كېچىككەن سۆيگۈ (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
مېنى «قايت» بۇ يولدىن دېگەنلەر تولا،
قىلچە ھېيىقمىدىم، زىنھار يانمىدىم.
لېۋىڭدىن ئەۋەتكەن ۋىسال مەيىگە
لېۋىمنى تەگكۈزدۈم ئىچىپ قانمىدىم.
سەۋەب ئىشقى ھېكايەم باشلاندى بەك كەچ،
شۇڭا كېچە-كۈندۈز سۆيگۈ ئىزدەيمەن.
ئۆلگەندىن كېيىن ھەم چېكىنمەيمەن ھېچ،
كەم قىسمى گۆردە دەپ كۆڭۈل بەزلەيمەن.
سۆزۈمنى شەرھلەپ قەبرەم ئۈستىگە
ئۈنىدۇ شۇ سۆيگۈ رەڭگىدە گۈللەر.
ۋە شۇ چاغ كېلىدۇ مېنى سۆيمەككە
سۆيەلمەي قالغان شۇ سانسىز گۈزەللەر.
كېچىكىپ تاپقان بەخت ئەجەبمۇ تاتلىق،
ئۇ بەخت ئىچىدىكى مۇھەببەت ئاندىن.
شۇڭا ئۇ مەن بىلەن بىللە كېتىدۇ،
ئايرىلماي جىسمىمدىن، جېنىمدىن-قاندىن.
ھەمراھ بول، سۆيگۈ پەرىسى، ماڭا بىر ئۆمۈر،
قالسۇن ئىككىمىزدىن ئالەمگە ئەنداز.
ئالەم تۈگەپ كېتىدۇ، سۆيگۈ ئۆلمەيدۇ،
بىز ئالەمدىن ئۇزۇن قىلايلى پەرۋاز.
Yorumlar
Yorum Gönder