31-ئىيۇل (شېئىر)
ئايتۇغ
دەرەخلەر جىم، شاماللارمۇ جىم،
بۇلۇتلاردا ئېغىر سۈكۈنات.
غەزەپلەنگەن قۇياش تەپتىدىن،
ئۇخلىغاندەك بارچە كائىنات.
ئېتىزلار جىم، خامانلارمۇ جىم،
يۇلغۇنمۇ جىم خۇددى توقايدەك.
قۇمئېرىقتا ئاقار ئىسسىق سۇ،
كۈلۈپ تۇرغان مىسكىن بوۋايدەك.
بۇلاقمۇ جىم، ئېقىنلارمۇ جىم،
شىلدىرلىماس تۇنجۇققان سۇلار.
قەلەممۇ ئوت، قەغەزلەرمۇ ئوت،
تۇتقۇن مىسرا،چاڭقىغان ھىسلار.
توختاپ قالدى سۈكۈتتە ۋاقىت،
ئاچالمىغاچ ھارغىن كۆزىنى.
تېنەپ يۈرەر پەقەت بىر شائىر،
تاپالمىغاچ تېخى ئۆزىنى.
2012.7.31
Yorumlar
Yorum Gönder