باھاردا لى بەينى ئەسلەپ (شېئىر)

دۇفۇ


پىكرى لى بەينىڭ ئەجەب يۈكسەك-يورۇق،

نەزمىسىنىڭ تەڭدىشى ئالەمدە يوق.

سۆزلىرى يۈشىندىن ھەسسە سىپتىدۇر،

ئۇرغۇغان باۋ جاۋچە قايناق ئىشقى-زوق.


ياپيېشىل تون كىيدى بۇندا دەل-دەرەخ،

بىلىنەر جاھاندا بۇندا دۇنيا گۇڭگا-تۇتۇق.

بىز قاچان زەر جام بىلەن ئۈلپەتلىشىپ،

سۆزلىشەرمىز نەزمە تۈزمەك توغرۇلۇق؟!


ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى   

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك