قىزىمغا (شېئىر)
ئايتۇغ
ساڭا مىھرىم بىر دەريا قىزىم،
ئۇندا غەمسىز ئۈزۈپ يۈرگەيسەن.
سەن ھاياتقا قالدۇرغان ئىزىم،
يوللىرىمنى داۋام ئەتكەيسەن.
سەن بىلەن تەڭ تۇغۇلغان سىزىم،
كۈچ-ھارارەت بېرەر جىسمىمغا.
سەن بىلەن تەڭ بىخلانغان ھىسىم،
باشلار مىنى ئىللىق ئىقلىمغا.
مىھىر نىمە؟،مۇھەببەت نىمە؟،
تونۇپ يەتتىم گۇڭراشلىرىڭدىن.
ئاھ،!دىللىرىم كەلدى لەرزىگە،
گاھى كۈلۈپ يىغلاشلىرىڭدىن.
سەن تۇغۇلغان شۇ كۈندىن بېرى،
بەردىڭ ماڭا چەكسىز خوشاللىق.
مىيۇنلىغان ئانىلار كەبى،
تىلەپ كەلدىم ساڭا ئامانلىق.
جېنىم قىزىم بولغىن سالامەت،
ھايا بىلەن تاپقىن كامالەت.
شۇم كۆزلەردىن ساقلىسۇن ئاللاھ،
نۇسرەت تېپىپ ئۆرلە داۋامەت.
Yorumlar
Yorum Gönder