ھازىرقى زامان تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

 زۆھرەگۈل ھامۇت


ھەر كۈنى تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، چەت ئەل ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھەم يېڭى ھەم قىزىقارلىق ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن، جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازى يارىتىلغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە VCD پىلاستىنكىلىرىنى كۆرگىنىمدە، شۇ مىللەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە فىلىمى تەرەققىيات سۈرئىتىگە ئۆزلۈكسىز قايىل بولماي تۇرالمايمەن. چەت ئەل ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نادىر تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ماڭا ئۆزگىچە بەدىئىي زوق بېغىشلىسا، خەلقىمنىڭ شادلىقى ۋە قايغۇسى، ھاياتلىقى ۋە ماماتلىقى، گاھ سەھرا تۇرمۇشى، گاھ شەھەر مۇھىتىدا كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇۋاتقان ھوقۇقپەرەسلىك، پارىخورلۇق، ئەتكەسچىلىكتەك رەزىللىكلەر ۋە مىللىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرى مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. سەۋەبى ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىمىزغا يېقىنلىقىدا.

بىراق سېنارىيە يازغۇچىلىقىمىز ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىز تېخى بىخ ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. «تىمتاس گۈگۈم»، «تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن» قاتارلىق بىرنەچچە فىلىم كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەندى. ھالبۇكى، مىللىتىمىز ئىچىدە دادىللىق بىلەن 20–30 قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە سېنارىيەسى يېزىپ باققان سېنارىستلار ۋە سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تېخىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق. سېنارىست ۋە ئاكتىيورلىرىمىز مىللىتىمىز تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىزدەنمەكتە. بۇ قەدەم ئاساسلىقى ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى VCD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەشتىن باشلىنىۋاتىدۇ، ھەم بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ياخشى فىلىملەر مەيدانغا كەلدى. ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، كىشىلەرگە ھېچقانداق بەدىئىي زوق بېغىشلىيالمايدىغان ناچار فىلىملەرمۇ ئىشلىنىپ، فىلىمچىلىقىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويدى. بەزى تەنقىدچىلىرىمىز بۇ ھەقتە ياخشى ئوبزورلارنى ئېلان قىلدۇرغان بولسىمۇ، يەنە بەزى ئوبزورلارنىڭ كىشىنى قايىل قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس.

«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 5-سانىدا بېرىلگەن زۈمرەت قېيۇمنىڭ «”ئانا قەدرى“ ۋە ”ئۈنسىز يىغا“ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» ناملىق ئوبزورى دەل شۇ تىپتىكى تەنقىدىي ئەسەردۇر.

ئوبزوردا «ئانا قەدرى» فىلىمى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئۆز كېلىنىنىڭ كۆز ئالدىدا يات بىر ئەر كىشى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قارشىلىق بىلدۈرەلمىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇرغا سىغدۇرماق تەس. ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەرگىزمۇ يۈرىكىنى يېرىپ چىققان ئوغلىنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىغا داغ چۈشۈرىدىغان قىلمىشقا چىداپ تۇرالمايدۇ. ھېلىغۇ گۈلدەك ئىمارەت، ھويلا-ئارام قۇرۇپ ياشاۋاتقان بىھاجەت ئانا ئىكەن، پايتىمىسىنى تەتۈر يۆگەپ يۈرىدىغان ھاجەتمەن ئانا بولغان تەقدىردىمۇ بىھايا كېلىنىگە ئەلۋەتتە جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئوغلىنىڭ غۇرۇرىنى قوغدايدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر ئابزاستا: «باشقا بىر نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىپ باقايلى. مەسىلەن: ئانا بولغۇچى كېلىن بىلەن قارشىلىشىپ فىلىمدىكى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرگەن بولسا، ئۇ ھالدا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. زىددىيەت كەسكىن بولغانچە، ئەخمەتنىڭ ئاقىۋەتتىكى پۇشايمانلىرى تېخىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، رېئال بولاتتى» دەپ يېزىلغان. زۈمرەت قېيۇمنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. ئانىلار كېلىننىڭ بۇزۇقچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا ھەقلىق. ئەمما قارىغاندا مۇئەللىپ يېزا تۇرمۇشىنى قىلچە چۈشەنمىسە كېرەك، فىلىمدىكى ئەخمەتنىڭ ئانىسى سارىخان ئوغلىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدۇ. ئوغلى ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئوغلىنىڭ ئايالىنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئانىلىق قەلبى ئاللىقاچان ھېس قىلغان. شۇڭا ئانا بولغۇچى يۈرەك پارىسىنىڭ خۇشاللىقى ۋە بەختى ئۈچۈن ھەلىمەنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئەخمەتتىن سىر تۇتقان. بۇ بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپ شۇكى، سارىخان يېزىدا ياشاپ ئۆتكەن، ئوغلىنىڭ ئىش ھەققىدىن باشقا كىرىمى بولمىغان يۇۋاش ھەم جاپاكەش ئانا. ئۇ ئوغلىغا ئاشۇ ھەلىمەدەك ياسانچۇق قىزنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە قانچىلىك ئېغىر بېسىم ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندۇ؟! ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كېلىنىگىمۇ ئانىلىق مېھرىنى بەرگەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسكىلىكلىرىنى ئانىلارچە قەلبى بىلەن كەچۈرۈپ كەلگەن. ئاللاھتىن ئۇنىڭ يامان يولدىن قايتىشىنى تىلىگەن. مانا بۇ ھەقىقىي مېھرىبان ئانىنىڭ جانلىق ئوبرازى ئىدى. فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ئانىنىڭ ۋاپاسىز ئوغلى ئەخمەت ئايالى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، مېھرىبان ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ھەم ئانىسىنىڭ ئايالى ئۈستىدە بىرەر ئېغىز سۆزلىشىگىمۇ پۇرسەت بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، غېرىب ئانىنىڭ ئانىلىق قەلبى سۇنۇپ، ئوغلىنىڭ ئالدىدا كېلىنى توغرىلىق سۆزلىيەلمىگەن؛ چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلگەن. ئەمما بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئانىلارنى «بىھايا كېلىنىڭلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇڭلار» دېمەكچى ئەمەسمەن. قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن كېلىن قېينانىسىغا قارا چاپلاپ، ئۆزىگە ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى ئېرىگە ئېيتسا، ئەخمەت بەلكىم يەنىلا ئايالىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشى مۇمكىن ئىدى. فىلىمدە مۇشۇ ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ، كېيىنكى كۆرۈنۈشلەر بېرىلىۋەرگەن بولسىمۇ رېئال چىققان بولاتتى. بۇ فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا ئىدى.   

«ئۈنسىز يىغا» فىلىمى ئۈستىدە توختالغاندا، مۇئەللىپ خېلى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەن، ئەمما مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى تېيىز بولغان: «قىمارۋازلارنىڭ قىمار ئويناش جەريانى ۋە شۇ جەرياندىكى پېرسوناژلار ئوبرازى ئادەمگە سۈنئىي تەسىر بېرىدۇ. شۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن كۆرۈرمەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىشنىڭ ئورنىغا كۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ كۈلكە ھەرگىزمۇ ھەجۋىي كۈلكە بولماستىن، بەلكى قاملاشمىغان مەسىلىلەرنى كۆرگەن چاغدىكى مازاق قىلىش كۈلكىسىگە ئوخشايدۇ. قىسقىسى، ئاكتىيورلار رولغا چۈشمىگەن، بولۇپمۇ زاكىر ئوبرازى ئىنتايىن ساختا، ئۇ قىلىۋاتقان ئەسكىلىكلىرىنى زورلاپ قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ. ئاخىرقى پۇشايمانلىرى شۇنداق تېتىقسىز» دېيىلگەن.   

فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش يېزا تۇرمۇشى بولۇپ، رېئال تۇرمۇشىمىزدا زاكىر باشلىق تۆت قىمارۋازدەك قارا نىيەت، باغرى تاش، تىرىكتاپ ئادەملەر يوق ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن قارىغاندا، فىلىمدىكى زاكىر باشلىق تۆت قىمارۋازنىڭ تاپقان-تەرگىنىنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپ، ئائىلىسى بىلەن كارى بولمايدىغان، بىگۇناھ ئايالىنى خورلاپ، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، تىرىكتاپ، قارا نىيەت، ئەتىدىن كىچىكىچە لاغايلاپ يۈرىدىغان باغرى تاش ئادەملەر ئوبرازىنى يارىتىشى قانداقمۇ سۈنئىي ئوبرازلار تائىپىسىگە مەنسۇپ بولسۇن؟ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن زاكىر ئىنتايىن تاش يۈرەك ئادەم ئىدى. ئۇ قېچىپ يۈرۈپ، ئايالىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ يىغلايدۇ. مانا بۇ «باردا بىلىنمەس، يوقتا تېپىلماس» دېگەن ماقالنىڭ بۇ فىلىمدە جانلىق ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زاكىر شۇ چاغدا ساقچى ئۆمەرنىڭ ئۆز قولىغا كويزا سېلىشىنى ئۆتۈنسۇن ياكى ئۆتۈنمىسۇن، ئۇ بارىبىر ساقچىلارنىڭ تۇتۇش نىشانىدىكى جىنايەتچى. فىلىم قويۇلۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە زاكىرنىڭ بارىبىر ساقچىلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، پۇشايمان ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ رېئاللىقتىن چەتنەپ كەتمىگەن، بەلكى قانۇننىڭ مۇقەددەس تورى ئالدىدا زاكىردەك قارا نىيەت بىر ئادەمنىڭ يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىلىشى فىلىم يېشىمىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. فىلىمدە زاكىرنىڭ پۇشايمان قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان كىچىككىنە ۋەقەلىك قوشۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تەنقىدچىلىكىگە رەددىيە بەرمەكچى ئەمەس. تېخى تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان سەبىي بالا يېتەكلەشكە مۇھتاج بولغاندەك، بىزنىڭ بىخ ھالەتتىكى تېلېۋىزىيە فىلىمچىلىقىمىزمۇ رىغبەتلەندۈرۈشكە، قوللاشقا مۇھتاج بولۇپ، «بىر تېپىك» بىلەن يوققا چىقىرىش ئارقىلىق كەڭ تېلېۋىزىيە فىلىمچىلىقىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇۋېلىشقا بولمايدۇ.   

VCD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەنگەن «رەقىبكە ئايلانغان دوستلار» فىلىمى مەزمۇن ۋە تېمىسىنىڭ يېڭى ھەم رەڭدارلىقى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. فىلىمدە مۇنداق ۋەقەلىكلەر ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان:

ئەكبەر بىلەن باتۇر يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياشلار، غالىب ئەكبەرنىڭ تۇغقىنى بولۇپ، دادىسىنىڭ «بىكارتەلەپ بولۇپ يۈرۈپ پۇل تاپمىدىڭ» دېگەن تاپا-تەنىسىدىن تويغان ئەكبەر بىر كۈنى ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ دادىسىنىڭ ئاپىسىغا: «ئەكبەرنى غالىبقا قوشۇپ قويايلى، ئۇ ئىچكىرىگە بېرىپ ئىككى يىلدىلا تېز بېيىپ كەتتى» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتا-ئانىسىغا ئۇقتۇرماي غالىبنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. غالىب ئەكبەرنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئىچكىرىگە بېرىپ پۇل تېپىشقا تېخىمۇ قىزىقتۇرىدۇ. ئەكبەر تېزلا ماقۇل بولۇپ، كىچىكىدىن بىر مەھەللىدە ئويناپ، بىر سىنىپتا ئوقۇپ چوڭ بولغان دوستى باتۇرنى ئىچكىرىگە بېرىشقا دەۋەت قىلىدۇ. باتۇر بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا مەسلىھەت سالغاندا ئاتا-ئانىسى قوشۇلمايدۇ. ئەكبەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن باتۇر ئىككىسى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن ھالدا غالىبقا ئەگىشىپ بېيجىڭغا بارىدۇ. ھېيلىگەر، قارا نىيەت غالىب «قۇشلارنى شېخىغا ئۆگىتىش» ھېيلىسى بىلەن ئۇ ئىككىسىگە ئاۋۋال ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. كېيىن ئۆزىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، ئاۋۋال ئەكبەرنى، كېيىن باتۇرنى ئوغرىلىققا سالىدۇ. ئەكبەرنى باتۇرغا كۆز-قۇلاق بولۇشقا مەسئۇل قىلىدۇ. باتۇر قېچىپ كەتمەكچى بولغاندا، ئەكبەر پۈتۈن جان-جەھلى بىلەن ئۇنى غالىبقا تۇتۇپ بېرىدۇ. ئەكبەرنىڭ پۇلنىڭ قىزىقتۇرۇشىدا دوستى باتۇرغا خائىنلىق قىلغانلىرى، باتۇرنىڭ بۇ ئىپلاسلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن قەيسەرلىكلىرى، ئاخىرىدا باتۇرنىڭ ئەتكەسچىلەرنى پاش قىلىپ، غالىبنىڭ قول-چوماقچىلىرىنى ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكى، غالىبنىڭ شىنجاڭغا قاچقانلىقى، باتۇرنىڭ ئەكبەرنى تۇتماقچى بولۇپ ئارقىدىن قوغلىغانلىقى، غالىبنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە باتۇرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە تاپىلىغانلىقى، باتۇر بىلەن ئەكبەر قاتتىق مۇشتلىشىپ، باتۇر ئەكبەرنى بېسىۋالغاندا غالىبنىڭ شايكىلىرىنىڭ باتۇرغا پىچاق سېلىۋەتكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ شايكىلارنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى، باتۇر بىلەن ئەكبەرنى ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلگەن دادىلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئىزدەپ، قاتىللىق يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كېلىپ قالغانلىقى، ئايالى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىشنى پىلانلاپ خام خىياللارغا غەرق بولغان غالىبنىڭ ئايرودۇرومدىن چىقىپلا ساقچىلارغا تۇتۇلغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەقەلىكلەر ئىنتايىن جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، فىلىمنى كۆرگەن كىشى ئىختىيارسىز فىلىم ئىچىگە كىرىپلا كېتىدۇ. رېئال جەمئىيىتىمىزدە پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، غالىبقا ئوخشاش بىر قىسىم قارا نىيەت كىشىلەرنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقىدا ئىلاجسىز ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئەتكەسچىلىك، قاتىللىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئېغىر جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يۈرىكىنى خۇن قىلغان ياشلىرىمىز كۆپ. بۇ فىلىم ئەنە شۇ رېئاللىق ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاكتىيورلار ئىنتايىن ياخشى رول ئالغان، ۋەقەلىك قىزىقارلىق ۋە تەسىرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. شۇڭا مەزكۇر فىلىمنى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە فىلىمچىلىقىدىكى قاتماللىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان نادىر فىلىم دېيىشكە ھەقلىقمىز.   

ھازىر نۇرغۇن تېلېۋىزىيە فىلىملىرى VCD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلىنىپ، ئۈن-سىن بازارلىرىدا تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنغان ۋە بازار تاپقان بولسىمۇ، چەت ئەل فىلىملىرى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر فىلىملىرىدەك ئەجايىب-غارايىب كۆرۈنۈشلەر، يەنى ماشىنا پارتلاش، ئۆي ئۆرۈلۈش، ئوت كېتىش... تەك ۋەقەلىكلەرنى بىزنىڭ پىلاستىنكىلىرىمىزدىن تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، پىلاستىنكىنى ئىشلەش ئۈچۈن كېتىدىغان مەبلەغ بىلەن پايدا-مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار سېنارىيە يازغۇچىلىرىمىزنى سېنارىيە يېزىشتا مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشنى يېزىشتىن چەكلەيدۇ. بۇ بىزنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، بېكىنمىچىلىككە يول قويغانلىق بولىدۇ. دېمەك، «رەقىبكە ئايلانغان دوستلار» فىلىمىدىكى غالىبتەك پۇل تاپقان نوچىلار پۇلنى كەلسە-كەلمەس يەرگە ئىشلەتمەي، مىللىي تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولسا، تېخىمۇ نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى مەيدانغا كېلىپ، مىللىي سەنئىتىمىز يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى.

يىغىپ ئېيتقاندا، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن سېنارىستلار، ئاكتىيورلار ۋە فىلىمگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، تىرىشىپ ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك