فېۋرال، سىياھ تاپساڭ ئۆكسۈسەڭ (شېئىر)

 پاستېرناك


1

فېۋرال، سىياھ تاپساڭ ئۆكسۈسەڭ...

يازساڭ يىغلاپ فېۋرال كۈيىنى.

دەسسەپ يۈرسەڭ تاكى پاتقاقلار

كۆرسەتكىچە باھار ھۆسنىنى.


پەيتۇن ياللاپ ئاتمىش تىيىنغا،

شاۋقۇنلاردىن يىراققا كەتسەڭ.

سىياھدىنمۇ، كۆز ياشلاردىنمۇ،

يامغۇرى مول جايلارغا يەتسەڭ.


ئۇندا كۆيگەن نەشپۈتتەك گويا،

توڭ قاغىلار ھەددى – ھىسابسىز.

ئۇلار چۈشسە شاختىن كۆلچەككە،

مۇڭ قۇيۇلار كۆزۈمگە چەكسىز.


قارلار ئېرىپ، قارىيار قىرلار،

شاماللاردا دەۋرەيدۇ چۇقان.

يىغلىغاندا پۈتۈلگەن قۇرلار

يۈرىكىڭدىن چىقىدۇ ھامان.


2

مەشھۇر بولۇش ئەدەبتىن ئەمەس،

يۈكسەكلىككە كۆتەرمەيدۇ ئۇ.

بار بىساتنى جەملەپ لىق، پەۋەس

ساقلىماق ھەم شەرت ئەمەس مەڭگۈ.


ئىجاد ئەسلى جان پىدا قىلماق،

نە سەلتەنەت، نە ئەمەس چۇقان !

ھېچنەرسىگە ئەرزىمەي بىراق،

ئەل ئاغزىغا چىقماقلىق يامان.


ئاددىي، پەقىر ياشىماق كېرەك،

ئۆتۈش كېرەك ئاشۇنداق پەقەت.

سۆيگۈنىڭ ئەرشىنى ياراتسۇن يۈرەك،

كېلىچەكنى سەزسۇن پاراسەت.


ئۆمۈر ئايرىم بابلىرىدىن بەلكىم،

ھاشىيەگە يازار ئەلۋەتتە.

قالدۇرماقلىق كېرەك پاكىز جاي،

قەغەز ئەمەس بەلكى قىسمەتتە.


يىراقلارغا سىڭىپ كەتسۇن دىل،

راۋان بولغىن تەنھا ماكانغا.

گويا تىلسىم زىم-زىيا مەنزىل،

چۆمكەلگەندەك قارا بۇلۇتقا.


باشقىلار يول قىلىپ ئىزىڭنى،

بىر كۈن بېسىپ ئۆتەر ئىكەن، بەس.

يېڭىش نىمە، يېڭىلىش نىمە،

پەرق قىلىش ساڭا شەرت ئەمەس.


ۋاپاسىزلىق چېكىنىش دىمەك،

چىرايىڭغا قونمىسۇن ھەسرەت.

ھامان خوشال ياشىماق كېرەك،

جۇشقۇن روھتا ئەبىدىلئەبەت !


ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك