قىزىل راۋاقتىكى چۈش - توقسەن ئىككىنچى باب
توقسەن ئىككىنچى باب
«ئاياللار تەزكىرىلىرى» تەقرىز قىلىنغاندا چياۋجيېنىڭ دىيانەتلىك ئاياللارغا ھەۋىسى كەلگەنلىكى
ئانا گۆھەرنىڭ خاسىيىتىنى تاماشا قىلىپ جيا جېڭنىڭ جەملىك بىلەن تەپەررۇقنى ھېس ئەتكەنلىكى
باۋيۈي بامبۇكزار سارايدىن يېنىپ چىقىۋېتىپ، چيۇۋېندىن:
− بەگ ئاتام مېنى نېمىدەپ چاقىرتىپتۇ؟ − دەپ سورىدى.
− چاقىرتمىغان، − دېدى چيۇۋېن كۈلۈپ قويۇپ، − شىرېن ئاچام غوجامنى تەكلىپ قىلىپ كەل، دېگەنىدى، ئۆزلىرىنى كەلمەي قويارمىكىن دەپ، گوللاپ شۇنداق دېدىم.
باۋيۈينىڭ شۇندىلا يۈرىكى ئىزىغا چۈشتى.
− مېنى چاقىرساڭلارمۇ مەيلى، قورقۇتقىنىڭلار نېمىسى؟ − دېدى باۋيۈي، ئاندىن ئارامبەخش ھويلىغا يېنىپ كەلدى.
− شۇ كەمگىچە نەلەردە يۈردىڭىز؟ − دەپ سورىدى شىرېن.
− دەييۈي خان قىزنىڭ قېشىغا بېرىۋىدىم، باۋچەي ئاچام توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن، − دېدى باۋيۈي.
− نېمىلەرنى دېيىشتىڭلار؟ − دەپ سورىدى شىرېن.
باۋيۈي ديانا تەرزىدە دېيىشكەن گەپلىرىنى بىر قۇر دەپ بەردىم.
− سىلەرگە سۆزلەشكۈدەك باشقا پاراڭ تېپىلمىدىمۇ؟ − دېدى شىرېن، − ئادەتتىكى راۋرۇس پاراڭلارنى سېلىشساڭلار ياكى شېئىر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشساڭلارمۇ بولاتتىغۇ؟ نېمىدەپ ديانا توغرىسىدا گەپلەشكەنسىلەر؟ يا سىلەر راھىب بولمىساڭلار.
− سەن بىلمەيسەن، ئۆزىمىزلا بىلىشىدىغان ديانا گەپلىرىمىز بار، ئۇنىڭغا باشقىلار گەپ قىستۇرالمايدۇ.
− سىلەر ديانا قىلىشتۇق دەپ گەپلەرنى ئوڭدا - دۈمدە قىلىۋېتىپ يەنە بىزنى گاڭگىرىتىپ قويامسىلەركىن، − دېدى شىرېن كۈلۈپ.
− بۇرۇن يېشىم كىچىك ئىدى، ئۇمۇ گۆدەكلىك قىلاتتى، شۇڭا بىخەستەلىكتە بەزى گەپلەرنى دەپ تاشلىسام، ئۇ خاپا بولۇپ قالاتتى. ئەمدى مەنمۇ پەخەس قىلىدىغان بولدۇم، ئۇمۇ گەپلىرىمگە خاپا بولۇپ كەتمەيدىغان بولدى. بىراق، يېقىندىن بېرى ئۇ ئانچە كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، شۇڭا تاسادىپىي كۆرۈشۈپ قالساق، ياتسىرىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى.
− ئاشۇنداق بولغىنى ئوبدان، − دېدى شىرېن، − يېشىڭلارمۇ چوڭ بولۇپ قالدى، يەنىلا كىچىك ۋاقتىڭلاردىكىدەك قىلىق قىلىپ يۈرسەڭلار قاملىشامدۇ؟
− بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، − دېدى باۋيۈي بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، − ئۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى. سېنىڭدىن شۇنى سورىماقچىمەن، چوڭ ئانام گەپ ئېيتقۇزۇپ بىر كىمنى ئەۋەتتىمۇ؟
− ياق، ھېچكىم كەلمىدى.
− چوڭ ئانامنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئوخشايدۇ. ئەتە ئون بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىغۇ؟ ھەر يىلى شۇ كۈنى چوڭ ئانامنىڭ ھۇجرىسىدا «قىزىش بەزمىسى» ئۆتكۈزۈش ئادەت بولۇپ قالغان، ھەممەيلەن جەم بولۇپ شاراب ئىچىشىپ، كۈلكە - چاقچاق بىلەن ئولتۇراتتۇق. شۇڭا، بۈگۈن مەكتەپتىن ئەتە بىر كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ قويغانىدىم. شۇ كەمگىچە خەۋەر بولمىسا، ئەتە مەكتەپكە بارسام بولارمۇ، بارمىسام بولارمۇ؟ باراي دېسەم، بىكاردىن - بىكار بىر كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ قويۇپتىمەن، بارماي دېسەم، بەگ ئاتام ئۇقۇپ قالسا، مېنى ھۇرۇنلۇق قىپسەن دەپ يەنە كايىيدۇ، − دېدى باۋيۈي.
− مېنىڭچە، بارغىنىڭىز تۈزۈك، − دېدى شىرېن، − ئوقۇشقا ئەمدىلا بىرئاز كۆڭۈل قويۇۋاتقىنىڭىزدا يەنە بوشاپ قېلىۋاتىسىز. مەسلىھەتىمگە كىرىپ سىزمۇ چىڭراق تۇتۇش قىلسىڭىز بولىدۇ. تۈنۈگۈن ئاغىچا خېنىمنىڭ دېيىشىچە، جيا لەن غوجام بەك ئوبدان ئوقۇۋېتىپتۇ، مەكتەپتىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئۆز ئالدىغا كىتاب ئوقۇپ، ماقالە يازىدىكەن. ھەر كۈنى تۆتىنچى جېسەكتىن كېيىن، ئاندىن ئۇخلايدىكەن. سىز ئۇنىڭدىن خېلىلا چوڭ ھەم ئۇنىڭ تاغىسى، مۇبادا ئۇنىڭغا يېتەلمەي قالسىڭىز، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىممۇ خاپا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئەتە سەھەر تۇرۇپ مەكتەپكە بارغىنىڭىز ياخشى.
− كۈنمۇ شۇنداق سوغۇق، − دەپ سۆز قىستۇردى شېيۆ، − رۇخسەت سوراپ قويۇپ يەنە بارسا، مەكتەپتىكىلەر: ئۇنداق بولغاندىن كېيىن رۇخسەت سورىماسلىق كېرەك ئىدى، دېمەمدۇ. ئاندىن يەنە يالغاندىن رۇخسەت سوراپ ساختىلىق قىلغاندەك بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە، بىر كۈن بولسىمۇ يېيىلىپ ئارام ئېلىۋالسۇن. ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسا، ئۆزىمىز مۇشۇ يەردە بەزمە قىلىۋەرمەيمىزمۇ؟ ئۆزىمىز ئويۇن - تاماشا قىلساق بولمامدىكەن؟
− ھەممە ئىشتا باشلاپ بېرىدىغىنى سەن، − دېدى شىرېن شېيۆگە قاراپ، − بۇنداق دېسەڭ غوجامنىڭ مەكتەپكە تېخىمۇ بارغۇسى كەلمەيدۇ.
− ماڭىچۇ، بىر كۈن بولسىمۇ خۇشال ئۆتكىنىم غەنىيمەت، − دېدى شېيۆ، − سېنىڭدىن ياخشى ئاتاق چىقىرىپ، بىر ئاي ئىشلەپ، ئىككى سەر كۈمۈشنى ئارتۇق نەپ ئېلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.
− ھۇي جۇۋاينىمەك ! خەق توغرا گەپ قىلىۋاتسا، سەن قوپۇپ ئاغزىڭغا كەلگەننى ۋالاقلاۋاتىسىنا ! − دېدى شىرېن بىرنى تۈكۈرۈپ.
− ۋالاقلىغىنىم ئەمەس، سېنىڭ غېمىڭنى يەۋاتىمەن، − دېدى شېيۆ.
− نېمىدەپ مېنىڭ غېمىمنى يەيتتىڭ؟
− غوجام مەكتەپكە كەتكەندە سەن يەنە دومسىيىپ قالىسەن، غوجام پاتراق قايتىپ كەلسىكەن، ئويناپ - كۈلۈشكەن بولساق دەپ كۆزۈڭ تۆت بولۇپ كېتىدۇ. ئەمدى بولغاندا، سۈتتىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق بولۇۋالغىنىڭ نېمىسى؟ مەن بارغۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىمەن، − دېدى شېيۆ.
شىرېن ئۇنى تىللاي دەپ تۇرۇشىغا، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ئەۋەتكەن چۆرە قىز كىرىپ كەلدى.
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم غوجامنى ئەتە مەكتەپكە بارمىسۇن، دەيدۇ. ئەتە ھامما خېنىمنى چىللاپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىكەن، ئەتىمالىم خان قىزلارنىڭ ھەممىسى كەلسە كېرەك. شياڭيۈن خان قىز، شيۇيەن خان قىز، لى جى خان قىزلارمۇ تەكلىپ قىلىندى، ئەتە «قىزىش بەزمىسى» دەمدۇ، شۇنداق بىر بەزمە ئۆتكۈزگۈدەك، − دېدى كەلگەن چۆرە قىز.
− دېمىدىممۇ؟ چوڭ ئانامنىڭ راسا خۇشلۇقى تۇتۇپتۇ ! − دېدى باۋيۈي بايىقى گەپنى ئاڭلا - ئاڭلىمايلا خۇشال بولۇپ، − ئەتە مەكتەپكە بارمايدىغانلىقىم قانۇنلۇق بولدى.
شىرېنمۇ باشقا گەپ قىلالماي قالدى. كەلگەن چۆرە قىز قايتىپ كەتتى.
باۋيۈي بىرنەچچە كۈن كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇغاچقا، بىر كۈن راسا ئوينىۋېلىشقا تاقىلداپ تۇراتتى، يەنە كېلىپ شۆ ھاممىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، باۋچەي ئاچاممۇ چوقۇم كېلىدۇ، دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئىچ - ئىچىگە پاتماي كەتتى.
− قېنى ئەمىسە ياتايلى، ئەتە ئەتىگەن قوپىمىز.
شۇنىڭ بىلەن كېچىچە ھېچ گەپ بولمىدى. دېگەندەك، باۋيۈي ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا كۆرۈنۈش قىلدى، ئاندىن جيا جېڭ بىلەن ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ بۈگۈن مەكتەپكە بارما دېگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ قويدى، جيا جېڭ باشقا گەپ - سۆز قىلمىغاندىن كېيىن، باۋيۈي ئۇ يەردىن ئاستا يېنىپ چىقىپ، قۇيۇندەك ئىتتىك مېڭىپ جيا ئانىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. باشقىلار تېخى كەلمىگەن، پەقەت فېڭجيېنىڭ ئۆيىدىكى ئىنىكئانا چياۋجيېنى ئېلىپ بىرنەچچە چۆرە قىزلارنى كەينىگە سېلىپ، جيا ئانىغا سالام بەرگىلى كەلگەنىكەن.
− ئانام، سەن ئاۋۋال بېرىپ ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا سالام بەرگىن، موماڭغا ھەمراھ بولۇپ يېنىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىن، دەپ مېنى ئەۋەتتى، ئانام بىردەمدىن كېيىن كېلىدۇ، − دېدى چياۋجيېر.
− ئاپپاق قىزىم ! بۈگۈن سەھەر تۇرۇپ كەتكەنىدىم، مۇشۇ كەمگىچە قارىسام ھېچقايسىسى كەلمىدى، ئوتتۇرانچى تاغاڭلا كەلدى، − دېدى جيا ئانا كۈلۈپ.
− خېنىم، تاغىلىرىغا سالام قىلسىلا، − دېدى ئېمىكئانا.
چياۋجيې باۋيۈيگە سالام بەردى، باۋيۈيمۇ ئۇنىڭدىن ئېسەنلىك سوراپ:
− قىزچاق، ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟ − دەپ قويدى.
− ئاخشام ئانام ئوتتۇرانچى تاغاڭغا دەيدىغان گېپىم بار، دېگەن، − دېدى چياۋجيې.
− نېمە گېپى بار ئىكەن؟
− ئانام ماڭا، − دېدى چياۋجيې، − لى ئانىكاڭدىن بىرنەچچە يىل خەت ئۆگەندىڭ، خەتنى ئوقۇيالامسەنكىنتاڭ، دېۋىدى، مەن «ئوقۇيالايمەن، قېنى ئوقۇپ بېرەي، ئاڭلاپ بېقىڭ» دېسەم، قارىسىغا ئوقۇۋاتىسەن دەپ چىنپۈتمىدى. ئەتىدىن كەچكىچە ئويۇندىن باش كۆتۈرمىسەڭ، قانداق ئوقۇيالايتتىڭ، دەيدۇ. مەنچۇ ئۇ خەتلەرغۇ چاغلىق گەپ، «ئاياللار دەستۇرى»نىمۇ قىينالماي ئوقۇيالايمەن. ئانام مېنى گوللاۋاتىسەن دەپ ئىشەنمەي، تاغاڭنىڭ بوش ۋاقتى چىققاندا ئوقۇتۇپ كۆرىمەن، دەۋاتىدۇ.
− جېنىم بالام، ئاناڭ خەت تونۇمىغاچقا، مېنى گوللاۋاتىدۇ، دەپ قالغان ئوخشايدۇ، ئەتە تاغاڭ سېنى ئاناڭغا ئوقۇتۇپ كۆرسەتسە، ئۇ ئاندىن چىنپۈتەر، − دېدى جيا ئانا كۈلۈپ.
− قانچىرەك خەت تونۇدىڭىز؟ − دەپ سورىدى باۋيۈي چياۋجيېدىن.
− ئۈچ مىڭدىن جىقراق. «ئاياللار دەستۇرى»نى ئوقۇپ بولدۇم، يېرىم ئايچە بولدى، «ئاياللار تەزكىرىلىرى»نى ئوقۇپ چىقتىم.
− ئوقۇغاننى چۈشىنەلەمدىكەنسىز؟ چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز سىزگە يېشىپ بېرەي، − دېدى باۋيۈي.
− تاغىسى بولغاندىكىن، جىيەن سىڭلىڭغا ئەلۋەتتە چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭ كېرەك، − دېدى جيا ئانا.
شۇنىڭ بىلەن باۋيۈي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
− ۋېن ۋاڭنىڭ خانىشى توغرىسىدا سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، جىغا - تۈرگۈچلىرىنى ئېلىۋېتىپ جازاغا تارتىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان جياڭ خانىكە ۋە چى پادىشاھلىقىدىكى ئەلنى تىنچلاندۇرغان يەنلىك جۇڭ لىچۈن − خانىكە - خانىشلار ئىچىدىكى دانىشلاردۇر.
− شۇنداق ! − دېدى چياۋجيې ئۇنى ئاڭلاپ.
− قابىللىرىدىن دېسەك، ساۋ تاغاچا، ساھىبى ھەرەم بەن خېنىم، سەي ۋېنجى، شيې داۋيۈەنلەر بار، − دېدى باۋيۈي.
− پەزىلەتلىكلىرىدىنچۇ؟
− چېتىن جىغىلىق، بوز كۆڭلەكلىك مېڭ گۇاڭ، باۋشۇەننىڭ كومزەكتە ئۆزى سۇ توشۇغان خوتۇنى، تاۋكەننىڭ چېچىنى كېسىپ سېتىپ ئەمەلدارنى مېھمان قىلغان ئانىسى، مانا بۇلارنى كەمبەغەلچىلىكنى ھار كۆرمىگەن پەزىلەتلىكلەر دېسە بولىدۇ، − دېدى باۋيۈي.
چياۋجيې مەمنۇن بولۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.
− دەردمەنلىرىمۇ بار، − دېدى باۋيۈي، − نىشان ئۈچۈن ئەينىكىنى ئىككى بۆلەك قىلىۋەتكەن مەلىكە لېچاڭنى، ئىختىباس تەرزىدە كىمخابقا پۈتۈك چەككەن سۇخۇينى دەردمەن ھېسابلىسا بولىدۇ. ۋاپادارلاردىن ئاتىسىنىڭ ئورنىغا چىرىك بولغان مۇلەن، ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ جەسەت ئىزدىگەن ساۋئې قاتارلىقلار بار، بۇلارنى بايان قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.
چياۋجيې بۇلارنى ئاڭلاپ، خۇددى ئويغا چۆمگەندەك شۈككىدە بولۇپ قالدى. باۋيۈي يەنە ساۋ ۋېنشۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەقىدە ساقلاپ بۇرنىنى كېسىۋەتكەن خوتۇنى ۋە ئەرلىرىنىڭ قارىلىقىنى تۇتۇپ مەڭگۈ تۇل ئۆتكەنلەرنى ھەقىقىدە سۆزلەپ بەردى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چياۋجيېنىڭ ئۇ ئاياللارغا ھۆرمىتى تېخىمۇ ئاشتى.
باۋيۈي ئۇنى كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالمىسۇن دەپ:
− گۈزەللەردىن دېسەك، مەسىلەن، ۋاڭ چياۋ، شى زى، فەن شۇ، شياۋ مەن، جياڭ شيەن، ۋېنجۈن، خۇڭفۇلار ئاياللار ئىچىدىكى... − دەپ يەنە گەپ باشلىشىغا، جيا ئانا چياۋجيېنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى:
− ئەمدى بولدى قىل، جىق سۆزلىۋەتسەڭ ئۇ ئېسىدە تۇتالامدۇ ! − دېدى.
− ئوتتۇرانچى تاغامنىڭ ھېلى سۆزلىگەنلىرىدىن بەزىلىرىنى كىتابتىن ئوقۇغان، بەزىلىرىنى ئوقۇمىغانىكەنمەن، ئوقۇغانلىرىمنى سۆزلەپ بېرىۋىدى، تېخىمۇ ئوبدان بىلىۋالدىم، − دېدى چياۋجيې.
− ئوقۇغان خەتلەرنى ئەلۋەتتە بىلىسىز، ئۇنداق بولغاندىكىن يەنە ئوقۇتۇپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز، − دېدى باۋيۈي.
− ئانامنىڭ دېيىشىچە، بىزنىڭ ئۆيدىكى شياۋخۇڭ بۇرۇن ئوتتۇرانچى تاغامنىڭ ھۇجرىسىدىكى قىز ئىكەن، ئانام ئەكېلىۋالغاندىن كېيىن، تېخىچە ئورنىغا كىشى سەپلەپ بەرمەپتۇ. ئانامنىڭ ليۇ ئائىلىسىدىكى ۋۇئېر دەمدۇ، بىرىنى شۇنىڭ ئورنىغا بەرگۈسى بار ئىكەن، تاغام ئالامدىكىن، ئالمامدىكىن ! − دېدى چياۋجيې.
باۋيۈي ئاڭلاپ خۇشاللىقىدا:
− ئانىڭىزنىڭ گېپىنى قاراڭ ! ئورنىغا كىمنىلا بەرسە بولىۋەرمەمدۇ، ئالامدىكىن، ئالمامدىكىن دەپ سورىغىنى نېمىسى ! − دەپ كۈلدى. ئاندىن جيا ئانىغا قاراپ تەبەسسۇم بىلەن، − سىڭلىمنىڭ تەق - تۇرق ھەم زېرەكلىكىدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە فېڭجيې ئاچامدىنمۇ ئېشىپ چۈشەمدىكىن دەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئانىسىدىن ساۋاتلىق، − دېدى.
− قىز بالا دېگەننىڭ ساۋاتلىق بولغىنىمۇ ياخشى. لېكىن، ئاياللار قىلىدىغان يىڭنە ئىشلىرى ھەممىدىن مۇھىم ئىش، − دېدى جيا ئانا.
− ليۇ ئانىكامدىن يىڭنە ئىشلىرىنىمۇ ئۆگىنىۋاتىمەن، گۈل چېكىش، چىلتەكلىك ئىلما تىكىش دەمدۇ، ئاشۇنداق يىڭنە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالمىساممۇ، ئاز - پاز ئۆگەندىم، − دېدى چياۋجيې.
− بىزغۇ ئۇنداق ئىشلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەشكە قاراشلىق خەق ئەمەس، − دېدى جيا ئانا، − شۇنداقتىمۇ، ئانچە - مۇنچە ئۆگىنىپ قويسا، كېيىنكى كۈنلەردە خەقلەرنىڭ ئالدىدا تەڭلىكتە قالىدىغان ئىش بولمايدۇ.
− شۇنداق ! − دېدى چياۋجيې. ئۇ باۋيۈيگە «ئاياللار تەزكىرىلىرى» دىن يەنە سۆزلەپ بېرىڭ دېمەكچى بولۇۋىدى، باۋيۈينىڭ ھاڭۋىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سوراشقا پېتىنالمىدى.
سىزنىڭچە، باۋيۈي نېمە توغرۇلۇق ھاڭۋىقىپ قالغاندۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ليۇ ۋۇئېرنى ئارامبەخش ھويلىغا ئالماقچى بولغاندا، بىرىنچى قېتىم ئۇ ئاغرىپ قېلىپ كىرەلمىگەن؛ ئىككىنچى قېتىم ۋاڭ ئاغىچا خېنىم چىڭۋېننى قوغلىۋەتكەچكە، تەق - تۇرقى كېلىشكەنلەرنى تاللاشتىن ھەزەر ئەيلەپ قالغانىدى. كېيىن چىڭۋېننى يوقلاپ ۋۇگۇينىڭكىگە بارغاندا، ۋۇئېرمۇ ئانىسىغا سوڭدىشىپ چىڭۋېنگە نەرسە - كېرەك ئاپارغانىدى. باۋيۈي ئۇنى شۇ يەردە بىرلا قېتىم كۆرگەن، باۋيۈيگە بەك چىرايلىق، كېلىشكەن قىز بولۇپ تۇيۇلغانىدى. ئەمدى فېڭجيې يادىدا تۇتۇپ، ئۇنى شياۋخۇڭنىڭ ئورنىغا بەرمەكچى بوپتۇ، شۇڭا ئۇ خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا سىغماي، ئەنە شۇنداق خىيالغا چۆمگىنىچە ھاڭۋىقىپ قالغانىدى.
جيا ئانا باشقىلارنى ساقلا - ساقلا شۇ چاغقىچە كەلمىگەندىن كېيىن، چۆرە قىزنى قىچقىرىپ كېلىشكە جورۇغانىدى، لى ۋەن ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى، تەنچۈن، شىچۈن، شى شياڭيۈن، دەييۈيلەر كىرىپ كېلىشتى. ھەممەيلەن جيا ئانىغا سالام بېرىپ بولۇپ، ئۆزئارا كۆرۈشۈشتى. يالغۇز شۆ ھاممىلا كەلمىگەنىدى. جيا ئانا ئۇنىڭغا يەنە ئادەم ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن شۆ ھاممىمۇ باۋچىننى ئېلىپ كەلدى، باۋيۈي تەزىم قىلىپ بولۇپ، شۆ ھاممىدىن تىنچلىق سورىدى، باۋچەي بىلەن شىڭ شيۇيەن ئىككىسىلا كەلمىگەنىدى.
− باۋچەي ئاچام نېمىشقا كەلمىدى؟ − دەپ سورىدى دەييۈي.
شۆ ھامما، ئۇنىڭ تاۋى يوق بولۇپ قالغان، دەپلا قويدى. شىڭ شيۇيەن شۆ ھاممىنىڭ بۇ يەردىلىكىنى بىلىپ كەلمىگەنىدى. باۋچەينىڭ كەلمىگىنىگە باۋيۈينىڭ ئىچى پۇشقانىدى، دەييۈي كەلگەنلىكى ئۈچۈن باۋچەينى ۋاقتىنچە كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي شىڭ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملارمۇ كەلدى. فېڭجيې ئۆزىدىن ئىلگىرى قېيىنئانىلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغىنىم ياخشى بولماپتۇ دېگەن يەرگە كېلىپ: «ئىجازەت سوراپ كېلەي دەپ تۇراتتى، بويى قىزىپ قالدى، سەل تۇرۇپ كېلىدۇ» دەپ ئىجازەت سوراپ قويۇشقا پىڭئېرنى ئەۋەتتى.
− تاۋى بولمىسا كەلمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمدى غىزا تارتىلىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى، − دېدى جيا ئانا.
دېدەكلەر چوغداننى كەينىگىرەك يۆتكەپ، جيا ئانىنىڭ كارىۋىتى ئالدىغا قاتار قىلىپ ئىككى شىرە قويۇشتى، ھەممەيلەن ئۆز رەتلىرى بويىچە ئورۇن ئېلىشتى، غىزادىن كېيىن ئاۋۋالقىدەكلا چوغداننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈشتى.
بۇ ھەقتە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز.
فېڭجيې نېمە سەۋەبتىن كېلەلمىگەندۇ؟ باشتا شىڭ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملارنىڭ كەينىدە قالغانلىقى ئۈچۈن خىجالەت بولۇپ تۇراتتى، ئاڭغىچە ۋاڭئېرنىڭ ئايالى كىرىپ:
− يىڭچۈن خان قىز سىلىدىن ئېسەنلىك سوراپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، كەلگەن كىشى تۆر ئۆيگە بارمىدىم، ئۇدۇل كېلىن ئاغىچىنىڭ قېشىغا كەلدىم دەيدۇ، − دېدى.
فېڭجيې يەنە نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ دىققەت بولۇپ، كەلگەن كىشىنى چاقىرتتى.
− خان قىز ئوبدان ئۆتۈۋاتامدۇ؟ − دەپ سورىدى ئۇ.
− قانداقمۇ ئوبدان ئۆتتى دېگىلى بولغاي ! − دېدى ھېلىقى ئايال، − راستىنى ئېيتسام، پېقىر قۇللىرىنى خان قىز ئەۋەتمىگەن، سىچىنىڭ ئانىسى يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۆزلىرىدىن شۇنى تىلەپ كەلدىم.
− سىچى ئاللىقاچان چىقىپ كەتكەن تۇرسا، مەندىن تىلەيدىغان يەنە نېمە ئىش بولاتتى؟ − دېدى فېڭجيې.
− سىچى چىقىپ كەتكەندىن بېرى، ئەتىدىن كەچكىچە يىغلاپ - قاقشاپ يۈرۈپتىكەن، − دېدى ھېلىقى ئايال، − قايسى كۈنى ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى تۇيۇقسىز كېلىپ قاپتۇ، سىچىنىڭ ئانىسى ئۇنى كۆرۈپلا جۇدۇنى تۇتۇپتۇ - دە، سىچىغا سەن زامىن بولدۇڭ، دەپ ئۇنى كاپلا قىلىپ تۇتۇۋېلىپ ئۇرغىلى قوپۇپتۇ، ھېلىقى يىگىت زۇۋان سۈرەلمەپتۇ. شۇ ئەسنادا سىچى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ - دە، يۈزىنى داپتەك قىلىپ، ئانىسىغا: «مەن مۇشۇنى دەپ ھەيدەلگەن، بۇنىڭ ۋىجدانسىزلىقىدىن مەنمۇ نەپرەتلەنگەن. ئەمدى بۇ ئۆزى كەپتۇ، ئانا، بۇنى ئۇرىمەن دېگۈچە، مېنى بوغۇپلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن !» دەپتۇ. ئانىسى ئۇنى تىللاپ: «ھۇي نومۇسنى بىلمەيدىغان جۇۋاينىمەك ! زادى سەن نېمە قىلماقچىسەن؟» دەپتىكەن، سىچى: «بىر خوتۇنغا بىر ئەر دەپتىكەن، مەن بىردىنلا يولدىن تېيىپ ئۇنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالدىم، مەن ئەمدى ئۇنىڭ ئادىمى، بۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە تەگمەيمەن. نېمىشقا شۇنداق توخۇ يۈرەكلىك قىلغاندۇ دەپ بۇنىڭغا ئوغام قاينىدى ! ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش كېرەك ئىدى، نېمىشقا قېچىپ كېتىدۇ؟ ئۇ ئۆمۈرۋايەت قايتىپ كەلمىگەن بولسا، مەنمۇ ئۆمۈرۋايەت ياتلىق بولمايتتىم. ئانا، مېنى باشقىغا ياتلىق قىلماقچى بولساڭ، ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرەتتىم. ئەمدى ئۇ قايتىپ كەپتۇ، ئۇنىڭدىن سوراپ باق، ئەمدى قانداق قىلماقچىكەن، ئەگەر ئۇ نىيىتىدىن يانمىغان بولسا، ئانا، ساڭا باش قوياي، مېنى ئۆلگەن قاتارغا چىقىرىۋەتكىن. ئۇ نەگە بارسا، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن، ھەتتا تىلەمچىلىك قىلساممۇ رازىمەن» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئانىسى ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك بولۇپ يىغلاپ: «سەن مېنىڭ قىزىم، ئۇنىڭغا بەرمىسەم نېمە قىلالايسەن قېنى» دەپ كايىپتۇ. سىچى دېگەنمۇ راسا ئەخمەق بىرنېمىكەن ! ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا تامغا بىر ئۈسۈپتىكەن، بېشى يېرىلىپ بۇلدۇقلاپ قان چىقىپتۇ - دە، شۇ يەردىلا جان ئۈزۈپتۇ. ئانىسى مىڭ يىغلىغىنى بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەي، ئاخىر ھېلىقى يىگىتكە خۇن تۆلەيسەن دەپ ئېسىلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسىمۇ ئاجايىپ بىر نەرسىكەن، ئۇ: «ئۆزلىرىنى بېسىۋالسىلا، مەن ياقا يۇرتلاردا يۈرۈپ مال - دۇنيالىق بولدۇم، ئۇنى سېغىنىپ قايتىپ كەلگىنىمنىڭ ئۆزىمۇ نىيىتىمنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چىنپۈتمىسىلە مانا بۇنى كۆرۈپ باقسىلا !» دەپ قوينىدىن بىر قۇتا ئالتۇن - مەرۋايىت جابدۇقلارنى چىقىرىپتۇ. بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئۇ موماينىڭ دىلى يۇمشاپ: «كۆڭلۈڭ بار تۇرۇقلۇق نېمىشقا زۇۋان سۈرمىدىڭ؟» دەپتىكەن، ئۇ بالا: «خوتۇن خەقنىڭ كۆڭلى ئوڭاي ئېرىپ كېتىدۇ، پۇلۇم بار دەيدىغان بولساملا، ئۇ پۇلۇمنى كۆزلىگەن بولاتتى. ئەمدى بىلدىمكى، بۇ ئادەمگەرچىلىكتە تېپىلغۇسىز قىز ئىكەن، مەن بۇ ئالتۇن - جابدۇقلارنى سىلەرگە بېرەي، ئۆزۈم بېرىپ مېيىت ساندۇقى ئەكېلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى كاتتا ئۇزىتاي» دەپتۇ. سىچىنىڭ ئانىسى ھېلىقى نەرسىلەرنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، قىزى بىلەنمۇ كارى بولماي جىيەنىنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا، جىيەنى ئىككى مېيىت ساندۇقىنى كۆتۈرتكۈزۈپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرۈپ سىچىنىڭ ئانىسى ھەيران بوپتۇ ۋە «نېمىشقا ئىككى مېيىت ساندۇقى ئالدىڭ؟» دەپ سوراپتىكەن، جىيەنى «بىرىگە سىغمايدۇ، ئىككى بولغىنى ياخشى» دەپ كۈلۈپ قويۇپتۇ. سىچىنىڭ ئانىسى جىيەنىنىڭ كۆز يېشى قىلماي تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئىچ ئاغرىقىدا ئېسىنى يېگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. لېكىن، جىيەنى سىچىنىڭ جەسىتىنى ئالمان - تالمان ساندۇققا سېلىپ، يىغلاپمۇ قويماپتۇ. موماينىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپلا، يېنىدىن قەلەمتىرىچىنى چىقىرىپ، بوينىغا شارتلا سۈرۈپ ئۆلۈۋاپتۇ. سىچىنىڭ ئانىسى پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي، يىغلاپ تېلىقىپ ئۆلەيلا دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، يامۇلغا مەلۇم قىلماقچى بوپتۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ھودۇقۇپ قېلىپ، مېنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىغا چۈشۈپ، بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇشلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ ئەۋەتكەن. كېيىن ئۇ ئۆزى كېلىپ ئۆزلىرىگە باش قويماقچى.
− توۋا ! مۇنداق ئەخمەق قىزمۇ بولىدىكىنا ! يەنە كېلىپ، ئاشۇنداق ھاماقەت يىگىتكە دۇچ كېلىپ قالغىنىنى قارا ئۇنىڭ ! − دېدى بۇنى ئاڭلىغان فېڭجيې ھەيران بولۇپ، − شۇڭىزە، قايسى كۈنىدىكى تىنتىشتا ئۇنىڭدىن ھېلىقى نەرسىلەر تېپىلغاندا ھېچنېمىدىن غەم تارتماي تۇرۇپتىكەن - دە. ئەجەبمۇ تەرسا قىزكىنا ! توغرىسىنى ئېيتسام، مۇنداق يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلاشقۇدەك چولاممۇ يوق ئىدى، بىراق بايا ئېيتقانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بوپتۇ، بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭ، ئوتتۇرانچى بېگىڭىزگە ئېيتاي، ئۇ ۋاڭئېرنى ئەۋەتىپ، بۇ ئىشىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ قويسۇن.
فېڭجيې ئۇ ئايالنى يولغا سېلىۋېتىپ، ئاندىن جيا ئانا تەرەپكە ئۆتتى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالغاي.
ئەمدى جيا جېڭغا كەلسەك، شۇ كۈنى ئۇ جەن گۇاڭ بىلەن قورشام دامكا ئويناپ ئولتۇراتتى، بۇ قېتىملىق ئويۇندا يېڭىش - يېڭىلىش بىر تەرەپ بولاي دەپ قالغانىدى، پەقەت بىر بۇلۇڭنى تالىشىپ، نېرى - بېرى بولالماي تۇراتتى، دەرۋازىدىكى مۇلازىم بالا كىرىپ:
− فېڭ بېگىم ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتۇ، − دەپ مەلۇم قىلدى.
− باشلاپ كىر ! − دېدى جيا جېڭ.
مۇلازىم چىقىپ فېڭ بېگىمنى ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلدى. فېڭ زىيىڭ بوسۇغىغا كېلىشى بىلەنلا جيا جېڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى. فېڭ زىيىڭ كىرىپ كۇتۇپخانىدا ئولتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قورشام دامكا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
− ئويناۋېرىشسىلە، مەن كۆرۈپ ئولتۇراي، − دېدى.
− كەمىنىلىرىنىڭ دامكا ئويۇنىنىڭ كۆرگۈچىلىكى يوق، − دەپ كۈلدى جەن گۇاڭ.
− يوقسۇ، ئۇنداق بولامدىغان، ئويناۋەرسىلە ! − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− بىرەر ئىشلىرى بارمىدى؟ − دەپ سورىدى جيا جېڭ.
− يوقسۇ، ھېچ ئىش يوق، مويسىپىت تاغىمىز ئويۇننى داۋام قىلدۇرىۋەرسىلە، مەنمۇ بىرنەچچە يۈرۈشنى ئۆگىنىۋالاي، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− فېڭ بېگىم بىلەن بىز ناھايىتى يېقىن ئۆتىمىز، − دېدى جيا جېڭ جەن گۇاڭغا قاراپ، − باشقا ئىش بولمىسا، مۇشۇ قولنى ئوينىۋېتىپ، ئاندىن پاراڭلىشايلى، فېڭ بېگىم يېنىمىزدا كۆرگەچ ئولتۇرغاي.
− دو تىكتىلىمۇ؟ − دەپ سورىدى فېڭ زىيىڭ.
− ھەئە، تىكتۇق، − دېدى جەن گۇاڭ.
− دو تىكىشكەن بولسىلا، ئارىلىشىشقا بولمايدىكەن ئەمىسە ! − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− ئارىلاشسىلىمۇ ھېچقىسى يوق، − دېدى جيا جېڭ، − ئۇ بەرىبىر ئون نەچچە سەر كۈمۈش ئۇتتۇرۇۋەتسىمۇ بەرىبىر بەرمەيدۇ، ئاخىرىدا پالىسىغا بىزنى مېھمان قىلسىلا بولدى.
− بۇ بولىدىغان گەپ، − دەپ كۈلدى جەن گۇاڭ.
− تاغا، جەن گۇاڭ ھەزرىتىم بىلەن تەڭ چىقىۋاتاملا؟ − دەپ سورىدى فېڭ زىيىڭ.
− دەسلەپتە تەڭ كېلىۋاتاتتۇق، − دېدى جيا جېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، − كېيىن ئۇ يېڭىلىپ قالدى، بۇ قېتىم ئىككى ئۇرۇق يۈرۈۋېلىشقا ئۆتۈنسەممۇ يەنە ئۇتتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ، مېڭىپ بولۇپ پات - پات يېنىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇنىمىسام جىلە بولىدۇ.
− ئۇنداق ئىش يوق ! − دېدى جەن گۇاڭمۇ كۈلۈپ.
− قېنى كۆرۈپ باقايلى ئەمىسە، دېدى جيا جېڭ.
ئۇلار كۈلكە - چاقچاق بىلەن دامكىنى ئاياغلاشتۇردى. بىر چاغدا دامكىنى يىغىشتۇرۇپ جەن گۇاڭ ئۇرۇقلىرىنى سانىۋىدى، يەتتە ئۇرۇق ئۇتتۇرۇپتۇ.
− بۇدوقى ئويۇندا ھەمىشە قورشامدا قېلىپ زىيان تارتتىلا، تاغامنىڭ قورشامدا قالغان ئۇرۇقلىرى ئاز بولغاچقا ھايان ئالدى، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− بىئەدەپلىك قىلىپ قويدۇق، ئەمدى پاراڭلىشايلى، − دېدى جيا جېڭ فېڭ زىيىڭغا.
− كەمىنە جىيەنلىرى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگە ئۇزاق بولدى، شۇڭا ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھەم ئۆزلىرىنى بىر ئىشتىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كېلىۋىدىم: گۇاڭشىنىڭ ۋالىيسى كۆرۈشۈشكە كەپتىكەن، ئۇ ئوردىغا سوۋغات قىلىشقا يارىغۇدەك تۆت خىل چەت ئەل مېلى ئالغاچ كەپتۇ. ئۇنىڭ بىرسى يىگىرمە تۆت قاناتلىق شىرمەل بولۇپ، تامامەن سەندەل ياغىچىدا نەقىشلەنگەنىكەن، ئوتتۇرىسىغا قاشتاش بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئەڭ ئېسىل شېشە تاش ئورنىتىلغان، تاغ - سۇ مەنزىرىلىرى، ئادەم، راۋاق، گۈل - گىياھ، ئۇچار قاناتلار ئويۇلغانىكەن. بىر قانىتىغا ھەرەم كېنىزەكلىرىدەك ياسالغان ئەللىك - ئاتمىش قىزنىڭ سۈرىتى ئويۇپ چۈشۈرۈلۈپتۇ. بۇ شىرمەلنىڭ نامى «خەن ئوردىسىدا باھار سۈبھى» ئىكەن. ئادەملەرنىڭ قاش - كۆز، ئېغىز، بۇرۇن ۋە قول ھەرىكەتلىرى، كىيىم - كېچەكلىرىدىكى پۈرمىلىرى ناھايىتىمۇ ئېنىق، نەپىس ئىشلىنىپتۇ. زىننەت ئۈچۈن قويۇپ قويسا بەك يارىشىدىكەن. مېنىڭچە، بۇ قەسىر شەرىپىلىرىدىكى نەزەرباغنىڭ مېھمانخانىسىغا راسا لايىق كېلىدۇ. يەنە بىر دانە سائەتمۇ بار، بويى ئۈچ چىدىن ئاشىدۇ، بىر بالا قورچاقنىڭ قولىدىكى ۋاقىت كۆرسەتكۈچ قايسى چاغ بولسا شۇ ۋاقىتنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدىكەن. ئىچىدە تېخى ئون قېتىم جاڭ سوقىدىغان خەۋەرچىسىمۇ بار ئىكەن. بۇ ئىككى نەرسە يوغان ھەم ئېغىر بولغاچقا ئېلىپ كېلەلمىدىم. بۈگۈن ئالغاچ كەلگەن مۇنۇ ئىككى نەرسىمۇ خېلى قىزىقارلىق نەرسىلەر ئىكەن، − فېڭ زىيىڭ شۇنداق دەپ يېنىدىن كىمخاب بىلەن تاشلانغان قۇتىنى ئالدى، ئۇ ئاق دارايى بىلەن قاتمۇقات ئورالغانىدى. مەشۇت بوغقۇچىنى يېشىۋىدى، ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن شېشە قۇتا چىقتى، قۇتىدا ئالتۇن پايە بولۇپ، قىزىل دۇردۇندىن قىلىنغان تەگلىكتە كۇۋاك چوڭلۇقىدا بىر دانە گۆھەر تۇراتتى، چاقناپ كۆزنى قاماشتۇراتتى.
− ئاڭلىشىمچە، بۇ «ئانا گۆھەر» دېيىلىدىكەن، − دېدى فېڭ زىيىڭ، ئاندىن، − پەتنۇس ئەكېلىشسىلە، − دەپ جورۇدى.
جەن گۇاڭ دەررۇ قارا سىرلانغان خونچىنى ئېلىپ:
− مۇنۇ بولامدۇ؟ − دەپ سورىدى.
− بولىدۇ، − دەپ فېڭ زىيىڭ قوينىدىن ئاق شايە تۈگۈنچەكنى چىقىرىپ، ئاندىن تۈگۈنچەكتىكى مەرۋايىتلارنى خونچىغا تۆكتى، ئاندىن ئانا گۆھەرنى خونچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، خونچىنى شىرەگە ئالدى. ئۇششاق مەرۋايىتلار دومىلاپ - دومىلاپ گۆھەرنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. گۆھەرنى كۆتۈرۈۋىدى، ئۇششاق مەرۋايىتلارنىڭ بىرىمۇ قالماي گۆھەرگە چاپلىشىۋالدى.
− ئاجايىپ ئىكەن - ھە ! − دېدى جەن گۇاڭ ھەيران بولۇپ.
− بۇ ئاجايىبكىنا! ئەسلىدە ئۇ مەرۋايىتلارنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ئۇنى «ئانا گۆھەر» دەيدۇ، − دېدى جيا جېڭ.
− ھېلىقى قۇتا قېنى؟ − دېدى فېڭ زىيىڭ قايرىلىپ، ئۆزىگە سوڭدىشىپ كەلگەم مۇلازىم بالىغا.
مۇلازىم بالا نەشپۈت ياغىچىدا ئىشلەنگەن گۈللۈك قۇتىنى دەررۇ سۇنۇپ بەردى. قۇتىنى ئېچىۋىدى، قۇتا تاغىل كىمخابتىن ئەستەرلەنگەن بولۇپ، ئىچىگە قاتلاقلىق كۆك شايى سېلىنغانىكەن.
− بۇ نېمە؟ − دەپ سورىدى جەن گۇاڭ.
− «بۇنى لەھەڭ شايە كېشىك» دەيدۇ، − دەپ جاۋاب بەردى فېڭ زىيىڭ.
شايىنى قۇتىدىن ئالغانىدى، ئىچىدىن بويى بەش سۇڭمۇ كەلمەيدىغان، قېلىنلىقى يېرىم سۇڭچە قىلىپ قاتلانغان بىر نەرسە چىقتى. فېڭ زىيىڭ ئۇنى بىر قەۋەتتىن - بىر قەۋەتتىن چۇۋۇۋىدى، ئون نەچچە قەۋەتنى چۇۋۇغاندا شىرەگە سىغماي قالدى.
قارىسىلا، ئىچىدە يەنە ئىككى قاتلاق بار، بۇنى ئېگىز ئۆيگە چىقىپ چۇۋۇساق ئاندىن بويلايدۇ. بۇ لەھەڭ مەشۇتىدىن توقۇلغان. تومۇز كۈنلىرى سارايغا تارتىپ قويۇلسا چىۋىن، پاشىلار كىرەلمەيدۇ، ئۆزى يەڭگىل ھەم يورۇق، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− ھەممىنى چۇۋۇۋەتمەڭ، − دېدى جيا جېڭ، − تەخلەشتە ئاۋارىچىلىك بولىدۇ.
جەن گۇاڭ بىلەن فېڭ زىيىڭ ئۇنى ئۆز ئەينى بويىچە قاتلاپ يىغىشتۇرۇپ قويدى.
− بۇ تۆت نەرسىنىڭ باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس، − دېدى فېڭ زىيىڭ، − ئىككى تۈمەن سەر كۈمۈشكىلا بېرىدۇ. ئانا گۆھەر بىر تۈمەن سەر، لەھەڭ شايى كېشىك بەش مىڭ سەر، «خەن ئوردىسىدا باھار سۈبھى» بىلەن كاككۇك سائەت بەش مىڭ سەر.
− بۇنى سېتىۋالغۇچىلىكىمىز يوق، − دېدى جيا جېڭ.
− ھەربىرلىرى بولسا سەلتەنەت تۇغقانلىرى، بۇ نەرسىلەر ئوردىغا لازىم ئەمەسمىدۇ؟ − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− لازىم نەرسىلەرغۇ ناھايىتى كۆپ، شۇغىنىسى بىزدە ئۇنچىلىك كۈمۈش نېمە قىلسۇن، − دېدى جيا جېڭ، − خوپ، بۇنى ئىچكىرىگە كىرگۈزۈپ بېرەي، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم كۆرۈپ باقسۇن.
− ئوبدان، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
جيا جېڭ جيا ليەننى چاقىرتىپ، بۇ ئىككى نەرسىنى ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا كىرگۈزۈپ بەردى. جيا ئانىنىڭ ئۆيىگە شىڭ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملار، فېڭجيې تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار بۇ ئىككى نەرسىنى بىر - بىردىن كۆرۈپ چىقتى.
− ئۇنىڭدا يەنە ئىككى نەرسە بار ئىكەن، − دېدى جيا ليەن، − بىرسى شىرمەل، بىرسى نەغمىلىك سائەت، ھەننىۋاسىنى قوشۇپ ئىككى تۈمەن سەر كۈمۈشكە ساتماقچىكەن.
− دەرۋەقە ئېسىل نەرسىلەر ئىكەن، − دېدى فېڭجيې جيا ليەننىڭ گېپىگە ئۇلاپلا، − لېكىن، بىزدە ئۇنچىلىك بىكار پۇل نېمە قىلسۇن؟ بىز ياقا ۋىلايەتلەردە خانلىق سوۋغات ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان مۇراقىپ ئەمەس. مەن خېلى يىللاردىن بېرى مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاپ كېلىۋاتىمەن، بىزدەك ئائىلە ئۈچۈن، خەيرىيەتلىك زېمىن، ئاندىن ئەۋلادىي ۋەخپە، مازارلىق ئۆي - ئىمارەت دېگەندەك بىرئاز كۆچمەس مۈلۈك قىلىپ قويغان ياخشى ئىكەن. شۇنداق قىلساق، كېيىنكى كۈنلەردە بالىۋاقىلىرىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلارغا ئانچە - مۇنچە مەدەت بولىدۇ، بىر يولىلا يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كەتمەيدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئەنە شۇ، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، ئۇلۇغ بېگىملەر، ئاغىچا خېنىملار نېمە دەيدىكىن؟ بۇ نەرسىلەرنى بېگىملەر ئالىمىز دېسە ئېلىۋەرگەي.
− بۇ جايىدا گەپ بولدى، − دېيىشتى جيا ئانا ۋە باشقىلار.
− ئۇنداق بولسا ياندۇرۇۋېتەيلى، − دېدى جيا ليەن، − بېگىم ئوردىغا سوۋغات قىلىپ كىرگۈزۈپ بېرىشكە لازىم بولۇپ قالارمىكىن دېگەن ئويدا مېنى ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا كۆرسىتىپ باق دەپ جورۇغانىدى. كىم بۇنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە تىزىپ قويىدۇ دەيلا؟ ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ئېغىز ئاچقۇچە، سەن خەقنىڭ رايىنى ياندۇرۇپ بىر تاغار گەپ قىلىپ كەتتىڭ.
شۇنىڭ بىلەن جيا ليەن بۇ نەرسىلەرنى ئاچىقىپ كېتىپ جيا جېڭغا:
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا لازىم ئەمەس ئىكەن، − دەپ مەلۇم قىلدى. ئارقىدىن فېڭ زىيىڭغا، − بۇغۇ باھاسىز ئېسىل نەرسىلەر ئىكەن، بىراق قولىمىز قىسقىلىق قىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراي، خېرىدار چىقىپ قالغۇدەك بولسا، سىزگە ئۇچۇرىنى بېرەي، − دېدى.
فېڭ زىيىڭ ئۇ نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردى، ئاندىن زېرىككەندەك بولۇپ ئورنىدىن قوزغالدى.
− كەچلىك غىزانى مۇشۇ يەردە يېسىلە، − دېدى جيا جېڭ.
− رەھمەت، ھەر كەلگىنىمدە سىلىگە مالاللىق سېلىۋېرىمەنمۇ؟ − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− ئۇنداق گەپنى قويسىلا ! − دېدى جيا جېڭ.
گەپ ئۈستىگە بىرسى كىرىپ، چوڭ بېگىم كەلدى دەپ خەۋەر قىلدى، ئاڭغىچە جيا شې ئۆزى كىرىپ كەلدى، ئۇلار سالاملىشىپ، ئېسەنلىك سوراشتى.
شۇ ئەسنادا مەي - شاراب كەلتۈرۈلدى، نازۇنېمەتلەر تىزىلدى، شاراب ئىچىلىپ تۆت - بەش ئايلانغاندىن كېيىن، پەرەڭ مېلى ئۈستىدە گەپ باشلاندى.
− بۇغۇ ئەسلىدە كاسات مال. پەقەت ھەربىرلىرىدەك ئەزىز خانىداننىڭلا بۇنى ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ، باشقىلارنىڭ ئېلىشى تەس، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− ئۇنداق ئەمەستۇ، − دېدى جيا جېڭ.
− بۇرۇنقى ئەھۋالىمىز ھازىر يوق. بۇ كۈنلەردە قۇرۇق سۆلىتىمىزلا قالدى، − دېدى جيا شې.
− شەرقىي قەسىردىكى جېن بېگىمنىڭ ھال - ئەھۋالى ياخشىدۇ؟ − دەپ سورىدى فېڭ زىيىڭ يەنە، − قايسى كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ بىرئاز پاراڭلىشىپ قالدۇق، ئۇ بەگزادىسىنىڭ ھازىر ئالغان ئاغىچىسىنىڭ ئىلگىرىكى چىڭ ئاغىچىسىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھازىرقى كېلىنى قايسى جەمەتتىن ئىكەن؟ بۇنى مەنمۇ سورىماپتىمەن.
− جىيەن نەۋرە كېلىنىمىزمۇ مۇشۇ يەرلىك چوڭ جەمەتتىن، پايتەختكە يېقىن يەردە ۋالىي بولغان خۇ بېگىمنىڭ قىزى بولىدۇ، − دېدى جيا جېڭ.
ۋالىي خۇ بېگىمنىغۇ تونۇيمەن، بىراق ئۇنىڭ ئائىلىسى مەرىپەت جەھەتتىن ئانچە ئەمەس ئىدى. بۇمۇغۇ مەيلى، قىز بالا ياخشى بولسىلا بولاتتىغۇ، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− ئىچكى دىۋاندىكىلەرنىڭ گېپىگە قارىغاندا، جيا يۈيسۇن يەنە كۆتۈرۈلىدىغان ئوخشايدۇ، − دېدى جيا ليەن.
− شۇنداق بولسىغۇ ئوبدان بولاتتى، − دېدى جيا جېڭ، − راست شۇنداقمىدۇ؟
− شۇنداقراق بولسا كېرەك، − دېدى جيا ليەن.
− بۈگۈن مەنسەپدارلىق دىۋانىغا بارغىنىمدا، مەنمۇ ئاشۇنداق گەپلەرنى ئىشىتكەنىدىم. يۈيسۇن جانابلىرى ھەربىرلىرى بىلەن بىر جەمەتتىن بولامدۇ؟ − دەپ سورىدى فېڭ زىيىڭ.
− شۇنداق، − دېدى جيا جېڭ.
− يېقىن تۇغقانلاردىنمۇ ياكى شىرەم تۇغقانلاردىنمۇ؟ − دەپ سورىدى فېڭ زىيىڭ يەنە.
− بۇنى دەپ كەلسەك گەپ ئۇزۇن، − دېدى جيا جېڭ، − ئۇ ئەسلىدە جېجياڭنىڭ خۇجۇ ۋىلايىتىدىن، سەرسان بولۇپ سۇجۇغا كېلىپ تۇرۇپ قاپتىكەن، ئۇ يەر ھېچ دىتىغا ياقماپتۇ. جىن شىيىن دېگەن بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ قېلىپ، دائىم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغانىكەن. كېيىن ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ جىنشېلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئەلام بويىچە ئامباللىققا مۇشەررەپ بوپتۇ، ئاندىن جىن ئائىلىسىنىڭ دېدىكىگە ئۆيلىنىپتۇ. ھازىرقى ئاغىچىسى رەسمىي چوڭ خېنىم ئەمەس. شۇ ئارىدا جىن شىيىن خانىۋەيران بولۇپ ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىپتۇ. كېيىن يۈيسۇن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمايتتۇق، سىڭلىمىزنىڭ كۈيۈسى لىن رۇخەي غوجام ياڭجۇ ۋىلايىتىدە تۇز مۇپەتتىشى بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇنى ئائىلىۋى خەلپەتلىككە ئالغانىكەن، شۇڭا جىيەن قىزىمىز ئۇنىڭ تالىبەسى بولىدۇ. كېيىن ئۇ مەنسىپى ئەسلىگە كېلىدىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ پايتەختكە كەلمەكچى بولىدۇ. دەل شۇكەمدە جىيەن قىزىمىزمۇ بىزنى يوقلاپ پايتەختكە ماڭماقچى بولۇپ تۇرۇپتىكەن. كۈيۈئوغلىمىز لىن رۇخەي بېگىم قىزىدىن سەپەر ئۈستىدە خەۋەر ئېلىپ قويۇشنى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا يار - يۆلەك بولۇشۇمنى ئۆتۈنۈپ پېقىرغا بىر پارچە تەۋسىيە خېتىمۇ يېزىپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇياق ماڭا يامان ئەمەس ئادەمدەك كۆرۈندى، دائىم باردى - كەلدى قىلىشىپ تۇردۇق. جيا يۈيسۇنگە ھەيران بولغان يېرىم شۇكى، ئۇ ئاتا مىراس مەنسەپ ۋارىسلىرى بولغان «دەي» ئىسىملىك ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ، نىڭگو - رۇڭگو ئىككى خانىداننىڭ جان سانى، ئۆي - ئىمارەتلىرى، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە مەئىشەتلىرىنى ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە تولۇق بىلىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ماڭا بارغانسېرى يېقىپ قالدى، − ئاندىن جيا جېڭ كۈلۈپ قويۇپ شۇنداق دېدى، − بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا ئۇ يول تېپىپ، ۋالىيلىقتىن ئۆسۈپ دىۋان مىرزىبېگى بولۇپ كۆتۈرۈلدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا مەنسەپدارلىق دىۋانىنىڭ چۆپدار بېگى، ئەسكىرىي دىۋانبېگى بولۇپ كۆتۈرۈلدى. كېيىن بىر پېشكەللىككە ئۇچراپ، ئۈچ دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن، مانا ئەمدى يەنە كۆتۈرۈلىدىغان بوپتۇ.
− ئىنساننىڭ گۈللەپ - ياشنىشى ياكى ۋەيران بولۇپ غۇربەتتە قېلىشىنى، مەنسەپدارلىق بابىدا مۇشەررەپ بولۇش ياكى مەھرۇم بولۇشىنى ئالدىن بىلىش تەس ! − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− جاھاندا ھەممە ئىشنىڭ يولى بىر بولىدۇ - دە، − دېدى جيا جېڭ، − مەسىلەن، بايىقى مەرۋايىتلارنى ئالايلى، ھېلىقى يوغىنى خۇددى ئامەتلىك ئادەمدەك، ئۇششاقلىرى بولسا ئۇنىڭ خاسىيىتى شاراپىتىدىن ئۇنى ئۆزلىرىگە پاناھ قىلغاندەك، مۇبادا يوغىنى بولمىسا ئۇششاقلىرى باشپاناھسىز قالىدىغاندەك تۇرۇپتۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر جەمەتنىڭ ئاقساقىلى پېشكەللىككە ئۇچرىسا، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىمۇ سەرسان بولىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىمۇ غۇربەتچىلىك باسىدۇ، قەدىناس دوست - يارەنلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ. دېمەك، گۈللەپ - ياشناش مەزگىلى ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىپ، شان - شەۋكىتى تۈگەپ سۇلىشىپ غۇربەتكە ئۇچراش بەئەينى باھار بۇلۇتلىرى بىلەن كۈز ياپراقلىرىغا ئوخشايدۇ. ئويلاپ كۆرسىلە، مەنسەپدار بولغاننىڭ نېمە مەززىسى بولسۇن؟ جيا يۈيسۇننى ئىشى ئوڭدىن كەپتۇ دېسە بولىدۇ. ئەمدى بىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان جەمەتلەر، مەسىلەن، جېن جەمەتىنى دەيلى، بۇرۇن ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا خىزمەت كۆرسەتكەن، ئاتا مىراس مەنسەپكە ئىگە بولغان، تۇرمۇش مەئىشەتلىرىمۇ بىزگە ئوخشاش ئىدى، ئۇلار بىلەن ھەمىشە باردى - كەلدى قىلىشىپ تۇراتتۇق. بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرىلا ئۇلار پايتەختكە كەلگەنلىرىدە ئېسەنلىك سوراپ بىزنىڭكىگە ئادەم ئەۋەتىپ تۇراتتى. ئۇ چاغلاردا شۇنچە كۆڭۈللۈك ئىدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ يۇرتىدىكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، تا بۈگۈنگىچە ئۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەر يوق. بۇ ئاي - بۇ كۈنلەردە ھال - ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدۇق. ھازىر مېنىڭ غېمىم شۇلاردىلا قالدى.
− قانداق مەرۋايىت ئىكەن ئۇ؟ − دەپ سورىدى جيا شې.
جيا جېڭ بىلەن فېڭ زىيىڭ مەرۋايىت توغرۇلۇق ئۇنىڭغا بىر قۇر سۆزلەپ بەردى.
− بىزنىڭ ئائىلىمىزدە ئەمدى پېشكەللىك يوق، − دېدى جيا شې.
− دەرھەقىقەت، خانىدانلىرى ئۈچۈن ئەندىشە يوق، − دېدى فېڭ زىيىڭ، − چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئوردىدا ئەزىز خانىش غەمخورلۇق قىلىپ تۇرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئوبدان قەدىناس يارەنلىرى بار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كۆپ؛ ئۈچىنچىدىن، خانىدانلىرىدا ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمدىن تارتىپ، تاكى بەگ - غوجاملارغىچە كاززاپلىق، مۇتتەھەملىك قىلىدىغىنى زادىلا يوق.
− كاززاپلىق - مۇتتەھەملىك قىلغۇچىلار بولمىسىمۇ، لېكىن ئەدەپ - ئەخلاقلىق ۋە قابىلىيەتلىكلىرى يوق. ئۇلارنى مۇنداق بىكاردىن - بىكار بېقىش بىزگە ئېغىر كەلمەمدۇ؟ − دېدى جيا جېڭ.
− بولدى، بۇنداق گەپلەرنى قىلىشمايلى، قېنى شاراب ئىچەيلى، − دېدى جيا شې.
بىرنەچچە قەدەھ ئىچىلگەندىن كېيىن غىزا تارتىلدى، غىزادىن كېيىن چاي ئىچىلدى. فېڭ زىيىڭنىڭ بالا مۇلازىمى كىرىپ، ئۇنىڭغا پىچىرلاپ بىرنېمە دېۋىدى، فېڭ زىيىڭ خوشلاشماقچى بولدى.
− نېمە دەۋاتىسەن؟ − دەپ سورىدى جيا شې مۇلازىم بالىدىن.
− تاشقىرىدا قار يېغىۋاتىدۇ، جىڭ قېقىلغىلىمۇ خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى، − دەپ جاۋاب بەردى مۇلازىم بالا.
جيا جېڭ ئادەم جورۇپ قاراتقۇزۇۋىدى، بىر غېرىچچە قار چۈشۈپتۇ.
− ھېلىقى ئىككى نەرسىنى ئېلىۋالدىلىمۇ؟ − دەپ سورىدى جيا جېڭ فېڭ زىيىڭدىن.
− ئالدىم، قەسىر شەرىپىلىرىگە لازىم بولۇپ قالسا باھاسىنى ئازراق چۈشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
− قېنى، يەنە ئويلىنىپ باقاي، − دېدى جيا جېڭ.
− ئەمىسە ئۇچۇرىنى كۈتىمەن. كۈن سوغۇق، ئۇزىتىمىز دەپ ئاۋارە بولۇشمىسىلا، − دېدى فېڭ زىيىڭ.
جيا شې بىلەن جيا جېڭ ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇشقا جيا ليەننى بۇيرۇدى. كېيىن نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder