تىنچ دون (بىرىنچى قىسىم)
ئاپتور: مىخايىل شولوخوپ
تەرجىمە قىلغۇچى: رەخمىتۇللا جارى
1
مېلېخوفلارنىڭ
ھويلىسى يېزىنىڭ ئەڭ چېتىدە ئىدى. مال قورۇسىنىڭ دەرۋازىسى شىمالغا − دون
دەرياسىغا قارىغان، ئۈستىنى يېشىل مۇخ قاپلىغان ئاپپاق خادا تاشلارنىڭ ئارىلىقىدا
ئېگىزلىكى سەككىز سارجىن كېلىدىغان تىك قىيا بولۇپ، شۇ يەردىن چۈشكەندە دەريا
قىرغىقى، قىرغاقتا بولسا سەدەپتەك قۇلۇلىلەر چېچىلىپ ياتاتتى. دولقۇن يالاۋېرىپ
كۆكىرىپ كەتكەن ئۇششاق شېغىللار گويا غىجىملانغان جىيەكتەك ئەگرى - بۈگرى
سوزۇلغانىدى. سەل نېرىدا شامالدا جۇش ئۇرۇپ، قاپقارا دۇغلىنىپ ئېقىۋاتقان دوننىڭ
تېز ئېقىنى، شەرقتە، ئەتراپى قىزىل تالدىن توقۇلغان قاشا تاملار بىلەن ئورالغان
ئوت - چۆپ خامىنىنىڭ ئارقىسىدا «گېتمانكوچىسى»، ئۇنىڭ نېرىسىدا شالاڭ ئۆسكەن
ئەمەنلىك ۋە ئات تۇياقلىرىدا چەيلىنىپ كەتكەن جېنى چىڭ يوغان قۇلاق ياۋا گۈللەر
يېيىلىپ ياتاتتى؛ يولنىڭ ئاچىمىقىدا كىچىككىنە چېركاۋ جايلاشقان. ئۇنىڭ ئارقىسىدا
سەدەپتەك جىمىرلاپ تۇرغان دالا؛ جەنۇبتا − ئاق گەج تاغ تىزمىلىرى؛ غەربتە −
مەيداننى كېسىپ ئۆتكەن كوچا سايلىققا قاراپ كىرىپ كەتكەن.
تۈركىيە بىلەن
بولغان ئاخىرقى ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنقى بىرىدە كازاك پىروكوفېي مېلېخوف يېزىغا
قايتىپ كەلدى. ئۇ تۈركلەر يۇرتىدىن يۈزىگە رومال ئورىۋالغان ۋىجىككىنە بىر ئايالنى
خوتۇنلۇققا ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ ئايال ھەمىشە يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى. ناگان -
ناگاندىلا غەمكىن ياتسىرىغان كۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. شايى رومىلىدىن ياتلا
بىر پۇراق كېلەتتى، ئۇنىڭ كېپىنەك گۈللىرى قىز - چوكانلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى.
ئەسىرگە چۈشكەن بۇ تۈرك قىزى پىروكوفېينىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە
ئالغاچقا، پىروكوفېينىڭ ئاتىسى قېرى مېلېخوف كۆپ ئۆتمەي ئوغلىنى بۆلەك قىلىپ
قويدى، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئوغلى پىروكوفېينىڭ
ئۆيىگە دەسسىمىدى.
پىروكوفېي تېز
ئارىدا ئۆزىگە ئۆي سېلىۋالدى، تاختاي ئۆيلەرنى ياغاچچىلار ياساپ بەردى، مال
قورۇسىنىڭ قاش تاملىرىنى ئۆزى چۆرىدىۋالدى. كۈز پەسلىگە يېقىن ئۆزىنىڭ چەت يۇرتلۇق
دۈمچەك خوتۇنىنى يېڭى ئۆيگە ئەكەلدى. مال - مۈلكى بېسىلغان ھارۋىنىڭ ئارقىسىدىن
پىروكوفېي خوتۇنى بىلەن بىللە يېزىدىن ئۆتكەندە، ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن چوڭ - كىچىك
ھەممە ئادەم كوچىغا چىقىشتى. كازاكلارمۇ مۇلايىملىق بىلەن مىيىقىدا كۈلۈپ
قويۇشاتتى، ئاياللار چاڭىلداپ بىر - بىرى بىلەن چۇرۇقلىشىپ كەتتى، يۈزىنى
يۇمايدىغان مەينەت بىر توپ بالىلار پىروكوفېينىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ، «كۇ - كۇ -
كۇ... كۇ - كۇ - كۇ...» دەپ مازاق قىلىشتى، ئەمما پىروكوفېي چەكمىنىنىڭ ئالدىنى
ئېچىۋېتىپ، شۈدىگەرلىكتە ماڭغاندەك ئاستا قەدەم تاشلاپ كېتىۋەردى، قارا قوللىرى
بىلەن خوتۇنىنىڭ نازۇك بىلىكىنى مەھكەم تۇتۇپ، مەللە چاچ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ
باراتتى − پەقەت قوۋۇزىنىڭ ئۈستىدە تومپىيىپ تۇرغان بەزدەك بىرنېمە غىلدىرلاپ
تۇراتتى، تاشتەك قېتىپ زادىلا مىدىرلىمايدىغان قاشلىرى ئارىسىدا تەر تامچىلىرى
پەيدا بولدى.
شۇ چاغدىن
تارتىپ ئۇنى يېزىدا كىشىلەر ناھايىتى ئاز كۆرۈشەتتى، مەيدان يىغىنلىرىغىمۇ
بارمىدى، ئۇ دون ياقىسىدىكى ئۆيىدە ياۋايى ئادەمدەك يەككىلىنىپ ياشىدى. ئۇ ھەققىدە
يېزىدا ئاجايىپ - غارايىپ ئۆسەكلەر پەيدا بولغىلى تۇردى. ئوتلاقتا موزاي بېقىپ
يۈرگەن پادىچى بالىلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، پىروكوفېي ھەر كۈنى كەچقۇرۇن قاش
قارايغان پەيتتە خوتۇنىنى ئىككى قولىدا كۆتۈرۈۋېلىپ، تاتار قورغىنىغا ئېلىپ
بارارمىش، بالىلار بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپتۇ. ئۇ يەردە خوتۇنىنى قورغاننىڭ ئەڭ
ئۈستىدىكى چوققىغا ئاچىقىپ، ئەسىرلەردىن بۇيان نېپىزلەپ ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن
تاشقا يۆلەندۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزىمۇ يېنىدا بىللە ئولتۇرۇپ، دالاغا ئۇزاق ۋاقىت
كۆز تىكەرمىش، ئۇنىڭدىن كېيىن پىروكوفېي ئايالىنى چەكمىنىگە يۆگەپ، ئىككى قولىدا
كۆتۈرگەن پېتى ئۆيىگە ئېلىپ كېلەرمىش. پۈتۈن يېزىدىكىلەر بۇنداق غەلىتە قىلىقنىڭ
سەۋەبىنى بىلەلمەي بېشى قاتاتتى. ئاياللار خېلى بىر ۋاقىتقىچە مۇشۇ گەپ - سۆز
بىلەن بولۇپ كەتتى. پىروكوفېينىڭ خوتۇنى توغرىسىدا ھەر خىل گەپلەر تارقالدى:
بەزىلەر ئۇنى ھۆسن - جامالدا تەڭدېشى يوق گۈزەل ئىكەن دېسە، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ
تەتۈرىسىنى ئېيتىشاتتى. ئاياللارنىڭ ئەڭ نوچىسى سولدات خوتۇنى مارۋا
پىروكوفېينىڭكىگە يېڭى ئېچىتقۇ سوراش باھانىسى بىلەن كىرىپ چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن
ئىش چۈشىنىشلىك بولدى. پىروكوفېي ئېچىتقۇ ئۈچۈن گەمىگە چۈشۈپ چىققۇچە مارۋا بۇ
ئايالنى باشتىن - ئاياغ سەپسېلىپ كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن، پىروكوفېي تۈرك خوتۇنلىرى
ئىچىدە ئەڭ سەت ئايالغا ئۇچراشقانىكەن...
بىرئاز ۋاقىت
ئۆتكەندىن كېيىن، بېشىدىكى رومىلى يان تەرەپكە قىيسىيىپ چۈشكەن، يۈزلىرى قىزىرىپ
كەتكەن مارۋا بىر توپ ئايالنى تار كوچىغا يىغىۋېلىپ بىلجىرلاشقا باشلىدى:
− ماڭا
قاراڭلار، سۆيۈملۈكۈم، پىروكوفېيغا ئۇنىڭ قەيىرى يېقىپ قالغاندۇ؟ كاشكى ئۇنىڭ
ئايال دېگۈچىلىكى بولسا مەيلى ئىدىغۇ... نە دۈمبىسى بولسۇن، نە قورسىقى، بار -
يوقى بىر مەخلۇق! بىزنىڭ قىزلىرىمىز ئۇنىڭدىن مىڭ چەندان تۈزۈك. ئۇنىڭ ھەرىدەك
ئىنچىكە بېلى سەللا تارتىلسا ئۈزۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن، كۆزلىرى قاپقارا، يوغان -
يوغان، خۇدايا توۋا، بۇ كۆزلەر بىر چەكچەيسە بارغۇ بەئەينى ئالۋاستىغا ئوخشاپ
قالىدۇ. ئېغىر ئاياغ بولسا كېرەك، راست ئېيتىمەن!
− ئېغىر ئاياغ؟
− ھەيران قېلىشتى ئاياللار.
− مەن كىچىك
بالا ئەمەسقۇ، ئۈچ بالا بېقىپ چوڭ قىلغان تۇرسام، بۇنى بىلمەمدىمەن؟
− ئەپت -
بەشىرىسى قانداقراق ئىكەن؟
− ئەپت -
بەشىرىسىنى دەمسىلەر؟ يۈزى ساپسېرىق، كۆزلىرى غەمكىن، ئېھتىمال يات يۇرتتا، كۈنى
كۆڭۈللۈك ئۆتمەيۋاتسا كېرەك، قارىمامسىلەر، ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىنى؟ تېخى
پىروكوفېينىڭ شالۋۇرىنى كىيىۋاپتۇ.
− شۇنداقمۇ؟
... − ئاياللار چۆچۈپ بىردەك ئۇھ - ئۇھلاشتى.
− شالۋۇر
كىيىۋالغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئەمما جىيەك تۇتۇلمىغان شالۋۇر، بەلكىم
ئېرىنىڭ ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان شالۋۇرى بولسا كېرەك. ئۈستىگە ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن
بولسىمۇ، شالۋۇرى ئاستىدىن كۆرۈنۈپ قاپتۇ، ئىككى پاچىقىنى پايپىقىنىڭ ئىچىگە
تىقىۋاپتۇ. بىر قاراپ، شۇنداق كۆڭلۈم ئاينىدىكى...
يېزىدا،
پىروكوفېينىڭ خوتۇنى جادۇگەرلىك قىلىۋېتىپتۇ، دېگەن مىش - مىش گەپلەر تارقالدى.
ئاستاخوفلارنىڭ كېلىنى (ئاستاخوفنىڭ ئۆيى يېزىنىڭ چېتىدە بولۇپ، پىروكوفېيغا قوشنا
ئىدى)، «تىرويىتسا بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتار چاغدا پىروكوفېينىڭ
خوتۇنىنىڭ يالاڭباش، يالاڭ ئاياغ ھالدا كالا قوتىنىغا كىرىپ، ئىنەكلىرىمىزنى
سېغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دەپ خۇدانى شېپى كەلتۈرۈپ قەسەم ئىچكەنىكەن. شۇ چاغدىن
تارتىپ كالىسىنىڭ يېلىنى تارتىلىپ، كىچىك بالىنىڭ مۇشتۇمىدەكلا بولۇپ قاپتۇمىش.
سۈتى قۇرۇپ، كۆپ ئۆتمەي ئۆزىمۇ ھارام بولۇپ قاپتۇ.
شۇ يىلى ماللار
ئارىسىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنىدى.
دون ياقىسىدىكى قوتانلاردا ھەر كۈنى مال ئۆلۈۋېرىپ، قۇملۇقلار ئىنەك بىلەن
موزاينىڭ ئۆلۈكىگە تولۇپ كەتتى. يۇقۇملۇق كېسەل ئاتلارغىمۇ ئۆتتى. يېزا
يىلقىلىرىدا قويۇۋېتىلگەن ئاتلارمۇ ئازىيىشقا باشلىدى. مانا شۇ مەزگىلدە كوچا -
كويلاردا ھېلىھەم شۇم خەۋەر تارقالغانىدى...
يېزا يىغىنىدىن
كېيىن نۇرغۇنلىغان كازاكلار پىروكوفېينىڭ ئۆيىگە كەلدى.
ئۆي ئىگىسى
پېشايۋانغا چىقىپ تەزىم قىلدى.
− ھۆرمەتلىك
ئاتىلار، نېمە ئىش بىلەن بۇ يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىشتىكىن؟
كىشىلەر توپى
ئۈن چىقماستىن پەلەمپەينىڭ قېشىغا يېقىن كېلىشتى.
ئاخىر، ئازراق
قىزىۋالغان بىر بوۋاي بىرىنچى بولۇپ جىمجىتلىقنى بۇزدى:
− جادۇگىرىڭنى
قېشىمىزغا ئاچىق، سوراق قىلىمىز!...
پىروكوفېي ئۆيىگە
ئېتىلىپ كىرىپ كەتتى، ئەمما ئۇنى قوغلاپ دەھلىزدە يېتىۋېلىشتى، كوچا - كويلاردا
«بىكارچى» دەپ نام چىقارغان ئېگىز بويلۇق زەمبىرەكچى يىگىت پىروكوفېينىڭ بېشىنى
تامغا نىقتاپ تەھدىت سالدى:
− ئۈنۈڭنى
چىقارما، چۇقان سالما، چۇقان كۆتۈرگۈدەك ھېچ ئىش يوق!... ساڭا تەگمەيمىز، ئەمما
خوتۇنۇڭنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمىز. پۈتۈن يېزا مالسىز قېلىپ ھالاك بولغاندىن
كۆرە ئاشۇ جادۇگەرنى يوقاتقىنىمىز تۈزۈك. ئۈنۈڭنى چىقارساڭ بېشىڭنى تامغا يەملەپ،
بىر يولى تامنى ئۆرۈۋېتىمەن!
− ئۇ قانجۇقنى
سۆرەپ بۇيانغا ئاچىق، قوتانغا!... دەپ ۋارقىراشتى پەلەمپەينىڭ ئالدىدا تۇرغانلار.
پىروكوفېي
بىلەن بىر پولكتا خىزمەت قىلغان بىر كازاك تۈرك ئايالنىڭ چېچىنى قولىغا ئوراپ،
يەنە بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ داد - پەرياد كۆتۈرگەن ئاغزىنى ئېتىپ، يۈگۈرگەن پېتى
ئۇنى دەھلىزدىن سۆرەپ چىقىپ، ئالىماننىڭ ئايىغى ئاستىغا تاشلىدى. ۋاڭ - چۇڭ ئىچىدە
قۇلاقنى يارغۇدەك چىرقىراق ئاۋاز ئاڭلاندى.
پىروكوفېي
ئالتە كازاكنى ئىككى تەرەپكە ئۇلاقتۇرۇپ تاشلىدى - دە، ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ،
تامدىكى قىلىچىنى ئېلىپ چىقتى. كازاكلار بىر - بىرىنى ئىتتىرىشىپ، دەھلىزدىن ئوپۇر
- توپۇر بولۇپ قېچىشتى. پىروكوفېي ۋالىلداپ تۇرغان قىلىچنى باش ئۈستىدە ئوينىتىپ،
پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشتى، ئالىمانچىلار توپى ئالاقزەدە بولۇپ بۇلۇڭ -
پۇچقاقلارغا تارقىلىپ كەتتى.
پىروكوفېي
ئامبارنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە ھالى قالمىغان زەمبىرەكچى «بىكارچى»نى قوغلاپ يەتتى -
دە، ئارقا تەرەپتىن سول مۈرىسىگە قىلىچ ئۇرۇپ، ئۇنى بېلىگىچە ئىككى نىمتە قىلىپ
تاشلىدى. قاشا تاملاردىن قوزۇق سۇغۇرۇۋاتقان كازاكلار ئوت - چۆپ بېسىلغان خامان
ئارقىلىق دالاغا تومتاراقاي قېچىشتى.
يېرىم سائەتتىن
كېيىن، خەلق توپى قايتىدىن جۈرئەت پەيدا قىلىپ ھويلىغا يېقىنلىشىپ كەلدى. ئەھۋال
ئۇقۇش ئۈچۈن ئالدىغا ماڭغان ئىككى كازاك ئاستا سىقىلىپ دەھلىزگە كىردى. ئاشخانىنىڭ
بوسۇغىسىدا پىروكوفېينىڭ خوتۇنى قانغا مىلىنىپ، بېشى ئارقىسىغا قىيسايغان ھالدا
ياتاتتى؛ جان ئازابىدا كاسىلداپ تۇرغان چىشلىرى ئارىسىدا تىلى قىسىلىپ، مىدىرلاپ
تۇراتتى. پىروكوفېينىڭ بېشى تىترەپ، كۆزلىرى بىر جايغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالغانىدى،
ئۇ توختىماي ئېڭەلەپ يىغلاۋاتقان بىر پارچە گۆشنى − چالا تۇغۇلغان بوۋاقنى
جۇۋىسىغا يۆگىدى.
* * *
پىروكوفېينىڭ
خوتۇنى شۇ كۈنى كەچقۇرۇن جان ئۈزدى. ئاي، كۈنى توشماستىن تۇغۇلغان بالىنى پىروكوفېينىڭ
ئانىسى ئىچ ئاغرىتىپ ئۆيىگە ئەكەتتى.
ئۇنى
قىزىتىلغان كېپەككە ياتقۇزۇپ، بېھى سۈتى بىلەن بېقىشتى، بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن
بۇ قارىقۇمچاق تۈرك چىراي ئوغۇلچاقنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن
كېيىن، چېركاۋغا ئەكېلىپ چوقۇندۇرۇشتى. ئۇنىڭغا پانتېلېي دەپ بوۋىسىنىڭ ئېتىنى
قويۇشتى، پىروكوفېي سۈرگۈندىن ئون ئىككى يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كالتە
قىلىپ قىرقىلغان مەللەرەڭ، ئالا - بۇلا ئاق كىرگەن چار ساقىلى ۋە ئۈستىدىكى ئاددىي
رۇسچە كىيىمى ئۇنى كازاكقا ئوخشىمايدىغان يات بىر قىياپەتكە كىرگۈزگەنىدى. ئۇ ئوغلىنى
ئېلىپ ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەشكە كىرىشتى.
پانتېلېي
قارىقۇمچاق، جەسۇر يىگىت بولۇپ ئۆستى. يۈزى ۋە كېلىشكەن قەددى - قامىتى ئانىسىغا
ئوخشاپ كېتەتتى.
پىروكوفېي ئۇنى
كازاك قىزغا − قوشنىسىنىڭ قىزىغا ئۆيلەندۈرۈپ قويدى.
شۇ چاغدىن
تارتىپ تۈرك قېنى بىلەن كازاك قېنى ئارىلىشىپ كەتتى. يېزىدا قىر بۇرۇن، ئاجايىپ
چىرايلىق كازاك مېلېخوفلار دەپ، كوچا - كويدا بولسا «تۈركلەر» دەپ نام چىقىرىش
ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان.
پانتېلېي
دادىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئىگىلىك ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى، ئۆيلىرىنى
يېڭىباشتىن ياپتى، يېرىم گېكتارچە ئاق تاشلانغان بوز يەرنى ئۆز ئىگىلىكىگە
قوشۇۋالدى، يېڭى ئامبار - سارايلارنى سېلىپ، ئۈستىنى تۈنىكە بىلەن ياپتى. تۈنىكىچى
ئۇستا ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇيرۇتمىسى بويىچە بىر جۈپ تۈنىكە خورازنى ياساپ، ئامبارنىڭ
ئۆگزىسى ئۈستىگە بېكىتىپ بەردى. بۇ خورازلار مېلېخوف ھويلىسىغا تولىمۇ يارىشىپ،
ئۇنىڭغا باياشات، دۆلەتلىك ئائىلە تۈسىنى بەردى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچنىڭ يېشى ئۇلغىيىپ، قېرىلىققا ئاققانسېرى ئۇ توغرىسىغا يوغىناپ،
بىرئاز مۈكچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تېتىك بىر بوۋاي بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ
ئۇستىخانلىرى قاتمال، ئۆزى ئاقساق (ياشلىقىدا ئىمپېراتور كۆرىكىدە بەيگىدە ئات
چاپتۇرغاندا سول پۇتى سۇنغانىدى)، سول قۇلىقىغا يېرىم ئاي شەكلىدە كۈمۈش سىرغا
سېلىپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ چاچ - ساقىلىنىڭ قارىلىقى تاكى قېرىغانغا قەدەر بىر تۈستە
تۇرىۋەردى؛ ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان دەرىجىدە ئاچچىقى يامان ئىدى، شۇ سەۋەبتىن
بولسا كېرەك، بىر زامانلاردا ناھايىتى چىرايلىق بولغان خوتۇنىنى بىمەزگىل
قېرىتىۋەتتى، ئەمدىلىكتە بۇ قاۋۇل خوتۇنىنى قورۇق بېسىپ كەتكەنىدى.
ئۆيلۈك -
ئوچاقلىق بولغان چوڭ ئوغلى پېترو ئانىسىغا ئوخشايتتى، گەۋدىسى كىچىكرەك، پۇچۇق
بۇرۇن، قوي كۆز، بۇغداي ئۆڭلۈك، چاچلىرى جىڭگىلەك ئىدى؛ كىچىك ئوغلى گىرىگورىي
دادىسىنى تارتقان، گەرچە پېترودىن ئالتە ياش كىچىك بولسىمۇ، بويى بىر غېرىچ ئېگىز
بولۇپ، دادىسىغا ئوخشاش قۇش بۇرۇن، بىرئاز قىيپاشراق، كۆكۈمتۈل بادام قاپاق
چاناقلىرىدا كۆزلىرى ئوتتەك چاقناپ تۇراتتى، ياڭاق سۆڭىكى بۆرتۈپ چىققان، يۈزى
قارامتۇل قىزىل ئىدى. گىرىگورىيمۇ دادىسىغا ئوخشاش مۈرىسىنى سەل ئېگىپ ماڭاتتى،
ھەتتا ھەر ئىككىسىنىڭ كۈلۈشلىرى ئوخشاش بولۇپ، سەل ياۋايىراق ئىدى.
دادىسىنىڭ
ئەركە قىزى دۇناشكا قوللىرى ئۇزۇن، كۆزلىرى چوڭ - چوڭ، تېخى بويىغا يەتمىگەن قىز
ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا، پېترونىڭ خوتۇنى دارىيە ۋە ئۇنىڭ ئەمچەكتىكى بالىسىمۇ بار −
مېلېخوفنىڭ پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئاتى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
2
تاڭ چېغىنىڭ
كۈل رەڭ ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار ناھايىتى شالاڭ جىمىرلىشىپ تۇراتتى. بۇلۇتلارنىڭ
ئاستىدىن شامال سىيپىلاپ يۈرەتتى. دون دەرياسىدىن كۆتۈرۈلگەن تۇمان گەج تاغنىڭ
يانباغرىنى ياقىلاپ، باشسىز يىلاندەك يېشىل - كۆك تۈستە تولغىنىپ، يارلىقنىڭ
ئارىسىغا ئۆمىلەپ كىرىپ كەتمەكتە. دوننىڭ سول قىرغىقىدىكى قۇملۇقلار، چاتقاللار،
قومۇش قاپلىغان سازلىقلار، شەبنەم باسقان ئورمانلار − سوغۇق شەپەق نۇرىدا
تاۋلىناتتى. كۈن ئۇپۇقتىن باش كۆتۈرەلمەي، ھالىدىن كەتكەندەك ئىدى.
مېلېخوفلار
ئائىلىسىدە ھەممىدىن بۇرۇن پانتېلې پىروكوفېيېۋىچ ئۇيقۇدىن باش كۆتۈردى. ئۇ كىرېست
گۈللۈك چاقماق كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسىنى ئېتىۋېتىپ، پېشايۋانغا چىقتى. ئوت باسقان
ھويلىغا كۈمۈش شەبنەم چۈشكەنىدى. ماللىرىنى تار كوچىغا قويۇپ بەردى. دارىيە
كۆڭلەكچان ئىنەك سېغىشقا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يالىڭاچ ئاپپاق پاچاقلىرىغا سۈتتەك
شەبنەم چاچرايتتى، ئاياغ ئاستىدا يانجىلغان ئوتلار قوتانغىچە سۇس ئىز قالدۇردى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ دارىيەنىڭ ئايىغى ئاستىدا يانجىلغان ئوتلارنىڭ قايتا باش
كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىردەم كۆزىتىپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
يوغان ئېچىپ
قويۇلغان دېرىزە تۈۋىدە باغچىدىكى گىلاس دەرىخىدىن تۆكۈلگەن چېچەكنىڭ بەرگىلىرى
يەردە قىزىرىپ تۇراتتى. گىرىگورىي قوللىرىنى ئىككى ياققا تاشلاپ، يۈزىنى تۆۋەن
قىلىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
− گىرىشكا،
بېلىق تۇتۇشقا بارامسەن؟
− نېمە دېدىڭ؟
− ئۇ پىچىرلاپ سورىدى - دە، پۇتلىرىنى كارىۋاتتىن چۈشۈردى.
− يۈر، تاڭ
ۋاقتىدا بىردەم ئولتۇرىمىز.
گىرىگورىي
پۇشۇلداپ نىمكەش شالۋۇرىنى قوزۇقتىن ئېلىپ كىيىپ، پۇتلىرىنى ئاپپاق يۇڭ پايپاقنىڭ
ئىچىگە تىقتى، ئاندىن قونچى تۈرۈلۈپ كەتكەن چورۇقىنى ئوڭلاپ بىر ھازادا كىيىپ
بولدى.
− ئانام
قارماققا ئىلىدىغان داننى پىشۇرۇپ قويۇپتۇمۇ؟ − دەپ سورىدى ئۇ بوغۇق ئاۋازدا،
دادىسىنىڭ كەينىدىن چىقىۋېتىپ.
− پىشۇرۇپ
قويدى، سەن قېيىقنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرغىن، مەن ھازىرلا بارىمەن.
بوۋاي دۈملەپ
پىشۇرۇلغان پۇراقلىق داننى كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىگە تۆكتى. تۆكۈلۈپ قالغانلىرىنى
سىيپىلاپ ئالىقىنىغا ئالدى - دە، سول پۇتىغا ئېغىرلىقىنى سېلىپ ئاقسىغان پېتى
پەسكە قاراپ ماڭدى. گىرىگورىي قېيىقتا شۈمشىيىپ ئولتۇراتتى.
− قاياققا
ھەيدەيمەن؟
− قارا
يارلىققا، قايسى كۈنى بېلىق تۇتقان ئاشۇ دەرەخ چۆككەن يەرگە قارماق تاشلاپ
باقىمىز.
قېيىق قۇيرۇقى
بىلەن يەرنى جىجىپ سۇغا چۈشتى - دە، قىرغاقتىن يىراقلىشىپ كەتتى. شىددەتلىك ئېقىن
ئۇنى تەۋرىتىپ، يان تەرەپكە قىيسايتىپ ئاقتۇرۇپ كەتتى. گىرىگورىي پالاقنى سۇدىن
ئالماستىن، ھەيدەپ كېتىۋەردى.
− ھەيدىسەڭچۇ.
− توختاپ تۇر،
ئوتتۇرىسىغىراق بېرىۋالايلى.
قېيىق دەريانىڭ
تېز ئاقىدىغان يېرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، سول قىرغاققا قاراپ يول ئالدى. يېزا تەرەپتىن
خورازلارنىڭ چىللىغان ئاۋازى سۇدا غۇۋا ئاڭلىناتتى. قېيىق سۇنىڭ ئۈستىگە چوقچىيىپ
چىقىپ تۇرغان كېمىرچەك قارا تاشقا يېنى بىلەن ئۇرۇلۇپ ئۆتۈپ، بىر چوڭقۇرلۇققا
كېلىپ توختىدى. قىرغاقتىن بەش سارجىن نېرىدا سۇغا چۆكۈپ تۇرغان قارىياغاچنىڭ ئەگرى
- بۈگرى شاخلىرى چوقچىيىپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا لاي كۆپۈكلەر قاينامدا
ئايلىناتتى.
− يىپنى يەش،
مەن قارماققا دان ئىلىمەن، − دادىسى گىرىگورىيغا پىچىرلىرى - دە، قولىنى ھور چىقىپ
تۇرغان كوزىچاقنىڭ ئىچىگە تىقتى.
سۇغا چېچىلىپ
كەتكەن دان، گويا بىرسى «شىرت!» دېگەندەك ئېنىقلا شىرىلدىدى. گىرىگورىي پىشۇرۇلغان
داننى قارماققا ئىلىۋېتىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
− چۈشۈڭلار،
بېلىقلار، چۈشۈۋېرىڭلار، چوڭ - كىچىك ھەممىڭلار ئىلىنىڭلار.
سۇغا دائىرە
شەكلىدە چۈشكەن قارماق يىپى تارىدەك تارتىلىپ يەنە بوشاشتى. قوغۇشۇنى دەريانىڭ
تېگىگە تېگەي - تېگەي دەپ قالغانىدى، گىرىگورىي قارماق دەستىسىنى پۇتى بىلەن بېسىپ
تۇرۇپ، ئاستا تاماكا خالتىسىنى ئالدى.
− ئىش
ئەپلەشمەيۋاتىدۇ، دادا... ئاي كىچىكلەپ قاپتۇ.
− سەرەڭگە
ئېلىۋالغانمىدىڭ؟
− ھەئە.
− ياندۇر.
بوۋاي
تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇۋېلىپ، سۇغا چۆكۈپ تۇرغان دەرەخ تەرەپتە بىر جايدا قېتىپ
تۇرۇپ قالغان قۇياشقا قاراپ قويدى.
− سازاڭ بېلىق
ھەرقانداق چاغدا قارماققا چۈشۈۋېرىدۇ. بەزىدە ئاي كىچىكلەپ قالسىمۇ چۈشىدۇ.
− ئاجايىپ ئىش،
كىچىك بېلىقلار داننى يەپ قېچىۋاتىدۇ، − دېدى گىرىگورىي خورسىنىپ.
قېيىقنىڭ
يېنىدا بىرنېمە چۇكۇلداپ، سۇ تەۋرىنىپ كەتتى - دە، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز كېلىدىغان،
مىستەك قىپقىزىل بىر بېلىق ئاچا قۇيرۇقىنى سۇدا تولغاپ شالاپلاپ ئۈستىگە چىقتى. قېيىقنىڭ
ئىچىگە سۇ چاچرىدى.
− ئەمدى كۈتۈپ
تۇر! − پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ ھۆل ساقىلىنى يېڭى بىلەن ئېرتتى.
سۇغا چۈكۈپ
تۇرغان قارىياغاچنىڭ يېنىدا ئادەمنىڭ بىلىكىگە ئوخشاش يالىڭاچلىنىپ قالغان
ياپراقسىز شاخلار ئارىسىدا ئىككى سازاڭ بېلىق بىر يولى سەكرەپ چىقتى؛ ئۈچىنچى
كىچىكىرەك بىرسى يارغا ئۆزىنى ئۇرۇپ، پىلتىڭلاشقا باشلىدى.
* * *
گىرىگورىي
تاماكا ئورىغان قەغەزنىڭ نەملەنگەن ئۇچىنى سەۋرسىزلىك بىلەن چاينايتتى، قۇياش
نەيزە بويى كۆتۈرۈلدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ قارماققا ئىلىدىغان داننى ئىشلىتىپ
بولغاندىن كېيىن لەۋلىرىنى كۆڭۈلسىز پۈرۈشتۈرۈپ، مىدىرلىماي تۇرغان قارماق
دەستىسىنىڭ ئۇچىغا كۆز تىكىپ تۇراتتى.
گىرىگورىي
تاماكىسىنىڭ قالدۇقىنى پۇۋ قىلىپ ئاغزىدىن چۈشۈرۈۋەتتى - دە، ئۇنىڭ شىددەت بىلەن
ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقانلىقىغا غەزەپ بىلەن قاراپ قويدى. ئۇ ئۆزىنى ئۇخلىغىلى قويماي
بالدۇرلا ئويغىتىۋەتكەن دادىسىنى ئىچىدە تىللايتتى، ناشتا قىلماي چەككەن تاماكىدىن
ئاغزى قۇيقا پۇرىقىدەك لاۋزىلاشتى. چاڭگىلىدا سۇ ئىچمەكچى بولۇپ ئېڭىشكەنىدى، شۇ
چاغدا سۇدىن يېرىم گەز كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قارماق دەستىسىنىڭ ئۇچى سەل مىدىرلىدى -
دە، ئاستا تۆۋەنگە ئېگىلدى.
− تارت ! −
دېدى بوۋاي بىر ئۇھ تارتىپ.
گىرىگورىي
ئالدىراپ قارماقنى تارتتى، ئەمما قارماق دەستىسىنىڭ ئۇچى شۇئانلا سۇغا كىرىپ
كېتىپ، كاماندەك ئېگىلىپ كەتتى. گويا چاقپەلەكتەك بىرنەرسە زور كۈچ بىلەن قىزىل
دەستىلىك قارماقنى بوي بەرمەستىن پەسكە تارتاتتى.
− چىڭ تۇت! −
دەپ ئىڭرىدى بوۋاي قېيىقنى قىرغاقتىن چەتلەندۈرۈپ.
گىرىگورىي
قانچىلىك كۈچىگەن بولسىمۇ، قارماقنى تارتىۋالالمىدى، يوغان كاناپ شوينا شارتلا
ئۈزۈلۈپ كەتتى، گىرىگورىي مۇۋازىنەتنى يوقىتىپ ئىككى تەرەپكە تەۋرىنىپ كەتتى.
− ئۆزىمۇ
بالادەك زور بىرنېمە ئوخشايدۇ! − دېدى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ قارماققا دان
ئىلەلمەي قولى تىترەپ.
گىرىگورىي
ھاياجان ئىچىدە ھىجىيىپ قويۇپ، باشقا بىر قارماققا يىپ بېكىتىپ سۇغا تاشلىدى.
قارماقنىڭ
چۆكتۈرگۈچىسى سۇنىڭ تېگىگە يېتەر - يەتمەستىن دەستىنىڭ ئۇچى يەنە ئېگىلدى.
− ھەي، شەيتان!
... − دەپ غىڭشىپ قويدى گىرىگورىي ۋە شۇئانلا دەريانىڭ تېز ئاقىدىغان يېرىگە سۆرەپ
كېتىۋاتقان بېلىقنى سۇنىڭ ئاستىدىن مىڭ تەسلىكتە يۇقىرىغا بۇرىۋالدى.
قارماقنىڭ
شوينىسى ۋىشىلداپ سۇنى كەسكەندە، ئۇنىڭ ئارقىسىغا سۇ قىيپاش يېشىل پەردە ھاسىل
قىلاتتى، پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ كالتە بارماقلىرى بىلەن پالاقنىڭ سېپىنى ساز
چالغاندەك تىرىڭشىتاتتى.
− سۇ تەرەپكە
تارت! مەھكەم تۇت، ئۇنداق بولمىغاندا يەنە ئۈزۈۋېتىدۇ!
− ئەلۋەتتە!
يوغان بىر توق
سېرىق سازاڭ سۇنىڭ ئۈستىگە بىر چىقىپلا كۆپۈك پەيدا قىلىپ، ياپىلاق بېشى بىلەن
يەنە سۇغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتى.
− نېمىدېگەن
ئېغىر نەرسە ئۇ، قولۇمنىڭ جېنى قالمىدى... ياق، توختاپ تۇر، سەۋر قىل.
− چىڭ تۇت،
گىرىشكا!
− ھە - ھە، چىڭ
تۇتۇۋاتىمەن!
− قارا،
قېيىقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتمىسۇن!... ھېزى بول !
گىرىگورىي
دېمىنى ئېلىۋېلىپ، يانپاشلاپ قالغان بېلىقنى قېيىقنىڭ يېنىغا سۆرەپ ئەكەلدى. بوۋاي
ئۇنى پالاق بىلەن بىر سالاي دېۋىدى، ئاڭغىچە بېلىق بار كۈچىنى يىغىپ سۇنىڭ چوڭقۇر
يېرىگە بېرىۋالدى.
− بېشىنى سۇدىن
چىقار! ئاغزىغا شامال كىرسۇن، ھازىرلا ياۋاشلىشىپ قالىدۇ.
گىرىگورىي
ھالىدىن كەتكەن بېلىقنى تارتىپ چىقىرىپ، يەنە قېيىقنىڭ يېنىغا سۆرەپ كەلدى. بېلىق
ئاغزىنى ماك - ماك يوغان ئېچىپ، سەنتۈرەكلەپ كەتكەن قېيىقنىڭ باغرىغا تۇمشۇقىنى
بىر ئۇردى - دە، تىنچىپ قالدى، ئۇنىڭ توق سېرىق ئالتۇندەك قاناتلىرى ۋالىلداپ
كەتتى.
− ئەمدى
ئېلىشىشقا ھالى قالمىدى! − دەپ قويدى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ، ئۇنى پالاق بىلەن
ئىتتىرىپ.
ئۇلار يەنە
يېرىم سائەت ئولتۇرۇشتى، بېلىق جېڭى تۈگىگەنىدى.
− قارماقنى
يىغىشتۇر، گىرىشكا، بىزنىڭ تۇتقىنىمىز ئاخىرقىسى بولسا كېرەك، ئەمدى باشقىسىنى
كۈتمەيمىز.
ھەممىنى
يىغىشتۇرۇپ بولۇشتى. گىرىگورىي قېيىقنى قىرغاقتىن ئىتتەردى. يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ
ئۆتكەندە گىرىگورىي دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ بىرنېمە دېمەكچى
بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئەمما بوۋاي ئۈن چىقماستىن، تاغ ئېتىكىدە قاتار
سالپىيىپ ياتقان يېزا ھويلىلىرىغا قاراپ - قاراپ قوياتتى.
− سەن،
گىرىگورىي، مانا شۇ ئاكسىنىيە ئاستاخوۋا بىلەن... − بوۋاي ئايىغى ئاستىدىكى قاپنىڭ
بوغقۇچىنى ئويناپ ئاخىر سۆز باشلىدى.
گىرىگورىي
چوغدەك قىزىرىپ، تەتۈر قارىۋالدى، كۆڭلىكىنىڭ ياقىسى ئاپتاپتا كۆيگەن گۆشلۈك
بوينىغا پېتىپ، ئاپپاق ئىز قالدۇرغانىدى.
− ماڭا قارا،
يىگىت، − دېدى بوۋاي قەھرى بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − مەن سەن بىلەن
چاقچاقلىشىۋاتقىنىم يوق. سىتېپان بىزنىڭ قوشنىمىز بولىدۇ ! ئۇنىڭ ئايالى بىلەن
شوخلۇق قىلىشقا يول قويمايمەن. بۇ ئىش سېنى بىر بالاغا يولۇقتۇرۇشى تۇرغان گەپ.
ئالدىن ئېيتىپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈپ قالسام كالتەك بىلەن دۇمبالايمەن !
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ مۇشتىنى قاتتىق تۈگۈپ، ئىششىق كۆزلىرىنى مىتىلدىتىپ ئوغلىغا قارىدى،
گىرىگورىينىڭ يۈزىدىن قان تامغاندەك تۇيۇلدى.
− ئۆسەك
سۆزلەر، − دەپ غودۇڭشىدى گىرىگورىي دادىسىنىڭ كۆكۈچ رەڭ كۆزىگە تىكىلىپ.
− ئۈنۈڭنى
ئۆچۈر !
− كىشىلەر
نېمىلەرنى توقۇپ چىقارمايدۇ...
− ئاغزىڭنى يۇم
دەيمەن، ئىتنىڭ بالىسى.
گىرىگورىي
پالاقنىڭ ئۈستىدە دۈم يېتىۋالدى. قېيىق ساپچىپ - ساپچىپ يۈرۈشكە باشلىدى،
قۇيرۇقىنىڭ ئارقىسىدا سۇ غىجىملىنىپ ۋىشىلدايتتى.
پىرىستانغا
يەتكۈچە ھەر ئىككىسىدىن ئۈن چىقمىدى. قىرغاققا يېقىن قالغاندا دادىسى يەنە
ئاگاھلاندۇردى:
− ماڭا قارا،
ئېسىڭدىن چىقمىسۇن! ئۇنداق بولمايدىكەن، بۈگۈندىن باشلاپ ئويۇن - تاماشىنى
يىغىشتۇرىسەن، قورۇدىن بىر قەدەم نېرى سىلجىمايسەن، گەپ مانا شۇ.
گىرىگورىي لام
- جىم دېمىدى. ئۇ قېيىقنى جايىغا باغلاۋېتىپ سورىدى:
− بېلىقنى
ئۆيدىكىلەرگە ئەكىرىپ بېرەمدىمەن؟
− سودىگەرلەرگە
ئاپىرىپ سات، − دېدى بوۋاي بىرئاز يۇمشاپ، − تاماكا پۇلى قىلارسەن.
گىرىگورىي
لېۋىنى چىشلەپ، دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئاستا ماڭدى. «نېمە دېسەڭ - دەۋەر، دادا، −
دەيتتى ئۇ ئىچىدە، − پۇتۇمنى چۈشەپ قويساڭمۇ ئويۇن - تاماشىغا بېرىۋېرىمەن.» ئۇ
دادىسىنىڭ قاتتىق گەجگىسىگە غەزەپلىك نەزەر بىلەن تىكىلەتتى.
گىرىگورىي
ئۆيدە بېلىقنىڭ تەنگىلىرىگە يېپىشىپ قالغان قۇمنى ئاۋايلاپ يۇيۇپ، ئاندىن
قۇلىقىدىن تال چىۋىق ئۆتكۈزۈپ چىگدى.
دەرۋازىنىڭ
ئالدىدا ئۆزى بىلەن تەڭقۇر قەدىناس دوستى مىتكا كورشۇنوف بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
مىتكا كۈمۈش توقىلىق كەمىرىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ كېلىۋاتاتتى. ماي باسقان سارغۇچ
يۇمىلاق كۆزلىرى تار چاناقلىرىنىڭ ئىچىدە بېزىرىپ، ئىككى قارىچۇقى مۈشۈكنىڭكىدەك
پارقىراپ تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەرگە تىك قارىيالماي، تىنىمسىز پىرىلداپ تۇراتتى.
− بېلىق
كۆتۈرۈپ قاپسەنغۇ، نەگە ماڭدىڭ؟
− بۈگۈنكى
ئولجا، سودىگەرلەرگە ئەكېتىۋاتىمەن.
−
موخوفلارغىمۇ؟
− ھەئە،
شۇلارغا.
مىتكا كۆز چېنى
بىلەن چامىلاپ:
− ئون بەش پۇت
كېلەرمىكىن؟ − دېدى.
− ئون بەش
يېرىم پۇت، تارازىدا تارتىپ كۆردۈم.
− بىللە بارايمۇ؟
سېتىشىپ بېرەرمەن.
− بارساڭ بار.
−
شېرىنكانىسىنى چىقىرارسەن؟
− بىرنېمە
قىلارمىز. تولا گەپنىڭ مەززىسى يوق.
چۈشلۈك
ئىبادەتتىن قايتقان خەلق كوچىلاردا تارقىلىشىۋاتاتتى.
شامىل دەپ
لەقىمى بار ئۈچ ئاكا - ئۇكىلار يولدا تەڭ قەدەم تاشلاپ يانمۇيان كېلىۋاتاتتى.
چوڭى، قولى
چولاق ئالېكسەي ئوتتۇرىدا ماڭغانىدى. مۇندىرىنىڭ تار، قاتتىق ياقىسى تومۇرى كۆپۈپ
تۇرغان بوينىنى سىقىپ تۇراتتى، سول كۆزى دائىم پىر - پىر ئۇچاتتى. بىر زاماندا
مەشىق مەيدانىدا ئالېكسەينىڭ قولىدىكى مىلتىقى يېرىلىپ كېتىپ، تەپكىنىڭ سۇنۇقى
يۈزىگە تېگىپ، مەڭزىنى مېيىپ قىلىپ قويغانىدى. شۇ چاغدىن تارتىپ كۆزى بىكاردىن -
بىكار پىرىلدايدىغان بولۇپ قالغان، يۈزىدىكى تارتۇقنىڭ بىر ئۇچى چېچىنىڭ قويۇق
يېرىگىچە كىرىپ كەتكەن؛ سول قولى جەينىكىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن. لېكىن، ئالېكسەي بىر
قولى بىلەنمۇ كېلىشتۈرۈپ تاماكا ئوراۋېرەتتى: تاماكا خالتىسىنى كۆكرىكىگە بېسىپ
تۇرۇپ، بىر ئورامغا لايىق قەغەزنى چىشى بىلەن يىرتىۋالاتتى - دە، ئىچىگە تاماكا
سېلىپ، ئۇنى بارمىقى بىلەن نوكەشتەك يۆگەۋېرەتتى. كىشىلەر قاراپ ئۈلگۈرگىچە،
ئالېكسەي ئاللىقاچان يۆگىگەن تاماكىسىنى چىشلەپ، كۆزىنى پىرىلدىتىپ، ئوت سورايتتى.
قولى چولاق
بولسىمۇ، يېزىدا بىرىنچى مۇشتلاشچى ھېسابلىناتتى. ئۇنچىلىك دېگۈدەك چوڭ مۇشتىمۇ
يوق، چوڭلۇقى غوڭ قاپاقچىلىك كېلەتتى؛ بىر كۈنى قوش ھەيدەۋاتقاندا كالا ئۇنىڭ
ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان، ئۇ قامچىسىنى تاپالماي، مۇشتى بىلەن ئۆكۈزنى بىرنى سالغان،
ئۆكۈز شۈدىگەرگە يىقىلىپ، چار پاقىدەك ياتقان، قۇلىقىدىن قان كەتكەن، بىر ھازادا
ئاران ئۆزىگە كەلگەن، قالغان ئىككى ئۇكىسى ئالېكسەيگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى.
بۇلارمۇ پاكار بويلۇق، ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ قوللىرى ساق ئىدى.
گىرىگورىي
شامىللار بىلەن سالاملاشتى، مىتكا شارتلا بېشىنى تولغاپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى
ماسلېنتسا بايرىمىدا مۇشتلاش بولغاندا ئاليۇشا شامىل مىتكىنىڭ ئىككى چىشىنى
تۆكۈۋەتكەنىدى، مۇشتىنى ئايلاندۇرۇپ شۇنداق ئۇرغانىدىكى، بىچارە مىتكا ئىككى
ئېزىقىنى ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئىزى چۈشۈپ قالغان كۆك مۇز ئۈستىگە تۈكۈرۈپ
تاشلىغانىدى.
ئالېكسەي
بۇلارغا يېقىن كەلگەندە، ئارقا - ئارقىدىن بەش قېتىم كۆزىنى قىستى.
− بېلىقىڭنى
ماڭا ساتامسەن؟
− بوپتۇ ئال.
− قانچە پۇل؟
− بىر جۈپ
ئۆكۈز، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنۇڭنى قوشۇپ بېرىسەن.
ئالېكسەي
كۆزىنى قىسىپ، چولاق قولىنى شىلتىدى:
− تەنتەك، ھەي
تەنتىكەي ! ... خا - خا - خا، تېخى خوتۇنىنى... بالىلىرىنىمۇ قوشۇپ ئالارسەن؟
− بالىلىرى
ئۆزۈڭگە قالسۇن، ئۇنداق بولمىغاندا، شامىللارنىڭ نەسلى تۈگەپ كېتىدۇ، − دېدى
گىرىگورىي چاقچاقلىشىپ.
چېركاۋ
ئالدىدىكى مەيداندا خالايىق توپلىشىۋالغانىدى. توپنىڭ ئىچىدە چېركاۋ ئاقساقىلى بىر
غازنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ ۋارقىرايتتى: «يېرىم سوم! كىم ئوشۇقراققا ئالىدۇ؟
سېتىپلا كېتىمەن.»
غاز بوينىنى
ھەر تەرەپكە سوزۇپ، زۇمرەت كۆزلىرىنى يىرگەنگەن ھالدا چىمىلدىتاتتى.
ياندىكى يەنە
بىر توپنىڭ ئىچىدە چاچلىرى ئاقارغان، مەيدىسىگە كىرېست ئوردېنى ۋە مېداللار
تاقىغان بىر قېرى ھەدەپ گەپ ساتاتتى.
− بوۋىمىز
گىرىشاكا تۈركىيە ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى باشلىغان ئوخشايدۇ، − دېدى مىتكا
كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، − بېرىپ ئاڭلامدۇق؟
− ئاڭلايمىز
دېسەك، بېلىق پۇراپ، كۆپۈپ كېتىدۇ.
− كۆپۈپ كەتسە
ئېغىرلىقى ئاشىدۇ، بىزگە پايدا.
مەيداندا، ئوت
ئۆچۈرۈش كوماندىسىنىڭ قاغجىراپ كەتكەن بوچكىلىرى ۋە سۇنغان ھارۋا شوتىلىرى
دۆۋىلىشىپ تۇرغان ئامبارنىڭ ئارقىسىدا موخوفلار ئۆينىڭ يېشىل سىرلانغان ئۆگزىلىرى
كۆرۈنۈپ تۇراتتى. گىرىگورىي لاپاسنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا «تۈفى!» دەۋەتتى - دە،
بۇرنىنى ئېتىۋالدى. بوچكىنىڭ ئارقىسىدىن كەمىرىنى چىشلەپ، شالۋۇرىنىڭ تۈگمىسىنى
ئېتىپ بىر قېرى دوڭغاقلاپ چىقىۋاتاتتى.
− تازا
قىستىغانىكەن - دە؟ − دېدى مىتكا سۆزنى ئېچىتىپ.
قېرى تۈگمىسىنى
ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، كەمەرنى ئاغزىدىن ئالدى.
− ساڭا نېمە
بولدى؟
− بۇرنۇڭنى شۇ
يەرگە تىقىش كېرەك ئىدى؟ ساقىلىڭ بىلەن قوشۇپ! ساقىلىڭ بىلەن! ئۇ چاغدا مومىيىڭ
بىر ھەپتىگىچە تازىلاپ تۈگىتەلمەس ئىدى.
− ئەدىپىڭنى
بېرىمەن، بەچچىخەر! − دېدى بوۋاي رەنجىپ.
مىتكا مۈشۈكتەك
كۆزلىرىنى پىرىلدىتىپ قاراپ تۇراتتى.
− سەن قايسىبىر
ئېسىلزادە ئىدىڭ، يوقال، ئىتنىڭ بالىسى! نېمانچە ئالىيىسەن؟ بولمىسا تاسما بىلەن
سالىمەن!
گىرىگورىي
كۈلگەن پېتى موخوفلارنىڭ پېشايۋىنى ئالدىغا بېرىپ قالدى. ۋادەكلەرنى ياۋا ئۈزۈمنىڭ
تەكلىرى چىرمىغانىدى، ئۇنىڭ ئالا - بۇلا سايىسى پېشايۋانغا چۈشۈپ تۇراتتى.
− كۆردۈڭمۇ،
مىترى؟ ئادەم دېگەن مانا شۇنداق ياشىسا...
− ئىشىكىنىڭ
تۇتقۇچىغىمۇ ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان، − مىتكا ئىشىكنى قىيا ئېچىپ ئايۋانغا قارىدى،
− ھېلىقى بوۋاينى مۇشۇ يەرگە يوللايدىغان گەپ ئىكەن...
− كىم بۇ؟ −
دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ئايۋاندىن.
گىرىگورىي
ئەيمىنىپرەك ئىچكىرىگە بىرىنچى بولۇپ كىردى. سىرلانغان پولنىڭ ئۈستىدە بېلىقنىڭ
قۇيرۇقى سۆرىلىپ قالدى.
− سىلەر كىم
بىلەن كۆرۈشمەكچى؟
بىر قىز
توقۇلما ئورۇندۇقتا تەۋرىنىپ ئولتۇراتتى. قولىدا بىر تەخسە قۇلۇپنىك مېۋىسى بار
ئىدى. گىرىگورىي ئۇنىڭ بىر دانە قۇلۇپنىكنى قىسىپ تۇرغان قىپقىزىل گىلاستەك
لەۋلىرىگە قاراپ بىردەم ئۈن چىقماي تۇردى. قىز بېشىنى ئېگىپ، كەلگەن يىگىتلەرگە
باشتىن - ئاياغ سەپسېلىپ چىقتى.
مىتكا
گىرىگورىيغا ياردەملىشىپ يۆتىلىپ قويدى:
− بېلىق
ئالامسىزلەر؟
− بېلىق؟ مەن
ھازىرلا سوراپ كېلەي.
قىز ئورنىدىن
تۇرۇۋېتىپ، ئورۇندۇقنى تەۋرىتىۋەتتى. پايپاقسىز كىيىۋالغان كەشتىلىك توپلىيىنى
سۆرەپ شىپىلداپ مېڭىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۇققا كۆڭلىكىدىن قۇياش نۇرى ئۆتۈپ، ھەممە
يېرىنى يورۇتۇۋەتتى، كۆڭلەك ئاستىدىن كۆرۈنگەن سېمىز ئاياغلىرىغا ۋە ئىچ
كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىگە تۇتۇلغان جىمجىمدار چىلتىكىگە مىتكىنىڭ كۆزى چۈشتى، ئۇ،
قىزنىڭ پاچاقلىرىنىڭ شايىدەك ئاقلىقىغا ۋە سىلىقلىقىغا ھەيران قالدى، پەقەت
يۇمىلاق تاپانلىرىنىڭ تېرىسى سۈت رەڭگىدەك سارغۇچ ئىدى.
مىتكا
گىرىگورىينى نوقۇپ:
− گىرىشكا،
قارىغىنا، يوپكىسى... ئەينەكتەك، ھەممە يېرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، − دېدى.
قىز دەھلىزنىڭ
ئىشىكىدىن چىقتى - دە، ئاستىلا ئورۇندۇققا ئولتۇردى.
− ئاشخانىغا
ئاپىرىڭلار.
گىرىگورىي
پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مىتكا ئايىغىنى بىر ياققا سۈرۈپ،
كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ قىزنىڭ ئالتۇندەك چاچلىرىنى ئىككى يېرىم دائىرىگە ئاجرىتىپ
تۇرغان بېشىدىكى ئاپپاق ئىزلارغا قارايتتى. قىزمۇ ئۇنىڭ شوخ، ئەنسىز كۆزلىرىگە
نەزەرىنى تىكەتتى.
− سىز مۇشۇ
يەرلىكمۇ؟
− ھەئە. مۇشۇ
يەرلىك.
− كىمنىڭ ئوغلى
بولىسىز؟
− كورشۇنوفنىڭ.
− ئىسمىڭىز
نېمە؟
− مىترى.
قىز، ھال رەڭ تىرناقلىرىغا
سىنچىلاپ قاراپ، پۇتلىرىنى تېزلا يىغىۋالدى.
− ئىككىڭلاردىن
قايسىڭلار بېلىق تۇتىسىلەر؟
− گىرىگورىي
تۇتىدۇ، ئۇ مېنىڭ دوستۇم.
− سىز
تۇتمامسىز؟
− كۆڭلۈم
تارتقان چاغدا مەنمۇ تۇتىمەن.
− قارماق
بىلەنمۇ؟
− قارماق
بىلەنمۇ تۇتىمىز، بىزنىڭچە ئېيتقاندا ئىلگەك بىلەن.
− مېنىڭمۇ
بېلىق تۇتۇشقا بارغۇم بار ئىدى، − دېدى قىز بىرئازدىن كېيىن.
− مەيلى،
قىزىقسىڭىز، بارايلى.
− قانداق
قىلسام بولار؟ ئەمما بۇ سۆزىڭىز راستمۇ؟
− ئەتىگەنرەك
تۇرۇش كېرەك.
− تۇرالايمەن،
ئەمما بىرسى ئويغىتىپ قويسا.
− ئويغىتىپ
قويۇشقا بولىدۇ... ئەمما دادىڭىز نېمە دەركىن؟
− دادام نېمە
دەيتتى؟
مىتكا ھىجىيىپ
قويدى.
− ئوغرى دەپ
ئويلاپ قالماسمۇ... تېخى ئىتلىرىغا تالاتسىچۇ؟
− بۇ گېپىڭىز
ئەخمىقانىلىك؟ مەن بۇلۇڭدىكى ئۆيدە يالغۇز ئۇخلايمەن. دېرىزىسى مانا مۇشۇ، − قىز
بارمىقى بىلەن كۆرسەتتى. − ئەگەر كەلسىڭىز، دېرىزەمنى چېكىڭ، دەرھال تۇرىمەن.
ئاشخانىدىن
چاڭىلدىغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى. بۇ، قورقۇنچاق گىرىگورىي بىلەن مايلىشىپ كەتكەن
يوغان ئاشپەز خوتۇننىڭ ئاۋازى ئىدى.
مىتكا كازاكچە
كەمەرنىڭ قارىيىپ كەتكەن كۈمۈش توقىسىنى ئويناپ جىم تۇراتتى.
− سىز
ئۆيلەنگەنمۇ؟ − دەپ سورىدى قىز سىرلىق تەبەسسۇم بىلەن.
− قانداق
دەيسىز؟
− ئۆزۈمچە
شۇنداقلا سوراپ قويدۇم.
− ياق،
بويتاقمەن.
مىتكا قىزىرىپ
كەتتى، قىز بولسا مېۋىسى يەرگە تۆكۈلگەن قۇلۇپنىكنىڭ شېخىنى ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن
ئويناپ تۇرۇپ سورىدى:
− خوش، مىتە،
قىزلار سىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟
− بەزىلىرى
ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلىرى ياخشى كۆرمەيدۇ.
− ئېيتىڭە،
نېمىشقا كۆزلىرىڭىز مۈشۈكنىڭكىگە ئوخشايدۇ؟
−
مۈشۈكنىڭكىگە؟... − دەپ گاڭگىراپ قالدى مىتكا.
− خۇددى
مۈشۈكنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىكەن.
− ئانامغا
تارتقان بولسام كېرەك... مەندە نېمە گۇناھ؟
− نېمىشقا سىزنى
ئۆيلەپ قويمىدى؟
مىتكا دەرھال
ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى - دە، قىزنىڭ سۆزىدىن ئۆزىنى گەپكە سېلىپ، مازاق
قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، سارغۇچ كۆزلىرىنى مىتىلدىتىپ قويدى.
− كېلىن تېخى
چوڭ بولماپتۇ.
قىز ھەيران
بولۇپ قاشلىرىنى يىمىردى - دە، يۈزى ئوتتەك يېنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
كوچا تەرەپتىن
پەلەمپەي تەرەپكە كېلىۋاتقان قەدەم ئاۋازى ئاڭلاندى.
قىزنىڭ
قوڭغۇراقتەك جىرىڭلىغان يېقىملىق كۈلكىسى مىتكىنى مەپتۇن قىلىپ قويدى. شۇ پەيتتە
غوجايىننىڭ ئۆزى − سېرگەي پىلاتونېۋىچ موخوف كىرىپ كەلدى. سېمىز گەۋدىلىك موخوف
ئازادە چىگرىن بەتىنكىسىنى يېنىك - يېنىك دەسسەپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرغان
مىتكىنىڭ يېنىدىن مەغرۇرلۇق بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.
− مېنىڭ
قېشىمغا كەپتىكەنمۇ؟ − دەپ سورىدى ئۇ بېشىنى بۇرىماستىنلا.
− بېلىق
ئەكەلگەنىكەن، دادا.
گىرىگورىيمۇ
قۇرۇق قول ئاشخانىدىن چىقتى.
3
گىرىگورىي كەچكى
تاماشىدىن باش توخۇ چىللىغان مەھەلدە قايتىپ كەلدى. دەھلىزگە كىرىشى بىلەنلا
ئېچىتقۇ پۇرىقى بىلەن قۇرۇتۇلغان دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ خۇشبۇي ھىدى گۈپۈلدەپ
بۇرنىغا ئۇرۇلدى.
ئۇ پۇتىنىڭ
ئۇچىدا دەسسەپ، ياتاق ئۆيىگە ئۆتۈۋالدى - دە، كىيىم - كېچەكلىرىنى يەشتى، ئىككى
يېنىغا ئۇزۇن جىيەك تارتىلغان بايراملىق شالۋۇرىنى ئاۋايلاپ قوزۇققا ئاستى،
چوقۇنۇپ بولۇپ، ئورنىغا ياتتى. ئاينىڭ ئالتۇن شولىسى چۈشۈپ تۇرغان پولغا دېرىزىدىن
كىرېست شەكلىدە سايە چۈشۈپ تۇراتتى، ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا كەشتە تۇتۇلغان لۆڭگىلەرنىڭ
ئاستىدا غۇۋا پارقىراپ تۇرغان كۈمۈش بۇتلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كارىۋات ئۈستىدىكى
پەردىگە قونغان چىۋىنلەر غۇژۇلدىشىپ قوزغىلىپ كەتتى.
گىرىگورىينىڭ
كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا بارغانىدى، ئاشخانىدىن ئاكىسىنىڭ بوۋاق بالىسىنىڭ يىغلىغان
ئاۋازى ئاڭلاندى.
بۆشۈكى
ياغسىراپ كەتكەن ھارۋىدەك غىچىلداشقا باشلىدى. دارىيە ئۇيقۇلۇق ئاۋاز بىلەن:
− بولدى قىل،
ھارىمى! يا ئۇيقۇ بەرمەيدۇ، يا ئاراملىق، − دەپ كوتۇلدىدى. ئاندىن ئاستا ئەللەي
ئېيتىشقا باشلىدى:
− نەگە قويدۇڭ
ئېتىڭنى؟
− دەرۋازىنىڭ
تېشىدا.
− كۆرۈنمەيدۇ
دەرۋازاڭ؟
− ئېقىپ كەتكەن
تاشقىندا.
شۇ پەيتتە بىر
ئاتنىڭ قاتتىق كىشنىشى گىرىگورىينى ئويغىتىۋەتتى. ئۇ پېترونىڭ ھەربىي سەپتە
مىنىدىغان ئېتى ئىكەنلىكىنى ئاۋازىدىن تونۇدى.
ئۇيقۇلۇقتا
بوشىشىپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئۇزاقتا ئېتىپ بولدى،
ئەمما لەرزان ئېيتىلىۋاتقان ئەللەي ئاۋازى بىلەن يەنە ئۇيقۇغا كېتىپ قالدى:
− قېنى باققان
غازلارىڭ؟
− قومۇشلۇققا
كېتىشتى.
− قومۇشلۇقۇڭ
قەيەردە؟
− قىزلار ئورۇپ
كېتىشتى.
− قىزلار قېنى،
قەيەردە؟
− ئەرگە تېگىپ
كېتىشتى.
− ئەر كازاكلار
قەيەردە؟
− جەڭگە يۈرۈپ
كېتىشتى.
ئۇيقۇ بىلەن
ئېزىلىپ قالغان گىرىگورىي ئات ئېغىلىغا ئارانلا يېتىپ بېرىپ، ئاتنى يېشىپ تار
كوچىغا ئاچىقتى، يۈزىگە يېپىشىۋالغان بىر ئۆمۈچۈك غىدىقىنى كەلتۈرۈپ بىردىنلا
ئۇيقۇسىنى قاچۇردى.
دون دەرياسى
بويلاپ قىيا چۈشكەن ئاي نۇرى، ھېچكىم مېڭىپ باقمىغان ئايدىڭ يول ھاسىل قىلغانىدى.
دون ئۈستىنى تۇمان باسقان، ئاسماننى يۇلتۇز قاپلىغان. ئات ئارقا پۇتلىرىنى
ئاۋايلاپ باسماقتا، سۇغا چۈشىدىغان پەسلىك ناھايىتى يامان ئىدى. نېرىقى تەرەپتىن
ئۆردەكلەرنىڭ غاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، قىرغاق يېنىدىكى توختام سۇدا ئۇششاق
بېلىقنى ئوۋلاپ يۈرگەن لاققا بېلىقلار پىلتىڭلاپ، سۇنى شاپىلدىتىپ ئۈزەتتى.
گىرىگورىي خېلى
ۋاقىتقىچە سۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قالدى. قىرغاقتىن نەم ۋە سېسىق پۇراق كېلەتتى.
ئاتنىڭ ئاغزىدىن سۇ تامچىلايتتى. گىرىگورىينىڭ يۈرىكىدە بىر خۇشلۇق ئورۇن ئالغان،
ئۆزى ناھايىتى خۇش چاغ بولۇپ، ھېچنېمىنى ئويلىغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ
كۈنچىقىش تەرەپكە قارىدى، ئاسمان سۈزۈلۈپ، قاراڭغۇلۇق تارقىلىۋېتىپتۇ.
ئېغىلنىڭ
يېنىدا ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
− گىرىشكىمۇ
سەن؟
− مەن بولماي
كىم بولاتتى.
− ئاتنى
سۇغاردىڭمۇ؟
− سۇغاردىم، −
خالار - خالىماس جاۋاب بەردى گىرىگورىي.
موماي ئۆزىنى
ئارقىغىراق ئېلىپ، ئاندىن ئېتىكىدىكى ئوتۇن - تېزەكلەرنى ئاران - ئاران كۆتۈرۈپ،
قېرىلارغا خاس ياداڭغۇ پۇتلىرىنى شىپىرلىتىپ ماڭاتتى.
−
ئاستاخوفلارنىڭكىگە كىرىپ، سىتېپاننى ئويغىتىپ قويساڭ بولاتتى، ئۇ بىزنىڭ پېترو
بىلەن بىللە ماڭماقچىدى.
سەھەر سالقىنى
گىرىگورىينى توڭدۇرۇپ، تېتىكلەشتۈرۈپ قويدى. بەدىنى چۈمۈلە چاققاندەك چىمىلداپ
كەتتى. ئۈچ سەكرەپلا ئاستاخوفلارنىڭ جاراڭلاپ تۇرىدىغان پېشايۋىنى ئالدىغا بېرىپ
قالدى. ئىشىك ئوچۇق ئىدى، ئاشخانىدا يەرگە سېلىنغان تۆشەكتە سىتېپان ئۇخلاۋېتىپتۇ.
قولتۇقىدا ئايالىنىڭ بېشى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
غۇۋا
قاراڭغۇلۇقتا گىرىگورىي ئاكسىنىيەنىڭ كۆڭلىكى تىزىنىڭ ئۈستىگىچە قايرىلىپ قېلىپ
يوتىسى ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئاپپاق پۇتلىرى ھاياسىزلارچە سوزۇلغانىدى. ئۇ
بىردەم قاراپ، تامىقى قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى. قۇلىقى زىڭىلداپ بېشى ئېغىرلىشىپ
كەتتى.
ئۇياق -
بۇياققا ئوغرىلىقچە كۆز تاشلىدى. ئاندىن ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ خىرىلدىدى:
− ھەي، بۇ
يەردە كىم بار؟ تۇرۇڭلار!
ئاكسىنىيە
چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.
− ۋاي، كىم بۇ؟
كىم كىرگەندۇ؟ − ئاكسىنىيە پايپاسلاپ يالىڭاچ قولى بىلەن ئېتىكىنى تارتىپ
پۇتلىرىنى ياپتى، ئۇيقۇچىلىقتا ئاغزىدىن تامغان شۆلگەيلىرى ياستۇقتا داغ
قالدۇرغانىدى. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ تاڭ ئالدىدا ئۇيقۇسى قاتتىق بولىدۇ.
− بۇ مەن،
ئانام سىلەرنى ئويغىتىشقا ئەۋەتكەنىدى...
− بىز ھازىر
تۇرىمىز... بۇ يەرگە ئاياغ باسقىلى بولمايدۇ... بۈرگە ئارام بەرمەي، ھەممىمىز
پولدا ياتقانىدۇق. سىتېپان تۇرمامسەن، قۇلىقىڭ ئاڭلىمىدىمۇ؟
گىرىگورىي
ئاكسىنىيەنىڭ ئاۋازىدىن ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، دەرھال كېتىشكە
ئالدىرىدى.
* * *
بۇ قېتىم
يېزىدىن ماي ئېيىدىكى يازلىق لاگېرغا ئوتتۇز كازاك ماڭىدىغان بولدى. يىغىلىدىغان
جاي − مەيدان ئىدى. سائەت يەتتە بولاي دېگەندە مەيدانغا ئۈستى بىرېزېنت بىلەن
يېپىلغان ھارۋىلار، يازلىق كاناپ گىمناستوركا كىيگەن، ياراغ ئاسقان پىيادە ۋە
ئاتلىق كازاكلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى.
پېترو
پېشايۋاندا ئالدىراشلىق بىلەن چۇلۋۇرنىڭ سۆكۈلگەن يېرىنى تىكىۋاتاتتى. پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ پېترونىڭ يېنىدا ئاتقا تەڭنە تۇتۇپ سۇلۇ يېگۈزۈۋاتاتتى. ئاندا -
ساندا ۋارقىراپ قوياتتى:
− دۇناشكا،
سۇخارى قاچىلىغان خالتىنى تىكتىڭمۇ؟ مايغا تۇز سەپتىڭمۇ؟
قىزىلگۈلدەك
ئېچىلىپ كەتكەن دۇناشكا ھويلىدا قارلىغاچتەك ئۇچۇپ، ئامبار بىلەن ئۆينىڭ
ئارىلىقىدا چېپىپ يۈرەتتى. ئۇ دادىسىنىڭ جورۇشلىرىغا كۈلۈمسىرەپ قول شىلتىيتتى:
− دادا، سىز
ئۆز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، مەن ئاكامنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى شۇنداق جايلاپ
بېرىمەنكى، چېركاسسىككە بارغۇچە مىدىرلىماي بارىدۇ.
پېترو تاسمىنى
تۈكۈرۈكى بىلەن ھۆللەپ، ئېتىنى ئىما بىلەن كۆرسىتىپ سورىدى:
− يەپ بولدىمۇ؟
− چايناۋاتىدۇ،
− دەپ جاۋاب بەردى دادىسى سىپايىلىق بىلەن، ئۇ قاداق قوللىرى بىلەن ئاتنىڭ
تەرلىكىنى سىلاپ كۆردى. كىچىككىنە بىر ئىش بىلەن − ئۇششاق غەلدى - غەش نەرسە
تەرلىككە يېپىشىپ قېلىش بىلەن بىر مەنزىلگە بارماي تۇرۇپ، ئاتنىڭ دۈمبىسى يېغىر
بولۇشى مۇمكىن.
− بوغۇزىنى يەپ
بولغاندىن كېيىن تورۇقنى سۇغىرىپ قويۇڭ، دادا.
− گىرىشكا
دونغا ئەپچۈشىدۇ. ھەي، گىرىگورىي ئاتنى سۇغىرىپ كەل !
ماڭلىيىدا
يۇلتۇز قاشقىسى بار، بوينى ئۇزۇن نەسىللىك قارا تورۇق ئويناقلاپ تۇراتتى.
گىرىگورىي ئاتنى دەرۋازىنىڭ تېشىغا ئاچىقتى. سول قولى بىلەن يالىدىن تۇتۇپ، شارتلا
ئۈستىگە مىندى - دە، سىلىققىنە يورغىلىتىپ كەتتى. ئۇ پەسكە چۈشىدىغان يەرگە
كەلگەندە تىزگىنىدىن قاتتىق تارتقان بولسىمۇ، ئات بوي بەرمەستىن سۆرەپ، پەسلىككە
چېپىپ چۈشۈپ كەتتى. گىرىگورىي ئارقىسىغا قايتىپ، ھەتتا ئاتنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا
يېتىۋېلىپ، ھە دەپ تىزگىنىنى تارتاتتى، شۇ ئەسنادا دۆڭدىن چېلەك كۆتۈرۈپ
چۈشۈۋاتقان بىر ئايالنى كۆرۈپ قالدى. ئاتنى چەتكە بۇراپ، چاڭ - توزان توزۇتۇپ،
دەريا تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ كەتتى.
ئاكسىنىيە
ئىككى تەرەپكە تەۋرىنىپ دۆڭلۈكتىن چۈشۈۋاتقانىدى، ئۇ يىراقتىنلا ۋارقىراپ كايىشقا
باشلىدى:
− ھەي قۇترىغان
شەيتان! ئاتقا دەسسىتىۋېتىشكە تاس قالدىڭ! توختاپ تۇر، ئاتنى قانداق
چاپتۇرغانلىقىڭنى داداڭغا ئېيتىمەن.
− ھېچ گەپ يوق،
قوشنام، تىللىمىغىن. ئېرىڭنى لاگېرغا ئۇزاتساڭ، مەنمۇ ئىش - پىشلىرىڭغا ياراپ
قالارمەن.
− سەندەك
شەيتاننىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟
− ئوت ئورۇش
باشلانغاندا ئۆزۈڭ يالۋۇرارسەنمىكىن تېخى، − دېدى گىرىگورىي كۈلۈپ.
ئاكسىنىيە
تاختاي بېكىتىلگەن يەردىن ئەپكەش بىلەن چاققانلىق بىلەن چېلىكىنى سۇغا چۆكتۈرۈپ
ئالدى - دە، شامالدا ئۇچۇپ تۇرغان يوپكىسىنىڭ ئېتىكىنى ئىككى تىزى ئارىسىغا قىسىپ،
گىرىگورىيغا قاراپ قويدى.
− قانداق،
سېنىڭ سىتېپانىڭ تەييارلىنىپ بولدىمۇ؟ − دەپ سورىدى گىرىگورىي.
− سېنىڭ نېمە
ئىشىڭ بار؟
− ئاجايىپ
ئىكەنسەن... سوراشقا بولمامدىكەن؟
− تەييارلىنىپ
بولدى. خوش، گېپىڭ بارمۇ؟
− ئۇنداق بولسا
يالغۇز قالىدىكەنسەن - دە؟
− شۇنداق بولسا
كېرەك.
ئات بېشىنى
سۇدىن كۆتۈردى، ئاغزىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان سۇنى چايناپ، دوننىڭ نېرىقى ياقىسىغا
تىكىلىپ، ئالدى پۇتى بىلەن سۇنى چاپچىدى. ئاكسىنىيە ئىككىنچى چېلىكىنىمۇ سۇغا
چۆكۈردى - دە، ئەپكەشنى مۈرىسىگە ئېلىپ، يېنىك - يېنىك تەۋرىنىپ، دۆڭنىڭ ئۈستىگە
مېڭىپ كەتتى. گىرىگورىيمۇ ئېتىغا دەم بېرىپ ئارقىدىن ماڭدى. شامال ئاكسىنىيەنىڭ
يوپكىسىنى يەلپۈيتتى، قارىقۇمچاق بوينىغا چۈشۈپ تۇرغان يىپەكتەك سىلىق ئۆرۈمە
چاچلىرىنى ئوينايتتى. مەشۇت بىلەن گۈل تىكىلگەن تەقىيە دوپپىسى چەمبىرەك چاچلىرى
ئۈستىدە چوغدەك قىزىرىپ تۇراتتى. ھال رەڭ كۆڭلىكى يوپكىسىنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلغان،
بۇ كۆڭلەك ئۇنىڭ لىغىرلاپ تۇرغان دۈمبىسى ۋە تولۇق كەلگەن يەلكىسىگە لىق كەلگەن
بولۇپ، سىپسىلىق تارتىلىپ تۇراتتى. ئاكسىنىيە دۆڭدىن چىقىۋېلىپ، ئالدىغا
ئېڭىشكەندە، دۈمبىسىدىكى نوردەك ئۇزۇنچاق چوڭقۇرچىقى كۆڭلىكىنىڭ ئاستىدىن ئوچۇق
بىلىنىپ تۇراتتى. كۆڭلىكىنىڭ قولتۇق ئاستىلىرى تەر بىلەن سارغىيىپ، داغ بولۇپ
قالغانلىقىنى گىرىگورىي ئوچۇق كۆردى. ئۇ ئاكسىنىيەنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى كۆزلىرى
بىلەن كۆزىتىپ باراتتى. ئۇنىڭ ئاكسىنىيە بىلەن يەنە سۆزلەشكۈسى كەلدى.
− بەلكى،
ئېرىڭنى سېغىنىپ قالارسەنمىكىن - ھە؟
ئاكسىنىيە
كېتىۋېتىپ قايرىلدى - دە، كۈلۈپ قويدى.
− سېغىنمايچۇ
... سەن ئويلاپ باققىنا، − ئاكسىنىيە ھاسىراپ سۆزلەيتتى، − ئاۋۋال ئۆيلەن، يارىڭنى
سېغىنامسەن - يوق، ئاندىن بىلىسەن.
گىرىگورىي
ئېتىنى نىقتاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلەشتى - دە، كۆزلىرىگە تىكىلدى.
− ئەمما بەزى
ئاياللار ئېرىنى ئۇزىتىپ قويغىنىغا تولىمۇ خۇشال بولۇشىدۇ... مەسىلەن، بىزنىڭ
دارىيە پېترو بولمىسا سەمرىشكە باشلايدۇ.
ئاكسىنىيە
بۇرنىنى ئۇچۇرۇپ، تېز - تېز نەپەس ئالاتتى. ئۇ چاچلىرىنى تۈزەپ تۇرۇپ:
− ئەر دېگەن
ئەر ئەمەس، قان شورايدىغان نەرسە، خوش سېنى قاچان ئۆيلەپ قويىمىز؟ − دېدى.
− بىلمەيمەن،
دادام نېمىنى ئويلاۋاتىدىكىن، بەلكىم ئەسكەرلىككە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيلەپ
قويارمىكىن.
− تېخى ياشسەن،
ئۆيلەنمەي تۇر.
− نېمىشقا؟
− بېشىڭغا بالا
بولىدۇ، − ئاكسىنىيە يەر ئاستىدىن قاراپ قويۇپ، لەۋلىرىنى يۇمماستىن، خالار -
خالىماس كۈلۈمسىرىدى، ئەنە شۇ پەيتتە ئۇنىڭ لەۋلىرى بىھايا چاڭقاپ كەتكەن، قېلىن
ئىكەنلىكىنى گىرىگورىي بىرىنچى قېتىم بايقاپ قالدى.
ئۇ ئاتنىڭ يالىنى
تۈزەۋېتىپ:
− ئۆيلەنگۈم
يوق، قانداق بولسۇن بىرەرسى مېنى ياخشى كۆرۈپ قالار، − دېدى.
− نىشانلاپ
قويغىنىڭ بارمۇ؟
− نىشانلاپ
نېمە قىلىمەن؟... سەن مانا سىتېپاننى ئۇزىتىپ قويۇۋاتىسەن...
− سەن مەن
بىلەن ئويناشما!
− ئۇرۇپ
بىرنېمە قىلىۋېتەتتىڭمۇ؟
− سىتېپانغا
ئېيتىمەن...
− سىتېپانىڭنى
مەن...
− ھېزى بول،
جەسۇر يىگىت، كۆزۈڭدىن ياش تامچىلىمىسۇن يەنە.
− مېنى
قورقۇتما، ئاكسىنىيە!
−
قورقۇتۇۋاتقىنىم يوق، سەن قىزلار بىلەن بول. ئۇلار ساڭا قول ياغلىق تىكىپ بەرسۇن.
ماڭا قاراۋەرمە.
− ئەتەي قارايمەن.
− قارىساڭ،
قاراۋەر.
ئاكسىنىيە
ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ قالغاندەك كۈلۈمسىرەپ قويدى - دە، سوقماق يولدىن چىقىپ،
ئاتتىن چەتلەپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. ئەمما، گىرىگورىي ئېتىنى يانغا بۇراپ، يولىنى
توستى.
− يولۇمغا
ماڭغىلى قوي، گىرىشكا!
− ماڭغىلى
قويمايمەن.
− تەنتەكلىك
قىلما، مەن ئېرىمنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى جايلاپ بېرىشىم كېرەك.
گىرىگورىي
كۈلۈمسىرەپ، ئېتىنى ئوينىتاتتى، ئات تېپىرلاپ ئاكسىنىيەنى يارغا قىستاپ قويدى.
− قويۇۋەت
شەيتان، ئەنە ئادەملەر تۇرۇپتۇ! كۆرۈپ قالسا، نېمەدەپ ئويلىشىدۇ؟
ئاكسىنىيە
كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىپ ئۇياق - بۇياققا قاراپ، ھومىيىپ ئۆتۈپ كەتتى،
ئارقىسىغا ئىككىنچى قارىمىدى.
پېشايۋاندا
پېترو ئاتا - ئانا، ئورۇق - تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. گىرىگورىي ئاتنى
ئېگەرلىدى. پېترو قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ پەلەمپەيدىن ئالدىراپ چۈشتى - دە،
گىرىگورىينىڭ قولىدىن تىزگىننى ئالدى.
ئات سەپەرگە
چىقىشىنى سېزىپ، جايىدا جىم تۇرالماي تېپىرلايتتى ۋە يۈگەننىڭ سۇلۇقىنى چايناپ،
ئاغزىنى كۆپۈكلەندۈرەتتى، پېترو پۇتىنى ئۈزەڭگىگە قويۇپ، ئېگەر قېشىنى تۇتتى - دە،
ئاتىسىغا گەپ تاپىلىدى:
− دادا، سەن
ئاتنى ئىشلىتىپ، ھالىدىن كەتكۈزمىگىن! كۈزگىچە سەمرىسۇن − سېتىۋېتىمىز.
گىرىگورىيغىمۇ ئات ئالارمىز. ماڭا قارىغىنا، دالادىكى ئوت - چۆپلەرنى
سېتىۋەتمىگىن، ئاشۇ ئوتلاقتىن قانچىلىك ئوت چىقىشىنى ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن.
− خەير - خوش،
خۇداغا ئامانەت. ئاقيول بولسۇن، − دېدى بوۋاي چوقۇنۇپ.
پېترو ئادەتتىكى
چاققانلىقى بىلەن ئېغىر گەۋدىسىنى لىككىدە ئېگەرنىڭ ئۈستىگە ئالدى. كۆڭلىكىنىڭ
كەمەر بىلەن تارتىشىپ، پۈرلىشىپ كەتكەن ئارقا تەرىپىنى تۈزەپ قويدى. ئات دەرۋازا
تەرەپكە قەدەم تاشلىدى. قىلىچىنىڭ سېپى ئاپتاپتا خىرە پارقىراپ، ئاتنىڭ يورغىلىشى
بىلەن ماس ھالدا تەۋرىنەتتى.
بالىسىنى
كۆتۈرۈۋالغان دارىيە ئېرىگە ئەگەشتى. ئانىسى يېڭى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتۈپ، قىزىرىپ
كەتكەن بۇرنىنى ئېتىكى بىلەن ئېرتىپ، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى.
− ئاكا،
سامسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇق! سامسا! كارتوشكا سامسا!...
دۇناشكا
ئۆچكىگە ئوخشاش دەرۋازا تەرەپكە يۈگۈردى.
− نېمانچە
ۋارقىرايسەن ئەخمەق! − دەپ توۋلىدى گىرىگورىي ئۇنىڭغا ئەلەم بىلەن.
− سامسا قېلىپ
قاپتۇ! − دۇناشكا ئىشىككە يۆلىنىپ ئېسەدەشكە باشلىدى، كۆز يېشى قارا تەگكۈزۈۋالغان
مەڭزىگە، مەڭزىدىن كوپتىسىغا ئاققىلى تۇردى.
دارىيە قولىنى
كۆزىگە تۇتۇپ، چاڭ ئارىسىدا ئاران كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق كۆڭلەكلىك ئېرىنىڭ
ئارقىسىدىن قاراپ قالدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ دەرۋازا ئالدىدىكى لىڭشىپ قالغان
تۈۋرۈكنى مىدىرلىتىپ تۇرۇپ گىرىگورىيغا قارىدى.
− دەرۋازىنى
ئوڭلاپ قوي، بۇرجىكىگە تىرەك ئورنات، − بوۋاي بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن، بىرەر
يېڭى خەۋەرنى يەتكۈزگەندەك قوشۇپ قويدى، − پېترومۇ كەتتى.
گىرىگورىي قاشا
تامنىڭ ئارىلىقىدىن سىتېپاننىڭمۇ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. يېشىل يۇڭ يوپكا
كىيىپ ياسىنىۋالغان ئاكسىنىيە ئۇنىڭغا ئېتىنى ئەكېلىپ بەردى. سىتېپان كۈلۈمسىرەپ
ئۇنىڭغا بىرنېمىلەرنى دېدى. ئۇ ئالدىرىماستىن، ئايالىنى قانغۇدەك سۆيدى ۋە
ئۇزاققىچە قولىنى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئالمىدى. ئاپتاپتا كۆيگەن ۋە ئىشتا قارىيىپ
كەتكەن قولى ئاكسىنىيەنىڭ ئاپپاق كوپتىسى ئۈستىدە قارا كۆسەيدەك كۆرۈنەتتى.
سىتېپان گىرىگورىي تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ چېچى چۈشۈرۈلگەن
چىرايلىق بوينى، كەڭ، بىرئاز ئېگىزرەك يەلكىلىرى قاشا تام ئارىلىقىدىن ئوچۇق
كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئايالىغا ئېڭىشكەندە، تولغىنىپ تۇرغان ساپسېرىق بۇرۇتىنىڭ
ئۇچىنىمۇ كۆرۈش مۇمكىن ئىدى.
ئاكسىنىيە بىر
ئىشقا كۈلگەندەك بولۇپ، ئۇنى ماقۇل تاپمىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. سىتېپان
ئۈزەڭگىگە پۇت قويغاندا ئېگىز قارا ئارغىماق تەۋرىنىپ كەتتى. سىتېپان دەرۋازىدىن
تېز چىقىپ كەتتى، ئۇ ئېگەرنىڭ ئۈستىدە مەھكەم چاپلىشىپ ئولتۇرغانىدى. ئاكسىنىيە
ئۈزەڭگىسىنى تۇتۇپ يېنىدا بىللە ماڭدى، ئۇ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېرىنىڭ
كۆزلىرىگە زوقلىنىپ، تەشنالىق بىلەن باقاتتى.
ئۇلار ئاشۇ
ھالەتتە قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ دوقمۇشقا كەلگەندە بىر - بىرىدىن ئايرىلىشتى.
گىرىگورىي
كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئۇزاققىچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى.
4
كەچكە يېقىن
ھاۋا تۇتۇلۇپ، گۈلدۈرماما باشلاندى. يېزىنىڭ ئۈستىنى قارا بۇلۇت قاپلىدى. شامال
بىلەن قۇترىغان دون دەرياسى ئات يالىدەك دولقۇنلىرى بىلەن قىرغاققا ئۇرۇلاتتى.
بوستانلىقنىڭ ئارقىسىدا چاقماق چېقىپ، ئاسماننى يورۇتۇپ تۇراتتى، گۈلدۈرلىگەن
ئاۋاز يەرنى لەرزىگە كەلتۈرەتتى. بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا چوڭ بىر سار قاناتلىرىنى
كېرىپ ئايلىنىپ يۈرەتتى، بىر توپ قاغىلار قاقىلدىشىپ، ئۇنى قوغلايتتى. غەرب
تەرەپتىن سوغۇق قارا بۇلۇت دون دەرياسىنى بويلاپ كېلىۋاتاتتى. سايلىقنىڭ نېرىقى
تەرىپىدە ئاسمان قارىيىپ دەھشەتلىك تۈس ئالدى. كەڭ دالا بىرنەرسىنى كۈتۈۋاتقاندەك
سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. يېزىدا كىشىلەر ئىشىك - دېرىزىلەرنى تاراقشىتىپ يېپىشقا
باشلىدى، كەچكى ئىبادەتتىن قايتقان مومايلار چوقۇنۇپ، ئۆيلىرىگە ئالدىرىشاتتى،
مەيداننىڭ ئۈستىدە كۈل رەڭ چاڭ - توزان قۇيۇنى كۆتۈرۈلدى، باھارنىڭ تەپتىدىن قۇرۇپ
كەتكەن يەر ئۈستىگە يامغۇر بىرىنچى قېتىم تامچىلىرىنى سېپىشكە باشلىدى.
دۇناشكا ئۆرۈمە
چاچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ ھويلىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، توخۇ كاتىكىنىڭ ئىشىكىنى ئەتتى - دە،
توسۇق ئالدىدا توختاپ قالغان ئاتتەك بۇرنىنىڭ تۆشۈكلىرىنى كېرىپ ھويلىنىڭ
ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ قالدى. كوچىلاردا بالىلار سەكرىشىپ ئويناۋاتاتتى. قوشنا
ھويلىدىكى سەككىز ياشلىق مىشكا بىر پۇتىنىڭ ئۈستىدە زوڭزىيىپ، پىر - پىر
ئايلىناتتى، دادىسىنىڭ يوغان شەپكىسىنى كۆزلىرىگىچە كىيىۋالغان بولۇپ، بېشىدا
پىرقىراپ تۇراتتى، ئۇ چىرقىراپ ناخشا ئېيتاتتى:
يامغۇر ياغقىن
ھەر يانغا،
بىز بارىمىز
بوستانغا.
يېلىنىمىز
خۇداغا،
چوقۇنىمىز
ئىيساغا.
دۇناشكا
گۈرسۈلدىتىپ يەر تېپىپ ئويناۋاتقان مىشكىنىڭ لاي چاچرىغان يالاڭ ئاياغلىرىغا
ھەۋىسى كېلەتتى. ئۇنىڭمۇ يامغۇردا سەكرەپ ئوينىغۇسى، بېشىنى ھۆل قىلغۇسى كېلەتتى،
چاچلىرىنىڭ قويۇق، جىڭگىلەك بولۇپ ئۆسۈشىنى خالايتتى؛ خۇددى مىشكىنىڭ دوستىغا
ئوخشاش تىكەننىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشۈشتىن قورقماي، يولنىڭ چېتىدىكى توپىدا پۇتىنى
ئاسمانغا قىلىپ موللاق ئاتقۇسى كېلەتتى، بىراق ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ، ئاچچىقى
بىلەن لەۋلىرىنى ھىملەيتتى. دۇناشكا خورسىنىپ ئۆيگە چاپتى، يامغۇر چوڭ - چوڭ
تارسىلداپ چۈشكىلى تۇردى. نەق ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە گۈلدۈرماما قاراسلاپ، ساداسى
دوننىڭ نېرىقى تەرىپىگىچە تارقالدى.
دادىسى ۋە
تەرگە چۆمگەن گىرىشكا يۆگەپ قويۇلغان بېلىق تورىنى يان ئۆيدىن تارتىپ
چىقىرىۋاتاتتى.
− كاناپ بىلەن
جۇۋالدۇرۇزنى ئەكەل، تېز بول ! − دەپ بۇيرۇدى گىرىگورىي دۇناشكىغا.
ئاشخانىغا
چىراغ يېقىشتى، دارىيە يورۇقتا ئولتۇرۇپ تورنى تىكىشكە باشلىدى. موماي بالا
تەۋرىتىۋېتىپ غودۇڭشىيتتى:
− سەن قېرىنىڭ
تىنچ ئولتۇرغان ۋاقتىڭنى كۆرگىلى بولارمۇ؟ چىراغنى ئۆچۈرۈپ يېتىڭلار، يەر يېغىنىڭ
نەرخى كۈندىن - كۈنگە ئۆرلەۋاتىدۇ، سەن ھە دەپ يېقىۋېرىسەن. شۇ تاپتا بېلىق
تۇتۇشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ سىلەرگە نېمە بالا تەگدى؟ سۇغا غەرق بولۇپ كەتمەڭلار
يەنە، ھويلىغا چۈشۈۋاتقان ئاللانىڭ دەھشىتىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ خۇدايا توۋا، يا
ئەيسا، ئۆزۈڭ ساقلىغىن، ئەي ئاسماننىڭ مەلىكىسى بۈۋىمەريەم...
ۋال - ۋۇل
چاقماق چېقىپ، كۆكۈچ نۇر ئاشخانىنىڭ ئىچىنى بىر سېكۇنت يورۇتۇۋەتتى. جىمجىتلىق
باشلاندى: ئىشىك - دېرىزىلەرنى يامغۇر تىكىرلىتىۋاتقانلىقى ئېنىق ئاڭلىنىپ
تۇراتتى. ئارقىدىنلا يەنە ھاۋا تاراقلىدى. دۇناشكا ۋايجان دەپ تورنىڭ ئۈستىگە
دۈملا يېتىۋالدى. دارىيە ئىشىك - دېرىزىلەرگە قاراپ، تېز - تېز چوقۇنۇپ قويدى.
موماي
ئايىغىدىكى ئەركىلەۋاتقان مۈشۈككە ئالا چەكمەن بولۇپ قارايتتى.
− دۇناشكا!
ھەيدىسەڭچۇ، مۇنۇ لەنىتىنى... ئەي بۈۋىمەريەم ئانا، گۇناھىمنى كەچۈر، دۇنكا،
مۈشۈكنى ھويلىغا ئاچىقىۋەت. پەش، نېرى كەت، ئىپلاس! سېنى...
گىرىگورىي
قولىدىكى تورنى پەسكە چۈشۈرۈۋېتىپ پىخىلداپ كۈلەتتى.
− نېمە
ۋاتىلداۋېرىسىلەر؟ بولدى قىلىڭلار ! − دەپ ۋارقىراپ قويدى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ.
− قىزلار، تېزرەك تىكىڭلار! قايسى كۈنى تورغا قاراپ قويۇڭلار، دەپ تاپىلاپ
قويغانىدىمغۇ!
− شۇ تاپتا
قانداق بېلىق تۇتىدىغاندۇ؟ − موماي يەنە غودۇڭشىشقا باشلىغانىدى. بىراق، چال ئۇنىڭ
سۆزىنى سىلكىپ تاشلىدى:
− سەن
ئۇقمىغاندىن كېيىن جىم ئولتۇر! ھازىر نەق ستېرلەت بېلىقى تۇتىمىز. بېلىق بوراندىن
قورقۇپ، ئۆزىنى قىرغاققا ئۇرىدۇ. سۇ ئاللىقاچان لېيىغان بولۇشى مۇمكىن. قېنى بول،
دۇناشكا، چىقىپ قۇلاق سالغىنا، ئېرىق شارقىراپ ئېقىۋاتامدىكىن؟
دۇناشكا
خۇشياقمىغاندەك يېنىچە مېڭىپ ئىشىككە چىقتى.
− تورنى كىم
سۆرەيدۇ؟ دارىيە بارمىسۇن، كۆكرىكىگە شامال تېگىپ قالىدۇ، − موماي ھامان سۆزىنى
توختاتمايتتى.
− مەن گىرىشكا
بىلەن سۆرەيمەن، يەنە بىر تورنى سۆرەشكە ئاكسىنىيەنى چاقىرايلى، يەنە بىرەر ئايال
بولسا يېتىدۇ.
دۇناشكا
ھاسىراپ كىرىپ كەلدى. كىرپىكلىرىدە يامغۇر تامچىلىرى تىترەپ تۇراتتى. ئۈستبېشىدىن
نەم قارا تۇپراق پۇرىقى كېلەتتى.
− ئېرىق
شارقىراپ ئېقىۋاتىدۇ، بەك دەھشەت!
− بىز بىلەن بىللە
بارامسەن؟
− يەنە كىم
بارىدۇ؟
− قوشنا
ئاياللارنى چاقىرىمىز.
− بارىمەن!
− ئۇنداق بولسا
چەكمەننى يېپىنىپ ئاكسىنىيەنىڭ قېشىغا يۈگۈر. ناۋادا بارىدىغان بولسا، مالاشكا
فىرولوۋانى چاقىرىۋالسۇن!
− مالاشكىغا
سوغۇق ئۆتۈپ قالماسمۇ؟ − دەپ كۈلدى گىرىگورىي، − ئۆزىمۇ چوشقىدەك سەمرىپ كېتىپتۇ.
− گىرىشۇنكا،
سەن قۇرۇغان ئوتتىن ئېلىۋالغىن، − دېدى ئانىسى، − كۆكرىكىڭگە قويۇۋالىسەن، ئۇنداق
بولمىسا، بەدىنىڭگە سوغۇق ئۆتىدۇ.
− گىرىگورىي،
سەن قۇرۇق ئوت ئەكەل، موماينىڭ ئېيتقىنى ناھايىتى توغرا.
كۆپ ئۆتمەي
دۇناشكا ئاياللارنى باشلاپ كەلدى. ئاكسىنىيە يىرتىق كوپتا بىلەن كۆك يوپكا كىيىپ
بېلىنى تانا بىلەن باغلىۋالغانىدى. تۇرقىدىن پاكار، ئورۇقراق كۆرۈنەتتى. ئۇ دارىيە
بىلەن بىر - بىرىگە كۈلۈشۈپ، بېشىدىن رومىلىنى ئالدى، چېچىنى چەمبىرەك قىلىپ تۈگدى
- دە، رومىلىنى قايتىدىن ئوراۋېتىپ گىرىگورىيغا سوغۇققىنا قاراپ قويدى. سېمىز
مالاشكا بوسۇغىنىڭ ئالدىدا پايپاقلىرىنى چىگىۋاتاتتى، سوغۇق تەگكەن ئاۋازى
خىرىلداپ چىقاتتى:
− قاپ
ئالدىڭمۇ؟ ھەي خۇدايىمەي، بىز بېلىق تۇتقىلى بارىمىزغۇ؟
ھەممەيلەن
ھويلىغا چىقىشتى، لۆمشىپ كەتكەن يەرگە شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى، يىغىلغان
سۇلار كۆپۈكلىشىپ، ئېقىن ھاسىل قىلىپ دونغا ئېقىپ چۈشەتتى.
گىرىگورىي
ئالدىدا ماڭدى، نېمىشقىدۇر ئۇنى خۇشاللىق چۇلغىۋالغانىدى.
− كۆزۈڭگە
قارا، دادا، ئالدىڭدا ئېرىق بار.
− راست
دېگەندەك قاراڭغۇنى قارىمامدىغان!
− مېنى
تۇتۇۋال، ئاكسۇشا، تۈرمىدە بىللە بولىمىز، − دەپ خىرىلداپ كۈلدى مالاشكا.
− ھەي
گىرىگورىي، مۇنۇ مەيدان نىكوفلارنىڭ پىرىستانى ئەمەسمۇ؟
− ھە، شۇ
پىرىستان.
− شۇ يەردىن
باشلايمىز... − دەپ ۋارقىرىدى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ شامالدا ئاۋازىنى چىقىرىشقا
كۈچىنىپ.
− تاغا،
گېپىڭىزنى ئاڭلىيالمىدۇق! − دەپ خىرىلدىدى مالاشكا.
− سوراۋەر،
ئەجرىنى تاپىسەن... چوڭقۇر يەرگە مەن چۈشىمەن. ھەي، ئۆزۈم چۈشىمەن دەۋاتىمەن...
مالاشكا، پاڭ قۇلاق ئالۋاستى، تورنى نەگە تارتىۋاتىسەن؟ چوڭقۇرغا مەن چۈشىمەن!...
گىرىگورىي، گىرىشكا! ئاكسىنىيە تورنى قىرغاقتا تۇرۇپ تاشلىسۇن!
دوننىڭ ئۈستىدە
گۈركىرىگەن ئاۋاز توختىمايتتى. شامال قىيپاش يوپۇرۇلۇپ چۈشۈۋاتقان يامغۇرنى
پارچىلىۋېتەتتى.
گىرىگورىي
ئايىغى بىلەن پايپاسلاپ، بېلىغىچە سۇغا كىردى. سۇ كۆكرىكىگىچە چىقىپ، سوغۇق
جېنىدىن ئۆتتى. دولقۇن يۈزىگە ھەمدە مەھكەم يۇمۇۋالغان كۆزلىرىگە قامچىدەك
تېگەتتى. تور شاردەك قورساق سېلىپ چوڭقۇرلۇققا سۆرەيتتى. گىرىگورىينىڭ يۇڭ پايپاق
كىيىۋالغان پۇتلىرى سۇنىڭ ئاستىدىكى قۇمدا تېيىلىپ كېتەتتى. قولىدىن تور چىقىپ
كېتىشكە تاس - تاماس قالاتتى... سۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئۇنىڭ نېرىسى
پەلەمپەيدەك تىك چوڭقۇرلۇق، ئاياغلىرى تېيىلىپ تۇراتتى. ئېقىم ئۇنى ئوتتۇرىغا
سۆرەيتتى، سۇ بولسا تېگىگە تارتىپ تۇراتتى. گىرىگورىي ئوڭ قولى بىلەن كۈچىنىڭ
بارىچە قىرغاقنىڭ قېشىغا ئۈزەتتى. تېگى يوق ھاڭدەك قاپقاراڭغۇ بىر چوڭقۇرلۇق
ئۇنىڭغا ۋەھىمە سالاتتى، بۇنى ھېچقاچان كۆرمىگەنىدى، ئاخىر پۇتى يۇمشاق يەرگە
تىگىپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى، بىر بېلىق تىزىغا ئۇرۇلدى.
− چوڭقۇر يەرنى
چەتلەپ ئۆت ! − قەيەردىندۇر، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن دادىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى.
تور قىيسىيىپ
يەنە چوڭقۇرلۇققا سۆرەشكە باشلىدى، كۈچلۈك ئېقىن ئايىغى ئاستىدىكى قۇمنى يەنە
ئاقتۇرغىلى تۇردى. گىرىگورىي بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ سۇ ئۈزەتتى ۋە ھە دەپ
تۈكۈرەتتى.
− ئاكسىنىيە،
سەن تىرىكمۇ؟
− ھازىرچە
تىرىكمەن.
− يامغۇر
توختاي دەمدۇ؟
− كىچىكى
توختىسا، دەرھال چوڭى باشلىنىدۇ.
− ئاستىراق گەپ
قىل، دادام ئاڭلىسا تىللايدۇ.
− داداڭدىن
قورقۇپ يۈرەمسەن، تېخى...
بىر مىنۇت
ئارىغا جىمجىتلىق چۈشتى. سۇ خېمىرغا ئوخشاش يېپىشىۋېلىپ مىدىرلاشقا ئىمكان
بەرمەيتتى.
− گىرىشا،
قىرغاقنىڭ تۈۋىدىكى كۆتەكلەرنىڭ ئاستىدا چوڭقۇر كامار بار بولسا كېرەك، تور تاشلاپ
باقايلى.
قورقۇنچلۇق بىر
تۈرتكە گىرىگورىينى يىراققا ئۇلاقتۇرۇپ تاشلىدى. گويا يارنىڭ ئۈستىدىن يوغان خادا
تاش ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك سۇ شالاقشىپ، چايقىلىپ كەتتى. قەيەردىندۇر، قىرغاقنىڭ بىر
يېرىدىن ئاكسىنىيەنىڭ:
− ھو - ھو - ھو
- ھو! − دەپ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
قاتتىق چۆچۈگەن
گىرىگورىي سۇدىن شۇڭغۇپ، ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە ئۈزۈپ كەتتى.
− ئاكسىنىيە!
شامالنىڭ
گۈركىرىگەن ئاۋازى بىلەن سۇنىڭ شاۋقۇنىلا ئاڭلىناتتى.
− ئاكسىنىيە! −
گىرىكورىي قورققىنىدىن تىترەك ئاۋاز بىلەن ۋارقىرايتتى.
− ئە ھەي!
گىرىگو - رىي! − يىراقتىن دادىسىنىڭ غۇۋا ئاۋازى ئاڭلىناتتى.
گىرىگورىي
غۇلىچىنى كەڭ يېيىپ ئۈزۈشكە باشلىدى. پۇتىغا نېمىدۇر، بىرنەرسە يېپىشقاندەك بولدى.
قولى بىلەن تۇتۇپ باققانىدى، تور ئىكەن.
− گىرىشا،
نەدەسەن؟... − ئاكسىنىيەنىڭ يىغلامسىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
− نېمىشقا ئۈن
بەرمىدىڭ؟... − گىرىگورىي ئاچچىقى بىلەن توۋلىدى قىرغاققا يامىشىپ چىقىۋېتىپ.
ئىككىسى
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ چىگىچلىنىپ قالغان تورنى تىترەپ تۇرۇپ يېشىشكە باشلىدى. شۇ
پەيتتە پارچىلانغان بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن ئايمۇ پارقىراپ كۆرۈندى. ساينىڭ نېرىقى
تەرىپىدە گۈلدۈرماما سالماق گۈلدۈرلەۋاتاتتى. يەردىكى سىڭمەي قالغان سۇ يالت -
يۇلت كۆرۈنۈپ قالاتتى. يامغۇر بىلەن تازىلىنىپ قالغان ئاسمان تىنىق ھەم ئوچۇق
ئىدى.
گىرىگورىي
تورنى يېشىۋېتىپ ئاكسىنىيەگە نەزەر سالدى. ئۇنىڭ يۈزى ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەنىدى،
لېكىن سەل - پەل كۆپۈپ قالغان قىپقىزىل لەۋلىرى كۈلۈپ تۇراتتى.
− دولقۇن مېنى
قىرغاققا شۇنداق ئېتىپ ئۇردىكى، − ئاكسىنىيە دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ھېكايە
قىلىشقا باشلىدى، − ئەقلىمدىن ئېزىشقا تاس قالدىم. ئۆلگۈدەك قورقتۇم ! مەن سېنى
تېخى غەرق بولۇپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.
ئۇلارنىڭ
قوللىرى بىر - بىرىگە تېگىپ كەتتى. ئاكسىنىيە قولىنى گىرىگورىينىڭ كۆڭلىكىنىڭ
يېڭىگە تىقىشتۇردى.
− يېڭىڭنىڭ
ئىچى ئەجەب ئىسسىق ئىكەن، − دېدى ئۇ، − مەن بولسام توڭلاپ كېتىپتىمەن، بىقىنىمغا
سانجىق تۇرۇپ كەتتى.
− ئەنە ئاشۇ
لەنىتى لەھەڭ، تورنى تېشىپ قېچىپتۇ!
گىرىگورىي
تورنى يېيىپ كۆردى، لەھەڭ تورنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن توغرىسىغا بىر يېرىم گەز
كېلىدىغان يەرنى تېشىۋەتكەنىدى.
يان تەرەپتىكى
ئېگىزلىكتىن بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. گىرىگورىي ئۇنىڭ دۇناشكا ئىكەنلىكىنى
بايقاپ، يىراقتىنلا ئۇنىڭدىن سورىدى:
− سەندە يىپ
بارمۇ؟
− بار، مانا.
دۇناشكا
ھاسىراپ ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى.
− بۇ يەردە
نېمە قىلىپ ئولتۇرىسىلەر؟ دادام سىلەرنى قىيالىققا دەرھال يېتىپ كەلسۇن دەپ مېنى
ئەۋەتتى. بىز ئۇ يەردە بىر قاپ سىتېرلەت بېلىقى تۇتتۇق! − دۇناشكىنىڭ ئاۋزىدىن بەك
خۇشال بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
ئاكسىنىيە
يىپنى چىشلەپ تۇرۇپ، تورنىڭ تۆشۈكىنى ياماشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار
ئىسسىنىۋېلىش ئۈچۈن قىيالىققا يۈگۈرۈشۈپ كەتتى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ سۇدا ئاپپاق كۆپۈپ كەتكەن بارماقلىرى بىلەن تاماكا ئوراۋاتاتتى. ئۇ
ماختىنىشقا باشلىدى:
− بىر قېتىم
سالغىنىمىزدا سەككىزنى تۇتتۇق، يەنە بىر قېتىمدا... − ئۇ دېمىنى ئېلىۋېلىپ
تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى - دە، ئۈن چىقارماستىن پۇتى بىلەن قاپنى كۆرسەتتى.
ئاكسىنىيە
قىزىقىپ قاپقا قارىدى. جېنى چىڭ سىتېرلەتلەر قاپنىڭ ئىچىدە پىلتىڭلىشاتتى.
− سىلەر
نېمىشقا ئۇ يەردە يۈردۈڭلار؟
− لاتقا بېلىق
تورنى يىرتىپ تاشلىدى.
−
يامىدىڭلارمۇ؟
− ئۇ يەر - بۇ
يېرىنى ئۇلاپ قويدۇق...
− ئۇنداق بولسا
تىزغىچە بىر چۈشەيلى - دە، ئۆيگە قايتايلى، گىرىشكا، تورنى سۆرە، نېمىنى ئويلاپ
تۇرىسەن.
گىرىگورىي
ياغاچتەك قېتىپ كەتكەن پۇتىنى ئاران سۆرەپ ئاستا مېڭىپ كەتتى. ئاكسىنىيە شۇنداق
تىترىدىكى، ئۇنىڭ تىترىگىنىنى گىرىگورىي تور ئارقىلىق سېزىپ تۇردى.
− نېمانچە
تىترەيسەن؟
− شۇنچە
قىلساممۇ ئۆزۈمنى باسالمايۋاتىمەن.
− مانا شۇنداق
گەپ، قوي ئەمدى، چىقىپ كېتىمىز، ئاشۇ بېلىق دېگەن نەرسىگە مىڭ لەنەت!
يوغان بىر
سازاڭ ئۆزىنى تورغا ئۇردى. گىرىگورىي قەدىمىنى تېزلىتىپ، تورنى ئورىدى، ئاندىن
ھالقىسىدىن تارتىشقا باشلىدى، ئاكسىنىيە ئالدىغا ئېڭىشىپ قىرغاققا يۈگۈرۈپ چىقتى.
قۇمنىڭ ئۈستىدە ئارقىغا قايتقان سۇ شىرىلدايتتى. تورنىڭ ئىچىدە بىر بېلىق
تېپىرلايتتى.
− سايلىق بىلەن
ماڭامدۇق؟
− ئورمان بىلەن
ماڭساق يېقىنراق. ھەي، ئۇ يەردىكىلەر تېزرەك بولساڭلارچۇ؟
−
كېتىۋېرىڭلار، ئارقاڭلاردىن يېتىۋالىمىز. مانا، تورنى چايقاۋاتىمىز.
ئاكسىنىيە
چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ يوپكىسىنى سىقتى، ئاندىن بېلىق سېلىنغان قاپنى مۈرىسىگە
يۈدۈۋالدى - دە، تېز - تېز مېڭىپ كەتتى. گىرىگورىي تورنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. يۈز
سارجىن يول ماڭغاندىن كېيىن ئاكسىنىيە ئاھ - ئۇھ قىلىپ:
− ئەمدى
ماڭغۇچىلىكىم قالمىدى! پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى، − دېدى.
− مۇنۇ
بۇلتۇرقى قۇرۇق چۆپنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىسسىنىۋالامسەن؟
− شۇنداق
قىلسام بولامدىكىن، ئۆيگە يېتىۋالغۇچە مۇزلاپ ئۆلىدىغان ئوخشايمەن.
گىرىگورىي ئوت
- چۆپ دۆۋىسىنىڭ ئۈستىنى يان تەرەپكە قايرىپ تاشلاپ، ئارىسىنى يېرىپ چوڭقۇرچاق
ياساپ بەردى. بېسىلىپ كەتكەن ئوتتىن ئىسسىققىنا بىر پۇراق بۇرنىغا ئۇرۇلدى.
− ئارىسىغا
كىرىۋال، مەشنىڭ ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن.
ئاكسىنىيە
قاپنى تاشلىۋېتىپ، بوينىغىچە ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدى.
− ۋاي - ۋۇي،
نېمىدېگەن راھەت!
سوغۇقتىن
لاغىلداپ تىترىگەن گىرىگورىي ئۇنىڭ يېنىدا ياتتى. ئاكسىنىيەنىڭ ھۆللىشىپ كەتكەن
چاچلىرىدىن يېقىملىق پۇراق كېلەتتى. بېشىنى ئارقىسىغا ئېڭىشتۈرۈپ ياتقان ئاكسىنىيە
چالا ئېچىلغان ئاغزىدىن تەكشى نەپەس ئالاتتى.
− چاچلىرىڭدىن
كىشىنى مەست قىلغۇدەك ئاجايىپ پۇراق كېلىۋاتىدۇ، بىلەمسەن، قانداقتۇر ئاق گۈلنىڭ
پۇرىقى... − گىرىگورىي ئېڭىشىپ تۇرۇپ پىچىرلىدى.
ئاكسىنىيە ئۈن
چىقمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ يىراق يىراققا، دۈگىلەك ئاينىڭ گەردىشىگە
تىكىلگەنىدى.
گىرىگورىي
قولىنى يانچۇقىدىن چىقىرىپ، بىردىن ئۇنىڭ بېشىنى ئۆزى تەرەپكە تارتتى. ئاكسىنىيە
چۆچۈپ ئۆزىنى ئارقىسىغا تارتتى - دە، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى.
− قويۇۋەت !
− ئۈنۈڭنى
چىقارما.
− قويۇۋەت
دەيمەن، بولمىسا ۋارقىرايمەن!
− توختاپ تۇر،
ئاكسىنىيە...
− پانتېلېي
تاغا!...
− ھەي، ئېزىپ
قالدىڭلارمۇ؟ − يېقىنلا بىر يەردىن، چاتقاللىق ئارىسىدىن پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
گىرىگورىي
چىشلىرىنى مەھكەم چىشلەپ، ئوتنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ قوپتى.
− نېمىشقا
ۋارقىرايسەن؟ ئېزىپ قالدىڭمۇ؟ − دەپ سورىدى بوۋاي يېقىنراق كېلىپ.
ئاكسىنىيە
چۆپنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، گەجگىسىگە چۈشۈپ قالغان رومىلىنى تۈزەپ، قايتىدىن چىگدى،
ئۈستبېشىدىن ھور چىقاتتى.
− ئېزىقىپمۇ
قالمىدىم، ئەمما قاتتىق مۇزلاپ كەتتىم.
− ۋاي ئەخمەق
ئايال، ئالدىڭدا چۆپ تۇرمامدۇ؟ ئىچىگە كىرىپ ئىسسىنىۋالمامسەن؟
ئاكسىيە
كۈلۈمسىرەپ يەردىن قاپنى ئالدى.
5
لاگېر جايلاشقان
سېتراكوپ يېزىسى ئاتمىش چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. پېترو مېلېخوف بىلەن سىتېپان
ئاستاخوف بىر ھارۋىدا ماڭغانىدى. يەنە بىر يېزىلىق ئۈچ كازاك ئۇلار بىلەن بىللە
ماڭغانىدى، بىرى − قالماق چىراي چوقۇر يىگىت فېدوت بودوۋىسكوف، ئىككىنچىسى −
ئىمتىيازلىق قىسىم ئاتامان پولكىنىڭ ئىككىنچى قارار ئەسكىرى خىرىسانىن توكىن −
لەقىمى خىرىستونە؛ ئۈچىنچىسى − توپچى قىسىم جەڭچىسى ئىۋان تومىلىن بولۇپ،
كېيىنكىسى پىرىسيانوپكا يېزىسىغا كېتىۋاتقانىدى. ئاتلارغا دەسلەپكى بېكەتتە يەم -
خەشەك بېرىلگەندىن كېيىنلا خىرىستونەنىڭ ئىككى ۋېرشوكلۇق ئېتى بىلەن سىتېپاننىڭ
تورۇق ئېتى ھارۋىغا قوشۇلغانىدى. قالغان ئۈچ ئات ئېگەرلەنگەن پېتى ھارۋىسىنىڭ
ئارقىسىدىن ماڭاتتى. ھارۋىنى خىرىستونە ھەيدىدى، ئۇ ئاتامان پولكىنىڭ ھەممە
ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش گەۋدىلىك، ئوچۇق كۆڭۈل كازاك ئىدى. خىرىستونە ھارۋىنىڭ ئالدىدا
مۈكچىيىپ ئولتۇرۇۋالغانلىقتىن ئىچ تەرەپكە يورۇقنى توسۇۋالغانىدى. ھە دېسە يوغان
باس ئاۋازى بىلەن ئاتلارنى قورقۇتاتتى. ئۈستى يېپيېڭى بىرېزېنت بىلەن يېپىلغان
سايىۋەنلىك ھارۋىدا پېترو مېلېخوف، سىتېپان ۋە توپچى ئەسكەر تومىلىن تاماكا
چېكىشىپ ياتاتتى. فېدوت بودوۋىسكوف ئارقىدىن پىيادە ماڭدى؛ مۇنچىلىك بىر چاڭ -
توزان كۆتۈرۈلگەن يولدا ئۆزىنىڭ قالماقچە قىڭغىر پۇتلىرى بىلەن مېڭىش ئۇنىڭغا
ئۇنچىلىك ئېغىر كەلمىگەندەك كۆرۈنەتتى.
خىرىستونەنىڭ
ھارۋىسى ئەڭ ئالدىدا ماڭغانىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە يەتتە ياكى سەككىزچە ھارۋا
ۋە ئېگەرلەنگەن ھەم ئېگەرسىز ئاتلار قاتار سوزۇلۇپ ماڭغانىدى.
يول ئۈستىدە
قاقاھلىغان كۈلكىلەر، ۋارقىراشلار، سوزۇپ ئېيتىلىۋاتقان ناخشىلار، ئاتلارنىڭ
دۈپۈرلىگەن ئاۋازلىرى، ئۈزەڭگىلەرنىڭ جىرىڭلاشلىرى چۆلنى بىر ئالغانىدى.
پېترو سۇخارى
سېلىنغان خالتىنى بېشىغا قويۇپ ياتقانىدى، ئۇ ساپسېرىق شاپ بۇرۇتلىرىنىڭ ئۇچىنى
تولغاپ خىيال سۈرەتتى.
− سىتېپان!
− ھە!
− قېنى
سولداتچىسىغا بىر غەزەل توۋلايلى.
− كۈن ئىسسىق،
تامىقىم قۇرۇپ كەتتى.
− يېقىن
ئەتراپتىكى يېزىلاردا قاۋاق يوق، ئۈمىد كۈتمىسەڭمۇ بولىدۇ!
− ئەمىسە،
باشلا، سەنغۇ تازا ئۇستا ئەمەسسەن، لېكىن گىرىشكاڭنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، تازا
كۆتۈرۈلگەندە كۈمۈشتەك جاراڭلايدۇ، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئويۇن - تاماشىنى قىزىتاتتۇق.
سىتېپان بېشىنى
ئارقىغا تاشلاپ، بىر يۆتىلىۋالدى - دە، پەس جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ناخشىنى باشلىدى:
تاڭ چولپىنى،
ئەي چولپان،
بالدۇر چىقتىڭ
ئاسمانغا.
تومىلىن
ئالىقىنىنى ئايالچىسىغا مەڭزىگە يېقىپ، ئىنچىكە، مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن جورا بولدى.
پېترو كۈلۈمسىرەپ بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى سىلاپ قويدى - دە، كۈچىنىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان
كەڭ يەلكىلىك توپچى ئەسكەرنىڭ چېكە تومۇرلىرى كۆكىرىپ، كۆيۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا كۆز
سالاتتى.
سۇغا ماڭدى ياش
جۇۋان،
كېچىكىپ دەريا
تامانغا.
بېشىنى
خىرىستونە تەرەپكە قويۇپ ياتقان سىتېپان بىر قولىغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇ يېنىغا
ئۆرۈلدى؛ ئۇنىڭ سىپسىلىق، چىرايلىق بوينى قىزىرىپ تۇراتتى.
− خىرىستونە،
قوشۇلغىنا !
يىگىت سەزگەچ
كۆڭلىدە،
ئېتىنى
ئېگەرلەيدۇ...
سىتېپان
پالكۆزلىرىنى پېتروغا تىكىپ ھىجىيىپ قويدى، پېترو بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى ئاغزىدىن
چىقىرىۋېتىپ ناخشىغا قوشۇلدى.
خىرىستونە
ساقال - بۇرۇت باسقان ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، شۇنداق چىرقىراشقا باشلىدىكى، ھارۋىنىڭ
بىرېزېنت سايىۋىنى تىترەپ كەتتى.
تورۇق ئاتنى
چاپتۇرۇپ،
دەرھال قىزنى
قوغلايدۇ...
خىرىستونە بىر
گەز ئۇزۇنلۇقتىكى يالىڭاچ پۇتىنى توغرىسىغا قويۇۋېلىپ، سىتېپاننىڭ قايتا ناخشا
باشلىشىنى كۈتەتتى. سىتېپان كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ، تەر تامچىلىرى قاپلىغان يۈزىنى
سايە تەرەپكە ئېلىپ، زوق - شوق بىلەن ناخشىنى باشلىدى - دە، ئاۋازىنى بىر
پەسەيتىپ، بىر جاراڭلىتىپ، ئەۋجىگە چىقىراتتى:
رۇخسەت قىلغىن
جانان قىز،
ئات سۇغىرىمەن
دەريادىن...
خىرىستونە يەنە
ناخشىغا قوشۇلدى. ئۇ گۇدۇڭ - گۇدۇڭ ئۇرۇلغان چېركاۋ قوڭغۇرىقىدەك بوم ئاۋاز بىلەن
ھەممىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەتتى. ناخشىغا ئارقىدا كېلىۋاتقان ھارۋىدىكىلەرمۇ
قوشۇلدى، تۆمۈر قاپلانغان چاقلار غاچىر - غاچىر ئايلىناتتى، ئاتلار چاڭ - توزاندىن
پۇشقۇراتتى، سوزۇپ ئېيتىلغان ناخشا سادالىرى يول ئۈستىدە دەريا تاشقىنىدەك
ئاقماقتا. قاغجىراپ تۇرغان چۆل يانتاقزارلىقىدا ئاپتاپتا كۆيگەن بېغىر رەڭ
قىياقلار ئارىسىدىن بىر ئاق قاناتلىق قوتان قۇش ئۇچۇپ چىقتى - دە، ھاۋادا
قاقىرلاپ، ئويمانلىققا يول ئالدى. ئۇ بېشىنى بۇراپ، قاتار تىزىلىپ كېتىۋاتقان ئاق
سايىۋەنلىك ھارۋىلارغا، تۇياقلىرى پاغا - پاغا چاڭ - توزان كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان
ئاتلارغا، يولنىڭ ئىككى چېتىدە ئاپپاق كۆڭلەكلىرىگە چاڭ قوندۇرۇپ قەدەم تاشلاپ
ماڭغان ئادەملەرگە زۇمرەت كۆزلىرى بىلەن قاراپ - قاراپ قوياتتى. قوتان ئويمانلىققا
چۈشتى - دە، يىرتقۇچ ھايۋانلار چەيلەپ سولاشتۇرۇپ قويغان ئوتلارغا قاپقارا باغرىنى
يېقىپ جىم يېتىۋالدى، يولدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگۈسى كەلمىدى. يولدا
بولسا ھارۋىلار ھامان گۈلدۈر - گۈلدۈر ئاۋاز بىلەن ماڭماقتا، تەرگە چۆمگەن
ئېگەرلىك ئاتلار ھامان خۇشياقمىغاندەك قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى. پەقەت سۈر
كۆڭلەكلىك كازاكلار ئۆزلىرىنىڭ ھارۋىسىدىن ئالدىنقى ھارۋىغا چېپىپ بېرىپ، بۇ ھارۋىنى
ئورىۋالدى - دە، قاقاھلاپ كۈلۈشكە باشلىدى.
سىتېپان بىر
قولى بىلەن بىرېزېنت سايىۋەننىڭ ئۈستىنى تۇتۇۋېلىپ، ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئۆرە
تۇرۇۋالدى، يەنە بىر قولىنى ناخشىغا ماسلاشتۇرۇپ، قىسقا - قىسقا شىلتىپ قوياتتى،
ئۇنىڭ ئاغزىدىن قوشاق ئۇششاق يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى:
ئولتۇرمىغىن
يېنىمغا،
ئولتۇرمىغىن
يېنىمغا،
خەلق ئىچىدە
بولۇر گەپ،
سېنى ماڭا
كۆيگەن دەپ،
كېلىۋالساڭ
يېنىمغا،
ئويلار سېنى
كۆيگەن دەپ،
كېلىۋالساڭ
يېنىمغا.
ئاددىي ئەۋلاد
ئەمەسمەن...
ئۇنىڭغا
ئونلىغان كىشىلەرنىڭ يىرىك ئاۋازلىرى جور بولدى، بۇ ئاۋازلار يولنى چاڭ كەلتۈردى:
ئاددىي ئەۋلاد
ئەمەسمەن،
ئاددىي ئەۋلاد
ئەمەسمەن،
ۋۇروۋىسكى
زاتىمەن،
ۋۇروۋىسكى
زاتىمەن،
ئاددىي ئەۋلاد
ئەمەسمەن،
بەگزادىنى
سۆيىمەن.
فېدوت
بودوۋىسكوف ئىسقىرتىشقا باشلىدى؛ ئاتلار ئۈركۈپ ھارۋىنىڭ شوتىسىدىن يۇلقۇنۇپ زوڭ ئولتۇرۇپ
قالدى. پېترو سايىۋەندىن بېشىنى چىقىرىپ، شەپكىسىنى سىلكىپ كۈلۈشكە باشلىدى.
سىتېپان شوخلۇق بىلەن يەلكىسىنى ئۇچۇرۇپ كۈلۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. يول
بويى چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ باراتتى؛ خىرىستونە بولسا ئۇزۇن كۆڭلىكىدىن كەمىرىنى
يېشىپ تاشلاپ، پەشلىرىنى يەلپۈلدىتىپ، تەرگە چۆمۈپ، زوڭزىيىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ
كەتتى. ئۇ بىر قاش ئېتىپ چاقپەلەكتەك پىرقىرىسا، بىر ئۇھ - ئۇھلاپ كازاكچە
پەدىسىگە يەر تېپىپ ئوينايتتى، يىپەكتەك يۇمشاق چاڭ قونغان يول ئۈستىدە ئۇنىڭ
يالاڭ ئاياغ پۇتلىرىنىڭ ئالىقانلىرى ئاجايىپ ئىز قالدۇراتتى.
6
كازاكلار،
سېرىق قۇم باسقان تاقىر بىر قورغاننىڭ يېنىدا تۈنەش ئۈچۈن توختاشتى.
غەربتىن بۇلۇت
بېسىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ قارا قاناتلىرىدىن يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى.
ئاتلارنى كۆلدە سۇغىرىشتى. تۇغان ئۈستىدىكى غەمكىن تاللار شامالدا ئېگىلىپ تەزىم
قىلىشاتتى. ئۈستىنى يېشىل لەش باسقان ۋە ئۇششاق دولقۇن تەڭگىچىلىرى پارقىراپ
تۇرغان سۇنىڭ يۈزىدە چاقماق ئۇچقۇنلار ئەكس ئېتەتتى. شامال بېخىللىق بىلەن ئانچە -
مۇنچە يامغۇر تامچىلىرىنى چېچىپ، گويا قاغجىراپ كەتكەن قارا يەرنىڭ ئالىقىنىغا
نەزىر سەدىقىسىنى بەرگەندەك قىلاتتى.
چۈشەپ قويۇلغان
ئاتلار ئوتلاققا قويۇۋېتىلدى، ئۈچ ئادەم قاراۋۇللۇققا بەلگىلەندى. قالغانلار ئوت
قالاپ، ھارۋا شوتىلىرىغا قازان ئېسىشقا كىرىشتى.
خىرىستونە
تاماق ئەتتى. ئۇ چۆمۈچ بىلەن قازاننى قوچۇپ تۇرۇپ، ئەتراپتا ئولتۇرغان كازاكلارغا
ھېكايە سۆزلەپ بېرەتتى:
− ... خۇددى
مۇشۇنداق ئېگىز بىر قورغان ئىدى. مەن مەرھۇم دادامغا: «بىز ھېچقانداق رۇخسەت
ئالماستىن بۇ قورغاننى قېزىشقا باشلىساق، ئاتامان بىزنى جازالىماسمۇ؟» دېدىم.
− ئۇ يەنە نېمە
توغرۇلۇق گەپ سېتىۋاتىدۇ؟ − دەپ سورىدى ئاتنىڭ يېنىدىن كەلگەن سىتېپان.
− ئاتام رەھمەتلىك
بىلەن (جايى جەننەتتە بولسۇن) غايىب خەزىنە ئىزدىگەنلىكىمىزنى سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن.
− ئۇنى نەدىن
ئىزدىگەنىدىڭلار؟
− ھەي بۇرادەر،
ئۇنى ئاۋۇ فېتسوف سايلىقىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىن ئىزدىگەنىدۇق. سەنمۇ بىلىسەن −
مېركۇلوف قورغىنىنى...
− ھە - ھە... −
سىتېپان زوڭزىيىپ ئولتۇردى - دە، ئالىقىنىغا بىر تال چوغ ئالدى. ئاندىن ئوتنى
ئالىقىنىدا ئايلاندۇرۇپ پۈۋلەپ، تاماكىسىنى ئاران تۇتاشتۇرۇۋالدى.
− شۇنداق، بىر
كۈنى دادام: «يۈر، خىرىستىيان، مېركۇلوف قورغىنىنى قازىمىز» دېگەنىدى. ئۇ چوڭ
دادامدىن شۇ يەردە غايىب خەزىنە بارلىقىنى ئاڭلىغانىكەن، ئەمما خەزىنە ھەر كىمگە
ئۇچراۋەرمەيدۇ. دادام خۇداغا يالۋۇرۇپ، «ئەگەر شۇ خەزىنىنى ماڭا بەرسەڭ، چىرايلىق
بىر چېركاۋ سالدۇراتتىم» دەپ ۋەدە قىلغان. خوش، ئاتام بىلەن ئىككىمىز شۇ قارارغا
كېلىپ، ئاشۇ قورغانغا يول ئالدۇق. بۇ جاي چوڭ بىر يېزىغا قاراشلىق بولغانلىقتىن،
پەقەت ئاتاماندىن ئەندىشە قىلاتتۇق. كەچقۇرۇن يېتىپ باردۇق، قاراڭغۇ چۈشۈشنى كۈتۈپ
تۇردۇق؛ بايتالنىڭ پۇتىنى چۈشەپ قويۇپ، ئۆزىمىز گۈرجەكلەرنى ئېلىپ، قورغاننىڭ
تۆپىسىگە چىقتۇق - دە، قاپ ئۈستىدىن بۇزۇشقا باشلىدۇق. بىر - ئىككى گەزچە ئورا كولىغانىدۇق
− نەق تەشتەكلا چىقتى، ئەلمىساقتىن بېرى قېتىپ تاشقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. مەن
تەرلەپ، سۇ بولۇپ كەتتىم. دادام ھە دەپ پىچىرلاپ دۇئا ئوقۇيتتى، ئەمما بۇرادەرلەر،
ئىشەنسەڭلار، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئىچىمدە تولغاق پەيدا بولدىكى... ياز ۋاقتىدا
يەيدىغىنىمىز ئۆزۈڭلەرگە مەلۇم، قېتىق بىلەن كۇۋاس... قورسىقىم شۇنداق تولغاپ
ئاغرىشقا باشلىدىكى، كۆزۈمگە ئەجەل كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولغىنىنى
سورىمايلا قويۇڭلار! دادام رەھمەتلىك، جايى جەننەتتە بولسۇن، مۇنداق دېدى: «تۈفى،
ئىپلاس، مەن دۇئا ئوقۇۋاتسام، سەن بىردەم ئىچىڭنى چىڭ تۇتساڭ بولماسمىدى، ھۇ ھارام
ئۆلگۈر، ئوقۇغانلىرىم بىكارغا كەتتى... يوقال... قورغاندىن چۈشۈپ كەت، بولمىسا
گۈرجەك بىلەن بېشىڭنى يېرىۋېتىمەن، سېنىڭ كاساپىتىڭ بىلەن خەزىنە يەرنىڭ تېگىگە
كىرىپ كېتىشى مۇمكىن...» مەن قورغاندىن چۈشۈپ پەستە ياتتىم. قورسىقىمنى تولغاق
تۇتۇپ ئازابلىناتتىم، كېيىن سانجىق تۇتتى. دادام رەھمەتلىك ساغلام، كۈچلۈك ئادەم
ئىدى! يالغۇز ئۆزى قېزىشقا باشلىدى. بىرمۇنچە قازغاندىن كېيىن تاش تاختا
كۆرۈنۈپتۇ... دادام مېنى چاقىردى. مەن لوم تۆمۈرنى پىشاڭ قىلىپ ئاستىدىن
كۆتۈردۈم... ئىشەنسەڭلار، بۇرادەرلەر، ئاپپاق ئايدىڭ ئىدى، تاش تاختىنىڭ ئاستىدىن
بىرنەرسە يالت قىلىپ پارقىراپ كەتتى...
− يالغاننى
توقۇۋېرىسەن - دە، خىرىستونە ! − پېترو چىداپ تۇرالماي، بۇرۇتىنى تولغاپ، ھىجىيىپ
قويدى.
− «يالغاننى
توقۇش» دېگەن نېمە؟ بار، ئىشىڭنى قىلغىنا، سەن! − خىرىستونە كەڭ شالۋۇرىنى يۇقىرى
كۆتۈرۈپ قويدى - دە، ئاڭلىغۇچىلارغا بىر قۇر كۆز سېلىپ چىقتى، − ياق، يالغان
ئېيتىۋاتقىنىم يوق! خۇدا ھەققى راست گەپ!
− ماقۇل،
ئاخىرىنى ئېيتىۋەر!
− شۇنداق،
بۇرادەرلەر، يالت - يۇلت قىلىپ قالدى. مەن سىنچىلاپ قارىسام، قاپقارا كۆمۈر ئىكەن.
چامامدا ئۇ يەردىكى كۆمۈر قىرىق چېلەك كېلەر. دادام: «قېنى، چۈش، خىرىستىيان،
گۈرجەك بىلەن تۆپىگە تاشلاۋەر» دېدى. ئورىغا چۈشتۈم، مەن كولاپ تاشلاۋەردىم، تاكى
تاڭ ئاتقۇچە كولىدىم. ئەتىسى ئەتىگەن شۇنداق قارىسام، ئۈستىمىزدە ئاشۇ ئادەم
تۇرۇپتۇ.
− كىم؟ − دەپ
سورىدى يوپۇقنىڭ ئۈستىدە ياتقان تومىلىن.
− كىم بولاتتى،
ئاتامان. ئۇ پوچتىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانىكەن. بىزنى كۆرۈپ: «كىم رۇخسەت قىلدى، ھەي
پالانچى - پۇستانچى!» دەپ ۋارقىرىدى. بىز ئۈن چىقمىدۇق. ئۇ بىزنىمۇ ھارۋىسىغا
بېسىپ يېزا بازىرىغا ئېلىپ باردى. ئۇزاقى يىلى بىزنى كامىنىسكى يېزىسىغا سوتقا
چاقىردى. لېكىن، دادام بۇنى بىلگەندەك، ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى. بىز، ئۇ كىشى دۇنيادىن
ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بارالمايدۇ، دەپ قەغەز ئارقىلىق مەلۇمات يېزىپ قۇتۇلدۇق.
خىرىستونە
قازاندىكى ھور چىقىپ تۇرغان شويلىنى يەرگە چۈشۈردى - دە، قوشۇق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن
ھارۋا تەرەپكە كەتتى.
− كېيىن ئاتاڭ
قانداق قىلدى؟ چېركاۋ سالىمەن دەپ ۋەدە قىلغانىكەن، قېنى سالماپتۇغۇ؟ − دەپ سورىدى
سىتېپان، خىرىستونە قوشۇق ئەكەلگەندىن كېيىن.
− تازا ئەخمەق
ئىكەنسەن، سىتيوپا، قاپقارا كۆمۈر ئۈچۈن چېركاۋ سالاتتۇقمۇ؟
− ۋەدە
قىلغاندىن كېيىن، سېلىش كېرەك - دە.
− بىز خەزىنە
چىقسا، دەپ ۋەدە قىلغان، ھېچبىر كۆمۈر توغرۇلۇق گەپ بولغان ئەمەس.
قاقاھلىغان كۈلكىدىن ئوت لاۋۇلداپ كەتتى. خىرىستونە قازاننىڭ ئۈستىدىن ساددا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىشنىڭ نېمىلىكىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەي، كازاكلارغا قوشۇلۇپ كۈلدى - دە، ھەممىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشتى.
7
ئاكسىنىيەنى
ئون يەتتە ياشقا كىرگەندە سىتېپانغا ياتلىق قىلىشقانىدى. ئۇ دوننىڭ نېرىقى
تەرىپىدىكى قۇملۇق دۇبروۋكا يېزىسىدىن كېلىن بولۇپ چۈشكەنىدى.
تۇرمۇشقا
چىقىشتىن بىر يىل بۇرۇن كۈز پەسلىدە ئۇ يېزىدىن سەككىز چاقىرىم نېرىدىكى دالادا
يەر ھەيدەۋاتقانىدى. بىر كېچىسى ئۇنىڭ دادىسى ئەللىك ياشقا كىرگەن قېرى ئۇنىڭ
قوللىرىنى چۇلۋۇر بىلەن باغلاپ، نومۇسىغا تەگدى.
− بىرسىگە
ئېيتساڭ، ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ئەگەر ئۈن چىقماي كېتىۋەرسەڭ، دۇخاۋا كوپتا، قونچلۇق
بەتىنكە، كالاچ ئېلىپ بېرىمەن. ئېسىڭدە بولسۇن، ئەگەر غىدىڭ - پىدىڭ دېسەڭ
ئۆلتۈرۈۋېتىمەن... − دەپ تەھدىت سالدى قېرى.
كېچىسى
ئاكسىنىيە يىرتىلىپ ئەبجىقى چىققان ئىچ كۆڭلىكى بىلەنلا يېزىغا قېچىپ كەلدى.
ئانىسىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ، ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى... ئانىسى ۋە
ئاتامان پولكىدا خىزمەت قىلىپ، يېقىندا ھەربىيلىكتىن قايتقان ئاكىسى دەرھال
ھارۋىنى قوشتى، ئاكسىنىيەنىمۇ ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇشتى - دە، ئاشۇ يەرگە، دادىسىنىڭ
قېشىغا يۈرۈپ كەتتى. ئاكىسى سەككىز چاقىرىم يەرگە يېتىپ بارغۇچە ئاتلارنى قامچىلاپ
ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالدى. دادىسىنى كەپىنىڭ يېنىدىن تېپىشتى. ئۇ چەكمىنىنى
ئاستىغا سېلىپ مەست پېتى ئۇخلاۋاتقانىكەن، ئالدىدا بوشىغان ھاراق شېشىسى يېتىپتۇ.
ئاكسىنىيەنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاكىسى ھارۋىدىن بىر تال كالتەكنى سۇغۇرۇۋالدى،
ئۇخلاۋاتقان دادىسىنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى، ئۇنىڭدىن قىسقىلا گەپ سورىدى - دە، ھېلىقى
ياغاچ بىلەن قاڭشىرىغا ئۇردى. ئانىسى بىلەن ئاكىسى ئۇنى بىر يېرىم سائەت راسا
دۇمبالىدى. ئۆمۈر بويى ياۋاش ئۆتكەن بۇ ياشانغان ئانا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا جان -
جەھلى بىلەن ئېرىنىڭ چاچلىرىنى يۇلاتتى، ئاكىسى ھە دەپ پۇتى بىلەن تېپەتتى،
ئاكسىنىيە ھارۋىنىڭ ئاستىدا بېشىنى پۈركىۋېلىپ، ئۈن چىقماي، لاغىلداپ تىترەيتتى...
تاڭ يورۇش ئالدىدا قېرىنى ئۆيگە ئەكېلىشتى. ئۇ سەكراتتا قىينىلىپ ئىڭرايتتى،
كۆزلىرى چانىقىنىڭ ئىچىدە غىرىلداپ، يوشۇرۇنۇۋالغان ئاكسىنىيەنى ئىزدەيتتى. يۇلۇپ
تاشلانغان قۇلىقىدىن ياستۇقنىڭ ئۈستىگە قان - زەرداب تامچىلايتتى. قېرى كەچكە
يېقىن ئۆلدى. كىشىلەرگە «قاتتىق مەست ئىكەن، ھارۋىدىن يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ» دەپ
ئۇقتۇرۇشتى.
بىر يىلدىن
كېيىن بىر ياسىداق ھارۋىدا ئاكسىنىيەنى كۆرۈش ئۈچۈن ساۋچىلار كېلىشتى. ئېگىز
بويلۇق، قەددى - قامىتى كېلىشكەن سىتېپان كېلىنگە ياقتى. توينى كەچ كۈزدە
ئۆتكۈزمەكچى بولۇشتى. ھەش - پەش دېگۈچە كۈزمۇ كېلىپ قالدى. قىش كىرىش ئالدىدا،
سوغۇق ئۇرۇپ تۇرغان، دەريادا مۇزلار جىرىڭلاپ ئېقىشقا باشلىغان ئاجايىپ كۆڭۈللۈك
بىر كۈنى ئىككى ياشنىڭ باشلىرىنى قوشۇپ قويۇشتى. مانا شۇ چاغدىن تارتىپ ئاكسىنىيە
ئاستاخوفلار ئائىلىسىگە كۆچۈرۈلۈپ، بۇ ئۆينىڭ ياش غوجايىنى بولۇپ قالدى.
قېيىنئانىسى قانداقتۇر بىر ئاياللار كېسىلى بىلەن قاتتىق ئاغرىپ، مۈكچىيىپ قالغان
ئېگىز بويلۇق ئايال ئىدى. ئۇ توينىڭ ئەتىسىلا سەھەردە ئاكسىنىيەنى ئويغىتىپ،
ئاشخانىغا ئەكىردى - دە، لاخشىگىرنى بىكارلا نېرى - بېرى سۈرۈپ قويۇپ گەپ باشلىدى:
− خوش،
سۆيۈملۈك كېلىنىم، بىز سېنى چۈشكىچە نازلىنىپ ياتسۇن دەپ كېلىن قىلىپ ئەكەلگىنىمىز
يوق، ماڭ يۈگۈر، ئىنەكنى ساغ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەشنىڭ يېنىدا تاماق ئېتىسەن، مەن
قېرىپ، كۈچۈمدىن قالدىم، ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز قولۇڭغا ئال، پۈتۈن ئىش ئەمدى سېنىڭ
زىممەڭگە چۈشتى.
شۇ كۈنىلا
سىتېپان ياش ئايالىنى ئامبارنىڭ ئىچىگە قاماپ غەرەزلىك ھالدا قاتتىق ئۇردى.
ئاكسىنىيەنىڭ قورسىقىغا، كۆكرىكىگە ۋە دۈمبىسىگە مۇشتلىدى. ئەتەي كىشى كۆرمەيدىغان
ئاشۇنداق جايلىرىغا ئۇردى. شۇ چاغدىن تارتىپ سىتېپان ئويۇن - تاماشىغا
بېرىلىدىغان، سالپا - ساياق تۇل خوتۇنلار بىلەن يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. ھەر
ئاخشىمى دېگۈدەك ئاكسىنىيەنى ئامبارنىڭ ئىچىگە ياكى ھۇجرىغا قاماپ قويۇپ، ئۆزى
چىقىپ كېتەتتى.
ئارىدىن بىر
يېرىم يىل ئۆتۈپ، ئاكسىنىيە بالا تۇغقاندىن كېيىن، ئۇ ئاران ئەلىمىنى ئىچىگە
يۇتۇپ، بىرئاز تىنچىپ قالدى، لېكىن ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا يەنىلا بېخىللىق
قىلاتتى، ئاۋۋالقىدەكلا ئۆيدە ئاز قوناتتى.
ئائىلە
ئىگىلىكى چوڭ بولۇپ، مال - قارىلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، ئاكسىنىيە ھەمىشە ئىش بىلەن
بەند ئىدى، سىتېپان خۇشياقسا ئىشلەپ، بولمىسا چېچىنى تاراپ، ئۈلپەتلىرى بىلەن
تاماكا چېكىشكە، قارتا ئويناش ۋە يېزا يېڭىلىقلىرى توغرۇلۇق گەپ ئاڭلاشقا ئۆيدىن
چىقىپ كېتەتتى. مالغا قاراش، ئېغىل تازىلاش، ئائىلە ئىشلىرىنى يولغا سېلىش
ئاكسىنىيەگە قالغانىدى. قېيىنئانا تۈزۈك ياردەملىشەلمەيتتى. بۇ ئايال ئازراق
پالاقلاپ قويۇپ، ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلايتتى - دە، سولغۇن لەۋلىرىنى ئۈمچەيتىپ،
ئاغرىققا چىدىيالماي، كۆزلىرىنى تورۇسقا تىكىپ، تۈگۈلۈپ ئىڭرايتتى، مۇنداق
پەيتلەردە قاپقارا سۆگەل باسقان يۈزى تەرگە چۆمەتتى، كۆزلىرىگە ياش تولۇپ،
تامچىلاپ چۈشۈشكە باشلايتتى. ئاكسىنىيەنىڭ قولى ئىشقا بارماي، بىر بۇرجەككە
تىقىلىۋېلىپ، قورقۇش ۋە ئېچىنىش بىلەن قېيىنئانىسىنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇراتتى.
بىر يېرىم يىلدىن
كېيىن موماي ۋاپات بولدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئاكسىنىيەنىڭ تولغىقى باشلانغانىدى،
ئەمما چۈشكە يېقىن، بالا چۈشۈشتىن بىر سائەت بۇرۇن قېيىنئانىسى مېڭىپ كېتىۋېتىپ،
كونا ئات ئېغىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىقىلىپلا جان ئۈزدى، تۇغۇت ئانىسى مەست
سىتېپاننى كۆزى يورۇۋاتقان ئايالىنىڭ قېشىغا كىرمىگىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن
ئۆينىڭ ئىچىدىن يۈگۈرۈپ چىقىۋاتقاندا، ئاياغلىرى پۈكۈلۈپ ياتقان قېيىنئانىغا كۆزى
چۈشتى.
بالا
تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاكسىنىيە ئېرىگە ئۆگىنىپ قالدى، ئەمما كۆڭلىدە ئۇنىڭغا
نىسبەتەن مۇھەببىتى يوق ئىدى، پەقەت ئۇنىڭ خوتۇنى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئادەتتىكىچە
ئېرىگە ئىچ ئاغرىتاتتى، بالا بىر ياشقا توشماستىنلا ئۆلۈپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن
تۇرمۇش يەنە كونا ئىزىغا چۈشتى. ئاشۇ كۈنى گىرىشكا مېلېخوف ئاكسىنىيەنى گەپكە
سېلىپ، ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋالغاندا ئاكسىنىيە بۇ قارىقۇمچاق ئوماق يىگىتكە كۆڭلى
تارتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قورقۇپ كەتتى. گىرىگورىي بولسا ئارغامچىنى ئۈزگەن بۇقىدەك
ئاكسىنىيەگە يېپىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى. ئاكسىنىيە ئۈچۈن ئەڭ
قورقۇنچلۇق بولغىنى ئۇنىڭ مانا شۇ يېپىشقاقلىقى ئىدى. ئاكسىنىيە ئەمدى
گىرىگورىينىڭ سىتېپاندىن تەپ تارتماسلىقىغا، گىرىگورىيدىن ئاسانلىقچە قۇتۇلۇپ
كېتەلمەسلىكىگە كۆزى يەتكەنىدى. ئەمما، كۆڭلىدە بۇ ئىشنى خالىماسلىققا تىرىشىپ،
پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ، بايرام
كۈنلىرى ۋە باشقا كۈنلەردە ئەپچىل ياسىنىپ، تولىراق گىرىگورىينىڭ كۆزى چۈشىدىغان
يوللاردا ماڭىدىغانلىقىنى سېزىپ قالدى. گىرىگورىينىڭ قارا كۆزلىرى ئاكسىنىيەگە
قاتتىق تىكىلگەندە، بىر تۈرلۈك يېقىملىق ۋە راھەت ھېس قىلاتتى. ئاكسىنىيە تاڭ
ۋاقتىدا كالا سېغىشقا ئويغىناتتى - دە، ئۆزىچە تەبەسسۇم قىلاتتى، لېكىن نېمىشقا
تەبەسسۇم قىلغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ئويلىنىشقا باشلايتتى: «بۈگۈن قانداقتۇر بىر
خۇشاللىق بار. بۇ نېمە خۇشاللىقتۇ؟ گىرىگورىي... گىرىشا...» ئەمما ئاكسىنىيەنىڭ
كۆڭلىنى قاپلىۋالغان بۇ يېڭى تۇيغۇ ئۇنى ۋەھىمىگە سالاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پىكىر -
خىياللار ئىچىدە شۇڭغۇپ، خۇددى مارت ئېيىدا مۇزى ئېرىشكە باشلىغان دون ئۈستىدىن
ئۆتۈۋاتقاندەك ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن پىكىر يۈرگۈزەتتى.
ئاكسىنىيە
سىتېپاننى لاگېرغا ئۇزاتقاندىن كېيىن، گىرىشكا بىلەن مۇمكىنقەدەر كەمرەك
ئۇچرىشىشقا نىيەت قىلدى. قايسى كۈنكى بېلىق تۇتۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ قارارى تېخىمۇ
مۇستەھكەملەندى.
8
تىرويىتسا
بايرىمىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن يېزىدىكىلەر ئوتلاقنى بۆلۈۋېلىشتى. يەر بۆلۈشكە
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچمۇ قاتناشتى. ئۇ چۈش ۋاقتىدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. پۇتىدىكى
چورۇقنى ئىنجىقلاپ بىر ھازادا يەشتى - دە، تولا مېڭىپ چارچاپ كەتكەن ئاياغلىرىنى
ھۇزۇر بىلەن قاشلاۋېتىپ گەپ باشلىدى:
− بىزگە قىزىل
يار قېشىدىكى يەر تەگدى، ئوت - چۆپى ئۇنچىلىك بولۇق ئەمەس. يۇقىرىقى بېشى
ئورمانغىچە بارىدۇ، بەزى جايلىرى تاقىر، ئاندا - ساندا ئارپىخانمۇ ئۇچرايدۇ.
− قاچان
ئورۇشقا كىرىشىمىز؟ − دەپ سورىدى گىرىگورىي.
− بايرام
ئۆتسۇن.
− دارىيەمۇ
بارامدۇ؟ − دېدى موماي قاپىقىنى سېلىپ.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ «بولدى قىلساڭچۇ» دېگەندەك قولىنى شىلتىدى.
− لازىم
تېپىلسا ئۇنىمۇ ئېلىۋالارمىز. چۈشلۈك تاماقنى ئەكەلمەمسەن، نېمىگە كېرىلىپ
تۇرىسەن؟
موماي مەشنىڭ
قاپقىقىنى تاراقشىتىپ، ئۇ يەردىن ئىسسىتىلغان كاپوستا شورپىسىنى ئېلىپ، شىرەنىڭ
ئۈستىگە قويدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ داستىخان ئۈستىدە يەر بۆلۈش ئىشلىرىنىڭ
قانداق ئۆتكەنلىكىنى، ئاتاماننىڭ مۇغەمبەرلىكىنى، پۈتۈن يىغىندىكى جامائەتنى
ئالداپ قولغا چۈشۈرۈشكە تاس قالغانلىقىنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى.
− ئۆتكەن يىلمۇ
ئۇ مۇتتەھەملىك قىلغانىدى، − دەپ گەپكە ئارىلاشتى دارىيە، − بىز ئۆز ئۈلۈشىمىزنى
ئورۇۋاتقىنىمىزدا ئۇ قېشىمىزغا كېلىپ مالاشكا فىرولوۋانى گەپكە تۇتۇپ ئازدۇرۇشقا
باشلىغانىدى.
− ئەزەلدىن
مۇتتەھەم، − دېدى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ تاماقنى چايناپ تۇرۇپ.
− دادا، ئوتنى
كىم يىغىپ دۆۋە قىلىدۇ؟ − دەپ سورىدى دۇناشكا بىرئاز قورقۇمسىراپ.
− سەنچۇ، باشقا
نېمە ئىش قىلاتتىڭ؟
− دادا، مەن
يالغۇز يېتىشەلمەيمەن.
− ئاكسىيوتكا
ئاستاخوۋانى ئېلىپ بارىمىز. سىتېپان قايسى كۈنى بىزنىڭكىلەرنىمۇ قوشۇۋېلىڭلار دەپ
ئىلتىماس قىلغانىدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك.
ئەتىسى ئەتىگەن
مىتكا كورشۇنوف ئېگەرلەنگەن ئاق تۇياق ئايغىرىنى مىنىپ، مېلېخوفلارنىڭ ھويلىسىغا
يېتىپ كەلدى. يامغۇر تامچىلاپ تۇراتتى. يېزا ئۈستىنى بۇلۇت قاپلىغان. مىتكا ئېگەر
ئۈستىدىن ئېڭىشىپ كوچا ئىشىكىنى ئاچتى - دە، ھويلىغا ئاتلىق كىرىپ كەلدى. پەلەمپەي
تەرەپتىن موماي توۋلىدى:
− ھەي، بەڭباش
نېمىدەپ كەلدىڭ؟ − موماي نارازى بولغان ئەلپازدا سورىدى. بۇ قارام، تەنتەك مىتكىنى
ئۇ ئانچە ياخشى كۆرمەيتتى.
− ساڭا نېمە
بولدى، ئىلئىنىچنا، نېمانچە كايىيسەن؟ − مىتكا ئايغىرنى پەنجىرىگە باغلاۋېتىپ
ئەجەبلەندى، − مەن گىرىشكىنىڭ قېشىغا كەلگەنىدىم، قېنى ئۇ؟
− لاپاسنىڭ
ئاستىدا ئۇخلاۋاتىدۇ. نېمە بولدۇڭ، شامال تېگىپ پالەچ بولۇپ قالدىڭمۇ؟ پىيادە
ماڭالمامسەن؟
− ھامما،
ئۆزۈڭمۇ ھەممە ئىشقا ئارىشىلىۋالىدىغان بولۇپ قاپسەن ! − دەپ ئاچچىقلاندى مىتكا.
ئۇ يىپەك چۇچا بېكىتكەن قامچىسى بىلەن پارقىراپ تۇرغان خۇرۇم ئۆتۈكىنىڭ قونچىغا
ئۇرۇپ لاپاسنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى.
گىرىگورىي
ئالدى ياغىچى ئېلىپ تاشلانغان ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاۋاتاتتى. مىتكا بىرنەرسىنى
مۆلچەرگە ئالغاندەك سول كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ، گىرىگورىينى قامچىنىڭ ئۇچى بىلەن
نوقۇدى.
− تۇر
ئورنۇڭدىن سەھرالىق!
− «سەھرالىق»
سۆزى مىتكىنىڭ قاتتىق تىللىغان سۆزى ئىدى. گىرىگورىي چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.
− نېمە
قىلغىنىڭ بۇ؟
− كۈن چىقتى،
يېتىۋېرەمسەن؟
− تەنتەكلىك
قىلما، مىترى، ئەگەر ئاچچىقىمنى كەلتۈرىدىغان بولساڭ...
− تۇر دەيمەن،
ئىش بار.
− خوش، نېمە
ئىش؟
مىتكا ھارۋىنىڭ
چېتىگە ئولتۇرۇپ ئۆتۈكىدىكى قۇرۇپ قالغان لاينى قامچىسى بىلەن تازىلاپ تۇرۇپ:
− گىرىشكا،
ماڭا تازا ئەلەم قىلدى... − دېدى.
− نېمە ئىش؟
− قانداقمۇ
ئەلەم قىلمىسۇن، ئاۋۇ... − مىتكا ئاغزىغا كەلگەننى ئايىماي قويۇۋەتتى، − ئاۋۇ
يۈزبېشى ئۆزىگە شۇنداق تەمەننا قويىدۇكى...
مىتكىنىڭ
غەزىپى ئۆرلەپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى، پۇتلىرى تىترەيتتى.
گىرىگورىي ئورنىدىن تۇردى.
− قايسى
يۈزبېشى؟
مىتكا
گىرىگورىينىڭ يېڭىدىن تۇتۇپ، بىرئاز پەسلەپ قالدى - دە، مۇنداق دېدى:
− ئېتىڭنى
ھازىرلا ئېگەرلە، سايلىققا قاراپ چاپىمىز. مەن ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويىمەن ! مەن
ئۇنىڭغا: «بوپتۇ، جانابىي ئالىيلىرى، بەيگىدە سىنىشىپ كۆرەيلى!» دېدىم. ئۇ ماڭا:
«يۈگۈر، ھەممە ئاغىنىلىرىڭنى چاقىرىپ كەل، مەن ھەممەڭنى ئارقىدا قالدۇرىمەن،
ئۇنىڭدىن كېيىن بىلىپ قويكى، بۇ بايتىلىمنىڭ ئانىسى پېتربورگدا ئوفىتسېرلار
بەيگىسىدە ھەمىشە بىرىنچىلىكنى ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. مېنىڭچە، ئۇنىڭ بايتىلى ۋە
بايتىلىنىڭ ئانىسى نېمە بولسا بولمامدۇ، لەنىتىلەر ! مەنلا بولسام ئايغىرىمدىن
ئۈزۈپ كېتەلمەيدۇ!
گىرىگورىي
ئالدىراپ - سالدىراپ كىيىندى. مىتكا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى، ئۇ غەزەپتىن
دۇدۇقلاپ:
− سودىگەر
موخوفنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن ئاشۇ يۈزبېشى، توختاپ تۇرغىنا، ئۇنىڭ
لەقىمى نېمىدى؟ لىستىنىتىسكى بولسا كېرەك. ئۆزى شۇنداق جىددىي، سىپايە. كۆزئەينەك
تاقىۋالغان. تاقىسا تاقاۋەرسۇن ! نەچچىنى تاقىغىنى بىلەن بىكار. مېنىڭ ئايغىرىمدىن
ئۈزۈپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ ! − دېدى.
گىرىگورىي
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۈلە - كۈلە، يىلقىغا قالدۇرۇلغان قېرى بايتالنى ئېگەرلىدى - دە،
ئاتىسىغا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن ئوت بېسىلغان ھويلا دەرۋازىسىدىن دالاغا چىقتى. ئۇلار
تاغ ئېتىكى بىلەن سايلىققا قاراپ چېپىپ كېتىشتى. ئات تۇياقلىرى لايدا شالاقلايتتى.
سايلىقتا قۇرۇپ قالغان تېرەكنىڭ قېشىدا بۇلارنى بىر توپ ئاتلىقلار كۈتۈپ
تۇرۇشاتتى: ئۇلارنىڭ بىرى ئەپچىلگىنە بىر بايتالنى مىنگەن يۈزبېشى لىستىنىتىسكى،
قالغان يەتتە ئاتلىق بولسا يېزىنىڭ يىگىتلىرى ئىدى.
يۈزبېشى
كۆزئەينىكىنى تۈزەپ، مىتكا مىنگەن ئايغىرنىڭ گۆشلۈك تۆشىگە زوق بىلەن قاراپ:
− چېپىشنى
نەدىن باشلايمىز؟ − دەپ سورىدى.
− تېرەكتىن
پادىشاھ كۆلىگىچە.
− پادىشاھ كۆلى
قەيەردە؟ − دەپ سورىدى ناماز شام قارىغۇسى يۈزبېشى كۆزىنى مىتىلدىتىپ.
− جانابىي
ئالىي، ئاۋۇ ئورماننىڭ قېشىدا.
ئاتلار سەپكە
تىزىلدى. يۈزبېشى قامچىسىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەنىدى، مۈرىسىدىكى پاگونى
بىردىنلا تومپىيىپ قالدى.
− «ئۈچ»
دېيىشىم بىلەن تەڭلا ئاتنى قويۇۋېتىسىلەر! قېنى، بىر، ئىككى... ئۈچ !
ئېگەرنىڭ
ئۈستىگە ئېڭىشىۋېلىپ، شەپكىسىنى مەھكەم تۇتۇۋالغان يۈزبېشى ھەممىدىن بۇرۇن ئېتىلىپ
چىقتى - دە، باشقىلاردىن بىر سېكۇنت ئالدىدا ئۈزۈپ كەتتى، مىتكا رەڭگى ئۆچكەن،
پەرىشان ھالدا ئۈزەڭگىنىڭ ئۈستىدە بىرئاز تۇرۇپ قالدى − گىرىگورىيغا ئۇنىڭ
پۇلاڭلاتقان قامچىسى باش ئۈستىدىن ئايغىرنىڭ ساغرىسىغا كېلىپ تەگكۈچە خېلى پۇرسەت
قولدىن بېرىپ قويۇلغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
تېرەك تۈۋىدىن
پادىشاھ كۆلىگىچە ئۈچ چاقىرىملىق يول ئىدى. يېرىم يولغا كەلگەندە مىتكىنىڭ ئايغىرى
ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئوقيادەك سوزۇلۇپ، يۈزبېشىنىڭ بايتىلىغا يېتىشىۋالدى. گىرىگورىي
خۇشياقمىغاندەك چېپىپ كېلەتتى. ئۇ باشتىلا ئارقىدا قالغان بايتىلىنى ئۇششاق يورغا
بىلەن چاپتۇرۇپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقان بەيگىچىلەرنىڭ
ئارقىسىدىن زوق بىلەن كۆزىتىپ باراتتى.
پادىشاھ
كۆلىنىڭ يېنىدا يامغۇر سۇلىرى قۇمنى ئاقتۇرۇپ بىر دۆڭ ھاسىل قىلغانىدى. تۆگە
لوكىسىغا ئوخشايدىغان ساپسېرىق بۇ دۆڭنى ئىنچىكە يوپۇرماقلىق يىلانئوت باسقانىدى.
گىرىگورىي يۈزبېشى بىلەن مىتكىنىڭ دۆڭنىڭ ئۈستىگە تەڭمۇتەڭ چېپىپ چىقىپ، تەڭمۇتەڭ
چېپىپ چۈشكەنلىكىنى كۆردى، قالغان ئاتلىقلار بۇلاردىن كېيىن بىر - بىرلەپ دۆڭدىن
چۈشۈشكە باشلىدى. گىرىگورىي كۆلنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، تەرگە چۆمگەن ئاتلار
ئاللىقاچان بىر يەرگە توپلىشىپ تۇرۇشاتتى، يىگىتلەر ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ
يۈزبېشىنى ئورىۋاپتۇ، مىتكىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ، لېكىن ئۇ خۇشاللىقىنى
سەزدۈرمەي ئۆزىنى باساتتى، ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدىن زەپەر تەنتەنىسى بىلىنىپ
تۇراتتى. يۈزبېشى گىرىگورىينىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە، قىلچە خىجالەت بولماستىن،
دەرەخكە يۆلىنىپ پاپىرۇس چېكەتتى ۋە تەرگە چۆمۈپ سۇ بولۇپ كەتكەن بايتىلىنى
چىمچىلىقى بىلەن كۆرسىتىپ گەپ قىلىۋاتاتتى:
− مەن بۇ
بايتال بىلەن بىر يۈز ئەللىك چاقىرىم يول يۈرگەنمەن. تېخى تۈنۈگۈنلا يېزا
بازىرىدىن كەلدىم. ئەگەر بايتىلىم چارچىمىغاندا سەن كورشۇنوف، مەندىن ھەرگىز ئۈزۈپ
كېتەلمىگەن بولاتتىڭ.
− ئېھتىمال،
شۇنداقتۇر، − دېدى مىتكا كەڭ قورساقلىق قىلىپ.
لېكىن،
بەيگىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا كەلگەن يۈزىنى سەپكۈن باسقان يىگىت مىتكىنىڭ ئېتىغا ھەۋىسى
كېلىپ:
− بۇنداق
ئۇچقۇر ئايغىر پۈتۈن ۋىلايەتتە كەم تېپىلىدۇ، − دەپ ماختىدى.
− ئات يامان
ئەمەس، − دەپ قويدى مىتكا، ئۇ بەيگىنىڭ تەسىرىدىن ھامان تىترەۋاتقان قولى بىلەن
ئايغىرىنى ئەركىلىتىپ، بوينىنى سىلاپ قويدى ۋە سوغۇققىنا كۈلۈمسىرەپ گىرىگورىيغا
قارىدى.
بۇ ئىككىسى
باشقىلاردىن ئايرىلىپ كوچا بىلەن ماڭماي، تاغ ئېتىكى بىلەن كېتىشتى. يۈزبېشى بۇلار
بىلەن سوغۇققىنا خوشلىشىپ، ئىككى بارمىقىنى شەپكىنىڭ كوزىركىسىغا تەگكۈزدى - دە،
ئارقىغا بۇرالدى.
گىرىگورىي تار
كوچا بىلەن ھويلىسىغا يېقىنلىشىپ كەلگەندە، ئۇدۇلىدىن ئاكسىنىيەنىڭ
كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئاكسىنىيە قولىدا بىر تال چىۋىقنى ئويناپ
كېلىۋاتاتتى، گىرىشكىنى كۆرۈش بىلەنلا بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى.
− نېمە ئىزا
تارتىسەن؟ بىز يالىڭاچ كېلىۋاتقىنىمىز يوققۇ؟ − دەپ توۋلىدى مىتكا ۋە كۆزىنى قىسىپ
قويدى، − ھەي، كالىنۇشكام، تىكىنىڭ نېمانچە ئاچچىق!
گىرىگورىي
ئاكسىنىيەنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئاستا ماڭغان ئېتىغا تۇيۇقسىز بىر قامچا
سالغانىدى، بايتال زوڭ ئولتۇرۇپ قېلىپ ئاكسىنىيەگە لاي چاچرىتىۋەتتى.
− ھەي قۇترىغان
شەيتان!
گىرىگورىي
ئېتىنى بۇراپ، ئاكسىنىيەنىڭ ئۈستىگە بېسىپ كېلىۋەردى - دە:
− نېمىشقا
سالاملاشمايسەن؟ − دەپ سورىدى.
− سالامغا
ئەرزىمەيسەن.
− شۇنىڭ ئۈچۈن
لايغا بۇلغاندىڭ، تولا گىدەيمە !
− ماڭغىلى قوي
! − دەپ ۋارقىرىدى ئاكسىنىيە ئىككى قولى بىلەن ئاتنىڭ تۇمشۇقىنى توسۇپ، − بۇ نېمە
قىلغىنىڭ، مېنى ئات بىلەن باستۇرۇۋەتمەكچىمۇ؟
− بۇ ئات
ئەمەس، بايتال.
− ئوخشاش بىر
گەپ، يولۇمنى توسما !
− نېمىشقا
ئاچچىقلىنىسەن ئاكسىنىيە؟ ئۇ كۈنكى سايلىقتا بولغان ئىشقا شۇنچىلىك قىلامسەن
يا؟...
گىرىگورىي
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى. ئاكسىنىيە بىرنېمە دېمەكچى بولىۋىدى، بىراق، قارا
كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىدا توساتتىن ياش پەيدا بولدى، لەۋلىرى تىترەپ كەتتى. ئۇ ئۆپكىسى
ئاغزىغا تىقىلىپ، پىچىرلايتتى:
− مەندىن
ئۆزۈڭنى تارت، گىرىگورىي... سەندىن خاپا بولۇۋاتقىنىم يوق... مەن... − ئۇ گېپىنىڭ
ئاخىرىنى دېمەي كېتىپ قالدى.
ھەيران قالغان
گىرىگورىي مىتكىغا دەرۋازا ئالدىدا ئاران يېتىشىۋالدى.
− بۈگۈن
تاماشىغا كېلەمسەن؟ − دەپ سورىدى مىتكا.
− ياق.
− نېمىشقا؟
ياكى جانانىڭ بۇ كېچە ئۆيىگە تەكلىپ قىلدىمۇ؟
گىرىگورىي
پېشانىسىدىكى تەرنى ئالىقىنى بىلەن ئېرتىپ، جاۋاب بەرمىدى.
9
يېزا
ھويلىلىرىدا تىرويىتسا بايرىمىدىن پەقەت تۆۋەندىكى بەلگىلەر قالغانىدى: ئۆينىڭ
پوللىرى ئۈستىدە چېچىلىپ كەتكەن قۇرۇق ئادراسمان ۋە ئۇنىڭ بەرگىلىرى دەسسىلىۋېرىپ
چاڭ - توزانغا ئايلانغان، دەرۋازا يانلىرىغا ۋە پېشايۋانغا قىستۇرۇپ قويۇلغان دۇب
ۋە سەندەل دەرەخلىرىنىڭ چىۋىقلىرى سولاشقانىدى.
بايرام ئۆتۈش
بىلەنلا ئوت ئورۇش باشلاندى، قاق سەھەردىن تارتىپ پۈتۈن سايلىقنى رەڭمۇرەڭ يوپكا
كىيگەن، زەر ئۇقىلىق گۈلدار رومال چىگكەن قىز - جۇۋانلار بايرام تۈسىگە
كىرگۈزگەنىدى. ئوت ئورۇشقا پۈتۈن يېزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياپپىسىغا چىقىشتى.
چالغىچىلار ۋە باغلاق كۆتۈرۈۋالغان ئاياللار يىلدا بىر كېلىدىغان ھېيتقا
ياسانغاندەك ئېسىل كىيىملىرىنى كىيىشكەنىدى. بۇ قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئادەت ئىدى.
دوندىن تارتىپ تاكى يىراقتىكى چاتقاللىققىچە سوزۇلغان ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغان
كەڭ ئوتلاق چالغىلارنىڭ تەسىرىدىن ئەندىكىپ نەپەس ئالاتتى.
مېلېخوفلار
ئورمىغا كېچىكىپ قېلىشتى. ئۇلار يولغا چىققاندا يېزىدىكىلەرنىڭ يېرىمى ئاللىقاچان
ئوتلاقتا ئىش باشلىۋەتكەنىدى.
− تاڭدىكى
ئۇيقۇڭ بەك ئۇزۇن ئوخشايدۇ، پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ! − دېيىشتى تەرگە چۆمۈپ كەتكەن
چالغىچىلار.
− مەندە گۇناھ
يوق، موماينىڭ ئىشى! − دېدى بوۋاي كۈلۈپ، ئاندىن چالا ئېشىلگەن قامچىسى بىلەن
ئۆكۈزلەرنى ساۋاپ چاپتۇرۇپ كەتتى.
− سالام،
ھارمىغايسەن، دوستۇم! كەچ قاپسەنغۇ، بۇرادەر، كەچ قاپسەن... − يول ياقىسىدا
چالغىسىنى بىلەۋاتقان پاخال شىلەپىلىك ئۇزۇنتۇرا كازاكمۇ بېشىنى چايقاپ سۆز
قىستۇردى.
− كەچ قالساق
ئوت قۇرۇپ قالاتتىمۇ؟
− تېزرەك
ماڭساڭ ئۈلگۈرىسەن، ئۇنداق بولمىغاندا ئوت قۇرۇپ قالىدۇ، ئۈلۈشۈڭ قەيەردە؟
− قىزىل يارنىڭ
ئاستىدا.
− ئۇنداق بولسا
تېزرەك ھەيدە، بۇ يۈرۈشتە بۈگۈن يېتىپ بارالمايسەن.
ئاكسىنىيە
ھارۋىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان بولۇپ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۈزىنى رومال بىلەن
پۈتۈنلەي ئورىۋالغانىدى، كۆزى ئوچۇق قالدۇرۇلغان كىچىككىنە تۆشۈكتىن ئالدىدا
ئولتۇرغان گىرىگورىيغا بىپەرۋالىق بىلەن سوغۇققىنا قاراپ قوياتتى. ياسىنىۋالغان دارىيەمۇ
يۈز - كۆزىنى رومال بىلەن ئورىغان بولۇپ، ھارۋىدىن پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئۇزۇن ۋە
تومۇرلىرى بۆرتۈپ چىققان ئەمچىكى بىلەن قولىدىكى ئۇخلاي دەپ قالغان بالىسىنى
ئېمىتىپ ئولتۇراتتى. دۇناشكا بولسا خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، ھارۋىنىڭ
ئۈستىدە ئىرغىپ - ئىرغىپ، چاقنىغان كۆزلىرى بىلەن بىپايان ئوتلاققا ۋە يولدا
ئۇچرىغان كىشىلەرگە نەزەر تاشلايتتى. ئۇنىڭ ئاپتاپتا قارايغان ۋە بۇرنىنىڭ ئۈستىنى
ئازراق سەپكۈن باسقان چىرايى: «بۈگۈن كۆپكۆك بۇلۇتسىز ئاسمان ئاستىدا جىمى ئالەم
خۇشاللىققا تولغانىكەن، مەنمۇ خۇددى شۇنداق شادىمان ۋە بەختىيارمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن،
كۆڭلۈم كۆك ئاسماندەك بىغۇبار، ھېچقانداق تەشۋىشىم يوق. مەن شادلىقتىن باشقا ھېچ
نەرسىنى خالىمايمەن» دېگەندەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ ماتا
كۆڭلىكىنىڭ يەڭ ئۇچى بىلەن ھەدەپ پېشانىسىدىن ئاققان تەرنى ئېرتاتتى. مۈكچەيگەن
دۈمبىسىگە كۆڭلىكى چىپپىدە يېپىشقان بولۇپ، بەزى جايلىرى ھۆل داغ بىلەن قارىيىپ
تۇراتتى. قۇياش ئالا - بۇلا بولۇتلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئاپپاق نۇرىنى
يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كۈمۈش تاغلارغا، چۆل - دالا، ئېدىرلارغا، سايلىق ۋە يېزا
ئۈستىگە چاچاتتى.
كۈن قىزىپ،
ھەممە ياق تونۇردەك قىزىق ئىدى. شامال توزۇتۇۋەتكەن بۇلۇت پارچىلىرى ئاستا
ئۆمىلىشەتتى، ھەتتا يولدا سۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچنىڭ
ئۆكۈزلىرىدىنمۇ كەينىدە قالاتتى. بوۋاي قامچىسىنى ئاران كۆتۈرەتتى - دە، ئۆكۈزنىڭ
ياغاق ساغرىسىغا ئۇرايمۇ ئۇرمايمۇ دېگەندەك، قۇرۇق شىلتىپلا قوياتتى. ئۆكۈزلەرمۇ
بۇنى بىلگەندەك، قەدىمىنى قىلچە تېزلەتمەستىن، بۇرۇنقى مېڭىشىدا ئاستا سۈرۈلۈپ
كېلەتتى، ئاندا - ساندا قۇيرۇقىنى شىپپاڭلىتىپ قوياتتى. ئالتۇندەك پارقىراق توق
سېرىق كۆكۈيۈن ئۆكۈزلەر ئۈستىدە ئايلىناتتى.
يېزىدىكى ئوت -
چۆپ خامانلىرىنىڭ يېنىدىكى ئوتى ئورۇلغان ئوتلاقلار ئاچ يېشىل بولۇپ كۆرۈنەتتى،
ئەمما ئوتى ئورۇلمىغان جايلىرى كۆپكۆك يىپەكتەك شامالدا يەلپۈنەتتى.
− بىزگە
بۆلۈنگەن يەر ئەنە شۇ، − دەپ كۆرسەتتى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ قامچىسى بىلەن.
− ئورمان
تەرەپتىن باشلامدۇق؟ − دەپ سورىدى گىرىگورىي.
− بۇ چەتتىن
باشلىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. چېگراسىنى گۈرجەك بىلەن ئويۇپ بەلگە سالغانمەن.
گىرىگورىي
ھېرىپ كەتكەن ئۆكۈزلەرنى ھارۋىدىن چىقاردى. بوۋاي قۇلىقىدىكى پارقىراپ تۇرغان
سىرغىسىنى لىكىلدىتىپ، گۈرجەك بىلەن ئويۇلغان جاينى تاپقىلى كەتتى.
كۆپ ئۆتمەي
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
− چالغىلارنى
ئەكەل ! − دەپ ۋارقىرىدى.
گىرىگورىي
ئوتلارنى دەسسەپ دادىسى تەرەپكە ماڭدى. ھارۋىنىڭ يېنىدىن تاكى بارغان يېرىگىچە
ئوتلار بېسىلىپ يىلان ئىزىدەك يول چۈشۈپ قالدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ يىراقلاردىكى
قوڭغۇراقخانا ئۈستىدە ئاقىرىپ كۆرۈنگەن بۇتقا قاراپ چوقۇنۇپ قويدى - دە، چالغىنى
قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ قۇش بۇرنى لاك بىلەن سىرلانغاندەك پارقىرايتتى، قارىيىپ
كەتكەن ياڭاقلىرىنىڭ چوڭقۇرچاقلىرىدا تەر تامچىلىرى جىمىرلاپ تۇراتتى. ئۇ
كۈلۈمسىرىگەنىدى، قاپقارا ساقال - بۇرۇتلىرى ئارىسىدىن ئاپپاق پاكىز چىشلىرى
بىردىنلا كۆرۈندى، قورۇق باسقان بوينىنى ئوڭغا بۇراپ، ئوتقا چالغا سالدى. بىر
سارجىن كېلىدىغان يېرىم دائىرە يەردىكى كوكات ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا توپلاندى.
گىرىگورىي
ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭدى، ئۇ كۆزلىرىنى قىسىپ چالغا سېلىپ، ئوت ئورۇشقا كىرىشتى.
ئالدىدا ھەسەن - ھۈسەندەك رەڭمۇرەڭ پەرتۇق تارتقان ئاياللار كۆرۈنەتتى، ئەمما ئۇ
كۆزلىرى بىلەن بىر ئايالنى − كەشتە جىيەكلىك ئاق پەرتۇق تارتقان ئاكسىنىيەنى
ئىزدەيتتى، ئۇنىڭغا قاراپ - قاراپ قويۇپ، يەنە ئاتىسىغا ئەگىشىپ چالغا سالاتتى.
ئاكسىنىيە
ئۇنىڭ پىكىر - خىيالىدىن زادىلا كەتمەيتتى. كۆزلىرىنى قىسىپ، ئۆز كۆڭلىدە ئۇنى
سۆيەتتى، قەيەردىندۇر تىل ئۇچىغا كەلگەن قىزغىن ۋە شېرىن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا
ئېيتاتتى، ئارقىدىنلا بۇ پىكىر - خىيالىنى كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، بىر، ئىككى،
ئۈچ دەپ قەدەم تاشلايتتى. ئۆتكەن ۋەقەلەر يەنە ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى: «ئىككىسى
دۆۋىلەنگەن ھۆل ئوتنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى... كۆلچەكتە سازاڭ چىرىلدايتتى...
سايلىق ئۈستىدە ئاي ئۈزمەكتە... يامغۇر سۈيى دەرەخلەردىن توختام سۇ ئۈستىگە خۇددى
شۇنداق − بىر، ئىككى، ئۈچ دەۋاتقاندەك تامچىلايتتى... ياخشى، نېمىدېگەن ياخشى!...»
ھارۋا تۇرغان
تەرەپتىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. گىرىگورىي بۇرىلىپ قارىسا، ئاكسىنىيە ئېڭىشىپ،
ھارۋا تېگىدە ياتقان دارىيەگە بىرنېمىلەرنى دەۋېتىپتۇ، دارىيە ئېتىراز قىلغاندەك
قول شىلتىدى - دە، يەنە ھەر ئىككىلىسى كۈلۈشۈپ كەتتى، دۇناشكا ھارۋىنىڭ شوتىسى
ئۈستىدە زىل ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىپ ئولتۇراتتى.
گىرىگورىي:
«ئاۋۇ چاتقاللىقنىڭ قېشىغا بېرىپ چالغىنى بىلەيمەن» دەپ تۇراتتى، تۇيۇقسىز چالغىسى
يۇمشاققىنا بىر نەرسىنى كېسىپ تاشلىغاندەك تۇيۇلدى، ئېڭىشىپ قارىسا، ئايىغىنىڭ
ئاستىدىن كىچىككىنە ياۋا ئۆردەك چۈجىسى چىرىلدىغان پېتى ئوتلاقنىڭ ئىچىگە قېچىپ
كىرىپ كەتتى. ئۆردەك ئۇۋا سالغان ئورەكنىڭ يېنىدا ئىككى نىمتە بولۇپ كەتكەن يەنە
بىر ئۆردەك بالىسى ياتاتتى، قالغانلىرى چۇكۇلدىشىپ، ئوتلارنىڭ ئارىسىغا قاراپ
كەتتى. چالغا كەسكەن ئۆردەك چۈجىسىنى گىرىگورىي ئالىقىنىغا ئالدى. يېقىندىلا
تۇخۇمدىن چىققان بۇ ساپسېرىق چۈجىنىڭ تۈكلىرى ئاستىدىكى ئىسسىقلىق تېخى
كەتمىگەنىدى، يايپا ئېچىلىپ قالغان تۇمشۇقىدا ئاچ قىزىل بىر تامچە قان كۆرۈنەتتى،
مونچاقتەك كۆزلىرى قىسىلىپ قالغان، تېخىچە ئىسسىق تۇرغان ئاياغلىرى دىر - دىر
تىترەيتتى.
گىرىگورىي
ئالىقىنىدىكى يۇمران جانىۋارغا تىكىلىپ قاراپ، بىردىنلا ئىچى ئاغرىپ كەتتى.
− نېمە
تېپىۋالدىڭ، گىرىشۇنكا؟....
ئوت ئورۇلغان
تەرەپتىن دۇناشكا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇششاق ئۆرۈلگەن چاچلىرى كۆكرىكىدە
سىلكىنىپ ئوينايتتى، گىرىگورىي قاپىقىنى تۈرۈپ، چۈجىنى قولىدىن چۈشۈرۈۋەتتى،
ئاچچىقى بىلەن چالغىنى شىلتىپ قويدى.
ئۇلار تېزلىك
بىلەن چۈشلۈك تاماقنى يېيىشتى. ئېرىتكەن ياغ، كازاكلارنىڭ غەلىتە تامىقى − ئۆيدىن
ئالغاچ كەلگەن خالتىدىكى سۈزمە − بار - يوق تامىقى مانا شۇلا ئىدى.
− ئۆيگە
قايتىشنىڭ ھاجىتى يوق، − دېدى داستىخان ئۈستىدە پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ، −
ئۆكۈزلەر ئورماندا ئوتلاۋېرىدۇ، ئەتە ئاپتاپ چىقىپ، شەبنەم قۇرۇغىچە ھەممىنى ئورۇپ
بولىمىز.
چۈشلۈك
تاماقتىن كېيىن ئاياللار ئوتنى يىغىشقا كىرىشتى. ئورۇلغان ئوت سولىشىپ قۇرۇشقا
باشلىدى، ئۇنىڭدىن قانداقتۇر بىر خىل پۇراق كېلىپ، كۆڭۈلنى ئاينىتاتتى.
قاش قارايغان
پەيتتە ئوت ئورمىسى توختىتىلدى. ئاكسىنىيە يىغىپ ئۈلگۈرەلمىگەن قاتاردىكى ئوتلارنى
توپلاپ بولدى - دە، تاماق پىشۇرۇش ئۈچۈن ھارۋا يېنىغا كەتتى. كۈنبويى ئۇ
گىرىگورىينى قاتتىق مازاق قىلىپ كۈلەتتى، ئۇنىڭغا قاتتىق ئۆچى باردەك نەپرەت بىلەن
قارايتتى. گىرىگورىينىڭ تەرى تۈرۈلگەن، رەڭگى ئۆڭگەن، كۆڭلى غەش ھالدا ئۆكۈزلەرنى
سۇغىرىش ئۈچۈن دونغا ھەيدەپ كەتتى. دادىسى ئوغلى بىلەن ئاكسىنىيەنى دائىم دېگۈدەك
نەزەر ئاستىغا ئېلىپ تۇردى. ئۇ گىرىگورىيغا ھومىيىپ تىكىلدى - دە، دېدى:
− كەچلىك
تامىقىڭنى يەپ بولۇپ، ئۆكۈزلەرنى ئوتلىتىسەن. ئوبدانراق قارا، ئوتلاققا كىرىپ
كەتمىسۇن، چەكمىنىمنى ئېلىۋال.
دارىيە
بالىسىنى ھارۋىنىڭ ئاستىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ، دۇناشكا بىلەن بىللە ئورمانغا شاخ -
شۇمبا، ئوتۇن تېرىپ كېلىش ئۈچۈن كەتتى.
سايلىقنىڭ
ئۈستىدە قاراڭغۇچىلىق قاپلىۋالغان ئاسماننىڭ قەرىدە يېڭى ئاي قىيپاش ئۈزۈپ
كەلمەكتە ئىدى. گۈلخان ئەتراپىدا كېپىنەكلەر پەرۋانىدەك ئايلىناتتى. ئوتنىڭ يېنىغا
داستىخان سېلىنىپ، كەچلىك تاماققا ئولتۇرۇشتى. ھور قاپلىغان دالا قازىنىدا شويلا
ئاش پىلتىقلاپ قايناۋاتاتتى. دارىيە يوپكىسىنىڭ ئېتىكى بىلەن قوشۇقلارنى سۈرتتى -
دە:
− كەل،
تامىقىڭنى يېگىن ! − دەپ گىرىگورىينى قىچقاردى.
يەلكىسىگە
چەكمەن تاشلىۋالغان گىرىگورىي قاراڭغۇچىلىق ئىچىدىن چىقىپ، گۈلخاننىڭ يېنىغا
كەلدى.
− نېمانچە
قاپىقىڭدىن قار ياغىدۇ؟ − دەپ كۈلۈمسىرىدى دارىيە.
− يامغۇر
ياغىدىغان ئوخشايدۇ، بېلىم سىرقىراپ ئاغرىۋاتىدۇ، − دەپ چاقچاقلاشتى گىرىگورىي.
− ئۇنىڭ
ئۆكۈزنى باققۇسى يوق، خۇدا ھەققى! − دەپ كۈلدى دۇناشكا ۋە ئاكىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ
ئولتۇرۇپ، ئۇنى گەپكە سالماقچى بولدى، لېكىن گەپ يۈرۈشمەي قالدى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ شويلىنى خولۇپلىتىپ تازا ئىچىشكە باشلىدى، چالا پىشقان سۆكنى
غۇچۇرلىتىپ چاينايتتى. ئاكسىنىيە بېشىنى كۆتۈرمەستىن تامىقىنى يەيتتى، دارىيەنىڭ
چاقچاقلىرىغا زورمۇزور كۈلۈپ قوياتتى. ئىككى مەڭزى ئوت ئېلىپ قىزىرىپ كەتكەنىدى.
ئالدى بىلەن
گىرىگورىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆكۈزلەرنىڭ قېشىغا كەتتى.
− ھېزى بول،
ئۆكۈزلەر بىراۋنىڭ ئوتىنى نابۇت قىلىۋەتمىسۇن؟ − دەپ تاپىلىدى ئارقىسىدىن دادىسى
ۋە قېقىلىپ كېتىپ، ئۇزاققىچە يۆتەلدى.
دۇناشكا
كۈلكىسىنى باسالماي، ئىككى قوۋۇزىنى دومبايتىپ پۈۋ - پۈۋلەپ، ئوت ئۆچۈشكە باشلىدى.
بۇرۇقسىپ تۇتەپ تۇرغان شاخ ئوتۇننىڭ كۆيگەن يوپۇرماقلىرى يېقىملىق پۇراق تارقىتىپ،
ئولتۇرغانلارنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلاتتى.
* * *
يېرىم كېچىدە
گىرىگورىي ھېچكىمگە تۇيدۇرماستىن، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ھارۋىنىڭ قېشىغا كەلدى -
دە، ئون قەدەم نېرىدا توختاپ قالدى. ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچنىڭ قاتتىق خورەك تارتىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاخشامدىن بۇيان
ئۆچمەي قالغان ئوتنىڭ كۈلى ئاستىدىن تاۋۇسنىڭ كۆزىگە ئوخشاش ئالتۇندەك ساپسېرىق
چوغ ماراپ تۇراتتى.
ھارۋا تەرەپتىن
مەھكەم پۈركىنىۋالغان كۈل رەڭ بىر ئادەم فىگۇرىسى يۇلقۇنۇپ چىقتى - دە، ئەگرى -
بۈگرى مېڭىپ، ئاستا گىرىگورىي تەرەپكە ئىلگىرىلەپ كەلدى. ئىككى - ئۈچ قەدەم
قالغاندا توختىدى. بۇ ئاكسىنىيەنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. گىرىگورىينىڭ يۈرىكى قېپىدىن
چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە دۈپۈلدەپ كەتتى. زوڭزىيىپ ئالدىغا بىر قەدەم تاشلىدى -
دە، چەكمىنىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋېتىپ ئوتتەك ئىسسىپ كەتكەن ئىتائەتمەن ئاكسىنىيەنى
باغرىغا باستى... ئاكسىنىيەنىڭ پۇتلىرى بوشىشىپ، ئىككى تىزى پۈكۈلۈپ قالدى، ھەممە
ئەزايى تىترەپ، چىشلىرى كاسىلداپ كەتتى. بوغۇزلانغان قوينى بۆرە يەردىن يۇلۇۋېلىپ
دۈمبىسىگە ئارتىۋالغاندەك، گىرىگورىيمۇ ئۇنى دەس كۆتۈردى - دە، چەكمىنىگە يۆگەپ،
ھاسىراپ مېڭىپ كەتتى..
− ھەي،
گىرىشا... گىرىشىنكا!... داداڭ...
− ئۈنۈڭنى
چىقارما !
يۇڭ چەكمەننىڭ
ئاچچىق پۇرىقىدا نەپەس ئالالماي قالغان ئاكسىنىيە كەلگىنىگە مىڭ پۇشايمان قىلىپ،
تېپىرلاپ گىرىگورىينىڭ قولىدىن چىقىشقا ئۇرۇنۇپ باقتى ۋە پەس ئاۋاز بىلەن
زارلىنىپ:
− قويۇۋەت،
بولغۇلۇق ئىش بولدى... ئەمدى ئۆزۈم ماڭىمەن ! ... − دېدى.
10
ئايال كىشىنىڭ
بەك كېيىن ئويغانغان مۇھەببىتى − لالىدەك قىپقىزىل بولۇپ گۈللىيەلمەيدۇ، بەلكى يول
ياقىسىدا ئۆسىدىغان ياۋايى گۈلگە ئوخشاش ئېچىلىدۇ، كىشىنى ئەسكى مەست قىلىدۇ.
ئاشۇ ئوت
ئورۇغان كۈندىن تارتىپ ئاكسىنىيە ئانىدىن يېڭى تۇغۇلغاندەك پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ
كەتتى. خۇددى بىرسى يۈزىگە قىزىتىلغان تامغا بېسىپ، بەلگە سېلىپ قويغاندەك ئىدى.
ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا چىرايىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ، بېشىنى
لىڭشىتاتتى، قىزلار ھەسەت قىلىشاتتى، ئاكسىنىيە بولسا بەخت قۇشى قونغان شەرمەندە
بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەغرۇرلۇق بىلەن يۈرىۋېرەتتى.
گىرىشكا بىلەن
بولغان ئالاقىنى ئۇزاق ئۆتمەي ھەممە كىشى بىلىپ كەتتى. باشقا كىشىلەر بۇ توغرۇلۇق
پىچىرلاپ سۆزلىشەتتى، بەزىلەر ئىشەنسە، بەزىلەر ئىشەنمەيتتى، ئەمما يېزىنىڭ پادىچىسى
بۇرنى پاناق كۇزكا تاڭ ۋاقتىدا شامال تۈگمىنىنىڭ يېنىدىكى پاكار ئۆسكەن
بۇغدايلىقنىڭ ئىچىدە بۇ ئىككىسىنىڭ پېتىپ كېتىۋاتقان ئاينىڭ غۇۋا يورۇقىدا
ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن، بۇ مىش - مىش گەپ لايلىنىپ ئاققان كەلكۈندەك
تېشىپ ھەممىگە پۇر كەتتى.
بۇ خەۋەر
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچنىڭمۇ قۇلىقىغا يېتىپ باردى. ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى موخۇفنىڭ
دۇكىنىغا بارغانىدى. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن پۇت قويغۇدەك جاي يوق ئىدى. ئىچكىرىگە
كىردى − گويا ئۇنىڭغا كىشىلەر يول بېرىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندەك تۇيۇلدى. قېرى بىر
ئامال بىلەن گەزمال سېتىلىدىغان يەرگە بېرىۋالدى. ئۇنىڭغا مال كۆرسىتىشكە
غوجايىننىڭ ئۆزى − سېرگەي پىلاتونېۋىچ كىرىشىپ كەتتى.
− ئۇزاقتىن
بۇيان كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتىڭغۇ، پىروكوفېيېۋىچ؟
− ھەمىشە ئىش
بىلەن بەند، ئائىلە ئىشىنى يولغا سالالماي ئاۋارە.
− نېمىشقا،
شۇنداق ئوغۇللىرىڭ بارغۇ، نېمىشقا يولغا سالالمايسەن؟
− ئوغۇللىرىم
نېمە قىلىپ بېرەلەيتتى. پېترونى لاگېرغا يولغا سالدىم، ھەممە ئىش گىرىشكا بىلەن
ئىككىمىزگە قالدى.
سېرگەي
پىلاتونېۋىچ قوڭۇر چاڭگا ساقلىنى سىلاپ ئىككى ياققا ئايرىدى ۋە توپلىشىپ تۇرغان
كازاكلارغا مەنىلىك قىلىپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
− خوش،
ئەزىزىم، نېمىشقا بۇ ئىشنى ئۈندىمەي يۈرىۋېرىسەن؟
− نېمىنى
دەيسەن؟
− نېمىنى
دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ ئوغلۇڭنى ئۆيلەندۈرمەكچى بوپسەن، ئۆزۈڭ بىر ئېغىز گەپ
قىلمايسەنغۇ؟
− قايسى
ئوغۇلنى؟
− سېنىڭ
گىرىگورىيىڭ ئۆيلەنمىگەنغۇ؟
− ھازىرچە ئۇنى
ئۆيلەندۈرۈش نىيىتىم يوق.
− سىتېپان
ئاستاخوفنىڭ خوتۇنى... ئاكسىنىيەنى كېلىن قىلارمىش دەپ ئاڭلىدىم.
− مەنمۇ؟ ئېرى
تىرىك تۇرسا... بۇ نېمەدېگىنىڭ پلاتونېۋىچ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟
− نېمىشقا
مەسخىرە قىلاتتىم؟ كىشىلەردىن ئاڭلىدىم.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ پوكەي ئۈستىدە يېيىقلىق تۇرغان بىر توپ گەزمالنى سىلاپ، سىلىقلاپ
شارتلا ئارقىسىغا بۇرالدى - دە، ئاقساقلاپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇ توپتوغرا
ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى. بوۋاي بېشىنى ئۆكۈزدەك تۆۋەن سېلىپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ
تۇرغان مۇشتىنى مەھكەم تۈگۈپ، ئاقساق ئايىغىغا ئېغىرلىقىنى سېلىپ ماڭاتتى.
ئاستاخوفنىڭ ھويلىسى يېنىدىن ئۆتكەندە قاشا تامدىن ئىچكىرىگە قارىدى:
ياسىنىۋالغان، ياشىرىپ قالغان ئاكسىنىيە قۇرۇق چېلەكنى كۆتۈرۈپ، پىلتىڭلاپ ئۆيگە
كىرىپ كېتىۋاتاتتى.
− ھەي
توختىغىنا !
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ كوچا ئىشىكىدىن پايپاسلاپ كىردى. ئاكسىنىيە توختاپ، ئۇنى كۈتۈپ
تۇردى. ئىككىيلەن ئۆيگە كىرىشتى. ئۆي پاكىز سۈپۈرۈلگەن، يەرگە قىزغۇچ قۇم
ياتقۇزۇلغان ئېغىز ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئورۇندۇق ئۈستىدە پېچتىن يېڭىلا ئېلىنغان
سامسىلار قويۇلغانىدى. مېھمانخانا تەرەپتىن ساندۇققا سېلىنغان كىيىم - كېچەكنىڭ
پۇرىقى كېلەتتى ۋە نېمىشقىدۇر تاغ ئالمىسىنىڭ ھىدىمۇ پۇرايتتى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچنىڭ ئايىغى ئاستىغا بېشى يوغان بىر تاغىل مۈشۈك يېقىن كېلىپ
ئەركىلىمەكچى بولدى - دە، دۈمبىسىنى دۈمچەكلەشتۈرۈپ، ئۆتۈكىگە سۈركەلگەنىدى، لېكىن
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ ئۇنى ئورۇندۇققا ئىرغىتىپ تاشلاپ، ئاكسىنىيەنىڭ كۆزلىرىگە
تىكىلىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
− بۇ نېمە
گەپ؟... ھە؟ ئېرىڭنىڭ ماڭغان ئىزى قاتماي تۇرۇپ، قۇيرۇقۇڭنى شىپپاڭلىتىدىغان بولۇپ
قالدىڭمۇ؟ بۇ ئىش ئۈچۈن گىرىشكىنىڭ بۇرنىدىن بۇلاق قىلىمەن، بۇ توغرۇلۇق سېنىڭ
سىتېپانىڭغا خەت يازىمەن !... ئۇمۇ بىلىپ قويسۇن !... ھەي بىنومۇس، شۇنچە كالتەك
ساڭا ئازلىق قىلغان ئوخشايدۇ... بۈگۈندىن باشلاپ ھويلامغا قەدەم باسقۇچى بولما !
ئوغلۇم بىلەن ئاشىق - مەشۇق بولۇپ يۈرۈپسىلەر، سىتېپان كەلسە ماڭا...
ئاكسىنىيە
كۆزىنى قىسىپ سۆزگە قۇلاق سالاتتى، بىردىنلا ئۇياتسىزلىق بىلەن ئېتىكىنى
پۇلاڭلىتىپ، يوپكىسىنىڭ پۇرىقىنى تارىتىپ، پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچنىڭ ئۈستىگە
كۆكسى بىلەن بېسىپ كەلدى.
− سەن مېنىڭ
نېمەم بولىسەن؟ قېيىنئاتاممۇ، ھە؟ قېيىنئاتاممۇ؟ ماڭا نېمىنى ئۆگەتمەكچى بولىسەن؟
بېرىپ ئۆيۈڭدىكى يوغان قورساق خوتۇنۇڭغا ئۆگەت ! ئۆزۈڭنىڭ ھويلاڭغا بېرىپ
غوجايىنلىق قىل !... مەن سەن ئىبلىسنى، ئاقساقنى، چولاق قېرىنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق
!... ھازىرلا چىقىپ كەت، مېنى قورقۇتالمايسەن !
− توختىغىنا،
ئەخمەق، كالۋا !
− كالۋا بولسام
كېلىن قىلماسسەن!... قېنى يولۇڭغا ماڭ، نەدىن كەلگەن بولساڭ، شۇ يەرگە كەت! ئەمما
خالىسام گىرىشكاڭنى پىشۇرۇپ يەيمەن، مېنى ھېچنېمە قىلالمايسەن !... مە !... مانا
بۇنى چىشلە ! مەن گىرىشكىنى ياخشى كۆرىمەن، قېنى قانداق قىلىسەن؟ مېنى
ئۇرامسەن؟... ئېرىمگە خەت يازامسەن؟ ... مېنى دېسەڭ، ئاتاماننىڭ ئۆزىگە ياز، لېكىن
گىرىشكا مېنىڭكى ! مېنىڭكى ! مېنىڭكى ! مەن ئۇنى ئىلكىمگە ئېلىپ بولغانمەن،
ھېچكىمگە بەرمەيمەن ئۇنى...
ئاكسىنىيە ھاڭ
- تاڭ بولۇپ قالغان پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچنى كۆكسى بىلەن تۈرتۈپ باراتتى (كۆكسىمۇ
تار كۆڭلىكىنىڭ ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەن كەپتەردەك چوقچىيىپ تۇراتتى)، قاپقارا
كۆزلىرىدىن چالغا ئوت ياغدۇراتتى، بىر - بىرىدىن دەھشەت، بىھايا سۆزلەر ئاغزىدىن
ئېتىلىپ چىقاتتى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ قاشلىرىنى جىمىرلىتىپ ئىشىك تەرەپكە
چېكىنىشكە باشلىدى، بىر بۇلۇڭغا يۆلەپ قويغان ھاسىسىنى پايپاسلاپ قولىغا ئالدى -
دە، قولىنى شىلتىگەن پېتى، ئارقىسى بىلەن ئىشىكنى ئاچتى، ئاكسىنىيە ئۇنى دەھلىزدىن
سۈرۈپ چىقاردى ۋە ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ، غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ قالدى:
− نابۇت بولغان
ئۆمرۈمنىڭ ئەلىمى ئۈچۈن خۇماردىن چىققۇچە سۆيگىنىم سۆيگەن !... نېمە بولسا
پېشانەمدىن كۆردۈم، يامىنىغا كەلسە ئۆلتۈرۈۋېتەرسىلەر ! ئەمما گىرىشكا مېنىڭ !
مېنىڭ ! مېنىڭ !
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ بىرنېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغان پېتى دىككاڭلاپ، ئۆيى تەرەپكە كەتتى.
ئۇ گىرىشكىنى
مېھمانخانىدا ئۇچراتتى - دە، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن ھاسىسى بىلەن ئۇنىڭ
دۈمبىسىگە ئۇرغىلى تۇردى. گىرىگورىي ئارقىسىغا بۇرىلىپ، دادىسىنىڭ قولىدىكى
ھاسىسىغا ئېسىلدى.
− نېمىشقا
ئۇرىسەن، دادا؟
− قىلغان ئىشىڭ
ئۈچۈن، ئىتنىڭ بالىسى!...
− نېمە
قىپتىمەن؟
− قوشناڭنى
رەسۋا قىلما! داداڭنى شەرمەندە قىلما! كەلسە - كەلمەس قاتراۋەرمە، ئىتنىڭ كۈچۈكى!
− پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ خىرىلداپ، گىرىگورىينى ئۆينىڭ ئىچىدە سۈرۈپ - توقاي
قىلىپ، ھاسىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇناتتى.
− ئۇردۇرمايمەن
! − دەپ ئاستا غودۇڭشىدى گىرىگورىي ۋە چىشىنى چىشلەپ، ھاسىنى دادىسىنىڭ قولىدىن
تارتىۋالدى - دە، ئۇنى تىزى بىلەن پۈكلەپ سۇندۇرۇۋەتتى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ ئەمدى ئۇنىڭ گەجگىسىگە ئارقا - ئارقىدىن مۇشتلىغىلى تۇردى.
− قاراپ تۇر،
تېخى يېقىندا ئەبجىقىڭنى چىقىرىمەن!... ھەي لەنىتى شەيتان ! − ئۇ ئايىغىنى
كۆتۈرۈپ، يەنە تەپمەكچى بولاتتى، − سېنى مەرپۇشكا ساراڭغا ئۆيلەندۈرۈپ قويىمەن!...
شۇنداق ئەدىپىڭنى بېرەيكى، قاراپ تۇر!...
بۇ ۋاراڭ -
چۇرۇڭنى ئاڭلاپ ئانىسى يۈگۈرۈپ كەلدى.
−
پىروكوفېيېۋىچ ! ھەي پىروكوفېيېۋىچ !... ئۆزۈڭنى بېسىۋال !... توختا !...
ئەمما، چال
راستلا غەزىپىنى باسالماي قالغانىدى، خوتۇنىنىمۇ بىر مۇشت ئۇرۇۋەتتى، كىيىم تىكىش
ماشىنىسى تۇرغان شىرەنىمۇ ئۆرۈۋەتتى، ئاخىر، ھالى قالمىغاندا ھويلىغا ئۇچقاندەك
چىقىپ كەتتى. گىرىگورىي يېڭى يىرتىلغان كۆڭلىكىنى سېلىپ تاشلاي دېگۈچە، ئىشىك
تاراقلاپ ئېچىلدى - دە، غەزەپلەنگەن پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ بوسۇغىدا يەنە پەيدا
بولدى.
− بۇ ئىتنىڭ
بالىسىنى ئۆيلەندۈرۈش كېرەك!... دەپ يەرنى تېپىپ ۋارقىرىدى ۋە گىرىگورىينىڭ
مۇسكۇللۇق دۈمبىسىگە تىكىلىپ قارىدى، − ئۆيلەندۈرىمەن!... ئەتىلا ساۋچىلىققا
بارىمەن! سېنىڭ دەستىڭدىن خەقلەر مېنى كۆرسە كۈلىشىدىغان بولۇپ قالدى!
− كۆڭلىكىمنى
كىيگىلى قوي، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيلەندۈرەرسەن.
− ئۆيلەندۈرىمەن
!... تەنتەك قىزغا ئۆيلەندۈرىمەن !... − دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، ئاندىن ئىشىكنى
تاراقلىتىپ ياپتى، پېشايۋاندا دۈكۈلدەپ ماڭغىنى ئاڭلاندى، ئاخىرىدا قەدەم ئاۋازىمۇ
جىمىپ قالدى.
11
سېتراكوپ
يېزىسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە دالادا بىرېزېنت سايىۋەنلىك ھارۋىلار قاتار تىزىلىشىپ،
ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغانىدى. ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەردە ئىككى
تەرىپىگە ئاپپاق چېدىرلار تىكىلگەن، كوچىلىرى تۈپتۈز، چاققانغىنا بىر كىچىك شەھەر
پەيدا بولدى. قاق ئوتتۇرىسىدىن كىچىكرەك مەيداندا قاراۋۇل ئايلىنىپ يۈرەتتى.
لاگېردا
ئادەتتە ماي ئېيىدا بولىدىغان ھەر يىلى بىر خىلدا ئۆتىدىغان قاينام - تاشقىنلىق
ھايات باشلىنىپ كەتتى. كېچىسى يايلاقتا ئوتلاپ يۈرگەن ئاتلارغا قارايدىغان بىر توپ
كازاك ھەر ئەتىگىنى ئۇلارنى لاگېرغا ھەيدەپ كېلەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتلارنى
قاشلاش، ئېگەرلەش ئىشى باشلىناتتى. ئارقىدىنلا يوقلىما قىلىش، سەپكە تىزىلىش ئېلىپ
بېرىلاتتى. شاۋقۇن - سۈرەننى ياخشى كۆرىدىغان لاگېر مۇدىرى ئىشتاب - ئوفىتسېر
دەرىجىسىدىكى قوشۇن باشلىقى پوپوف كانىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ - جارقىراپ
يۈرەتتى. يېڭى كەلگەن ياش كازاكلارنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتقان تۆۋەن دەرىجىلىك
ئوفىتسېرلارمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشماي ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرەتتى. دۆڭلۈكنىڭ ئارقىسىدا
كازاكلار توپلىنىپ ھۇجۇمغا تەييارلىنىۋاتاتتى، «دۈشمەنلەر»گە ھىيلە ئىشلىتىپ
مۇھاسىرىگە ئالاتتى ۋە ئايلانما يول بىلەن ئارقا تەرەپكە ئۆتۈۋالاتتى. چاچما
ئوقلۇق مىلتىقلاردىن نىشانغا ئوق ئېتىشاتتى، ياش كازاكلار قىلىچۋازلىق قىلىشنى
ياخشى كۆرەتتى. يېڭى، چوڭراقلىرى بىر باھانە تېپىپ مەشغۇلاتتىن قېچىشاتتى.
كىشىلەر كۈننىڭ
ئىسسىقى ۋە ھاراقنىڭ تەسىرىدىن خىرىلدىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇندىن -
ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، قاتار تىزىلىشىپ تۇرغان ھارۋىلارنىڭ ئۈستىدىن يۇمشاققىنا خۇشبۇي
شامال سىيپاپ ئۆتەتتى، يىراقلاردا چېكەتكىلەر چىرىلدايتتى، كەڭ دالانىڭ نېرىقى
بېشىدىن ئاقىرىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۆي - ئىمارەتلەردىن چىقىۋاتقان تۈتۈن يىراقتىن
خىرە - شىرە كۆرۈنەتتى.
لاگېردىن
كېتىشكە بىر ھەپتە قالغاندا، توپچى قىسىم ئەسكىرى ئىۋان تومىلىننىڭ بىر تۇغقان
ئىنىسى ئاندىرېينىڭ خوتۇنى ئېرىنى كۆرگىلى كەلدى. بۇ ئايال بوغۇرساق، ھەر خىل
يېمەكلىكلەر ۋە يېزىدىكى يېڭىلىقلارنى ئالغاچ كەلگەنىدى.
ئەتىسى
سەھەردىلا قايتىپ كەتتى. كازاكلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، يار -
بۇرادەرلىرىگە سالام ئېيتىپ قويۇشنى ۋە باشقا ئىشلارنى شۇ ئايالغا جېكىلەپ
تاپشۇردى. پەقەت سىتېپان ئاستاخوف بۇ ئايالغا ھېچ نەرسە تاپشۇرمىدى. ئۇ بىر كۈن
بۇرۇن ئاغرىپ قالغان بولۇپ، ھاراق بىلەن داۋالىنىۋاتقانىدى، شۇڭا تومىلوننىڭ
خوتۇنى تۈگۈل، يورۇق ئالەمنىمۇ كۆرمىگەنىدى. مەشىق قىلىشقىمۇ چىقمىدى: ئۇنىڭ
ئىلتىماسى بويىچە فېلدشېر ئۇنىڭ مەيدىسىگە سەككىز - ئون زۈلۈك قويۇپ قېنىنى
شوراتقۇزدى. سىتېپان يالاڭ كۆڭلەك بىلەن ئۆز ھارۋىسىنىڭ چاقىغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى
− ئاپپاق شەپكىسى چاق قازىنىنىڭ قارا مېيىغا سۈركىلىپ قاپقارا داغ بولۇپ كەتتى،
لېكىن ئۇ لېۋىنى تومپايتىپ، كۆكسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېپىشىۋالغان زۈلۈكلەرنىڭ
شورىشىنى، ھارام قانغا تويۇپ، ئىششىغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرەتتى.
ئۇنىڭ ئالدىدا
پولك فېلدشېرى تاماكا چېكىپ تۇراتتى، ئۇ تۈتۈننى شالاڭ چىشلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ:
− يېنىكلىشىپ
قالدىڭمۇ؟ − دەپ سورىدى.
− كۆكسۈمنىڭ
تېگى - تەكتىدىن تارتىپ شورىشىۋاتىدۇ، يۈرىكىم بىرئاز ئارام ئالغاندەك
قىلىۋاتىدۇ...
− زۈلۈك ئەڭ
ياخشى داۋا.
بۇلارنىڭ
يېنىغا ئاندىرېي تومىلىن كەلدى ۋە كۆزىنى قىسىپ ئىملەپ:
− سىتېپان،
ساڭا بىر ئېغىز گېپىم بار ئىدى، − دېدى.
− ئېيتىۋەر.
− بىردەملىك
چەتكە چىقساڭ.
سىتېپان
ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇردى - دە، تومىلىن بىلەن بىر چەتكە ئۆتتى.
− قېنى، سۆزلە.
− ئايالىم
كەلگەنىدى... بۈگۈن يولغا سالدىم.
− ھە...
− سېنىڭ
ئايالىڭ توغرۇلۇق يېزىدا ھەر خىل گەپ - سۆز بار ئىكەن...
− قانداق گەپ؟
− ئەمما ياخشى
گەپ ئەمەس.
− خوش؟
− گىرىشكا
مېلېخوف بىلەن يۈرەرمىش ئوچۇقتىن - ئوچۇق...
سىتېپاننىڭ
چىرايى ئۆڭۈپ، مەيدىسىدىن زۈلۈكلەرنى ئېلىپ تاشلىدى - دە، ئايىغى بىلەن دەسسەپ
ئۆلتۈردى. كېيىنكى بىر زۈلۈكنى مىجىقلىۋەتتى، كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنىڭ تۈگمىسىنى
ئەتتى، لېكىن بىرنېمىدىن قورققاندەك، تۈگمىلىرىنى يەنە يېشىۋەتتى... ئاقىرىپ
كەتكەن لەۋلىرى تىترەپ، غەلىتە ھىجىياتتى ۋە كۆكىرىپ، ھۈررەك - ھۈررەك بولۇپ
كېتەتتى... تومىلىنگە سىتېپان چىشى ئۆتمەيدىغاندەك قاتتىق بىرنەرسىنى چايناۋاتقاندەك
تۇيۇلدى. بارا - بارا يۈزىگە قان يۈگۈردى، تولا چىشلىنىپ زېدە بولۇپ كەتكەن
لەۋلىرى مىدىرلىماي تاشتەك قېتىپ قالدى. سىتېپان بېشىدىن شەپكىسىنى ئېلىپ، چاقنىڭ
مېيى بىلەن بۇلغانغان قارا داغنى يېڭى بىلەن سۈرتۈۋېرىپ، ئاپپاق قېپىنى بىر يولى
مەينەت قىلىۋەتتى، ناھايەت ئۈنىنى چىقىرىپ:
− ئەكەلگەن
خەۋىرىڭ ئۈچۈن رەھمەت! − دېدى.
− شۇنى
دېمەكچىدىم، ... كەچۈرىسەن... ئۆيۈڭدە شۇنداق گەپلەر بار ئىمىش...
تومىلىن
ئېچىنغان كىشىدەك ئىشتىنىنى قېقىپ قويدى - دە، ئېگەرلىك ئېتىنىڭ قېشىغا كەتتى.
لاگېرنىڭ ئىچى ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن تولغانىدى. كازاكلار قىلىچۋازلىق
مەشقىدىن قايتىشقانىدى. سىتېپان شەپكىسىدىكى قارا داغقا قاتتىق تىكىلىپ بىر پەس
تۇرۇپ قالدى. چالا ئۆلۈك بىر زۈلۈك ئۆتۈكىگە يامىشىپ چىقماقتا ئىدى.
12
كازاكلارنىڭ
لاگېردىن قايتىشىغا بىر يېرىم ھەپتە قالغانىدى.
ئاكسىنىيە
كېچىكىپ ئويغانغان مۇھەببەت ئوتىدا ئۆرتەنمەكتە. گىرىگورىي ئاتىسىنىڭ تەھدىتىگە
قارىماستىن ھەر كېچىسى تۇيدۇرمايلا ئۇنىڭكىگە باراتتى ۋە تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنلا
قايتىپ كېلەتتى.
ئىككى ھەپتە
داۋامىدا گىرىگورىي يىراق يول ماڭغان ئاتتەك، ھېرىپ تېنىدە مادارى قالمىدى.
كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز
ئۆتكۈزگەنلىكتىن، ياڭاق سۆڭەكلىرى چىقىپ، يۈزىنىڭ قىزىل تېرىسى كۆكىرىپ كەتتى،
قاپقارا كۆزلىرى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ، ھارغىنلىق بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدى.
ئاكسىنىيە
يۈزىنى رومال بىلەن ئورىماي يۈرىۋېرەتتى، كۆزىنىڭ ئاستىلىرىدا قارا چوڭقۇرچاقلار
پەيدا بولدى: گىلاستەك پۇلتىيىپ تۇرغان چاڭقىغان لەۋلىرى سەل - پەل پەسكە
ساڭگىلاپ، خاتىرجەم ھىجىيىپ تۇراتتى.
ئۇلارنىڭ
ئارىسىدىكى مەجنۇنلارچە ئىشق - مۇھەببەت ئادەتتىن تاشقىرى كۈچىيىپ، بارا - بارا
ئاشكارا تۈسكە كىردى، ئۇلار ھاياسىز ئىشق ئوتىدا بىرلىكتە ئۆرتىنەتتى، ئار -
نومۇسنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ، قوشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق - ئايدىڭ ۋە
بىمالال يۈرىۋېرەتتى، ئۇلار كۈندىن - كۈنگە ياداپ، يۈزلىرى قارىيىپ كەتتى. كىشىلەر
نېمىشقىدۇر بۇلارنى ئۇچراتقاندا يۈزلىرىگە تىكىلىپ قاراشتىن ئۇيىلاتتى.
گىرىگورىينىڭ
دوستلىرى بۇرۇن ئاكسىنىيە بىلەن بولغان ئالاقە تۈپەيلى ئۇنىڭغا ئانچە - مۇنچە
تېگىشىپ قويغان بولسا، ئەمدىلىكتە لام - جىم دېمەيدىغان بولۇشتى، گىرىگورىي بىلەن
بىر يەردە بولغاندا ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىشاتتى، گەپ - سۆزدىنمۇ چەكلىنەتتى،
ئاياللار ئاكسىنىيەنى ھەرنېمە دېگەنبىلەنمۇ، ئىچىدە رەشك قىلاتتى. سىتېپاننىڭ
كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشۈپ، نېمە ئەھۋال بولۇشىنى بىر كۆرۈپ باققۇسى كېلەتتى.
بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدە تەخمىنەن مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشاتتى.
ئەگەر
گىرىگورىي ئېرى يېنىدا يوق ئاكسىنىيەنىڭ قېشىغا كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇنغاندەك
بىر تۈس بىلەن بارغان بولسا، ئاكسىنىيەمۇ گىرىگورىي بىلەن بولغان باردى -
كەلدىسىنى بىرقەدەر مەخپىي تۇتقان بولسا ۋە ئەينى زاماندا باشقىلارنىمۇ رەت
قىلمىغان بولسا، ئۇ چاغدا مۇنچىلىك گەپ - سۆز بولۇپ كەتمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ
ئالاقىلىرى مۇنچىلىك كۆزگە چۈشمەس ئىدى. يېزىدىكىلەرمۇ سۆزلەپ - سۆزلەپ توختاپ
قالغان بولاتتى. لېكىن، بۇلار دېيەرلىك ئاشكارا ئالاقە قىلىشاتتى. ئۇلارنى ھېچبىر
قىسقا مۇددەتلىك ئالاقىگە ئوخشىمايدىغان قانداقتۇر كۈچلۈك بىر ئالاقە ئۆز ئىلكىگە
ئالغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېزىدىكىلەر بۇنى زور جىنايەت، ئەخلاقسىزلىق دەپ
ھېسابلىشاتتى ۋە سىتېپان كەلسە ئۆزى بىر ياقلىق قىلار، دېگەن قارارغا كېلىپ
جىمغىنا كۈتۈپ تۇرۇشاتتى.
ياتاق ئۆيدە
كارىۋات ئۈستىگە تانا تارتىلغان. تانىغا يىپسىز ئاق ۋە قارا قۇرۇق غالتەكلەر
ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ غالتەكلەر ئۆينى بېزەش ئۈچۈن ئېسىلغانىدى. پاشا - چىۋىنلەر
شۇلارنىڭ ئۈستىدە تۈنەيدۇ، ئۆمۈچۈكمۇ چىقارغان يىپىنىڭ بىر ئۇچىنى شۇ غالتەكلەرگە،
يەنە بىر ئۇچىنى تورۇسقىچە تارتىپ تور توقۇيدۇ. گىرىگورىي بېشىنى ئاكسىنىيەنىڭ
مۇزدەك يالىڭاچ قولىنىڭ ئۈستىگە قويغان ھالدا تۇرۇسقا قاراپ، غالتەكلەرنى كۆزدىن
كەچۈرەتتى. ئاكسىنىيە يەنە بىر قولى بىلەن − تولا ئىشلەپ قوپاللىشىپ كەتكەن
بارماقلىرى بىلەن ئوڭدا ياتقان گىرىگورىينىڭ ئات يالىدەك قاتتىق جىگىلەك چاچلىرىنى
سىلايتتى. ئاكسىنىيەنىڭ بارماقلىرىدىن يېڭى سېغىلغان كالا سۈتىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.
گىرىگورىي بېشىنى قايرىغاندا، بۇرنى ئاكسىنىيەنىڭ قولتۇقىغا تاقىلىپ قالاتتى - دە،
ئاياللارغا خاس يېقىملىق ئۆتكۈر تەرنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ دىمىقىغا ئۇرۇلاتتى.
ئۆينىڭ ئىچىدە
تۆت بۇرجىكىگە ياڭاقتەك يۇمىلاق شار نەقىش قىلىپ بېكىتىلگەن سىرلانغان ياغاچ
كارىۋاتتىن باشقا، ئىشىكنىڭ تۈۋىدە يەنە بىر دانە ئۈستى تۈنىكە بىلەن قاپلانغان
يوغان ساندۇق تۇراتتى. ئاكسىنىيەنىڭ تويلۇقىغا ئېلىنغان نەرسىلەر ۋە باشقا كىيىم -
كېچەكلەر شۇ ساندۇقتا ئىدى. تۆر تەرەپتىكى بۇلۇڭغا شىرە قويۇلغان، ئۈستىگە
كىليونكا سېلىنغان، كىليونكىدا گېنېرال سىكوبېلېفنىڭ قات - قات ئېگىلگەن بايراقلار
تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان سۈرىتى بار، ئىككى دانە ئورۇندۇق قويۇلغان
بۇلۇڭنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يالتىراق قەغەز بىلەن ياسالغان مېھراب ئىچىدە بۇتنىڭ
سۈرىتى ئېسىقلىق تۇراتتى. يان تەرەپتە، تامدا چىۋىن پاسكىنا قىلىۋەتكەن فوتو
سۈرەتلەر ئېسىلغان. بۇ سۈرەتتە چاچلىرى ھۈرپىيىپ تۇرغان، كەڭ كۆكرەكلىرىگە سائەت
زەنجىرلىرىنى تاقىۋالغان، يالىڭاچلانغان قىلىچلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان بىر گۇرۇپپا
كازاكلار قاراپ تۇراتتى، بۇ − سىتېپاننىڭ ھەقىقىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ تۇرغان
دەۋرىدە يولداشلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى. كىيىم ئىلغۇچتا سىتېپاننىڭ
يىغىشتۇرۇلماي قالغان ھەربىي كىيىمى ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ. دېرىزىنىڭ كۆزنىكىدىن ئاي
مارىلايتتى، گويا ئاشۇ كىيىمنىڭ پاگونىدىكى ئىككى ئاق بالداق ئوفىتسېرلىق
بەلگىسىنى ئىشەنمەسلىك بىلەن سىيپىلاۋاتقاندەك ئىدى.
ئاكسىنىيە بىر
ئۇھ تارتىپ نەپەس ئالدى - دە، گىرىگورىينىڭ ئىككى قېشى ئارىلىقىدىن سۆيدى.
− گىرىشكا،
باغرىم...
− ھە، نېمە
دەيسەن؟
− پەقەت توققۇز
كۈن قالدى...
− تېخى ئۇزاق
ئىكەن.
− گىرىشكا، مەن
ئەمدى قانداق قىلىمەن؟
− مەن نەدىن
بىلەي.
ئاكسىنىيە ئاھ
- ئۇھتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ، گىرىشانىڭ چۇۋۇلغان چېچىنى قايتىدىن سىلاپ،
چىگىچلىرىنى ئايرىشقا باشلىدى.
− سىتېپان مېنى
تىرىك قويمايدۇ... − بۇ سۆزنى ئۇ سوئال تەرىقىسىدە دېدىمۇ ياكى قەتئىي قىلىپ
ئېيتتىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
گىرىگورىي ئۈن
چىقمىدى. ئۇنىڭ ئۇخلىغۇسى كېلەتتى، يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىنى ئاران ئاچاتتى،
ئۈستىدە ئاكسىنىيەنىڭ قارا كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ تۇراتتى.
− ئېرىم كەلسە
مېنى تاشلىۋېتەرسەنمۇ؟ قورقامسەن؟
− مەن نېمىدىن
قورقىمەن، سەن ئايال كىشى، سەن قورقساڭ بولىدۇ.
− سەن بىلەن
بىللە بولسام، ھەرگىز قورقمايمەن. ئەمما، كۈندۈزلىرى خىيال قىلسام يۈرىكىم
ئارقامغا تارتىپ كېتىدۇ...
گىرىگورىي
ئەسنەپ، بېشىنى ئارقا تەرەپكە تاشلىدى - دە، دېدى:
− سىتېپاننىڭ
كېلىشى تۇرغان گەپ. ئەمما دادام مېنى ئۆيلەندۈرىمەن دەۋاتىدۇ، بۇنىسى چاتاق !
گىرىگورىي
كۈلۈپ قويدى، يەنە بىرنېمە دېمەكچىدى، لېكىن بېشى ئاستىدىكى ئاكسىنىيەنىڭ قولى
بىردىنلا بوشىشىپ، ياستۇققا پاتتى - دە، تىترەپ كەتتى. يەنە بىرئازدىن كېيىن جان
كىرگەندەك بولۇپ، ئاۋۋالقى ھالىغا كەلدى.
− كىمنىڭكىگە
ساۋچىلىققا بېرىپتۇ؟ − دەپ سورىدى ئاكسىنىيە پىچىرلاپ.
− بېرىشقا
ئەمدى تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئانامنىڭ گېپىنىڭ ئورانىغا قارىغاندا، كورشۇنوفنىڭ قىزى −
ناتالىيە ئۈچۈن ساۋچى بولۇپ بارسا كېرەك.
− ناتالىيە...
ناتالىيە − چىرايلىق قىز... ناھايىتى چىرايلىق. بوپتۇ ئۆيلىنىۋەر. قايسى كۈنى ئۇنى
چېركاۋدا كۆرگەنىدىم... ياسىنىۋالغانىكەن...
ئاكسىنىيە تېز
- تېز سۆزلەيتتى، ئەمما ئۇنىڭ پايمۇپاي سۆزلىرى ئاران ئاڭلىناتتى.
− مەن ئۇنىڭ
جامالىغا نان چىلاپ يەمتىم؟... مەنچە بولغاندا ساڭا ئۆيلەنسەم بولاتتى.
ئاكسىنىيە
قولىنى گىرىگورىينىڭ بېشى ئاستىدىن شارتلا تارتىۋالدى - دە، دېرىزىگە قارىدى.
ھويلىغا كېچىنىڭ سارغۇچ چېدىرى يېپىلغانىدى. لاپاستىن ۋەھىمىلىك سايە چۈشۈپ
تۇرۇپتۇ. چېكەتكىلەر چىرىلدايتتى. دون ياقىسىدا سۇ ئۆكۈزلىرى مۆرەيتتى، ئۇلارنىڭ
يوغان باس ئاۋازى يالاڭ قات دېرىزىدىن بىمالال ئاڭلىناتتى.
− گىرىشا !
− نېمە چارىنى
ئويلاپ تاپتىڭ؟
ئاكسىنىيە
گىرىشكىنىڭ ئەركىلىتىشكە ئۆگەنمىگەن قوپال قوللىرىنى تۇتۇپ كۆكسىگە باستى، ئاندىن
قېنى قاچقان مۇزدەك يۈزىگە سۈرتۈپ تۇرۇپ زارلانغان ئاۋاز بىلەن:
− سەن لەنىتى
قانداق قىلىپ ماڭا باغلىنىپ قالدىڭ - ھە؟ ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟... گىرىشكا
!... يۈرىكىمنى پارە - پارە قىلدىڭغۇ!... مەن گۇم بولدۇم... سىتېپان كەلسە نېمىدەپ
جاۋاب بېرىمەن؟... كىم مېنىڭ ئارامغا كىرىدۇ؟ − دېدى.
گىرىگورىي
ئۈندىمىدى. ئاكسىنىيە ئۇنىڭ چىرايلىق ئىلمەك بۇرنىغا، سايە توسقان كۆزلىرىگە،
مىدىرلىماي تۇرغان لەۋلىرىگە غەمگە چۆككەن ھالدا قارايتتى. بىردىنلا تۇيغۇ ئېقىمى
كەلكۈندەك تېشىپ، سەۋر تۇغىنىنى بۇزۇپ تاشلىدى: ئاكسىنىيە ئۆزىنى باسالماي،
گىرىگورىينىڭ يۈز - كۆزلىرىنى، بوينى ۋە قوللىرىنى، قاپقارا جىڭگىلەك يۇڭ باسقان
مەيدىسىنى سۆيۈشكە باشلىدى. سۆيۈش ئارىلىقلىرىدا نەپەسلىرى تىقىلىپ، ھاسىراپ
پىچىرلايتتى، ئۇنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى گىرىگورىي سېزىپ تۇراتتى.
− گىرىشا،
سۆيۈملۈك يارىم... جانجىگىرىم... بۇ يەردىن كېتەيلى. ئەزىزىم! ھەممىدىن كېچەيلى،
بىز كېتەيلى. ئېرىمدىنمۇ كېچىمەن، ھەممىنى تاشلايمەن. ماڭا سەن بولساڭ بولدى...
كانغا كېتىمىز، بۇ يەردىن بەك ئۇزاقتا، سېنى كۆز قارىچۇقۇمدەك ئاسرايمەن...
دەردىڭگە دەرمان بولىمەن... پارامونوپ كېنىدا تاغام بار، قاراۋۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ،
ئۇ بىزگە ياردەم قىلىدۇ... گىرىشا ! بىرنەرسە دېسەڭچۇ؟
گىرىگورىي سول
قېشىنى تۈرۈپ ئويلىنىپ قالدى ۋە كۈتۈلمىگەندە ئوتتەك چاقنىغان كۆزلىرىنى ئاچتى. بۇ
كۆزلەر مازاق ئارىلاش كۈلەتتى.
− سەن ئەخمەق
ئىكەنسەن، ئاكسىنىيە، ئەخمەق! باياتىن بېرى ئۇنداق دەيسەن، بۇنداق دەيسەن، ھېچ
گېپىڭنىڭ تايىنى يوق. خوش، مەن ئىگىلىكنى تاشلاپ نەگە بارىدىكەنمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە
بۇ يىل ھەربىي خىزمەتكە بارىدىغان تۇرسام، ئىش سەن دېگەندەك بولمايدۇ... يېرىمىزنى
تاشلاپ ھېچ يەرگە كېتەلمەيمەن. بۇ يەرلەرنىڭ ئېتىكى كەڭ، يايراپ نەپەس ئالىسەن،
ئۇياقتا نېمە بار؟ بۇلتۇر قىشتا دادام بىلەن يېزا مەركىزىگە بارغانىدىم، نەپىسىم
بوغۇلۇپ ئۆلۈشكە تاسلا قالدىم. پاراۋۇزلار ھۆركىرەيدۇ، بەتبۇي كۆمۈر ئىسى ھەممە
ياقنى قاپلىغان، ئادەملەر قانداق تىرىكچىلىك قىلىدىكىنتاڭ، ھېچ بىلمىدىم، ئۇلار
ئاشۇ قاپقارا ئىسقا ئۆگىنىپ قېلىشقانمىكىن... − گىرىگورىي بىرنى تۈكۈردى - دە،
يەنە ئاۋۋالقى سۆزىنى دېدى، − مەن يېزىدىن ھېچ يەرگە كەتمەيمەن.
ھويلا
قاراڭغۇلىشىۋاتاتتى، ئاي بۇلۇتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇندى. ھويلىنى يورۇتۇپ تۇرغان
سارغۇچ شولا بىر پەستە ئۆچتى - دە، سايىلەر يوقىلىشقا باشلىدى ۋە قاشانىڭ تېشىدا
قارىيىپ كۆرۈنگەن نەرسە − بۇلتۇر كېسىپ كېلىنگەن شاخ - شۇمبىمۇ ياكى قاشانىڭ
تۈۋىدە ئۆسكەن شىۋاقمۇ، بۇنى پەرق ئېتىپ بولمايتتى.
ئۆينىڭ ئىچىمۇ
قاراڭغۇلاشتى. دېرىزە يېنىدا ئېسىقلىق تۇرغان سىتېپاننىڭ مۇندىرىدىكى ئوفىتسېرلىق
ئاق نىشانلىرىمۇ غۇۋالىشىپ قالدى. لېكىن، جىمجىت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاكسىنىيەنىڭ
يەلكىلىرى دىرىلداپ تىترەۋاتقانلىقىنى، ئىككى ئالىقىنى بىلەن سىقىۋالغان بېشى
ياستۇق ئۈستىدە سىلكىنىۋاتقانلىقىنى گىرىگورىي كۆرمەيتتى.
13
تومىلىننىڭ
ئايالى كېلىپ كەتكەندىن بۇيان، سىتېپاننىڭ چىرايى يامانلىشىپ كەتتى. قاش - قاپىقى
ساڭگىلاپ، پېشانىسىنى چوڭقۇر ھەم سەت قورۇق باستى، سىتېپان يولداشلىرى بىلەن كەم
سۆزلىشەتتى، ئانچىكىملا بىر ئىشقا تېرىكىپ جېدەل چىقىراتتى؛ ۋاخمىستىر پېلىشكوف
بىلەن بىكاردىن - بىكار تىللىشىپ قالدى، پېترو مېلېخوفقا قاراپمۇ قويمايتتى. بۇ
ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن دوستلۇق رىشتىسى ئۈزۈلدى. سىتېپان خۇددى
ئىگىسىنى ئېلىپ قاچقان ئاتتەك ئۆزىنىڭ قايناپ - تېشىۋاتقان غەزەپ - ئەلىمىنىڭ تىك
يارلىقىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئىككى دوست ئۆز ئۆيلىرىگە بىر - بىرىگە ئەشەددىي
دۈشمەن بولۇپ قايتىشتى.
كېيىنكى
چاغلاردا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى بىلگىلى بولمايدىغان دۈشمەنلىك
مۇناسىۋەتلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان بىر ھادىسىمۇ بولۇپ ئۆتتى.
بىللە كەلگەن بەشەيلەن لاگېردىن يەنە بىللە قايتىشقانىدى. ھارۋىغا پېترو بىلەن
سىتېپاننىڭ ئاتلىرى قوشۇلدى. خىرىستونە ئۆز ئېتىنى مىندى، ئاندىرېي تومىلىننىڭ
بەزگىكى تۇتۇپ قالغانلىقتىن، شىنېلىگە يۆگىنىپ سايىۋەن ھارۋا ئىچىدە ياتاتتى.
فېدوت
بودوۋىسكى ھارۋا ھەيدەشكە ئېرىنگەنلىكتىن، ھارۋىنى پېترو ھەيدىدى. سىتېپان
ھارۋىنىڭ يېنىدا پىيادە ماڭغان بولۇپ، يول ياقىسىدىكى ياۋا ئوتلارنىڭ قىزىل
ئېچىلغان باشلىرىنى قامچىسى بىلەن ئۇرۇپ قىرىپ باراتتى، يامغۇر يېغىۋاتاتتى.
قاپقارا لاي يېلىمدەك يېپىشىپ چاق بىلەن بىللە ئايلىناتتى. ئاسماننى كۈز
پەسلىدىكىدەك بۇلۇت قاپلىغان بولۇپ، كۈل رەڭ تۈس ئالغانىدى. كەچ كىردى. ھەرقانچە
تىكىلىپ قارىغان بىلەنمۇ يېزا تەرەپتىن چىراغ يورۇقى كۆرۈنمەيتتى. پېترو ئاتلارنى
ئايىماي قامچىلايتتى. مانا شۇ چاغدا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە سىتېپان:
− نېمە
قىلغىنىڭ بۇ؟ ... ئۆز ئېتىڭنى ئايايسەنۇ، ھەدەپ مېنىڭ ئېتىمنى قامچىلايسەنغۇ؟!...
− دەپ ۋارقىرىدى.
− كۆزۈڭنى
ئېچىپ قارا، قايسى ئات تارتمىسا، شۇنى قامچىلىدىم.
− ئۆزۈڭنى
ھارۋىغا قوشۇپ قويايمۇ؟ تۈركلەر ھارۋا تارتىشقا ئۇستا...
پىترو تىزگىننى
تاشلىۋەتتى.
− سەن نېمە
قىلماقچىسەن؟
− جايىڭدىن
قوزغالما، ئولتۇر!
− سەنمۇ
تىلىڭنى تارتساڭ بولارمىكىن.
− نېمىشقا
ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىسەن؟ − دەپ غودۇڭشىدى ئاتلىق ماڭغان خىرىستونە سىتېپانغا يېقىن
كېلىپ.
سىتېپان لام -
جىم دېمىدى، قاراڭغۇدا ئۇنىڭ يۈزى كۆرۈنمەيتتى. يېرىم سائەتچە ئۈن چىقماي مېڭىشتى.
چاقلارنىڭ ئاستىدا لاي شالاقلايتتى. سايىۋەن ئۈستىگە چۈشۈۋاتقان ئۇششاق يامغۇرنىڭ
شىتىرلىشى كىشىنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرەتتى. پېترو تىزگىننى تاشلىۋېتىپ تاماكا
چېكىشكە باشلىدى. ئۇ سىتېپان بىلەن يەنە تۇتۇشۇپ قالىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئېيتىش
ئۈچۈن ئۆز كۆڭلىدە يامان سۆزلەرنى تېپىشقا تەييارلىنىپ تۇراتتى. بارغانسېرى ئۇنىڭ
غەزىپى ئۆرلەيتتى. ئەنە شۇ رەزىل سىتېپاننى راسا بىر تىللىۋالغۇسى، مازاق قىلىپ
كۈلگۈسى كېلەتتى.
− نېرىراق تۇر،
ھارۋىغا چىقىۋالاي، − دەپ سىتېپان پېترونى ئىتتىرىۋەتتى - دە، ئىرغىپ ھارۋا
ئۈستىگە چىقتى.
شۇ چاغدا ھارۋا
بىر سىلكىندى - دە، توختاپ قالدى. ئاتلار لايدا تېيىلىپ، تېپىرلاشقا باشلىدى،
تاقىلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى، شوتىنىڭ ياغىچى تاراقشىدى.
− تىرر! − دەپ
ۋارقىرىدى پېترو ۋە ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى.
− نېمە بولدى؟
− دەپ ھودۇقتى سىتېپان.
خىرىستونە ئات
چاپتۇرۇپ يېتىپ كەلدى.
− بىر يېرىنى
سۇندۇرۇۋەتتىڭلىمۇ؟ ئاپلا!...
− گۇگۇت ياق.
− كىمدە
سەرەڭگە بار؟
− سىتېپان،
سەرەڭگەڭنى بەرگىنە!
ھارۋا ئالدىدا
ئات خىرىلداپ، تېپىرلاۋاتاتتى، بىرسى سەرەڭگە ياقتى، كىچىككىنە يەر يورۇپ، گۇگۇت
يەنە ئۆچۈپ قالدى. پېترو تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يىقىلغان ئاتنىڭ ساغرىسىنى
سىلاپ كۆردى. يۈگەننىڭ ئاستىدىن تارتتى.
− چۇ!...
ئات خارقىراپ
يېنىچە يىقىلدى. سىتېپان يۈگۈرۈپ كېلىپ ئارقا - ئارقىدىن سەرەڭگە ياقتى. يىقىلغان
ئات ئۇنىڭكى ئىدى. ئات بېشىنى كۆتۈرۈپ - كۆتۈرۈپ قوياتتى. ئالدى پۇتى تىزىغىچە
دالا چاشقىنىنىڭ كامىرىغا تىقىلىپ قالغانىكەن.
خىرىستونە
يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە تاسمىلىرىنى يېشىپ تاشلىدى.
− پۇتىنى
تارتىۋال !
− پېترونىڭ
ئېتىنى ھارۋىدىن چىقار ! قېنى، چاققان بول !
− تەك - تەك،
لەنىتى ! تىررر !...
−
تېپچەكلەۋاتىدۇ، شەيتان، نېرىراق !
ئۇلار
سىتېپاننىڭ ئېتىنى مىڭ تەسلىكتە تۇرغۇزۇشتى. ھەممە يېرى بۇلغىنىپ كەتكەن پېترو
ئاتنى تىزگىنىدىن تۇتۇپ تۇردى، خىرىستونە تىزىغىچە لايغا كىرىپ ئاتنىڭ مېيىپ
بولغان پۇتىنى سىلاپ كۆردى.
− سۇنغان
ئوخشايدۇ، − دەپ غودۇڭشىدى ئۇ.
فېدوت
بودوۋىسكوف دىرىلداپ تىترەۋاتقان ئاتنىڭ دۈمبىسىنى شاپىلاقلاپ قويدى.
− قېنى،
يېتىلەپ باققىنا، بەلكى مېڭىپ قالار.
پېترو
تىزگىنىدىن تارتتى، ئات ئالدىنقى سول ئايىغىنى باسالماي، دىڭگۇكلىدى ۋە كىشنەپ
قويدى. تومىلىن قولىنى شىنېلىنىڭ يېڭىگە سېپىۋېتىپ، ئېچىنغان ھالدا ئاتنىڭ قېشىدىن
نېرى كەتمەيتتى.
− ئاتنى موخو
قىلدىڭلار، نابۇت قىلدىڭلار، ۋاي ئىسىت!...
شۇ چاغقىچە
ئۈندىمەي تۇرغان سىتېپان خۇددى شۇ گەپنى كۈتكەندەك، خىرىستونەنى ئىتتىرىۋەتتى -
دە، پېتروغا ئېتىلدى. بېشىنى مۆلچەرلەپ بىر مۇشت ئاتقانىدى، ئەمما يەلكىسىگە
تەگدى. ئىككىيلەن ئېلىشىپ كەتتى، لايغا مىلەندى. بىرسىنىڭ كۆڭلىكى «جارت» قىلىپ
يىرتىلدى، سىتېپان پېترونى تېگىگە بېسىۋالدى ۋە تىزى بىلەن بېشىنى بېسىپ تۇرۇپ
راسا مۇشتلىدى. خىرىستونە تىللاپ تۇرۇپ ئىككىسىنى ئاجرىتىۋەتتى، پېترو قان
تۈكۈرۈپ:
− نېمىشقا
ئۇرىسەن؟... − دەپ ۋارقىرىدى.
− دۇرۇس
ھەيدىمەمسەن، ئەبلەخ ! يول يوق يەردىن ماڭما !...
پېترو
خىرىستونەنىڭ قولىدىن بوشىنىپ چىقماقچى بولىۋىدى، ئەمما خىرىستونە بىر قولى بىلەن
ئۇنى ھارۋىغا تىرەپ:
− بولدى،
بولدى، بولدى ! مەن بىلەن ئېلىشقىنا ! − دەپ ۋارقىرىدى.
پېترونىڭ ئېتى
يېنىغا فېدوت بودوۋىسكوفنىڭ پاكار، ئەمما قالتىس تارتىدىغان ئېتىنى قوشۇشتى.
− مېنىڭ
ئېتىمغا سەن مىنىۋال ! − دېدى خىرىستونە سىتېپانغا، ئۆزى ھارۋىغا چىقىپ، پېترونىڭ
يېنىدا ئولتۇردى.
گىنلوۋىسكى
يېزىسىغا يېتىپ كەلگەندە، يېرىم كېچە بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار ئەڭ چەتتىكى بىر
ئۆينىڭ ئالدىدا توختاشتى. خىرىستونە شۇ ئۆيدە قونۇشقا ئىلتىماس قىلغىلى كەتتى. ئۇ
شىنېلىنىڭ پېشىگە ئىت ئېسىلغىنىغا قارىماستىن، دېرىزىنىڭ قېشىغا بېرىپ، دەرپەردىنى
ئاچتى - دە، تىرنىقى بىلەن ئەينەكنى چەكتى.
− غوجايىن !
يامغۇر
شارىلداپ يېغىۋاتاتتى. ئىت ھەدەپ قاۋايتتى.
− غوجايىن !
ھەي، ياخشى كىشىلەر ! ئىيسا پەيغەمبەر ھەققى، بىر كېچە قونۇپ كېتىشكە رۇخسەت
قىلىڭلار، ھە! بىز ھەربىي خىزمەتتىن قايتقانلار، لاگېردىن كېلىۋاتىمىز. قانچە كىشى
دەمسىز؟ بەشەيلەن. ھە، ماقۇل، يا ئەيسا، ئۆز پاناھىڭدا ساقلا.
ئۇ دەرۋازا
تېشىدىكىلەرگە بۇرىلىپ:
− ھەي،
كىرىۋېلىڭلار! − دېدى.
فېدوت ئاتلارنى
ھويلىغا ئەكىردى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلاپ قويۇلغان ياغاچ ئوقۇرغا پۇتلىشىپ
كېتىپ تىللاپ قويدى. ئاتلارنى لاپاسنىڭ ئاستىغا باغلاشتى. تومىلىننىڭ بەزگىكى
تۇتۇپ، چىشلىرى كاسىلدىغان ھالدا ئۆيگە كىردى. پېترو بىلەن خىرىستونە ھارۋىدا
قېلىشتى.
تاڭ ئاتقاندا مېڭىشقا
ھازىرلىنىشتى، سىتېپان ئۆيدىن چىقتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن دۈمچەك بىر يېزا مومىيى
دىكىلداپ كېلەتتى. ئاتلارنى ھارۋىغا قوشۇۋاتقان خىرىستونە، ئۇنىڭغا ئىچ
ئاغرىتقاندەك گەپ قوشتى:
− ۋاي، ئانىكا،
نېمانچە مۈكچىيىپ كەتكەنسەن! ساڭا چېركاۋدا سەجدە قىلىش ئاسان بولسا كېرەك، يەنە
بىر ئېگىلسەڭ، بېشىڭ يەرگە تېگىدۇ.
− لېچىنىم،
ئاتامانچى يىگىت، مەن سەجدە ئۈچۈن يارىتىلغانىكەنمەن، ساڭا بىر ئىتنى ئېسىپ
قويسىمۇ بولىۋېرىدىكەن... ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بار، − موماي سوغۇققىنا
كۈلۈپ قويدى، خىرىستونە ئۇنىڭ ھەممە چىشلىرىنىڭ ساق تۇرغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
− ھەي، سەندىكى
نېمىدېگەن چىشلار، خۇددى چورتان بېلىقىدەك. مەن بىچارىگە ئون چىشىڭنى بېرىۋەتسەڭمۇ
بوپتىكەن، ياش بولساممۇ كەمشۈكمەن، تاماق چايناشقا چىشىم يوق.
− ساڭا
بېرىۋەتسەم، ئۆزۈم قانداق قىلىمەن، ياخشى يىگىت؟
− ساڭا، ئانىكا،
ئاتنىڭ چىشىنى سالدۇرىمىز. بەرىبىر، سەن ئۆلىسەن، ئۇ دۇنيادا سېنىڭ چىشلىرىڭ
كۆرۈنمەي قالىدۇ. سوراقچى پەرىشتىلەر سىگانلاردىن ئەمەسقۇ.
− سۆزلىگىن،
سۆزلەۋەر، − دەپ كۈلدى ھارۋىغا چىقىۋاتقان تومىلىن.
موماي سىتېپان
بىلەن لاپاسنىڭ ئاستىغا كەتتى.
− قايسى ئات؟
− قارا ئات، −
دەپ بىر ئۇھ تارتتى سىتېپان.
موماي ھاسىسىنى
يەرگە قويدى ۋە ئاتنىڭ مېيىپ بولغان پۇتىدىن تۇتۇپ، ئەر كىشىدەك دەس كۆتۈردى.
ئېگىلىپ كەتكەن ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن ئاتنىڭ تىزىنى خېلى ئۇزاق سىلاپ كۆردى.
ئات قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ، ئاغرىققا چىدىماي زوڭ ئولتۇرۇپ
قالدى.
− سۇنماپتۇ،
كازاك، پۇتى ساق. قالدۇرۇپ قوي، داۋالايمەن.
− پايدىسى
بولارمۇ، ئانىكا؟
− پايدىسى؟
بۇنى كىم بىلىدۇ، قوزام... پايدىسى بولار دەيمەن.
سىتېپان قول
شىلتىدى - دە، ھارۋا تەرەپكە كەتتى.
− ھەي،
قالدۇرامسەن يوقمۇ؟ − موماي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۆزىنى چىمىلدىتىپ سورىدى.
− مەيلى
قالسۇن.
− ئاشۇ قېرى
ساقايتىدۇ، ساق قالغان ئۈچ پۇتى بىلەن تاپشۇرساڭ، بىراقلا ھەممە پۇتىنى ئىشتىن
چىقىرىپ قولۇڭغا بىرەمدىكىن، دۆك مال دوختۇرىنى تېپىپسەن، بۇرادەر، − دەپ قاقاھلاپ
كۈلدى خىرىستونە.
14
− ... مەن
ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيىمەن، جېنىم ئانا، كۈندىن - كۈنگە سارغىيىپ، قۇرۇپ كېتىۋاتىمەن،
يوپكامنى تىكىپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتىمەن، − بۈگۈنى سۆكۈپ تارايتسام، ئەتىسى كەڭ
كېلىدۇ... ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەم، يۈرىكىم پىژىلدايدۇ... يەرگە
ئۆزۈمنى تاشلاپ، ماڭغان ئىزلىرىنى سۆيگۈم كېلىدۇ... ياكى مېنى ئىسسىتقۇ
قىلدىمىكىن؟... بىر ئىلاجىنى قىل، ئانىكا ! ئۇنى ئۆيلەندۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىدۇ...
بىر چارە تاپقىن، جان ئانا ! نېمە دېسەڭ بېرىمەن، ھەتتا ئىچ كۆڭلىكىمدىن تارتىپ
بېرىشكە رازىمەن، پەقەت مېنى قۇتقۇزۇۋالغىن.
دىروزدىخا
موماي قورۇق باسقان ئۆتكۈر كۆزلىرىنى ئاكسىنىيەگە تىكىپ، ئۇنىڭ ھەسرەتلىك
سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتىپ قوياتتى.
− كىمنىڭ
ئوغلى؟
− پانتېلېي
مېلېخوفنىڭ.
− ھېلىقى
تۈركنىڭمۇ؟
− ھە، شۇنىڭ.
موماي
لەۋلىرىنى چىشلەپ جاۋاب بېرىشنى كېچىكتۈرەتتى.
− ئەتە بالدۇرراق
قېشىمغا كەلگىن، چوكان. تاڭ يورۇي دېگەندىلا كەل. دون ياقىسىغا بارىمىز، پىراق -
ھىجراننى سۇغا ئاقتۇرۇۋېتىمىز. ئۆيۈڭدىن بىر چىمدىم تۇز ئالغاچ كەل... شۇنداق
بولسۇن.
ئاكسىنىيە
سېرىق گۈللۈك رومىلى بىلەن يۈزىنى ئورىدى - دە، مۈكچىيىپ دەرۋازىدىن چىقتى.
ئۇنىڭ قارىيىپ
كۆرۈنگەن گەۋدىسى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا غايىب بولدى. پەقەت كەشىنىڭ شىپىلدىشى
ئاڭلىناتتى. بارا - بارا قەدەم ئاۋازىمۇ بېسىلدى. يېزىنىڭ بىر چېتىدىن چىرقىراپ
ئېيتىلغان ناخشا ئاۋازى ئاڭلىناتتى.
كېچىچە
ئۇخلىماي چىققان ئاكسىنىيە تاڭ ئېتىش بىلەنلا دىروزدىخا موماينىڭ دېرىزىسى ئالدىغا
كەلدى.
− چوڭ ئانا!
− كىم سەن؟
− مەن، ئانىكا،
قوپ.
− ھازىرلا
كىيىنىپ بولىمەن.
ئىككىيلەن تار
كوچا بىلەن دوننىڭ بويىغا چۈشتى. پىرىستاننىڭ ئالدىدىكى ياغاچ كۆۋرۈك يېنىدا سۇغا
تاشلىۋېتىلگەن ھارۋىنىڭ ئالدى ياغىچى سۇغا چىلىشىپ تۇراتتى. سۇ بويىدىكى مۇزدەك
قۇم ئاياغقا تىكەندەك سانجىلاتتى، دوندىن كۈل رەڭ سوغۇق تۇمان كۆتۈرۈلەتتى.
دروزدىخا
ياداڭغۇ قولى بىلەن ئاكسىنىيەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ئۇنى سۇ تەرەپكە تارتتى.
− تۇز
ئەكەلدىڭمۇ؟ ماڭا بەر، كۈنچىقىشقا قاراپ چوقۇنغىن.
ئاكسىنىيە
چوقۇندى. كۈن چىقىۋاتقان چاغدىكى قۇتلۇق شەپەققە غەزەپ بىلەن كۆز تىكتى.
− بىر چاڭگال
سۇ ئېلىپ ئىچ، − دەپ بۇيرۇدى دىروزدىخا.
ئاكسىنىيە
يەڭلىرىنى ھۆل قىلىپ سۇ ئىچتى. موماي ئېرىنچەكلىك بىلەن دولقۇنلاپ تۇرغان سۇ
ياقىسىدا قارا ئۆمۈچۈكتەك چوقچىيىپ ئولتۇرۇپ، پىچىرلاپ دۇئا ئوقۇشقا باشلىدى:
− ئەزىم دەريا
ئاستىدىن چىققان سوغۇق بۇلاقلار... كۆيگەن جىسمىمنى... يانغان يۈرىكىمنى... پىراق
- ھىجراندىن، بالا - قازادىن... مۇقەددەس كىرېست بىلەن... ئەڭ پاك، ئەڭ
مۇقەددەس... يا بى - بى مەريەم، يا ئەرۋاھلار... خۇدانىڭ بەندىسى گىرىگورىينى... −
دېگەن سۆزلەر ئاكسىنىيەنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىناتتى.
دىروزدىخا
تۇزنىڭ بىر قىسمىنى پۇتىنىڭ ئاستىدىكى نەم قۇمغا سەپتى، بىر چىمدىمنى سۇغا ۋە
قالغان بىر قىسمىنى ئاكسىنىيەنىڭ قوينىغا چاچتى.
− يەلكەڭدىن سۇ
ئۆرۈپ چاچ، تېزرەك بول !
ئاكسىنىيە
ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. غەم - قايغۇغا چۆمۈپ، دىروزدىخانىڭ جىگەر رەڭ يۈزىگە غەزەپ
بىلەن قارىدى.
− تۈگىدىمۇ؟
− يۈگۈر ئەمدى،
چىرايلىقىم، ناشتا قىل، تۈگىدى.
ئاكسىنىيە
ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كەلدى، ئىنەكلىرى ھويلىدا مۆرىشەتتى. ئۇيقۇدىن
يېڭىلا ئويغانغان قىزىل يۈزلۈك دارىيە مېلېخوۋا كاماندەك چىرايلىق قاشلىرىنى
ئوينىتىپ، ئۆز كالىلىرىنى پادىغا ھەيدەپ باراتتى. ئۇ يېنىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن
ئاكسىنىيەگە ھىجايدى:
− قوشنام،
كېچىنى ئوبدان ئۆتكۈزدۈڭمۇ؟
− خۇداغا
شۈكۈر.
− ئەتىگەندە
نەنى چۆرگۈلەپ كەلدىڭ؟
− بىر ئىش
بىلەن بىر جايغا بېرىۋىدىم.
چېركاۋدا
ئەتىگەنكى ئىبادەتنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىندى، مىس قوڭغۇراقنىڭ جاراڭلىغان ساداسى
دولقۇنلىنىپ ئەتراپقا يېيىلاتتى. تار كوچا تەرەپتىن پادىچى بالا قامچىسىنى
قارسىلدىتىپ كېلىۋاتاتتى.
ئاكسىنىيە
چاپسانلىق بىلەن ئىنەكلىرىنى پادىغا ھەيدەپ چىقىرىپ، ساغقان سۈتىنى سۈزۈش ئۈچۈن
دەھلىزگە كىردى. جەينىكىگىچە تۈرۈلگەن قوللىرىنى پەرتۇقىغا ئېرتتى. خىيالىدا باشقا
ئىشلارنى ئويلاپ، كۆپۈكلىشىپ كەتكەن سۈزگۈچكە سۈتنى قانداق قۇيۇۋاتقانلىقىنىمۇ
بىلمەيتتى.
كوچىدا
گۈلدۈرلىگەن ھارۋا چاقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاتلار كىشنىدى. ئاكسىنىيە چېلەكنى
يەرگە قويۇپ، تالاغا قاراش ئۈچۈن دېرىزىگە ماڭدى.
سىتېپان
قىلىچىنى تۇتقان ھالدا كوچا ئىشىكى تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. كازاكلار مەيدان تەرەپكە
ئات چاپتۇرۇپ ئارقىمۇئارقا ئۆتۈشەتتى. ئاكسىنىيە پەرتۇقىنى چاڭگاللىغان پېتى
ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى... پەلەمپەيدىن قەدەم ئاۋازى ئاڭلاندى... بۇ ئاۋاز
دەھلىزگە يېقىنلىشىپ كەلدى... نەق ئىشىك ئالدىغا يەتتى...
ياداپ، چىرايى
ئۆزگىرىپ كەتكەن سىتېپان بوسۇغىدا پەيدا بولدى.
− خوش...
بەدىنى راسا
تولغان ئاكسىنىيە تەمتىرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى:
− مانا مەن،
ئۇر! − دېدى - دە، يېنىچە تۇرۇپ بەردى.
... خوش،
ئاكسىنىيە...
− نېمىسىنى
يوشۇرىمەن، گۇناھ مەندە، ئۇر، سىتېپان!
ئاكسىنىيە
بوينىنى قىسىپ، تۈگۈلۈۋېلىپ، ئۇنىڭغا يۈزمۇيۈز تىك قادىلىپ تۇراتتى. پەقەت ئىككى
قولى بىلەن قورسىقىنى ھىمايە قىلىپ تۇراتتى. قورقۇنچىدىن گاڭگىراپ، چىرايىدا قان
قالمىغانىدى. قارىيىپ چانىقى ئىچىدە كۆزلىرى قېتىپ قالغاندەك، كىرپىك قاقماستىن
قاراپ تۇراتتى. سىتېپان بىر دەلدەڭشىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى - دە، ئۇنىڭ يېنىدىن
ئۆتۈپ كەتتى. سىتېپاننىڭ ئەر كىشىگە خاس بەدىنىدىن، يولدا چاڭ باسقان كىر
كۆڭلىكىدىن ئاچچىق تەرنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ئۇ شەپكىسىنىمۇ ئالماستىن كارىۋاتقا
بېرىپ ياتتى. بىرئاز ياتقاندىن كېيىن گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ، يەلكىسىدىكى تاسما
باغلارنى ۋە كەمىرىنى يېشىپ تاشلىدى. ھەمىشە بۇرۇلۇپ تۇرىدىغان كېلىشكەن بۇرۇتى
ھازىر سالپىيىپ قالغانىدى. ئاكسىنىيە بېشىنى بۇرىماستىن كۆز قىرىنى ئۇنىڭغا
تىكەتتى، ئاندا - ساندا چۆچۈپ كېتەتتى. سىتېپان پۇتلىرىنى كارىۋاتنىڭ ئارقا
يۆلەنچۈكىنىڭ ئۈستىگە قويدى، ئۆتۈكىگە چاپلاشقان لاي ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇ تورۇسقا
قاراپ، قىلىچىنىڭ تاسما بېغىنى بارمىقى بىلەن تىكىلدىتاتتى.
− تېخى تاماق
يېمىگەنسەن؟
− ياق...
− ئەمىسە،
بىرنەرسە يەۋال.
سىتېپان
بۇرۇتىنى تەگكۈزۈپ كاسىدىن سۈت ئىچتى. ناننى ئۇزاق چاينىدى، ئىككى مەڭزىدە
قىپقىزىل دومباق پەيدا بولۇپ، ئۇياق - بۇياققا غىلدىرلاپ تۇراتتى، ئاكسىنىيە
پېچنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. ئېرىنىڭ تاماق يەۋاتقاندا مىدىرلاپ تۇرغان كىچىككىنە
قۇلاقلىرىغا قاتتىق ۋەھىمە بىلەن كۆز سالاتتى.
سىتېپان
شىرەنىڭ قېشىدىن تۇرۇپ چوقۇندى.
− سۆزلە، جانان
قىز، − دېدى ئۇ.
ئاكسىنىيە
ئېڭىشىپ شىرە ئۈستىنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى.
− قېنى
ئېيتقىنا، ئېرىڭنى قانداق كۈتتۈڭ، ئېرىڭ ئۈچۈن ئار - نومۇسنى ساقلىدىڭمۇ؟ خوش؟
تۇيۇقسىز
بېشىغا تەگكەن دەھشەتلىك زەربە ئاكسىنىيەنى بوسۇغا تەرەپكە ئۇلاقتۇرۇپ تاشلىدى. ئۇ
ئارقىسى بىلەن ئىشىكنىڭ ماڭلىيىغا جاق قىلىپ ئۇرۇلدى - دە، «ئاھ» دەۋەتتى.
سىتېپان،
يالغۇز نىمجان ۋە ھىمايىچىسى يوق ئاياللار تۈگۈل، مەنمەن دېگەن نوچىلارنىمۇ بېشىغا
بىر ئۇرۇپ غۇلىتىۋېتەلەيتتى. ئاكسىنىيە قورققانلىقىدىنمۇ ياكى جېنى
مەھكەملىكىدىنمۇ، بىرئازدىن كېيىن دېمىنى رۇسلىۋېلىپ بېشىنى كۆتۈردى ۋە ئۆمىلەپ
ئورنىدىن تۇردى.
سىتېپان ئۆينىڭ
ئوتتۇرىسىدا تاماكىسىنى چېكىپ تۇرۇپ، ئاكسىنىيە ئورنىدىن تىك تۇرۇۋالغۇچە قاراپ
تۇردى. ئاندىن تاماكا خالتىسىنى شىرە ئۈستىگە تاشلاپ قويدى، ئاڭغىچە خوتۇنى
پەيتىنى تېپىپ تۇرۇپ، ئىشىكنى غاچ قىلىپ ياپتى - دە، بەدەر قاچتى. ئېرى ئارقىسىدىن
قوغلىدى.
ئاكسىنىيە
قانغا مىلەنگەن ھالدا شامالدەك ئۇچۇپ، ئۆز قورۇسى بىلەن مېلېخوفلار قورۇسى
ئوتتۇرىسىدىكى قاشا تام تەرەپكە يۈگۈردى. بىراق، سىتېپان قاشا ئالدىدا ئۇنىڭغا
يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ قاپقارا چاڭگىلى خۇددى لاچىندەك ئاكسىنىيەنىڭ چېچىدىن
تۇتۇۋېلىپ، بىر سىلكىدى - دە، ئۇنى يەرگە، كۈلنىڭ ئۈستىگە يۇمىلىتىۋەتتى (بۇ
كۈللەرنى ئاكسىنىيە ھەر كۈنى مەشتىن ئاچىقىپ مۇشۇ قاشانىڭ تۈۋىگە تۆكەتتى).
ئېرى قولىنى
ئارقىسىغا قىلىۋېلىپ، خوتۇنىنى ئۆتۈكى بىلەن تېپىۋەردى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ
كارى بولسۇن!... بىر قولى چولاق ئاليۇشا شامىل كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇلارغا
قاراپ، كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ قويدى، ھىجايغاندا بومبا ساقىلى تەۋرەندى. سىتېپاننىڭ
نېمىشقا بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەنگەچكە، ئىچىدە: «ئۇرسا
ئۇرمامدۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق خوتۇنىغۇ...» دەيتتى.
لېكىن، شامىل
توختاپ، سىتېپان خوتۇنىنى ئۆلگۈچە ئۇرامدۇ، يوق، تاماشىسىنى بىر كۆرەيچۇ، دېدى (بۇنداق
تاماشىنى كىمنىڭ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ، دەيسىز)، ئەمما ۋىجدانى بۇنىڭغا يول قويمىدى،
چۈنكى نېمەدېگەنبىلەن بۇ، ئەر كىشىگە لايىق ئىش ئەمەس - دە.
يىراقتىن
قارىغان كىشى سىتېپاننى كازاكچە ئۇسسۇل ئويناۋاتسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىشى مۇمكىن
ئىدى. گىرىشكىمۇ سىتېپاننىڭ سەكرەشلىرىنى ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن كۆرۈپ، شۇنداق
ئويلىغانىدى. لېكىن، دىققەت بىلەن قاراپ، ۋەقەنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن
ئۆيدىن چاچراپ چىقتى. مەھكەم تۈگۈلگەن مۇشتلىرىنى مەيدىسىگە قاتتىق بېسىپ، پۇتىنىڭ
ئۇچىدا قاشا تەرەپكە يۈگۈردى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتۈكى بىلەن يەرنى قاتتىق دەسسەپ
پېترومۇ يېتىپ كەلدى.
گىرىگورىي
ئېگىز قاشا تام ئۈستىدىن قۇشتەك ئۇچۇپ ئۆتتى - دە، يۈگۈرگەن پېتى سىتېپاننىڭ
ئارقىسىدىن راسا بىرنى مۇشتلىۋىدى، سىتېپان سەنتىرەكلەپ كەتتى، ئەمما ئارقىسىغا
قايرىلىپ گىرىگورىيغا ئېيىقتەك چاڭ سالدى.
ئاكا - ئۇكا
مېلېخوفلار ئۇنىڭ بىلەن جان - جەھلى بىلەن ئېلىشىشقا باشلىدى. سىتېپاننىڭ
قوغۇشۇندەك ئېغىر مۇشتىنىڭ زەربىسىدىن گىرىگورىي بىرنەچچە قېتىم يەرگە دومىلاپ
چۈشتى. ئۇستىخانلىرى قاتقان سىتېپاننىڭ ئالدىدا ئۇ چۈجىدەك ئاجىزلىق قىلاتتى.
ئەمما چاققان، پاكىنەك پېترو مۇشت يېسىمۇ، قومۇشتەك ئېگىلىپ، پەقەت يىقىلمايتتى.
سىتېپاننىڭ بىر
كۆزى ئالا بولغان ئالۇچىدەك كۆكىرىپ ئىششىپ كەتكەنىدى، ساق كۆزىنى پالدىرلىتىپ
پېشايۋانغا سۈرۈلۈشكە باشلىدى.
پېترودىن يۈگەن
سوراپ كىرگەن خىرىستونە ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويدى.
− ئۆيۈڭلەرگە
كىرىپ كېتىڭلار! − دەپ ۋارقىرىدى ئۇ قولىنى شىلتىپ، − كىرىپ كېتىڭلار! بولمىسا،
ئاتامغا بېرىپ ئېيتىمەن !
پېترو قان
ئارىلاش بىر چىشىنىڭ سۇنۇقىنى ئالىقىنىغا ئاۋايلاپ تۈكۈردى - دە، خىرىلداپ دېدى:
− كېتەيلى،
گىرىشكا، كىشى يوق يەردە قولىمىزغا چۈشەر...
− سەن قولۇمغا
چۈشمەيسەن - ھە؟ − ھەممە يېرى كۆكىرىپ كەتكەن سىتېپان پېشايۋاندا تۇرۇپ دوق قىلدى.
− مەيلى،
مەيلى، كۆرەرمىز !
− مەيلى
دېمىسەڭمۇ كۆرىسەن، ئۈچەي - باغرىڭنى چۇۋۇپ تاشلايمەن!
− راست
ئېيتىۋاتامسەن ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟
سىتېپان
پەلەمپەيدىن سەكرەپ چۈشتى، گىرىشكا ئۇنىڭ ئالدىغا ئوقتەك ئېتىلىپ باردى، ئەمما
خىرىستونە ئۇنى كوچا ئىشىكى تەرەپكە ئىتتىرىپ:
− ئەمدى بولدى
قىلمىساڭ، ئىتنىڭ كۈچۈكىنى ئۇرغاندەك ئەبجىقىڭنى چىقىرىۋېتىمەن، − دېدى.
شۇ كۈندىن
باشلاپ مېلېخوفلار بىلەن سىتېپان ئاستاخوف ئارىسىدىكى ئاداۋەت يېشىلمەس تۈگۈنگە
ئايلاندى.
ئارىدىن ئىككى
يىل ئۆتكەندىن كېيىن گىرىگورىي مېلېخوف شەرقىي پىرۇسىيەدە، سىتولپىن شەھىرى يېنىدا
بۇ تۈگۈننى يېشىشكە مۇيەسسەر بولدى.
15
− پېتروغا
ئېيتقىن، بايتال بىلەن ئۆزىنىڭ ئايغىرىنى ھارۋىغا قوشسۇن.
گىرىگورىي
ھويلىغا چىقتى. پېترو لاپاس ئاستىدىن ھارۋىنى تارتىپ كېلىۋاتقانىدى.
− دادام بايتال
بىلەن سېنىڭ ئېتىڭنى ھارۋىغا قوشسۇن دەيدۇ.
− دېمىسىمۇ
ئۇنى بىلىمىز، تولا سۆزلەۋەرمەي، ئىشىنى قىلسۇن ! − دېدى پېترو ھارۋا شوتىسىنى
توغرىلىۋېتىپ.
پانتېلىي
پىروكوفېيېۋىچ، چۈشلۈك ئىبادەتكە تەييارلىنىۋاتقان چېركاۋ موللىسىدەك، تەرگە
چۆمگەنلىكىگە قارىماستىن، كاپۇستا شورپىسىنى سالاپەتلىك ھالدا ئىچىۋاتاتتى.
دۇناشكا كۆز
قىرى بىلەن گىرىگورىيغا قاراپ قوياتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ قىزلارغا خاس نازۇك
تەبەسسۇمىنى ئېگىلىپ تۇرغان كىرپىكلىرى ئاستىغا يوشۇردى. بويى پاكارراق بولسىمۇ،
سالاپەتلىك ئىلئىنىچنا بېشىغا بايراملىق ئاچقىزىل رومىلىنى ئورىۋالغانىدى. ئانىلىق
تەشۋىشىنى لېۋىنىڭ بۇرجەكلىرىگە يوشۇرۇپ، گىرىگورىيغا قارىدى - دە، چالغا:
− بولدى قىل،
ئەمدى، پىروكوفېيېۋىچ، يەۋېرەمسەن، نەچچە يىل ئاچ قالغان ئادەمدەك؟ − دېدى.
− تاماق
يېگىلىمۇ قويمايدۇ، بۇ چاپتىكەش !
ئىشىك قىيا
ئېچىلىپ، پېترونىڭ ساپسېرىق شاپ بۇرۇتى كۆرۈندى.
− مەرھەمەت قىلىڭلار،
پەيتون تەييار!
دۇناشكا
پىخىلداپ كۈلۈۋەتتى - دە، شۇئان يېڭى بىلەن ئاغزىنى توسۇۋالدى.
دارىيە ئىنچىكە
قاشلىرىنى ئوينىتىپ، كۈيۈ يىگىتكە باشتىن - ئاياغ سەپسېلىپ ئاشخانا ئارقىلىق ئۆتۈپ
كەتتى.
ئىلئىنىچنانىڭ
بىر نەۋرە ھەمشىرىسى − گەپدان تۇل ئايال ۋاسلىسا ھامما ساۋچى بولۇپ بارماقچىدى. ئۇ
ھەممىدىن بۇرۇن ھارۋىغا چىقتى. ۋاسلىسا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇپيۇمىلاق ساي
تېشىغا ئوخشاش بېشىنى ھەر تەرەپكە تولغاپ، ھىجىيىپ كۈلەتتى، كالپۇكلىرى ئارىسىدىن
قارىيىپ كەتكەن كوماك چىشلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
− سەن ۋاسېنكا،
ئۇ يەرگە بارغاندىمۇ ھىجىيىپ كۈلۈۋەرمە، − دەپ ئاگاھلاندۇردى پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ، − ئاغزىڭنى ئېچىۋەرسەڭ ھەممە ئىشنى بۇزۇپ قويۇشۇڭ مۇمكىن...
چىشلىرىڭ مەست ئادەم تىزىپ قويغاندەك، بىرسى ئۇياققا، بىرسى بۇياققا ئېگىلگەن.
− ھەي، غوجىكا،
مەن ئۈچۈن ساۋچىلىققا كېتىۋاتقىنىڭلار يوققۇ، مەن كۈيۈ ئوغۇل ئەمەسقۇ.
− ئۇغۇ شۇنداق،
ھەرھالدا كۈلمىگىن، چىشلىرىڭ ئۇنداق تۇرسا... قاپقارا، كىشى كۆرسە كۆڭلى ئاينىيدۇ.
ۋاسلىسا خاپا
بولدى، ئەمما شۇ چاغدا پېترو دەرۋازىنى يوغان ئېچىۋەتتى. گىرىگورىي تېرىنىڭ پۇرىقى
كېلىپ تۇرغان قىيىش تىزگىنىنى قولىغا ئېلىپ، ھارۋىنىڭ ئالدى تاختىسىغا لىككىدە
ئىرغىپ ئولتۇردى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ بىلەن ئىلئىنىچنا ھارۋىنىڭ ئارقىسىدا
خۇددى يېڭى تۇرمۇش قۇرغان ئەر - خوتۇندەك يانمۇيان ئولتۇرۇشتى.
− سال قامچاڭنى
! − دەپ ۋارقىرىدى پېترو تىزگىنىنى قويۇۋېتىپ.
− چۇ، ھارامزادە
! − گىرىشكا لېۋىنى چىشلىدى - دە، قۇلىقىنى مىدىرلىتىپ تۇرغان ئاتقا قامچا ئۇردى.
ئىككى ئات
تەڭلا كۈچىنىپ چاققان جايدىن قوزغالدى.
− ئالدىڭغا
قارا ! دەرۋازىغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇۋالىسەن! − دەپ چىرقىرايتتى دارىيە. ئەمما، ھارۋا
شارتلا قايرىلىپ يول چېتىدىكى دۆڭلۈك ئۈستىدىن ئىرغاڭلاپ، چوڭ كوچىغا چىقىۋالدى -
دە، كوچا بويلاپ تاراقلاپ كېتىۋەردى.
گىرىگورىي يان
تەرەپكە قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ، پېترونىڭ ئېتىغا قامچا تەڭلەپ ئوينىتىپ باراتتى،
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ، گويا ساقىلىنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدىغاندەك قولى بىلەن
مەھكەم تۇتاملىۋالغانىدى.
بوۋاي
ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، گىرىگورىينىڭ يەلكىسىگە ئېڭىشىپ:
− بايتالنى
ئۇر! − دەپ خىرىلدىدى.
ئىلئىنىچنا
شامالدا ياشلانغان كۆزلىرىنى كوپتىسىنىڭ تور ئۇقا تۇتقان يېڭى بىلەن ئېرتىپ،
كۆزلىرىنى پات - پات پىرىلدىتىپ، گىرىگورىينىڭ ئۇچىسىدىكى كۆك لەمبۇق كۆڭلىكىنىڭ
شامالدا ناغرىدەك تومپىيىپ كەتكەنلىكىگە نەزەر تاشلايتتى، يولدا ئۇچرىغان كازاكلار
ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇزاققىچە قاراپ قېلىشاتتى.
ھويلىلاردىن ئىتلار چىقىپ، ئاتلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا يۇمىلىشىپ يۈرەتتى. يېڭى
تۆمۈر قېقىلغان چاقلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ئىتلارنىڭ قاۋىشى ئاڭلانماي قالاتتى.
گىرىگورىي
قامچىنىمۇ، ئاتلارنىمۇ ئايىماس ئىدى. ئون مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يېزا ئارقىدا
قالدى، ئەڭ كېيىنكى ھويلىلارنىڭ يول چېتىدىكى ياپيېشىل باغلىرى بىر - بىرلەپ ئۆتۈپ
كەتتى، كورشۇنوفنىڭ ھويلىسى كەڭ، ئازادە بولۇپ، كوچا تاملىرى تاختايدىن ئىدى.
گىرىگورىي تىزگىنىنى قاتتىق تارتتى، باياتىن بېرى گۈلدۈر - گۈلدۈر ئاۋاز چىقىرىپ
كەلگەن ھارۋا ئۈنىنى چىپپىدە ئۆچۈرۈپ، سىرلانغان، ئويما نەقىشلىك دەرۋازا ئالدىدا
توختىدى.
گىرىگورىي
ئاتلارنىڭ قېشىدا قالدى، پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ ئاقساقلاپ پەلەمپەي تەرەپكە
ماڭدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن، يوپكىسىنى يەلپۈلدىتىپ، لالىدەك قىزىرىپ كەتكەن
ئىلئىنىچنا ۋە لەۋلىرىنى مەھكەم يەملەشتۈرۈۋالغان ۋاسلىسا ئەگىشىپ ماڭدى، يول بويى
تەييارلىنىپ كەلگەن بوۋاي دادىللىقىمنى يوقىتىپ قويارمەنمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىپ،
ئالدىراپ قالغانىدى. ئۇ ئېگىز بوسۇغىغا پۇتلىشىپ كېتىپ، ئاقساق پۇتىنى
ئاغرىتىۋەتتى - دە، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، يېڭىلا يۇيۇلغان پەلەمپەيدىن چىڭ - چىڭ
دەسسەپ چىقاتتى.
ئۇ ئۆيگە
ئىلئىنىچنا بىلەن دېگۈدەك بىللىلا كىردى. ئايالى ئۇنىڭدىن بىر غېرىچ ئېگىز
بولغانلىقتىن، يانمۇيان تۇرغاندا سەت كۆرۈنۈپ قېلىنىشىنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ
بوسۇغىدىن بىر قەدەم بالدۇرراق ئاتلاپ كىرىپ، خورازدەك پاچاقلىرىنى جۈپلەشتۈردى -
دە، شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ، قارىيىپ كەتكەن خىرە بۇتقا قاراپ چوقۇندى.
− سالامەت
تۇردۇڭلىمۇ؟
− خۇداغا
شۈكۈر، − دەپ جاۋاب بەردى ئۆي ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ. بۇ كىشى ئوتتۇرا بويلۇق،
يۈزىنى سەپكۈن باسقان، ياشانغان كازاك ئىدى.
− مېھمان بولۇپ
كەلدۇق، كۈتۈۋال، مىرون گىرىگورىيېۋىچ.
− بىز مېھمان
كەلسە دائىم خۇرسەن بولىمىز، مارىيە، مېھمانلارغا ئورۇندۇق قوي.
ياشىنىپ
قالغان، مەيدىسى تۈز بىر ئايال ئورۇندۇقلارنى نېرى - بېرى سۈرتكەن بولدى، ئۇلارنى
مېھمانلارنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ ياغلىقى بىلەن تەرلەپ
كەتكەن قارىقۇمچاق پېشانىسىنى ئېرتىپ ئورۇندۇقنىڭ بىر چېتىگە ئولتۇردى.
− بىز سىزلەرگە
بىر ئىش بىلەن كەلگەنىدۇق، − دەپ سۆز باشلىدى چال گەپنىڭ ئوچۇقىنىلا ئېيتىپ.
ئاڭغىچە
ئىلئىنىچنا بىلەن ۋاسلىسامۇ يوپكىلىرىنى قايرىپ ئورۇندۇققا ئولتۇرۇشتى.
− قولىمىز
كۆكسىمىزدە، قانداق ئىش بىلەنكىن؟ − دەپ كۈلۈمسىرىدى ساھىبخانا.
گىرىگورىيمۇ
كىرىپ كەلدى. ئەتراپىغا بىر قۇر كۆز تاشلىدى.
− كېچەڭلەر
خەيرلىك ئۆتۈۋاتامدۇ؟
− خۇداغا
شۈكۈر، − دەپ سوزۇپ جاۋاب بەردى ساھىبخانا ئايال.
− خۇداغا
شۈكۈر، − دەپ تەكرارلىدى ساھىبخانا. ئۇنىڭ يۈزىدىكى سەپكۈنلىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك
بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇ مېھمانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى چۈشەندى، −
مارىيە، ئېيتىپ قويغىن، مېھمانلارنىڭ ئاتلىرىنى قورۇغا ئەكىرىپ ئوت - چۆپ بەرسۇن،
− دەپ ئايالىغا بۇيرۇدى.
ئايالى چىقىپ
كەتتى.
− بىز سىزلەرگە
ئازراق ئىش بىلەن كەلگەنىدۇق... − دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ.
ئۇ قارا چاڭگا ساقىلىنى چىمدىپ - چىمدىپ قوياتتى، قۇلىقىدىكى سىرغىسى ھاياجاندىن
سىلكىنەتتى، − سىزلەردە بويىغا يەتكەن كېلىن بالا بار، بىزدە − كۈيۈ ئوغۇل ... بىر
- بىرىمىز بىلەن قۇدا بولۇش پۇرسىتى بولارمىكىن؟ قىزىڭىزنى ھازىر ياتلىق قىلىش
نىيىتىڭىز بارمۇ، يوقمۇ، شۇنى بىلمەكچىدۇق. ئۇرۇق - تۇغقان بولۇشۇپ قالساق، قانداق
بولاركىن؟
− ئۇنى كىم
بىلىدۇ... − ساھىبخانا شالاڭشىپ قالغان چېچىنى قاشلىدى، − راستىنى ئېيتسام، بۇ
يىلقى كۈز كۈنلىرىدە ئۇنى ياتلىق قىلىش ئوي - خىيالىمىزدا يوق ئىدى. ھازىر
ئىشلىرىمىز ناھايىتى ئالدىراش، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يېشى كىچىك. شۇنداقمۇ مارىيە؟
− شۇنداق.
− ھازىر راسا
گۈلدەك ئېچىلىپ ياشنىغان ۋاقتى ئىكەن، ساقلاپ نېمە قىلىسىز؟ ئەرگە چىقماي ئۆيدە
ئولتۇرۇپ قالغان قېرى قىزلار ئازمۇ؟ − دېدى ئورۇندۇقتا قىمىرلاپ ئولتۇرالماي
قالغان ۋاسلىسا گەپكە ئارىلىشىپ (ئۇ بۇ يەرگە كىرىشتە دەھلىزدە تۇرغان سۈپۈرگىنى
كوپتىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇۋېلىپ كىرگەنىدى، سۈپۈرگە ئۇنىڭ بەدىنىگە سانجىلاتتى.
كېلىن بالىنىڭ ئۆيىدىكى سۈپۈرگىنى ئوغرىلىسا ساۋچىلار قۇرۇق قايتمايدۇ دېگەن
ئېتىقاد بار ئىدى).
− قىزىمىزغا
باش باھاردىن تارتىپلا ساۋچىلار كېلىپ تۇرۇپتۇ، بىزنىڭ قىزىمىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ
قالمايدۇ. قىزىمىزنىڭ خۇدانىڭ مەرھەمىتىدىن ئاغرىنىدىغان يېرى يوق، ھەممە ئىش
قولىدىن كېلىۋېرىدۇ: ئېتىزدا بولسۇن، ئۆيدە بولسۇن ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ...
− ياخشى كىشى
ئۇچرىسا، ۋاقتىدا تۇرمۇشقا چىقىرىش كېرەك، − دەپ ئاياللارنىڭ گېپىگە ئارىلاشتى
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ.
− ئەرگە بېرىش
قىيىن ئىش ئەمەس، − دەپ يەنە بېشىنى تاتىلىدى ساھىبخانا، − خالىغان چاغدا ياتلىق
قىلسا بولىۋېرىدۇ.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ، بىزنىڭ ساۋچىلىقىمىزنى رەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، بىرئاز قايناپ
قالدى.
− ئەلۋەتتە شۇنداق،
ئىختىيار ئۆزىڭىزلەردە... كۈيۈ ئوغۇل دېگەن چوڭ ئادەمدەكلا بىرنەرسە، نەگە
ئىلتىماس قىلىپ بارسا بولىۋېرىدۇ، گېپىڭىزگە قارىغاندا، سىزلەر بىرەر سودىگەرنىڭ
ئوغلىنى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كاتتىراق كىشىلەرنى ئىزدەۋاتقان بولسىڭىزلا كېرەك، توغرا
كەلمىگەن بولسا، كەچۈرۈڭ...
ئىش بۇزۇلۇشقا
تاس قالغانىدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ پىخىلداپ، قىزىلچىنىڭ شىرنىسىدەك تەرگە
چۆمگەنىدى. قىزنىڭ ئانىسى بولسا ئاسماندىكى سارنىڭ سايىسىنى كۆرگەن توخۇدەك
قاقىلدايتتى، ئەمما مۇھىم چاغدا ۋاسلىسا گەپكە ئارىلاشتى، ئۇ پەس ئاۋاز بىلەن
ۋىچىرلاپ سايراپ كەتتى، ئۇنىڭ سۆزى خۇددى يارىغا مەلھەم قۇيغاندەك بولدى، بۇزۇلاي
دېگەن ئىشنى ياراشتۇردى.
− نېمىدېگەن
گەپ بۇ، جانجىگەرلىرىم ! بۇنداق ئۆمۈرلۈك ئىشنى جان كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش
كېرەك، بالىلىرىمىز بەختىنى تاپسۇن، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولسۇن... ناتالىيەدەك قىز
يورۇق ئالەمدە تېپىلمايدۇ! ئۇنىڭ قولى گۈل، يىڭنە ئىشلىرىنى دېمەمدىغان ! ئۆينى
تۇتۇشلىرىنى دېمەمدىغان ! ھۆسن - جامالىنى ماختاپ ئولتۇرمىساممۇ، ياخشى كىشىلەر
ئۆزۈڭلار كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، − ۋاسلىسا يۇمىلاققىنا قوللىرىنى يېقىملىق كېرىپ
قويۇپ، پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ بىلەن قاپىقى چۈشۈپ كەتكەن ئىلئىنىچناغا قاراپ
سۆزىنى داۋام قىلدۇردى، − يىگىتمۇ جايىدا، ئۇنى كۆرسەم يۈرىكىم جىغىلداپ كېتىدۇ.
خۇددى مەرھۇم دونۇشكامغا ئوخشايدۇ... يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ
ھەممىسى ئىشچان ئادەملەر، پىروكوفېيېۋىچنى دېمەمسىز − پۈتۈن ئۆلكە بويىچە نامى
چىققان ئالىي ھىممەت ئادەم... ياخشى نىيەت بىلەن پۈتۈشكىنىمىز تۈزۈك، ياكى ئۆز
بالىلىرىمىزغا يامانلىقنى راۋا كۆرىدىغان ياۋۇز ئادەملەرمۇ بىز؟
ساۋچى ئايالنىڭ
ئاۋازى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچنىڭ قۇلىقىغا ياغدەك ياقاتتى، بوۋاي ئۇنىڭ
سۆزلىرىدىن زوقلىنىپ: «ھەي، بۇ كاسكاسنىڭ تىلى نېمىدېگەن ئۆتكۈر - ھە، − دەپ
ئويلىدى، − خۇددى پايپاق توقۇۋاتقاندەك يىپى - يىپىگە ئۇلىنىپ كېتىۋېرىدىكەن،
مەنىسىنى ھەزىم قىلىپ ئۈلگۈرەلمەيسەن، بەزى ئاياللار مەنمەن دېگەن كازاكنى گەپ
بىلەن مات قىلىپ قويىدۇ... يوپكا كىيىۋالغان بىلەن، ئۆزى بالا نەرسىكەن !» چال بۇ
ساۋچى ئايالنىڭ قىزنى ۋە قىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، ئاتا - بوۋىلىرىنى، يەتتە
پۇشتىدىن تارتىپ ماختاۋاتقانلىقىغا زوقلىنىپ قاراپلا قالغانىدى.
− ھەرنېمە
دېگەنبىلەن، بىز ئۆز بالىمىزغا يامانلىقنى راۋا كۆرمەيمىز.
− مۇنداقچە
ئېيتقاندا، ياتلىق قىلىش بەك بالدۇردەك تۇرىدۇ، − ساھىبخانا بىرئاز يۇمشىغاندەك
كۈلۈمسىرەپ قويدى.
− بالدۇر ئەمەس
! خۇدا ھەققى، بالدۇر ئەمەس ! − دەپ ئۇنى كۆندۈرمەكچى بولدى پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ.
− مەيلى بالدۇر
بولسۇن، مەيلى كېيىن، ئاخىر بىر كۈنى ئايرىلىشقا توغرا كېلىدۇ... − دەپ پىخىلداپ
يېرىمى يالغان، يېرىمى راست يىغلاپ قويغان بولدى قىزنىڭ ئانىسى.
− قىزىڭنى
چاقىر، مىرون گىرىگورېيېۋىچ، بىر كۆرەيلۇق.
− ناتالىيە !
قىز
تارتىنچاقلىق بىلەن ئىشىكنىڭ ئاغزىدا توختىدى ۋە نېمە قىلىشىنى بىلمەي، قارىقۇمچاق
بارماقلىرى بىلەن پەرتۇقىنىڭ پۈرمىلىرىنى ھودۇقۇپ تىتمىلايتتى.
− كېلىۋەر،
كېلىۋەر! شۇنچىلىكمۇ ئۇيىلامسەن! − دەپ ئۇنى تېتىكلەشتۈردى ۋە كۆز يېشى ئارىلاش
كۈلۈمسىرەپ قويدى.
كونىراپ رەڭگى
ئۆڭگەن يوغان ھاۋا رەڭ ساندۇقنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان گىرىگورىي قىزغا كۆز تىكتى.
قارا تور رومال
ئاستىدىن قىزنىڭ ئۆتكۈر ئوماق كۆزلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. سىپسىلىق يۈزىدە ئىزا
تارتقانلىقتىن ۋە بىلىنەر - بىلىنمەس تەبەسسۇمدىن كىچىككىنە ئەتىرگۈلنىڭ رەڭگىدە
زىنىخ پەيدا بولغانىدى. گىرىگورىي قىزنىڭ قوللىرىغا نەزەر تاشلىدى، قوللىرى چوڭ -
چوڭ، ئىش بىلەن پىشقان، بەدىنىگە زىچ يېپىشىپ تۇرغان يېشىل كوپتىسى ئاستىدا يەككە
- يەككە ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئالمىدەك قاتتىق كۆكرەكلىرى لىغىلداپ تۇراتتى،
ئۇچلىرى دىڭگىيىپ كۆرۈنەتتى.
گىرىگورىي
بىردەمنىڭ ئىچىدە قىزنىڭ بېشىدىن تارتىپ چىرايلىق ئېگىز ئاياغلىرىغىچە كۆز
يۈگۈرتۈپ چىقتى. بازاردا بىدىك سودا ئالدىدا بايتالنى ئەتراپلىق تەكشۈرگەندەك،
ئۇمۇ قىزغا سىنچىلاپ قاراپ، ئىچىدە: «ياخشى ئىكەن» دەپ قويدى ۋە ئۆزىگە قاراپ
تۇرغان قىز بىلەن كۆز ئۇرۇشتۇرۇۋالدى. قىزنىڭ قارىشىدىن ساددىلىقى، راستچىللىقى ۋە
بىرئاز ئۇياتچانلىقى چىقىپ تۇراتتى، بۇ قاراش گويا: «مانا مەن تۇرۇپتىمەن، بار -
يوقىم مانا شۇ، نېمە دېسەڭ، دەۋەر، ئىختىيار ئۆزۈڭدە» دېگەندەك تىكىلىپ تۇراتتى.
گىرىگورىيمۇ «ياخشى ئىكەنسەن» دەپ كۆزلىرى بىلەن جاۋاب قىلىپ، كۈلۈمسىرەپ قويدى.
− خوپ، ئىشىڭغا
چىق، قىزىم، − دېدى ساھىبخانا قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ.
ناتالىيە
ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، تەبەسسۇمىنى يوشۇرماستىن، گىرىگورىيغا قىزىقسىنىپ قاراپ قويدى.
− گەپ مۇنداق
بولسۇن، پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ، − دېدى ساھىبخانا، ئايالى بىلەن كۆز
ئۇرۇشتۇرۇۋېلىپ، − سىلەرمۇ مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈڭلار، بىزمۇ ئۆيدە بىر قۇر
مەسلىھەتلىشىپ باقايلى. شۇنىڭدىن كېيىن قۇدا بولۇشمامدۇق - يوقمۇ − ئىشنى بىر
ياقلىق قىلارمىز.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ:
− كېلەر
يەكشەنبە كۈنى بىر كېلىپ كېتەرمىز، − دەپ قويدى.
ئۇلارنى
دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ چىققان ساھىبخانا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئاڭلىماسقا
سېلىپ، گەپ قىلمايلا قويدى.
16
سىتېپان
لاگېردا ئاكسىنىيە توغرىسىدىكى گەپلەرنى تومىلىندىن ئاڭلىغاندىن كېيىنلا خوتۇنىغا
كۆڭلى بارلىقىنى ۋە يۈرىكى نەپرەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدى، تۇرمۇشى ئۇنىڭ بىلەن
يامان ئۆتكەنلىكىگە، كونا ئەلەملىرى ئېسىدىن چىقمىغانلىقىغا قارىماستىن، ئايالىنى
نەپرەت ئارىلاش زور مۇھەببەت بىلەن سۆيگەنلىكىنى شۇ چاغدىلا چۈشەندى.
كېچىلىرى
ھارۋىدا شىنېلىغا يۆگىنىۋېلىپ، ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئۈستىدىن گىرەلەشتۈرۈپ ياتقان
چاغلىرىدا، ئۆيگە قانداق بارارمەن، خوتۇنۇم قايسى يۈزى بىلەن كۆرۈشەر، دەپ
ئويلايتتى، گويا كۆكسىگە چايان كىرىۋېلىپ تاتىلاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى...
كاللىسىدا خوتۇنىنى مىڭ خىل ئازاب بىلەن قىيناشنى ئويلايتتى ۋە شۇ ھامان چىشلىرى
ئارىسىغا يىرىك قۇم كىرىۋالغاندەك ئىچى تىت - تىت بولاتتى. يولدا پېترو بىلەن
مۇشتلىشىپ پۇخادىن چىققان بولدى. ئۆيگە كەلگۈچە بىرئاز بوشاشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن
ئاكسىنىيە ئاسانلا قۇتۇلغانىدى.
شۇ كۈندىن
تارتىپ ئاستاخوفنىڭ ئۆيى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان مۇردا بار جايدەك بولۇپ قالغانىدى.
ئاكسىنىيە پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ يۈرەتتى، پىچىرلاپ گەپ قىلاتتى، ئەمما كۆزلىرىدە
قورقۇنچنىڭ كۈلى ئارىسىدا گىرىشكا ياققان ئوتنىڭ چوغى بىلىنەر - بىلىنمەس
يالقۇنجاپ تۇراتتى.
سىتېپان
ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى ئېنىق كۆرمىسىمۇ، يۈرىكى سېزەتتى. شۇ
تۇيغۇ بىلەن ئازابلىناتتى. كېچىلىرى ئاشخانىدا ئوچاق ئۈستىدە چىۋىنلەر توپ - توپ
بولۇپ ئۇيقۇغا كەتكەندە، ئاكسىنىيە لەۋلىرى تىترىگەن ھالدا يېتىشقا ئورۇن سالاتتى.
سىتېپان قاپقارا قاداق قولى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ، ئايىماي ئۇراتتى.
گىرىشكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۇيالماستىن ئۇجۇر - بۇجۇرىگىچە سوراۋېرەتتى.
ئاكسىنىيە قوي تېرىسىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان قاتتىق كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە تولغىنىپ
ياتالمايتتى، ئېغىر نەپەس ئالاتتى. سىتېپان خوتۇنىنىڭ چەيلەنگەن خېمىردەك يۇمشاق
بەدىنىنى ئازابلاشتىن چارچىغاندا، يۈزىنى سىلاپ، كۆزلىرىدىن ياش ئىزدەيتتى. ئەمما،
ئاكسىنىيەنىڭ ئوتتەك لاۋۇلداپ تۇرغان ئىككى مەڭزى قۇرۇق بولۇپ، سىتېپاننىڭ
بارماقلىرى ئاستىدا پەقەت ئۇنىڭ ئاغزى بىر ئېچىلىپ، بىر يېپىلىپ تۇرغانلىقىنى
سېزىپ تۇراتتى.
− ئېيتامسەن،
يوق؟
− ياق !
−
ئۆلتۈرۈۋېتىمەن !
− ئۆلتۈرسەڭ
ئۆلتۈر ! خۇدا ھەققى، ئۆلتۈر... ئازابتىن قۇتۇلىمەن... بۇنىڭدىن ئۆلگىنىم ياخشى...
سىتېپان چىشلىرىنى
مەھكەم چىشلەپ، خوتۇنىنىڭ تەردىن مۇزلاپ كەتكەن كۆكسىنى چىمدىۋالاتتى، يۇپقا
تېرىسىنى ئوياتتى.
ئاكسىنىيە
ھەربىر چىمدىغاندا ئورنىدىن چاپچىپ، ئىڭرايتتى.
− قېنى
ئاغرىدىمۇ؟ − دەپ سورايتتى سىتېپان.
− ئاغرىدى.
− مېنىڭ
يۈرىكىمنى ئاغرىمايدۇ دەپ ئويلامسەن؟
سىتېپان
ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمايتتى. ياتقان يېرىدە تولغىنىپ، ئىششىپ كەتكەن قارا
بارماقلىرىنىڭ ئۈگىلىرىنى قارسىلدىتاتتى. ئاكسىنىيە جەينىكىگە يۆلىنىپ بېشىنى
كۆتۈرۈپ، ئېرىنىڭ ئۇيقۇدا ئۆزگەرگەن چىرايلىق يۈزىگە خېلى ۋاقىتقىچە قاراپ
قالاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بېشىنى ياستۇققا تاشلاپ، بىرنېمىلەرنى پىچىرلايتتى.
گىرىشكىنى
ئانچە كۆپ كۆرمەيتتى. بىر كۈنى دون بويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. گىرىگورىي
ئۆكۈزلىرىنى سۇغىرىپ بولۇپ، قىزىل تال چىۋىقنى شىلتىپ، بېشىنى كۆتۈرمەستىن دۆڭدىن
چىقىپ كېلىۋاتاتتى. ئاكسىنىيە ئۇدۇلدىن كېلىپ دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇنى كۆرۈش بىلەن
مۈرىسىدىكى ئەپكىشى قولىغا مۇزدەك تۇيۇلۇپ كەتتى، يۈزى لاۋۇلداپ ئوت ئالدى.
كېيىن بۇ
ئۇچرىشىشنى ئەسلىگەندە، ئوڭىدا بولغان ئىش ئىكەنلىكىگە ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشكە جىق
كۈچىنىپ باققان بولسىمۇ، ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئاكسىنىيە نەق ئالدىغا كەلگەندىلا،
گىرىگورىي ئاندىن ئۇنى كۆرگەنىدى. چېلەكلەرنىڭ غىچىرلىشىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈردى،
قاشلىرىنى چىمىلدىتىپ، مەنىسىز ھىجىيىپ قويدى. ئاكسىنىيە ئۇنىڭ بېشى ئۈستىدىن
يىراققا كۆز تىكىپ، دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان كۆپكۆك دون دەرياسىغا ۋە تېخىمۇ
يىراقتىكى قۇملۇق دۆڭلەرگە قارىغان پېتى مېڭىپ كېتىۋەردى.
يۈزلىرى
قىزىرىپ، كۆزلىرىدىن ياش ئاقاتتى.
− ئاكسىيوشا!
ئاكسىنىيە
بىرنەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن تاياق ئاستىدا قالغان ئادەمدەك بېشىنى ئېگىپ
توختاپ قالدى. گىرىگورىي ئارقىدا قالغان بىر كالىنى تاياق بىلەن تازا بىرنى سالدى
- دە، ئارقىسىغا قايرىلماستىنلا:
− سىتېپان
ئورما ئورۇشقا قاچان ماڭىدۇ؟ − دەپ سورىدى.
− ھازىر
ماڭىدۇ... ھارۋىسىنى قوشۇۋاتىدۇ.
− يولغا
سالغاندىن كېيىن بىزنىڭ سايلىقتىكى ئاپتاپپەرەسلىككە بارغىن، مەنمۇ بارىمەن.
ئاكسىنىيە
چېلەكلىرىنى غىچىلدىتىپ دوننىڭ بويىغا چۈشتى. قىرغاققا يىغىلغان سارغۇچ كۆپۈكلەر
دولقۇننىڭ كۆك كۆڭلىكى ئېتىكىگە تۇتۇلغان تور جىيەكتەك غىجىملىنىپ تۇراتتى، ئاپپاق
بېلىقئالغۇچلار دوننىڭ ئۈستىدە قىرقىراپ ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى.
سۇنىڭ ئۈستىدە
ئۇششاق بېلىقلار كۈمۈش يامغۇر تامچىلىغاندەك چىمىرلىشىپ ئوينىشاتتى. نېرىقى
قىرغاقتا ئاقىرىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئاسمانغا قەد كۆتۈرگەن
ئېگىز ئاق تېرەكلەر شامالدا سالاپەت بىلەن تەۋرىنەتتى. ئاكسىنىيە دەريادىن سۇ
ئېلىۋاتقان چاغدا چېلىكىنى چۈشۈرۈۋەتتى. سول قولى بىلەن يوپكىسىنى كۆتۈرۈپ
تىزىغىچە سۇغا كىردى. پاچىقىنىڭ رېزىنكە بوغقان يەرلىرىنى سۇ مۇزدەك غىدىقلايتتى.
ئاكسىنىيە سىتېپان قايتىپ كەلگەندىن بۇيان بىرىنچى قېتىم، ئاستا ئىشەنچسىزلىك
بىلەن كۈلۈپ قويدى.
ئاكسىنىيە
گىرىشكا كەتكەن تەرەپكە بۇرىلىپ قارىغانىدى، ئۇ ھامان كۆكۈيۈنلەرنى قورۇۋاتقان
ئادەمدەك چىۋىقىنى پۇلاڭلىتىپ، ئاستا تۆپىلىككە قاراپ چىقىپ كېتىۋېتىپتۇ.
ئاكسىنىيە ياش
يۇقى كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ مەردانە قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقان ئاياغلىرىغا تىكىلىپ
قاراپ تۇراتتى. گىرىشا كەڭ شالۋۇرىنىڭ پاقالچىقى ئۈستىگە ئاق يۇڭ پايپاق
كىيىۋالغان بولۇپ، شالۋۇردىكى يول - يول قىزىل جىيەكلەر ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى،
دۈمبىسىدە تاغىقىنىڭ ئاستىدا كىر كۆڭلىكىنىڭ يىرتىلغان بىر پارچە لاتىسى ساڭگىلاپ
قالغانىدى، ئۈچ بۇرجەك يىرتىق ئاستىدىن قارىقۇمچاق بەدىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ئاكسىنىيە بىر چاغلاردا ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان سۆيۈملۈك بەدەننىڭ ئەنە شۇ بىر
پارچىسىنى ھازىر يىراقتىن تۇرۇپ كۆزلىرى بىلەن سۆيەتتى، كۈلۈپ تۇرغان ئاپپاق
لەۋلىرىگە كۆز ياشلىرى تامچىلايتتى.
ئاكسىنىيە
چېلەكلىرىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئەپكىشىگە ئىلماقچى بولۇپ ئېڭىشكەندە
گىرىگورىينىڭ قۇمغا چۈشۈپ قالغان ئاياغ ئىزلىرىغا كۆزى چۈشتى. ئەتراپىغا بىر
قارىۋالدى، ھېچكىم يوق ئىدى، پەقەت يىراقتىكى پىرىستاندا ئۇششاق بالىلار سۇغا
چۆمۈلۈشىۋاتاتتى. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئالىقىنىنى ئىز ئۈستىگە قويدى، ئاندىن كېيىن
ئەپكىشىنى مۈرىسىگە ئېلىپ، قىلغان ئىشىغا كۈلۈپ قويدى - دە، ئالدىراپ ئۆيگە ماڭدى.
داكىدەك غۇۋا
نۇرغا پۈركەنگەن يېزىنىڭ ئۈستىدە قۇياش كېزەتتى، قەيەردىدۇر، توپ - توپ بولۇپ
يۈرۈشكەن ئاپپاق بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا كۆپكۆك سالقىن ئوتلاقلار كەڭ ئېتەك
يايغانىدى، ئەمما يېزىنىڭ ئۈستىدە، ئوتتەك قىزىپ كەتكەن تۈنىكە ئۆگزىلەرنىڭ
ئۈستىدە، چاڭ باسقان ئادەمسىز كوچىلار ئۈستىدە، كۆكتاتلىرى سولىشىپ سارغىيىپ
كەتكەن ھويلىلارنىڭ ئۈستىدە تومۇزنىڭ ئىسسىقى تىمتاس ئېسىلىپ تۇراتتى.
ئاكسىنىيە
قاغجىراپ كەتكەن يەر ئۈستىگە چېلىكىدىن سۇ چاچرىتىپ ئىككى تەرىپىگە تەۋرىنىپ
پەلەمپەينىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. سىتېپان قاسقىنى يوغان چىغ قالپاق كىيىۋالغان
بولۇپ، ئورما ماشىنىسىغا ئاتلارنى قوشۇۋاتاتتى. ئۇ ئاكسىنىيەگە قاراپ:
− سۇدانغا سۇ
توشتۇرۇپ قوي، − دېدى.
− ئاكسىنىيە
چېلەكتىن سۇ قۇيۇپ بولغۇچە، سۇداننىڭ تۆمۈر چەمبەرلىرى قولىنى خېلى كۆيدۈردى.
ئىچىگە مۇز
سېلىش كېرەك ئىكەن، سۇ ئىسسىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ، − دېدى ئېرىنىڭ تەردىن چىپىلداپ
كەتكەن يەلكىسىگە قاراپ.
− ماڭ،
مېلېخوفلارنىڭكىدىن ئەكەل... توختا، بارما!... − دەپ ۋارقىرىدى، ئۇ بىردىن ئېسىگە
كېلىپ.
ئاكسىنىيە
ئوچۇق قالغان كوچا ئىشىكىنى ئەتمەكچى بولۇپ ماڭغانىدى، سىتېپان كۆزلىرىنى
چەكچەيتىپ، قامچىسىنى ئالدى:
− نەگە؟...
− ئىشىكنى
يېپىپ كېلەي...
− قايتىپ كەل،
ھوي پەسكەش... بارما، دېدىمغۇ؟
ئاكسىنىيە
دەرھال پەلەمپەينىڭ ئالدىغا كەلدى، ئەپكەشنى ئېسىپ قويماقچى ئىدى، تىترىگەن
قوللىرى ئىشلىمەي، ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى.
سىتېپان ئورما
ماشىنىسىنىڭ ئولتۇرىدىغان يېرىگە بىرېزېنت چاپىنىنى سالدى، ئولتۇرۇپ بولۇپ،
تىزگىنىنى تۈزەشتۈردى.
− دەرۋازىنى
ئاچ!
ئاكسىنىيە
دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ:
− قاچان
كېلىسەن؟ − دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلدى.
− كەچكە يېقىن
قايتىپ كېلىمەن. ئانىكۇشكا بىلەن بىللە ئورۇيدىغان بولدۇق. تاماقنى شۇنىڭغا بېرىپ
قوي، تۆمۈرچىدىن قايتقاندا، ئېتىزغا بارىدۇ.
ئورما
ماشىنىسىنىڭ ئۇششاق چاقلىرى غىلدىرلاپ، يۇمشاق چاڭ - توزان ئۈستىدە ئىز قالدۇرۇپ،
دەرۋازىدىن چىقتى. ئاكسىنىيە ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن قوللىرىنى مەيدىسىگە قويۇپ
بىردەم تۇرۇپ قالدى - دە، كېيىن رومىلىنى بېشىغا تاشلاپ، دونغا قاراپ يۈگۈردى.
«خوش، قايتىپ
كېلىپ قالسىچۇ؟ ئۇ چاغدا نېمە بولار؟» دېگەن پىكىر كاللىسىدىن يالت قىلىپ ئۆتتى.
خۇددى تېگى يوق ھاڭنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغاندەك شارتلا توختىدى. ئارقىسىغا بىر
قارىۋېلىپ، چاپە - چاپە دوننىڭ ياقىسىنى بويلاپ توپتوغرا سازلىققا چۈشتى.
قاشا تاملار...
باغچىلار... ساپسېرىق ئېچىلىپ، كۈنگە سالام قىلىپ تۇرغان ئاپتاپپەرەسلەر، ئاق
چېچەك ئاچقان ياڭيۇنىڭ ياپيېشىل غوللىرى... ئەنە، ئاكا - ئۇكا شامىللارنىڭ خوتۇن،
بالىچاقىلىرى ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن ياڭيۇ چېپىقىغا چۈشۈپتۇ، ئۇلار ئېڭىشىۋالغانلىقتىن،
ھال رەڭ كۆڭلەكلىرىنىڭ دۈمبىسىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. نەم چۆنەكلەرگە بىر چۈشۈپ، بىر
كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كىچىك كەتمەنلەر ۋال - ۋال ئۇچۇپ تۇراتتى. ئاكسىنىيە دېمىنى
ئالماستىن مېلېخوفلارنىڭ كۆكتاتلىقىغا يېتىپ باردى. ئوت چۆرىسىگە بىر قاراپ چىقتى،
ئاندىن قاشادىن بىر تال چىۋىقنى سۇغۇرۇۋېلىپ ئىشىكنى ئاچتى. چىڭدىلىپ كەتكەن
سوقماق يول بىلەن مېڭىپ، ئاپتاپپەرەسلەرنىڭ يېشىل باراقسانلىقىغا يېتىپ باردى.
ئېڭىشىپ يۈرۈپ ئەڭ قويۇق يېرىگە كىردى، يۈزىگە ئالتۇنسىمان چېچىكىنىڭ پوتلىسى
سۇۋالدى، يوپكىسىنى قايرىپ، سېرىق ئوت باسقان يەرگە ئولتۇردى.
ئاكسىنىيە
تىڭتىڭلاپ باقتى، ھەممە ياق جىمجىت، پەقەت قۇلىقىنىڭ ئىچى جىرىڭلىغاندەك قىلاتتى.
قەيەردىدۇر، يۇقىرىدا بىر قاپاق ھەرە غوڭۇلدايتتى. ئـاپـتـاپپەرەسلـەرنىڭ يوغان -
يوغان تۈكلۈك شادىلىرى يىلتىزلىرى ئارقىلىق يەرنى شورىماقتا ئىدى.
كېلەرمۇ -
كەلمەسمۇ دېگەن گۇمان بىلەن يېرىم سائەتچە قىينىلىپ ئولتۇردى، ئەمدى كېتەي دېگەن
ئوي بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، رومىلىنىڭ ئاستىدىن چىقىپ قالغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ
تۇرغاندا − ئىشىك «غىچ» قىلىپ ئېچىلغاندەك بولدى. ئارقىدىن قەدەم ئاۋازى ئاڭلاندى.
− ئاكسىيوشا !
− بۇياققا
كەل...
− ھە، كەپسەن -
دە.
گىرىگورىي
ياپراقلارنى شىلدىرلىتىپ يېقىنلىشىپ كەلدى - دە، يېنىغا ئولتۇردى. ھەر ئىككىيلەن
بىردەم ئۈن چىقىرىشمىدى.
− يۈزۈڭگە نېمە
يۇققاندۇ؟
ئاكسىنىيە
يۈزىدىكى سېرىق پوتلىنى يېڭى بىلەن ئېرتتى.
−
ئاپتاپپەرەستىن يۇققان ئوخشايدۇ.
− يەنە بار،
مانا مەيەردە، كۆزۈڭنىڭ قېشىدا.
ئاكسىنىيە
ئېرتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىر - بىرىلىرى بىلەن ئۇچراشتى. گىرىگورىينىڭ سۆزسىز
سوئالىغا جاۋابەن ئاكسىنىيە يىغلاپ تاشلىدى.
− ئەمدى
تاقىتىم يوق... مەن... مەن تۈگەشتىم، گىرىشا.
− ئۇ نېمە
قىلىمەن دەيدۇ؟
ئاكسىنىيە
غەزەپ بىلەن كوپتىسىنىڭ ياقىسىنى ئاچتى. قىز بالىغا خاس تاشتەك چىڭ، ئەتىرگۈل
رەڭگىدىكى كۆكرەكلىرى ئالۇچىدەك ھۈررەك - ھۈررەك بولۇپ كۆكىرىپ كەتكەنىدى.
− نېمە قىلىشنى
بىلمەمسەن تېخى؟... ھەر كۈنى ئۇرىدۇ... قېنىمنى شورايدۇ!... سەنمۇ تازا بىر
ئىكەنسەن... ئىتتەك يېپىشىپ قىلغۇلۇقۇڭنى قىلدىڭ، ئەمدىلىكتە قۇيرۇقۇڭنى
تۇتقۇزمايسەن... سەنلەر ھەممىڭ شۇنداق... − ئۇ تىترىگەن بارماقلىرى بىلەن
تۈگمىلىرىنى ئەتتى - دە، − ئاچچىقى كېلىپ قالدىمۇ، يوق − دەپ تەتۈر قارىۋالغان
گىرىگورىيغا قورقۇمسىراپ قاراپ قويدى.
− ئەيىبكارنى
ئىزدەۋاتامسەن؟ − دېدى گىرىگورىي بىر تال چۆپنى چىشى بىلەن چىشلەپ.
ئۇنىڭ خاتىرجەم
ئاۋازى ئاكسىنىيەگە تازا ئەلەم قىلدى.
− سەن ئەيىبكار
ئەمەسمۇ؟ − دەپ ۋارقىرىدى ئاكسىنىيە غەزەپلىنىپ.
− شامال
چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ.
ئاكسىنىيە
ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى. بۇ ئېغىر گەپ ئۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق
تەگكەنىدى.
گىرىگورىي
پېشانىسىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۆز قىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى. ئاكسىنىيەنىڭ بارماقلىرى
ئارىسىدىن ياشلىرى تاراملاپ ئېقىۋاتاتتى.
قېلىن ئۆسكەن،
چاڭ باسقان ئاپتاپپەرەسلەر ئارىسىدىن قىيا چۈشكەن كۈن نۇرى سۈپسۈزۈك ياش
تامچىلىرىنى پارقىرىتاتتى، يۈزىدىكى ياش ئىزلىرىنى قۇرۇتاتتى.
گىرىگورىي
بۇنداق كۆز يېشىغا چىداپ تۇرالمايتتى. ئۇ تىت - تىت بولۇپ، جايىدا ئولتۇرالماي
قالدى، شالۋۇرىدا ئۆمىلەپ يۈرگەن بىر سېرىق چۈمۈلىنى ئاچچىقى بىلەن قېقىپ تاشلىدى
- دە، يەنە ئاكسىنىيەگە قاراپ قويدى. ئاكسىنىيە ئابايىقى پېتىچە ئولتۇراتتى، لېكىن
قوللىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىر ئەمەس، ئۈچ يەردىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتاتتى.
− نېمىشقا
يىغلايسەن؟ رەنجىتىپ قويدۇممۇ؟ ئاكسىيوشا! بولدى قىل ئەمدى... ماڭا قارا، ساڭا
گېپىم بار ئىدى...
ئاكسىنىيە ھۆل
بولۇپ كەتكەن يۈزىدىن قولىنى ئالدى.
− مەن بۇ يەرگە
سەن بىلەن مەسلىھەتلەشكىلى كەلگەنىدىم، سەن نېمانداق گەپلەرنى قىلىسەن؟... مەن
شۇنداق ئەلەم تارتقان تۇرسام، سەنزە...
«ئۆلمەكنىڭ
ئۈستىگە تەپمەك قىلغان ئوخشايمەن...» دەپ ئويلىدى گىرىگورىي قىزىرىپ.
− ئاكسىيوشا...
بۇ گەپ، بىلمەستىن ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى، خاپا بولما...
− مەن ساڭا
چاپلىشىۋالغىلى كەلگىنىم يوق... قورقما!
شۇ ئاندىلا ئۇ
گىرىگورىيغا يېپىشىۋېلىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىگە ئۆزىمۇ ئىشەنگەنىدى؛ ئەمما ئابايا
دوننىڭ ياقىسىنى بويلاپ سازلىققا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقاندا ئىختىيارسىز: «ئۇنى
يالتايتىمەن ! ئىشقىلىپ ئۆيلەنمىسۇن ! ئۆيلەنسە، مەن ھاياتىمنى كىمگە باغلايمەن؟»
دەپ ئويلىغانىدى. شۇ ئاندىلا سىتېپان ئېسىگە كېلىپ، ئورۇنسىز كاللىسىغا كەلگەن بۇ
پىكىرنى قوغلىماق ئۈچۈن بېشىنى لىڭشىتىپ قويغانىدى.
− دېمەك،
ئارىمىزدىكى ئىشق - مۇھەببەت تامام بولدىمۇ؟ − دەپ سورىدى گىرىگورىي، ئاندىن
باغرىنى يەرگە يېقىپ، ئىككى جەينىكىگە يۆلىنىپ ياتتى، باياتىن بېرى سۆز ئارىلىقىدا
چايناپ تۇرغان قىزىل ھەشقىپىچەكنىڭ بەرگىلىرىنى تۈكۈرۈشكە باشلىدى.
− قانداقمۇ
تامام بولسۇن؟! − ئاكسىنىيە قورقۇپ كەتتى، − بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ − ئۇ سوئالغا سوئال
بىلەن جاۋاب بەردى. گىرىگورىينىڭ كۆزلىرىگە قارىغۇسى، كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى
بىلگۈسى كېلەتتى.
گىرىگورىي
كۆكۈچ پاقا كۆزلىرىنى پىرقىرىتىپ چەتكە قارىۋالدى.
شامالدا قۇرۇپ،
كۈننىڭ ئىسسىقىدا قاغجىراپ كەتكەن يەردىن چاڭنىڭ پۇرىقى كېلەتتى، شامال گۈرۈلدەپ
ئاپتاپپەرەسلەرنىڭ يېشىل ياپراقلىرىنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلاتتى. لەيلەپ تۇرغان توپ
- توپ بۇلۇتلار بىر پەسنىڭ ئىچىدە قۇياشنى توسۇۋالدى - دە، دالاغا، يېزىنىڭ
ئۈستىگە، ئاكسىنىيەنىڭ غەمگە پېتىپ، ئېگىلىپ تۇرغان بېشىغا، قىزغۇچ ھەشقىپىچەكنىڭ
ئۈستىگە بۇلۇت سايىلىرى چۈشۈپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
گىرىگورىي بىر
ئۇھ تارتتى − ئۇنىڭ نەپسى خىرىلداپ چىقتى، شۇ زامان قىزىپ كەتكەن يەرگە دۈمبىسىنى
يېقىپ ئوڭدا ياتتى.
− گەپ مۇنداق
بولسۇن، ئاكسىنىيە، − ئۇ ئالدىرىماي، ھەربىر سۆزىنى دانە - دانە قىلىپ سۆزلىدى، −
كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس، كۆكسۈمنى بىرنەرسە تاتىلاۋاتقاندەك بولۇۋاتىدۇ، مەن مۇنداق
نىيەتكە كەلدىم...
شۇ تاپتا
كۆكتاتلىقنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ھارۋىنىڭ غىچىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
− ھو - ھو، ھى
- ھى، ئوش ھارامزادىلەر!...
ئاكسىنىيەگە
«ئوش!» دېگەن ئاۋاز شۇنداق قاتتىق ئاڭلاندىكى، شۇ زامان يەرگە دومىلاپ يېتىۋالدى.
گىرىگورىي بېشىنى كۆتۈرۈپ پىچىرلىدى:
− بېشىڭدىن
رومىلىڭنى ئېلىپ تاشلا، ئاقىرىپ كۆرۈنىدۇ، ھەرھالدا كۆرۈپ قالمىسۇن.
ئاكسىنىيە
رومىلىنى ئېلىۋەتتى. ئاپتاپپەرەسلەرنىڭ ئارىلىرىدىن ئۆتۈۋاتقان ئىسسىق شامال،
ئۇنىڭ ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇرغان مەيىن چاچلىرىنى توزۇتاتتى. يىراقلىشىپ
كېتىۋاتقان ھارۋىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى بارا - بارا پەسلەپ تىندى.
− مەن مۇنداق
نىيەتكە كەلدىم، − گىرىگورىي گېپىنى باشلىدى خېلىلا جانلىنىپ، − ئۆتكەن ئىش ئۆتتى،
ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ، ئەيىبكارنى ئىزدەشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ بۇنىڭدىن كېيىن
نېمە بولىدىغانلىقىنى ئويلاش كېرەك...
ئاكسىنىيە
سەگەكلىك بىلەن ئۇنىڭغا قۇلاق سالاتتى، گەپنىڭ ئاخىرىنى كۈتەتتى، چۈمۈلىدىن
تارتىۋالغان بىر تال چۆپنى سۇندۇردى.
گىرىگورىينىڭ
يۈزىگە قاراپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى تەشۋىشلىك پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
− ... مەن
مۇنداق پىكىرگە كەلدىم، ئەمدى بىز ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتەيلى...
ئاكسىنىيە
سەسكىنىپ كەتتى. ئېگىلگەن بارماقلىرى بىلەن يۆگىمەچ ئوتنى چاڭگاللىغان پېتى
قېتىپلا قالدى. بۇرنىنىڭ تۆشۈكىنى كېرىپ گەپنىڭ ئاخىرىنى كۈتەتتى، ئۇنىڭ يۈزىدە
قورقۇش ئارىلاش بىتاقەتلىك ئوتى يالقۇنجايتتى. ئاغزى قۇرۇپ كەتتى. ئۇ گىرىگورىينى
«... سىتېپان بىلەن ئارىنى ئوچۇق قىلايلى» دەرمىكىن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما
گىرىگورىي قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى ئاچچىق ئەلەم بىلەن يالىدى (لەۋلىرى يېپىشماي
قالغانىدى).
− ئارىمىزدىكى
ماجىرانى بىر ياقلىق قىلايلى، قانداق؟
ئاكسىنىيە
ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، ئاپتاپپەرەسنىڭ ئېگىلىپ قالغان ساپسېرىق بېشىغا كۆكرىكىنى
ئۇرۇۋالدى - دە، توپتوغرا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
− ئاكسىنىيە !
− دەپ چاقىردى پەس ئاۋاز بىلەن گىرىگورىي.
جاۋاب ئورنىغا
ئىشىكنىڭ غىچىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
17
قارا بۇغداي
ئورمىسى تۈگەپ، خامانغا توشۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا بۇغداي ئورمىسى باشلاندى. قۇرغاق
جايلاردا ۋە دۆڭلۈكلەردە بۇغداي سارغىيىپ، بەرگى نەيچە بولۇپ، قېرىپ قالغان غولى
پۈتۈنلەي قۇرۇغانىدى.
كىشىلەرنىڭ
ماختىشىغا قارىغاندا، مول ھوسۇل ئېلىنىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى باشاقلار تازا
يېتىلگەن بولۇپ، دانلىرى تولۇق ۋە ئېغىر ئىدى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ ئىلئىنىچنا بىلەن مەسلىھەتلەشكەندە، ئەگەر كورشۇنوفنىڭ قىزىغا چاي
ئىچۈرىدىغان بولساق، توينى كېيىنكى سىپاسقىچە كېچىكتۈرۈپ تۇرىمىز، دېگەن قارارغا
كېلىشتى.
بىر تەرەپتىن
ئورما، يەنە بىر تەرەپتىن بايرام كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كورشۇنوفلارنىڭكىگە
توينىڭ جاۋابىنى ئۇقۇشقا بېرىشالمىدى.
جۈمە كۈنى
بۇغداي ئورۇشقا ئاتلاندى. كوسىلكىغا ئۈچ ئات قوشۇلغانىدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ
ھارۋىنىڭ ئۈستىگە بېكىتىدىغان يان ياغاچلارنى يونۇپ بۇغداي ئۈنچىسى توشۇشقا
تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بۇغداي ئورۇشقا پېترو بىلەن گىرىگورىي كەتتى.
گىرىگورىي
ئاكىسى ئولتۇرۇۋالغان كوسىلكىنىڭ ئالدىنقى تەرىپىدىكى ئادەم ئولتۇرىدىغان تاختاينى
تۇتۇپ، يان تەرەپكە پىيادە ماڭغانىدى. قاپىقى تۈرۈلگەن، ئېڭىكى بىلەن ياڭاق
سۆڭىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزدەك بىرنېمە تىترىگەندەك بولۇپ غىلدىرلاپ يۈرەتتى. بۇنى
پېترو بىلەتتى: بۇ گىرىگورىينىڭ تېرىكىپ ئارانلا تۇرغىنىنى، ھەرقانداق ئەقىلسىز
بىر ئىشنى قىلىپ قويۇشنى بىلدۈرىدىغان ئوچۇق ئالامەت ئىدى؛ شۇنداق بولسىمۇ پېترو
مىيىقىدا كۈلۈپ، ئۇكىسىنىڭ چىشىغا تېگىۋەردى:
− خۇدا
تۇرۇپتۇ، ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى !
− سۆزلىسە
سۆزلەۋەرسۇن، − دەپ غودۇڭشىدى گىرىگورىي بۇرۇتىنىڭ بىر تال قىلىنى چىشلەپ.
−
«كۆكتاتلىقتىن كېلىۋاتسام مېلېخوفلارنىڭ ئاپتاپپەرەسلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنىڭ
گۇدۇڭشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى» دەيدۇ.
− پېترو، بولدى
قىل !
− ھە... «كىم
ئىكەن دەپ قاشانىڭ ئارىسىدىن ئاستا مارىسام...»
گىرىگورىي
كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ:
− سۆزۈڭنى
توختىتامسەن، يوقمۇ؟ − دەپ ۋارقىرىدى.
− ۋاي تەنتەك،
گېپىمنى تۈگىتىۋالاي !
− ماڭا قارا،
پېترو، بىكار مۇشتلىشىپ قالىمىز، − دەپ دوق قىلدى گىرىگورىي ئارقىدا قېلىپ.
پېترو
قاشلىرىنى ئوينىتىپ، ئات تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىۋېلىپ، كەينىدە كېلىۋاتقان
گىرىگورىيغا بۇرىلىپ ئولتۇردى.
− «قاشادىن
شۇنداق قارىسام، ئىككى ئاشىق - مەشۇق ئىكەن، ئۇلار قۇچاقلىشىپ يېتىپتۇ» دەيدۇ.
«كىم» دەپ سورىسام، ئۇ: «كىم بولاتتى ! ئاكسىيوشكا ئاستاخوۋا بىلەن سېنىڭ ئۇكاڭ»
دەيدۇ، مەن مۇنداق دېدىم...
گىرىگورىي
كوسىلكىنىڭ ئارقىسىغا قىستۇرۇپ قويۇلغان قىسقا ساپلىق ئارىنى قولىغا ئېلىپ پېتروغا
ئېتىلدى، پېترو بولسا تىزگىنىنى تاشلىۋېتىپ كوسىلكىدىن سەكرەپ چۈشتى - دە، ئاتلارنىڭ
ئالدىغا ئۆتۈۋالدى.
− ۋاي لەنىتى
!... ئالجىپ قاپسەنغۇ !... ئالە كۇش - كۇش ! ئالە كۇش - كۇش ! ئۇنىڭ ئەپت -
بەشىرىسىگە قاراڭلار...
گىرىگورىي
چىشلىرىنى چىلبۆرىدەك كاسىلدىتىپ ئارىنى ئاتتى. پېترو قولىنىڭ ئۈستىگە موككىدە
يېتىۋالدى، ئارا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، قاغجىراپ كەتكەن يەرگە تۆت ئىلىك
سانجىلدى، جىرىڭشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
رەڭگى ئۆڭۈپ
كەتكەن پېترو چۇقاندىن ئۈركۈگەن ئاتلارنىڭ تىزگىنىنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ، تىللاپ
قويدى:
− تاس قالدىڭ
ئۆلتۈرۈۋېتىشكە، ئەبلەخ !
−
ئۆلتۈرۈۋەتسەم ئوبدان بولاتتى !
− ھۇ، ئەخمەق !
قۇترىغان ئىبلىس ! دادامنىڭ نەسلىگە تارتىپسەن، چەركەس بالىسى !
گىرىگورىي
يەردىن ئارىنى ئېلىپ كوسىلكىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى.
پېترو قولى
بىلەن ئىملاپ ئۇنى ئۆزىگە چاقىردى:
− قېشىمغا كەل،
ئارىنى ماڭا بەر.
تىزگىننى سول
قولىغا ئېلىپ، ئارىنىڭ پارقىراپ تۇرغان چىشلىرىدىن تۇتتى. بىپەرۋا كېلىۋاتقان
گىرىگورىينىڭ ساغرىسىغا ئارىنىڭ سېپى بىلەن بىرنى سالدى.
− تاسما بىلەن
ئۇرۇش كېرەك ئىدى! − دېدى پېترو ئۆزىنى چەتكە ئالغان گىرىگورىيغا قاراپ.
بىر مىنۇتتىن
كېيىن ئىككىسى تاماكا چېكىشىپ، بىر - بىرلىرىنىڭ كۆزىگە قارىشىپ، قاقاھلاپ
كۈلۈشتى.
نېرىقى يولدا
ھارۋىدا كېتىۋاتقان خىرىستونەنىڭ ئايالى، گىرىشكىنىڭ ئاكىسىغا ئارىنى ئاتقانلىقىنى
كۆرگەنىدى. ئۇ ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ، شۇنچە قىلسىمۇ ئاكا - ئۇكا
مېلېخوفلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى كۆرەلمىگەنىدى، چۈنكى ئۇلارنى
كوسىلكا بىلەن ئاتلار توسۇۋالغانىدى. ئۇ تار كوچىغا كىرەر - كىرمەستىنلا قوشنىسىنى
چاقىردى:
كىلىموۋنا !
يۈگۈر، پانتېلېي تۈرككە ئېيت، بالىلىرى تاتار قورغىنىنىڭ يېنىدا بىر - بىرىگە ئارا
سانجىشىۋاتىدۇ! ئۇلار راسا ئېلىشتى. گىرىشكا دېگەن ساراڭ نېمە ئوخشايدۇ ! − پېترونىڭ
بىقىنىغا ئارا بىلەن شۇنداق سانجىدىكى، ئۇمۇ قاراپ تۇرماي گىرىشكىنى... ھەممە
يەرگە قان ئاقتى، دەھشەت !
بۇ چاغدا پېترو
ھېرىپ كەتكەن ئاتلارغا ۋارقىراۋېرىپ ئاۋازى خىرىلداپ قالغانىدى، ئەمدىلىكتە
ئىسقىرتىپ باراتتى. گىرىگورىي توپا - چاڭلاردىن قارىيىپ كەتكەن پۇتلىرىنى
كوسىلكىنىڭ بەل تۆمۈرىگە تىرەپ، قانىتىغا يېپىشىۋالغان خەس - چاۋارلارنى ئېرىغداپ
ئولتۇراتتى. چىۋىن چېقىپ ھەممە يېرى قان بولۇپ كەتكەن ئاتلار قۇيرۇقىنى تولغاپ، ھە
دەپ سىلكىپ، ھەرقايسىسى تاسمىلارنى قالايمىقان تارتىپ كېتىۋاتاتتى.
كۆپكۆك
ئۇپۇققىچە سوزۇلغان كەڭ دالادا ئادەملەر قىمىلدىشىپ كەتكەنىدى. كوسىلكىلار
تاراقلايتتى، چىشلىرى چىرىقلايتتى، ئورۇلۇپ بولغان بۇغداي ئۈنچىلىرى دالادا
يىراقتىن سان - ساناقسىز دۈمبەلچەك بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئاغمىخانلار ئات ھەيدەۋاتقان
ئادەملەرنى مازاق قىلغاندەك ئۆز كامارلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇشقىرتىشاتتى.
پېترو
ئارقىسىغا بۇرىلىپ قارىدى - دە، كوسىلكا چالغىسىنىڭ تاك - تىكلىرى، قاناتلىرىنىڭ
ۋىژىلدىغان ئاۋازى ئارىسىدىن:
− يەنە ئىككى
قېتىم ئايلىنىپ، ئورۇغاندىن كېيىن تاماكا چېكىمىز! − دەپ ۋارقىرىدى.
گىرىگورىي
بېشىنى لىڭشىتىپلا قويدى. شامالدا قۇرۇپ بىر - بىرىگە يېپىشىپ قالغان لەۋلىرىنى
ئاچقۇچىلىكى قالمىغانىدى. قۇچاق - قۇچاق ئورۇلغان بۇغداينى ئىرغىتىپ تاشلاش ئاسان
بولسۇن ئۈچۈن ئارىنىڭ سېپىنى قىسقا قىلىپ تۇتۇۋالغانىدى، ھاسىراپ ئاران نەپەس
ئالاتتى، تەردىن چىلىق - چىلىق بولۇپ كەتكەن كۆكرىكى قىچىشاتتى، قالپىقىنىڭ
ئاستىدىن ئاچچىق تەر قۇيۇلاتتى، كۆزلىرىگە چۈشكەن تەر سوپۇندەك ئېچىشتۇراتتى.
ئۇلار ئاتلارنى توختىتىپ، سۇ ئىچىشتى ۋە تاماكا چېكىشتى.
پېترو قولىنى
كۆزىگە تۇتۇپ:
− چوڭ يولدىن
بىرسى ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، − دېدى.
گىرىگورىي شۇ تەرەپكە
كۆز تىكىپ، قاشلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن كۆتۈردى - دە:
− دادام
بولمىسۇن يەنە، − دېدى.
− ئېسىڭنى
يوقاتتىڭمۇ؟ ئاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە كوسىلكىنى تارتىپ مېڭىۋاتسا، نېمىنى
مىنىدۇ؟
− دادامنىڭ
ئۆزىغۇ.
−
تونۇيالمىغانسەن، گىرىشا !
− خۇدا
تۇرۇپتۇ، ئۆزى شۇ !
بىر مىنۇتتىن
كېيىن چېپىپ كەلگەن ئاتمۇ، ئۈستىدىكى ئادەممۇ ئېنىق كۆرۈندى.
− دادام... −
دەپ قورقۇپ كەتتى پېترو ۋە تۇرغان جايىدا ھاڭ - تاڭ بولۇپ تېپىرلاپ قالدى.
گىرىگورىي
خۇددى ئاكىسىنىڭ كۆڭلىگە كەلگەندەك، ئوخشاش بىر پىكىرنى ئېيتتى:
− ئۆيدە بىر
ئىش بولغان ئوخشايدۇ...
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ يۈز سارجىنچە مۇساپە قالغاندا ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، ئاستا
سوكۇلدىتىپ كەلدى.
−
ئەبجىقىڭلارنى چىقىرىمەن، ئىتنىڭ بالىلىرى ! ... − دەپ ۋارقىرىدى ئۇ يىراقتىن
قامچىسىنى بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇپ.
− ئۇنىڭغا نېمە
بولغاندۇ؟ − پېترو ھاڭ - تاڭ بولۇپ قالدى، مەللەرەڭ بۇرۇتى يېرىمىغىچە ئاغزىغا
كىرىپ كەتتى.
گىرىگورىي
مىيىقىدا كۈلۈپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۆزىنى كوسىلكىنىڭ ئارقىسىغا ئېلىپ:
− كوسىلكىنىڭ
ئارقىسىغا ئۆتۈۋال ! خۇدا ھەققى، قامچىسى بىلەن سالىدۇ. نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى
بىلىپ بولغۇچە تاياق يەپ كېتىمىز... − دېدى.
تەرگە چۆمگەن
ئات بۇغدايلىقنىڭ ئىچى بىلەن سوكۇلداپ كېلەتتى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ پۇتلىرى
بىلەن نىقتاپ (ئۇ ئاتنى ياۋىداق مىنىپ كەلگەنىدى)، قامچىسىنى ھەدەپ بېشى ئۈستىدە
ئايلاندۇراتتى.
− بۇ يەردە
سەنلەر نېمە قىلىشتىڭ، شەيتانلار؟!
− بۇغداي
ئورۇۋاتىمىز... − دېدى پېترو قوللىرىنى كېرىپ ۋە قورقۇمسىراپ كۆز قىرى بىلەن
قامچىغا قاراپ قويدى.
− كىم كىمگە
ئارا سانجىدى؟ نېمىشقا ئۇرۇشتۇڭلار؟...
گىرىگورىي
ئاتىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ ئاسماندىكى شامالدا چېچىلغان بۇلۇتلارنى پىچىرلاپ
سانايتتى.
− نېمە دەۋاتىسەن؟
قايسى ئارا بىلەن؟ كىم ئۇرۇشۇپتۇ؟... − دېدى پېترو كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، ئۇ
ئاتىسىغا باشتىن - ئاياغ قاراپ بىر ئورۇندا تېپىرلاپ تۇراتتى.
− ئۇنداقتا،
ھېلىقى ۋالاقتەگكۈر خوتۇن، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك: «بالىلىرىڭ بىر - بىرىگە ئارا
سانجىشتى» دەپ نېمىشقا چۇقان كۆتۈرىدۇ؟ خوش، بۇ قانداق گەپ؟ ... − پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچنىڭ بېشى تىترەپ تۇراتتى، ئۇ تىزگىنىنى قويۇۋېتىپ، ھاسىراپ تۇرغان
ئاتتىن سەكرەپ چۈشتى، − مەن فېدكا سىيومىشكىننىڭ ئېتىغا مىنىپ توختىماي چېپىپ
كەلدىم!... بۇ نېمە گەپ - ھە؟
− بۇ گەپنى
ساڭا كىم ئېيتتى؟
− بىر
خوتۇن!...
− يالغان
ئېيتىپتۇ، دادا! ئۇ لەنىتى ھارۋىدا ئۇخلاپ قالغان بولسا، شۇنداق ئىشنى چۈشىدە
كۆرگەندۇ.
− بۇ خوتۇننى
قاراڭلار! − پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ ساقىلىنى سىلكىپ ۋارقىراپ قويدى، − كىلىموۋنا
دېگەن جالاپ! خۇدايا توۋا! ... بۇ قانداق ئىش - ھە؟ مەن ئۇ قانجۇقنى شۇنداق
ساۋايكى!... − ئۇ ئاقساق سول پۇتىغا ئېغىرلىقىنى سېلىپ دەپسىنىپ قويدى.
گىرىگورىي
يەرگە قاراپ ئۈنىنى چىقارماستىن كۈلەتتى، يەلكىلىرى كۈلكىدىن مىدىرلايتتى، پېترو
ئاتىسىدىن كۆزىنى ئالماي، تەرلەپ كەتكەن بېشىنى ھەدەپ سىلايتتى.
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ
بىر قۇر جىددىيلىشىپ، كېيىن پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. كوسىلكىغا ئولتۇرۇپ، ئۇنى ئىككى
قېتىم ئايلاندۇرۇپ كەلدى، ئاندىن چورت دەپ تىللاپ قويۇپ ئېتىغا مىندى. يېزا يولىغا
چىققاندا، بۇغداي بېسىلغان ئىككى ھارۋىدىن ئۈزۈپ ئۆتتى - دە، كوچىنى چىڭىتىپ
يېزىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇششاق ئۆرۈلگەن پۆپۈكلۈك قامچىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ،
قىرنىڭ بېشىدا قالدۇرۇپ كەتتى. پېـترو ئۇنى قولىدا دەڭسەپ كۆرۈپ، بېشىنى لىڭشىتتى
- دە، گىرىشكىغا قاراپ:
− ئىككىمىزنى
راسا سالماقچى ئىكەن - دە، يىگىتچاق، − دېدى، − ھەي، قامچىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟
ئۇكام، بۇ قامچا بىرلا تەگسە، ئادەمنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىشى مۇمكىن!
18
كورشۇنوفلار
ئائىلىسى تاتار يېزىسىدا ئالدىنقى قاتاردىكى باي ئائىلە ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ
ئون تۆت جۈپ ئۆكۈزى، بىر پادا يىلقىسى، پىروۋالسىك ئات فېرمىسىدىن سېتىۋېلىنغان
بايتاللىرى، ئون بەشتىن ئارتۇق ئىنىكى، يايلاقتا نۇرغۇن قارا ماللىرى، قوتاندا
نەچچە يۈزلىگەن قويى بار ئىدى. ئۆي - ئىمارەتلىرىگە بىر قاراپ بايلىقىنى بىلىش
مۇمكىن ئىدى؛ ئۆيى موخوفنىڭ ئۆيىدىن قېلىشمايتتى: ئالتە خانىلىق، ئۆگزىسى تۈنىكە
بىلەن قاپلانغان، ھەممە يېرى پۇختا، چەسۋەك قېقىلغان. ھويلىسىنىڭ پېشايۋان -
لاپاسلىرىنىڭ ئۆگزىسى كاھىش بىلەن يېپىلغان؛ ھەممىسى يېپيېڭى، پارقىراپ تۇرۇپتۇ؛
بېغىنىڭ چوڭلۇقى بىر يېرىم گېكتار كېلىدۇ، ئادەمگە بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نېمە
كېرەك؟
شۇنىڭ ئۈچۈن،
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ دەسلەپ ساۋچىلىققا كېتىۋاتقاندا يۈرەكسىزلىنىپ، كۆڭلى تازا
قىزىمىغانىدى. كورشۇنوفلارمۇ ئۆز قىزى ئۈچۈن گىرىگورىيدىن ئارتۇقراق كۈيۈ ئوغۇلنى
تاپسا تاپالايتتى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ بۇنى چۈشەنگەچكە، ئىلتىماسىنىڭ يەردە
قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۆزۈمچىل كورشۇنوفنىڭ ئالدىغا بويۇن ئېگىپ بارغۇسى كەلمەيتتى.
ئەمما ئىلئىنىچنا بارمىغىنىغا قويماستىن، تۆمۈرگە ئېكەك سالغاندەك ئىتتىكلىتىشكە
كىرىشىپ، ئاخىر چالنىڭ تەرسالىقىنى يەڭدى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ ماقۇل بولۇپ،
نائىلاج يولغا چىققانىدى، بىراق ئىچىدە گىرىشنانىمۇ، ئىلئىنىچنانىمۇ ۋە بۇ يورۇق
دۇنيانىمۇ لەنەتلىگەنىدى.
ئەمدى جاۋابىنى
ئېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم يەنە بېرىش كېرەك ئىدى. ئۇلار يەكشەنبە كۈننى
كۈتۈشەتتى، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كورشۇنوفنىڭ ئۆگۈسى قىزىل مىستەك سىرلانغان
ئۆيىدە، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بىلمەيدىغان جېدەل چىقتى. ساۋچىلار كەتكەندىن
كېيىن ئانىسىنىڭ سوئالىغا قىزى:
− مەن
گىرىشكىنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە تەگمەيمەن، − دەپ جاۋاب بەردى.
− تاپقان
يىگىتنى قارىغىنا، ئەخمەق قىز، − دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتماقچى بولدى ئاتىسى، −
ماختايدىغان نېمىسى بار، سىگاندەكلا قارا بىر نەرسە ئىكەن، ئارتۇقچىلىقى شۇلا
پەقەت. مەن ساڭا ئۇنىڭدىن ياخشىراق، كېلىشكەن بىر يىگىتنى تېپىپ بېرەلمەسمەنمۇ،
قوزام؟
− ماڭا باشقىسى
كېرەك ئەمەس، دادا... − ناتالىيە قىزىرىپ كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى. − باشقىسىغا
تەگمەيمەن، باشقىلاردىن ساۋچى كېلىپ ئاۋارە بولۇشمىسۇن، ئۇنداق بولمىغاندا، مېنى
ئۇست - مېدۋېدىسكىدىكى چوڭ چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇڭلار...
− ئۇ كوچا -
كويلاردا قاڭقىپ يۈرىدىغان خوتۇنبازغۇ، ئېرى ئەسكەرلىككە كەتكەن خوتۇنلارنىڭ
ئارقىسىدىن يۈرگىنى يۈرگەن، − دېدى ئاتىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر دەلىلنى پەش قىلىپ، −
پۈتۈن يېزىغا نامى پۇر كەتتى.
− نېمە بولسا
مەيلى!
− ساڭا مەيلى
بولسا، مېنىڭمۇ كارىم يوق! بۇنداق ئىشتىن ماڭا قانچىلىك چوڭ زىيان؟
ناتالىيە −
تۇنجى قىز بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئەركىسى ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈيۈ تاللاشتا قىزىنى بەك
قىستىۋەتمىدى. تېخى ئۆتكەن يىل كۈزدىلا يىراق بىر يەردىن − سوسكان دەرياسى بويىدىن
ناھايىتى باي ۋە بەكمۇ تەقۋادار كازاكلار ساۋچى بولۇپ كېلىشكەنىدى: خوپېر ۋە
چىرتەرەپتىنمۇ كازاكلار كېلىپ ئۇرۇنۇپ بېقىشقانىدى، بىراق ناتالىيە ئۇلارنىڭ
ئوغۇللىرىنى ياراتمىغانلىقتىن، ساۋچىلارغا بېرىلگەن زىياپەت بىكار كەتكەنىدى.
مىرون گىرىگورىيېۋىچ
گىرىشكىنىڭ كازاكلارغا خاس جەسۇرلۇقىنى، ئىگىلىك ئىشلىرىغا مۇھەببەت
قويىدىغانلىقىنى، ئەمگەك سۆيەرلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى ئۆز كۆڭلىدە ياقتۇراتتى.
ئۆتكەن قېتىمقى يېزا مەركىزىدە بولغان بىر بەيگىدە گىرىشكىنىڭ بىر توپ يىگىتلەردىن
ئۈزۈپ، چەۋەندازلىقتا بىرىنچى مۇكاپات ئالغانلىقىنى چال كۆرگەن بولۇپ، كۆڭلىگە
پۈكۈپ قويغانىدى، لېكىن مال - دۇنياسى يوق، نامى بۇلغانغان ئادەمنى كۈيۈ ئوغۇل
قىلىش كۆڭلىگە ئېغىر تۇيۇلاتتى.
− قولىدىن ئىش
كېلىدىغان يىگىت، رەڭگىرويىمۇ جايىدا... − دەپ پىچىرلايتتى ئايالى ھەر ئاخشىمى.
ئېرىنىڭ سەپكۈن، ساپسېرىق تۈك باسقان قولىنى سىلاپ، − گىرىگورىيېۋىچ، بىچارە
ناتالىيە ئۇ يىگىتنىڭ ئىشقىدا ياداپ قۇرۇپ كەتتى... بەك ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.
مىرون
گىرىگورىيېۋىچ خوتۇنىنىڭ سوغۇق ۋە قۇرۇق سۆڭەك كۆكسىگە ئارقىسىنى قىلىۋېلىپ
ئاچچىقى بىلەن غودۇڭشىيتتى:
− بولدى قىلساڭچۇ،
چاققان! خالىساڭ ئەخمەق پاشاغابەر، ماڭا نېمە زىيىنى؟ خۇدا ئەقلىڭنى كالتە قىلغان
! «رەڭگىرويى جايىدا ئىمىش»... − دەپ زەردە قىلدى بوۋاي، − ھۆسن - جامالىغا نان
تۈگۈرۈپ يەمتىڭ؟
− جامالىغا نان
تۈگۈرۈپ...
−
چۈشىنىۋاتىمەن. ئۇنىڭ تەق - تۇرقى ساڭا نېمە كەلتۈرەتتى؟ ئۇنىڭ تۇرقىلا ئادەم.
راستىنى ئېيتسام، مەن ئۆز قىزىمنى تۈركلەرگە بېرىشكە نومۇس قىلىمەن. كاشكى، ئۇلار
ئادەم سىياقىدىكى كىشىلەر بولسىچۇ... − مىرون گىرىگورىيېۋىچ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ،
ياتقان يېرىدىن ساپچىپ - ساپچىپ قوياتتى.
− ھەممىسى
ئىشچان ئادەملەر، توق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.... − دەپ پىچىرلايتتى خوتۇنى، ئۇ ئېرىنىڭ
دۈمبىسىگە يېقىنراق يېپىشىپ، ئۇنى يۇمشىتىش ئۈچۈن قولىنى سىلايتتى.
− ھەي، قۇرۇپ
كەتكۈر، نېرىراق ياتساڭچۇ ! ساڭا باشقا جاي تارلىق قىلدىمۇ؟... مەن بوغاز كالا
ئەمەسقۇ، سىلاۋەرگىلى؟ ناتالىيەنى نېمە قىلساڭ قىل. خالىساڭ يۇندىخورلۇققا بەرگىن
!...
− ئۆز قىزىڭغا
ئىچىڭ ئاغرىسۇن. خۇدا ئۇ يىگىتنىڭ بېشىنى ئامان قىلسا بولدى، ئۇنىڭ بايلىقىنى نېمە
قىلاتتىڭ؟... − دەيتتى لۇكىنىچنا، مىرون گورىگورىيېۋىچنىڭ يۇڭ باسقان قۇلىقىغا
پىچىرلاپ، ئېرى پۇتى بىلەن تېپىشلەپ قويۇپ تامغا يېقىنراق ياتاتتى - دە، ئۆزىنى
ئۇخلىغانغا سېلىپ، خورەك تارتاتتى.
ساۋچىلارنىڭ
كېلىشى بۇلارنى ئالدىرىتىپ قويدى. پېشىن ۋاقتىدىكى ئىبادەتتىن كېيىن ساۋچىلارنىڭ
تۆت چاقلىق ھارۋىسى دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئىلئىنىچنا ھارۋىنىڭ
پەلەمپىيىگە دەسسەپ چۈشۈۋاتقاندا، ھارۋا قىيسىيىپ ئۆرۈلۈپ كېتىشكە تاس قالدى،
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ بولسا چۈجە خورازدەك دىككىدە سەكرەپ چۈشتى، پۇتى ئاغرىغان
بولسىمۇ، بىلىندۈرمەستىن، چەبدەس قەدەم بىلەن ئاقسىغان پېتى قورۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ
كېتىۋەردى.
− ئەنە ئۇلار!
شەيتان ئۇچۇرتۇپ كەلگەندەكلا يېتىپ كېلىشتى! − مىرۇن گىرىگورىيېۋىچ دېرىزىدىن
قاراپ، بىر ئۇھ تارتتى.
− ۋاي ئانىمەي،
ئابايا تاماق ئەتكەن چاغدىكى كىر يوپكام بىلەن يۈرۈپتىمەنا ! − دەپ كوتۇلداپ قويدى
ئايال ساھىبخانا.
− مۇشۇ كىيىمىڭ
بىلەنمۇ دۇپدۇرۇس سەن ! ئۇلار سېنى كېلىن قىلىشقا ساۋچى بولۇپ كېلىشكىنى يوققۇ؟
سەن قوتۇر ئاتنى كىم لازىم قىلار !...
− ئاغزىڭ
ئەزەلدىن بېزەپ ئىدى، قېرىغاندا تېخىمۇ بەتتەرلىشىپ كېتىپسەن !
− بولدى،
بولدى، ئاغزىڭنى يۇمساڭچۇ؟
− تازا
كۆڭلىكىڭنى كىيىۋالساڭ بولاتتى، يىرتىق يېرىڭدىن ئومۇرتقاڭ كۆرۈنۈپ قاپتۇ، ئۇيات
ئەمەسمۇ؟ ۋاي - ۋاي ناپاك ئەرۋاھ ! − دەپ كايىپ قويدى لۇكىنىچنا، ساۋچىلار
ھويلىدىن كىرىۋاتقاندا مىرون گىرىگورىيېۋىچنىڭ ئۈستبېشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ.
− مەيلى، كېرەك
يوق، مۇشۇ كىيىم بىلەنمۇ تونۇۋېرىدۇ، چىپتا قاپتىن كىيىم كىيسەممۇ بۇلاردىن
قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن.
− ئەسسالامۇئەلەيكۇم
! − دەپ چىرقىراپ قالدى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ بوسۇغىغا پۇتلىشىپ كېتىپ ۋە ئاۋازى
غەلىتە چىققانلىقىغا خىجىل بولۇپ، ئىشىكنىڭ قېشىدىكى بۈۋىمەريەمنىڭ سۈرىتىگە بىرنى
ئارتۇق چوقۇنۇۋەتتى.
− ۋەئەلەيكۇم
ئەسسالام، − دەپ تىنچلىق سوراشتى ساھىبخانا ساۋچىلارغا كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپ.
− بۈگۈنكى
ھاۋانى قاراڭ، خۇدانىڭ مەرھەمىتى - دە.
− خۇداغا
شۈكۈر، خېلى ياخشى.
− كىشىلەر
ئىشنى تۈگىتىۋالىدۇ.
− ئەلۋەتتە.
− شۇنداق.
− ھىم.
− شۇنداق
قىلىپ، بىز يەنە كېلىپ قالدۇق، مىرون گىرىگورىيېۋىچ سىزلەرنى ئۆزئارا بىر قارارغا كەلدىمىكىن،
قۇدا بولالامدۇق، يوقمۇ، شۇنى بىلىپ باقايلى دېۋىدۇق...
− قېنى تۆرگە
مەرھەمەت قىلىڭلار، ئولتۇرۇڭلار، ئىلتىپات قىلىڭلار، − دەپ ساھىبخانا ئايال تەزىم
بىلەن تەۋازۇلۇق كۆرسەتتى. بۇرما يوپكىسىنىڭ ئېتىكى خىش ياتقۇزۇلغان پولنىڭ
ئۈستىدە سۆرىلىپ يۈرەتتى.
− بىزەتە
بولماڭ، مەرھەمەت قىلىپ.
ئىلئىنىچنا
يىپەك كۆڭلىكىنىڭ ئېتەكلىرىنى شىلدىرلىتىپ ئۆزىنى تۈزەپ ئولتۇردى. مىرون
گىرىگورىيېۋىچ يېپيېڭى كىليونكا سېلىنغان شىرەگە جەينىكىنى تىرەپ لام - جىم دېمەي
ئولتۇراتتى. كىليونكىدىن نەم رېزىنكىنىڭ پۇرىقى ۋە باشقا قانداقتۇر بىر پۇراق
گۈپۈلدەپ دىماققا ئۇرۇلاتتى. جىيەكلىك كىليونكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ئۆلگەن
پادىشاھلار ۋە مەلىكىلەرنىڭ سۈرەتلىرى سىزىلغان: ئوتتۇرىسىدا ئاق شىلەپە كىيگەن
ئېسىلزادە قىزلار ۋە ئىمپېراتور نىكولاي ئالېكساندىرىۋىچنىڭ چىۋىنلەر داغ
قىلىۋەتكەن سۈرەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
مىرون
گىرىگورىيېۋىچ جىمجىتلىقنى بۇزدى:
− خوش
قىزىمىزنى بېرىشكە قارار قىلىشتۇق، كېلىشەلىسەك، قۇدا بولىمىز...
گەپ شۇ يەرگە
يەتكەندە ئىلئىنىچنا بۇرما يەڭلىك يۇڭ كوپتىسىنىڭ ئىچىدىن يوغان بىر قارا بولكا
ناننى، خۇددى دۈمبىسىنىڭ بىر يېرىدىن ئالغاندەك شارتلا چىقىرىپ، ئۇنى دوققىدە
شىرەنىڭ ئۈستىگە قويدى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ نېمىشقىدۇر چوقۇنماقچى بولۇپ، قولىنى كۆتۈرگەنىدى، ئەمما قاپىرىپ
قاداق بولۇپ كەتكەن بارماقلىرى ئىختىيارسىز ئېگىلىپ، پېشانىسىگە يەتمەستىن يېرىم
يولدا توختاپ قالدى - دە، تىرنىقى قارايغان باشمالتىقى ئۆزىچە ئوتتۇرا بارماق
بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقى ئارىلىقىغا كىرىپ قالدى، شۇ ئۇياتسىزلىقى بىلەن كۆك
چەكمەننىڭ پېشىنى ئاستا قايرىپ، ئاغزى قىزىل پېچەتلەنگەن بىر شېشىنى ئالدى.
− قېنى ئەمىسە،
ئەمدى بىز، ئەزىز قۇدىلىرىمىز، خۇداغا دۇئا قىلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى
ئۈچۈن ئىچەيلى، بەزى ئىشلار توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋالايلى...
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچنىڭ كۆڭلى ئېرىپ، كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ قۇدىسىنىڭ سەپكۈن باسقان
يۈزىگە تىكىلدى ۋە ئاتنىڭ تۇيىقىدەك يوغان ئالىقىنى بىلەن شېشىنىڭ ئاستىنى شاپىلاقلاپ،
ئاغزىنى ئاچماقچى بولدى.
بىر سائەتتىن
كېيىن ئىككى قۇدا شۇنداق يېقىن ئولتۇردىكى، مېلېخوفنىڭ قاپقارا چاڭگا ساقىلى بىلەن
كورشۇنوفنىڭ بىر تۇتام ساپسېرىق ئۆچكە ساقىلى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتتى.
پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ تۇزلانغان تەرخەمەكنىڭ تەمىنى ئوبدان تېتىپ، قۇدىسىنى
مەسلىھەتكە كۆندۈرەتتى.
− ئەزىز قۇدام،
− دەپ سۆز باشلىدى ئۇ پىچىرلاپ، − جېنىم قۇدا ! − ئۇ بىردىنلا ئاۋازىنى يۇقىرى
كۆتۈردى، − قۇدا ! − دەپ قاپقارا كوماك چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ۋاقىرىدى. − سېنىڭ
سالغان بۇ تويلۇقۇڭ مەن ئۈچۈن بەك ئېغىر! سەن ئويلاپ باق، جېنىم قۇدا، شۇنچە
نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان بولساڭ، مېنى قىيناپ قويمامسەن؟ ئۆزۈڭ ئويلاپ باق:
قونچلۇق بەتىنكە كالىچى بىلەن − بۇ بىر، تۈلكە جۇۋا − بۇ ئىككى دېگىن، ئىككى دانە
يۇڭ پىلاتىيە بۇ ئۈچ، شايى رومال − تۆت. مېنى خانىۋەيران قىلىسەنغۇ!...
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ قوللىرىنى كېرىۋىدى، كازاكچە ھەربىي مۇندىرنىڭ چاكلىرى ئارىسىدىن
توپا چىڭىدى. مىرون گىرىگورىيېۋىچ بولسا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، چىلانغان تەرخەمەك
سۈيى بىلەن ھاراق تۆكۈلگەن كىليونكىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇ كىليونكىنىڭ ئۈستى
تەرىپىدىكى جىمجىمدار ھالقا چىقىرىپ يېزىلغان خەتنى ئوقۇدى: «پۈتۈن رۇسىيە
ھۆكۈمدارلىرى»، ئاندىن تۆۋەنرەك يەرگە كۆز يۈگۈرتتى: «ئىمپېراتور ھەزرەت ئالىيلىرى
نىكولاي پادىشاھ...» ئۇنىڭ ئايىغىنى ياڭيۇ شۆپۈكى توسۇۋالغانىدى. سۈرەتكە تازا
تىكىلىپ قارىغانىدى، پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىدى، چۈنكى بوشىغان ھاراق شېشىسى نەق
يۈزى ئۈستىدە تۇراتتى، مىرون گىرىگورىيېۋىچ ئېھتىرام ھېسسى بىلەن كۆزلىرىنى
چىمىلدىتىپ، ئاپپاق كەمەر باغلانغان شاھانە ھەربىي كىيىمنى ئوبدان بىر قاراپ چىقاي
دېۋىدى، بىراق مۇندىرنىڭ ئۈستىگە ۋاچچىدە تەرخەمەك ئۇرۇقلىرى تۆكۈلگەنىدى. بىر توپ
ئوخشاشلا خۇنۈك قىزلارنىڭ ئىچىدە قاسقىنى كەڭ شىلەپە كىيگەن چوڭ مەلىكە ئۆزىگە
تەمەننا قويۇپ، مەغرۇرانە قاراپ تۇراتتى. مىرون گىرىگورىيېۋىچنىڭ ئازارى تۇتۇپ،
يىغلىغۇدەك بولۇپ كەتتى - دە، ئىچىدە: «سېۋەت ئىچىدىكى چىشى غازدەك بوينۇڭنى
سوزۇپ، مۇنچىلىك غادىيىپ قارايسەن، سەنمۇ بۇ قىزلىرىڭنى ئەرگە بېرەرسەن، شۇ چاغدا
مەن بىر كۆرەيچۇ، يەنە غادىيامسەن؟» دەيتتى.
ئۇنىڭ قۇلىقى
تۈۋىدە ھېلىمۇ پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ قاپاق ھەرىدەك غوڭۇلدايتتى.
كورشۇنوف ياش
يۇقى كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ، سۆزىگە قۇلاق سالاتتى.
− ئەگەر سېنىڭ
قىزىڭ ئۈچۈن − ھازىر ئۇ بەرىبىر مېنىڭمۇ قىزىم بولۇپ قالدى... ئىككىمىزنىڭ قىزى
ئۈچۈن مۇنچىلىك تويلۇقنى... ھېلىقى قونچلۇق بەتىنكە كالىچى بىلەن، تۈلكە جۇۋا...
پالانلارنى سېتىۋالىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا قوتىنىمىزدىكى ماللارنى بازارغا
ئاپىرىپ سېتىشقا توغرا كېلىدۇ.
− مېلىڭنى
ئايامسەن؟ − دەپ شىرەنى مۇشتلىدى مىرون گىرىگورىيېۋىچ.
− گەپ
ئايىغانلىقتا ئەمەس...
−
ئاياۋاتامسەن؟
− توختاپ تۇر،
قۇدا...
− ئايايدىغان
بولساڭ، مانا !...
مىرون
گىرىگورىيېۋىچ تەرلەپ كەتكەن، ئارىدەك قوللىرى بىلەن شىرە ئۈستىدىكى رومكىلارنى
بىرلا سىيرىپ يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى.
− ھەممىسى
سېنىڭ قىزىڭغا قالىدۇ، كېيىن ياخشىراق كۈن ئۆتكۈزسۇن دەيمەن !
− مەيلى شۇنداق
بولسۇن ! ئەمما مەھرىگە تېگىشلىك بولغان تويلۇقنى بەلگىلەپ قوي، ئۇنداق بولمىغاندا
قۇدا بولمايمىز !...
− قوتاندىن
ماللارنى ئاچىقىپ ساتىدىغان ئوخشايمەن... − پانتېلېي گىرىگورىيېۋىچ بېشىنى
لىڭشىتىپ قويدى. قۇلىقىدىكى سىرغىسى سىلكىنىپ، بىلىنەر - بىلىنمەس پارقىراپ
تۇراتتى.
− تويلۇقنى
ئەلۋەتتە بېرىشىڭ كېرەك !... قىزىمنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ساندۇق - ساندۇقتا تولۇپ
يېتىپتۇ. لېكىن، قىزىمىز كۆڭلۈڭلارغا ياققان بولسا، ئىززىتىمىزنى جايىغا يەتكۈز
!... بىز كازاكلارنىڭ قائىدە - يوسۇنى ئەنە شۇ. قەدىمدىن قالغان ئادەت، بىزمۇ
كونىلارنىڭ رەسىم - يوسۇنى بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك...
− ئىززىتىڭنى
قىلىمىز!...
− قىل!
− ئىززىتىڭنى
قىلىمىز!...
− مال - دۇنيا
تاپىدىغان بولسا، ياشلار ئۆزى تاپسۇن. بىزمۇ تاپقانمىز، تۇرمۇشىمىز
كىشىلەرنىڭكىدىن ناچار ئەمەس، ئۇلارمۇ ئەمدى ئۆزى تېپىپ كۆرسۇن!...
ئىككى قۇدا
رەڭگى ئوخشاشمايدىغان ساقاللىرىنى بىر - بىرىگە چىرماشتۇرۇپ سۆيۈشتى. پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ سۈيى قېچىپ سولاشقان تەرخەمەكنى چايناپ يېدى، تۈرلۈك ئىشلار ئېسىگە
چۈشۈپ، ھاياجاندىن يىغلاپ تاشلىدى.
ئايال قۇدىلار
ساندۇقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ، بىر - بىرىدىن
قېلىشماي، ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈشەتتى. ئىلئىنىچنا گىلاس ۋىنوسنى ئىچىۋېتىپ، راسا
قىزارغان، قىزنىڭ ئانىسى بولسا ۋوتكىنىڭ تەسىرى بىلەن خۇددى سوغۇقتا ئۈششۈپ كەتكەن
ياۋا ئامۇتتەك كۆكىرىپ كەتكەنىدى.
− بۇنداق قىز
ئالەمدە يوق! كېلىن دېگەن قېيىنئانىنىڭ گېپىگە كىرىدىغان، ئىززىتىنى قىلىدىغان
بولسۇن، قىزىم ھۆكمىڭدىن چىقمايدۇ. گېپىڭگە ھەرگىز گەپ قايتۇرمايدۇ: سۆيۈملۈك
قۇدام...
− ھە - ھە -
ھە، جان قۇدام، − دەپ ئىلئىنىچنا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى ۋە سول قولىنى ئېڭىكىگە
تىرەپ، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ جەينىكىنى تۇتۇۋالدى. − مەن بىرنەچچە قېتىم ئۇ
ئىتنىڭ بالىسىغا كايىغانىدىم ! ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن كوچىغا چىقماقچى
بولۇپ، خالتىسىغا تاماكا سېلىۋاتقانىكەن، ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنىڭغا: «ھوي لەنىتى، بۇ
ئىشىڭنى قاچان تاشلايسەن؟ − دېدىم، − قېرىغان چېغىمدا سېنىڭ دەردىڭنى قاچانغىچە
تارتامەن؟ يالغۇز جايدا سىتېپاننىڭ قولىغا چۈشسەڭ بوينۇڭنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ!...»
مىتكا
ئاشخانىنىڭ ئىچىدە ئىشىكنىڭ يۇقىرىقى يوچۇقىدىن مېھمانخانىغا يوشۇرۇنچە قارايتتى،
پەس تەرەپتىكى يوچۇقنى ناتالىيەنىڭ ئىككى سىڭلىسى ئىگىلىۋېلىپ پىچىرلىشاتتى.
ناتالىيە
نېرىقى بۇلۇڭدىكى ئۆيدە كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، كۆز يېشىنى كوپتىسىنىڭ
تارغىنا يېڭى بىلەن سۈرتەتتى، بوسۇغىنىڭ سىرتىدىكى يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويۇشتىن
قورقاتتى. نامەلۇم ھايات ئۇنى قىينايتتى.
مېھمانخانىدا
ئۈچىنچى شېشىدىكى ھاراق تۈگەي دەپ قالغانىدى، قۇدىلار قىز بىلەن يىگىتنى بىرىنچى
سىپاس كۈنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قويۇشقا كېلىشىپ قويدى.
19
كورشۇنوفنىڭ
قورۇسىدا توي تەييارلىقى قىزىپ كەتتى. قىزنىڭ پۈتمەي قالغان بەزىبىر كىيىملىرى
ئالدىراش تىكىلمەكتە ئىدى. ناتالىيە ئاخشاملىرى مەھكەم ئولتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئادەت
بويىچە كۈيۈگە تارتۇق قىلىنىدىغان كۈل رەڭ تىۋىت شارپا بىلەن، يۇڭ پەلەينى توقۇپ
پۈتكۈزمەكتە ئىدى.
ئانىسى
لۇكىنىچنا پۈتۈن كۈن قاراڭغۇ چۈشكۈچە كىيىم تىكىدىغان ماشىنا يېنىدا مۈكچىيىپ
ئولتۇرۇپ، يېزا مەركىزىدىن كەلگەن ماشىنىچى ئايالغا ياردەملىشەتتى.
مىتكا ئېتىزدىن
دادىسى ۋە باشقا خىزمەتكارلار بىلەن بىللە قايتىپ كېلىپ، يۇيۇنماستىنلا ۋە قاداق
بولغان ئايىغىدىكى قوپال ئېتىز چورۇقىنى سېلىۋەتمەستىنلا، توپتوغرا مېھمانخانىغا
ناتالىيەنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ ھەمىشە سىڭلىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ، ئۇنىڭدىن
ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرەتتى.
−
توقۇۋاتامسەن؟ − دەپ قىسقىلا سورىدى ئۇ يۇڭ شارپىنىڭ چۇچىلىرىنى كۆزى بىلەن
ئىملاپ.
− توقۇۋاتىمەن،
سېنىڭ نېمە كارىڭ؟
− توقۇ،
توقۇۋەر، ئەخمەق، ئۇ رەھمەت دېيىشنىڭ ئورنىغا تۇمشۇقۇڭغا ئۇرىدۇ.
− نېمىشقا؟
− ياخشى كۈن
كەچۈرۈشۈڭ ئۈچۈن، گىرىشكىنى مەن بىلىمەن، ئىككىمىز دوست. ئۇ شۇنداق بىر ئىتكى،
چىشلىۋېلىپ، نېمىشقا چىشلىگەنلىكىنى ئېيتمايدۇ.
− يالغان
سۆزلىمە ! مەن ئۇنى بىلمەمدىمەن.
− مەن ئۇنى
سەندىن ياخشىراق بىلىمەن، مەكتەپكە بىللە بېرىپ، بىللە كەلگەن تۇرساق.
مىتكا ئارا
تاتلىۋەتكەن ئالىقانلىرىغا قاراپ، مۇغەمبەرلىك بىلەن ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويدى -
دە، ئېگىز قەددىنى ئېگىپ يەرگە ئېڭىشتى.
− سەن ئۇنىڭ
قولىغا چۈشسەڭ تۈگىشىسەن، ناتاشكا! تۇرمۇشقا چىقماي ئولتۇرغىنىڭ ياخشى، سەن ئۇنىڭ
نېمە ئارتۇقچىلىقىنى كۆردۈڭ؟ خوش، قېنى؟ قورقۇنچلۇق ئادەم − ئات قىلىپ
مىنەلمەيسەن، ئۆزى بىرئاز تەنتەكرەك... سەن قايتىدىن ئوبدانراق بىر قارا: يارىماس
يىگىت !...
ناتالىيەنىڭ
ئاچچىقى كەلدى، كۆز يېشىنى تۆكمەسلىك ئۈچۈن شارپىنىڭ ئۈستىگە يۈزىنى قويۇۋالدى.
− ھەممىدىن
يامىنى، − ئۇنىڭ سوغۇقلۇقى... − دەپ ئايىماستىن چىشىغا تېگەتتى مىتكا، − نېمە
يىغلايسەن؟ سەن ئەخمەق - دە، ناتاشكا. ئۇنىڭدىن ۋاز كەچ ! مەن ھازىر ئاتنى
ئېگەرلەپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭكىگە كەلمەڭلار دەيمەن...
گىرىشكا بوۋا
ناتالىيەگە بولۇشاتتى: ئۇ پۇتاقلىق ھاسا تايىقى بىلەن پايپاسلاپ مېڭىپ، گويا
تاختاينىڭ بوش ياكى مەھكەملىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك پولنى دوك - دوك ئۇرۇپ،
مېھمانخانىغا كىرەتتى - دە، بىر باغ بېدىدەك سارغۇچ ئاق ساقىلىنى سىلاپ قوياتتى،
ئارقىدىن مىتكىنى ھاسىسى بىلەن تۈرتۈپ:
− بۇ يەرگە
نېمىشقا كىردىڭ، يارىماس؟ گەپ قىل! − دەپ سورايتتى.
− ئەھۋال سوراپ
چىقاي دەپ كىرىۋىدىم، چوڭ دادا، − مىتكا ئۆزىنى ئاقلايتتى.
− ئەھۋال سوراي
دەپ؟ نېمە دېدىڭ؟ مەن سېنى بۇ يەردىن كېتىشكە بۇيرۇيمەن؟ يارىماس، قەدەملەپ مارش!
بوۋاي ياداپ
قۇرۇپ كەتكەن ئاياغلىرىنى ئاران بېسىپ، ھاسا تايىقىنى تەڭلەپ، مىتكىنىڭ ئۈستىگە
بېسىپ كېلەتتى.
گىرىشاكا بوۋا
يەر يۈزىنى دەسسەپ يۈرگىنىگە ئاتمىش توققۇز يىل بولدى. 1877 - يىلىدىكى تۈركىيە
ئۇرۇشىغا قاتناشقان، گېنېرال گۇركونىڭ يېنىدا نۆكەر بولۇپ تۇرغان، كېيىن ئۇنىڭ
غەزىپىگە ئۇچراپ، پولكقا قايتۇرۇلغانىدى. پىلېۋنا ۋە روشىچ بوسۇغىسىدىكى جەڭلەردە
قەھرىمانلىق كۆرسەتكىنى ئۈچۈن ئىككى گىئورگى ئوردېنى ۋە بىر دانە گېئورگى مېدالى
بىلەن مۇكاپاتلانغان. ھازىر ئوغلىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى، قېرىغان بولسىمۇ ئەقلى
جايىدا، راستچىل، ھالال، مېھماندوست ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن يېزىدا ئومۇمنىڭ
ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان: بوۋاي قالغان ئۆمرىنى ئەسلىمە يېزىشقا بېغىشلىغانىدى.
يازدا كۈن
چىققاندىن تارتىپ تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر تامنىڭ تۈۋىدىكى كىچىككىنە سۇپىدا
ھاسىسى بىلەن يەرنى سىزىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان
ئۆتمۈش خاتىرىلىرى مېڭىسىدە غۇۋا جانلىناتتى، ئايرىم مەنزىرىلەر، ئۈزۈك - ئۈزۈك
پىكىرلەر ئېسىگە كېلەتتى...
ئۆڭۈپ كەتكەن
كازاكچە شەپكىسىنىڭ كوزىركىسىدىن يۇمۇق كۆزلىرىنىڭ قاش - قاپاقلىرىغا سايە چۈشۈپ
تۇراتتى: بۇ سايە يۈزىدىكى قورۇقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق قىلىپ كۆرسىتەتتى،
ئاقارغان ساقىلىغا كۆكۈچ تۈس بېرەتتى. ھاسا ئۈستىدە بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن
بارماقلىرىدا، قولىنىڭ پەنجىلىرىدە، قاپقارا پۇلتىيىپ چىققان تومۇرلىرىدا
سازلىقتىكى قارا لايدەك قاپقارا قان ئاستا ئايلىنىپ تۇراتتى.
قېنى يىلدىن -
يىلغا سوۋۇپ، توڭىدىغان بولۇپ قالدى. گىرىشاكا بوۋا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان
نەۋرىسى ناتالىيەگە:
− يۇڭ پايپاق
كىيسەممۇ پۇتۇم ئىسسىمايدىغان بولۇپ قالدى. سەن ماڭا، جېنىم نەۋرەم، قات - قات
قېلىن قىلىپ توقۇپ بەرسەڭ بولاتتى، − دەپ زارلىناتتى.
− نېمە
دەۋاتىسەن، چوڭ دادا، ھازىر يازغۇ! − دەپ كۈلەتتى ناتالىيە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ،
ئاندىن چوڭ دادىسىنىڭ قورۇلۇپ كەتكەن ساپسېرىق يوغان قۇلاقلىرىنى كۆزدىن
كەچۈرەتتى.
− ھەي، جىگەر
پارەم، يازلىقى ياز، ئەمما قېنىم يەر تېگىدىكى لايدىنمۇ سوغۇق.
ناتالىيە
بوۋىسىنىڭ تورغا ئوخشاش قول تومۇرلىرىغا قاراپ، مۇنۇ بىر خاتىرىنى ئەسلىدى: بىر
كۈنى ھويلىدا قۇدۇق كولاشقانىدى − بۇ ناتالىيەنىڭ بالىلىق چېغى ئىدى − شۇ چاغدا ئۇ
چېلەك بىلەن تارتىپ چىقىرىلغان لايدىن بىر قورچاق ياسىدى، يەنە بىر مۈڭگۈزلۈك كالا
ياسىغانىدى، بىراق كالىنىڭ مۈڭگۈزى ئوشتۇلۇپ كەتتى. ناتالىيە ھازىر يەنە ئاشۇ بەش
سارجىن چوڭقۇرلۇقتىن تارتىۋېلىنغان لاينىڭ قولىغا قانچىلىك مۇزدەك تەگكەنلىكىنى
ئەسلەپ، بەدىنى سەسكىنىپ كەتتى - دە، بوۋىسىنىڭ قېرىلىقتىن سەپكۈن باسقان گىل رەڭگىدىكى
قوللىرىغا قورقۇش ئىچىدە قاراپ قويدى.
قىزنىڭ
نەزىرىدە بوۋىسىنىڭ قول تومۇرلىرىدا قىزىل قان ئەمەس، بەلكى كۆكۈچ سۇيۇق لاي
ئېقىۋاتقاندەك ئىدى.
− ئۆلۈپ
كېتىشتىن قورقامسەن، چوڭ دادا؟ − دەپ سورىدى ئۇ.
گىرىشاكا بوۋا
كونىراپ كەتكەن ھەربىي كىيىمىنىڭ قاتۇرما ياقىسىدىن قورۇق باسقان، ياداڭغۇ ۋە
ئىنچىكە بوينىنى ئاران بوشاتقاندەك بولۇپ بېشىنى لىڭشىتتى ۋە كۆكۈچ بولۇپ ئاقارغان
بۇرۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ قويدى.
− ئەجەلنى مەن
ئەزىز مېھماندەك كۈتىمەن. ۋاقتىمۇ كېلىپ قالدى... ياشايدىغىنىمنى ياشاپ بولدۇم،
پادىشاھلارغا خىزمەت قىلدىم، ھاراقنىمۇ ئارمانسىز ئىچتىم، − دەپ قوشۇپ قويدى، ئۇ
كۈلۈمسىرەپ، ئاپپاق چىشلىرى كۆرۈنۈپ كۆزلىرى ئەتراپىدىكى قورۇقلار تىترىگەندەك
بولدى.
ناتالىيە چوڭ
دادىسىنىڭ قوللىرىنى بىر قۇر سىلاپ كېتىپ قالاتتى، بوۋاي بولسا ھامان مۈكچىيىپ
سۇپىدا ئولتۇرۇپ، تۇتقۇچى ئۇپراپ كەتكەن ھاسىسى بىلەن يەر سىزاتتى، رەڭگى ئۆڭۈپ
كەتكەن، نۇرغۇن ياماق چۈشكەن مۇندىرىنىڭ قاتۇرما ياقىسىدىكى قىزىل بەلگىلەر
ياشىرىپ، كۈلۈپ تۇرغاندەكلا ئىدى.
ئۇ ناتالىيەگە
چاي ئىچۈرۈشۈپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاچ، كۆرۈنۈشتە خاتىرجەمدەك كۆرۈنسىمۇ،
ئىچىدە قاتتىق قايغۇردى ۋە غەزەپلەندى، چۈنكى ناتالىيە داستىخان ئۈستىدە ئۇنى
ياخشى تاماق بىلەن كۈتەتتى، كىر - قاتلىرىنى يۇياتتى، يامىقىنى يامايتتى، پايپاق
توقۇپ بېرەتتى ۋە كۆڭلەك - ئىشتانلىرىنى تىكەتتى. شۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن
گىرىشاكا بوۋا ئىككى كۈندىن بۇيان نەۋرىسىگە ھومىيىپ قارايدىغان بولۇپ قالدى.
− مېلېخوفلار −
نامدار كازاكلار، مەرھۇم پىروكوفېي ئەزىمەت كازاك ئىدى، نەۋرىلىرى قانداقكىنتاڭ؟
− نەۋرىلىرىمۇ
يامان ئەمەس، − دەپ مۈجمەلرەك جاۋاب بەردى مىرون گىرىگورىيېۋىچ.
− گىرىشكىسى
بىئەدەپ چوڭ بوپتۇ، يارىماس. قايسى كۈنى چېركاۋدىن كېلىۋاتسام، مەن بىلەن ئۇچرىشىپ
قېلىپ، سالام بەرمىدى. ئەمدى قېرىلارنى ھېچقايسىسى ھۆرمەت قىلىشمايدىغان بوپتۇ...
− ئۇ
مۇئامىلىسى ياخشى يىگىت، − دېدى لۇكىنىچا كەلگۈسىدىكى كۈيۈ ئوغۇلغا يان بېسىپ.
− نېمە؟
مۇئامىلىسى ياخشى دېدىڭمۇ؟ ئىلاھىم دېگىنىڭ راست بولسۇن، ئىشقىلىپ، ناتاشكىغا
ياقسۇن...
تويلۇق
سالىدىغان كۈنى مەسلىھەت بولۇۋاتقاندا، گىرىشاكا بوۋا ھېچنېمىگە ئارىلاشمىدى؛
ھۇجرىسىدىن چىقىپ، مېھمانخانىدا ئازراقلا ئولتۇردى - دە، ئاغزى تار رومكىدىن
ۋودكىنى تەسلىكتە ئىچىپ سەل - پەل قىزىغاندىن كېيىن مەست بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى
سېزىپ، دەرھال چىقىپ كەتتى.
ئىككى كۈندىن
بۇيان ئۇ تەشۋىشلىنىپ قالغان بەختىيار ناتالىيەگە لام - جىم دېمەي قاراپ - قاراپ
قوياتتى، ئاقىرىپ كۆكۈچ تۈس ئالغان بۇرۇتىنى مىدىرلىتىپ، ئۇچىنى چىشلەيتتى، كېيىن
خېلىلا يۇمشاپ قالدى.
− ناتاشكا ! −
دەپ قىچقىرىپ قالدى بىر كۈنى.
ناتالىيە
يېنىغا كەلدى.
− خوش، بالام،
سەن ئۆزۈڭ خۇشالمۇسەن؟ قانداق؟
− ئۆزۈممۇ
بىلمەيمەن، چوڭ دادا، − دەپ راستىنى ئېيتتى ناتالىيە.
− ھا - ھا -
ھا... شۇنداق دېگەن... مەيلى، ئىيسا مەدەتكار بولسۇن، خۇداغا تاپشۇردۇم، − دېدى.
ئۇ، لېكىن، ئەلىمىگە چىدىماي تەنە قىلدى، − بوۋام ئۆلۈپ كەتكۈچە تۇرۇپ تۇراي
دېمىدىڭ، يارىماس، كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن چىقساڭمۇ بولاتتى... سەنسىز تۇرمۇشۇم
ئېغىر بولىدۇ.
بۇلارنىڭ
گېپىگە مىتكا ئاشخانىدىن قۇلاق سېلىپ تۇراتتى. ئۇ:
− چوڭ دادا،
سەن يەنە يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن، ئۇ كۈتۈپ ئولتۇرۇۋېرەمدۇ؟ سەن تازا مېھرىبانسەن -
دە...
گىرىشاكا بوۋا
قۇلىقىغىچە قىزىرىپ كەتتى، ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ ۋارقىرىدى:
− ئاغزىڭنى
يۇم، بەچچىخەر، ئىتنىڭ بالىسى، يوقال !... ۋاي كـاسـاپـەت شـەيتان ! قۇلاق سېلىپ
تۇرغانىكەن، بۇ دۈشمەن !...
مىتكا كۈلگەن
پېتى ھويلىغا قاچتى، گىرىشاكا بوۋا ئۇزاققىچە ئاچچىقىنى باسالماي، مىتكىنى
تىللىدى، ئۇنىڭ كالتە يۇڭ پايپاق كىيگەن ئاياغلىرى تىزىغىچە تىترەيتتى.
ناتالىيەنىڭ
ئىككى سىڭلىسى − ئون ئىككى ياشلىق مارىشكا بىلەن سەككىز ياشلىق ئەركە ئۆسكەن شوخ
قىز گىرىپكا − توي كۈنىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتەتتى.
كورشۇنوفلارنىڭكىدە
دائىم تۇرىدىغان خىزمەتكارلارنىڭمۇ خۇشال بولغانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.
ئۇلار غوجايىننىڭ مول زىياپىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى، ئىككى كۈن ئىشتىن بوشاپ،
پۇخادىن چىققۇچە ئوينىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنتۇرا − خۇددى
قۇدۇق تۇرنىسىدەك ئېگىز − گېت − بابا دېگەن غەلىتە فامىلىلىك بىرسى بوگۇچاردىن
كەلگەن ئۇكرائىنالىق بولۇپ، يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئىنتايىن قاتتىق ئىچەتتى. شۇ
بىر ئىچىشتە ئۈستىدىكى پۈتۈن كىيىم - كېچەكلىرىنى ۋە تاپقان ئىش ھەققىنى ھاراققا
سېلىپ بېرەتتى. گېت - بابا ئۆزىنىڭ ئىچىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاچ، خېلىدىن
بېرى گېلى قىچىشىپ يۈرگەن بولسىمۇ، توي بولغۇچە بىر ئىلاج قىلىپ سەۋر قىلىپ
تۇرۇشقا نىيەت قىلغانىدى.
يەنە بىر مىخېي
ئىسىملىك قاتمال ۋە قارامتۇل كازاك خىزمەتكار مىگۇلىنىسكى يېزىسىدىن كورشۇنوفلارنىڭكىگە
تېخى يېقىندىلا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆيىگە ئوت كېتىپ خانىۋەيران بولغانلىقتىن، بۇ
يەردە ياللىنىپ ئىشلەۋاتاتتى، ئۇ گېتكو (كىشىلەر گېت - بابانى شۇنداق دەپ
ئاتىشاتتى) بىلەن ئۈلپەتلەشكەندىن كېيىن ئانچە - مۇنچە ئىچىشىپ تۇراتتى، ئۇ ئاتقا
بەك ئىشقىۋاز ئىدى. بىرئاز ئىچىۋالسىلا يىغلايتتى، كۆز يېشىنى قاتمال، قاشسىز
يۈزىگە سۈركەپ، مىرون گىرىگورىيېۋىچقا يېپىشىۋالاتتى:
− غوجايىن !
جېنىم غوجايىن ! قىزىڭنى ياتلىق قىلغاندا ئىزۋاش ھەيدەشنى پېقىر مىخېيكىغا تاپشۇر.
مېنىڭ قانداق ھەيدەيدىغانلىقىمنى شۇ چاغدا كۆرىسەن ! گۈلخاننىڭ ئۈستىدىن ئات
چاپتۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىمەن، ئەمما ئاتنىڭ بىرەر تال مويىغا ئوت تەگكۈزمەيمەن. مېنىڭمۇ
ئاتلىرىم بار ئىدى... ئېھ!...
ھەمىشە قاپىقى
سېلىق، كىشىنى ياقتۇرمايدىغان گېتكو نېمىشقىدۇر مىخېيغا ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ،
ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ چىشىغا تېگەتتى:
− مىخېي،
ئاڭلاۋاتامسەن؟ سەن قايسى يېزا بازىرىدىن؟ − دەپ سورايتتى، تىزىغىچە چۈشىدىغان
ئۇزۇن قوللىرىنى بىر - بىرىگە سۈركەپ، ئەمما شۇئانلا ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ:
«مىگولېۋىسكىلىقمەن» دەپ ئۆزى جاۋاب بېرەتتى. «ئەمما نېمىشقا قولۇڭدىن ئىش
كەلمەيدۇ؟» «نەسلىمىز شۇنداق بولسا كېرەك».
گېتكو دائىم
تەكرارلىنىدىغان بۇ چاقچاقتىن ئۆزى ھۇزۇرلىنىپ، خىرىلداپ كۈلەتتى، ئۇزۇن، ياداڭغۇ
يوتىسىغا ئىككى قولى بىلەن شاپىلاقلاپ قاقاھلاپ كېتەتتى، ئەمما مېخېينىڭ ئاچچىقى
كېلىپ، گېتكونىڭ ئۇستىرا بىلەن قىرىلغان يۈزىگە ۋە تىترەپ تۇرغان كېكىردىكىگە
قاراپ: «ھۇۋقۇش»، «قوتۇر» دەپ تىللايتتى.
توينى كۈز
ئېيىدا قىلىشقا توختاشتى. يەنە ئۈچ ھەپتە بار ئىدى. ئۇسپېنيى كۈنى گىرىگورىي
كېلىننى كۆرگىلى كەلدى. خاس ھۇجرىدا يۇمىلاق شىرە يېنىدا قىزنىڭ دوستلىرى بىلەن
بىللە سېمېچكا − گازىر، پىستە - ياڭاق چېقىشىپ ئولتۇرۇپ، كېيىن كېتىپ قالدى.
ناتالىيە ئۇنى ئۇزىتىپ چىقتى. گىرىگورىينىڭ يېڭى ئېگەر توقۇلغان ئېتى لاپاسنىڭ
ئاستىغا باغلانغانىدى، ناتالىيە ئوقۇرنىڭ يېنىدا قولىنى قوينىغا سېلىپ بىرنېمىنى
ئالدى - دە، ئۆزىنىڭ قىزلىق كۆكسىنىڭ ھارارىتى بىلەن ئىسسىغان كىچىككىنە بىر تۈگۈنچەكنى
گىرىگورىيغا ئاشىقانە نەزەر بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ قولىغا تۇتقۇزدى. گىرىگورىي بۇ
سوۋغاتنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا، ئاپپاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ قىزنى ھەيرەتتە قالدۇردى.
− بۇ نېمە؟ −
دەپ سورىدى گىرىگورىي.
− ئۆيۈڭگە
بارغاندا كۆرىسەن... مەن ساڭا تاماكا خالتىسى تىككەنىدىم.
گىرىگورىي
تارتىنىپراق ناتالىيەنى باغرىغا تارتىپ سۆيمەكچى بولدى، بىراق قىز ئىككى قولىنى
ئۇنىڭ كۆكسىگە تىرەپ چاققانلىق بىلەن ئارقىغا ئېگىلدى - دە، قورقۇش ئارىلاش دېرىزە
تەرەپكە قارىدى.
− ئۇلار كۆرۈپ
قالىدۇ !
− كۆرسە
كۆرمەمدۇ !
− ئىزا
تارتىمەن...
− بىرىنچى
قېتىم شۇنداق بولىدۇ، − دەپ چۈشەندۈردى گىرىگورىي.
ناتالىيە
يۈگەننى تۇتۇپ تۇردى. گىرىگورىي كۆزىنى قىسىپ، مېڭىسىگە ياد بولۇپ كەتكەن
ئۈزەڭگىنى پۇتى بىلەن ئىزدەيتتى. ئۇ ئېگەرنىڭ كۆرپىچىكىگە ئورۇنلىشىپ ئولتۇرغاندىن
كېيىن ھويلىغا چىقىپ كەتتى. دەرۋازىنى ئېچىپ تۇرغان ناتالىيە قولىنى كۆزىگە تۇتۇپ،
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى. گىرىگورىي ئېگەرنىڭ ئۈستىدە قالماقچىسىغا ئولتۇرۇپ،
سول بىقىنىغا سەل قىيسىيىپ، قامچىسىنى يىگىتلەرگە خاس ئوينىتىپ كېتىۋاتاتتى.
«ئون بىر كۈن
قالدى» دەپ ھېسابلىدى ناتالىيە ئىچىدە ۋە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، كۈلۈپ قويدى.
20
بۇغداي يۇمران
مايسا بولۇپ ئۈنۈپ چىقىپ، ئاندىن ئۆسۈشكە باشلايدۇ؛ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن
ئارىسىغا قاغا كىرسە كۆرۈنمەيدۇ؛ بۇغداي يەرنىڭ شەربىتىنى ئېمىپ، باشاق چىقىرىدۇ؛
ئۇنىڭدىن كېيىن چېچەك ئاچىدۇ، باشاقلارنى ئالتۇندەك چاڭ - توپا باسىدۇ؛ كېيىن
خۇشبۇي ۋە شېرىن سۈتكە تولۇپ، بوغاز بولۇشقا باشلايدۇ. تېرىغان ئىگىسى دالاغا
چىقىپ بۇغدايلىققا كۆز تىككەندە، خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. قەيەردىندۇر،
بۇغدايلىققا بىر توپ مال بېسىپ كىرىدۇ: ھەممە يەرنى چەيلەپ، بولۇق باشاقلارنى
يانجىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تاشلايدۇ. مال ئېغىنىغان يەرلەردە بۇغداي دائىرە
شەكلىدە دەسسىلىپ يېتىپ قالىدۇ... بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرگەندە كىشىنىڭ
يىغلىغۇسى كېلىدۇ.
ئاكسىنىيەنىڭ
بېشىغا خۇددى شۇنداق كۈن كەلدى: ئۇنىڭ ئالتۇندەك قىزىرىپ، پورەكلەپ گۈل ئاچقان
مۇھەببىتىنى گىرىشكا ئۆزىنىڭ قوپال تېرە چورۇقى بىلەن دەسسەپ ئاياغ ئاستى
قىلىۋەتتى، ھەممىسى كۈلگە ئايلاندى.
مېلېخوفلارنىڭ
كۆكتاتلىقىدىكى ئاشۇ ئاپتاپپەرەسلەر ئارىسىدىن قايتقاندا، ئاكسىنىيەنىڭ كۆڭلى
خۇددى شىۋاق بىلەن شور باسقان تاشلاندۇق خاماندەك قۇپقۇرۇق تاقىر چۆلگە ئايلاندى.
ئۆيگە قايتىپ
كېلىۋاتقاندا ھەدەپ رومىلىنىڭ ئۇچىنى چىشلەيتتى، گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك
ۋارقىرىغۇسى كېلەتتى، دەھلىزگە كىرىش بىلەنلا ئۆزىنى يەرگە ئاتتى - دە، زار - زار
يىغلاپ بوغقۇنۇپ كەتتى، ئازاب ئىچىدە مېڭىسىگە قاراڭغۇچىلىق تىقىلدى... كېيىن ئۆزىگە
كەلدى، ئەمما يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرى پىچاق سانجىلغاندەك ھامان ئازابلىناتتى.
مال چەيلەپ
تاشلىغان زىرائەت يەنە ئورنىدىن تۇردى. يەر بىلەن يەكسان قىلىنغان غوللىرى شەبنەم
ۋە قۇياش نۇرىدىن بەھرە ئېلىپ، قەددىنى رۇسلىدى: دەسلەپتە يۈكىنى كۆتۈرەلمەي
قالغان ئادەمدەك مۈكچىيىپ، كېيىن گەۋدىسىنى تۈزلەپ، بېشىنى كۆتۈردى، يەنە
بۇرۇنقىدەك كۈن نۇرىنى ئېمىپ، يەنە شامالدا تەۋرىنىپ يايراشقا باشلىدى...
كېچىلىرى
ئاكسىنىيە ئېرىگە ھەددىدىن تاشقىرى ئەركىلىسىمۇ، خىيالى باشقا يەردە بولۇپ،
قەلبىدە نەپرەت بىلەن ئۇلۇغ مۇھەببەت تۇيغۇسى بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەنىدى. بۇ
ئايالنىڭ ئوي - خىيالىدا ھامان ئاۋۋالقىدەك شەرمەندىچىلىك كوچىسىغا كىرىش ئارزۇسى
ساقلانغانىدى: ئۇ مۇھەببەتنىڭ قايغۇ ۋە شادلىقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن بەختىيار
ناتالىيە كورشۇنوۋادىن گىرىشكىنى تارتىۋېلىشقا نىيەت بېكىتتى. ھەر كېچىسى مىڭ
تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئويلاپ، قۇرغاق كۆزلىرىنى قاراڭغۇچىلىققا تىكىپ تاڭ ئاتقۇزاتتى،
ئوڭ قولىنىڭ ئۈستىدە ئېغىر ئۇيقۇدا ياتقان سىتېپاننىڭ چىرايلىق بېشى ياتاتتى،
ئۇنىڭ جىڭگىلەك ئۇزۇن كوكۇلىسى بىر تەرەپكە ساڭگىلاپ قالغانىدى. سىتېپان سەل
ئېچىلىپ قالغان ئاغزى بىلەن نەپەس ئالاتتى، ئۇ قارىيىپ كەتكەن قولىنى ئايالىنىڭ
كۆكسىگە قانداق قويغان بولسا، شۇ پېتى قالغان، ئىشتا پىشقان تۆمۈر بارماقلىرى
مىدىرلاپ تۇراتتى. ئاكسىنىيە ھـامـان ئويلىناتتى، چامىلاپ كۆرەتتى، قايتا - قايتا
ئويلاپ، ئاخىر مۇنداق بىر قەتئىي قارارغا كەلدى: گىرىشكىنى ھەممەيلەندىن
تارتىۋالىدۇ، ئۇنى ئۆزىگە شەيدا قىلىپ، ئاۋۋالقىدەك ئۇنىڭغا يەككە - يېگانە ئىگە
بولىدۇ.
ئەمما
يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە ھەرىنىڭ نەشتىرىگە ئوخشاش بىرنەرسە قاتتىق ئازاب
سالاتتى.
كېچىسى ئەھۋال
شۇنداق ئىدى، كۈندۈزى بولسا ئاكسىنىيە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئوي - پىكرى بىلەن غەرق
بولۇپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتەتتى، گىرىشكىنى بىرەر جايدا ئۇچرىتىپ قالسا
تاتىرىپ كېتەتتى - دە، ئۇنىڭغا تەشنا بولغان ئاكسىنىيە چىرايلىق قەددى - قامىتىنى
يورغىلىتىپ، ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىگە ئۇيالماستىن كۆز تىكىپ يېنىدىن ئۆتۈپ
كېتەتتى.
ھەر
ئۇچرىشىشتىن كېيىن گىرىشكا ھىجراندا قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتى. گىرىشكا بىكاردىن -
بىكار غەزەپلىنىپ، دۇناشكا بىلەن ئانىسىغا زەھىرىنى چاچاتتى. ئەمما، كۆپ چاغلاردا
قىلىچىنى ئېلىپ، قورۇنىڭ ئارقىسىغا چىقىپ كېتەتتى - دە، ئۇ يەردە تەرگە چۆمۈپ،
چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، يەرگە قادالغان شاخ - شۇمبىلارنى چېپىپ تاشلايتتى. بىر
ھەپتە ئىچىدە بىر تالاي شاخلارنى چېپىپ تۈگەتتى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ
قۇلىقىدىكى سىرغىسىنى پارقىرىتىپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ تىللاپ كېتەتتى:
− بىكارلا
چېپىپ، نابۇت قىلىۋەتتى، لەنىتى شەيتان، ئىككى قاشا تامغا يېتەتتى! ئۇقتۇق، راسا
قىلىچۋاز يىگىت ئىكەنسەن. ئاناڭ سېنى تۇغماي ئۆلسۈن ! قولۇڭ قىچىشقان بولسا
توقايلىققا بېرىپ چاپمامسەن... ئالدىرىماي تۇر، يىگىت، ئەسكەرلىككە بارىسەن، شۇ
چاغدا قىلىچۋازلىقنى قىلىپ كۆرىسەن ! ... ئۇ يەردە سەندەكلەرنىڭ تانابىنى بىر
پەستە تارتىپ قويىدۇ...
21
كېلىن كۆچۈرۈش
ئۈچۈن قوش ئات قوشۇلغان تۆت ھارۋا جابدۇتۇلغانىدى. بايرام كۈنىدىكىدەك ياسىنىۋالغان
كىشىلەر مېلېخوفلارنىڭ قورۇسىدا، ھارۋىلارنىڭ چۆرىسىدە توپ - توپ بولۇپ تۇرۇشاتتى.
يىگىت قولدىشى
− پېترو، قارا كەمزۇل، يول - يول جىيەك تۇتۇلغان ھاۋا رەڭ شالۋۇر كىيگەن، سول
يېڭىگە ئىككى دانە ياغلىق چەگكەن بولۇپ، ساپسېرىق بۇرۇتى ئاستىدىن توختىماي كۈلۈمسىرەپ،
يىگىتنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
− سەن گىرىشكا،
يۈرەكلىك بول ! بېشىڭنى خورازدەك ئېگىز تۇت، نېمانچە سولىشىپ تۇرىسەن؟
ھارۋىلارنىڭ
يېنىدا كالدۇر - كۇلدۇر گەپ - سۆزلەر، ۋاراڭ - چۇرۇڭلار توختىمايتتى.
− توي بېشى
نەگە يوقالغاندۇ؟ ماڭىدىغان چاغ بولۇپ قالدىغۇ؟!
− كىچىك دادا؟
− ھە؟
− كىچىك دادا،
سەن ئىككىنچى ھارۋىغا ئولتۇر، ئاڭلىدىڭمۇ، ئاتا؟
− ھارۋىغا
تۆشەك سالدىڭلىمۇ؟
− تۆشەك
سالمىسىمۇ، قوۋۇرغاڭ سۇنمايدۇ، ھارۋىنىڭ ئۆزى يۇمشاق !
توق قىزىل يۇڭ
يوپكا كىيگەن، تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ يۈرگەن دارىيە پەرداز قىلىنغان كامان قاشلىرىنى
ئوينىتىپ پېترونى ئىتتىرەتتى.
− ماڭىدىغان
ۋاقىت بولۇپ قالدى، دادامنى چاقىر، ئۇ يەردىكىلەر ساقلاپ تۇرۇپ قالىدۇ.
پېترو
قەيەردىندۇر دىككاڭلاپ كېلىۋاتقان دادىسى بىلەن پىچىرلىشىپ سۆزلەشكەندىن كېيىن
بۇيرۇدى:
− ھارۋىغا چىق
! مېنىڭ ھارۋامغا يىگىت بىلەن بەش كىشى چۈشسۈن. ئانىكەي، ھارۋىنى سەن ھەيدەيسەن.
ھەممەيلەن
ھارۋىغا چىقىپ ئورۇنلاشتى. يۈزى قىزارغان ۋە كاتتا ياسانغان ئىلئىنىچنا دەرۋازىنى
ئاچتى. تۆت ھارۋا كوچىدا بىر - بىرىدىن ئۈزۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن
تىرىشاتتى.
پېترو
گىرىگورىينىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان دارىيە چۆرىسىگە تور
توقۇلغان قول ياغلىقىنى پۇلاڭلىتىپ باراتتى. ئوڭغۇل - دوڭغۇل يەرلەردە ناخشا
ساداسى بىردىنلا ئۈزۈلۈپ قالاتتى. كازاكچە شەپكىلەرنىڭ قىزىل گەردىشى، كۆك ۋە قارا
مۇندىرلار، كالتە كەمزۇللار، ئاق لېنتا چىگىلگەن يەڭلەر، ئاياللارنىڭ ھەسەن -
ھۈسەندەك رەڭدار يىپەك روماللىرى، تۈرلۈك رەڭدىكى يوپكىلار... ھەربىر ھارۋىنىڭ
ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاپپاق چاڭ - توزان بۇلۇتى... قىز كۆچۈرىدىغانلار مانا شۇ
يوسۇندا باراتتى.
مېلېخوفلارنىڭ
قوشنىسى گىرىگورىينىڭ ئىككى تۇغقان قېرىندىشى ئانىكەي ھارۋىنى ھەيدىدى. ئۇ
شۇنچىلىك ئېڭىشىپ ئولتۇرغانىدىكى، ھارۋىنىڭ ئالدى تاختىسىدىن پەسكە يىقىلىپ
كېتىشكە تاس قالغاندەك كۆرۈنەتتى، قامچىسىنى قارسىلدىتىپ، «تىر - تىر !» دەپ
چىرقىراپ قوياتتى، تەرگە چۆمگەن ئاتلار ئۇزۇن تاسمىلارنى ئۈزۈپ تاشلىغۇدەك بولۇپ، ئالغا
ئۇچۇپ باراتتى.
− قامچىلا !
ئۇر ! − دەپ ۋارقىرايتتى پېترو.
ئايال مىجەز،
كوسا ئانىكەي گىرىگورىيغا كۆز قىسىپ، سىپسىلىق يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ھىجىياتتى - دە،
قامچىسىنى ئوينىتىپ ئاتلارنى ساۋىدايتتى.
− پوش - پوش
!... − دەپ توۋلاپ قويدى ئۇلارنى قوغلاپ يەتكەن ئىليە ئوژىگىن، بۇ گىرىگورىينىڭ
ئانا تەرەپ تاغىسى ئىدى. گىرىگورىي تاغىسىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان بەختىيار
دۇناشكىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ قارامتۇل مەڭزى خۇشاللىقتىن لىكىلداپ تۇراتتى.
− ياق، تۇرۇپ
تۇر! − دەپ ۋارقىرايتتى ئانىكەي ۋە ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ قاتتىق ئىسقىرتتى.
ئاتلار
پۇشقۇرۇپ، ئوقتەك ئۇچۇپ باراتتى.
− يىقىلىپ
چۈشىسەن !... − دەپ چىرقىرىدى دارىيە جايىدىن قوزغىلىپ ۋە دەرھال ئانىكەينىڭ
لاكلانغان پارقىراق ئۆتۈكىنى قۇچاقلىۋالدى.
− كۆزۈڭگە
قارا!... − دەپ توۋلىدى بىر تەرەپتە ئىليە تاغا، ئۇنىڭ ئاۋازى چاقلارنىڭ
گۈلدۈرلىگەن ساداسى ئاستىدا ئاڭلانماي قالدى.
يەنە ئىككى
ھارۋا يولدا يانمۇيان چېپىشىپ كېلىشەتتى. بۇ ھارۋىلارنىڭ ئۈستىگە رەڭمۇرەڭ كىيىم
كىيگەن ئادەملەر لىق تولغانىدى. دۈمبىسىگە قىزىل، ھاۋا رەڭ ۋە شاپتۇل چېچىكى رەڭ
يوپۇقلار يېپىلغان ۋە يالى بىلەن پېشانىسىگە قەغەز گۈل، لېنتا چىگىلگەن ئاتلار
قوڭغۇراقلىرىنى جاراڭلىتىپ، ئاغزىدىن ئاپپاق ماغزاپتەك كۆپۈك ئاقتۇرۇپ، ئوڭغۇل -
دوڭغۇل يولدا ئۇچۇپ بېرىشاتتى، شامال ئاتلارنىڭ تەرلىگەن ساغرىلىرى ئۈستىدىكى
يوپۇقلىرىنى يەلپۈلدىتەتتى.
كورشۇنوفنىڭ
دەرۋازىسى ئالدىدا بىر توپ بالا قىز كۆچۈرگۈچىلەرنى ساقلاپ تۇرۇشاتتى، ئۇلار يولدا
چاڭ - توزان پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈش بىلەنلا ھويلىغا چېپىپ كىرىشتى.
− كېلىشىۋاتىدۇ
!
− راسا
چاپتۇرۇپ كېلىشىۋاتىدۇ !
− ئەنە كۆرۈندى
!
ئۇلار گېتكونى
ئورىۋېلىشتى.
− نېمە
قىلىسىلەر بۇ يەردە، ئادەمنى قىستاپ ! يولنى ئېچىۋېتىڭلار شۇمتەكلەر ! چۇرقىرىشىپ
قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتتىڭلارغۇ !
− خوخۇل،
ياغلىق قاپاق خوخۇل، كەل، سەن بىلەن تىركىشىمىز، خوخۇل، خوخۇل!... − قارا
مايچى!... − دەپ چۇرقىراشتى بالىلار. ئۇلار گېتكونىڭ تاغاردەك كەڭ شالۋۇرى
ئەتراپىدا سەكرىشەتتى.
لېكىن، ئۇ،
قۇدۇققا ئېڭىشىپ قارىغان ئادەمدەك بېشىنى ئېگىپ، شوخلۇق قىلىۋاتقان بالىلارغا
مەستلىكى كېلىپ، يوغان قورسىقىنى قاشلاپ، مۇلايىملىق بىلەن كۈلەتتى.
ھارۋىلار
گۈلدۈرلەپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى، پېترو گىرىگورىينى پەلەمپەي تەرەپكە باشلاپ ماڭدى.
قىز كۆچۈرۈشكە كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
دەھلىز بىلەن
ئاشخانا ئارىلىقىدىكى ئىشىك تاقاپ قويۇلغانىدى.
پېترو ئىشىكنى
قاقتى.
− يا ھەزرىتى
ئىيسا، بىزگە رەھمەت قىلغىن.
− ئامىن، −
دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ئىشىكنىڭ ئىچىدىن.
پېترو يەنە
تاقىلداتتى، ھېلىقى سۆزلەر ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى. ئىچكىرىدىكىلەرنىڭ ياندۇررۇق
ئاۋازى غۇۋا ئاڭلىناتتى.
− كىرىشكە
رۇخسەت قىلامسىلەر؟
− مەرھەمەت.
ئىشىك ئېچىلدى.
ناتالىيەنىڭ چوقۇندۇرغان ئانىسى − ھازىر يەڭگە بولغان چىرايلىققىنا تۇل ئايال
پېتروغا نازاكەت بىلەن تەبەسسۇم قىلىپ تەزىم بەجا كەلتۈردى.
− قولداش
يىگىت، سالامەتلىك ئۈچۈن كۆتۈرۈۋەت !
يەڭگە ئايال
بىر ئىستاكان سۈزۈلمىگەن كۇۋاسنى سۇندى، پېترو بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپ، بىرلا
ئىچىۋەتتى - دە، كۆپچىلىكنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرۈپ، تامىقىنى قىرىپ قويدى.
− يەڭگە، مېنى
بۇ بىرنېمەڭ بىلەن مېھمان قىلىپ، راسا بابلىدىڭ ! توختاپ تۇر، جانان، مەنمۇ سېنى
شۇنداق مېھمان قىلايكى، كۆزۈڭدىن ياش چىقىپ كەتسۇن !...
− ئەپۇ قىلىڭ،
مەرھەمەت قىلىپ، − دەپ تەزىم قىلدى يەڭگە ۋە پېتروغا قاراپ مۇغەمبەرلىك بىلەن
كۈلۈپ قويدى.
قولداش بىلەن
يەڭگە سۆزمەنلىك قىلىپ بولغۇچە، يىگىتنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، توينىڭ شەرتىگە
مۇۋاپىق، ئۈچ رومكىدىن ھاراق تۇتۇلدى.
نىكاھ
كۆڭلىكىنى كىيىپ، بېشىغا ئاپپاق تور رومال ئارتقان ناتالىيەنى شىرە يېنىدا
بىرقانچىسى قوغدىشاتتى. مارىشكا قولىنى سوزغان پېتى نوغۇچ تۇتۇپ تۇراتتى. گىرىپكا
بار كۈچى بىلەن غەلۋىرنى سىلكىتەتتى.
ۋوتكىدىن بېشى
ئايلانغان، تەرگە چۆمگەن پېترو رومكا ئىچىگە يېرىم سوملۇق تەڭگە سېلىپ، تەزىم
بىلەن قىزچاقلارغا ئۇزاتتى. يەڭگە ئايال مارىشكىغا كۆز ئىشارىتى قىلىپ قويدى، قىز
نوغۇچنى شىرەگە ئۇرۇپ:
− بەك ئاز!
بۇنىڭغا كېلىننى ساتمايمىز!... − دېدى.
پېترو بىر قىسىم
جىرىڭلاپ تۇرغان ئۇششاق تەڭگىلەرنى رومكىغا سېلىپ يەنە ئۇزاتتى.
− ساتمايمىز! −
دەپ چۇرقىراشتى سىڭىللار يەرگە قاراپ تۇرغان ناتالىيەنى جەينىكى بىلەن ئىتتىرىپ.
− يەنە قانداق
قىلىمىز! بەرگەن پۇلىمىز بەك كۆپ بولۇپ كەتتى.
− بوپتۇ قىلىپ
بىر تەرەپكە تۇرۇڭلار، قىزلار، − دەپ بۇيرۇق قىلدى مىرون گىرىگورىيېۋىچ ۋە
كۈلۈمسىرەپ شىرەگە يېقىنراق سۈرۈلدى. ئۇنىڭ سېرىق ياغ سۈرتۈپ تارالغان مەللە رەڭ
چېچىدىن تەر بىلەن چىرىگەن ئوغۇتنىڭ پۇرىقى كېلەتتى.
شىرە ئەتراپىدا
ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، قوۋم - قېرىنداشلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ جاي
بوشاتتى.
پېترو
ياغلىقنىڭ بىر ئۇچىنى گىرىگورىيغا تۇتقۇزۇپ، ئۇزۇن بەندىڭنىڭ ئۈستىگە چىقتى - دە،
ئۇنى شىرەنىڭ يېنى بىلەن يېتىلەپ، بۇتنىڭ رەسىمى ئاستىدا ئىزا تارتىپ ئولتۇرغان
كېلىننىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى، ئىزا تارتىپ قوللىرىغىچە تەرلەپ كەتكەن ناتالىيە
ياغلىقنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتتى.
شىرەنىڭ
ئەتراپىدا ئولتۇرغانلار پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشىنى شالاپلىتىپ چاينىشاتتى، قوللىرىنى
چاچلىرىغا سۈرتەتتى، ئانىكەي توخۇنىڭ تۆشىنى غاجىلايتتى، ساپسېرىق يېغى ئېڭىكىدىن
ئېقىپ ياقىسىغا چۈشەتتى.
گىرىگورىي
ياغلىق بىلەن چىگىپ قويۇلغان ئۆزىنىڭ ۋە كېلىننىڭ قوشۇقلىرىغا، سىرلانغان
جاۋۇردىكى ھورى چىقىپ تۇرغان ئۈگرىگە زوقلىنىپ قارايتتى، قورسىقى ئاچ بولغانلىقتىن
نەپسى تاقىلداپ، ئىچى كولدۇرلاپ كەتتى.
دارىيە ئىليە
تاغىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بولۇپ، تىنىمسىز ئۆزىنى مېھمان قىلاتتى، ئىليە تاغا بۆرە
چىشلىرى بىلەن قوي قوۋۇرغىسىنى غاجىلاشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى، ئېھتىمال، دارىيە
بىئەدەپ گەپلەرنى قىلغان بولسا كېرەك، شۇڭا كۆزلىرىنى قىسىپ، قاشلىرىنى
چىمىلدىتىپ، ئۆزىچە قىزىرىپ، كۈلۈپ قوياتتى.
مېھمانلار
بېشىنى كۆتۈرمەستىن، تويغۇچە تاماق يېيىشتى. ئەرلەرنىڭ بەتبۇي تەر پۇرىقىغا
ئاياللارنىڭ ئۆتكۈر، خۇشبۇي ھىدلىرى ئارىلىشىپ كەتتى. ساندۇقلاردا بېسىلىپ قالغان
يوپكا، ئەرلەر چاپىنى ۋە تىۋىت روماللاردىن نافتالىن ۋە قانداقتۇر ئاچچىق - چۈچۈك
پۇراق گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇراتتى.
گىرىگورىي كۆز
قىرى بىلەن ناتالىيەگە قاراپ قويدى، ناتالىيەنىڭ ئۈستى كالپۇكى بىرئاز قېلىنراق
بولۇپ، تۆۋەنكى كالپۇكى ئۈستىدىن ئېسىلىپ چۈشكەنلىكىنى ئەمدىلا بايقىدى. يەنە ئوڭ
مەڭزىدە ياڭاق سۆڭىكى ئۈستىدە جىگەر رەڭ مېڭى بولۇپ، مەڭنىڭ ئۈستىدە ئالتۇنسىمان
ئىككى تال تۈك بارلىقىنى كۆردى - دە، نېمىشقىدۇر بۇنىڭدىن كۆڭلى غەش بولدى. شۇ
چاغدا ئاكسىنىيەنىڭ نازۇك بوينى ۋە گەجگىسىگە چۈشۈپ تۇرغان جىڭگىلەك چاچلىرى
ئېسىگە چۈشۈپ، شۇنداق بىر ھېس پەيدا بولدىكى، گويا بىرسى گىرىگورىينىڭ كۆڭلىكىنىڭ
ياقىسىدىن تەرلەپ كەتكەن دۈمبىسىگە يىرىك سامان تىقىپ قويغاندەك بولدى، ئۇ داستىخان
ئۈستىدە ماچىلدىتىپ تاماق يەۋاتقان، شالاپلىتىپ بىرنەرسە ئىچىۋاتقان ئاچ قورساق
كىشىلەرگە پەرىشانلىق بىلەن قاراپ، بەدىنى شۈركۈنۈپ كەتتى.
كۆپچىلىك
داستىخاندىن تۇرۇپ كەتكەندە، ئاغزىدىن ئېچىغان بۇغداي نېنى بىلەن ئاچچىق بوز
پۇرىقى كېلىپ تۇرغان بىر كىشى گىرىگورىيغا ئېڭىشىپ، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنىڭ قونچىغا بىر
سىقىم سۆك قويۇپ قويدى: بۇ ئىش كۈيۈ ئوغۇلغا كۆز تەگمىسۇن دېگەن نىيەت بىلەن
قىلىنغانىدى، بۇ سۆك قايتقان چاغدا يول بويى گىرىگورىينىڭ ئايىغىغا پاتاتتى،
كۆڭلىكىنىڭ تار ياقىسى گېلىنى بوغاتتى، توي رەسمىيەتلىرىدىن بىزار بولغان
گىرىگورىي ئاچچىق غەزەپ بىلەن ئۆزىنى ئۆزى مىڭنى تىللاپ كەتتى.
22
كورشۇنوفلارنىڭكىدە
دەم ئالغان ئاتلار مېلېخوفنىڭ ھويلىسىغىچە بار كۈچى بىلەن تىنماي چېپىپ باردى.
قۇشقۇن تاسمىلىرى ئاتنىڭ ساغرىسىدىن ئاققان تەردىن كۆپۈپ كەتتى.
شىركەيپ بولغان
ھارۋىكەشلەر ئاتلارنى ئايىماستىن قامچىلايتتى.
قىز
كۆچۈرگۈچىلەرنى قېرىلار كۈتۈۋېلىشتى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ كۈمۈشتەك ئاق
ئارىلىغان قارا ساقىلىنى پارقىرىتىپ بۇتنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئىلئىنىچنامۇ ئۇنىڭ
بىلەن بىللە ئىدى. يۇپقا لەۋلىرى تاشتەك قاتقان گىرىگورىي ناتالىيە بىلەن بىللە ئۈستبېشىغا
چېچىلغان بۇغداي شاراب ئېچىتقۇسىنىڭ پۇرىقىنى تارقىتىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا
پاتىھە ئېلىش ئۈچۈن باردى، پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ پاتىھە بېرىۋاتقاندا كۆزىدىن
ياش تامچىلاشقا باشلىغاچ، كىشىلەر ئالدىدا كۆڭلى يۇمشاقلىقىنى بىلدۈرۈپ
قويغانلىقىغا ئوڭايسىزلىنىپ، خىجىللىقتىن قاپىقىنى تۈرۈۋالدى.
يېڭى ئەر -
ئايال ئۆيگە كىرىشتى. ۋوتكىنىڭ تەپتىدىن قىزىرىپ كەتكەن ۋە يول ئازابى ۋە ئاپتاپتا
كۆيۈپ - پىشقان دارىيە پېشايۋانغا چىقىش بىلەنلا ئوچاق بېشىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان
دۇناشكىغا ۋارقىرىدى:
− پېترو
قېنى؟...
− كۆرمىدىم.
− پوپقا تېزرەك
خەۋەر بېرىش كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ لەنىتى قەيەرگە يوقىلىپ كەتكەندۇ؟
ئادەتتىكىدىن
كۆپرەك ئىچىپ قويغان پېترو ئالدى ياغىچى ئېلىپ تاشلانغان ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئېڭراپ
ياتاتتى، دارىيە ئۇنىڭغا لىچىندەك ئېتىلدى.
− ئۆلگۈدەك
ئىچىپسەن - ھە، ئەبلەخ ! پوپنىڭ قېشىغا بېرىش كېرەك !... تۇر !...
− يوقال
كۆزۈمدىن ! سېنى تونۇمايمەن ! سېنى كىم غوجايىن قىلىپ قويدى؟ − دەپ ئۆزىچە
چوڭچىلىق قىلاتتى پېترو ۋە قولى بىلەن يەرنى كولاپ، توخۇنىڭ گەندىسىنى ۋە چېچىلىپ
ياتقان سامانلارنى بىر يەرگە يىغاتتى.
دارىيە يىغلاپ
تۇرۇپ، ئىككى بارمىقىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا تىقتى - دە، ۋاتىلداپ تۇرغان تىلىنى بېسىپ
تۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇسۇشىغا ياردەملەشتى، ئاندىن توساتتىن بېشىغا بىر چېلەك قۇدۇق
سۈيىنى قۇيغانىدى، پېترو ئەندىكىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن قولىغا چىققان ئات يوپۇقى
بىلەن پېترونىڭ باش - كۆزىنى پاكىز ئېرتىپ، ئۇنى پوپنىڭ قېشىغا باشلاپ كەتتى.
بىر سائەتتىن
كېيىن گىرىگورىي چېركاۋدا يوپيورۇق شاملارنىڭ نۇرىدا يەنىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن
ناتالىيەنىڭ يېنىدا تۇراتتى، قولىدىكى موم شامنى سىقىملاپ ئېزىپ، پىچىرلىشىپ
تۇرغان ئادەملەرنىڭ قېلىن سېپىگە كۆز يۈگۈرتەتتى - دە، ئىچىدە: ئويۇن - تاماشا
تۈگىدى، ئەمدى شوخلۇق قىلالمايمەن... دەپ تەكرارلايتتى. ئارقىسىدا يۈزى ئىششىپ
كەتكەن پېترو يۆتىلەتتى، قەيەردىدۇر، توپنىڭ ئىچىدە دۇناشكىنىڭ پارقىراپ تۇرغان
كۆزلىرى كۆزگە چېلىقاتتى؛ قايسىبىر كىشىلەرنىڭ تونۇش ۋە ناتونۇش يۈزلىرى
كۆرۈنەتتى؛ ئىنچىكە ۋە يوغان ئاۋازلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان خور سادالىرى،
پوپنىڭ سوزۇپ ئوقۇغان دۇئالىرى قۇلاققا كىرىپ تۇراتتى. گىرىگورىينىڭ ۋۇجۇدىنى
بىپەرۋالىق تۇيغۇسى قاپلىۋالدى. ئۇ مۇنبەر ئەتراپىدىن ئايلانغاندا، بۇرنى پاناق
پوپ ۋىسسارىئوننىڭ ماكچىيىپ كەتكەن ئۆتۈكىنىڭ ئارقا تەرىپىنى دەسسىۋالاتتى، پېترو
ئۇنىڭ كالتە كەمزۇلىنىڭ پېشىنى سەزدۈرمەستىن تارتىپ قويغاندىلا، توختاپ قالاتتى؛
گىرىگورىي ۋىلىلداپ يېنىپ تۇرغان شاملارنىڭ يورۇقىدا قاراپ، ئۇنى ئۆز ئىلكىگە
ئالماقچى بولغان ئۇيقۇغا قارشى كۈرەش قىلاتتى.
− قېنى،
ئۈزۈكلىرىڭلارنى ئالماشتۇرۇڭلار، − دېدى پوپ ۋىسسارىئون گىرىگورىينىڭ كۆزىگە
مۇلايىملىق بىلەن قاراپ.
ئالماشتۇرۇشتى.
«تېز تۈگەمدۇ؟» دەپ سورىدى گىرىگورىي كۆزى بىلەن ئىما قىلىپ يېنىدىكى پېترودىن.
پېترومۇ ھىجىيىپ، لېۋىنىڭ بۇرجىكىدە پىچىرلاپ: «ئاز قالدى» دېگەندەك بولدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن گىرىگورىي ئايالىنىڭ چۈچۈمەل ھۆل لېۋىدىن ئۈچ قېتىم سۆيدى،
چېركاۋدا ئۆچۈرۈلگەن شاملارنىڭ بەتبۇي ئىسى ھاۋانى قاپلاپ كەتتى، كىشىلەر بىر -
بىرىنى ئىتتىرىشىپ، ئىشىككە تىقىلىشىپ كوچىغا چىقىشقا ئالدىراشتى.
گىرىگورىي
ناتالىيەنىڭ يىرىك، قوپال قولىدىن تۇتۇپ چېركاۋنىڭ ئالدىغا چىقتى. كىمدۇر بىرسى
ئۇنىڭ شەپكىسىنى بېشىغا بېسىپ كىيدۈرۈپ قويدى، جەنۇب تەرەپتىن ئىللىق شامال شىۋاق
پۇرىقىنى ئەكېلەتتى، دالادىن سالقىن شامال چىقاتتى، دوننىڭ نېرىقى تەرىپىدە چاقماق
چېقىپ، يامغۇرنىڭ شەپىسى كېلەتتى. ئاپپاق شالاسۇن تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان
ئاتلار تېپىرلايتتى، قوڭغۇراقلارنىڭ نازۇك جاراڭلىغان ساداسى ۋاراڭ - چۇرۇڭغا
ئارىلىشىپ كېتەتتى.
23
يىگىت بىلەن
قىزنى چېركاۋغا ئەكېتىشكەندىن كېيىنلا كورشۇنوفلار كېلىشتى، پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ ئاڭغىچە بىرنەچچە قېتىم دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كوچىغا قارىدى.
ئەمما، يانتاق باسقان كۈل رەڭ يولدا ئىنس - جىن كۆرۈنمەيتتى. ئاندىن دوننىڭ نېرىقى
تەرىپىگە قارىدى، ئۇ تەرەپتە ئورمانلار سارغىيىپ، پىشقان قومۇشلار بېشىنى
كۆتۈرەلمەي، قىرغاقتىكى كۆل ۋە قىياق ئوتلار ئۈستىدە ئېگىلىشىپ تۇراتتى.
باش كۈزنىڭ
ئارامبەخش سالقىنى ئاخشامنىڭ كۆكۈچ قاراڭغۇلۇقى بىلەن قوشۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنى، دون
دەرياسىنى، گەج تاغ ئېتەكلىرىنى، دوننىڭ نېرىقى ياقىسىدىكى بىنەپشە رەڭ قىزىللىققا
چۆمگەن ئورمانلارنى، كەڭ دالانى قاپلاشقا باشلىغانىدى، تۆت كوچىنىڭ چوڭ بويىغا
بۇرىلىدىغان دوقمۇشىدا قەد كۆتۈرگەن چېركاۋنىڭ ئۇچلۇق مۇنارى نەيزىدەك كۆككە
تىكىلگەنىدى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچنىڭ قۇلىقىغا ھارۋا چاقلىرىنىڭ غۇۋا تاراقشىغان ئاۋازى ۋە ئىتلارنىڭ
قاۋىشى ئاڭلاندى، ئارقىدىنلا مەيدان تەرەپتىن كوچىغا ئىككى ھارۋا تېز ئېتىلىپ
چىقتى، ئالدىدىكى ھارۋىدا يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا مىرون گىرىگورىيېۋىچ بىلەن
لۇكىنىچنا ئىككى ياققا تەۋرىنىپ ئولتۇراتتى، بۇلارنىڭ ئالدىدا يېڭى مۇندىر كىيگەن،
گىئورگىي ئوردېنلىرى بىلەن بىرقانچىلىغان مېداللارنى تاقىغان گىرىشاكا بوۋا
ئولتۇرغانىدى. ھارۋىنى مىتكا ھەيدىگەن بولۇپ، ئۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئولتۇرۇپ، يول
بويى چېپىۋېرىپ قېنىدىن چىققان سېمىز، قارا ئاتلارنى يەنىمۇ قىزىتىۋەتمەسلىك
ئۈچۈن، قامچىسىنى ئولتۇرغان جايىنىڭ تېگىگە قىستۇرۇپ قويغانىدى. ئىككىنچى ھارۋىنى
ھەيدىگەن مىخېي ئارقىسىغا تاشلىنىپ، تىزگىنىنى كۈچىنىڭ بارىچە تارتىپ، چېپىپ
كېتىۋاتقان ئاتلارنى توختىتىۋېلىپ، ئاستا ماڭدۇرۇشقا تىرىشاتتى. مىخېينىڭ سوزۇق،
قاشسىز يۈزى پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن، شەپكىسىنىڭ پۈكۈلۈپ قالغان كوزىركىسى
ئاستىدىن چىپىلداپ تەر ئاقاتتى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ دەرۋازىنى چوڭ ئاچتى، ھارۋىلار بىر - بىرلەپ قورۇغا كىردى.
ئىلئىنىچنا
بوينىنى غازدەك سوزۇپ، پېشايۋاننىڭ پەلەمپىيىدىن پەسكە چۈشتى - دە، كۆڭلىكىنىڭ
ئېتىكىنى ئەخلەتلەرگە سۆرەلدۈرۈپ قۇدىلارنىڭ قېشىغا كەلدى.
− مەرھەمەت،
ئەزىز قۇدىلىرىم ! بىزنىڭ پېقىرانە ئۆيىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ! − دېدى -
دە، ئېگىز كېلىشكەن قامىتىنى ئېگىپ تەزىم قىلدى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ بېشىنى يان تەرەپكە قىسايتۇرۇپ، غۇلىچىنى كەڭ يايدى - دە:
−
قەدەملىرىڭىزگە قۇللۇق، قۇدىلىرىم ! قېنى مەرھەمەت ! − دېدى، ئاندىن ئاتلارنى
ھارۋىدىن چىقىرىشقا بۇيرۇپ، قۇدىلىرىنىڭ قېشىغا كەلدى.
مىرون گىرىگورىيېۋىچ
شالۋۇرىغا قونغان چاڭ - توپىنى قېقىپ تازىلىدى. قۇدىلار ھال - ئەھۋال سوراشقاندىن
كېيىن پەلەمپەيدىن چىقىشقا باشلىدى. ھارۋا بەك تېز ھەيدەلگەنلىكتىن، گىرىشاكا بوۋا
بىئارام بولغانىدى، ئۇ ئارقىدىراق قالدى.
− مەرھەمەت
قىلىڭلار، قۇدىلىرىم، كىرىڭلار ! − دەپ تەۋازۇلۇق بىلدۈردى ئىلئىنىچنا.
− خوش، خوش،
رەھمەت سىزلەرگە... كىرىمىز...
− سىلەرنى راسا
كۈتتۇق، مەرھەمەت قىلىڭلار. مانا، قۇدامنىڭ مۇندىرىنى تازىلاشقا سۈپۈرگە بېرىمەن.
يائاللا، چاڭ - توزاندىن نەپەس ئالغىلى بولمايدۇ.
− توغرا،
توغرا، ھەممە يەر قۇرغاق، شۇڭا چاڭ كۆپ ! بىزەۋىتە بولماڭ، قۇدام، مەن مانا
ھازىرلا... − گىرىشاكا بوۋام كالتە پەم ئىلئىنىچناغا تەزىم قىلىپ، ئارقىسى بىلەن
ئاستا - ئاستا لاپاس تەرەپكە سۈرۈلۈپ، سىرلانغان شامالدۇرغۇچ ماشىنىنىڭ يان
تەرىپىگە ئۆتۈۋالدى.
− سەن ياشانغان
ئادەمگە نېمانچە يېپىشىۋالىسەن، ئەخمەق؟ − دەپ كايىپ كەتتى پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ
پەلەمپەينىڭ ئالدىدا ئىلئىنىچنا بىلەن دوقۇرۇشۇپ، − ئۇ بىچارە ئادەم ئۆزىنىڭ
قېرىلىقى سەۋەبى بىلەن ھاجىتى قىستاپ، ئارانلا كەلگەن تۇرسا، بۇ ئەخمەقنىڭ ئىشىنى
قاراڭلار... تۈفى، خۇدايا توۋا، پەم بولمىسا تەس گەپ - دە!
− مەن بۇنى
نەدىن بىلەي؟ − ئىلئىنىچنا خىجىل بولدى.
− ئويلاش كېرەك
- دە. بوپتۇ، ھېچ گەپ يوق، بار، قۇدا قۇشناچىمنى ئۆيگە باشلاپ كىر!
داستىخان
راسلانغان شىرە ئەتراپىدا شىركەيپ مېھمانلارنىڭ گۇدۇڭلىغان ئاۋازى بېسىلمايتتى.
قۇدىلارنى مېھمانخانىغا ئەكىرىپ شىرە يېنىغا ئولتۇرغۇزۇشتى. كۆپ ئۆتمەي ياشلار
چېركاۋدىن قايتىپ كېلىشتى. پانتېلېي پىروكوفېيېۋىچ شېشىدىن ھاراق قۇيۇۋاتقاندا
كۆزى ياشلىنىپ كەتتى.
− قېنى،
قۇدىلار، بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئىچەيلى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئىناق ئۆتۈپ، تەڭ
قېرىسۇن... ھەر ئىككىسى بەختىيار بولۇپ، ئۆز ئۆمرىنى ئاسايىشلىقتا ئۆتكۈزسۇن...
گىرىشاكا
بوۋىغا چوڭراق رومكىدا ھاراق تۇتقانىدى، ئۇ يېرىمىنى كۆكۈچ ساقال - بۇرۇت باسقان
ئاغزىغا، يېرىمىنى مۇندىرىنىڭ قاتۇرما ياقىسىغا قۇيۇپ تۈگەتتى. رومكىنى
سوقۇشتۇرۇپمۇ ئىچىشتى،
سوقۇشتۇرمايمۇ
ئىچىشتى. ۋاراڭ - چۇرۇڭلار خۇددى يەرمەنكىدەك ئىدى. شىرەنىڭ ئەڭ چېتىدە ئولتۇرغان
كورشۇنوفلارنىڭ يىراق تۇغقىنى، بۇرۇن ئاتامان پولكىدا خىزمەت قىلىدىغان نىكىفور
كولوۋېيدىن ھېلىلىدەك قورۇلۇپ كەتكەن قولىنى كۆتۈرۈپ:
− گوركا! − دەپ
ۋارقىرىدى.
− گور - كا ! −
دەپ باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
− ئاھ، گوركا
!... − دەپ ۋارقىراشتى ئاشخانىغا لىق تولغان ئادەملەرمۇ بىر يولى.
گىرىگورىي
قاپىقىنى تۈرۈپ ئايالىنىڭ چۈچۈمەل لېۋىدىن سۆيدى - دە، ئەتراپىغا ئاچچىق نەزەر
بىلەن كۆز يۈگۈرتتى.
شارابتىن
يۈزلەر قىزارغان، مەستلىكتە كۆزلەر خىرەلىشىپ، ھاياسىزلارچە ھىجىيىپ قارىشاتتى.
ماچىلدىتىپ نەرسە چايناۋاتقان ئېغىزلار كەشتە تىكىلگەن داستىخانلارغا شۆلگەيلەرنى
ئېقىتىشاتتى، قىسقىسى، توي - تاماشا ئىدى.
نىكىفور
كولوۋېيدىن كوماك چىش ئاغزىنى ئېچىپ قولىنى كۆتۈردى.
− گوركا !... −
ئۇنىڭ ھاۋا رەڭ ئاتامانچە مۇندىرىنىڭ يېڭىگە ئۈچ ئالتۇن جىيەك تۇتۇلغانىدى، بۇ −
ھەربىيلىكتە بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئۇزاق خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى.
− گور - كا
!...
گىرىگورىي
كولوۋېيدىننىڭ كاماردەك ئېچىلىپ تۇرغان كەمشۈك ئاغزىغا نەپرەت بىلەن قاراپ قويدى.
بۇ قېرى «گوركا» دەپ توۋلىغاندا، كوماك چىشلىرى ئارىسىدىن قىپقىزىل تىلى نورغا
ئوخشاش چىقىپ تۇراتتى.
− سۆيۈشۈڭلار،
ئاشىق - مەشۇقلار... − پېترو ھاراق بىلەن نەملىشىپ كەتكەن بۇرۇتىنىڭ ئۇچلىرىنى
مىدىرلىتىپ پىچىرلىدى.
شىركەيپ بولۇپ
لالىدەك قىزىرىپ كەتكەن دارىيە ناخشا باشلىدى، باشقىلار جور بولدى. ناخشا
مېھمانخانىغا يۆتكەلدى:
ئەنە دەريا ۋە
كۆۋرۈك،
بىز شۇ يەردىن
ئۆتەيلۇق...
ناخشا
ئاۋازلىرى بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتتى، خىرىستونەنىڭ ئاۋازى ھەممىنىڭ ئاۋازىنى
بېسىپ، دېرىزە ئەينەكلىرىنى جاراڭلىتىۋەتتى:
بىزگە قەدەھ
تۇتسۇنچۇ،
ئىچىشىمىزنى
كۆرسۇنچۇ.
ياتاق ئۆيدە
بىر توپ ئاياللار تەڭلا چىرقىراشتى:
ناخشا توۋلاپ
قىش - يازىم،
پۈتۈپ قالدى
ئاۋازىم.
كىمدۇر بىر
قېرى كىشىنىڭ بوچكا چەمبىرىدەك تىترىگەن ئاۋازى ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى كۈچلەندۈردى.
توۋلاپ ھەي -
ھەي ناخشىنى،
پۈتۈپ قالدى
ئاۋازىم.
باغقا كىرىپ شورىدىن،
ئوغرىلايسەن
غورىدىن.
− ئوينايلى،
ياخشى كىشىلەر !...
− قوي گۆشىدىن
يەپ باق.
− قولۇڭنى
تارت، ئېرىم ئەنە قاراپ تۇرىدۇ.
− گور - كا!...
− يىگىت
قولدىشى تازا بىئەدەپ ئىكەن، يەڭگە ئايال بىلەن قىلغان مۇئامىلىسىنى قاراڭ.
− ياقەي، ياق،
سەن بىزنى قوي گۆشى بىلەن مېھمان قىلماي قوي.. مەن ستېرلەت بېلىقى يېيىشىم
مۇمكىن... ۋە شۇنى يەيمەن، ئۇ ياغلىق ئىكەن.
− پىروشكا،
دوستۇم، كەل قاتتىقراق بىر ئۇرۇشتۇرۇپ ئىچەيلى.
− يائاللا،
نېمىدېگەن كۈچلۈك، گېلىمنى كۆيدۈرۈۋەتتىغۇ...
− سېمون
گوردىيېۋىچ!
− ھە! نېمە
دەيسەن؟
− سېمون
گوردىيېۋىچ!
− ماڭ، يوقال!
ئاشخانىنىڭ
پولى تەۋرىنىپ، ئوپۇر - توپۇر بولۇپ كەتتى، ئاياغ پاشنىلىرى دۈپۈرلەشكە باشلىدى،
بىر ئىستاكان يەرگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازى جاراڭ - جۇرۇڭ ئىچىدە
ئاڭلانماي قالدى. گىرىگورىي شىرە يېنىدا ئولتۇرغانلارنىڭ بېشى ئۈستىدىن ئاشخانا
تەرەپكە نەزەر تاشلىدى: ئاياللار قىيقاس - چۇقان كۆتۈرۈپ، دائىرە شەكلىدە ئۇسسۇلغا
چۈشكەنىدى. ئۇلارنىڭ يوغان قۇيرۇقلىرى پىلتىڭلاپ تۇراتتى (ئورۇق ئاياللار يوق
ئىدى، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەربىرى بەش - ئالتىدىن يوپكا كىيىۋالغانىدى)، ئۇلار چېتىگە
تور تۇتقان قول ياغلىقلىرىنى بېشى ئۈستىدە پىرقىرىتىپ جەينەكلىرىنى لىكىلدىتىپ
ئوينايتتى.
ئۈچ قاتار
تۈگمىلىك گارمون ئاۋازى قۇلاقنى يارغۇدەك جاراڭلىدى، گارمونچى باس ئاۋازلىق
تۈگمىلەرنى مۇۋاپىق بېسىپ كازاكچە ئۇسسۇلغا چالدى.
− ئوتتۇرىنى
ئېچىپ دەۋر قۇرايلى ! قېنى دائىرە بولايلى !
− بىرئاز
سۈرۈلەيلى، مېھمانلار ! − پېترو، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ تەرلەپ كەتكەن ئاياللارنىڭ
قورسىقىدىن ئىتتىرىپ جاي بوشاتتى.
گىرىگورىي
بىردىن جانلىنىپ ناتالىيەگە كۆز قىستى:
− پېترو ھازىر
كازاكچىنى سويۇۋېتىدۇ، قاراپ تۇر.
− كىم بىلەن
ئوينايدۇ؟
− كۆرمەيۋاتامسەن؟
سېنىڭ ئاناڭ بىلەن.
لۇكىنىچنا
قوللىرىنى ئىككى بىقىنىغا تىرىدى، سول قولىدا ياغلىقى بار ئىدى.
− قېنى
چۈشمەمسەن، بولمىسا، ئۆزۈم باشلىۋېتىمەن !...
پېترو ئۇششاق
قەدەم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى - دە، تىزلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن ئېگىپ زوڭزىيىپ
ئويناپ، يەنە ئۆز جايىغا قايتتى، لۇكىنىچنا خۇددى توختام سۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ
ئۆتمەكچى بولغاندەك ئېتىكىنى يىغىپ، ئايىغىنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇششاق، تېز - تېز
چامداپ، «ھوي بەللى!» دېگەن سادا ئاستىدا ئەر كىشى پەدىسىگە ئايىغىنى تاقىرلىتىپ
ئويناپ كەتتى.
گارمونچى
تۆۋەنكى تۈگمىلەرنى ئۇششاق بېسىپ چېلىشقا باشلىغاندا، پېترو جايىدىن بىرلا ئىرغىدى
- دە، ئۇھ - ئۇھلاپ، تىزىنى پۈكۈپ زوڭزايغان پېتى ئويناپ كەتتى. ئۇ بۇرۇتىنىڭ
ئۇچىنى چىشلەپ، ئۆتۈكىنىڭ قونچىغا شاپىلاقلاپ ئۇراتتى، ئاياغلىرى ھەيران قالغۇدەك
تېز ئايلىناتتى، ماڭلىيىدىكى تەردىن نەملىشىپ كەتكەن چوققا چېچى ئايىغىنىڭ
ھەرىكىتىگە يېتىشەلمەي، ئۇياقتىن - بۇياققا تاشلىنىپ تۇراتتى.
ئىشىك ئالدىغا
توپلاشقان كىشىلەر گىرىگورىينىڭ ئالدىنى توسۇۋالغانلىقتىن، پېترونى كۆرەلمەي
قالدى. ئۇ پەقەت نال قېقىلغان پاشنىلارنىڭ تاقىرلىغان ئاۋازىنى ۋە مەست بولۇپ
قالغان مېھمانلارنىڭ «ھوي بەللى!» دەپ ۋارقىراشلىرىنىلا ئاڭلىيالىدى.
ئاخىرىدا مىرون
گىرىگورىيېۋىچ ئىلئىنىچنا بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئۇ قولىدىن كېلىشىچە بار ھۈنىرىنى
ئىشلىتىپ چاققان ھەم جىددىي ئوينىدى.
پانتېلېي
پىروكوفېيېۋىچ چاسا ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، توكۇر ئايىغىنى لىكىلدىتىپ، تىلىنى
چوكۇلدىتىپ كەتتى، ئايىغى ئۇسسۇل ئوينىيالمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا لەۋلىرى بىلەن
قۇلىقىدىكى سىرغىسى توختاۋسىز ئويناپ كەتتى.
ئەڭ ئۇستا
ئۇسسۇلچىلار شۇنىڭدەك ئايىغىنى ئۆز قائىدىسى بويىچە ئېگەلمەيدىغان نائۇستىلارمۇ
كازاكچە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خۇماردىن چىققۇچە ئويناشتى.
ھەممەيلەن تەڭ
ۋارقىرىشاتتى:
− بوش كەلمە!
− ئۇششاقراق
دەسسە، ھەي، قارىغىنا سېنى!...
ئايىغى يېنىك
ئىكەن، ئەمما قۇيرۇق كاشىلا قىلىۋاتىدۇ.
− تېز، تېز!
− بىزنىڭ يېزا
يېڭىدىغان بولدى.
− شورپىدىن
قۇي، ئۇنداق بولمىغاندا، مەن...
− ئۆلگۈدەك
ئىچىپسەن، ھايۋان، تۇر. ئوينا، بولمىسا شېشە بىلەن سالىمەن.
مەست بولۇپ
قالغان گىرىشاكا بوۋا يېنىدىكى ئۇستىخانلىق ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن قۇچاقلاپ،
قۇلىقىغا پاشىدەك غىڭىلدايتتى:
− سىز قايسى
يىلى قەسەم ئىچكەن؟
ئۇنىڭ يېنىدىكى
ئادەم قېرىپ كەتكەن دۇپ دەرىخىدەك قامەتلىك بىر قېرى ئىدى. ئۇ قولىنى شىلتىپ
گۇدۇڭلىدى:
− 39 - يىلى،
ئوغلۇم.
− قايسى يىلى
دېدىڭىز؟ ھە؟ − گىرىشاكا بوۋا قورۇق باسقان قۇلىقىنى يېقىن تۇتۇپ ئاڭلاشقا
تىرىشاتتى.
− 39 - يىلى
دېدىمغۇ ساڭا.
− سىز كىم
بولىسىز؟ قايسى يۇرتتىن؟
− باكلانوف پولكىنىڭ
ۋاخمىستىرى ماكسىم باگاتېرېف بولىمەن، ئۆزۈم يېزىلىق... قىزىل يار يېزىسىدىن.
−
مېلېخوفلارنىڭ تۇغقىنىمۇ؟
− نېمە؟
− ئۇلارنىڭ
تۇغقىنىمۇ دەۋاتىمەن؟
− ھەئە،
يىگىتنىڭ چوڭ دادىسى.
− باكلانوف
پولكىدىن دەڭ؟
چال خىرە
كۆزلىرى بىلەن گىرىشاكا بوۋىغا قاراپ، چاينىيالمىغان گۆش پارچىسىنى ئاغزىنىڭ
ئىچىدە ئۇياققا ئىتتىرىپ، بۇياققا ئىتتىرىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ قوياتتى.
− دېمەك،
كاپكاز ئۇرۇشىغا قاتناشقانىكەنسىز - دە؟
− مەرھۇم
باكلانوف بىلەن بىللە خىزمەت قىلغانىدىم، جايى جەننەتتە بولسۇن. كاپكازنى
بويسۇندۇرغانمىز... بىزنىڭ پولكىمىزغا ئۇچرىغانلا كازاكنى ئېلىۋەرمەيتتى،...
گىۋاردىيىچىلەردەك قامەتلىك، ئەمما بىرئاز مۈكچەيگەن، قوللىرى ئۇزۇن، يەلكىسى كەڭ
بولغانلىرىنى ئالاتتى، − ھازىرقى كازاكنى توغرىسىغا قويسا ئۇلارنىڭ يەلكىسىگە
سىغاتتى... ئىلگىرىكى ئادەملەر ئاشۇنداق بولاتتى، ئوغلۇم... مەرھۇم گېنېرال
جانابىي ئالىيلىرى بىر كۈنى مېنى، چېلېنجى ئاۋۇلىدا قامچا بىلەن ئۇرۇپ ئىلتىپات
كۆرسەتكەنىدى...
− مەن تۈركىيە
ئۇرۇشىغا قاتناشقانمەن، نېمە؟ ھەئە، قاتناشقانمەن... − گىرىشاكا بوۋا قۇرۇپ قاقشال
بولۇپ قالغان مەيدىسىنى كېرىپ، گىئورگىي مېداللىرىنى جىرىڭلىتىپ قويدى.
− بىز ئاشۇ
ئاۋۇلنى تاڭ سەھەردە ئالدۇق، چۈش بولغاندا كانايچى تۇيۇقسىز ئاگاھلاندۇرۇشقا كاناي
چالدى...
− بىزمۇ ئاق
پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانىدۇق. روشىچ شەھىرىنىڭ يېنىدا بىر
جەڭ بولغانىدى... بىزنىڭ ئون ئىككىنچى دون كازاكلار پولكى تۈركلەرنىڭ يانچىرلىرى
بىلەن سوقۇشقانىدى.
باكلانوف
پولكىدا خىزمەت قىلغان چال گىرىشاكا بوۋىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماستىن ئۆز گېپىنى
داۋام قىلدۇراتتى:
− كانايچى
ئاگاھلاندۇرۇشقا كاناي چېلىۋىدى...
− ئۇلارنىڭ
يانچىرلىرى خۇددى بىزنىڭ ئاتامان پولكىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش ئىدى، ھە،
شۇنداق... − گىرىشاكا بوۋىنىڭ قېنى قىزىشقا باشلىدى، ئاچچىقلىنىپ قولىنى شىلتىپ
كەتتى، − ئۇلار ئۆز پادىشاھلىرى ئۈچۈن جەڭ قىلغاندا، ھەممىسىنىڭ بېشىدا ئاق قاپ
بار ئىدى. خوش؟ بېشىغا ئاق قاپ ئورىۋالغانىدى.
− مەن ئۆزۈمنىڭ
پولكدىشىمغا: «ھەي تىموشا، چېكىنىدىغان ئوخشايمىز، ئاۋۇ تامدىكى گىلەمنى ئال،
ئاتنىڭ بوكتۈرمىسىگە باغلاپ ئەكېتىمىز» دېدىم.
− ئىككى
گېئورگىي مېدالىم بار. جەڭدىكى قەھرىمانلىقىم ئۈچۈن مۇكاپاتلانغانمەن! بىر تۈرك
ئوفىتسېرىنى تىرىك تۇتۇپ كەلگەنىدىم...
گىرىشاكا بوۋا
يىغلاپ، باكلانوفچى بوۋاينىڭ ئېيىقنىڭكىدەك دۈمبىسىگە مۇشتلىۋەتتى. لېكىن، بىر
توغرام توخۇ گۆشىنى خىرېن مۇرابباسىغا تۈگۈرىمەن دەپ، گىلاس مۇرابباسىغا تۈگۈردى،
ئۈگرە تۆكۈلگەن داستىخانغا ئاجىز كۆزلىرى بىلەن قاراپ چىشى تۆكۈلۈپ كەتكەن ئاغزىدا
گېپى چاينىلىپ قالدى:
− مانا، بالام،
كىشىنى شەيتان ئاشۇنداق ئازدۇرىدۇ... − بوۋاينىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ئاپپاق
داستىخاننىڭ پۈرلەشكەن يېرىگە شۇنداق تىكىلدىكى، ئۇ ھاراق بىلەن ئۈگرە تۆكۈلگەن
داستىخاننى ئەمەس، بەلكى كافكاز تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك
ئىدى، − شۇ كەمگىچە مەن بىراۋنىڭ نەرسىسىنى ئالغىنىم يوق... چېركاس ئاۋۇلىنى
ئىشغال قىلغان چېغىمىزدىمۇ، تاغ ئارىلىرىدا يەككە - يالغۇز ئۆيلەرنى كۆرگەندىمۇ،
مەن بىرەرسىگە كۆز قىرىمنى سالغان ئەمەسمەن... بىراۋنىڭ نەرسىسىگە قول سوزۇش
ھارام... شۇ چاغدا نېمە بولدىكىنتاڭ، كۆزۈمگە ئاشۇ گىلەم ياخشى كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ...
ئېتىمغا يوپۇق تېپىلىپ قالدى دەپ سۆيۈنۈپ كەتتىم...
− دۇنيادا بىز
كۆرمىگەن ئاجايىپ - غارايىپلار قالمىدى. دېڭىزنىڭ نېرىقى قىرغىقىدىكى يۇرتلاردىمۇ
بولغانىدۇق، − گىرىشاكا بوۋا سۆھبەتچىسىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىماقچى بولۇۋىدى،
بىراق ئۇنىڭ ئورا كۆزلىرىنى خۇددى چاتقالدەك بىر - بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ئاپپاق
قاش - ساقاللىرى توسۇۋالغانىدى، شۇڭا گىرىشاكا بوۋا ئەتراپىنى چاڭگىدەك قويۇق يۇڭ
قاپلىغان بۇ كۆزلەرنى كۆرەلمىدى.
گىرىشاكا بوۋا
ھىيلىگەرلىك ئىشلەتمەكچى بولدى؟ ئۇ سۆھبەتچىسىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش
ئۈچۈن گەپنى سوزۇپ ئولتۇرماي، ئۆز ھېكايىسىنى نەق ئوتتۇرىسىدىن − ئەڭ قىزىق
يېرىدىن باشلىدى.
ياساۋۇل
تېرىسنىسىف توساتتىن: «ئىزۋوتلار كالوننا سەپ بولۇپ ئات قويۇڭلار، ئالغا - مارش!»
دەپ كوماندا بەردى.
باكلانوفچى
بوۋاي كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغان جەڭ ئاتلىرىدەك بېشىنى تىك تۇتتى - دە، تومۇرلىرى
پۇلتىيىپ تۇرغان مۇشتىنى شىرەگە ئۇرۇپ پىچىرلىدى:
−
باكلانوفچىلار، نەيزىلەر جەڭگە ھازىرلانسۇن، قىلىچلار غىلاپتىن سۇغۇرۇلسۇن !... −
كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا كۈچىيىپ كەتتى، خىرە كۆز قارىچۇقلىرى چاقناپ، قېرىلىق
بىلەن ئۆچۈپ قالغان ئوتى قايتىدىن يالقۇنلىدى، − باكلانوفچى ئەزىمەتلەر !... − ئۇ
ساپسېرىق چىشسىز ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ھۆركىرىدى، − ھۇجۇمغا... مارش - مارش !...
شۇنىڭ بىلەن ئۇ
گىرىشاكا بوۋىغا مەنىلىك ۋە ياشلاردەك دادىل نەزەر تاشلىدى، ئاندىن ئېڭىكىگە ئېقىپ
چۈشۈپ، غېشىنى كەلتۈرگەن كۆز ياشلىرىنى چەكمەننىڭ يېڭى بىلەن ئېرتتى. گىرىشاكا
بوۋىمۇ جانلىنىپ كەتتى.
− ياساۋۇل
بىزگە شۇنداق كوماندا بېرىپ، قىلىچىنى پۇلاڭلاتتى، ئاتلارنى چاپتۇردۇق، يانچىرلار
خۇددى مانا شۇنداق سەپ تارتىپ تۇرۇشقانىكەن، − ئۇ بارمىقى بىلەن داستىخاننىڭ
ئۈستىگە ئەگرى - بۈگرى تۆت بۇرجەك سىزىق سىزدى، − بىزنى ئوققا تۇتۇشتى. بىز
ئۇلارغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلدۇق. ئەمما، سەپنى بۇزۇپ ئۆتەلمىدۇق. كۈتۈلمىگەندە
يان تەرەپتىكى ئورمان ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى پەيدا بولدى. بىزنىڭ يۈزبېشى
كوماندىرىمىز كوماندا بەردى. بىز دەرھال ئوڭ قاناتقا بۇرىلىپ سەپنى يېڭىباشتىن
تۈزدۇق - دە، ئۇلارغا ئېتىلىپ، بىر ھەملىدە ئۇلارنى يانجىپ تاشلىدۇق. كازاكلارغا
تاقابىل تۇرالايدىغان ئاتلىقلار نەدە بولسۇن؟ بۇلارمۇ شۇنداق بولدى. ئۇلار
ئورمانغا قاراپ قۇيرۇقىنى تىكىۋەتتى. ۋاي - ۋاي دەپ دادلاشتى... قارىسام، ئالدىمدا
ئۇلارنىڭ تورۇق ئات مىنگەن ئوفىتسېرى قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆزىمۇ تازا كېلىشكەن
ئوفىتسېر ئىكەن، قاپقارا بۇرۇتلىرى تولغىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئارقىسىغا بۇرىلىپ ھەدەپ
ماڭا قارايدۇ، تاپانچىسىنى قېپىدىن ئالماقچى بولىدۇ. تاپانچىسىنىڭ قېپى ئېگەرگە
قوشۇپ تىكىلگەنىكەن... ئوق چىقاردى - يۇ، ئەمما تەگكۈزەلمىدى. ئاڭغىچە مەن ئېتىمنى
شامالدەك چاپتۇرۇپ ئۇنىڭغا يېتىۋالدىم. قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلاي دېدىم - يۇ،
ئەمما ئويلىنىپ قالدىم. چۈنكى، ئۇمۇ بىر ئىنسانغۇ... ئوڭ قولۇم بىلەن بېلىدىن
تۇتۇپ ئېگەردىن دەس كۆتۈردۈم، قولۇمنى چىشلەشكە باشلىدى، ئەمما بەرىبىر ئۇنى
تىرىكلا تۇتۇۋالدىم.
گىرىشاكا بوۋا
يېنىدىكى بوۋايغا مەغرۇرلىنىپ قارىدى: ئەمما، بۇ بوۋاي يوغان بېشىنى ئالدىغا
ساڭگىلىتىپ، ۋاراڭ - چۇرۇڭنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ھۇزۇرلىنىپ خورەك
تارتىۋاتاتتى.
Yorumlar
Yorum Gönder