باردۇر (شېئىر)
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشمىز باردۇر.
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىققانىمىز باردۇر.
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەب چاققانىمىز باردۇر.
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىايىمىز باردۇر.
يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.
قېلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا، توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.
قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.
لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.
مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.
ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قۇيغانىمىز باردۇر.
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.
تونۇر سەللە، نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتامىنىز باردۇر.
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.
1921-يىلى
Yorumlar
Yorum Gönder