دېڭىز ئېتى (شېئىر)

ئېلىيوت


دېڭىز ئېتى بەللىرى سېمىز

دۈم يېتىپ دەم ئالار پاتقاقتا؛

كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ھەيۋەت،

تايىنلىقتۇر بەدىنى ئەمما.

مىجەمرۇق بەدىنى ئۇنىڭ،

ھاياجانغا بېرەلمەس بەرداش.

نۇقسانسىزدۇر ھەقىقىي چېركاۋ،

ھۇل بولسىمۇ ئاڭا قورام تاش.

بەلكىم ماڭغان خاتا يولدا ئات،

ماددىي مەقسەت قوغلىشىپ ھامان.

چېركاۋ ئۆزى سوزمىسىمۇ قول

كېلەر پايدا ياساپ زور قىيان.

ئۇ بىھۇدە ھەر كۈنى شۇنداق،

شاخلاردىكى ئەنبەرنى كۆزلەر.

سىرتتىن كەلگەن شاپتۇل ۋە ئانار،

چېركاۋلارنى كۈلدۈرۈپ ئۆتەر.

كۈيلىگەن دەم چىقىرايدۇ ئات،

ئاۋازلىرى ياۋايى گىچماچ.

چېركاۋ كۈيلەر ھەر يەكشەنبە شاد

تەڭرى بىلەن بىر گەۋدە بولغاچ..

ئات كۈندۈزدە ئۇخلايدۇ راسا،

كېچىدىلا ئىزدەيدۇ يېمەك.

تەڭرىدە بار قالتىس كەرامەت،

چېركاۋ ھەم يەر، ھەم ئۇخلار دېمەك.

كۆردۈم ئاتقا چىققاننى قانات،

سازلىقلاردىن ئۇچتى كۆك تامان.

ئۇنى ئوراپ كۈيلەر بەزىلەر،

كۈي تەڭرىگە يوللار ئارمان.

يۇدى ئۇنى ئەيسا قېنى،

باستى ئۇنى كۆكسىگە جەننەت.

زەر تارىنى چېكەر چىلتارنىڭ،

ئۇ پەيغەمبەر ئارا تىكلەپ تۇرار قەد.

يۇيۇنار ئۇ قار كەبى ئاپئاق،

سۆيەر ئۇنى پىداكار قىزلار.

پانىيدۇر ھەقىقىي چېركاۋ،

تۇمان ئارا چۆككەندۇر زىنھار.  


باتۇر روزى تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك