بوز سايىگە يىغىلماقتا سايىلەر (شېئىر)
چىيوتچىۋ ( روسىيە )
سايىگە يىغىلماقتا سايىلەر
رەڭلەر ئۆڭگەن ، چۈشەكەيدۇ ئاۋازلار ؛
گۇڭگىلاشتى ھايات، ھەرىكەت، ئورنىدا-
يىراقتىكى غىژ-غىژ ئۈنلەر بولدى بار.
پەرۋانىلەر كۆرۈنمەستىن كۆزلەرگە
ئۇچار لەرزان ، تۈن ئاسمىنىن ئايلىنار.
ئەي سەن ئېيتماق قىيىن بولغان غەمكىن دەم !
ئالەم مەندە، مەن ئالەمدە مۇجەسسەم
جىمجىتقىنە ئۇخلاپ ياتقان ئەي گۇگۇم.
يۈرىكىمگە ئۈن تىۋىشسىز كىرىپ كەل.
ئېلىپ كىرگىن تىمتاس يەڭگىل خۇشپۇراق
ۋە روھىمنى تىنجىت ، ئارام بېرىپ كەل
"مەن ئۇنتۇلغان " قاراڭغۇ يەر-ئاسماننى ھېسلىرىمغا تولدۇر
يامراپ تاشقۇچە تېتىتىپ قوي ماڭا ئۆلۈم تەمىنى،
بولاي غاپىل دۇنيا بىلەن بىر تەن ، دەل.
تىلماچ : باتۇر روزى
Yorumlar
Yorum Gönder