سەھرا (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
كەلگەندە قايتىشنى ئۇنۇتتى كۆڭۈل،
دېمەككى، رۇخسارىڭ مېنى قىلدى رام.
ئارمىنىم تۈگىدى، ئىككى مەڭزىم ھۆل،
ۋىسال مەلھىمىڭگە ئېرىشتى يارام.
پاكار ئۆيلىرىڭدە تاغنىڭ قامىتى،
يىراقلىق ئارىغا سوقالمىدى تام.
ئەپسۇس، ياشلىقنىڭ ئاپپاق ۋارىقى،
سەنسىز نەچچە يىللار بولدۇم بىئارام.
ئېرىق-ئۆستەڭلەردە زەمزەم تۈگىمەس،
يۇلغۇنۇڭ تۈۋىدە ئالىمەن ئارام.
سېنى دەپ جان بېرىش ماڭا غەم ئەمەس،
شەنىڭگە ھەر جايدا كۆتۈرىمەن جام…
Yorumlar
Yorum Gönder