پىنھاندىكى پىچىرلاش2 (شېئىر)

 ئايتۇغ


سۆيىمەن بىر سېنى،سۆيمىسەڭمۇ گەر،

ئۆمۈرلۈك نىشانىم ۋەسلىڭنى كۈتۈش.

مەيلىڭدىن بىشارەت بەرمىسەڭمۇ گەر،

قارارى-ئەھدىمگە ياتتۇر ئۆكۈنۈش.


سەن ئۈچۈن گۈل تەردىم پىنھان بېغىمغا،

ئىپتىخار-پەخرىمدۇر سۇغۇرۇپ ئۆتۈش.

چۈشكىچە قرولار سۈمبول چېچىمغا،

بىر نىسىپ بولسىدى سۈيۈش-سۈيۈلۈش.


ئېھتىمال بۇ يۈرەك كىتەر يېرىلىپ،

پەيتلىرى كەلگەندە باغرىڭغا چۆكۈش.

شۇنداقلا نۇرغۇن سىر كىتەر يېشىلىپ،

ئىمكانىم بولغاندا دەردىمنى تۆكۈش...


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك