قەلب، روھ ۋە نەپس ھەققىدە بايان (مەۋلانا)

 مەۋلانا

گەرچە قەلب، روھ، نەپس قاتارلىقلارنىڭ سۆز مەنىلىرى ئايرىم-ئايرىم بولسىمۇ، ئەمما ئاتالغۇدا، ئىستېمالغا كەلگەندە، ھەر بىرى بىرقانچە خىل مەنىلەردە قوللىنىلىدىغان، ياكى بىرى يۈكلىگەن مەنىنى يەنە بىرىمۇ ئۆزىگە يۈكلەپ، مەنىداش ھالەتتە كېلىدىغان ھەرخىل ئەھۋاللار بار. كونكرېت توختىلىش ئۈچۈن، ھەر بىرىنىڭ سۆز مەنىسى بىلەن ئىستېمال مەنىسىنى، ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ۋە ھەدىسلەردىكى نەپس، روھ، قەلب قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە قاراتمىلىقىنى بىلىشمۇ ئالدى بىلەن ئاشۇ نۇقتىلارنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى چۈشىنىشتە يۈزەكىلىك ۋە مېتودولوگىيەلىك خاتالىق يۈز بېرىدۇ-دە، كىشى ئۇقۇملارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن، خاتا ئىدىيە، خاتا چۈشەنچە ۋە ناتوغرا مەنھەجگە دەسسەپ قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇ توغرىدا ساغلام چۈشەنچە ھاسىل قىلىشتا يەنىلا بىزنىڭ سەلەف سالىھلىرىمىز، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە يېتەكچىلىكىدە تونۇلغان ئىجتىھادكار ئەللامىلىرىمىز بىزلەرگە ئۈلگىدۇر.

ئالدى بىلەن بىز قەلب ھەققىدە توختىلىپ كۆرەيلى.قەلبنىڭ سۆز مەنىسى ئەرەب تىلىدا «شەيئىنى بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكەش، ئۆزگەرتىش، ئۇنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆرۈش، ئاغدۇرۇش، بۇراش...»قاتارلىق بىر قاتار مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە قەلبنىڭ سۆز مەنىسىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن ئايەتلەر تۆۋەندىكىلەردۇر: 

﴿ونقلب أفئدتهم وأبصارهم﴾﴿ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق(نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش)تىن بۇرىۋېتىمىز.﴾ ، ﴿وإليه تقلبون﴾﴿(قىيامەتتە)ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.﴾  ﴿يوم تقلب وجوههم في النار﴾ ﴿دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ.﴾ 

قەلبنىڭ ئىستېمال مەنىسى بولسا، مۇنداق ئىككى خىل مەنىگە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى، قەلب دېگەندە ئادەتتە ئىنساننىڭ كۆكرەك قىسىمنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان، تەننىڭ جىمى ئورۇنلىرىغا قاننىڭ ئۈزلۈكسىز ئايلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۇلۇم شەكىللىك بىر پارچە گۆش كۆزدە تۇتۇلسا، ئىستېمالدىكى ئىككىنچى مەنىسىدە قەلب سۆزىدىن ئاشۇ يۈرەك ئىچىدە مەۋجۇت بولغۇچى مەنىۋى، ئىلاھى نازۇك خىلقەت كۆزدە تۇتۇلغان بولىدۇ. ئەنە شۇ نازۇك شەيئى ئىنساننىڭ ھەقىقىتىنى ئىپادىلىگۈچى نەرسە بولۇپ، بۇ مەنىدىكى قەلب ئىنساندىكى ئىدراك ئېتىش، ئەقىل ئىشلىتىش ۋە چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتىكى قارارگاھتۇر. شۇنداقلا ھەدىستە كەلگەن:«ئىنسان تېنىدە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، تەننىڭ ھەممە يىرى تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا تەننىڭ ھەممە يىرى بۇزۇلىدۇ، ئەنە شۇ قەلبتۇر» دېگەن ھەدىسى ئۇشبۇ مەنىۋى قەلبنىڭ بىر پارچە ئەت(گۆش)دەپ ناملانغان ئىنسان تېنىدىكى ئاشۇ ماددىي قەلب ئىچىدە بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنداقلا بۇ يەنە، ئىنسان تېنىدىكى جىمى ئەزالارنىڭ مۇتلەق رەئىسىنىڭ، قوماندانىنىڭ ئاشۇ ماددىي قەلبتە مەركەزلەنگەن مەنىۋى قەلب ئىكەنلىكى، ئۇ بىر پۈتۈن ئىسلاھ قىلىنغاندا، ئەزالارنى ئىسلاھ قىلىش ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، يەنى ئىنساننىڭ سائادىتى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھالاكىتىدە جىمى تەننىڭ ھالاكىتى يەنى ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھالاكىتى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مانا بۇ مەنىۋى قەلب ئىدراك ۋە ئەقىللىنىشنىڭ مەنبەيى بولغىنىدەك قىزغىنلىق ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرنىڭ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭمۇ ئورنى بولۇپ، قەلبنىڭ سۆز مەنىسىدە كەلگەندەك بۇ خۇسۇسىيەتلەر قەلبتە ئالمىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇشبۇ قەلب يەنە ئىرادىنىڭمۇ ئورنىدۇر.

ئىمام غەززالىي يۇقىرىقى مەنىلەرنى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ۋە يېقىشلىق بىر شەكىلدە ئىزاھلاپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ «كىميايى سائادەت» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:«نەپس ۋە قەلبنىڭ تەبىرى-سەن ئەگەر نەپسىڭنى بىلىشنى خالىساڭ، بىلىپ قويكى سەن ئالدى بىلەن مۇنداق ئىككى نەرسىنىڭ مەھسۇلىسەن. بۇنىڭ بىرىنچىسى-قەلب، ئىككىنچىسى-نەپسدۇر. ئۇ يەنە «روھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نەپس-سەن باتىنى كۆزۈڭ ئارقىلىق بىلىدىغان قەلبىڭدۇر. سېنىڭ ھەقىقىتىڭ بولسا ئاشۇ باتىنىڭدۇر. چۈنكى تەن ئاۋۋالدەك بىلىنسىمۇ ئۇ-ئاخىردۇر. نەپس ئاخىردەك تۇرسىمۇ، بىراق ئۇ ئاۋۋالقى ئورۇندىدۇر. مانا بۇ نەپس ئادەتتە «قەلب» دەپ ئاتىلىدۇ. قەلب دېيىلسە، كۆكرەكنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان بىر پارچە گۆشنى كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالما! چۈنكى سېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىڭ ئۆمىلىگۈچى جانلىقلاردىمۇ، ئۆلۈكلەردىمۇ تېپىلىدۇ. سەن زاھىرى كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈۋاتقان ھەر قانداق نەرسە، ئۇشبۇ دۇنيا-ئالىمىگە ياتتۇر. قەلبتىن ئىبارەت ئاشۇ بىر پارچە گۆش گويا كېمىدۇر، تەندىكى ھەربىر ئەزالار ئاشۇ كېمىنىڭ قوشۇنىدۇر. قەلب بولسا، ئۇشبۇ قوشۇننىڭ سۇلتانىدۇر. ئاللاھنى تونۇش ۋە ئىلاھى ھەزرەتنىڭ جامالىنى تاماشا قىلماق قەلبنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. ئىلاھىي تەكلىپ ۋە ئىلاھىي ئەمر-پەرمانلار ئۇشبۇ قەلبكە ھەمراھتۇر. ساۋابمۇ، جازامۇ ئاشۇ قەلبكە چۈشكەندۇر. سائادەت ياكى بەختسىزلىكتىن ھەربىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلماستۇر. ھايۋانىي روھ بولسا، ھەر شەيئىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ ۋە بىللىدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەك ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى تونۇپ يەتمەك ئاللاھ سۇبھانەھۇۋەتەئالانى بىلىشنىڭ ئاناختىرىدۇر».

مانا بۇ مەنىۋى قەلب بىلەن جىسمانىي قەلب ئارىسىدا ئۆز ئارا مۇناسىۋەت بار بولۇپ، ئىمام غەززالىي يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ ئىككى قەلب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇناسىۋەت يۆنىلىشىنى بېكىتىشتە ھەيرەتتە قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىمام غەززالىي يەنە ئىككى قەلب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەبىرلەشتە، ماددىي قەلب بىلەن مەنىۋى قەلب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جىسىمنىڭ ئەرز(ئاكسىدىنسىيە)بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدەك، ياكى سۈپەتنىڭ سۈپەتلەنگۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدەك ۋە ياكى ئەسۋاب ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسۋاب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ياكى ئورۇنلاشقۇچىنىڭ ئورۇن بىلەن مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

مانا بۇ تۈرلۈك قەلبنىڭ ئاجايىپ ئەھۋاللىرى، خۇسۇسىيەتلىرى، تەسىرلىرى بار بولۇپ، بۇ ئىدارە قىلىنغان، تەربىيەلەنگەن، پەرۋىشلەنگەن ۋە ئاڭا يۇققان كىر-داغلاردىن ساپلاشتۇرۇلغاندا ئىنسان ئاستىنقى ئالەمنىڭ ئىسكەنجىلىرىدىن ئازاد بولۇپ، ئۈستۈنكى ئالەم ئاجايىباتلىرى بىلەن تونۇشۇش، ئۇ ھەقتە مەرىپەت ھاسىل قىلىش ۋە بۇ مەرىپەت سايىسىدە ئاللاھ تامان يول ئىلىش، ئۇنىڭ ئالەمدىكى ۋە ئۆزىدىكى ئاجايىپ سىر-ھېكمەتلىرىگە ئېرىشىش شەرىپىگە نائىل بولغۇسىدۇر. 

بۇ مەنىگە ئاساسەن، ئالىملار نەپس، روھ، قەلب قاتارلىقلارنى تەڭداش مەنىدە قوللىنىپ كەلگەن. روھنىڭ تەبىرىگە كەلسەك، ئۇمۇ ئىككى خىل مەنىگە قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بىرى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قەلبنىڭ ئىككىنچى مەنىسى بىلەن ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلغان. ئەمما روھنىڭ ئايرىم ھالىتىدىكى تەبىرى ھەققىدە بولسا، بۇنىڭ تەبىرىنى بايان قىلىشتا ئىسلام ئالىملىرى تۈرلۈك قاراشلاردا بولۇپ كەلدى. شۇنداقلا ئۇلار «روھنى تەبىرلەش مۇمكىنمۇ، ياقمۇ؟» دېگەن ئۈستىدىمۇ ئۆز ئارا تارتىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى«روھقا تەبىر بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىش مۇمكىن ئەمەس، روھ ئەمر ئالىمىدىن(ئۈستۈنكى ئالەم سىرلىرىدىن)، ئەقىللەر بۇنىڭ تەگ ھەقىقىتىنى بىلىشتىن ئاجىز، شۇڭا ئۇنى تەبىرلەپ بولمايدۇ» دەپ قارىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ قارىشى ئىنسان تېنىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگۈچى روھقا قارىتا بولماستىن بەلكى، قەلبنىڭ يۇقىرىقى ئىككىنچى مەنىىسىگە تەڭداش كېلىدىغان مەنىسىگە قارىتا ئېيتىلغان ئىدى. ئەمما ئۇلار روھنىڭ يەنە بىر مەنىسى ھەققىدە، يەنى«ئىنسان تېنىدىكى روھ قانداق نەرسە؟» دېگەن ئۈستىدە روھقا قارىتا ھەرخىل تەبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

روھنىڭ سۆز مەنىسى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، روھ دېگەندە ئۇندا ھاياتلىق بار نەرسە دېگەنلىك بولۇپ، سۆزىمىزدىكى«جان»سۆزى روھنىڭ سۆز مەنىسىگە تەڭداشتۇر. بۇ ۋاقىتتا روھ نەپس بىلەن تەڭداش مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىگە سۆزىمىزدىكى«جان»مەنىسى مۇناسىپتۇر. روھ سۆزىنىڭ يەنە شەيئىنىڭ جەۋھىرى، نېگىزى دېگەن مەنىلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ يەنە تۈرلۈك ساھەلەردىكىلەرنىڭ بەرگەن ئىزاھاتلىرىغا قوشۇلۇپ ھەرخىل مەنىلىرى بار بولۇپ، بەزىلەر ئېيتقاندەك پەلسەپىچىلەر ۋە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ نەزىرىدە ماددىغا قارمۇ قارشى كەلگەن نەرسە روھتۇر. 

روھنىڭ جان دېيىلىشى ئۇنىڭ نەپس مەنىسىدە كەلگەنلىكىدىندۇر. يەنى بۇ ئورۇندا روھ نەپس بىلەن مەنىداشتۇر. شۇڭا بۇ نۇقتىدا تىلشۇناسلار روھنىڭ نەپس، نەپسنىڭ روھ دېگەن مەنىلەردە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى قامۇسى ئەسەرلەردە قەيت قىلىدۇ. روھنىڭ جانلىق شەيئىلەرگە قارىتىلىدىغان مەنىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ«روھ» دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭسىز تەندە ھاياتلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن كەلگەن.

روھنىڭ يەنە قۇرئانغا، ئىلاھى ۋەھىيگە ئىشلىتىلىدىغان ئەھۋاللىرىمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئىشلىتىلىشى ئۇنىڭ سۆز مەنىسىنى ئاساس قىلغانلىقتىن بولغان. چۈنكى بۇنىڭدا «ۋەھىي ۋە قۇرئان ئارقىلىق ئىنسان مەنپەئەتلىك ھاياتقا مۇشەررەپ بولىدۇ»دېگەن مەنە كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. دېمەكچىكى، خۇددى روھسىز ھاياتلىق بولمىغىنىدەك، ئىلاھىي ۋەھىي ۋە قۇرئانسىزمۇ مەنىۋىي ھاياتلىقتىن ۋە ئاخىرەتتىكى مەنپەئەتلىك ھاياتلىقتىن سۆز ئېچىش ئىمكانسىزدۇر دېگەنلىك كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. 

ئۇنىڭ يەنە يۇقىرىقىدىن باشقا تالاي مەنىلىرى ھەم بار بولۇپ، قامۇس كىتابلاردا بۇ ھەقتە تەپسىلىي بايانلار مەۋجۇت.

 ئىنساننىڭ ھاياتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، جان مەنىسىدىكى روھنىڭ ئىستىلاھتىكى تەبىرىگە كەلسەك، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئىماملىرىدىن ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرى رەھىمەھۇللاھ ئۆز ئەسىرىدە بۇ ھەقتە كىشىلەر ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىختىلاپلارنى تەپسىلىي كەلتۈرگەن بولۇپ، ئەسەردىكى مەزمۇنلارغا دىققەت ئاغدۇرغىنىمىزدا ئەسەردە كەلگەن روھنىڭ تەبىرى ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ ئاساسەن مۇتەزىللەر ۋە پەيلاسوپلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەبىرلىرىنى بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما كېيىنكى دەۋرلەردە بولسا، بۇ ھەقتە كەلگەن قاراشلارنىڭ ئىزچىل كۆپ خىل بولۇشىغا قارىماي مۇھەققىق ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلارنىڭ ھەممىنى جەملىگىنىدىن كېيىن قۇرئان ۋە سۈننەتكە، شۇنداقلا ئەقلىي دەلىللەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق روھ ھەققىدىكى ئۆزلىرى ئەڭ توغرا دەپ قارىغان تەبىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەنە شۇ ئالىملاردىن بىرى شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيەنىڭ شاگىرتى ئەللامە ئىمام ئىبن قەييىم ئەلجەۋزىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ «روھ» ناملىق ئەسىرىدە روھ ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ قانائەتلەنگەن ۋە كۈچلۈك دەپ قارىغان تەبىرى توغرىسىدا سۆز يۈرۈتكەن بولۇپ، ئەشئەرى ئالىملىرىدىن بۈيۈك مۇتەپەككۇر، تەپسىرشۇناس، كالامىزىمچى ۋە فىقھشۇناسلىق پەلسەپە نەزەرىيەسى ساھەسىدە يېتۈك ئىمام سۈپىتىدە تونۇلغان فەخرۇددىن رازىينىڭ روھ ھەققىدە كەلگەن تۈرلۈك قاراشلار توغرىسىدىكى بايانلىرىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزى قانائەتلەنگەن قاراشنى توغرا قاراش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماي ,بۇ ھەقتە تولىمۇ ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:«ئىنسان سۆزىنىڭ قاراتمىلىقى توغرىسىدا كىشىلەر مۇنداق تۆت تۈر بويىچە قاراشلاردا بولغان، ئۇ بولسىمۇ ئىنسان دېگىنىمىزدە، بۇ ئىسىم ئارقىلىق پەقەت روھنىلا كۆزدە تۇتامدۇق، ياكى پەقەتلا تەننىمۇ؟ ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ يىغىنىدىسىنى كۆزدە تۇتىمىزمۇ، ۋە ياكى بۇ سۆزىنىڭ قاراتمىلىقى يۇقىرىقى ئىككىسىدىن ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم قارىتىلامدۇ؟ دېگەنلەر بولغان»

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئىمام فەخرۇددىن رازى مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقىلاردىن ئىككىنچى مەنىگە قاراتقان ئەھۋالدا ئىنسان دېمەكلىك-تەننىڭ ئىچىدە بار بولغان ئالاھىدە جىسىم(روھ)دىن ئىبارەت دېگەنلىك بولىدۇ." بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئاشۇ جىسىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىلار ئاساسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان:

1. ئۇشبۇ روھ ئىنسان تېنى ئۇنىڭدىن تەۋەللۇت قىلىدىغان تۆت خىلىتتىن ئىبارەت.

2. ئۇشبۇ روھ قاندىن ئىبارەت.

3. ئۇ، كۆكرەكنىڭ سول قىسمىغا جايلاشقان يۈرەكتىن تەۋەللۇت قىلىدىغان ۋە قىزىل قان تومۇرلارغا تاكى جىمى ئەزالارغا قەدەر سىڭىپ كىرىدىغان نازۇك روھتىن ئىبارەت.

4. ئۇ، قەلبتىن مېڭىگە قەدەر ئۆرلەپ بارغۇچى، ئەستە تۇتۇش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەسلەش قاتارلىق قۇۋۋەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا يارايدىغان كەيپىياتقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان روھتىن ئىبارەت.

5. روھ-قەلبتىكى پارچىلانمايدىغان بىر جۈزئىيدىن ئىبارەت.

6. ئۇ سەزگىلى بولىدىغان ۋە جىسىمنىڭ ماھىيىتىگە ئوخشىمايدىغان بىرخىل جىسىم بولۇپ، ئۇشبۇ روھ نۇرانە بولغان، ئۈستۈنكى ئالەمگە مەنسۇپ، يېنىك، ھاياتى كۈچكە ئىگە، ئەزالارنىڭ جەۋھىرىگە قەدەر سىڭىپ بارىدىغان، خۇددى سۇنىڭ گۈلگە قۇيۇلغاندىكى ئېقىشىدەك، زەيتۇندىكى ماينىڭ زەيتۇندا ئېقىپ ئايلىنىشىدەك، ئوتنىڭ كاۋاپ قىلىنغان گۆشكە سىڭىپ ئۆتكىنىدەك ئۆتىدىغان ھەرىكەتچان جىسىمدۇر. ئەزالار ئاشۇ جىسىمدىن ئېقىپ كەلگەن تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىشقا يارايدىغان بولغان مۇددەتچە ئۇنىڭ ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆز ئارا گىرەلەشكەن بولىدۇ. ئۇ تەندىكى ئەزالارغا تۇيۇش ۋە ئىرادە ئاساسىدا يۈز بېرىدىغان ھەرىكەت قاتارلىق تەسىرلەرنى ھاسىل قىلدۇرىدۇ. قاچانكى بۇ ئەزالار ناچار، ئېغىر خىلىتلارنىڭ قامال قىلىۋېلىشى تەسىرىدە بۇزۇلىدىكەن، ئۇ چاغدا ئەزالار ئۇنىڭدىن كېلىدىغان تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىشتىن چىقىپ كېتىدۇ-دە، روھ تەندىن ئايرىلىدۇ ۋە روھلار دۇنياسىغا قاراپ تەندىن ئاجرايدۇ».

ئىمام ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ مانا بۇ تەبىرلەر ئىچىدە ئالتىنچى تەبىرنى توغرا دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن، قالغانلىرىنى ئاساسسىز دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مانا بۇ ئاخىرقى قاراش ئۇشبۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقىلىرى سەھىھلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن قاراشلار بولۇپ، ھەممىسى باتىل قاراشلاردۇر. قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بايانلار، ساھابىلەرنىڭ ئىجماسى، ئەقلى ۋە ئىنسانىي فىترەت دەلىللىرى ئۇشبۇ قاراشنىڭ توغرا قاراش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، بىز بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى تۆۋەندىكى تىزىق ئاساسىدا بىرمۇ-بىر كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز...».

خۇلاسە قىلساق، ئىمام ئىبن قەييىم ئۆز ئەسىرىدە يۇقىرىقى قاراشنى توغرا دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئۆزى قانائەت قىلغىنى ۋە ئىددا قىلغىنى بويىچە بىر يۈز ئون نەچچىدىن ئاشىدىغان ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرنى تەپسىلىي كەلتۈرگەن ۋە بۇ قاراشقا قارشى ئېتىرازلاردىن يىگىرمە نەچچە ئەقلى دەلىلنى ئاساس قىلغان ئېتىرازلارغا بىرمۇ-بىر ئايرىم توختىلىپ رەددىيە بەرگەن. روھ ھەققىدىكى بۇنىڭدىنمۇ كەڭرى تەپسىلاتلارنى ئىمام ئىبن قەييىمنىڭ«روھ» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقىرىدا بىز قەلب ۋە روھنىڭ سۆز مەنىلىرى، ئىستېمال مەنىلىرى ھەققىدە توختالدۇق. ئەمدى بۇ يەردە يۇقىرىقى ئىككى نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ نەپستىن ئىبارەت. نەپس سۆزىمۇ تۈرلۈك مەنىگە ئىگە سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەنىلىرى ئىچىدە قەلب مەنىسىدە تەڭداش ئىشلىتىلىدىغانلىرىمۇ، روھنىڭ مەنىلىرى بىلەن تەڭداش ئىشلىتىلىدىغانلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ ھەم قەلبكە مۇناسىۋەتلىك مەنىلىرىدىن ئىككى خىل مەنىسى بار بولۇپ، بىرى، نەپس دېگەن ۋاقىتتا، ئىنساندىكى شەھۋەت ۋە نەپرەت قۇۋۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇم بىر مەنە ياكى ئۇقۇم كۆزدە تۇتۇلغان بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى مەنىسىدۇر. نەپسنىڭ يەنە بىر مەنىسى، ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىكىگە، زاتىغا قارىتا قوللىنىلىشىدۇر. مانا بۇ مەنىدىكى نەپسنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرى ۋە سۈپەتلىرى بار بولۇپ، ئەخلاق ئالىملىرى ۋە روھى تەربىيەچى مۇرەببىلەرنىڭ ئىستېمالىدا نەپس بىلەن قەلب ئورتاق مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىمام غەززالىينىڭ نەپسكە بەرگەن تەبىرىدە ئۇنىڭ مەنىلىرى ئىچىدە ئەخلاق ئالىملىرى قوللىنىپ كەلگەن مەنىلىرىدىن بىرىنىڭ قەلب ھەققىدە بەرگەن تەبىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا نەپسنى پاكلاش بىلەن قەلبنى پاكلاش ئۇقۇمى ئاساسەن بىر مەنىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

شۇڭلاشقا قۇرئان ۋە ياكى ھەدىستە ۋە ياكى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە كەلگەن نەپس، قەلب، روھ قاتارلىق سۆزلەرنى چۈشىنىش ۋە بۇلارنىڭ پەرقىنى ئايرىشتا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلدا ياكى ئىستېمالدا قوللانغان مەنىلىرى ئىچىدە قايسى مەنىدە كەلگەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن كونتېكىستتا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۈشەنمىكىمىز ۋە ھەر بىرىگە قارىتا ئۆز ئارا مەنىلىرى ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن ھالدا چۈشىنىشكە ئۇرۇنماستىن ئەسلى سۆز مەنىسى بىلەن كۆچمە مەنىلىرىنى، شۇنداقلا كۆچمە مەنىلىرى بىلەن ئىستېمال مەنىلىرىنى پەرق ئەتكەن ھالدا نەزەر سالمىقىمىز لازىم.


ئەسلى تېمىنى تېزلا تەييارلاپ يوللىسام بولاتتى. تور ئالدىدا مۇقىم بولالماي قىلىپ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بولسا، خاس سوئال بىلەنلا توختاپ قالماي، سوئالنى كېڭەيتكەن ھالدا ئۆز چۈشەنچىلىرىڭىز ۋە پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغان ئاساستا بىز بىلەن بەھۇزۇر ئورتاقلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارسلان ئەپەندى ھەم سوئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا ياخشى پىكىر قاتناشتۇرۇپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!


تېما قەلب روھ، نەپس ھەققىدە بولغان ئىكەن، تەبىيلا ئەقىل تېمىسىنىمۇ قاتاردا بايان قىلىشنى تەقەززا قىلاتتى. بىراق تېما يېزىشتا   ئەقىل ھەققىدە توختىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر مۇقەددىمە تۇرغۇزۋېتىش كۆزلەنگەچكە كۆپ توختالماستىن ئاۋال پەقەت ئۈچلا مەزمۇننى ئاساس قىلىشنى لايىق تاپقان ئىدىم. ھەم تەبىردىكى بەزى ھالقىلارغا قارىتا ئۇنىڭ تەھقىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختالمىغان ئىدىم. مانا تېما قويىلىشىغا بىلىك ئەپەندى ئەھمىيەتلىك سوئاللىرى بىلەن تېمىنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆز تەقەززاسىغا جوراپ تېمىنىڭ كەم نۇقتىسىنى تاماملاپتۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن بۇنى تەقەززاسىغا مۇۋاپىقلاشسۇن ئۈچۈن تاماملىماق لازىم.

خوش، ئۇنداقتا سوئالغا كەلسەك، ئەقىلنىڭ ئورنى قەيەردە؟ دېگەندە، ئالىملار قەدىمدىن تارتىپ تاكى دەۋرىمىزگە قەدەر بۇ ھەقتە بىر قانچە خىل قاراشتا بولۇپ كەلدى. بۇ مەسىلىنى سوئالدا ئېيتىلغاندەك، قانداقتۇر قەدىمدە شۇنداق قارىلىپ، ھازىرغا كەلگەندە قەلبنىڭ ئەقىلدە ئورنى يوقلىقى ئاددى ساۋاتقا ئايلىنىپ كەتكەن مەسىلە دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. بەلكى، قەدىمدىلا ئالىملار ئارا بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بولۇپ ئۆتكەن. ئۇلار ئارىسىدا ئەقىلنىڭ ئورنىنى بىكىتىشتىكى كۆرۈنەرلىك قاراشلاردىن ئىككى خىل قاراش ئاساسى ئورۇننى ئىگىلىگەن. بىرى، ئەقىلنىڭ ئورنى قەلب دېگۈچىلەر. يەنە بىرى ئەقىلنىڭ ئورنى مېڭە دېگۈچىلەر. ھەر ئىككى تەرەپ قاراشلىرىنى دەلىللەشتە ئالدى بىلەن قۇرئان ئايەتلىرىدىن دەلىل ئالغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل غول قاراش دەۋرىمىزگە كەلگەندىمۇ ئاشۇ ئىككى خىل مەيداننى ساقلاپ كەلدى.

ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغان بۇ دەۋردىمىزدە قارايدىغان بولساق، گەرچە تەتقىقاتچىلار يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر  ئەقىلنىڭ پائالىيەت ئورنى مېڭە دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ئىلمى نەتېجىلەردە تىببى ساھە ئىزدەنگۈچىلىرى (بۇنىڭ ئېچىدە غەربنىڭ تىببى ساھە ئالىملىرىمۇ بار) ۋە ھەرساھە تەتقىقاتچىلار، بولۇپمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئىلىم-پەن نۇقتىسىدا تۇرۇپ شەرھىلىگۈچى ئالىملار قەلبنىڭ ئىدراك مەركىزى ئىكەنلىكى، مېڭە گەرچە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۇر پائالىيتى ئىلىپ بارىدىغان  بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەركىزى ئورنىنىڭ قەلب ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىلگىرى ئىيتىلغاندەك مېڭە يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى يۆنلەندۈرمەستىن، يۈرەكنىڭ مېڭە خىزمىتىنى يۆنلەندۈرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئىككىسى ئارىسىدا غايەت ئىنتىزاملاشقان مۇناسىۋەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى، قاچان بۇ ئارىدىكى مۇناسىۋەت دەخلگە ئۇچرىسا، شۇ ھامان قالايمىقانلىشىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى تىببى ۋە قۇرئانى دەلىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويماقتا.

ئىككىنچى سوئالىڭىزغا كەلسەك، گۇمانىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. يۇرەك بىلەن مېڭىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئېگە مۇناسىۋىتى بار. بۇنى يۇقىرىقى ئىككىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ تىببى نۇقتىدا تۇرۇپ شەرھىلىگەن ۋە قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى دەلىللەر ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن بايانلىرى كۈچلەندۈرىدۇ. 

لېكىن ئاۋۇ سىز كېڭەش قىلغان دوكتۇرنىڭ سۆزىنى شۇ مەسىلىدىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرسى دىيىش مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە يۈرەكنىڭ سوقىشى بىلەن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلىنامدۇ ياكى مېڭە ئۆلۈپ ئەمما يۈرەك توختىمىسا ئۇنىڭ ھۆكمى ئۆلۈكنىڭ ھۆكمىنى ئالامدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە دەۋرىمىز ئالىملىرى ئىككى خىل قاراشقا بارغان. بىرى خۇددى سىزنىڭ دوكتۇر بۇرادىرىڭىز ئىيتقاندەك ئادەم ئۆلگەنلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى يۈرەكنىڭ توختىغانلىقى بولماستىن مىڭىنىڭ تولۇق ئۆلۈشى ئىتىبارغا ئىلىنىدىغانلىقى. يەنە بىر قاراش بولسا، بەلكى يۈرەك سوقۇشى توختىغانلىقى ۋە نەپەستىن تولۇق قالغانلىقىغا ئىنىق ئىشەنچ قىلغاندىن كىين ئاندىن ئۆلگەنلىك ھىسابلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ مەسىلە ئاساسەن Brain death بولۇپ قالغان ئەمما يۈرەك سوقىشى توختىمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كىلىپ چىققان بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار ئىككىنچى قاراشنى كۈچلۈك دەپ تەكىتلىمەكتە.

ھازىر مۇشۇنچە يېزىپ تۇراي. قالدىسىنى يەنە پىكىرلىشىش جەريانىدا تولۇقلاپ ماڭارمىز، ياكى تەدرىجى تەپسىلىلىشەرمىز.


مەنبەسى: ئىزدىنىش مۇنبىرى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك