غەربكە ساياھەت - يەتمىش توققۇزىنچى باب
يەتمىش توققۇزىنچى باب
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆمۈر يۇلتۇزىغا يولۇققانلىقى
پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا بوۋاق كۆرگەنلىكى
ئەلقىسسە، كىمخاب تونلۇق بەگ «يالغان تاڭ سېڭ» نى دەڭدىن سۆرەپ چىقتى، ياساۋۇللارنىڭ قاتمۇ قات قورشاۋىدا ئۇنى ئوردا ئالدىغا ئەكېلىپ ئىشىك ئاغىسىغا:
− بىز تاڭ سېڭنى چاقىرىپ كەلدۇق، كىرىپ خەۋەر بېرىڭ، − دېدى. ئىشك ئاغىسى يۈگۈرۈپ كىرىپ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ، كىرىشكە ئىجازەت ئالدى، بەگلەر كىرىپلا تەخت ئالدىدا تىز چۆكتى، «يالغان تاڭ سېڭ»لا تىك تۇرۇپ ئۈنلۈك قىلىپ:
− بىچيۇ پادىشاھى، پېقىرنى چاقىرتىپتىلا، نېمە گەپلىرى بار ئىكىن؟ − دېدى.
− كەمىنىڭىز بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىۋىدىم، ئۇزاق بولدى، شىپا تاپالمىدىم. بەختىمگە ئاتىمىز بىر رىسالىگە ئىگە بولغانىكەن، شۇ ئاساستا دورىلارنى تەخ قىلدۇق. بىرلا نەرسە كەم بولۇپ قالدى، شۇنى سوراش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئالايىتەن تەكلىپ قىلىۋىدىم. ناۋادا كېسىلىم شىپا تاپسا، سىزنىڭ نامىڭىزدا ئىبادەتخانا ياسىتىپ، يىلنىڭ تۆت پەسلىدە نەزىر - چىراغ قىلدۇرىمەن، مەڭگۈ شاھانە كۈجە كۆيدۈرىمەن، − دېدى پادىشاھ كۈلۈپ.
− مەن سەپەر ئۈستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭدە ئىسسىق جانلا بار. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئاتىلىرىدىن نېمە كېرەكلىكىنى سورىدىلىمىكىن.
− دەرۋىش، سىزدىن يۈرەك ۋە جىگىرىڭىزنى سورىماقچىمەن، − دېدى ئەخمەق پادىشاھ.
− پادىشاھ ئالىيلىرى، سىزدىن يوشۇرمايمەن، يۈرەكتىن مەندە بىرنەچچىسى بار، قايسى رەڭدىكى يۈرەك لازىمكىن سىلىگە؟ − دېدى «يالغان تاڭ سېڭ».
− راھىب، بىزگە قارا يۈرىكىڭىز كېرەك، − دېدى دۆلەت ئاتىسى بىر چەتتە تۇرۇپ.
− ئۇنداق بولسا، دەرھال قىلىچ ئېلىپ كېلىڭلار، مەيدەمنى يېرىپ بېرەي. ناۋادا قارا يۈرەكلا بولىدىكەن، سىزگە قوش قوللاپ تۇتاي، − دېدى «يالغان تاڭ سېڭ».
ئەخمەق پادىشاھنىڭ خۇشلۇقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى، كۆپ تەشەككۇر ئېيتقاندىن كېيىن قىسقا ساپلىق خەنجەر ئەكەلدۈرۈپ سۇن ۋۇكۇڭغا بەردى. ئۇ دەرھال كىيمىنى يېشىپ مەيدىسىنى ئاچتى، سول قولىدا قورسىقىنى سىلاپ، ئوڭ قولىدا خەنجەرنى تۇتتى، «پاراس - پۇرۇس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قارنىنى ياردى، قارنىدىن بىر مۇنچە يۈرەك چۈشتى. قورققىنىدىن قەلەمدار بەگلەرنىڭ ئۆڭى ئۆچتى، ئەلەمدار بەگلەرنىڭ بەدىنى ئۇيۇشۇپ قالدى. دۆلەت ئاتىسى بولسا:
− بۇ يۈرىكى جىق شەيخ ئىكەن ! − دېدى.
«يالغان تاڭ سېڭ» قان تېمىپ تۇرغان يۈرىكىنى بىر - بىرلەپ ئېلىپ كۆپچىلىككە كۆرسەتتى. بۇلار قىزىل يۈرەك، ئاق يۈرەك، سېرىق يۈرەك، ئاچ كۆز يۈرەك، شۆھرەتپەرەس يۈرەك، ھەسەتخور يۈرەك، غۇم ساقلايدىغان يۈرەك، ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان يۈرەك، تەكەببۇر يۈرەك، ئېھتىياتچان يۈرەك، ئېزىتقۇ يۈرەك، نامسىز يۈرەك، يوشۇرۇن يۈرەك، تۈرلۈك يامان نىيەتلىك يۈرەك بولۇپ، بىرلا قارا يۈرەك يوق ئىدى. ئەخمەق پادىشاھ قورقۇپ ياغاچتەك قېتىپلا قالدى، ئاغزى گەپكە كەلمىدى، كېيىن تىتىرەپ تۇرۇپ:
− يىغىۋېلىڭ ! يىغىۋېلىڭ ! − دېدى.
«يالغان تاڭ سېڭ» يۈرەكلەرنى يىغىۋېلىپ ئۆز قىياپىتىگە قايتىپ، ئەخمەق پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، كۆزى ئوچۇق كور ئىكەنسىز ! مەن ياخشى نىيەتلىك ئاق كۆڭۈل راھىب، ئاتىڭىزلا قارا يۈرەك، شۇنىڭ يۈرىكىنى ئالسىڭىز بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز مەن ئېلىپ كۆرسىتەي.
بۇنى ئاڭلىغان دۆلەت ئاتىسى كۆزىنى يوغان ئېچىپ زەن سېلىپ قارىدى، راھىب بايىقىدىن باشقىچە قىياپەتتە تۇراتتى. ۋاي ! ئۇ ئۆز ۋاقتىدىكى ئەۋلىيانى، يۈز يىلنىڭ ئالدىدىلا مەشھۇر بولغان سۇن ۋۇكۇڭنى تونۇدى - دە، غاچچىدە ئاسمانغا چىقىۋالدى. سۇن ۋۇكۇڭ بىر موللاق ئېتىپلا چىقىپ ئۇنى توسۇدى:
− قەيەرگە قاچىسەن ! ئاكاڭنىڭ كالتىكىنى تېتىپ باق.
يالماۋۇز ئەجدىھا ھاسىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئېتىلدى. ئىككىيلەن ھاۋادا قاتتىق ئېلىشتى. يىگىرمە قېتىمچە تۇتۇشقاندىن كېيىن ئەجدىھا ھاسا ئالتۇن توقىغا تەڭ كېلەلمىدى. يالماۋۇز ئۇنى مۇنداقلا ئوينىتىپ قويۇپ سوغۇق نۇرغا ئايلاندى - دە، پەسكە چۈشۈپ ھەرەمگە كىردى، ھەرەمدىن پادىشاھقا تۇتقان پەرىزاتنى ئاچىقىپ غايىب بولدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇتتىن چۈشۈپ ئوردىغا كىردى.
− ئاتاڭلارنى كۆردۈڭلارمۇ، ئوبدانمىكەن ! − دېدى ئۇ بەگلەرگە. بەگلەر تەڭلا تەزىم قىلىپ ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتتى.
− تەزىمىڭلارنى قويۇپ، ئەخمەق شاھىڭلارنى تېپىڭلار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− جەڭ بولۇۋاتقاندا شاھىمىز قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. قايسى ھەرەمگە كىرىپ كەتكىنىنى بىلمىدۇق، − دېدى بەگلەر.
− تېز ئىزدەپ تېپىڭلار، گۈزەل خانىش ئۇنى ئەكەتكەن بولمىسۇن يەنە ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. بەگلەر بىلەن سۇن ۋۇكۇڭ شۇئان گۈزەل خانىش تۇرىدىغان ھەرەمگە كىرىپ قارىسا، پادىشاھمۇ، گۈزەل خانىشمۇ يوق بولۇپ چىقتى. چوڭ خانىش، ئوتتۇرانچى خانىش، كەنجى خانىش بىلەن ئالتە كىچىك خانىش ۋە كېنىزەكلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ سۇن ۋۇكۇڭغا باش قويۇپ تەشەككۇر ئېيتتى.
− ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تەشەككۇر ئېيتىدىغان چاغ تېخى كەلمىدى، تېزدىن غوجاڭلارنى تېپىڭلار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
بىرئازدىن كېيىن تۆت - بەش ھەرەمئاغىسى ئەخمەق پادىشاھنى يۆلەپ ئوردىنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەلدى. ۋەزىر - ۋۇزرالار يەرگە ئۆزىنى تاشلاپ تەڭلا مۇنداق دېدى:
− پادىشاھىم ! پادىشاھىم ! بۇ راھىبقا تەشەككۇر ئېيتسىلا، ئۇ راست - يالغاننى ئايرىپ بەردى، دۆلەت ئاتىسى يالماۋۇز ئىكەن. ھازىر گۈزەل خانىشمۇ غايىب بولدى.
بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ سۇن ۋۇكۇڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
− دەرۋىش، ئەتىگەنكى تۇرقىڭىز ئاجايىپ كېلىشكەنىدى، ھازىر ئەجەب باشقىچە قىياپەتكە كىرىپ قاپسىزغۇ؟
− پادىشاھ ئالىيلىرىدىن يوشۇرمايمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ، − ئەتىگەن كەلگىنى مېنىڭ ئۇستازىم، تاڭ پادىشاھىنىڭ ئىنىسى تاڭ سەنزاڭ ئىدى. مەن ئۇنىڭ شاگىرتى سۇن ۋۇكۇڭ بولىمەن. يەنە جۇ ۋۇنېڭ، شا ۋۇجىڭ دەيدىغان ئىككى ئىنىم بار ئىدى، سارايدا قالدى. سىز يالماۋۇزنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئۇستازىمنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ دورىغا قوشۇپ ئىچمەكچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، مەن يالماۋۇزنى تۇتاي دەپ، ئۇستازنىڭ قىياپىتىگە كىرىپ كەلگەنىدىم.
پادىشاھ شۇئان ھەرەمئاغىسىنى سارايغا بېرىپ باشقىلارنى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
تاڭ سەنزاڭ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆز قىياپىتىگە قايتىپ ئاسماندا ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قورقۇپ جان - پېنى چىقىپلا كەتتى، بەختىگە جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ ئۇنىڭ يېنىدا بولدى. ئۇ يۈزىگە لاي سۈركەكلىك بولغىنى ئۈچۈنمۇ بەك ئىچى سىقىلىپ تۇراتتى، تاشقىرىدىن توۋلىغان ئاۋاز كەلدى:
− تەرىقەتچى ئۇستاز، بىچيۇ دۆلىتى پادىشاھى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ.
− ئۇستاز، قورقمىسىلا ! سىلىنىڭ يۈرەكلىرىنى ئالغىلى ئەمەس، ئاغىمىز ئالۋاستىنى يەڭگىنى ئۈچۈن سىلىگە تەشەككۇر ئېيتقىلى چاقىرتىپتۇ، − دېدى جۇ باجيې.
− ئۇ غەلىبە قىلغانمۇ بولسۇن، ئەمما مەن مۇشۇ ئەپتىم بىلەن خەقلەرگە قانداق كۆرۈنىمەن؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− نېمە ئامال بار ئەمدى، ئاۋۋال بېرىپ ئاغام بىلەن كۆرۈشەيلى، ئۇ ئۆزى بىرنېمە قىلىدۇ، − دېدى جۇ باجيې.
تاڭ سەنزاڭ نائىلاج جۇ باجيې، شاسېڭلارغا يۈك - تاقلارنى كۆتۈرتۈپ، ئاتنى يېتىلىتىپ سارايدىن چىقتى. ھەرەمئاغىسى ئۇنى كۆرۈپ قورقۇپ ئەرۋاھى ئۇچتى:
− ۋاي ئاتىمەي ! بۇ پۈتۈنلەي ئالۋاستىلارنىڭ ئەپت - بەشىرىسىغۇ !
− بېگىم، بىزنى سەتكەن دەپ قورقماڭ. بىزنىڭ ئۆز سىياقىمىز بار، ئۇستازىمىز ئەگەر ئاغىمىز بىلەن كۆرۈشسە چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ.
ئۈچەيلەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئوردىغا كەلدى، كەلگىنىنى خەۋەر قىلىپمۇ يۈرمەي ئۇدۇل ئوردىغا كىردى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارنى كۆرۈپ ئالمان - تالمان ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى - دە، ئۇستازنىڭ يۈزىنى بىر سىلىۋېتىپ پۈۋلەپ «ئۆزگەر !» دېگەنىدى، تاڭ سېڭ ئۆز قىياپىتىگە قايتىپ، تېتىك، خۇشخۇي بولدى. پادىشاھ تەختتىن چۈشۈپ ئۇنى كۈتۈۋالدى ۋە ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي: «تەرىقەتچى پېشۋا !» دېدى. ئۇستاز ۋە شاگىرتلار ئاتلارنى باغلاپ قويۇپ ھەممەيلەن بىلەن كۆرۈشتى. سۇن ۋۇكۇڭ:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، ھېلىقى يالماۋۇزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەمدىلا، مەن بېرىپ ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، سىلەرنى كېيىنكى بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇراي، − دېدى.
ئۈچ ھەرەمدىكى چوڭ خانىشلار، ئالتە قەسىردىكى كىچىك خانىشلار، كېنىزەكلەر دەرپەردىنىڭ كەينىدە گەپكە قۇلاق سېلىپ تۇراتتى. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ «كېيىنكى بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇراي» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپلا، شەرم - ھايا، ئىزا - نومۇسىنى قويۇپ يۈگۈرۈپ چىقىپ تەزىم بىلەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلدى:
− كارامەتلىك ئەۋلىيا، كارامەتلىرى بىلەن ئۇنى يوقىتىپ، ئۇرۇق - ۋۇجۇدىنى قۇرۇتۇپ، بىزگە شاپائەت قىلغايلا. سىلىدىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا رازى بولۇپ، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرساق.
سۇن ۋۇكۇڭ دەررۇ ئۇلارغا جاۋابەن سالام بېرىپ، پادىشاھتىن يالماۋۇزنىڭ تۇرىدىغان جايىنى سورىدى. پادىشاھ ئىنتايىن ئۇيالغان ھالدا مۇنداق دېدى:
− ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىلا سورىغانىدىم. ئۇ، يىراق ئەمەس، جەنۇبقا قاراپ يەتمىش چاقىرىم يۈرگەندە سۆگەتلىك بىر تۆپىلىك بار، شۇ تۆپىلىكتىكى چىڭخۇا كەنتىدىن بولىمەن، دېگەنىدى.
− ئوبدان گەپ ئىكەن، مەن بېرىپ يالماۋۇزنى تۇتۇپ كېلەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋە توۋلىدى، − جۇ باجيې، يۈر مېنىڭ بىلەن !
− ئاغامنىڭ گېپى ماڭا بۇيرۇق. شۇغىنىسى، قۇرۇق قورساق تۇتۇشسام تازا كۈچىيەلمەسمەنمىكىن، − دېدى جۇ باجيې.
− دەررۇ پەرھىز تائام تەييار قىلىڭلار ! − دەپ بۇيرۇدى پادىشاھ.
ئۇزاق ئۆتمەيلا تاماق ھازىر بولدى. جۇ باجيې راسا تويغۇچە يەپ، تېتىكلىشىپ، سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن بىر موللاق ئېتىپلا ئاسمانغا چىققانىدى، پادىشاھ، خانىش ۋە ۋەزىر - ۋۇزرالار قورققىنىدىن ئاسمانغا قارىغىنىچە سالام بەردى، ھەممەيلەن بىردەك:
− ياپىر، ئۇلار ھەقىقەتەن زېمىنغا چۈشكەن خىزىر ئىكەن ! − دېيىشتى.
سۇن ۋۇكۇڭ جەنۇبقا قاراپ يەتمىش چاقىرىم يول باسقاندىن كېيىن بوران بىلەن بۇلۇتتىن چۈشۈپ يالماۋۇزنى ئىزدىدى. قارىسا، سۈزۈك سۇلار ئېقىۋاتقان بىر جىرانىڭ ئىككى قىرغىقىدا نۇرغۇن سۆگەتلەر جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. ئۇلار چىڭخۇا كەنتىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. بۇ بەئەينى، ئەجەب كۆركەم مەنزىرە بۇيان، ئادەمزاتتىن دېرەك يوق تامام، دېگەننىڭ ئۆزى ئىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ يالماۋۇزنىڭ ماكانىنى پەقەت تاپالمىغاندىن كېيىن ئەپسۇن ئوقۇپ مۇشۇ جايدىكى يەر مۇئەككىلىنى چاقىردى. يەر مۇئەككىلى كېلىپ تىتىرەپ تۇرۇپ:
− تەقسىر، سۆگەتلىكنىڭ يەر مۇئەككىلى خىزمىتىڭىزدە، − دېدى.
− قورقماڭ، سىزنى ئۇرمايمەن، بۇ سۆگەتلىك تۆپىلىكتە چىڭخۇا كەنتى دېگەن جاي بارمۇ؟ ئۇ يەر قەيەردە؟ شۇنى دەپ بېرىڭ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بۇ يەردە چىڭخۇا غارى بار، چىڭخۇا كەنتى يوق. بىلىشىمچە، سىز بىچيۇ دۆلىتدىن كەلدىڭىزغۇ دەيمەن، − دېدى يەر مۇئەككىلى.
− شۇنداق، شۇنداق. بىچيۇ پادىشاھىنى بىر يالماۋۇز ئالداپ كېتىپتىكەن، مەن كۆرۈپلا ئۇنى بىلىۋالدىم. ئىككىمىز جەڭ قىلىۋاتقاندا ئۇ سۇغۇق نۇر بولۇپ غايىب بولۇپ كەتتى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − بىچيۇ پادىشاھىدىن سورىسام، ئۇ، ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا گۈزەل قىزنى باشلاپ كىرگەندە ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىسام، شەھەرنىڭ جەنۇبىغا يەتمىش چاقىرىم كېلىدىغان سۆگەتلىك تۆپىلىكتىكى چىڭخۇا كەنتىدە تۇرىمەن دېگەن، دېدى. شۇ گەپ بىلەن بۇ يەرگە كەلسەم سۆگەتلىك تۆپىلىكنىلا كۆردۈم، چىڭخۇا كەنتىنى كۆرمىدىم، شۇڭا سىزدىن سوراۋاتىمەن.
− گۇناھىمدىن كېچىڭ، − دېدى يەر مۇئەككىلى باش قويۇپ، − بىچيۇ پادىشاھى مېنىڭمۇ ئىگەم بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا كۆز - قۇلاق بولسام بولاتتى. ئەپسۇسكى، يالماۋۇز بەك يامان. ناۋادا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاپ قويسام مېنى بوزەك قىلىدۇ، شۇڭا ئۈندىمىگەنىدىم. بۈگۈن سىز كەپسىز. جەنۇبىي قىرغاقتىكى توققۇز ئاچىلىق تېرەكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ سولغا ئۈچ، ئوڭغا ئۈچ ئايلىنىڭ، ئاندىن دەرەخنى چىڭ قۇچاقلاپ ئارقا - ئارقىدىن «ئىشىكنى ئاچ» دەپ ئۈچ مەرتىۋە توۋلىسىڭىز، ئالدىڭىزدا چىڭخۇا قەسرى پەيدا بولىدۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ بولۇپ يەر مۇئەككىلىنى كەتكۈزۈۋېتىپ، جۇ باجيې بىلەن ھېلىقى دەرەخنى ئىزدەپ ماڭدى. دېگەندەك، بىر دەرەخ توققۇز ئاچا بولۇپ شاخلىغانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ جۇ باجيېغا:
− سەن يىراقتا تۇرۇپ تۇرغىن. مەن ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ، يالماۋۇزنى تېپىپ قوغلاپ چىقاي، سەن شۇ چاغدا تۇتۇش قىلغىن، − دەپ تاپلىدى.
جۇ باجيې بۇ گەپ بىلەن دەرەختىن يېرىم چاقىرىم يىراقتا تۇردى. سۇن ۋۇكۇڭ يەر مۇئەككىلىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە دەرەخنىڭ تۈۋىدە سولغا ئۈچ، ئوڭغا ئۈچ ئايلاندى، ئاندىن دەرەخنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «ئىشىكنى ئاچ ! ئىشىكنى ئاچ !» دەپ توۋلىدى. شۇئان جاراڭ - جۇراڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىككى قاناتلىق ئىشىك ئېچىلىپ دەرەخ غايىب بولدى. ئىچكىرى تەرەپ ھەر خىل رەڭدە ۋال - ۋۇل چاقناپ تۇراتتى، بىراق ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۈسسۈپ كىرىۋەردى. بۇ يەردە شەپەق نۇر چاچاتتى، ئاي - كۈن كۆزنى چاقاتتى، غاردىن ئاق بۇلۇت چىقىپ تۇراتتى. ئەتراپ ئاجايىپ گۈزەل، ئاجايىپ - غارايىپ گۈللەر ئېچىلپ كەتكەن، قىممەت باھا گۈل - گىياھلار ئاجايىپ كۆركەم مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى، كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلاتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئىچكىرىرەك كىرىپ ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىغانىدى، بىر تاشقا يېزىلغان «چىڭخۇا پەرىزاتلار قەسرى» دېگەن خەتلەرنى كۆردى. ئۇ تاقەتسىزلىنىپ تاشتىن سەكرەپ ئۆتۈپ قارىدى، يالماۋۇز گۈزەل قىزنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ھاسىراپ - ھۆمۈدىگەن ھالدا بىچيۇ دۆلىتىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. ئىككىسى تەڭلا:
− ئەجەب ئوبدان پۇرسەت كەلگەن - ھە ! ئۈچ يىللىق ئىشىمىزغا كاساپەت مايمۇن دەخلى قىلدى دېسە، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بىر تاقلاپلا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ كالتىكىنى كۆتۈرۈپ:
− ھوي توڭرۇلۇقلار ! قانداق «ياخشى پۇرسەت» ئۇ ! كالتىكىمگە قارا، − دېدى. يالماۋۇز گۈزەلنى تاشلاپ، ھاسىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى. ئىككىيلەن غار ئالدىدا شۇنداق قاتتىق ئېلىشتىكى، غاردىكى شەپەق نۇرىمۇ خۇنۈكلىشىپ، ئەتراپنى سۈر باستى. جاراڭ - جۇرۇڭ ئاۋازدىن قورقۇپ كەتكەن ئۇچار قاناتلارمۇ ئۇچالماي قالدى، قىر - چاپ ئاۋازىدىن گۈزەل قىز قورقۇپ ھوشىدىن كەتتى. ئۇلار ئون مەرتىۋە ئېلىشىپ بىر - بىرىنى يېڭەلمىدى.
جۇ باجيې ئىچكىرىدىكى قىر - چاپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قولى قىچىشىپ تۇرالماي كەتتى - دە، تۆمۈر تىرنىسىدا توققۇز ئاچىلىق دەرەخنى قومۇرۇۋەتتى، دەرەختىن قىپقىزىل قان ئاقتى ۋە بوۋاق يىغلىغاندەك ئاۋاز چىقتى. «بۇ دەرەخمۇ ئالۋاستى بولدىغۇ ئەمدى» دېدى جۇ باجيې. شۇ ئارىلىقتا سۇن ۋۇكۇڭ يالماۋۇزنى ئېلىپ چىقتى. جۇ باجيې گەپ - سۆز قىلماستىن ئۇنىڭغا ئېتىلدى. يالماۋۇز سۇن ۋۇكۇڭغا تەڭ كېلەلمەي تۇرغاندا، جۇ باجيېنىڭ تىرنا كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئالاقزادە بولدى، يېڭىلگىنىنى بىلىپ، بىر دومىلاپلا سوغۇق نۇرغا ئايلىنىپ كۈنچىقىشقا قاراپ قاچتى. ئىككىيلەن ئىز باستۇرۇپ قوغلاپ ماڭدى.
ئۇلار قىر - چاپ بىلەن قوغلاپ كېلىۋاتقاندا، توساتتىن ئەنقا، تۇرنىلارنىڭ سايرىشى ئاڭلىنىپ، خاسىيەتلىك نۇر لەيلەپ كەلدى. بۇلار قارىسا، ئۇ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئۆمۈر يۇلتۇزى ئىكەن. ئۇ سوغۇق نۇرنى توسۇدى، ئاندىن بۇلارغا قاراپ:
− ئەۋلىيا ئەزەم، ئاستىراق چېپىڭ، پەلەك سەركەردىسى، سىزمۇ قوغلىماڭ، پېقىر سىلەرگە سالام بەرگىلى كەلدىم، − دېدى.
− ئىنىم، قەيەردىن كېلىۋاتىسىز؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن.
− بوۋاي سوغۇق نۇرنى توسۇۋالدى. دېمەك، ئۇ يالماۋۇزنى تۇتتى، − دېدى جۇ باجيې كۈلۈپ.
− شۇنداق، ئۇ مۇشۇ يەردە. ئىككىڭلار ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىڭلار، − دېدى ئۆمۈر يۇلتۇزى كۈلۈپ.
− يالماۋۇزنىڭ سىز بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىسا، نېمىشقا ئۇنىڭ ئارىسىغا كىرىسىز، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇ ئەسلىي مېنىڭ پۇتۇمغا پۇت، قولۇمغا قول ياردەمچىم ئىدى، مەن دىققەت قىلمىغاندا، بۇ يەرگە كېلىپ يالماۋۇز بولۇۋاپتۇ، − دېدى ئۆمۈر يۇلتۇزى كۈلۈپ.
− ئۇ راستلا سىزنىڭ نەرسىڭىز بولسا، ئەسلىي قىياپىتىگە كەلتۈرۈپ باقمامسىز قېنى؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
ئۆمۈر يۇلتۇزى بۇ گەپ بىلەن سۇغۇق نۇرنى قويۇۋېتىپ ۋارقىرىدى:
− مۇتتەھەم ! دەرھال ئەسلىي قىياپىتىڭگە قايتىپ بىر قوشۇق قېنىڭنى تىلە !
يالماۋۇز بىر پىرقىرىدى، بۇلار قارىسا، ئۇ بىر ئاق كېيىك ئىكەن. ئۆمۈر يۇلتۇزى ھاسىنى ئېلىۋېلىپ:
− ھۇ بەچچىغەر، ھاسامنىمۇ ئوغرىلاپ كېتىپتىكەنسەن - دە ! − دېدى. كېيىك يەردە ياتقىنىچە گەپ - سۆز قىلالماي يىغلىغان ھالدا ھە دەپ باش ئۇردى. ئۆمۈر يۇلتۇزى سۇن ۋۇكۇڭغا تەشەككۇر ئېيتىپ كېيىككە مىندى - دە، مېڭىشقا تەمشەلدى، شۇئان سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى توختىتىۋالدى:
− ئىنىم، ئالدىرىماي تۇرۇڭ. قىلىدىغان يەنە ئىككى ئىش بار.
− قىلىدىغان يەنە قانداق ئىشلار بار؟ − دېدى ئۆمۈر يۇلتۇزى.
− گۈزەل قىز تېخى تۇتۇلمىدى، بىلمىدىم، ئۇ قانداق نەرسىكىن. ئۇندىن باشقا، بىز بىلەن بىللە بىچيۇ شەھىرىگە بېرىپ ئەخمەق پادىشاھقا بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىدىغان ئىش، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇنداق بولسا مەن تۇرۇپ تۇراي، سىز غارغا كىرىپ گۈزەل قىزنى تۇتۇپ كېلىڭ، ئاندىن بىرگە بېرىپ يۈزلىشەيلى، − دېدى ئۆمۈر يۇلتۇزى.
− سىلەر سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ تۇتۇپ كېلەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
جۇ باجيې قەددىنى رۇسلاپ سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن چىڭخۇا غارىغا كىرىپ ۋارقىرىدى:
− جىننى تۇتىمىز ! جىننى تۇتىمىز !
گۈزەل قىز لاغىلداپ تىترەپ قاچماقچى بولۇۋاتاتتى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ تاش توسۇقنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدى، چۈنكى قاچقۇدەك ئارقا ئىشىكمۇ يوق ئىدى. جۇ باجيې:
− قەيەرگە قاچىسەن، ئەركەكلەرنى ئالدايدىغان يۈزى قېلىن قانجۇق ! − دەپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى. گۈزەل قىزنىڭ قولىدا قورال بولمىغاچقا ئۇنىڭغا قارشى چىقالماي، سۇغۇق نۇرغا ئايلىنىپ سىرتقا قاچتى، سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى توسۇپ تۆمۈر كالتىكىدە راسا ساۋىغانىدى، ئۇ چىداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى توپىغا تاشلاپ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتتى. ئۇ ئەسلىي ئاق يۈزلۈك تۈلكە ئىدى. جۇ باجيې ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىرنا بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى.
− ئۇنىڭ مىجىقىنى چىقىرىۋەتمە، ئەخمەق پادىشاھ ئۇنى كۆرمىسە بولمايدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. جۇ باجيې مەينەت دېمەستىن ئۇنى قۇيرۇقىدىن سۆرەپ تاشقىرىغا چىقتى. سۇن ۋۇكۇڭ يەنە ئەپسۇن ئوقۇپ يەر مۇئەككىلىنى چاقىرىپ:
− بوزەك بولماسلىقىڭىز ئۈچۈن قۇرۇق ئوتۇن - چاۋا يىغدۇرۇپ كېلىپ ئوت قويۇپ بالايىئاپەتنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىڭ، − دېدى. يەر مۇئەككىلى شاققىدە بۇرۇلۇپ ھەيۋە بىلەن يەر لەشكەرلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا قۇرۇق ئوتۇن - چاۋا ئەكەلدۈرۈپ غارغا ئوت قويدۇردى. ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈپ بىردەمنىڭ ئىچىدە چىڭخۇا غارىنى ئوت ئورەككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
ئەلقىسسە، جۇ باجيې تۈلكىنى سۆرىگىنىچە ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ پادىشاھقا:
− مانا سىزنىڭ گۈزەل خانىشىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئوينامسىز؟ − دېدى. پادىشاھ قورقۇپ لاغ - لاغ تىترەپ كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۆمۈر يۇلتۇزىنى باشلاپ، ئاق كېيىكنى يېتىلەپ ئوردىغا كىرىۋىدى، پادىشاھ، ۋەزىر - ۋۇزرالار، خانىش، كېنىزەكلەر قورققىنىدىن تەڭلا باش قويۇپ تەزىم قىلدى. سۇن ۋۇكۇڭ پادىشاھنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ كۈلۈپ:
− ماڭا تەزىم قىلماڭ، مانا بۇ ئاق كېيىك دۆلەت ئاتىسى بولىدۇ، شۇنىڭغا تەزىم قىلىڭ، − دېدى.
− مېنى ۋە دۆلىتىمنى قۇتۇلدۇرغىنىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىڭ رەھمەت ! بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، − دېدى پادىشاھ خىجىل بولۇپ، ئارقىدىن دەرھال كاتتا زىياپەت ھازىرلاشقا بۇيرۇدى. شەرقىي ساراينى ئېچىپ ئۆمۈر يۇلتۇزى بىلەن تاڭ سېڭ قاتارلىق تۆتەيلەننى باشلاپ كۆپ تەشەككۇر ئېيتتى. تاڭ سەنزاڭ ئۆمۈر يۇلتۇزى بىلەن كۆرۈشتى، شاسېڭمۇ كۆرۈشۈپ سالام بەردى. ئاندىن تاڭ سېڭ:
− ئاق كېيىك سىزنىڭ نەرسىڭىز ئىكەن، ئۇ قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ زىيانداش بولۇپ قالدى؟ − دەپ سورىدى.
− ئۆتكەندە دۇڭخۇا پادىشاھى قاقاس تېغىمدىن ئۆتۈپ قالدى. ئىككىمىز شاھمات ئويناپ ئولتۇرۇپ قاپتۇق، بۇ كاساپەت غىپپىدە قېچىپتۇ. مېھماننى يولغا سېلىپ قارىسام ھېچ يەردىن تاپالمىدىم، ھېسابلاپ بېقىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئىزدەپ كەلسەم، سۇن ۋۇكۇڭلار ئۇنى قوغلاپ كېتىۋېتىپتىكەن. ناۋادا كېچىككەن بولسام بۇ مۇناپىق تۈگىشىدىكەن، − دېدى ئۆمۈر يۇلتۇزى كۈلۈپ. شۇ ئارىلىقتا خەۋەرچى كىرىپ: «غىزا تەييار بولدى» دېدى. شۇئان ھەممە ئۆزىگە لايىق ئورۇن ئالدى، تۆردە ئۆمۈر يۇلتۇزى ئولتۇردى، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە تاڭ سېڭ ئولتۇردى، پادىشاھ ئالدى تەرەپتە ئولتۇردى، سۇن ۋۇكۇڭ، جۇ باجيې، شاسېڭلار بىر يانغا جايلاشتى، ئىككى - ئۈچ ۋەزىر ئەزەم ئوڭ - سولدىن ئورۇن ئېلىپ نەغمە - ناۋا قىلىشنى بۇيرۇدى. پادىشاھ قىزىل قەدەھنى كۆتۈرۈپ ھەممەيلەنگە بىرمۇبىر قەدەھ تۇتتى. يالغۇز تاڭ سېڭلا ئىچمىدى. جۇ باجيې سۇن ۋۇكۇڭغا:
− مېۋە - چېۋىنى سىزگە بېرەي، شورپا - غىزالارنى ماڭا كۆپرەك سۇنۇۋېتەرسىز، − دېدى - دە، ياخشى - يامان دەپ تاللاپ ئولتۇرماي ئالدىغا كەلگەننى سوقتى.
زىياپەت ئاياغلاشقاندا ئۆمۈر يۇلتۇزى خوشلىشىشقا باشلىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ تىزلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېسىلىنى شىپا تاپقۇزۇپ، ئۇزاق ئۆمۈر ئاتا قىلىشنى ئىلتىجا قىلدى. ئۆمۈر يۇلتۇزى كۈلۈپ مۇنداق دېدى:
− مەن كېيىكىمنى ئىزدەپ كەلگەچكە، دورا ئالماي كېپتىمەن. ئۇزاقتىن كېسەل دەردىنى تارتىپ ناھايىتى زەئىپلىشىپ كېتىپسىز، دورىمۇ كۆتۈرەلمىگۈدەكسىز. يېڭىمدە ئۈچ تال چىلان بار، ئۇنى دۇڭخۇا پادىشاھى چاي قىلىپ ئىچىڭ، دەپ بەرگەن، مەن ئىشلەتمىگەن، شۇنى سىزگە بېرەي.
پادىشاھ ئۇنى يېگەندىن كېيىن ئاستا - ئاستا ساقىيىپ يېنىكلەشتى. بۇنى كۆرۈپ جۇ باجيې:
− تەقسىر، چىلاندىن ماڭىمۇ بەرسىڭىزچۇ، − دېدى.
− جىقراق ئېلىۋالماپتىمەن، باشقا بىر كۈنى سىزگە بىر نەچچە جىڭ بېرەي، − دېدى ئۆمۈر يۇلتۇزى ۋە سارايدىن چىقىپ پادىشاھقا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن ئاق كېيىككە مىندى - دە، بىر ۋارقىراپ يۈرۈپ كەتتى. پادىشاھ، خانىشلار، ۋەزىر - ۋۇزرالار ۋە شەھەر خەلقى كۈجە كۆيدۈرۈپ سەجدە قىلىپلا قالدى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن.
− شاگىرتلىرىم، نەرسە - كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇڭلار، شاھ بىلەن خەيرلىشىپ ماڭايلى، − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
پادىشاھ بىر مەزگىل تۇرۇڭلار دەپ قاتتىق تۇتقانىدى، سۇن ۋۇكۇڭ مۇنداق دېدى:
− جانابىي ئالىيلىرى، بۇندىن كېيىن نەپسىلىرىگە ھاي بېرىپ ساۋاب ئىشلارنى جىقراق قىلغايلا، ياخشىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگەتكەيلا، شۇندىلا ئاغرىق - سىلاقتىن نېرى بولۇپ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلەيدىلا.
ئۇلار ئىككى پەتنۇس ئالتۇن - كۈمۈش ئاچىقىپ يوللۇق تۇتقانىدى، تاڭ سېڭ ئازراقمۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى، پادىشاھ ئامالسىز شاھانە ھارۋىغا تاڭ سېڭنى ئولتۇرغۇزدى، ئۇنى پادىشاھ ۋە خانىشلار ئىتتىرىپ ئوردىدىن چىقىرىپ قويدى. كوچا - بازارلاردىكى خالايىق چىراغ يېقىپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ، ئۇلارنى شەھەردىن چىقىرىپ قويدى. ئۇشتۇمتۇت شامال چىقىپ، يولنىڭ ئىككى قاسىنىقىغا بىر مىڭ بىر يۈز ئون بىر قەپەس چۈشتى، ئىچىدە بالىلار يىغلىشىۋاتاتتى. ئۆزلىرىنى كۆرسەتمىگەن شەھەر مۇئەككىلى، يەر مۇئەككىلى، تاجۇتەخت مۇئەككىلى، پارسابەگلەر، بەش تەرەپ بۇددىلىرى، ئەمەلدارلار ئىشلىرى دىۋانىنىڭ تۆت بېگى، ئالتە ھۆر قىز، ئالتە غۇلمان، بۇتخانا مۇئەككەللىرى قاتارلىقلار تەڭلا مۇنداق دېدى:
− ئەۋلىيا ئەزەم، سىزنىڭ تاپشۇرۇقىڭىزغا بىنائەن بالىلار سېلىنغان قەپەسلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتكەنىدۇق. بۈگۈن تۆھپە بىلەن قايتقىنىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ ھەممىنى ئېلىپ كەلدۇق، − دېدى.
پادىشاھ، خانىش ۋە خالايىق تەڭلا باش قويدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئاسمانغا قاراپ:
− ھەرقايسىڭلارنى مالال قىلىپ قويدۇم، جايىڭلارغا قايتىڭلار. خەلققە سىلەرگە ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىشنى تاپىلايمەن، − دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە سوغۇق شامال چىقىپ ئۇلار ئاستا تاراپ كەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ شەھەر خەلقىغە كېلىپ بالىلىرىنى تونۇپ ئېلىۋېلىشنى ئېيتتى. بۇ خەۋەر شەھەرگە چاقماق تېزلىكىدە تارقالدى، ھەممەيلەن كېلىپ بالىلىرىنى تونۇپ چەكسىز خۇش بولدى، سەكرەپ - تاقلاشتى، شاد كۈلۈشتى ۋە ۋارقىراشتى:
− تاڭ دۆلىتىدىن كەلگەن غوجاملارنى تۇتۇپ قېلىڭلار، ئۆيىمىزگە باشلاپ مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرەيلى !
شۇئان ياش - قېرى، ئەر - ئايال ھەممىسى بۇلارنىڭ ئەپت - بەشىرىسىنى سەت ئىكەن دېمەي، جۇ باجيېنى كۆتۈرۈپ، شاسېڭنى مۈرىسىگە ئېلىپ، سۇن ۋۇكۇڭنى بېشىغا ئېلىپ، تاڭ سەنزاڭنى ئالىقىنىدا كۆتۈرۈپ، يۈك - تاقلارنى ئېلىپ، ئاتنى يېتىلەپ شەھەرگە قايتتى، ئۇلارنى پادىشاھمۇ توسۇشقا ئامالسىز قالدى. تۆتەيلەننى كىشىلەر ئۆي - ئۆيلەردە مېھمان قىلدى، مېھمان قىلالمىغانلىرى تەلپەك، ئاياغ، تون، پايپاق قاتارلىق ئىچ - تاش كىيىملەرنى تىكىپ كېلىپ ئۇلارغا تۇتتى. شۇ تەرزدە بۇلار بىر ئاي ھايال بولۇپ ئاندىن شەھەردىن چىقالىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر بۇلارنى ئىلاھ ئورنىدا كۆردى، خاتىرە مۇنارلىرى تىكلىدى، كۈجە كۆيدۈرۈپ، نەزىر - چىراغ قىلدى. بۇ بەئەينى، قۇتۇلدۇرغاچقا مىڭلىغان ئادەملەرنى، تاكى ئەبەدكە ئۇنتۇماس خەلق بۇنى، دېگەندەك بىر ئىش ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇ مېڭىشىدا يەنە قانداق ئىشلارغا يولۇققانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder