بۇ غەمسىز شامالنىڭ ناخشىسى ئەمەس (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
تاشلار سۇ بولىدۇ يۇلتۇزلار ئاقسا
ماشىنا ئۆلىدۇ شېئىر يېزىلسا
قارىشىپ تۇرىدۇ يەر بىلەن ئاسمان...
كۆزۈڭگە قارىسام قورقۇپ كېتىمەن،
سايرايدۇ قان قۇسۇپ بىر گاچا بۇلبۇل.
كۆڭۈل بىر ۋەيرانە قەلەندەرخانا،
شادلىقنىڭ كىيىمى يىرتىق ۋە جۇل- جۇل.
قار ياغقان تېنىڭدە مۇزلار خىيالىم
ئوراشقا كېپەن يوق، مېنى قۇچاقلا.
چىۋىننىڭ كۆزىدە كۆر مېنى بىر رەت،
نىجاسەت ئۈستىگە ئۆزۈڭنى تاشلا.
ئەڭ پەسكەش كوچىدا سەن بەلكىم چىراغ،
يورۇتقىن مەن ئۈچۈن ئالەمنى پارلاق.
بىل مېنى سۈپسۈزۈك يامغۇر تامچىسى
بولساڭ سەن چۆلدىكى يېگانە شىۋاق.
ئورنىدىن تۇرغاندەك ئۇيقۇلۇق تاغلار
خىيالدىن ئازغاندەك ھەسرەتلىك دەريا
تۇيۇقسىز كۆزىنى ئاچقاندەك قۇياش
كەلگىن ئەي، سەن مېنى ئالەمگە باشلا...
بۇ غەمسىز شامالنىڭ ناخشىسى ئەمەس،
بۇ غېرىب شائىرنىڭ يارنى كۈتۈشى.
يىرتىلغان ئەتلەستەك گۈللۈك تەقدىرى
مىڭ يىللىق پىراقتا يېنىپ ئۆچۈشى!
2005- يىل ئىيۇن. گۇما
Yorumlar
Yorum Gönder