مېنى سات پەلەك (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
دەرۋازام ئېچىقلىق يارنىڭ ۋەسلىگە،
يۇلتۇزنىڭ نۇرىغا مېنى سات پەلەك.
ئۆلۈمىم ياڭرايدۇ قۇمنىڭ تارىدا
ئۆزۈمنىڭ غارىغا مېنى ئات پەلەك.
گۈل بىلەن ئوقيانى تىزدىم يۈرەككە،
ئىشقنىڭ زارىغا مېنى قات پەلەك.
يۈزۈمنىڭ قاراڭغۇ خانىقاسىدا
ئاشىقى غېرىبتەك بىردەم يات پەلەك!
2010- يىلى 30- ئاپرىل. خوتەن
Yorumlar
Yorum Gönder