مېھمان كەلدى (شېئىر)
دۇفۇ
ئالدى-كەينىدە ئۆيۈمنىڭ ئاقىدۇ سۇلار تولۇپ،
كېلىدۇ باھاردا قۇشلار ھەر كۈنى پەرۋاز ئۇرۇپ.
قويمىغانتىم سۈپۈرۈپ مېھمان كېلەر دەپ يولنىمۇ،
سىز ئۈچۈن ئېچىلدى كەپەم ئىشىكى تۇنجى بولۇپ.
غورىگۈل پەتنۇس قويۇلدى بەك يىراق بولغاچ بازار،
قول ئۈزۈك بولغاچقا مەيمۇ قاپتۇ كوزامدا قۇرۇپ.
مەن بىلەن ئۈلپەتلىشىشنى كۆڭلىڭىز تارتسا ئەگەر،
چاقىراي قوشنامنى شاراب ئىچكىلى تەڭ ئولتۇرۇپ.
ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder