ئىىسمىڭنى مىخلىدىم قاخشال يۈرەككە (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
ئىىسمىڭنى مىخلىدىم قاخشال يۈرەككە
چىرايىڭ بۇلۇتتىن كېلەر لەپىلدەپ.
چاچلىرىڭ چاپتۇرغان قىقاس - سۈرەندە
قارىغۇ خىياللار تۇرار كىكەچلەپ.
چۆللەرنى يىتىلەپ يۈرەر ئاۋازىڭ
قىپقىزىل كۆڭلىكىڭ ياڭرايدۇ تاڭدا.
بارمىقىڭ ھثلىمۇ چالىدۇ جاننى
ئۆلۈمدەك خۇشخۇي ۋە قىزغىن ئاھاڭدا...
سوغۇق ئاي ئەينەكتە ياتار يالىڭاچ،
سامادا جىمىرلاپ يانار بىر جەسەد.
ئاھ سەندە ئۇلغايغان دوزاخلار ئۈچۈن
جانانىم، ئوت بولۇپ ياناي تا ئەبەد!
2010- يىلى 25 - ئاپرېل. خوتەن
Yorumlar
Yorum Gönder