نىتەي، ئاللاھ (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


نىتەي، ئاللاھ...

نىتەي، قەيەرگە قوياي بۇ جاننى

ئەلەمگە رەڭداش قىلدى سۇلتانىم قاننى.

نىتەي، ئاللاھ

قۇياشتا جەم قىلىپ چاچتى يۇلتۇزدەك

تەرەپ- تەرەپكە كۇللى ئىنساننى.

بۇ ئالەمگە بولسۇن دەپ زىننەت

كىيگۈزدى قەلەندەرگە ئەسكى چاپاننى.

يوق مېنىڭ ھەتتاكى ئەسكى چاپىنىم،

قۇم- بوران ئاستىدا تىلسىز، نىداسىز

مۇھەببەت ئىلكىدە ئوتسىز، لاۋاسىز

ھاياتتىن خەۋەر يوق ھەمدە قازاسىز

بەردى ئەبەدىلىك تەكلىماكاننى.

كېتىدۇ ھەركىشى ماكان بولمىسا،

كەتكۈدەك ماكان يوق، لېكىن كېتىمەن.

قارا كۆز يارىم

دىۋانە بولمايىتتىم سېنى دېمىسەم.

كېتىمەن قۇپقۇرۇق خۇرجۇننى يۈدۈپ

تەكلىماكانغا،

كېلىمەن سۇلتان بولۇپ ئەگەر ئۆلمىسەم.

                         2006- يىل ماي. گۇما

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك