭا چېقىلمايۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇنى زىيانسىز ۋە زەرەرسىز دەپ چۈشىنىپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىشتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ساڭا تۇتقان مەيدانى دۈشمەنلەرچە بولۇشتىن سىرت، ئىچ دۇنياسى پۈتۈنلەي ساڭا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۇيىقەستلەر بىلەن تولغان. ئۇنىڭ ساڭا مەزگىللىك چېقىلمايۋاتقانلىقى ياكى سېنى ئارامىڭدا قويۇپ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ سېنى ئۆز ئىرقىڭ ئىچىدە پەرقلىق دەپ بىلگەنلىكىدىن ياكى سېنى دوستى قاتارى كۆرگەنلىكىدىن ياكى ئۇنىڭ ساڭا ھېچقاچان دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقىدىن ۋە ياكى ساڭا قارىتىپ دۈشمەنلىك قىلىش نۆۋىتىنىڭ ئەسلا كەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. 

دەرھەقىقەت، ئى ئۇيغۇر، دۈشمىنىڭنى تونۇ! دۈشمىنىڭنى تونۇغىنكى، ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە سېنىڭ ئەجدادلىرىڭغا، قەھرىمانلىرىڭغا، ئالىملىرىڭغا، مۇتەپەككۇرلىرىڭغا، ھېچبىر گۇناھسىز ۋە مەسۇم ئەۋلادلىرىڭغا، تۇپراقلىرىڭغا، مەدەنىي مىراسلىرىڭغا نېمىلەرنى قىلغانلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىقى كۆزۈڭدىن قاچمىسۇن، ئېسىڭدىن چىقمىسۇن. ئۇنى تونىغىنكى، ھەر بىر قەدىمىڭدە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرىڭ ئاقىلانە بولسۇن. ئۇزۇنغا سوزۇلسىمۇ، تەييارلىقىڭ ھېچ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ئەگەر سەن بىر كۈنلىرى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، ئۇنىڭ چاڭگىلىغا تەييارلىقسىز تۇتۇلغۇدەك بولساڭ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئورنىغا كەلتۈرۈۋالغۇسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇدەك بولساڭ، بىلگىنكى، بۇ دۈشمىنىڭنىڭ كىملىكىنى بىلگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمىنىڭنى تونىمىغانلىقىڭنىڭ ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ بولالمىغانلىقىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

- بۇرھان مۇھەممەد

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك