قىزىل راۋاقتىكى چۈش - ئاتمىش ئىككىنچى باب

ئاتمىش ئىككىنچى باب

گول شياڭيۈننىڭ مەستلىكتە چوغلۇقنى كۆرپە قىلىپ ئۇخلاپ قالغانلىقى

مۆڭ شياڭلىڭنىڭ مەستانىلىقىدىن ئانار گۈللۈك كۆڭلىكىنى يەڭگۈشلەپ تۇرغانلىقى

پىڭئېر چىقىپ، لىن جىشياۋنىڭ ئايالىغا جېكىلىدى:

− «چوڭ ئىشنى كىچىك قىلىپ، كىچىك ئىشنى يوق قىلىپ كۆرسىتىش كېرەك»، شۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ بۇ ئائىلە گۈللەپ - ياشنىغان ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. كىچىككىنە ئىشقىمۇ چاڭىلداپ چۇقان كۆتۈرۈپ ھاس - ھاسلاپ كېتىدىغان بولساق توغرا بولمايدۇ. ھازىر ئانا - بالا ئىككىسىنى ئاچىقىپ كېتىڭ، ئۇلار ئاۋۋالقىدەك ئۆز ئىشىنى قىلىۋەرسۇن، چىن شيەننىڭ ئايالىنىمۇ ئۆز جايىغا ياندۇرۇۋېتىڭ. بۇ ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىن تەرگەپ يۈرمەي، ھەر كۈنى پەخەس بولۇپ چارلاپ يۈرىۋېرىڭ.

پىڭئېر گېپىنى تۈگىتىپ ماڭدى. ليۇ يەڭگە بىلەن قىزى دەرھال ئۇنىڭغا باش قويدى. لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ئۇلارنى باغقا باشلاپ كىرىپ، لى ۋەن ھەم تەنچۈنلەرگە مەلۇم قىلدى.

− ئۇقتۇق، ئىش تېرىلمىغىنى ياخشى، − دېدى لى ۋەن بىلەن تەنچۈن.

سىچىلار بىردەملىكلا خۇشال بولغىنىچە قالدى. چىن شيەننىڭ ئايالىمۇ مىڭ تەسلىكتە بۇ يوچۇقنى تېپىپ ئەمدىلا بېشىنى تىقىشىغا، ئاران يېرىم كۈنلا يايراپ قالالىدى. بۇ ئايال ئاشخانىدا پايپاسلاپ يۈرۈپ، قاچا - قومۇچ، ئۇن - گۈرۈچ، ئوتۇن - كۆمۈر دېگەندەك نەرسىلەرنى يىغىشتۇردى. تېخى بىر مۇنچە «زىيان»نىمۇ تەكشۈرۈپ تېپىپ: «خاسە گۈرۈچتىن ئىككى دەن كەم ئىكەن، ئادەتتىكى گۈرۈچتىنمۇ بىر ئايلىق ئوشۇق چىقىم قىلىنىپتۇ، كۆمۈرمۇ نورمىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ» دەپلا كەتتى. لىن جىشياۋنىڭ ئايالىغا سوۋغات قىلىش ئۈچۈن بىر سېۋەت كۆمۈر ۋە بىر دەن خاسە گۈرۈچنى غىپپىدە تالاغا ئاچىقىپ قويۇپ، لىن جىشياۋنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپمۇ بەرگەن، دەپتەرخانىغا ئەۋەتىدىغان سوۋغاتلىقنىمۇ تەييارلاپ قويغان، ئاندىن بىرنەچچە خىل سەي قورۇپ، بىللە ئىشلەۋاتقانلارنىمۇ چىللىۋالغانىدى.

− ئەمدى مەن كەلدىم، پۈتۈنلەي سىلەرگە تايىنىمەن، ھەر بىرىڭلار ماڭا يار - يۆلەك بولۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز. مېنىڭ يېتىشەلمەي قالغان يەرلىرىم بولسا، ئىشقىلىپ، ھەر بىرىڭلار خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭلار، − دېگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلغانىدى.

ئاشۇنداق پايپاسلاپ تۇرغىنىدا، بىر كىم كىرىپ خەۋەر قىلدى:

− مۇشۇ ئەتىگەنلىك غىزانى بېرىپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭ. ليۇ يەڭگەمدە ھېچقانداق ئىش يوق ئىكەن، ئىشنى يەنە شۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ.

چىن شيەننىڭ ئايالى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۇچتى - دە، سالپىيىپلا قالدى، كۈدە - كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ، كەشىنى توغرىلىدى. كىشىلەرگە سوۋغات قىلغان بىرمۇنچە نەرسىسىمۇ بىكارغا كەتكەننىڭ ئۈستىگە، بۇ كېمەيگەن نەرسىلەرنىڭ ھەققىنى ئۆزى تۆلىدى. ھەتتا سىچىمۇ كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە قاراپلا قالدى، ئىشنى ئوڭلاشقا ئامال تاپالماي، بولدى قىلدى.

سەييۈن ئۆز بېشىغا بىرمۇنچە نەرسىنى تارتۇق قىلىپ ئەكېلىپ بەرگەنلىكىنى يۈيچۇەر ئۇقۇپ قېلىپ چۇقان كۆتۈرگەچكە، جاۋ كىچىك ئاپا، يۇقىرىدىكىلەر بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، كۈن - كۈنلەپ تەرلەپ - تەپچىپ، يوشۇرۇنچە تىڭتىڭلاپ يۈردى.

− ھەممە ئىشنى باۋيۈي ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى، ئەمدى چاتاق تۈگىدى، − دېدى سەييۈن كىرىپلا.

جاۋ كىچىك ئاپىنىڭ ئاندىن كۆڭلى تىندى. لېكىن، بۇ گەپنى ئاڭلاپ، جيا خۇەننىڭ كۆڭلىگە شەك چۈشتى، ئۇ سەييۈننىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئەكېلىپ بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاچىقىپ سەييۈننىڭ يۈزىگە ئاتتى:

− سەندەك ئىككى يۈزلۈك نېمىگە مەن ھۆ ! سەن باۋيۈي بىلەن چىقىشىۋالمىغان بولساڭ، ئۇ نېمىشقا سەن ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن؟ سەن ئۆز زىممەڭگە ئېلىپ ماڭا بەرگەندىن كېيىن، ھېچكىمگە بىلدۈرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. ئەمدى بۇنى باۋيۈيگە ئېيتىپ قويۇپسەن، بۇنى ئالغىنىم بىلەن ماڭىمۇ سەتچىلىك بولىدۇ !

سەييۈن بۇنىڭغا جىلە بولۇپ، قەسەم ئىچىپ يىغلاپ تاشلىدى. ھەرقانچە چۈشەنچە بەرسىمۇ جيا خۇەن ئىشەنمەي تۇرۇۋالدى:

− ئادەتتە قانداق بولۇشۇڭغا قارىماي، ئوتتۇرانچى يەڭگەمگە مۇشۇ ئىشىڭنىلا ئېيتىمەن، بۇنى ماڭا ئوغرىلاپ ئەكەلگەنىكەن، ئېلىشقا پېتىنالمىدىم، دەيمەن. ئۆزۈڭگە ئوبدان ھېزى بول ! − جيا خۇەن قول سىلكىپ چىقىپ كەتتى.

− بىتەلەي شۇمتەك ! بۇ قانداق گەپ بولدى ! − دەپ كايىدى جاۋ كىچىك ئاپا ھودۇقۇپ.

سەييۈن ئاچچىقىدا يىغلاپ، ئادا بولۇپ كېتەي دېدى. جاۋ كىچىك خېنىم ئۇنى ھەر نېمە دەپ بەزلىگىلى تۇردى:

− جېنىم بالام، ئۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى يەرگە ئۇردى. بەرىبىر مەن سېنى ئوبدان بىلىمەن. مەن بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ قوياي، بىر - ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ بەرىبىر ئېسىنى تاپىدۇ.

جاۋ كىچىك ئاپا بايىقى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى. سەييۈن قېيىداپ، ھەممىنى بوغچىغا تۈگدى - دە، كىشىگە كۆرۈنمەيلا باغقا كىرىپ ئۆستەڭگە چۆرۈۋەتتى. ئۇ نەرسىلەردىن بەزىلىرى چۆكۈپ كەتتى، بەزىلىرى لەيلەپ قالدى. ئۇ ئاچچىقىغا پايلىماي، يوتقاندا كېچىچە يىغلاپ چىقتى.

باۋيۈينىڭ تۇغۇلغان كۈنى كېلىپ قالغانىدى. باۋچىننىڭمۇ شۇ كۈنى بولۇپ، ئىككىسى بىر كۈندە تۇغۇلغانىكەن. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئۆيدە بولمىغاچقا، قۇتلاش ئىشىمۇ بالدۇرقى يىللاردىكىدەك قىزىق بولمىدى. پەقەت جاڭ دەرۋىش تۆت خىل سوۋغات ئەۋەتتى، ئات قويۇش تۇمارىنى يەڭگۈشلەپ قويدى. ئاندىن بىرقانچە ئىبادەتخانىلاردىكى راھىب - راھىبەلەر سەدىقەتۇش، سۇھەيل يۇلتۇز، قەغەز ئات، تەۋسىپنامە، ئۆز يۇلتۇزىنىڭ مۇئەككىلى، بۇ يىلنىڭ نۆۋەتچىسى مۇشتەرى يۇلتۇز، ياش تولغاندا ئالماشتۇرىدىغان قۇلۇپ سوۋغا قىلدى. ئۆيىگە دائىم كېلىپ تۇرىدىغان ئەر - ئاياللار بىر كۈن بۇرۇن كېلىپ قۇتلاپ قويۇشتى. ۋاڭ زىشېڭ تەرەپتىن بىر قۇر كىيىم، بىر پار كەش - پايپاق، يۈز دانە ئۆمۈر شاپتۇلى، خانلىق ئىنچىكە كەسمە چۆپتىن يۈز باغلام سوۋغات قىلىندى. شۆ ھامما تەرەپتىنمۇ شۇ نەرسىلەرنىڭ يېرىمىچىلىكلا سوۋغا قىلىندى. باشقا خانىدانلاردىن يۇشى خېنىم بىر پار كەش - پايپاق، فېڭجيې ئوردىدا ياسالغان ۋە تۆت تەرەپتىن ئىزمىلىنىدىغان كەشتىلىك ھەميانغا ئالتۇن سۇھەيل يۇلتۇزنى سېلىپ، بىر دانە ئىران ئويۇنچۇقى بىلەن سوۋغات قىلدى. بۇتخانىلاردىكى شەيخ - راھىبلارغا ئالا قويماي پۇل چاچقۇ قىلىندى. باۋچىنگە بېرىلگەن سوۋغاتلارمۇ بار، بۇنى بايان قىلىپ ئولتۇرمايمىز. ھەمشىرىلەر ئۆزلىرى خالىغىنىچە سوۋغات قىلىشتى، ئۇلاردىن بەزىسى بىر دانە يەلپۈگۈچ، بەزىسى بىرەر پارچە ھۆسنخەت، بەزىسى بىر پارچە رەسىم، بەزىسى بىرەر شېئىر تۇتۇپ يارىشىقىنى قىلىپلا قويدى.

شۇ كۈنى باۋيۈي قاق سەھەردە ئورنىدىن تۇردى، يۇيۇنۇپ - تارىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىنقى مېھمانخانىنىڭ ھويلىسىغا كەلدى، لى گۇي قاتارلىق تۆت كىشى شۇ يەردە ئاسمان - زېمىن كۈجىلىرىنى تەييارلاپ قويغانىدى. باۋيۈي كۈجە يېقىپ تەزىم قىلدى، ئەرۋاھلارغا ئاتاپ چاي تۇتۇپ، قەغەز كۆيدۈرگەندىن كېيىن، نىڭگو قەسىرىدىكى ئەجداد خانىقاسىغا كېلىپ، بوۋىلىرىغا ئاتالغان ئىككى مېھرابقا تەزىم قىلدى. پېشايۋانغا چىقىپ، جيا ئانا، جيا جېڭ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملارغا يۈزلىنىپ تەزىم قىلدى. يول ئۆتەر يۈشى خېنىمنىڭ تۆر ئۆيىگە كىرىپ تەزىم قىلدى، بىردەم ئولتۇرۇپ، رۇڭگو قەسىرىگە يېنىپ چىقتى. ئاۋۋال شۆ ھاممىنىڭكىگە كەلدى. ئۇلار ئۇنى زادىلا سالام قىلغىلى قويمىدى. ئۇ يەردىن چىقىپ، شۆ كې بىلەن كۆرۈشتى، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ، ئاندىن باغقا يېنىپ كىردى. چىڭ ۋېن بىلەن شېيۆ ئۇنىڭغا سوڭداشتى، چۆرە قىز قولتۇقىغا كىگىز قىستۇرۇپ كەينىدىن ماڭدى. لى ۋەندىن باشلاپ ئۆزىدىن چوڭراقلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىر - بىرلەپ كىرىپ چىقتى. قايتا ئارا دەرۋازىغا كېلىپ تۆت ئېمىكئانىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، بىر پەس تۈزۈت قىلىپ قويۇپ يېنىپ كەلدى. خىزمەتكارلار تەزىم قىلماقچى بولۇۋىدى، ئۇلارنى تەزىم قىلدۇرمىدى. ھۇجرىسىغا يېنىپ كىرگەندە، شىرېن ۋە باشقىلار چىقىپ: بولدى قىلىڭلار، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ياش ئادەم تەزىم قوبۇل قىلمىسۇن، بولمىسا بەختىيار ئۆمرىگە نۇقسان يېتىدۇ دەپ تاپىلىغان، دېگەچكە، خىزمەتكارلار ئۇنىڭغا باش قويمىدى.

بىردەمدىن كېيىن جياخۇەن بىلەن جيالەن كەلدى، شىرېن دەرھال ئۇلارنى تەزىمدىن توسۇپ قالدى، ئۇلار بىردەم ئولتۇرۇپ چىقىپ كېتىشتى.

− مېڭىۋېرىپ ھېرىپ كەتتىم ! − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي ۋە كاتقا قىڭغايدى. ئەمدىلا يېرىم پىيالە چاي ئىچىپ تۇرۇشىغا، تالادا گۇدۇڭلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، بىر توپ چۆرە قىزلار كۈلۈشكىنىچە كىرىپ كېلىشىۋاتاتتى، سۈيمو، شياۋلو، سۈيلۇ، رۇخۇا، شىڭ شيۇيەننىڭ چۆرىسى جۇەنئېر ۋە ئىنىگە كۆتۈرۈۋالغان چياۋجيېر، سەيلۇەن، شيۇلۇەن بولۇپ سەككىز - توققۇزەيلەن قىزىل كىگىز كۆتۈرۈپ كىرىشتى. ئۇلار:

− قۇتلاپ تەزىم قىلغىلى كەلگەنلەر قىستىشىپ ئىشىكنى سۇندۇرۇۋېتەي دېدى، قورسىقىمىزغا چاپسانراق ئۈگرە ئاش بېرىڭلار ! − دېدى كۈلۈشۈپ.

ئۇلار كىرىپ تۇرۇشىغا، تەنچۈن، شياڭيۈن، باۋچىن، شيۇيەن، شىچۈنلەرمۇ كېلىشتى. باۋيۈي دەرھال ئالدىغا چىقىپ:

− سىلەرنى يول ماڭدۇرۇپ قويۇپتىمەن. قېنى ئوبدان چايدىن دەملەڭلار، − دېدى.

ئۇلار ئۆيگە كىرىپ بىردەم تۈزۈت قىلىشقاندىن كېيىن ئولتۇرۇشتى. شىرېنلەر ئۇلارغا چاي تۇتتى، چايدىن ئەمدىلا ئوتلىۋىدى، پىڭئېرمۇ گۈلدەك ياسانغان پېتى كىرىپ كەلدى.

− بايىلا مەن فېڭجيې ئاچامنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ، كىرىشكە خەۋەر قىلدۇرسام كۆرۈشەلمەيمەن دەپتۇ، − دېدى باۋيۈي ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، − ئاندىن سىزنى كەلسۇن دەپ كىشى كىرگۈزگەنىدىم.

− مەن ئاچىلىرىنىڭ باش - كۆزىنى يۇيۇشىغا قارىشىۋاتاتتىم، چىقىپ ئۆزلىرىگە ئۇچۇرىنى بېرەلمىدىم، − دېدى پىڭئېر كۈلۈپ، − كېيىن ئاڭلىسام، مېنى كەلسۇن دەپتىلا، بۇ ئىلتىپاتنى مەن كۆتۈرەلەمتىم؟ شۇڭا، غوجامغا باش قوياي دەپ ئالاھىدە كېلىشىم.

− مەنمۇ بۇ ئىلتىپاتنى كۆتۈرەلمەيمەن، − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي.

شىرېن ئىشىك يېنىغا ئورۇن راسلاپ پىڭئېرنى ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن پىڭئېر باۋيۈيگە تەزىم قىلدى، باۋيۈيمۇ كەينى - كەينىدىن قول جۈپتەكلەپ سالام قايتۇردى. پىڭئېر يۈكۈنۈۋىدى، باۋيۈيمۇ تەڭلا يۈكۈندى، شىرېن دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويدى. پىڭئېر يەنە تەزىم قىلدى، باۋيۈيمۇ قول جۈپتەكلەپ سالام قايتۇردى.

− يەنە سالام قىلىڭ، − دېدى كۈلگىنىچە شىرېن ئۇنى تۈرتۈپ.

− تۈگەپ بولسا نېمىدەپ يەنە سالام قىلىمەن؟ − دېدى باۋيۈي.

− بۇ سىزنى قۇتلاپ تەزىم قىلىۋاتىدۇ، − دېدى شىرېن، − بۈگۈن ئۇنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى، سىزمۇ ئۇنى قۇتلاپ تەزىم قىلسىڭىز بولىدۇ.

− بۈگۈن پىڭئېر ئاچامنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن - دە ! − دېدى كۈلگىنىچە باۋيۈي خۇشال بولۇپ، ئاندىن قول جۈپتەكلەپ سالام قىلدى.

پىڭئېرمۇ دەرھال جاۋابەن تەزىم قىلدى.

− سىلەر تۆتىڭلار بىر - بىرىڭلارنى قۇتلاپ، بىر كۈن كەچكىچە تەزىم قىلىشساڭلار بولغۇدەك، − دېدى شياڭيۈن باۋچىن بىلەن شيۇيەننى تارتىپ.

− شيۇ يەن سىڭلىمنىڭمۇ مۇشۇ كۈن ئوخشىمامدۇ؟ مەن نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندىمەن ! − دېدى تەنچۈن ۋە دەرھال چۆرە قىزنى بۇيرۇدى، − ئوتتۇرانچى كېلىن ئاغىچىغا بېرىپ ئېيتقىن، باۋچىن قىزنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ دەرھال بىر ئۈلۈش سوۋغات تەييارلاپ، ئىككىنچى خان قىزنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتكۈزۈپ بەرسۇن.

چۆرە قىز خوش دەپ چىقىپ كەتتى، شياڭيۈن شۆپۈك ئېغىزلىق قىلىپ دەپ قويغاچقا، شيۇيەن ھەرقايسى ئۆيلەرگە بېرىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى.

− ھەر ھالدا قىزىق بولدى، − دېدى تەنچۈن كۈلۈپ، − يىلنىڭ ئون ئىككى ئېيى ئىچىدە، ھەر ئايدا بىرقانچە تۇغۇلغان كۈن بولۇپ تۇرىدىكەن. ئادەم كۆپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق توغرا كېلىپ قالىدىغان گەپ - دە. گاھىدا ئۈچەيلەننىڭ بىر كۈندە، گاھىدا ئىككىيلەننىڭ بىر كۈندە ئىكەن. چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنىمۇ بىكار ئۆتمىدى، ئۇ كۈننى چوڭ ئاچام ئىگىلىدى. ئۇنىڭ بەخت - تەلىيى چوڭ بولغاچقا، تۇغۇلغان كۈنىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن ئىلگىرى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كەلدى. پانۇس بايرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، چوڭ ئاغىچا خېنىم بىلەن باۋچەي ئاچامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى، ئۇ ئىككىسىنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قاپتۇ. ئۈچىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئاغىچا خېنىمنىڭ، توققۇزىنچى كۈنى جياليەن غوجاكامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئىككىنچى ئايدا ئادەم يوق ئىكەن.

− نېمىشقا يوق ئىكەن؟ ئىككىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى دەييۈي قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، شۇغىنىسى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئادىمى ئەمەس - دە، − دېدى شىرېن.

− قارا، مېنىڭ زېھنىمنى ! − دەپ كۈلدى تەنچۈن.

− بۇنىڭكى بىلەن دەييۈي سىڭلىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىر ئىكەن، − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ شىرېننى كۆرسىتىپ، − شۇڭا ئۇنىڭ ئېسىدە تۇرىدۇ.

− ئىككىڭلارنىڭ كۈنى بىرمىدى؟ − دەپ كۈلدى تەنچۈن.

− ھەر يىلى بىزگە بىرەر قېتىممۇ باش قويمايسەن ! پىڭئېرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ بىز ئۇقمايتتۇق، ئەمدى بىلىۋالدۇق.

− بىز دېگەن پەگاھتىدىكى ئادەملەر تۇرساق ! − دېدى پىڭئېر كۈلۈپ، − تۇغۇلغان كۈنىمىزنى قۇتلاش بەختى بىزگە يار بولمىغان، تەزىم قوبۇل قىلىشمۇ بىزگە نېسىپ بولمىغان. چۇقان كۆتۈرۈشنىڭ نېمە كېرىكى بار، جىم - جىمغىنا ئۆتۈپ كەتسە بولىۋەرمەمدۇ؟ بۈگۈن مۇنۇ شىرېن ئەتەي ئاغزى قىچىشىپ ئېيتىپ قويدى. خان قىز، ئۆيلىرىگە قايتقانلىرىدىن كېيىن، مەن تەزىم قىلغىلى باراي.

− سېنى ئاۋارە قىلالمايمەن، − دېدى كۈلۈپ تەنچۈن، − بۈگۈنلا سېنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى قىلىپ بەرسەك، كۆڭلۈم ئاندىن يېرىم بولمايدۇ.

− توغرا گەپ بولدى، − دېيىشتى باۋيۈي ۋە شياڭيۈنلەر تەڭلا.

تەنچۈن چۆرە قىزغا گەپ تاپىلاپ، ئۇنى كېلىن ئاغىچىغا بېرىپ ئېيتىپ قويۇشقا بۇيرۇدى:

− بىز ھەممىمىز شۇنىڭغا كېلىشتۇق، بۈگۈن كەچكىچە پىڭئېرنى قويۇپ بەرمەيمىز. ھەممىمىز ئۆز ئۈلۈشلىرىمىزنى يىغىش قىلىپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىلىپ بېرىمىز.

چۆرە قىز كۈلگىنىچە چىقىپ كېتىپ، بىر ھازادىن كېيىن كېلىپ مەلۇم قىلدى:

− كېلىن ئاغىچام: ئۇنىڭ يۈزىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن خان قىزلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇنىڭغا قانداق غىزا ئەتكۈزۈپ بېرەركىن؟ غىزادا مېنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن، مەن بېرىپ ئۇنى جوۋىتىپ يۈرمەي، دەيدۇ.

ھەممەيلەن بۇ گەپكە كۈلۈشتى.

− شۇغىنىسى، بۈگۈن ئىچكىرىكى ئاشخانىدا غىزا ئەتمەيدۇ، − دېدى تەنچۈن، − ئادەتتە بىز تۆۋەندىكىلەر چاي ئۆتكۈزگەندە تاشقىرىقى ئاشخانىدا راسلاپ بېرەتتى، ئەمدى بىز پۇل يىغىش قىلىپ ليۇ يەڭگىگە بېرەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئىچكىرىكى ئاشخانىدىلا راسلاپ بەرسە تۈزۈك بولغۇدەك.

− شۇنداق قىلايلى، − دېيىشتى ھەممەيلەن.

تەنچۈن ئاۋۋال لى ۋەن، باۋچەي، دەييۈيلەرنى تەكلىپ قىلغىلى كىشى ئەۋەتتى، ئاندىن ليۇ يەڭگىنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا ئىچكىرىكى ئاشخانىدا دەرھال ئىككى جوزا زىياپەت داستىخىنى تەييارلاشنى تاپىلىدى. ليۇ يەڭگە نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي:

− تاشقىرىقى ئاشخانىدا تەييارلاپ قويغان، − دېدى.

− سىز ئۇقمايسىز، بۈگۈن پىڭئېر قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، − دېدى تەنچۈن كۈلۈمسىرەپ، − تاشقىرىقى ئاشخانىدا تەييارلىغىنى يۇقىرىدىكى چوڭلار ئۈچۈن. بىز ئۆز بېشىمىزغا پۇل چىقىرىپ، پىڭئېر قىز ئۈچۈنلا ئىككى جوزا زىياپەت تەييارلاپ ئۇنى مېھمان قىلماقچىمىز. مەززىلىك يېڭى سەيلەردىن قورۇپ تەييارلاپ قويۇڭ. ھېساب قىلىپ، پۇلىنى مەندىن ئېلىڭ.

− بۈگۈن پىڭئېر خېنىمنىڭمۇ قۇتلۇق كۈنىمىكەن؟ بىز ئۇقماپتۇق، − دەپ كۈلگىنىچە ليۇ يەڭگە پىڭئېرغا باش قويۇۋىدى، پىڭئېر ھودۇقۇپ كېتىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويدى. ليۇ يەڭگە زىياپەت تەييارلىقىنى قىلىشقا ئالدىراش چىقىپ كەتتى.

تەنچۈن باۋيۈينى بىللە مېھمانخانىغا بېرىپ ئۈگرە ئاش ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. لى ۋەن، باۋچەيلەر كېلىپ بولغاندىن كېيىن، شۆ ھامما بىلەن دەييۈينى تەكلىپ قىلىشقا ئادەم ئەۋەتتى. كۈن ئىللىپ، دۈييۈينىڭ كېسىلى خېلىلا تۈزىلىپ قالغاچقا، ئۇمۇ كەلدى. دۇردۇن - تاۋارغا ئورىنىپ گۈلدەك ياسانغانلار مېھمانخانىغا سىغدىلىشتى. شۆ كېمۇ قۇتلاپ، باۋيۈيگە ياغلىق، يەلپۈگۈچ، خۇشبۇيلۇق، تورقا قاتارلىق تۆت خىل سوۋغات سۇنۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن باۋيۈي ئۇيانغا ئۆتۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈگرە ئىچىشتى. ئىككىسى بىر - بىرىنى قۇتلاپ زىياپەت قىلىشىپ، ئۆزئارا رەھمەت - ھەشقاللا ئېيتىشتى. چۈش بولغاندا باۋيۈي يەنە شۆ كې بىلەن شاراب تۇتۇشۇپ ئىككى قەدەھتىن شاراب ئىچىشتى. باۋچەي باۋچىننى باشلاپ كىرىپ شۆ كېگە تەزىم قىلدى. قەدەھ تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، باۋچەي شۆ كېگە:

− بۇياندىن ئۇيانغا ئۆتۈپ شاراب تۇتۇپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئۇنداق قۇرۇق تەكەللۇپنى قىلمايلا قوي. دۇكاندىكى چۆپقەتلىرىڭنى مېھمان قىلساڭلا بولدى. بىز باۋيۈي ئۇكام بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالمىساق بولمايدۇ، ساڭا ھەمراھ بولالمايمىز، − دەپ تاپىلىدى.

− ئاچا، ئۇكام، مەرھەمەت قىلىشسىلا، دۇكاندىكى ئىشداشلىرىمىزمۇ كېلىپ قالار، − دېدى شۆ كې.

باۋيۈي دەرھال كەچۈرۈم سوراپ، ھەمشىرىلىرى بىلەن يېنىپ كەلدى. يان ئىشىكتىن كىرىشىگىلا، باۋچەي خىزمەتكار ئايالنى يان ئىشىكنى قۇلۇپلىۋېتىشكە بۇيرۇپ، ئاچقۇچنى ئۆزى ئېلىۋالدى.

− بۇ ئىشىكنى ئەتكۈزۈۋېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي، − بۇ يەردىن ئۆتىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاممام، سىز، سىڭلىم ئىچكىرىدە تۇرىسىلەر، ئۆيگە چىقىپ بىرەر نەرسە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە ئاۋارىچىلىك بولۇپ قالمامدۇ؟

− ئېھتىيات قىلغان ئوشۇقچىلىق قىلمايدۇ ! − دېدى باۋچەي كۈلۈپ، − سىلەر تەرەپتە بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بىرمۇنچە چاتاق چىقتى، بۇنىڭغا بىز تەرەپتىكى كىشىلەردىن چېتىلىپ قالغىنى بولمىدى. دېمەك، بۇ، مۇشۇ ئىشىكنى ئېتىپ قويغانلىقنىڭ شاراپىتى. ئەگەر ئوچۇق تۇرغان بولسا، ھېلىقىدەك ئادەملەر يېقىن دەپ بۇ ئىشىكتىن ماڭغان بولسا ئۇلارنى كىم توسۇۋالالايتتى؟ ئۇنىڭدىن كۆرە قۇلۇپلاپ قويغان ياخشى، ئانام بىلەن مەنمۇ بۇ يەردىن ماڭمايلا قويساق، ھېچكىم ماڭمايدۇ. بىرەر ئىش تۇغۇلۇپ قالغاندىمۇ، بۇياندىكى كىشىلەرگە دۆڭگىلىپ قالمايدۇ.

− بىز تەرەپتە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بىر نەرسىلەرنىڭ يىتكەنلىكىنى، ئاچا، سىزمۇ ئۇقۇپسىز - دە ! − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ.

− سىزچۇ، شەربەت بىلەن زەمبۇرۇغ تالقىنىنىلا بىلىسىز، بىلگەندىمۇ كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بىلىسىز. ئەگەر بۇ ئىشقا ئادەملىرىڭىز ئىلىشىپ قالمىغان بولسا، سىز ئاشۇ ئىككى ئىشنىمۇ بىلمەيتتىڭىز. بۇ ئىككى ئىشتىنمۇ يوغان يەنە بىرقانچە ئىش بولغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيسىز. كېيىن بىرەرسى شەپشەكلىك قىلىپ ئېيتىپ قويمىسا، ھەممەيلەننىڭ تەلىپى بىر يەردىن چىققان بولىدۇ. ئېيتىپ قويىدىغان بولسىزە، بۇنىڭ قانچە كىشىگە كاساپىتى تېگەركىنتاڭ، سىز ئىش باشقۇرغۇچىلاردىن بولمىغاچقا، سىزگە دەۋاتىمەن. پىڭئېر ھەممىنى چۈشىنىدىغان قىز، ئۇنىڭ كېلىن ئاغىچىسى تالاغا چىقالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭغىمۇ دېدىم، ئۇ ئىش يېپىقلىق پېتىچە قېلىۋەرسىغۇ ھەممىمىزنىڭ كارى بولمايدۇ، ئېچىلىپ قالسىمۇ، ئۇ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغاچقا، ئىشنىڭ باش - ئايىغى تايىنلىق بولىدۇ - دە، باشقىلارغا ناھەقچىلىق بولمايدۇ. گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن پەخەس بولسىڭىزلا بولدى. بۇ گەپنى ئىككىنچى بىر كىمگە دەپ قويماڭ.

ئىككىسى گەپ قىلىشقاچ ئەترەپشان شىپاڭىغا كەلدى. شىرېن، شياڭلىڭ، سىشۇ، چىڭۋېن، شېيۆ، فاڭگۇەن، رۇيگۇەن، ئوۋگۇەن قاتارلىق ئون نەچچەيلەن شۇ يەردە بېلىقلارنى تاماشا قىلىۋاتاتتى، باۋيۈيلەرنى كۆرۈپ، ئۇلار:

− چوغلۇق قاشىسىدا ئورۇن راسلاپ قويۇلدى، چاپسانراق داستىخانغا بېرىشسىلا، − دېيىشتى.

باۋچەيلەر ئۇلار بىلەن چوغلۇق قاشىسىدىكى قىزىل خۇشبۇيزارغا سېلىنغان ئۈچ ئېغىزلىق ئوچۇق ئايۋانغا كېلىشتى. يۈشى خېنىممۇ تەكلىپ قىلىنغانىكەن، ھەممەيلەن شۇ يەردە، پەقەت پىڭئېرلا يوق ئىدى.

پىڭئېر بۇ يەردىن چىقىپ كەتكەنىدى، چۈنكى لەي دا، لىن جىشياۋ ئائىلىلىرىدىن سوۋغاتلار سۇنۇلغانىدى. يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆي خىزمەتكارلىرىدىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىپ، قۇتلاپ تەزىم قىلغان ۋە سوۋغات تۇتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇلارغا پىڭئېر شۇ زامان پۇل ئىنئام قىلىپ رەھمەت ئېيتتى ۋە ھەر خىل سوۋغاتلارنى بىر - بىرلەپ فېڭجيېگە مەلۇم قىلىپ تۇردى. سوۋغاتلاردىن بىرقانچە خىلىنىلا ئېلىپ قالدى، بەزىلىرىنى قوبۇل قىلمىدى، بەزىلىرىنى باشقىلارغا ئىنئام قىلىۋەتتى. بىردەم ئاشۇنداق ئالدىرىدى. فېڭجيې ئۈگرە ئاش ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، پىڭئېر ئاندىن كىيىمىنى يەڭگۈشلەپ باغقا قاراپ ماڭدى. باغقا كىرىشىگىلا، بىرقانچە دېدەك ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ قالدى. پىڭئېر ئۇلار بىلەن بىللە قىزىل خۇشبۇيزارغا كەلدى. ئۇ يەردە ئېسىل نازۇ نېمەتلەر تىزىلغان، نېلۇپەر كەشتىلەنگەن تۆشەكلەر سېلىنغانىدى.

− سۇھەيل يۇلتۇزلار تەل بولدى ! − دەپ كۈلۈشتى ھەممەيلەن.

تۆردە ئاشۇ تۆتەيلەننى ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن تۆت ئورۇن راسلانغانىدى. تۆتىلىسىنىڭ ئۇ يەردە ئولتۇرغۇسى كەلمىدى.

− مەن ياشقا چوڭ بولۇپ قالغان ئادەم، − دېدى شۆ ھامما، − سىلەرنىڭ توپىڭلارغا قوشۇلالمايدىكەنمەن، ئاندىن قورۇنۇپمۇ قالىدىكەنمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، مەسلىھەتخانىغا كىرىپ بەھۇزۇر ياتقىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ. بىر نەرسىمۇ يېيەلمەيمەن، شارابنىمۇ ئانچە ئىچەلمەيمەن، بۇ يەرنى بۇلارغا قويۇپ بەرسەم ئوبدان بولغۇدەك.

يۈشې خېنىم ۋە باشقىلار ئۇنىماي تۇرۇۋالدى.

− بوپتۇ، شۇنداق قىلسۇنلا، ئانام مەسلىھەتخانىدا ئازادىرەك ياتسۇن، − دېدى باۋچەي، − ياقتۇرىدىغان غىزالاردىن كىرگۈزۈپ بەرسەك، شۇ يەردە بەھۇزۇر غىزالىنالايدۇ. ئالدىدا ھېچكىم بولمىغاندىن كېيىن، بىزمۇ خەۋەر ئېلىپ تۇرالايمىز.

− شۇنداق قىلايلى، ھۆرمەتتىن كۆرە، ئىتائەت زۆرۈر، − دېدى تەنچۈن.

شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك شۆ ھاممىنى مەسلىھەتخانىغا ئۇزىتىپ قويدى، چۆرە قىزلارنى بۇيرۇپ، كىمخاب كۆرپە سالدۇرۇپ ۋە يۆلەنچۈك تەكىيە قويدۇرۇپ بەردى. ئاندىن ئۇلارغا:

− ھامما خېنىمنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ قويۇڭلار، چاي ياكى سۇ كېرەك بولسا «سەن سالا - مەن سالا» قىلماي، دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. غىزا تارتىلغاندا ئەكېلىپ بېرىڭلار، ھامما خېنىم يەپ بولغاندىن كېيىن، قالغان غىزانى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. بۇ يەردىن ھەرگىز نېرى كەتمەڭلار، − دەپ تاپىلاپ قويدى.

چۆرە قىزلار خوش دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئاندىن تەنچۈنلەر قايتىپ كېلىشتى. باۋچىن بىلەن شيۇيەن ئىككىسىنى تۆرگە، پىڭئېرنى غەربكە، باۋيۈينى شەرققە قارىتىپ ئولتۇرغۇزدى. تەنچۈن يۈەنياڭنى يېنىغا ئېلىپ، تۆتەيلەننىڭ ئۇدۇلغا كېلىپ ئولتۇردى. غەربتىكى جوزىغا باۋچەي، دەييۈي، شياڭيۈن، يىڭچۈن، شىچۈنلەر ئۆز رېتى بويىچە ئولتۇرۇشتى، شياڭلىڭ بىلەن يۈيچۇەر ئىككىسىنىمۇ توغرىسىغا ئولتۇرۇڭلار دەپ تارتتى. ئۈچىنچى جوزىدا يۈشى خېنىم ۋە لى ۋەنلەر شىرېن بىلەن سەييۈننى كېلىپ ئولتۇرۇشقا تارتتى. تۆتىنچى جوزىغا زىجۈەن، يىڭئېر، چىڭۋېن، شياۋلو، سىچىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى.

تەنچۈنلەر قەدەھ تۇتماقچى بولۇپ تۇراتتى، باۋچىن باشلىق تۆتەيلەن:

− مۇنداق غەلۋە قىلىۋەرسەك، كەچكىچىمۇ داستىخانغا ئولتۇرۇپ بولالمىغۇدەكمىز ! − دېيىشتى.

شۇ گەپ بىلەن باشقىلار بولدى قىلىشتى. ئىككى كور ئايال مەدداھ غەزەل ئېيتىپ قۇتلىماقچى بولۇۋىدى، باشقىلار:

− بۇ يەردىكىلەردىن ھېچكىم ئۇنداق سەھرايى گەپلەرنى ئاڭلىمايدۇ، مەسلىھەتخانىغا بېرىپ، شۇ يەردە ئېيتىپ ھامما خېنىمنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىڭلار، − دېدى ۋە تۈرلۈك يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، شۆ ھاممىغا سۇنۇپ بېرىشكە كىشى بۇيرۇدى.

− مۇنداق ئېسىللىشىپ ئولتۇرۇۋەرگەننىڭ قىزىقى يوق، شاراب ئويۇنى ئۆتكۈزسەك ئوبداق بولاتتى، − دېدى باۋيۈي.

بەزىلەر شاراب ئويۇنىنىڭ مۇندىقىنى قىلايلى دېسە، بەزىلەر ئۇندىقى ئوبدان، دەپ بىردەم تالاشتى.

− مېنىڭچە بولسا، − دېدى دەييۈي، − دۈۋەت - قەلەم ئالدۇرۇپ، ھەر خىل شاراب ئويۇنلىرىنى يېزىپ، يىمىرىپ چەك قىلايلى، قولىمىزغا قايسى چىقسا شۇنى ئوينايلى.

− ئوبدان چارە بولدى ! − دېيىشتى باشقىلار.

دۈۋەت - قەلەم ۋە گۈللۈك قەغەز ئالدۇرۇشتى. شياڭلىڭ يېقىندىن بۇيان شېئىر ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى خەت يېزىشنىمۇ مەشىق قىلىپ تۇراتتى، دۈۋەت - قەلەمنى كۆرۈشى بىلەنلا، ئۇ ئىنتىزارلىق بىلەن:

− مەن يازاي، − دېدى.

كۆپچىلىك بىردەم ئويلاشقاندىن كېيىن، شاراب ئويۇنىدىن ئون نەچچە تۈرلۈكنى تېپىپ ئېيتىپ بەردى، شياڭلىڭ بىر - بىرلەپ يېزىپ، يىمىرىپ چەك قىلىپ شېشىگە سالدى. تەنچۈن پىڭئېرنى ئال دەپ بۇيرۇدى، پىڭئېر چەكلەرنى بىر قۇر ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، چوكا بىلەن بىرنى قىسىپ ئالدى، قارىسا، «يوشۇرماق - تاپماق» دەپ يېزىلغىنى چىقىپتۇ.

− شاراب ئويۇنىنىڭ بوۋىسىنى ئاپتۇغۇ بۇ ! − دېدى باۋچەي كۈلۈپ، − «يوشۇرماق - تاپماق» دېگەن ئويۇن قەدىمدە بار ئىدى، ھازىر ئۇنتۇلۇپ كەتكەن. ھازىرقىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزگەرتىلگىنى، باشقا شاراب ئويۇنلىرىدىن بۇ بەك تەس. بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ يېرىمى بۇنى بىلمەيدۇ، ئۇنى يىرتىۋېتىپ، ھەممەيلەن تەڭ لەززەت ئالالايدىغىنىدىن بىرنى ئالايلى، − ئاندىن ئۇ شىرېننى ئېلىشقا بۇيرۇدى. ئۇنىڭغا «بارماق جېڭى» دېگەن چىنەك ئويۇنى چىقتى.

− بۇ ئاددىي ھەم چاققان ئويۇن، مېنىڭ مىجەزىمگە ياقىدۇ، − دېدى شياڭيۈن كۈلۈپ، − «يوشۇرماق - تاپماق»نى ئوينىمايمەن، كىشىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇۋېتىدۇ، مەن چىنەك ئويۇنىغا قاتنىشاي.

− مۇشۇلا ئىشنى بۇزىدىكەن. باۋچەي ئاچا، ئۇنىڭغا بىر قەدەھ جەرىمانە قويۇڭ ! − دېدى تەنچۈن.

باۋ چەي سۆز قىلىشقىمۇ يول قويماي، كۈلگىنىچە شياڭيۈنگە بىر قەدەھ قۇيدى.

− مەن بىر قەدەھ ئىچەي، مەن ئويۇننى باشقۇرغۇچى، − دېدى تەنچۈن، − جاكارلاپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، مەن بەلگىلىسەملا بولدى. شىشىخال بىلەن تەخسە ئەكېلىڭلار، باۋچىن سىڭلىمدىن باشلاپ قاتارىسىغا تاشلايلى، چېكىتى جۈپ كەلگەن ئىككىيلەن يوشۇرماق - تاپماق قىلىشسۇن.

باۋچىن شىشىخالنى تاشلىۋىدى، «ئۈچ» كە ئولتۇردى، شيۇ يەن، باۋيۈيلەرنىڭ تاشلىغان شىشىخاللىرىنىڭ چېكىتلىرى ئۇنىڭغا جۈپ كەلمىدى، شياڭلىڭ تاشلىغاندا «ئۈچ» چىقتى.

− گەپ - سۆزلىرىمىز ئۆيئىچى بىلەنلا چەكلەنسۇن، تالانىڭ گەپلىرىنىمۇ ئارىلاشتۇرۇۋالساق، گەپ بەك چىگىچلىشىپ كېتىدۇ، − دېدى باۋچىن كۈلۈپ.

− ئەلۋەتتە، − دېدى تەنچۈن، − ئۈچ قېتىم تاشلاپمۇ دەل كەلتۈرەلمىگۈچىگە بىر قەدەھ جەرىمانە قويۇلىدۇ. قېنى ئۆزىڭىز باشلاپ بېرىڭ.

باۋچىن بىردەم ئويلىنىۋېلىپ، «پېشقەدەم» دېگەن سۆزنى ئېيتتى. شياڭلىڭ بۇ ئويۇنغا خام بولغاچقا، دەرھال ئويلاپ تاپالمىدى. ئۆيدە، ھەممە داستىخاندا «پېشقەدەم» سۆزى بىلەن چېتىلىدىغان ماقال - تەمسىل چېلىقمىدى. شياڭيۈن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇدۇل كەلگەن نەرسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ باققانىدى، ئىشىكنىڭ ئەگىمىگە چاپلاقلىق «قىزىل خۇشبۇيزار» دېگەن خەتكە بىردىنلا كۆزى چۈشۈپ، باۋچىننىڭ يوشۇرغىنى «مەن پېشقەدەم كۆكتاتچىغا يەتمەيمەن» دېگەندىكى «كۆكتاتچى» دېگەن سۆزگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شياڭلىڭنىڭ بۇنى تاپالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك دۇمباق چېلىپ يەنە ئالدىراتقانىدى، شياڭيۈن ئاستا شياڭلىڭنى تارتىپ، «چوغلۇق» دەڭ دەپ ئۆگەتتى. دەييۈي كۆرۈپ قېلىپ:

− شياڭيۈنگە جەرىمانە قويۇش كېرەك ! ئۇ ئۇنىڭغا دەپ بېرىۋاتىدۇ ! − دېدى.

شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا شۇ زامانلا بىر قەدەھ جەرىمانە سالدى. شياڭيۈن ئاچچىقىدا دەييۈينىڭ قولىغا چوكا بىلەن سالدى. ئاندىن شياڭلىڭغا بىر قەدەھ جەرىمانە قويدى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن باۋچەي بىلەن تەنچۈننىڭ تاشلىغان چېكىتلىرى جۈپ كېلىپ، تەنچۈن «كىشى» دېگەن سۆزنى يوشۇردى.

− «كىشى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى تولىمۇ كەڭ، − دېدى باۋچەي كۈلۈپ.

− يەنە بىر سۆز قوشۇپ، يوشۇرۇنغان ئىككى سۆزگە بىر مەنە تاپسا كەڭ مەنىلىك بولۇپ كەتمەيدۇ، − دېدى تەنچۈن، ئاندىن يەنە «پەنجىرە» دېگەن سۆزنى ئېيتتى.

باۋچەي ئويلاپ تۇرۇپ كېتىپ، داستىخاندىكى توخۇ گۆشىنى كۆرۈپ، تەنچۈننىڭ «توخۇلۇق پەنجىرە» بىلەن «جاكارچى» دېگەن ئىككى تەمسىلنى قوللانغانلىقىنى پەملەپ، «كاتەك» دەپ جاۋاب بەردى. تەنچۈن ئۇنىڭ تېپىۋالغانلىقىنى بىلىپ، «توخۇ كاتەككە قونۇپتۇ» دېگەن تەمسىلنى ئىشلەتتى. ئىككىسى كۈلۈشۈپ قويۇپ، ئالدىدىكى قەدەھنى كۆتۈرۈشتى.

شياڭيۈن تاقىلداپ كېتىپ، باۋيۈي بىلەن «ئۈچ»، «بەش» دەپ ۋارقىرىشىپ، چىنەك ئويۇنىغا كىرىشىپ كەتتى. يۇشى خېنىم بىلەن يۈەنياڭمۇ نېرىقى داستىخاندا «يەتتە»، «سەككىز» دەپ چىنەك ئويۇنىغا چۈشتى. پىڭئېر بىلەن شىرېنىمۇ جۈپ بولۇشتى، بېغىشلاردىكى بىلەزۈكلەر جىرىڭ - جىرىڭ، جىلدىر - جىلدىر قىلىشقا باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن، شياڭيۈن باۋيۈينى ئۇتۇۋالدى، پىڭئېر شىرېننى ئۇتۇۋالدى، ئىككىسى شاراب توغرىسىدا شەرتلەشتى.

− شاراب ئىچىش ئالدىدا، − دېدى شياڭيۈن، − بىر جۈملە قەدىمكى ئىبارە، بىر مىسرا كونا شېئىر، بىر ئېغىز كوزىر ئويۇنىنىڭ نامى، بىرەر غەزەلنىڭ نامى، ئاندىن يەنە تەقۋىمدە بار گەپلەردىن بىرەرسىنى دەپ، ھەممىسىنى يىغىپ بىر جۈملە قىلىپ ئېيتىپ بېرىدۇ. شارابنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، جاھاندارچىلىققا ئالاقىدار بولغان مېۋە ياكى سەينىڭ نامىنى دەپ بېرىدۇ.

− مۇشۇنىڭ ئويۇنىلا باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا ئاشۇنداق مىلجىڭ، لېكىن خېلى قىزىقارلىق، − دېيىشتى باشقىلار ۋە باۋيۈينى سۆزلەشكە ئالدىراتتى.

− كىم دەپ بېقىپتۇ بۇنى؟ ئويلىنىۋالايلا، − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ.

− سىز بىر قەدەھنى ئارتۇق ئىچىڭ، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن دەپ بېرەي، − دېدى دەييۈي.

راست دېگەندەك باۋيۈي ئىچىۋەتتى. دەييۈي دېدى:

سۇندى شەپەق، يېتىم ئۆردەك تەڭلا ئۇچتى،

سوقتى شامال، ئىڭراپ غازمۇ غولدىن ئۆتتى؛

يەكپاي ياۋا غاز ئاتىلۇر بۇنىڭ نامى،

قار - قار قىلىپ كىشىنى زەپ مۇڭ - زار تۇتتى.

− كېلىپتۇ غاز مېھمان بولۇپ.

بۇ جاۋابقا ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ:

− بۇ بىر يۈرۈش گەپلەر خېلى مەنىلىك بولدى ! − دېيىشتى.

دەييۈي چوكا سېلىۋىدى، چوكىغا «بۇندۇق تىلىپى» دەپ يېزىلغان چەك چىقىۋىدى، ئۇ شاراب ئاخىرىنى مۇنداق دەپ چۈشۈردى:

يان ھويلىدا دۆشە بىلەن بۇندۇقنىڭ يوق ھېچ ئىشى،

پاقىلدىتىپ كىر يۇغىلى نەدىن كەپتۇ شۇنچە كىشى؟

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز نۆۋىتىنى تۈگەتتى. يۈەنياڭ، شىرېنلەر «ئۆمۈر» دېگەن سۆز بىلەن كەلگەن تەمسىل گەپلەردىن دەپ بەردى. ئەمدى ئوشۇق گەپنى قويۇپ تۇرايلى.

كۆپچىلىك نۆۋەت بىلەن بىر پەس كالدىرلاشتى. ئۈستىلەپ شياڭيۈن يەنە باۋچىن بىلەن جۈپ بولدى، لى ۋەن بىلەن شيۇيەننىڭ شىشىخال چېكىتلىرى جۈپ كېلىپ قالدى. لى ۋەن «قاپاق» سۆزىنى يوشۇردى، شيۇيەن ئۇنىڭغا «يېشىل» سۆزى بىلەن جاۋاب تاپتى. ئىككىسى مەنىسىنى چۈشىنىپ، بىر ئوتلامدىن شاراب ئىچىشتى. شياڭيۈن چىنەك ئويۇنىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، شاراب ئىچىش توغرىسىدا شەرتلىشەيلى، دېدى.

− كۈپكە مەرھەمەت قىلغايلا، − دېدى كۈلۈپ باۋچىن.

− بۇ تەمسىلنى جايىدا ئېيتتى، − دەپ كۈلۈشتى ھەممەيلەن. ئاندىن شياڭيۈن مۇنداق دېدى:

ئۆركەش مەۋج ئۇرۇپ ئۇچقۇن چېچىلدى،

دەريادا دولقۇن كۆككە ئېتىلدى،

زەنجىرگە يالغۇز قېيىق چېتىلدى؛

دەريادا چىقسا بىر بوران ئەگەر،

− لايىق كەلمەس سەپەر.

− شياڭيۈن كۈلدۈرۈپ ئۈچەيلىرىمىزنى ئۈزۈۋەتكۈدەك قىزىق گەپ قىلدى ! − دەپ كۈلۈشتى ھەممەيلەن، − بۇچۇ، ئەتەي بىزنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ تېپىشماقنى ئېيتتى، − ئاندىن ئۇنى يەنە سۈيلىدى، − جاۋاب ئاخىرىدىكىسىنى چاپسانراق دەڭ.

شياڭيۈن شارابنى ئىچىپ بولۇپ، كەينىدىنلا ئۆردەك گۆشىدىن بىر توغرام يېدى. ئاندىن يەنە چىنىدە ئۆردەكنىڭ يېرىم كاللىسى قالغىنىغا كۆزى چۈشۈپ، شۇنى قىسىپ ئالدى - دە، مېڭىسىنى يېيىشكە باشلىدى.

− يەۋېرەمسىز، چاپسانراق دېسىڭىزچۇ، − دەپ كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىراتتى.

شياڭيۈن چوكىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

بۇ «ياتۇ» ئەمەس، ئۇ «ياتۇ» تېخى

نەدە بار ئىكەن چېچىدا دالچىن گۈل يېغى.

كۆپچىلىك تېخىمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن چىڭۋېن، شياۋلو قاتارلىق دېدەك قىزلار ئالدىغا كېلىپ:

− شياڭيۈن خېنىم بىزنى زاڭلىق قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشقا خويمۇ ئۇستا ئىكەن، بىر قەدەھ جەرىمانە قويۇش كېرەك ! بىزنىڭ نەدە دالچىن يېغى سۈرتكۈچىلىكىمىز بولسۇن ! ئەمدى بىزگە سۈرتۈش ئۈچۈن بىر شېشىدىن دالچىن يېغى بەرسۇن ! − دەپ تۇرۇۋېلىشتى.

− ئۇنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر شېشىدىن گۈل يېغى بەرگۈسى بار ئىدى، ئۇنى بەرسە ئوغرىلىق دەۋاسىغا ئىلىنىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، − دەپ كۈلدى دەييۈي.

كۆپچىلىك بۇ گەپكە ئانچە ئېرەن قىلمىدى. باۋيۈي بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ بېشىنى ساڭگىلىتىۋالدى، سەييۈننىڭ يۈرىكى پوك - پوك بولغاچقا، ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. باۋچەي شۇ زامانلا دەييۈيگە لاپپىدە بىر قاراپ قويدى. دەييۈي ئېغىز يۈگۈرۈكلۈك قىلىپ قويغىنىغا ئۆكۈندى، باۋيۈينى زاڭلىق قىلىمەن دەپ، بۇ گەپنىڭ سەييۈنگە تېگىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغانىدى. ئۇ پۇشايماننى ئېلىشقا قاچا تاپالماي، دەرھال بىر يۈرۈش چىنەك ئويۇنى باشلاپ، ئۇ گەپنى يىتتۈرۈۋەتتى. ئاندىن باۋيۈي بىلەن باۋچەي تاشلىغان شىشىخالنىڭ چېكىتلىرى جۈپ كېلىپ قېلىپ، باۋچەي «باۋ» دېگەن سۆز يوشۇرۇنغان تېپىشماقنى ئېيتتى. باۋيۈي ئويلىنىپ بېقىپ، باۋچەينىڭ ئوينىشىپ، ئۆزىنىڭ «ھېكمەتلىك قاشتېشى»غا ئىشارەت قىلىپ دېگەنلىكىنى بىلدى:

− باۋچەي ئاچام مېنى شاڭخو قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ جاۋابىنى تېپىۋالدىم، − دېدى ئۇ، − مەن دېسەم، ئاچا، سىز خاپا بولۇپ قالماڭ، سىزنىڭ ئىسمىڭىزدىكى «چەي» سۆزىنىڭ نەق ئۆزى شۇ.

− قانداقسىغا؟ − دەپ سورىدى كۆپچىلىك.

− ئۇ «باۋ» دېدى، ئاخىرى ئەلۋەتتە «يۈي» بولىدۇ، مەن «چەي» دەپ جاۋاب بەردىم. كونا شېئىردا «چېكىۋەتسە يۈيچەينى كۆزنى يۇمغاي قىزىل شام» دېگەن مىسرا بار. قانداق، تېپىۋاپتىمەنمۇ؟ − دېدى باۋيۈي.

− بۇنداق ۋاقتى ھازىرلىق قىلىپ سۆزلەشكە بولمايدۇ، ئىككىلىسىگە جەرىمانە قويۇش كېرەك، − دېدى شياڭيۈن.

− ۋاقتى ھازىرلىق بولمىسا كېرەك. بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىققان مەنبەسى بار، − دېدى شياڭلىڭ.

− «باۋيۈي» دېگەن سۆزنىڭ ھېچقانداق نەقلى قىلىنغان مەنبەسى يوق، − دېدى شياڭيۈن، − پەقەت چاغانلىق بېيىتلاردىلا ئانچە - مۇنچە ئۇچراپ قالىدۇ، شېئىرنامىلەردە قەيت قىلىنمىغان سۆزنى ھېسابقا ئالغىلى بولمايدۇ.

− قايسى كۈنى مەن سېن جياجۇ نىڭ بەش سۆزلۈك شېئىرلىرىنى ئوقۇغانىدىم، − دېدى شياڭلىڭ، − شۇنىڭدا: «ئېسىل قاشتاش كۆپ ئىكەن بۇ ماكاندا» دېگەن مىسرانى ئۇچراتتىم. بۇنى ئەجەب ئۇنتۇپ قاپسىز - ھە؟ كېيىن لى يىشەننىڭ رۇبائىيلىرىنى ئوقۇغىنىمدا «چاڭ قونمايدۇ ھېچقاچان ئېسىل جىغىغا» دېگەن مىسرانى كۆردۈم. شۇڭا، مېنىڭمۇ چاقچاق قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمى تاڭ زامانىدىكى شېئىرلاردىمۇ بار ئىكەن.

− گەپتە تۇتۇۋالدى مانا، بىر قەدەھ جەرىمانە قويۇش كېرەك ! − دېدى باشقىلار كۈلۈشۈپ.

شياڭيۈن گەپ تاپالماي، نائىلاج بىر قەدەھ ئىچتى. كۆپچىلىك يەنە شىشىخال چېكىتلىرىنى جۈپ كەلتۈرۈپ، چىنەك ئويۇنىغا كىرىشىپ كەتتى. جيا ئانا بىلەن ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئۆيدە بولمىغاچقا، بۇلار ھېيىقماي، خالىغانچە ئويۇن - چاقچاق قىلىشىپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ شاۋقۇن كۆتۈرۈشتى، ياقۇت - زۇمرەت، ئۈنچە - مەرۋايىت بىلەن بېزەلگەنلەر مېھمانخانىنى بىر ئېلىپ راسا قىزىپ كېتىشتى. كۆپچىلىك بىرپەس تاماشا قىلغاندىن كېيىن، داستىخاندىن يېنىشتى. شۇ ئارىدا شياڭيۈن كۆرۈنمەي قالدى. ئۇنى تالاغا ئەدەپكە چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دېيىشكەنىدى، شۇنچە كۈتۈشسىمۇ، ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى. تەرەپ - تەرەپكە كىشىلەرنى ئەۋەتىپ ئىزدەشتۈردى، ھېچ يەردىن تاپالمىدى.

ئاندىن، لىن جىشياۋنىڭ ئايالى بىلەن بىرنەچچە خىزمەتكار موماي، بىر تەرەپتىن، بىرەر رەسمىي ئىش چىقىپ قېلىپ بىزنى چاقىرتقاندۇ دەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، دېدەكلەر ياشلىق قىلىپ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ، تەنچۈنلەرنىڭ چەكلىگىنىگىمۇ بوي بەرمەي، ئۆز مەيلىچە كۆپرەك ئىچىپ قويۇپ، ئەدەپ - قائىدىدىن چىقىپ كەتمىسۇن، دېگەن ئەندىشە بىلەن كېلىپ ئىش بارمۇ دەپ سوراشتى. تەنچۈن ئۇلارنى كۆرۈپلا مەقسىتىنى چۈشەندى - دە:

− سىلەر ئەنسىرەپ بىزنى تەكشۈرگىلى كەپسىلەر - دە، شارابنى ئانچە كۆپ ئىچمىدۇق، ھەممىمىز ئويۇن - چاقچاق قىلىش ئۈچۈنلا شارابنى باشلامچى قىلدۇق، ئانىكىلار، ئەنسىرەشمەڭلار، − دېدى.

− سىلەرمۇ چىقىپ ئارام ئېلىڭلار، بىزمۇ ئۇلارغا كۆپ ئىچۈرمەيمىز، − دېدى لى ۋەن بىلەن يۇشى خېنىم كۈلۈپ.

− بىز ئۇقىمىز، − دېيىشتى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى بىلەن خىزمەتكار مومايلار، − ھەتتا ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىممۇ خان قىزلارنى شاراب ئىچىڭلار دېسە، خان قىزلارنىڭ تېخى ئىچكۈسى كەلمەيدۇ. ئاغىچا خېنىملار ئۆيدە بولمىغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە، ئويۇن - تاماشا قىلىشسىلا، بىز بىرەر ئىش - پىش بارمىكىن دەپ قۇلاق سېلىپ كەلگەنىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈن ئۇزىراپ قالدى، خان قىزلار بىردەم ئويۇن - تاماشا قىلىشقاندىن كېيىن، ھەربىرلىرىگە ئانچە - مۇنچە يېمەكلىك سۇنۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە، ئۇنداق - مۇنداق نەرسىلەرنى ئانچە كۆپ يېيىشمەيلا، بۈگۈن بىر - ئىككى قەدەھ ئىچىپ قويغاندىن كېيىن، غىزانى كۆپرەك يېمىسە سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ.

− ئانىكاملارنىڭ ئېيتقىنى توغرا، بىزمۇ غىزالىنايلى دەپ تۇراتتۇق، − دېدى تەنچۈن ۋە پېچىنە - توقاچلارنى ئەكېلىشكە كىشى بۇيرۇدى. ئىككى ياندىكى دېدەكلەر تەڭلا «خوش» دەپ، يېمەكلىك ئەكېلىشكە خەۋەر قىلىشتى.

− سىلەر ئارام ئېلىڭلار، − دېدى يەنە تەنچۈن كۈلۈپ، − ياكى بولمىسا، ھامما خېنىمنىڭ يېنىغا كىرىپ پاراڭ سېلىشىڭلار، سىلەرگە شاراب كىرگۈزۈپ بېرەيلى.

− يوقسۇ، ھەر قايسىلىرىنى جوۋىتالمايمىز، − دېدى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ۋە خىزمەتكار مومايلار. ئۇلار بىردەم تۇرۇشقاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشتى.

− يۈزلىرىم قىزىپ كېتىۋاتىدۇ، − دېدى پىڭئېر مەڭزىنى سىلاپ، − ئۇلارغا قاراشقىمۇ ئۇياتقۇم كەلدى. بولدى، يىغىشتۇرۇۋېتەيلى. بىكار، ئۇلار يەنە كەلسە سەتچلىك بولمىسۇن.

− ھېچقىسى يوق، بولۇشىچە شاراب ئىچمىسەكلا بولىۋېرىدۇ، − دېدى تەنچۈن كۈلۈپ.

شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا، بىر چۆرە قاقاھلاپ كۈلگىنىچە كىرىپ مەلۇم قىلدى:

− خان قىزلار، چىقىپ قاراپ بېقىشسىلا، شياڭيۈن خېنىم مەست بولۇپ قاپتۇ، سەگىدەيمەن دەپ سۈنئىي تاغنىڭ كەينىدىكى قارا تاش ئورۇندۇقتا ئۇخلاپ ياتىدۇ !

− بولدى، ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرمەڭلار، − دېدى باشقىلار.

ھەممەيلەن كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، شياڭيۈن سۈنئىي تاغنىڭ خىلۋەت يېرىدىكى بىر تاش ئورۇندۇقتا يېتىپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، تەرەپ - تەرەپتىن توزۇپ كەلگەن چوغلۇق چېچەكلىرى ئۇنىڭ يۈز - كۆزى ۋە ئېتەكلىرىنى قاپلاپ، قىزىل چوغلۇق چۈمكىۋاپتۇ. قولىدىكى يەلپۈگۈچ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، چېچەكلەرگە كۆمۈلۈپ قالاي دەپتۇ، بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنى ئورىۋاپتۇ، شياڭيۈن تۈتۈن ياغلىققا چوغلۇق گۈل بەرگىلىرىنى ئوراپ بېشىغا قويۇۋاپتۇ. ھەممەيلەننىڭ بۇنىڭغا ھەۋىسىمۇ كەلدى، كۈلگۈسىمۇ كەلدى. يېقىن كېلىپ ئۇنى تۈرتۈپ ئويغىتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. شياڭيۈن چۈشەكەپ، تۆتۆتلەپ شاراب تېپىشمىقى ئېيتتى:

〓〓〓خۇشبۇي بۇلاق سۈيىدە سۈزۈك بولدى مەي،

〓〓〓... ياندى خۇدىنى بىلمەي.

〓〓〓− يېقىن - يورۇق ئۇچرىشىش پەيتىدۇر شۇدەم.

− كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، بېرىپ غىزا يەيمىز. سوغۇق تاشنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاۋەرسىڭىز كېسەل بولۇپ قالىسىز ! − دېدى كۆپچىلىك كۈلۈشكەن پېتى ئۇنى تۈرتۈپ.

شياڭيۈن ئاستا كۆزلىرىنى سۈزۈپ كۆپچىلىككە قارىدى، ئاندىن ئۈستبېشىغا قاراپ، مەست بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. ئەسلىدە ئۇ خالىي جايدا سەگىدەي دەپ چىققانىدى، جەرىمانىسىگە بىر - ئىككى قەدەھنى ئارتۇقراق ئىچىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى تۇتالماي نايناقلاپ كېتىپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ بۇ ئىشىغا كۆڭلىدە پۇشايمان قىلدى. يۈز - كۆزىنى يۇيۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۆرە قىز بىر داس سۇ ئەكېلىپ بەردى، ئىككى چۆرە قىز پەرداز ساندۇقىنى تۇتۇپ بەردى. باشقىلار ئۇنى كۈتۈپ تۇردى. شياڭيۈن تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىچە يۈزىنى يۇيۇپ، سېكىلەكلىرىنى تۈزەشتۈردى. ئاندىن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە قىزىل خۇشبۇيزارغا يېنىپ كېلىپ ئىككى پىيالە قېنىق چاي ئىچتى، تەنچۈن مەستلىكتىن يېشىدىغان تاشنى ئالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاچچىق - چۈچۈك شورپا ئىچۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مەستلىكى بىرئاز يېشىلدى.

ئۇلار فېڭجيېگە مېۋە - چىۋە، سەيلەردىن بىرنەچچە خىلىنى تاللاپ ئەۋەتكۈزۈپ بەردى، فېڭجيېمۇ بىرنەچچە خىل نەرسىدىن يان تاۋاق قىلدى. باۋچەيلەر پېچىنە - توقاچلاردىن يەپ بولغاندىن كېيىن، بەزىلىرى ئولتۇردى، بەزىلىرى ئۆرە تۇردى، بەزىلىرى تالادا گۈل تاماشىسى قىلسا، بەزىلىرى شادىغا يۆلىنىپ، بېلىق تاماشىسى قىلدى. ئىشقىلىپ، ھەركىم ئۆزى خالىغان ئويۇن - كۈلكە بىلەن شۇغۇللاندى. تەنچۈن بىلەن باۋچىن قورشام دامكا ئوينىدى، باۋچەي بىلەن شيۇيەن ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا قاراپ تۇردى. دەييۈي بىلەن باۋيۈي بىر توپ گۈل تۈۋىدە بىر نېمىلەرنى دەپ گۇدۇڭلىشىۋاتاتتى. لىن جىشياۋنىڭ ئايالى بىلەن بىر توپ ئاياللار بىر خىزمەتكار ئايالنى كەينىگە سېلىپ كىرىپ كېلىشتى. خىزمەتكار ئايال قاپاقلىرى تۈرۈلگەن، كۆزلىرى ياش يۇقى، مېھمانخانىغا كىرىشكە پېتىنالماي، پەلەمپەي تۈۋىدىلا يۈكۈنۈپ باش قويغىلى تۇردى. تەنچۈن بىر تال ئۇرۇقى ھۇجۇم ئاستىدا قالغاچقا، ھېسابلاپ يۈرۈپ، ئاخىر ئىككى يۈرۈش يولغا ئىگە بولدى - دە، ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ پەيتنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى. ئۇ دامكا تاختىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي، بىر قولىنى ئۇرۇق قۇتىسىغا سوزۇپ، ئۇرۇقلارنى تۇتۇپ خىيال سۈرۈۋاتاتتى. لىن جىشياۋنىڭ ئايالى بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قالدى. تەنچۈن بۇرىلىپ قاراپ چاي سوراتقاندا، ئۇ ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ:

− نېمە ئىش؟ − دەپ سورىدى.

− بۇ ئايال تۆتىنچى خان قىزنىڭ ئۆيىدىكى چۆرە قىز سەيئېرنىڭ ئانىسى، − دېدى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ئۇنى كۆرسىتىپ، − ھازىر باغدا خىزمەت قىلىدۇ. ئاغزى بەك ئەسكى ئىكەن. مەن بايا ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن سورىدىم، ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىنى خان قىزغا ئېيتىشقىمۇ ئاغزىم بارمايدۇ. بۇنى قوغلاپ چىقىرىۋەتسەكلا ئىش تۈگەيدۇ.

− چوڭ كېلىن ئاغىچىغا نېمە ئۈچۈن مەلۇم قىلمىدىڭلار؟ − دېدى تەنچۈن.

− بايا، چوڭ كېلىن ئاغىچا مېھمانخانىغا ھامما خېنىمنىڭ يېنىغا كېتىۋاتقانىكەن، − دېدى لىن جىشياۋنىڭ ئايالى، − ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ مەلۇم قىلغانىدىم، بېرىپ خان قىزغا مەلۇم قىل، دېدى.

− نېمىشقا ئوتتۇرانچى كېلىن ئاغىچىغا مەلۇم قىلمايسىلەر؟ − دېدى يەنە تەنچۈن.

− مەلۇم قىلمايلا قويسۇن، مەن قايتقاندا دەپ قويساممۇ بولىۋېرىدۇ، − دېدى پىڭئېر، − ئۇنداق بولسا، بۇنى چىقىرىۋەتسەك، ئاغىچا خېنىم كەلگەندە ئاندىن مەلۇم قىلساق بولامدىكىن، خان قىز، ئۆزلىرى كېسىپ بىر نېمە دېسىلە.

تەنچۈن بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ دامكىسىنى ئويناۋەردى. لىن جىشياۋنىڭ ئايالى ھېلىقى ئايالنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.

دەييۈي بىلەن باۋيۈي گۈل تۈۋىدە يىراقتىن كۆز سېلىپ تۇرۇشاتتى.

− سىلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئۈچىنچى خان قىز چېچەن ئىكەن، − دېدى دەييۈي، − ئۇنى ئانچە - مۇنچە ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويۇۋىدى، ئۇ بىر قەدەمنىمۇ ئارتۇق باسمىدى. ئۇنداقلارنىڭ تولىسى ئاللىقاچان سىپايىگەرچىلىك قىلىشقا باشلىغان بولاتتى.

− سىز ئۇقمايسىز، − دېدى باۋيۈي، − سىز ئاغرىپ قالغاندا ئۇ بىرنەچچە ئىش قىلىپ، بۇ باغنى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بىرقانچە كىشىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ھازىر باغدا بىرەر تال ئوتنىمۇ يۇلغىلى بولمايدۇ. يەنە بىرقانچە ئىشنى بىكار قىلىۋېتىپ، مەن بىلەن فېڭجيې ئاچامنى يەرگە قاراتتى. قورسىقىدا دىتى بار ئادەمنى چېچەن دېسىلا كۇپايە قىلماس !

− ئاشۇنداق بولغىنى ياخشى، − دېدى دەييۈي، − بىز تولىمۇ ئىسراپخور بولۇپ كەتتۇق. مەنغۇ ئىش باشقۇرمايمەن. بىكار بولغان چاغلىرىمدا، ئىچىمدە ئۇلارنىڭ ھېساب - كىتابىنى قىلىپ كۆرسەم، چىقىم كۆپ، كىرىم ئاز ئىكەن. ئەگەر ھازىردىن باشلاپ تېجىمەيدىغان بولسا كېيىن قولى قىسقىراپ قالىدۇ.

− كېيىن ھەرقانچە قولى قىسقىراپ قالغان تەقدىردىمۇ، بەرىبىر بىز تۆتىمىزنىڭ رىزقى كېمىيىپ قالمايدۇ، − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ.

دەييۈي بۇ گەپنى ئاڭلاپ، باۋچەي بىلەن چاقچاقلىشىش ئۈچۈن بۇرىلىپلا مېھمانخانىغا ماڭدى. باۋيۈي ماڭاي دەپ تۇراتتى، شىرېن كېلىپ قالدى. ئۇ پەرەڭ سىردا سىرلانغان چەمبەر گۈللۈك پەتنۇسقا ئىككى پىيالە يېڭى دەملەنگەن چاي قۇيۇپ كۆتۈرۈپ كەلگەنىدى.

− ئۇ نەگە كەتتى؟ − دەپ دورىدى شىرېن، − قارىسام، ئىككىڭىزلار چاي ئىچمىگىلى خېلى بولدى، ئاتايىن ئىككى پىيالە چاي ئەكەلسەم، ئۇ كېتىپ قاپتۇ.

− ئەنە تۇرۇپتۇغۇ، ئاپىرىپ بەرگىن، − دېدى باۋيۈي ۋە ئۆزى بىر پىيالە چاينى ئالدى.

شىرېن قالغان بىر پىيالە چاينى كۆتۈرۈپ بېرىۋىدى، قارىسا، ئۇ باۋچەي بىلەن بىللە ئولتۇرۇپتۇ، چاي بىر پىيالىلا بولغاچقا، شىرېن:

− قايسىلىرىنىڭ ئىچكۈسى كەلگەن بولسا، ئاۋۋال ئىچكەچ تۇرسىلا، مەن بېرىپ يەنە قۇيۇپ كېلەي، − دېدى.

− مەنغۇ ئىچمەيمەن، بىرلا ئوتلاپ ئاغزىمنى چايقىۋەتسەم بولدى، − دەپلا باۋچەي چاينى ئېلىپ، بىر ئوتلىدى - دە، قالغان يېرىمىنى دەييۈينىڭ قولىغا ئۇزارتتى.

− مەن باشقا چاي قۇيۇپ كېلەي، − دېدى شىرېن.

− مېنىڭ كېسىلىمنى سەن بىلىسەنغۇ، تېۋىپ چاينى تولا ئىچمىسۇن دېگەن، مۇشۇ يېرىم پىيالىمۇ يېتىدۇ، جوۋاپ بىزنى ياد ئېتىپسەن، − دېدى دەييۈي كۈلۈپ ۋە چاينى ئىچىپ بولۇپ پىيالىنى پەتنۇسقا قويدى. شىرېن كېلىپ باۋيۈينىڭ قولىدىكى پىيالىنى ئالدى.

− بۈگۈن فاڭگۇەن كۆرۈنمەيدۇ، نەگە كەتتى ئۇ؟ − دەپ سورىدى باۋيۈي.

− بايىلا مۇشۇ يەردە ئىدى، − دېدى شىرېن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، − بىرنەچچىسى ئوت - چۆپ ئۈزۈپ ئوينىشىۋاتاتتى، بىردەمدىلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ:

باۋيۈي شۇئان ئۆيگە قايتتى. فاڭگۇەن تامغا قاراپ كارىۋاتتا ئۇخلاۋېتىپتۇ، باۋيۈي ئۇنى تۈرتتى:

− بولدى ئۇخلىما، تالاغا چىقىپ ئوينايلى، بىردەمدىن كېيىن غىزا يەيمىز.

− سىلەر شاراب ئىچكەندە، مېنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىدى، − دېدى فاڭگۇەن، − بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرۇپ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، ئاندىن قايتىپ كېلىپ ئۇخلىدىم.

− ئاخشاملىققا ئۆز ئۆيىمىزدە يەنە ئىچىشىمىز، − دېدى باۋيۈي ئۇنى تارتىپ تۇرغۇزۇپ، − قايتىپ كەلگىنىمىزدە مەن شىرېنگە ئېيتاي، شىرېن ئاچاڭ سېنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ بىللە غىزا يېسۇن، بولامدۇ؟

− ئوۋگۇەن، رۇيگۇەنلەر داستىخاندا ئولتۇرماي مەنلا ئولتۇرسام ئوبدان بولمايدۇ، مېنىڭمۇ ئۈگرە ئاش بىلەن خۇشۇم يوق، ئەتىگەنمۇ تۈزۈكرەك ناشتا قىلالمىغانىدىم. باياتىن قورسىقىم ئېچىپ، ليۇ يەڭگەمگە ئاۋۋال ماڭا بىر قاچا شورپا، خاسە گۈرۈچتە دۈملەنگەن يېرىم چىنە گاڭپەن ئەۋەتىپ بېرىڭ، دەپ قويدۇم، مۇشۇ يەردىلا قورساقنى توقلىۋالسام بولدى، ئاخشاملىققا شاراب ئىچىدىغان ئىش بولسا، ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىسۇن، كۆتۈرەلىشىمچە ئىچىپ بولدى قىلىمەن. ئۆيۈمدىكى چاغدا ئېسىل خۇيچۇەن شارابىدىن ئىككى - ئۈچ جىڭنى ئىچىۋېتەتتىم، ئۇلار ئاۋازىڭنى بۇزۇۋالىسەن دەپ، ئىچۈرمىدى. شۇڭا، بىرنەچچە يىل بولدى، شارابنى پۇراپمۇ باقمىغان، بۈگۈن ئەمدى روزامنى بۇزىدىغان بولدۇم.

− ئۇ ئاسان گەپ، − دېدى باۋيۈي.

شۇ ئارىدا ليۇ يەڭگە بىر كىمدىن تاماق قۇتىسىنى ئەۋەتىپتۇ، قۇتىنى چۈنيەن ئېلىپ ئېچىپ قارىۋىدى، توخۇ گۆشىدىن خام قىيما قىلىنغان بىر چىنە شورپا، شارابتا ئېچىتىپ قاسقاندا ياغسىز دۈملەنگەن بىر چىنە ئۆردەك گۆشى، تۇزلانغان بىر چىنە ئەڭلىكتەك قىپقىزىل غاز گۆشى قېقى، يەنە بىر تەخسىدە سېرىق ياغدا قىلىنغان تىتىلىپ تۇرىدىغان تۆت دانە يۇتازا، مەرۋايىتتەك ئاپپاق خۇشبۇي خاسە گۈرۈچتە ئېتىلگەن بىر ئاپقۇر ئىسسىق گاڭپەن بار ئىكەن، چۈنيەن قۇتىنى شىرەگە قويۇپ، سەي چىنىسى ۋە چوكا كەلتۈرۈپ، بىر چىنە گاڭپەن ئۇستى.

− ئۇنداق ياغلىق نېمىنى كىم يەيتتى ! − دېدى فاڭگۇەن ۋە ئۆزى ئاش ئۈستىگە شورپىنى قۇيۇپ ئىچتى، تۇزلانغان غاز گۆشى قېقىدىن ئىككى پارچە ئېلىپ يېدى، باۋيۈي ھىدلاپ بېقىپ، ئادەتتىكىدىن ئارتۇقراق مەززىلىك بىلىنگەچكە، يۇتازىدىن بىرنى يېدى. چۈنيەنگە گاڭپەندىن بىر چىنە ئۇستۇرۇپ، ئۈستىگە شورپا قۇيۇپ يەۋېدى، باۋيۈيگە قەۋەتلا تېتىپ كەتتى، چۈنيەن بىلەن فاڭگۇەن كۈلۈشتى. غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاشقان - تاشقاننى ياندۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋىدى، باۋيۈي:

− سەن يەۋەتكىن، يەتمىسە يەنە ئالدۇرغىن، − دېدى.

− ئالدۇرمىساممۇ بولىدۇ، مۇشۇ يېتىدۇ، − دېدى چۈنيەن، − بايىراقتا شېيۆ ئاچام پېچىنە - توقاچ ئەۋەتكەنىكەن، شۇنى يېدۇق، مۇشۇنى يېسەممۇ ماڭا يېتىدۇ، ئۈستىلەپ يېيەلمەيمەن.

چۈنيەن شىرە يېنىدا ئۆرە تۇرۇپلا بىر ۋاخلىق غىزاسىنى يەۋالدى، شۇنىڭدىمۇ يەنە ئىككى يۇتازا ئېشىپ قالدى:

− مۇنۇنى ئانامغا ئېلىپ قوياي، ئاخشاملىققا شاراب ئىچكەندە ماڭا ئىككى پىيالە شاراب بەرسىلەلا بولىدۇ.

− سەنمۇ شارابقا ئامراقمۇ؟ − دېدى باۋيۈي كۈلۈپ، − ئاخشاملىققا راسا ھۇزۇر قىلىپ بىر ئىچىشەيلى. شىرېن ئاچاڭ بىلەن چىڭۋېن ئاچاڭنىڭمۇ ئىشتىيى ئوبدان، ئۇلارمۇ ئىچەتتى. لېكىن، ھەر كۈنى ئىچىش مۆرىتى كەلگەندە تارتىنىپ قېلىشاتتى. بۈگۈن ھەممىڭلار روزاڭلارنى بۇزۇڭلار. يەنە بىر گەپ بار، سىلەرگە دەپ قويىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ھازىر ئېسىمگە كېلىپ قالدى: بۇنىڭدىن كېيىن فاڭگۇەندىن پۈتۈنلەي سەن خەۋەر ئېلىپ تۇرغىن، ئۇنىڭ يېتىشسىزلىكلىرى بولسا سەمىگە سېلىپ تۇر، شىرېن بۇلاردىن خەۋەر ئېلىشقا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ.

− ھەممە ئىش ماڭا مەلۇم، بۇنىڭدىن غەم تارتمىسىلا، − دېدى چۈنيەن، − ۋۇئېرنىڭ ئىشى قانداق بولدى؟

− سەن ليۇ يەڭگىگە ئېيتىپ قوي، ئەتە ئۇنى ئۆزىلا باغقا كىرگۈزۈۋەتسۇن. مەن ئۇلارغا دەپ قويساملا بولدى، − دېدى باۋيۈي.

− مانا بۇ جايىدا ئىش بولدى، − دەپ كۈلدى فاڭگۇەن.

چۈنيەن چۆرە قىزلاردىن ئىككىسىنى قولغا سۇ قۇيۇشقا، چاي كەلتۈرۈشكە چاقىردى، ئۆزى قاچا - قومۇچنى يىغىشتۇرۇپ، خىزمەتكار مومايغا بېرىۋېتىپ، قولىنى يۇدى، ئاندىن ليۇ يەڭگىنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتتى. بۇ گەپ شۇ يەردە قالسۇن.

باۋيۈي تالاغا چىقىپ، قىزىل خۇشبۇيزارغا ھەمشىرىلىرىنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇنىڭ كەينىدىن فاڭگۇەن ياغلىق، يەلپۈگۈچ كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇلار باغ دەرۋازىسىدىن چىقىشىغىلا، شىرېن بىلەن چىڭۋېن قول تۇتۇشۇپ قايتىپ كېلىپ قالدى.

− نېمە قىلىپ يۈرىسىلەر؟ − دەپ سورىدى باۋيۈي.

− غىزا تارتىلدى، سىزنى ساقلىشىپ قالدى، − دېدى شىرېن.

باۋيۈي كۈلۈپ قويۇپ، بايا غىزا يېگەنلىكىنى ئۇ ئىككىسىگە ئېيتىپ بەردى.

− سىزنى ئاسلاندەك تاماق يەيسىز دېگەنىدىم، − دېدى شىرېن كۈلۈپ، − شۇنداق بولسىمۇ، بېرىپ ئۇلارغا ئۈلپەت بولۇپ، قاتاردىن قالماي ئانچە - مۇنچە يەپ قويۇڭ.

− سەن ئېزىتقۇچۇ ! − دېدى چىڭۋېن فاڭگۇەننىڭ پېشانىسىغا نوقۇپ، − پەيتىنى تاپساڭلا قورساق تويدۇرۇشقا چاپىسەن ! بۇ ئىككىسى قاچانلاردا كېلىشىپ قويغان بولغىيدى؟ بىزگە تىنىپمۇ قويماپتۇ.

− ئۇدۇل كېلىپ قالغاندۇ، كېلىشىپ قويغان ئىش بولمىسا كېرەك، − دېدى شىرېن كۈلۈپ.

− ئۇنداق بولسا بىز كېرەك بولمىغۇدەكمىز، ئەتە - ئۆگۈن بىز كەتكەندە، يالغۇز فاڭگۇەننىڭ ئۆزىلا ھەممىگە يېتىشكۈدەك، − دېدى چىڭۋېن.

− بىز كەتسەك بولىۋېرىدۇ، سەن كەتسەڭ بولمايدۇ، − دېدى كۈلۈپ شىرېن.

− بىرىنچى بولۇپ مانا مەن كېتىمەن، − دېدى چىڭۋېن، − مەن دېگەن ھۇرۇن ھەم كالانپاي، خۇيۇممۇ ئەسكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرەككىمۇ كەلمەيمەن.

− توس مامۇق يېپىنچىنىڭ ئېتىكى كۆيۈپ تۆشۈك بولۇپ قالسا، سەن كەتسەڭ ئۇنى كىم يامايدۇ؟ − دەپ كۈلدى شىرېن، − ئۇنداق يوقىلاڭ گېپىڭنى قوي. بىرەر ئىشنى قىلىپ بەر دەپ جوۋاتسام يىڭنىگە يىپمۇ سالالمايدىغان دەرىجىدە ئېرىنىپ قالاتتىڭ. ئادەتتىغۇ سېنى ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئىشىمغا سالمايتتىم، قىلىدىغان ئىشىڭ مۇشۇ غوجامنىڭ ئىشى تۇرۇقلۇقمۇ قىلغۇڭ كەلمەيتتى. بىرنەچچە كۈن ئۆيۈمگە كەتكىنىمدە، ئاغرىپ ئۆلەي دەپ يېتىپمۇ، كېچىچە جېنىڭنى ئايىماي ئۇنىڭ يېپىنچىسىنى ياماپ بېرىپسەن، ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ قېنى گەپ قىلساڭچۇ ! ئۆزۈڭنى گومۇشلۇققا سېلىپ نېمىگە كۈلىسەن؟ بۇنداق قىلىشىڭمۇ ھېچنېمىگە ئارا تۇرالمايدۇ.

چىڭۋېن كۈلگىنىچە «تۈفى» دەپ تۈكۈرۈپ قويدى. ھەممەيلەن گەپلەشكەچ مېھمانخانىغا كەلدى. شۆ ھاممىمۇ كەلگەنىدى. ئۆز قاتارى بويىچە ئورۇن ئېلىپ غىزا يېيىشكە باشلىدى. باۋيۈي بىر چىنە گاڭپەنگە چاي قۇيۇپلا ئەل قاتارى يەپ قويدى. غىزا يەپ بولۇپ، ھەممەيلەن چاي ئىچىشكەچ پاراڭغا چۈشۈپ ئىختىيارىچە ئويۇن - چاقچاق قىلىشتى. تاشقىرىدا شياۋلو بىلەن شياڭلىڭ، فاڭگۇەن، رۇيگۇەن، ئوۋگۇەن، دۇگۇەن بولۇپ تۆت - بەشەيلەن باغنى بىر ئېلىپ دېگۈدەك بىردەم ئويناشتى، گۈل - گىياھ ئۈزۈشۈپ، چىمەنلىكتە چۆرىدەپ ئوت - چۆپ ئويۇنى قىلىشتى.

− شاپائەت سۆگىتىنى تاپتىم، − دېدى بىرسى.

− ئارخات قوچۇرى تاپتىم، − دېدى يەنە بىرسى.

− مەن موللام قومۇچىنى تاپتىم، − دېدى باشقا بىرسى.

− مەن خۇشرۇي گۈلنى تاپتىم، − دېدى يەنە بىرسى.

− مەن ئۇچقۇن زۇمرەتنى تاپتىم، − دېدى يەنە بىرسى.

− مەن ئەتىرگۈل تاپتىم، − دېدى باشقا بىرسى.

− «مودەن شىپاڭى» دىكى مودەن گۈلىنى تاپتىم، − دېدى باشقا بىرسى.

− «ئۇدنامە»دىكى ئۇد مېۋىسىنى تاپتىم، − دېدى يەنە بىرسى.

− مەن ھەمشىرە گۈلنى تاپتىم، − دېدى دۇگۇەن.

− مەن «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات»نى تاپتىم، − دېدى باشقىلار دەپ بولغاندىن كېيىن شياڭلىڭ.

− «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات» دېگەننى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغانىكەنمىز ! − دېدى دۇگۇەن.

− بىر شاختا بىر تال گۈل ئېچىلغىنى «خۇشبۇي چېچەك» دېيىلىدۇ، بىر شاختا بىرقانچە چېچەك ئېچىلغىنى «خۇشبۇي قات» بولىدۇ، ئاستى - ئاستىدىن چېچەكلىگىنى «ئاكا - ئۇكا خۇشبۇي قات»، بېشى جۈپ بولۇپ چېچەكلىگىنى «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات» بولىدۇ. مېنىڭ تاپقىنىم بېشى جۈپ بولۇپ ئېچىلغىنى تۇرسا، نېمىشقا «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات» بولمايدىكەن؟

دۇگۇەن گەپ تاپالماي قېلىپ، ئورنىدىن تۇردى - دە، كۈلگىنىچە:

− سىزچە بولغاندا، مۇنۇ ئىككى تالدىن بىرسى چوڭ، بىرسى كىچىك بولسا، «ئاتا - بالا خۇشبۇي قات»، ئىككىسى بىر - بىرىگە تەتۈر قاراپ ئېچىلغان بولسا، «رەقىب خۇشبۇي قات» بولىدىكەن - دە؟ ئېرىڭىز كەتكىلى يېرىم يىلدىن ئاشقانىدى، ئۇنى سېغىنغانلىقىڭىزدىن، خۇشبۇي قاتقا يامزىلاپ، بۇنىڭدىمۇ ئەر - خوتۇن بار دەۋاتىسىز، ئىزامۇ تارتمايدىكەنسىز !

شياڭلىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇئانلا قىزىرىپ كەتتى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى چىمدىماقچى بولۇپ، كۈلگىنىچە:

− سەن جاۋىلداق شۇمنى نېمە قىلىۋەتسەم بولار ! ئاغزىڭدىن نېمىلەر ئېقىۋاتىدۇ ! − دېدى.

دۇگۇەن ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، يول قويماي، شۇئان ئۆزىنى ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنى بېسىۋالدى ۋە كەينىگە قاراپ كۈلگىنىچە رۇيگۇەنلەرگە يالۋۇردى:

− ۋاي، بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۇنىڭ ئاغزىنى يىمىرىڭلار !

ئىككىسى يەردە دومىلىشىپ كەتتى، باشقىلار چاۋاك چېلىپ كۈلۈشتى:

− ھاي، بولمىدى ! ئاۋۇ ئازگالدا سۇ بار ئىكەن، ئۇنىڭ يېڭى كۆڭلىكى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.

دۇگۇەن كەينىگە قارىغۇدەك بولسا، يېنىدىلا يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان بىر ئازگال تۇرۇپتۇ، شياڭلىڭنىڭ كۆڭلىكى لاي سۇدا پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ كېتەي دەپتۇ. دۇگۇەن خىجىل بولۇپ، شياڭلىڭدىن قولىنى ئاجرىتىپلا قاچتى. باشقىلار كۈلكىسىنى توختىتالماي قالدى، شياڭلىڭ ئاچچىقىنى بىزدىن ئالمىسۇن دەپ، ئۇلارمۇ كۈلۈشكىنىچە تارقاپ كېتىشتى. شياڭلىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ بېلىنىڭ تۆۋىنىگە قارىغانىدى، كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىدىن يېشىل سۇ تامچىلاۋېتىپتۇ، ئاچچىقىدا كاسىلداپ تىللاشقا باشلىدى. باۋيۈي ئۇلارنىڭ گۈل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، گۈل - گىياھ تېپىپ ئويۇنغا قوشۇلماقچى بولۇپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ كېلىشىگە باشقىلار قېچىپ كېتىپ، شياڭلىڭ يالغۇز قېلىپ ئېتىكىنى سىيرىۋاتاتتى.

− نېمىشقا تارقاپ كەتتىڭلار؟ − دەپ سورىدى باۋيۈي.

− مەن بىر تال «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات» گۈلىنى تاپقانىدىم، ئۇلار بىلمەيدىكەن، تېخى مېنى يالغاندىن توقۇۋاتىسەن دېدى، ئاندىن غەلۋە قىلىشىپ قالدۇق، مېنىڭ يېڭى كۆڭلىكىمنىمۇ بۇلغىۋەتتى، − دېدى شياڭلىڭ.

− سىز «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات»نى تاپقان بولسىڭىز، مەن «قوشماق ساپاقلىق پىچىم گۈل» تاپتىم، − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي. ئۇنىڭ قولىدا راستلا بىر تال قوشماق ساپاقلىق پىچىم گۈل تۇراتتى، ئۇ شياڭلىڭنىڭ قولىدىكى «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات» نى ئالدى.

− ئەر - خوتۇنمۇ ياكى قوشماق ساپاقلىقمۇ، نېمە بولسا بولمامدۇ ! قارىسىلا مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ! − دېدى شياڭلىڭ.

باۋيۈي ئېڭىشىپ قاراپ بېقىپ، «ئاپلا» دەۋەتتى ۋە:

− نېمىشقىمۇ لايغا سۆرەپ كىرگەندۇ سېنى؟ ئىسىت ! بۇ ئانار گۈللۈك قىزىل دارايىغا داغ تەگسە زادىلا بولمايتتى، − دېدى.

− بۇنى قايسى كۈنى باۋچىن قىز ئالغاچ كەلگەنىكەن، خان قىز ئۆزىگە بىرنى، ماڭا بىرنى تىكتۈرۈپ بەرگەن، بۈگۈنلا كىيگەنىدىم، − دېدى شياڭلىڭ.

− سىلەرنىڭ ئائىلىدىغۇ مۇنداق كۆڭلەكنى بىر كۈندە بېزەپ قىلىۋەتسىمۇ ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ، − دېدى باۋيۈي يەرنى تەپكىلەپ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، − بۇنى باۋچىن قىز ئالغاچ كەلگەنىكەن، سىز بىلەن باۋچەي ئاچام ئىككىڭلارغا ئاران بىردىنلا تىكتۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئۆز پېتىچە تۇرۇپ، سىزنىڭ بۇلغىنىپ كەتسە، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاممامنىڭ ئۇششاق گېپى تولا، بۇنىڭغا كايىيدۇ. ئۇنىڭ دائىم سىلەرنى كۈن ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيسىلەر، بەخت - دۆلەتنىڭ قەدرىنى بىلمەي، نەرسىلەرنى زايە قىلىسىلەر دەپ جىملەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. بۇنى ھاممام كۆرۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كېتىدۇ - دە !

بۇ گەپلەر شياڭلىڭنىڭ يۈرىكىگە جاققىدە تەگدى، لېكىن ئەكسىچە خۇشال بولۇپ:

− شۇنى دېسىلە. مېنىڭغۇ بىرقانچە دانە يېڭى كۆڭلىكىم بار، لېكىن ھېچقايسىسى بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، بىرەرسى ئوخشىغان بولسىمۇغۇ، كاشكى، يەڭگۈشلىۋېلىپ تۇرغان بولسام كېيىنچە بىر گەپ بولاتتى.

− قىمىرلىماي جىم تۇرغىنىڭىز ياخشى، بولمىسا، ئىچ كۆڭلەك، تىزلىق تامبال، خەيلىرىڭىزنىڭ يۈزلىرىگە لاي چاچرايدۇ. مېنىڭ مۇنداق مەسلىھەتىم بار: شىرېن ئۆتكەن ئايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاشتىن بىرنى تىكتۈرگەنىدى. ئۇ قارىلىق تۇتۇۋاتقاچقا، تېخىچە كىيمىگەن، شۇنى سىزگە بەرسە يەڭگۈشلىۋالسىڭىز قانداق؟

− ياق بولمايدۇ، − دېدى شياڭلىڭ كۈلۈپ بېشىنى چايقاپ، − ئۇلار ئاڭلاپ قالسا ياخشى بولمايدۇ.

− ئۇنىڭدىن نېمە قورققۇلۇق؟ − دېدى باۋيۈي، − شىرېننىڭ قارىسى ئوشتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ قاندىقىنى ياقتۇرسا، ئۇنىڭغا شۇندىقىدىن بەرسىڭىز بولمايدىغان نېمىسى بار؟ مۇنداق قىلسىڭىز، ئادەتتە، كىشىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمىگەن بولۇپ قالىسىز. بۇ، باشقىلارنىڭ كۆزىنى بويىغان ئىشمۇ ئەمەس، باۋچەي ئاچامغا دەپ قويساقلا بولىۋېرىدۇ. پەقەت ھامماملا خاپا بولۇشى مۇمكىن.

شياڭلىڭ ئويلىنىپ بېقىپ، بۇ گەپنى ئورۇنلۇق تاپتى:

− بوپتۇ، شۇنداق قىلاي، كۆڭۈللىرىنى يەردە قويماي. سىلىنى كۈتۈپ تۇرىمەن، ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئەكېلىپ بەرگىنى ياخشى !

باۋيۈي بەك خۇشال بولۇپ ماقۇل كۆردى - دە، دەرھال كەينىگە يېنىپ، بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئويلىنىپ ماڭدى: «ئىسىت، يا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى يوق، ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ فامىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ. قەللاپ ئېلىپ قېچىپ، قېرىشقاندەك، ئۇششۇق شۆ پەنگە سېتىپ بېرىپتۇ.» ئۇ ئەنە شۇنداق ھەر قىسما خىياللارنى قىلىپ مېڭىپ ئۆز ئۆيىگە كەلدى. شىرېننى يېنىغا تارتىپ، بولغان ۋەقەنى ئۇنىڭغا بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بەردى.

شياڭلىڭنىڭ تۈزۈتلۈكىنى ياقتۇرمايدىغان كىشى يوق ئىدى، يەنە كېلىپ شىرېننىڭ ئۆزىمۇ قولى ئوچۇق ۋە شياڭلىڭ بىلەن ئەپلىك بولغاچقا، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىشى بىلەنلا ساندۇقىنى ئېچىپ كۆڭلىكىنى ئالدى - دە، چىرايلىق قاتلاپ باۋيۈينىڭ كەينىدىن شياڭلىڭنى ئىزدەپ ماڭدى. شياڭلىڭ تېخىچە شۇ يەردە تۇراتتى.

− مەن سىزنى تولىمۇ كەپسىز، ئاخىر كەپسىزلىكتىن چاتاق تاپىسىز، دەيتتىم، − دېدى شىرېن كۈلۈپ.

− رەھمەت سىزگە، ئاچا، − دېدى شياڭلىڭ قىزىرىپ، − نەدىن بىلەي، ئۇ شەيتاننى ئىشقا سالىدىغانلارنىڭ بەتنىيىتىنى !

شياڭلىڭ كۆڭلەكنى ئېلىپ يېيىپ قاراپ باقتى، ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئاندىن ئۇ باۋيۈينى تەتۈر قاراپ تۇرسىلا، دېدى، ئۆزى بۇ يېنىغا قاراپ، كۆڭلەكنى يەڭگۈشلىدى.

− مۇنۇ بۇلغانغىنىنى ماڭا بېرىڭ، ئېرىغداپ بولۇپ سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي، − دېدى شىرېن، − ئۆزىڭىز ھازىر ئالغاچ كەتسىڭىز، ئۇلار كۆرۈپ قالسا سۈرۈشتۈرمەي قالمايدۇ.

− جېنىم ئاچا، − دېدى شياڭلىڭ، − سىز ئالغاچ كېتىڭ، قايسىلا سىڭىلغا بەرسىڭىز بېرىڭ، مۇنۇ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماڭا كېرىكى يوق.

− تولىمۇ سېخىي ئىكەنسىز، − دېدى شىرېن.

شياڭلىڭ دەرھال ئىككى قېتىم تەزىم قىلىپ شىرېنگە رەھمەت ئېيتتى. شىرېن بايىقى بۇلغانغان كۆڭلەكنى ئېلىپ كەتتى.

باۋيۈي شۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بايىقى «ئەر - خوتۇن خۇشبۇي قات» بىلەن «قوشماق ساپاقلىق پىچىم گۈل» ئۈچۈن يەرنى چىۋىق بىلەن قازدى، ئۇ يەرگە توزۇغان چېچەكلەرنى سىيرىپ سالدى، پىچىم گۈل بىلەن خۇشبۇي قاتنى شۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، يەنە توزۇغان چېچەكلەر بىلەن كۆمۈپ، توپا تاشلاپ ئۈستىنى تۈزلىۋەتتى. شياڭلىڭ بۇ ھالنى كۆرۈپ باۋيۈينى قولىدىن تارتىپ كۈلدى:

− بۇنى نېمە دېگۈلۈك؟ خەقلەر سىلىنى ھەدېسىلا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ، كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ بىكارغا دېمەپتىكەن. قارىسىلا، قوللىرى لايدا مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ، چاپسانراق بېرىپ قوللىرىنى يۇيۇۋەتسىلە !

باۋيۈي كۈلۈمسىرەپ ئورنىدىن تۇردى - دە، قولىنى يۇغىلى كەتتى. شياڭلىڭمۇ ئۆز يولىغا ماڭدى. ئىككىسى بىرنەچچە قەدەمدىن ماڭا - ماڭمايلا، شياڭلىڭ كەينىگە بۇرىلىپ باۋيۈينى قىچقاردى، باۋيۈي نېمە گېپى باركىن دەپ، لاي قوللىرىنى كېرىپ، پىخىلداپ كۈلگىنىچە كەينىگە ياندى:

− نېمە بولدى؟

شياڭلىڭ قىزارغىنىچە كۈلۈپلا تۇراتتى، نېمىدۇر دېمەكچى بولاتتى، ھېچلا ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى. نېرىقى ياندىن ئۇنىڭ چۆرە قىزى جېنئېر كېلىپ:

− ئىككىنچى خان قىزنىڭ سىلىگە گېپى بار ئىكەن، − دېدى.

شياڭلىڭ يەنە ھۈپپىدە قىزارغىنىچە، باۋيۈيگە:

− كۆڭلەكنىڭ گېپىنى ئاكىلىرىغا دېمىسىلەلا ئىش تۈگەيدۇ، − دەپلا كەينىگە بۇرىلىپ كېتىۋەردى.

− ساراڭ بولۇپ قالمىدىم ! يولۋاسنىڭ ئاغزىغا توشقاننى سېلىپ بېرىدىغانغا ! − دەپ قويۇپ، باۋيۈي ئۆيىگە ياندى. ئاندىن نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك