سېغىنىپ جان زاردۇر (شېئىر)

لى بەي


 1 


ئولتۇراي دېگەندە كۈن گۈنلەر غۇۋا، تۇمان سىياق،

سۈتتەك ئايدىڭدا ئەلەم يەپ ئاشتى زەپ، ئۇيقۇ يىراق.


بايىلا سۇمرۇغ كەبى سازنى توختاتقان سەنەم،

ئەمدى زىل بوم تارىلىق چالغۇنى سايراتماق.


ھەي ئىسىت، شۇنچە ئېسىل كۈيگە خۇمارمۇ چىقمىدى،

كەتسىكەن ئاۋازى شامال بىرلە يەنرەندىن ئۇ ياق.


بولمىدى بىزگە ۋىسال جامى نېسىپ، ئۆرتەر پىراق،

بىر زامان ئوت چاقنىغان نۇرلۇق كۆزۈم،

ئاقىدۇ شۇ تاپ يېشىم ئەينى بولاق.


دەرد- ئازابتا قالغىنىمغا پۈتمىسەڭ،

كەل كۆسەيدەك پۇچىلانغان رەڭگىمە كۆزگۆدە باق.

    

 2


سېغىنىپ جان زاردۇر،

چاڭئەندە دىلبەر باردۇر.


چاقچى قىز قۇدۇق بېشىدا كۈز چېغى ئاۋازدۇرىدۇر،

يۇپقا بامبۇك بورىغا شەبنەم بىلەن سوغ ياردۇر.


چىرىغىم پىل-پىل قىلۇر، ئاشتى بىھەد ئىشق- پىراق،

پەردە قايرىپ ئايغا باقسام دىلغا مىڭ ئازاردۇر.


كۆك ئارا كېزەر نىگارىم ئۈستى كەڭ ئاسمان، بۇلۇت،

پەستىكى زۇمرەت سۇنىڭ مەۋجى پەلەكتە لالىدۇر.


يول يىراق، ئاسمان ئېگىز، تەستۇر بۇ كۈننىڭ ئۆتمىكى،

ئەگرى-توقاي تاغ يولىغا ئۇچرىغان جان بەك خاردۇر.


سېغىنىپ جان زاردۇر،

باغرىم كاۋاپ، سەكپارىدۇر.


ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى




 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك