سۆز بىلەن

 سۆز بىلەن دۇنياغا كېلىمىز، سۆز بىلەن دۇنيادىن كېتىمىز. سۆز بىلەن ھاياتلىقىمىزنى جاكارلايمىز، سۆز بىلەن ئۆلۈكلىكىمىزنى ئېلان قىلىمىز. سۆزىمىز ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىز سۆزىمىزنى ئىپادىلەش ئارقىلىق نېمىلىكىمىزگە ئۆزىمىز شاھىتلىق قىلىمىز ۋە قانداقلىقىمىزغا ئۆزىمىز قارار قىلىمىز ۋە شۇ بويىچە تەڭرى ئالدىدا جاۋابكار بولىمىز. شۇنداقلا تارىخ ئالدىدىكى سوراقتىن مۇھەققەق نېسىۋىمىزنى ئالماي قالمايمىز. خۇللەس، قانداق ئىنسانلىقىمىز قانداق سۆز ئىگىسى بولغانلىقىمىزنى، قانداق سۆز ئىگىسى بولغانلىقىمىز بولسا، قانداق ئادەمگە ئايلانغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. «سۆزى ۋە ئۆزى ئىنسان» تەبىرى مانا بۇنىڭدىن مەلۇمدۇر. كۆرۈۋاتقانلىرىمىز، ياشاۋاتقانلىرىمىزغا قارىساق، يا ئۆزىمىزنى، يا سۆزىمىزنى تاپالماي تېڭىرقاش ئىچىدە كېتىۋاتقانلىقىمىز سىر ئەمەس. مەشغۇلاتلىرىمىز، ياشاش ئۇسۇللىرىمىز، تەپەككۇر قىلىش دېگەن نەرسىدىن ئادا - جۇدالىق ئىچىدە ياشاشقا كۆنۈكۈشلىرىمىز بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ. كۆرمەكتىمىزكى، تۇرغان پۈتكىنىمىز «مېنىڭ»، «مەن»لىك بىلەن مەشغۇل. ھاياتلىق خەرىتىمىزدە «بىز» ئۈچۈنلۈك، «بىزنىڭ»لىق ئۆچۈرۈپ تاشلانغان. ھەر «مەن»ىنىڭ خەرىتىسى باشقا. يولى باشقا، سۆزى باشقا ۋە ئۆزى باشقا. قارىغىنىمىزدا، تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ بەرى سۆزىمىز بىلەن ئىنسانلىقىمىز ئوتتۇرىسىغا ھاڭ ياساش بىلەن ئۆتۈۋاتقانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرغان. دۇنيا قاراشقىلا ئىگە ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە ھايات قارىشىغا، ئاخىرەت قارىشىغا ئىگە سۆز ئىگىسى ئىكەنلىكىمىز، قەدىر - قىممىتىمىزنىڭ مانا بۇ زەبەردەست سۆزنىڭ ئىگىسى بولغانلىقىمىز ئىكەنلىكى شىددەت بىلەن ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. سۆزىمىز قاياقتا ئۆزىمىز قاياقلاردا. گويا كۈن چىقىشقا قاراپ يەلكەن تاشلىغان، ئەمما نېمىشقىدۇر توختاۋسىز كۈن پېتىشقا قاراپ كۈچەپ پالاق ئۇرۇۋاتقان ئاڭقاۋلار تائىپىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىمىز، مەنزىلى بار خەرىتىسى يوق ئاۋارىگەلەر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ پەرقىگە بارمايۋاتقىنىمىز ئاجايىپ.

ئەڭ تىراگېدىيەلىكى قاياققا يەلكەن تاشلاپ، قاياققا قاراپ پالاق ئۇرۇۋاتقانلىقىمىزدىن بىخەۋەرلىكىمىز، گويا نىيەت كۈن چىقىش تەرەپ بولسىلا ھېسابتەك، پالاقنى قارىسىغا ئۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ مىدىرلىساقلا دېڭىز بىزنى مەنزىلگە سۈرۈپ - سۈرۈپ ئۆزلىكىدىن يەتكۈزۈپ قويىدىغاندەك، گويا بىزگە شۇنداق قىلىش ۋەدىسى ياكى قەرزى باردەك كۆڭلىمىزنىڭ خاتىرجەم بولۇپ كېتىشى، بەخىرامانلىقىمىزنى تۈگەل «مەن»نىڭ، «مېنىڭ» پاراۋانلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىش بىلەن ئىپادىلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىمىز بولۇپ قالدى. قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى مىسالى بەدەل تۆلەش، پىداكارلىق، ئويغاقلىق، سەگەكلىك، چارە - تەدبىر قاتارلىق يولىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېھتىيات ئۇنسۇرلىرىمىز خۇسۇسىدا ئويلىىشىپ قويۇشقا چولىمىز چىقماس بولدى. ھەممە پىداكارلىقنى ئۆزگىدىنلا كۈتۈش بىلەن، بەدەل تۆلەشنى بىراۋلارغا دۆڭگەش بىلەن، بەدەلنىڭ نېسىۋىلىرىدىن گىرام ئۆزىگە تېگىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋە ئەڭ ئەقەللىي كۆرسىتىش كېرەك بولغان پىداكارلىقتىن باش تارتىشقا، قېچىشقا باھانە ئىجاد قىلىش بىلەن ئاۋارە. 

شۇنداق، سۆزىمىز ئىنسانىيلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆزىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى قەدىر - قىممەتلىك قىلىۋاتقىنى تۇرقىمىز ئەمەس بەلكى سۆزىمىزدۇر. يەنى، قايسى سۆزنىڭ ئىگىسى بولغانلىقىمىز ۋە قايسى سۆزگە ئىمان مۆھۈرىنى باسقان بولۇشىمىزدۇر. قېنى شۇ سۆزىمىز، قېنى شۇ ئۆزىمىز؟

ئەجەبا ئىنسانلىقىمىز ئىمانغا ئايلانغان سۆزىمىزنىڭ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ياشاشنى بۇرچ قىلغان ئۆزىمىزنىڭ بىر گەۋدىسى ئەمەسمىدى؟ سۆزى ۋە ئۆزلۈكىنى يىتتۈرگەن ھالدا نوقۇل ھالدا يەپ - ئىچىش، راھەت ياشاش مۇجادىلىسىگە پېتىپ قېلىشلار، ئىنسانىي مەۋجۇتلۇقنى يوقىتىش بەدىلىگە قولغا كەلگەن بۇ تۈر ھايۋانىي مەۋجۇتلۇقنى كۆشەشنىڭ، بۇ تۈر ئاڭسىزچە تىپىرلاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ مەنىسىز ۋە غايىسىز ھالدا تۈگەل جىسمانىي مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىنى قىلىۋاتقان ئىككى پۇتلۇق جانلىق بىلەن، ئوخشاش ۋەزىيەتنى ئورماندا ياشاۋاتقان تۆت پۇتلۇق مەخلۇقتىن پەرقلەندۈرىدىغىنى ئەجەبا نېمە ئىدى؟ ئەجەبا، ئۇ سۆز ئەمەسمىدى؟ ئەجەبا، ھەربىرىمىزنىڭ سۆزى يوقمىدى؟ ئەجەبا، مىللەت سۈپىتىدە ئېيتىدىغان ئورتاق سۆزىمىز يوقمىدى؟ قېنى شۇ سۆزىمىز؟ ئەجەبا، يىتتۈردۇقمۇ؟ ئۇنتۇدۇقمۇ؟ ياكى مۇرتەد بولۇپ سۆزىمىزدىن ياندۇقمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنى يىتتۈرگەندىن بېرى سۆزىمىزنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئېسىمىزگە كەلمەيۋاتامدۇ؟ قېنى سەن ئەي بىباھا سۆز، قېنى سەن ئەي قەدىردان ئۆز؟

- بۇرھان مۇھەممەد

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك