غەربكە ساياھەت - يىگىرمە ئالتىنچى باب
يىگىرمە ئالتىنچى باب
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ياردەم سوراپ ئۈچ ئارالغا بارغانلىقى
ئاۋالوكتسۋارانىڭ بۇلاق پەيدا قىلىپ دەرەخنى تىرىلدۈرگەنلىكى
ئەلقىسسە، پىركامىل جېن يۈەنزى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىكى:
− مەنمۇ سېنىڭ كارامىتىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. لېكىن، بۈگۈن ھەددىڭدىن بەك ئېشىپ كەتتىڭ. سەن بىلەن غەربتىكى بۇددا ئىلاھىنىڭ ئالدىدا دېيىشىمەن. ئادەمگىياھ دەرىخىمنى تۆلىمىگۈچە قۇتۇلالمايسەن، ئەمدى تولا ھىيلىگەرلىك قىلما.
− ئەجەبمۇ پىخسىق ئىكەنلا، تەقسىر، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ كېتىپ، − دەرەخنى تىرىلدۈرۈش دېگەن قانچىلىك ئىش ئىدى؟ بۇرۇنلا مۇشۇ گەپنى قىلسىلا جەڭگى - جېدەلمۇ بولمايتتى.
− بولىدۇ، دەتالاشمۇ قىلمايلى. مەن سېنى كەچۈرۈم قىلاي.
− سىلى ئۇستازىمنى قويۇۋەتسىلە، مەن دەرەخنى تىرىلدۈرۈپ بېرەي. قانداي دەيلا؟
− ئەگەر راستتىنلا دەرەخنى تىرىلدۈرەلىگۈدەك كارامىتىڭ بولسا، ساڭا سەككىز تەزىم قىلاي، قول باغلىشىپ ئاغا - ئىنى بولايلى.
− بولىدۇ، سىلى ئۇلارنى قويۇۋەتسىلە. مەن دەرەخلىرىنى چوقۇم تىرىلدۈرۈپ بېرىمەن.
پىركامىل سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قېچىپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، تاڭ سەنزاڭ، جۇ باجيې ۋە شاسېڭلارنى قويۇۋېتىشكە بۇيرۇدى.
− ۋۇكۇڭ، سەن بىزنى ئازاد قىلىمەن دەپ پىركامىلنى ئالدىساڭ بولامدۇ؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن، ئۇنى ئالدىغىنىم يوق، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
تاڭ سەنزاڭ يەنە سورىدى:
− سەن كىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىسەن؟
− مەن شەرقىي دېڭىزغا بارىمەن. ئۈچ ئارال، ئون ئايماقنى ئايلىنىپ، ئەۋلىيا - ئەنبىيالارنى زىيارەت قىلىمەن، ئۇلاردىن ئۆلگەن نەرسىنى تىرىلدۈرىدىغان چارىنى ئۆگىنىپ كېلىپ، دەرەخنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمەن.
− بارساڭ قاچانراق قايتىپ كېلەرسەن؟
− ئۈچ كۈندىلا قايتىپ كېلىمەن.
− ئۇنداق بولسا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرەي، ئۈچ كۈندە چوقۇم قايتىپ كەلگىن. ئەگەر قايتىپ كېلەلمىسەڭ، ھېلىقى ئەپسۇننى ئوقۇۋېتىمەن !
− خوپ، جەزمەن دېگەنلىرىدەك قىلىمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سەنزاڭغا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يولۋاس تېرىسىدىن تىكىلگەن جىلىتكىسىنى تۈزەشتۈرۈپ، قېرى پىركامىلنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
− خاتىرجەم بولسىلا، تەقسىر. مەن بېرىپلا كېلىمەن، سىلى ئۇستازىمنى ياخشى كۈتسىلە. كۈنىگە ئۈچ قېتىم چاي، ئالتە ۋاخ تاماق بەرسىلە، بىرەر قېتىممۇ كەم بولۇپ قالمىسۇن. ئەگەر كەم بولۇپ قالسا، قايتىپ كەلگەندە سىلىدىن ھېساب ئالىمەن.
− يولۇڭغا مېڭىۋەرگىن، − دېدى پىركامىل، − ئۇنى ھەرگىز ئاچ قويمايمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ مۇئەللەق بۇلۇتقا چىقتى - دە، ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئايرىلىپ، شەرقىي دېڭىزغا قاراپ راۋان بولدى. چەكسىز بوشلۇقتا ئۇ خۇددى ساقىغان يۇلتۇزغا ئوخشاش چاقماق تېزلىكىدە ئىلگىرىلەپ، فېڭلەي تىلسىماتلىقىغا يېتىپ باردى. ئۇ بۇلۇتنى يەرگە قوندۇرۇپ، فېڭلەيگە ئىچكىرىلەپ كىردى. ئاق بۇلۇت غارىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، قارىغاي سايىسىدە شاھمات ئويناۋاتقان ئۆمۈر چولپىنى، بەخت چولپىنى ۋە ئامەت چولپىنىنى ئۇچراتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەدەپ بىلەن سالام بەردى. چولپانلار ئۇنى كۆرۈپ، شاھمات ئويناشتىن توختىدى ۋە سالامغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن:
− ئەۋلىيا ئەزەم، بۇ ياققا كېلىپ قاپتىلىغۇ؟ − دەپ سورىدى.
− سىلەر بىلەن ئوينىغىلى كېلىۋىدىم، − جاۋاب بەردى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئەۋلىيا ئەزەمنى ساكيامۇنىغا ئەقىدە باغلاپ، غەربىي دىياردىن مۇقەددەس نومنى ئەكېلىش ئۈچۈن ماڭغان تاڭ سەنزاڭنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم، − دېدى ئۆمۈر چولپىنى، − بۈگۈن ئەجەب بۇ ياقلارغا كېلىپ ئويناشقا ۋاقىتلىرى يېتىپ قاپتىغۇ؟
− سىلەرگە راستتىنى ئېيتسام، غەربكە كېتىۋېتىپ يولدا توسۇلۇپ قالدۇق. سىلەرنى ياردەم قىلارمىكىن دەپ كەلگەنىدىم.
− قەيەردە، نېمە ۋەجىدىن توسۇلۇپ قالدىڭلار؟ ئېنىق ئېيتسىلا، بولمىسا سىلىگە ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز، − دېدى بەخت چولپىنى.
سۇن ۋۇكۇڭ ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسىدا ئادەمگىياھ مېۋىسىنى ئوغرىلاپ يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەۋلىيا جېن يۈەنزىنىڭ ئۆزلىرىنى باغلىۋالغانلىق ۋەقەسىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.
ئۈچ چولپان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەسرەت بىلەن شۇنداق دېدى:
− ھەي مايمۇنەك، ئۇنىڭغا ئۇقۇشماي چېقىلىپ قويۇپتىلا. جېن يۈەنزى دېگەن زېمىندىكى ئەۋلىيالارنىڭ پىرى، بىز بولساق شەرقتىكى ئەۋلىيالار قوۋمىغا تەۋە. بىزنى ئىزدىگەنلىرى بىلەن يەنىلا ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقماق تەس. ئەگەر ئۇچار قۇش ياكى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسىلا، بىزنىڭ شىپالىق دورىلىرىمىز بىلەن تىرىلدۈرگىلى بولاتتى. ئادەمگىياھ دەرىخى بولسا ئىلاھىي دەرەخ، ئۇنىڭغا بىز ئامال قىلالمايمىز.
«ئامال يوق» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، پېشانىسىگە مىڭ خىل قورۇق پەيدا بولدى.
− ئەۋلىيا ئەزەم، بۇ يەردە ئامال بولمىسا باشقا يەردىن تېپىلىپ قالار. نېمىشقا بۇنچە غەم قىلىدىلا؟ − دېدى بەخت چولپىنى.
− ئامال تېپىلىدىغانلا ئىش بولسا، جاھاننى ئوتتۇز ئالتە كۈن ئايلانساممۇ ماڭا ئېغىر كەلمەيدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − يامان يېرى، تاڭ ھەزرىتىم ماڭا ئۈچ كۈنلۈكلا مۆھلەت بەردى، ئۈچ كۈنگىچە يېتىپ بارمىسام، ئۇ چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقۇيدۇ.
− ياخشى، ياخشى ! − دېدى ئۈچ چولپان كۈلۈپ كېتىپ، − سىلىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بۇ ئامال بولمىغان بولسا، ھېچكىمگە بوي بەرمىگەن بولاتتىلا !
− خاتىرىلىرىنى جەم قىلىپ بەك قايغۇرۇپ كەتمىسىلە، − دېدى ئۆمۈر چولپىنى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ، − ھېلىقى پىركامىل گەرچە بىزنىڭ ئەجدادىمىز بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان تونۇشىمىز. بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشمىگىلى نۇرغۇن يىللار بوپتۇ؛ ئىككىنچىدىن، سىلىنىڭ يۈزلىرى، بۈگۈن ئۈچىمىز بېرىپ ئۇنى يوقلىغاچ، تاڭ سەنزاڭغا چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقۇماي تۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلايلى، تۆت - بەش كۈنلۈك مۆھلەت دېگەن گەپنىمۇ قىلمىسۇن، قاچان ئامال تېپىپ كەلسىلە، شۇ چاغدا ھېساب بولسۇن.
− سىلەرگە كۆپ رەھمەت، ئاۋارە بولىدىغان بولدۇڭلار. ئۇنداق بولسا مەن كەتتىم، − سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ يولىغا راۋان بولدى.
ئۈچ چولپان سائادەت نۇرىغا ئولتۇرۇپ ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسىغا يېتىپ باردى. ئىبادەتخانىدىكى ئەۋلىياچاقلار ئۈچ چالنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خەۋەر يەتكۈزدى:
− ئۇستاز، دېڭىزدىكى ئۈچ چولپان كەلدى.
تاڭ سەنزاڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان جېن يۈەنزى بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. جۇ باجيې:
− ھەي گۆشباش قېرى، سىلىنى كۆرمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ. يەنە باشلىرىغا بىرنەرسە كىيمەيلا يۈردىلىمۇ؟ − دېدى - دە، يېنىدىن شەيخلەر كىيىدىغان بىر دوپپىنى چىقىرىپ ئۆمۈر چولپىنىنىڭ بېشىغا كىيگۈزۈپ قويۇپ، قوللىرىنى يانپېشىغا ئۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى، − ۋاي - ۋۇي، ئەجەب ياراشتى بۇ دوپپا، باشلىرىغا بەخت تاجى قوندى مانا !
ئۆمۈر چولپىنى بېشىدىكى دوپپىنى ئېلىپ چۆرۈۋېتىپ، ئۇنى سىلكىشلىدى:
− ھەي، ئىززەت - ئىكرامنى بىلمەيدىغان لايغەزەل !
تاڭ سەنزاڭ جۇ باجيېنى بىر ياققا ئىتتىرىۋېتىپ، ئۈچ چولپانغا ئەدەپ بىلەن سالام بەردى. ئۈچ چولپان پىركامىلنى ئاتا ئورنىدا كۆرۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. پىركامىل ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
− بىز ئەزەلدىنلا سىلىگە چىن ئىخلاس ساقلاپ، ئىشلىرىغا ھەمدەم بولۇپ كەلگەنىدۇق، − دېدى ئامەت چولپىنى ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، − بۈگۈن سۇن ئەزەم باغلىرىنى ۋەيران قىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، سىلى بىلەن كۆرۈشەيلى دەپ كەلگەنىدۇق.
− سۇن شىڭجې فېڭلەيگە كەتكەنىدىغۇ؟ − سورىدى پىركامىل.
− ھەئە، ئۇ سىلىنىڭ ئەتىۋارلىق دەرەخلىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، بىزدىن ياردەم سوراپ بارغانىكەن، − دېدى ئۆمۈر چولپىنى، − بىز ئامالسىز ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقاندىن كېيىن باشقا ياققا كېتىپ قالدى. بىراق، ئۇ ئەۋلىيا راھىبنىڭ بەرگەن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلىتى توشۇپ قالسا چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا سىلى بىلەن كۆرۈشكەچ ئۇنىڭغا كەڭچىلىك سوراپ كەلدۇق.
تاڭ سەنزاڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ ئەسنادا، جۇ باجيې يۈگۈرۈپ كىرىپ، بەخت چولپىنىنىڭ يانچۇق ۋە يەڭلىرىنى ئاختۇرۇپ: «ماڭا مېۋە بەرگىن» دەپ جېدەل قىلىشقا باشلىدى.
− باجيې، نېمانچە بەتقىلىقلىق قىلىسەن؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ كۈلۈپ.
− بۇ بەتقىلىقلىق ئەمەس، ئامەت چىقىپ قالارمىكىن دەپ ئاختۇرۇۋاتىمەن، − دېدى جۇ باجيې جاۋاب بېرىپ.
تاڭ سەنزاڭ يەنە ئۇنى تالاغا قوغلىۋەتتى. جۇ باجيې تالاغا چىقىپ بولۇپ بەخت چولپىنىغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپ قارىدى.
− ماڭا نېمانچە ئاچچىقىڭ بىلەن ھومىيىپ قارايسەن؟ ساڭا نېمە قىلغانىدىم ! − دېدى بەخت چولپىنى.
− بۇ سىلىگە ھومايغىنىم ئەمەس، بەختكە قايرىلىپ تەلمۈرگىنىم، − دېدى جۇ باجيې.
شۇ ئەسنادا، ئۇ چاي ۋە مېۋە ئاچىقىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان بىر كىچىك غۇلمان بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى - دە، ئۇنىڭ قولىدىكى ئاچقۇچنى كاپلا قىلىپ تارتىۋېلىپ، سارايغا ئالچاڭلاپ كىرگىنىچە مىس جاڭنى قولىغا ئېلىپ، ھە دەپ چېلىشقا باشلىدى.
− بۇ سوپى بەكلا ئۆزىنى بىلمەي قېلىۋاتىدۇ، − دېدى پىركامىل ئاچچىقىدا.
− بۇ ئۆزۈمنى بىلمىگەنلىك ئەمەس، ھەر كۈنى توي - نەغمە دېگەن شۇ، − دېدى جۇ باجيې.
جۇ باجيېنىڭ شەيتانلىقىنى قويۇپ، ئەمدى گەپنى سۇن ۋۇكۇڭدىن ئاڭلايلى. ئۇ فېڭلەيدىن ئايرىلىپ، ھەش - پەش دېگۈچە فاڭجاڭ ئەۋلىيالار تېغىغا يېتىپ باردى. ئۇ بۇلۇتنى قوندۇرۇپ، تاغ مەنزىرىسىگە مەيلى تارتمىغان ھالدا كېتىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت سەلكىن شامال دەرەخلەرنى يېنىك تەۋرىتىپ، قۇشقاچلار بىردىن سايراپ كەتتى. قارىسا، ئالدى تەرەپتىن بىر ئەۋلىيا چىقىپ كېلىۋېتىپتۇ.
نەزم
كۆكتە لەيلەپ ئاپئاق بۇلۇت، رەڭدار شەپەق چاقنايدۇ،
تاغدەك ئۆمۈر كۆرگەن بۇ چال يىگىتلەرگە ئوخشايدۇ.
ئەل ئىچىدە تالاي قېتىم ۋەھشىيلىكنى يەڭگەن ئۇ،
مەردلىكىدىن بۇ جاھانغا بەخت ئېلىپ كەلگەن ئۇ.
ھەزرەت شاپتۇل بەزمىسىدە مۆتىۋەر دەپ ئاتالغان،
شەرق ئېلىنىڭ تەڭرىقۇتى دېگەن نامى تارقالغان.
− سالام، بۈيۈك ئەرش پېشۋاسى ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قول باغلاپ.
ئەرش پېشۋاسى ئالمان - تالمان سالام قايتۇرۇپ:
− ئەۋلىيا ئەزەم، ئالدىلىرىغا چىقالماپتىمەن. غېرىب كۈلبىمىزگە كىرىپ چاي - پاي ئىچسىلە، − دېدى - دە، ئۇنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ئوردىسىغا باشلىدى. دەرۋازىلىرىنى سەدەپتىن قىلىپ سالدۇرغان ساراي، راۋاقلىرى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. ئۇلار شىرەگە كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر بالا چىمىلدىقنى قايرىپ چىقىپ كەلدى.
− بۇ ئوغرى بۇ يەردە ئىكەنغۇ؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، − پېشۋايىمىزنىڭ سەن ئوغرىلاپ يېگۈدەك شاپتۇلى يوقمۇ؟
بالا ئۇنىڭغا تەزىم بەرگەندىن كېيىن شۇنداق دېدى:
− ھەي قېرى ئوغرى، سىزمۇ كېلىپ قاپسىزغۇ؟ ئۇستازىمنىڭ سىز ئوغرىلاپ يېگۈدەك ئىسكىر - ناياپى يوق جۇمۇ !
− مەنجيەن، قالايمىقان سۆزلىمەي چاي كەلتۈرگىن، − دېدى ئەرش پېشۋاسى.
مەنجيەن ئىككى پىيالە چاي ئاچىقتى.
− بىر ئىشنى ئۆتۈنۈپ كېلىۋىدىم، ئېيتسام بولارمىكىن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ چاينى ئىچىپ ئولتۇرۇپ.
− قانداق ئىشلىرى بولسا دەۋەرسىلە.
− يېقىندا تاڭ سەنزاڭغا ھەمراھ بولۇپ غەربكە كېتىۋاتقانىدۇق، ۋەنشۇشەن تېغىدىكى ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئۆتكەندە ئىبادەتخانىدىكى بالىلار يولسىزلىق قىلىپ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەمگىياھ دەرىخىنى ئۆرۈۋېتىپ قالدىم. ھازىر ئۇلار بىزنى ماڭغىلى قويماي، تاڭ سەنزاڭنى تۇتۇپ قالدى. مۇبارەك ھۇزۇرلىرىغا دەرەخنى تىرىلدۈرىدىغان ئامال تېپىلارمىكىن دەپ كېلىۋىدىم. مەردلىك بىلەن ياردەم قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
− ھەي مايمۇنەك، سىلى بارغانلا يەردە ئىش تېرىپ يۈرىدىكەنلا، ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسىدىكى جېن يۈەنزىنىڭ نامى جاھانغا تارقالغان، ئۇ زېمىندىكى ئەۋلىيالارنىڭ پىرى بولىدۇ. سىلى نېمىدەپ ئۇنىڭغا چېقىلىپ قويغانلا؟ ئۇنىڭ ئادەمگىياھ دەرىخى بىر تۇتىيا دەرەخ، مېۋىسىنى ئوغرىلاپ يەپ، دەرىخىنىمۇ ئۆلتۈرگەن بولسىلا، بۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۇ سىلىنى ئاسان كەچۈرمەيدۇ.
− راست ئېيتتىلا، بىز قېچىپ كېتىپمۇ باقتۇق، بىراق ئۇ كەينىمىزدىن قوغلاپ كېلىپ، تۆتىمىزنى خۇددى قولياغلىقنى يېڭىگە پۈرلەپ تىققاندەكلا تۇتۇپ سولىۋالدى، تىركىشىپ باقتۇق، ھېچ ئامال بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن دەرەخنى تىرىلدۈرۈپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىپ قالدىم.
− مەندە بىر تال شىپالىق تەريا بۇت دورىسى بار، دۇنيادىكى جانلىقلارنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، بىراق دەرەخنى تىرىلدۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋەنشۇشەن تېغى ئەلمىساقتىن تارتىپ سائادەتلىك ماكان بولغان، ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسىمۇ غەربىي گۇدادىكى ئەۋلىيالارنىڭ دەرگاھى، ئادەمگىياھ مېۋىسىنىڭ دەرىخى بولسا ئالەم بىنا بولغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان ئىلاھىي دەرەخ. ئۇنى قانداقمۇ تىرىلدۈرگىلى بولسۇن. ھەي، بۇنىڭغا زادى ئامال يوق.
− ئامال بولمىسا، خەير ئەمىسە !
سۇن ۋۇكۇڭ بۈيۈك ئەرش پېشۋاسىنىڭ قانچە تۇتقىنىغا ئۇنىماي، بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ يىڭجۇ ئارىلىغا يېتىپ باردى. قارىغۇدەك بولسا، قىزىل قىيا يېنىدىكى مەرۋايىت دەرىخى ئاستىدا بىرقانچە مويسىپىت ئەۋلىيا شاراب ئىچكەچ، شاھمات ئويناۋېتىپتۇ.
− مەنمۇ بىرەر قول ئوينىۋەتسەم قانداق دەيسىلەر ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۈنلۈك ۋارقىراپ.
ئەۋلىيالار ئۇنى كۆرۈپلا دەرھال ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتى. ئۇلار سۇن ۋۇكۇڭغا تونۇشلۇق بولغان توققۇز مويسىپىت ئىدى.
− خېلى ئازادە بوپقاپسىلەر، ئاغىلار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
توققۇز چال كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− سەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەرشتە ئىش تېرىمىغان بولساڭ، بىزگە ئوخشاش ئەركىن - ئازادە بولاتتىڭ. يېقىندا سېنى يامان يولدىن قايتىپ، غەربكە بۇددانى تاۋاپ قىلغىلى كېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىغانىدۇق، بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭ؟
سۇن ۋۇكۇڭ دەرەخنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ياردەم سوراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
− سەن بەك چوڭ بالا تېرىۋاپسەن ! بىز راستتىنلا ئامال قىلالمايمىز، − دېيىشتى توققۇز چال قاتتىق چۆچۈپ.
− ئامالىڭلار بولمىسا قايتىپ قالاي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
توققۇز چال ئۇنى زورىغا تۇتۇپ قېلىپ، ئېسىل شەربەت ۋە نېلۇپەر تالقىنى ئاچىقتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۆرە تۇرۇپلا بىر پىيالە شەربەت ۋە بىر كاپام نېلۇپەر تالقىنى يەپ، ئالمان - تالمان يىڭجۇدىن ئايرىلىپ، شەرقىي دېڭىزغا قاراپ راۋان بولدى. ئۇ ھەش - پەش دېگۈچە لوجا تېغىغا كېلىپ بۇلۇتتىن چۈشتى ۋە پۇتو تېغىغا ئۆتۈپ بىر قىيانىڭ ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن كۆز تاشلىدى. ئاۋالوكتسۋارا بۇدساتۋا ئۇ يەردە مالائىكىلەرگە، راھىبلارغا ۋە سۇ پەرىلىرىگە بۇددا نومىدىن تەپسىر قىلىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاللىقاچان بايقىغان بولۇپ، كۆزەتچى تاغ مالائىكىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، كۆزەتچى مالائىكە بىلەن بىرگە بامبۇكزارلىققا كىرىپ، بۇدساتۋا بىلەن كۆرۈشتى.
− ۋۇكۇڭ، تاڭ سەنزاڭ قەيەرگە يېتىپ باردى−؟ سورىدى بۇدساتۋا.
− غەربىي گۇدادىكى ۋەنشۇشەن تېغىغا.
− ۋەنشۇشەن تېغىدا ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسى بولىدىغان، ئۇ يەردىكى جېن يۈەنزى پىركامىل بىلەن كۆرۈشكەنسىلەر؟
سۇن ۋۇكۇڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جاۋاب بەردى:
− چاتاق شۇ يەردە چىقتى، مەن ۋۇجۇاڭ ئىبادەتخانىسىدىكى جېن يۈەنزى ئەۋلىيانى تونۇماي، ئۇنىڭ ئادەمگىياھ دەرىخىنى ۋەيران قىلىۋېتىپتىمەن. ئۇ بۇ ئىشتىن ئاچچىقلىنىپ، ئۇستازىمىزنى تۇتۇۋېلىپ ماڭغىلى قويمىدى.
− ھەي، ياخشى - ياماننى پەرق ئەتمەيدىغان مايمۇن ! − دېدى بۇدساتۋا ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭنى ئەيىبلەپ، − ئۇنىڭ ئادەمگىياھ دەرىخى جاھان بىنا بولۇش بىلەنلا ئاپىرىدە بولغان، جېن يۈەنزى بولسا يەر يۈزىدىكى ئەۋلىيالارنىڭ پىرى. مەن چېغىمدا ئۇنىڭ ئالدىدا ئەيمىنىمەن، سەن نېمە ھەددىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەرىخىگە زەخمەت يەتكۈزدۈڭ؟
سۇن ۋۇكۇڭ يەنە باش ئېگىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− مەن راستتىنلا بىلمەي قاپتىمەن. ئاشۇ كۈنى ئۇ ئۆيىدە بولمىغاچقا، ئىككى بالا غۇلمان بىزنى كۈتۈۋالدى. مېۋىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقان جۇ باجيې، يېڭىلىق ئىكەن، تېتىپ باقايلى، دەپ تۇرۇۋالدى. مەن باغقا كىرىپ ئۈچ تال ئوغرىلاپ چىقتىم، ئۈچىمىز بىردىن يېدۇق. بۇنى بالىلار بىلىپ قېلىپ، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتتى. مەن ئاھانەتكە چىدىماي چىقىپ ئادەمگىياھ دەرىخىنى ئۆرۈۋەتتىم. ئەتىسى پىركامىل قايتىپ كېلىپ بىزنى قوغلاپ تۇتۇۋالدى ۋە يېڭىگە سولاپ ئاپىرىپ، ئارغامچا بىلەن باغلاپ قويۇپ، بىر كۈن ھارغۇدەك ئۇردى. شۇ كېچىسى بىز قېچىپ كەتتۇق، ئۇ يەنە بىزنى قوغلاپ تۇتۇۋالدى. ئاخىر قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىمىزغا كۆزىمىز يېتىپ، دەرەخنى تۆلەپ بېرىشكە ۋەدە بەردۇق. باياتىن ئۈچ ئارالنى ئارىلاپ چىقىپمۇ بىرەر قابىل كىشىنى تاپالمىدىم. شۇ ۋەجدىن، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا يۈكسەك ئېھتىرام بىلەن كېلىشىم، مېھىر - شەپقەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئامالىنى قىلغايلا، تاڭ سەنزاڭنى قۇتۇلدۇرۇپ سەپىرىمىزنى راۋان قىلغايلا.
− مېنىڭ ئالدىمغا بۇرۇنراق كەلمەي، ئۇ ئاراللاردا نېمە قىلىپ يۈرەتتىڭ؟
سۇن ۋۇكۇڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ئامەت كەلدى دېگەن شۇ، بۇدساتۋا چوقۇم ئامال قىلالايدۇ، دەپ ئويلاپ، يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىندى.
بۇدساتۋا مۇنداق دېدى:
− بۇ شېشىنىڭ تېگىدىلا قالغان شەبنەم سۈيى ئىلاھىي دەرەخكە شىپالىق بېرەلەيدۇ.
− بۇرۇن ئىشلىتىپ باققانمۇ؟
− ئىشلىتىپ باققان.
− قەيەردە؟
− بىر چاغدا ئەۋلىيا پېشۋاسى مەن بىلەن پۈتۈشۈپ، تال سۆگىتىمنى سۇندۇرۇپ ئاپىرىپ ئىسكىر - ناياپ تاۋلايدىغان ئۇچىقىدا كۆيدۈرۈپ كۆسەي قىلىپ قايتۇرۇپ بەردى. مەن ئۇنى شېشىگە چىلاپ قويۇۋىدىم، بىر كېچىدىلا كۆكلەپ بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلگەن.
− مۆجىزە ! مۆجىزە ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، − كۆيۈپ كەتكەننى تىرىلدۈرگەن يەردە، ئۆرۈۋېتىلگەننى تىرىلدۈرۈش ئەلۋەتتە قىيىنغا چۈشمەيدۇ - دە !
بۇدساتۋا شاگىرتلىرىغا ئورمانغا ئوبدان قاراشنى تاپىلاپ قويۇپ، شېشىنى ئالدى - دە، سۇن ۋۇكۇڭنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى.
ئىبادەتخانىدا پىركامىل ئۈچ چال بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇشتۇمتۇت بۇلۇتتىن چۈشۈپ توۋلىدى:
− بۇدساتۋا كەلدى، تېزرەك ئالدىغا چىقىڭلار !
ئۈچ چولپان، جېن يۈەنزى ۋە تاڭ سەنزاڭلار پالاقشىپ ساراي ئالدىغا چىقتى. بۇدساتۋا بۇلۇتتىن چۈشۈپ ئاۋۋال جېن يۈەنزى بىلەن، ئاندىن ئۈچ چولپان بىلەن كۆرۈشتى ۋە سارايغا كىرىپ تۆردىن ئورۇن ئالدى. سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سەنزاڭ، جۇ باجيې ۋە شاسېڭنى باشلاپ كىرىپ بۇدساتۋاغا سالام بەردى، بۇتخانىدىكى ئەۋلىيالارمۇ كۆرۈشكىلى كىردى.
سۇن ۋۇكۇڭ پىركامىلغا قاراپ مۇنداق دېدى:
− سىلى غەم قىلمىسىلا، قاچانلا بولسۇن، بۇدساتۋا دەرەخلىرىنى مەن ئۈچۈن تىرىلدۈرۈپ بېرىدۇ.
پىركامىل بۇدساتۋاغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى ۋە:
− ئەرزىمەسلا بىر ئىشقا بۇدساتۋانى مالال قىپتۇق، − دېدى.
− تاڭ سېڭ بولسا مېنىڭ شاگىرتىم، سۇن ۋۇكۇڭ تەقسىرنىڭ ئەتىۋارلىق دەرىخىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەنىكەن، تۆلەپ بېرىشىم ئەلۋەتتە يوللۇق - دە ! − دېدى بۇدساتۋا.
− ئۇنداق بولسا باشقا گەپنى قويايلى، بۇدساتۋا باغقا كىرىپ كۆرۈپ باقسۇن، − دېدى ئۈچ چال.
پىركامىل باغنى تازىلىتىپ، ئىسرىق شىرەسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن بۇدساتۋانى باغقا باشلىدى. ئۈچ چال، تاڭ سەنزاڭ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئەۋلىيالارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ باغقا كىردى. يەرگە يىقىلغان دەرەخ يىلتىزلىرى يالىڭاچلانغان، يوپۇرماقلىرى تۆكۈلگەن، شاخلىرى قاغجىرىغان ھالەتتە ياتاتتى.
− ۋۇكۇڭ، قولۇڭنى چىقار ! − دېدى بۇدساتۋا.
سۇن ۋۇكۇڭ سول قولىنى ئۇزارتتى. بۇدساتۋا تال تېرەك نوتىسىنى شېشىدىكى شەبنەم سۈيىگە چىلاپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالىقىنىغا تىرىلىش بەلگىسىنى سىزدى ۋە قولىنى دەرەخ يىلتىزىنىڭ تېگىگە تىقىپ، سۇ چىققۇچە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئېيتتى. سۇن ۋۇكۇڭ مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، دەرەخ يىلتىزىنىڭ تېگىگە سالدى، بىردەمدىن كېيىن ئۇ يەردىن بۇلاق قايناپ چىقتى.
− سۇنى قاشتېشىدىن ياسالغان ساپلىقتىلا ئېلىشقا بولىدۇ، − دېدى بۇدساتۋا، − دەرەخنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۇچىدىن تۈۋىگە قارىتىپ سۇغىرىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا، دەرەخ قايتىدىن كۆكلەپ مېۋىگە كىرىدۇ.
− قېنى، غۇلمانلار، قاشتېشىدىن ياسالغان ساپلىقنى ئاچىقىڭلار ! − دەپ توۋلىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
جېن يۈەنزى دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
− پېقىرنىڭ بۇتخانىسىدا قاشتېشىدىن ياسالغان ساپلىق يوق، پەقەتلا قاشتېشىدىن ياسالغان جام ۋە قەدەھلەر بار، ئۇنى ئىشلىتىشكە بولارمۇ؟
− قاشتېشىدىن ياسالغان بولۇپ، سۇ ئالغىلى بولسىلا بولىدۇ، − دېدى بۇدساتۋا.
جېن يۈەنزى غۇلمانلارنى بۇيرۇپ، يىگىرمە - ئوتتۇزدەك جام، قىرىق - ئەللىكتەك قەدەھ ئاچىقتى - دە، بۇلاقتىن سۇ ئېلىشقا بۇيرۇدى. سۇن ۋۇكۇڭ، جۇ باجيې، شاسېڭ ئۈچەيلەن بىر بولۇپ دەرەخنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە ئەتراپىغا توپا يۆلىدى. بالىلار بۇلاق سۈيى توشقۇزۇلغان پىيالە، قەدەھلەرنى بۇدساتۋاغا بىر - بىرلەپ سۇنۇپ بەردى، بۇدساتۋا تال تېرەك نوتىسىنى سۇغا چىلاپ، ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ دەرەخكە چاچتى. دېگەندەكلا، دەرەخ كۆكلەپ باراقسان بولۇپ، يىگىرمە ئۈچ تال مېۋىسىمۇ تولۇقلاندى.
چىڭفېڭ بىلەن مىڭيۆ بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ:
− ئالدىنقى كۈنى مېۋە يوقىلىپ كەتكەندە سانىساق يىگىرمە ئىككى چىقىۋىدى، بۈگۈن ئەجەب بىرى ئارتۇق چىقتىغۇ؟ − دېدى.
− ئالدىنقى كۈنى ئۈچنى ئوغرىلاپ، بىرنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتكەنىدىم. زېمىن مۇئەككىلى، بۇ مېۋە يەرگە چۈشسىلا سىڭىپ كېتىدۇ، دەپ ئېيتقان. بىراق، باجيې ماڭا ئىشەنمەي ئۆزۈڭ يەۋاپسەن، دەپ تۇرۇۋالدى. مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئايدىڭلاشتى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پىركامىل ئۆلگەن دەرەخنىڭ تىرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ چەكسىز خۇشال بولدى ۋە دەرھال ئالتۇن خادىنى ئاچىقتۇرۇپ مېۋىدىن ئوننى قېقىپ چۈشۈردى، بۇدساتۋا ۋە ئۈچ چالنى سارايغا باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى. بۇدساتۋا تۆردىن ئورۇن ئالدى، ئۈچ چال ئۇنىڭ سول تەرىپىگە، تاڭ سەنزاڭ ئوڭ تەرىپىگە كېلىپ ئولتۇردى، جېن يۈەنزى بۇدساتۋانىڭ ئۇدۇلىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇدساتۋا بىلەن ئۈچ چال بىردىن مېۋە ئېلىپ يېگەندىن كېيىن، تاڭ سەنزاڭ بۇنىڭ ئەۋلىيالارنىڭ ئەتىۋارلىق يېمىشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ بىرنى يېدى. سۇن ۋۇكۇڭلارمۇ بىردىن ئېغىز تەگدى، جېن يۈەنزىمۇ مېھمانلارنى تەكلىپ قىلغاچ بىرنى ئالدى، قالغان بىرىنى ئىبادەتخانىدىكى ئەۋلىيالار تەڭ ئۈلىشىپ يېدى، سۇن ۋۇكۇڭ بۇدساتۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پۇتو تېغىغا ئۇزىتىپ قويدى. ئۈچ چال فېڭلەي ئارىلىغا قايتتى. جىن يۈەنزى كاتتا زىياپەت قىلىپ سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن قول باغلىشىپ ئاغا - ئىنى بولدى. بۇ، ئېلىشمىغۇچە تېپىشماس، دېگەننىڭ دەل ئۆزى ئىدى. قاراڭغۇ چۈشتى، ئۇستاز ۋە شاگىرت تۆتى خۇشال ھالدا يېتىپ قالدى، ئەتىسى ئۇلارنىڭ قانداق خوشلاشقانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder