تاغام ھەققىدە ھېكايە (2)

(راست ئىشلار خاتىرىسى)

نۇرمۇھەممەت توختى

4

كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا سۈر ھاڭگىغا مىنگەن رەھىم پوۋاش مەھەللىمىزدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپ ئۆتتى. كىشىلەر دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىشتى. رەھىم پوۋاش ئۇلارغا نېمىلەرنىدۇر دەيتتى ۋە ئارقىدىنلا يەنە «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپ، سۈر ھاڭگىنى دېۋىتىپ مېڭىپ كېتەتتى. ئاشۇ ۋارقىرىغىنىچە «كۆكقۇم»نىڭ ھەممە كەنتلىرىنى ئارىلاپ چىقتى. نېمىشقىدۇر ئۇنى ھېچكىم توسمىدى، يۈسۈپ قارا قۇلاقمۇ، دائىم ئالابالداق كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ساقچى ئىلەك جۇلمۇ توسمىدى.

ھەممە كىشى دەرۋازىلىرى ئالدىدا ئىدى. ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشنى ئويلاپمۇ قويۇشمايتتى. ھاياجان بىلەن پىچىرلىشاتتى. تاغاممۇ بوۋام بىلەن پىچىرلىشىپ تۇراتتى. ئاشۇ گەپلەر ئارىسىدىن «خوتەندە كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشىپتۇ، كوپىراتسىيىنىڭ دەپتەر-ھېساباتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، پايغا قاتقان نەرسىلەرنى بۆلۈشۈۋاپتۇ» دېگەن گەپلەرنى ئۇققىلى بولاتتى. تۇرسۇن چالۋاش، ئىمىن كۈشكەل، ياسىن كەس، قۇۋاننىياز چوتلار بوۋاملارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلدى. تاغام بىلەن پىچىرلىشىپ نېمىلەرنىدۇر مەسلىھەتلىشىشكە كىرىشتى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن كوپىراتسىيە تەشكىلىگە قاراپ ماڭدى. بوۋام «ھاي، ھاي، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرمايلى، ۋاي ئەخمەقلەر...» دەپ غۇدۇراپ قالدى. بىز كىچىكلەر قانداقتۇر بىر تاماشىنىڭ يۈز بېرىشىنى تۇيۇپ ئۇلارغا ئەگەشتۇق. كوپىراتسىيە تەشكىلىنىڭ چوڭ قورۇسى چېچەكلىك بولۇپ كەتكەن، باشقىلار ئاللىقاچان يىغىلىپ بولغانىدى. يۈسۈپ قارا قۇلاق بىلەن ئىلەك جۇل ئامبارنىڭ ئىشىكىنى توسۇپ تۇراتتى. كىشىلەر «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىمىز، قاتقان پاينى قايتۇرۇۋالىمىز» دەپ ۋارقىرىشاتتى. ئارىلاپ-ئارىلاپ «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپمۇ قويۇشاتتى. كوپىراتسىيە مۇدىرى يۈسۈپ قارا قۇلاق: «كوپىراتسىيە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن قۇرۇلغان، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشقا ھەددىڭلارمۇ سىلەرنىڭ؟» دەپ دوق قىلاتتى. كىشىلەر جاۋابەن: «خوتەندە كوپىراتسىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. بىز نېمىشقا ئەمەلدىن قالدۇرمىغۇدەكمىز، كوپىراتسىيە بولغۇڭ كەلسە سەن ئۆزۈڭلا بولۇۋال» دەپ ۋارقىرىشاتتى. يەنە بەزىلەر: «كوپىراتسىيە بولۇپ قانچىلىك دارامەت تەگدى بىزگە، مانا سېرىقتال ۋاقتىدا ئاچ قالدۇق. سەن گېلىمىزنى باقالايتتىڭمۇ؟» دەپ ۋارقىرايتتى. غەلۋە، دوق، تاپا-تەنە خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى. شۇ ئارىدا تاغام ھەقەمسايىلىرى بىلەن غەلۋە قىلىۋاتقانلاردىن ئايرىلىپ كوپىراتسىيە قورۇسىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار خۇددى جېدەل-ماجىراغا ئارىلىشىشنى خالىماي ئۆيلىرىگە كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتمەي ئۇلار يەنە قايتىپ كەلدى.

ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلار ئون-ئون بەشچە كىشى «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىش خېلى چوڭ ئىش. بۇنداق ئىشنى قىلىشتا يۇرت ئاتىسىدىن رازىلىق ئالماق كېرەك» دېيىشىپ، ھېلىم ئاتا دېگەن بوۋاينى ئىزدەپ بېرىشىپتۇ. ھېلىم ئاتا شۇ يىللاردا 102 ياشتىن ئاشقان، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولسىمۇ، پۇت-قولىدا ماغدۇر قالمىغاچقا مەسچىتكە بارالماي، ئۆيدىلا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرىدىغان، پۈتۈن يۇرت «ئاتا دېسە ئاتا» دەپ ھۆرمەتلەپ، يوقلاپ خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان، چاچ-ساقاللىرىلا ئەمەس، قاش-كىرپىكلىرىمۇ ئاقارغان، خىزىردەك پاكىز قېرىغان ئادەم ئىكەن. ئۇلۇغۋار بېشى «بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇشۇنچىلىك، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاشۇنچىلىك» دېگەندەك توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇرىدىكەن. ئاشۇ ھېلىم ئاتا تاغاملارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ھازا جىمىپ كېتىپتۇ. ئۇزاق سۈكۈناتتىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ: «كومپارتىيە مۇشتۇمزور، زومىگەرلەرنىڭ ئەدىپىنى بەردى، يەرلەرنى قايتا تەقسىملەپ، يوقسۇللارنى زېمىنغا ئىگە قىلدى. يۇرتتا ئادالەتنى يولغا قويدى. يامان يولغا باشلىماسلىقىدىن ئۈمىد چوڭ. ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ توغرا بولماي قالغانلىقىنى سەزگەندە، ئۆزى تۈزىتەلەيدۇ. 15-20 يىلغا بارماي يەرلەرنى يەنە سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ ئاتىكاتىچىلىق، ئالدىراشلىق قىلىپ، كوپىراتسىيىنىڭ ئۆسمىگەن قۇيرۇقىنى يۇڭدىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق...» دەپ تاغاملارنىڭ كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشىغا رازىلىق بەرمەپتۇ. يەنە تېخى سەۋر قىلىشنى، سەۋر قىلسا غورىدىن ھالۋا پىشىدىغانلىقىنى، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىپتۇ. ھېلىم ئاتا ئاشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆپنى كۆرگەن بېشى توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇرۇپتۇ. تاغاملار ھېلىم ئاتىنىڭ يېنىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن ھېلىم ئاتىنىڭ سۆزلىرىگە ئۆزلىرىچە تەبىر بېرىشىپتۇ. «ھېلىم ئاتا ئاشۇنداق دېگەن بولسىمۇ، بېشىنى ئىرغاڭلىتىپ رازىلىق بەردى» دەپ قارىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ كوپىراتسىيە قورۇسىغا يېنىپ كېلىشى شۇنىڭدىن ئىكەن...

ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كوپىراتسىيە قورۇسىدىكى غەلۋە-ماجىرا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر يۈسۈپ قارا قۇلاقنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ: «كوپىراتسىيىنى ئۆزۈڭ قۇرغان، يەنە ئۆز قولۇڭ بىلەن تارقىتىسەن» دەپ قىستايتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق بولسا ھۆكۈمەت نامىدىن دوق قىلاتتى. نېمىلەرنىدۇر دەپ رەت قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭغا بولغان قىستاق تېخىمۇ چىڭىپ كېلەتتى. بېقىنلىرىغا ئانچە-مۇنچە مۇشت-تېپىكمۇ تەگدى. قارىغاندا ئۇرۇش-جېدەل بولىدىغاندەك، قارا قۇلاقلار جەمەتى بىلەن باشقا يۇرتداشلار ئۇرۇشۇپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. ئۈچ-تۆت ئائىلىلىك قارا قۇلاقلار باشقا جەمەتلەرگە — كەسلەرگە، چالۋاشلارغا، چوتلارغا، تېكىلەرگە تەڭ كېلەلىسۇنمۇ؟ ئىلەك جۇل، يۈسۈپ كالتىلەر نەگە كەتتى؟ يۈسۈپ كالتىمۇ ئاشۇ يەردە «كوپىراتسىيىنى تارقىتىپ بەرسۇن» دەپ ۋارقىراپ يۈرەتتى. قارا قۇلاقنى قوغدايدىغان، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولىدىغان ئادەم قالمىغانىدى. ئۇ ئاخىر باش ئەگدى. بۇ چاغدا كىشىلەر كوپىراتسىيىنىڭ ئىشخانىسىدىن ھېسابات دەپتەرلەر قاچىلانغان ئىشكاپ، شىرەلەرنى ھويلىغا ئەچىقىپ بولغان بولۇپ، «ئاچقۇچ، ئاچقۇچ قېنى؟» دەپ ۋارقىرىشىپ يۈرەتتى. بوغالتىر بالا نەگىدۇر قېچىپ كەتكەنىدى. قارا قۇلاق ئاچقۇچنىڭ بوغالتىردا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. ئۇ ئاچقۇچ بولمىسا، كىشىلەر ھېسابات دەپتەرنى ئالالماس دەپ ئويلايتتى. ئەمما ئالاماننىڭ كۈچى تاغام ئەتكەن ئاشۇ ئىشكاپ-شىرەلەرنى بىر دەمدىلا چېقىپ تاشلىدى. ھېساباتنى يۈسۈپ قارا قۇلاققا تۇتقۇزدى. «ئوقۇ، كىم قانچىلىك يەرنى پايغا قوشتى؟ پايغا قوشقان كالا-ئۆكۈز قانچە؟ ئات-ئېشىكى قانچە؟ ئوقۇ!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. كىشىلەر قارا قۇلاقنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى، جاڭگالدا تىمىسقىلاپ يۈرىدىغان قارا قۇلاقتەك قاراتۈرك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقانىدى. ئۇنىڭ خەت ئوقۇيدىغان كۆزى، سۆز قىلىدىغان ئاغزى بولۇپ كەلگەن بوغالتىر بالا قېچىپ كەتكەن، ساۋاتسىز ئادەم قانداق ئوقۇسۇن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خەت ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالغاندا، كىشىلەر بىردىن تېڭىرقاپ قالدى. ئارقىدىنلا «خەت تونۇمايدىغان نېمەڭگە مۇدىر بولۇپ نېمە قىلاتتىڭ بايقۇش» دەپ ۋارقىرىغانلارمۇ بولدى. ئەمما تاپا-تەنە قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ئىدى. خەت ئوقۇيالايدىغان ئادەم تېپىش كېرەك ئىدى. تاغام: «ئەكېلىڭلار دەپتەرنى، مەن ئوقۇيمەن» دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. كىشىلەر ئۇنىڭ خەت ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشىپ، ئۇھ دېيىشتى. كىشىلەر يۈسۈپ قارا قۇلاقنى شىرە ئۈستىگە چىقىرىپ، ئۇنى تاغام ئوقۇغان ھەر بىر ئات، لەقەم، پاي قوشقان نەرسە تىزىملىكىنى جاكارلاشقا بۇيرۇدى. تاغام ھېسابات دەپتىرىدىكى نەرسىلەرنى ئوقۇيتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلايتتى. دەسلەپ كوپىراتسىيىگە كىرگەن ئىلەك جۇل بىلەن يۇسۇن كالتىنىڭ پايغا قاتقان نەرسىلىرى جاكارلاندى. ئۇلار ئۆزلىرى پايغا قاتقان بىردىن ئېشەكنى كوپىراتسىيە ئېغىلىدىن يېتىلەپ چىقىشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىمنىڭدۇر نامى جاكارلاندى. ئۇ قىسماق مۈڭگۈزلۈك ئۆكۈزنى يېتىلەپ چىقتى. سۈرئەت ئاستا بولۇۋاتاتتى.

ئالامان تەخىر قىلالمىدى. جاكارلانمىسىمۇ ئات-ئۆكۈزلىرىنى يېتىلەپ چىقىشقا، بوقۇسا-بۇيانلاقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇلاڭ-تالاڭ باشلاندى. ئەمما بۇ بۇلاڭ-تالاڭدا ھەممە كىشى ئۆز نەرسىلىرىنىلا ئېلىۋاتاتتى. بالىلار، ئاياللار ئۆكۈز، ئات، ئېشەك يېتىلەپ، نەرسە-كېرەك كۆتۈرۈپ ئۆيلىرىگە بىر-ئىككى قېتىمدىن بېرىپ كەلدى. چوڭلار مىدىرلىمايتتى. ھەممە نېمە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ كوپىراتسىيىنىڭ ئېغىل-قوتانلىرى قۇرۇقدىلىپ بولغاندا، ئالامان يۈسۈپ قارا قۇلاققا «كوپىراتسىيىنىڭ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ بېرىسەن» دەپ تۇرۇۋالدى. كىشىلەر ھەش-پەش دېگۈچە كوپىراتسىيە ئىشخانىسىدىكى بارلىق گېزىت-كىتاب، ھۆججەت-دەپتەرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سەيناغا دۆۋىلىدى. چاچراپ كەتكەن نارەسىدىنىڭ قەبرىسىچىلىك بىر دۆۋە بولدى. ئالامان «كۆيدۈر، ئوت ياق!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق «سەرەڭگە يوق» دەپ تۇرۇۋالدى. نەشىكەشلىكى بىلەن داڭقى چىققان، قىمار ئويناپ ھەتتا بىر قۇلىقىنىمۇ ئۇتتۇرۇۋەتكەن بەكرى چوناق ئۇنىڭ قولىغا سەرەڭگە تۇتقۇزدى. تاغام ھېلى ئۆزى ئوقۇغان كوپىراتسىيە ئەزالىرىنىڭ رويخېتى بار دەپتەرنى تېخىچە تۇتۇپ تۇراتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق سەرەڭگىنى يېقىپ، ئاشۇ دەپتەرگە ئوت ياقتى. تاغام لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دەپتەرنى گېزىت-كىتاب، ھۆججەت-دەپتەر دۆۋىسىگە تاشلىدى. دۆۋىگە ئوت تۇتاشتى. دەسلەپ كۆكۈش ئىس كۆتۈرۈلۈپ، كېيىن يالقۇن كۆتۈرۈلدى ۋە ئۆگزە بويى ئۆرلىدى. مەسۇم تۇمۇچۇق ئاشۇ يەردە قەغەز دېگەننىڭ پۈۋلەپ-يەلپۈمىسىمۇ كۆيىدىغانلىقىغا، تېخى لاۋۇلداپ كۆيىدىغانلىقىغا قاراپ تۇردى. قولىغا ئۇزۇن بىر تاياقنى ئېلىپ قەغەز دۆۋىسىنى ئىلەشتۈردى. ئۇ ھەر قېتىم كوچىلىسا يالقۇن يەنىمۇ ئېگىز ئۆرلەيتتى...

بۇ چاغدا ئەسەبىيلەشكەن ئالامان كوپىراتسىيىنىڭ ئۇرۇقلۇق ئامبىرىنى بۇلاشقا، ئىشخانىلارنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى، بالا-ۋادەكلىرىنى قومۇرۇشقا، ئېغىللارنى چۇۋۇپ، قانچىلىك كۆتۈرەلىسە شۇنچىلىك كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكە باشلىغان، كوپىراتسىيىنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلىشى قىپقىزىل بۇلاڭچىلىققا ئايلانغانىدى. ھەممىگە بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمىدى. كوپىراتسىيىنىڭ تاغام تېخى ئالدىنقى يىلى سالغان قورۇسى بىر دەمدىلا خارابىلىككە ئايلاندى. ئۇ يەردە چالما كېسەكتىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى.

مانا بۇ ئاشۇ يىلى يۈز بەرگەن مەشھۇر «كوپىراتسىيە ۋەقەسى» ئىدى. ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، «كوپىراتسىيە ۋەقەسى» بىزنىڭ «كۆكقۇم»دىلا ئەمەس، پۈتۈن ناھىيەدە، ھەتتا قوشنا ناھىيەلەردىمۇ يۈز بېرىپتۇ. «كۆكقۇم»دىكى «غالىبىيەت»، «قىزىل بايراق»، «بەخت يولى» قاتارلىقلاردىلا ئەمەس، باشقا يەرلەردىكى كوپىراتسىيىلەرمۇ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈش، بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراش قىسمىتىگە دۇچ كەپتۇ. «ۋەقە» دەسلەپ ئىگەرچى دېگەن يەردە قوزغىلىپتۇ. «ئىگەرچى» دېگەن نىياز ھاكىمبەگ ۋاقتىدا «ئات يايلىقى»دا ئات باقتۇرۇپ، «ئىگەرچى»دە ئىگەرلەپ، «تاقىچى»دا تاقىلاپ، «ئاتچى»دا ئات كۆندۈرگەن چاغدا، نىياز ھاكىمبەگنىڭ ئاتلىرىغا ئىگەر ياسىغان جاي ئىكەن. «تاش كېچىك»نىڭ يېنىغا جايلاشقان، يەرلىرى شورلۇق، ئۈنۈمسىز يېزا ئىكەن. كوپىراتسىيىدىن تەگكەن ئازغىنا دارامەت «ئىگەرچى»لىكلەرنىڭ قورسىقىنى باقالماپتۇ. ئىگەرچىلىكلەر ئاچ قېلىشلىرىنى كوپىراتسىيىدىن كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە راسا سېرىقتال ۋاقتىدا 2-رايوننىڭ بىر باشلىقى «ئىگەرچى»دىكى ئۈچ كوپىراتسىيىنىڭ ئەزالىرىنى بىر يەرگە يىغىۋېلىپ «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاشلىقى ساتىسىلەر» دەپ قىستاپتۇ. يۇقىرىدىن شۇنداق ۋەزىپە چۈشكەنىكەن. دېھقانلار كوپىراتسىيىدىن بەرگەن ئاشلىقنىڭ دەپتەرگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى، ئېشىنچا ئاشلىق يوق ئىكەنلىكىنى، تېخى سېرىقتال ۋاقتىدا قازان ئاسالمايۋاتقانلىقىنى، ئەتىگىنىگە تاپسا كەچلىكىگە يوق كۈن ئېلىۋاتقانلىقىنى شىپى كەلتۈرسىمۇ، ھېلىقى رايون باشلىقى ئۇنىماپتۇ. قىستاشلىرىنى توختاتماپتۇ. كادىرلار نۆۋەتلىشىپ ۋەز ئېيتىدىكەن ۋە ھەر بىر كوپىراتسىيە ئەزاسىنى «قانچىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاشلىقى ساتىسەن؟» دەپ سوئال-سوراققا ئالىدىكەن. كادىرلار نۆۋەتلىشىپ دەم ئالىدىكەن ۋە تاماق يېيىشىپ چىقىدىكەن. «بېگىمنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق» دېگەندەك، كۆك توپىدا ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنىپ ئولتۇرغان دېھقانلارنىڭ ئاچ-توقلۇقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن. دېھقانلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ قۇرۇقداپ كېتىپتۇ. ئەمما يىغىن تۈگىمەپتۇ. قىستاشلار پايانىغا يەتمەپتۇ، سوئال-سوراق داۋاملىشىدىكەن. 2-رايوننىڭ ھېلىقى باشلىقى بىر دېھقاننى سوراققا ئاپتۇ:

— ئۆيۈڭدە ئاشلىق بارمۇ-يوق؟

— ئازراق بار، غوجام، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى دېھقان.

— زادى قانچىلىك بار؟

— كۈندە بىر ۋاخ قازان ئاسساق، 15 كۈن يەتكۈدەك ئاشلىق بار، غوجام...

— ئاشۇ ئاشلىقىڭنى تولۇقى بىلەن دۆلەتكە ساتىسەن، ئۇقتۇڭمۇ؟

— ئۇقتۇم، غوجام، ئەمما بالا-چاقىلىرىم نېمە يەيدىكىن...

— بالا-چاقىلىرىڭ ئۈجمە يېسۇن، — دەپتۇ 2-رايوننىڭ ھېلىقى باشلىقى.

ئۈجمە يېسۇن؟ تېخى ئۈجمە پىشمىغان تۇرسا، قارا ئۈجمە قىزىل قولتىقمۇ بولمىغان، ئاق ئۈجمە سۈزۈلمىگەن تۇرسا، قانداق يېگىلى بولىدۇ؟ ھېلىقى دېھقاننى غەم بېسىپتۇ. باشقا دېھقانلارنىمۇ غەم بېسىپتۇ. ئەمما رايون باشلىقى يەنە بىر دېھقاننى سوراق قىلىشقا باشلاپتۇ:

— ئۆيۈڭدە ئاشلىقىڭ بارمۇ-يوق؟

دېھقان ئۈندىمەپتۇ.

— ئاشلىقىڭنى دۆلەتكە سېتىپ بېرەمسەن-يوق؟

يەنە ئۈندىمەپتۇ.

— سەن پاڭمۇ يا گاچا؟ — سوراپتۇ رايون باشلىقى.

دېھقان ئاغزىنى ئۆمەللەشكە باشلاپتۇ. ئاغزىنى ئاچىدىكەن، لەۋلىرىنى مىدىرلىتىدىكەن، لېكىن زۇۋان چىقمايدىكەن. ئۇ كۈچەپ، قىزىرىپ-تاتىرىپ زۇۋان چىقىرىشقا ئۇرۇنىدىكەن، خېلى قىينىلىشتىن كېيىن زۇۋانى چىقىپتۇ. چىققاندىمۇ ۋارقىراپ چىقىپتۇ:

— ياشىسۇن كومپارتىيە!

— نېمە دېدىڭ؟ — سوراپتۇ رايون باشلىقى.

— ياشىسۇن كومپارتىيە! ياشىسۇن كومپارتىيە! — دېھقان شوئار توۋلاشقا باشلاپتۇ.

— مەن سەندىن ساتىدىغان ئاشلىقىڭ قانچىلىك دەپ سورىسام، نېمە دېگىنىڭ بۇ؟

— ياشىسۇن كومپارتىيە!

بۇ ئارىدا توپ ئىچىدە ئولتۇرغان كىمدۇر بىرسى ھېلىقى دېھقاننىڭ شوئارىنىڭ ئاخىرىغا كىچىككىنە قوشۇپ قويۇپتۇ:

— يوقالسۇن كوپىراتسىيە!

دېھقانلار ئارقىمۇئارقا ۋارقىراشقا باشلاپتۇ:

— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!

دېھقانلارنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى ئۇلارنى يىغىۋالغان كونا خاماننى بىر ئاپتۇ. ئاستا-ئاستا رەتكىمۇ چۈشۈپتۇ. مىڭلىغان دېھقان كۆك توپىدا ئولتۇرۇپ، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىردەك ئاۋازدا شوئار توۋلايدىكەن:

— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!

شوئار ساداسى «ئىگەرچى»نىڭ كۆك ئاسمىنىنى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ. يورۇڭقاشنىڭ قىنىدا، كىچىككىنە بىر تارام قارا سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقچىقۇشلار ئۈركۈپ كۆككە كۆتۈرۈلۈپتۇ. رايون باشلىقى ۋە باشقا شەپكە كىيگەن كادىرلار ۋارقىراپمۇ، توپا چېچىپمۇ ئۇلارنىڭ شوئار توۋلىشىنى توختىتالماپتۇ:

— ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!

دېھقانلار شوئار توۋلاشنى توختاتمايدىكەن، ئارىدا تۇرۇپ-تۇرۇپ: «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلسۇن، كوپىراتسىيىنى تارقىتىپ بەرسۇن، پاي قوشقان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بەرسۇن!» دەپ تەلەپمۇ قويىدىكەن.

شۇ كۈنى ئىلچىدا بازار قىزىيدىغان كۈن بولغاچقا «جىيا»، «سۈي»، «ھاڭگىيا» دېگەن يەرلەردىن بازارغا ماڭغانلار «ئىگەرچى»دىكى ۋەقەنى كۆرۈپتۇ. «ئىلچى»نىڭ بازىرىدا بىر دەمدىلا «ئىگەرچىدە كوپىراتسىيىنى تارقىتىۋېتىپتۇ. ئەمدى ھەممە ئادەم ئۆز يېرىگە ئۆزى ئىشلەيدىكەن» دېگەن گەپ تارقىلىپ كېتىپتۇ. بازاردىن رايون-رايونلارغا، ھەتتا قوشنا ناھىيەلەرگە تارقىلىپتۇ. ھەممە يەردە دېھقانلار «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىرىشىپ، كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا تۇتۇش قىپتۇ...

بۇ خەۋەرنى بىزنىڭ «كۆكقۇم»غا ئاشۇ كۈنى ئىلچىنىڭ بازىرىغا بارغان رەھىم پوۋاش ئېلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ «كۆكقۇم»نىڭ توپىلىق كوچىلىرىدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپ، سۈر ھاڭگىسىنى دېۋىتىپ ئۆتكەنلىكىدىكى سەۋەب شۇنىڭدىن ئىكەن. تاغاملارنىڭ كوپىراتسىيىنىڭ دەپتەر-ھېسابلىرىغا ئوت قويۇپ، پاي قاتقان نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ ئېلىپ كېتىشى — ئەنە شۇ «ئىگەرچى»دە يۈز بەرگەن «ۋەقە»نىڭ داۋامى ئىكەن. ئۇزاق يىللاردىن كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە: تاغام كوپىراتسىيە بىكار قىلىنغان شۇ كۈنى ئۆيگە ئۆزىنىڭ پايغا قېتىلغان ئىككى ئۆكۈز، بىر ئات، ئۈچ ئېشىكىنىلا ئېلىپ كەپتۇ. باشقا ھېچنەرسە ئەكەلمەپتۇ. ئۇرۇقلۇقمۇ، بوقۇسا-بۇيانلاقمۇ ئەكەلمەپتۇ. ئۇ كوپىراتسىيىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا راستتىنلا ئىشىنىدىكەن. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆز يەرلىرىدىكى پاسىل-تىرگەنلەرنى ئېگىزلىتىپ، چېگرا بەلگىلەپ چىقىپتۇ. يېڭىدىن بوقۇسا-بۇيانلاق، ئارا-تاماق دېگەنلەرنى ياساپ، يەرگە ئىشلەشكە كىرىشىپتۇ. روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىكەن. تېخى دىمىغىدا «ئەجەب ئوبدان زامان بولدى» دەپ ناخشا غىڭشىپمۇ قويىدىكەن. ئاھ، دېھقان ئۈچۈن يەردىن ئۆزگە يەنە نېمە كېرەك؟ ئۇنىڭ دۇنياسى شۇ. ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ، ئانىسىمۇ يەر، بايلىق-دۇنياسىمۇ، ئالتۇن-كۈمۈشىمۇ يەر. تىللا-يامبۇ تاپسا يەر ئالىدۇ، كالا-قويلىرى ئاۋۇسا يەرگە تېگىشىدۇ. كۈچ-قۇۋۋىتىنى، ئەقىل-زېھنىنى يەرگە بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ، ئىڭەلەپ چۈشكەن يېرىمۇ شۇ. يەنە شۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. شان-شەرەپمۇ، شادلىق-خۇشاللىقىمۇ يەرگە باغلانغان. ئۇنىڭغا يەنە نېمە كېرەك؟

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك