قىزىل راۋاقتىكى چۈش - كىرىش سۆز


جۇڭگونىڭ داڭلىق كىلاسسىك رومانلىرىدىن بولغان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» دەسلەپتە، يەنى 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا (چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ خان زامانىسىدا) «تاشنىڭ رىۋايىتى» دېگەن نام بىلەن سەكسەن بابلىق قول يازما سۈپىتىدە ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن. 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ كېيىنكى قىرىق بابىنى گاۋ ئې يېزىپ چىقىپ، ساۋ شۆچىن يازغان سەكسەن باب بىلەن قوشۇلۇپ بىر يۈز يىگىرمە باب بولۇپ دۇنياغا كەلگەن. بۇ چاغدا ئالدىنقى سەكسەن بابنىڭ ئاپتورى ساۋ شۆچىننىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئوتتۇز يىلچە بولغان بولۇپ، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ بولغانىدى. شۇ چاغدىكى فېئودال ئوقۇمۇشلۇق تۆرىلەرنىڭ ئارىسىدا: «سۆھبەتتە <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> ھەققىدە سۆز بولمىسا بەھس، شېئىرنامىلەر ئوقۇساڭمۇ ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس» دېگەن تەمسىل كەڭ تارقالغانىدى. دېمەك، بۇ رومان مەنچىڭ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن كەڭ تارقالغان ۋە تەسىرىمۇ زور بولغان.

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ ئاپتورى ساۋ شۆچىن 18 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن 60 - يىللىرىغىچە ياشىغان. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تەخمىنەن 18 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ تاكى ساۋ شۆچىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ئارىلىقتا يېزىلغان، ئەمما يېزىپ تۈگىتىلمىگەن. ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تىن ساۋ شۆچىنغا تەئەللۇق بولغىنى ئۇنىڭ ئالدىنقى سەكسەن بابى.

ساۋ شۆچىننىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردىن ھازىرغىچە تېپىلغىنى ناھايىتى ئاز. كىشىلەر پەقەت ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى يېقىن دوستلىرى دۇنچېڭ، دۇنمىن ۋە جاڭ يىچۇەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بېغىشلىما شېئىرلىرىدىنلا ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى نامرات تۇرمۇشى، مىجەز - خۇلقى، تەقى - تۇرقىدىن ئاز - تولا خەۋەر تاپتى. دېمەك، ساۋ شۆچىننىڭ نامراتلىق تۇرمۇش ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ «چىنخۇەيدىكى كونا چۈش» (يەنى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»)نى قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلىقى مەلۇم. ئۇ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ بىرىنچى بابىدا پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق جاكارلايدۇ: بۇنداق «شاخ - شۇمبىلاردىن ياسالغان ساتما، ئارغامچا - توقۇناقتىن ئۆرۈلگەن كارىۋات، ئىس تۈتەپ تۇرغان مورا» بىلەن ئۆتكەن تۇرمۇش ئۇنىڭ «ئون يىل تەھسىل قىلىپ، بەش قېتىم ئۆزگەرتىپ»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نى قەيسەرلىك بىلەن يېزىش «كۆڭۈل - كۆكسى»گە كاشىلا بولالمىغان، ئەكسىچە «تاڭ شاماللىرى، ئايدىڭ كېچىلەر، پەلەمپەي يېنىدىكى سۆگەتلەر، ھويلىدىكى گۈل - چېچەكلەر» ئۇنى زوقلاندۇرۇپ «قەلىمى»گە ئىلھام بېغىشلىغان.

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى سىنىپىي كۈرەشنى تىپىك بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئەكس ئەتكۈزگەن، فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپى ۋە فېئودال تۈزۈمنىڭ زۇلمەتلىك، چىرىك تەرەپلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ گۇمران بولۇشتىن قۇتۇلالمايدىغان مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل تىپتىكى سىنىپىي زىددىيەت، سىنىپىي كۈرەشلىرى ئارقىلىق ئېچىپ تاشلىغان. بولۇپمۇ فېئوداللار سىنىپىنىڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى بۇ روماندا بىزگە مۇكەممەل ۋە چوڭقۇر ھەقىقىي ئوبرازىنى قالدۇرغان. شۇڭلاشقا، تارىخقا بولغان ھېسسىي تونۇشىمىزنى بېيىتىشقا دائىر ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئالغاندا، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نى فېئوداللىق جەمئىيەت توغرىسىدىكى بۈيۈك قامۇس دېيىشكە بولىدۇ، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نى ئوقۇشنىڭ فېئوداللىق جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى تېگىدۇ.

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» جيا، شى، ۋاڭ، شۆدىن ئىبارەت تۆت چوڭ جەمەتنىڭ زاۋال تېپىش تارىخى ئارقىلىق، يۇڭجېڭ، چيەنلۇڭ زامانلىرىدىكى ھەرخىل سىياسىي گۇرۇھقا مەنسۇپ بولغان ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى كەسكىن رەۋىشتە بىر - بىرىنى چەتكە قېقىشتا دۇچ كەلگەن خەتەرلىك بوران - چاپقۇنلارنى يان تەرەپتىن مۇئەييەن ئەكس ئەتكۈزۈپ بەرگەن. كىشىلەر ئەنە شۇ بەدىئىي تەسۋىرلەردىن بۇ روماننىڭ چىڭ خانىدانلىقى دەۋرىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جىنايەتلىرىنى، شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرىنى مەركەزلىك ھالدا ئەكس ئەتكۈزۈپ، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ مۇقەررەر يوسۇندا گۇمرانلىققا قاراپ ماڭغان تارىخىي قانۇنىيىتىنى ئوبيېكتىپ جەھەتتە نامايان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ.

جيا، شى، ۋاڭ، شۆدىن ئىبارەت بۇ تۆت چوڭ جەمەت سىرتقا قارىتا «بىرىگە دەز كەتسە ھەممىسىگە تەڭ دەز كېتىدۇ، بىرسىنىڭ تونىدا ھەممىسى تەڭ تەرلەيدۇ»، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسا، جەمەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ۋە چوڭ خوتۇن بىلەن كىچىك خوتۇنلارنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تالىشىش جېدەللىرى ھەربىر جەمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەرەپبازلار ئوتتۇرىسىدا ئەۋج ئالىدۇ. جيا، شى، ۋاڭ، شۆ تۆت جەمەت ئۆزئارا قۇدا چۈشۈشىدۇ، سىرت بىلەن ئاساسەن قۇدىلاشمايدۇ. رۇڭگو قەسىرىدىكى «ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم»، يەنى جيا ئانا شى جەمەتىدىن، جيا جېڭ بىلەن جيا ليەننىڭ خوتۇنلىرى ۋاڭ جەمەتىدىن، شۆ باۋچەينىڭ ئانىسى (شۆ ھامما) جيا جېڭنىڭ خوتۇنىنىڭ سىڭلىسى، مانا مۇشۇنداق قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋەت جەمەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق تەسىر كۈچىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رۇڭگو قەسىرىدە جەمەتنىڭ چوڭ ھوقۇقى جيا جېڭنىڭ قولىدا بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خوتۇنى ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئىلكىدە بولغان. لېكىن، جيا شېنىڭ كېلىنى فېڭجيې جيا جېڭنىڭ خوتۇن جەمەت تۇغقىنى (فېڭجيې ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ جىيەن قىزى) بولغانلىقتىن، بۇ قەسىرنىڭ ئىشلىرىنى شۇ باشقۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ نەسەبىنىڭ ئۇرۇق - پۇشتى رۇڭگو قەسىرىدە جەمەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ تەسىر كۈچىنى چەتكە قاقىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئۆكتەملىكلىرى يوشۇرۇن رەۋىشتە ھەسەت ۋە نەپرەتكە سەۋەب بولىدۇ. جيا شېنىڭ خوتۇنى شېڭ ئاغىچا خېنىم ھەمىشە ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ «نۇقسان»لىرىنى پايلاپ يۈرىدۇ، ۋاڭ فېڭجيېنىڭ سەتچىلىكلىرىنى ئېچىپ تۇرىدۇ. جيا خۇەن (باۋيۈينىڭ دادا بىر، ئانا باشقا ئىنىسى)گە مال - مۈلۈك ۋە ۋارىسلىق ھوقۇقى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، جيا جېڭنىڭ كىچىك خوتۇنى جاۋ كىچىك ئاپىمۇخىلمۇ خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ۋاڭ فېڭجيې بىلەن جيا باۋيۈيگە قەست قىلىدۇ.

ساۋ شۆچىن يەنە ئىككى ئاقسۆڭەك ياش ئىسيانكار جيا باۋيۈي بىلەن لىن دەييۈينىڭ ئىدىيەسى ۋە تۇرمۇش پاجىئەسى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئاڭ - تۇيغۇسىنى نابۇت قىلىدىغان ۋە تۇنجۇقتۇرىدىغان فېئوداللىق ئەقىدىلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ئۇ ئىككى ئاقسۆڭەك ياشنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىدىيە جەھەتتە بۇ ئەقىدىلەرگە پەقەتلا چىدىغۇچىلىكى قالمايدۇ.

پۈتكۈل ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنڭ ئوبرازى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جيا باۋيۈينىڭ خاراكتېرىدە فېئوداللىق تۈزۈمگە قارىتا گۇمانلىنىش ۋە ئاسىيلىق قىلىش خاھىشى نامايان بولغان. بۇ فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ گۇمران بولۇش ھارپىسىدا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان دېموكراتىك ئىدىيە ئېقىم بىخلىرىنىڭ ئىسيانكار ئاقسۆڭەك ياشلار ئارىسىدىكى ئىنكاسى، شۇنداقلا نەزەرباغنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى دەھشەتلىك سىنىپىي كۈرەش توقۇنۇشلىرىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق مەھسۇلى. ساۋ شۆچىن يازغان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ بەدىئىي مۇھىتىدا، جيا باۋيۈي كىچىكىدىن تارتىپ ئاتىسى جيا جېڭنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى بىلەن مومىسىنىڭ ئەركىلىتىپ ئۆستۈرۈشى ۋە ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىچىدە ياشايدۇ. جيا جېڭنىڭ نەزەرىدە جيا باۋيۈي ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىغا خاس سادىق مۇلازىم ھەم ۋاپادار ئوغۇل بولۇپ تەربىيەلىنىپ، شۆھرەت قازىنىپ «ئەلا ئوقۇپ مەنسەپدار بولغان»دىلا، ئاندىن خاننىڭ شەپقىتىنى، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان بولىدۇ. لېكىن، جيا ئانا گەرچە جيا جېڭنىڭ بۇنداق ئارزۇسىنى مۇتلەق چەتكە قاقمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئامراق نەۋرىسىنى ئالدى بىلەن رۇڭگو قەسىرىدە ئەجدادىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان «گۆھەر» ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان «ئاۋۇنچۇق» دەپ ھېسابلايدۇ. جيا جېڭ بۇنداق ئىككى خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ زىددىيىتى ئىچىدە دائىم يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، جيا باۋيۈيگە بولغان تەربىيەنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ. جيا باۋيۈي ئەنە شۇنداق ئالاھىدە مۇھىتنىڭ كاۋىكىدا دېموكراتىك ئىدىيە ۋە فېئودالىزمغا قارشى «بىدئەتلىكلەر» بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ئىسيانكارلىق خاراكتېر يېتىلىشكە باشلايدۇ.

جيا باۋيۈي ياشىغان ئاساسىي ئورۇن ئاياللار ماكانى بولغان نەزەرباغ. گەرچە غوجايىنلار بىلەن قۇللارنىڭ قاتتىق سىنىپىي چەك - چېگراسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ قىزلىرى تېخى ھوقۇق تۇتقان فېئودال ھۆكۈمرانلارغا ئايلانمىغانىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش تەقدىرىمۇ فېئودال ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بەلگىلىشىگە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇناتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەييار تاپلىق تۇرمۇشلىرى ئىچىگە مەھكۇملۇق، بەختسىزلىك تەقدىرلىرىمۇ يوشۇرۇنغانىدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېدەك قىزلار بولسا، نابۇت ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان پاجىئەلىك سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئەر ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىكلىكى ۋە رەزىللىكى، ياتلىق قىلىنمىغان ئاقسۆڭەك قىزلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش چۆرىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق دەرد - ئەلەملىرى جيا باۋيۈينىڭ ئاڭ - تۇيغۇسىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىپ ۋە كۈچلۈك سېلىشتۇرما بولۇپ شەكىللىنىپ، «بەتقىلىق ئەرلەر»گە نىسبەتەن كەمسىتىش ۋە يىرگىنىش، «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار» ديدىغان كۆزقاراشقا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان «ئايال كىشىنىڭ سۆڭىكى سۇدىن يارالغان، ئەر كىشىنىڭ سۆڭىكى لايدىن يارالغان»، «كائىناتتىكى پۈتكۈل گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا خاس، ئەرلەر بولسا داشقال ۋە كۆپۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن قاراش پەيدا بولغان. دېمەك، جيا باۋيۈي ئۆزىنىڭ ھېسداشلىقىنى فېئوداللىق كۈچلەرنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغان ياش ئاياللارغا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ نەزەرباغدىكى دېدەك قىزلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە، گەرچە ئاقسۆڭەك بەگزادىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىدىيەلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتە يەنىلا ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ ياش چۆرىلەرنى نابۇت ۋە دەپسەندە قىلىشلىرىغا قارشى غەزەپ ۋە فېئوداللىق دەرىجە -مەرتىۋە تۈزۈمىگە نارازىلىق ئىپادىلەنگەن.

«ئاياللار ماكانى» بولغان بۇ نەزەرباغدا، لىن دەييۈيگە قابىلىيەت ۋە گۈزەللىكتە يېتىشكەن شۆ باۋچەيلا تەڭ كېلەلەيدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن جيا باۋيۈينىڭ ھېسسىياتىدا بەزى داۋالغۇشلار تۇغۇلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ شۆ باۋچەينىڭ ھۆسن - جامالى ۋە ساغلاملىقىغا ھەۋىسى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن زەر ئۈزۈككە ياقۇت كۆز لايىق كەلگەندەك بولىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ... لېكىن، جيا باۋيۈي بىلەن شۆ باۋچەي ئىدىيە جەھەتتە تۈپتىن قارىمۇقارشى بولغانلىقتىن، جيا باۋيۈي باشتىن - ئاخىر ئۆز مۇھەببىتىنى لىن دەييۈيگە باغلاپ، كەلگۈسىدىكى پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قېلىپ، «زەر ئۈزۈككە كەپتۇ لايىق دەيدۇ ياقۇت بارچىسى، تېخى يادىمدا گىياھنىڭ تاشقا بەرگەن ۋەدىسى» تۈپەيلىدىن پېشىنى قېقىپ ئۆيىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدا مۇھەببەتنىڭ بەربات بولغانلىقىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىككى خىل ئىدىيە، ئىككى خىل تۇرمۇش يولىنىڭ توقۇنۇشلىرىدىكى ئورتاق ئىسيانكارلىق غايىلىرىنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتىمۇ نامايان قىلىنغان.

باۋيۈي بىلەن دەييۈينىڭ مۇھەببەت پاجىئەسىنى ئىسيانكارلارنىڭ پاجىئەسى دېيىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ پاجىئەدە فېئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئۆلىما - نازىنىنلىرى توغرىسىدىكى ھېكايە - قىسسەلەردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان يېڭى ئامىللار كۆرۈلگەن، يەنى ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىدا ئىسيانكارلىق ئىدىيەسىنىڭ بىرلىك ئاساسىي بولغان يۇمران بىخلارنى يېتىلدۈرگەن، فېئوداللىق ئەدەپ - ئەركان كىشەنلىرىگە قارشى كۈرەشلىرى ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. لىن دەييۈيمۇ خۇددى جيا باۋيۈيگە ئوخشاش كۆنمەس ئاقسۆڭەك خېنىم قىز. ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ دەرد - ئەلەملىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان لىن دەييۈي جيا باۋيۈيگە قارىغاندا فېئوداللىق ئەدەپ - ئەركاننىڭ تېخىمۇ ئېغىر مەنىۋى زۇلمىغا ئۇچرىغان. ئۇ تۆت جەمەتنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، «ئىگە - چاقىسى يوقلۇقتىن ئۇلارغا بېقىنىپ كەلگەن.» باشقىلارغا تايىنىپ ياشاش تۈپەيلىدىن، يېتىملىك سەرگۈزەشتىگە ۋە مەغرۇر قەلبىگە ئىنتايىن ھوشيار بولۇش خىسلىتى سىڭگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىمگە ئېيتقۇسىز ھېسسىيات ئازابى ئۇنىڭدا غەمكىنلىك، كېسەلچان، ھەسرەتلىك، چىرايى تۇتۇقلۇق مىجەزنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر فېئوداللىق كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە فېئوداللىق ئەدەپ - ئەركاننىڭ بىر ئاقسۆڭەك خېنىم قىزنىڭ ئۈستىدىكى دەھشەتلىك بېسىمنى ئەكس ئەتكۈزگەن، ھەسرەتلىك ئاۋازىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇنىڭ فېئوداللىق ئەدەپ - ئەركانغا بولغان ئاجىز قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۆزىنى گۈلگە تەمسىل قىلىپ تۇرۇپ ھەسرەت بىلەن: «ئۆتتى دائىم ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن شىۋىرغان ئىچىدە، خۇددى شەمشەردەك ئۇرۇلغان قىش - زېمىستان ئىچىدە؛ نەۋ باھار، گۈل - غۇنچىلار سۈرگەي ئۆمۈر قانچە زامان، چىقسا بوران ھەرقاچان گۈل بەرگىدىن بولغاي خازان» دەپ ئۆز ئىچىدىكى دەردىنى تۆككەن. لېكىن، ئۇنىڭ «ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلىپ زامانغا باققۇسى» كەلمەيدۇ، ھېسسىيات تىغىنى يوشۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ، بېشىغا بەختسىزلىك كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىپلاس مۇھىت بىلەن مۇرەسسە قىلغۇسى كەلمەيدۇ، جېنىدىن كېچىشكە رازىكى، «پاك تۆرەلدىڭ پاكلىقىڭچە كەت يەنە سەن پاك سۈپەت، بۇلغىماي زاتىڭنى لايدا ساقلا ئەسلىڭنى ئەبەد» دەپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ھەر دائىم بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئۇنىڭ جيا باۋيۈي بىلەن ئورتاق ئىدىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جيا باۋيۈينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ يەنە لىن دەييۈي كىچىكىدىنلا ئۇنى نام - شۆھرەت قازىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان «تېتىقسىز گەپ»لەرنى قىلمىغانلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئورتاق ئىسيانكارلىق ئىدىيە گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھېسسىيات ئاساسىنى سالغان بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ پاراسەتلىك ئاقسۆڭەك قىزنىڭ فېئوداللىق قېلىپلار بىلەن سىغىشالمايدىغان خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بەختكە ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغان بىتەلەيلىك بىلەن ئاخىرلاشقان.

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» يۈكسەك ئىدىيەۋىلىككە ۋە يۈكسەك بەدىئىيلىككە ئىگە ئەسەر. بۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيەۋى خاھىشلاردىن قارىغاندا، ئەسەرنىڭ ئاپتورى دېموكراتىك ئىدىيەگە ئىگە ئادەم بولۇپ، شۇ دەۋرنىڭ رېئال جەمئىيىتىدىكى، ئوردا ئىچى ۋە مەنسەپدارلار سورۇنلىرىدىكى قاراڭغۇلۇقلارنى، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر سىنىپى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ چىرىكلىكلىرىنى، فېئودال ئىمتىھان تۈزۈمىنى، نىكاھ تۈزۈملىرىنى، مەرتىۋە تۈزۈملىرىنى ھەم شۇلارغا ماسلىشىپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەلەرنى، ئىجتىمائىي ئەخلاق قاراشلىرى قاتارلىقلارنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك خاراكتېردىكى غايىلىرى بىلەن تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە خې گۇەنجۇڭ، مامۇت ھاشىم، ما پېيمىنلەر قىسمەن ياردەملەشتى، بۇ يولداشلارغا نەشرىيات نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز.





Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك