مۇستەملىكىچىنىڭ زېھنىيىتى
«ھەرقانداق بىر قۇلدار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش – قۇللار قوزغىلىڭى، شۇڭا ھەربىر قۇل يوشۇرۇن توپىلاڭچى. ئەمما ماڭقۇرت بولسا، مۇتلەق مۇستەسنا. ئۇنىڭدا توپىلاڭ كۆتۈرۈش، ئىسيان كۆتۈرۈش دېگەن ئۇقۇم زادىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇش، ئۇنى مەخسۇس كۆزىتىشمۇ ھاجەتسىز» دەپ يازىدۇ، ئويغاق ئەدىب چىڭغىز ئايتماتوف. ئەمەلىيەتتە ئايتماتوف ھەربىر زاماندىشى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان مەزكۇر بايانىدا، مۇستەملىكىچى بىلەن ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ يەردە قۇلداردىن مەقسەت مۇستەملىكىچى، قۇلدىن مەقسەت مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچى خەلق كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھەربىر شەخس ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئوبيېكتى. دۈشمەن تۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ياكى كۆتۈرمەسلىكى ئارىسىدا، ئاسىي قۇل ياكى ئىتائەتكار قۇل بولۇشى ئارىسىدا، مۆمىن پۇقرا بولۇش ياكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر بولۇشى ئارىسىدا مۇستەملىكىچى ئۈچۈن پەرق يوق. ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولۇشىنىڭ ئۆزىلا دۈشمەن تۇتۇلۇشقا، تەھدىت، دەپ بىلىنىشكە يېتەرلىك. تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى بولسا، مۇتلەق ئىتائەتكارلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش. بۇنىڭ يولى بولسا، پەقەت ۋە پەقەت دۈشمەننى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋۇجۇدىدىن سۇغۇرۇپ تاشلاشتۇر.
بىر مەھبۇسنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى، ئۇ تۇتقۇن قىلغۇچىسى تەرىپىدىن خورلانغان، ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك ئوزۇق - تۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىۋېتىلگەن. ئاچ – يالىڭاچ قويۇلۇپ جان ساقلاشتىن باشقا پۇرسىتى قالمىغان. مەھبۇس ياشاش ئۈچۈن يېيىشى كېرەك، كىيىنىشى كېرەك. شۇنداق چاغدا ھېلىقى تۇتقۇن قىلغۇچى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چوشقا تېرىسىدىن ياسالغان ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشكە زورلايدۇ ۋە بىر قاچا ئىت گۆشى شورپىسىنى ئالدىغا قويىدۇ. ئۇ دەيدۇكى، سېنىڭ ھايات قېلىشىڭ مېنىڭ ئىلكىمدە. تىرىك قالاي دېسەڭ، بۇندىن كېيىن بۇ تۈرمە ئىچىدە ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشىڭ، مەن بىلەن ئۇدۇل كەلگەندە تېز چۆكۈشۈڭ، پەقەتلا ئىت گۆشى شورپىسى بىلەنلا جان ساقلىشىڭ كېرەك. سېنىڭ مەن سۇنغان ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلنى تاللاش ھەققىڭ يوق. مەن سۇنغان ياشاش يولىدىن باشقا ھايات قىلىش يولى ئىزدىشىڭگە، ھەتتا مەن تاللاپ بەرگەن ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلدا ئۆلۈشىڭگىمۇ رۇخسەت يوق.
يۇقىرىقى تەسۋىردە مەھبۇس ئاسارەتتىكى ئىنسانغا، بېرىلگەن كىيىم ئۇنىڭ كىملىكىگە، ئىت گۆشى شورپىسى ئۇنىڭ ئىنسان پېتى قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي تەلقىن قىلدۇرۇلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلارغا تەمسىلدۇر. مانا بۇ ئاسارەت ئاستىدىكى رېجىمنىڭ ئۇنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان «ئىنسان»نىڭ تەقدىر – قىسمىتى. مانا بۇ دەل ئىنسانلىقىدىن چىقىرىشقا قىستىلىۋاتقان، مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە ئىنسانلىق شەرىپىدىن «غەلىتە مەخلۇقلۇق» دەرىجىسىگە چۈشۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە باشقا ھېچبىر چىقىش يولى بېرىلمىگەن ئاسارەتتىكى ئىنساننىڭ مۇستەملىكىچىسى ئالدىدىكى ھال – ۋەزىيىتى. ئايتماتوفنىڭ قۇل بىلەن ماڭقۇرت ئارىسىدىكى پەرقلەر ئىچىدە ماڭقۇرتنى «ئۇنىڭدا ‹مەن› دېگەن ئاڭ يوق»، ئۇ «ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ»، ئۇ بىر «تىلى تۇتۇق مەخلۇق (ھايۋان)» دەپ سۈپەتلىشىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ئۆزىنى پۇقرا ساناۋاتقان، ئاتالمىش پۇقرالىق ھەققى ۋە ھوقۇقى بارلىقى بىلەن ئۆزىنى بەزلەۋاتقان ھەربىر شەخسنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى نەزىرىدە يوشۇرۇن تەھدىد چېكىتى ئۇرۇلغان قۇل ھېسابلىنىدىغانلىقى، تاكى ئۇ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئۆلگەن بىنورمال مەخلۇققا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئىنسان ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرىمايدىغان، ئىنسانلىقىنىڭ تەسىرىدە بولسىمۇ مۇستەملىكىچىسىگە تېز پۈكمەسلىك، قارشىلىق روھىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئاڭقىرىمايدىغان دەرىجىدىكى ئادەمسىمان ھايۋانغا ئايلانمىغۇچە تەھدىت بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىدەك بىر ئۇچۇرنى بېرىشتىن باشقا ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى، كىشىلىكى مۇھىم ئەمەس. ئۇ ھەر ۋاقىت بېسىۋېلىنغان تۇپراقنىڭ كەلگۈسى خوجايىنى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان، كۈنى كېلىپ ئىسيان كۆتۈرۈش پوتېنسىيالىغا ئىگە مەڭگۈلۈك تەھدىت. بۇ تەھدىتنىڭ يوق قىلىنىشى ئۈچۈن مۇتلەق ئىتائەت كېرەك. مۇتلەق ئىتائەت ئەمەلىيلەشمىگەندە، ئۇنى پۇقراسى نامىدا مەھبۇس قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشى، تىزگىنلىشى لازىمكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنسانلىقى زەخمىلىنىشى، خورىشى لازىم. ئۇنىڭ تىزگىندە تۇتۇلۇشى ئۈچۈن باشقا جۇغراپىيەنىڭ ئىنسانلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى بىلىنىدىغان «ئىنسانىيلىق»تىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىلىرى بۇزۇپ تاشلىنىشى كېرەك. ئۇ ئاسارەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ مۇتلەق بويسۇنسا، مۇتلەق ئىتائەت كۆرسىتىپ كۈن كەچۈرسە بولىدۇ، لېكىن ئاشۇ تۇپراقنىڭ ئۆرپى ۋە كىملىكىنى يېپىنچا قىلغان «ئىنسان» بولۇپ ياشىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يېپىنچىسىنىڭ نېمىدىن توقۇلىشى (قايسى كىملىككە مەنسۇپ بولۇشى) ۋە قانداق پىچىمدە ياشىشى پەقەت ۋە پەقەت مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى لازىم. ئۇ مۇستەملىكىچى سۇنغان ماددىي ياشاش شەكلىدىن، مەنىۋىلىك تۈسى بېرىلگەن سۈنئىيلەشكەن «روھىي ئوزۇق»لاردىن يۈز ئۆرىسە بولمايدۇ. ئورنىغا پەرقلىق مەرىپەت، پەرقلىق ئىدىيە ۋە پەرقلىق كۈلتۈر بىلەن ئوزۇقلانماقچى بولسا، كىملىكىنى، ئىنسانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، ئادىمىيلىك ۋەسىپلىرىنى قايتىدىن ئۆزىدە تىكلىمەكچى بولسا ۋە بۇنىڭغا كېرەكلىك مەنىۋى ئوزۇقلىنىش مەنبەلىرى بىلەن ئۇچراشسا، زەرەتلەنسە بولمايدۇ. شۇڭا تەھدىت بىرتەرەپ بولغانغا قەدەر دائىم كونترول ئاستىدا بولۇشى شەرت. تەھدىت بىرتەرەپ قىلىنغاندا، يەنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇ چاغدا «ئىنسانلىق»تىن ئىبارەت ھېلىقى ئورتاق نۇقتىنىڭ پىلىكىگە قايتىدىن ئوت تۇتۇشىشىدىن ئەنسىرەلمىسىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ دەۋرىمىز مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ زېھنىيىتى.
-بۇرھان مۇھەممەد
Yorumlar
Yorum Gönder