دېھقان كۈلكىسى (شېئىر)
روزى سايىت
دېھقاننىڭ كۈلكىسى - ئامەت كۈلكىسى ،
دېھقاننىڭ كۈلكىسى - قۇتتىن بېشارەت .
دېھقاننىڭ كۈلكىسى - جاھانغا بەرىكەت ،
دېھقاننىڭ كۈلكىسى - جەۋلانۇ ھەرىكەت ،
ئۇ توقلۇق ، ئۇ شوخلۇق ، شانغا ئىشارەت . . .
دېھقاننىڭ كۈلكىسى جاۋغايدا ئەمەس ،
ئۇ يۈرەك تۇشتىدىن پارتلايدۇ ، بىلسەڭ .
ئۇ قاداق ئالقاننىڭ ئاراشلىرىدىن ،
ئۇ كۆيۈك ماڭلاينىڭ قاتلاشلىرىدىن ،
نۇرانە كۆزلەردىن چاقنايدۇ ، بىلسەڭ .
گەر دېھقان كۈلمىسە كۈلمەس ھېچنېمە ،
گەر دېھقان كۈلمىسە كۈلەلمەس دۇنيا .
دېھقاندىن كۈلكىنى قىزغانماق ئۇيات ،
دېھقان كۈلكىسىدىن مۇكەررەم ھايات ،
بۇ كۈلكە مۆھتىرەم ، ئەزىز - تۇتىيا .
بۇ كۈلكە سەپەردە ھارغانغا ماغدۇر ،
بۇ كۈلكە ھوزۇرلۇق ، جانلارغا ئارام .
بۇ كۈلكە مۇھەببەت - يارنىڭ ۋىسالى ،
بۇ كۈلكە ساپ ، ساددا ( مىكىردىن خالىي ) ،
بۇ كۈلكە ھەر قانداق يارامدىم يارام !
بۇ كۈلكە پاكلىقتا ئوغۇزدۇر - ئوغۇز ،
بۇ كۈلكە ئالەمدە يىگانە - يەكتا .
دېھقاننىڭ كۈلمىكى چۈشمەس ئاسانغا ،
دېھقاننىڭ كۈلگىنى ئامەت ئىنسانغا ،
شۇ كۈلكە بولمىسا يوق جاھان ھەتتا .
شۇ كۈلكە بولمىسا باغلار تاقىر ساي ،
شۇ كۈلكە بولمىسا گۈل ئاچماس چىمەن .
شۇ كۈلكە بولمىسا قازناقلار قۇرۇق ،
ئۆسەلمەس نەۋرىلەر ئوماق ، بۇدۇرۇق ،
شۇ كۈلكە ھەر كىمنى قىلغان شوخ ، تىمەن .
بۇ كۈلكە ۋەزنىدە رۇستەمانە كۈچ ،
بۇ كۈلكە ۋەزنىدە ھاتەمچە مەرتلىك .
بۇ كۈلكە قىزلارغا ھۆسنى - لاتاپەت ،
بۇ كۈلكە ئەرلەرگە روھىي سالاپەت ،
بۇ كۈلكە ئەتىۋا ، شۇنچە قىممەتلىك ...
دېھقاننىڭ كۈلكىسى چۈشمەيدۇ كۆكتىن ،
( بۇ كۈلكە ئۇنىڭغا ئەمەس ئىئانە ) .
دېھقاننىڭ كۈلكىسى ئەجىرۇ ئەزىمدىن ،
ھەر مايسا تۈۋىگە مىڭ بىر تەزىمدىن ،
ئۇ شۇنداق تەس كۈلكە ، شۇنداق شاھانە !
راست ، دېھقان جىڭ كۈلەر ، « قوپال » - چىڭ كۈلەر ،
ئۇ كۈلسە بىر قېتىم مىڭ گۈل تۆكۈلەر .
قەھرىدە ئايازنىڭ باغرى چاك - تىلىم ،
مېھرىدە ئويغىنار نەۋ باھار ، ئىقلىم ،
دېھقانغا يات يالغان ، ساختا كۈلكىلەر .
چۈنكى ئۇ خاماندا چەشلەنگەن كۈلكە ،
چۈنكى ئۇ قەنەردە پەشلەنگەن كۈلكە ،
بۇ كۈلكە تومۇزدا پىشقان مەي بولۇپ ،
جەملەنگەن يۈرەككە قۇۋۋەت ئەي بولۇپ ،
بۇ ئەمەس بۇرۇنقى غەشلەنگەن « كۈلكە » .
مەن ئۇنى ئىستەيمەن بەزمە - مەشرەپتىن ،
مەن ئۇنى كۆرمەكچى ناخۇللۇق قولدا .
تاپماقچى يايلاقتىن ، ئانار ، تال - تەكتىن ،
تومپايغان ھەمياندىن ، پۇل قويغان چەكتىن ،
ئۇ چۇقۇم ئۇچرايدۇ بازار يا يولدا ...
دېھقاننىڭ كۈلكىسى - ئۈمىد كۈلكىسى ،
دېھقاننىڭ كۈلكىسى - قۇتتىن بىشارەت .
گەر دېھقان كۈلمىسە كۈلەلمەس ئالەم ،
بۇ ھالدا ، دەۋەرگىن « سۇلدى باغ - لالەم » ،
دېھقاننىڭ كۈلكىسى شانغا كاپالەت !
Yorumlar
Yorum Gönder