(راست ئىشلار خاتىرىسى)
نۇرمۇھەممەت توختى
1
تاغامنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىغا ئائىت ھېكايىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. ئېيتىشلىرىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تولىمۇ گېلى يامان بالا بولغانمىش، خۇددى رىۋايەتلەردىكى ئۈج ئىبنى ئۇنۇقتەك يېسە-يېسە تويماس، ئىچسە-ئىچسە قانمايدىكەنمىش. ئەتىگەنلىك ناشتىدا، ئۇنىڭ ئانىسى — مومام — ئوغلى بىرىنچى قاچا ئۇماچنى ئىچىۋاتقاندا، يەنە بىر ئاياققا ئۇماچ ئۇسۇپ، سوۋۇتۇپ تەييارلاپ تۇرىدىكەن. ئىككىنچى قاچا ئۇماچنى ئىچىۋاتقاندا، ئۈچىنچى قاچا ئۇماچنى سوۋۇتۇپ تەييارلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاشۇ يالغۇز ئوغۇل تۆت-بەش ئاياق ئۇماچنى بىر ئولتۇرۇشىدا ئىچىپ تۈگىتىدىكەن. كۇمۇلەك، ئۈگرە، سىقماق، چۆپ ئەتكەندىمۇ شۇنداق قىلىدىكەن. ئەگەر مومام تونۇر قىزىتىپ نان يېقىشقا تۇتۇش قىلسا، ئوغلى يەنە تونۇر بېشىدىلا ئىسسىق زاغرىدىن تۆت-بەشنى «كۆرمىدىم دەپ» كوم سالىدىكەن. ئارقىدىنلا سوغۇق سۇنى غورتىلدىتىپ ئىچىپ، گارت-گارت كېكىرىپ، تونۇر بېشىدىن قوپۇپ كېتىدىكەن. قىش كۈنلىرى كۆلۈڭگە قىيما كۆمەچ كۆمسە پۈتۈن بىر كۆمەچنى يەپ بولىدىكەن. مومام بەكمۇ مېھرىبان بولغاچقا، يالغۇز ئوغلى نېمە يەيمەن دېسە شۇنى، قانچىلىك يەيمەن دېسە شۇنچىلىك تەييار قىلىپ تۇرىدىكەن.
ئەمما، بوۋام ئوغلىنىڭ «داخۇر كالۋا»دەك تويماس ئىشتىھايىدىن خېلىلا خاپا ئىكەن.
— ھوي، بولدى قىل ئەمدى، قورنۇڭغا دۆي كىرىۋالدىمۇ سېنىڭ؟ — دەپ ۋارقىرايدىكەن. ئۇ ئوغلىنىڭ ئالتىنچى قاچا ئۇماچنى ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە مومام بىلەنمۇ جېدەللىشىدىكەن، — ئازراق بەر دەيمەن ئۇنىڭغا، كۆپ يېگەن بالا دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ...
بوۋام «ئېشىكىڭ يېگەك چىقسا خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ، خوتۇنۇڭ يېگەك چىقسا خۇدانىڭ ئۇرغىنى شۇ» دېگەن تەمسىلنى بىلىدىكەن. ئەمما ئوغلى يېگەك چىقسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. پەقەت دېۋەڭ بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەن. ئۇ ئوغلىنى كۆپ تاماق يېيىشتىن توسۇپ بېقىپتۇ، نەسىھەت قىپتۇ. «ئۆمەر مەدىكاراپنىڭ ھېكايىسى»نى سۆزلەپ، تەمسىللەر كەلتۈرۈپتۇ. ئەمما ئوغلىنىڭ ئىشتىھايىنى توسالماپتۇ. بالا يەنىلا بىر داستىخاندا بەش-ئالتە ئاياق ئۇماچ ئىچىپ، بىر ئولتۇرۇشتا تۆت-بەش زاغرىنى كوم سېلىپ يۈرۈۋېرىپتۇ. يىللار ئاستا-ئاستا ئۆتۈپتۇ. ئەي تارتىشى ياخشى بولسا تېرەك ئېگىز، ئوغۇت كۆپ بېرىلسە قوناق سوقتا ئۆسىدۇ ئەمەسمۇ، ئىنەكنىڭ يەم بوغۇزى تولۇق بولسا، مۇزايمۇ قورۇق بولۇپ قالمايدۇ.
تاغام 12-13 ياشلارغا كىرگەندە، قۇرداشلىرىدىن ئېگىز، تەمبەل، بازغاندەك مىختا، پالتىدەك چىڭ ۋە ئۆتكۈر بالا بولۇپ يېتىشىپتۇ. ھېيت-ئايەم، نورۇز-باراۋەتلەردىكى چېلىشىشلاردا قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا زادىلا تەڭ كېلەلمەيدىكەن. ئانام ئاشۇ ئىنىسى توغرىسىدا: «ئۇ كۆپ ئىشتىھالىق بولغىنىغا يارىشا قولى بالدۇر ئىشقا تەگدى، دادامنىڭ پۇت-قولىنى سوۋۇتتى...» دەپ سۆزلەپ بېرىدىغان. تاغام 12-13 ياشلارغا كىرگەندە مال-ۋاران بېقىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان، جاڭگالدىن ئوتۇن-تەمەچ، شاخ-شۇمبا ئېلىپ چىقالايدىغان بوپتۇ. ئېتىز ئىشىنىمۇ قولىغا ئاپتۇ. بوۋام بۇيرۇغان ئىشلارنى تولۇق ئورۇندايدىكەن. ئاتىسى بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلالىغان بالا ياخشى بالا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئەقىللىق بالا بولۇشى ناتايىن. بوۋام ئاشۇ ئاجايىپ ئىشتىھالىق ئوغلىدىن يەنىلا ئەنسىرەيدىكەن. دېۋەڭ بولۇپ قالمىسىدى دەپ قورقىدىكەن. چۈنكى شۇ چاغلاردىمۇ تاغام ئېشەكنى ھەيدەپ جاڭگالغا ماڭسا، خۇرجۇننىڭ بىر پېيىغا لىق زاغرا، يەنە بىر پېيىغا لىق مېۋە-چېۋە قاچىلاپ ماڭىدىكەن ۋە پېشىن-نامازدىگەرگە يېقىن ئېشەككە ئوتۇننى ئارتىپ ئۆيگە يېنىپ چىققىچە، ئاشۇ خۇرجۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولىدىكەن. تېخى يەنە «قورسىقىم ئېچىپ ئاران چىقتىم» دەيدىكەن. ئۇنىڭ ئاشۇ دېۋىلەرنىڭكىدەك ئىشتىھايى بوۋامنى يەنىلا ئەنسىرىتىپ تۇرىدىكەن...
ئەمما، شۇ ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار بوۋامنىڭ «كۆپ يېگەن بالا دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن پەلسەپىسىنى يوققا چىقىرىپتۇ. شۇ يىللاردا تاغام شاكىر ئاخۇنۇمنىڭكىگە بېرىپ-كېلىپ يۈرۈپ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىپتۇ. ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئاچقان پەننىي مەكتەپكە قاتراپ خەت-ساۋاتلىق بولۇپ قاپتۇ. بەش ۋاخ نامازنى بولسا زادىلا قازا قىلمايدىكەن. يەنە تېخى قىش كۈنلىرى «ئاقتاغلىق خوجىلار» كېلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، مەشھۇر سوپى، ھاپىزلاردىن قۇل خوجائەھمەدنىڭ ھېكمەتلىرىنى ئۆگىنىپتۇ. تاغامنىڭ ئاۋازىمۇ ھاپىزلارنىڭ ئاۋازىدەك ياڭراق ۋە يېقىملىق ئىكەن. ئۇ يېڭى ئۆگەنگەن ھېكمەتلىرىنى ئوقۇسا مومام تەسىرلەنگىنىدىن بارىكاللا ئېيتىپ كېتىدىكەن. «زېرەك بالام، ئەقىللىق قوزام» دەپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالىدىكەن. كېيىنچىرەك تاغام يۇرتمۇيۇرت، بازارمۇبازار ئارىلاپ، راۋاب چېلىپ «ئابدۇراخمان پاشا» ھەققىدە داستان ئوقۇيدىغان شاھمۇھەممەتخانغا ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭدەك راۋابچى بولغۇسى كەپتۇ. ئۈجمە ياغىچىدىن راۋاب ياساپتۇ. جاڭگالغا ئوتۇن ئەكەلگىلى بارغاندا ياسىغان تۇخۇناقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە ياسىغان تۇنجى نەرسىسى ئىكەن. راۋابقا خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈپتۇ. نەچچە كۈن ھەپىلىشىپ، راۋابنىڭ قورسىقىنى ئويۇپ، ئۆچكە تېرىسى بىلەن كېرىپتۇ. ئەتلەس توقۇيدىغان قوشنىسىدىن مەشۇت سوراپ تار ئېشىپتۇ. ھەممە ئىش پۈتكەندە، ئۇ ئۆگزىگە قويۇلغان شوتىنىڭ تۆتىنچى بالدىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئۆزى ياسىغان راۋابنى تىرىڭشىتىپ چېلىپتۇ:
«ئەلىشىر ھاكىمبەگ پىخسىق بېگىمتى،
بىر تال قوناقتا ئون نان ياقاتتى»،
دەپ قەدىمىي داستاندىن پارچە ئوقۇپتۇ. بوۋام بىلەن مومام ئوغلىنىڭ راۋاب چېلىشىغا ھەۋەس بىلەن قۇلاق ساپتۇ. تېخى بوۋام مومامغا مەنىلىك قاراپ كۆز قىسىپ قويۇپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئەقلىگە تەن بەرگىنى، ئۇنىڭ دېۋەڭ بولۇپ قالمىغانلىقىغا ئىشەنگىنى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بوۋامنىڭ كۆڭلىدىن «كۆپ يېگەن بالا دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن پىكىر ئاستا-ئاستا يوق بوپتۇ.
تاغام ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىشقا بەك ئامراق ئىكەن. يەرنى ئەينەكتەك سىلىقلاپ، تاناپتەك تۈز قىرلارنى سالىدىكەن. ھەر بىر تۈپ زىرائەتنىڭ تۈۋىگە كۈندە بىر قېتىم قارىغانچىلىك قىلىدىكەن. بوۋام «يەرنى باقساڭ يەرمۇ سېنى باقىدۇ، بىكاردىن-بىكار قارىغانغا زىرائەت ھوسۇل بەرمەيدۇ» دەپ نەسىھەت قىلىدىكەن. تاغام بۇ گەپلەرنى چۈشەنسە كېرەك، جاڭگالدىن، پادا ئېغىللىرىدىن قىغ يۆتكەپ، يۇلغۇن تۈۋىدىن چىمان كولاپ يەرنى ئوغۇتلايدىكەن. يەرنى خۇددى ئامراق كۈچۈكنى سىلاپ-سىپاپ ئەركىلەتكەندەك پەرۋىش قىلىدىكەن. بوۋاملارنىڭ يەرلىرى ئوبدان ھوسۇل بېرىشكە باشلاپتۇ. ئەمدى ئەتىيازدا سېرىقتالدا سارغىيىدىغان ئىشلار قالماپتۇ. يەر سېتىپ قورساق باقىدىغان ئىشلارمۇ توختاپتۇ. تېخى تاغام بۇرۇن ساتقان يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ زېمىنىنى كۆپەيتىش كويىدا ئىكەن. چارۋىلارنىمۇ كۆپەيتىشكە باشلاپتۇ. چارۋىنى كۆپەيتمىسە زېمىن سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن...
تاغامنى 16 ياشقا كىرگەن يىلى كىچىك بولسىمۇ ئادەت بويىچە ئۆيلەپ قويۇشۇپتۇ. تېخى كېلىن ئاران 13 ياشتا ئىكەن. 13 ياشلىق قىزنىڭ ئائىلىسىگە ئەلچى ئەۋەتىشىپتۇ. ئەلچىلەر خاتىپ ئاخۇنۇم، ئىمام ئاخۇنۇم، مۇئەززىن ئاخۇنۇملاردىن تەشكىللىنىپتۇ. قۇدا بولغۇچىلار قىزىنى تېخى كىچىك دەپ ناز قىلغانمۇ نېمە، ئەلچىلەر قىزنى چاقىرىشنى تەلەپ قىپتۇ. 13 ياشلىق قىز ئەرلەردىن قېچىش كېرەكلىكىنى، ئۇلارغا كۆرۈنسە نامەھرەم بولىدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن، ئۇ ئەلچىلەر ئالدىدا ھازىر بوپتۇ. مۇئەززىن ئاخۇنۇم تۇيدۇرماستىن بېشىدىكى سەللە تەلپىكىنى ئېلىپ قىزنى بىرنى ئۇرۇپتۇ. قىز مۈدۈرۈپ كېتىپتۇيۇ، لېكىن يىقىلماپتۇ. تەلپەك بىلەن ئۇرغاندا يىقىلمىغانىكەن، قىز چوڭ بولدى دېگەن گەپ. شۇنداق قىلىپ پۈتۈشۈپتۇ ۋە كۆپ ئۆتمەي توي بوپتۇ. تويدىن بۇرۇن تاغام كېلىننى، كېلىن تاغامنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. توي كۈنى كەچتە، ھۇجرىغا كىرگەندە يەڭگە بولغۇچى قىزنىڭ چۈمبىلىنى ئاچقاندا بىر-بىرىنى كۆرۈشۈپتۇ. غۇنچىبوي، ۋىجىك، كىچىككىنە كېلىن خۇددى قاسساپنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئوغلاقتەك لاغىلداپ تىترەپ تۇرىدىكەن. قاراقاتتەك كۆزلىرى كۈچۈكنىڭ شەپىسىنى ئالغان چۆجىنىڭ كۆزلىرىدەك قورقۇنچتىن مۆلدۈرلەيدىكەن. تاغامغا كېلىننىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايى ئاق ئالمىدەك سۈزۈك، ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان لەۋلىرى قىزىل گۈل غۇنچىسىدەك رەڭدار، بوستان كىرپىكلىرى مەڭزىگە سايە تاشلاپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپتۇ ۋە ئۆزىگە بىر چىرايلىق خوتۇن ئېلىپ بېرىشكەنلىرىدىن مەمنۇن بوپتۇ. كېلىننىڭ كېيىكتەك ئۈركۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە تاغام قانداق سۈپەتتە كۆرۈنگىنى نامەلۇم. لېكىن تويدىن كېيىنكى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماپتۇ. ئەلچىلەردىن قاچمىغان 13 ياشلىق قىز ئېرىدىن قېچىشقا باشلاپتۇ. مۆكۈ-مۆكۈلەڭ باشلىنىپتۇ. قىز پۇرسەت تاپسىلا قېچىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالىدىكەن. بىرەرسى قايتۇرۇپ كەلگىلى بارمىسا، ئۆزى يېنىپ كەلمەيدىكەن. قۇدا بولغۇچىلارمۇ ئۆزىنى سوراپ ئەكېلىپ قويمايدىكەن. مومام ھەر كۈنى قۇدىسىنىڭكىگە قاتراپ، قىزنى يېتىلەپ ئەكېلىپ ھېرىپ كېتىپتۇ. قىز ئەكېلىشكە تولا بېرىپ قوشنىلارمۇ ھېرىپ كېتىپتۇ. تېخى بەزى چاغدا قىز يېتىلەپ ئەكېلىۋاتقان يولدىنلا قېچىپ كېتىپ، قايتا بارغۇزىدىكەن. بۈگۈن ئەكەلسە ئەتىسى ئەتىگەندىلا قېچىپ كېتىدىكەن. قىزنىڭ قېچىپ كېتىشى، چوڭ ئانامنىڭ بېرىپ ئەكېلىشى ۋە يەنە قېچىپ كېتىشى بىر يىلدىن ئوشۇق داۋاملىشىپتۇ. تاغامنىڭ ئىشىكنى تاقىۋېلىشى، ئۆيگە سولاپ قويۇشلار، پۈتۈن ئائىلىنىڭ كۆز-قۇلاق بولۇشىمۇ كار قىلماپتۇ. ئىشكەل سېلىپ، قوزۇق قېقىپ، زەنجىرلەپ قويۇشنىڭ ئورنى يوقكەن. كېلىن تەرەتكە چىققان بولۇپ، قاپاق كۆتۈرۈپ سۇغا چىققان بولۇپ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى پۇرسەت قىلىپ قېچىپ كېتىۋېرىدىكەن. بارا-بارا مومام قۇدىلارنىڭ ئۆيىگە كېلىن سوراپ بېرىۋېرىشتىن زېرىكىپتۇ. بوۋام بولسا ئوغلىدىن — تاغامدىن ئاغرىنىدىكەن: «ھۇ، تالاقونجا، خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىمۇ بىلمەيدىغان كالۋا» دەپ غۇدۇراپ قويىدىكەن. مومام بولسا كېلىندىن كۆرە قۇدىسىدىن ئاغرىنىدىكەن. «قۇدىلارنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ؟ قىزى قېچىپ بارسا، ئېرىڭنىڭ ئۆيىگە كەت دەپ ماڭدۇرۇۋەتسە بولمامدۇ؟» دەپ ئويلايدىكەن. ئاشۇنداق ئاغرىنىشلار ئىچىدە زېرىكىپ، ئاخىر قىزنى ياندۇرۇپ ئەكېلىشكە بارمايدىغان بوپتۇ. لېكىن ئاجراشتۇرۇۋېتىشنىمۇ خىيال قىلماپتۇ. ئۇ چاغلاردا ئاجرىشىش دېگەن ئاڭ بولمىغۇر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋام-موماملار «قىز ئاستا-ئاستا چوڭ بولىدۇ، چوڭ بولغاندا تۇرۇپ قالىدۇ» دەپ ئويلايدىكەن. كېلىن بەزىدە بىر قېچىپ كەتكەنچە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالىدىكەن. بۇنداق چاغلاردا تاغام يالغۇز يېتىپ زېرىكىدىكەن. ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ «خوتۇن ئالغان تۇرۇقلۇق يەنە يالغۇز ياتتىڭمۇ؟» دېگەن چاقچاقلىرىدىن تېرىكىدىكەن. ئەمما كېلىن ئاشۇنداق قاچقۇن تۇرسا، يالغۇز ياتماي نېمە ئىلاج؟ مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىپتۇ. بۇ ئارىدا تاغام 16 نى تۈگىتىپ 17 دىنمۇ ھالقىپتۇ. ئەمدى يالغۇز يېتىشلارغا چىدىماي قاپتۇ. مومامغا تەلمۈرۈپ قاراپ قويىدىكەن. قاراشلىرىدا «كېلىنىڭنى ئەكەلگىلى يەنە بارساڭ بولاتتى» دېگەن مەنە چىقىپ تۇرىدىكەن. ئەمما قۇدىسىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن مومام ئۇنىڭ تەلمۈرۈپ قاراشلىرىغا ئەمدى ئېرەنشىمەيدىغان بولۇۋاپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر كۈنى كەچتە، كۈن نامازشامغا يېقىنلاپ قالغان مەزگىلدە تاغام يوتقان-كۆرپىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقى يىراق بىر يەرگە ھاشارغا ماڭغانغا ئوخشايدىكەن. يولدا نامازشام ئۈچۈن مەسچىتكە كېتىۋاتقان ئىمام ئاخۇنۇم ئۇنى ئۇچرىتىپ «يا توغان ساقلايدىغان تومۇز ۋاقتى بولمىسا، يا بەگلەر ھاشارغا ھەيدىمىسە، قەيەرگە ماڭغاندۇ بۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ. كۆڭلى نېمىنىدۇر تۇيغاندەك بولۇپ، سوراشتۇرۇپتۇ.
— كەچ بولغاندا نەگە ماڭدىلا بالام؟
— قېيناتاملارنىڭكىگە.
— يوتقان-كۆرپە كۆتۈرۈۋاپلىغۇ؟
— ئۇلار قىزىنى يامانلىتىۋېلىپ ئۆيدە يالغۇز قالدىم. يالغۇز ياتقۇچە قېيناتاملارنىڭكىدە خوتۇنۇم بىلەن بىللە ياتاي...
— ۋاي بۇ...
ئىمام ئاخۇنۇم نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى دەرھال چۈشىنىپتۇ. ئەسلىدىمۇ قۇدىلار ئارىسىدىكى غىژ-غىژاڭلاردىن ئازراق خەۋىرى بار ئىكەن. ئۇ جىددىيلىشىپتۇ:
— بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرسىلا بالام، مەن كىرىپ سۆزلىشىپ چىقاي.
— ياق، ئۆزۈم كىرىپ شۇ يەردە ياتاي.
— ئۇنداق دېمىسىلە بالام، سەت تۇرىدۇ، تەخىر قىلسىلا.
ئىمام ئاخۇنۇم ئاق دەپ، كۆك دەپ تاغامنى توختىتىۋاپتۇ. دېمىسىمۇ پۈتۈن يۇرتقا سۆز-چۆچەك بولغۇدەك سەت ئىش يۈز بېرىش ئالدىدا ئىكەن. تاغام ئىمام ئاخۇنۇمغا يۈز كېلەلمەي قېيناتىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختاپتۇ. ئىمام ئاخۇنۇم كىرىپ كېتىپتۇ.
ئۆي ئىچىدە نېمە گەپلەر بولدى، بۇ نامەلۇم. ئەمما بىر چۆگۈن قاينار مەھەل ئۆتكەندە، ئىمام ئاخۇنۇم كېلىننى باشلاپ چىقىپ، تاغامنىڭ كەينىگە سېلىپ قويۇپتۇ:
— ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ئەر-خوتۇن دېگەن ئۆز ھۇجرىسىدا ياتقۇلۇق...
شۇنداق قىلىپ، تاغام خوتۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاچتى-كەلدى دېگەن گەپلەر بولماپتۇ. كېلىن چوڭ ئۆيگە بارسا تاغامغا قېينانا بولغۇچى شۇ كۈنىلا قىزىنى باشلاپ ئەكېلىپ قويىدىكەن. شۇ ۋەقەدىن بىر يىل ئۆتۈپ كېلىن بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، 15 ياشلىق كىچىك ئانىغا ئايلىنىپتۇ. ئەمدى نەگە قاچقۇلۇق؟
تاغامنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىگە ئائىت ھېكايىلەر ئەنە شۇ. بۇلارنى ئانام — تاغامنىڭ ھەدىسى زوق-شوق بىلەن سۆزلەپ بېرىدىغان. ئانامنىڭ ھەدىسى — ھامماچاممۇ سۆزلەپ بېرىدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ بىردىنبىر ئوغۇل قېرىندىشىدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتى. ئۇنى ئۆزىگە تاغدەك يۆلەك ھېسابلىغاچقىمىكىن، ئۇنى تىلغا ئالسىلا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالاتتى. ئېسەدەپ يىغلاپ كېتەتتى. ئاشۇ يىللاردا بەلكىم بوۋام-موماملارمۇ ئوغلىدىن پەخىرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۆزلىرىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ياندۇرىدىغان ئوغلىدىن تاغدەك ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كېتىشىنى ئۇلار ئويلىغانمۇ؟
2
مەن ئېسىمگە كەلگەن چاغلاردا، كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن تاغام تەلپەكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ھۈنەرنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكى، شاگىرت كىرىپ ئۆگەندىمۇ ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋالدىمۇ، بۇلار تازا ئېنىق ئەمەس. ئانام، ھامماچاملارمۇ بىلمەيدىكەن. ئېيتىشلىرىچە: بوۋام جۇۋا تىكىشنى بىلىدىكەنمىش، بۇيرۇتمىلارغا ئاساسەن قولۇم-قوشنىلارغا جۇۋا تىكىپ بېرىدىكەنمىش. بەلكىم تاغام تەلپەكچىلىكنى جۇۋىچى دادىسىدىن ئۆگىنىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا تېرىنى ماتېرىيال قىلىدىغان ھۈنەر ئەمەسمۇ. يۇڭلۇق تېرىلەرنى كېسىشنى، بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىشنى ئۆگىنىۋالسا، ئوخشاشلا جۇۋا تىككەن ئادەم تەلپەكمۇ تىكەلەيدۇ ئەمەسمۇ، قېلىپ-ئەندىزە بولسىلا ئىش پۈتىدۇ. قىش كۈنلىرى تاغام كۇچانىڭ ئەلتېرە كۆرپىسىدىن كۆرپە تەلپەك، خوتەن قويىنىڭ ئاشلانغان تېرىسىدىن سالۋا تەلپەك تىكەتتى. مۇرا ئوچاقتا توغراق ئوتۇنلىرى ۋە بەقەم ئوتۇنلىرى كۆيۈپ تۇرغان ئىسسىق ئۆيدە تېرە پارچىلىرى، رەخت پارچىلىرى، قايچا-يىڭنە، دۇرەپشە-جۇۋالدۇرۇزلار چېچىلىپ تۇراتتى. تاغام تىكىپ بولغان تەلپەكلەرنى ئامۇت ياغىچىدىن ئادەم بېشىغا ئوخشىتىپ ياسالغان قېلىپلارغا كىيگۈزۈپ قويۇپ پەردازلاشقا كىرىشەتتى. ئاغزىغا توشقۇچە سۇ ئېلىپ تەلپەكلەرگە پۈركۈيتتى. ئۇ «پۈۋ» دېسە، ئاغزىدىن سۇ ئۈنچىلىرى شۇنچىلىك ئۇششاق ۋە شۇنداق تەكشى چېچىلىپ چىقاتتىكى، تەلپەكنىڭ ھەر بىر تۈكىگە مىڭلاپ ئۈنچە-مارجان ئۇچۇپ كېلىپ قونغاندەك بولاتتى. ئوتنىڭ يورۇقىدا ئۈنچە-مارجانلار يالتىراپ كېتەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاغام تۆت چىشلىق تۆمۈر ئارا، تارغاق بىلەن تەلپەكنىڭ تۈكلىرىنى تارايتتى. «ئارا» دەپ ئاتىلىدىغان ئاشۇ تۆمۈر ئەسۋاب راستتىنلا خاماندا ئىشلىتىدىغان يوغان ئارىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىگە ئوخشايتتى. تاغام ئاشۇ ئارا بىلەن تەلپەكلەرنى شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ پەردازلايتتىكى، كۆرپە تەلپەكلەرنىڭ تۈكلىرى بۈدۈر-بۈدۈر، يۆگىمەچ-يۆگىمەچ گۈللەرنى ھاسىل قىلاتتى. سالۋا تەلپەكنىڭ تۈكلىرى بولسا تال-تال بولۇپ، مەجنۇنتالنىڭ شېخىدەك ھەر تەرەپكە چېچىلىپ چۈشەتتى. تاغامنىڭ ماڭىمۇ بىر دانە سالۋا تەلپەك تىكىپ بەرگەنلىكى يادىمدا. ئۇنىڭ تۈكلىرى خۇددى ئەركەك شىرنىڭ يايلىسىدەك قۇلاق ۋە گەجگىلىرىمدىن بېسىپ تۇراتتى. قوناقلىرى چېپىۋېلىنغان ئېتىزلىقتا «ۋاللەي» ئوينىغىنىمىزدا، قۇلاقلىرىم زادىلا توڭلىمايتتى.
تاغامنىڭ تەلپەكچىلىكنى تاشلىۋېتىشىگە يېڭى ھۈنەر ئۆگەنگەنلىكى سەۋەب بولدى. بۇ ئاشۇ يىلى تاغام بوۋىسىدىن قالغان، سۇۋاقلىرى ئاجراپ، بالا ۋە ۋاسىلىرىنى قۇرت يەپ، تولىمۇ كونىراپ كەتكەن ئۆيلىرىنى يېڭىلاپ سالماقچى بولغاندىكى ئىش. ئۇ ئارقا جاڭگالدىن توغراق ياغاچلىرىنى كېسىپ، ئېشەك ۋە ئۆكۈزگە سۆرىتىپ ئاچىقىپ تەييارلىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆيگە خەر ۋە بالا بولغۇدەكلىرىمۇ، تۈۋرۈك ۋە ئارىش بولغۇدەكلىرىمۇ، ۋاسا ۋە دەميان بولغۇدەكلىرىمۇ بار ئىدى. تاغام ئۇلارنى كونا ئۆينىڭ تېمىغا يۆلەپ، تىك قىلىپ تىزىپ قويغانىدى. ياغاچلار تەييار بولغاندىن كېيىن تاغام خارەت تەكلىپ قىلىپ ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ چاغلاردا ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى بوۋام ئەمەس، تاغام باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتكەن، بوۋام بولسا ئۆز مۆتىبەرلىكى بىلەن يۇرت ئىچىدىكى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تاتلىق سۆزلىرى بىلەن جېدەل-ماجىرالارنى كېلىشتۈرۈپ، تالانىڭ ئىشى بىلەنلا بولۇپ كەتكەنىدى. تاغام بوۋامنى ھەزىل قىلىپ «سايلانمىغان بېگىم» دەپ ئاتايتتى. ئىش-ئەمگەكنىڭ ھەممىسى تاغامغىلا قالغانىدى. شۇنداق ئىكەن، باشقۇرۇشمۇ تاغامغا قالىدۇ-دە. جەمئىيەتتىكىگە ئوخشاش ئىشلىگۈچى باشقا، باشقۇرغۇچى ۋە راھەت كۆرگۈچى باشقا بولىدىغان تەرتىپ ئائىلىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ-دە. ئىشلىگەنىكەن، باشقۇرۇشمۇ كېرەك. ئۇنى دېمىسىمۇ بۇ چاغلاردا تاغامنىڭ ھېلىقى قاچقاق خوتۇنى تۆتىنچى بالىسىنى تۇغقان، تاغام سىم بۇرۇتلۇق، كەكە ساقاللىق چوڭ ئادەم بولۇپ قالغانىدى. يالغۇز ئوغۇلغا ئۆي ئايرىپ قويۇش يوق. ئۇ ئاخىرغىچە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئائىلە بولۇپ ياشايدۇ. ئۇلاردىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرىدۇ. چوڭ ئادەم بولۇپ قالغانىكەن، ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ، باشقۇرۇشقىمۇ قاتنىشىشى يوللۇق-تە.
ئۇ زاماننىڭ خارەتلىرىمۇ ھازىرنىڭ پارچە ئىش قىلىدىغان بىناكارلىرىغا ئوخشايدىكەن. بىر يەردە ئىش تۇتۇپ قويۇپ يېرىم قىلمايلا ئىككىنچى بىر يەردە ئىش تۇتىدىكەن. ئىككى-ئۈچ يەردە ئىش تۇتۇپ قويۇپ «مانا پۈتىدۇ، ئەمدى پۈتىدۇ» دەپ يالغان ئېيتقاچ، ئاستا-ئاستا، بىر-بىرلەپ پۈتكۈزىدىكەن. تاغام تەكلىپ قىلغان خارەتلەرمۇ شۇنداق قىلدى. ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى تىكلەپ قويۇپ، بىرەر ئايچە يوق بولۇپ كەتتى. ئارىدا پەيدا بولۇپ، تاملارنىڭ ئارىش-بالداقلىرىنى بېكىتىپ قويۇپ، ئۆرۈمەيلا يەنە قارىسىنى كۆرسەتمىدى. ياز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ياغاچ قۇرۇلمىسىنى پۈتكۈزۈپ، لاي-كاكۇل چاپلاپ، سۇۋاقنى تۈگەتمىسە قىش كەلگۈچە قۇرۇماي قالاتتى. قۇرۇمىغان ھۆل ئۆيدە قىشنى ئۆتكۈزگىلى بولمايتتى. تاغام ئالدىراپ قالغانىدى. لېكىن «مەن ئالدىرارمەن ماڭغىلى، ئېشىكىم ئالدىرار ياتقىلى» دېگەندەك، خارەتلەر تۈگىمەس يالغانلىرى بىلەن قارىسىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى.
تاغام شۇنىڭدىن جىلە بولدىمۇ ياكى ئاشۇ خارەتلەرنىڭ ھەپتە-ئون كۈن ئىشلىگەنلىرىگە قاراپ خارەتچىلىكنى ئۆگىنىپ بولدىمۇ، ئۆينى پۈتكۈزۈشكە ئۆزى قول سالدى. ئەل-ئاغىنىلىرىنى چىللاپ، ھەرە، كەكە، چوت، يانپۇچۇق، ئىسكىنە دېگەنلەرنى تېپىپ ئىشقا كىرىشتى. دەسلەپ خارەتلەردىن قالغان چالا ئىشلارغا قول سېلىپ، ئارىش، بالداق، دەميانلارنى تولۇقلاپ، تاملارنى ۋادەكلەپ كۆرۈپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بالالارنى توغراپ، قارا تارتىپ، چوت بىلەن يۇنۇپ تۈزلەپ ئۆگزىگە ئالدى. ۋاسىلارنى تىزىپ بورا ياپتى. بورىنىڭ ئۈستىگە تىكەن-مىسىل يېيىتتى. ئۇ تىنىم تاپماي ئىشلەيتتى. ئىشقا تۇتۇش قىلغان چېغىدا دەم ئېلىشنىمۇ، تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بالىلىقىدىن قالغان ئۆمەر مەدىكاراپتەك كۆپ تاماق يەيدىغان ئادىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئاشۇ ئىشلار تۈگىگەندە، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلار كېلىپ ئۆگزىنى يېپىشقا، كاكۇل لاي بىلەن ۋادەكلىك تاملارنى سۇۋاشقا ياردەملەشتى. ئىش شۇنداق تېز يۈرۈشتىكى، ھېلىقى يالغانچى خارەتلەر قايتا كەلگەندە، ئۇلارغا قىلغىلى ئىش قالمىغانىدى. ئۇلار چالا قىلغان ئىشىغا ھەق سوراشقىمۇ خىجىل بولدى. شۇنداقتىمۇ تاغام ئۇلارنى يەنىلا رازى قىلدى. ئاشۇ يىلى ياز بىلەن كۈزدە تاغام «چوڭ ئۆي» ھېسابلىنىدىغان ساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا، قازناقلارنى، ئۆزىگە «ھۇجرا بولمىش» ئۈچ ئېغىز ئۆينى سېلىپ پۈتكۈزدى. پەقەت ئىككى يۈرۈش ئۆينىڭ ئارىسىغا چىقىرىدىغان ئايۋانلا چالا قالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئەمدى بوۋام بۇ بىلەرمەن ئوغلىنى ئىستىھزا بىلەن «ئۇستام» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قالغانىدى. دېمىسىمۇ ئۇ ئۇستا-خارەتكە ئايلانغانىدى. كېيىنكى يىلى ئايۋاننى پۈتكۈزدى. ئېشىپ قالغان ياغاچلىرىنى تىلىپ، ئاشخانا ئۆينىڭ پالتۇكى بىلەن تۇرۇسى ئارىسىغا، باش تاقاشمايدىغان قىلىپ شۇنداق چىرايلىق بىر ئاسما ساندۇق-ئىشكاپ چىقاردىكى، بارلىق ئاياق-قوشۇق، تەڭنە-كاساڭلار بىمالال پېتىپ كېتەتتى. مومام ۋە تاغامنىڭ ھېلىقى بىر چاغلاردا قېچىپ توختىمىغان، ئەمدى بولسا چەمگە چاپلاشقان مۇمدەك ئورنىشىپ قالغان خوتۇنى بۇ ئىشكاپتىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى. چۈنكى ئۇلار قوشنىلىرىغا ئوخشاش قاچا-قۇچىلارنى سېۋەتكە سېلىپ ياكى قىزىلچىغا تىزىپ يۈرمەي، ئاشۇ ئىشكاپقىلا يىغىشتۇراتتى. قاچا-قۇچىلار پاكىز تۇراتتى. چاشقان ۋە مۈشۈكنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىمايتتى.
شۇنداق قىلىپ تاغام خارەت بولۇپ قالدى. يۇرت ئىچىدە تەكلىپ قىلغانلارنىڭ ئۆيىنى سېلىپ يۈردى. يەنە تېخى ئۇلارغا كارىۋات، ساندۇق، چارپاي، غارال دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ئېتىپ بېرەتتى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى كەسپىي ھۈنەرۋەن ھېسابلىغان ئەمەس. ئۇنداق ئىشلارنى پەقەت دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىلا قىلاتتى. يەرنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى. جېنىنى ئۇپرىتىپ بار كۈچى بىلەن يەرگە ئىشلەيتتى. خارەتچىلىك قىلىپ تاپقان تەڭگىلىرىگە يەرمۇ سېتىۋالدى. يەرلىرى خېلى كۆپىيىپ قالدى.
3
يەر ئىسلاھاتى بولغاندا تاغام خارەتچىلىك ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ، يەر ئىسلاھاتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن زومىگەر-پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىدىغان سەھنە ياسىدى. سايىت ھاجىمنىڭ كەڭرى خامىنىدا كارىۋات-چارپاي-تەختىلەرنى بىر يەرگە تىزىپ، چېتىپ، بەزى يەرلىرىگە شال مىخلاپ، يەردىن ئىككى گەز ئېگىزلىكتىكى ئاشۇ سەھنىنى پۈتكۈزگەندە، بىز كىچىكلەرگە راسا ئويۇن بولغانىدى. بىز سەھنە ئۈستىدە يۈگۈرۈشەتتۇق. سەھنە ئۈستىدىن قاڭقىپ كۆك توپىغا سەكرىشەتتۇق. بىز ھەر قېتىم سەكرىگەندە، تاغام ياسىغان ئاشۇ سەھنە مىدىرلاپ-غىچىرلاپ كېتەتتى...
كېيىنكى كۈنى ئاشۇ سەھنىگە بېشىغا ئېگىز قەغەز كۇلا كىيدۈرۈلگەن سايىت ھاجىم، مۇھەممەت خاپانباش، ئابدۇغېنى بايۋەچچىلەر يالاپ چىقىلدى. پومېشچىك-زومىگەر دېگەنلەر ئاشۇلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئالابالداق ساقچى كالتىكى تۇتۇۋالغانلار نازارەت قىلىپ تۇراتتى. پەستە كۆك توپىدا سانجاق-سانجاق ئولتۇرغان ئادەملەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ شەپكە كىيگەن كادىرلىرىغا ئەگىشىپ قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گۈر-گۈر ۋارقىرايتتى. بۇنى چوڭلار «زومىگەر-پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىش» دەپ ئاتايتتى. بىز كىچىكلەر ئاشۇ يەردە، ئالابالداق تۇتۇۋالغانلارنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي، كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ قوغلىشىپ ئوينايتتۇق. بىزنىڭ تاغام ياسىغان سەھنە ئەتراپىدىكى ئويۇنلىرىمىزمۇ، چوڭلارنىڭ «زومىگەر-پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىش»ىمۇ خېلى ئۇزۇن كۈنلەرگىچە داۋاملاشتى. شۇ كۈنلەردە تاغامنىڭ «ئەجەب ئادىل زامان بولدى، مۇشتۇمزورلار ئەدىپىنى يېدى» دېگەنلىكى يادىمدا. كۈرەش مېۋىسى تەقسىم قىلىنغان كۈنى تاغام تامدەك يوغان، ئاتتەك ئېگىز، تولۇم قورساق، ئارا مۈڭگۈزلۈك بىر ئۆكۈزنى يېتىلەپ كەلدى. تاغاملارنىڭ ئائىلىسىگە تەگكىنى شۇ ئىكەن. تاغامنىڭ چىرايىدىن نە خۇشال بولغانلىقىنى، نە خاپا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئانام ئاشۇ ئىشنى ئەسلەپ «ئۇنىڭغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولسا خۇشال بولاتتى. يەرنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى ئۇ» دېگەنلىكى يادىمدا. ئۆزىنىڭ باشقا كالا-ئۆكۈزلىرى بولغاچقىمۇ ياكى يەرنى ئەتىۋار كۆرگەچكىمۇ، تاغام راستتىنلا ھېلىقى «كۈرەش مېۋىسى» ئۆكۈزنى ئازراق ئۈستەك بېرىپ، قادىر قاۋاننىڭ داشتىكى بىر پارچە شىۋاقلىقىغا تېگىشتى. تاغامنىڭ پىلانىچە، دۆڭئېرىقتىن سۇ باشلاپ بەقەمدۆڭدىن لاي ئېقىتسا، ئاشۇ شىۋاقلىق ئېسىل يەرگە ئايلىنىدىكەن. كېيىنكى يىلى يازدا كەلكۈن كېلىپ سۇ راسا كەڭرىلەشكەن چاغدا، تاغام شىۋاقلىقنى يەر قىلىشقا كىرىشتى. داشنىڭ ئەتراپىغا ئېگىز قىر-تىرگەن سېلىپ دوغاپتەك قويۇق لاي سۇنى باشلىدى. بىز كىچىكلەرمۇ بوش قالمىدۇق. ئېقىۋاتقان سۇغا كىچىككىنە كەتمىنىمىز بىلەن بەقەمدۆڭنىڭ بوز توپىسىنى توختىماي تاشلايتتۇق. دۆڭنى تېگىدىن كولاپ سۇغا يىقىتاتتۇق. چىمان ئارىلاش بوز توپا سۇنى دوغاپ قىلىپ داشقا قاراپ ئاقاتتى...
شۇنداق قىلىپ تاغام ئاشۇ 20 مو شىۋاقلىقنىمۇ ھوسۇلغا كىرگۈزدى. يەر-زېمىنى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇ تىنىمسىز ئىشلەيتتى. ھاردىم-تالدىم دېمەيتتى. ئىشقا بىر كىرىشىپ كەتسە تاماق يېيىشنىمۇ، ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەتتى. ئۆزى ئىشلەپلا قالماي، ئائىلىدىكى ھەممە چوڭ-كىچىكنىمۇ ئۆزىگە لايىق ئىشقا تەشكىللەيتتى. تاغام دېھقانچىلىق ۋە قىش كۈنلىرىدىكى خارەتچىلىك بىلەن ئوبدانلا ئەتلىنىپ قالغانىدى. چۈنكى يەر دېگەن تەر تۆككەننى ئۈمىدسىز قالدۇرمايدۇ ئەمەسمۇ. يۇقىرىدىن دېھقانچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا ئۇقتۇرۇش چۈشكەن، كوللېكتىپلىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى. كادىرلار قۇرۇلماقچى بولغان مۇئەسسەسەنىڭ نامىنى «كوپىراتسىيە» دەپ ئاتايتتى. ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە بارلىق دېھقانلار يەرلىرىنى، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ئۇلاغلىرىنى، سايمانلىرىنى كوپىراتسىيىگە پاي قىلىپ قېتىشى، بىر كوپىراتسىيىدىكى ھەممە كىشى بىللە ئىشلىشى، چىققان ھوسۇلنى ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەينى چاغدا، بۇ گەپلەرنى بىزنىڭ كۆكقۇمدىكىلەر قانداق چۈشەندى؟ بۇ نامەلۇم، ئەمما تاغامنىڭ چۈشىنىشىچە، يەرنى كوپىراتسىيىگە قېتىش دېگەنلىك يەردىن ئايرىلىپ قېلىش دېگەن گەپ ئىكەن. يەردىن ئايرىلىپ قالغان يەرسىز دېھقاننىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭغا ئايان ئىكەن. يەتتە-سەككىز يىلنىڭ ئالدىدىكى پومېشچىكلارغا ئىشلىگەن، پومېشچىكلارنىڭ يېرىنى ئىجارىگە ئالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇ تېخى ئۇنتۇپ قالمىغانىكەن. تاغام «يەرسىز دېھقاننىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولىدۇ» دەپ ئويلايدىكەن. شۇڭا ئۇ «كوپىراتسىيىگە كىرمەيمەن، يەرلىرىمنىمۇ پاي قاتمايمەن» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. «غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ» دېگەندەك، كەنتىمىزدىكىلەرمۇ تاغامغا ئەگىشىپ كوپىراتسىيىگە كىرىشنى رەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كوپىراتسىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلىۋاتقان يىغىن-مەجلىسلەر تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىپتۇ. كۈندۈزنى كېچىگە، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئېچىلىدىغان يىغىنلاردا چوڭقۇر ئىدىيەۋى خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. شەپكە كىيىۋالغان كادىرلار كوپىراتسىيە قۇرۇلسا، ئېرىقلاردا سۈت-قايماق ئېقىپ، قازانلاردا گۆش-پولۇلار قايناپ تۇرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدىكەن. لېنىن، ستالىنلارنىڭ ساقاللىق-بۇرۇتلۇق رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە سۈت-قايماق ئېقىۋاتقانلىقىنى مىسال كەلتۈرىدىكەن. شۇنداقتىمۇ مەھەللىمىزدىكى جاھىللار «كوپىراتسىيىگە كىرمەيمەن» دېگەن گېپىدە يەنىلا چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ جاھىلى تاغام ئىكەن. چۈنكى ئۇ ساۋاتلىق بولغاچقا، ھۆججەتلەردىن ئۆزىگە پايدىلىق جايلارنى تۇتۇۋېلىپ، شەپكە كىيگەنلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ: «يۇقىرىنىڭ ھۆججىتىدە كوپىراتسىيىگە كىرىش-كىرمەسلىك ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆز ئىختىيارى دەپتىغۇ، نېمىشقا مەجبۇرلايسىلەر؟» دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. كادىرلار بولسا: «سەن كوپىراتسىيىگە كىرمىسەڭ، كوپىراتسىيىنى كىم بىلەن قۇرىمىز؟» دەيدىكەن. ئۇلار ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. تاغاملار بولسا خۇددى قاچاندۇر بىر چاغدا سېپىلىپ كەتكەن ئەسكى كۆۋرۈككە قايتا كەلگەن ئېشەكتەك كەينىگە داجىپ جاھىللىق قىلىدىكەن. قۇرۇلغۇسى كوپىراتسىيىدە زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئۆزىنى يەردىن، ھەممە نېمىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك سېزىدىكەن. شۇ ئارىدا قوشنا كەنتلەردە كوپىراتسىيىلەر قۇرۇلۇپ ناغرا-سۇنايلار ياڭراپتۇ. «دوڭغاقجىگدە» «غالىبىيەت»كە، «كۆكمەت» «قىزىل بايراق»قا، «قۇمباغ» «گۈزەل ئىستىقبال»غا ئۆزگىرىپتۇ. «تۇساللا»لىق ئەخمەت غەجەكنىڭ ئىسمى گېزىتكە چىقىپتۇ. لېكىن بىزنىڭ كەنتتە تېخىچە كوپىراتسىيە قۇرۇلالماپتۇ. رايوندىن ئېشەككە مىنگەن رايون باشلىقلىرى ۋە كوپىراتسىيە قۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى كېلىپ خىزمەت ئىشلەپتۇ. ناھىيەدىن ئاتقا مىنگەن ھاكىم كېلىپ خىزمەت ئىشلەپ بېقىپتۇ. لېكىن جاھىللارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەپتۇ. ئاخىر ۋىلايەتنىڭ باشلىقى كەپتۇ.
ۋىلايەت باشلىقى كەلگەن كۈندىكى ئىشلار ئېنىق يادىمدا. شۇ چاغدا بىز ئۆگزىدە ئىدۇق. ئۆگزىگە سالغان ئۈششۈك غوزىدىن پاختىنى ئاجرىتىۋاتاتتۇق. دەرۋازا ئالدىدىكى توپىلىق يولدىن يوغان بىر تۆمۈر مەخلۇق شۇنداق چېپىپ ئۆتتىكى، ئۇچقان چاڭ-توزان سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغىچە كۆتۈرۈلدى. دەسلەپ دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ قەھرى بىلەن قاۋاپ كەتكەن تاغىل ئىتىمىز ئۇ مەخلۇقنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىدىن قورقۇپ قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىسقىنىچە غىڭشىپ سامانلىققا كىرىۋالدى. ھاڭ-تاڭلىقتا تۇرۇپلا قالدۇق. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرسىنىڭ «كوڭكا، كوڭكا كەلدى» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەيران قالغان قوشنىلار ئاللىقانداق بىر قىزىقىش بىلەن سايىت ھاجىمنىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ «يېزىلىق ھۆكۈمەت» قىلىنغان قورۇسىغا قاراپ ئالدىراش كېتىشىۋاتاتتى. مەنمۇ بوۋام، موماملارنى تاشلاپ، ئۆگزىدىن سامانلىقنىڭ ئۆگزىسىگە، ئۇ يەردىن يولغا سەكرىدىم-دە، يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا قاراپ چاپتىم. ئۇ يەردە كىشىلەر «كوڭكا، كوڭكا» دەپ تۆمۈر مەخلۇقنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەپ يۈرۈشەتتى. تۇتۇپ بېقىشقا، سىلاپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. بۇنچىۋالا ئېغىر تۆمۈرنىڭ قايسى كۈچ بىلەن ئورنىدىن قوزغىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكىنى باقىدىغان ئىلەك جۇل «كوڭكا»نىڭ ئالدىغا پىچان تاشلىدى، يېمىدى، يوغان كاساڭدا لىق سۇ ئەچىقىپ ئالدىغا قويدى، ئىچمىدى. كىشىلەر «كوڭكا بەك ھېرىپ كېتىپتۇ. ھېرىپ كەتكەن ھايۋاننى ئوت-سۇغا قويۇشتىن ئاۋۋال يېتىلەپ سوۋۇتۇش لازىم» دېيىشەتتى. لېكىن «كوڭكا»نىڭ نە يېتىلەيدىغان يۈگىنى، نە باشبېغى يوق ئىدى. كىشىلەر ھەيران بولۇشاتتى. شۇ ئارىدا تاغام پەيدا بولدى. ئۇمۇ «كوڭكا»نى كۆرۈشكە كەلگەنىدى. تاغام: «كوڭكا دېگەن پىچان يېمەيدۇ، سۇمۇ ئىچمەيدۇ. يەر يېغى يەيدۇ...» دېدى. بۇ گەپلەرنى گېزىتتىن ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى. كىمدۇر بىرسى سايىت ھاجىم مەككە مۇكەررەمدىن قايتىپ كەلگەندە كوڭكا توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئەسكە ئالدى. سايىت ھاجىم ئاشۇ ياقلاردا كوڭكىغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلغانمىش...
سەل چوڭ بولغاندا، شەھەرگە چىقىپ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىلدىمكى، بىزنىڭ «كۆكقۇم»غا تۇنجى قېتىم بارغان ئاشۇ «كوڭكا» ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «دودگې» (Dodge) دېيىلىدىغان يۈك ماشىنىسى ئىكەن. ئازادلىق ئارمىيە ئۇنى گومىنداڭدىن غەنىيمەت ئالغانىكەن. يۇرتىمىزغا تۇنجى قېتىم ماشىنا كەلگەن ئاشۇ ئىشنى ئەسلىسەملا، خېلى ئۇزۇن يىللاردىن كېيىنمۇ كۈلۈمسىرەپ يۈردۈم. بىلمىگەن، كۆرمىگەن ئادەم نېمە خىياللارنى قىلمايدۇ دەيسىز؟
كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئاشۇ قېتىم يېزىمىزغا «كوڭكا»غا ئولتۇرۇپ ۋىلايەتنىڭ باشلىقى كەپتۇ. كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ كوپىراتسىيىگە كىرىشىگە، يەر ۋە مال-ۋارانلىرىنى پاي قېتىشقا ئۇنىمىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك. تاغام ۋە پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى يىغىپ يەنە يىغىن ئېچىپتۇ. كوپىراتسىيىگە كىرىشكە ئۈندەپتۇ. لېكىن تاغام غىڭ قىلماپتۇ. زۇۋان سۈرمەي جىم ئولتۇرۇۋاپتۇ. ۋىلايەت باشلىقى دېھقانلارنى بىر-بىرلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ سوراپتۇ:
— ئىسمىڭ نېمە؟
— يۇسۇن كالتا، غوجام.
— يەرنى ساڭا كىم بەرگەن؟
— كومپارتىيە بەرگەن، غوجام.
— پارتىيە ساڭا يەر بەرسۇنۇ، ئەمدى پارتىيە باشلىغان يولغا ماڭغىلى ئۇنىمامسەن؟ بۇ قانداق تۇزكورلۇق... يېرىڭنى كوپىراتسىيىگە پاي قاتامسەن-يوق؟
— بېرىپ بولۇپ ئېلىۋالغان ساخاۋەتچىنى كۆرمەپتىكەنمەن، غوجام. ئېلىۋالسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارى، ئەمما مەن كوپىراتسىيىنىڭ سىرتىدا قالاي...
سوئال ئاشۇنداق داۋاملىشىپ نۆۋەت تاغامغا كەپتۇ:
— ئىسمىڭ نېمە؟
— ئابدۇللا خارەت، — جاۋاب بېرىپتۇ تاغام. بوۋاملارنىڭ ئەسلىدىكى «كاداڭ» لەقىمى ئۇنتۇلۇپ يەر ئىسلاھاتىدا «خارەت» دەپ بېكىتىلگەنىكەن. بۇ تاغامنىڭ ھۈنىرىگە ئاساسەن قويۇلغان لەقەم ئىكەن.
— نەچچە مو يېرىڭ بار؟
— 50 مودىن كۆپرەك. ئارقا جاڭگالدىكى پاسارلىقنى قوشساق...
— 50 مو؟ تەركىبىڭ پومېشچىكمۇ سېنىڭ؟
— ياق، تەركىبىم تۆۋەن ئوتتۇرا...
— يەرنى ساڭا كىم بەرگەن؟
تاغام ئالدىدا جاۋاب بەرگەنلەردەك جاۋاب بەرمەپتۇ، ئەكسىچە:
— بىزنىڭ يەرلەرنى بىرەر كىم بەرگەن ئەمەس. ئاتا-بوۋامدىن قالغان ۋە تەڭگە تۆلەپ سېتىۋالغان يەر ئۇ، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
— سەن تەڭگە تۆلەپ سېتىۋالغان بولساڭ، بىز قان كېچىپ يۈرۈپ ئالغان يەر بۇ. گومىنداڭ بىلەن قانچە يىل ئۇرۇش قىلغانلىقىمىزنى، قانچىلىك قان تۆككەنلىكىمىزنى بىلەمسەن؟
تاغام ئۈندىمەپتۇ. ۋىلايەتتىن كەلگەن باشلىق يەنە بىر ھازا سۆزلەپ يەرلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ھۆكۈمەتتە ئىكەنلىكىنى بايان قىپتۇ. بۇ گەپلەرنى تاغاملار قانچىلىك چۈشەندى؟ بۇلار نامەلۇم. ئەمما شۇ كېچە ھەممە ئادەمنىڭ ئىسمى، لەقىمى، يەر سانى، ئات-ئۆكۈز سانى، بوقۇسا-بۇيانلاق سانى تىزىملانغان جەدۋەلگە — جەدۋەلنىڭ «كوپىراتسىيىگە كىرگۈچىنىڭ ئىمزاسى» دېگەن يېرىگە قول بېسىپتۇ. ھەممە كىشى بىر-بىرلەپ ئۆز ئىسمى ئۇدۇلىغا قول بېسىپتۇ. تاغاممۇ قول بېسىپتۇ. تۈن يېرىملاشقاندا كوپىراتسىيىگە كىرىش ئاياغلىشىپتۇ. كوپىراتسىيىنىڭ ئىسمىمۇ بېكىتىلىپتۇ. «بەخت يولى» كوپىراتسىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، كەنتىمىزنىڭ «ئەگرىيار» دېگەن كونا نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ. ئاخىرىدا ۋىلايەتتىن كەلگەن ھېلىقى باشلىق تاغاملارنى «بەخت يولى دېھقانچىلىق كوپىراتىپى»نىڭ ئەزاسى بولغانلىقى بىلەن تەبرىكلەپتۇ...
ئاشۇ قىش ئۆتۈپ، كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا تاغام ئۆز يېرىگە ئەمەس، «بەخت يولى» كوپىراتسىيىسىنىڭ ئېتىزلىرىغا قوش سالدى. ئەمما ئۇنىڭغا ئېتىزلىقتا ئىشلەش ئانچە كۆپ نېسىپ بولمايتتى. كوپىراتسىيە تەشكىلىنىڭ ئىشخانىلىرىنى سالىدىغان ئىش چىقتى. مۇدىرغا ئىشخانا، بوغالتىرغا، كاسسىرغا ۋە يەنە ئاللىكىملەرگە ئىشخانا سېلىش، مەجلىسخانا سېلىش، ئامبار سېلىش كېرەك ئىدى. كوپىراتسىيىگە پاي قىلىپ قېتىلغان، ئەمدى بىر يەرگە يىغىپ بېقىلىۋاتقان ئات-ئۆكۈزلەرگە ئېغىل-قوتان سېلىش كېرەك ئىدى. تاغام سايىت ھاجىمدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئۆيلەرنى يىقىتىپ، كىمنىڭ يېرىدە يوغان تېرەك بولسا كېسىپ تەشكىل بىناسىنى سالدى. بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىدا قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. تاغام يەنە كوپىراتسىيىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن يېڭى بوقۇسا-بۇيانلاقلارنى ياسىدى. ياغاچ چاقلىق ئېگىز «يار-يار» ھارۋىمۇ ياسىدى. ئۇ كوپىراتسىيىنىڭ خارەتچىلىكىدىن بوشىغان چاغلاردا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئېلىپ ئېتىزغا چىقاتتى. تاغام مەيلى ئېتىزدا ئىشلىسۇن، مەيلى كوپىراتسىيىنىڭ خارەتچىلىكىنى قىلسۇن، يەنىلا شەخسىي يېرىگە ئىشلىگەندەك بېرىلىپ ئىشلەيتتى. ئىشىدا گۈل كەلتۈرۈپ ئەستايىدىل قىلاتتى. ھاردىم-تالدىم دېمەيتتى. ئېغىر-يېنىك دەپ تاللىمايتتى. شۇڭا ئەترەتنىڭ بوغالتىرى ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تولۇق ئون نومۇر خاتىرىلەيتتى. ئون نومۇر بىر گۇڭ ھېسابلىناتتى. خاتىرىلەنگەن گۇڭ-نومۇر بويىچە كۈزلۈككە تەقسىمات بولىدۇ دېيىشەتتى.
كوپىراتسىيىدە بىز كىچىكلەرمۇ بىكار قالمايتتۇق. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا كوپىراتسىيىنىڭ ئىشىغا ياردەملىشەتتۇق. ئېتىزغا قىغ ئەچىقىدىغان ئىش بولسا تاغار يۈدەتتۇق. ئوغۇت سېسىتىش ئۈچۈن ئوت-چۆپ ئوراتتۇق. سومكىمىز بىلەن پۇلۇقىمىز يېنىمىزدىن ئايرىلمايتتى. پۇلۇقىمىزغا تېزەك تېرەتتۇق ۋە كوپىراتسىيىگە ئۆتكۈزەتتۇق. ئۇنىڭمۇ جىڭ سانى خاتىرىلىنىپ قويۇلاتتى. خاتىرىلەنگەن جىڭ سانىغا ئاساسەن كۈزلۈككە تەقسىمات بولىدۇ دېيىشەتتى. ئورما ئورىيدىغان، قوناق چاپىدىغان ئالدىراش چاغلاردا بىز ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەپ بولۇپ، قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، جەڭگىۋار ناخشىلارنى ئوقۇپ كوپىراتسىيىگە ياردەمگە كېلەتتۇق. كوللېكتىپ ئىشلەش بەك كۆڭۈللۈك ئىدى. ناخشا ئېيتىپ، چاقچاقلىشىپ، بەسلىشىپ ئىشلەيتتۇق. ھارغىنلىق بىلىنمەيتتى، ئەمما نومۇر خاتىرىلەنمەيتتى. بۇ بىز مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كوپىراتسىيىگە قىلغان ياردىمىمىز بولاتتى.
كوپىراتسىيىگە ئىشلىگەننىڭ تۇنجى يىلى 8-ئايدا بۇغدايلار يۇمشىتىلىپ خامان ئاياغلاشقاندا بىرىنچى قېتىم تەقسىمات بولدى. خامان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. تاغار-خالتىلىرىنى كۆتۈرگەن كوپىراتسىيە ئەزالىرى سانجاق-سانجاق تۇرۇپ كەتتى. بوغالتىر كىمنىڭدۇر ئىسمىنى، لەقىمىنى ئوقۇيتتى. ئىشلىگەن گۇڭ-نومۇرلىرىنى، ئۆتكۈزگەن ئوغۇتلىرىنى، تېگىشلىك بۇغداينىڭ جىڭ سانىنى ئېلان قىلاتتى. ھېلىقى كىشى تاغار-خالتىسىنى كۆتۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ چەشنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تارازىنىڭ يېنىغا يېقىنلىشاتتى... شۇ كۈنى تاغاملارنىڭ ئائىلىسىگە ئىككى يېرىم تاغار بۇغداي تەگدى. تاغارنىڭ ئاغزىنى ئېچىشقا مەنمۇ ياردەملەشتىم. تاغامنىڭ تاغار تۇتقان قوللىرى تىترەيتتى. قىزىل كوسا چىرايى مۇرا قۇيۇندەك قارىداپ كەتكەن، ۋۇجۇدى ئۈششۈك تەگكەن تال نوتىسىدەك سولاشقان، كۆزلىرى يېغى تۈگەپ ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان جىنچىراغدەك پىلىلدايتتى. تاغارغا تۆكۈلۈۋاتقان ئالتۇن دانلارنى كۆرەلمەيۋاتقاندەك چىمچىقلايتتى. ھەممىسى ئىككى يېرىم تاغار، ھازىرقى زاماننىڭ كىچىك چىپتا تاغىرى ئەمەس، ئەينى چاغلاردا ئائىلىلەردە توقۇلىدىغان ئىزمىلىك يوغان بۆز تاغاردا ئىككى يېرىم تاغار چىقتى...
تاغامدىن كېيىن يۇسۇن كالتىگە نۆۋەت كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلەك جۇلغا نۆۋەت كەلدى. ئۇلار خۇشال ئىدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ تاغىرىغا بۇغداي قاچىلىنىۋاتقاندا چاۋاك چېلىشتى. ئىش تۇرسۇن چالۋاشقا نۆۋەت كەلگەندە بۇزۇلدى. ئۇ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان دارامەتنى ئالغىلى ئۇنىماي، تاۋان تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئىمىن كۈشكەل بولسا: «ماڭا بۇغداي لازىم ئەمەس، سەن قارا قۇلاققا ئۆلۈپ بەرسەمغۇ بولار...» دەپ ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ، قاتتىق يەرگە دوق-دوق ئۈستى. قارا قۇلاق دېگىنى كوپىراتسىيە مۇدىرى يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ لەقىمى ئىدى. شۇ كۈنى خاماندا كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى بىر-بىرىگە زادىلا ئوخشىمىدى...
كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، تاغام ئىككى يېرىم تاغار بۇغداينى ھويلىغا ئەكېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ چىرايىغا قارىماي، ئۇدۇل ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ھۇجرىدىن چىقماي، ھېچنېمە يېگىلى ۋە ئىچكىلى ئۇنىماي ئىككى كۈن يېتىۋاپتۇ.
— كۆپ نوپۇسلۇق، باردى-كەلدىسى تولا چوڭ ئائىلە ئۈچۈن ئىككى يېرىم تاغار بۇغداي ھۈننىگە سۈننە بولاتتىمۇ، — دەپ سۆزلەپ بەرگەنىدى ئانام، — ھەممىمىزنى غەم باستى. دادام يەنە يۈسۈپ قارا قۇلاقنى ئىزدەپمۇ باردى. قارا قۇلاق نېمە دەپتۇ دېمەمسەن؟ «ھەسەن ئاكا، ئىشلىگەنلەر چىشلەيدىغان زامان بۇ، سىز ئىشلىمىدىڭىز، سادەتخان ئايلاممۇ ئىشلىمىدى، يەڭگەممۇ ئېتىزغا چىقاي دېمىدى، بىر ئابدۇللاخۇن يالغۇز ئىشلىسە قانچىلىك دارامەت تېگەتتى سىلەرگە؟ ھېلىمۇ ئابدۇللاخۇن ھەر كۈنى تولۇق گۇڭ ئالغاچقا خېلى ئاش تەگدى» دەپتۇ. ئاق دەپ، كۆك دەپ دادامنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ چوڭ ئۆيدىكىلەر ئىككى يېرىم تاغار بۇغداي بىلەنلا قالدى...
شۇ يىلى كۈزدە تاغاملارغا قوناقتىن قانچىلىك دارامەت تەگدى، تاغاملار يىلنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ بۇلار ئېنىق ئەمەس. بەلكىم تاغام قىشنىڭ بىكار كۈنلىرىدە ئۆي سالىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى سېلىپ بېرىپ، ئالغان ئىش ھەققىگە ئائىلىنى باققاندۇ ۋە بەلكىم ئۇماچ، زاغرا، كۇمۇلەك بىلەنلا كۈنىنى ئۆتكۈزگەندۇ.
4
كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا سۈر ھاڭگىغا مىنگەن رەھىم پوۋاش مەھەللىمىزدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپ ئۆتتى. كىشىلەر دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىشتى. رەھىم پوۋاش ئۇلارغا نېمىلەرنىدۇر دەيتتى ۋە ئارقىدىنلا يەنە «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپ، سۈر ھاڭگىنى دېۋىتىپ مېڭىپ كېتەتتى. ئاشۇ ۋارقىرىغىنىچە «كۆكقۇم»نىڭ ھەممە كەنتلىرىنى ئارىلاپ چىقتى. نېمىشقىدۇر ئۇنى ھېچكىم توسمىدى، يۈسۈپ قارا قۇلاقمۇ، دائىم ئالابالداق كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ساقچى ئىلەك جۇلمۇ توسمىدى.
ھەممە كىشى دەرۋازىلىرى ئالدىدا ئىدى. ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشنى ئويلاپمۇ قويۇشمايتتى. ھاياجان بىلەن پىچىرلىشاتتى. تاغاممۇ بوۋام بىلەن پىچىرلىشىپ تۇراتتى. ئاشۇ گەپلەر ئارىسىدىن «خوتەندە كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشىپتۇ، كوپىراتسىيىنىڭ دەپتەر-ھېساباتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، پايغا قاتقان نەرسىلەرنى بۆلۈشۈۋاپتۇ» دېگەن گەپلەرنى ئۇققىلى بولاتتى. تۇرسۇن چالۋاش، ئىمىن كۈشكەل، ياسىن كەس، قۇۋاننىياز چوتلار بوۋاملارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلدى. تاغام بىلەن پىچىرلىشىپ نېمىلەرنىدۇر مەسلىھەتلىشىشكە كىرىشتى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن كوپىراتسىيە تەشكىلىگە قاراپ ماڭدى. بوۋام «ھاي، ھاي، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرمايلى، ۋاي ئەخمەقلەر...» دەپ غۇدۇراپ قالدى. بىز كىچىكلەر قانداقتۇر بىر تاماشىنىڭ يۈز بېرىشىنى تۇيۇپ ئۇلارغا ئەگەشتۇق. كوپىراتسىيە تەشكىلىنىڭ چوڭ قورۇسى چېچەكلىك بولۇپ كەتكەن، باشقىلار ئاللىقاچان يىغىلىپ بولغانىدى. يۈسۈپ قارا قۇلاق بىلەن ئىلەك جۇل ئامبارنىڭ ئىشىكىنى توسۇپ تۇراتتى. كىشىلەر «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىمىز، قاتقان پاينى قايتۇرۇۋالىمىز» دەپ ۋارقىرىشاتتى. ئارىلاپ-ئارىلاپ «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپمۇ قويۇشاتتى. كوپىراتسىيە مۇدىرى يۈسۈپ قارا قۇلاق: «كوپىراتسىيە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن قۇرۇلغان، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشقا ھەددىڭلارمۇ سىلەرنىڭ؟» دەپ دوق قىلاتتى. كىشىلەر جاۋابەن: «خوتەندە كوپىراتسىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. بىز نېمىشقا ئەمەلدىن قالدۇرمىغۇدەكمىز، كوپىراتسىيە بولغۇڭ كەلسە سەن ئۆزۈڭلا بولۇۋال» دەپ ۋارقىرىشاتتى. يەنە بەزىلەر: «كوپىراتسىيە بولۇپ قانچىلىك دارامەت تەگدى بىزگە، مانا سېرىقتال ۋاقتىدا ئاچ قالدۇق. سەن گېلىمىزنى باقالايتتىڭمۇ؟» دەپ ۋارقىرايتتى. غەلۋە، دوق، تاپا-تەنە خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى. شۇ ئارىدا تاغام ھەقەمسايىلىرى بىلەن غەلۋە قىلىۋاتقانلاردىن ئايرىلىپ كوپىراتسىيە قورۇسىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار خۇددى جېدەل-ماجىراغا ئارىلىشىشنى خالىماي ئۆيلىرىگە كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتمەي ئۇلار يەنە قايتىپ كەلدى.
ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلار ئون-ئون بەشچە كىشى «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىش خېلى چوڭ ئىش. بۇنداق ئىشنى قىلىشتا يۇرت ئاتىسىدىن رازىلىق ئالماق كېرەك» دېيىشىپ، ھېلىم ئاتا دېگەن بوۋاينى ئىزدەپ بېرىشىپتۇ. ھېلىم ئاتا شۇ يىللاردا 102 ياشتىن ئاشقان، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولسىمۇ، پۇت-قولىدا ماغدۇر قالمىغاچقا مەسچىتكە بارالماي، ئۆيدىلا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرىدىغان، پۈتۈن يۇرت «ئاتا دېسە ئاتا» دەپ ھۆرمەتلەپ، يوقلاپ خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان، چاچ-ساقاللىرىلا ئەمەس، قاش-كىرپىكلىرىمۇ ئاقارغان، خىزىردەك پاكىز قېرىغان ئادەم ئىكەن. ئۇلۇغۋار بېشى «بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇشۇنچىلىك، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاشۇنچىلىك» دېگەندەك توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇرىدىكەن. ئاشۇ ھېلىم ئاتا تاغاملارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ھازا جىمىپ كېتىپتۇ. ئۇزاق سۈكۈناتتىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ: «كومپارتىيە مۇشتۇمزور، زومىگەرلەرنىڭ ئەدىپىنى بەردى، يەرلەرنى قايتا تەقسىملەپ، يوقسۇللارنى زېمىنغا ئىگە قىلدى. يۇرتتا ئادالەتنى يولغا قويدى. يامان يولغا باشلىماسلىقىدىن ئۈمىد چوڭ. ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ توغرا بولماي قالغانلىقىنى سەزگەندە، ئۆزى تۈزىتەلەيدۇ. 15-20 يىلغا بارماي يەرلەرنى يەنە سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ ئاتىكاتىچىلىق، ئالدىراشلىق قىلىپ، كوپىراتسىيىنىڭ ئۆسمىگەن قۇيرۇقىنى يۇڭدىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق...» دەپ تاغاملارنىڭ كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشىغا رازىلىق بەرمەپتۇ. يەنە تېخى سەۋر قىلىشنى، سەۋر قىلسا غورىدىن ھالۋا پىشىدىغانلىقىنى، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىپتۇ. ھېلىم ئاتا ئاشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆپنى كۆرگەن بېشى توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇرۇپتۇ. تاغاملار ھېلىم ئاتىنىڭ يېنىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن ھېلىم ئاتىنىڭ سۆزلىرىگە ئۆزلىرىچە تەبىر بېرىشىپتۇ. «ھېلىم ئاتا ئاشۇنداق دېگەن بولسىمۇ، بېشىنى ئىرغاڭلىتىپ رازىلىق بەردى» دەپ قارىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ كوپىراتسىيە قورۇسىغا يېنىپ كېلىشى شۇنىڭدىن ئىكەن...
ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كوپىراتسىيە قورۇسىدىكى غەلۋە-ماجىرا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر يۈسۈپ قارا قۇلاقنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ: «كوپىراتسىيىنى ئۆزۈڭ قۇرغان، يەنە ئۆز قولۇڭ بىلەن تارقىتىسەن» دەپ قىستايتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق بولسا ھۆكۈمەت نامىدىن دوق قىلاتتى. نېمىلەرنىدۇر دەپ رەت قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭغا بولغان قىستاق تېخىمۇ چىڭىپ كېلەتتى. بېقىنلىرىغا ئانچە-مۇنچە مۇشت-تېپىكمۇ تەگدى. قارىغاندا ئۇرۇش-جېدەل بولىدىغاندەك، قارا قۇلاقلار جەمەتى بىلەن باشقا يۇرتداشلار ئۇرۇشۇپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. ئۈچ-تۆت ئائىلىلىك قارا قۇلاقلار باشقا جەمەتلەرگە — كەسلەرگە، چالۋاشلارغا، چوتلارغا، تېكىلەرگە تەڭ كېلەلىسۇنمۇ؟ ئىلەك جۇل، يۈسۈپ كالتىلەر نەگە كەتتى؟ يۈسۈپ كالتىمۇ ئاشۇ يەردە «كوپىراتسىيىنى تارقىتىپ بەرسۇن» دەپ ۋارقىراپ يۈرەتتى. قارا قۇلاقنى قوغدايدىغان، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولىدىغان ئادەم قالمىغانىدى. ئۇ ئاخىر باش ئەگدى. بۇ چاغدا كىشىلەر كوپىراتسىيىنىڭ ئىشخانىسىدىن ھېسابات دەپتەرلەر قاچىلانغان ئىشكاپ، شىرەلەرنى ھويلىغا ئەچىقىپ بولغان بولۇپ، «ئاچقۇچ، ئاچقۇچ قېنى؟» دەپ ۋارقىرىشىپ يۈرەتتى. بوغالتىر بالا نەگىدۇر قېچىپ كەتكەنىدى. قارا قۇلاق ئاچقۇچنىڭ بوغالتىردا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. ئۇ ئاچقۇچ بولمىسا، كىشىلەر ھېسابات دەپتەرنى ئالالماس دەپ ئويلايتتى. ئەمما ئالاماننىڭ كۈچى تاغام ئەتكەن ئاشۇ ئىشكاپ-شىرەلەرنى بىر دەمدىلا چېقىپ تاشلىدى. ھېساباتنى يۈسۈپ قارا قۇلاققا تۇتقۇزدى. «ئوقۇ، كىم قانچىلىك يەرنى پايغا قوشتى؟ پايغا قوشقان كالا-ئۆكۈز قانچە؟ ئات-ئېشىكى قانچە؟ ئوقۇ!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. كىشىلەر قارا قۇلاقنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى، جاڭگالدا تىمىسقىلاپ يۈرىدىغان قارا قۇلاقتەك قاراتۈرك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقانىدى. ئۇنىڭ خەت ئوقۇيدىغان كۆزى، سۆز قىلىدىغان ئاغزى بولۇپ كەلگەن بوغالتىر بالا قېچىپ كەتكەن، ساۋاتسىز ئادەم قانداق ئوقۇسۇن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خەت ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالغاندا، كىشىلەر بىردىن تېڭىرقاپ قالدى. ئارقىدىنلا «خەت تونۇمايدىغان نېمەڭگە مۇدىر بولۇپ نېمە قىلاتتىڭ بايقۇش» دەپ ۋارقىرىغانلارمۇ بولدى. ئەمما تاپا-تەنە قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ئىدى. خەت ئوقۇيالايدىغان ئادەم تېپىش كېرەك ئىدى. تاغام: «ئەكېلىڭلار دەپتەرنى، مەن ئوقۇيمەن» دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. كىشىلەر ئۇنىڭ خەت ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشىپ، ئۇھ دېيىشتى. كىشىلەر يۈسۈپ قارا قۇلاقنى شىرە ئۈستىگە چىقىرىپ، ئۇنى تاغام ئوقۇغان ھەر بىر ئات، لەقەم، پاي قوشقان نەرسە تىزىملىكىنى جاكارلاشقا بۇيرۇدى. تاغام ھېسابات دەپتىرىدىكى نەرسىلەرنى ئوقۇيتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلايتتى. دەسلەپ كوپىراتسىيىگە كىرگەن ئىلەك جۇل بىلەن يۇسۇن كالتىنىڭ پايغا قاتقان نەرسىلىرى جاكارلاندى. ئۇلار ئۆزلىرى پايغا قاتقان بىردىن ئېشەكنى كوپىراتسىيە ئېغىلىدىن يېتىلەپ چىقىشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىمنىڭدۇر نامى جاكارلاندى. ئۇ قىسماق مۈڭگۈزلۈك ئۆكۈزنى يېتىلەپ چىقتى. سۈرئەت ئاستا بولۇۋاتاتتى.
ئالامان تەخىر قىلالمىدى. جاكارلانمىسىمۇ ئات-ئۆكۈزلىرىنى يېتىلەپ چىقىشقا، بوقۇسا-بۇيانلاقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇلاڭ-تالاڭ باشلاندى. ئەمما بۇ بۇلاڭ-تالاڭدا ھەممە كىشى ئۆز نەرسىلىرىنىلا ئېلىۋاتاتتى. بالىلار، ئاياللار ئۆكۈز، ئات، ئېشەك يېتىلەپ، نەرسە-كېرەك كۆتۈرۈپ ئۆيلىرىگە بىر-ئىككى قېتىمدىن بېرىپ كەلدى. چوڭلار مىدىرلىمايتتى. ھەممە نېمە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ كوپىراتسىيىنىڭ ئېغىل-قوتانلىرى قۇرۇقدىلىپ بولغاندا، ئالامان يۈسۈپ قارا قۇلاققا «كوپىراتسىيىنىڭ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ بېرىسەن» دەپ تۇرۇۋالدى. كىشىلەر ھەش-پەش دېگۈچە كوپىراتسىيە ئىشخانىسىدىكى بارلىق گېزىت-كىتاب، ھۆججەت-دەپتەرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سەيناغا دۆۋىلىدى. چاچراپ كەتكەن نارەسىدىنىڭ قەبرىسىچىلىك بىر دۆۋە بولدى. ئالامان «كۆيدۈر، ئوت ياق!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق «سەرەڭگە يوق» دەپ تۇرۇۋالدى. نەشىكەشلىكى بىلەن داڭقى چىققان، قىمار ئويناپ ھەتتا بىر قۇلىقىنىمۇ ئۇتتۇرۇۋەتكەن بەكرى چوناق ئۇنىڭ قولىغا سەرەڭگە تۇتقۇزدى. تاغام ھېلى ئۆزى ئوقۇغان كوپىراتسىيە ئەزالىرىنىڭ رويخېتى بار دەپتەرنى تېخىچە تۇتۇپ تۇراتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق سەرەڭگىنى يېقىپ، ئاشۇ دەپتەرگە ئوت ياقتى. تاغام لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دەپتەرنى گېزىت-كىتاب، ھۆججەت-دەپتەر دۆۋىسىگە تاشلىدى. دۆۋىگە ئوت تۇتاشتى. دەسلەپ كۆكۈش ئىس كۆتۈرۈلۈپ، كېيىن يالقۇن كۆتۈرۈلدى ۋە ئۆگزە بويى ئۆرلىدى. مەسۇم تۇمۇچۇق ئاشۇ يەردە قەغەز دېگەننىڭ پۈۋلەپ-يەلپۈمىسىمۇ كۆيىدىغانلىقىغا، تېخى لاۋۇلداپ كۆيىدىغانلىقىغا قاراپ تۇردى. قولىغا ئۇزۇن بىر تاياقنى ئېلىپ قەغەز دۆۋىسىنى ئىلەشتۈردى. ئۇ ھەر قېتىم كوچىلىسا يالقۇن يەنىمۇ ئېگىز ئۆرلەيتتى...
بۇ چاغدا ئەسەبىيلەشكەن ئالامان كوپىراتسىيىنىڭ ئۇرۇقلۇق ئامبىرىنى بۇلاشقا، ئىشخانىلارنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى، بالا-ۋادەكلىرىنى قومۇرۇشقا، ئېغىللارنى چۇۋۇپ، قانچىلىك كۆتۈرەلىسە شۇنچىلىك كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكە باشلىغان، كوپىراتسىيىنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلىشى قىپقىزىل بۇلاڭچىلىققا ئايلانغانىدى. ھەممىگە بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمىدى. كوپىراتسىيىنىڭ تاغام تېخى ئالدىنقى يىلى سالغان قورۇسى بىر دەمدىلا خارابىلىككە ئايلاندى. ئۇ يەردە چالما كېسەكتىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى.
مانا بۇ ئاشۇ يىلى يۈز بەرگەن مەشھۇر «كوپىراتسىيە ۋەقەسى» ئىدى. ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، «كوپىراتسىيە ۋەقەسى» بىزنىڭ «كۆكقۇم»دىلا ئەمەس، پۈتۈن ناھىيەدە، ھەتتا قوشنا ناھىيەلەردىمۇ يۈز بېرىپتۇ. «كۆكقۇم»دىكى «غالىبىيەت»، «قىزىل بايراق»، «بەخت يولى» قاتارلىقلاردىلا ئەمەس، باشقا يەرلەردىكى كوپىراتسىيىلەرمۇ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈش، بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراش قىسمىتىگە دۇچ كەپتۇ. «ۋەقە» دەسلەپ ئىگەرچى دېگەن يەردە قوزغىلىپتۇ. «ئىگەرچى» دېگەن نىياز ھاكىمبەگ ۋاقتىدا «ئات يايلىقى»دا ئات باقتۇرۇپ، «ئىگەرچى»دە ئىگەرلەپ، «تاقىچى»دا تاقىلاپ، «ئاتچى»دا ئات كۆندۈرگەن چاغدا، نىياز ھاكىمبەگنىڭ ئاتلىرىغا ئىگەر ياسىغان جاي ئىكەن. «تاش كېچىك»نىڭ يېنىغا جايلاشقان، يەرلىرى شورلۇق، ئۈنۈمسىز يېزا ئىكەن. كوپىراتسىيىدىن تەگكەن ئازغىنا دارامەت «ئىگەرچى»لىكلەرنىڭ قورسىقىنى باقالماپتۇ. ئىگەرچىلىكلەر ئاچ قېلىشلىرىنى كوپىراتسىيىدىن كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە راسا سېرىقتال ۋاقتىدا 2-رايوننىڭ بىر باشلىقى «ئىگەرچى»دىكى ئۈچ كوپىراتسىيىنىڭ ئەزالىرىنى بىر يەرگە يىغىۋېلىپ «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاشلىقى ساتىسىلەر» دەپ قىستاپتۇ. يۇقىرىدىن شۇنداق ۋەزىپە چۈشكەنىكەن. دېھقانلار كوپىراتسىيىدىن بەرگەن ئاشلىقنىڭ دەپتەرگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى، ئېشىنچا ئاشلىق يوق ئىكەنلىكىنى، تېخى سېرىقتال ۋاقتىدا قازان ئاسالمايۋاتقانلىقىنى، ئەتىگىنىگە تاپسا كەچلىكىگە يوق كۈن ئېلىۋاتقانلىقىنى شىپى كەلتۈرسىمۇ، ھېلىقى رايون باشلىقى ئۇنىماپتۇ. قىستاشلىرىنى توختاتماپتۇ. كادىرلار نۆۋەتلىشىپ ۋەز ئېيتىدىكەن ۋە ھەر بىر كوپىراتسىيە ئەزاسىنى «قانچىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاشلىقى ساتىسەن؟» دەپ سوئال-سوراققا ئالىدىكەن. كادىرلار نۆۋەتلىشىپ دەم ئالىدىكەن ۋە تاماق يېيىشىپ چىقىدىكەن. «بېگىمنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق» دېگەندەك، كۆك توپىدا ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنىپ ئولتۇرغان دېھقانلارنىڭ ئاچ-توقلۇقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن. دېھقانلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ قۇرۇقداپ كېتىپتۇ. ئەمما يىغىن تۈگىمەپتۇ. قىستاشلار پايانىغا يەتمەپتۇ، سوئال-سوراق داۋاملىشىدىكەن. 2-رايوننىڭ ھېلىقى باشلىقى بىر دېھقاننى سوراققا ئاپتۇ:
— ئۆيۈڭدە ئاشلىق بارمۇ-يوق؟
— ئازراق بار، غوجام، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى دېھقان.
— زادى قانچىلىك بار؟
— كۈندە بىر ۋاخ قازان ئاسساق، 15 كۈن يەتكۈدەك ئاشلىق بار، غوجام...
— ئاشۇ ئاشلىقىڭنى تولۇقى بىلەن دۆلەتكە ساتىسەن، ئۇقتۇڭمۇ؟
— ئۇقتۇم، غوجام، ئەمما بالا-چاقىلىرىم نېمە يەيدىكىن...
— بالا-چاقىلىرىڭ ئۈجمە يېسۇن، — دەپتۇ 2-رايوننىڭ ھېلىقى باشلىقى.
ئۈجمە يېسۇن؟ تېخى ئۈجمە پىشمىغان تۇرسا، قارا ئۈجمە قىزىل قولتىقمۇ بولمىغان، ئاق ئۈجمە سۈزۈلمىگەن تۇرسا، قانداق يېگىلى بولىدۇ؟ ھېلىقى دېھقاننى غەم بېسىپتۇ. باشقا دېھقانلارنىمۇ غەم بېسىپتۇ. ئەمما رايون باشلىقى يەنە بىر دېھقاننى سوراق قىلىشقا باشلاپتۇ:
— ئۆيۈڭدە ئاشلىقىڭ بارمۇ-يوق؟
دېھقان ئۈندىمەپتۇ.
— ئاشلىقىڭنى دۆلەتكە سېتىپ بېرەمسەن-يوق؟
يەنە ئۈندىمەپتۇ.
— سەن پاڭمۇ يا گاچا؟ — سوراپتۇ رايون باشلىقى.
دېھقان ئاغزىنى ئۆمەللەشكە باشلاپتۇ. ئاغزىنى ئاچىدىكەن، لەۋلىرىنى مىدىرلىتىدىكەن، لېكىن زۇۋان چىقمايدىكەن. ئۇ كۈچەپ، قىزىرىپ-تاتىرىپ زۇۋان چىقىرىشقا ئۇرۇنىدىكەن، خېلى قىينىلىشتىن كېيىن زۇۋانى چىقىپتۇ. چىققاندىمۇ ۋارقىراپ چىقىپتۇ:
— ياشىسۇن كومپارتىيە!
— نېمە دېدىڭ؟ — سوراپتۇ رايون باشلىقى.
— ياشىسۇن كومپارتىيە! ياشىسۇن كومپارتىيە! — دېھقان شوئار توۋلاشقا باشلاپتۇ.
— مەن سەندىن ساتىدىغان ئاشلىقىڭ قانچىلىك دەپ سورىسام، نېمە دېگىنىڭ بۇ؟
— ياشىسۇن كومپارتىيە!
بۇ ئارىدا توپ ئىچىدە ئولتۇرغان كىمدۇر بىرسى ھېلىقى دېھقاننىڭ شوئارىنىڭ ئاخىرىغا كىچىككىنە قوشۇپ قويۇپتۇ:
— يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
دېھقانلار ئارقىمۇئارقا ۋارقىراشقا باشلاپتۇ:
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
دېھقانلارنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى ئۇلارنى يىغىۋالغان كونا خاماننى بىر ئاپتۇ. ئاستا-ئاستا رەتكىمۇ چۈشۈپتۇ. مىڭلىغان دېھقان كۆك توپىدا ئولتۇرۇپ، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىردەك ئاۋازدا شوئار توۋلايدىكەن:
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
شوئار ساداسى «ئىگەرچى»نىڭ كۆك ئاسمىنىنى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ. يورۇڭقاشنىڭ قىنىدا، كىچىككىنە بىر تارام قارا سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقچىقۇشلار ئۈركۈپ كۆككە كۆتۈرۈلۈپتۇ. رايون باشلىقى ۋە باشقا شەپكە كىيگەن كادىرلار ۋارقىراپمۇ، توپا چېچىپمۇ ئۇلارنىڭ شوئار توۋلىشىنى توختىتالماپتۇ:
— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
دېھقانلار شوئار توۋلاشنى توختاتمايدىكەن، ئارىدا تۇرۇپ-تۇرۇپ: «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلسۇن، كوپىراتسىيىنى تارقىتىپ بەرسۇن، پاي قوشقان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بەرسۇن!» دەپ تەلەپمۇ قويىدىكەن.
شۇ كۈنى ئىلچىدا بازار قىزىيدىغان كۈن بولغاچقا «جىيا»، «سۈي»، «ھاڭگىيا» دېگەن يەرلەردىن بازارغا ماڭغانلار «ئىگەرچى»دىكى ۋەقەنى كۆرۈپتۇ. «ئىلچى»نىڭ بازىرىدا بىر دەمدىلا «ئىگەرچىدە كوپىراتسىيىنى تارقىتىۋېتىپتۇ. ئەمدى ھەممە ئادەم ئۆز يېرىگە ئۆزى ئىشلەيدىكەن» دېگەن گەپ تارقىلىپ كېتىپتۇ. بازاردىن رايون-رايونلارغا، ھەتتا قوشنا ناھىيەلەرگە تارقىلىپتۇ. ھەممە يەردە دېھقانلار «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىرىشىپ، كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا تۇتۇش قىپتۇ...
بۇ خەۋەرنى بىزنىڭ «كۆكقۇم»غا ئاشۇ كۈنى ئىلچىنىڭ بازىرىغا بارغان رەھىم پوۋاش ئېلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ «كۆكقۇم»نىڭ توپىلىق كوچىلىرىدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپ، سۈر ھاڭگىسىنى دېۋىتىپ ئۆتكەنلىكىدىكى سەۋەب شۇنىڭدىن ئىكەن. تاغاملارنىڭ كوپىراتسىيىنىڭ دەپتەر-ھېسابلىرىغا ئوت قويۇپ، پاي قاتقان نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ ئېلىپ كېتىشى — ئەنە شۇ «ئىگەرچى»دە يۈز بەرگەن «ۋەقە»نىڭ داۋامى ئىكەن. ئۇزاق يىللاردىن كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە: تاغام كوپىراتسىيە بىكار قىلىنغان شۇ كۈنى ئۆيگە ئۆزىنىڭ پايغا قېتىلغان ئىككى ئۆكۈز، بىر ئات، ئۈچ ئېشىكىنىلا ئېلىپ كەپتۇ. باشقا ھېچنەرسە ئەكەلمەپتۇ. ئۇرۇقلۇقمۇ، بوقۇسا-بۇيانلاقمۇ ئەكەلمەپتۇ. ئۇ كوپىراتسىيىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا راستتىنلا ئىشىنىدىكەن. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆز يەرلىرىدىكى پاسىل-تىرگەنلەرنى ئېگىزلىتىپ، چېگرا بەلگىلەپ چىقىپتۇ. يېڭىدىن بوقۇسا-بۇيانلاق، ئارا-تاماق دېگەنلەرنى ياساپ، يەرگە ئىشلەشكە كىرىشىپتۇ. روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىكەن. تېخى دىمىغىدا «ئەجەب ئوبدان زامان بولدى» دەپ ناخشا غىڭشىپمۇ قويىدىكەن. ئاھ، دېھقان ئۈچۈن يەردىن ئۆزگە يەنە نېمە كېرەك؟ ئۇنىڭ دۇنياسى شۇ. ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ، ئانىسىمۇ يەر، بايلىق-دۇنياسىمۇ، ئالتۇن-كۈمۈشىمۇ يەر. تىللا-يامبۇ تاپسا يەر ئالىدۇ، كالا-قويلىرى ئاۋۇسا يەرگە تېگىشىدۇ. كۈچ-قۇۋۋىتىنى، ئەقىل-زېھنىنى يەرگە بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ، ئىڭەلەپ چۈشكەن يېرىمۇ شۇ. يەنە شۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. شان-شەرەپمۇ، شادلىق-خۇشاللىقىمۇ يەرگە باغلانغان. ئۇنىڭغا يەنە نېمە كېرەك؟
Yorumlar
Yorum Gönder