غەربكە ساياھەت - ئەللىك ئۈچىنچى باب
ئەللىك ئۈچىنچى باب
تەقۋادار راھىبلارنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى
موماينىڭ گېپى بىلەن سۇ ئەكېلىپ ھامىلىنى چۈشۈرگەنلىكى
ئەلقىسسە، يول بويىدا جىندۇ تېغىدىكى تاغ ئىلاھى بىلەن زېمىن ئىلاھى ئالتۇن ھېجىرلارنى سۇنۇپ ئۇلارنى چاقىرغانىدى:
− ئەۋلىيا سامغا، بۇ تاماقلارنى ئەۋلىيا ئەزەم ئەكەلگەنىدى. ھەرقايسىلىرى پايدىلىق گەپلەرنى ئاڭلىماي ئالۋاستىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىلا. ئەۋلىيا ئەزەم مىڭبىر جاپا - مۇشەققەت بىلەن ھەرقايسىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى. ئەمدى بۇ تاماقنى يەپ ئاندىن يول يۈرۈشكەيلا. ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ ئەقىدىسىنى يەرگە قويۇشمىغايلا.
− شاگىرتىم، ساڭا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت. بۇنداق بولۇشىنى بالدۇرراق بىلگەن بولساق، گېپىڭنى ئاڭلىغان، جان تەسلىم قىلىش خەۋپىگە دۇچار بولمىغان بولاتتۇق، − دېدى تاڭ سېڭ.
− راستىنى ئېيتسام، ئۇستازىم، مېنىڭ گېپىمگە كىرمەي باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ كۆرمىگەننى كۆردىلە. ھەي ! ھەي ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ساداقەتلىك شاگىرتىم، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلايمەن، − دېدى تاڭ سېڭ ئىنتايىن تەسىرلىنىپ.
تۆتەيلەن تاماقنى يەپ قورساقنى تويغۇزغاندىن كېيىن قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ زېمىن ۋە تاغ ئىلاھى بىلەن خوشلاشتى. ئۇستاز ئاتقا مىندى. ھەممەيلەن كۈنپېتىش تامان يۈرۈپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇشتۇمتۇت بىر ئۆستەڭ ئۇچرىدى. ئۆستەڭنىڭ سۈيى زۇمرەتتەك كۆپكۆك ۋە ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ دولقۇنلىنىپ ئېقىۋاتاتتى. تاڭ سېڭ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ئەتراپقا نەزەر سالغانىدى، دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى دەرەخلىك ئارىسىدىن بىرنەچچە كەپە كۆزىگە چېلىقتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇ تەرەپنى كۆرسىتىپ:
− ئۇ يەردە ئادەم باردەك قىلىدۇ، ئۇلار چوقۇم كېمىچى، − دېدى.
− ماڭىمۇ شۇنداقراق بىلىنىۋىدى، كېمە كۆرۈنمىگەچكە گەپ قىلمىغانىدىم، − دېدى تاڭ سېڭ.
جۇ باجيې يۈك - تاقلارنى چۈشۈرۈپ قويۇپ:
− كېمىچى ! كېمىنى بۇ ياققا ھەيدەپ كېلىڭ ! − دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.
ئارقا - ئارقىدىن توۋلىغاندىن كېيىن سۆگەت ئاستىدىن ۋاشىلداپ سۇ يېرىپ بىر كېمە چىقتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا قىرغاققا يېقىنلاشتى. كېمىچى:
− دەريادىن ئۆتىدىغانلار بۇ ياققا كېلىڭلار، − دېدى.
تاڭ سېڭ يېقىن كېلىپ قارىسا، كېمىچى ئايال ئىكەن.
سۇن ۋۇكۇڭ كېمىگە يېقىن كېلىپ:
− كېمىچى سىلى بولامدىلا؟ − دەپ سورىدى.
− شۇنداق، − دېدى كېمىچى ئايال.
− كېمىنى سىلىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇغۇ، ئاكىمىز قەيەرگە كەتكەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
ئايال جاۋاب بەرمەي كۈلۈمسىرەپلا قويدى ۋە كېمىگە چىقىدىغان تاختىنى سۆرەپ قىرغاققا چىقاردى. شاسېڭ يۈك - تاقلارنى ئاچىقتى، سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سېڭنى يۆلەپ چىقاردى - دە، كېمىنىڭ مېڭىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى. جۇ باجيې ئاق ئاتنى يېتىلەپ كېمىگە چىقىۋېلىپ ئاندىن تاختىنى ئېلىۋەتتى. ئايال كېمىنى ھەيدەش ئۈچۈن پالاق ئۇردى. ھەش - پەش دېگۈچە ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ بولدى.
بۇ ياققا ئۆتكەندىن كېيىن تاڭ سېڭ شاسېڭغا بوغچىدىن بىرنەچچە تەڭگە ئېلىپ ئايالغا بېرىشنى تاپىلىدى. ئايال پۇلنى كۆپ ياكى ئاز دېمەي ئالدى. كېمىنى سۇ بويىدىكى قوزۇققا باغلاپ قويۇپ كۈلگەن پېتى ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. تاڭ سېڭ سۈپسۈزۈك سۇنى كۆرۈپ ئىچكۈسى كەلدى - دە، جۇ باجيېغا:
− قاچىنى ئېلىپ سۇ ئەكەلگىن، ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ، − دېدى.
جۇ باجيې:
− مېنىڭمۇ ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ، − دېدى - دە، قاچىنى ئاپىرىپ بىر قاچا سۇ ئەكېلىپ ئۇستازىغا بەردى.
تاڭ سېڭ بىر قاچا سۇنىڭ يېرىمىدىن ئازراقىنى ئىچتى. قالغىنىنى جۇ باجيې بىرلا سۈمۈرۈپ ئىچىۋەتتى - دە، تاڭ سېڭنى يۆلەپ ئاتقا مىنگۈزدى.
ئۇستاز ۋە شاگىرتلار يولنى داۋام قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي تاڭ سېڭ ئات ئۈستىدە ئېڭراپ تولغىنىشقا باشلىدى:
− قورسىقىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ !
ئارقىدىنلا جۇ باجيې:
− مېنىڭمۇ قورسىقىم ئازراق ئاغرىۋاتىدۇ، − دېدى.
− سوغۇق سۇ ئاغرىتىۋاتقان ئوخشايدۇ، − دېدى شا سېڭ. ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا تاڭ سېڭ بەكرەك ۋارقىرىدى:
− بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ !
− مېنىڭمۇ بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ ! − دېدى جۇ باجيې.
بۇ ئىككىيلەن ئاغرىققا چىدىماي تۇرغاندا قورسىقى يوغىناشقا باشلىدى. سىلاپ بېقىۋىدى، قاتتىقلا بىرنەرسە ئۇرۇندى ۋە ئىختىيارسىز مىدىرلاشقا باشلىدى. تاڭ سېڭ بولالماي تۇرغاندا بىردىنلا يول بويىدىكى بىر كەپىگە ۋە ئىككى باغلام ئوت كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەمگە كۆزى چۈشتى.
− ئۇستاز، ياخشى بولدى. بۇ مەيخانا بولسا كېرەك. بىز بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتىپ سىلىگە شورپا پىشۇرۇپ ئىچكۈزەيلى، تېۋىپ بار - يوقلۇقىنى سوراپ دورا ئالايلى، قورساقلىرىنىڭ ئاغرىقىنى ساقايتايلى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاڭ سېڭ خۇشال بولۇپ ئېتىنى قامچىلىدى، ھايال ئۆتمەي كەپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشتى. ئىشىك ئالدىدا بىر موماي كەندىر ئېشىپ ئولتۇراتتى. سۇن ۋۇكۇڭ بېرىپ ئۇنىڭغا سالام بەرگەندىن كېيىن:
− موما، پېقىر شەرقىي دىياردىكى بۈيۈك تاڭ دۆلىتىدىن كەلدىم. تاڭ دۆلىتى خانىنىڭ ئىنىسى بولغان ئۇستازىم دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا سۇ ئىچىۋىدى، قورسىقى ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، − دېدى.
− سىلەر قەيەردىكى دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىۋىدىڭلار؟ − دەپ سورىدى موماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ.
− كۈنچىقىشتىكى دەريانىڭ سۈزۈك سۈيىنى ئىچكەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بەللى كارامەت ! بەللى كارامەت ! قېنى كىرىڭلار، ئاندىن دەپ بېرەي، − دېدى موماي كۈلۈپ.
سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سېڭنى، شاسېڭ جۇ باجيېنى يۆلىدى. ئىككىيلەن قورساقلىرىنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشىدىن ۋايساپ، چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا كەپىگە كىرىپ ئولتۇردى.
− موما، ئۇستازىمغا شورپا قىلىپ بەرگەن بولسىلىرى، سىلىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولاتتۇق، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
موماي سۇن ۋۇكۇڭنىڭ گېپىگە پىسەنتمۇ قىلماي كۈلگەن پېتى ئارقىسىغا يېنىپ توۋلىدى:
− بۇ ياققا كېلىڭلار ! تېز كېلىپ كۆرۈڭلار !
تاقىلاق - تاقىلاق قىلغان كەش ئاۋازى بىلەن تەڭ ئانچە قېرىمۇ، ياشمۇ ئەمەس ئۈچ ئايال كېلىپ تاڭ سېڭغا قاراپ كۈلگىلى تۇردى. بۇنىڭدىن غەزەپكە كەلگەن سۇن ۋۇكۇڭ بېرىپ كاپ قىلىپ موماينى ياقىسىدىن ئېلىپ:
− دەرھال شورپا قىلىپ بەر، ئاندىن گۇناھىڭدىن ئۆتىمەن، − دېدى.
موماي قورقۇپ لاغ - لاغ تىترەپ تۇرۇپ:
− تەقسىر، شورپا پىشۇرساممۇ ئىش پۈتمەيدۇ، ئىككىيلەننىڭ قورسىقىمۇ ساقايمايدۇ. مېنى قويۇپ بېرىپ گېپىمنى ئاڭلىسىلا، − دېدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى قويۇۋەتتى.
− بىزنىڭ بۇ يەرنى شىلياڭ ئاياللار بەگلىكى، دەيدۇ. بۇ بەگلىكتىكى ھەممىمىز ئايال، بىرمۇ ئەر زاتى يوق. شۇڭا، ھەرقايسىلىرىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتۇق. ئۇستازلىرى ھېلىقى سۇنى ئىچىپ يامان قىپتۇ. ئۇ دەريا ئانا دەريا دەپ ئاتىلىدۇ. شەھىرىمىزنىڭ تېشىدىكى يىڭياڭگۇەن دېگەن جايدا بىر ئۆتەڭ بار. ئۆتەڭنىڭ يېنىدا «ھامىلىنى كۆرۈش بۇلىقى» بار. بۇ يەردىكىلەر يىگىرمىدىن ئاشقاندا ئاندىن بېرىپ ئۇ يەردىكى دەريا سۈيىنى ئىچىدۇ ۋە ھايال ئۆتمەي ھامىلىدار بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن يىڭياڭگۇەنگە بېرىپ بۇلاق سۈيىگە قارايدۇ. ئەگەر سۇغا ئىككى كۆلەڭگە چۈشسە، ئۇ ئايال تۇغىدۇ. ئۇستازلىرى شۇ ئانا دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ سېلىپ ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. ئۇزاققا قالماي تۇغىدۇ. شۇنداق تۇرسا، ئۇنىڭغا شورپا قانداق داۋا بولالىسۇن؟ − دېدى موماي.
بۇنى ئاڭلاپ تاڭ سېڭنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى:
− شاگىرتلىرىم ! ئەمدى قانداق قىلارمەن؟
جۇ باجيې قورسىقىنى مۇجۇپ تولغىنىپ قاقشاپ كەتتى:
− ۋاي ئاتام ! ئەر كىشى تۇرساق قانداق تۇغارمىز؟
− كونىلاردا «قوغۇن پىشسا ساپىقىدىن ئايرىلىدۇ» دېگەن گەپ بار. ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە بالىمۇ بىر يولىنى تېپىپ تۇغۇلار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ جۇ باجيېنىڭ جان - پېنى چىقىپلا كەتتى. ئۇ ئاغرىققا چىدىيالماي نالە قىلدى:
− ۋايجان، ۋاييەي، ۋاي ئۆلدۈم !
− ئاغا، تولغانماڭ، تولغانماڭ، بولمىسا ئۈچىيىڭىز تولغىشىپ قېلىپ تۇغۇپ بولغۇچە ئۇنىڭ دەردىنى تارتماڭ يەنە، − دېدى شاسېڭ كۈلۈپ.
− ۋاي موما، بۇ يەردە تېۋىپ بارمۇ؟ بولسا شاگىرتلىرىمغا ئېيتىڭ، ئۇلار دورا تېپىپ كەلسۇن، بالىنى چۈشۈرۈۋېتەيلى، − دېدى تاڭ سېڭمۇ ۋايساپ تۇرۇپ.
− دورىمۇ كار قىلمايدۇ، − دېدى موماي، − جەنۇب تەرىپىمىزدىكى بىر كوچىدا جيېياڭشەن دېگەن بىر تاغ، تاغنىڭ قاپ بېلىدە بىر قەدىمىي غار بار. غارنىڭ ئىچىدە «ھامىلىنى چۈشۈرۈش بۇلىقى» دەيدىغان بىر بۇلاق بار. شۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچسە، ئاندىن ھامىلە يوقىلىپ كېتىدۇ. ھازىر بۇ سۇنى ئالغىلى بولمايدۇ. بۇلتۇر بۇ يەرگە دىلكەش ئەۋلىيا دەيدىغان بىر موللا كەلدى. ئۇ ئاشۇ قەدىمىي غارنى ئەنبىيالار ئىبادەتخانىسى قىلىۋېلىپ، ھامىلىنى چۈشۈرۈش بۇلىقىنى ساقلاپ ياتىدۇ، ئۇنى خەلقلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا بەرمەيۋاتىدۇ؛ ئەمما سۇ ئالىدىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا بىر تويلۇققا تەڭ سوۋغا - سالام، قوي - ئۆچكە، مېۋە - چېۋە قاتارلىق نازۇنېمەتلەرنى تۇتسا، ئاندىن سۇ ئالالايدۇ. ئەمما، سىلەر سەپەر ئۈستىدىكى بىچارىلەر تۇرساڭلار بۇنچىۋالا نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان پۇلنى قەيەردىن تاپىسىلەر؟ ئەمدى تەقدىرگە تەن بېرىپ ۋاقتى - سائەت توشقاندا تۇغۇڭلار.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ خۇشال بولۇپ كەتتى:
− موما، بۇ يەردىن جيېياڭشەن تېغىغىچە قانچە چاقىرىم كېلىدۇ؟
− ئوتتۇز - قىرىق چاقىرىم كېلىدۇ، − دېدى موماي.
− بەلەن گەپ بولدى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ئۇستاز، كۆڭۈللىرىنى توق تۇتۇپ ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، پېقىر شۇ سۇنى ئەكېلىپ ئىچۈرەي.
سۇن ۋۇكۇڭ شاسېڭغا:
− ئۇستازنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇر، مەن بېرىپ سۇ ئەكېلەي، − دەپ تاپىلىدى. شاسېڭ ماقۇل بولدى. موماي بىر ساپال قاچىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سۇن ۋۇكۇڭغا:
− بۇنىڭغا جىقراق سۇ ئەكەلسىلە، ئېشىپ قالسا كېيىن ئىشلىتەرمىز، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ قاچىنى ئېلىپ كەپىدىن چىقتى - دە، بۇلۇتقا چىقىپ يۈرۈپ كەتتى. موماي بۇنى كۆرۈپ:
− ۋاي ئانامەي ! بۇ شەيخ بۇلۇتقا چىقالايدىكەن ئەمەسمۇ؟ − دەپ ھاۋاغا قاراپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن كەپىگە كىرىپ ھېلىقى ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىپ تاڭ سېڭغا باش ئۇرۇپ چوقۇندى، ھەممىسى ئۇنى ئارخات بۇدساتۋا، دەپ ئاتىدى. يان ئۆيدە ئۇلارنىڭ غىزا ئېتىپ تاڭ سېڭنى قانداق مېھمان قىلغانلىقىنى ھازىرچە سۆزلىمەي تۇرايلى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇتتا مېڭىپ كېتىۋاتقاندا ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر تاغنىڭ چوققىسى بۇلۇتقا تاقىشىپ، ئۇنىڭ يولىنى توسۇدى. ئۇ بۇلۇتنى تۆۋەنلەتتى - دە، كۆزىنى يوغان ئېچىپ بىر قورۇغا كۆزى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاغدىن چۈشۈپ قورۇغا قاراپ مېڭىپ، بىردەمدىلا ئىشىك ئالدىغا كەلدى، ئۇ تەگلىك ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر دەرۋىشنى كۆرۈپ قاچىنى قويدى - دە، يېنىغا بېرىپ خەۋەر ئۇقۇشتى.
دەرۋىش سەل ئېگىلىپ ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن:
− قەيەردىن كەلدىڭىز؟ بۇ يەرگە كېلىپ، قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلماقچىسىز؟ − دېدى.
− پېقىر شەرقىي دىياردىكى بۈيۈك تاڭ خانىنىڭ پەرمانى بويىچە غەربكە بۇددا نومىنى ئالغىلى كېتىۋاتىمەن. ئۇستازىم ئۇقماستىن ئانا دەريا سۈيىنى ئىچىپ ساپتۇ. قورسىقى ئاغرىپ، يوغىناپ ھېچ ھالىنى قويمايۋاتىدۇ. بۇ يەردىكىلەردىن سورىساق، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭ داۋاسى يوق ئىكەن. بۇ تاغدا «ھامىلىنى چۈشۈرۈش بۇلىقى» بار ئىمىش، دەپ ئاڭلاپ ئالايىتەن دىلكەش ئەنبىيانى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئۇنىڭدىن ئازراق بۇلاق سۈيى ئېلىپ ئۇستازىمنى غەمدىن خالاس قىلماقچىمەن، مالال كۆرمەي مېنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ بارغان بولسىلىرى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بۇ يەردىكى قەدىمىي غار ھازىر ئىبادەتخانا قىلىندى. مەن دىلكەش ئەنبىيانىڭ چوڭ شاگىرتى بولىمەن. ئىسىم - شەرىپىڭىز نېمە؟ ھېلى سىزنى خەۋەر قىلغىلى كىرسەم گەپ قىلالماي قالماي يەنە، − دېدى دەرۋىش كۈلۈپ تۇرۇپ.
− مەن ئۇستاز تاڭ سەنزاڭنىڭ چوڭ شاگىرتى سۇن ۋۇكۇڭ بولىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇنداق بولسا كاتتا سوۋغا - سالاملىرىڭىز، ھاراق - شاراب، نازۇ نېمەتلەر قېنى؟ − دەپ سورىدى يەنە دەرۋىش.
− مەن بىر يولۇچى، شۇڭا ئۇ نەرسىلەرنى ھازىر قىلالمىدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ۋاي ھاماقەت ! ئۇستازىم تاغدىكى بۇلاقنى ساقلايدۇ، باشقىلارغا سۇنى ھەرگىز بىكارغا بەرمەيدۇ. قايتىپ كېتىپ سوۋغا - سالاملارنى تەييارلاپ كېلىڭ، بولمىسا يولىڭىزغا مېڭىڭ، − دېدى دەرۋىش.
− ئادەمگەرچىلىكتىن چوڭ ساۋابلىق ئىش بولمايدۇ، سىلى بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلسىلا، ئېھتىمال، ئۇ ئادەمگەرچىلىك قىلىشى، ھەتتا بۇلاقنى پۈتۈنلەي ماڭا بېرىۋېتىشى مۇمكىن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
بۇ گەپ بىلەن ھېلىقى دەرۋىش كىرىپ خەۋەر قىلىشقا مەجبۇر بولدى. دىلكەش ئەنبىيا ساز چېلىپ ئولتۇراتتى. شۇڭا، دەرۋىش ساز تۈگىگۈچە ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن:
− ئۇستاز، سىرتتا بىر شەيخ مەن تاڭ راھىبىنىڭ چوڭ شاگىرتى سۇن ۋۇكۇڭ بولىمەن، ئۇستازىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھامىلە چۈشۈرۈش بۇلىقىنىڭ سۈيىنى سوراپ كېلىۋىدىم، دەۋاتىدۇ، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا دىلكەش ئەنبىيانىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئۆتى يېرىلغۇدەك بولدى، ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ سازنى قويدى - دە، ئۇچىسىدىكى ئادەتتىكى كىيىمىنى سېلىپ تاشلاپ تەرىقەتچىلىك تونىنى كىيدى، خاسىيەتلىك ئىلمىكىنى ئېلىپ تاشقىرىغا چىقىپ:
− سۇن ۋۇكۇڭ، قېنى سەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى كۆرۈپلا ئالىقىنىنى جۈپلەپ سالام بەردى ۋە:
− پېقىر سۇن ۋۇكۇڭ بولىمەن، − دېدى.
− مېنى تونۇدۇڭمۇ؟ − دېدى دىلكەش ئەنبىيا.
− مەن گۇناھىمنى يۇيۇپ بولۇپ بۇددا مۇخلىسى بولدۇم. ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بولۇۋاتىمەن. بۇ نۆۋەت سەپەرگە چىقىپ قېلىپ كىچىك ۋاقتىمدىكى دوست - يارەنلىرىمدىنمۇ يىراقلىشىپ كەتتىم. بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرمىغاچقا، ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم. يول سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا دەريا ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ئىسىملىرىنى ئاڭلىدىم، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىلىكىنى ئۇقۇپ بۇ ياققا كەلدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− سەن يولۇڭغا مېڭىۋەرسەڭ، مەن ئىبادىتىمنى قىلىۋەرسەم بولاتتىغۇ؟ نېمە ۋەجدىن مېنى زىيارەت قىلغۇڭ كېلىپ قالدى، − دېدى موللا.
− ئۇستازىم ئۇقماستىن ئانا دەريا سۈيىنى ئىچىپ تاشلاپ ھامىلىدار بولۇپ قالدى، قورسىقى ئاغرىپ قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇستازىمنى قۇتۇلدۇرۇشۇم ئۈچۈن ھامىلىنى چۈشۈرۈش بۇلىقىنىڭ سۈيىدىن بېرەمدىكىن، دەپ ھۇزۇرلىرىغا كېلىۋىدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇستازىڭ تاڭ سەنزاڭمۇ؟ − دېدى دىلكەش ئەنبىيا غەزەپ بىلەن.
− شۇنداق، شۇنداق ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− سىلەر پالۋان بوۋاق ئەۋلىيانى كۆردۈڭلارمۇ؟ − دېدى دىلكەش ئەنبىيا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ.
− ئۇ دېگەن خاۋشەن تېغى قارىغاي جىلغىسىدىكى ئاتەش بۇلۇت غارىدا تۇرىدىغان ئالۋاستى قىزىل باشلىق تۈگۈنەكنىڭ لەقىمىغۇ؟ ئۇنى سوراپ نېمە قىلىدىلا؟
− ئۇ مېنىڭ جىيەنىم بولىدۇ. مەن كالا ئالۋاستى پادىشاھنىڭ ئىنىسى بولىمەن، ئاكامدىن ماڭا تاڭ سەنزاڭنىڭ چوڭ شاگىرتى سۇن ۋۇكۇڭ دېگەن ئاپەت ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، دېگەن خەۋەر كەلدى. شۇ سەۋەبتىن مەن قىساس ئالماق بولۇپ بۇ يەردە ساقلاپ تۇرسام، ئىشىكىمگە ئۆزۈڭ كەپسەن. ساڭا بېرىدىغان نەدىكى سۇ ! − دېدى دىلكەش ئەۋلىيا.
− خاتالىشىۋاتىدىلا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ، − ئاكىلىرى بىلەن بىز دوست ئىدۇق، ھەتتا بالىلىق چاغلىرىمىزدا قول بېرىشىپ ئاغا - ئىنى بولۇشقان. ئۆزلىرىنىڭ ھۇزۇرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى زىيارەت قىلالمىغانىدىم. ھازىر جىيەنلىرى ئاۋالوكتىسۋارا بۇدساتۋانىڭ ھۇزۇرىدا شەپقەتچى مالائىكە بولۇپ ياخشى كۈن كۆرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەرلىرى بار تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ماڭا ئەيىب قويىدىلا؟
− ھۇ مۇتتەھەم ! ياغلىما گەپلىرىڭنى قارا ! جىيەنىمنىڭ ئەركىن خان بولغىنى ياخشىمۇ ياكى باشقىلارنىڭ قۇلى بولغىنى ياخشىمۇ؟ ئۆكتەم مۇناپىق ! ئىلمىكىمنىڭ تەمىنى تېتىپ باق قېنى ! − دېدى دىلكەش ئەنبىيا.
سۇن ۋۇكۇڭ ئىتتىك تۆمۈر كالتىكىدە ئىلمەكنى توسۇپ:
− ئۇرۇشىدىغان ئىشنى قىلماي، سۇ ئېلىپ بەرسىلىرى بولارمىكىن، − دېدى.
دىلكەش ئەنبىيا تىللاپ كەتتى:
− ھوي يۈزى قېلىن ! جۇۋاينىمەك كەتكۈر ! قېنى مەن بىلەن ئۈچ مەرتەم ئېلىشىپ مېنى يېڭەلىسەڭ، ئاندىن سۇ بېرىمەن. يېڭەلمىسەڭ سېنى قىيما - چىيما قىلىپ جىيەنىمنىڭ قىساسىنى ئالىمەن !
سۇن ۋۇكۇڭمۇ تىل سالدى:
− ھوي ئىززىتىنى بىلمەيدىغان لەنىتى ! قېنى كەل، كالتىكىمنى بىر تېتىپ باق !
دىلكەش ئەنبىيامۇ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىككىيلەن پەرىزاتلار بۇتخانىسى ئالدىدا قاتتىق ئېلىشىپ كەتتى. دىلكەش ئەنبىيا سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن ئون مەرتىۋە ئېلىشىپ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى. چۈنكى ئۇ بارغانچە كۈچەپ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى، تۆمۈر كالتەك ئاققان يۇلتۇزدەك ھەر تەرەپكە چۈشكىلى تۇردى. دىلكەش ئەنبىيا يېڭىلىپ، خاسىيەتلىك ئىلمىكىنى سۆرەپ تاغقا چىقىپ كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى قوغلىماستىن سۇ ئىزدەپ بۇتخانىغا ماڭدى. دەرۋىش بۇتخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاللىقاچان ئېتىۋالغانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ قاچىسىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى بار كۈچى بىلەن تەپكەنىدى، ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئىچكىرىگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، دەرۋىش قۇدۇقنىڭ يېنىدا يېتىۋالغانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ۋارقىراپ ئۇنى ئۇرماقچى بولۇپ ئېتىلغانىدى، دەرۋىش كەينىگە قاچتى. سۇن ۋۇكۇڭ چېلەكنى تېپىپ چىقىپ سۇ ئالماقچى بولۇۋاتقاندا، دىلكەش ئەنبىيا يېتىپ كېلىپ خاسىيەتلىك ئىلمىكى بىلەن سۇن ۋۇكۇڭنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئېتىلغانىدى، ئۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئىلمىكىنى تەڭلەپ تۇرۇپ:
− قېنى سېنىڭ سۇ ئالغىنىڭنى بىر كۆرەي ! − دېدى.
− نوچى بولساڭ كەل ! قېنى كەلمەمسەن ! سەن قارغىش تەگكۈرنىڭ جېنىنى ئېلىپ قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويايچۇ ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
دىلكەش ئەنبىيا ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئەمما، توسۇپ تۇرۇپ سۇن ۋۇكۇڭغا سۇ ئالغۇزمىدى. ئۇنىڭ قىمىر قىلماي تۇرغىنىنى كۆرگەن سۇن ۋۇكۇڭ چېلەكنى غالدىرلىتىپ قۇدۇققا سالدى. ئۇ يەنە ئىلمەك بىلەن سۇن ۋۇكۇڭنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتتى. چېلەك قۇدۇققا چۇلتۇككىدە چۈشۈپلا كەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئورنىدىن تۇرۇپ:
− ھۇ مۇناپىق ! − دەۋەتتى - دە، كالتىكىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ باش - كۆزىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. دىلكەش ئەنبىيا قورقۇپ غىپپىدە تىكىۋەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ سۇ ئالاي دېسە چېلەك يوق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەنە ئىلمەككە پۇتلىشىشتىن خەۋپسىرىدى - دە، بېرىپ ياردەمگە بىرىنى چاقىرىپ كېلەي دەپ ئويلىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ «غۇي» قىلىپ بۇلۇتقا چىقتى ۋە ئۇدۇل ھېلىقى كەپىگە كېلىپ: «شاسېڭ» دەپ توۋلىدى.
كەپە ئىچىدە تاڭ سېڭ ۋايجان - ۋاييەي دەپ ئۆينى بېشىغا كىيگەن، جۇ باجيېنىڭ ئاۋازىمۇ كۆككە يەتكەنىدى. ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۇ ئىككىيلەن خۇش بولۇپ كەتتى.
− شاسېڭ، سۇن ۋۇكۇڭ كەلدى !
شاسېڭ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ سورىدى:
− ئاغا، سۇ ئەكېلەلىدىڭىزمۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ كەپىگە كىرىپ تاڭ سېڭغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى.
− شاگىرتىم، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ − دېدى تاڭ سېڭ يىغلاپ.
− مەن شاسېڭنى چاقىرغىلى كەلدىم. ئۇ يەرگە بارغاندا مەن ئۇ نەرسە بىلەن ئېلىشىمەن. شاسېڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ سۇنى ئالسۇن - دە، كېلىپ سىلەرنى قۇتۇلدۇرسۇن ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
تاڭ سېڭ نائىلاج شاسېڭنى سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى.
− ئارغامچىدىن ئىككىنى ئېلىۋالايلى، قۇدۇق بەك چوڭقۇر بولسا ئىشلىتەرمىز، − دېدى شاسېڭ.
شاسېڭ ئارغامچىدىن ئىككىنى ئېلىپ سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن يېزىدىن چىقىپ، بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ ھايال ئۆتمەي جيېياڭشەن تېغىغا كەلدى - دە، بۇلۇتتىن چۈشۈپ بۇتخانىغا كىردى.
− سەن ئارغامچىنى ئېلىپ يوشۇرۇنۇپ تۇر. مەن بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشاي. ئىككىمىز راسا تۇتۇشۇۋاتقاندا سەن كىرىپ سۇنى ئال - دە، كېتىۋەر ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ شاسېڭغا، شاسېڭ ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى.
سۇن ۋۇكۇڭ كالتىكىنى تۇتۇپ ئىشىككە كېلىپ توۋلىدى:
− ئىشىكنى ئاچ ! تېز بول، ئىشىكنى ئاچ !
دەرۋازىۋەن ئۇنى كۆرۈپلا ئىچكىرىگە كىرىپ خەۋەر قىلدى:
− ئۇستاز، سۇن ۋۇكۇڭ يەنە كەلدى:
دىلكەش ئەنبىيانىڭ ئاچچىقى راسا كەلدى:
− بۇ مايمۇنەكنىڭ يامانلىقىنى قارىمامدىغان ! ئۇنىڭ داڭقىنى خېلى بۇرۇن ئاڭلىغانىدىم، بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇنىڭ كالتىكىگە تەڭ كەلمەك بەسىي مۈشكۈل ئىكەن.
− ئۇستاز، ئۇنىڭ ھۈنىرى جىق بولسا، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىلا، ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيدىلا، − دېدى دەرۋىش.
− ئىككى قېتىم ئۇنىڭدىن يېڭىلدىم، − دېدى دىلكەش ئەنبىيا.
− دەسلەپكى ئىككى رەت سەل ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ يېڭىلدىلە؛ كېيىن سۇ بويىدىكى ئىككى قېتىملىق ئېلىشىشتا ئىلمەكلىرى بىلەن ئۇنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىپ ئۆچلىرىنى ئالدىلىغۇ. بۇ قېتىم غەلىبە قىلىشلىرىدا گەپ يوق، − دېدى دەرۋىش.
بۇ گەپتىن خۇشال بولغان دىلكەش ئەنبىيا خاسىيەتلىك ئىلمىكىنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقتى - دە، ۋارقىرىدى:
− ھوي ھارامزادە ! يەنە نېمىدەپ كەلدىڭ؟
− سۇ ئالغىلى كەلدىم ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بۇلاق سۈيى ئاكاڭ قارىغايغا مەنسۇپ. خان - پادىشاھ، ۋەزىر - ۋۇزرالار بولسىمۇ، سوۋغا - سالام ئېلىپ كەلمىسە بولمايدۇ. بايا ساڭا ئاز - تولا يول قويدۇم، سەن مېنىڭ دۈشمىنىم تۇرۇپ سۇ ئېلىشقا نېمە ئۈچۈن قۇرۇق قول كېلىسەن؟ − دېدى دىلكەش ئەنبىيا.
− راستتىنلا بەرمەمسەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بەرمەيمەن ! پەقەت بەرمەيمەن !
− ھارامزادە دۆيۈز ! بەرمەيمەن دەمسەن تېخى، ماۋۇنى كۆرۈپ قوي ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، كالتەكلەشكە كىرىشتى. دىلكەش ئەنبىيا دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئىلمىكى بىلەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلدى. ئىككىيلەن بۇتخانا ئالدىدا شىددەت بىلەن ئېلىشىپ، سەكرىشىپ، تاقلىشىپ، تاغ باغرىغا كەلدى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
ئەلقىسسە، شاڭسېڭ چېلەكنى ئېلىپ بۇتخانىغا كىرگەنىدى، قۇدۇق بېشىدا دەرۋىش ئۇنى توسۇدى:
− سەن نېمە ئادەم، يۈرىكىڭنى قاپتەك قىلىپ سۇ ئالغىلى كەپسەنغۇ؟
شاسېڭ چېلىكىنى قويۇپ، ئالۋاستىنى يېڭىدىغان خاسىيەتلىك تايىقىنى ئېلىپ گەپ - سۆز قىلماستىن ئۇنى دۇمبالاپ كەتتى. دەرۋىش ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. تاياق زەربىدىن سول قولى سۇنغان دەرۋىش يىقىلىپ جان تالىشىشقا باشلىدى.
− سەن مۇناپىقنى ئۆلتۈرسەم ئوبدان بولاتتى، − دەپ تىللىدى شاسېڭ، − ئەمما ئادەم بولۇپ قاپسەن، شۇڭا رەھىم قىلاي، گۇناھىڭدىن ئۆتەي ! مېنى سۇ ئالغىلى قوي !
دەرۋىش ۋاي توۋا، ۋايجان دېگىنىچە كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى. شاسېڭ قۇدۇققا كېلىپ لىق بىر چېلەك سۇ ئالدى. بۇتخانىدىن چىقىپ بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ سۇن ۋۇكۇڭنى توۋلىدى:
− ئاغا، مەن سۇنى ئېلىپ بولدۇم ! ئۇنىڭغا رەھىم قىلىڭ، گۇناھىدىن ئۆتۈڭ !
بۇنى ئاڭلىغان سۇن ۋۇكۇڭ كالتىكىنى ئىلمەككە تىرەپ تۇرۇپ:
− ئىككىنچى مۇشۇنداق يولسىزلىق قىلماسلىقىڭ ئۈچۈن ئەسلىي سېنى ئۆلتۈرۈپ ئۇرۇقۇڭنى قۇرۇتۇۋەتسەم بولاتتى؛ ئاكاڭ كالا ئالۋاستى پادىشاھنىڭ يۈزىدىن ساڭا يەنە نەچچە يىل ئۆمۈر ئاتاي قىلاي. بۇنىڭدىن كېيىن سۇ ئالغىلى كەلگەنلەرگە غىدىڭ - پىدىڭ قىلماي سۇ بېرىسەن، − دېدى.
ياخشىلىق ياراشمايدىغان بۇ ئالۋاستى ئىلمەكنى يەنە ئاتقانىدى، سۇن ۋۇكۇڭ ئىتتىك ئۆزىنى قاچۇردى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ ۋارقىرىدى:
− قاچىمەن، دەپ خىيال ئەيلىمە !
ئالۋاستى قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن يىقىلىپ قانچە قىلسىمۇ ئورنىدىن تۇرالمىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ خاسىيەتلىك ئىلمىكىنى تارتىۋېلىپ سۇندۇرۇپ ئىككى پارچە قىلدى. ئاندىن يەنە سۇندۇرۇپ تۆت پارچە قىلىپ يەرگە تاشلىدى:
− نومۇسسىز دۆيۈز ! يەنە يۈزسىزلىك قىلامسەن؟
لاغ - لاغ تىترەپ كەتكەن ئالۋاستى ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ زۇۋان سۈرمىدى. سۇن ۋۇكۇڭ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە بۇلۇتقا چىقىپ، نۇر ئىچىدە مېڭىپ شاسېڭغا يېتىشىۋالدى، سۇ ئالالىغىنىغا خۇش بولۇپ كەلگەن جايىغا قايتتى، بۇلۇتتىن چۈشۈپ يېزىغا كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، جۇ باجيې بوسۇغىدا قورسىقىنى مۇجۇغان ھالدا ئولتۇرۇپ ۋايجانلاۋاتقانىكەن.
سۇن ۋۇكۇڭ تۇيدۇرماستىن ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:
− ھەي ھاماقەت ! قاچان تەۋەللۇت قىلىسەن؟ − دېدى.
جۇ باجيې ھولۇقۇپ كېتىپ:
− ئاغا، مېنى مازاق قىلماڭ ! سۇنى ئەكېلەلىدىڭىزمۇ؟ − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى بىرپەس كولدۇرلاتماقچى بولۇپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە شاسېڭ كېلىپ قالدى - دە، كۈلۈپ تۇرۇپ:
− سۇ كەلدى ! سۇنى ئەكەلدۇق ! − دېدى.
ئاغرىققا چىدىماي ئىككى پۈكلىنىپ كەتكەن تاڭ سېڭ:
− شاگىرتلىرىم، سىلەرنى مالال قىلىپ قويدۇم ! − دېدى.
ھېلىقى موماينىڭمۇ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئىچكىرىدىن چىقىپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:
− خۇداغا شۈكۈر ! خۇدا يار بوپتۇ ! خۇدا يار بوپتۇ ! − دېدى - دە، ئالمان - تالمان بېرىپ گۈللۈك چىنىگە سۇ ئېلىپ تاڭ سېڭغا سۇندى:
− ئۇستاز، ئاستا - ئاستا ئىچسىلە. ھايال ئۆتمەي قورساقلىرىدىكى بالا چۈشۈپ كېتىدۇ.
− ماڭا چىنە لازىم ئەمەس، چېلەك بىلەنلا ئىچىۋېرىمەن، − دېدى جۇ باجيې.
− ۋاي ۋۇي، ئۆلگىلىرى كېلىۋاتامدۇ؟ بىر چېلەك سۇنى ئىچىۋالسىلىرى ئىچ - قارنىلىرى ئېرىپ تۈگەيدىلا ! − دېدى موماي.
جۇ باجيې بۇنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى - دە، ئاران يېرىم چىنە سۇ ئىچتى.
بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتەر - ئۆتمەستىنلا ئۇ ئىككىسىنىڭ قورسىقى ناھايىتى بەك ئاغرىپ كەتتى. ئارقا - ئارقىدىن قورسىقى تاراقلاشقا، گۈلدۈرلەشكە باشلىدى. قورسىقى تازا گۈلدۈرلىگەندىن كېيىن جۇ باجيې ئالدى - كەينىدىن تۇتۇۋالالماي جايىدىلا شاخىنا قويۇۋەتتى. تاڭ سېڭمۇ بولالماي خالىي جايغا بېرىپ ھاجەت قىلىشقا تەمشەلدى.
− ئۇستاز، شامالغا چىقسىلا پەقەت بولمايدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. موماي پاكىز ئىككى چېلەكنى ئەكېلىپ ئۇلارغا، مۇشۇنىڭغا ھاجەت قىلىڭلار، دەپ بەردى. ھەش - پەش دېگۈچە ئارىلىقتا ئۇلارنىڭ ئىچى بىرقانچە قېتىم سۈرۈپ قورسىقىنىڭ ئاغرىقى بېسىلىشقا، قورسىقى كىچىكلەشكە باشلىدى. موماي ئۇلارغا شوۋىگۈرۈچ پىشۇرۇپ ئىچۈردى. ئۇلارنىڭ شوۋىگۈرۈچنى قانچە چىنىدىن ئىچكەنلىكىنى ئېيتمايلا قويايلى.
− ئۇستاز، قالغان سۇنى ماڭا بېرىۋەتسىلە، − دېدى موماي.
− جۇ باجيې، سۇدىن يەنە ئىچەمسەن؟ − دەپ سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− قورسىقىم ئاغرىمايۋاتسا يەنە نېمىشقا ئىچىمەن؟ − دېدى جۇ باجيې.
− بۇ ئىككىيلەننىڭ قورسىقى ساقىيىپتۇ. سۇنى سىزگە بېرىۋېتەيلى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. موماي ئاشقان سۇنى ئېدىشقا قويۇپ، ئۆينىڭ كەينىگە كۆمۈپ قويدى - دە، ئەتراپتىكىلەرگە:
− بۇ سۇ مېنىڭ مېيىت ساندۇقى ئالىدىغان دەسمايەم بولۇپ قالسۇن، − دېگەنىدى، ئەتراپىدىكىلەر خاپا بولۇپ قېلىشتى.
شىرە - ئورۇندۇقلار قويۇلۇپ تاماق كەلتۈرۈلدى. تاڭ سېڭلار تائام يەپ ئازراق ئارام ئالغاندىن كېيىن يېتىپ قالدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇستاز، شاگىرتلار موماي بىلەن خوشلىشىپ يېزىدىن چىقتى. تاڭ سېڭ ئاتقا مىندى، شاسېڭ يۈك - تاقلارنى كۆتۈردى.، سۇن ۋۇكۇڭ يول باشلىدى، جۇ باجيې ئاتنىڭ تىزگىنىنى تۇتتى. ئۇلار بالىدىن خالاس بولغاچقا پاكلىنىپ، يېنىكلەپ قالدى. چېگراغا بارغاندا، ئۇلارنىڭ يەنە نېمە ئىشقا يولۇققانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder