غەربكە ساياھەت - ئەللىك ئىككىنچى باب
ئەللىك ئىككىنچى باب
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ جىندۇشەن غارىنى پاراكەندە قىلغانلىقى
تاتھاگاتونىڭ ئالۋاستىنىڭ غوجىسىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى
ئەلقىسسە، سۇن ۋۇكۇڭ ئالتۇن توقىسىنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقىپلا تاغ چوققىسىغا چىقىپ تەڭرىلەر بىلەن خۇشال - خۇرام كۆرۈشتى. پەلەك شاھى:
− ئەھۋال قانداق؟ − دەپ سورىدى.
− مەن شەكلىمنى ئۆزگەرتىپ غارغا كىرسەم ئالۋاستى يەپ - ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئەڭگۈشتىرىنى قەيەرگە قويغانلىقىنى بىلەلمىدىم. ئايلىنىپ ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ شۇنداق قارىسام بۇ نەرسە كۈنچىقىشتىكى تامغا يۆلەكلىك تۇرۇپتۇ. شاققىدە ئالدىم - دە، قېچىپ چىقتىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− سىز ئەڭگۈشتىرىڭىزنى تېپىۋاپسىز. بىزنىڭكى قاچان قولىمىزغا تېگىدۇ، − دېدى تەڭرىلەر.
− چاتاق بولدى ! چاتاق بولدى ! بۇ كالتىكىملا بولىدىكەن، ئۇنى چوقۇم يېڭىپ سىلەرنىڭ ئەڭگۈشتىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
شۇ ئەسنادا تاغ باغرىدىن داقا - دۇمباق ساداسى، چۇقان - سۈرەن ئاڭلاندى. ھېلىقى ئالۋاستى لەشكەر تارتىپ سۇن ۋۇكۇڭنى قوغلاپ كەلگەنىدى.
بۇنى كۆرگەن سۇن ۋۇكۇڭ:
− بەللى ! بەللى ! كۆڭلۈمدىكىدەك ئىش بولدى ! ھەرقايسىلىرى ئولتۇرۇپ تۇرۇشسىلا، مەن بېرىپ ئۇنى تۇتۇپ كېلەي، − دېدى.
پالۋان سۇن ۋۇكۇڭ تۆمۈر كالتىكىنى چىڭ تۇتۇپ:
− ھۇي نائەھلى ! ماۋۇنى كۆر ! − دەپ ۋارقىرىدى.
ئالۋاستى نەيزە بىلەن ئۇنىڭ كالتىكىنى تۇسۇپ تۇرۇپ:
− ۋاي ئوغرى ! نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان داپيۈز ! نېمىدەپ كۈپكۈندۈزدە نەرسىلىرىمنى بۇلاپ كېتىسەن؟ − دېدى.
− نېمىدەپ كاپشىۋاتىسەن ھاراملىق ! كۈپكۈندۈزدە مېنىڭ نەرسەمنى بۇلاپ كەتكەن سەن ئەمەسمۇ؟ قايسى نېمە سېنىڭكى؟ قاچما ! غوجا ئاكاڭنىڭ كالتىكىنى بىر تېتىپ باق ! − دەپ ۋارقىرىدى سۇن ۋۇكۇڭ. ئالۋاستى شۇئان جەڭگە چۈشتى. ئىككىيلەن ئالتە سائەت ئېلىشىپ بىر - بىرىنى يېڭەلمىدى. قاش قارىيىپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ئالۋاستى قورالىنى يىغىشتۇرۇپ:
− سۇن ۋۇكۇڭ، بولدى قىل، كېچە ئېلىشىدىغان پەيت ئەمەس. ھەرقايسىمىز قايتىپ ئارام ئالايلى، ئەتە ئەتىگەن سېنى ئېلىشىشقا چاقىرىمەن − دېدى.
− ئاغزىڭنى يۇم نائەھلى ! − دەپ تىللىدى سۇن ۋۇكۇڭ، − كېچە بولسا بولمامدۇ، يېڭىش - يېڭىلىشنى ئايرىماي قويمايمەن، قېنى كەل !
ئالۋاستى غەزەپلىك بىر نەرە تارتتى - دە، نەيزىنى يالغاندىن ئىشقا سالغان بولۇپ غىپپىدە تىكىۋەتتى. جىن - ئالۋاستىلارمۇ كەينى - كەينىدىن قېچىپ غارغا كىرىپ ئىشىكنى چىڭ تاقىۋالدى.
سۇن ۋۇكۇڭ كالتىكىنى ئوينىتىپ يېنىپ كېلىشىگە تاغ چوققىسىدىكى تەڭرىلەر ماختاپ كەتتى:
− بارىكاللا، كۈچ دېگەنمۇ بار يەردە بار ئىكەن. تەڭداشسىز قۇدرەت دېگەن سىلىدە ئىكەن جۇمۇ !
− يوقسۇ ! ئاشۇرۇۋېتىشتىلە ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
− بىز قىلچە ئاشۇرۇۋەتمەي ھەق گەپنى قىلىۋاتىمىز ! بۇ ئېلىشىش ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتە ھەممىنى ھەيرەتتە قويغان ئېلىشىشتىن قېلىشمىدى ! − دېدى پەلەك شاھى يېقىن كېلىپ.
− مازاق قىلىشمىسىلا. ئالۋاستى ھازىر تازا چارچىدى. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ غىپپىدە كىرىپلا ئۇنىڭ چەمبىرىكىنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنى تۇتاي، ئاندىن قورال - ياراغلارنى تېپىپ ھەرقايسىلىرىغا بېرەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى، ئوبدان ئۇخلىۋېلىپ ئەتە بارسىلا، − دېدى شاھزادە.
− ياشسىز - دە بەگچەم ! ئوغرىلىق دېگەننى كۈپكۈندۈزدە قىلغاننى قەيەردە كۆرگەنىدىڭىز؟ بۇنداق ئىشنى كېچىسى قىلىدىغان گەپ. شۇنىڭدا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئىزمۇ قالمايدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
ئوت تەڭرىسى بىلەن چاقماق ھەزرەتلەر:
− بىزنىڭ باشقا گېپىمىز يوق. چۈنكى، بۇنداق ئىشلاردا بىز خام، ئۆزلىرى پىشىپ كەتكەن. شۇڭا، مۇشۇ تاپتىلا بارسىلا. بىرىنچىدىن، ئالۋاستى تازا ھاردى؛ ئىككىنچىدىن، قاراڭغۇدا توسقۇنلۇق بولمايدۇ، چاپسان بارسىلا، بولسىلا، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ خۇش بولۇپ كەتتى. ئالتۇن توقىسىنى تىقىپ قويۇپ سەكرەپ تاغدىن چۈشتى ۋە غار ئاغزىغا كەلدى. بىر سىلكىنىپ قارا چېكەتكىگە ئايلاندى - دە، سەكرەپ - سەكرەپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ ئىشىكنىڭ قىسىلچىقىدىن كىردى. تامنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ چىراغ يورۇقىدا ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. جىن - ئالۋاستىلار تاماق يەۋاتاتتى. سۇن ۋۇكۇڭ «چىرت - چىرت» قىلىپ چىرىلداپ قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي ھەممەيلەن ئىش - كۈشلىرىنى تۈگىتىپ ئورۇن سېلىپ يېتىپ جىمىقىشتى. تەخمىنەن بىرىنچى جېسەك مەزگىلىدە سۇن ۋۇكۇڭ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردى. ئالۋاستى:
− ھەرقايسى ئىشىكتىكىلەر ئۇخلاپ قالماڭلار ! سۇن ۋۇكۇڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ كىرىپ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىن، − دەپ ئەمر قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇللار قاراۋۇللۇق قىلىشقا ماڭدى، ھەممە ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇخلاشقا قوڭغۇراق چېلىندى. سۇن ۋۇكۇڭغا پۇرسەت تۇغۇلدى.
سۇن ۋۇكۇڭ يەنىمۇ ئىچكىرىگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا ئالۋاستى كىيىملىرىنى سېلىۋاتقانىكەن. سول قولىدا بولسا ھېلىقى چەمبىرەك مەرۋايىت بىلەزۈك سىياقىدىكى نەرسە تۇراتتى. ئالۋاستى ئۇنى ئېلىۋەتمەستىن تېخىمۇ يۇقىرىغىراق تارتىپ قولىنى قىسىپ تۇرىدىغان قىلىپ قويۇپ ئاندىن ياتتى. بۇنى كۆرگەن سۇن ۋۇكۇڭ شۇئان سېرىق ئەتلىك بۈرگىگە ئايلاندى - دە، دىككىدە سەكرەپ تاش كارىۋاتقا چىقتى، يوتقانغا كىرىپ ئالۋاستىنىڭ بىلىكىنى چاقتى. ئالۋاستى ئۆرۈلۈپ تىللىدى:
− ۋاي تاياق قېپى ھازامزادىلەر ! يوتقاننى قېقىپ، كارىۋاتنى سۈپۈرۈپ ئورۇن سالماپتۇ، مانا مېنى بىرنېمىلەر چېقىپ كېتىۋاتىدۇ، − ئۇ شۇنداق دەپ بىلەزۈكنى سىلاپ - سىلاپ قويۇپ يېتىۋەردى. سۇن ۋۇكۇڭ يەنە چاققانىدى، ئالۋاستى ئۇخلىيالماي ئۇيان - بۇيان ئۆرۈلۈپ:
− ۋاي - ۋۇي، ئەجەبمۇ قىچىشتىغۇ ! − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئالۋاستىنىڭ بەكمۇ ھوشيارلىقىغا قاراپ چەمبىرەكنى ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى - دە، كارىۋاتتىن چۈشۈپ يەنە چېكەتكىگە ئايلىنىپ ئۆيدىن چىقتى. ئاندىن ئەسلىي قىياپىتىگە كېلىپ يەنە بىر ئىشىك ئالدىغا كەلدى، بىر ئەپسۇن ئوقۇۋىدى، ئىشىك ئېچىلدى. كىرىپ قارىسا ئۆينىڭ ئىچى كۈندۈزدەك يورۇق بولۇپ، بۇ يورۇق ئوت تەڭرىنىڭ قورال - ياراغلىرىدىن چىقىۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ كۈنچىقىش، كۈنپېتىش تەرەپتە يۆلەكلىك تۇرغان پەلەك شاھزادىسىنىڭ شەمشىرى، ئوت تەڭرىسىنىڭ كامالەك، يا قاتارلىق قوراللىرىغا كۆزى چۈشتى. ئوت يورۇقىدا ئىشىك كەينىدىكى جوزا ئۈستىدە تۇرغان بىر تۇتام موي كۆزگە چېلىقتى. سۇن ۋۇكۇڭ خۇش بولۇپ مويلارنى ئالدى - دە، «سۈف» دېدى، شۇئان ئوتتۇز - ئەللىكچە مايمۇن پەيدا بولدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا قىلىچ، شەمشەر، توقماق، ئارغامچا ۋە كامالەك، يا، نەيزە، يالمان، كاۋا، ئوت قاغا، ئوت چاشقان، ئوت ئات قاتارلىق قورال - ياراغلارنى كۆتۈرگۈزۈپ، ئىچىدىن تېشىغا ئوت قويۇپ ماڭدى. پاراس - پۇرۇس، قاراس - قۇرۇس ئاۋازلار ھەممەياقنى بىر ئالدى. بۇنىڭدىن قورقۇپ ئەس - ھوشىنى يوقاتقان جىنلار باشلىرىنى چاڭگاللىغان پېتى قىيا - چىيا، يىغا - زار بىلەن ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇردى ۋە قېچىپ كېتەلمەي يېرىمىدىن كۆپرەكى كۆيۈپ تۈگىدى. مايمۇن پادىشاھ غەلىبە قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، تېخى ئاران ئۈچىنچى جېسەك ۋاقتى بولغانىدى.
ئەلقىسسە، گەپنى تاغ چوققىسىدىن باشلايلى. پەلەك شاھى قاتارلىقلار ئوت يورۇقىنى كۆرۈپلا توۋلاشتى.
سۇن ۋۇكۇڭ خۇشاللىقى قىن - قىنىغا پاتمىغان ھالدا مايمۇنەكلىرىنى كەينىگە سېلىپ تاغ چوققىسىغا چىقىپ:
− قېنى كېلىڭلار ! قورالىڭلارنى ئېلىڭلار ! − دەپ ۋارقىرىدى.
ئوت تەڭرىسى بىلەن ناجا شۇئان ماقۇل، دەپ جاۋاب بەردى. سۇن ۋۇكۇڭ بىر سىلكىنىپلا مويلىرىنى بەدىنىگە جايلاشتۇرۇۋالدى. ناجا ئالتە خىل قورالنى تاپشۇرۇۋالدى. ئوت تەڭرىسى ئوت قوراللىرىنى يىغىۋالدى. ھەممە خۇشال ھالدا سۇن ۋۇكۇڭنى كۆكلەرگە كۆتۈرۈپ ماختاپ كەتتى.
ئەلقىسسە، جىندۇشەن غارى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى، ئالۋاستى قورقۇپ كەتتى - دە، شۇئان ئەڭگۈشتىرىنى ئېلىپلا چېپىپ يۈرۈپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ جىن - ئالۋاستىلارنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ كۆپى كۆيۈپ تۈگىگەنىدى، ئۇ ئەر - ئايال بولۇپ ئازغىنە لەشكىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋالالىدى؛ قورال - ياراغلارنى تەكشۈرگەنىدى، ھەممىسى تولۇق چىقتى؛ يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسە جۇ باجيې، شاسېڭ، تاڭ سەنزاڭ قاتارلىقلار باغلاقلىق پېتى تۇراتتى، ئاق ئات ئېغىلدا، يۈك - تاقلار جايىدا ئىدى.
− قايسى ھارامزادە بىخەستەلىك قىلىپ ئوت قويۇۋېتىپ شۇنچە پاراكەندە قىلىۋەتكەندۇ بىزنى؟ − دېدى ئالۋاستى ئاچچىقى كېلىپ.
− تەقسىر، بۇ ئىچىمىزدىكىلەر قىلغان ئىش ئەمەس. بەلكىم ھېلىقى بۇلاڭچى ئوغرى ئوت ھايۋانلىرىنى قويۇۋېتىپ تەڭرى لەشكەرلىرىنى ئاچىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، − دېدى بىر مالاي.
ئالۋاستى شۇندىلا ئىشنىڭ تەكتىگە يەتتى:
− بۇنى باشقا بىرى ئەمەس، چوقۇم سۇن ۋۇكۇڭ قىلغان ! مېنىڭ ئۇخلىيالماي پاراكەندە بولۇشۇمدا گەپ بار ئىكەن - دە ! ۋاي بەچچىغەر ! سەن نەيرەڭ ئىشلىتىشنى بىلگىنىڭ بىلەن مېنىڭ ھۈنەرلىرىمنى ئۇقمايسەن ! قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىملا بولىدىكەن، سۇغا كىرسەم پېشىم ھۆل بولمايدۇ، ئوتقا كىرسەم مويۇم كۆيمەيدۇ ! خەپ، ئۇنى تۇتۇۋالسام ئانا - مانىسىنى كۆزىگە كۆرسەتمەي قويمايمەن !
ئالۋاستى شۇ تەرىقىدە ۋايساپ - تىللاپ تاڭ ئاتقىنىنىمۇ تۇيماي قالدى.
قوراللىرىغا ئىگە بولغان شاھزادە سۇن ۋۇكۇڭغا:
− تەقسىر، تاڭ ئاتتى، سۇسلۇق قىلمايلى. ئالۋاستى قورساق كۆپۈكىدە ئاچچىقى كېلىپ ئولتۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەممىمىز تەڭ ھە - ھۇ دېيىشەيلى - دە، بۇ قېتىم چوقۇم ئۇنى تۇتۇۋالايلى، − دېدى.
− گېپىڭىز ئورۇنلۇق، بىز بىر نىيەتتە بولساق ئۇ مەخلۇق قەيەرگە بارالايدۇ؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
ھەممە غەيرەتكە كېلىپ، يەڭ شىمايلاپ غار ئاغزىغا كەلدى. سۇن ۋۇكۇڭ:
− ھوي مۇناپىق ! بۇ ياققا چىق ! − دەپ ۋارقىرىدى.
بايىقى ئوتتا تاش ئىشىك كۆيۈپ كۈل بولغان، بىرقانچە جىن كۈللەرنى سۈپۈرۈۋاتقانىدى. جىمى تەڭرى ۋە لەشكەرلەرنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۇلار قورققىنىدىن سۈپۈرگىنى تاشلاپ ئىچكىرىگە كىرىپ مەلۇم قىلدى:
− سۇن ۋۇكۇڭ نۇرغۇن تەڭرى لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ ئۆزلىرىنى جەڭگە چاقىرىۋاتىدۇ !
ئالۋاستى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال نەيزىسىنى، ئەڭگۈشتىرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقتى - دە، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتتى:
− ھۇ ئوغرى مۇتتەھەم ! مېنى بۇنچە كەمسىتكۈدەك قانچىلىك ھۈنىرىڭ بار ئىدى سېنىڭ؟ قېنى، ماۋۇنى تېتىپ كۆر !
سۇن ۋۇكۇڭ كالتىكىنى ئېلىپ مەيدانغا چۈشتى، ئىككىسى راسا ئېلىشتى، پەلەك شاھزادىسى ناجا بىلەن ئاگېننىڭ ئاچچىقى قاتتىق كېلىپ ئالتە خىل قورالىنى، ئوت ھايۋانلىرىنى ئالۋاستىغا ئاتتى. ئۇ ياقتا بولسا چاقماق ھەزرەت چاقمىقىنى، پەلەك شاھى شەمشىرىنى ئىشقا سېلىپ ھېچنېمىگە قارىماي جەڭگە ئاتلاندى. ئالۋاستى بولسا سوغۇق ھىجىيىپ قويدى - دە، تۇيدۇرماستىن چاپىنىنىڭ يېڭىدىن ھېلىقى چەمبىرىكىنى ئېلىپ ئاسمانغا ئېتىپ «يىخ !» دەپ ۋارقىرىغانىدى، چەمبىرەك ئالتە خىل قورالنى، ئوت ھايۋانلىرىنى، چاقماق ھەزرەتنىڭ چاقمىقى، پەلەك شاھىنىڭ شەمشىرىنى، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كالتىكىنى بىراقلا يىغىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرى - مالائىكىلەر بىلەن سۇن ۋۇكۇڭ قۇرۇق قول قالدى. ئالۋاستى غەلىبە قۇچتى، ئۇ:
− بۇرادەرلەر، تاش ئەكېلىپ دەرۋازىنى، توپا ئەكېلىپ ئۆيلەرنى ياساڭلار. ئۆيلەرنى يېڭىباشتىن تۈزەشتۈرۈڭلار. ھەممە تەخ بولغاندىن كېيىن تاڭ سەنزاڭ قاتارلىق ئۈچىنى ئۆلتۈرۈپ زىياپەت قىلىمىز. ھەممىڭلار راسا كۆڭلۈڭلارنى ئېچىۋېلىڭلار، − دېدى.
جىنلارنىڭ بۇ بۇيرۇقىنى قانداق بەجا كەلتۈرگەنلىكىنى ھازىرچە سۆزلىمەي تۇرايلى.
ئەلقىسسە، پەلەك شاھى توتالى ھەممەيلەننى يىغىپ تاغ چوققىسىغا ياندى. ئوت تەڭرىسى ئۆپكىسى يوق ناجادىن ئاغرىندى. چاقماق ھەزرەت پەلەك شاھىنى تەڭلىككە قويدى. بىرلا شۈي بو لام - جىم دېمىدى. سۇن ۋۇكۇڭ دەردىنى ئىچىدە بىلىپ:
− خاپا بولۇشمىسىلا. قەدىمدىن تارتىپ «جەڭدە يېڭىش - يېڭىلىش ئادەتتىكى ئىش» دېگەن گەپ بار. خاتىرجەم بولۇشسىلا. مەن بېرىپ ئۇنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ كېلەي، − دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
− سىلى يۇرۇن سۇلتانغا مۇراجىئەت قىلدىلا، جىمى ئالەمنى تەكشۈرتكۈزۈپمۇ بۇ نەرسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىدىلا، ئەمدى ئۇنى يەنە قەيەردىن تەكشۈرىلا؟ − دېدى پەلەك شاھى.
− مېنىڭچە، بۇددا قانۇنىنىڭ چېكى يوق، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ئەمدى مەن ئەرشنىڭ كۈنپېتىشىغا بېرىپ ساكيامونىدىن جىمى ئالەمگە پاراسەت كۆزى بىلەن قاراپ چىقىپ، بۇ مەخلۇقنىڭ قەيەردە ياشايدىغانلىقى، يۇرتىنىڭ قەيەردىلىكى، چەمبىرەكنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى سورايمەن. قانداقلا بولمىسۇن، ئالۋاستىنى قولغا چۈشۈرۈپ كۆپچىلىكنىڭ ئەنتىنى ئالمىساق بولمايدۇ. شۇندىلا ھەممىلىرى خۇشال - خۇرام ھالدا ئەرشكە چىقىپ كېتىشىدىلا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بۇنداق بولىدىغان بولسا ھايالشىمىسىلا، تېز بولسىلا ! ئىتتىك ماڭسىلا، − دېدى كۆپچىلىك.
سۇن ۋۇكۇڭ «خوپ» دېدى - دە، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇدۇل خىسلەتلىك تاغقا باردى. تاغقا يېتىپ كېلىپ تاغ مەنزىرىسىگە كۆز سېلىپ تۇرۇۋىدى، بىرىنىڭ «سۇن ۋۇكۇڭ، قەيەردىن كەلدىڭىز، قەيەرگە بارىسىز؟» دېگىنىنى ئاڭلىدى. ئۇ دەرھال بۇرۇلۇپ قارىغۇدەك بولسا بىكشۇنى تۇرغۇدەك.
− بىر ئىش بىلەن تاتھاگاتونى ئىزدەپ كېلىۋىدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ سالام بېرىپ.
− ئۇنداق بولسا يۈرۈڭ، − دېدى بىكشۇنى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ بىلەن گۆھەرنېشىن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەككىز نەپەر ۋاجرا ھەيۋەت بىلەن تۇراتتى.
− سۇن ۋۇكۇڭ، بىردەم تۇرۇپ تۇرۇڭ. مەن بېرىپ كەلگەنلىكىڭىزنى خەۋەر قىلاي، − دېدى بىكشۇنى.
سۇن ۋۇكۇڭ نائىلاج سىرتتا تۇرۇپ قالدى. بىكشۇنى تاتھاگاتونىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالىقىنىنى جۈپلەپ تۇرۇپ:
− سۇن ۋۇكۇڭ بىر ئىش بىلەن ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كەپتۇ، − دېدى. تاتھاگاتو كىرىشكە ئىجازەت بەردى. ۋاجرالار شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا يول بەردى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئېگىلىپ سالام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن تاتھاگاتو:
− سۇن ۋۇكۇڭ، ئاۋالوكتسۋارادىن ئۇقۇشۇمچە سىز ئازابتىن خالاس بولۇپ، قايتىدىن ئىستىغپار ئېيتىپ، راھىب تاڭ سەنزاڭنى مۇھاپىزەت قىلىپ بۇ يەرگە بۇددا ئەقىدىسىنى ئۆگەنگىلى كېلىۋاتقانىكەنسىز. نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىز يالغۇز كەلدىڭىز، نېمە كېلىشمەسلىك كەلدى سىلەرگە؟ − دېدى.
− داد، تەقسىرىم ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − پېقىر تاڭ دۆلىتىدىكى ئۇستاز بىلەن غەربكە كېتىۋاتاتتىم. جىندۇ تېغىدىكى جىندۇ غارىغا كەلگەندە شې داۋاڭ ئىسىملىك بىر يامان ئالۋاستىغا ئۇچراپ قالدۇق. ئۇ كارامەت يامان نېمە ئىكەن، ئۇستازىم بىلەن باشقا شاگىرتلارنى تۇتۇپ غارىغا ئەكىرىۋالدى. پېقىر ئۇستازىمنى تەلەپ قىلىۋىدىم، ئۇ زادىلا بەرگىلى ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز تۇتۇشۇپ كەتتۇق. ئۇ ئاپئاق بىر چەمبىرىكى بىلەن كالتىكىمنى تارتىۋالدى. مەن ئۇنى ساماۋى ئەختەرلەر ئىچىدىكى زېمىنغا چۈشكەن بىرەرى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ئەرشكە چىقتىم، شۇنچە ئىزدەپ پەقەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن يۇرۇن سۇلتان پەلەك شاھى توتالى ۋە شاھزادە ناجانى ماڭا ياردەمگە بەردى، ئۇ ئالۋاستى يەنە شاھزادىنىڭ ئالتە خىل قورالىنى تارتىۋالدى. ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتسۇن، دەپ ئوت تەڭرىسى ئاگېننى چاقىرىپ كەلسەم، ئالۋاستى ئۇنىڭ ئوت ھايۋانلىرىنى تارتىۋالدى. ئالۋاستىنى سۇغا غەرق قىلىۋەتسۇن دەپ، سۇ تەڭرىسى شۈي بونى چاقىرىپ كەلدىم. ئەمما ئالۋاستىنى سۇغا غەرق قىلالمىدۇق. پېقىر مىڭ تەسلىكتە بىر ئاماللارنى قىلىپ كالتىكىم ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ چىقىپ قايتىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشتىم. ئەپسۇسكى ئۇ يەنە ھەممە نېمىنى تارتىۋالدى. ئۇنى ئەل قىلىشقا چارىسىز قالدىم. شۇڭا تەقسىرىم، ناتىۋان قۇللىرى بىلەن بېرىپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەسلىي زاتى زادى نېمىلىكىنى بىلىپ بەرگەن بولسىلا، شۇندىلا مەن ئۇ مۇناپىقنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالاتتىم، ئۇستازىمنى قۇتۇلدۇرۇپ ساداقىتىمنى بىلدۈرەتتىم. خۇش بولۇپ كېتەي، بىر ياخشىلىق قىلغايلا.
بۇنى ئاڭلىغان تاتھاگاتو ئەقىل كۆزى بىلەن يىراققا نەزەر سېلىپ ھەممىنى بىلىپ بولدى - دە، سۇن ۋۇكۇڭغا:
− ئۇ مەخلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلدىم. ئەمما، سىزگە ئېيتمايمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ كارامىتىم بىلەن ئۇنى تۇتۇشىڭىزغا ھەمدەم بولىمەن، − دېدى. ئاندىن ئون سەككىز نەپەر ئارخاتقا خەزىنىدىن ئون سەككىز تال خاسىيەتلىك قۇم ئېلىپ سۇن ۋۇكۇڭغا ياردەم بېرىشنى بۇيرۇدى.
− خاسىيەتلىك قۇمنى قانداق قىلىدۇ؟ − دەپ سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− سىز غارنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپ ئالۋاستىنى جەڭگە چاقىرىسىز، ئۇ چىققان ھامان ئارخاتلارغا قۇمنى چېچىپ ئۇنى قۇمغا باستۇرۇپ مىدىرلىيالماس قىلىڭلار دەيسىز، ئاندىن پۇخادىن چىققۇچە دۇمبالىۋالىسىز، − دېدى تاتھاگاتو.
− بەللى ! يارايدۇ ! چاپسان ماڭايلى ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
ئارخاتلارمۇ ھايالشىماي خاسىيەتلىك قۇمنى ئېلىپ يولغا چىقتى. سۇن ۋۇكۇڭ تاتھاگاتوغا رەھمەت - ھەشقاللا ئېيتتى، يولدا كېتىۋېتىپ قارىغۇدەك بولسا، ئارخاتلاردىن ئاران ئون ئالتىسى بىللە كېلىۋاتقۇدەك.
− بۇ نېمە قىلىق، بۇددا مېنى ئالداپتۇ ! − دەپ چۇقان كۆتۈردى سۇن ۋۇكۇڭ.
− قانداق ئالداپتۇ؟ − دەپ سورىدى ئارخاتلار.
− بۇددا ماڭا ئون سەككىزىڭلارنى بەرگەنىدى، ئاران ئون ئالتىڭلار تۇرىسىلەرغۇ؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. شۇ ئارىلىقتا جاڭ لۇڭ، فۇخۇ ئىسىملىك ئىككى ئارخات چىقىپ كەلدى:
− سۇن ۋۇكۇڭ، نېمانچە كۆكىرىدىلا؟ بىز ئىككىمىز تاتھاگاتونىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن كېيىن چىقتۇق.
− يالغان ! يالغان گەپ ! ئەگەر مەن چۇقان كۆتۈرمىگەن بولسام سىلەر چىقمايتتىڭلار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. ئارخاتلار قاقاقلاپ كۈلۈشكەن پېتى بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتى.
كۆپ ئۆتمەي ئۇلار جىندۇ تېغىغا كەلدى. پەلەك شاھى ھەممەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلدى.
− گەپنى ئاز قىلىپ دەرھال ئالۋاستىنى چاقىرىڭلار، − دېدى ئارخات.
سۇن ۋۇكۇڭ مۇشتىنى تۈگۈپ غار ئاغزىغا كېلىپ تىل سالدى:
− ھوي باداڭ قورساق مەخلۇق، چىقە بۇ ياققا ! بوۋاڭ بىلەن تۇتۇشۇپ باق !
جىنلار يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى. ئالۋاستىنىڭ جۇدۇنى تۇتتى - دە:
− بۇ ئوغرى يەنە كىمنى باشلاپ كېلىپ يوغان گەپ قىلىۋاتىدىغاندۇ ! − دېدى. ئاندىن ئەڭگۈشتىرى ۋە نەيزىسىنى ئېلىپ جىنلارغا غارنىڭ ئاغزىنى ئاچقۇزۇپ سىرتقا چىقتى - دە، تىللاپ كەتتى:
− ھوي داپ يۈز مايمۇن ! نەچچە رەت تۇمشۇقۇڭغا يېدىڭ، ئەمدى غىت قىسىپ ئولتۇرماي يەنە نېمىدەپ كەلدىڭ؟
− ۋاي پەس چۈپرەندە ! كېلىمەن قانداق؟ يېڭىلگىنىڭگە تەن بەر، مەندىن ئەپۇ سورا، ئۇستازىم بىلەن بۇرادەرلىرىمنى چىقىرىپ بەر، ئاندىن گۇناھىڭدىن ئۆتىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− شەيخلىرىڭنى يۇيۇندۇرۇپ تازىلاپ قويدۇم، ھېلى بېرىپ ئۆلتۈرۈپ يەيمەن. تېخىچە گەپنى يوغان قىلىپ يۈرەمسەن، ماڭە، ئىشىڭنى قىل، − دېدى ئالۋاستى.
«ئۆلتۈرۈپ يەيمەن» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ غەزەپتىن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قۇيغا چېچى تىك تۇردى، مۇشتلىرى تۈگۈلدى. ئۇ تېرە تاراقشىتىشنى قويۇپ چۆرگىلەپ يۈرۈپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئالۋاستىمۇ نەيزىسىنى شىلتىپ جەڭگە ئاتلاندى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇيان قېچىپ، بۇيان چېپىپ ئالۋاستىنى ئايلاندۇردى. ئالۋاستى بۇنىڭ كارامىتىنى ئۇقماستىن جەنۇبقا قاراپ خېلى ماڭدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئارخاتلارغا خاسىيەتلىك قۇمنى چېچىڭلار، دەپ توۋلىدى. شۇئان ئاسماندىن قۇم يېغىپ ئالەم - مالەم بولۇپ كەتتى. ھاۋانى تۇمان، چاڭ - توزان قاپلىدى. يەر - جاھان تۈتەك ئىچىدە قېلىپ قاراڭغۇلاشتى، ھېچنېمىنى پەرق ئەتكىلى بولمىدى. ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقان قۇم - شېغىللاردىن كۆزى قاراڭغۇلاشقان ئالۋاستى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يەرگە چىڭ دەسسىۋالغانىدى، پۇتى ئۈچ گەز چوڭقۇرلۇقتا پېتىپ كەتتى؛ ئۇ كۈچىنىپ پۇتلىرىنى تارتىۋالغانىدى، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ يەنە تۆت گەزچە پېتىپ كەتتى. تىت - تىت بولغان ئالۋاستى دەرھال پۇتىنى تارتىۋېلىپ چەمبىرىكىنى ئالدى - دە، ئاسمانغا ئېتىپ «يىخ !» دەپ ۋارقىرىدى. چەمبىرەك «ۋاش - ۋۇش» قىلىپ ئون سەككىز تال خاسىيەتلىك قۇمنى يىغىۋالدى. ئالۋاستى غەلىبە قىلىپ غارىغا قايتىپ كەلدى.
ئارخاتلار بۇلۇت ئۈستىدە قۇرۇق قول تۇرۇپ قالدى. سۇن ۋۇكۇڭ كېلىپ:
− ئارخاتلار، قۇم چاچمامسىلەر، نېمە بولدۇڭلار؟ − دەپ سورىدى.
− بايا بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ خاسىيەتلىك قۇملار غايىب بولۇپ كەتتى، − دېدى بىر ئارخات.
− ھېلىقى چەمبىرەك يىغىپ كېتىپتۇ - دە ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
− تازىمۇ بىر ئىش بولدى بۇ، ئۇنى قانداقمۇ تۇتارمىز؟ ئەرشكە قايتساق ي-ۇرۇن سۇلتانغا قايسى يۈزىمىز بىلەن قارايمىز؟ − دېدى پەلەك شاھى قاتارلىقلار.
ئارخاتلاردىن جاڭ لۇڭ بىلەن فۇخۇ سۇن ۋۇكۇڭغا:
− سۇن ۋۇكۇڭ، ئىككىمىزنىڭ نېمىشقا ھەممىنىڭ كەينىدىن چىققانلىقىمىزنى بىلمەمدىلا؟ − دېدى.
− پېقىر سىلەرنى كېلىشتىن قېچىۋاتىدۇ، دەپلا ئويلىدىم، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىڭلارنى ئۇقمىدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− تاتھاگاتو ئىككىمىزگە: «ئۇ ئالۋاستى بەكمۇ يامان نېمە، ئەگەر خاسىيەتلىك قۇمنى قولدىن بېرىپ قويغۇدەك بولساڭلار، سۇن ۋۇكۇڭغا ئېيتىڭلار. ئۇ ئالۋاستىنى دۇلۈي قەسرىدىكى ئەرش قەھرى ئەۋلىيا پېشۋاسىدىن سۈرۈشتۈرسۇن، شۇنداق قىلسا ئالۋاستىنى تۇتالايدۇ» دەپ تاپىلىغانىدى، − دېدى ئارخاتلار.
− توۋا ! توۋا قىلدىم ! تاتھاگاتومۇ بۇنى مەندىن سىر تۇتۇپتۇ - دە ! بۇ ئىشنى ماڭا باشتىلا دېگەن بولسا، سىلەرنى مۇنچە يىراققا سۆرەپ نېمە قىلاتتىم، − دېدى بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇن ۋۇكۇڭ.
− تاتھاگاتونىڭ تاپشۇرۇقى شۇنداق بولسا، ھايالشىماي بالدۇرراق يولغا چىقسىلا، − دېدى پەلەك شاھ.
سۇن ۋۇكۇڭ «بولىدۇ» دەپلا بىر موللاق ئېتىپ ئۇدۇل ئەرشنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا باردى. خىسلەتدار قەسىرگىمۇ، قۇتۇپ ئوردىسىغىمۇ كىرمەي، ئۇدۇل ئوتتۇز ئۈچ ئەرش قەھرىدىكى دۇلۈي قەسرى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ ئىشىكتە تۇرغان ئىككى بالا مالائىكىگە ئىسىم - شەرىپىنى مەلۇم قىلماستىن ئۇدۇل ئىچكىرىگە ماڭغانىدى، ئۇلار ئالدىراپ - تېنەپ ئۇنى توسۇۋالدى:
− ئۆزلىرى كىم بولىدىلا، قەيەرگە بارىدىلا؟
− مەن پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم بولىمەن، پېشۋا بوۋاينى ئىزدەپ كەلدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− نېمانداق قوپاللىق قىلىدىلا؟ تۇرۇپ تۇرسىلا، بىز كىرىپ خەۋەر قىلايلى، − دېدى ئۇلار.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇنمۇ؟ ئۇ بىر نەرە تارتىپ ئىچكىرىگە مېڭىۋىدى، تاشقىرىغا چىقىۋاتقان پېشۋاغا ئۇرۇلۇپ كەتتى ۋە دەرھال تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى:
− تەقسىر، كۆرمەي قاپتىمەن.
− ھوي مايمۇن، بۇددا نومىنى ئالغىلى بارماي بۇ يەرگە نېمىدەپ كەلدىڭ؟ − دېدى پېشۋا.
− بۇددا نومىنى ئەكەلگىلى كۈن - كۈنلەپ توختىماي كېتىۋاتاتتىم؛ بەزى توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ قېلىپ ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كەلدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− غەربكە كېتىۋېتىپ توسۇلۇپ قالغان بولساڭ، ئۇنىڭ مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ − دېدى پېشۋا.
− يولغۇ شۇ ياقتا ئىدى، ئەمما توسالغۇ ئىزىنىڭ ئۆزلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− مەن بۇ يەردىن ھېچ يەرگە بارمىسام، قەيەردە ئىز قالدۇرۇپتىمەن؟ − دېدى پېشۋا.
سۇن ۋۇكۇڭ ئىچكىرىگە كىرىپ ئۇيان - بۇياننى دىققەت بىلەن ئىزدىدى. بىرقانچە ئايۋان - سارايلارنى ئارىلىدى. ئۇشتۇمتۇت كالا قوتىنى يېنىدا ئۇخلاۋاتقان بىر بالىغا كۆزى چۈشۈپ قارىغۇدەك بولسا ئېغىلدا قارا كالا يوق ئىدى.
− تەقسىر، قارا كالىنى قاچۇرۇپ قويۇپلا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بۇ ھايۋان قاچان قېچىپ كەتكەندۇ؟ − دەپ چۆچۈپ كەتتى پېشۋا. شۇ ئارىلىقتا بالا ئويغىنىپ قالدى. ئۇ دەرھال تىز چۆكۈپ:
− تەقسىرىم، ئۇخلاپ قاپتىمەن، قاچانلاردا قېچىپ كەتكىنىنى بىلمىدىم، − دېدى.
− سەن ھارامزادە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانىدىڭ؟ − دېدى پېشۋا.
− پېقىر دورىخانىدىن بىر تال دورا تېپىۋېلىپ يەۋالغانىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇخلاپ قاپتىمەن، − دېدى بالا باش ئۇرۇپ.
− بۇ چوقۇم مەن ئۆتكەندە ياسىغان «سېھىر بىھوش» دېگەن دورا. ئۇنىڭ بىر كۇمىلىچى يوقىلىپ كەتكەنىدى. مۇشۇ ھارامزادە يەۋاپتۇ. بۇنى يېگەن ئادەم يەتتە كېچە - كۈندۈز ئۇخلايدۇ. ھېلىقى ھايۋان بولسا سېنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىڭنى كۆرۈپ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ زېمىنغا چۈشۈپ كېتىپتۇ - دە. بۈگۈن ئۇ كەتكەنگە يەتتە كۈن بوپتۇ، − دېدى پېشۋا ھەمدە دەررۇ قايسى ئەڭگۈشتىرى يوقالغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى. تەكشۈرۈپ قارىسا ھەممىسى تەل، بىرلا خاسىيەتلىك «ئالماس بىلەزۈك» يوقالغانلىقى مەلۇم بولدى.
− بۇ ھايۋان مېنىڭ «ئالماس بىلەزۈك»ىمنى ئوغرىلاپ قېچىپتۇ ئەمەسمۇ ! − دېدى پېشۋا.
− ھە، خاسىيەتلىك چەمبىرەك مۇشۇ نېمە ئىكەن ! مەن بىلەن ئېلىشقان نەرسە قارا كالا ئىكەن - دە ! ئۇ كاساپەت زېمىندا زومىگەرلىك قىلىپ، مېنىڭ بىرمۇنچە نەرسىلىرىمنى تارتىۋالدى ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− «ئالماس بىلەزۈك»ىم مېنىڭ كارامىتى تەڭداشسىز بىر قورالىم. ئۇنى مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا تاۋلاپ خاسىيەتلىك قىلغانىدىم. سىزنىڭ ھەر قانداق قورالىڭىز − ئوت، سۇمۇ ئۇنىڭغا يېقىن يولىيالمايدۇ. ناۋادا ئۇ «بانان يەلپۈگۈچ»ىمنى ئوغرىلىۋالغان بولسا، ئۇنىڭغا مەنمۇ چارىسىز قالاتتىم، − دېدى پېشۋا.
سۇن ۋۇكۇڭ خۇشال بولۇپ پېشۋا بىلەن يولغا چىقتى. پېشۋا بانان يەلپۈگۈچنى ئېلىپ بۇلۇتقا ئولتۇردى، ھايال ئۆتمەيلا ئۇدۇل جىندۇشەن تېغىغا كەلدى. ئون سەككىز ئارخات، چاقماق ھەزرەت، سۇ تەڭرىسى، ئوت تەڭرىسى، پەلەك شاھى ۋە شاھزادىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆتكەن ئىشلارنى بىرقۇر بايان قىلغاندىن كېيىن، پېشۋا:
− سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى يەنە ئالداپ غاردىن باشلاپ چىقسۇن، ئۇنىڭ ئەدىپىنى ئۆزۈم بېرەي، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ تاغنىڭ چوققىسىدىن چۈشۈپ يەنە ۋارقىراپ تىل سالدى:
− ھوي باداڭ قورساق ھايۋان ! چىق بۇ ياققا ! جان تەسلىم قىل !
جىنلار يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئالۋاستىغا خەۋەر قىلىشتى، ئالۋاستى:
− بۇ ساراڭ مايمۇنەك يەنە كىمنى باشلاپ كەلگەندۇ؟ − دېدى - دە، نەيزە ۋە خاسىيەتلىك چەمبىرەكنى ئېلىپ تاشقىرىغا چىقتى.
− ھوي ئالۋاستى، بۈگۈن چوقۇم جېنىڭنى ئالىمەن ! قاچما، ئاكاڭ قارىغاينىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ قوي ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋە بىر موللاق ئېتىپ ئالۋاستىنىڭ كاچىتىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى - دە، كەينىگە قارىماي قاچتى. ئالۋاستى نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ قوغلىدى. تاغ چوققىسىدىن:
− ھوي كالا، ئۆيگە كەتمەي قاچانغىچە بۇ يەردە يۈرىسەن؟ − دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئالۋاستى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەرش قەھرى ئەۋلىيا پېشۋاسىنى كۆردى - دە، جان - پېنى چىقىپلا كەتتى: «بۇ مايمۇنەك ئەجەبمۇ يامان نېمىكىنا، ئىگەمنى باشلاپ كېلىش ئۇنىڭ قانداقمۇ خىيالىغا كەلگەندۇ؟»
ئەۋلىيا پېشۋا ئەپسۇن ئوقۇپ يەلپۈگۈچىنى بىر يەلپۈگەنىدى، ھېلىقى مەخلۇق چەمبىرەكنى تاشلىۋەتتى، ئەۋلىيا پېشۋا ئۇنى دەررۇ قولىغا ئېلىۋېلىپ يەلپۈگۈچنى يەنە بىر قېتىم يەلپۈگەنىدى، ھېلىقى مەخلۇق لايدەك يۇمشاپ، ئەسلىي قىياپىتىگە كىردى. ئۇ ئەسلىي قارا كالا ئىدى. پېشۋا «ئالماس بىلەزۈك»نى پۈۋلىگەنىدى، ئۇ بېرىپ كالىنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك بولۇپ سېلىندى. پېشۋا بەلبېغىنى يېشىپ چۈلۈككە ئۆتكۈزۈپ بىر ئۇچىنى تۇتۇۋالدى، ئاندىن تەڭرىلەر بىلەن خوشلاشتى، قارا كالىغا مىنىپ بۇلۇتقا چىقتى - دە، دۇلۈي قەسرىگە قايتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئالۋاستى باغلىنىپ ئەرش قەھرىگە ماڭدى.
سۇن ۋۇكۇڭ تەڭرى، مالائىكىلەر بىلەن غارغا كىرىپ ئۇ يەردىن يۈزچە جىن - ئالۋاستىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، ھەركىم ئۆز قورالىغا ئىگە بولدى. پەلەك شاھى بىلەن شاھزادە ئەرشكە قايتتى، چاقماق ھەزرەت قەسرىگە كىرىپ كەتتى، ئوت تەڭرىسى قەسرىگە راۋان بولدى، سۇ تەڭرىسى دەرياغا، ئارخاتلار غەربتىكى ماكانىغا قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سېڭ، جۇ باجيې، شاسېڭلارنى ئازاد قىلىپ، ئالتۇن توقىنى ئالدى. ئۈچەيلەن سۇن ۋۇكۇڭغا جىق تەشەككۈر ئېيتتى، ئات ۋە يۈك - تاقلىرىنى ئېلىپ غاردىن چىقتى - دە، چوڭ يول بويلاپ يولىغا راۋان بولدى.
ئۇلار كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يول بويىدىن «تاڭ ئەۋلىيا سامغا، پەرھىز تائام يەپ ماڭغايلا» دېگەن بىر ئاۋاز كەلگەنىدى، تاڭ سېڭ چۆچۈپ كەتتى. ئۇلارنى كىمنىڭ چاقىرغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder