غەربكە ساياھەت - يەتمىش ئالتىنچى باب
يەتمىش ئالتىنچى باب
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالۋاستىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغانلىقى
ئالۋاستىلارنىڭ پەنت بىلەن تاڭ سېڭنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى
ئەلقىسسە، سۇن ۋۇكۇڭ ئالۋاستىنىڭ ئىچىنى بىرپەس مالىمان قىلىۋىدى، ئالۋاستى توپىغا مىلىنىپ مىدىر - سىدىر قىلماي ئۆلگەندەكلا ياتتى، كېيىن يەنە دېمىنى رۇسلاپ يېلىندى:
− مېھىر - شەپقەت قىلىڭ، رەھىم قىلىڭ، ئەۋلىيا ئەزەم !
− ئوغلۇم، بىھۇدە ئاۋارە بولماي مېنى سۇن بوۋام دېگىن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بوۋا ! بوۋا ! − دېدى ئالۋاستى جېنىغا چىدىماي، − مەن گۇناھ قىپتىمەن ! سىزنى يۇتۇۋالمىسام بولغانىكەن. مانا ئەمدى جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويدىڭىز، ئەۋلىيا ئەزەم، چۈمۈلىدەك جېنىمغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىڭ، ئۇستازىڭىزنى تاغدىن ئۆتكۈزۈپ قوياي.
سۇن ۋۇكۇڭ باتۇر بولغىنى بىلەن، تاڭ سېڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كېچەتتى. ئالۋاستىنىڭ يېلىنىشىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ رەھمى كەلدى - دە، سورىدى:
− ئالۋاستى، مەن سېنى ئەپۇ قىلسام، ئۇستازىمنى تاغدىن قانداق ئۆتكۈزۈپ قويىسەن؟
− مەندە سىزگە تۇتقۇدەك ئۈنچە - مارجان، ئالتۇن - يامبۇ، كەھرىۋا، جاۋاھىرلاردەك قىممەت باھا نەرسىلەر يوق. بىز ئۈچ قېرىنداش خۇش بۇي چىڭگىلىكتىن تەختىراۋان ياساپ ئۇستازىڭىزنى تاغدىن كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ قويىمىز، − دېدى ئالۋاستى.
− تەختىراۋاندا ئۆتكۈزۈپ قويساڭلار، قىممەت باھا نەرسە تۇتقاندىن جىق ئىش قىلغان بولىسىلەر. ئاغزىڭنى ئاچقىن، مەن چىقاي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
ئالۋاستى ئاغزىنى ئېچىشىغا ئۈچىنچى ئالۋاستى يېقىن كېلىپ ئۇنىڭغا پىچىرلىدى:
− ئاغا، ئۇ چىققاندا چىشلىۋېلىپ چايناپ يۇتۇۋەتكىن، ئۇ چاغدا ئۇ ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ.
بۇنى سۇن ۋۇكۇڭ ئاڭلاپ قالدى. ئۇ ئالدىراپ چىقماستىن، ئاۋۋال ئالتۇن توقىنى تەڭلەپ ئالۋاستىنى سىنىدى. ئالۋاستى ئالتۇن توقىنى چىشلىگەنىدى، بىرنەچچە چىشى سۇنۇپ كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى تارتىۋېلىپ مۇنداق دېدى:
− ھوي مەلئۇن ! مەن سېنىڭ بىر قوشۇق قېنىڭدىن كېچىپ تاشقىرىغا چىقاي دەۋاتسام، سەن تېخى مېنى چىشلەپ جېنىمغا قەست قىلماقچى بولۇۋاتىسىنا ! چىقمايمەن ! تىرىك تۇرغۇزۇپ قىيناپ جېنىڭنى ئالىمەن ! چىقمايمەن ! ئەمدى چىقمايمەن !
چوڭ ئالۋاستى ئۈچىنچى ئالۋاستىدىن ئاغرىندى:
− ئىنىم، ئۇنى چىقىراي دەۋاتسام، سىز ئۇنى چىشلە دېدىڭىز. چىشلىمىسەممۇ بوپتىكەن، چىشلىرىم ئاغرىپ كەتتى. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
ئۈچىنچى ئالۋاستىنىڭ بۇنىڭغا ئاچچىقى كېلىپ دەيدەيگە سېلىش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ۋارقىرىدى:
− سۇن دەرۋىش، ئىسمىڭنى ئاڭلاپ ئاغزىم ئېچىلىپلا قالغانىدى. ئەمدى قارىسام، سەنمۇ تايىنلىق نىمىكەنسەن، مايمۇنچاقلارنىڭ بېشى ئىكەنسەن شۇ !
− نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− سەن چىقىپ مەن بىلەن ئېلىشساڭ، ئاندىن نوچى سانىلىسەن. بىراۋنىڭ قورسىقىغا كىرىۋېلىپ نېمىشقا ئەسكىلىك قىلىسەن ! چۈپرەندە مايمۇنچاقلارنىڭ بېشى بولماي نېمە ئىدىڭ سەن؟
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ ئويغا چۆمدى: «توغرا، توغرا ! مەن بۇنىڭ ئىچ - قارنىنى يېرىپ ئۆلتۈرۈۋەتسەم نېمە ساۋاب تاپىمەن؟ ئەكسىچە نام - ئابرۇيۇمنى بۇلغايمەن.» شۇنىڭدىن كېين ئۇ مۇنداق دېدى:
− بوپتۇ، ئاغزىڭنى ئاچقىن، مەن چىقىپ سەنلەر بىلەن ئېلىشاي. بىراق، غارنىڭ ئالدى تار ئىكەن، قورالنى ئەركىن ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. كەڭرەك جايغا بارايلى.
ئۈچىنچى ئالۋاستى دەررۇ چوڭ - كىچىڭ جىنلارنى تولۇق قوراللىنىپ غاردىن چىقىپ سەپ تارتىپ تۇرۇشقا، سۇن ۋۇكۇڭ چىققان ھامان ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇدى. ئىككىنچى ئالۋاستى چوڭ ئالۋاستىنى يۆلەپ تاشقىرىغا چىقىپ ۋارقىرىدى:
− سۇن دەرۋىش ! يامان بولساڭ بۇ ياققا چىق ! مانا بۇ يەر جەڭ مەيدانى، راسا ئېلىشايلى.
سۇن ۋۇكۇڭ قاغىلارنىڭ قاقىلدىشى، سېغىزخاننىڭ شاراقلىشى، شاقچى قۇشقاچلارنىڭ سايرىشىنى ۋە شامال ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كەڭ دالاغا چىققانلىقىنى بىلىپ: «مەن چىقماي تۇراي، ئۇ لەۋزىدىن يېنىۋالمىسۇن يەنە. ناۋادا چىقساممۇ، بۇ نېمىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئارقىسىنىڭ پەرقى يوق، يەنى تىلى شېكەر، دىلى زەھەر. باشتا ئۇستازىڭنى ئۆتكۈزۈپ قويىمەن، دەپ مېنى ئالداپ چىقىرىپ چىشلىمەكچى بولدى، ئەمدى يەنە لەشكەرلىرىنى تەخ قىلىپ قويدى. بوپتۇ ! زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئىشنى قىلاي. چىقسام چىقاي، بىراق بۇنىڭ قورسىقىدا يىلىتىزىمنى قويۇپ قوياي» دەپ ئويلىدى. ئۇ شۇئان قۇيرۇقىدىن بىر تال مويىنى يۇلۇپ پۈۋلەپ «ئۆزگەر !» دېگەنىدى، چاچتەك ئىنچىكە، قىرىق جاڭ ئۇزۇنلۇقتا بىر ئارغامچا بولدى. ئارغامچىنى يۆگەپ تاشقىرىغا چىقارغانىدى، شامالنى كۆرۈپلا توم، ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى ئالۋاستىنىڭ يۈرىكىگە باغلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى قولىغا ئېلىپ كۈلگىنىچە مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۇستازىمنى ياخشىلىقچە ئۆتكۈزۈپ قويسا قويدى، ئۆتكۈزۈپ قويماي لەشكەرلىرىنى ئىشقا سالغۇدەك بولسا، مېنىڭ بۇ نېمىلەر بىلەن سوقۇشۇپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقتىم يوق. بۇ ئارغامچىنى تارتىپلا قويسام، مەن قورساقتا تۇرغانغا ئوخشاشلا ئىش بولىدۇ.» سۇن ۋۇكۇڭ ناھايىتى كىچىكلەپ يامىشىپ تىلنىڭ ئاستىغا كەلدى. ئالۋاستى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تۇراتتى، ئاستى - ئۈستىدىكى پولات چىشلىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر ئىدى. بىردىن ئۇ مۇنداق ئويلىدى: «ئىش چاتاق ! ئىش چاتاق ! مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئارغامچىنى ئېلىپ چىقسام، ئۇ ئاغرىپ كەتتى، دەپ قورقۇنچلۇقتا چىشلەپ ئۈزۈۋالسا قانداق بولىدۇ؟ مەن ئۇنىڭ چىشى يوق يەردىن چىقاي.» سۇن ۋۇكۇڭ ئارغامچىنى ئېلىپ ئۇنىڭ تاڭلىيى ئارقىلىق بۇرنىغا باردى. چوڭ ئالۋاستى بۇرنى قىچىشقاندەك بولۇپ «ئەپچۈش !» دەپ بىر چۈشكۈرگەنىدى، سۇن ۋۇكۇڭ تاشقىرىغا چىقىۋالدى.
سۇن ۋۇكۇڭ شامالنى كۆرۈپلا يوغىناپ ئۈچ جاڭ بولدى. بىر قولىدا ئارغامچىنى، يەنە بىر قولىدا تۆمۈر كالتىكىنى تۇتتى. چوڭ ئالۋاستىمۇ تازا ئىززىتىنى بىلمەيدىغان نېمە ئىدى. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىققىنىنى كۆرۈپلا پولات قىلىچى بىلەن يۈزىگە ئۇردى، سۇن ۋۇكۇڭ دەررۇ تۆمۈر كالتىكىدە توسۇۋالدى. ئارقىدىنلا ئىككىنچى ئالۋاستى نەيزىسى بىلەن، ئۈچىنچى ئالۋاستى يالمانلىق نەيزە بىلەن ھۇجۇم قىلدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئارغامچىنى بوشىتىپ، تۆمۈر كالتىكىنى جايىغا سالدى. ئاندىن جىنلارنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ھېچ ئىش قىلالماي قالماي، دېگەن ئەندىشە بىلەن ئاسمانغا چىقىۋالدى. سەپتىن ئاجراپ چىقىپ كەڭ، بوش تاغ ئۈستىدە بۇلۇتتىن چۈشۈپ قولىدىكى ئارغامچىنى كۈچەپ تارتقانىدى، چوڭ جىننىڭ قورسىقى ئاغرىپ كەتتى. ئۇ ئاغرىققا چىدىماي تىركىشىپ يۇقىرىغا چىقماقچى بولغانىدى، سۇن ۋۇكۇڭ تۆۋەنگە باستى. بۇنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان جىنلار چۇرقىراپ كەتتى:
− غوجام، ئۇنىڭغا چېقىلمىسىلا ! ئۇ يولىغا كېتىۋەرسۇن ! بۇ مايمۇن ۋاقىت - پەسىلگىمۇ قارىمايدىكەن، تېخى چوكانتال ۋاقتى بولمىسا، ئۇ لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتىدۇ !
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ بار كۈچى بىلەن تارتىپ ئالۋاستىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، ئاندىن بىر ئېتىۋىدى، ئۇ يىپ ئېگىرىدىغان چاقتەك يەرگە چۈشۈپ توپىغا مىلەندى، تاغ باغرىدىكى سېرىق توپىدا ئىككى چى چوڭقۇرلۇقتا ئورەك ھاسىل بولدى.
ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئالۋاستى ئالاقزادە بولۇپ پەسكە چۈشتى، بېرىپ ئارغامچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سۇن ۋۇكۇڭنى سۆكتى:
− سۇن ۋۇكۇڭ، سېنى ئىنتايىن كەڭ قورساق دەپ ئاڭلىغانىدۇق. كىم بىلسۇن، ئىلگىرى - كېيىن پىت ئۈچەي نەرسە ئىكەنسەن، چىقىپ بىز بىلەن ئېلىشقىن دېسەك، ئاكىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئارغامچىدا باغلاپ قويغىنىڭ نېمىسى !
− بىشەملەر، غەرەز ئۇقمايدىغانلار ! باشتا مېنى ئالداپ چىقىرىپ چىشلىمەكچى بولۇشتۇڭ، ئەمدى چىقىرىپ يەنە ماڭا قارشى سەپ تۈزۈشتۈڭ. مەن بىر ئادەمگە نەچچە ئونمىڭ ئادەمنى قارشى قويۇشقىنىڭ نېمىسى؟ مېڭىش ! ئۇستازىمنىڭ يېنىغا بېرىش ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئەۋلىيا ئەزەم، رەھىم قىلىڭ، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىڭ، ئۇستازىڭىزنى تاغدىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن، − دېدى ئالۋاستى باش ئۇرۇپ.
− ساڭا جان لازىم بولسا، قىلىچتا كېسىۋەتسەڭلا ئارغامچا ئۈزۈلىدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
− بېگىم، سىرتتىكىسى ئۈزۈلگىنى بىلەن، ئىچىدىكىسى يۈرىكىمگە باغلاقلىق تۇرسا، گېلىم ئاغرىپ كۆڭلۈم ئاينىۋاتسا، قانداق قىلىمەن؟ − دېدى ئالۋاستى.
− ئۇنداق بولسا ئاغزىڭنى ئاچقىن. مەن كىرىپ يېشىۋېتىپ چىقاي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− كىرىۋېلىپلا چىققىلى ئۇنىمىسىڭىز چاتاق بولمامدۇ ! − دېدى ئالۋاستى ھولۇقۇپ.
− مەن سىرتتا تۇرۇپمۇ ئىچىڭدىكى ئۇچىنى يېشىۋېتەلەيمەن. لېكىن، سەن لەۋزىڭدە تۇرۇپ ئۇستازىمنى ئۆتكۈزۈپ قويالامسەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− يېشىۋەتسىڭىزلا ئۆتكۈزۈپ قويىمەن، ھەرگىز يالغان ئېيتمايمەن، − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
سۇن ۋۇكۇڭ بىر سىلكىنىپلا مويىنى تېنىگە قوندۇرۇۋالدى، شۇئان ئالۋاستىنىڭ قورسىقى ئاغرىشتىن توختىدى، ئۈچ ئالۋاستى چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن:
− ئەۋلىيا ئەزەم، تاڭ سېڭنىڭ يېنىغا بېرىپ يۈك - تاقلارنى يىغىشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بىز تەختىراۋان ئاپىرىپ ئۇنى ئۆتكۈزۈپ قويايلى، − دېدى.
جىنلار قورال - ياراغلىرىنى يىغىشتۇرۇپ غارغا كىرىپ كەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئارغامچىنى يىغىۋېلىپ تاغنىڭ شەرقىغە قاراپ ماڭدى، يىراقتىنلا تاڭ سېڭنىڭ يەردە يۇمۇلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقى، جۇباجيې بىلەن شاسېڭنىڭ يۈك - تاقلارنى بۆلۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى - دە، ئىچىدە مۇنداق دېدى: «گەپ يوقكى، جۇ باجيې ئۇستازغا مېنى ئالۋاستىلار يەپ كەتتى، دەپتۇ. ئۇستاز ماڭا چىدىماي قايغۇرۇپ يىغلاۋېتىپتۇ. جۇ باجيېلار نەرسە - كېرەكلەرنى بۆلۈشۈپ ئۆز يولىغا ماڭغىلىۋېتىپتۇ. مەن ئۇستازنى چاقىرايچۇ قېنى.»
ئۇ ئاستا بۇلۇتتىن چۈشۈپ توۋلىدى:
− ئۇستاز !
بۇنى ئاڭلاپلا شاسېڭ جۇ باجيېغا كايىپ كەتتى:
− ۋاي نەس باسقۇر. ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشنىلا بىلىسەن ! ئاغام ئۆلمىگەن تۇرسا نېمىدەپ ئۆلدى دەيسەن؟ مانا كەلدىغۇ؟
− ئالۋاستىنىڭ ئۇنى يەۋالغانلىقىنى ئېنىق كۆرگەچكە، ئۇنى ئەمدى تۈگەشتى، دەپ ئويلاپتىمەن. بۇ مايمۇننىڭ ئەرۋاھى ئوخشايدۇ، − دېدى جۇ باجيې.
سۇن ۋۇكۇڭ كاپ قىلىپ جۇ باجيېنى ياقىسىدىن ئالدى - دە، كاچتىغا بىرنى سېلىپ:
− ھوي ھارام تاماق ! مېنىڭ ئەرۋاھىم نەدىكەن؟ − دېدى.
− ئاغا، سىزنى ئالۋاستى راستلا يەۋەتكەن تۇرسا قانداق تىرىلدىڭىز؟ − دېدى جۇ باجيې مەڭزىنى تۇتۇپ.
− مەن سەندەك ھارامتاماقمىدىم ! ئۇ مېنى يېدى، ئەمما مەن ئۇنىڭ ئىچ - قارنىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتىم. ئارغامچىدا يۈرىكىنى چىگىپ تارتقانىدىم، ئاغرىققا چىدىماي باش قويۇپ يېلىندى، شۇندىلا ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كەچتىم. ئەمدى ئۇلار تەختىراۋان ئەكېلىپ ئۇستازىمنى ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان بولدى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
تاڭ سېڭ بۇنى ئاڭلاپ چاچراپ ئورنىدىن تۇردى - دە، سۇن ۋۇكۇڭغا تەزىم قىلىپ:
− ئاھ شاگىرتىم، سېنى ئۆلدىمىكىن دەپتىمەن، جۇ ۋۇنېڭنىڭ گېپىگە چىنپۈتۈپ، سەندىن تامامەن ئۈمىد ئۈزگەنىدىم، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ جۇ باجيېنى مۇشتلاپ، تىللاپ كەتتى:
− ھاڭۋاقتى ساراڭ، ھۇرۇن نانقېپى، ئادەم بولمايدىغان ! ئۇستاز، ئەمدى قايغۇرمىسىلا. ئالۋاستىلار كېلىپ سىلىنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
شاسېڭمۇ ئىنتايىن خىجىل بولدى. بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئالمان - تالمان يۈك - تاقلارنى يىغىشتۇردى، ئاتنى ئېگەرلىدى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن
ئەمدى گەپنى بۇ ياقتىن باشلايلى. ئەلقىسسە، ئۈچ ئالۋاستى جىنلار بىلەن غارغا قايتقاندىن كېيىن ئىككىنچى ئالۋاستى مۇنداق دېدى:
− مەن سۇن ۋۇكۇڭنى توققۇز بېشى، سەككىز قۇيرۇقى بار، دەپ ئاڭلىغانىدىم، بىراق ئۇ مۇشتۇمچىلىك مايمۇن ئىكەن ! راستتىن تۇتۇشساق بىزگە نەدىمۇ تەڭ كېلەلىسۇن ! غاردىكى تۈمەنلىگەن نۆكەرلىرىمىز ئۇنى تۈكۈرۈكى بىلەنمۇ كۆمۈۋېتەلەيدۇ. سىز ئۇنى يۇتۇۋالغاچقىلا، قورسقىڭىزدا تۇرۇپ سىزنى تولىمۇ پاراكەندە قىلدى. شۇ ئەھۋالدا سىز ئۇنىڭغا قانداقمۇ چېقىلالايسىز؟ بايا بىز يالغاندىن، تاڭ سېڭنى ئۆتكۈزۈپ قويىمىز، دېدۇق، سىزنىڭ جېنىڭىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈنلا ئۇنى شۇنداق دەپ ئالداپ قويدۇق. تاڭ سېڭنى ھەرگىز ئۆتكۈزۈپ قويمايمىز !
− ئۇنى ئۆتكۈزۈپ قويمىساق قانداق قىلىدىغان ئىش؟
− بىزنىڭ ئۈچ مىڭ نۆكىرىمىز بار، ئۇلارنى سەپ تۈزۈپ تۇرغۇزۇپ قويىمىز، ئاندىن مەن ئۇ مايمۇن شاھنى تۇتىمەن، − دېدى ئىككىنچى ئالۋاستى.
− ئۈچ مىڭ لەشكەر ئەمەس، پۈتكۈل ئادىمىڭىز بىلەن ئۇنى تۇتالىسىڭىز، چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن بولىسىز، − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
ئىككىنچى ئالۋاستى ئۈچ مىڭ نۆكىرىنى يولنىڭ ئىككى يېقىدا تۇرغۇزۇپ، كۆك ئەلەملىك بىر خەۋەرچىنى ئەۋەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى:
− سۇن دەرۋىش ! تېز كېلىپ ئىككىنچى غوجام بىلەن جەڭ قىل !
بۇنى ئاڭلىغان جۇ باجيې كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:
− ئاغا، «يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام» دەپتىكەن. مانا، يالغانچىلىق قىلغانلىقىڭىز پاش بولۇپ قالدى ! سىز ئالۋاستىلارنى تەسلىم قىلدىم، ئۇلار تەختىراۋان ئەكېلىپ ئۇستازنى ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان بولدى، دەۋاتاتتىڭىز، ئەجەبا، جەڭگە چىللاۋاتىدۇغۇ؟
− چوڭ ئالۋاستىنى مەن ئەل قىلغان، قايتا چېقىلالمايدۇ. چوقۇم ئىككىنچى ئالۋاستى ئەلەمگە چىدىماي مېنى جەڭگە چىللاۋاتىدۇ. قاراڭلار، ئۇلارمۇ ئۈچ قېرىنداش ئىكەن، شۇنداق جەسۇر ئىكەن؛ بىزمۇ ئۈچ قېرىنداشىمىز، بىراق بەكمۇ ئۆلەرمەن. مەن چوڭ ئالۋاستىنى يەڭدىم، ئىككىنچى ئالۋاستى كەلگەندىن كېيىن نېمىشقا سەن چىقىپ جەڭ قىلمايسەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇنىڭدىن نېمە قورقۇش ! ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلسام قىلدىم ! − دېدى جۇ باجيې.
− بارساڭ بارغىن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ماقۇل باراي، ئارغامچىڭىزنى ماڭا بېرىپ تۇرۇڭ، − دېدى جۇ باجيې كۈلۈپ.
− ئۇنى نېمە قىلىسەن؟ ياكى ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرىۋالىدىغان، يۈرىكىنى باغلاپ قويىدىغان كارامىتىڭ بولمىسا، ئۇنى قانداق ئىشلىتىسەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇنى بېلىمگە باغلىۋېلىپ، ۋاقتى كەلگەندە جېنىمنى قۇتۇلدۇرىمەن. سىز شاسېڭ بىلەن بۇنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇڭ، مەن چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلاي. يېڭىشكە كۆزۈم يەتسە، ئارغامچىنى بوش قويۇۋېتىڭ، مەن ئۇنى تۇتاي؛ ناۋادا يېڭىلگۈدەك بولسام، مېنى تارتىپ يېنىڭلارغا ئەكېلىۋېلىڭلار، ئۇ مېنى تارتىپ كەتمىسۇن.
سۇن ۋۇكۇڭ ئىچىدە كۈلۈپ: «بۇ ھاڭۋاقتىنى تازا بىر كولدۇرلىتايچۇ» دەپ ئويلىدى. ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى جۇ باجيېنىڭ بېلىگە باغلاپ قويۇپ، ئۇنى جەڭگە چىقاردى.
جۇ باجيې تىرنىسىنى كۆتۈرۈپ قىياغا چىقىپ ۋارقىرىدى:
− ئالۋاستىلار ! بۇ ياققا چىقىش ! چوشقا غوجاكاڭ جەڭگە چىقتى.
كۆك ئەلەملىك خەۋەرچى پالاقلاپ كىرىپ خەۋەر قىلدى:
− غوجام، ئۇزۇن تۇمشۇق، سالپاڭ قۇلاق شەيخ كەپتۇ.
ئىككىنچى ئالۋاستى چىقتى. ئۇ جۇ باجيېنى كۆرۈپلا گەپمۇ قىلماستىن ئېتىلدى. جۇ باجيې تىرنىسى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىككىيلەن تۆپىلىك ئالدىدا يەتتە - سەككىز مەرتىۋە ئېلىشقاندىن كېيىن جۇ باجيېنىڭ قولىدا ماغدۇر قالماي ئالۋاستىغا تەڭ كېلەلمىدى - دە، كەينىگە قاراپ توۋلىدى:
− ئاغا، ئىش چاتاق ! ئارغامچىنى تارتىڭ ! مېنى قۇتۇلدۇرۇڭ !
بۇ ياقتا تۇرغان سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ ئارغامچىنى بوش قويۇۋەتتى. جۇ باجيې يېڭىلىپ كەينىگە قاچتى، ئارغامچىنىڭ سۆرىلىپ قالغىنىنى سەزمىدى، ئارغامچا بوشىشىپ كەتكەچكە پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئورنىدىن تۇرسا يەنە يىقىلدى. شۇ تەرزدە يىقىلىۋېرىپ تۇمشۇقى ئېزىلىپمۇ كەتتى. نەتىجىدە، ئالۋاستى يېتىپ كەلدى - دە، ئۇنى بۇرنىغا ئىلىپلا غارغا قايتتى، جىنلارمۇ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ غارغا كىرىپ كەتتى.
بۇنى كۆرۈپ تۇرغان تاڭ سەنزاڭ سۇن ۋۇكۇڭغا ئاچچىقلاپ كەتتى:
− سۇن ۋۇكۇڭ، جۇ باجيېنىڭ سېنى جۇۋاينىمەك كەتكۈر، دەپ تىللىشى بىكار ئەمەس ئىكەن ! سەندە قېرىنداشلىق كۆيۈم ئەمەس، ھەسەتخورلۇق بار ئىكەن ! ئۇ سېنى ئارغامچىنى تارتىۋېلىڭ دېسە، نېمىشقا ئارغامچىنى قويۇۋېتىسەن؟ ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، قانداق قىلىدىغان ئىش؟
− ئۇستاز، ئۇنداق بىر تەرەپكىلا يان باسمىسىلا ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ، − بوپتۇ، مەن بالاغا ئۇچرىغاندا سىلى مېنى پەقەت ئەسلەپ قويماي، جانلىرى بىلەنلا قالدىلا؛ جۇ باجيېنى تۇتۇپ كەتسە گۇناھنى مەندە قويۇۋاتىدىلا. ئۇمۇ ئاچچىق - چۈچۈكنى تېتىپ بۇددا نومى ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلىپ قويسۇن.
− شاگىرتىم، سەن بالاغا ئۇچرىغاندا مەن ئەسلىمەپتىمەنمۇ؟ سېنىڭ ئۆزگىرەلەيدىغانلىقىڭنى ئويلاپ، زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىمايدۇ، دەپ قارىدىم. جۇ باجيې بولسا دۆت بىرنېمە، قولىدىن ھېچقانچە ئىش كەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا ھازىر ياخشىلىقتىن كۆرە، شۇملۇق تولا. ئۇنداق قىلماي بېرىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالغىن.
− ئۇستاز، كايىمىسىلا، مەن بېرىپ ئۇنى قۇتۇلدۇراي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇن ۋۇكۇڭ بىر موللاق ئېتىپلا تاغقا چىقتى: «بۇ ھاڭۋاقتى مېنى ئۆلگۈر، دەپ تىللىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا بەك ئۆپكە قېقىپ كەتمەي، ئاۋۋال ئالۋاستى ئۇنى قانداق قىلىدۇ، كۆرۈپ باقاي. ئۇنىڭ بۇرنىغا ئازراق سۇ كىرگەندە ئاندىن قۇتۇلدۇراي» دەپ ئويلىدى. ئۇ ئەپسۇن ئوقۇپ بىر دومىلاپلا شاخچى قۇشقاچقا ئايلاندى، ئۇچۇپ بېرىپ جۇ باجيېنىڭ قۇلىقىغا قونۇپ، جىنلار بىلەن بىرگە غارغا باردى. ئىككىنچى ئالۋاستى ئۈچ مىڭ نۆكىرىنى باشلاپ داغدۇغا بىلەن غار ئاغزىغا كەلدى، باشقىلارنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز جۇ باجيېنى ئېلىپ ئىچكىرىگە كىرىپ:
− ئاغا، مەنمۇ بىرنى تۇتۇپ كەلدىم، − دېدى.
− قېنى مەن كۆرەي، − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
− مانا، − دېدى ئىككىنچى ئالۋاستى جۇ باجيېنى يەرگە قويۇپ.
− بۇنىڭ كېرىكى يوق، − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
− غوجام، كېرىكى يوقنى قويۇۋېتىپ، كېرەككە كېلىدىغىنىنى تۇتۇپ كېلىڭلار، − دېدى جۇ باجيې.
− كېرىكىڭ بولمىسىمۇ، ھەرھالدا سەن تاڭ سېڭنىڭ شاگىرتى جۇ باجيې. ئۇنى باغلاپ كۆلگە چىلاپ قويۇڭلار، سۇدا يۇمشاپ تۈكلىرى چۈشۈپ بولغاندا قارنىنى يېرىپ، تۇزلاپ قاق سېلىڭلار، قاراڭغۇ چۈشكەندە مەي بىلەن يەيمىز.
− ياپىرىم ! ئەجەبمۇ رەھىمسىز ئالۋاستىلارغا ئۇچراپتىمەن ! − دېدى جۇ باجيې قورقۇپ كېتىپ. ئالۋاستىلار ئۇنى قولمۇ قول باغلاپ كۆتۈرۈپ كۆل بويىغا ئېلىپ باردى، ئاندىن كۆلگە ئىتتىرىۋېتىپ كەينىگە ياندى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇچۇپ كېتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا سەپسالدى. جۇ باجيې بىردەم چۆكۈپ، بىردەم لەيلەپ ھاسىراپ ھۆمۈدەيتتى، تۇرقى ئاجايىپ كۈلكىلىك، بەئەينى يەتتە - سەككىزىنچى ئايدىكى ئۇرۇغىدىن ئايرىلغان يوغان قارا نېلۇپەرگە ئوخشىشىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەپتىنى كۆرۈپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ھەم ئاچچىقى كەلدى، ھەم ئىچى ئاغرىدى. «قانداق قىلسام بولار؟ نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بىزنىڭ بىر ھەمراھىمىز، ئەمما ئۇ بىر گەپ بولسىلا، يۈك - تاقلارنى بۆلۈشۈپ يولىمىزغا ماڭايلى، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ھە دېسىلا ئۇستازنى چەمبىرەك ئەپسۇنىنى ئوقۇپ، مېنى قارغاشقا كۈشكۈرتىدۇ. ئۆتكەندە شاسېڭدىن ئۇنىڭ ئوغرىلىقچە پۇل يىغىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. بىلمىدىم، راستمۇ - يالغانمۇ، ئاۋۋال ئۇنى بىر قورقۇتۇپ گەپ ئېلىپ باقاي» دېدى ئۆز - ئۆزىگە.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ قۇلىقى تۈۋىگە بېرىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ: «جۇ ۋۇنېڭ !» دەپ توۋلىدى.
جۇ باجيې قورقۇپ كېتىپ ئۆزىگە: «توۋا قىلدىم ! ماڭا بۇ ئىسىمنى ئاۋالوكتسۋارا بۇدساتۋا قويغان، ئەجەب بۇ يەردە بىرى ئىسمىمنى چاقىرىۋاتىدۇغۇ؟» دېدى ۋە ئۆزىنى باسالماستىن سورىدى:
− مېنىڭ راھىبلىق نامىمنى چاقىرىۋاتقان كىم؟
− مەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− مەن دېگەن كىم؟ − سورىدى جۇ باجيې.
− مەن جەھەننەمنىڭ ئەلچىسى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بېگىم، قەيەردىن كېلىشلىرى؟ − دېدى جۇ باجيې ۋەھمىگە چۈشۈپ.
− بەشىنچى ئەزرائىل غوجام مېنى سېنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بېگىم، سىلى قايتىپ بېرىپ بەشىنچى ئەزرائىل غوجامغا ئېيتسىلا، ئۇنىڭ ئاغام سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن كۆڭلى يېقىن، ئاغامنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ماڭا بىر كۈن مۆھلەت بەرسۇن. سىلى مېنى ئەتە كېلىپ ئېلىپ كەتسىلە، − دېدى جۇ باجيې.
− بىلجىرلىما ! ئەزرائىل ئۈچىنچى جېسەكتە ئۆلىسەن دېسە، تۆتىنچى جېسەكتە ئۆلەي دەيدىغانغا كىمنىڭ ھەددى؟ ياخشىلىقچە مەن بىلەن ماڭ، بوينۇڭنى ئارغامچىدا باغلاپ سۆرەپ ماڭماي يەنە ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بېگىم، قارىسىلا، مۇشۇ ئەپتىم بىلەن ياشاي دەۋاتىمەنمۇ؟ ئۆلۈشنى چوقۇم ئۆلىمەن، پەقەت بىر كۈنلا توختىسىلا، بۇ ئالۋاستىلار ئۇستازىمنىمۇ تۇتۇپ كەلمەكچى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈۋېلىپ، ئاندىن ھېساب - كىتابنى تۈگىتەي، − دېدى جۇ باجيې.
سۇن ۋۇكۇڭ ئىچىدە كۈلۈپ مۇنداق دېدى:
− بوپتۇ. مەن بۇ قېتىم ئوتتۇز ئادەمنىڭ جېنىنى ئالماقچى ئىدىم، باشقىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ بولۇپ كېلەي بولمىسا، بىراق سەندە پۇل بار، ماڭا ئازراق بەرگىن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− رەھىم قىلسىلا ! شەيخ - دەرۋىشلەردە پۇل نېمە ئىش قىلىدۇ؟ − دېدى جۇ باجيې.
− پۇلۇڭ بولمىسا، قېنى مەن بىلەن ماڭ !
− بار ... بارلىقى بار، لېكىن جىق ئەمەس، − دېدى جۇ باجيې ساراسىمىگە چۈشۈپ.
− قېنى قەيەردە؟ چاپسان چىقار !
− ماڭا ئىچىلىرى ئاغرىسۇن ! مەن شەيخ بولغاندىن بۇيان بەزىلەر تاماقنى جىق يەيدىغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا پۇلنى باشقىلاردىن جىقراق بەرگەن، شۇنى يىغىپ - تۆشەپ بەش سەر كۈمۈش قىلغانىدىم. ئېلىپ يۈرۈش ئەپسىز بولغاچقا، ئۆتكەندە بىر شەھەردىكى زەگەرگە پۈتۈنلىتىپ سوقتۇرسام، ئۇمۇ نائىنساپ نېمە ئىكەن، بىرنەچچە پۇڭنى ئوغرىلىۋاپتۇ، قالغىنى تۆت سەر ئالتە پۇڭ بولدى. شۇنى سىلىگە بېرەي.
سۇن ۋۇكۇڭ ئىچىدە كۈلۈپ ئاندىن مۇنداق دېدى:
− ھوي ھاڭۋاقتى، ئىشتانمۇ كىيمىگەن تۇرساڭ، پۇلنى قەيەرگە تىقتىڭ - ھە ! كۈمۈشلىرىڭ قېنى؟
− سول قۇلىقىمنىڭ ئىچىگە تىقىقلىق. باغلاقلىق بولغاچ ئالالمايمەن، ئۆزلىرى ئېلىۋالسىلا.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ قۇلىقىدىن بىر يامبۇنى ئالدى، ئۇ تۆت سەر بەش - ئالتە پۇڭ كېلەتتى، بۇنى ئېلىپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. جۇ باجيې شۇندىلا ئۇنىڭ سۇن ۋۇكۇڭ ئىكەنلىكىنى تونۇپ تىللاپ كەتتى:
− جۇۋاينىمەك مىراخور ! ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك قىلىپ پۇلۇمنى ئالداپ ئېلىۋالدىڭغۇ !
− سەن ھارامتاماقنى نېمە قىلىۋەتسەم بولار ! ئۇستازنى مۇھاپىزەت قىلىمەن دەپ كۆرمىگەن كۈنۈم قالمىدى. سەن تېخى ئوغرىلىقچە پۇل يىغىپ يۈرۈپسەن !
− ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىل ! بۇ نەدىمۇ ئوغرىلىقچە يىغقان پۇل بولسۇن ! مەن ئۇنى رەخت ئېلىپ كىيىم قىلىۋالارمەن، دەپ نەپسىمدىن كېچىپ يىغقانىدىم. سەن مېنى قورقۇتۇپ ئېلىۋالدىڭ. ماڭا يېرىمىنى قايتۇرۇپ بەر !
− ساڭا بىر پۇڭنىمۇ بەرمەيمەن.
− بوپتۇ، شۇ پۇلغا جېنىمنى سېتىۋالغان بولاي، ئاغا، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ.
− ئالدىرىما، سېنى قۇتۇلدۇرۇۋالىمەن، − سۇن ۋۇكۇڭ پۇلنى جايلىۋېتىپ ئۆز قىياپىتگە قايتتى ۋە تۆمۈر كالتىكىدە جۇ باجېينى سۇدىن چىقىرىپ باغلاقتىن بوشاتتى. جۇ باجيې ئورنىدىن تۇرۇپ كىيمىنى سېلىپ سۈيىنى سىقتى. سىلكىپ يېپىنچاقلاپ:
− ئاغا، كەينى ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كېتەيلى، − دېدى.
− كەينى ئىشكىتىنمۇ ماڭارمىز، لېكىن قايسى ئىشىكتىن كىرگەن؟ ئالدى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىمىز.
− باغلاقتا تۇرۇپ پۇتۇم ئۇيۇشۇپ قاپتۇ، يۈگۈرەلمەيمەن.
− تېز مەن بىلەن ماڭغىن.
سۇن ۋۇكۇڭ تۆمۈر كالتىكىدە يول ئېچىپ ماڭدى. جۇ باجيې پۇتىنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئىككىنچى ئىشىكتە يۆلەكلىك تۇرغان تىرنىسىنى كۆرۈپ، ئىشىكتىكى جىننى ئىتتىرىۋېتىپ تىرنىسىنى ئېلىپ ئالدىغا كەلگەننى سالدى، سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن ئۈچ - تۆت ئىشىكتىن ئۆتكۈچە نۇرغۇن جىننى ئۆلتۈردى. چۇقان - سۈرەننى ئاڭلاپ چوڭ ئالۋاستى ئىككىنچى ئالۋاستىغا:
− ئوبدان نېمىنى تۇتۇپ كەپسەن ! مانا قارا، سۇن ۋۇكۇڭ جۇ باجيېنى ئەپقاچتى، ئىشىكتىكى نۆكەرلەرنىمۇ زەخىملەندۈردى ! − دېدى.
ئىككىنچى ئالۋاستى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ نەيزىنى ئالدى - دە، تاشقىرىغا چىقىپ ۋارقىرىدى:
− جۇۋاينىمەك مايمۇن ! نېمانچە ھەددىڭدىن ئاشىسەن !
سۇن ۋۇكۇڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپلا توختىدى. ئالۋاستى گەپ - سۆز قىلماي سۇن ۋۇكۇڭغا نەيزە ئۇردى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ ھودۇقماستىن تۆمۈر كالتىكىنى ئېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلار شۇ تەرزدە غار ئالدىدا تۇتۇشۇپ كەتتى، ھەركىم ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. بىرىنىڭ نەيزىسى بەئەينى ئورمانلاردىكى يوغان بوغما يىلان، بىرىنىڭ كالتىكى ئەجدىھا ئىدى. ئەجدىھا دېڭىزنى قاينىتىۋەتكەن، بوغما يىلان ئورماننى زىلزىلىگە سالغانغا ئوخشاش، جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، ئاي بىلەن كۈن غايىب بولدى.
جۇ باجيې كېلىپ ھە - ھۇ دېيىشمەستىن، تاغنىڭ ئاغزىدا تىرنىسىنى تۇتۇپ ئىككىيلەننىڭ ئېلىشىشىنى كۆرۈپ تۇردى. ئالۋاستى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كالتىكىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تېتىدى، بەدىنىدە ساق يەر قالمىدى، ئاخىر بولالماي ئۇنى بۇرنى بىلەن تۇتۇۋالماقچى بولدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىپ قېلىپ تۆمۈر كالتىكىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ئېگىز كۆتۈرگەنىدى، ئالۋاستى ئۇنىڭ بېلىدىن ئىلىۋالدى، قولىنى ئىلالمىدى. شۇڭا، سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى راسا كالتەكلەشكە باشلىدى.
جۇ باجيې شۇئان مەيدىسىگە مۇشتلاپ:
− ۋاي، ۋاي ! ئالۋاستىنى ئەمدى نەس باستى ! قولىڭىزدىكى كالتەكنى ئۇنىڭ بۇرنىغىلا تىقىڭ، تازا ئاغرىيدۇ ! − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇنداق قىلىش نىيىتى يوق ئىدى. جۇ باجيېنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن كالتەكنى سىلكىپ كىچىكلىتىپ ئالۋاستىنىڭ بۇرنىغا تىققانىدى، ئالۋاستى پىشقىرىپلا بۇرنىنى پەسكە قىلىۋالدى. سۇن ۋۇكۇڭ شاققىدە كالتەكنى بىر تولغاپ بار كۈچى بىلەن ئالدىغا تارتقانىدى، ئالۋاستى بۇرنىنىڭ ئاغرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تارتىلىپ يېقىن كەلدى. جۇ باجيې شۇندىلا يېقىن كېلىپ ئۇنى تىرنا بىلەن دۇمبالاشقا باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ مۇنداق دېدى:
− ئۇنداق قىلما، تىرنىنىڭ چىشلىرى ئۇچلۇق، بىرەر يېرى تاتىلىنىپ قاناپ كەتسە، ئۇستاز كۆرۈپ بۇنى زەخىملەندۈرۈپسىلەر، دەيدۇ، شۇڭا سېپى بىلەن ئۇر.
جۇ باجيې ئالۋاستىنى تىرنىنىڭ جۇلدىسى بىلەن قەدەمدە بىر ئۇرۇپ ماڭدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى يېتىلەپ تۆپىلىكتىن چۈشتى. تاڭ سەنزاڭ بۇلارنىڭ چۇقان - سۈرەن بىلەن كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ:
− شا ۋۇجىڭ، قارىغىنا، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يېتىلىۋالغىنى نېمە؟ − دەپ سورىدى.
شا ۋۇجىڭ قاراپ بېقىپ كۈلۈپ:
− ئۇستاز، ئاغىمىز ئالۋاستىنى بۇرنىدىن يېتىلەپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداق كۈلكىلىك ! − دېدى.
− يا ھەزرەت ! نېمانچە يوغان ئالۋاستى بۇ ! بۇرنى ئەجەبمۇ ئۇزۇن ئىكەن ! ئۇنىڭدىن سورا، ئەگەر مېنى خۇشاللىق بىلەن تاغدىن ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتىمەن، جېنىغا چېقىلمايمەن، − دېدى تاڭ سەنزۇڭ.
شا ۋۇجىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۈنلۈك قىلىپ:
− ئۇستاز، ئالۋاستى مېنى تاغدىن ئۆتكۈزۈپ قويسا جېنىغا چېقىلمايمىز، دەيدۇ، − دېدى.
ئالۋاستى بۇنى ئاڭلاپلا تىز چۆكۈپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ۋەدە بېرىپ ماقۇل بولدى، سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ بۇرنىنى تارتىپ تۇرغاچقا، ئاۋازى ئېغىر تومۇقاپ قالغاندەك خىڭىلداپ چىقتى.
− ئۇستازىم بىر گەپلەرگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. گېپىڭ راست بولسا بىر قوشۇق قېنىڭدىن كېچەي، ئەگەر گېپىڭدىن يېنىۋېلىپ قولۇمغا چۈشۈپ قالساڭ ھەرگىز كەچۈرمەيمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
ئالۋاستى باش قويغاندىن كېيىن كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن جۇ باجيې تاڭ سېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. جۇباجيې ئىنتايىن خىجىل بولدى، كىيمىنى سېلىپ قۇرۇتۇۋالدى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن.
ئەمدى گەپنى بۇ ياقتىن ئاڭلاڭ. ئىككىنچى ئالۋاستى لاغ - لاغ تىتىرىگەن ھالدا غارغا كىرىپ تاڭ سەنزاڭنىڭ رەھىم قىلىپ ئېيتقان سۆزىنى كۆپچىلىككە دەپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن بىر - بىرىگە قارىشىپ، گەپ - سۆز قىلىشالماي قالدى.
− ئاغا، تاڭ سېڭنى ئۆتكۈزۈپ قويامدۇق؟ − دېدى ئىككىنچى ئالۋاستى.
− ئىنىم، سىز نېمانداق گەپ قىلىسىز ! سۇن ۋۇكۇڭ بەكمۇ رەھىمدىل مايمۇن، دەسلەپ مېنىڭ قورسىقىمغا كىرگەندە، ئەگەر جېنىمنى ئالىمەن دەيدىغان بولسا، مېنىڭلا ئەمەس، يەنە بىرەر مىڭىمىزنىڭمۇ جېنىنى ئالالايتتى. بايا سىزنىڭ بۇرنىڭىزنى تۇتۇۋاپتۇ. ناۋادا تۇتۇۋالغىنىچە قويۇپ بەرمەي بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنى مىجىپلىۋەتسىمۇ قورقۇپ بىر يەرگە باراتتىڭىز. شۇڭا، بالدۇرراق تەييارلىق قىلىپ ئۇنى ئۆتكۈزۈپ قويايلى، − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
− ئۆتكۈزۈڭلار ! ئۆتكۈزۈڭلار ! ئۆتكۈزۈپ قويۇڭلار، − دېدى ئۈچىنچى ئالۋاستى مەسخىرە قىلىپ.
− ئىنىم، بۇ چىدىماسنىڭ گېپى بولدى. سىز ئۆتكۈزمىسىڭىز، ئىككىمىز ئۆتكۈزۈپ قويىمىز.
− ئىككىڭلار ئۇقۇپ قويۇڭلار، ئۇ شەيخ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويۇڭلار دېمىگەن بولسا، پايدا ئۆزىگە بولاتتى؛ ئەمدى ئۆتكۈزۈپ قويۇڭلار، دېگەن ئىكەن، چوقۇم مېنىڭ «يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش» قىلتىقىمغا چۈشىدۇ، − دېدى ئۈچىنچى ئالۋاستى.
− «يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش» دېگىنىڭىز قانداق ئىش؟ − دەپ سورىدى چوڭ ئالۋاستى.
− غارىمىزدىكى نۆكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئون مىڭدىن مىڭنى، مىڭدىن يۈزنى، يۈزدىن بولسا ئون ئالتىنى ۋە ئوتتۇزنى تاللاپ چىقىمىز، − دېدى ئۈچىنچى ئالۋاستى.
− نېمىشقا ئون ئالتىنى ۋە يەنە ئوتتۇزنى تاللايمىز؟ − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
− ئوتتۇز ئاشپەز تاللاپ ئۇلارغا ئۆزىمىز يەيدىغان گۈرۈچ، ئۇن، چاي، خۇش پۇراق زەمبۇرۇغ، دۇفۇ، خېمىر تىرىپى قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىمىز. ئۇلار يىگىرمە ياكى ئوتتۇز چاقىرىم ئارىلىقتا چايخانا، ئاشپۇزۇل ئېچىپ تاڭ سېڭنى كۈتۈۋالىدۇ، − دېدى ئۈچىنچى ئالۋاستى.
− ئون ئالتىسى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
− سەككىزى تەختىراۋان كۆتۈرىدۇ، سەككىزى ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭىدۇ. ئىككىڭلار ئىككى ياقتا مېڭىپ ئۇلارنى مەلۇم جايغىچە ئۇزىتىپ قويىسىلەر. بۇ يەردىن غەربكە تۆت يۈز چاقىرىم يۈرگەندىن كېيىن ئۇلار مېنىڭ شەھىرىمگە بارىدۇ. مەن شۇ يەردە ئۇلارنى كۈتۈۋالىدىغانلارنى چىقىرىمەن. شەھەرگە يېقىنلاشقاندا ... مۇنداق، مۇنداق قىلىمىز. ئۇستاز بىلەن شاگىرتلارنى بىر - بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان قىلىۋېتىمىز. تاڭ سېڭنى تۇتۇشقا پۈتۈنلەي ئون ئالتە نۆكىرىمىز كۈچ چىقىرىدۇ.
چوڭ ئالۋاستى بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇش بولۇپ:
− بەللى ! بەللى ! يارايدۇ ! − دېدى ۋە نۆكەرلىرىنى يىغىپ ئوتتۇزنى تاللىۋېلىپ، ئۇلارغا يېمەكلىكلەرنى بەرگۈزدى؛ يەنە ئون ئالتىنى تاللىۋېلىپ ئۇلارغا چىرايلىق بىر تەختىراۋاننى كۆتۈرگۈزدى. غاردىن چىققاندىن كېيىن كۆپچىلىككە:
− تاغدا قالايمىقان مېڭىپ يۈرۈشكە رۇخسەت يوق. سۇن ۋۇكۇڭ بەك گۇمانخور مايمۇن، بىزنىڭ ئۇيان - بۇيان قاتراپ يۈرگىنىمىزنى كۆرۈپ قالسا گۇمانلىنىپ پەنتىمىزنى بىلىۋېلىشى مۇمكىن، − دېدى.
چوڭ ئالۋاستى جىنلارنى ئېلىپ چوڭ يول بويىغا كېلىپ توۋلىدى:
− تاڭ بېگىم، بۈگۈن ئۆزلىرىنى تاغدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىلى كەلدۇق. قېنى مەرھەمەت !
− سۇن ۋۇكۇڭ، كىملەر توۋلاۋاتىدۇ؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ.
− مەن ئەل قىلغان ئالۋاستىلار سىلىنى ئۆتكۈزۈپ قويىمىز دەپ تەختىراۋان كۆتۈرۈپ كەپتۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارنى كۆرسىتىپ.
− خۇداغا شۈكۈر ! خۇداغا شۈكۈر ! قەدىردان شاگىرتىم، بۇنچە قابىل بولمىغان بولساڭ مەن قانداقمۇ ئۆتەتتىم؟ − دېدى تاڭ سەنزاڭ ئاسمانغا قاراپ ئالىقىنىنى جۈپلەپ، ئاندىن بېرىپ جىنلارغا تەزىم قىلدى، − ھىممىتىڭلارغا رەھمەت، بىز بۇددا نومىنى ئېلىپ شەرققە قايتقۇچە ھەرقايسىڭلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى جىق تەرىپلەپ كىشىلەرگە بىلدۈرىمىز، − دېدى.
جىنلار باش قويۇپ ئىلتىماس قىلدى:
− بېگىم، تەختىراۋانغا چىقسىلا !
تاڭ سەنزاڭ ھاماقەت بولغاچقا، بۇنىڭ پەنت ئىكەنلىكىنى قىلچىمۇ سەزمىدى، سۇن ۋۇكۇڭمۇ ئوبدانراق تەكشۈرۈپ كۆرمەستىنلا ئۇستازىنىڭ رايىغا باقتى، جۇ باجيېغا يۈك - تاقلارنى ئاتقا ئارتىپ شاسېڭ بىلەن يېقىن مېڭىشنى بۇيرۇدى. ئۇ قانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارغا يولۇقارمىز، دېگەن ئوي بىلەن تۆمۈر كالتىكىدە يول ئېچىپ ماڭدى. سەككىز جىن تەختىراۋاننى كۆتۈردى، سەككىز جىن ۋارقىراپ يول ئېچىپ ماڭدى. ئۈچ جىن تەختىراۋاننى يۆلەپ ماڭدى، تاڭ سېڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالدا تەختىراۋانغا ئولتۇردى. ئۇلار تاغقا چىققاندىن كېيىن يەنىلا چوڭ يولنى بويلاپ مېڭىشتى.
يول بويى ئۇلار غەم - قايغۇسىز، خۇشاللىق بىلەن مېڭىشتى. ئالۋاستىلار ئىككى تەرىپىدە قوغداپ ماڭدى، ئەتىگەن - ئاخشاملىرى خىزمىتىدە بولدى. ئوتتۇز چاقىرىمدا بىر، ئەللىك چاقىرىمدا بىر قېىتم توختاپ غىزا يېيىشتى، ئاخشاملىرى ئوبدان ئارام ئېلىپ، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك سەپەر قىلدى. ئۇلار غەربكە تۆت يۈز چاقىرىم يۈرگەندىن كېيىن بىر شەھەرگە يېقىن كەلدى. سۇن ۋۇكۇڭ كالتىكىنى تۇتۇپ تەختىراۋاندىن بىر چاقىرىملا نېرىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇ شەھەرنى كۆرۈپلا قورقۇپ يىقىلدى ۋە ئورنىدىن تۇرالمىدى. سىزگە مەلۇم، ئۇ ئىنتايىن باتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا بۇ قاتارلىق قورقۇپ كېتىدۇ؟ ئەسلىي ئۇ شەھەرگە بىر قاراپلا رەزىللىك، شۇملۇقنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلگەنىدى. ئۇ شۇنداق ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئولتۇرغاندا، كەينىدىن شامال كەلگەندەك بولدى. شاققىدە بۇرۇلۇپ قارىشىغا، ئۈچىنچى ئالۋاستى گۈللۈك ساپلىق يالماننى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئېتىلىپ كېلىپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بېشىغا سالدى. سۇن ۋۇكۇڭ لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ تۆمۈر كالتىكى بىلەن ئۇنىڭغا ئېتىلدى. ئىككىيلەن دەرغەزەپكە كەلگەن ھالدا قەھرى بىلەن ئېلىشتى، چىشلىرىنى چىشلەپ ئۈستۈنلۈك تالاشتى. چوڭ ئالۋاستى جۇ باجيېغا قىلىچ ئۇردى. جۇ باجيې ئالمان - تالمان ئاتنى تاشلاپ تىرنا بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىككىنچى ئالۋاستى نەيزە بىلەن شاسېڭغا ئېتىلدى. شاسېڭ دەررۇ جىن - ئالۋاستىلارنى يېڭىدىغان ھاسىسى بىلەن جەڭگە ئاتلاندى. ئۈچ ئالۋاستى بىلەن ئۈچ شەيخ ئوتتۇرىسىدا ھايات - مامات جېڭى باشلىنىپ كەتتى. ئون ئالتە جىنمۇ بۇيرۇققا بىنائەن ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، ئاق ئاتنى، يۈك - تاقلارنى بۇلاپ، تاڭ سەنزاڭنى كۆتۈرگىنىچە شەھەرگە ماڭدى ۋە ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:
− بەگ غوجام، پەنت ئىشقا ئاشتى. تاڭ سېڭنى قولغا چۈشۈردۇق !
شەھەر سېپىلى ئۈستىدىكى جىنلار پالاق - پۇلۇق پەسكە چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسىنى يوغان ئېچىۋەتتى. جىنلار تاڭ سېڭنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل ئوردىغا ئېلىپ كىردى. ئۇ بولسا ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ ئۆلگەندەكلا بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder